باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       444 
  •    ئىنكاس 
       11 

تارىخىمىزدىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى

قەۋەت ئاتلاش
火山
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8884

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   68 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4239 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   415 (قېتم)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 31
 سائەت
دەرىجىسى:
31 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-22
ئاخــىرقىسى:2012-05-05

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. K?k`U,  
    تۆۋەندە مەن نەچچە يىلدىن بېرى مۇناسىۋەتلىك كىتاب-ژۇرناللاردىن، ھەر قايسى تور بەتلەردىن يىغىپ توپلىغان مەشھۇرلىرىمىز توغرىسىدىكى تەرجىمھال ۋە سۈرەتلەرنى يوللىدىم. مەقسىدىم:مەشھۇرلىرىمىز توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى بىر يەرگە جۇغلاش ئارقىلىق، مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى لازىم بولغانلار ياكى شۇ تەرجىمھالى بىلەن تونۇشۇشنى خالايدىغانلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش. شۇڭا مەن يىغىپ توپلىغان ماتىرىياللارنى مەنبەسى بىلەن يوللاپ بولغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ يەنە قاراپ بېقىپ، يېزىلماي قالغانلار بولسا، داۋاملىق ئىنكاس سۈپىتىدە مۇشۇ تېمىغا يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن(ۋاقىت مۇناسىۋىتى ۋە بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تېمىنىڭ داۋامىنى ئىنكاسقا يوللايمەن). 7F\g3^ z9`  
dM$S|, H  
    ئەسكەرتىش: V-3]hba,  
   1.تۆۋەندە يوللانغان مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىدە يوللانمىدى. ئۆزۈمنىڭ توپلىغانلىرىمنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن، ياشىغان يىلنامىسگە ئاساسەن ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە قايتا تەھرىرلىنىدۇ. bX1ip2Xlk  
   2.بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز يوللاشقا بولمايدۇ. a\MJbBXv  
   3.تېمىدىكى بايانلارنىڭ ئاخىرىغا تىرناق ئىچىگە ئېلىنىپ(قارا رەڭلىك)ئەسكەرتىلگىنى _ شۇ بايانلارنىڭ تەۋەلىك ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. { L5m`-x  
VrK5a9*^  
پىر خۇيلان(裴慧琳) (9l|^w["  
   y8@!2O4  
KVCS(oN  
r[x7?cXsW  
پىر خۇيلان ئوتتۇرا ئەسىر (تاڭ سۇلاسى دەۋرى) دە ئۆتكەن مەشﻬۇر تىلشۇناس، ئالىم. «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرﻫىسى»(«一切经音义»)ناملىق مەشﻬۇر ئەسەرنى يازغان. OZ6%AUot  
    پىر خۇيلان مىلادى 736- يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر(خەنزۇچە خاتىرلەرگە 裴 دەپ پۈتۈلگەن) فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى. `t-3(>P  
    پىر خۇيلان ياشىغان دەۋردە قەشقەر شەﻫىرى ئۇيغۇرلانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ﻫەيۋەتلىك بىلىم يۈرتلىرى ۋە ئىبادەتخانلىرى بىلەن دۇنياغا مەشﻬۇر ئىدى. بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بۇددا دىنى گۈللەپ ياشنىشى قەشقەرنى ﻫەر قايسى ئەللەردىكى مەشﻬۇر بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، غەربتىن شەرققە ۋە شەرقتىن غەربكە توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپەككۇرى ۋە ئۇستازلىرىنى پېشۋا بىلىپ ئۇلاردىن ئىلىم تەﻫسىل قىلاتتى. بۇ دەۋردە يەنە سانسىرلىغان بۇددا مۇتەپەككۇرلىرى، ئالىملىرى يېتىشىپ چىقىپ قەشقەرنىڭ مەدەنىيى ﻫاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككمۇ ئۆز تەسىرنى كۆرسەتكەندى. ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا يېتىشىپ چىققان پىر خۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالي ئىبادەتخانلاردا زور ئىجتىﻬات بىلەن ئىلىم تەﻫسىل قىلغان. بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق ئۆگۈنۈش ئۈچۈن تىل-يېزىق ئۆگۈنۈشكىمۇ ئالاﻫىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆز ئىقتىدارنى ﻫەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. ئانا تىلىدىن باشقا يەنە تابخاچ(خەنزۇ)تىلى ۋە سانسكىرىتچىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈپ بۇددا نوملىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرﻫىلىگۈچىسى، مەشﻬۇر تىلشۇناس، ئالىم بولۇپ يېتىشكەن. !`gg$9  
    پىرخۇيلان مەشﻬۇر ئەسىرى «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرﻫىسى» ناملىق 100 تومدىن ئاشىدىغان زور ﻫەجىملىك ئەسەرنى ئوتتۇرا ئىقلىم بۇددا مەدەنىيتىنىڭ مەركىزى بولغان چاڭئەندە يازغان. ئالىم بۇ ئەسەرنى 52 يېشىدا (مىلادى 788- يىلى) يېزىشقا كىرىشىپ 74 يېشىدا (801- يىلى) تاماملىغان. *K;~V  
پىرخۇيلان «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرﻫىسى» ناملىق قامۇسىنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىننىڭ ئەڭ كاتتا نومى چوڭ يوللۇقلار مەزﻫىپىنىڭ (ماﻫايانا مەزﻫىپنىڭ) ئەڭ تۈپ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل – پاراسەت ئارقىلىق راﻫەت – پاراغەت دۇنياسىغا يېتىپ بېرىش ﻫەققىدىكى «ماﻫابخاراژانا پارامىتاسۇترا» (mahaprajna paramita sutra) دىن باشلاپ، بۇددىزىمنىڭ پاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان ۋە بۇددا دىنىنى جان تىكىپ قوغدىغۇچى«护命法» سۇتراسىدا ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ ئەسەردە ئىزاﻫلانغان ۋە شەرﻫىلەنگەن نوملار جەمئىي 5480 جىلد بولۇپ بۇ قامۇس خارەكتىرلىك يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى، مۇتەپەككۇرلىرى ۋە تەرجىمشۇناسلىرى قولدىن قولغا ئېلىپ دەرسلىك، لېكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالسىنىڭ ئاخىرغىچە سانسىزلىغان كىشلەر ئەرتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئوقۇپ كەلگەن. ]%."  
پىرخۇيلاننىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرﻫىسى» ناملىق ئەسىرنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ كۆچۈرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا تاڭ سۇلالىسى ﻫۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كورىيىلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇۋالغاندا سۇڭ سۇلالىسى ﻫۆكۈمىتى كۆچۈرۋېلىشقا قۇشۇلغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋردە ياپۇنلۇقلار كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن. مىلادى 1737- يىلى چىيەنلۇڭنىڭ 2- يىلى پىرخۇيلاننىڭ بارلىق ئەسەرلىرى بېسلىپ ئېلان قىلىنغان. 1880- يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپۇنيەدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ رەسمىي كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان. ئۇزۇن ئۆتمەي چاڭئەندە «پېشۋا ئالىم» دېگەن شانۇ-شاۋكەتلىك نامغا ۋە كاتتا ﻫۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋە «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرﻫىسى» ناملىق ئەسەرنى يېزىشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. Ud](hp"  
    پىرخۇيلان ۋاپات بولغاندىن كېيىن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن قەشقەرگە دەپنە قىلىنماستىن ئوتتۇرا ئىقلىم تۇپرىقىغا دەپنە قىلىنغان.(ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر) .jCdJ=z  
j{vzCRa>8  
nT>?}/S  
QMIXz[9w  
ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنى -+L1Hid.7  
tFGLqR%/  
b7$?'neH/.  
   hi37p1t   
|peZ`O^ ~  
   تېببىي ئۇستاز ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنى قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۈيۈك تىببىي ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە رەجەپ يۈسۈپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ « ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى ۋە ئەللامە كەنتى توغرىسىدا» ناملىقماقالىسىدە : «ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنى مىلادى 1160-يىلى ھازىرقى خوتەن ناھىيىسىگە قاراشلىق بورزات رايونى (باغچا يېزا)خەلىچە كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن» دەپ يازسا، مەرھۇم تىببىي ئالىمى ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى قاتارلىق بىر تۈركۈملەر ماقالە -ئەسەرلەردە بىردەك «مىلادى 1150-يىلى تۇغۇلغان » دەپيازغان. ئالىمنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە «1150-يىلى» نى دەسلەپتە ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان . ئۆزىنى ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنىنىڭ ئەۋلادلىرى ھېسابلايدىغان بىر قىسىم تېۋىپلارمۇ مۇشۇ يىلنى نەسەپ تارىخى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان . شۇڭا بىز بۇ يەردەئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىنى ئىشەنچلىك،دەپ قارايمىز . O:#to  
wtY#8 '^$&  
     ئالىم ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنى خوجا مۇھەممەد ئىسىملىك بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، ئاتىسى ئوغلىنى ئەتراپلىق تەربىيىلەشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىدە دىنىي ئىلمىدە خېلىلا نەتىجە قازانغان بولغاچقا، ئاتىسى ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان قىزغىنلىقىغا يېتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق ئوقۇتۇش يۇرتى قەشقەر « ساچىيە مەدرىسى » گە دىنىي ئىلىم ۋە تىببىي ئىلىم ئىگىلەپ، ئۆزىنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەۋەتكەن، ئەلائىددىن قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ئەرەب، پارىس تىللىرىنى تېخىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، مەزكۇر مەدرىسنىىڭ بارلىق ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئاساسلىق زېھنى كۈچىنى تىبابەت ئىلمىنى ئۆگىنىشىكە قاراتقان . بۇ مەدرىستە بۈيۈك ئۇستازلار تىببىي ئىلىمدىن كۆڭۈل قويۇپ دەرس بەرگەچكە ۋە ئەمەلىيەت بىلەن باغلاشقا دىققەت قىلغاچقا، ئۇ ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمىگە قىسىقا مۇددەت ئىچىدىلا تىببىي ئىلىمدىن خېلىلا مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولغان ۋە ئوقۇشنى تاماملاپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى خوتەنگە قايتىپ كەلگەن، ئالىم ئەلائىددىن خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت جامائىتى ئىچىدە ئۇنىڭ <<ساچىيە مەدرىسى>>نىئەلا نەتىجىدە تاماملاپ ئەللامە دىگەن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى ناھايىتى تېزلا تارقالغان . نەتىجىدە ئۇنىڭدىن تىببىي ئىلىم ئۆگىنىشكە كېلىدىغانلار بىردىنلا كۆپىيىپ، ئۆيى تارچىلىق قىلغان . ئوغلىنىڭ مانا شۇنداق خەيىرلىك ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنگەن خوجامۇھەممەد ئۇنى ئاز بىلىمىنى تېخىمۇ كۆپلەپ تارقىتىش پۇرسىتىگ ئىگە قىلىش مەقسىتىدە چوڭ بىر مەدرىس ئېچىپ بەرگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ، ئەللامە ئەلائىددىنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ ئالدىراشلىقتا ئۆتۈشكە باشلىغان، بەزىمەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ نامى تارىم ۋادىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگىمۇ تارقالغان بولۇپ، يىراق ئەللەردىن ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغىئۈزۈلمىگەن، قىسقىچە بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 3000دىن ئېشىپكەتكەن . OvFZ&S[  
k -SUp8}g  
    ئۇ بىر تەرەپتىن شەرىئەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تىببىي ئىلىم تارقىتىش، مەخسۇس تىببىي ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن تىببىئالىملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئىجادىي پايدىلىنىش ئارقىلىق بىر قىسىم مەخسۇسئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان . يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئالىمنىڭ ئىجادىيئەسەرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، ئۇنىڭ تىببىي خادىملارنىڭ قەستەن ياكى سەۋەن سادىر قىلغان خاتالىقلىرىغا شەرىئەت ھۆكمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بىر قانچە ماددىلىق چارىلىرى ھەمدە يالغان تېۋىپلار ۋە باشقىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزىدىغانجىنايەتلىرى ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازالار تونۇشتۇرۇلغان . «ئەلقىقھۇتىببىيە» (تىبابەت قانونلىرى)ناملىق كىتابتا 11-ئەسىردىنبۇرۇنقى دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەت نەزىرىيىلىرى سۆزلەنگەن ھەم ھەرخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش قائىدە - پىرىنسىپلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى ناھايىتى يىغىنچاق ۋەمۇكەممەل بايان قىلىنغان . «زۇبدەتىل قاۋانىل ئىلاج» (داۋالاشقائىدىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى)ناملىق كىتابىنىڭ بارلىقىنىڭ ھەققىدىمۇ مەلۇمەتلار بار . يېقىندا مۇھەممەد باقى ئالىم قاتارلىقلار ئالىمنىڭ يۇقىرىقى ئىككى پارچە ئەسىرىدىنباشقا «كۆپئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش رېتسىپلىرى» ، «داۋالاش قانۇنلىرىدىن خۇلاسە» قاتارلىقئەسەرلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۆز قولىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىئاشكارىلىدى . بۇ بىر يېڭى نەتىجە سۈپىدىدە ئۇيغۇر تېبابەت تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇن ئىگەللەيدۇ . bNqjjg  
ئالىمنىڭ «ئەلغىقھۇ تىببىيە »(تېبابەت قانۇنلىرى)ناملىق ئەسىرىنى مەرھۇمتۇردى مۇھەممەد ئاخۇنۇم مىراس سۈپىتىدە ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى 1950-يىللىرىئۆپچۈرىسىدە مەرھۇم تىببىي ئالىم ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجىغا كۆرسەتكەن . ئۇزاقئۆتمەي باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىگە كەلگەندە تۇردىمۇھەممەد ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىدىكى كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەر كۆيدۈرۈلگەن، شۇلارقاتارىدا «ئەلغىقھۇ تىببىيە»مۇ يوقاپ كەتكەن . بىر قانچە قېتىملىق كۆيدۈرۈشتىن ساقلىنىپ قالغان قىسمەن ئەسەرلەرنى بولسا تۇردى مۇھەممەد ئاخۇنۇم ۋاپات بولۇشىدىن بىر-ئىككى يىل ئىلگىرى كۈيئوغلى باقى ئالىمغا كۆمۈپ قويغانجايىدىن ئېلىپ بەرگەن . ھازىر ئۇنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتىدۇ . >iq^Ts  
    ئالىمئەلائىدىدىن مۇھەممەد خوتەنىنىڭ ھاياتىي پائالىيىتى ھەققىدە يېزىلغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇنى «1222-يىلى ۋاپات بولغان » دېگەنلەر خاتىرلىنىپ كەلگەن . بۇ قاراش مەيلى ئابدۇلھېمىت يۈسۈف ھاجىنىڭماقالە - ئەسەرلىرىدە بولسۇن ۋە مەيلى ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «داغ» رومانىدا بولسۇن بىردەك ھۆكۈم سۈرۈۋاتىدۇ . لېكىن تارىخنىئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە يىلنامىسىنىڭ توغرائەمەسلىكىنى تېزلا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالايمىز . nGRF< 2!  
   كۆپچىلىككەمەلۇم بولغىنىدەك، كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئالىمنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە ئېنىق يىلنامە يوق . پەقەت ئۇنى كۈچلۈكنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى سۆزلىنىدۇ . بىز كۈچلۈكنىڭ ھايات خاتىرىسى يېزىلغان ئەسەرلەردە جۈملىدىن ۋ.ۋ.باتولدىنىڭ «يەتتە سۇ تارىخيئوچىرىكلىرى» ناملىق كىتابى ۋە ئابلەت نۇرغۇن ئەپەندىنىڭ «غەربىي يۇرتنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش » ناملىق كىتابلىرىدا بىردەك كۈچلۈكنىڭ مۇڭغۇللار بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ قاچقانلىقى، شۇنداقلا پامىردىكى سارقۇم دىگەن جايدا كاللىسىنىڭ ئېلىنغانلىقى، بۇ ۋاقىتنىڭ 1218-يىللىرىئىكەنلىكى ھەققىدە قاراشلارنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز . بولۇپمۇ «يەتتە سۇ تارىخىنىڭ ئوچىرىكلىرى» ناملىق كىتابتا بۇ ھەقتە خېلى تەپسىلىي مەلۇماتلار خاتىرلەنگەن، شۇ سەۋەبتىن بىز كۈچلۈكنىڭ ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنىنى ئۆلتۈرگەن ۋاقىتنىڭ 1222-يىلى ئەمەس، بەلكى 1218-يىلىدىنبۇرۇنقى ۋاقىتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ دەپ قارايمىز . بۇ ھەقتە ئېنىق بىر يىلنامىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىزدىنىش زۆرۈر ئەلۋەتتە. (داۋايى تور بېتى) utQ_!3u  
0BD3~Lv  
w;X-i.%`  
)(,+o  
ئابدۇللا داموللام }4+S_b  
HmQuRW  
   `57ffQR9  
Nmp1[/{J  
   تېۋىپ - ھۆكىما ئابدۇللا داموللام 1888-يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزا ،ئوتۇن كەنتى «مىڭ بېشى» مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق تېۋىپ - ھۆكىما راشىدىن ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . يەتتە يېشىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان . 10 ياشقىچە ئۆزيۇرتىدا ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغان . 1898-يىلى خوتەنگە كېلىپ، شەھەر ئىچىدىكى «شېھىت باغ » مەدرىسىدە ئوقۇغان . 1912-يىلى بۇ مەدرىسنى پۈتتۈرۈپ ، قەشقەرگە بېرىپ ، قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان . 1916-يىلى قەشقەرگە خانلىق مەدرىسنى پۈتتۈرۈپ ، چەتئەلگە چىقىپ ، ئىلگىرى - كىيىن راۋۇلپىندى ، كاراچى ، دېھلى ، بومباي قاتارلىق جايلاردا تۇرۇپدىنىي بىلىم ئالغان . كېيىن بومبايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەركەنلىك باۋۇدۇن باينىڭ تونۇشتۇرىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەرئايدا ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشى بىلەن ۋەتەنداش ساۋاقدىشى ھەسەن مۆۋلىۋى بىلەن بىرگە بومباينىڭ «لاكىنو» دېگەن يېرىدىكى «لاكىنو تېبابەت شۆيۈەنى»دە ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە ۋەتەنداش باھاۋۇدۇن باينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە يوللۇقى بىلەن چەت ئەلدىكى 14 يىللىق ئوقۇشىنى تۈگىتىپ نۇرغۇن كىتاب ، قول يازما ، ئوقۇشلۇق ، دورا دەرمانلارنى ئېلىپ ساۋاقدىشى مۆۋلىۋى بىلەن بىرگە ھەجدىن يانغان كارۋانلارغا قوشۇلۇپ قايتىپ كېلىپ ، شەھەر ئىچىدىكى «شېھىت باغ» مەدرىسىدە مۇدەررسلىك قىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىز باسارلىرىنى ئوقۇتۇپ تەربىيلەش ئىشلىرىنى قىلغان . ساۋاقدىشى ھەسەن مۆۋلىۋىمۇ باشقا مەكتەپتىمۇ دەرسلىك قىلغاچ تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان . 1956-يىلىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ، خوتەن ناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەت بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىدە كېسەل كۆرگەچ تېبابەتچىلىك ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان . ئابدۇللا داموللام تىبابەتچىلىك ئىلمى بويىچە ئەينى چاغدا چەت ئەلگە چىقىپ ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس تەربىيىسىنى ئالغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى (يەنە باشقا ئىككى نەپىرىدىن بىرىنچىسى ھەسەن مۆۋلىۋى، ئىككىنچىسى ئابدۇكېرىمھاجىم)بولۇپ ، مەخسۇس ئوقۇپ سىستىمىلىقئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى كۆرگەن . ئەرەب ، پارس ، ئوردو ، ھىندى ، تۈرك تىللىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن بىلىملىك يېتىلگەن ھۆكىما بولۇپ ئەرەب ، پارىس ، ئوردو تىللىرىدىكى مىزان تىپ ، تېببى ئەكبەر قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ ، دەرس ئۆتۈپ ، ئېلى ھاجىم ، ئابدۇۋايىت ھاجىم ، ئابدۇكىرىم ھاجىم ، مەتتۇرسۇن ھاجىم ، ھېبىبۇللا ھاجىم ، مەتتوختى ھاجىم ، تۇرسۇن خەلىپەم قاتارلىق تېبابەتچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان . ئابدۇللا داموللام ئەل ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ ھۆرمەت كۆرگەن . قەشقەردە ئوقۇغىنى ئۈچۈن ، «داموللا»، ھېندىستاندا ئوقۇغىنى ئۈچۈن «مەۋلىۋى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ ئەڭ چوڭ تېبابەت پىشىۋاسىئىدى . ئابدۇللا داموللام تەربىيىلەپ چىققان يۇقىرى تېبابەتچىلىىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆپى ھازىر ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مۇدىر ۋىراچبولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تۆھپە قوشقان تۆھپىكارلاردۇر. pnDD9u-4;  
    ئابدۇللا داموللام 1975-يىلى 9-ئايدا 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئالەمدىنئۆتكەندە، سەھىيە نازارىتى ئالاھىدە تەزىيە تېلىگىراممىسى يوللاپ، ئائىلىسىدىن ھال سوراش بىلەنبىرگە، بۇ تېبابەت مۇتەخەسسىسنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەن. (ئۈستۈنئاتۇش مائارىپ تورى) !x|Ok'izDL  
~^G k7  
ئابدۇقادىر داموللا KUZ'$oKg  
=3Y?U*d  
   ,+%$vV.g\  
ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر، مۇتەپەككۇر ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر، ئىسلاھاتقا يول باشلىغۇچى ئۇستاز سەركەردە ئابدۇقادىر داموللا بىننىي ئابدۇۋارىس قەشقەرىي ئارتىش(ئاتۇش) مەشھەد يېزىسىدا ھىجىرىيە 1279(مىلادىيە1862-يىلى)-يىلى ئابدۇۋارىس ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەرھۇمنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئۆز يېزىسىدا ئۆتكەن. ئىپتىدائىي ئوقۇشنى ئۆز يېرىدە ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئون بەش يېشىدا قەشقەرگە كېلىپ، شەيخۇل ئۆلىما موللا ئىسلام داموللامدا ئوتتۇرا ۋە ئالىي ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، بۇخاراغا بېرىپ، ئىلمى ئەرەبىييە ۋە ئەدەپ پارسىييەدە ئالىي دەرىجىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ يېتىشكەن. ئاندىن قەشقەرگە قايتىپ مۇدەررەسلىك قىلغان. بۇ مەزگىلدە داموللام مەدرىسلەردىكى ئۇسۇلى تەلىمدە ئىسلاھات يۈرگۈزۈش، خەلققە مەرىپەت بېرىشنى پائال تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، بەزەن ئىشان ۋە موللىلار"ئۇسۇلى جەدىت ھارام،ئۇنى ئوقۇغۇچى دەھرىي"دىگەن پىتنىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، داموللامغا قارشى تۇرۇپ، سۈيىقەست قىلماقچى بولغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا داموللام ھىجرەت قىلىپ، بۇخارا، تاشكەنت تەرەپكە كەتكەن. ئۇ يەردىكى ئۆلىما-ئەشرەپلەر، داموللا-مۇدەررىسلەر ئابدۇقادىر داموللامغا كاتتا ئېتىبار كۆرسىتىپ، ئۆلىما-ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن بەرگەن ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتكەن. داموللامنىڭ بۇ سەپىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ، «ئەقايىدى زەرۈرىييە»(«زۆرۈر ئەقىدىلەر»)، «ئىبادەتۇل_ئىسلامىييە»(«ئىسلام ئىبادەتلىرى»)، «ئىلمى تەجۋىد»(«قىرائەت ئىلمى»)، «سەرف،نەھۋى»(«مورفولىگىيە،سىنتاكسىس») ، «مىفتاھۇل_ئەدەپ»(«ئەدەبىيات ئاچقۇچى»)، «تەئلىمى سەبىييان» («گۆدەكلەرگە تەلىم» ،«نەسايىھۇل_ئەتفال»( «ياش-ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت»)، «ئىلمى ھېساپ» ، «مۇتالىئە ھىدايەت»قاتارلىق كىتاپلارنى يېزىپ، تاشكەنت قازان مەتبەئەلىرىدە باستۇرۇپ تارقاتقان. IC37f[Q  
    داموللامنىڭ ئەرەب تىلىدا يازغان «جاۋاھىرول-ئىيقان»(«يېقىنلىق جەۋھەرلىرى») دېگەن مەشھۇر شېئىرىي ئەسىرى مىسىر ئەزھەر دارىلفۇنۇنى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. vfm |?\  
    داموللام ھىجىرىيە 1343-يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ (مىلادىيە1924-يىلى8-ئاي)14-كۈنى مۇناپىقلارنىڭ سۈيىقەستى بىلەن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. (ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە ) rl[&s\[  
5&\Q0SX(~  
ئۆمەرجان يۈسۈپ    *h$Z:p-g  
l+Uy  
           ئۆمەرجان يۈسۈپ ئەينى يىللاردا غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى. ئۇ 1893-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان.ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن يېڭىچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ بىلىم ئالغان. كېيىنچە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1928-يىلى توغرا كۆۋرۈكتىن ئۈچ دەرۋازىغا كۆچۈپ چىققان. شۇندىن ئېتىبارەن << ئۈمىد مەكتەپ >>ئاتىلار كومىتېتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولغان ۋە مەكتەپنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان.1929-يىلى ئۆز ئىقتىسادى بىلەن ھازىرقى 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىغا تۆت سىنىپ سېلىپ ئۈچ دەرۋازا مەكتەپنىڭ شۆبە مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن. ئەينى يىللاردا قۇدۇق قېزىش، كۆۋرۈك ياساش، تاشيول ياساش قاتارلىق جەمىيەت پاراۋانلىقىغا دائىر ئىشلارنى تەشكىللەش، ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى بىجانىدىل ئىشلەپ ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان . ئۇ يەنە ئۇ- قا -ق (ئۇيغۇر ،قازاق ،قىرغىز) كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، خەلقنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنىڭ يۈكسىلىشىگە كۈچ چىقارغان . [0w @0?[  
1949-يىلى دادامتۇدىكى 50 مولۇق باغ يېرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەش لاگىرى قىلىشىغا ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن . 7lqj" o(  
ئۇ 1959-يىلى غۇلجا شەھەرلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئوبلاستلىق، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى مەسلىھەت كېڭەشلىرىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .1967 -يىلى ۋاپات بولغان. oyiEOC  
[sell=2,money][/sell]
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-22, 18:28
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
http://alkuyi.cn/bahtm
火山
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8884

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   68 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4239 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   415 (قېتم)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 31
 سائەت
دەرىجىسى:
31 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-22
ئاخــىرقىسى:2012-05-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 04-22

پىكىر
http://alkuyi.cn/bahtm
火山
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8884

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   68 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4239 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   415 (قېتم)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 31
 سائەت
دەرىجىسى:
31 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-22
ئاخــىرقىسى:2012-05-05
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

تەكلىپ
http://alkuyi.cn/bahtm
火山
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8884

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   68 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4239 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   415 (قېتم)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 31
 سائەت
دەرىجىسى:
31 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-22
ئاخــىرقىسى:2012-05-05
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

يوقما
http://alkuyi.cn/bahtm
火山
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8884

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   68 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4239 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   415 (قېتم)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 31
 سائەت
دەرىجىسى:
31 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-22
ئاخــىرقىسى:2012-05-05
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

كەڭ قورساق بوللى
http://alkuyi.cn/bahtm
qakmak007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8125

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   256 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14622 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1425 (قېتم)
 تۆھپە:   1425  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1415
 سائەت
دەرىجىسى:
1415 سائەت 105 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-10
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

بۇتنى تەرغىپ قىلىغان،ئۇيغۇر مەشھۇرما بۇ پىر خۇيلاندىگەن،تاھارەت ئېلىپ ئىسمىنى يۆتكەپ قويسىڭىز بولغىدەك،،،،،،
alip.arsilan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8721

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   104 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5613 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   560 (قېتم)
 تۆھپە:   560  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 320
 سائەت
دەرىجىسى:
320 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-06
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

ئاجايىف مەشھور ئوغلانلىرمىز ئوتوپتىكە ن .ھە.ھەر زامانگا لايىق .ھازىرنىمە بۇلدوقكى يا بۇ زامانگا ماسلىشىپ كىتەلمدوقمۇ ئەجەپ ھازىركى زامانگا لايىق ماشھۇرلار ھىچ يۇق
گوۋاھلىق بىرمەن بىر ئاللاھ..تىن باشقا ئىلاھ.يۇق.گوۋاھلىق بىرمەن مۇھەممەدئاللاھ نىڭ ئەلچىسى.
qakmak007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8125

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   256 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14622 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1425 (قېتم)
 تۆھپە:   1425  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1415
 سائەت
دەرىجىسى:
1415 سائەت 105 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-10
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

ھازىرقى ئالىملىرىمىز100يىلدىن تۇنۇلىدۇ،،،،،
makanim0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7892

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1158 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   115 (قېتم)
 تۆھپە:   115  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 219
 سائەت
دەرىجىسى:
219 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-18
ئاخــىرقىسى:2012-05-09
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-23

قالتىس كىشىلەركەن .
BAYKUX
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8609

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   129 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7102 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   700 (قېتم)
 تۆھپە:   700  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14
 سائەت
دەرىجىسى:
14 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-23
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-23

مەن ئابدۇقادىر داموللىنى ئاڭلىغان ،رەسىمىنى بۈگۈن كۆرۈپتىمەن ....قالتىس ئادەم دەيدۇ ...ئاڭلىسام
كۈلگىنىمگە ئىشەنمەي ئەلەملەرگە تولىمەن ، خۇدا خالىغان كۈنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆلىمەن !
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى