باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       396 
  •    ئىنكاس 
       3 

ھاتەمنىڭ نەسىھىتى ھەققىدە

قەۋەت ئاتلاش
ferghane
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8252

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   58 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3378 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   335 (قېتم)
 تۆھپە:   335  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4022
 سائەت
دەرىجىسى:
4022 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-20
ئاخــىرقىسى:2012-05-08

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن
-AX[vTB  
Ze:Y"49S+>  
rjJ-ZRs\  
ھاتەمنىڭ نەسىھىتى ھەققىدە
UZ qQ|3  
ھاتەم ئەسەم دېگەن كىشى شەقىق بەلخىنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى ئىكەن.شەقىق بىر كۈنى ھاتەمدىن مۇنداق سوراپتۇ:سەن مەن بىلەن ئوتتۇز يىلدىن بىرى ھەمراھ بولدۇڭ.بۇ جەرياندا نېمىگە ئېرىشتىڭ؟ھاتەم جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:مەن ئىلىمدىن سەككىز پايدىغا ئېرىشتىم.مۇشۇ ماڭا كۇپايە.چۈنكى،مەن مېنىڭ چىقىش يولۇم ۋە نىجادلىقىم مۇشۇ سەككىز پايدىدا ،دەپ قارايمەن.شەقىق:ئۇ قايسى پايدا؟دېگەن ئىكەن.ھاتەم مۇنداق دەپتۇ: `tjH#W`  
1.مەن خالايىققا قاراپ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ مەھبۇبى،مەشۇقى بارلىقىنى،شۇنى ياخشى كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ يۈرۈيدىغانلىقىنى كۆردۈم.بۇ مەشۇقلانىڭ بەزىسى ئۇ كىشىگە ئېغىر كېسەل بولغانغا قەدەر ھەمراھ بولسا،بەزىسى قەبرىنىڭ لېۋىگىچە ھەمراھ بولىدىكەن.ئارقىدىن قايتىپ كېتىپ ئۇنى يەككە-يېگانە قالدۇرۇپ قويىدىكەن.ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۇ كىشى بىلەن بىللە قەبرىگە كىرمەيدىكەن.مەن ئويلىدىمكى،ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى مەھبۇبى قەبرىگە كىرىپ بىرگە ھەمراھ بولىدىغىنى ئىكەن. aDreN*n  
2.مەن خالايىقنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدىغانلىقىنى،ئۆز نەپسىنىڭ مۇراد-مەقسەتلىرىگە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئاللاھنىڭ مۇنۇ:[پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا(سوراققا تارتىلىشتىن)قورقىدىغان،ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن(يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن)چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك ،ھەقىقەتەن .ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ]دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ قۇرئان ھەقىقەت،سادىق دېگەنلەرگە چىن ئىشىنىپ،ئۆز نەپسى خاھىشىمنىڭ ئەكسىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىدىم.نەپسىمگە قارشى تۇرۇشقا،ئۇنى ھاۋايى-ھەۋەستىن توسۇشقا يەڭ تۈردۈم.ئاخىر نەپسىم ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇندى. R8K ?! Z  
3.مەن ھەربىر ئىنساننىڭ پۈچەك مال-دۇنيا غەملەشكە يۈگرەيدىغانلىقىنى،ئاندىن ئۇنى چىڭ سىقىمداپ تۇتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئاللاھنىڭ:[سىلەردىكىسى تۈگەيدۇ،ئاللاھنىڭ بولسا ئەبەدى باقىيدۇر]دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ،دۇنيادىن ئالغان ھوسۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھ يولىدا كەمبەغەل بىچارىلەرگەئاللاھ دەرگاھىدا مەن ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرار دەپ بۆلۈپ بەردىم. Hswgv$n  
4.مەن بەزى كىشىلەرنىڭ شان-شەرەپ ۋە ئىززەت_ئادىمىنىڭ ۋە جەمەتىنىڭ كۆپلۈكىدە، دەپ ئويلاپ ئۇلار بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەتكىنىنى؛يەنە بەزىلەرنىڭ شان-شەرەپ ۋە ئىززەت_ئىقتىساد ۋە بالىنىڭ كۆپ بولۇشىدا ،دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىۋاتقانلىقىنى؛يەنە بەزىلەرنىڭ شەرەپ ۋە ئىززەت_خەلىقنىڭ پۇل-مېلىنى قاقتى-سوقتى قىلىش،زۇلۇم قىلىش،قان تۆكۈشتە دەپ ئويلىغانلىقىنى؛يەنە بىر تۈركۈم ئادەمنىڭ شان-شەرەپ_پۇل مالنى بۇزۇپ چېچىشتا،دەپ قارايدىغانلىكىنى كۆرۈپ ئاللاھنىڭ:[ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار بەكراق تەقۋا بولغىنىڭلاردۇر]دېگەن سۆزىنى ئويلاپ،تەقۋالىقنى تاللىدىم ۋە قۇرئان ھەق سەمىمي،ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرى خاتا،دەپ ئېتىقاد قىلدىم. e52y}'L  
5.مەن ئادەملەرنىڭ بىر بىرىنى ئەيىبلەپ بىر بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.ۋە بۇلار ئىقتىساد،مەنسەپ ۋە بىلىمدىكى ھەسەتخورلۇقتىن،دەپ چۈشىنىپ ئاللاھنىڭ:[بىز ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىكىنى ھاياتى دۇنيادا تەقسىم قىلدۇق]دېگەن سۆزىنى ئويلاپ بىلدىمكى،تەقسىمات ئەزەلدىن ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان .شۇنىڭ بىلەن مەن ھېچكىمگە ھەسەت قىلماي ئاللاھنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولدۇم. x(UOt;  
6.مەن ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنى قانداقتۇر غەزەر ۋە مەقسەتلەر تۈپەيلى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئاللاھنىڭ:[چوقۇمكى شەيتان سىلەرگە دۈشمەندۇر،سىلەر ئۇنى دۈشمەن كۆرۈڭلار]دېگەن سۆزىنى ئويلاپ بىلدىمكى،شەيتاندىن باشقىسىنى دۈشمەن بىلگىلى بولمايدىكەن. $kM8E@x2  
7.مەن ھەركىمنىڭ تىرىشىپ-تىرمىشىپ،قاتتىق جاپا چېكىپ،شۈبىھي ۋە ھارامغا يېقىن كىلىپ دېگۈدەك تىرىكچىلىكنىڭ غېمىنى قىلىۋاتقانلىقىنى،ئۆزىنى خار قىلىپ،قەدىر قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاللاھنىڭ:[يەر يۈزىدىكى جانلىقنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ(مەرھەمەت يۈزىسىدىن)ئۈستىگە ئالغاندۇر]دېگەن سۆزىنى ئويلاپ رىزقىمنى ئاللاھنىڭ بېرىدىغانلىقىنى،ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كېپىل بولىدىغانلىقىنى بىلدىم-دە،ئاللاھنىڭ ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ،ئاللاھتىن غەيرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم. #!n"),3  
8.مەن ھەركىمنىڭ مەلۇم بىر شەئىيگە تايانغانلىقىنى كۆردۈم.بەزىلەردىنار-دەرھەمگە،بەزىلەر مال-ھوقۇققا،بەزىلەر ھۈنەر-سانائەتكە،يەنە بەزىلەر ئۆزىگە ئوخشاش مەخلۇققا تايىنىدىكەن.مەن ئاللاھنىڭ:[كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىكەن،ئۇ كىشىگە ئاللاھ ئۆزى كۇپايە.ئاللاھ ئۆز ئىشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچىدۇر.ئاللاھ ھەر بىر شەئىيگە ئۆلچەم بېكىتكەندۇر]دېگەن سۆزىنى ئويلاپ ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلدىم.ئاللاھ ماڭا كۇپايە،ئۇ ناھايىتى ياخشى ۋەكىلدۇر. >dTJ  
شەقىق دەپتۇ:ئاللاھ ساڭا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي!مەن تەۋرات،ئىنجىل،زەبۇر ۋە قۇرئانلارغا قاراپ يۇقىرقى سەككىز مەزمۇننىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدىم.يۇقىرقى سەككىز مەزمۇنغا ئەمەل قىلغان ئادەم مۇشۇ تۆت كىتابقا ئەمەل قىلغان بولىدۇ. FlPPz  
Wxxnc#;lv  
;J)8#|  
BW61WH?  
مەنبە:«ئەي قەدىرلىك بالام»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-21, 16:48
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
خەتكۈچ: چوقۇم
umudwar__570
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8698

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   130 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7635 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   755 (قېتم)
 تۆھپە:   755  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 591
 سائەت
دەرىجىسى:
591 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-03
ئاخــىرقىسى:2012-05-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 04-22

ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن. ?[?{X~uq  
اللە ئەجىر بەرسۇن.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ…»- ئىسرا.
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   955 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   60128 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5108 (قېتم)
 تۆھپە:   5078  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3631
 سائەت
دەرىجىسى:
3631 سائەت 139 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

ئۇزۇقلۇقى  مول  يازما بىلەن تەمىن ئىتىپسىز ....................... 3P\#moJ  
D*|hc  
rOm)s'  
67+ K?!,  
رىزىق توپلاش  ئۈچۈن ، كىمىلىكىنى ئۇنۇتقان ھالدا ، كىتىۋاتقان كىشىلىرىمىز تۇيۇقسىز ئۇ لەم دەرۋازىسى  ئالدىغا  كىلىپ قالغاندا  ئاندىن ھۇشۇنى تاپامدىكىن .....
aliy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6507

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   243 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12650 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1265 (قېتم)
 تۆھپە:   1265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2957
 سائەت
دەرىجىسى:
2957 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-03
ئاخــىرقىسى:2012-05-09
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-22

ياخشىكەن ئەجرىڭىزنى ئاللا ئۈزى بەرسۇن .
بىلگەن بىلگىننى دەر بىلمىگەن نىمىنى دەر
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى