| . D~Su822 بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم ^]kDYhe*Y رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھىنىڭ باشلىنىشى توغرىسدا J=sQ].EK 1- ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى. ئېيتتى : رەسۇلۇللاھ دىن ئاڭلىدىمكى ئېيتدۇر: شەكسىزكى ئەمەللەر نىيەت بىلەندۇر ، تەھقىق ھەربىر كىشىگە نىيەت قىلغىنى بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ ھىجرىتى (مەدىنىگە كۆچۈشى ) دۇنيا ئۈچۈن ياكى ئويلىنىدىغان خوتۇن ئۈچۈن بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى (رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدىن مەدىنىگە بارغىنى ) ھىجرەت قىلغان نەرسىسىگە (دۇنيا ياكى خوتۇنغا ) بولىدۇ. ( ساۋاب بولمايدۇ.) _Z%C{~,7)x 2- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: تەھقىق ھارىس بىننى ھىشام رەسۇلۇللاھتىن ئۆزلىرىگە ۋەھى قانداق كېلىدۇ؟- دەپ سورىدى. پەس ئېيتتى : بەزى ۋاقىتتا قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىدەك كېلىدۇ . ئۇ ماڭا قاتتىقراقدۇر. مەندىن مېنى باسقان ۋەھىنىڭ ئېغىرلىقى زائىل بولىدۇ ۋە ھال ئولكى ئۇنىڭدىن ئېيتقان نەرىسىنى تۇتۇۋالىمەن. ۋە بەزى ۋاقتىدا ماڭا پەرىشتە شەكىللىنىدۇ، دېگەن نەرسىنى تۇتۇۋالىمەن. 8PQ& 7o ئېيتتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا : ئەلۋەتتە كۆردۈم مەن رەسۇلۇللاھ نى قاتتىق سوغۇق كۈنلەردە ۋەھى چۈشىدۇ ئاندىن ۋەھىنىڭ ئېغىرلىقى كۆتۈرۈلىدۇ ، ۋە تەھقىق ئو رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ پېشانىسى تەرلەيدۇ. 0y(d|;': 3- ئائىشە ئۇممۇل مۆئميىن دىن ئېيتتى : رەسۇلۇللاھقا ئەۋۋەل باشلانغان نەرسە يا خشى چۈشدۇر. ئۇيقۇدا بىر چۈشنى كۆرمەيتتى مەگەر ئۇ چۈش تاڭ يۇرىغاندەك (ئۇچۇق ) كېلەتتى. ئاندىن ئۇ رەسۇلۇللاھ گە خالىيلىق دوست تۇتۇلدى. ئاندىن غارى ھىراغە خالىي بولۇپ تەھەننۇس قىلىدىغان بولدى. تەھەننۇس دېگەن بىر قانچە كېچە ئۆيگە بارماي ئىبادەت قىلىش دېمەكتۇر . شۇنىڭغا ئوزۇق ئېلىۋالاتتى. ئاندىن خەدىچە قېشىغا كېلىپ ئالدىنقىغا ئوخشاش ئوزۇق ئالاتتى. ھەتتاكى غارى ھىرادىكى ۋاقتىدا ھەق كەلدى. پەس ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە كېلىپ ‹‹ئوقۇغىن ›› دېدى . ئېيتتى مەن قارى ئەمەس. ئېيتتى مېنى تۇتۇپ قاتتىق سىقتى، ھەتتاكى مەندىن مۇشەققەتكە يەتتى، ئاندىن قويۇپ بېرىپ ‹‹ئوقۇغىن ›› دېدى . ئېيتتىم مەن قارى ئەمەس. پەس مېنى تۇتۇپ ئىككىنچى قېتىم قاتتىق سىقىپ ھەتتا ماڭا ناھايىتى مۇشەققەت يەتتى. ئاندىن قويۇپ بېرىپ ‹‹ئوقۇغىن ›› دېدى :. پەس ئېيتتىم مەن قارى ئەمەس . پەس ئۈچىنچى قېتىم سىقىپ قويۇپ بەردى پەس ئېيتتى ‹‹ اقْرَۆْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّۇِي خَلَقَ .خَلَقَ الْإِنسَانَ مِنْ ىَلَقٍ . اقْرَۆْ وَرَبُّكَ الْۆَكْرَمُ . الَّۇِي ىَلَّمَ بِالْقَلَمِ . ىَلَّمَ الْإِنسَانَ مَا لَمْ يَىْلَمْ ››{سۈرە ئەلەق 14-ئايەت} يۈرەكلىرى تىترىگەن ھالدا ئۇ ئايەتلەر بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدى ۋە پەس خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد نىڭ قىشىغا بېرىپ مېنى يۆگەپ قويۇڭلار دېدى ، ھەتتا ئۇ رەسۇلۇللاھتىن قورقۇنۇش كەتتى . ئاندىن خەدىچىگە خەبەرنى يەتكۈزۈپ ئەلۋەتتە ئۆزۈمگە قورقۇپ قالدىم دېدى . خەدىچە ئېيتتى. ھەرگىز قورقماڭ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئاللاھ سىزنى رەسۋا قىلمايدۇ، تەھقىق سىز سىلە- رەھىم قىلىسىز ، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرىسىز، يۇقسىزگە كەسىپ قىلىپ بېرىسىز، مېھماننى زىياپەت قىلىسىز ، ھەرقانداق ياخشىلىققا ياردەم قىلىسىز، ھەتتا رەسۇلۇللاھنى خەدىجەنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقەتە ئىبنى نەۋفەل ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززانىڭ نىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى. ۋە ئۇ جاھىلىيەت ۋاقتىدا ناسارا بولۇپ كەتكەن ئىدى، ۋە ئىبرانى خەتلەرنى يازار ئىدى. ۋە ئىنجىلدىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى يازاتتى. ۋە كۆزى ئاجىزلاپ قالغان يېشى بەك چوڭ ئىدى، خەدىجە ئېيتتى تاغىڭىزنىڭ ئوغلىدىن گەپ ئاڭلاپ بېقىڭ . ۋەرەقە رەسۇلۇللاھقا دېدى نېمىنى كۆرۈسىز ؟ رەسۇلۇللاھ كۆرگەن نەرسىنى خەۋەر قىلدى . رەسۇلۇللاھقا ۋەرەقە ئېيتتى ئاشۇ جىبرىئىلدۇركى ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن ، كاشكى شۇ ۋاقتىدا كۈچلۈك بولسام كاشكى ھايات بولسام ۋاقتىكى سىزنى قەۋمىڭىز چىقىرىدۇ . رەسۇلۇللاھ ئېيتتى : ئايا ئۇلار مېنى چىقارغۇچىمىۇ ؟ ئېيتتى ۋەرەقە ھەئە؛ سز كەلتۈرگەن نەرسىنى بىراۋ كەلتۈرمىدى مەگەر ئاداۋەت قىلىندى. ۋە ئەگەر تاپسا مېنى سىزنىڭ كۈنىڭىز ئەلۋەتتە كۈچلۈك ياردەم بىرىمەن. ئاندىن تۇرمايلا ۋەرەقە ۋاپات تاپتى ۋەھى سۇسلاشتى. c{[d@jtO 4- جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ دىن ئېيتتى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھىنىڭ سۇسلاپ قالغانلىقىدىن سۆزلەپ ئول ئارادىكى مېڭىۋاتاتتىم بىناگاھ ئاسماندىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بېشىمنى كۆتەردىم . بىناگاھ غار ھىرادىن كەلگەن پەرىشتە ئاسمان ۋە زېمىن ئوتتۇرىسىدا بىر تەخت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىدۇر. پەس ئۇنىڭدىن قورقتۇم. قايتىپ كېلىپ مېنى يۆگەڭلار مېنى يۆگەڭلار دېدىم . چۈشۈردى ئاللاھ تائالا‹‹ ئى يۆگۇنىۋالغۇچى پەيغەمبەر قوفقىل، پەس ئىنزار قىلغىل (ئاگاھلاندۇر ) پەرۋەدىگارىڭىغا تەكبىر ئېيتقىن . ۋە كىيىمىڭنى پاك قىلغىل ۋە نىجاسەتنى (گۇناھنى ) تەرك قىلغىل ›› {سۈرە مۇدەسسىر 1-5 – ئايەتكىچە }. ئاندىن ۋەھى قىزىدى ۋە پەيدەر –پەيدەر (ئارقىمۇ – ئارقا) كەلدى. W[YtNL; 5 – ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن : ئاللاھ تائالانىڭ ‹‹ لَا تُچَرِّكْ بِھِ لِسَانَكَ لِتَىْجَلَ بِھِ ›› دېگەن قەۋلى ھەققىدە ئېيتتى : رەسۇلۇللاھ تەنزىلدىن شىددەتنى ئىلاج قىلاتتى. ۋە ئىككى كالپۇكلىرىنى ھەرىكەتلەندۇرەتتى. ئېيتتى ئىبنى ئابباس مەنمۇ رەسۇلۇللاھ ئىككى كالپۇكلەرىنى مىدىراتقاندەك مىدىرتىمەن. ئاندىن نازىل قىلدى اللھ لَا تُچَرِّكْ بِھِ لِسَانَكَ لِتَىْجَلَ بِھِ إِنَّ ىَلَيْنَا جَمْىَھُ وَقُرْژنَھُ {سۈرە قىيامە 16-17- ئايەت } ‹‹ئېيتتى ئاللاھ تائالا: سەن قۇرئان بىلەن تىلىڭنى ھەركەتلەندۇرمىگىن، بىزگىدۇر ئۇنى جەمى قىلىش ۋە ئوقۇپ بىرىش ›› فَإِۇَا قَرَۆْنَاھُ فَاتَّبِىْ قُرْژنَھُ {قىيامە 18 – ئايەت} ئېيتتى : ‹‹ئۇنىڭغا قۇلاق سالغىن ۋە شۇك تۇرغىن ›› ڭُمَّ إِنَّ ىَلَيْنَا بَيَانَھُ {قىيامە 19- ئايەت } ئاندىن تەھقىق بىزنىڭ ئۈسىتمىزدىدۇر ئۇنى ئوقۇشۇڭ ›› رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن كېيىن جىبرىئىل كەلسە قۇلاق سالىدىغان بولدى . جىبرىل كەتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئوقۇغاندەك ئوقۇيدىغان بولدى 7HzKjR=B 6- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئېيتتى : رەسۇلۇللاھ خالايىقنىڭ سېخىراقى ئىدى . بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا يولۇققاندا بەك سېخىراق بولاتتى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ھەر كېچىسىدە يولۇقاتتى . قۇرئاندىن دەرس بېرەتتى. رەسۇلۇللاھ ياخشىلىققا شامالدىنمۇ بەكراق سېخى ئىدى. =I?p(MqW 7- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن : تەھقىق ئەبۇ سۇفيان ئۇنىڭغا خەۋەر قىلدىكى تەھقىق ھىرەقلى ئەبۇ سۈفيانغا ئەلچى ئەۋەتتى. ئەبۇ سۇفيان كارۋىنى قۇرەيش كارۋانلىرى ئىچىدىكى شامغا تىجارەتكە كەلگەنلەر ئىدىلەر. ئۇ ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ ئەبۇ سۇفيان ۋە قۇرەيشلەر بىلەن سۈلھى قىلغان ئىدى. ئۇلا ئىيليائە دېگەن جايدا ھىرەقىلنىڭ قېشىغا كەلدىلەر. ھىرەقلە ئۇلارنى قىچقاردى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا رۇمنىڭ چوڭلىرى بار ئىدى. ئاندىن ئۇلارنى ۋە تەرجىماننى چاقىردى . ئېيتتى ھىرەقلە : مۇشۇ مەن پەيغەمبەر دېگەن كىشىگە قايسىڭلارنىڭ نەسەبى يېقىنراقدۇر؟ ئېيتتى ئەبۇ سۇفيان مەن ئۇلارنىڭ يېقىنراقى دېدىم . ئېيتتى : ئۇ كىشىنى ماڭا يېقىن قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئەسھابلىرىنى ئۇنىڭغا يېقىن قىلىڭلار. ئاندىن تەرجىمانىغا دېدىكى ئېيتقىن ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە ، تەھقىق بۇ ئادەمدىن ئۇ پەيغەمبەر توغرىلىق سورايمەن. ئەگەر ماڭا يالغاننى ئېيتسا ئۇنى ئىنكار قىلىڭلار. ئەبۇ سۇفيان ئېيتتى: ۋەللاھى ( ئاللاھ بىلەن قەسەمكى) ئەگەر ماڭا يالغاننى ئىختىيار قىلىشتىن ھايا قىلىش بولمىسا ئىدى ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ توغرىسىدا يالغان ئېيتار ئىدىم. &B)F_E I ئاندىن مەندىن سورىغان نەرسىنىڭ ئەۋۋەلى شۇدۇركى ئېيتتى : ئۇ كىشىنىڭ نەسەبى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا قانداق؟ ئېيتتىم مەن ئۇ كىشى بىزنىڭ ئىچىمىزدە نەسەبلىكدۇر .ئېيتتى بۇ سۆزنى سىلەردىن بىراۋ ئۇ كىشىدىن ئىلگىرى ئېيتقانمۇ؟ ئېيتتىم : ياق . ئېيتتى : ئايا ئاتا بوۋىلىرىدىن پادىشاھ بولغانمۇ؟ ئېيتتىم: ياق . ئېيتتى : خالايىقلارنىڭ كاتتىلىرى ئو كىشىگە ئەگەشتىمۇ ياكى ئاجىزلىرىمۇ؟ ئېيتتىم : ئاجىزلىرى : ئېيتتى: ئۇلار زىيادە بولۇۋاتامدۇ ياكى كېمىيىۋاتامدۇ ؟ ئېيتتىم: بەلكى زىيادە بولۇۋاتىدۇ . ئېيتتى: ئۇنىڭ دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دىنىغا غەزەپ قىلىپ يانغانلار بارمۇ ؟ ئېيتتىم : ياق ، ئېيتتى : ئايا ئۇ كىشى يالغانچىلىق بىلەن تۆھمەت قىلامسىزلەر ئۇ كىشى دېگەن سۆزنى دېيىشتىن ئىلگىرى ؟ ئېيتتىم : ياق . ئېيتتى ؛ ئايا ئۇ كىشى ۋەدىنى بۇزامدۇ؟ ئېيتتىم: ياق ئۇ كىشى بىلەن كېلىشىم ئۈستىدە دۇرمىزكى ئۇ مۇددەتتە نېمە قىلىشىنى بىلمەيمىز. ۋە ماڭا مۇشۇ كەلىمەنى كىرگۈزۈشتىن باشقا سۆز مۇمكىن بولمىدى. ئېيتتى : ئايا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلدىڭلارمۇ ؟ ئېيتتى : ئارى قىلدۇق. ئېيتتى : ئۇرۇشۇڭلار قانداق بولدى ؟ ئېيتتىم : جەڭ بىز بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۆۋەتلىكدۇر. بىزدىنمۇ يېتىدۇ.بىزمۇ ئۇنىڭدىن يېتىمىز. ئېيتتى ئۇ كىشى سىزلەرنى نېمىگە ئەمر قىلىدۇ ؟ ئېيتتىم : ئېيتىدۇ: تەنھا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار . ۋە ئۇنىڭغا بىر نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار ۋە ئاتا بوۋىلىرىڭلار ئىبادەت قىلغان نەرسىنى تەرك قىلىڭلار . ۋە بىزلەرنى ناماز ئوقۇشقا ۋە راستچىل بولۇشقا ۋە پاك بولۇشقا ۋە سىلە- رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ . "k+QDQ3= ھىرەقلە تەرجىمانىغا ئېيتتى : ئۇنىڭغا ئېيتقىن : تەھقىق مەن پەيغەمبەرنىڭ نەسەبىدىن سورىدىم: سەن زىكىر قىلدىڭكى ئۇ كىشى ئىچىڭلاردا نەسەبلىكدۇر. ۋە شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنڭ نەسەبىدە ئەۋەتىلىدۇ. ۋە سەندىن سورىدىمكى مۇشۇ سۆزنى ( پەيغەمبەرلىكنى) ئۇ كىشىدىن ئىلگىرى بىر كىشى دېگەنمۇ دەپ : سەن ياق دېدىڭ . ئېيتتىم ئەگەر بۇ كىشىدىن بۇرۇن بىراۋ بۇ سۆزنى قىلغان بولسا ئېيتار ئىدىم بۇ كىشى ئىلگىرى دېيلىگەن سۆزگە ئەگەشكەن ئادەم ئىكەن . ۋە سەندىن سورىدىمكى ئۇنىڭ ئاتا بوۋىلىرى ئىچىدە پادىشاھ بولغانلار بارمۇ ؟ سەن ياق دېدىڭ . ئەگەر ئاتا بوۋىلىرى ئىچىدە پادىشاھ بولغانلار بولسا ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى تەلەپ قىلغان ئادەم ئىكەن دەيتتىم . ۋە سەندىن سورىدىمكى بۇ كىشىنى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشتىن بۇرۇن يالغانچىلىق بىلەن تۆھمەت قىلامتىڭلار؟ سەن ياق دېدىڭ . ئەلۋەتتە تۇنۇيمەنكى تەھقىق ئۇ كىشى ئاللاھقا يالغان ئېيتىپ ۋە خالايىققا يالغان ئېيتىشنى تەرك قىلىدىغان بولمىدى. ( يەنى خالايىققا يالغان ئېيتمىغان ئىكەن ئاللاھقا يالغان ئېيتمايدۇ ) ۋە سەندىن سورىدىمكى خالايىقنىڭ كاتتىلار ئەگەشتىمۇ ياكى ئاجىزلىرىمۇ ؟ سەن ئاجىزلىرى ئەگەشتى دېدىڭ . ئاجىزلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ تابىلىرى ( ئەگەشكۈچىلىرى )دۇر . ۋە سەندىن تابىلەر ( ئەگەشكۈچىلەر ) زىيادە بولۇۋاتامدۇ ياكى كېىميىۋاتامدۇ دەپ سورىغىنىمدا سەن زىيادە بولۇۋاتىدۇ دەپ جاۋاب بەردىڭ. ۋە ئىماننىڭ ئەمرى ( ئىشى ) ھەتتاكى تامام بولغۇچىلىك شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. ۋە سەندىن سورىمدىكى بىراۋ ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دىنىغا غەزەپ قىلىپ قايتىپ كەتتىمۇ؟ سەن ياق دېدىڭ . ئىمان خورسەندىلىگى ئۇنىڭ دىللىرىغا ئارىلاشقاندا شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. ۋە سەندىن سورىدىمكى ئۇ ئەھدىنى بۇزامدۇ ؟ سەن ياق دېدىڭ . شۇنداق پەيغەمبەرلەر ۋەدىگە خىلاپ قىلمايدۇ. (ئەھدىنى بۇزمايدۇ) نېمىگە ئەمىر(بۇيرۇيدۇ) قىلىدۇ دەپ سورىسام، ئۇ كىشى تەنھا ئاللاھ ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شېرىك قىلماڭلار دەپ ئەمىر قىلىدۇ. ۋە سىزلەرنى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن نەھى ( توسىدۇ) قىلىدۇ. ۋە سىزلەرنى نامازغا ۋە راستچىللىقا ۋە ئىپپەتلىك بولۇشقا ئەمر قىلىدۇ، دېدىڭ . ئەگەر سەن دېگەن سۆزۈڭ ھەق بولسا ئۇ پات پۇرسەتتە مۇشۇ ئىككى قەدىمىمنىڭ ئورنىغا ئىگە بولىدۇ. ۋە تەھقىق ئۇ پەيغەمبەرنىڭ چىقىشنى بىلەتتىم . لېكىن سىلەردىن چىقىدىغانلىقنى گۇمان قىلمىغان ئىدىم. ئۇ زاتنىڭ ھۇزۇرىغا يىتىشنى بىلسەم ئەلۋەتتە ئۇ زاتنىڭ دىدارىغا يىتىشكە تەكەللۇپ چېكەتتىم. ۋە ئەگەر ئۇ زاتنىڭ ھۇزۇرىدا بولسام ئۇنىڭ قەدەملىرىنى يۇيار ئىدىم. ئاندىن دىھيەتۇل كەلبىدىن بۇسرانىڭ چوڭىغا ئەۋەتىلگەن رەسۇلۇللاھ نىڭ مەكتۇبلىرىنى چاقىردى. ئۇنى ھىرەقىلىگە بەردى. ئۇ مەكتۇپنى ئوقۇدى . ئۇ مەكتۇبدا ‹‹ بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم. مۇھەممەد بىننى ئابدۇللاھدىن ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن رۇمنىڭ كاتتىسى ھىرەقىلىگە: ھىدايەتكە تابى بولغان ( ئەگەشكەن ) كىشىگە ئامانلىق . اما بىد : تەھقىق سىنى ئىسلام چاقىرىقى بىلەن چاقىرىمەن. مۇسۇلمان بول سالامەت قالارسەن . اللھ ساڭا ئەجىرىڭنى ئىككى مەررە ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر ئىسلامدىن يۈز ئۈرۈسەڭ سىنىڭ گەدىنڭگە پۇتۇن دېھقانلارنىڭ گۇناھى بولىدۇ. ئى ئەھلى كىتاب بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئارىمىزدىكى ئورتاق كەلىمىگە كېلىڭلاركى ‹‹ بىر ئاللاھدىن باشقىغا ئىبادەت قىلمىغايمىز، ۋە ئۇنىڭغا بىر نەرسىنى شېرىك قىلمىغايمىز. بىر- بىرىمىزنى خۇدا تۇتمىغايمىز. ئەگەر يۈز ئۆرۈسىلەر ئېيتىڭلار گۇۋاھ بۇلۇڭلاركى بىز مۇسۇلمانلاردۇرمىز. ››{ئال ئىمران 64- ئايەت} ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتتى: ئېيتتى ئەبۇ سۇفيان ھىرەقلە دەيدىغان سۆزنى دەپ ۋە مەكتۇپنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالدىدا پاراڭ كۆپىيىپ ئاۋازلەر كۆتۈرۈلدى . ۋە بىز چىقىرۋىتىلدۇق. مەن ساھابىلىرىمگە ئېيتتىم: ئەلۋەتتە تەھقىق ئەبۇ كەبىشەنىڭ ئوغلىنىڭ ئىشى ناھايىتى چوڭ بولىدىغان بولدى ( يەنى رەسۇلۇللاھنى دېمەكچى ) ئۇنىڭدىن سېرىق رۇملۇقلار قورقىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ زاھىر بولىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشەندىم. ھەتتا اللھ مېنى ئىسلامغا كىرگۈزدى . -V9Cx_]y ئىبنى ناتۇر ئىيليائە نىڭ رەئىسى ۋە ھىرەقلە شامدىكى ناسارالارنىڭ رەئىسى ئىدى. ھەدىس قىلىدۇكى تەھقىق ھىرەقلە ئىيليائەگە كەلگەندە نەپسىللەرى بەدھال بولدى (ئەھۋالى ناچار بولدى ) ئۇنىڭ بەزى خاس يارەنلىرى ئېيتتىكى ھەيئەتلرىنى ئۆزگەرگەن كۆردۇق. cewQQ& ئىبنى ناتۇر ئېيتتى: ھىرەقلە كاھىن بولۇپ يۇلتۇزغا قارايتتى . ۋە خاس يارەنلىرى ئەھۋال سورىغاندا ئۇلارغا ئېيتتى: بۈگۈن كېچە يۇلتۇزغا قارىغاندا خەتنە پادىشاھى زاھىر بولغان كۆردۈم . مۇشۇ ئۈممەتتىن كىم خەتنە قىلىدۇ؟ ئېيتتىلەر : يەھۇدىيدىن باشقىسى خەتنە قىلمايدۇ، ئۇلەرنىڭ ئىشى سىنى غەم قىلدۇرمىسۇن ۋە سىنىڭ ئىلىكىڭدىكى شەھەرلەرگە مەكتۇپ يازغىن ئۆز شەھەرلىردىكى يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرسۇن . ئۇلار ئۆز ئىشلىرى ئۈستىدە تۇرغانلىرىدە ھىرەقىلىنىڭ ھۇزۇرىغا غەسسان پادىشاھى رەسۇلۇللاھ نىڭ خەۋەرلىرىدىن خەبەر قىلىشقا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن كىشى كەلتۈرۈلدى . ھىرەقلە ئۇ ئەلچىدىن خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن ئېيتتى: بېرىپ قاراڭلار ئۇ كىشى خەتنە قىلىنغۇچىمۇ يوق؟ ئۇلار ئۇ كىشىگە قاراپ ئېيتتى : ئۇ كىشى خەتنە قىلىنغۇچىدۇر ، ئۇ ئەلچىدىن ئەرەبلەر توغرىلىق سورىدى. ئۇ كىشى ئېيتتى: ئۇلەرمۇ خەتنە قىلىدۇرلەر. ھىرەقلە ئېيتتى. مۇشۇ كىشى ئۈممەتتىنىڭ پادىشاھى تەھقىق ئاشكارا بولدى. ئاندىن ھىرەقلە ئۆزىنىڭ رۇمىيەدىكى ساھىبىگە خەت يازدى. ۋە ئۇمۇ ئىلىمدە ھىرەقلىغە ئوخشاش ئىدى. ۋە ھىرەقلە ھىمسەگە باردى. ۋە ھىمسەدە ئۇزۇن تۇرمايلار ئۆزىنىڭ ساھىبىدىن خەت كەلدىكى ئۇ رەئيمۇ ( قارىشىمۇ) ھىرەقلىنىڭ رەئيىگە مۇۋاپىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىقىشىغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى رەئيىگە مۇۋاپىق خەت كەلدى. ئاندىن ھىرەقلە رۇمنىڭ كاتتىلىرىغا بىر زالغا كىرىشكە ئىزنى بەردى. ئاندىن ئىشكىنى تاقاشقا بۇيرىدى، تاقالدى. ئاندىن ئۆزى زالغا چىقىپ ئېيتتى : ئى رۇم گۇرۇھى سىلەرنىڭ نىجاتلىق ۋە ھىدايەتتە ۋە سىلەرنىڭ ئىگىلىكىڭلار ( پادىشاھلىقىڭلار) نىڭ قولۇڭلاردا سابىت بولۇشىغا رىغبىتىڭلار بار بولسا مۇشۇ پەيغەمبەرگە ئەگىشىڭلار. ئۇلار ۋەھشىي ئېشەكلەر ئۈركىگەندەك ئىشىكلەرگە قاچتىلەر. ئۇلار ئىشكىنى تاقالغان تاپدىلەر. ھىرەقلە ئۇلارنىڭ ئۈركىگەنلىگىنى كۆرۈپ ئىماندىن نائۈمىد بولۇپ ئېيتتى : ئۇلارنى ماڭا قايتۇرۇڭلار مەن يوقارقى سۆزۇمنى دىيشىمدىكى سەۋەب سىزلەرنىڭ دىندا چىڭلىغىڭلارنى سىناش ئۈچۈن دېگەن ئىدىم . چىڭلىغىڭلارنى كۆردۈم . ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى . ۋە ئۆتىڭىدىن رازى بولدىلەر. ئاندىن ھىرەقلىنىڭ ئىشنىڭ ئاخىرى شۇ بولدى. f1JvP\I0Q iJ~pX\FKO R(csJ4F 7%aB>uA ZV&=B%J bs vq x;FAqZ z.7 UfLV9 WWD\EDnS YckexfL 9erTb?@S cJL>,Z<|% Rg+V;CC~ i |cSO2O+ J/=b1{d"n pM.>u/=X k'EP->r كتاب الايمان BIS5u4 ئىماننىڭ كىتابى HSq&'V 7hY~ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلدى دېگەن سۆزى توغرىسىدا 67%o83\ 8- ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئېيتتى : ئېيتتى رەسۇلۇللاھ : ئىسلامنى بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلدى. 1- ئاللاھ تائالادىن باشقا خۇدا يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھسسالاتۇ ۋەسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبرىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىش . 2- نامازنى بەرپا قىلىش . 3- زاكاتنى بېرىش . 4- ھەج قىلىش . 5- رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. l '<gkwX /5EM;Mx ئىمان ئىشلىرى توغرىسىدا Ks7DoXCvE 9 – ئەبۇ ھۇرەيرە دىن پەيغەمبەر دىن ئېيتتى : ئىمان ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ۋە ھايا ئىماندىن بىر شاخچەدۇر. d>VerZZU h,LwC9 مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ قۇلىدىن ۋە تىلىدىن سالامەت قالغان كىشىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى توغرىسىدا E0o= 10- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن پەيغەمبەر ئېيتتى : مۇسۇلمان كىشىدۇركى سالامەت قالدى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قولدىن . ۋە مۇھاجىر كىشىدۇركى تەرك قىلدى ئاللاھ ئۇنىڭدىن نەھى قىلغان (توسقان ) نەرسىنى . ZEiW\ V t6W$t ئىسلامنىڭ قايسى خىسلىتى ئەۋزەللىكى توغرىسىدا 4en[!* 11- ئەبۇ مۇسا دىن ئېيتتى ؛ ئېيتتىلار يا رەسۇلۇللاھ قايسى ئىسلام ئولۇقراقدۇر؟ ئېيتتى : كىشىدۇركى سالامەت قالدى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قۇلىدىن. %ZDo;l+<F6 /r^J8B* تائام بېرىش ئىسلامدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا :7Ro9z8 12 – ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن بىر كىشى رەسۇلۇللاھ دىن سورىدىكى ئىسلامنىڭ قايسى خىسلەتلىرى ياخشىدۇر؟ ئېيتتى تائام بەرگەيسەن ۋە تۇنىغان ۋە تونۇمىغان كىشىگە سالام بەرگەيسەن. ]2`PS<a2 2m7Z:b ئۆز نەپسىگە دوست تۇتقان نەرىسىنى بۇرادىرىگە دوست تۇتۇش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا =87.6Ai 13 – ئەنەس پەيغەمبەر دىن ئېيتتى : قەسەم زاتىغىكى نەپسىم ئول زاتنىڭ ئىلكىدە ئىدى، مۆمىن بولمايدۇ بېرىڭلار ھەتتاكى دوست تۇتقاي بۇرادىرىگە ئۆز نەپسىگە دوست تۇتقان نەرسىنى. Yx>y(Whu. x%Ivd رەسۇلۇللاھ نى دوست تۇتۇش ئىماندىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا vN'Y);$ 14 – ئەبۇ ھۇرەيرە تەھقىق رەسۇلۇللاھ قەسەم زاتىغىكى نەپسىم ئول زاتنىڭ ئىلكىدە ئىدى، مۆمىن بولمايدۇ بېرىڭلار ھەتتاكى بولغايمەن دوستراق ئول بىراۋگە ئاتىسىدىن ۋە بالىسىدىن . {y-7xg~} 15 – ئەنەس دىن ھەدىسنىڭ ئۆزىنى رىۋايەت قىلدى ۋە ئاخىرىدا ( ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسىدىن ) دېگەن جۈملىنى زىيادە قىلدى. Wyh .hd<,\nW ئىماننىڭ شېرىنلىكى توغرىسىدا \i%h/Ao 16 – ئەنەس دىن پەيغەمبەر دىن ئېيتتى : ئۈچ خىسلەت بار كىشكى ئۇنىڭدا ئۈچ خىسلەت بولسا ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تاپتى . 1- اللھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۇ كىشىگە ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ غەيرىدىن دوستىراق بولغاي. 2- بىر كىشىنى خۇدا ئۈچۈنلا دوست تۇتقاي . 3- كۇفرىگە قايتىپ كېتىشنى ئوتقا تاشلىنىشنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرگەي Q%:#xG5AmE 4|i.b?" ئەنسارىلارنى دوست تۇتۇش ئىماننىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا rBG8.E36J 17 – ئەنەس دىن پەيغەمبەر دىن ئېيتتى : ئىماننىڭ ئالامىتى ئەنسارىلارنى دوست تۇتۇش. ۋە نىفاقنىڭ ئالامىتى ئەنسارىلارنى دۈشمەن تۇتۇشدۇر. LU"e9 18 – ئۇبادەتە ئىبنى سامىت دىن رەسۇلۇللاھ ئەتراپلىرىدا بىر جامائە ساھابىلىرى بار ھالدا ئېيتتى: ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىگىڭلار ۋە ئوغرىلۇق قىلماسلىقىڭلار ۋە بالاڭلارنى ئۆلتۇرمەسلىگىڭلار ۋە قول پۇتۇڭلار ئارىسىدا بوھتان توقۇپ كەلتۈرمەسلىگىڭلار ۋە مەرۇپ (ياخشى ئىشىدا ) ئاسىي بولماسلىقىڭلار شەرتى بىلەن ماڭا بەيئەت قىلىڭلار.سىلەردىن بىر كىشى بۇنىڭغا ۋاپا قىلسا ئۇنىڭ ئەجرى ئاللاھقىدۇر. ۋە كېشىكى بۇنىڭدىن بىرەر گۇناھقا يېتىپ دۇنيادا جازالانسا ئۇ جازا ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدۇ. ۋە كېشىكى يوقارقى ئىشلاردىن بىر ئىشقا يەتسە ئاندىن اللھ ئۇنى ياپسا ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغىدۇر. خالىسا ئەپۇ قىلىدۇ. ۋە ئەگەر خالىسا ئۇنى ئازاب قىلىدۇ. بىز رەسۇلۇللاھ غە ئاشۇ شەرتكە بىنائەن بەيئەت قىلدۇق. ~&) haj\Dm فىتنىدىن قېچىش ‹‹ئىسلام دىن ›› ئىكەنلىكى توغرىسىدا >9KQWeD 19- ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىيى دىن ئېيتتى : ئېيتتى رەسۇلۇللاھ : يېقىنىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى مالى قوي بولغاي. ئۇ قوي بىلەن تاغنىڭ جىلغىللىرى ۋە يامغۇر ياققان جايلارنى ئەگىشىدۇ . شۇ ئارقىلىق ئۆز دىنىنى ساقلايدۇ. E*rnk4Y }M%U}k]+@ پەيغەمبەر نىڭ ‹‹ مەن سىلەرنىڭ ئالىمراقىڭلار›› دېگەن سۆزى توغرىسىدا TM_ MJp 20- ئائىشە دىن ئېيتتى : رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ئەمىر قىلسا ئۇلار تاقەت قىلالىغۇدەك ئەمەللەرگە ئەمىر قىلار ئىدى. ساھابىلەر ئېيتتى: بىز ئۆزلىرىدەك ئەمەسمىز . ئاللا تائالا ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدى.ئاندىن غەزەپ قىلىدۇ ھەتتا غەزەپ ئۇنىڭ يۈزلىرىدە تونۇلىدۇ . ئاندىن ئېيتىدۇ: مەن سىلەرنىڭ تەقۋاداراقىڭلار ۋە ئاللاھ تائالاغا ئالىمراقىڭلار مەن. C/nzlp~ $O|J8; "v ئەھلى ئىماننىڭ ئەمەللەردە بىر- بىرىدىن ئارتۇقلۇقى توغرىسىدا )2c[]d/a4 21- ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىيى دىن پەيغەمبەر دىن ئېيتتى: ئەھلى جەننەت جەننەتكە ۋە ئەھلى دوزاخ دوزاخقا كىرىدۇ. ئاندىن اللھ ئېتىدۇ . دىلىدا قىچا دانىسى مىقدارى ئىمانى بار كىشىنى دوزاختىن چىقىرىڭلار. ئۇلار قاپقارا بولغان ھالەتتە دوزاختىن چىقىدۇرلەر. ئۇلارنى ئابىھايات ئۆستەڭگە تاشلىنىدۇ. ئۇلار قىياندىن كېيىن ئۈنگەن مايسىدەك ئۈنۈپ چىقىدۇ. قارىمامسەن مايسا سېرىق يۆگىمەچ ئۈنىدۇ . ( يەنى يۆگىمەچ ئاجىز ئۈنىدۇ) UMe@[E= 22- ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىيى ئېيتتى ؛ ئېيتتى رەسۇلۇللاھ ئول ئارالىقتىكى ئۇخلىغۇچىمەن خالايىقلارنى ماڭا توغرا قىلىنغان كۆردۈم . ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كوينەكلەر بار بەزىلىرىنىڭ كۆكسىگە يېتىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭ توۋەنىدە. ۋە ماڭا ئۆمەر بىننى خەتتاب توغرا قىلىندى. ۋەھال ئولكى ئۈستىدىكى كوينەكنى سۆرەيدۇ. ئېيتتىلەر : نېمىگە تەۋىل قىلىدىلا يا رەسۇلۇللاھ ؟ ئېيتتى: دىنغا تەۋىل قىلدىم. 0>jo+b\D$ 'IrwlS ھايا ئىمان جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا pq;)l(Hi 23- ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن : رەسۇلۇللاھ ئەنسارلاردىن بىر كىشىگە ئۆتتى . ۋەھال ئولكى ئۇ كىشى بۇرادىرىگە ھايا ھەققىدە نەسىھەت قىلىۋاتقان ئىدى. ئېيتتى: قوي ئۇنى. ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىن. v5i?4?-Z <L+D =Mc]FCV 4i'2~w{/ ‹‹ئەگەر توبە قىلىسىلەر ناماز ئوتىسىلەر ۋە زاكاتنى كەلتۈرىسىلەر ئۇلارنىڭ يولىنى خالىي قىلىڭلار ›› سۈرە توبەنىڭ 5- ئايىتى توغرىسىدا -CW$p=y} 24- ئىبنى ئۆمەر دىن رەسۇلۇللاھ ئېيتتى ؛ خالايىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم ھەتتاكى ئۇلار‹ لاَ اِلَھَ اِلاَّ اللھُ وَ ۆنَّ مُچَمَّدً رَسُولُ اللھِ› دەپ گۇۋاھلىق بەرگەيلەر. ۋە نامازنى بەرپا قىلغايلار. ۋە زاكاتنى كەلتۈرگەيلەر. ۋاقتىكى ئۇلە شۇنى قىلسا مەندىن خۇنلەرنى ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالدىلەر. مەگەر (لېكىن ) ئىسلام ھەققى بىلەن. ۋە ئۇلەرنىڭ ھېسابى ئاللاھ تائالاغىدۇر. }-{l(8- '{EBK ‹‹ ئىمان ئەمەلدۇر ›› دېگەن كىشى توغرىسىدا bHcb.;< 25 – ئەبۇ ھۇرەيرە دىن رەسۇلۇللاھ دىن سورالدى: قايسى ئەمەل ئەۋزەلدۇر؟ ئېيتتى : ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش . دېيىلدى ئاندىن قايسى ئەمەل ئەۋزەلدۇر؟ ئېيتتى : خۇدا يولىدا جىھاد قىلىش. دېيىلدى : ئاندىن قايسى ئەمەل؟ ئېيتتى قوبۇل قىلىنغان ھەجدۇر. g5TXs^g vO" $Xw ئىسلامنىڭ ھەقىقى بولماسلىقى توغرىسىدا La}=Ng 26 – سەئىد بىننى ئەبى ۋەققاس دىن رەسۇلۇللاھ بىر جامائەگە ئاتا قىلدى (بىر نەرسە بەردى ) ۋە سەئىد ئولتۇرغۇچىدۇر. بىر كىشىنى تەرك قىلدىكى ئۇ كىشى مېنڭچە ئۇلارنىڭ ئەجىبلىگراقى ئىدى. ئېيتتىم مەن: ئى رەسۇلۇللاھ نېمەدۇر ئۆزلىرىگە پالاندىن ( بەرمىدىلەر ). ئاللاھقا قەسەمكى ئۇنى مۆمىن دەپ گۇمان قىلىمەن. ئېيتتى : ياكى مۇسۇلمان دەپ گۇمان قىلساڭمۇ. ئازراق جىم تۇردۇم ئاندىن ماڭا ئۇ كىشىدىن بىلىدىغىنىم غەلىبە قىلىپ سۆزۈمگە قايتىپ ئېيتتىم : نېمىدۇر ئۆزلىرىگە پالانىدىن ( بەرمىدىلەر) . قەسەم ئاللاھغىكى ئۇنى مۆمىن گۇمان قىلىمەن. ئېيتتى : ياكى مۇسۇلمان دەپ گۇمان قىلساڭمۇ. ئازراق جىم تۇردۇم ئاندىن مېنىڭ ئۇ كىشىدىن بىلىدىغىنىم غەلىبە قىلىپ ئىلگىرىكى سۆزۇمنى قايتا دېدىم . ۋە رەسۇلۇللاھ قايتا سۆزىنى ئېيتتى ۋە دېدىلەركى ھەي سەئىد مەن ئەلۋەتتە بىر كىشىگە ئاتا قىلىمەن ۋە ھال ئولكى ئۇ كىشىنىڭ غەيرى ئۇنىڭدىن دوستراقدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى دوزاخقا دۇم چۈشۈرۇشىدىن قورقانلىقتىن ( ئۇنىڭغا بېرىش بىلەن كۈفىرىغە يېنىپ كەتمىسۇن ئۈچۈن دىلىنى ئىسلامغا تارتىمەن.) zx{\SU Ks09F} ئەرنىڭ نېمىتىگە كاپىر بولۇشنىڭ ۋە كۈفرىنىڭ كۈفرىدىن تۆۋەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا yoV"?W>! 27 – ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دىن ئېيتتى : ئېيتتى پەيغەمبەر دوزاخنى كۆرسۈتۈلدىم . دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپراغى خوتۇنلەردۇر . سەۋەبى ئۇلار كاپىر بولىدۇلەر. سورالدى: ئايا ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولامدۇرلەر؟ ئېيتتى: ئەرلىرىگە كاپىر بولىدۇرلەر. ۋە ياخشىلىققا تانىدۇلەر. ئەگەر ئۇ خۇتۇنلارنىڭ بىرىگە ئۇزۇن زامان ياخشىلىق قىلساڭ ئاندىن سەندىن ئازراق ئىشنى كۆرسە سەندىن ھەرگىز ياخشىلىق كۆرمىدىم دەيدۇ. ^~MHxF5d cZL"e گۇناھ قىلىش جاھىلىيەتنىڭ ئىشىدۇر. ۋە گۇناھ قىلىش بىلەن كاپىر بولمايدىغانلىقى لېكىن شېرك كەلتۈرۈش بىلەن كاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا Uk ?V7?& 28 – ئەبۇ زەر دىن ئېيتتى : مەن بىر كىشى بىلەن تاكاللىشىپ قىلىپ ئۇنى ئانىسى بىلەن ئەيىب قىلدىم . پەيغەمبەر ماڭا ئېيتتىكى ئى ئەبۇ زەر ئۇنى ئاناڭنى دەپ ئەيىب قىلدىڭمۇ؟ سىنىڭدە جاھىلىيەتنىڭ ئەسىرى باردۇر. سىلەرنىڭ بۇرادىرىڭلار سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلاردۇر. اللھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلدى. كېشىكى ئۇنىڭ بۇرادىرى قول ئاستىدا بولسا، ئۇنىڭغا ئۆزى يەيدىغان نەرسىدىن تائام بەرسۇن. ۋە ئۆزى كىيىدىغان نەرسىدىن كىيدۈرسۇن . ۋە ئۇلارنى تاقەت قىلالمايدىغان نەرسىگە زورلىماڭلار. ئەگەر ئۇلار قىلىپ بولالمايدىغان ئىشقا زورلىساڭلار ئۇلارغا ياردەم قىلىڭلار. #eE:hiu<v w_eu@R:u@ ‹‹ ئىككى گۇرۇھ مۆمىن ئۇرۇشۇپ قالسا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ (ياخشىلاڭلا) ›› دېگەن ئايەت توغرىسىدا {سۈرە ھۇجۇرات 9- ئايەت} @R}L4 29 – ئەبۇ بەكرى دىن ئېيتتى: رەسۇلۇللاھ دىن ئاڭلىدىمكى ئېيتىدۇ: ئىككى مۇسۇلمان قىلىچلىرى بىلەن بىر- بىرىگە يولۇقسا (ئۆلتۈرۈشسە ) قاتىل ( ئۆلتۇرگۈچىمۇ ) ۋە ئۆلتۇرۇلگۇچىمۇ دوزاقتىدۇر. ئېيتتىم مەن : يا رەسۇلۇللاھ ئۇغۇ قاتىلدۇر، مەقتۇل ( ئۆلتۇرۇلگۇچى ) نېمە سەۋەب بىلەن دوزاختا ؟ ئېيتتى : ئۆلتۇرۇلگۇچىمۇ قاتىلنى ئۆلتۈرۈشكە ئامراق ئىدى. wSV[nK v}[KVwse D (qT$# زۇلۇم زۇلۇمدىن تۆۋەن يەنى خىلمۇ – خىل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا Q'~;RE%T 30- ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد دىن پەيغەمبەر دىن ئېيتتى: ئول ۋەقتىكى نازىل بولۇپ ئىدى وَلَمْ يَلْبِسُواْ إِيمَانَھُم بِئُلْمٍ ( ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانلىرىنى شېرىككە ئارىلاشتۇرمىغان كىشىلەرگە ئازابتىن ئەمىن بولۇش مەنسۇپتۇر) {سۈرە ئەنئام 82- ئايەت } رەسۇلۇللاھ نىڭ ئەسھابلەرى ئېيتتىلەر: قايسىمىز زۇلۇم قىلمىدى؟ . ئاندىن نازىل قىلدى اللھ إِنَّ الشِّرْكَ لَئُلْمٌ ىَئِيمٌ ‹‹ تەھقىق شېرىك كەلتۇرۇش چوڭ زۇلۇمدۇر›› {لوقمان 13 – ئايەت } يەنى بۇ يەردىكى زۇلۇمدىن شېرىك مۇرادۇر. s3kh (N i8HSYA مۇناپىقنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا vn}Vb+@R 31- ئەبۇ ھۇرەيرە دىن پەيغەمبەر دىن ئېيتتى : مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچدۇر. سۆز قىلسا يالغان ئېيتىدۇ. ۋە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپ قىلىدۇ. ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ. <;9vwSH> 32- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دىن پەيغەمبەر ئېيتتى: تۆت تۈرلى خىسلەت بار كىمىكى ئۇنىڭدا تۆت خىسلەت بولسا پۇتۇن مۇناپىق بولىدۇ. ۋە بىر كېشىكى تۆت خىسلەتتىن بىرى بولسا ئۇنىڭدا نىفاقتىن بىر خىسلەت بولىدۇ ھەتتا ئۇنى تەرك قىلغۇچىلىك. ئىشەنچ قىلىنسا خىيانەت قىلىدۇ. سۆز قىلسا يالغان سۆز قىلىدۇ. ئەھدى قىلسا بۇزىدۇ. خۇسۇمەت قىلسا ئەپسانە گەپ قىلىدۇ. oF,8j1 nsgNIE{>gO شىبىى قەدىر ئىماندىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا 0HxF#SlKM 33- ئەبۇ ھۇرەيرە دىن ئېيتتى : رەسۇلۇللاھ ئېيتتى: ئىمان كەلتۈرۈپ ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىپ شىبى قەدىردە بىدار بولغان كىشىگە ئۇنىڭ ئۆتكەن گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. U7x}p^B9\N جىھاد ئىماندىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا 5& |