باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       392 
  •    ئىنكاس 
       3 

ياشلار ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى

قەۋەت ئاتلاش
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1426 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   71280 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7753 (قېتم)
 تۆھپە:   7658  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5334
 سائەت
دەرىجىسى:
5334 سائەت 266 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2012-05-13

                                                                                      ياشلار ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى 2>f3n W  
!e+Sa{X  
~*`wRiUhis  
(%G>TV  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! {fY(zHC  
ياشلار ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى #A:^XAU1Z@  
ياشلىق- ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا ھاياتىدىكى ئەڭ نازۇك مەزگىلى. ئۇ ئالدى بىلەن كىشىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ تۇراقلىشىشىقا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىنسان ئەقىلنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە پىكىر قىلىش شەكلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كائىناتنىڭ قانۇنيىتىنى بارا- بارا تونۇپ يېتىشكە، دۇنيا، ئالەم، جەمئىيەت، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا جانلىقلار ھەققىدىكى ئاددىي تونۇشى تەدىرجىي تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. }4Q3S1|U  
!/1 ~  
كىشى ياشلىق مەزگىلىدە اللە تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان بەدەن ۋە روھنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى پەرق ئېتىشكە باشلايدۇ. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىنىمىز بۇ مەزگىلنى شەخسنىڭ دىنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلاش چېغى دەپ قارايدۇ. بۇ، كىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردە ئەركىنلىككە ئېرىشىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن كېيىن، بۇ ياش دىنىمىزنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشى، ياخشى بىلەن يامان ئوتتۇرىسىدا ئۆزى مۇستەقىل قارار چىقىرالايدىغان بولۇشى كېرەك. 5f75r  
$4kbOqn4  
ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەر- بىر مەزگىلىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلىرى بولىدۇ. يامانلىق قىلىشقا شارائىت بار تۇرۇپ قىلماسلىق ياخشىلىقنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ. اللە بۇ دۇنيادا ئىنسانغا تۈرلۈك- تۈمەن تاللاش ئىمكانىيەتلىرىنى بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ياخشىلىرىنى تاللاش ئەڭ مۇھىم. بىر ئىنساننىڭ يامانلىق قىلىشقا كۈچى يېتىپ تۇرۇپ، ياخشىلىق قىلىشنى تاللىشىنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن دىنىمىزنىڭ مەنبەسى بولغان قۇرئان ۋە سۈننەت ياشلىقنى ئالاھىدە مەدھىيىلىگەن ۋە ياشلىقتا قىلىنغان ئىبادەت، ياخشىلىق، دۇئا ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ھاياتنىڭ باشقا مەزگىلىدە قىلىنغان ئوخشاش ئىبادەتلەردىن ئۈستۈن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. mS.!lkV  
(e9hp2m  
ياشلىقنىڭ باشقا بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، بەزىبىر كېسەللىك، خۇمار ۋە يامان ئادەتلەرنى تېزلا يۇقتۇرۇۋېلىشقا مايىللىقىدۇر. ياشلار ھاراق، زەھەرلىك چېكىملىك، قىمار ۋە باشقا يامان ئىشلارغا ئوخشاش دىنىمىز چەكلىگەن قىلمىشلارغا بەكرەك يېقىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر كىشى ياش ۋاقتىدا بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزەلمىسە، ئۇ ھالدا ئۆمۈر بويى بۇنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. I]~s{I(EK  
9QkssI  
ياشلار بەزىدە جەمئىيەتنىڭ ئەنئەنىۋىي تۈزۈلمىسى، ئائىلە قۇرۇلمىسى ۋە قېلىپلاشقان سىستېملار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئەجداد ۋە ئەۋلاد ئارىسىدىكى سۈركۈلۈشلەر، چەتكە قېقىلىش ۋە ئىسيانكارلىق قاتارلىق ئالامەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. "AIS6%,  
Ey_mK\'  
بۇنداق مۇھىتتا دۇنيادىكى تەبىئىي قۇرۇلما ۋە دىنىي سىستېمىغا قارشى چىقىدىغان چۈشكۈن ئېقىملار، ساتانىستلىق ( شەيتانغا چوقۇنۇش ) قا ئوخشاش ھەرىكەتلەر ياشلارنىڭ پىكىر دۇنياسىنى ئىشغال قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئېقىملارنىڭ مەقسىدى، دۇنيانى ياشلارغا قاراڭغۇ زىندانغا ئوخشاش كۆرسىتىپ، ئۇلارنى مەنىسىز توقۇنۇش، جېدەل- ماجىرا ۋە چۈشكۈنلۈك قاينىمىغا سۆرەپ ئېلىپ كىرىشتۇر. بۇنىڭ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئالامىتى بولسا، بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىدۇر. بۇ بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ياشلار ھايات مۇساپىسىنىڭ ئەڭ نازۇك ۋە ھالقىلىق بۇ مەزگىلىدە قارىماققا ئىنتايىن جۇشقۇن، ھاياتى كۈچكە تولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىچكى دۇنيالىرى تولىمۇ نازۇك بولىدۇ. 5^Lbc.h  
ke'OT>8  
بەزى مۇتەخەسىسلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ۋە ياشلىق مەزگىلىنى ئايرىم- ئايرىم ئىككى تەتقىقات تېمىسى قىلىپ، مەسىللەرنى بۇنىڭغا قارىتا يېشىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە. دىنىمىزمۇ بۇ نوقتىدا بالىلىقتىن ياشلىققا قەدەم قويۇشقىچە بولغان بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىنى بىر '' كۆۋرۈك " دەپ قاراپ كەلگەن. fJi?~[5<  
XLm@, A[  
ئىنسانلار ياشلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولغان بالاغەتكە يېتىش چېغىدا روھى ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. كىشى بالىلىق مەزگىلىدە ھېچ بولۇپ باقمىغان بۇ ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا تېڭىرقايدۇ. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئىنسان ئالدى بىلەن ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى دەڭسەپ باقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھاياتتا ئۆزىگە يېڭى پۇرسەت ۋە مەسئۇلىيەت يارتىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشى بۇ مەزگىلدە يەنە ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلارنى ئۆگىنىشكە مايىل بولىدۇ. U"Z %_[*  
<q|eG\01S  
بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە جىسمانىي جەھەتتە يۈز بېرىدىغان بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن، كىشى ئىنتايىن سەزگۈر ۋە تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسان بۇ مەزگىلدە كېلەچەك ھاياتى ھەققىدە ھەل قىلغۇچ قارارلارنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ئەندىشە ۋە ئىزتىراپ بىلەن تولغان، شۇنداقلا گۈزەللىكلىرىمۇ بولغان بىر مەزگىلدۇر. /ZSdY_%s  
ياشلار ئىنسانلاردا بولىدىغان بەزى ئاددىي تۇيغۇلارنىمۇ « ئەڭ » لەردە ياشاشقا مايىل بولىدۇ. بەزىدە خوشاللىقتىن قىن- قىنىغا پاتماي قالسا، بەزىدە چۈشكشن ۋە پەرىشان بولۇپ قالىدۇ. بۇ روھى ھالەت ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى كىشلەرگە، ئائىلىسى ۋە مەكتىپىگە قارىتىلغان بولىدۇ. ئائىلە بەزىدە ئۇنىڭغا ئىللىق بىر بۆشۈك بولسا، بەزىدە روھىنى بوغىدىغان نەپرەتلىك بىر يەرگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ياشلار ئىچكى دۇنياسى بىلەن تاشقى دۇنيا ئارىسىدا قالىدۇ ۋە چىقىش يولى تاپالمايدۇ. Ki3 wqY  
U9RpHh`  
يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ ھەممىسى ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ئىزدەش، كىملىكىنى بىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ياشلار بارا- بارا ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. ئائىلىنى چۈشىنىشتە پېشقەدەملەر بىلەن توقۇنۇش، جەمئىيەتنى چۈشىنىشتە ئىسيانكارلىق، دىن، سىياسىي پىكىرلەر، مودا ئېقىملارنى چۈشىنىشتە بولسا، ئەكسىچە يول تۇتۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. dr4m}v.  
n\YWWW[wf  
ياشلارنىڭ بۇ ھالەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ياشلىق مەزگىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى ئىگەللىشى زۆرۈر. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ياشلارنىڭ بۇخىل تېڭىرقاش ۋە ئىسيانكار روھى ھالىتى، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت ھەممە نەرسىگە قارشى چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ساھەسىدە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مېتود، پىكىر ۋە ئەركىنلىك بېرىلمەسلىكىدىن بولىدۇ. تەلەپلىرى قاندۇرۇلغان ئەھۋال ئاستىدا، ياشلار نورمال تەرتىپكە ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ. %W$?*Tm  
;[-y>qU0  
ياشلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنىدۇ. ئەركىنلىككە ئىنتىلىش بەزىدە ئۇلارنى ھاڭنىڭ لېۋىگە ئاپىرىپ قويىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئەلۋەتتە ھەممىدىن بەك ئاتا- ئانىنى ئەندىشىگە سالىدۇ ۋە ئاتا- ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يىرىكلەشتۈرىدۇ. بۇ دەل بىز: «ئەجداد بىلەن ئەۋلاد توقۇنۇشى» دەپ ئاتىغان ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ توقۇنۇش زورىيىپ كەتسە، جەمئىيەتكە جىددىي تەھدىت ئېلىپ كېلىسۇ. شۇڭا ئائىلە، مەكتەپ، مەسجىد ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئورۇنلار ياشلارنى بۇخىل  خەتەردىن قوغداشقا كۈچ چىقىرىشى ۋە ئۇلارغا ماس كېلىدىغان ئۇسۇل ۋە مېتودلارنى تېپىپ چىقىپ، ئاڭلىق يوسۇندا قوبۇل قىلدۇرۇشى كېرەك. ئەگەر بەزىلىرىدە بۇ خىل روھى ھالەت ئېغىرلاپ كەتكەن بولسا، مۇتەجەسسىسلەرنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىش كېرەك. ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ بەزىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش، ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىغا زوراۋانلىق قىلىشقىچە بېرىپ يېتىدىغانلىقى ھەقىقەتتۇر. ;p)fW/<  
+' ?axv6e  
manba :yulghun tori #'kVW{  

ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
MAZLUM
arman-taxkin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.143

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   547 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16473 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1389 (قېتم)
 تۆھپە:   1324  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4336
 سائەت
دەرىجىسى:
4336 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-13
ئاخــىرقىسى:2012-03-29
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-20

بۇ تىمىنى ئۇقۇپ خىلى كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بۇلدۇم ، تەربىيۋى ئەھمىيتى بار تىما يۇللىغىنىڭىزغا رەھمەت قىرىندىشىم .
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بۇلسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن ~  
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1426 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   71280 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7753 (قېتم)
 تۆھپە:   7658  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5334
 سائەت
دەرىجىسى:
5334 سائەت 266 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2012-05-13
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-20

اللە خالىسا.....................
MAZLUM
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى