باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       430 
  •    ئىنكاس 
       2 

رەھمەت ۋە ئادالىتى ئالەمشۇمۇل بولغان ئىسلام

قەۋەت ئاتلاش
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1426 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   71280 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7753 (قېتم)
 تۆھپە:   7658  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5325
 سائەت
دەرىجىسى:
5325 سائەت 275 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2012-05-12

  - q9m@!L  
رەھمەت ۋە ئادالىتى ئالەمشۇمۇل بولغان ئىسلام yw:%)b{  
  7L/LlO/  
  zQ:nL*X'Z"  
ئىسلام فىترىي ۋە ئومۈمىي بىر دىندۇر. ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىدىغان؛ ھوزۇر ۋە ئامانلىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئاساسلارغا ئىگە. ئۇ ئىنسانىيەتكە تەلىم بەرگەن مۇقەددەس پرىنسىپلەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇچاقلايدۇ؛ بارلىق زامان ۋە ماكانلارنى ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەتنى ھوزۇر ۋە سائادەتكە ئېلىپ بارىدىغان بۇ مۇقەددەس پرىنسىپلىرى زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن كونىراپ قالمايدۇ، ئۇپرىمايدۇ، قىممىتىنى يوقاتمايدۇ، ھېچبىر زامان ۋە ھېچبىر دەۋردە كېرەكسىز بولۇپ قالمايدۇ. *G*VY#L  
  %pWJ2J@  
قۇرئان كەرىم بىلدۈرگەن بۇ ھايات بەخش ئاساسلار - ئەمرى پەرمانلار ئومۇمىي ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، تىنچ ئامان ۋە ھوزۇر ئىچىدە ياشاشنى خالايدىغان شەخس ۋە جەمئىيەتلەر بۇ ئاساسلارنى قوبۇل قىلىپ ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈر بولغانلىقىنى ئۆزلىگىدىن ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ ئامانلىق ۋە ھوزرۇلۇق بىر ھاياتقا ئېرىشىشى؛ ھەقىقىي مەنىدە مەدەنىيەتلىك بولۇشى پەقەت مۇشۇ مۇقەددەس ئاساسلارغا رىئايە قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ئاساسلارنى كۆزگە ئىلمەسلىك جامائەتلەر ۋە مىللەتلەر ئۇچۈن چوڭ پالاكەتلەرنىڭ سەۋەبىدۇر. cXt&k  
  9$U>St  
ئىسلام بارلىق زامان ۋە ماكانلارغا شامىل بولغان؛ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىھتىياجلىرىنى قامداپ، دەردلىرىگە دەرمان بولغان ئىكەن، بۇ دىن ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن ۋە ئىنسانلاردىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىجتىمائىي ئاساسلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟ @I1*b>X~<  
  X ]&`"Z]  
ئىسلامنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى مۇنۇ ئۈچ چوڭ ئاساسقا تايىنىدۇ: n(z$u)Y  
  GCQOjqiR  
1- ئادالەت. k}kwr[  
  :T6zT3(")D  
2- پەزىلەت. &{WEtaXaa  
  Tf$>^L  
3- مەنپەئەت (يەنى ئىنسانىيەتنىڭ ھەر جەھەتتىكى پايدىسى) tIBEja^l  
  biV|W@JM  
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەبلىغى ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسلىرى دىققەت نەزىرىگە ئېلىنسا، بۈگۈنكى بەختسىز ئىنسانىيەت ئىزدەۋاتقان سائادەت ئاساسلىرىنىڭ مانا مۇشۇ بولغانلىقى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلىدۇ. <;b  
  9p02K@wkD  
ئىسلام ئىنسانىيەكە سۇنغان ۋە ئىنسانىيەتنى ئۇنىڭغا رىئايەت قىلىشقا بۇيرۇغان قائىدىلەرنىڭ خۇلاسىسى بۇ ئۈچ چوڭ ئاساستۇر. |QH )A  
  Y'6P ~C;v  
بۇ ئاساسلارنىڭ بىرىنجىسى ئادالەتتۇر. ئىسلامنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. ئادالەت بولمىغان يەردە ئىسلامدىن گەپ قىلغىلى بولمايدۇ. قەيەردە ئىسلام بولسا ئۇ يەردە ھەق ۋە ئادالەت ھۆكۈمراندۇر. مۇسۇلمان، كىشىنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ زىيىنىغا بولغان تەقدىردىمۇ، ئادالەت بىلەن ئىش قىلىشقا مەجبۇردۇر. بۇ ئىنسانلىق ۋە ھايات قائىدىسىدۇر. ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كىشى شەخشى ھاياتىدا ۋە باشقا ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىدە، رەسمىي ياكى خۇسۇسىي بارلىق ئىشلىرىدا ئادالەت پرىنسىپىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەل قىلىشقا مەجبۇردۇر. مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە مۇھىتىنى مۇشۇ ئاساسقا كۆندۈرۈشى ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي مەجبۇرىيەتتۇر. xr)m8H  
  WIwGw%_~  
قۇرئان كەرىم نۇرغۇن ئايىتىدە بۇ ئاساسنى ئىنسانلارغا ئېلان قىلماقتا ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئاساسقا ئەمەل قىلىشىنى ئەمرى قىلماقتا. نەھل سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش - ئەقرىبالارغا سىلە - رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز - ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند - نەسىھەت قىلىدۇ.») سۈرە نەھل: 90- ئايەت. ( 6l>016 x  
  K,HR=5  
ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى ئىسلام دىنىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئومۇمىي ئايەتلەردىن بىرى دەپ قارايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ھوزۇر ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن بۇ دەستۇرنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك ئىكەنلىكى ئوچۇق - ئاشكارىدۇر. 7 Uu  
  rlDJHR6  
ئىككىنچى ئاساس: پەزىلەت. yF&?gPh&  
  9c@\-Z'  
ئىسلام دىنى ۋە شەرىئىتى پەزىلەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. چۈنكى ئۇ مەيلىي ئىنسانىي بارلىق مۇئامىلىلەردە مەيلى ئەخلاقىي قائىدىلىرىدە بولمىسۇن، پۈتكۈل ئىنسانلارغا قارىتا پەزىلەت ئاساسلىرىغا ئەمەل قىلىشنى بۇيرۇيدۇ ۋە بۇ پەزىلەت ئاساسلىرىنى بارلىق ئىنسانلارغا ئومۇمىي قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ رەڭگى، مىللىتى ۋە ئىرقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى مەملىكەت ياكى قايسى قىتئەگە مەنسۇپ بولغانلىقىغا قارىماستىن، پۈتكۈل دۇنيانى ئەخلاقىي پەزىلەتلەر ئىچىگە ئالىدۇ. ساغلام ئەقىل ئىختىيارسىز قوبۇل قىلىدىغان بارلىق ئەخلاقىي پەزىلەت پرىنسىپلىرى ئىسلام بۇيرۇيدىغان ئاساسلاردۇر. ئىنسان ھەممە يەردە ئادالەت پرىنسىپىغا باغلىق بولغاندەك، پەزىلەت ئاساسلىرىغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلغاندۇر. ئىسلام ئىنسانلارغا تەلىم بەرگەن ئىككىنچى ئاساس مانا مۇشۇدۇر. ;%i.@@:IQ  
  \?.M1a[  
ھەقىقەتەن ئىسلام ئادالەتلىك قانۇن - تۈزۈم دىنىدۇر. ئۇ ھەر يەردە، ھەر زامان ۋە ھەر ئىشتا ئادالەتنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ قانۇنلار ۋە بۇ ئادالەت پرىنسىپلىرى ئەينى ۋاقتىدا پەزىلەت ئاساسلىرىغا ئۇيغۇندۇر. ئىسلامنىڭ ئادالىتىدە پەزىلەت قائىدىسىگە زىت كېلىدىغان بىرمۇ ھۆكۈم مەۋجۇت ئەمەس. مىسال كەلتۈرۈش لازىم كەلسە، شۇنى بىلىش كېرەككى: مال، جان، ئىپپەت - نومۇس ئىسلام ئادالىتىنىڭ كاپالىتى ئاستىدىدۇر. بۇلارغا زىيانكارلىق ئىلغان كىشى ئىسلام ئادالىتىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. )N&v. w  
  {?'c|\n Li  
شۇنىڭدەك ئىسلام ئېلىپ كەلگەن پەزىلەت پرىنسىپلىرى ئىنسانلارنى مەسخىرە قىلىشنى، ئالداشنى، ئازار بېرىشنى، يالغان سۆزلەشنى، ئىككى يۈزلۈك بولۇشنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يامان قىلىقلارنى قەتئىي مەنئى قىلغان، پەزىلەت ئاساسلىرى ئارقىلىق بۇنداق يامانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغاندۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەن ۋە ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەيدىغان ھەر قانداق كىشى ھەم ئادالەتلىك ۋە ھەم پەزىلەتلىك ئادەم بولۇشى لازىم. ئەكسى تەقدىردە ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقى قۇرۇق داۋا بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى ئاساسقا ئۇيغۇن ھالدا ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەم دىنىي ۋە ھەم ئىنسانىي بىر مەجبۇرىيەتتۇر. پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ مۇشۇنداق بولۇشى لازىم. Vt," 5c  
  thSo,uGlW  
ئۈچىنچى ئاساس: AfW9;{j&I  
  hG!"e4  
ئىسلام ئېلىپ كەلگەن ھۆكۈملەر تايىنىدىغان چوڭ ئاساسلارنىڭ ئۈچۈنچىسى ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقى ۋە مەنپەئىتىدۇر. ئىسلامنىڭ تەشرىئىي ھۆكۈملىرىدە ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتلىرىنىڭ ئاساس بولغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بىر نەرسە ياخشى ۋە پايدىلىق بولسا، ئۇ ئىسلامدا بۇيرۇلغاندۇر. بىر نەرسە زىيانلىق بولسا ئۇ مەنئىي قىلىنغان - ھارام قىلىنغاندۇر. ياخشىلىقى كۆپ، زىيىنى ئاز نەرسىلەر بۇيرۇلغان ۋە زىيىنى كۆپ پايدىسى ئاز نەرسىلەر چەكلەنگەن. ھېچقانداق پايدا - زىيىنى بولمىغان ياكى ھەر ئىككىسى تەڭ بولغان نەرسىلەر ئىنسانلارنىڭ ئىختىيارىغا قويۇلغاندۇر. قۇرئان ۋە سۈننەت بۇيرۇغان، ئىنسانلارغا «قىلىڭلار ياكى قىلماڭلار» دەپ بىلدۈرگەن بارلىق ھۆكۈملەردە ئىنسانلارنىڭ پايدا - مەنپەئەتلىرى ئاساستۇر. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بىر قىسىم ئىنسانلار بۇ ھۆكۈملەردىكى ياكى بۇ ھۆكۈملەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاساسلاردىكى ياخشىلىقنى، پايدا - مەنپەئەتنى بىلەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. S}*%l)vfR  
  G(~"Zt}?  
مەسىلەن: ئىسلام دىنى «زۆرۈراتى خەمسە» دەپ ئاتىلىدىغان دىن، مال، ئىپپەت، جان ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت بولغان بەش ئاساسنى قوغداشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئىسلام ئىنسانلارنىڭ دىنغا ۋە دۇنياغا ئائىت ياخشىلىقىنى ۋە پايدىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى قوغداشنىڭ ھېكمەت ۋە غايىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ بۇ بەش نەرسىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئايەت - ھەدىسلەر ۋە كۇللىي قائىدىلەر بۇ ھەقىقەتنى ئوچۇق ئاشكارا كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش نەرسىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى شەخسنىڭمۇ ۋە جەمئىيەتنىڭمۇ ھوزۇر ۋە سائادەتلىرىنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن جەمئىيەتلەرنىڭ ھوزۇرلۇق بىر ھاياتقا ئېرىشىشى ئىمكانسىزدۇر. V<!E9/4rS  
  _,4f z(  
ھەرقانداق بىر مىللەتتە ۋە جەمئىيەتتە ھەقىقىي مەدەنىيەتنىڭ بارلىقى، شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ پاراۋان ۋە ھوزۇرلۇق ھايات كەچۈرۈشى بۇ بەش ئاساسنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا باغلىق. بۇلارنىڭ بىرى ۋە يا بىر نەچچىسى ئېھمال قىلىنسا، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىنى پالەچ قىلىدۇ، زوراۋانلىققا يول ئاچىدۇ. بۇنداق جەمئىيەت ئۇلى چۈرۈپ كەتكەن بىر بىناغا ئوخشاپ قالىدۇ ۋە يىقىلىپ يوق بولۇشقا مەھكۇمدۇر. ou@ P#:<B  
  ^\<1Y''  
ئەسلىدە بارلىق مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتلەر بۇ بەش ئاساسنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار بۇ ھەقتە گويا ئىتتىپاقلىشىۋالغاندەك ھەممىسى ئوخشاش قارايدۇ. پۈتكۈل جەمئىيەتلەر دىن، ئەقىل، جان، مال ۋە ئىپپەتنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھەم پىكىر. جەمئىيەتلەر بۇ ئاساسلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ھوزۇرى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارايدۇ. |3MqAvPJ  
  3RP}lb  
يېقىنقى زامانلاردا ماددىچى، ئىنكارچى پىكىرلەرنىڭ دۇنيادا بەزىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى بۇ بەش ئاساسنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانغا ۋە ھاياتقا قاراشلىرى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە جەمئىيەت ھاياتىدىكى ئىجرائاتلىرى بۇ بەش ئاساسنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوچۇق ۋە قەتئىي بىر شەكىلدە ھېس قىلدۇردى. دىننى ئىنكار قىلىش بىلەن ھەممە نەرسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى داۋا قىلىدىغان بۇ ماددىچىلارنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا سالغان زۇلۇملىرى، دىن ھەقىقىتىگە قارشى بولغان جەمئىيەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتنى قانچىلىك قورقۇنۇشلۇق زىيانلارغا ئۇچراتماقچى بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. {^bs}($J  
  Bk 1Q.Un  
بۇنداق جەمئىيەتلەردە ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن ھەقىقىي بەختلىك، دۇنياۋى ئەندىشىلەردىن خاتىرجەم، ھوزۇرلۇق بىر كىشى كۆرۈش - تېپىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ مۇھىتتا ھەر كىشى خەۋپ - ئەندىشە ئىچىدە، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھايات كەچۈرۈش بەختىيارلىقىدىن مەھرۇم ۋە ياشاش ئۈچۈن بۇزۇق پىكىرنىڭ مەجبۇرى بەندىسى بولۇشقا مەھكۇمدۇر. چۈنكى ئىنكارچى - ماددىچى پىكىردە ساغلام ئەقىل ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى - مەنبىئىي يوق سانالغان ۋە يىقىتىلغاندۇر. xXu/CGzG  
  94F9f^ L  
      @fbB3  
«جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى خەتەرگە ئۇچرىتىۋاتقان ئامىللار» ناملىق تۈركچە كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى. (y AQm pp  
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز   J+LFzl07q  
  b#.hw2?a`  
   J%;TK6  
Manba:sajiye Tori
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
MAZLUM
pakkalip
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   918 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21620 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2204 (قېتم)
 تۆھپە:   2164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2637
 سائەت
دەرىجىسى:
2637 سائەت 113 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-10
ئاخــىرقىسى:2011-12-24
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-13

ياخشى تىمىكەن رەھمەت.
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت!!!!!!!!
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1426 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   71280 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7753 (قېتم)
 تۆھپە:   7658  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5325
 سائەت
دەرىجىسى:
5325 سائەت 275 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-14

ئەرزىدۇ .چۈنكى ئاللاەنى ماختاش ئازلىق كېلىدۇ .......
MAZLUM
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى