باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       534 
  •    ئىنكاس 
       5 

قۇربان ھېيتتا قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار قايسى؟

قەۋەت ئاتلاش
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1426 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   71280 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7753 (قېتم)
 تۆھپە:   7658  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5325
 سائەت
دەرىجىسى:
5325 سائەت 275 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2012-05-12

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم X=Y>9  
d m83YCdL  
o2y#Yk  
q>a/',m  
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن. xtS0D^  
V,3$>4x  
{<^PYN>`  
4[LzjC  
ھېيت دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ قايتا ۋە تەكرار كېلىشنى بىلدۈرىدۇ. ھېيتمۇ ھەر يىلى بىر قېتىم كېلىپ شادلىق، خوشاللىق تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ. ھەر بىر مىللەتنىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتلەردە تەبرىكلەيدىغان ھېيت-ئايەملىرى بولىدۇ، بۇ بارلىق ئىنسانلار جەمئىيەتلىرىدە بار ئەنئەنە، چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى مەلۇم مۇناسىۋەتلىك كۈنلەردە توپلۇشۇپ خوشال-خورام ۋاقىت كەچۈرۈشنى ياقتۇرىدۇ. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر تەكرارلىنىدىغان ھېيتى روزا ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەتتۇر. مۇسۇلمانلار بۇ ھېيتلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشى، روھىنى ھېس قىلىشى، بۇ مۇناسىۋەتنى پۇرسەت بىلىپ توغرا پايدىلىنىشى كېرەك، چۈنكى بۇ دىنىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇسۇلمانلار تەنتەنە قىلىدىغان يىللىق ئالاھىدە مۇناسىۋەتتۇر. ~F]If\b  
r`=!4vY2  
مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت-ئايەملىرى يىللىق دەم ئېلىش مۇناسىۋىتىلا بولماستىن، بەلكى شەخس ۋە جەمىيەتنىڭ ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان شادلىق ۋە خەير-ساخاۋەت، بەرىكەت، ئىبادەت مۇناسىۋىتىدۇر. روزا ھېيت ئىسلامنىڭ رۇكنىلىرىدىن بىرى بولغان روزا تۇتۇشقا چېتىشلىق بولسا، قۇربان ھېيت ئىسلامنىڭ باشقا بىر رۇكنى بولغان ھەج پائالىيىتىگە، قۇربانلىق قىلىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش، سەدىقە قىلىش قاتارلىق پەزىلەتلىك ئىبادەتلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتتە مۇسۇلمان كىشى جانابى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك خەيرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا تىرىشىدۇ. CbRl/ 68HY  
FBK6{rLMc  
بىز تۆۋەندە بۇ ئۇلۇغ ئايەمگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى:   @Nt$B'+S&  
?)#}Nj<R  
VFwp .1oa!  
G8oOFBQD  
1. مۇسۇلمانلار ھېيت-ئايەملىرىدە باشقىلاردىن ئايرىلىپ تۇرىشى كېرەك. t@EHhiBz  
ZMXIKN9BF#  
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئى ئەبۇ بەكىر! ھەرقانداق بىر قەۋمنىڭ ھېيت-ئايىمى بولىدۇ، بۇ بولسا بىزنىڭ ھېيتىمىزدۇر».(سەھىھەين: بۇخارى: 952-ھەدىس. مۇسلىم: 892-ھەدىس) YTpO4bX  
q.>{d%?  
بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار ھېيت-ئايەم تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە باشقا يات مىللەتلەردىن ئايرىم ۋە ئالاھىدە بولۇشى، كىيىم كېيىشتە، ياسىنىشتا، يېمەك-ئىچمەكتە ۋە خوشاللىق ئىزھار قىلىش قاتارلىق بارلىق جەھەتلەردە يات مىللەتلەرنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى تەبرىكلىمەسلىكى ۋە ئۇلارغا قېتىلماسلىقى كېرەك. كىچىك بالىلارنىمۇ باشقىلارنىڭ ھېيتلىرىغا قاتناشتۇرماسلىق كېرەك. `PR)7}/<  
O=Py XOf  
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە مەدىنىلىكلەرنىڭ ئويۇن-تاماشا قىلىدىغان ئىككى بايرام كۈنى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا:«ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقنى ئالماشتۇرۇپ بەردى: روزا ھېيت كۈنى بىلەن قۇربان ھېيت كۈنى» دېگەن(ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى ۋە ئىبنى ھىببانلار رىۋايەت قىلغان. ئىسنادى سەھىھ). D?3^>h  
zviEk/:zm  
ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن: مۇشرىكلارنىڭ بايراملىرىدا خوشاللىق ئىزھار قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشنىڭ مەكروھلىقى ئېلىنغان". (فەتھۇل بارى 2/442) _fu?,  
s1xl*lKX%  
c3&;Y0SD  
YULIy-W  
مۇسۇلمانلار جەمىيىتى مۇشۇ ئىككى ھېيتقا ئوخشىغان مۇناسىۋەتلەردە ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى، ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ،  بۇ مۇناسىۋەتلەر مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. I]|X6  
^-9g_5  
   xn'&TQo0  
F/FUKXxx  
2. ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇش ھارام. v&p|9C@  
60B6~@]P  
چۈنكى بۇ يەپ-ئىچىش ۋە كۆڭۇل ئېچىش كۈنلىرىدۇر. {2EIvKu3:  
nm)H\i  
ھەكىيم ئىبنى ئەبۇ ھۈررە ئەلئەسلەمىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ھەر كۈنى روزا تۇتىمەن، دەپ نەزر قىلىۋالغان ۋە ئۇ كۈن قۇربان ھېيت ياكى روزا ھېيت كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان بىر كىشى توغرىلىق سورالغاندا، ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: (سىلەرگە رەسۇلۇللاھتا ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگە بار ئىدى.)( ئەھزاب سۈرىسى 21-ئايەت.) ئۇ قۇربان ھېيت ياكى روزا ھېيت كۈنى روزا تۇتمايتتى، ئۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشنى دۇرۇس دەپمۇ قارىمايتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 6705-ھەدىس) tONX<rA|]  
1 PL2[_2:  
زۇھرىي ئىبنى ئەزھەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇ ئۇبەيدتىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ قۇربان ھېيت كۈنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە بولغان ئىدى. ئۇ ھېيىت نامىزىنى خۇتبىدىن بۇرۇن ئوقۇدى، ئاندىن جامائەتكە خۇتبە سۆزلەپ: ئى خلايىق! رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىلەرنى بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن، بىرى: روزاڭلاردىن ئېغىز ئاچقان (روزا ھېيت) كۈن، يەنە بىرى: قۇربانلىقىڭلارنى يەيدىغان (قۇربان ھېيت) كۈن، دېدى.(سەھىھەين: بۇخارى: 5571-ھەدىس. مۇسلىم: 1137-ھەدىس) ]W^F!p~eC  
,Jm2|WKH  
ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە بۇ ئىككى كۈننى سۈپەتلەشنىڭ پايدىسى بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتماي ئېغىز ئېچىشنىڭ ۋاجىبلىقىنىڭ ئىللىتىگە ئىشارەت قىلىشتۇر. ئۇ بولسىمۇ: روزا ھېيتتا روزىنى تۇتۇشنى تاماملاپ، ئۇندىن كېيىنكىنى روزىدىن ئايرىش، قۇربان ھېيتتا بولسا، قۇربانلىق قىلىپ بوغۇزلانغان مالدىن يەپ پايدىلىنىشتۇر، چۈنكى ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش يولغا قويۇلسا ئىدى، ئۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىش پايدىسىز بولاتتى. (فەتھۇل بارى 4/239) wldv^n hM  
)k)HQcfjD  
يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا تۇتۇشتىن توسقان.(سەھىھەين: بۇخارى 1991-ھەدىس. مۇسلىم: 1138-ھەدىس). -MEp0  
rC`pTN  
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق ئالىملار بۇ ئىككى كۈندە يا نەزىر ياكى نەپلە ياكى كاپپارەت ياكى باشقا تۈرلۈك روزىنى ھەرقانداق ئەھۋالدا  تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقىدا بىردەك ئىتتىپاققا كېلىپ ئىجمائ قىلغاندۇر".(شەرھى سەھىھى مۇسلىم: 8/15) eh\_;2P  
in-|",O`Z  
 |2<y  
6,wi81F,}  
3. ھېيت نامىزىنى ئوقۇش. m*bTELb  
k4N_Pa$}\  
ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرىغان: (پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن)(ئەلكەۋسەر سۈرىسى). شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ساۋاب ۋە بەرىكەتكە نائىل بولىشى كېرەك. ھېيت نامىزىنى ئوقۇيالمىغان كىشى ئۇنى كېيىن قازا قىلىدۇ. ئاياللارمۇ چىقىپ ھېيت نامىزىغا قاتناشسا سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىمۇ ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىغان. ھەتتا كىيىمى يوقلارنى باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىپ كىيىپ چىقىشقا، ھېيزدارلارنىڭمۇ چىقىپ نېرىراق تۇرۇپ نامازنى كۆرىشىگە ۋە خۇتبە ئاڭلىشىنى بۇيرىغان. بۇمۇ بۇ نامازنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ. }?eO.l{  
91f{qq=#J{  
ھەفسە بىنتى سيرىين رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز ياش قىزلىرىمىزنى ئىككى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن توسايتتۇق. بىر ئايال كېلىپ بەنى خەلەفنىڭ قەسرىگە چۈشكەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ قېشىغا كەلسەم ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئون ئىككى جەڭگە قاتناشقانلىقىنى، ھەمشىرىسىنىڭمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئالتە جەڭگە قاتناشقانلىقىنى ئېيتىپ ھەمشىرىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: بىز جاراھەتلەرنى داۋالاپ كېسەللەرگە قارايتتۇق، مەن رەسۇلۇللاھتىن: يارەسۇلەللاھ! بىرەرىمىزنىڭ پۈركەنجىسى بولمىسا ھېيت نامازلىرىغا چىقمىسىمۇ بولامدۇ؟ دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ: «دوستى ئۇنىڭغا پۈركەنجىلىرىدىن كىيدۇرۇپ قويسۇن، ئۇمۇ ياخشى سورۇنلارغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرىغا ھازىر بولسۇن» دېدى. ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كەلگەندە مەن ئۇنىڭدىن: سىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغانمۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇ: ھەئە، ئاتام پىدا بولسۇن، -ئۇممۇ ئەتىييە قاچانلار رەسۇلۇللاھنى تىلغا ئالسا ئاتام پىدا بولسۇن، دەپ قويىدىغان ئىدى. -مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان بويىغا يېتىپ قالغان قىزلار-ياكى بويىغا يېتىپ قالغان قىزلار ۋە چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان قىز-چوكانلارمۇ-(راۋىيلاردىن ئەييۇب شەك قىلىپ قالغان) ۋە ھەيزدارلار چىقىپ ياخشى سورۇنلارغا، مۇئمىنلەرنىڭ دۇئالىرىغا ھازىر بولسۇن، ھەيزدار ئاياللار ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، دېدى. مەن: ھەيزدار ئاياللارمۇ چىقامدۇ؟ دېسەم. ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ھەيزدار ئاياللار، ئەرەفاتقا، مۇنداق، مۇنداق يەرلەرگە چىقىدىغۇ، دېدى.(سەھىھەين: بۇخارى: 980-ھەدىس. مۇسلىم 890-ھەدىس) kAV4V;ydh  
> J.q3  
ھېيت نامىزىنى كۈن بىر نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندە ئوقۇيدۇ. ئەڭ كەچ بولغاندا كۈن تىكلەشكىچە ئوقۇسا بولىدۇ. ھېيت نامىزى ئىككى رەكئەت بولىدۇ، نامازدىن كېيىن خۈتبە ئوقۇلىدۇ. خۇتبە ئوقۇلىۋاتقاندا ئالدىراش ئىشى بارلار قايتىپ كەتسە بولىدۇ. ھەدىستە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنغان. wI5(`_l{G  
|)No4fm  
V7 OhOLK8  
dz6&TdEl  
4. يۇيۇنۇش. R@df~  
X :#}E7]j  
بارلىق ئالىملار ھېيت نامىزىغا يۇيۇنۇشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان. lNLa:j  
,.HS )<B  
FrsXLUY  
.~a.mT  
5. روزا ھېيتتا ناشتا قىلىۋېتىپ نامازغا مېڭىش، قۇربان ھېيتتا ناشتا قىلماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ ئاندىن قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بىلەن ناشتا قىلىش مۇستەھەب. =B{B ?B"r  
7\AoMk}  
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا ھېيت كۈنى ناشتا قىلماي نامازغا ماڭمايتتى، قۇربان ھېيت كۈنى نامازدىن قايتمىغىچە ناشتا قىلمايتتى»(سۈنەنى تىرمىزى 542-ھەدىس. ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دەپ باھالىغان). ,`ba?O?*G  
%0zp`'3Y  
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەپ ئارتۇق رىۋايەت قىلغان: «نامازدىن قايتىپ قۇربانلىق قويىنىڭ گۆشىدىن يەيتتى».(مۇسنەدى ئەھمەد 23034-ھەدىس.) \Ez&?yb/  
Gb4p "3  
يەنە بىر رىۋايەتتە: «نامازدىن قايتقىنىدا قۇربانلىقىنىڭ جېگىرىدىن يەيتتى» دەپ كەلگەن.(سۈنەنى كوبرا-بەيھەقى 5956-ھەدىس.) #h#_xh'  
dG!)<  
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش چەكلەنگەن بولغاچقا بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن ناشتا قىلىۋېتىش كېرەك. ?^ R"a##  
GF36G?iEi  
On(.(7sNc  
`NQ;|!  
6. ھېيت كۈنىدە تەكبىر ئېيتىش. /vPr^Wv  
tlYB'8bJY  
بۇ قۇربان ھېيتتىكى مۇھىم سۈننەتلەرنىڭ بىرى. بۇ تەكبىر ئۈنلۈك ئېيتىلىدۇ. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت: ئىسلام ئىبادەتلىرىنى جاكارلاش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغۇتۇشتۇر. جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: (مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن) (ھەج سۈرىسى 28-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.) قۇربان ھېيت كۈنىمۇ مۇشۇ مەلۇم كۈنلەرنىڭ بىرىدۇر. )K]<\Q[  
EgRuB@lw76  
"ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىنادىكى چېدىرىدا تەكبىر ئېيتاتتى، بۇنى مەسچىدتىكى جامائەت ئاڭلاپ ئۇلارمۇ تەكبىر ئېيتقىلى تۇراتتى، بازاردىكى كىشىلەرمۇ تەكبىر ئېيتىپ مىنا تەكبىر ئاۋازىدىن تىترەپ كېتەتتى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مىنادا تۇرۇۋاتقان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە مەيلى نامازلاردىن كېيىن بولسۇن، مەيلى ياتقاندا بولسۇن، چىدىرىدا بولسۇن، ئولتۇرغان ۋە ماڭغاندا بولسۇن تەكبىر ئېيتاتتى. مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قۇربانلىق قىلىدىغان (ھېيتنىڭ بىرىنچى) كۈنى تەكبىر ئېيتاتتى. ئاياللار تەشرىيق (قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى) كۈنلىرىنىڭ ھەر كېچىسى مەسجىدتە ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئەبان ئىبنى ئوسمان ۋە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىزلەرگە ئەگىشىپ تەكبىر ئېيتاتتى".(سەھىھۇل بۇخارى: مىنادا تۇرۇۋاتقان كۈنلەردە ۋە ئەتىگەندە ئەرەفاتقا ماڭغاندا تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا دېگەن باب) @cQ|`  
4 g8t  
ئىمام زوھرى رىۋايەت قىلىدۇكى، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگىچە ۋە ئىمام نامازغا چىققۇچە تەكبىر ئېيتىشاتتى، ئىمام ناماز ئوقۇشقا چىقسا جىم بولىشاتتى.(ئىرۋائۇل غالىيل). /PpZ6ne~ [  
^[EXTBk@:  
تەكبىرنى مۇنداق ئېيتىدۇ: «ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللەھىلھەمد»(مۇسەننەفى ئىبنى ئەبى شەيبە 5633-نۇمۇر). gu1n0N`b  
XUK%O8N#9  
6-\C?wA  
F~3 &@TWi  
7. ئۆزئارا تەبرىكلىشىش. XeozRfk%J|  
UO' X"`  
ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىشىش بۇ ھېيتتا قىلىنىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى كۆپ. ساھابىلارمۇ ھېيت كۈنى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تەبرىكلەشكەن. (فەتھۇل بارى 2/446 ئىسنادى ھەسەن). zU#OjvNk  
$]b&3_O$N8  
يەنە بۇ كۈنلەردە سىلە-رەھىم قىلىنىدۇ، كىشىلەر ئۆز-ئارا ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇپ سالاملىشىدۇ. NTSKmCvQG  
cKAZWON8;v  
0>0:ls  
C5oIl_t  
8. ھېيت كۈنىدە چىرايلىق كىيىنىش. B'D 4]EB  
LWP&Si*j  
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى ھېيت ۋە جۈمە كۈنىدە كىيىدىغان بىر تونى بار ئىدى.(سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە 1766-ھەدىس). 2n5{H fpY  
,_yf5 a  
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ھېيت كۈنىدە ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كېيەتتى(ھافىز ئىبنى ھەجەر: بەيھەقى  سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان، دېگەن). 610hw376B  
L}%4YB  
شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىشى كېرەك. لېكىن ئاياللار زىبۇ-زىننەت بىلەن ياسىنىپ، ئەتىر چېچىپ چىقسا بولمايدۇ، بەلكى تولۇق يۆگىنىپ گىرىم قىلماي چىقىشى، تار ۋە يېرىم يالىڭاچ كىيىم كىيمەسلىكى، ئەرلەرگە سۈركەلمەي ئەرلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. &:*|KxX  
=9vmRh? 8  
cX/ ["AM  
O}_Z"y  
9. ھېيت نامىزىغا بېرىشتا بىر يولدىن بېرىپ باشقا يولدىن قايتىش. 2*1s(Jro  
BpKgUwf;C  
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېيت نامىزىدىن قايتقاندا يولنى ئۆزگەرتەتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 986-ھەدىس) oXkxd3  
D;al(q  
"بۇ ھەدىستىن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان جايغا باشقا-باشقا يولدىن بېرىپ-كېلىشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار شۇنداق قارايدۇ. بۇنىڭدىن ھېكمەت كۆپ مەسىلەن: يوللارمۇ، يوللاردىكى پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇش، ئىسلام پائالىيەتلىرىنى نامايان قىلىش، ئاللاھنىڭ زىكرىنى نامايان قىلىش قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىللىتى بىلىنمىگەن تەقدىردىمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىش لازىم".(ئۇمدەتۇل قارىي 6/307) #wZ:E,R  
GlVD!0  
JOIbxU{U_  
ZrFC#wJb  
10. سەدىقە بېرىشكە بۇيرۇش. 6Hn3  
U/oncC5  
ئەتائ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: گۇۋاھلىق بېرىمەنكى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزۈمنى ئاياللار ئاڭلىيالمىدىمىكىن دەپ بىلال بىلەن ئەرلەر سېپىدىن چىقىپ ئاياللار تەرەپكە كېلىپ ئۇلارغا سۆز قىلىپ ئۇلارنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرىۋىدى. ئاياللار ھالقا ۋە ئۈزۈكلىرىنى تاشلىغىلى، بىلال بولسا كىيىمنىڭ ئېتىكىنى تۇتۇپ يىغقىلى تۇردى.(سەھىھەين: بۇخارى 98-ھەدىس. مۇسلىم 884-ھەدىس) j9za)G-J  
XY8s\DK  
ئىمام نەۋەۋى دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن ئاياللارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىش، ئۇلارغا ئاخىرەتنى، ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئەسلىتىش ۋە ئۇلارنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ".(شەرھى مۇسلىم 6/172) 2 c<Qh=  
mlY0G w_e  
ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرلەر جامائتىگىمۇ سەدىقە توغرىسىدا ۋەز-نەسىھەت قىلغان بولۇشى كېرەك. ھېيت-ئايەم دېگەن شادلىق، خوشاللىق زامانى بولغاچقا، يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىپ ئۇلارنىمۇ خوش قىلغاندىلا ئاندىن ئىنساننىڭ خوشاللىقى مۇكەممەللىشىدۇ، قىلغان خەير-ئېھسانى سەۋەبىدىن ۋىجدانى راھەتلەپ قالىدۇ. cRX0i;zag  
J8$G-~MeJ  
~n84x  
qDO4&NO  
11. ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى- كېيىن نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ. pAYH"Q6~)I  
"2X=i`rTi  
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزى ھېيت نامىزىنى ئىككى رەكئەتلا ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە ھېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى. .(سەھىھەين: بۇخارى 964-ھەدىس. مۇسلىم 890-ھەدىس) W 0Q-&4  
h FP$MFab  
بۇ ئەلۋەتتە مەسجىدتە ئەمەس ئوچۇق مەيداندا ئوقۇسا شۇنداق، ئەمما ھېيت نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇغان ئەھۋالدا ئالدىدا ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ. =8j;!7 p  
UnZ*"%  
=O w}MX  
*"0Yr`)S  
12. قۇربانلىق قىلىش. xUPM-eF=  
b/'fC%o,  
قۇربانلىق قىلىش قۇدرىتى بارلارغا ۋاجىب، بەزىلەر سۈننەت دەپمۇ قارىغان. قۇربانلىق قىلىشنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا كەڭچىللىك قىلىپ نېمەت قىلىپ بەرگەن، ھەمدە بۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ قىلىنىپ كەلگەن سۈننەت. شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ۋە ھېيت-ئايەمنىڭ بىر شۇئارى ۋە ئالامىتى. قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن تارتىپ ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىنىڭ نامازدىگەرگىچە بولىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: "قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى قۇربانلىق كۈنىدىن كېيىنكى ئىككى كۈندۇر".(ئىمام مالىك مۇۋەتتادا رىۋايەت قىلغان.) M'W@K  
e6k}-<W*q  
بەزى ئالىملار ھېيتنىڭ ئۈچىنچى تۆتىنجى كۈنىنىڭ نامازدىگەرگىچە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بوغۇزلىسا قۇربانلىققا ھېساب بولمايدۇ. $.cNY+  k  
N6$pOQ  
قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچ ئۈلۈشكە بۆلىنىدۇ، بىرى ئۆزى ۋە ئۆيدىكىلىرىگە، يەنە بىرى كەمبەغەللەرگە، يەنە بىر ئۈلۈشى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە خوشنىلارغا بېرىلىدۇ. !k||-Q &  
jio1 #&  
بىر ئائىلىدە تۇرىدىغان ئاتا-ئانا ۋە كېلىن قاتارلىقلارغا بىر قوي كۇپايە قىلىدۇ. كالا ۋە تۆگە قۇربانلىق قىلسا يەتتە كىشىگە قەدەر شېرىكلىشىپ قىلسا بولىدۇ. قۇربانلىق قىلىدىغان قوي ئېيىپلاردىن ساغلام بولۇشى شەرت، چۈنكى بۇ ئاللاھقا تەقدىم قىلىنىدىغان ئىبادەت، شۇڭا ئەڭ ساغلام سېمىز ۋە چىرايلىق قوينى تاللايمىز. u1ggLH!U  
j.sxyW?3  
ياش جەھەتتىن ئالتە ئاينى تولدۇرغان سېمىز قوي بولىشى، سېمىز بولمىسا بىر يىلنى تولدۇرغان بولىشى، ئۆچكە بىر يىلنى تولدۇرغان بولىشى، كالا ئىككى يىلنى تولدۇرغان بولىشى، تۆگە بەش يىلنى تولتۇرغان بولىشى شەرت. A<r@,*(g  
z;GnQfYG  
0MF[e3)a  
vO%n~l=  
13. ھېيتتا مۇباھ ئويۇن-تاماشا بىلەن كۆڭۈل ئېچىشقا بولىدۇ. syA*!Up  
h$ DFp  
دىنىمىز ھېيتلارنى شاد-خوراملىق كەيپىياتى بىلەن ئۆتكۈزۈشنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمان كىشىنىڭ شاد-خورام بولۇشى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا باغلىق بولۇپ قالماسلىقى، ھالال دائىرىدە كۆڭلىنى ئاچالايدىغان، شادلىنىشى ئۈچۈن ھارامغا موھتاج بولمايدىغان، تائەت دائىرىسىدە ئويناپ، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ، دۇنيادىمۇ شاد، ئاخىرەتتىمۇ شاد بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. tjBs>w  
~_QZiuq&  
جانابى ئاللاھ دەيدۇ: (ئىيمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خوشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا ئېرىشىدۇ)(رەئد سۈرىسى 29-ئايەت)   4v33{sp  
_Buwz_[&  
ۋەللاھۇ ئەئلەم. $]%;u: Sa  
[!]a'T#x  
!lKO|Y  
A07g@3n  
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ. KoRJ'WW^  
mM!'~{r[-  
mTz %;+|L  
1 !bODd  
2011-11-2 |!E>I  
Py$Q]s?\1  
Zk4Hs%n  
مەنبە:ساجىيە تورى
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
MAZLUM
جىم تۇرماس
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.531

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   350 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6126 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   360 (قېتم)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1844
 سائەت
دەرىجىسى:
1844 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-28
ئاخــىرقىسى:2012-04-14
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-05

allah rahmat kilsun!!!1
دوستتىدىن يامانلىغان ئەقىل يوقلىقى بولسا دوستىنى يامانلاتقانچۇ؟...
pakkalip
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   918 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21620 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2204 (قېتم)
 تۆھپە:   2164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2637
 سائەت
دەرىجىسى:
2637 سائەت 113 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-10
ئاخــىرقىسى:2011-12-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-07

ياخشى تىما يوللاپسىز.
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت!!!!!!!!
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1426 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   71280 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7753 (قېتم)
 تۆھپە:   7658  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5325
 سائەت
دەرىجىسى:
5325 سائەت 275 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-07

Rahmat ayam Mubarak
MAZLUM
zirak727

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4407

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   957 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21089 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2090 (قېتم)
 تۆھپە:   2080  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4106
 سائەت
دەرىجىسى:
4106 سائەت 234 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-03
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-09

ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم بارلىق مۇئمىن -مۇسۇلمانلارنى دۇنيادىن ئىمان بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلغاي،ئاللا رەھمەت قىلسۇن ياخشى تېما يۇللاپسىز
ئابلىمىت
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1426 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   71280 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7753 (قېتم)
 تۆھپە:   7658  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5325
 سائەت
دەرىجىسى:
5325 سائەت 275 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-10

Amin......
MAZLUM
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى