تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 7349|ئىنكاس: 0

يان تېلىفوندىكى 16 خىل ئۇچۇر ئالدامچىلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15
يازما
16
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2008-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2009-4-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-20 03:01:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12315 قوماندانلىق مەركىزى ئېلان قىلغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز – شىكايىتىدىكى ئون قىزىق نۇقتىنىڭ بىرى بولغان يان تېلېفون ئەرز – شىكايىتىدىن قوبۇل قىلىنغان دېلو 22 مىڭ 858 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقى ئەرز – شىكايىتىدىن قوبۇل قىلىنغان دېلو 10 مىڭغا يەتكەن.
ئەگەر يان تېلېفونىڭىز بىرلا قېتىم سايراپ توختاپ قالسا، تېلېفون قايتۇرۇشتا ئېھتىيات قىلىڭ، بۇ بەلكىم ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى ئېلان قىلغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلگەن يان تېلېفوندىكى 16 خىل ئۇچۇر ئالدامچىلىقىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇنىڭدا كۆپ بولغاندا 100 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى ئالداپ كېتىلىدىكەن.
سىز مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز
ۋاسىتە: سىز x يۈەنلىك خاتىرە كومپيۇتېرىغا ئېرىشتىڭىز، مۇكاپات ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش تېلېفونى: .... xxx.
ئەسكەرتمە: گۇماندار قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ياكى سودا سارىيىدا كارتىدىن پۇل خەجلىگەنلىك توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ، ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرىغا ئېرىشىپ، ئارىدىن نەپ ئالىدۇ.
ناخشا تەلەپ قىلغانلىق قىسقا ئۇچۇرى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش
ۋاسىتە: يان تېلېفون نومۇرى…xxx دوستىڭىز ھۇزۇرىڭىزغا ناخشا تەلەپ قىلدى. xx ...9 نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتمە: ئەگەر تېلېفون قايتۇرۇپ ئاڭلىسىڭىز بەش يۈەن سۆزلىشىش ھەققىڭىز تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
ئەرزان باھالىق تاۋارلارنى سېتىش
ۋاسىتە: شىركىتىمىزدە بىر تۈركۈم يېڭى ئەتكەس ئاپتوموبىل بار. سېتىۋېلىشقا قىزىقسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
ئەسكەرتمە: گۇماندار ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرسىڭىز ئاپتوموبىلنى كۆرەلەيسىز، دەپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ.
شياڭگاڭدىن كەلگەن تېلېفون
ۋاسىتە: تېلېفون بىردەم سايراپ توختاپ قالىدۇ. قايتۇرسىڭىز،قارشى تەرەپنىڭ شياڭگاڭدىكى مەلۇم لاتارىيە مەركىزىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكى، سىزنىڭ بۇ ئورۇننىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىڭىز ئەسكەرتىلىپ، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قالدۇرۇلىدۇ.
ئەسكەرتمە: ئەگەر تېلېفون قايتۇرۇپ ئالاقىلەشسىڭىز، ئاتالمىش لاتارىيىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نومۇرنى دەپ بەرگەن ھەققى،چاي پۇلى، ئەزالىق ھەققى تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ، پۇلىڭىزنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.
مېھمانسارايغا ئاممىۋى مۇناسىۋەت خادىمى قوبۇل قىلىمىز
ۋاسىتە: مېھمانسارايغا يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن ئاممىۋى مۇناسىۋەت خادىمى قوبۇل قىلىمىز. ئايلىق ئىش ھەققى 10 مىڭ يۈەن. ئالاقىلەشكۈچى xx .
ئەسكەرتمە: بۇ خىل ئالدامچىلىقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار تېلېفوندا كېلىشكەن مېھمانسارايغا بارغاندا گۇماندار ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئالدانغۇچى يەنە تېلېفون ئۇرغاندا، ئۇنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكى،كۆرسىتىپ بەرگەن ھېسابات نومۇرىغا تەربىيىلەش ھەققى،خىزمەت فورمىسى ھەققى قاتارلىقلارنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىشقا چۈشسە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ.
بانكا نامىدىكى ئالدامچىلىق
ۋاسىتە: بانكىنىڭ ئۇقتۇرۇشى: ھۆرمەتلىك ئابۇنىچى، ھازىر سىزنىڭ ھېسابات كارتىڭىزدىن xx يۈەن خەجلەندى، ئەگەر گۇمانىي قاراشتا بولسىڭىزxxx نومۇر ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ.
ئەسكەرتمە: كارتا ئىگىسى تېلېفون بەرگەندە، گۇماندار ئۆزىنىڭ سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ماسلىشىپ بېرىشىنى ھەم كارتا ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
سۆزلىشىش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئالدامچىلىقى
ۋاسىتە: بۇ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت مەركىزى، سىزنىڭ سۆزلىشىش ھەققىڭىزنى xx يۈەن ئارتۇق ئېلىۋاپتۇق، قايتۇرۇۋېلىشنى خالىسىڭىز xxx نومۇرنى بېسىڭ.
ئەسكەرتمە:سىزنى نومۇر بېسىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق تېلېفونىڭىزدىكى سۆزلىشىش ھەققىنى ئۆزىنىڭ تېلېفونىغا ئاغدۇرۇۋالىدۇ.
يېقىن دوستلارنىڭ تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ئالداش
ۋاسىتە: كەلگەن تېلېفونلارنىڭ نومۇرىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىپ، تېلېفون بېرىدۇ ياكى ئۇچۇر يوللايدۇ. كومپيۇتېردا سىزنىڭ دوستلىرىڭىز بىلەن يېزىشقان قىسقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئالدىن كۆرۈۋالغان بۇ ئالدامچىلارغا ئاسانلا ئالدىنىپ قالىسىز.
ئەسكەرتمە: پەقەت قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون نومۇرىنى كۆرۈپلا قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىگە ھۆكۈم قىلماڭ.
باج قايتۇرۇش ئالدامچىلىقى
ۋاسىتە دۆلەت پۇل مۇئامىلە مالىيە مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلارغا باج قايتۇرۇش سىياسىتىگە ئاساسەن، سىزنىڭ تۇنجى قېتىم سېتىۋالغان ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ بېجى قايتۇرۇلىدىغان بولدى، باج قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتمە : بۇنداق گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغان.
تونۇشلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش
ۋاسىتە: ئاكا مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ...ھازىر قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى، كارتامغا 300 يۈەن ئۇرۇۋەتكەن بولسىڭىز.
ئەسكەرتمە: قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون نومۇرىغا قاراپلا كىملىكىگە ھۆكۈم قىلماي، ئىنچىكە تەكشۈرۈڭ.
بالىڭىزنى گۆرۈگە ئېلىۋالدۇق
ۋاسىتە: بالىڭىزنى گۆرۈگە ئېلىۋالدۇق، دەپ پۇل تەلەپ قىلىدۇ،تېلېفوندا بالىڭىزنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ.
ئەسكەرتمە: ئاۋۋال بالىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سوراڭ، ئەگەر بالىڭىز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلىسىڭىز دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ، ھودۇقۇپ كەتمەي مۇقىم تېلېفون ئارقىلىق بالا تۇرۇشلۇق مەكتەپ ياكى ئورۇنلارغا تېلېفون بېرىپ، بالا تۇرغان ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۇڭ.
سۆزلىشىش ھەققى قويمىچىلىقى
ۋاسىتە: مەن ھازىر سىرتتا كاماندىروپكىدا، يان تېلېفونۇمنىڭ سۆزلىشىش ھەققى ئاز قالدى، ئېغىر كۆرمەي قىممەت تولۇقلاش كارتىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرىنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز. گۇماندار بۇنداق ئۇچۇرنى ئوغرىلانغان يانفوندا ئەۋەتىدىغان بولۇپ، شۇ يان تېلېفوننىڭ تېلېفون دەپتىرىدىكى نومۇرلارغا يۇقىرىقىدەك قىسقا ئۇچۇرلارنى يوللاپ، قىممەت تولۇقلاش مەقسىتىگە يېتىدۇ.
تۇغقىنىڭىز پېشكەللىككە ئۇچرىدى
ۋاسىتە: سىزنىڭ تۇغقىنىڭىز پېشكەللىككە ئۇچراپ ھازىر دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ، دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئوپېراتسىيىگە x يۈەن كېتىدىكەن، پۇلنى xxx ... نومۇرلۇق ھېساب كارتىسىغا ئۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتمە: يان تېلېفون ئىگىسى چوقۇم ئەھۋالنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئايرىپ ئاندىن ئىش كۆرۈشى كېرەك.
مەن كىم
ۋاسىتە: ئاداش قانداق ئەھۋالىڭىز... ئالدىراشمۇ؟ دېگەندەك سۆزلەرنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ، ئۆزىگە تېلېفون قايتۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ.
ئەسكەرتمە: بۇنداق ئۇچۇر كەلگەندە،قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى سوراڭ،ئەگەر سىزنىڭ دوستىڭىزدىن كەلگەن ئۇچۇر بولمىسىلا بۇ ئالدامچىلىق.
تېلېفوننى بىرلا قېتىم سايرىتىپ قويۇش
ۋاسىتە: تېلېفوننى بىرلا قېتىم سايرىتىپ قويىدۇ،تېلېفون قايتۇرسىڭىز تېلېفون قانداقتۇر سۆز قالدۇرىدىغان سىستېمىغا ئۇلىنىدۇ.
ئەسكەرتمە: مەيلى يان تېلېفون، مۇقىم تېلېفون ياكى كىچىك زېرەك بولسۇن ، ناتونۇش تېلېفون نومۇرلىرىغا تېلېفون قايتۇرماسلىق كېرەك، بولۇپمۇ بىرلا قېتىم سايراپ توختاپ قالغان تېلېفون نومۇرلىرىغا قەتئىي تېلېفون قايتۇرماسلىق كېرەك.
ناتونۇش كارتا نومۇرى ئارقىلىق پۇل تەلەپ قىلىش ئالدامچىلىقى
ۋاسىتە: تېزدىن مېنىڭ بانكا ھېسابىمغا پۇل سېلىۋەتكىن، بانكا ھېسابات نومۇرۇم xxx .....
ئەسكەرتمە: تېلېفون نومۇرىغا قاراپلا قارشى تەرەپنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلماي، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتى يېقىندا يۇقىرىقىدەك ئۇسۇلدا ئالدامچىلىق قىلغان ئالدامچىلارنى تۇتتى، ئۇلار بۇنداق ئۇسۇل بىلەن 300 مىڭ يۈەن ئۈندۈرۈۋالغان ئىكەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش