رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ياش ناخشىچىلار بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مۇنبەر ئاڭلىتىشى -> ياش ناخشىچىلار بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

umidwar 2011-05-13 21:42

ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ھەممىڭلارغا شىركىتىمىز ۋە تورىمىز نامىدىن چوڭقۇر سالام يوللايمىز،ئەلكۈيى تورىدىكى زىيارىتىڭلارنىڭ يەنىمۇ مەنىلىك ئىچىدە ئۈتىشگە چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز!
<<بۈگۈنكى ئەلكۈيى ئىكرانى>>ئالاھىدە پروگراممىمىزغا بىز يېڭىدا نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان <<مەن ئۈچۈن>>ناملىق بىر يۈرۈش يېڭى ئىجادىي ناخشا پىلاستىنكىىنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ۋە ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۇراتجان مۇختەر،زامانىۋى ناخشىلار بىلەن خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ،شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ يىتىشىۋاتقان ئارتىسى ئابلىكىم ئابدۇللا ۋە بىر قىسىم ئېلانلار ئارقىلىق بىز بىلەن كۆرۈشۈپ كىلىۋاتقان ياشلاردىن ئەخمەتجان ،مۇيەسسەر قاتارلىق ياشلارنى<<ئەلكۈيى ئىكرانى>>غا تەكلىپ قىلىپ يېڭىدىن تارقىتىلغان <<مەن ئۈچۈن >>ناملىق پىلاستىنكا ھەمدە بۇ ناخشىچىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئويۇشتۇردۇق.بۇ ھەقتىكى زىيارەتكە قىززىقساڭلار نەزىرىڭلار ئەلكۈيى ئىكرانىدا بولسۇن!

بۇ ھەقتىكى ئەلكۈيى ئىكرانى زىيارىتى تەپسىلاتى

 

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى قارلۇق ئۈن-سىن سىتودىيەسى <<ئۈمىد ئۈزمىدىم>> ناملىق ناخشىسى بىلەن كەڭ ياشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، يىتىشىۋاتقان ياش ناخشىچى ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇننىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تىرىشچانلىقى ۋە ئىجادىيىتى نەتىجىسىدە مەيدانغان كەلگەن << مەن ئۈچۈن >> ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ MTVۋە CDنۇسخىسىنى نەشىر قىلىپ بازارغا سالدى،پىلاستىنكىدىكى ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىدا ئېيتىلغان يېڭىچە ئىجادىي ناخشىلار ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى MTVكۆرۈنۈشلىرى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىدۇ ئەلۋەتتە؛ بۇ پىلاستىنكىغا ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ئورۇنلىغان <<مەن ئۈچۈن>>،<<سۆيگەنتىم شۇنچە>>،<<يالغانچى يار>>،<،ئەتلەس كۆينەك>> ..قاتارلىق 12دانە ئەڭ يېڭى ئىجادى ناخشىلار كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ،ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ ئارام كۈنلىرىگە شاتلىق ئېلىپ كىلىش مەقسىتىدە بۈگۈن ئەلكۈيى ناخشا - مۇزىكا ئارامگاھىغا <<مەن ئۈچۈن >>ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىدىكى بارلىق ناخشىلارنى يوللاش بىلەن بىرگە يەنە <<ئەلكۈيى ئىكرانى>> ئالاھىدە پروگراممىسىغا <<مەن ئۈچۈن>>ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى،كەڭ ياشلارنىڭ ناخشىلىرىنىى ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئېرىشكەن يىتىشىۋاتقان ياش ناخشىچى ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ۋە بىر قىسىم سەنئەتكارلار ھەققىدە بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق،بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ۋە باشقا سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىي ھاياتىنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ئىجراسىدىكى <<مەن ئۈچۈن>>ناملىق پىلاستىنكىنى توردىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ،بۇ ئادرېسنى بېسىپ http://music.alkuyi.com ئەلكۈيى تورى ناخشا - مۇزىكا ئارامگاھىدىن ئاڭلاڭ!


زىيارەت جەريانىدىكى بىر قىسىم رەسىملەردىن ئارىيەلەر

ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەكتە

ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار،ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ،مۇراتجان مۇختەر،ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەت ۋە مۇيەسسەر قاتارلىق بىرگە



زىيارەت داۋامىدا بىر قىسىم زىيارەت ئىشتىراكچىلىرى ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىلەن بىرگە خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى

ھەزرىتىئەلى مۇھەممەدتۇرسۇن ۋە مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار

 مۇراتجان مۇختەر ۋە مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ  مۇھەممەدجان ئۈمىدۋاربىلەن بىللە

ئابلىكىم ئابدۇللا ۋە مۇھەممەدجان  ئۈمىدۋار
 زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنغان مىھمانلار ۋە ئەلكۈيى تورىنىڭ بىر قىسىم خىزمەتچىلىرى

كامالىي ئىھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تورى
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى

مۇبارەك 2011-05-13 22:19
«ئۈمىد ئۈزمىدىم» ناملىق ناخشىسى خېلى مودا بولغانىدى شۇ چاغلاردا. بۇ ناخشىنى تۇنجى ئاڭلىغىنىمدا ناخشىنىڭ مۇزىكىسى ھەم ناخشىچىنىڭ ئاۋازى خېلى ئۆزگۈچە بىلىنگەن ماڭا. مانا بۈگۈن ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق بۇ ناخشىچىنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

قارلىق ئۈن-سىن مەركىزى ئىشلىگەن «مەن ئۈچۈن» ناملىق بۇ پلاستىنكىنى قىسقا-قىسقا بېرىلگەن ئارىيەلەر ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم. شۇ چۈشەنچەم بويىچە سۆزلەپ باقسام: ناخشىلاردا يېڭىلىق بار، تېكىستى ياخشى تاللانغان، مۇزىكىسى ھەزرىتىئەلىنىڭ ئاۋازىغا تولىمۇ ماس كەلگەن، سۈرەتلىك كىرىشتۈرۈلگەن فىلىملەرمۇ خېلى يوقىرى سەۋىيىدە ئىشلەنگەندەك تۇرىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇنداق قىلماقمۇ خېلى تەس. ئەلۋەتتە بىز قوللىشىمىز كېرەك.

«ئەتلەس كۆڭلەك» دېگەن ناخشا شۇنداق شوخ، مەن ياقتۇرىدىغان ئاھاڭلاردىنكەن، ئادەمنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغۇسى كەلگۈدەكلا. سۈرەتلىك فىلىمىمۇ ئوماق ئىشلەنگەندەك تۇرىدۇ. «مەلەڭگەن بارالمايمەن» دېگەن ناخشا مۇڭدە-مۇڭ... مۇشۇ ناخشىنى ياقتۇرىدىغانلار بەك كۆپمىكىن دەپ ئويلايمەن.

ھەزرىتىئەلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى سەنئەت مۇساپىسى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولسۇن. پلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش سانىنىڭ يوقىرى بولىشىنى شۇنداقلا كەڭ ياشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

arislan 2011-05-13 22:37
      ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ نېمىشقا ناخشا پىلاستىنكىسى چىقارمايدۇ ؟ سەۋەبىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئىدىم. ئالدىنقى قېتىم ئۇنى يەنە بىر تور بەت زىيارەت قىلغاندا كۆرگۈم كەلمىگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ياخشى پىلانلىنىپ، ياخشى كىرىشتۈرۈپتۇ. رىياسەتچىمۇ ياخشىكەن. تىرىشىڭلار غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.

javir 2011-05-13 23:38
ھەزرەتئېلىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمەن .

saba 2011-05-14 00:04
بۈگۈن يىڭىلىق كۆپقۇ ئەلكۈيى تورىدا

55muslima 2011-05-14 11:25
ئەلكۈيى تورىدا ھەققەتەنمۇ  يىڭلىقلار كۆپ مەن بۇنڭدىن  تولىمۇ  خۇشال.
ھەزرەتئېلىنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمەن .شۇنداقلا مەن مۇرات  مۇختەر  ئەپەندىمنىڭ يىڭى-يىڭى  ھەر  خىل  ناخشىلارنى  كۆپچىلىكنڭ  ھۇزۇرىغا سۇنۇپ  تۇرىشىنى ئۇمىد  قىلىمەن.

jahankezdi 2011-05-14 12:16
بايام مەن ئۈچۈن دېگەن ناخشىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاپ چىقتىم،ئۆزگىچە ناخشا بوپتۇ،تىكىستى تېخىمۇ ئىسىلكەن،ياشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ھەدە مۇزىكىلىق قوڭغىراق قىلىپ ئىشلىتىشىگە تازا باب كەلگۈدەك.

خۇشپۇراق گۈلدىن ئەزىزسەن،
ئەي نازاكەت مەن ئۈچۈن.
ساڭا ئوخشاش گۈلنى قىسماق،
ئامەتتۇر مەن ئۈچۈن.

يەر يۈزىدە بارمىكىن سەندەك نازاكەت يەنە،
بولسىمۇ باردۇر، ۋە لىكىن نە ھاجەت مەن ئۈچۈن.
ئوبدان يېزىلىپتۇ ھەم ياخشى ئوقۇلۇپتۇ،ھەقىقىي مۇھاببەت ، ياخشى كۆرۈشنىڭ يارقىن سىموۋۇلى بولغۇدەك.
مۇرات مۇختەر ۋە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قاتارلىق ناخشىچىلارنىڭ بەرگەن باھاسىمۇ ياخشى بولدى دەپ قارايمەن.گەپكە كەلگەندە ئاتاڭدىن يانما دەپتىكەن،مەنمۇ ئەمدى قۇشۇمچە قىلىپ ئاۋۇ سورۇندا ئولتۇرغان مۇرات مۇختەر ۋە ئابلاجانغا ئىككى ئېغىر سۆزلىۋالاي:

ئۆتكەندە ئابلاجاننىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ئىدىم،بۇ پىلاستىنكا قاچان تارقىلىدۇ،ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ زامانىۋى ناخشىلارنى ئېيتىش بىلەن بىرگە يەنە خەلق ناخشىلىرىغىمۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى سىڭدۈرۈپ باقسا ،خەلق ناخشىلىرىنى زامانىۋى ئۇسلۇب بىلەن ئېيتىپ تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىگە ئىرىشسە دەپ قارايمەن.
ئابلاجان سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەت يۆلىنىشىڭىزنى تولىمۇ بىلگۈم بار؟مۇرات مۇختەرنىڭ يېڭى ئىجادىيەتلىرى ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ،سىزنىڭ يېڭى ناخشىلىرىڭىز ، يېڭى پىلاستىنكىڭىزنى بىز بىلەن قاچان يۈز كۈرۈشتۈرىسىسز؟

xahri~zat 2011-05-14 13:00
ئەلكۈيى تورچىلىقى تەرەققىياتىنىڭ تىخىمۇ ئىلگىرلەپ يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ ،تىخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكتەشلىق بىلدۇرىمەن.

saroman 2011-05-14 13:14
ئاۋۇ ناخشا پارچىلىرىدىكى < بىر گۈلگە قامالدى ،قامالدى جېنىم> دېگەن ناخشىنىڭ ئىسمى نېمە قايسى تور بەتتە باردۇ  ، ھېلىقى بىر قىز يالغۇز مېڭىپ  ئادەمگە ئالىيىپ قارايدىغان سۈرەتتىكى ناخشا.

tahirbeg 2011-05-14 13:21
رىياسەتچىڭلار ھەقىقەتەن تىجەشلىككەن .   ئەلكۈيى تورى مىللىي خاسلىقنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرسىكەن ، چەتنىڭكىگە خېلى تويۇق بىزنىڭ خەلقىمىز  

marwayt 2011-05-14 13:46
مۇراتچان مۇختەرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ تىرىششىنى ھەمدە ئىشلىرنىڭ تىخىمۇ روناق تىپىشىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمۇت قىلىمەن.

borayar 2011-05-14 14:42
ئېكراندىكى ئوبرازىنى ياقتۇردۇم....ئىشىنىمەن،كەلگۈسى ئۇتۇقلۇق بولغۇسى،خۇدايىم ئارزۇلىرىغا يەتكۈزگەي.ئاندىن  تورداش دوسىتلارغا دەيدىغىنىم يەنىلا كونا گەپ،ئەسلى پېلاستىنكىسىنى سېتىۋالغايسىلەر،مەدەت بولىدۇ.

gulnazi 2011-05-14 14:57
بۇ ياش ناخشىچىلىرىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، ئەل كۇيى  رىياسەتچىسىنىڭ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىدا كىيگەن كىيىمى بەكلا يارىشىپتىكەن ،

gül-kapitan 2011-05-14 16:32
مەنغۇ تونىمايدىكەنمەن بۇ ھەزرەتئىلى ئەپەندىنى،ناخشىسىنىمۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن،رىياسەتچىنىڭ ھەزرەتئىلى مۇھەممەت تۇرسۇن دەپ ئىسمىنى توپتولۇقى بىلەن چاقىرىشى نېمىدىگەن ئوماق ھە.ھازىر ياش ناخشىچىلار سامان نەرقى بوپ كېتىپتۇ دەپ قاراپ ،پەقەتلا ئاڭلىماس بولۇپ كەتكەنىدىم يېڭى ناخشىلارنى.

akattrgvl 2011-05-14 18:39
ھېلقى ئاقسۇلۇق بالا  شۇغۇ بۇ  ،"ئۇمىد ئۈزمىدىم"،"سۆيگەنتىم شۇنچە " دېگەن ناخشىللىرىنى  شۇنداق ئاڭلايتتۇق  بىر  مەزگىللەردا  ،ھەجەپ  شۇ  ۋاقىتلىرىمنى  ئەسىلىتىپ  قويدى  دېسە ،"مەن ئۈچۈن " دېگەن ناخشىسىمۇ  بەكلا  تاتلىق   ئىكەنغۇ  ،ئەمدى  تازا  دەۋىر  سۈرۈيدىغان  بولدى  بۇ  پىلاستىكىلار  .

akattrgvl 2011-05-14 18:59
نەقىل
بۇ 8قەۋەتتىكىsaroman يوللىغان 2011-05-14 13:14 غا قارتىلغان  :
ئاۋۇ ناخشا پارچىلىرىدىكى < بىر گۈلگە قامالدى ،قامالدى جېنىم> دېگەن ناخشىنىڭ ئىسمى نېمە قايسى تور بەتتە باردۇ  ، ھېلىقى بىر قىز يالغۇز مېڭىپ  ئادەمگە ئالىيىپ قارايدىغان سۈرەتتىكى ناخشا.

ئۇ  ناخشىنىڭ  ئىسمى  "سۆيگەنتىم  شۇنچە "ئەلكۈيى ئۇنۋېرسال بېتىدە بار  ئىكەنغۇ  .

forever 2011-05-14 20:34
فىلىم قېتىۋىلىپ پەقەت چىقمىدى !  

bayawan 2011-05-15 20:44
مۇرات مۇختەرنىڭ ئاۋازى خېلىلا مۇڭلۇق ~

kun^kiz 2011-05-15 21:45
ئەلكۇيى تورىدىكلەرنىڭ مۇشۇنداق ياخشى پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ  مۇنبەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى  بولغان مۇنازىرە كەيپىياتىنى  تەڭشىشىنى ، تورداشلارغا  مەنىۋىي جەھەتتىن ئىستىتىك   زوق ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

aslimastodio 2011-05-15 21:48
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ~!  ھەزرەتئىلى   ، سىزنىڭ بۇ قىتىمقى مەن ئۈچۈن ناملىق شۇ پىلاستىنكىڭىزنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىپ بازارغا سىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ~!    
     مەن تىخى سىزنىڭ بۇ پىلاستىنكىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولمغان بولساممۇ ،ئەمما ئەلكۈيى ئىكرانى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن   پىلاستىنكىڭىزنىڭ ئاز بىر قىسمىنى بولسىمۇ كۆرۈپ  ،بۇ پىلاستىنكىڭىزنىڭ  ھەقىقەتەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ~! مەيلى ئاكورىتلاشتۇرۇش  ۋە مەيلى mtv  سۈرەتكە  ئىلىش جەريانىدا بولسۇن   ھەقىقەتەن ئۆلچەملىك ھەم سۈپەتلىك  ~!  باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن دوستۇم ~!     مەن <ئەسلىمە سىتۇدىيىسى> نامدىن سىزگە شۇنى دەيمەن :تىرىشىڭ ،  بىز ھەر قاچان سىزگە مەدەتكار  ~!                  ئوتلۇق ئىجادىيەتلىرىڭىزنى بىزدىن ئايمىغايسىز  ~!    

未来明星 2011-05-16 14:48
مىنىڭ بۇ سۆھبەتنى كۈرۈپ ئالغان تەسرىم ناھايتى ياخشى مەن ھەر ساھە سەنئەتكار دوسلارنىڭ
ئۈزنىڭ ئالاھىدلىكنى تېخمۇ قارى قىلدۇرشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىت قىلمەن دوستىمىز ھەزىرتى ئەلى گە ئۇتۇق تىلەيمەن تىرشىڭ دوستۇم مەن ۋە ئەلكۇيى تور بىكتىمىز سىزنى ۋە سىزدەك ياشلارنى قوللايمىز!!!    

yarken05 2011-05-16 14:53
دوستۇم ھەزرىتىئەلى تۇنجى پىلاستىنكاڭنىڭ مۇۋاپىقيەتىلىك بازارغا سىلىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆپ خوش بولدۇم ، مۇبارەك بولسۇن ..... ئىشلىرىڭنىڭ تىخمىۇ نەتىجىلىك بولسۇن .... ساڭا مۇۋاپىقيەت تىلەيمەن ....  پىلاستىنكا ئۈزۈندىلىرىنى كۆردۈم ، رەڭدارلىق ۋە سۈزۇكلۈك يۇقىرى .... 3 يىل تىرشش ئارقىلىق تۇنجى پىلاستىنكا بازارغا سىلىندى ، بۇ جەرياندا كۆپ جاپالارنى تارتقانلىقىڭ ئىنىق . ياخشى نەتىجە قازانماق ئاسان ئەمەس ، لىكىن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك بەكمۇ تەس ئەمەس ...

tograk001 2011-05-16 16:59
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ~!  ھەزرەتئىلى   ، سىزنىڭ بۇ قىتىمقى مەن ئۈچۈن ناملىق شۇ پىلاستىنكىڭىزنىڭ  ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىپ بازارغا سىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ~!    
پىلاستىنكىڭىزنىڭ   ئازراق قىسىمىنى بولسىمۇ كۆردۈم .  ياخشى ئىشلىنىپتۇ بۇ پىلاستىنكا.  سۈرەتكەئېلىنىشىمۇ شۇنداق ياخشىكەن.  مىنى   خۇشال قىلغان  يەنە بىر   ئىش    بەزى كونا خەلىق ناخشىللىرىنى قايتىدىن ئاكورتلاشتۇرۇپ ئېيتىپ چىقىپسىز  .   مەن  بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم . مەنمۇ مۇشۇ كەسىپتە تىرىشىۋاتقان  ئاددىي بىر نوتا  .....مەن پات -پات  سىز ئورۇنلىغان   <<ئۈمۈد ئۈزمىدىم >>  ناملىق ناخشىنى سەھنىدە ئېيتىپ قويىمەن....  مىنىڭمۇ تىرىشىپ سىزدەك مۇشۇنداق ياخشى ناخشىلارنى ئېيتىپ ، پىلاستىنكا چىقارغۇم بار...مەنمۇ جەزمەن تىرىشىمەن..........بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ، تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.   خەيىر -ئامان بۇلۇڭ

azzam 2011-05-17 14:56
رىياسەتچى قىز <ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئلكۈيى تورىنىڭ ئەزىزى كۆرۈرمەنلىرى > دىگەن سۆزىنى شۇنداق چىرايلىق دەپتىكەن. ئەمما <ياخشىمۇسىز> دىگەن سۆزنى جىقراق ئىشلىتىپ كىتىپتۇ،
سىزنىڭ داۋاملىق ئاشۇ چىرايلىق <ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم> نى جىقراق دىيىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمىز.

رېتا 2011-05-17 15:03
ئاۋۇ ئىككى قىزغا كۈيۈپ قالدىم مەن، بەك گۈزەل قىزلاركەن كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەكلا.....ھى ھى

halnur 2011-05-17 17:21
بارلىق ناخشىچىلارنىڭ  تىنى سالامەت بولسۇن

atax8714 2011-05-19 12:28
ئەلكۈيى تورىنىڭ  مۇنبەر ئارقىلىق ياش ناخشىچىلارنى تۇنۇش  چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە
ئىگە قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت
مىنىڭ تەكلىپىم : زىيارەت قىلىنغان ئۆي بىزىلىشىنى ياخشىلىسا ،
زىيارەت قىلىنغان   ئۇرۇندۇ ق    (سافا )  ئارتىسلىرىمىز بەك قىستىلىپ كىتىپتۇ ،،
كەڭ كۇشادە   بولسا   ،  يەنە كىلىپ كىرىشتۈرۈشنى  ياخشىلىسا ، ئاپرات ھەر بىر ئادەمگە
تۇغىرلانغاندا شۇ ئادەمنىڭ ئىسمى  ھەم  كەسپى نى خەت يېزىپ كىرگۈزۈپ قويسا ،،،
. ئەلكۈيى تۇرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى تورى  شۇڭا  ئىشلىگەن فىلىمنى  تېخىمۇ ياخشى ئىشلىسە)كىرىشتۈرۈشنى دىمەكچى .......

sansiz281 2011-05-26 12:32
<ئۈمۈد ئۈزمىدىم> دىگەن ناخشىنى  مەنمۇ ھەم ،  ياقتۇرىمەن!  

yalgan 2011-05-26 13:10
بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇڭۇشلۇق ئۆتكۈزۇلگەنلىنى ، ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن !

帕尔拉克 2011-05-31 12:14
مەن ھەزرىتى ئەلى بىلەن ئابلاجان ئاۋۇتنىڭ ناخشىللىرىنى ياختۇرۇپ ئاڭلايمەن   ھەم ئىنتايىن  ياخشىكۈرىمەن

zilnur 2011-06-09 23:58
ھەممىسى مەن ياخشى كۆرىدىغان ناخىشىچىلار ئىكەنغۇ !!!!!!!!!!

bighubarim 2011-06-10 23:08
ئابلاجاننىڭ ناخشىلىرىن مەنلائەمەس ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىمىز بەك-بەك ياختۇرۇپ ئاڭلايمىز ، بۇ قېتىم خىزمەت تەكشۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەندە شۇ نۇقتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى، ئۇنىڭ ناخشىلىرى بالىلار ئارىسىدا ئالاھىدە قارشى ئېلىنىدىكەن، مۇزىكا چىققانلا يەردە ئابلاجاننىڭ ناخشىسى ، ئوينايدىغان بالا بارمۇ، مەشرەپ، ئوماق جانانىم،،،قاتارلىق ناخشىلار...ئەڭ قايىل بۇلىدىغىنىمىز مۇزىكىسى، سۆزى ھەممىسى ئۆزىنىڭ، شۇنچىلىك ئاممىباب، شۇنچىلىك جانلىق ، مىللىيلىق ۋە زامانىۋىيلىق شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن جىپىسلەشكەن...ئابلاجان ، تېخىمۇ غەيرەت قىلىڭ، سىزنىڭ قوللىغىچىلىرىڭىز ۋە ئوماق بالىلار ھەرۋاقىت سىز بىلەن بىرگە!!!  يېڭى پىلاستىنكىڭىزنىڭ تىزراق نەشىردىن چىقىشنى ئۈمۈد قىلىمىز...

hanim 2011-06-11 17:54
ياخشى سۆھبەت بوپتۇغۇ بۇ.

kalbidax 2011-06-16 01:57
ئەلكۇيى تورى ئارقىلىق  بۇ  دوستلار بىلەن تونۇشقانلىغىمغا  تولىمۇ خۇشال

sapdel 2011-06-16 13:37
ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن !

otyurakohlan 2011-06-18 16:24
بۇ يىگىتنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن

ankar214 2011-07-02 10:31
ۋاي راسلە ۋەخشى ياخشى چىقىپتۇ ، تىخمۇ تىرىشڭلار ياش چولپانلىرىمىز ، مەنمۇ چوقۇم تىرىشىپ سىلەرگە ئوخشاش چولپان ئاكىلىرىمنىڭ ئىزنى باسىمەن ، ھە مۇش جەھەتتە سىلەردىن سەنئەت يولىدا ماڭا قانداق مىڭىشنى ، ئىشنى نەدىنى باشلاشنى ماڭا بىر تەلىم بەرسەڭلەر سىلەرنڭ ناخشاڭلار مىنى ئاجايىپ ھىس تۇيغۇلارغا چۈمدىرىدۇ، تىخمۇ كۆپ ئىجادىيەتلەرنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرىشڭلارغا تەققەزامەن ، كۇلۇپ ياشاڭلار چولپانلار    {ئەنقەردىن}

konajay 2011-07-05 16:54
ھەزرىتئىلى مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ  ئۈمۈد ئۈزمىدىم سەندىن دىگەن ناخشىسىنى بەكلام ياقتۇراتتىم  ،بۇ قىتىم چىقارغان مەن ئۈچۈن دىگەن پىلاستىنكىسىمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ ....


مۇراتجان مۇختەر ئاكاشنىڭ ناخشىللىرىمۇ  شۇنداق ياخشى ،كۆزى كۆرمەي تۇرۇپ مۇشۇنداق ئىجادىيەتلەرنى قىلالايدىكەن ، ئەگەر كۆزى كۆرگەن بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەنتۇق ،مۇراتجان ئاكىنىڭ كىينكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .....


ئابلاجان ئاۋۇتنىڭ ناخشىللىرىمۇ  شۇنداق ئۆزگىچە شوخ ھازىرقى زامانغا ماسلاشقان دىيىشكە بولىدۇ ،مەيلى كىچىك بالىلار بولسۇن، مەيلى ياشلار بولسۇن، مەيلى  چوڭلار بولسۇن ، ھەممىسى دىگۈدەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىكەن ..بۇ قىتىمقى "ئەسكى" " تاشلاپ ئوينايلى "دىگەن ناخشىسىمۇ شۇنداق ياخشى ئىيتىلىپتۇ .

yultuz520 2011-07-06 11:46
مەن بۇ سۆھبەتنى كۆرۇپ ھاياجانلانغىنىمدىن  نىمە دىيىشمنى بىلەلمىدىم.
چۈنكى مەن ئۇلارغا بەك چوقۇنىمەن،ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.
ئاخىرىدا ئۈمۈد قىلىدىغىنىم،يىڭى-يىڭى ناخشىلارنى ناخشىلارنى پات-پات ھوزۇرىمىزغا  سۇنۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

kuzum 2011-07-15 16:27
ھەزرەتئېلىنىڭ ۋەمۇھەممەدتۇرسۇن،ئابلاجان ئاۋۇت لارنىڭ  بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە ئامەت تىلەيمەن .

samat 2011-07-16 22:04
ھەزتىلى مۇھەممەت  تۇرسۇننڭ  بۇندىن  كىين  ناخشلارنى  كۆپرەك  ئوقۇسا  يىقىمىلق  ئىكەن

gulbike 2011-07-19 18:26
ھەزرىتىئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن، مۇرات مۇختەر ئاكىمىز ۋەئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ  بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە  ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن! بىزنى يۇقىرقى سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن چۈشىنىش پۇرسىتىگە  ئىگە قىلغان ئەلكۈيى تورىغا رەھمەت!

arzu729 2011-07-26 14:49
ئىشلىرىگە ئۇتۇك تىلەيمەن!

kalgen 2011-08-01 13:32
بۇ ناخشىلارنى  تېخى ئاڭلاپ باقمىدىم. يىڭىلىق كۆپتەك قىلىدۇ. چۇقۇم كۇرۇپ باقىمەن.

mr.blue 2011-08-05 02:09
بۇ فىلىمنىڭ  youku ياكىtudou تورىدىكى ئۇلىنىشىنى بەرگەن بولساڭلار ياخشى بولاتتى ،ipad ئىشلەتكەنلەرflash فىلىمىنى كۆرەلمەيدۇ ئەمەسمۇ! رەھمەت، دوستلار! 

uyghuraaa 2011-08-05 16:04
مۇنبەردە يېڭىلىق ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن.

喀什姑娘 2011-08-11 23:26
ئەلكۈيى تورىغا بەك ئامراق بولۇپ كىتىۋاتىمەن جۇمۇ،بەك تورداشلارنىڭ كۆڭلىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تولىۋاتىدۇ،بىز تەشنا بولىدىغان ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئارتىسلارنى بىزگە تونۇش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ،رەھمەت ئەلكۈيىدىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرگە.

torhumar 2011-08-12 20:18
چىقمىدىغۇ
«ئۈمىد ئۈزمىدىم» ناملىق ناخشىسى خېلى مودا بولغانىدى «ئەتلەس كۆڭلەك» دېگەن ناخشا شۇنداق شوخ،  ئادەمنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغۇسى كەلتۈرىدىكەن  ياش ناخشىچىلارنىڭ كېيىنكى  ئىشلىرىغا  ئۇتۇق  تىلەيمەن

zimandax 2011-09-20 12:48


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ياش ناخشىچىلار بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.040599 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us