رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- گۇمراھ(پوۋىست) --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> گۇمراھ(پوۋىست) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

rayhan 2011-05-12 19:36


گۇمراھ

(پوۋېست)



دېڭىزدەك كۆك،خىيالچان كۆزلەردەك تېنىق ئاسماندىن نېمىنى ئىزدىمەكچىمەن؟بىلمەيمەن.دېرىزە تۈۋىدە ئاسمانغا قارىغىنىمچە ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن.پەقەت بايا يېڭىدىن تۇتاشتۇرغان تاماكام تۈگەپ چوغى قولۇمنى كۆيدۈرگەندىلا ئاندىن خىيال قوينىدىن سۈزۈلۈپ چىقتىم.

ئايالىم بۇرۇن مېنى «سىز بەك ئەمەلىيەتچىل،قولىڭىزدىن ھەقىقەتەن ئىش كېلىدۇ،قۇرۇق خىيالغا بېرىلمەيسىز.»دەپ ماختايتتى.ئەمدىچۇ؟بەزى ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ تەبىئىتىدە سەل-پەل ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى سەزگەندەك بولدۇم.
ئۇ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن دەقىقىدىن باشلاپ بۇ بوران ئۇچۇپ ،بويۇن قىسىپ قالغان ئۆينىڭ تۆت تېمىغا قاراپ ئولتۇرۇپ،خىيال دېڭىزىدا ئۈزۈپ يۈرىدىغان بولىۋالدىم.كاللامدا ھەر قىسما خىياللار نېرۋامنى ئارامسىزلاندۇرۇپ ،پۈتكۈل ئەس-يادىمنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانىدى،ئىلاجسىز ئاشۇ خىياللار بۇرنۇمدىن ئىلىپ قەيەرگە يېتىلىسە شۇ يەرگە كېتىپ قالىمەن.گاھىدا ئۇ مېنى تاتلىق ئۆتمۈشلىرىم قوينىغا ئېلىپ كىرىپ ،شېرىن نېمەتلەردىن ھوزۇرلاندۇرۇپ،شەربەتلەر بىلەن سۇغارسا،گاھىدا ياقامدىن ئېلىپ زۇلمەت قوينىدا تۇنجۇقتۇرماقچى بولاتتى.قانداق قىلاتتىم، ئەلۋەتتە بويسۇنىمەن دە. بىچارە ئايالىمغا قىلغان ئارتۇقچىلىقلىرىمنىڭ جازاسى ئۈچۈن بەلكىم ئالدىمدا بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بىر تەقدىر مېنى كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇر،ياكى...

ھەر كۈنى تولا خىيال قىلىپ چارچىغانىدىم.

ئۇ كەتتى،ماڭا ئوخشىتىپ تۇغۇپ بەرگەن ئوغلۇم بىلەن،ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان يوغان كۆزلۈك ،قوڭغۇراقتەك بۈدرە چاچلىرى قۇلىقى تۈۋىدە ئويناپ تۇرىدىغان ،ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرى،چۈچۈك تىللىرى بىلەن «دادا!» دەپ چاقىرىشلىرى  ھاردۇقۇمنى چىقىرىدىغان ئۇماق قىزىمنى يېتىلىگىنىچە كەينىگىمۇ قارىماستىن كەتتى.يېلىنىشلىرىمغىمۇ،چۈشەندۈرۈشلىرىمگىمۇ قۇلاق سالمىدى.
ئۇ ھەقلىق ئىدى.مېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان يۈزسىزلىكلىرىم ئالدىدا ئۇ تېخى مەندىن ئاچچىقىنى چىقىرىپ ،ئۆچ ئالغۇدەك ھېچنىمە قىلمىدى.ئاقكۆڭۈل بىر ئايالنىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ؟ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىۋېلىپ ،قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالغىلى بارسام ،ئەركىلىگەندەك بۇتناپ ئولتۇرىۋېلىشنىلا بىلىدۇ.قېيىنئانامنىڭ مىجەزى قالغان بولسا كېرەك،ئۇمۇ ئوخشاشلا ئاقكۆڭۈل،ئۇنىڭغىمۇ بىر مۇنچە سوۋغا –سالام ئالغاچ بېرىپ،چىرايلىقچە خاتالىقىمنى بوينۇمغا ئالساملا«بوپتۇ قىزىم،ئاراڭلاردا ئىككى بالاڭلار بولغاندىكىن ئۆيۈڭلارنى ساقلاپ قېلىڭلار،غالىپجانمۇ شۇ ھاراقنى ئىچمىگەن بولسا ،ئۇنداق قىلىپمۇ يۈرمەس ئىدى،قارىمامسەن ،ھاراق ئىچمىگەن كۈنلىرى ساڭا شۇنداق كۆيىنىدىكەنغۇ؟»دەپلا ئۇنى ئېلىپ كېتىشىمگە قوشۇلىدۇ.

لېكىن بۇ قېتىم قانداق بولار؟ئۇنى ئالغىلى بېرىشقا يۈزۈم چىدىمايدۇ،چۈنكى بۇ قېتىمقى رەنجىتىش ئىلگىرىكى قېتىمقىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ چاغلاردا سىرتتا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالسام ئۆيگە بارغاندا ئايالىمنىڭ «مۇشۇنداق ھاراق ئىچىۋەرسىڭىز ئاشقازىنىڭىزنى كاردىن چىقىرىۋالىسىز.نېمىشقا جېنىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىمايدىغاندۇ سىزنىڭ ؟»دەپ غۇدۇڭشىپ يۈرۈپ ئېتىپ بەرگەن ئىسسىق ئېشىنى مىننەتدارلىق بىلەن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ئىچىشنىڭ ئورنىغا ،ئۇنىڭ دىلىغا ئازار يەتكۈزۈپ،ئۇرۇپ ،تىللاپ،ئىچ پۇشۇقىمنى چىقىرىۋېلىپلا ئەتىسى«ھېچ ئىش ئېسىمدە يوق»دەپلا تۇرىۋالسام ئىشلار تۈزىلىپ كېتەتتى.بىراق بۇ نۆۋەت مەن ئۇنى رەنجىتكەندە بىرەر رومكىمۇ ئىچمىگەن،كاللام ئىنتايىن سەگەك ئىدى، شۇڭا قىلغانلىرىمدىن تېنىۋېلىشقا ئامالسىز قالدىم.بۇ كۈنلەرمۇ ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ.لېكىن ئايالىمنىڭ ئالدىدا ۋاپاسىز،قارا يۈز بولدۇم.ئۇ مېنى ئەمدى بۇرۇنقىدەك مېھرىبانلىق بىلەن كەچۈرىۋېتەلمەيدۇ...

ئىشىك چىكىلىۋاتامدۇنېمە؟بىر ھەپتىدىن بېرى ئۆيگە بىرەرى كېلىپ باقمىغانىدى،ئەمدى كىم كەلدىكىنە؟
دېرىزە تۈۋىدە ئاسمانغا تىكىلگىنىمچە خىيالغا بەنت بولغان كۆزلىرىمنى ئاستا ئىشىككە يۆتكىدىم.بىر ھەپتىدىن بېرى سۈپۈرگە سېغىنغان يەر ،كارىۋاتلارغا بىر قۇر سەپسېلىۋەتكەندىن كېيىن ھودۇققان ھالدا ئىشىكنى ئاچتىم-دە،داڭقېتىپلا تۇرۇپ قالدىم.ئىشىكتە ئايالىم ماڭا قاراپ تۇراتتى،مەن بولسام نېمە قىلىشىمنى ياكى ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمەي ئاستا كەينىمگە يېنىپ بايىقى جايىمغا بېرىپ ئولتۇرىۋالدىم.كاللامدا «ئۇ نېمىشقا كەلگەندۇ؟مەندىن ئۆچىنى ئالغىلى ياكى ئۆيدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ،ئاجرىشىپ كەتكىلى كەلگەنمىدۇ؟...»دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك سۇئاللار چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈپ كەتتى.

ئۇ ئاستا يېنىمغا كېلىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ،-قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟نېمە تاماق ئېتىپ بېرەي؟-دەپ سورىدى.
مەن خىجىللىقتىن بولسا كېرەك،ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراشقا پېتىنالمايتتىم ،بەلكىم ئۇ مېنىڭ قىلغانلىرىم ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشنىڭ ئورنىغا مېھرىبانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مېنى تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق خاتالىقلىرىمنى تونۇتقۇزماقچىدۇر.يۈزلىرىم چىمىلدىغاندەكمۇ بولدى.
ئۇ ساپما كەشنى كىيىۋېلىپ شىپىرلاپ مېڭىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كېتىۋىدى،مەن دائىم ئۇسسۇلۇق قۇيۇپ ئىچىدىغان ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ چىقتى،ئۇ ئىستاكاننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ پەرتۇقنى بېلىگە چىگكەچ سۆزلىدى:
-قەھۋە دەملىدىم،ئىچكەچ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ،مەن ئاشخانا ئۆينى تازىلىۋېتىپ تاماق ئېتىپ بېرەي.
ئادەتتە ئۇ مېنى ئۇيقىڭىز ياخشى ئەمەس دەپ قەھۋە ئىچىكىلى قويمايتتى،بۈگۈن ئەجەپ...
ئۇ مەندىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن قەھۋەگە زەھەر سېلىۋەتتىمۇ يا؟
مەن قولۇمدىكى قەھۋەگە شۈبھە بىلەن قاراپ قويدۇم ،ئۇنى ئىچىشكە كۆڭلۈم تارتمايۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز دەھشەتلىك بىر ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم.يەنە شۇ ئۇرۇشقاق ئۇدۇل قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىن چىققان ۋاراڭ-چۇرۇڭ دېققىتىمنى بۆلگەنىدى.
چىقىپ قاراپ بېقىشنى ئويلىدىم-دە ماھىرەگە سۆزلىدىم:
-يەنە ئۇرۇشۇپتۇ دە بۇلار،مەن چىقىپ قاراپ بېقىپ كىرەي ھە،ھازىرلا كىرىمەن.
ئەپسۇس ئاشخانا ئۆيدىن سادا چىقمىدى،ئازراق تىۋىشمۇ يوق.بايا تۇتۇپ ئولتۇرغان ئىستاكاننى شىرەگە قويۇپ قويماقچى بولۇپ قولۇمغا قارىدىم،قولۇمدا نەدىمۇ قەھۋە،ئىستاكان دېگەنلەر بولسۇن؟كۈلداننى تۇتىۋاپتىمەن،شۇئان بەدىنىمنى سوغۇق تەر باستى.
ئاستا ئاشخانا ئۆيگە كىردىم.ئايالىم دائىم تاماق ئەتكەندە بېلىگە چىگىۋالىدىغان پەرتۇق ئىلغۇچتا،يەنە ھېلىقى ئىستاكانمۇ تۆنۈگۈن مەن قويۇپ قويغان جايدا تۇرمامدۇ؟-چۈش كۆرۈپتىمەندە دېدىم ئىچىمدە.

بۇ خىيالمۇ ياكى چۈشمۇ،ئۆزۈممۇ ئېنىق ئىلغا قىلالمىدىم.بايىقى ئىشلار بىر ئويلىسا چۈشكە،بىر ئويلىسا ئەخمەقنىڭ خىيالىغىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ.

ئۆي ئىچىدە ئوكسېگىن قالمىغاندەك،دېمىم سىقىلغاندەك بولۇپ سىرتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغۇم كەلدى.
ئىشىكنى ئاچسام قوشنىمىز بەكرى ئايالى ساھىبەنى قاتتىق ئۇرىۋاتاتتى.ئىشىكىمىز روبىرو بولغاچقا قىيا ئوچۇق ئىشىكتىن ھەممە ئەھۋالنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى.بىچارە ئايال قاتتىق تاياق زەربىسىدىن ئېچىنىشلىق زارلاپ تولغىناتتى.ئەمما ئېرى ئۇنىڭ زارلىرىغا پەرۋامۇ قىلماستىن خالىغىنىچە ئۇراتتى.

ئاچچىقتا،مەستلىكتە تاياق كۆتۈرگەن ئادەمگە ھوزۇردەك بىلىنگەن بىلەن،بەدىنىگە تاياق تەگكەن ئادەم نېمىدېگەن بىچارە - ھە؟
ئۇ ئادەمنىڭ ئايالىنى ناھەق ئۇرىۋاتقىنى ئېنىق،چۈنكى ئۇنىڭ بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئون كۈن ساق يۈرسە،قالغان يىگىرمە كۈنىدە غەرق مەست بولۇۋېلىپ ئايالىغا ئارتۇقچە زۇلۇم قىلىپلا يۈرىدىغان مىجەزى،يېقىن قوشنىسى بولغان ماڭا ئايان ئىدى.مەنمۇ بەزىدە ئۇنى ئۇرغىنىم بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاش قاتتىق ئۇرمايتتىم ،ھەممىگە مۇشۇ ئوسال مىجەزىم سەۋەبچى،باشقا ئىشلارغا ئاچچىقىم كەلسىمۇ ئۇنى ئۇرىدىكەنمەن .لېكىن ئۇنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئىچ-پۇشۇقىمنى چىقىرىش مېنىڭ ئادىتىم ئەمەس،ھاراقنى كۆپرەك ئىچىپ ،قاتتىق مەست بولۇپ قالغان كۈنلىرىم شۇنداق بولۇپ قالاتتى.

بىراق بۈگۈن قوشنامنىڭ ئۆيىدىكى جىدەلگە قاراپ ،ئايالىم ماھىرە يادىمغا كېچىپ سەل ئىچىم ئاغرىپ قالدى.ئەگەر ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالساملا ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۇرماسمەن...
-ھە، نېمىگە قارايسەن؟!
تۇيۇقسىز بوم ھەم قوپال ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم،ئېسىمنى يىغسام تېخىچە بايىقى يەردە ، ئىشىكىتە نان تىلەپ تۇرغان تىلەمچىدەك ،ئۇلارنىڭ جىدىلىگە قاراپ خيالغا پېتىپ تۇرۇپ كېتىپتىمەن .
-ھېچنىمە ،-دېدىم مەن سەل ھودۇققاندەك بولۇپ.

ئۆزۈممۇ بىر ئەركىشى تۇرۇپ يەنە بىر ئەردىن قورقۇپ يۈرمەس ئىدىم،ئۇنىڭ يوغان كاۋىدەك يۈزىگە ،خۇددى كىچىككىنە گازىرنى پاتۇرۇپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان يۇمۇق كۆزلىرىدىن ھەر ۋاقىت مۇتتىھەملىك تەپچىرەپلا تۇرغاچقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغۇسى كېلىدۇ.شۇڭا مەنمۇ خىيال سۈرگىلى يەر تاپالمىغاندەك مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالغىنىم ئۈچۈن ، ئۆزۈمدىن ئۆزۈم ھەيران بولغاچ ،تۈزۈكرەك يەرنىمۇ دەسسەپ تۇرالمايۋاتقان ئاۋۇ ناكەس ئېغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كەتكۈچە چاققانلىق بىلەن سىرتقا چىقىۋالدىم.ئۆزۈمچە پىيادە كوچا ئايلانغۇم كەلدى ،شۇڭا ئىختىيارسىز ماشىنام تەرەپكە كېتىۋاتقان قەدەملىرىمنى ئاستا توختىتىپ پىيادىلەر يولىغا يۆتكىدىم.

قوللىرىمنى شىمىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋېلىپ ئەتراپىمدىكى بارلىق شەيئىلەرگە باشقىچە نەزەر تاشلاپ كېتىۋاتىمەن.شۇ تاپتا ئۆزۈمنى لايىقى تاشلىۋەتكەن دەرتمەن يىگىتتەك سەزمەكتە ئىدىم.شۇنچە يىلدىن بېرى ماشىنىنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلگەن ئەينىكىدىن غىل-پال كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ،كۆزۈمگە تونۇش بولۇپ كەتكەن مەنزىرىلەر ئەمدىلىكتە ئەزەلدىن مېڭىپ باقمىغان بىر ناتونۇش كوچىدا كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا باشلاپ قويىۋاتاتتى.ئەمما ئايالىم بىلەن توي قىلىشنىڭ ئالدىدىكى چاغلىرىمدا بۇ كوچىدا نەچچە رەت پىيادە قاترىغانلىقىمنى ساناپ بېرەلمەيمەن.ئۇ چاغلار تولىمۇ شېرىن ئىدى.ئۇنى بۇ كوچىدا تۇنجى ئۇچرىتىپلا ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم،ياق،ئاشىق بولغانىدىم.

كەچمىش دەپتىرىمنى ۋاراقلىسام ئەڭ ئاۋۋال سۆيگۈ كۆرەشلىرىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمدىن چاناقلىرىمنى ياش ئەگىگەن ھالدا كۈلىمەن،ئوتتۇرىدىكى بەتلىرىمۇ يامان ئەمەس قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتقانلىقىمدىن دېرەك بېرىدۇ،ئەمما ئاخىرقى بەتلىرى پۇرلىشىپ ئىسكەتىنى يوقىتىپ قويدى.بۇنىڭ سەۋەبكارى بولغان ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن.ئۆز ۋاقتىدا مىڭ تەسلىكتە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمنى ئۆزۈم يوققا چىقاردىم،قەدىرلىمىدىم،ئىلگىرى مۇشۇ كوچىلاردا سەيلە قىلغاچ ،ئاي چېھرىنى كۈندە كۆرسەممۇ تويمايدىغان كۆزلىرىمنى ، ئۇنىڭ بوتا كۆزلىرىگە تىكىپ تۇرۇپ قىلغان ۋەدىلىرىمدىن تاندىم.لېكىن قانىتى يارىلانغان ئۈمىد دۇلدۇلۇمغا داۋا ئىزدەپ ساقايتقىنىمدىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئاۋۋالقىدەك چەكسىزلىكتە پەرۋاز قىلىپ ،ئادىشىپ قالغان بەخت قۇشۇمنى تېپىپ كېلىپ يەنە مېنىڭ بېشىمغا قوندۇرالىشىغا ئىشىنىمەن.

خىيال كەپتەرلىرىم يەنە مېنى ئاشۇ ئاپئاق قاناتلىرى بىلەن سېھىرلەپ ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى.
شۇ تاپتا خىيال كەپتىرىمنىڭ سېھىرلىشى بىلەن ئون يىل بۇرۇنقى ئىككى جۈپ ئىزنىڭ كېيىن ياسالغان ئاسفالىت يولنىڭ ئاستىغا كۆمۈلگىنىدەك،بىر تەرىپى شېرىن ،يەنە بىر تەرىپى ئاچچىق ھېسلارنىڭ قوينىغا كۆمۈلۈپ كېتىۋاتاتتىم...

1

نۇرغۇن كىنولاردا تەكرار ئۇچرايدىغان بەزىبىر كۆرۈنۈشلەردىن بىزار ھېس قىلىدىغان ئادەملەر قانچىلىك باردۇر؟
«بىر يىگىت كوچىدا كېتىۋېتىپ،قولىدا بىر مۇنچە كىتابلارنى كۆتۈرىۋالغان بىر قىزنى ئېھتىياتسىزلىقتىن  سوقۇۋېتىپ قالىدۇ.يىگىت قىزدىن ئەپۇ سورىغاچ قىزچاقنىڭ كىتابلىرىنى تېرىشىپ بېرىدۇ-دە،شۇ مىنۇتتىن باشلاپ قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ قالىدۇ...»
مانا مەن مۇشۇنداق كىنو كۆرۈنىشلىرىنى پەقەتلا ياقتۇرمايتىم .شۇنچە كەڭرى كوچىدىمۇ ،كۈپكۈندۈزدە ئېھتىياتسىزلىقتىن سوقۇلۇپ كېتەرمىش،«كەچۈرۈڭ»دەپ بىر-بىرىدىن كۆزلىرىنى ئۈزۈشەلمەي،كىتابلارنى تېرىپ كېتىشلىرىچۇ تېخى...

مۇھەببەتنى ئالدامچىلىق دەپ تونۇيدىغان ،ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئاھ،پاھ دەپ يۈرگىنىنى كۆرسە كۈلگۈسى كېلىپ كېتىدىغان مەندەك بىر يىگىت ئاشۇنداق ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان بىر ھالەتتە باشقىلارنىڭ قارمىقىغا ئىلىنىپ قېلىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدىم .
كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ ،مەكتەپلەردە بىللە ئوقۇغان سىرداش دوستۇم ئادىل بىلەن ئىككىمىزمەيلى قەيەرگىلا بارمايلى بىر-بىرىمىزدىن كۆلەڭگىدەك ئايرىلمايتۇق .ئىككىمىزنىڭ گېپى ھەر قاچان بىر يەردىن چىقاتتى.شۇڭا سىرتلارغا چىقىدىغان كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ مەسلىھەتلىشىپ بىللە قىلىپ ئۆگىنىپ قالغانىدۇق.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئادىلنىڭ ئۆيىگە ئۇنى ئىزدەپ مۇشۇ يول بىلەن مېڭىپ قالدىم.قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە كوچا چىراغلىرى يېنىپ بولغانىدى.مەن بىغەم ھالدا قايسىدۇر بىر ناخشىغا غىڭشىپ كېتىۋاتقىنىمدا،تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمدىكى يېڭىدىن سېلىنىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان بىر قىزغا كۆزۈم چۈشتى.

غەلىتە ئىش،قىز بالا زاتىنى كۆرسەم خۇددى ماڭا يامانلىقى ئۆتۈپ قالغاندەك سوغۇق نەزەر تاشلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان كۆزلىرىم ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ غۇنچىدەك قامىتىگە قامىلىپلا قالغانىدى.

يەلكىسىنى يېپىپ تۇرغان بۈدرە چاچلىرى ،ئەۋرىشىم،زىلۋا قامىتى،ئۇچىسىدىكى سۈتتەك ئاپئاق كۆڭلىكى ...ئىشقىلىپ قايسىسىنى دەي،كوچا چىراغلىرى ئاستىدا خۇددى ئەپسانىلەردىكى بىر پەرىشتىگە ئۇچراپ قالغاندەك ھېسياتتا بولدۇم .مەن قەستەن قەدەملىرىمنى ئاستا-ئاستا ئېلىپ ماڭدىم.ئەمما ئۇ بىر مۇنچە كىتابلارنى قولتۇقلىۋالغان بولۇپ نەگىدۇر ئالدىراۋاتقاندەك بەللىرىنى ئاياق تاۋۇشىغا ماس يېنىك تولغاپ ،ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئۇدۇل مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ بىلەن ئارلىقىمىز يېقىنلاشقانسېرى قانداقتۇر يۈرەكلىرىم سېلىپ ،پۇت-قوللىرىم بوشىشىپ كەتكەندەك باشقىچىلا بولۇپ قالدىم.ئۆيدىن چىققىنىمدىن بېرى يېنىمدا ماڭا يولداش بىرەرى بولمىغاچقا ،پىيادىلەر يولىنى كەڭتاشا ئىگىلىۋېلىپ ،يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىپ كېتىۋاتاتتىم.ئاخىرى ئوتتۇرىمىزدا ئىككى قەدەمچە ئارلىق قالغاندا قەدەملىرىمىز تەڭلا توختاپ قالدى .مەن ئۇنىڭغا يول بەرمەكچى بولۇپ سول تەرەپكىرەك قەدەم ئالدىم،ئۇمۇ ماڭا يول بېرىشنى ئويلىدىمۇ ياكى ئوڭ تەرىپىمدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدىمۇ بىلمىدىم ئالغان قەدىمىمىز تەڭ يۆنىلىشتە چىقىپ قېلىپ سوقۇلۇپ كەتتۇق.بېلىكىم ئۇنىڭ جەينىكىگە تەگكەن ھامان ئۇنىڭ كۆتۈرىۋالغان كىتابلىرى يەرگە پالاققىدە چۈشۈپ كەتتى.ۋاي كۆرۈڭ ماۋۇ ئالامەتنى!خۇددى كۆڭلۈمدە پىلانلىۋېلىپ قىلغاندەكلا ،يۈزلىرىمگە ئوت كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم-دە،ئالدىراپ –تېنەپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىغاچ يەردىن كىتابلارنى يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم .
-كەچۈرۈڭ،قەستەن قىلمىدىم،ئېھتىياتسىزلىقتىن...
-ھېچقىسى يوق.

ئۇ شۇنداق دەپلا ،قولۇمدىكى كىتابلارنى ئېلىپ،قولىدىكى سائېتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،بايىقىدىنمۇ ئىتتىكرەك قەدەملەر بىلەن يولىغا راۋان بولدى.

لېكىن مەن ئۇنىڭدىن تارقالغان مەززىلىك ئەتىر پۇرىقى ئارىلاشقان ھاۋانى سۈمۈرگىنىمچە ،تاكى ئۇنىڭ قارىسى يۈتكەنگە قەدەر جايىمدىن قوزغالماي تۇرۇپ قالدىم،ئۇ ماڭا تىكىلىپمۇ قارىمىدى،ئەمما قوشۇما قاش  ۋە قاپقارا ئۇزۇن كىرپىكلەر ئارىسىدىكى كۆزلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ بولغانىدىم.شۇ تاپتا ئۇ يەنە بىر قېتىم بولسىدى ھە،ماڭا كۆرسەتمىگەن كۆزلىرىنى ،چىراق نۇرىدا ئېنىق كۆرەلمىگەن يۈزلىرىنى ياخشىراق كۆرىۋالسام.

ئەگەر ئۇنىڭ ئۆيى بايا چىققان بىنادا بولسىلا سەل تۇرۇپ ئۇ چوقۇم كېلىدۇ،ئۇ كەلگۈچە ساقلاپ تۇرسام قانداق بولار؟ياق ،ياق ساراڭمىدىم مەن؟ئۇ كەلسىمۇ يەنە قاراپمۇ قويماي كىرىپ كېتىدۇ .مەن يەنە مۇشۇ ھالىتىم بىلەن ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە تۇرۇپلا قالىمەن.ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي.مەن كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئادىلنىڭ ئۆيى تەرەپكە قايرىلدى.ئادىل بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا بايىقى ئىشلارنى ئېيتقۇم بولسىمۇ ،لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم .چۈنكى يېقىندا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قىزغا كۆيۈپ قالغانلىقى توغرىلىق بىر نىمىلەرنى دىگەندە مەن ئۇنىڭغا :«ۋاي-ۋۇي ئەتىدىن كەچكىچە قىز بالىنىڭ گېپىنىلا قىلىپ يۈرىدىكەنسەن،نىمىسى ياخشى؟...» دىگەندەك گەپلەرنى قىلغانلىقىم يادىمدا ،ئەگەر بۈگۈنكى ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىدىغان بولسام چوقۇم ئۇنىڭغا ئويۇن بولۇپ بېرىدۇ ،شۇڭا ھەممىنى ئىچىمدىلا قويدۇم.كېچىچە كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس،ئۇنىڭ تۇنجى رەت يىراقتىن كۆرۈنگەندىكى سىماسى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ھېچ ئارامىمدا قويمىدى.نىمە بولغاندىمەن؟يۈرىكىم ئاللىقانداقتۇر بىر ھاياجان ئىلكىدە داۋالغۇپ،ئەنسىز سوقاتتى.بۇ ئەزەلدىن مەندە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ھالەت ئىدى،شۇڭا ئۆزۈمگە قانداق دىئاگنوز قويۇشنى بىلەلمەي قالدىم.

شۇ كۈندىن ئېتبارەن مەيلى قەيەردىلا بولاي،كۆزۈمگە چېلىققانلىكى قىزلار ئىچىدىن ئاشۇ گۈزەل چېھىرنى ئىزدەيدىغان بولدۇم،بەزىدە تېخى ئاشۇ بىنانى ساراڭدەك چۆرگىلەپ يۈرەتتىم.شۇ چاغلاردا بۇ قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغان ئىشتەك،ئۆزۈمنى بولسا بىھۇدە ئاۋارىچىلىق تارتىۋاتقان ئەخمەقتەك سېزەتتىم.لېكىن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن كىچىككىنە بىر ئۆمۈد نۇرى پەيدا بولاتتى –دە،بايىقى خىياللىرىمنى يوق قىلىۋېتىپ ،يۈرىكىمگە ھۆكۈمران بولاتتى.مەن بولسام ئۆمۈدتىن نۇر ئالغان كۆزلىرىمنى ئۇنىڭ يولىغا تىكەتتىم.بىر كۈنى كەچ مەن يەنە ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ تۇرغىنىمدا ،ئۇ يەنە ئاشۇ بىنادىن چىقىپ كەلدى .بۇقېتىم ئۇ ئالدىنقى قېتىمقىدەك ئاپئاق كۆڭلىكىنى كىيمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ چاچلىرىدىن،مېڭىشلىرىدىن يۈرىكىم تونۇغانىدى.

ئۇ يەنىلا كىتاب كۆتۈرىۋالغان بولۇپ ،ئاۋۋالقىدەك ئالدىراش ھالەتتە چىرايلىق مېڭىپ كېتىۋاتاتتى.مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋېلىش ئۈچۈن ،ئۇ كۆرمىگەندە يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم.ئۇ ئەتراپقىمۇ،كەينىگىمۇ قارىماستىن كېتىۋاتاتتى،مەن ئاستا ئۇنىڭغا يانداشتىم.
-ياخشىمۇسىز؟
بۇ گەپنىڭ قانداقلارچە ئېغزىمدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن،كۆزلىرىم ئختىيارسىز ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشتى.
-ياخشى.
-بۇنچە ئالدىراش قەيەرگە كېتىۋاتىسىز؟
-ھەدەمنىڭ ئۆيىگە.
-قايسى كۈنىمۇ شۇيەرگە بارغانمۇ؟
-شۇنداق ،ھەدەمنىڭ ئوغلىغا دەرس ئۆتۈپ بېرىۋاتىمەن.
-ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلامسىز؟
-ياقەي،ھەدەمنىڭ ئوغلى يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرغان ،تولۇق ساقايغۇچە مەكتەپكە بارالمىسا دەرستىن قالمىسۇن دەپ...
-ھە، مۇنداق دەڭە.
-تونۇشۇپ قالايلى،مېنىڭ ئىسمىم غالىپ،ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى نىمىكىن؟
-ماھىرە.
-ئىسمىڭىز بەك چىرايلىقكەن .
-رەھمەت.
-بىر قانچە كۈن بولدى ،دەرس ئۆتكىلى بارمىدىڭىزغۇ دەيمەن،سىزنى يولدا ئۇچراتمىدىم.
-مەكتەپتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ھەدەمنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم،بەزى كۈنلىرى بەك كەچ بولۇپ كەتسە شۇ يەردە قونۇپمۇ قالىمەن.
-كەسپىڭىز ئوقۇتقۇچى ئوخشىمامدۇ؟
-شۇنداق،باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا ئەدەبىيات دەرسى بېرىمەن.
بىز پاراڭلاشقاچ خېلى ماڭغاندىن كىيىن بىر دوقمۇشقا كەلگەندە ئۇ قەدەملىرىنى توختىتىپ،ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى.
گەرچە كۆزلىرىم قىيمىسىمۇ ئامالسىز خوش دېدىم.

شۇ كۈندىن كىيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بىز يەنە داۋاملىق كۆرۈشتۇق.ئادەتتە مەن ئۇنىڭدىن سۇئال سورىمىسام،ئۇدۇل جاۋاب بەرگەندىن سىرت گەپ قىلمايتى،ئىچىم سىقىلسىمۇ ئامالسىز ئۇنىڭدىن بىر سۇئالنى بىر نەچچىگە بۆلۈپ سوراپ جاۋابىنى ئالاتتىم.شۇ تەرىقىدە ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئۆتتى،ئەمدى ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلۈم توغرىسىدا بىر نىمىلەرنى دىيىشىم كېرەك ئىدى.ئەمما قانداق دىيىشنى ،گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي بىر نەچچە قېتىملىق پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ قالدىم.بەلكىم مېنىڭ
يېقىنچىلىقلىرىمدىنمۇ ئۇنىڭغا ئاز-تولا بىشارەت بولغاندۇر.

بۇ يولغا ئىچكىرلەپ قەدەم ئالغانسېرى پىسخېكامدا ،يۈرۈش تۇرۇشۇمدا كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتاتتىم.بۇرۇنقى شوخ مىجەزىمنىڭ ئورنىنى ئېغىر-بېسىقلىق،جىمغۇرلۇق ئىگىلىدى،كىيىنىشلىرىمگىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىدىغان ،ئۈستبېشىمغا بىرەر تالمۇ چاڭ قوندۇرماس بولدۇم.
بۇ ئۆزگىرىشلەر «كۆلەڭگەم»ئادىلنىڭمۇ دېققىتىنى قوزغاپ قويغاندەك قىلاتتى.
-مۇشۇ كۈنلەردە كۆزۈمگە باشقىچىلا كۆرۈنىۋاتىسەن،جىمغۇرلىشىپلا قالدىڭ.
يەنىلا ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى دىيىشكە تىلىم بارمىدى،شۇڭا يالغاندىن گەپ ياساپ ئۆتكۈزىۋېتىشنى ئويلىدىم.
-ئۇنداق ئەمەسقۇ.
-نېمىنى يوشۇرىسەن؟كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئادەم مىجەزىڭنىڭ ئەسلى قانداقلىقىنى بىلمەمدىمەن؟سەندە بىر مەسىلە بارلىقى ئېنىق.تۇيۇقسىزلا جىمغۇرلىشىپ كېتىشىڭ نېمىنىڭ ئالامىتى؟ھىم...بىرەر قىزغا كۆيۈپ قالمىغانسەن ھە؟
ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى.
-ۋاي-ۋۇي ،نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسەن؟ھە راست،ئۆتكەندە سەن گېپىنى قىلغان قىزغا ئېغىز ئاچالىدىڭمۇ؟
-شۇنداق بولمايچۇ؟مەن دېگەن كىم ھە؟
-ھە راست،سېنىڭ كىملىكىڭنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن ھە؟قىز كەلتۈرۈشتە بىڭسى بارلارنى مۇكاپاتلايدىغان ئىش بولسا چىمپىيون بولار ئىدىڭ.
-ھا ھا ھا...قىزىق گەپ قىلىسەن دە.
-ئىسمى نېمە ئۇ قىزنىڭ؟
-ئىسمى بەك چىرايلىق ،خۇددى ئۆزىگە ئوخشاشلا،ماھىرە.
-ماھىرە؟
بۇ ھېلىقى ماھىرە ئەمەستۇر ھە؟بەلكىم شۇنداق ئىسىمداش بىرەرىگە توغرا كېلىپ قالغاندۇر.لېكىن مەن شۇنداق دەپ كۆڭلۈمنى ياسىغىنىم بىلەن يۈرىكىمنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا كىچىككىنە بىر گۇمان بىخ سۈرۈشكە باشلىدى،گۇمانىمنى يېشىپ كۆڭلۈمنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يەنىمۇ ئىچكىرلەپ سوراپ باققۇم كەلدى.
-ئىسمىغۇ چىرايلىقكەن،خىزمىتى بارمىكەن؟
-ھەئە،ئوقۇتقۇچى دىگىنە،باشلانغۇچ مەكتەپكە ئەدەبىيات ئۆتىدۇ.
مانا،مانا،دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟ئۆيىنى سورىمىساممۇ بىلدىم،بەرىبىر ئۇ ماڭا،5-رايوندىكى يېڭى سېلىنىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان بىنا دا  دەپ جاۋاب بېرىدۇ.نىمە ئىشلار بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟...سوغۇقى ئېشىپ قالغان ئادەمدەك كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.
-نىمە بولدۇڭ ھوي!دېمىڭ ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتىغۇ؟
-ھېچنىم بولمىدى.

كەچلىكى ئۇيقۇم يەنە قاچتى،غايىپتىن بىر قول كېلىپ يۈرىكىمنى قاماللىۋالغاندەك بىئارام بولۇپ پەقەت ئۇخلىيالمىدىم،بۇ ماڭا نىمە كۈن بولدى؟ئاشۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالامدىغان؟مۇشۇ كەمگىچە ھېچبىر كىمگە كۆڭۈل بەرمەي،ھېسياتسىز ئادەمدەك ئۆتۈپتىمەن،ئەمدىلىكتە تېخى يېڭىدىن توپا يېرىپ چىققان سۆيگۈ بىخىنى مۇشۇنداقلا يۇلۇپ تاشلىسام كىيىنكى كۈنلىرىم قانداق ئۆتەر؟ئەمدى ھېچكىمنى ياخشى كۆرەلمەيمەن.ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەم بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۆمرۈم ھەتتا تەنھالىقتا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.

بىرى جانجىگەر دوستۇم،يەنە بىرى بارلىقىم،قايسىسىنى ساقلاپ قېلىشىم كېرەك؟شۇ تاپتا مېڭەم چىقارغان تۈرلۈك سۇئاللارغا جاۋاب تېپىپ بېرەلمەي قىينىلىۋاتاتتىم.ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىراقنى يېقىپ ئەينەككە قارىدىم.تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ قالغان ئەينەكتىكى ئەكسىمگە قاراپ ھەيران قالدىم.

كىرپىكلىرىم ،يۈزلىرىم نەم.چىرايىم تاتارغان،خۇددى يېغىن كۆرمىگەن نىمجان گىياھتەك...
تۇيۇقسىز كۆزلىرىم ئارقا تەرىپىمدىكى تامغا ئېسىلغان دادام،ئاپامنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىگە قادالدى.كەينىمگە ئۆرۈلۈپ رەسىمنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاندەك ھالەتتە سىنچىلاپ قارىدىم،ئۇلارنىڭ مېھىر تېمىپ تۇرغان نۇرلۇق كۆزلىرى ماڭا مەدەت بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى.رەھمەتلىك دادامنىڭ بىر گېپىنى ئەسلىدىم.
«ئوغۇل بالا دىگەن ئىرادىلىك بولسىلا ھەر قانچە مۈشكۈل ئىشنىمۇ قىلالايدۇ...»دادامنىڭ روھى ماڭا مەدەت بېرىۋاتىدۇ،مېنى بەل قويىۋەتمەسلىككە ئۈندەۋاتىدۇ!ئەتىلا چوقۇم ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپنى ئېيتىمەن.

ماھىرەنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىگە ئۈلگۈرۈپرەك مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بىر دوقمۇشتا ئۇنى كۈتۈپ تۇردۇم.توپ-توپ بالىلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئارقىدىن ئوقۇتقۇچىلار بىر-بىرلەپ چىقىشقا باشلىدى.تەلىيىمگە ماھىرە ئۆزى يالغۇز كېلىۋاتاتتى.ئۇ يىراقتىنلا مېنى تونۇپ ،كۈلۈمسىرەپ ئەھۋال سورىدى:
-ياخشىمۇسىز؟بۇ يەردە يۈرىسىزغۇ؟
-يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپقارىسام سىز كېلىۋېتىپسىز،شۇڭا ساقلاپ تۇردۇم.
بىز يەنە قاتارلىشىپ ماڭدۇق،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشۇم كېرەك ئىدى،شۇڭا غەيرەت قىلىپ ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتىشقا بەل باغلىدىم .
-سەل تۇرۇپ يەنە دەرس ئۆتكىلى بارامسىز؟
-شۇنداق.
-ئەمىسە ھازىر كەچلىك تاماقنى بىللە يەپ كەلسەك قانداق؟
-كەچۈرۈڭ،ئۆيگە بېرىپ قىلىدىغان باشقا ئىشلىرىم بار ئىدى.
-ھېچقىسى يوق.
ئادىل بىز يۈرىۋاتىمىز دىگەن ئەمەسمۇ،مېنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلىشى خاتا ئەمەس.بۇ تەرىپىنى ئويلىماپتىمەن.
-ئەمەلىيەتتە،سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.
ئۇنىڭ «نىمە گەپ بولسا دەۋېرىڭ .»دىيىشىنى كۈتكەنىدىم،ئەمما ئۇ ئۈندىمەستىن مېڭىۋەردى.
-سىز ئادىلنى ھەقىقي ياخشى كۆرەمسىز؟
- ئادىل؟
-شۇنداق،ئادىل.ھازىرقى يۈرىۋاتقان يىگىتىڭىزنى دەيمەن.
-كەچۈرىسىز ،مېنىڭ تېخى يۈرىۋاتقان يىگىتىم يوق،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئادىل دەيدىغان بىرىنى تونۇمايدىكەنمەن.
-ئادىلنى تونىمايسىز؟
باشقىچە ئۇسۇلدا سورىمغانلىقىم ئۈچۈن خىجىل بولۇپ كەتتىم،ئادىل ئېيتقان ماھىرە ئەمەسمۇ يا؟يول ئاخىرلاشقۇچە نىمىلا بولسام ھەقىقي ئەھۋالنى سوراپ بىلىشىم كېرەك ئىدى.
-سىلەرنىڭ مەكتەپتە سىز بىلەن ئىسىمداش ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدىن يەنە بىرى بارمىدى؟
-ياق.
بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ پەرىزىمنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن سۇئاللىرىمغا ئالغان جاۋاب كاللامدىكى ئويلىرىمنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتكەنىدى.بىرى يۈرىۋاتىمىز دىسە،يەنە بىرى يۈرگىنىم يوق دىسە،قايسىسىغا ئىشىنىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قېلىۋاتاتتىم.
-گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا دەۋېرەي،مەيلى سىزنىڭ يۈرگىنىڭىز بولسۇن ياكى يوق بولسۇن،كۆڭلۈم چۈشكەن ئادەمگە يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيتىۋېلىشقا ھەقلىقمەن.
سىزنى تۇنجى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغانىدىم،بۇنىڭدىن كىيىن ئىزدىشىپ ئۆتسەك دىمەكچىدىم،ھېچبولمىسا دوست بولۇپ ئۆتسەكمۇ بولىدۇ ،مېنىمۇ ئاستا-ئاستا ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىزغا ئىشىنىمەن.ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن.
ئۇ بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ قويۇپ كىرىپ كەتتى.
بېزەڭلىك قىلىپ ئۇ كەچلىكى ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغان يولدا ئۇنى يەنە كۈتتۈم.بىردەمدىن كىيىن چىراغ نۇرلىرى ئاستىدا ئۇ يەنە ئاۋۋالقىدەكلا پەيدا بولدى.لېكىن چىرايىدىن مەندىن خاپا بولۇپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.مەن يولبويى ئۇنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن ،قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ ماڭغان بولسىمۇ،ئۇ رەسمىيەت ئۈچۈن مۇنداقلا كۈلۈپ قويىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.بۇ كۈنلەردە بەختىمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھېچنىمىگە قارىماي ئالغا ئىلگىرلەشنىلا كۆزلەۋاتاتتىم.لېكىن ئادىلنىڭ دىگەنلىرى قانداق گەپ بولغىيدى؟بۇ سىرنى يىشەلمىدىم.لېكىن ئۇ سىرنىڭ تىگىگە يىتىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەۋاتاتتىم.

شەنبە كۈنى ئەتتىگەندىلا ئادىل ئۆيگە كېلىپ مەن بىلەن بىر ئىش توغرىلىق سۆزلەشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
-قېنى ئېيتە ،نىمە ئىش ئىدى؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-ئەسلىدە قايسى كۈنى سېنى ئالداپ قويغانىدىم.
-قايسى گەپنى قىلىۋاتىسەن؟
-بىر قىز بىلەن يۈرىۋاتىمەن دېمىدىممۇ؟ماھىرە ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى قىزچۇ؟
-ھە،ھە،يادىمغا كەلدى.
-ئەسلىدە ئۇ قىز بىلەن تېخى تونۇشمايمىز،ئەتە يەكشەنبە ،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتاي دىگەن ،لېكىن ئۇنىڭغا قانداق دىيىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن.
-تونۇشمايمەن دىگىن ،ئەمىسە ئۇ توغرىلىق خېلى پىششىق سۆزلەپ يۈرمىگەنمىدىڭ؟
-ھى ھى... ئۇنى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ ئېرىشكەن ئۇچۇرلار.
-ئوھ ~ مۇنداق دىگىن.
ھەرنىمە بولسا چاققان چىقىپتىمەن.ياپسام پىشارمۇ،كۆمسەم پىشارمۇ؟ دەپ ئېزىلىپ ئولتۇرغان بولسام كەتكۈزۈپ قوياركەنمەن.
-ئۆزۈڭ بىر ئامال قىلمامسەن؟مەندە ساڭا يول كۆرسەتكۈدەك تەجرىبە نىمە قىلسۇن؟

-ئۆزۈڭ بىر ئامال قىلمامسەن؟مەندە ساڭا يول كۆرسەتكۈدەك تەجرىبە نىمە قىلسۇن؟خېلى ھۆنەرلىرىڭ جىققۇ؟مۇشۇ كەمگىچە قانچە قازاندا قايناپ بولدۇڭ.
-ئۇغۇ شۇ ،لېكىن ماھىرە ئۇ قىزلارغا ئوخشىمايدۇ دە،ھەي بولدىلا ،ساڭا ئوخشاش يول كۆرمىگەنلەردىن يول سوراپ كەلگەندىكىن ئەخمەقكەنمەن.

بىز يەنە بىردەم تاغدىن-باغدىن سۆزلەشكەندىن كىيىن ئادىل كېتىپ قالدى.ئەمدى بۈگۈن بىر كۈن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ماھىرەدىن ھەقىقىي جاۋابنى ئېلىشىم كېرەك ئىدى.ئادىل تېخى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپمۇ باقماپتىكەن،ئەگەر ئىككىمىزدىن بىرىنى تاللايدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇ چوقۇم مېنى تاللايدۇ.چۈنكى بىز خېلى تونۇشلاردىن بولۇپ قالدۇق .شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم خېلى توق بولۇپ قالدى.
پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن ،ئۆزۈمگە ئەڭ يارىشىدىغان كىيمىم بىلەن جابدۇنۇپ،يەنە شۇ كوچىغا باردىم.ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تولۇق ئاددىرىسىنى سورىۋالمىغانلىقىم ئۈچۈن پىيادىلەر يولى قاسنىقىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كۈتۈشۈمگە توغرا كەلدى.
يېرىم كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى،ئۇ چۈشتىن كىيىن كۈن قايرىلغاندىلا ئاندىن سىرتقا چىقتى .دىمەك،ئۇ پۈتۈن بىر كۈننى ئۆيىدە ئۆتكۈزگەنىدى.شۇڭا ئۇنى بىر كۈن ساقلىدىم،سىرتقا چىقىپ كەتسە كۆرمەي قالماي دەپ چۈشلۈك تاماقنىمۇ ئويلىمىدىم.ئەممامەن رازى ئىدىم.ئۇ يەنىلا يىراقتىن مېنى تونۇۋېلىپ يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى.ئۇنىڭ بۇ مۇئامىلىسى مېنىڭ يېڭىپ چقىشىمدىن بىشارەت ئىدى.ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى مېنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى.
-يەنە دەرس ئۆتكىلى ماڭدىڭىزمۇ؟
-شۇنداق.
مەن يەنە ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.
-بۈگۈن پۈتۈن بىر كۈن سىرتقىمۇ چىقىپ قويمىدىڭىز ھە؟
-مەۋسۈملۈك ئىمتىھان يېقىنلىشىپ قالغاچقا،ئوقۇغۇچىلاردىن سىناق ئىمتىھان ئېلىشقا تەييارلىق قىلغانىدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتقا چىققۇدەك باشقا ئىشمۇ بولمىغاچقا...
-قايسى كۈنىدىكى سۆزلىرىمنى ئويلىنىپ بېقىشقا ۋاقتىڭىز يەتتىمىكىن؟
ئۇ ئۈندىمىدى.مەن ئۇنىڭغا ياخشى تەسىر بېرىش ئۈچۈن گەپلىرىمنى ئىمكان بار سىلىق چىقىرىشقا تىرىشاتتىم.
-بۈگۈن بىر كۈن ئاشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ،سىزنىڭ سىرتقا چىقىشىڭىزنى كۈتتۈم،ھازىر بولسا سۇئالىمغا «ھەئە»ياكى«ياق»دىگەن جاۋابنىلا كۈتىۋاتىمەن.مەن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئازراقمۇ ياخشى تەسىر قالدۇرالمىدىم شۇنداقمۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس،ماڭا بىر ئاز ۋاقىت كېرەك.
بىردەمدىلا ھەدىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ كېلىپ قاپتۇق.ئۇنىڭ يەنە «خوش»دەپلا غىپپىدە كىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ مەنمۇ چىڭراق تۇردۇم.
-ھېلىمۇ كۆپ ۋاقىت بەردىم،بۈگۈن ئوچۇق جاۋابىنى ئېلىپ ئاندىن قايتىمەن.
-نىمانچە جاھىلسىز؟بوپتۇ دىگىنىڭىزدەك بولسۇن،دوست بولۇپ ئۆتەيلى.خوش مەن كىرىپ كەتتىم.
بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.خوشلۇقۇمنى سىغدۇرالماي بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىرىغۇم كېلەتتى.چۈنكى بۇ دوستلۇقنىڭ ھامان مۇھەببەتكە يول ئاچىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بار ئىدى.
لېكىن بىردىنلا ئادىل يادىمغا كېچىپ كۆڭلۈم سەل يېرىم بولدى.ئۆزۈمنى خۇددى ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان بىر ئىش قىلىپ قويغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئۆزى ئالدىرىمىغاندىكىن مەندە نىمە گۇناھ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرمەك بولاتتىم.

يەكشەنبىمۇ بولدى،بۇ بىر كۈننى ئادىلغا بېرىۋەتتىم،ماھىرەنى ئىزدىمىدىم.
ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ روھى چۈشكۈن ھالدا يېنىمغا كەلدى.
-نىمە بولدۇڭ؟چىرايىڭ ئوسالغۇ؟-دىدىم مەن ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىلمەسكە سېلىپ .
-نىمىسىنى دەيسەن ئاداش؟ھېلىقى ماھىرە دىگەن بىلەن تونۈگۈن كۆرۈشكەنىدىم.
-قانداق بولدى؟
-يۈرگىنىم بار دەۋاتمامدۇ كاساپەت!
-ئۇنىڭ كىملىكىنىمۇ ئېيتىپ بەردىمۇ؟
-سورىمىدىم،ئۇنى سوراپ قانداق قىلاي؟مۇئامىلىسىمۇ شۇنداق قوپال دىگىنە،ئىچىمنى ھەجەپ ئاچچىق قىلدى .
مەن ئۇنىڭغا بىر مۇنچە يالغان گەپ ياساپ دىگۈدەك  تەسەللىي بېرىپ يولغا سالدىم.
ئەگەر ئۇنىڭ يىگىتىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلسە ئادىل قانداق قىلار؟ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى ھەممە ئىشتىن خەۋەر تاپىدىغانلىقىنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى.
ناۋادا ئۇ بىلىپ قالسا ،مېنى كەچۈرۋېتىپ ماڭا يول قويارمۇ ياكى رەقىبلىشىپ كېتەرمىزمۇ؟ئوي خىياللىرىم ھەريان چېچىلىپ يەنە مېنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى.ئەگەر ئىككىمىز رەقىبلەردەك بولۇپ كەتسەك مەنمۇ بوش كەلمەيمەن.چۈنكى ماھىرە مەن ئۈچۈن پەقەت بىرلا،ئۇنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن.ھېچكىمگە تارتقۇزۇپ قويمايمەن،ئۇ مېنىڭ بولۇشى كېرەك!

مەن مۇشۇنداق كۆڭلۈمگە ئۆزۈم ئەندىشە سالىمەن ،يەنە ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەسەللىي بېرىپ ئۆزۈم پەيدا قىلغان ئەندىشلەرنى يوقاتماقچى بولىمەن،چۈنكى ماڭا تەسەللىي بېرىدىغان كۆيۈملۈك دادام،مېھىرلىك ئاپام ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قاتناش ۋەقەسى بىلەن مەندىن ئايرىلغانىدى.مەن ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ بولغۇچە ،زىمىستاننىڭ سوغۇقلىرى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ تېنىدىكى ھارارەتنى ئېلىپ كەتكەنىكەن.دائىم مېنى «جېنىم بالام»دەپ چاقىرىش ئۈچۈنلا يارىتىلغان ئېغىزلىرى،دائىم ماڭا كۈلۈپ قارايدىغان كۆزلىرى مېنىمۇ كۈتمەستىن،مېنى ئاخىرقى قېتىم چاقىرىشقىمۇ، كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەستىن يۇمۇلۇپتۇ.شۇندىن ئېتبارەن ئۇلارنىڭ نى ئۆمۈدلەرنى كۈتۈپ مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ،دۇنيالىقتا مەندەك بىرلا ئوغلىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىقلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى قايرىپ قويۇپ ،ئوقۇشۇمنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويغىنىمغا مىڭ پۇشايمان يىدىم.لېكىن ئورنىغا كەلمىدى،«ئاتا –ئانا ھايات چاغدا قەدرى بىلىنمەيدۇ،ئۆلگەندە قەدرى بىلىنىدۇ .»دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە شۇ چاغدا ھەقىقىي يەتتىم دىسەممۇ بولىدۇ.بەزىدە كۆيۈنۈش،مېھىر-مۇھەببەتۋە تەسەللىگە شۇنچىلىك ھاجەت بولىمەنكى،مېنى ئىككى مېھرىبانىمدىن ئايرىغان ئاشۇ ئۆلگۈر شوپۇرنى تېپىپ دەردىمنى ئالغۇدەك بولىمەن.،گەرچە دادام،ئاپاملار بىر ئۆمۈر تاپقان-تەرگىنىنى مېنىڭ كەلگۈسۈم ئۈچۈن ئاتاپ قويغان بولسىمۇ،ئۇلار ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ماددىي بايلىقلار مېنىڭ تەييار يېتىپ يىيىشىمگە يەتسىمۇ ،يېقىندىن بېرى بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئاز-تولا تىجارەت قىلسام دىگەننى خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدىم.

لېكىن ئادىل ماڭا ئوخشىمايتتى،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھايات،ئۇ مەندەك ئوقۇشتىن يېرىم يولدا چېكىنىۋالمىغان ئەكىسچە ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ خىزمەت كۈتىۋاتىدۇ.ئويلاپ باقسام ماھىرە بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ ھەمىشە ئادىل بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىمنى ماھىرەنىڭ كەينىدىن يۈرۈشكە ئالماشتۇرۇپتىمەن.ئادىلنى كۆپ ئىزدىمەس بولۇپ قاپتىمەن،شۇڭا بۈگۈن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىغاچ كۆرۈشكىلى باردىم،ئېشىكنى چىكىشىمگە ئىشىكنى ئۇ ئۆزى ئاچتى-دە،مېنى قىزغىن كۈتىۋالدى.
-ۋاي ئاداش بارمۇسەن؟يوقاپلا كەتتىڭ،مەن تېخى سېنىڭ ئۆيۈڭگە باراي دەپ تۇراتتىم،قېنى بۇياققا كېلىپ ئولتۇر.
بىز سافاغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۇسسۇلۇق ئىچكەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.پاراڭلىشىش جەريانىدا ھەر ئىككىمىز ماھىرە توغرىلىق ئېغىز ئاچمىدۇق.مەن خوشلىشىپ ماڭىدىغان چاغدا،ئۇ قولۇمغا بىر كونۋېرتنى تۇتقۇزۇپ ،ئۆيگە بارغاندىن كىيىن كۆرۈشۈمنى تاپىلاپ يولغا سالدى.
ئەمما مەن ئۆيگە يىتىپ بولغۇچە تاقەت قىلالماي چوڭ يولغا قايرىلىپلا كونۋېرتنى يىرتتىم.ئىچىدىن ئادىلنىڭ پوچۇركىسىدا يېزىلغان ئىككى ۋاراق خەت چىقتى.
خەت مۇنداق يېزىلغانىدى:

«مېنىڭ ئەڭ يېقىنىم،سىردېشىم،ئاقكۆڭۈل دوستۇم غالىپ،ياخشى تۇرغانسەن؟ساڭا بۇ ؟خەتنى يېزىشىم بەلكىم سېنى باشقىچە تۇيغۇلارغا باشلىغاندۇ،چۈنكى بىز ئەزەلدىن خەت ئارقىلىق پىكىرلىشىپ باقمىغان،ھەرقانداق گېپىمىزنى بىر-بىرىمىزدىن يوشۇرماي،خۇددى قېرىنداش ئاكا-ئۇكىلاردەك ئىجىل ئۆتكەنىدۇق.ئەمدىلىكتە ساڭا يۈز تۇرانە دىيىشكە تىلىم كۆيىدىغان بىر ئاز گەپ تۇغۇلۇپ قالدى،شۇڭا ساڭا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئېيتىشنى توغرا تاپتىم.بەلكىم مېنىڭ سېنى ئىزدىمىگەنلىكىم ساڭا باشقىچە تۇيۇلغاندۇ،بىز كۆرۈشكەن ئاخىرقى كۈنى دىگەنلىرىم ئېسىڭدە باردۇر ھە؟

مەن ماھىرەگە كۆڭلۈمنى ئېزھار قىلسام «يۈرگىنىم بار»دېدى دىگەنىدىم،ساڭا بۇ سۆزلەرنى پەرۋاىسز قىياپەتتە ئېيتىپ بەردىم،لېكىن ئىچىمدە بولسا ئاشۇ يىگىتنىڭ كىملىكىنى شۇنداق بىلگۈم كەلگەنىدى.ئۇنىڭ ھەر كۈنى كەچلىكى سىرتقا چىقىدىغانلىقىدىن بەكلا كىيىن خەۋەر تاپقانىدىم.ئەگەر بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ئۇنى ھېلىقى يىگىتكە زادىلا تارتقۇزۇپ قويمىغان بولاتتىم.سەن بىلەن پاراڭلىشىپ قايتقاندىن كىيىن ئاشۇ يىگىت زادى كىملا بولسۇن بىر كۆرۈپ باققۇم كەلدى .شۇنداق قىلىپ ئەتىسى كەچقۇرۇنلىقى ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇردۇم.ئەلۋەتتە ئۇ مېنى كۆرمەيتى،چۈنكى مەن يوشۇرنىۋالغان.ئاخىرى ئۇمۇ چىقتى ،كەينىگە چۈشتۈم،ئالدىدىكى قايرىلمىغا كەلگەندە دەرۋەقە ئۇنىڭغا بىرى ئەگەشتى،گەرچە ئەتراپ ئانچە يورۇق بولمىسىمۇ ،ئۇ ئادەمنىڭ تەققى-تۇرقى ماڭا ناھايتى تونۇشتەكلا بىلىندى.كۆزلىرىم ماڭا «ئۇ سېنىڭ دوستۇڭ غالىپ شۇ»دەۋاتقانلىرىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتىم،مەن كۆرۈپ قېلىشىڭلاردىن قورقمىدىم،تېخىمۇ يېقىنراق باردىم.چۈنكى كۆزلىرىمنىڭ بايىقى قارارىغا رەددىيە بەرمەكچى،ئۇ غالىپ ئەمەس دىمەكچىدىم.يېقىنلاشقانسېرى ھەممە سىر يېشىلدى.

ماھىرەگە ياندىشىپ كېتىۋاتقان ئېگىز بويلۇق ،چىرايىغا تولىۇ ماسلاشقان چاچلىرىنى يېنىغا ئايرىپ رەتلىك تارىۋالغان،ناھايتى كېلىشكەن بىر يىگىت ،ئۇ دەرۋەقە سەن ئىدىڭ.ئەمدى ئۇ يەردە تۇرىۋېرىشنى خالىمايتىم،شۇڭا دەرھال كەينىمگە ياندىم،چۈنكى ئۇنىڭ يىگىتىنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇمغا يەتكەنىدىم،ئۇ يەردە سىلەرگە قاراپ تۇرمىساممۇ ئۇ يىگىتنى قاچان خالىسام شۇ چاغدا كۆرەلەيتىم.شۇ كۈنى مەن ئۆمرۈم بويى تۇنجى قېتىم يىغلىدىم،ساڭا ئۇنى تارتقۇزۇپ قويغىنىم ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى،بىر-بىرىگە تولىمۇ ماسلاشقان بىر جۈپلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن خۇش بولۇپ يىغلىدىم.سەن خۇش بولساڭ مەنمۇ خۇش بولىمەن،چۈنكى بىز دوست. ھەقىقي دوستلار بىر-بىرىگە ئورا كولىمايدۇ ،شۇنداق ئەمەسمۇ؟

ئېسىڭدىمۇ؟كىچىك ۋاقتىمىزدا يېزىدىكى ئۆيىمىزدە تۇراتتۇق،سېنىڭ بۇيۇڭ مەندىن سەل كىچىك ئىدى.
سەن سۇدىن قورقاتتىڭ،ئەمما مەن قورقمايتىم ھەم ياز كۈنلىرى ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستەڭگە ھەر كۈنى سۇغا چۆمۈلۈپ ئويناشقا ئامراق ئىدىم،لېكىن سەن سۇغا چۆمۈلمىسەڭمۇ مېنىڭ سۇغا چۆمۈلگىنىمنى تاماشا قىلىشقا ئامراق ئىدىڭ.

بىر كۈنى سەن قىرغاقتا قاراپ ئولتۇرغاندا مەن سۇغا چۆمۈلىۋېتىپ ئۆزۈمچە بىر ئويۇن ئوينىماقچى بولۇپ بەش مىنۇتچە سۇغا چۆكۈۋالسام سەن بەك يىغلاپ كەتكەنىدىڭ.شۇنىڭدىن كىيىن سەن تېخىمۇ سۇدىن قورقىدىغان بولۇپ كەتكەنىدىڭ ھەم مېنىمۇ سۇغا چۆمۈلگىلى قويمايدىغان بولغانىدىڭ.بەزىدە ئويلاپ قالىمەن،ئەشۇ سەبىي چاغلىرىمىزدىلا رېشتىمىز باغلىنىپ بولغانىكەن،كىيىنكى تەقدىرمۇ بىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىۋېتەلمىدى.ئەمدى بولغاندا سەن بەختىڭنى تاپساڭ مەن نىمىشقا يولۇڭنى توسىدىغان دۈشمەن بولغۇدەكمەن؟نىمىشقا يىگىرمە نەچچە يىللىق دوستلۇق رېشتىمىزنى  ئۈزگۈدەكمەن؟

سېنى ياد ئەتكەن ھەربىر دەملەردە سەن ئۈچۈن خۇشال بولىۋاتىمەن دوستۇم.ئوڭايسىزلانمىغىن،بۇ خەتنى ئوقۇغان چاغدىكى ھېسياتىڭنى مەن ھېس قىلالايمەن.چۈنكى بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپلا خۇددى قېرىنداشتەك ئۆتۈپ كەلدۇق ،سېنىڭ مىجەزىڭ ماڭا ئايان ،سەن بەك ئاقكۆڭۈل يىگىتسەن.ماھىرەدەك قىزلار ھەقىقەتەن ساڭا ئوخشاش يىگىتلەرگە لايىق كېلىدۇ .ساڭا يەنە بىر خەۋەرنى ئۇقتۇرماقچىمەن،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئالدىمغا نۇرغۇن خىزمەتلەر ئۇچرىغان بولسىمۇ ئوقۇغان كەسپىمگە لايىق كەلمىگەچكە ئىشلەشنى خالىمىغانىدىم.

ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بېيجىڭدىكى يېزىنەم ماڭا لايىق ئىش بارلىقىنى ئېيتقانىدى ،ئويلىسام بولىدىغان ئىشكەن،ئۆيدىكىلەرمۇ قوشۇلدى.شۇڭا پاتراق يولغا چىقىشىمنى تەلەپ قىلغاچقا بۈگۈن يولغا چىقىدىغان بولۇپ قالدىم،يېزىنەم ياخشى ئادەم،ئۇ يەردە ھەدەممۇ بار بولغاچقا كۆڭلۈم توق تۇرامدىكىن دەيمەن.لېكىن ماڭا سەندىن ئايرىلىش ئېغىر كېلىۋاتىدۇ جېنىم دوستۇم.
ھالبۇكى،قايسى كۈنىدىكى بىر-بىرىڭلارغا تۇتقان قىزغىن پوزۇتسىيەڭلاردىن ،ئۇزۇن ئۆتمەي بەخت دەرۋازىسىدىن كىرىدىغانلىقىڭلارنى كۆرەلىدىم.

لېكىن ئاشۇ خۇشاللىق ،مىنۇتلاردا يېنىڭدا بولالماي قېلىشىمدىن قورقىۋاتىمەن.مەن بېرىپ بولۇپلا سەن بىلەن ئالاقىلىشىمەن.گەرچە بىز بىر ئانىدىن كۆز ئاچقان قېرىنداشلاردىن بولمىساقمۇ،بىر-بىرىمىزگە بولغان مېھرىمىز ئاشۇنداق ئاكا-ئۇكىلارنىڭ مېھرىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،ئېتىڭنى غالىپ قويغانىكەن،بەختىڭگە كۆز تىككەنلەردىن غالىپ كەلدىڭ.
بەخت كۈندە ئىشىكىڭنى قېقىۋەرمەيدۇ،ئۇنى قەدىرلە،بەختلىك بولۇڭلار!
           -ئادىل »

خەتنى يېنىشلاپ ئىككى قېتىم ئوقۇدۇم،كۆزلىرىم يەنە نەمدەلدى،ئاچچىق بىر سېزىمنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان يۈرىكىم ئېچىشقاندەك بولۇۋاتاتتى.
ئاشۇ كۈنى مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم؟!«ئۇنىڭ بىلەن رەقىبلىشىپ كەتسەك ،مەنمۇ بوش كەلمەيمەن...»مۇشۇنداق بىر پەسكەش خىيالنى قىلىپ ئولتۇرغان ئادەمنى ئۇ«ئاقكۆڭۈل»دەپ تەرپلەۋاتىدۇ.مۇنداق ئوسال ئەھۋالدا قېلىشىمنى ھەقىقەتەن ئويلىمىغانىدىم.شۇئان كەينىمگە يېنىپ بېرىپ ئۇنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم،ئىشىكنى ئادىلنىڭ ئۆزى ئاچتى.مەن قولۇمدا قاتلاقسىز قەغەزلەرنى تۇتقان پېتى ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم.
-جېنىم دوستۇم ،مېنى ئۆلتۈردۈڭغۇ،ساڭا نىمە دەيمەن؟...
-بولدى ئۇنداق قىلما غالىپ ،سەن مۇشۇنداق  مۇھەببەتكە ئېرىشىشكە مۇناسىپسەن.مەن كېتىمەن ،ئەمدى سېنى چۈشىنىدىغان كىيىنكى يوللىرىڭدا ساڭا يولداش بولىدىغان بىرىگە مۇھتاج بولىسەن،بىلىمەن ،ئۇ ساڭا ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ...
بازار چاققاننىڭ دىگەندەك قىلغان ئىشىمدىن مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيمەن دەپ ئويلايتىم.
ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنى تۇتالماي يىغلىدۇق،خۇددى يېڭىدىن ياتلىق بولىدىغان قىز ئانىسىغا ،ئانىسى قىزىغا قىيالماي يىغلاشقىنىدەك...ياكى ئىككىمىز مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ ،ئەمدى كۆرۈشەلمەيدىغاندەك...

2

ئىشلىرىم ئوڭغا تارتىۋاتقاچقا كۆڭلۈمنى غەش قىلىدىغان تۇيغۇلار ئاستا-ئاستا يوقىلىپ بۇرۇنقىدەك شوخلۇقۇمغا قايتىۋالغانىدىم.ماھىرە بىلەن مىجەزىمىز ئوبدان كېلىشىپ قالغاچقا ئۇنىڭغا مۇھەببەت تەكلىپىنى قويۇش تۇنجى قېتىمقىدەك تەسكە توختىمىدى. ھەر قانداق كۆڭۈلسىز ئىشلار بولسىمۇ ،ئۇنى كۆرگەن ھامان كاللامدىن چىقىپ كېتەتتى،كۈنلەر ئۆتكەنسېرى،ئۇنىڭ بىلەن بىرەر كۈن ئىزدەشمىسەك كۆڭلىمىز يېرىم بولىدىغان بولۇپمۇ قالدۇق.

ئادىل بىلەنمۇ تېلىفوندا پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق،ئۇ يېنىدا ھەدىسى،يېزىنىسى ۋە بىر ئۇماق جىيەنى بار بولغانلىقى ئۈچۈن كۈنلىرىنىڭ ناھايتى كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتقانلىقىنى ھەم خىزمىتىنىڭمۇ ئانچە جاپالىق ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ مېنى ختىرجەم قىلماقچى بولاتتى.بىر كۈنى ئۇ تېلىفوندا مېنىڭ توي ئىشىم توغرىلىق سۆزلەپ قالدى.
...
-ھە بەگزادە،ساڭا يالغۇزلۇق يەتمىدىمۇ؟قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرىۋېرىسەن؟يا ماڭا خەۋەر قىلمايلا تويۇڭنى قىلىۋالدىڭمۇ؟ھېچبىر توي خەۋىرىڭنى ئاڭلىمايمەنغۇ؟
-ھە ئۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى ،سېنى چاقىرماي قانداق توي قىلالايمەن؟ماھىرە ئىشلىرىنى بىر ئاز رەتكە سېلىۋالسۇن ئاندىن بىر گەپ بولسۇن.لېكىن بىر كاللامدا بىر غەم بار ئاداش.
-نېمە غەم ؟ئېيتە قۇلىقىم سەندە.
- توي قىلىمەن دىگەن بىلەن ئۆزۈم يالغۇز قانداق قىلارمەن؟بۇ كۈنلەردە يوقلىقىڭ بەك بىلىنىۋاتىدۇغۇ ماڭا،كىم ماڭا ئىگە بولىدۇ؟
-يېزىدىكى ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىچۇ؟شۇلارغا خەۋەر بەرمەمسەن؟
-ۋاي قويغىنە شۇلارنى ،داداملار تۈگەپ كەتكەندە ،كېلىپ قانداق قىلغانلىقلىرىنى بىلىسەنغۇ،ئۇلار بىلەن كارىم يوق ئەمدى.
ئادىل زۇۋان سۈرمەي تۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشلىرىدىن مەن ئۈچۈن قايغۇرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرىۋاتاتتىم.ئەمەلىيەتتە ماڭا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئادەم يوق ئەمەس،يېزىدا تۇرىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بار .ئۇلار ئىلگىرى ئۆيلىرىمىزگە تولىمۇ ئاز كېلەتتى.لېكىن دادام،ئاپاملارنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كېلىپ نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزىشىپ بېرىشتىيۇ،شۇنچە مال-مۈلۈكنىڭ يالغۇز ماڭىلا قالغىنىنى كۆرۈپ كۆز قىزارتىشىپ ،ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشرىسىنى ئاشكارىلاشتى،شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىلەن ئۆچەكىشىپ قالغاندىن بېرى ئالاقەم ئۈزۈلگەنىدى.ئۇلارمۇ بەلكىم مەندەك بىر قېرىندىشىنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇتلىقىنى يادىغىمۇ ئېلىشمايدىغاندۇر.شۇڭا بۇ ئىشتا ئۇلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى پەقەتلا خالىمىدىم.
ئادىل بىر پەس تۇرىۋالغاندىن كىيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
-بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇر ،ئەتە چوقۇم خاتىرجەم قىلىمەن .
-قانداق قىلىپ ؟
-بۇنى ھازىر دىمەيمەن،ئەتە بىلىسەن.
ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكى ماڭا قاراڭغۇ بولسىمۇ ،ماقۇل بولغانلىقىمنى بىلدۈردۇم.ئەتىسى ئۇ ماڭا تېلىفون قىلدى.
-ئەگەر خالىساڭ دادام ،ئاپاملار سېنىڭ تويۇڭغا باش بولۇپ بېرىدىغان بولدى.
-نىمىلەرنى دەپ يۈرىدىغانسەن؟بۇ...قانداق بولىدۇ؟
-تەكەللۇپ قىلمىغىنە،ئېسىڭدە بولسۇن،بىز دىگەن قېرىنداش ھە؟!مېنىڭ ئاتا-ئانام سېنىڭمۇ ئاتا-ئاناڭ،ئەگەر سەن خالىساڭلا...
-خالىمامدىغان ئاداش،ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆزۈمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش ،لېكىن ئۆزۈمنىڭ ئىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاۋارە قىلامدىمەن؟
-ھېچنىمە بولمايدۇ،مەن ئۇلارغا تېلىفوندا ئېيتىپ قويدۇم،ئۇلار ساڭا يول كۆرسىتىپ ،قىلالمىغان ئىشلىرىڭ بولسا قىلىشىپ بېرىدۇ.ھەرگىز باشقىچە ئويلىمىغىن.
...
كۆزلىرىمنى يەنە ياش ئەگىدى،ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم،ئۇنىڭغا كۆپ قەرزداربولغانلىقىم ئۈچۈن يۈرىكىم ئېچىشاتتى ،لېكىن ھامان بىر كۈنى بۇ قەرزلەرنى تۆلەيمەن دەپ ئويلايتىم.
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ماھىرە بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا توي ئىشى توغرىلىق ئېغىز ئاچتىم ھەم ئۆزۈم كۈتكەن جاۋابقا ئېرىشتىم.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئادىلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىدە تويۇمنىمۇ چىرايلىق قىلىۋالدىم.
ئادىلمۇ تويۇمدىن بىر ھەپتە بۇرۇن كېلىپ قاتنىشىپ،ئىشلار تۈگىگەندە يەنە قايتىپ كەتتى.
بۇ كۈنلەردە ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەمدەك،«بەخت»دىگەن بۇ سۆز خۇددى مەن ئۈچۈنلا ئىجاد قىلىنغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.چۈنكى ،دۇنيادىكى پۈتكۈل گۈزەللىك،شېرىنلىك ۋە ھەممە،ھەممە نەرسە پەقەت ماڭىلا مەنسۈپ بولغانىدى.
يولدا ماڭسام شاماللار «سەن بەك بەختلىكسەن» دەپ پىچىرلايتى.
يوپۇرماقلارمۇ «سەن بەختلىكسەن»دىيىشىپ شىۋىرلىشاتتى.
ئۆيدە ئولتۇرسام،تامغا ئېسىلغان سۈرەتتىكى دادام بىلەن ئاپام«جېنىم بالام،كۆرىۋاتىمىز،سېنىڭ بەختىڭنى كۆرىۋاتىمىز.»دېگىنىچە تاتلىق كۈلۈمسىرەيتتى...

3

شۇنداق بەختكە چۆمۈلۈپ ياشاۋاتقان كۈنلەردە بېشىمغا يەنە بىر غەم چۈشتى.ئايالىم ھەر كۈنى ئالدىراش خىزمەت قىلىدۇ،مەن بولسام خوتۇنۇم تېپىپ بەرگەن تەييار ناننى يەپ ئولتۇرىدىغان بىر بىكار تەلەپكە ئايلىنىپ قالغاندەك ،ئۇ مائاشىنى ئالغان كۈنلىرى باشقىچە بولۇپ قالاتتىم.ئۇنى خىزمەتتىن چېكىنىڭ،ئىشلىمەڭ دەپمۇ باقتىم،لېكىن ئۇ ،بۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ،ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق گەپلەرنى قىلماسلىقىمنى ئۆتۈندى.

ئەگەر ئىككىمىز ئىشلەپ پۇل تاپمىغان تەقدىردىمۇ ،دادام،ئاپامنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەنلىرى تۇرمۇشىمىزغا كەڭتاشا يېتەتتى.گەرچە مەن ئۇنىڭ مائاشىغا بىر تىيىن چېقىلمىساممۇ، ئۇ ھەر كۈنى ئىشلەۋاتسا ،باشقىلارنىڭ مېنى  ئايالىنىڭ  چاپىنىدا تەرلىنىپ ئاران كۈنىنى ئېلىۋاتقان بىچارە دەپ مەسخىرە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرەتتىم.

بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كىيىن ئايالىم بىلەن ئەستايىدىل پاراڭلىشىپ قالدۇق.
-سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن،-دېدى ئۇ ئىنچىكە،ئاپئاق ۋە نازۇك بارماقلىرى بىلەن قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
مەن ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەندەك ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم.
-سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن مېنى خىزمەتتىن چېكىنىڭ دىيىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلىمەن.گەرچە ئائىلىمىزدە ھەممە نەرسە تەل ،خىراجىتىمىزگە ئىقتىساد يېتەرلىك بولسىمۇ ،پۇل بار دەپلا ھەر ئىككىمىز بىكار يۈرسەك بولمايدۇ.
ئاللاھ خالىسا ،ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆيىمىزگە يېڭى ئەزالار قوشۇلىدۇ،ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىمامدۇق؟ئەگەر ئوغلىمىز بولۇپ قالسا بالىنىڭ ئوقۇش خىراجەتلىرىدىن سىرت،تۇرمۇشقا چىقىشى ۋە يېڭى ئۆيلىرى بولۇش ئۈچۈن پۇل لازىم بولماسمۇ؟
مېنىڭ سىزنى بىكار يۈرىۋاتىسىز دەپ ئاغرىنغىنىم ئەمەس،سىزمۇ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ كۆرسىڭىز دىمەكچىمەن.
...
مەن ئۇنىڭغا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەستىن ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدۇم.
ئۇ مېنى رەنجىتىپ قويدۇم دەپ ئويلىدىمىكىن،ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.بىراق مەن ئۇنىڭدىن ئەمەس ئۆزۈمدىن رەنجىۋاتاتتىم.
ئۆز ۋاقتىدا ئويۇنغا بېرىلمەي ئوقۇشۇمنى ياخشى داۋاملاشتۇرغان بولسام،بۇ چاغقىچە مەنمۇ ئادىلدەك خىزمەت دىگەننى تاللاپ تۇرۇپ ئىشلىگەن بولاتتىم.ئەمدى بۇ سەۋىيەم بىلەن بىر ئىش تېپىش تاغ يۆتكىگەن بىلەن تەڭ بىلىندى.
ئەمدى ئادىلغا يەنە  بېشىمغا چۈشكەن  كۈن نۇرىنى توسىۋالغىن دىيەلمەيتىم،ھېلىمۇ ئۇ ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى.پەقەت ئۆزۈمگە تايانماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى.ئەتىسى ئايالىم مەكتەپكە كەتكەندىن كىيىن ماڭا لايىق ئىش چىقىپ قالار دىگەن ئۆمۈدتە بازار ئارىلىدىم.

چوڭ ئىشلارغا ئېسىلاي دېسەڭ خەق ئۈستبېشىڭغا قاراپمۇ قويماي تۇرۇپ ئەڭ ئاۋۋال،«قايسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن؟...قايسى كەسىپتە ئوقۇغان ؟...»دىگەندەك سۇئاللارغا كۆمۈۋېتىدۇ.قولۇڭدا ئۇلارنىڭ كۆزىگە يېقىن ئەكىلىپ كۆرسىتىپ قويغۇدەك دېپلومىڭ يوق ،سارغىيىپ،تاتىرىپ ئاستا كەينىڭگە يانىسەن...بوپتۇ كىچىك تىجارەت بولسىمۇ قىلىپ باقاي دەپ بازارغا كىرسەڭ ،كوچا-بازاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى شۇنچە سىرلىق ،خۇددى سەن مەڭگۈ ئۇ ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگىنەلمەيدىغاندەك ،ئۇ كوچىدىنمۇ ئاستا چىقىپ كېتىسەن –دە،ياخشى ئوقۇمىغانغا تويىسەن!...
شۇمۇ كۈن بوپتۇ ئەمدى،ھەممە نەرسىدىن ئۆمۈدسىزلەندىم.
ئەتتىگەندىكى كەيپىياتىمدىن،ئۆمۈدلىرىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بىر ھالدا ،بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە كېتىۋاتسام بىر تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ قويۇلغان ئېلان تاختىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
«مەزكۇر تاللا بازىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ»بۇ سۆزلەر كۆزۈمگە شۇنداق يېقىملىق كۆرۈنۈپ كەتتىكى ،قەددىمنى رۇسلاپ ،تېتىك قەدەملەر بىلەن ئىچكىرسىگە مەرھەمەت قىلدىم.

ئىشىكتىن كىرىپ كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھەق يىغىدىغان مۇلازىمەتچى قىزچاقتىن سورىدىم:
-بۇ دۇكاننىڭ ئىگىسىچۇ؟
-ياخشىمۇسىز ئاكا،ئۇ بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەنىدى.ئۇنى ئىزدەيدىغان ئىشىڭىز بولسا تېلفون قىلىپ ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىماي ئۇدۇللا گەپ قىلغىنىمدىن خىجىل بولۇپ كەتتىم.
-ھە ،ئىشىك ئالدىغا چقىرىپ قويغان ئېلانىڭلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي دەپ كىرگەنىدىم.
-ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭغا تېلىفون قىلاي ،خاپا بولماي بىر ئاز كۈتۈپ تۇرسىڭىز،ئۇ تېزلا كېلىدۇ.
-ماقۇل.
ئۇ دېرىكتورىغا تېلىفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كىيىن،ئۇنىڭ ھازىرلا كېلىدىغانلىقىدىن مېنى ۋاقىپلاندۇردى.
مەن تاللا بازىرىنىڭ ئىچىنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرگەچ ئۇنى ساقلىدىم.
ھايال ئۆتمەي ئىشىكتىن پوزۇر كىيىنگەن پاكار بويلۇق بىرەيلەن كىرىپ كەلدى-دە،بايىقى مۇلازىمەتچى قىزغا «ئۇ قېنى؟»دىگەن مەنىدە بېشى بىلەن ئىشارەت قىلدى،ئۇ قىزچاق مېنى كۆرسەتكۈچە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم.
-بۇ دۇكان سىزنىڭ ئىكەندە؟
-شۇنداق،شۇنداق.
-ئىشىك ئالدىدىكى ئېلاننى كۆرۈپ سىز بىلەن كۆرىشەي دىگەنىدىم.
-بەك ياخشى بوپتۇ،ئېلاننى چىقارغىلى بىر ھەپتىچە بولدى،ئەسلى تىجارەت ياخشى بولغاندىكىن ئېچىۋەرگۈم بار ئىدى،بىر ئايغىچە بۇ يەردىن كېتىدىغان بولۇپ قالدىم ،شۇڭا بۇرۇنراق ئىشلىرىمنى يىغىشتۇرغاچ تۇراي دەپ ئېلان چىقارغانىدىم.بىر نەچچە خېرىدارغۇ چىققان،لېكىن باھانى بەكلا تۆۋەن قويۇۋېلىپ كېلىشەلمەي قالدۇق...
  ئۇ دۇكان ۋە دۇكاننىڭ كىرىم ئەھۋالى توغرىلىق بىر مۇنچە چۈشەنچە بەرگەندىن كىيىن باھاسىنى كېلىشتۇق.قارىغاندىمۇ خېرىدارلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغاندەك ،ئۇنىڭ ماختاشلىرى ئىشەنچلىكتەك قىلاتتى،شۇڭا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن باھانى كۆپ تالىشىپ ئولتۇرمىدىم.شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتە ئىچىدە مال ۋە رەسمىيەتلەرنى ئۆتكۈزىۋالىدىغانغا كېلىشىپ ياندىم.

ئۇزۇن ئۆتمەي مەنمۇ بىر بىكارچىدىن ،تازا ئالدىراش ئادەمگە ئۆزگەردىم،پىركازچىك قىزلارنىمۇ داۋاملىق ئىشلەۋېرىدىغانغا ساقلاپ قالغانىدىم.
مەن تۇنجى كەلگەندە قارشى ئالغان قىزنىڭ ئىسمى زۆھرە بولۇپ ،ئۇ قىزنىڭ ياردىمىدە ئىشلىرىم خېلى يۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە تاللا بازىرىدا ئىشلەپ يۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولۇپ قالغانىكەن،شۇڭا مەندەك تىجارەتنىڭ يولىنى بىلمەيدىغان«دېرىكتورلار»ئاشۇنداق ئىشەنچىلىك ئادەملەرگە ھامان موھتاج بولاتتى.شۇڭا ھەر قاندااق بىر بېشىم قاتىدىغان ئىش بولسا ئۇنىڭدىن ياردەم سورايتىم.ئۇ ئادەتتە مەن يوق چاغلاردىمۇ ئىشلارنى جايىدا بىر تەرەپ قىلغاچقا ،مېنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىم بولۇپ قالغانىدى.

ئىشلار يۈرۈشكەنسېرى تونۇش-بىلىشلىرىممۇ ،دوست-بۇرادەرلىرىممۇ ئاۋۇدى.
سورۇنلاردا ئاز-تولا ھاراق ئىچىدىغاننىمۇ ئۆگىنىۋالدىم.يېڭى توي قىلىغان چاغدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلۇم پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنىدى.ئالدىراشلىق ،«تۈگىمەس ئىشلار» سەۋەبىدىن ئۆيدە ئايالىمغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتىم ناھايتى ئاز بولاتتى،ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرىممۇ ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىدىغان ،ئۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم.
ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىمنى ،ناتوغرا يولدا كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ كەينىمگە قايتىشقا ئامالسىز ئىدىم.
ئايالىممۇ بىر نەچچە قېتىم كۆڭلىدىكىنى يوشۇرالماي ماڭا بىر تالاي گەپ قىلغان بولسىمۇقۇلىقىمغا كىرمەي قويدى.بەزىدە غەرق مەست بولۇپ قالسام ،ئۇنىڭ «ھاراق ئىچمەڭ»دەپ قىلغان نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىماستىن،ئۇنىڭ ماڭا كۆيۈنگەن گۇناھى ئۈچۈن ئۇرۇپ سالدىم.ئىككى~ئۈچ قېتىم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىۋالغانمۇ بولدى، لېكىن مەن ئۇنى ئالغىلى بېرىپ بىر قانچە ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلساملا كۆڭلى يۇمشاپ مېنى كەچۈرۈپ يېنىپ كەلدى.

پېشانەمنىڭ ئوڭلۇقىمۇ ياكى سودا يولۇمنىڭ  ئوچۇقلىقىمۇ بىلمىدىم،تىجارىتىم شۇنداق ياخشى يۈرۈشتى.ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيىمىزگە بەرىكەت ياغدى.بىز توي قىلىپ ئىككى يىلدىن كىيىن بىر ئوغۇلغا دادا بولدۇم،ئۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى تىلىم بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتىم.ئوغلۇم تۆت ياشقا كىرگەندە يەنە بىر ئۇماق قىزنىڭ دادىسى بولدۇم.ئوغلۇمنى يەسلىگە بەرگۈچە قېيىنئانام بېقىپ چوڭ قىلىپ بەرگەندى،ئۇنى يەسلىگە بېرىۋەتكەندىن كىيىن قىزىمنىمۇ بېقىپ  بەردى .ھاياتىمدا ماھىرەدەك  بىر ئايالغا ئۆيلەنگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم .ئۇنىڭدىن گۈزەللىك ،ئەقىل-پاراسەت ۋە مەنموھتاج ھەر قانداق نەرسە تېپىلاتتى.لېكىن مەن كىيىنكى كۈنلەردە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئازغۇن بولدۇم،ئاشۇ گۈزەللىك،پاراسەت ئىگىسى بولغان پەرىشتەمگە قانائەت قىلماي،ئەڭ يېقىن ياردەمچىم زۆھرەگە ئاشىق بولدۇم،ياق! بۇ ئاشىقلىق ئەمەس ،ھەقىقىي ئاشىقلىق بۇنداق بولمايدۇ.مېنىڭ ساپ كۆڭلۈم ۋە ئاشىقلىقىم پەقەت ۋە پەقەت بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ يىغىندىسى بولغان ئايالىمغىلا مەنسۈپ !

راستىمنى ئېيتسام مەن زۆھرەنى پەقەت كۆڭۈل خوشى ئۈچۈنلا ئىزدەيتتىم،ئۇنىڭ چىرايى ئايالىمغا يەتمىسىمۇ شوخ ،چاخچاقچى مىجەزى بىلەن مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىدى. ئۇ ئاقكۆڭۈل ئەمما ئەقىلسىز ئىدى،ئەگەر ئۇنىڭدا كىچىككىنە ئەقىل بولغان بولسىدى ،ماڭا ئوخشاش ئايالى ،ئۇماق بالىلىرى ۋە ئېللىق ئائىلىسى بار بىر ئەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق گۈلىنى توزۇتمىغان بولار ئىدى.
شۇ كۈنۈم ئۈچۈن ،مېنى ئۆمۈرلۈك داغدا قويغان قويغان شۇ كۈنۈم ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆكۈنۈش ئىچىدە ياشايمەن ھەم ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن.

ھەر يىلى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان توي خاتىرە كۈنىمىزنى  ئۇنتۇپتىمەن،ھەر يىلى سىرتلاردا ئۆتكۈزەتتۇق،بۇقېتىم ئايالىم مېنى ھەيران قالدۇرۇش ۋە خۇش قىلىش ئۈچۈن بىرمۇنچە تاماقلار بىلەن ئۆيگە داستخان راسلاپ بالىلىرىم بىلەن مېنى ئۇزاق كۈتۈپتۇ.ئەمما مەن ئۆيگە قايتماپتىمەن،تاماقلار مۇزلاپتۇ،ئۇ مېنى تېخىمۇ بەكرەك ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۈن،بالىلىرىم بىلەن تاكسىغا چىقىپ ،دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىشىغا ،مەن دۇكاننى تاقاپ، (كۆڭلۈمدە باشقا «تاتلىق»بىر پىلان بىلەن)زۆھرەنى ماشىنامغا سېلىپ مېڭىپتىمەن.ئۇ ھەيران بولۇپ تاكسىدىن چۇشمەستىنلا كەينىمگە چۈشكەنىكەن.

بىراق مەن بۈگۈنكى مۇھىم كۈننى ئۇنۇتقان ھالدا ئۇنى يەنە ئۆيدە تاپشۇرۇق كۆرۈش ،بالىلارنى تاپشۇرۇق ئىشلىتىش بىلەن ھەلەك دەپ خاتىرجەم يولۇپمغا مېىڭىپتىمەن.

ئەسلىدە زۆھرە ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان بولۇپ،ھاممىسىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا چوڭ بولۇپ تولۇق ئوتتۇرىنى ئارانلا تاماملىيالاپتۇ.كىيىن ھاممىسى ئۇنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان بىرىگە ياتلىق قىلىۋەتمەكچى بولغاندا ئۆيدىن قېچىپ چىققانىكەن ھەم مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى يىتىشكەن ئورۇنلاردا ئىشلەپ يۈرگەنىكەن.ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىلى بارغىنىمدا ،ئۆزۈمگە ئوخشاش يېتىملىكتە قالغان بۇقىزنىڭ تۇرىدىغان ئىجارە ئۆيىگە قاراپ ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنىڭغا شارائىتى ياخشىراق ئىككى ئېغىزلىق ئۆي ئېلىپ بەرگەنىدىم.

ماشىنىنى  ئۇزۇندىن بېرى تونۇش بولۇپ كەتكەن يوللار بىلەن ھەيدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق.مەن ئۇنىڭغا ئۆي ئېلىپ بەرگەندىن سىرت،ھەر ئايدا باشقىلاردىن يۇقۇرراق مائاش بېرىش ،ئالاھىدە كۆيۈنىش ۋە ھېسداشلىقىمنىمۇ ئايىمايتىم.
بىر كۈنى ئۇ ئۆزىنى ماڭا قەرزدار ھېس قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان،شۇڭا ئۇ مېنىڭ ھەر قانداق بۇيرۇق،تەلەپلىرىمنى ئورۇنداشقا تەييار ئىدى. توۋا ،مەن ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل ،ساددىلىقىدىن پايدىلاندىممۇ ياكى ئۇ مەندىن پايدىلاندىمۇ ؟ئېنىق چۈشەنمەيمەن.
جالاقلاپ ئېچىلغان ئېشىكتىن قارىشىپ تۇرغان ئۈچ جۈپ كۆز مېنى بۇ غەپلەتتىن ئويغاتتى.ئەمما مەن تولىمۇ ،تولىمۇ كېچىكتىم.ئايالىمغا ۋە بالىلىرىمغا يۈز كېلەلمەيتىم.

ئىشىكنى زەردە بىلەن يېپىپ چىقىپ كېتىۋاتقان ئايالىمنىڭ قوللىرىغا ئېسىلدىم،بۇنداق ئىشنىڭ ئەمدى يۈز بەرمەيدىغانلىقى توغرىلىق قەسەم ئىچتىم،ئەمما ئۇ گېپىمگە قىلچىمۇ پەرۋا قىلمىدى.بالىلىرىمنى ،يۈرەك پارىلىرىمنى يىتىلىگىنىچە كېتىپ قالدى.
توي قىلغىنىمىزغا دەل ئون يىل بولغان كۈنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىمنى ئويلىمىغانىدىم.
شۇ تاپتا زۆھرەگە نىمە دىيىشىمنى،نىمە دىيىشىم كېرەكلىكىنى بىلمەيتىم،بىر ھازادىن كىيىن ئۆيگە قايتتىم.
تاماق شىرەسىگە تىزىپ قويۇلغان نەرسىلەر،شامدانغا تۇرغۇزۇپ قويۇلغان شاملار بوينىنى قىسقىنىچە ماڭا نەپرەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.

ئەتىسى سەھەردە دۇكانغا باردىم،ئەمما زۆھرە كۆرۈنمەيتى.باشقا قىزلاردىن ئۇنى سوراپمۇ يۈرمىدىم،پەقەت زۆھرەنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ ھەق يىغىۋاتقان قىزغا قاراپ سۆزلىدىم:
-ھېلىقى ئېلان تاختىيىنى ئىشىك ئالدىغا چىقىرىپ قويۇڭ،خېرىدار كەلسە مەن بىلەن ئالاقىلاشسۇن!


*********************************************************


خىيال سۈرۈپ كوچا ئايلانغاچقا كەچ كىرىپ قالغاننىمۇ سەزمەپتىمەن.
ماڭا ئون يىل بۇرۇنقى شېرىن كۈنلىرىمنى ئەسلىتىدىغان پىيادىلەر يولى قاسنىقىدىكى ئورۇندۇقمۇ خىيالچان كۆرۈنىدۇ،ئۇ نىمىنى خىيال قىلىۋاتقاندۇ؟
بەلكىم ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش كوچا چىراقلىرىنىڭ تېزراق يېنىشىنى ،چىراق نۇرلىرى ئاستىدا  ئاپئاق كۆينەك كىيگەن ،ئاي يۈزلۈك پەرىشتىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنى كۈتىۋاتقان بولسا كېرەك...  



تامام

tiwip 2011-05-12 22:13
يەنە بىر ئىسىل ئەسەر....
  رەيھان قىرىندىشىمنىڭ ئۇشبۇ مۇبارەك ئەسىرىنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك چىقىشى ئۇچۇن ھەر جەھەتتىن قوللاشقا تىرىشىمەن !

maoluda 2011-05-13 00:51
ھارمىغايسىز ،ياخشى ئەسەرلىگى بىلىنىپ تۇرىدۇ.داۋامىغا تەشنامىز......

parixta799 2011-05-13 11:07
رەيھان،ئەسىرىڭىزنى  زور  ئىشتىياق  بىلەن  ئوقۇۋاتىمەن،داۋامىغا  تەشنامەن.

akattrgvl 2011-05-13 11:31
يائاللا ،ئاخىرى  ئېلان قىلدىڭىز ھە بۇ ئەسىرىڭىزنى ،چېكىنمە باياندا يازغان ئوخشىمامسز ،شۇنداق ياخشى راۋاجلىنىۋاتىدۇ ،ئىلھاملىرىڭىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالمىسۇن ،داۋامىنى پاتراق ئوقۇشقا تەقەززامەن .

dolankizi 2011-05-13 12:25
تولىمۇ ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن....داۋامىغا تەشنامىز....   

parixta799 2011-05-13 18:33
رەخمەت،ياخشى  داۋاملىشىۋاتىدۇ......

ramizani 2011-05-14 13:59
ئوقۇۋىتىپ كېلىپلا <<ھىققىدە>> بولۇپ قالدىما،  شۇڭا قىسىملىق كىنو كۆرمەيتتىم مەن، ئەمدى كۆرۈپ پەللىسىگە كەلگەندە ....

لېكىن ياخشى چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ، تىرىشىڭ، قولىڭىزغا دەرد كەلمىگەي!

melody 2011-05-14 15:02
ئاخىرنى  تىزراق يوللىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن
قوللىڭىزغا  تەرت كەلمىسۇن  

rayhan 2011-05-14 18:23
نەقىل
بۇ 10قەۋەتتىكىramizani يوللىغان 2011-05-14 13:59 غا قارتىلغان  :
ئوقۇۋىتىپ كېلىپلا <<ھىققىدە>> بولۇپ قالدىما،  شۇڭا قىسىملىق كىنو كۆرمەيتتىم مەن،...



شۇڭا ئوقۇيدىغانلار چىقمايۋاتىدىكەندە.

akattrgvl 2011-05-14 18:45
نەقىل
بۇ 12قەۋەتتىكىrayhan يوللىغان 2011-05-14 18:23 غا قارتىلغان  :


شۇڭا ئوقۇيدىغانلار چىقمايۋاتىدىكەندە.

ۋاي  ئۇقۇيدىغانلار  جىق  دەيمە  بولىڭە  چاققان  تولا  كۆپ  ئويلىماي  ،ئادەم  تەقەززا بولۇپ  تۇرغاندا  گاچ-گاچ  يازماي  نېمە  دەيدىغاندۇ  .

muellip 2011-05-14 21:41
كۆپ قىسىملىق كىنودەك، ئەڭ قىزىق بىر يەردە توختىتىپ قويدىڭىزدە بۇ ئەسىرىڭىزنى. ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ.داۋامىنى كۈتىمىز.

riwayat0601 2011-05-15 16:42
  ئەسلىدە بىر قانچە كۈن توختاپ كۆپرەك يوللىغاندىن كىيىن ئوقاي دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ئەمما سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئۇقۇپ ئادەتلىنىپ قاپتىكەنمەن ، داۋامىنى ساقلاشقا تاقەت قىلالمىدىم ، بۈگۈن دەم ئېلىش ، پۇرسىتىڭىز چىقسا داۋامىغا قەلەم تەۋرىتىپ قۇيارسىز ، كۈنلەر مۇنبەر  ئالدىدا كۈتۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتمىسۇن ، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ تەشنالىغىغا زەم زەم بۇلارسىز .  

سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن .

مۇبارەك 2011-05-15 23:05
نېمە دەپ يازغان بولغىيدى ئادىل. قىزىقىپ قالدىم دېسە.
غالىپ شۇنچە جاپالاردا مۇھەببىتىگە ئېرىشىپتىكەن ماھىرەنىڭ. (ھاززىرقى بېرىلگەن بۆلەكلىرىدە تېخى ئېرىشمىگەن بولسىمۇ) بەزى ئىشلارغا ئادەم ھەيرانلا قالىدۇ...

ياخشى چىقىۋاتىدۇ، غەيرەت-ھە.

parixta799 2011-05-16 10:59
رەيھان،بۈگۈن  بىر  غەيرەت  قىلىڭە،ئاخىرنى  كۆپرەك  يوللاڭ.

rayhan 2011-05-16 11:56
كىنونىڭ قىزىق يېرىگە كەلگەندە «چىننۇرى»نىڭ ئېلانىنى قىستۇرىۋالغاندەكلا ئىش قىپتىمەن ھە~
ئىككى كۈندىن بېرى سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ،كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئۇزاقراق ئولتۇرۇشقا ئىمكان بولماي قېلىۋاتىدۇ ،مېنىڭمۇ تېز يېزىپ تۈگەتكۈم بار بولمىسا.
-.-.-.-.-.-.-.-.-.-.-.-.-.-.-.-.-.-..-.-.-.-..-.-.-.-.-..-.-.-.-.-..-.-.-.-.-..-.-..-
بەزى جايلارنى ئەتراپىمدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمدىن ئالدىم،بەزى جايلىرىنى تەسەۋۋۇرۇمغا تايىنىشقا توغرا كەلدى ،شۇڭا نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس دەپ قارايمەن.
ئۆزۈڭلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە قىممەتلىك تەنقىد-پىكىرلىرىڭلارنىمۇ ئايىماسلىقىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن.

akattrgvl 2011-05-16 14:05
قېنى خەت  ئەمدى ،كۈنىگە نەچچە ۋاق كوموىيوتېرنى ئېچىپ ،تولا قاراپ بۇ تېمىغا  ھەجەپمۇ تەقەززا قىلدى دېسە ،خەپ  

qaptikax 2011-05-16 14:11
ئۇز رەيھانگۈل ئاچا .جېنىم قەن ئاچا ،ھەسەل ئاچا ئادەمنى تەقەززا قىلماي تېزراق يوللىسىڭىزچۇ......

latapat 2011-05-16 14:34
تىزراق يازسىڭىز          

ظاەذ 2011-05-17 10:10
ظەتىگەندە يذگذرذپ كىرسە م يە نە يوققذ؟ ساقلايمە ن.

maoluda 2011-05-17 19:09
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ...يەنە بىر پارچە خەتنىڭ مەزمونىغا بەك قىزىقىۋاتىمەن،تېزرەك يوللارسىز

ظاەذ 2011-05-18 10:47
ظىز قوغلاپ تذرذپ كأردذم رەيەان قىز. ظاخىرى ياخشى چىقىإاتىدذ.....

parixta799 2011-05-18 11:07
رەيھان،بۇ  خەت ئەسلىدە  ئىككى  پارچە  ئىدىغۇ؟يەنە  بىر  پارچىسىدا
نىمىلەرنىڭ  دىيىلگىنىنى  بىلىشكە  قىزىقىۋاتىمىز  جۇمۇ!

rayhan 2011-05-18 11:36
مەن سۆزنى خاتا ئىشلىتىپتىمەن ،ئەسلىدە ئىككى ۋاراق قەغەزگە يېزىلغان خەت دىمەكچىدىم،«ئىككى پارچە»دىگەن سۆز خاتا كېتىپتۇ.
تەھرىرلەش ۋاقتى توشۇپ كەتكەچكە،ئۆزگەرتىشكە ئامال بولمىدى،سەۋەنلىكىم ئۈچۈن سىلەردىن ئەپۇ سورايمەن.
ئادىلنىڭ غالىپقا بەرگەن خېتىنىڭ تولۇق مەزمۇنى يوللىنىپ بولدى،پۈتۈن ۋەقەلىك ئىچىدە پەقەت مۇشۇ بىرلا پارچە(ئىككى ۋاراق) خەتلا بار.

akattrgvl 2011-05-18 13:18
شۇنداق  قىلىپ بۇلارنىمۇ توي قىلغۇزۋەتتىڭىز  دەڭە  ،باشلىنىشىدا ھاياتنىڭ پەيزىنى بىر  مەھەل سۈرگۈزۈپ ئارقىدىن نېمە  قىسمەتلەرگە ئۇچراتقۇزارسىز ئەمدى بۇلارنى ،راستىنلا قىزقىۋاتىمەن
جۇما  ،

ياخشى  چىقۋاتىدۇ  داۋاملىق غەيرەت ھە .

nazi412 2011-05-18 19:16
مەنمۇ شۇنداق قىزىقىپ ئۇقۇغانتىم ،،،سىزنى ساقلاپ كۆزۇم تۆت بولدى ،،،
ئەمىسە قىممەتلىك ۋاقىتلىرىڭىزنى چقىرىپ يوللىۋىتەرسىز ،،،،،،بەك ياخشى يىزىپسىز ،،،رەھمەت!!!!

nazi412 2011-05-19 10:08
يەنە سىزنى ساقلايمەن ،،ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا جىقراق يوللىۋەتسىڭىز ،،،،،،
بىردەمدىلا ئوقۇپ بوپتىمەن ،،،،،،،،،     

rayhan 2011-05-19 11:26
بەك ئاز يوللاپ قېلىۋاتقىنىم ئۈچۈن مەنمۇ خىجىل ،لېكىن شۇ ۋاقىت...

nazi412 2011-05-19 11:58
نەقىل
بۇ 34قەۋەتتىكىrayhan يوللىغان 2011-05-19 11:26 غا قارتىلغان  :
بەك ئاز يوللاپ قېلىۋاتقىنىم ئۈچۈن مەنمۇ خىجىل ،لېكىن شۇ ۋاقىت...

ھى،،،ھى ،،ھى
ھىچقىسى يوق بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ،،ۋاقىت قىستاپ قالغان بولسا بۇنىڭغا ئامال يوقتە ،،،،،،،
ساقلايمەن ،،،جۇمۇ،،،مىنى بەك ساقلىتىۋەتمەڭ ،،،،ھە !!!
كەينىنى ئوقۇپ تۇگەتمىگىچە ئىچىم بەك تىتىلداپ كىتىدىكەن ،،،،،،

uighurzade 2011-05-20 08:14
ھارماڭ، سىڭلىم! سىزدىن سۆيۈندۈم. تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا تىرشىڭ!

akattrgvl 2011-05-20 15:18
شەيتاننىڭ ئارقىغا  ئېغىر كىرىپ كېتىپتۇ دە بۇ  بىچارە بايقۇش ،شۇنچىلىك ئىللىق ئائىلىسنى نەلەردىكى مايماقلار ئۈچۈن بۇزغۇننى قارا ،ئۆزنىڭ بەختىنى ئۆزى ۋەيران قىلىپتۇ ،ھەي  بىز قاچانغىچە ئەقلنى ھېسياتقا قۇل قىلىپلا ياشاۋېرەرمىز دەيمە .ھازىر نۇرغۇن ئائىللەر مۇشۇنداق
كىرزسقا يۇلۇقۇپ خۇتۇنلىرى باللىرى قەيەرلەردە خار- زەبۇن بولۇپ ياشاۋاتىدۇ ،
بۇغۇ ئۇيدۇرما ۋەقەلىك ،شۇنداق بولسىمۇ ماھىرەگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى دېسە ،ئېرى كەچۈرگۈسىز گۇناھتىن برنى قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ .ئەسەرنى شۇنداق قىزىقىپ ئۇقۇپ
ئاخىردا بۇنداق تىراگىديەنىڭ چىقىشنى راستىنلا ئويلىمىغان ئىدىم .

رەھمەت ،رەيھان ھەدە جاپا چەكتىڭىز ،ۋەقەلكىنى ئۇستىلىق بىلەن  ئۇرۇنلاشتۇرۇش سەنئىتىڭىزگە  ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم ،ھەرگىزمۇ ئىلھاملار توختاپ قالمىسۇن ،بولسا يەنە مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقرىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلمەن .

ramizani 2011-05-20 15:32
تۇگىدىما؟   ھەجەپ تۈگىمىگەندەكلا تۈگەپ كەتتا بۇ! مەجبۇرى تۈگىتىۋەتمىگەنسىز ھە؟ ئەمما شۇنداق تەبىئىي چىقىپتۇ، تىرىشىڭ، توختاپ قالماڭ. تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازالايسىز.

latapat 2011-05-20 16:41
ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ ،ھازىرقى ئەرلەرپۇل تاپسىلا شۇنداق قىلىدۇ .       

huxrui 2011-05-20 19:09
رەيھان ، ئەسرڭىز شۇنداق ياخشى ، شۇنداق تەبئى يىزلىپتۇ، بەك ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپسىز. قەلمىڭىزگە باركاللا، داۋاملىق تىرشىڭ. يەنمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازالايدىغانلىقڭىزغا ئىشىنمەن . كەڭ تورداشلار  يەنە سىزنىڭ ياخشى ئەسەرلىرڭىزدىن ھۇزۇرلىنىپ بەدئى زوق ئالسۇن.

tiwip 2011-05-21 21:58
مۇبارەك بولسۇن رەيھان قىرىندىشىم . ئەسىرىڭىزنىڭ نادىرلانغانلىقىنى كۆرۇپ بەكمۇ خۇش بولدۇم .ئۇشبۇ ئەسىرىڭىزنى نۇرغۇن تونۇشلىرىمغا تەۋسىيە قىلىشقىمۇ مۇۋەپپەق بولدۇم . قەلىمىڭىزنىڭ داۋاملىق تۇردە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى تەۋەللۇت قىلىشىغا تىلەكداشمەن .

rayhan 2011-05-25 18:28
مېنى قوللىغان ۋە ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا كۆپ تەشەككۈر،سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ئاستىدا بۇ ئەسىرىمنىمۇ قىينالمايلا پۈتتۈرىۋالدىم،ئەسلىدە بۇ ئەسەرنىڭ نادىر تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئويلىمىغانىدىم،بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشىمەن.(ھەم تەكلىپ -پىكىرلىرىڭلار بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار يىتەرسىزلىكلىرىمنى تۈزىتىۋالسام دىگەن ئۆمۈدتىمەن؛)

kulupyaxa 2011-05-25 18:54
پوۋىستنىڭ باشلىنىشى شۇنداق ياخشى بوپتىكەن ،تىلى ئاددىي،چۈشىنىشلىك ،لىكىن ئۇقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە ويلىنىپ قالدىم<<راستىمنى ئېيتسام مەن زۆھرەنى پەقەت كۆڭۈل خوشى ئۈچۈنلا ئىزدەيتتىم،ئۇنىڭ چىرايى ئايالىمغا يەتمىسىمۇ شوخ ،چاخچاقچى مىجەزى بىلەن مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىدى. ئۇ ئاقكۆڭۈل ئەمما ئەقىلسىز ئىدى،ئەگەر ئۇنىڭدا كىچىككىنە ئەقىل بولغان بولسىدى ،ماڭا ئوخشاش ئايالى ،ئۇماق بالىلىرى ۋە ئېللىق ئائىلىسى بار بىر ئەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق گۈلىنى توزۇتمىغان بولار ئىدى.>>
زوھرەغۇ ئەقىلسزلىك قىپتۇ ،ئەمما غالىپ ئەقىللىقمۇ ؟؟؟؟؟ئايالىنى شۇنچە ياخشى كۈرۈپ تۇرۇپ ئىككى بالىسغا قارىماي كۈڭۈل خۇشى دەپ بىر يىتىمنى ئۇمۇ ئەخمەق قىپتىغۇ،ئەسلىدە ئەر كىشى بولغاندىكىن ئۇنىڭغا ياخشى نىيەت بىلەن كۈڭۈل بۆلسە،زوھرە ئەقىلسىز بولسا غالىپ ئەقىللىق بولغاندىكىن ئۇنى ئەقلىگە كىرگۈزۈپ قويسا بولماسمىدى؟؟؟؟؟؟؟ھەممىسى گۇنانى ئاخىرىدا قىزلارغىلا ئارتىپ قويغان.

rayhan 2011-05-25 19:20
مەن گۇناھنى زۆھرەگىلا ئارتىپ قويغاندەك قىلمىغانغۇ~
ئەسەر ماۋزۇسىنىڭ قايسى پىرسۇناژغا قارىتىپ قويۇلغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى سورايمەن؛

kulupyaxa 2011-05-26 10:34
قارىغاندا مان يازغان ئىنكاس سەل مۇجىمەل بوپ قالغان ئوخشايدۇ،ئۇنىڭدا ھەممە گۇناھنى زۆھرەگە ئارتىپ قۇيۇپسىز دەپ مەزمۇن چىقمايدۇ.ئەسەر ماۋزۇسىنىڭ بىر بەخىتلىك ئائىلىنى گۇمراھ قىلغۇچى غالىپقا قارىتىلغانلىقى ھەممىمىزگە . ئەسىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۇقىغاچقا كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى دەپ سالدىم.ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ.
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يىزىپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن!!!!!!!!!       

维医医生 2011-05-26 16:15
رەھمەت سىزگە بىزنى يەنە بىر ساۋاقلىق ھېكايە بىلەن تەمىنلەپسىز. ئۇلۇغ ئاللا قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ،ئجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت بەرسۇن.

bella 2011-05-28 14:31
مەن گۇمراھ دىگەن سۆزنى دىندىن چىققانلارغا ئىشلىتىمىز دەپ يۈرگەنىدىم...
ئەسلىدە ھالال جۈپتىگە خىيانەت قىلغانلارغىمۇ ئىشلىتىمىزكەن...بۇنىمۇ بىلىۋالغۇلۇق....
ھەي شۇ....
قەدىرسىز بىلىنەر قولىمىزدا بارى،
بىز پەقەت يوق نەرسىنىڭ قەرزدارى.

arkak1234 2011-06-02 01:25
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز سىزدە كەسپى يازغۇچىلىق ئىقتىدارى بار ئىكەن،قولىڭىزغا دەرىد بەرمىسۇن

menekxa 2011-06-06 01:36
مەن تۇلمۇ كىچكىپ ئوقۇپتىمەن، ئۇزۇن بولغان مۇنبەرگە چىقمىغلى سىزنى يەنە قانداق ياخشى ئەسەرلەرنى يازدىكىن دەپ ئۇيلىنىپ يۇرەتتىم.ناھايتى ياخشى يېزىپسىز،ئوقغانسىرى كىشىنىڭ ئۇقۇغىسى كىلدىكەن،باشقىلار ھىلمۇ ئەسرىڭىز پۇتۇپ چىققۇچە چىداپ تۇرۇپتۇ.

muzat924 2011-06-10 02:00
ھەي تازا قىزىق يېردە تۈگەپ كىتىپتۇ دىسە

@kalbinur@ 2011-06-10 19:50
ياخشى ئەسەركەن ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز

melody 2011-06-26 11:32
تۇگىدىما ،،ماھىرەنى ئەكىلۋىلىپ  ئاندىن تۇگىتۋاتكەن بولسىڭىز  بوپتىكەن
ئوبدان يىرىگە  كەلگەندە  موككىدەك تۇگەپ ئاخىرى  باردەكلا  بىلنىپ قالدى  

rayhan 2011-08-02 18:32
ماھىرەنى ئەكىلىپ بەرسەم ئەسەرنىڭ  بېشىدىكى بۆلەككە زىت بولۇپ قالارمىكىن؛
پۈتۈن مەزمۇن غالىپنىڭ ئايالىنى رەنجىتكىنى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ كوچا ئايلانغاچ قىلغان خىيالى ئەمەسمۇ.

ablat1980 2011-08-03 19:11
ياخشى ئەسەركەن ، تېخىمۇ تىرىشىڭ ، داۋامىغا تەشنامەن

rayhan 2011-08-04 08:58
داۋامى ؟  

jiuxing 2011-08-04 11:38
ناەايئتئ ياخشئ يىزئلئپتذ، تىرئشچانلئقئڭئزغا تەشەككذر


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- گۇمراھ(پوۋىست) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.052611 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us