ئەسسالامۇئەلەيكوم! ئەلكۈيى تورىدىكى ئەزىز تورداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ ئەلكۈيى تورىدىكى زىيارىتىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك بۇلىشىنى ۋە تىنىڭلارنىڭ سالامەتلىك بۇلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-،3-كۈنلىرى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم ، يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يەكەن بادام دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ‹‹مۇقام يۇرتى›› — يەكەندە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت ساھاسىدىكى بىر قېتىملىق كاتتا يىغىلىش بۇلۇپ،يىغىن مەزگىلىدە ئەلكۈيى تورى <<ئەلكۈيى ئىكرانى>> ئارقىلىق يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرى ۋە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ۋە ئالىم -مۇتەخەسىسلەر بىلەن <<دوپپا مەدەنىيتى>>ھەققىدە كەڭ - كۇشادە سۆھبەت ئويۇشتۇردى. ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ،<<دوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى>>نىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تور زىيارەت خاتىرىسى ئىشلەپ كەڭ ئەلكۈيىداشلارغا سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىپ كەلدى.يىغىننىڭ تەپسىلاتى ھەمدە بۇ ھەقتىكى ئىشلارغا قىززىقسىڭىز نەزىرىڭلار تۆۋەندىكى ئەلكۈيى تورى يەكەندە ئىشلىگەن<<دوپپا مەدەنىيتى ھەققىدە ئەلكۈيى ئىكرانىدا سۆھبەت>>ناملىق زىيارەت پروگراممىسىدا بولسۇن !
(يىغىن رەئىس سەھنىسىدىن بىر كۆرۈنۈش) (ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى مۇھاكىمە يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا تورداشلارغا خەۋەر بەرمەكتە) يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالىي تەتقىقاتچى ئابدۇرازىق سايىم ، ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى ›› ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ، دوكتور ، ئاسپىرانت يېتەكچىسى ، تەتقىقاتچى ئابدۇكېرىم راخمان،شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن شۇنداقلا مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى،شىنجاڭ گېزىتى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى(ئەلكۈيى تورى)،شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلى،تەڭرىتاغ ژورنىلى،مىراس ژورنىلى،شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى،كۆسەن مەدەنىيتى ژورنىلى،ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژورنىلى...قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، مۇخبىر ھەم ۋەكىللىرى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچى، ژۇرنالىستلار، يەكەن ناھىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن بولۇپ 250 نەپەر كىشى قاتناشتى .  يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن بىر كۈرۈنۈش يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن بىر كۈرۈنۈش ئەلكۈيى تورى رىياسەتچىسى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن ئەلكۈيى تورىنى زىيارەت قىلماقتا بۇ قېتىمقى <<بادام دوپپا مۇھاكىمە>> يىغىنىدا ، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ، تەرەققىياتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشى توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى .بۇ يىغىن <<شىنجاڭ قەشقەر - يەكەن 12مۇقام مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى ۋە ئۇيغۇر 12مۇقامى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>>دىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى مۇھاكىمە يىغىنى بۇلۇپ، يىغىندا ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغىنى شۇكى،گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمە جەريانىدا،ئالىم - مۇتەخەسىسلەر،يازغۇچى-تەتقىقاتچىلار دوپپا مەدەنىيتىنى قوغداش،تەشۋىق قىلىش،ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەھەتتە قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن جەريانىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومتېتنىڭ ئەزاسى جاسارەت مۇھەممەت خانىم يىغىن قاتناشچىلىرىغا يەكەننى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇرماقتا <<جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر 12مۇقام سەنئىتى>> بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ،پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن <<ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى>> قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن،يەكەن كاچۇڭ سەنىمى دۆلەت دەرىجىلىك،ئۇيغۇر دورىگەرلىكى،ئىشقۇل بورىچىلىقى قاتارلىق مەدەنىيەت تۈرلىرى ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ،بۇ قېتىملىق<<دوپپا مۇھاكىمە يىغىنى>>نىڭ ئاساسلىق مەقسىتى:مۇقام مەدەنىيتى ۋە بادام دوپپا مەدەنىيتى ماركىسىنى يارىتىش،بادام دوپپىنى ئەتىۋارلىق ساياھەت،سوۋغا - سالام بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇش،يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دوپپىچىلىقتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى كەسىپنى قۇتۇلدۇرۇش،تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
يەكەن ناھىيەسىدىكى كەسپىي دوپپىچىلىق ئائىلىسىدىن كۆرۈنۈش دوپپىچى ئۇستام كەشتىلىك دوپپىنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلىنى ئەلكۈيى رىياسەتچىسىگە سۆزلەپ بەرمەكتە
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋاربىلەن بىللە مەلىكە ئاماننىساخان مەقبەرىسى ئالدىدا يىغىن كۈن - تەرتىپى بويىچە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى كونسىرت_<<مۇقام يۇرتىدا بەزمە>>نى كۆردى. ئارقىدىن يەكەن ئالتۇنلۇق خانلار قەبرىستانلىقى، مۇقامشۇناس، شائىرە خانىش ئاماننىساخاننىڭ مەقبەرىسى،بىر قىسىم تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مىللىي ئۆرپ -ئادەت كوچىسى،ساياھەت مەنزىرگاھلىرىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى.بادام دوپپا تىككۈچى ئائىلىلىرىگە بېرىپ تىككۈچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى <<مۇقام يۇرتىدا بەزمە>>نى كۆرمەكتە
يالقۇن رۇزى،ياسىن سادىق چوغلان،ئابدۇقادىر جالالىدىن،مۇھەممەدجان ئۈمىدۋارلار بىلەن بىللە ئابلەت ئابدۇرېھىم،ئابدىرازاق سايىم،يالقۇن رۇزى،پولات ھېۋىزۇللا قاتارلىقلار سۇلتان سەئىدخان قەبرىگاھى ئالدىدا شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى : بەگمەت يۈسۈپ ۋە تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پولات ھېۋىزۇللا ئاماننىساخان مەقبەرىسى ئالدىدا
جاللات خىنىم،باھادىرنامە قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى،تالانتلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق ئەلكۈيى تورىدىكىلەر بىلەن بىللە
يەكەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى،مىراس ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكىلەر ئاماننىساخان مەقبەرىسى ئالدىدا
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن،يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختى قاتارلىقلار ئەلكۈيى تورىدىكىلەر بىلەن بىللە
بۇ قېتىملىق دوپپا مەدەنىيتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى بىرقانچە كۈندىن كىيىن ئەلكۈيى تورى ئىشلىگەن<<دوپپا مەدەنىيتى ھەققىدە ئەلكۈيى ئىكرانىدا سۆھبەت>>ناملىق زىيارەت فىلىمىدىن كۆرۈڭ! ئاتام كەيگەن،ئانام تىككەن،بارچە مىھىر سىڭىپ كەتكەن، سەبىيلەر ھەم يىگىت -قىزنىڭ كۆركىسىدۇر مىراس دوپپا. بۇۋام كىيىپ،ئاتام كىيىپ،ئۈزۈلمەي مەندە، ئەجدادلار مىراسى يەتسۇن ئەۋلادقا. كامالىي ئىھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تورى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى |