رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ھەممىسى سەن ئۈچۈن ئىدى، بۇنى بىلدىڭمۇ --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مۇھاببەت كەچمىشلىرى -> ھەممىسى سەن ئۈچۈن ئىدى، بۇنى بىلدىڭمۇ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

adila 2009-02-16 00:16

ھەممىسى سەن ئۈچۈن ئىدى،بۇنى بىلدىڭمۇ ؟

سەن بىلەن تۇنىشىشتىن ئاۋۋال غەمسىز،ئوقۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قىز ئىدىم، سەن بىلەن تۇنىشقاندىن كىيىن دائىم سىنى ئەسلەيدىغان، سىنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .

مەن ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە تۇنىشىپ قالغان، ئادەتتە ئاسانلىقچە ئادەم ياراتمايتتىم، سەن بىلەن تۇنجى قىتىم تېلىفۇن پاراڭلاشقان چېغىمدىلام ياخشى كۆرۇپ قالدىم، نىمە ئۇچۇنلىكىنى بىلمەيمەن، سىنىڭ ئۇرۇنلۇق سۆزلىرىڭ، مېھرىبانلىقىڭ مىنى تەسىرلەندۇردى، بىز كۆرۇشتۇق، 5مىنۇتلام پاراڭلاشتۇق، بىراق شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ،سىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم، مانا بۇنىڭغىمۇ بىر يىرىم يىل بوپتۇ،بىراق مۇشۇ كەمگىچە ساڭا بولغان كۆڭلۇم قېلچىلىك ئۆزگىرىپ باقمىدى، سەندىن باشقا بالىنى قىلچىلىك ياقتۇرۇپ باقمىدىم، سەن بىلەن تۇنىشقان چاغدىن باشلاپ ،ئۆزەمنىڭ باشقا ئوغۇل دۇستلىرىنى يوق قىلىۋەتتىم، چۇنكى ،سەن سادىقلىقنى ياخشى كۆرەتتىڭ، مەنمۇ ساڭا سادىق بولۇپ ئۆتۇشنى ،ساڭىلام ئىتائەت قىلىشنى ، سەندىن باشقىلارغا قارىماسلىقنى ھەم ياخشى كۆرۇپ قالماسلىقىنى نىيەت قىلدىم، مىنىڭ نىيىتىمدە :مەن ساڭا سەمىمىي مۇئامىلە قىلساملا ، سەنمۇ ماڭا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىسەن دەپ ئويلايتتىم، مەن سىنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرسەم ، مىنىمۇ چىن دىلىڭدىن ياخشى كۆرىسەن دەپ ئويلايتتىم.

ساڭا شۇقەدەر سادىق ئىدىمكى، ئىسىڭدىمۇ ؟بىز سۇقىشىپ قالغان چاغلاردا ، سەن مىنى چولپان يۇلتۇزنىڭ سائەت قانچىدە چىققىنىنى دەپ بەرگىن دىسەڭ ، -11ئايدا سائەت 12گىچە تالادا تۇرۇپ ،ئايغا قارىغانتىم، بىزيېڭىدىن تۇنىشقان چاغلاردا ، سىنىڭ نۇرغۇن قىز دوستلىرىڭ بارئىدى، مەن بىلەن بۇگۈن كۆرۇشسەڭ ، چۈشتىن كىيىن ياكى كەچتە، باشقا بىرى بىلەن كۆرۇشەتتىڭ، بىراق ،شۇ ئىشلارنى ئىغىر ئالمايتتىم، چۈنكى ،سىنى ياخشى كۆرەتتىم، بۇنى بىلدۇرۇپ قويغىم، ساڭا چاندۇرۇپ قويغىم يوق ئىدى، ئۇ قىزلارنىڭ سىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بىرەتتىڭ، مەن بۇگەپلەرنى پەقەت ئۇن-تىنسىز ئاڭلاپ بىرەتتىم، ھامانىم بىركۈنى مىنى ياخشى كۆرۇپ قالىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، بىز تۇنىشپ يېرىم يېلدىن كىيىن ،سەن ماڭا توي قىلىش تەكلىۋى قويدىڭ، بۇ ناھايتى ئاددىي توي قىلىش تەكلىۋى بولسىمۇ ، مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، مەن توي قىلىشقا ئىنتايىن ئۆش ئىدىم، بىرەرسى توينىڭ گىپىنى چىقارسا ،قاتتىق ئاچچىغىم كىلەتتى، بىرەر ئوغۇل بالا توي قىلىشنى ئېيتسا ، خۇددى ھازىرلام مىنى ئەكىتىدىغاندەك، ئۇبالىدىن جىندىن قاچقاندەك قاچاتتىم، بىراق ،سەن ماڭا توي قىلىش تەكلىۋى قويغان چاغدا ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، سەن بىلەن ئۇزاقراق بىللە ئايلىنىشنى ئويلىدىم، بىراق ، كۈن قېرىشقاندەك ،ئىتتىكلام كەچ كىرىپ كەتتى، سىنىڭ غەمكىن چىرايىڭنى كۆرۇپ ، كۆڭلۇم يېرىم بولدى، بىراق پەقەت سىنى خۇشال قىلىشنىلام ئويلايتتىم.

ئەتىسى ساڭا تېلېفۇن قىلدىم،سەن ماڭا ناھايتى سۇس مۇئامىلە قىلىدىڭ، بىز ئازراق پاراڭلىشپلام قۇيىۋەتتۇق، چۈشتىن كىيىن يەنە پاراڭلاشتۇق، بىز داۋاملىق پاراڭلىشپ تۇردۇق، مەن ھازىرچە توي قىلالمايدىغانلىقىمنى ئيتتىم، سەن ماڭا مەن بىلەن يېڭىدىن تۇنىشقان چاغدا ،باشقا بىرقىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى، بىراق ،مەن بىلەن تۇنىشىش جەريانىدا ، ئۇقىزنى ئاستا -ئاستا ئۇنتۇپ كىتىپ ، مىنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ،(ئەپسۇس،ئىشلار سەن دىگەندەك ئەمەسكەن،سەن پەقەت مىنى توي قىلىشقا لايىق قىز دەپلام ئويلايدىكەنسەن،)بۇچاغدا شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى، چۈنكى سەن ئۇقىزغا بولغا ن مۇھەببتىڭنى تەسۋىرلەپ بەردىڭ ، بەلكىم ،كۈندەشلىكىم كەلگەندۇ ؟ مەن شۇكۈنى كىچىچە يېغلاپ چىقتىم، ئۇخلىمىدىم دىسەممۇ بولاتتى، ئەتىسى ساڭا تېلېفۇن قىلىپ ،بولدى قېلىۋىتىشنى ئېيتتىم ،بىراق ،سەن مىنىڭمۇ ئېلگىرى باشقا ئوغۇللار بىلەن تۇنىشقىنىمنى ئېيتىپ تۇرىۋالدىڭ، مەن سەن بىلەن يېرىم كۈن سوقاشتىم، سەن شۇ چاغدا ،مىنى ئەمدى بولدى قىلىدۇ دەپ ئويلاپسەن، بىراق چۈشتىن كىيىن ،سىنى كەچۇرۋەتتىم ،ھەيرانمەن ئۆزەمگە، مۇھەببەت ئالدىدا ئادەم بەكمۇ ئاجىز بولۇپ قالىدىكەن، شۇ چاغدا سەنمۇ خۇش بولۇپ كەتتىڭ،بىراق ،مىنىڭ كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم ئىدى، سىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ،ھەممىلام نەرسىدىن ۋازكەچتىم، پەقەت ئاتا-ئانامدىنلام ۋاز كەچمىدىم.


ساڭا شۇقەدەر ئامراقتىمكىن ،بىرەر قىتىم تېلېفۇن قىلسام ئالمىساڭ، كۆڭلۇم يېرىم بولاتتى، ساڭا ئۈن -تىنسىز مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى، ھەم شۇنداقلا يېنىڭدا تۇرۇپ بىرئۆمۇر سىنى خۇشال قىلىشنى ئويلاتتىم، ئەمدى بىلىدىمكىن، مەن سىنى ھەرگىزمۇ خۇشال قىلالمايدىمەن، چۇنكى ،سەن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرەتتىڭ، ئۇ قىزغا ھەسەت قىلاتتىم، ئۇقىزنى ئۆش كۆرمەيتتىم، ئەگەر قولۇمدىن كەلسە ،ئۇقىزنى يىنىڭغا ئەكىلىپ قويۇشنى خالايتتىم، ئۇقىزنىڭ ساڭا قىلغانلىرى ئالدىدا مىنىڭ ھېچقانچىلىك قىلمىغانلىقىمنى بىلەتتىم، سىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم، ساڭا قىلغانلىرىمنى بىلىشىڭنى ئانچە بەك خالاپ كەتمەيتتىم،سىنى دەپ توردىكىلەر بىلەنمۇ پاراڭلاشمايتتىم، ئوغۇللار ئۇچۇر يېزىپ قالسا،كەچۇرۇڭ، مىنڭ ئوغۇل دۇستۇم بار، ئۇنىڭغا سادىق بولمىسام بولمايدۇ، ئۇ مىنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇچۇر يېزىشىمنى خالىمايدۇ،دىگەندەك ئۇچۇرلارنى يېزىپ قوياتتىم، توردىكى بالىلارمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن سىز بەك بەخىتلىككەنسىز دەيتتى،مەن بۇ چاغدا ئۆزەمدىن بەكمۇ سۆيىنىپ كىتەتتىم، سىنىڭ مىنى سۆيدىىغانلىقىڭغا ئىشىنەتتىم،سەن ماڭا يالغان سۆزلىمەيتتىڭ، مىنى ئالدىمايتتىڭ ،ھەرقانداق ئىچ سىرىڭنى ئېيتىپ بىرەتتىڭ،بۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم ئىدى، بىراق ،سەن مىنى سۆيمەيسەنكەن، بەلكىم بىر پىرسەنتمۇ ياخشى كۆرمەسسەن؟ ماڭا دىگەن گەپلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنى بىلگەن چىغىمدا سەندىن نەپرەتلەندىم، مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى، مىنى چىن دىلىڭدىن سۆيىدىغانلىقىڭنىڭ يالغانلىقىنى بىلگەن چىغىمدا، مەن ئاللىبۇرۇن كىچىككەنىدىم، ياق ،كىچىكمىدىم، يەنىلام سىنىڭ يىنىڭدا تۇرۇپ ، سىنى ياخشى كۆرۇشنى ، سەن مىنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ ،ساڭا ئىزچىل كۆيىنىشنى، ساڭا سادىق بولىشنى، ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىدىم، بەزىدە ئۇقىزنى ئويلىساملام، سەندىن ۋاز كىچىشنى ئويلىدىم، بىراق يەن ۋاز كەچمىدىم، بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا ؛سەن قاچان ئۆزەڭ چىن دىلىڭدىن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى تاپساڭ، ئاندىن سىنىڭ يىنىڭدىن ئۈن -تىنسىز غايىپ بولىمەن، ساڭا ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايمەن، چۈنكى سەن ئۆزەڭ سۆيىدىغا ن،سىنىمۇ سۆيىدىغان ئادەمگە ئېرىشكەن بولىسەن ، سەن مەندىن قاچان ۋاز كەچسەڭ ، ئاندىن كىتىمەن، سەن «چۈشتىكى تاماققا قورساق تويامدۇ؟»دىدىڭ، سەن نىمە دىگەن ئاجىز ، ئەگەر مەن سىنىڭ ئورنىڭدا بولغان بولسام ، ئۇقىزنى ئىزدەپ ئۆزەمنىڭ مۇھەببىتىمنى ھەم ئويلىغانلىرىمنى ئېيتىپ بىرەتتىم، سەن يەنىلام مەن بىلەن توي قىلىشنى ئويلاۋاتامسەن؟ ئۆزەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولىشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن، نېمە ئۇچۇن بۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى پەقەتلام چۇشەنمىدىم، مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن، چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، سىنى دائىم خۇشال قىلىشنى ئويلايمەن، ئۇقىزنى تىپىشىڭنى ، ھەقىقىي خۇشال بولىشىڭنى ، ھەقىقىي بەختلىك بولىشىڭنى ئۇلۇغ اللەدىن تىلەيمەن!


تەستىقلىغۇچى : ئۈمىدۋار

yultuz 2009-04-04 18:49
ۋەقەلىكى ياخشىكەن ئەمما تېمىسى ۋەقەلىكىگە ئانچە ماس كەلمەي قالدىمۇ قانداق

guzal5757 2009-04-04 19:15
ھىسيات ناھايتى سەمىمىيلىك بىلەن بىغۇبار ئىپادىلەپ چىقىلىپتۇ....

«ئۇ» «سىز» نى قانداق ئالدىدى؟؟  (مەن پەقەت چۈشەنمىدىم....)

qalikuxi 2009-04-04 19:37
    ھىسسيات ھەقىقەتەن چىن ئىپادىلىنىپتۇ . بىراق ، ئەسەردە «سىز» «سەن» دىن زارلانماپسىز-يۇ ، لىكىن تىمىسدا ...     
     مېنىڭچە، ئەسەرنىڭ تىمىسىنى  باشقىچە ئۆزگەرتسىڭىز بولغىدەك.

yalkuntag 2010-08-15 15:33
شۇنداق سەمىمىلىك بىلەن يېزىپسىز،بەك ياخشى چىقىپتۇ.

hacker253 2011-09-16 11:23
ياخشى يىزىپسىز ئەمما باش ئاخىرى سەل ماسلاشمىغاندەكمۇ تۇرامدۇ

maibibai 2011-09-16 16:44
مىنىڭ قارىشىم باشقىلارغا ئوخشىمايدىكەن . مىنىڭچە ئانچە ياخشى چىقماپتۇ . نىمىنى ئىپادىلىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىلى بولمايدىكەن . يەنە بىرگە، ئەسەردىكى "مەن" ئەمەلىيەتتە بەكلا ئاجىزكەن . يەنى ، كىشلىك تۇرمۇشتا ئەگەر مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسە "مەن" دەك مۇئامىلىدە بولۇپ ، يا ئالدىغا ماڭماي ، يا ئارقىغا يانماي ، قارشى تەرەپ باشقا بىرىنى تاپقۇچە ئۇنىڭ كەينىدىن يۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ يىراقنى ئويلىماي چىقىرىلغان قارار ھېسابلىنىدۇ ...

winira 2011-10-09 15:25
بۇ باشلانغۇچتىكى بالىلارنىڭ مۇھەببىتىمۇ نىمە؟ نىمە دىگەن تىتىقسىز ! ئىچىمنى پۇشۇرسىمۇ ئوقۇپ چىقىپتىمەن. قىزلار نىمانداق دۆت،نىمانداق ئەقىلسىز ،ئاخماق كىلىدۇ دەيمەن،ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ  شۇنچە ئەقىدە قىلىۋاتقان،بارلىقىنى تەقدىم قىلىۋاتقان،ھازىرقى قىزلاردىكى كۆڭۈل شۈنچە پەسمۇ؟ئۇنتۇش گەرچە تەس بولسىمۇ،ھىسيات ،كۆڭۈل ئادەمنىڭ رايىغا باقمىسىمۇ سەۋىر قىلىش، ئۆزىگە ھاي بىرىش لازىم،بۇنداق بولمىغاندا قىزلارنىڭ ئورنى تىخىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىدۇ؟ ئاشۇ مۇھەببەتنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان لامزەللە ئوغالبالىلارنىڭ ھالىنى تىخىمۇ يوغانتىۋاتقان مۇشۇ سۆيگۈسىگە سادىق بىچارە قىزلار...........

xaytan9119 2011-10-09 19:01
ھەممە ئادەمنىڭ  مۇھەببەتكە تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشاش بولمايدىغۇ؟
ياخشى يىزىپتۇ ، بىراق مىنىڭچە بۇ قىز ياخشى بىر  ئويلۇنۇپ قارار چىقىرىشى كېرەكمۇ قانداق؟
گال پىچاقتا گۆش توغرىسا ئۈزىنىڭمۇ ھەم گۆشنىڭمۇ جېنى ئاغىرىيدۇ

miskin303 2011-10-10 18:47
سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە قانچىلىك بەدەل تۆلىمەكچى؟؟؟؟؟   مىنىڭچە بولدى قىلىڭ!

梦hiyal想 2011-10-11 17:22
قىزلارنىڭ ئورنى تۈۋەنلەپ كەتتى دىگەن قانداق گەپ؟ سىز قىزلارنىڭ ئورنىنى قانداق كۆتۈرمەكچى؟ قىززىق گەپ بولدىدە بۇ.

gulbargi117 2011-10-11 19:31
ئادەم  ۋاز كېچىشنمۇ ئۈگىنىشى كېرەك  .......

oguzpuxti 2011-10-12 17:00
سىزنىڭ بەدەل تۈلەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىدىقانلارمۇ باركەن ، بىلمەيدىغانلارمۇ باركەن ، مۇنداقلا قارىسىڭىز ھەممىسى بىر ئوبدان ئادەم ، ئەمما سەل ئىنچىكىلىسىڭىز ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم. تۈننىڭ كەينىدە كۈن بار ، ھەممىنىڭ بېشىدا بىر كۈن بار دېگەندەك ھاياتنىڭ ئەگرى توقاي يوللىرىدا ھەرخىل <دوست>لارغا ئۇچرايدىكەنسىز ، بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ياشىغان پەيلاسوپ دېئوگىن كۈندۈزدە چىراق كۈتۈرۈپ كىتىۋاتسا بىرى سوراپتۇ : نىمە قىلىپ يۈرىسىز ، دەپ ،ئۇ :ئادەم ئىزلەپ يۈرىمەن ، دېگەنىكەن ،  تاپالمىغانلار يەنىلا ئادەم ئىزلەيلى !

qinakida1 2011-10-13 00:46
ئالدى بىلەن تېما ئىگسىگە كۆپ تەشەككۈر .
مىنىڭچە چىن يۈرەكتىن سۈيۈشنى بىلمىگەن ھەرقانداق بىىر ئوغول بالا ،قىزلارنىڭ سۈيۈشىگە ئەرزىمەيدۇ ،

sefura 2011-10-13 05:16
ھەي ئەخمەق قىزلار،بىغۇبار ساددا قىزلار...بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا پۈتۈن كۆڭلىنى بىرىۋېتىدۇ،قەلبىگە ئىككىنچى بىر ئادەمنى سىغدۇرغىدەك زەررىچە ئورۇن يوق...ئارزۇلىرىنى،خىيالللىرىنى،ئۈمىدىنى شۇ كىشىگە باغلايدۇ؛ئەگەر ئۇ بولمىسا ياشىيالمايدىغاندك،ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشمايدىغاندەك پەقەت شۇ ئادەملا ئۆزىنى بەختلىك قىلالايدىغاندەك چۈشىنىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ ئاغزىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويغان تاتلىق گەپلىرىگە  گۈزەل خىياللارنى قىلىپ،ئىككىسىنىڭ كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ،ئۆزى خىيالىغا قۇرىۋالغان ئائىلىسىنىڭ،كەلگۈسىنىڭ بەربات بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كىلىدىغاننى قىلىدۇ. سەتلەپ تۇرسىمۇ،قېچىپ تۇرسىمۇ،سېنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ تۇرسىمۇ قىزلىق غورۇرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئۆزىدىن بارغانچە يىراقلاپ كىتىۋاتقان خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىشىدۇ. مانداقلا دەپ قويغان بىر ئېغىز سۆز ئۈچۈن كۈنلەر-كۈنلەر خۇشال بولۇپ؛يۈرەككە پاتۇرۇپ-پاتۇرۇپ دەۋالغان سۆزلىرى،قوپال مۇئامىلىلىرى ئۈچۈن كىچە-كىچە ياش تۆكۈپ چىقىدۇ...كۈتۈش ،كۈتۈش،قاچان ياخشى مۇئامىلە قىپ قالار ، قاچان مېنى ياخشى كۆرۈپ قالار دەپ ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ كۈتۈشلەر......نىھايەت،قارشىسىدىكى ئىنسان چۈشەنسىدى كاشكى بۇنداق ساددا قىزلارنىڭ ئەقىدىسىنى ،ساپ كۆڭلىنى...بۇنداق قىزلار يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدە بىر ئەخمەق،ساراڭ خالاس. شۇ قىزنىڭ ئەقىدىسىگە بولسىمۇ ئەيىپلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ،ياقمىغان يەرلىرىنى تۈزىتىپ، ئۆزىگە ياخشى بىر ھەمرا قىلىۋېلىشنى ئويلىمايدۇ. ياق،ياق،ئۇلار ئۆزى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر چوقۇم گۈزەللەر گۈزىلى،ئەڭ پەزىلەتلىك،ھېچقانداق نۇقسانسىز قىزلارنى ئېلىشى كىرەك؛ئۇلارغا دۆت قىزلار يۈك،ئەل-ئاغىنىلىرنىڭ ئالدىدا يۈزىگە سەت....ما ياقتا بىرىنى گوللاپ قويۇپ ئا ياقتا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ،ئاخىرى بىرلا ئاتا-ئانام قوشۇلمىدى دىگەن باھانە بىلەن ئەخمەق قىزلار جايىنى تېپىپ يىغىسىنى يىغلاپ،دەرتلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ قالىدۇ بىراق يەنىلا توي قىلماي بولمايدۇ، ئەڭ ئېچىنىشلىقى بۇنداق قىزلار كۆڭلىنى تامامەن باشقا بىرىگە تەقدىم قىلىۋەتكەچكە ئۆزىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ،ھالاللاپ ئالغان يولدىشىغا بىرىدىغانغا كۆڭۈل قالمىغان،ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابىدا ياشايدۇ. ھازىر بۇ قىزلارغا سۆزلىگەننىڭ پايدىسى يوق،توي قىلغاندىن كىيىن ئاندىن ھەممىنى چۈشىنىپ يىتىدۇ...  


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ھەممىسى سەن ئۈچۈن ئىدى، بۇنى بىلدىڭمۇ --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.035148 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us