رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 4 total )

gulen 2011-04-14 04:09

چەتئەلدىكى ھىكايە
غەرپتىكى مەلۇم دۆلەتتە بىر قانچە ئۇيغۇر بىللە ئىشلەيدىكەن. ئارىدىكى بىرى خىزمەت ۋاقتىدا باشقا ئىشلارنى قىلىپ خىزمەت ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى بۇ ئىشنى باشلىققا ئىنكاس قىلىپتۇ. نەتىجىدە ئىنكاسچى ئىدارىدە يەكلىنىپ قاپتۇ. بۇ ھەقتە مەن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ باھاسى مۇنداق بولدى. "ھەممەيلەن ئۇيغۇر تۇرسا نېمە قىلىدۇ دوكىلات قىلىپ؟"، "مۇئاشنى خەق بېرىۋاتسا نېمە كارى؟"، "باشلىقى ئۇيغۇر بولسىغۇ بىر گەپ، ئۇيغۇرنى ياتقا چاقتى دېگەن نېمە ئىش؟"

ئىچكىرىدىكى ھىكايە
بىر كۈنى دۆلەتلىك ئىنگىلىزچە ئىمتىھانغا نازارەتچى بولۇپ قالدىم، مەن بىلەن بىللە نازارەتچى بولغان مۇئەللىم" بۇ سىنىپتا بىرمۇ ئۇيغۇر يوقكەن، بولغان بولسا ئىنگىلىزچىڭىزنىڭ يارىدىمى تېگەتتىكەن ھە،" دېدى. كۈلۈپ قويدۇم. ئىمتىھان يېرىملاشقاندا ھېلىقى مۇئەللىم نوقۇپ قالدى، قارىسام بىر ئۇيغۇر بالا بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرۇپ ئىمتىھاننىڭ ماقالە قىسمىنى كۆچۈرگىلى تۇرۇپتۇ. ئاچچىق مىڭەمگە تەپتى، ئوقتەك بېرىپ قەغىزىنى تارتىۋالدىم. ئىمتىھان تۈگىگەندىن كېيىن سەبدىشىم مەندىن رەنجىدى "سىزنى بەك ئۇيغۇر بالىلارغا كۆيۈنىدۇ دەپ بىلەتتىم، سىز پەقەت ئابستىراكىت ئۇيغۇرنى سۆيىدىكەنسىز، كونكىرىت ئۇيغۇرنى سۆيمەيدىكەنسىز!"

ئۈرۈمچىدىكى ھىكايە
ئۇيغۇرلار تولىمۇ ئاز يېڭىشەھەر رايۇنىدا بىر ئوغرى تۇتۇلدى. تۇتقۇچىمۇ ئۇيغۇر ئوغرىمۇ ئۇيغۇر ئېدى. شۇ ئارىدا رايۇننىڭ تازىلىقىنى قىلىدىغان  بىر توپ تازىلىقچى ئۇيغۇر ئاياللار بۇ ئىشقا ئارىلاشتى "ئاكا قاراڭ، بۇ بالىمۇ ئۇيغۇركەن، سىزمۇ ئۇيغۇر بولغاندىن قويۇپ بېرىڭە، ساۋاپ بولا، ھەممىمىز ئۇيغۇر ھەممىمىز مۇسۇلمان ئەمەسمۇ، يامان بولىدۇ، ھېلىمۇ كۈن ئالمىقىمىز تەس بولۇپ كەتتى"، نەتىجىدە ھېلىقى زىيان تارتقۇچى ئۇيغۇر كىشى خۇددى گۇناھكاردەك بەك ئوڭەيسىزلاندى ۋە ئوغرىنى قويۇۋەتتى.

بۇندىن باشقا ئىدارىدە، توردا ۋە گېزىت ژورناللاردا ئەگەر بىرسى ئۇيغۇرغا تونۇلغان بىرەر كىشىنىڭ خاتا سۆزلىرى، يازغانلىرىدىكى خاتالىقلار ۋە بىنورمال قىلىقلىرى ھەققىدە گەپ قىلسا دەرھاللا "ئۇ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ئالىمى، ئۇ دېگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەخىرى، سەن نېمە ئىش قىلغانغا ئۇنداق دەيسەن؟" دېگەندەك گەپلەنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنداق سۆھبەتلەر تورلاردا ئايىقى بېسىقماس زىددىيەتلىشىش بىلەن، تۇرمۇشتا جىدەل بىلەن تۈگەللىنىدۇ. بۇرۇن بۇ ئىشلار ماڭا بىر قارىسام ئۇيغۇر سۆيگۈسىدەك، يەنە بىر قارىسام ئۇيغۇرلۇقنى سۈيئىستىمال قىلىش ياكى دەسمايە قىلىپ پايدىلىنىشتەك تۇيۇلاتتى. ھازىر ئويلاپ باقسام بۇلار ئۇيغۇرلۇقنىڭ دەسمايە قىنىلىشى، نەپسى خاھشقا بوي سۇندۇرلىشى ئىكەن. ئۇيغۇرلۇقتىكى ئورتاق تارىخ، ئورتاق تىل، ئورتاق دىن، ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق تەقدىر، ئورتاق كىرزىس ۋە ئورتاق شەرەپ كىشىلىرىمىزدىكى مەنىۋىي بىرلىكنىڭ ئاساسى بولغاندىن باشقا بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ سودا تىجارەت، پەيدا مەنپەئەت ۋە ھوقۇق ئىناۋەتلىرىدىكى دەسمايە ئىكەن. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم ئۇيغۇرلۇقنىڭ بۇنداق دەسمايىغا ئايلنىپ قېلىشىدىكى سەۋەپلەر. مۇلاھىزەمگە كۆرە سەۋەپلەر ئىچىدە ھازىرچە مەن دېيەلەيدىغان سەۋەپ ئاشقۇنلۇق(رادىكال)تۇر. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئاشقۇنلۇق بىز ئادەتتە تېلۋىزور ۋە رادىيولاردا ئاڭلايدىغان سىياسىي ياكى خەلقئارا مەسىلىلىلەردىكى ئاشقۇنلۇق ئەمەس. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئاشقۇنلۇق كونكىرىت مەسىلىنىڭ، ھادىسنىڭ ۋە شەيئىلەرنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى، تۈزۈم-ئۆلچەملىرى، ئىلمىيلىك-مەنتىقىسىنى ئويلاشماي ھەمىشە مەلۇم خۇسۇسىي خاھىش، كۆنگەن تەپەككۇر، مىللىي ھىسسىيات ۋە مەلۇم ئىدولوگىيەنى ئۆلچەم قىلىپ پىكىر قىلىش ھەم ھەرىكەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇ ئاشقۇنلۇقنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىپ مۇلاھىزە قىلىمەن.

1. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقى.
مىللەت سۆيگۈسى ئىنساندىكى تەبىئى تۇيغۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي پىسخىك ئىھتىياجى بولغان تەۋەلىك ئىھتىياجىدىن كەلگەن. بۇ مەنىدە ئۇيغۇرنى سۆيۈش يەنى ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ھەممىزدىكى ئورتاق تۇيغۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلۇقنى قانداق چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئاقىللىقنى ئۆلچەم قىلمىسا، بىر قىسىم تەييارتەپلارنىڭ ئارامگاھىغا، بىر قىسىم خاتا ھۆكۈم ۋە پىكىرلەرنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.  يۇقارقى چەتئەل مىسالدا تىلغا ئېلىنغان خىزمەتتىكى ئۈنۈمنى قوغلاشماي يارىماس خىزمەتچىنى نەچچە يىل ئارىسىدا ئاسراپ قالغان ئۇيغۇر ئىشداشلارنىڭ قىلىۋاتقىنى مىللەتنى سۆيۈش ئەمەس پىرىنسىپسىزلىق ھىساپلىنىدۇ. بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە بىر توپ ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى ئاقسىتىش ئاقىللىق ئەمەس. ئەگەر شۇ بىرەيلەن سەۋەبلىك خىزمەتخانا تاقالسا بىز ئاياپ كەتكەن يۈز ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلۇقىنىڭ زىيالىلاردىكى ئىپادىسى؛ "قۇربانجان تۇرەك ئۇيغۇردىن چىققان رىياللىقتىكى ئەۋلىيا" دېگەن ھۆكۈم، يالقۇن روزىنىڭ "بېكخامدىن ئىشەك موھىم" دېگەن ھۆكۈمى، قۇددۇس ھاپىزنىڭ "ئۇيغۇر تىلى 21-ئەسىردە دۇنيا تىلى بولىدۇ،" دېگەن ھۆكۈمى، "قاسىم سىدىق ئۇيغۇرنى ئون يىلدىن كېيىن نوبىلغا ئېرىشتۈرىدۇ" قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلارنى ئوتتۇرغا قويۇشقا سەۋەب بولغان ۋە بۇ ھۆكۈملەرنى ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن ئامىل ئوخشاشلا ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقىدۇ. بۇ يەردە شەيئىي ۋە ھادسىلەرنى ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ۋە شەرىپى نوقتىسدىن باھالاش ھۆكۈم ئاساسى بولغان. ئەگەر بىز دۇنياغا مۇنداق ئۇيغۇرغا ياخشى بولسا ياخشى، مەنپەئەتىسز نەرسىنىڭ قىممىتى يوق، دېگەن نەزەردە باقساق، ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىسىز بولغان نۇرغۇن نەرسىنى يوققا چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ پېتىلا ئويلىساق ئۇيغۇر ئەجداتلار خىزىرغا ئايلىنىدۇ، ئۇيغۇر ئالىمى تەنقىدسىز بولىدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىسز قالىدۇ، ئۇيغۇر ئوغرىلار جازاسىز قالىدۇ، ئۇيغۇر پاسىقلار نەپرەتسىز قالىدۇ، نەتىجىدە يۇقارقى ھىكايەتلەر ئىجابىي ھادىسىگە ئايلىنىدۇ.

2. ئىلمىيلىك ئاشقۇنلۇقى   
 
مەدەنىيەت (كۈلتۈر) ھادسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلىمگە ئۇيغۇن بولۇۋەرمەيدۇ. مەسىلەن ئات بىلەن ئېشەكنى مىسالغا ئالايلى. ئات ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، تېرىقچىلىق ۋە باغۋەنچىلىكنى بىرلەشتۈرگەن ئىگىلىك شەكلىدە ئىزچىل موھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ھايۋان. ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى يېغىلىق دەۋرىدە جەڭدە، تنچ زاماندا بەيىگىدە، ئوغۇلاقتا ۋە ئاتتىكى جانبازلىق ماھارەتلىرىدە سىنغان بوۋىلىرىمىز ئاتقا ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان. گەرچە ھازىر ئات تۇرمۇشىمىزدىن يىراقلاپ ئورنىنى ئېشەك، موتۇ، تراكتۇر، ماشىنا ئېگەللىگەن بولسىمۇ ئاتنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزدىكى ئورنى يەنىلا ھەرقاندا مەخلۇققا سېلىشتۇرغۇسىزدۇر. ئىلىم جەھەتتىن قارىغاندا ئات بىلەن ئىشەك ۋە باشقا ھايۋاننىڭ باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلىنىدىغان "ئۇلۇغ"لىقىغا ئائىت پاكىت يوق. مەسىلەن ھىندىستانلىقلار كالىنى، تېبەتلەر بېلىقنى، خەنزۇلار كالىنى ياخشى كۆرىشىدۇ، ھەتتا چوقۇنىدۇ، بۇنىڭدىمۇ ھىچ قانداق پەننىي پاكىت يوق، پەقەت مەدەنىيەتتىكى پەرق مەسىلىسى. بۇ يەردىكى پەرق ئەقىل-پەنگە چۈشىدىغان پەرق ئەمەس، مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىگە ياتىدىغان تۇيغۇدىكى پەرق. بۇنى توغرا چۈشەنمەي، يالقۇن روزىنىڭ "ئۇيغۇرنى ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت دېمەي، نېمىشقا ئات ئۈستىدىكى مىللەت دەيمىز؟ ئېشەك بىزگە نېمە يامانلىق قىلدى؟" دېيىشى ئاشقۇنلۇقتىن باشقا گەپ ئەمەس. ئاڭلىسام "كرورەنلىك بالىلار" دېگەن بالىلار رومانىدا قارغا ئىجابىي ئوبرازقىلىپ يېزىلىپتۇ. بۇ ھەقتە سورالغان سۇئالغا ئاپتۇر "قارغا ھىچ بىر يامان مەخلۇق ئەمەس..." دېگەن مەنىدە چۈشەنچە بېرىپتۇ. توغرا، ئىلمىيلىك جەھەتتىن قارغا بىزگە ھىچ يامانلىق قىلغان يوق، ئېشەكمۇ شۇ، ئەمما بىر مىللەت يامان كۆرگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىدە ئىلمىي سەۋەپ بولمايدۇ. بۇندىن باشقا بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، يىمەك ئىچمەكلىرى ۋە مۇراسىملىرىدىكى ئاتالمىش "ئىلغار، زامانىۋىي" مىللەتلەردە يوق تەركىپلەرنى ئىلمىي ئەمەس دەپ يامانلايدۇ. ھالبۇكى ھىچ كىم بىر مىللەت توغرا دەپ قارىغان نەرسىنى ئىلمىيلىك نوقتىسىدىن ئىنكار قىلىپ غەلبە قىلالمايدۇ. چوڭ غەلىبە قىلسا غالىبىيەت روھىغا بىر چۈمۈۋالىدۇ خالاس. بىرقىسىملار قارغا بىلەن ئىشەكنى قانچە مەدھىيەلىسىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا "قارغا بىلەن دوست بولساڭ يىيىشىڭ پوق" "قىلىقسىز ئېشەك" دېگەن گەپلەر كەڭرى قوللۇنىلىۋېرىدۇ.

3. دىن ئاشقۇنلىقى
يېقىندا توردا مۇستاپا كامال ۋە سادام ھۈسەيىن ھەققىدە قىزىقارلىق مۇنازىرە بولدى. مۇنازىدە داۋامىدا سادام "مۇسۇلمان" بولغانلىقى سەۋەبلىك ئاقلاندى، مۇستاپا كامال بولسا "دىنسىز" غا چىقىرىلىپ قارىلاندى. ھەتتا سادامنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرەپتارى بولمىغانلار كاپىر، سادامغا مايىللار "مۇسۇلمان" بولۇپ قالدى. شۇنچە ئۇزۇن تالاشقانلارنىڭ ئىچىدە سادامغا باھا بەرگۈدەك ئەرەبچە، مۇستاپا كامالنى قارىلىغۇدەك تۈركچە بىلىدىغان مۇنازىرىچىلەرنىڭ يوقلىقى مېنى ھەيران قىلدى. مۇنازىرىدە تالىشىۋاتقانلار مۇنازىرە ئوبىكتىنىڭ كىملىكى، ھايات تارىخى، ئۇتۇق-ئۇتتۇرۇقلىرى بىر يەدە قېلىپ ئۇلارنىڭ دىنى باشتىن ئاخىر تالاشلارغا سەۋەپ بولدى. مېنىڭ "ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز" دېگەن خاتىرەمگە ئىنكاس يازغان بىر ئانا بالىسىدىكى ئىزچىلسىزلىق، ئەخلەت يېمەكلىكلەرگە خۇمارلىق، تورخۇمارلىقى...قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەسلەھەت بېرىشىمنى سوراپتۇ. مەن قايسى كىتابنى ئوقۇپ، قايسى ئۇسۇل بىلەن جاۋاپ بېرەرمەن دەپ ئويلاپ بولغىچە بىرەيلەن دىنىي تەربىيە بېرىشنى مەسلەھەت سېلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. دۇنيادا تەننىڭ كېسلىلىنى تېبابەت، روھنىڭ كېسلىنى پىسخولوگىيە داۋالايدۇ. بۇ پەنلەرنىڭ ئىنساندىكى تۈرلۈك روھىي ۋە جىسمانى ساقسزىلىق ھەققىدە نەچچە يۈز يىللىق تەجرىبدىن توپلانغان رىتسىپلىرى بار. بۇلارنى ھىچ قوبۇل قىلماستىن، ھىچ ئويلاشماستىن كاللىمىزغا كەلگەن، ئالدىمىزغا ئۇچرىغان مەسىلىنى ئاللاھ بەرگەن ئەقىل بىلەن ئويلاپ، مىڭىمىزنى ئىشلىتىپ ئىزدىنىپ ھەل قىلماي، ھەممىنى ئاللاھقا يۈكلەپ قويساق بىزنىڭ ئىرادە ھۆرلىكىمىز نەدە قالىدۇ؟ ئەگەر ھەممىنىڭ جاۋابى قۇرئاندا بولسا ئاللاھ نېمىشقا بىزنى تەپەككۇرسىز ياراتمىدى؟ بۇنداق ئاشقۇنلۇققا مايىل قېرىنداشلار كونكىرىت مەسىلىنى كونكىرىت ئوي ۋە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا قىزىقمايدۇ. چۈنكى تەييار ھۆكۈم ھەممە ئادەمگە خوش ياقىدۇ. ۋاھالەنكى رىياللىق دائىم ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ماھىيەتلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى دائىم بىرخىل بولمايدۇ. شۇڭا بىز ئىشەنگەن ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن يەنىلا مەسىلنىڭ تارىخى يۈزى، سېلىشتۇرما يۈزى ۋە كۆزىمىزگە كۆرۈنگەن-كۆرۈنمىگەن يۈزى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاشقۇنلۇق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر زىيانلىق ئۆسمە. يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئاشقۇنلۇقلارنىڭ ھەممىسىدە قارىمۇ قارشى قۇتۇپ مەۋجۇد. مەسىلەن؛ مەسلەن بەزىلەر ھەممە مەسىلنىڭ داۋاسىنى دىندىن ئىزدىسە يەنە بەزىلەر ھەممە پىشكەللىكنىڭ سەۋەپكارنى دىن دەپ ئاشقۇنلۇق قىلىدۇ. بەزىلەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ھەممە ھادىسىگە پۈتۈنلەي ئىلىم كۆزى بىلەن قارىسا بەزىلەر ئۇيغۇر ئەجداتلارنىڭ ئۇدۇملىرىنى ھەممىگە ئەڭگۈشتەر بىلىدۇ. بەزىلەر ئۇيغۇرغا خاس بولسىلا پەخىرلەنسە بەزىلەر ئۇيغۇرغا تەئەللۇق بولسىلا گۇمانلىنىدۇ. مەسىلەن "ئۇيغۇرلار قوي گۆشىنى كۆپ يىگەچكە قويدەك يۇۋاش بولۇپ قالغان" ، " ئۇيغۇرنىڭ جىنسىيىتى ئاينىغان..."دېگەن سۆز ئىلىمگە زىت ئاشقۇنلۇق بولسا، "ئۇيغۇر تائاملىرى سەۋەبلىك بىز قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسەللىرىگە كۆپ گىرىپتار بولۇۋاتىمىز" دېگەنلىك ئىلىم ئاشقۇنلىقى بولىدۇ. ئاخباراتتىكى تەرەپتارلىق، تەشۋىقاتتىكى يەككە مېلودىيە، ئىدولوگىيە تۇمانلىرىغا يەم بولغان رىياللىق بەلكىم بىر قىسىم ئەڭ غايىلىك، ھۇشيار ۋە ئويغاق قېرىنداشلىرىمزىنى ئاشقۇنلۇق مەپكۇرىلىرىغا مەھكۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى دۇنيايىمىز ئاشقۇنلۇققا ئۈندەيدىغان ئامىللارغا تولغان بولۇشىممۇ مۇمكىن. مەنچە شۇنىسى شۈبھىسىزكى، ئاشقۇنلۇق بىزنى نورمال ئىنسانى تۇيغۇ ۋە ئادەتتىكى بىر ئىنسانغا خاس تەپەككۇردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئاشقۇنلۇق  ئەۋج ئالسا كۆزلىرىمىزگە دۇنيا بىربولسا دۈشمەنلىك، قاراڭغۇلۇق، رەزىللىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، يەنە بىر بولسا كۆز ئادىمىزدا ئالۋۇندەك بىر مەنزىل بىزنى چاقىرىۋاتقاندەك، شۇ يەردە ھەممە نەرسە گۈزەلدەك، ھاياتنىڭ مەنىسى خىيالى مۇقەددەسلىكتەك بىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا مەنچە مەيلى دىنى ئاشقۇنلۇق بولسۇن ياكى ئۇيغۇرپەۋەرلىك ياكى لوگىكا ئاشقۇنلىقى بولسۇن ئەقىلدىن ۋە نورماللىقتىن ھالقىغان ھەرقانداق تۇيغۇ ۋە پىكىر ئىنساننىڭ نورمال ھاياتىغا ۋە كەلگۈسىگە نۇر چاچالمايدۇ. مەنچە دۇنيانى ئاددىي بەندىنىڭ كۆزى بىلەن كۈزىتىش، ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىش ھاياتىمىزنى ئاددىي ئىنسانلىق بەختىگە مۇشەررەپ قىلىدۇ.

aptab 2011-04-14 11:25
ئەزا يېزىش چەكلەندى.

b-shadow 2011-04-14 11:47
   ئاپتاپ  ئەپەندى  توردا ئۇنى  بۇنى  دىگەن  بىلەن ھازىر  دەۋرىمىزدە ھاراقتىن  زەھەرلىنىپ ئۇ  دۇنياغا  سەپەر  قىلغانلارنىڭمۇ  نامىزىنى  چۈشىرىۋېرىدۇ ، بۇنىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك دىسەك  بولا ؟... يەنە  بىر  مەسىلە  دارۋېن ئۆزىنىڭ پەرەزىۋىي نەزىرىيەسى  ئۈچۈن  ئۆمرىنىڭ  ئاخىرىدا مىسسىيەگە  قاتتىق  توۋا  قىلغانمىش ۋە  ئىنجىلنى  تۇتۇپ  تۇرۇپ  تۆۋە  ئاۋازلىرى  ئىچىدە  جان  ئۈزگەنمىش ،  لېكىن  بۇنىڭ راست-  يالغانلىقى توغۇرسىدا  ئىزدىنىپ  باقمىدۇق . خىرىستىيان دىنىي جەمىيىتى  ئۆزىگە  گۇمان قىلغان ياكى  ھەىقىقەت ۋە  بىلىم  ئىزدەنگۈچىلىرىنى  كىتاپلىرى  بىلەن  بىللە  كۆيدىرىۋېتىپلا  ئارىلىشىدىغان ،  مەسىلەن نىكولاي  كوپېرنىك  دىگەندەكلەرنىڭ  تەقدىرى ...

   گۈلەن  ئەپەندىنىڭ  يەنە  بىر پارچە  ئېسىل  ، نادىر ،  سوغاققان  نەزەردە  تۇرۇپ  يازغان  ئوپىراتسىيەۋى  مۇھاكىمە  ماقالىسى ،  ماقالە  ناھايىتى غەلىبىلىك  چىقىپتۇ ،  ھەممىمىزنىڭ  چوڭقۇر ھالدا  ئۆزىمىزنى  تەكشۈرۈپ  بېقىشىمىز كېرەك  ئىكەن دىمىسىمۇ .  گۈلەن  ئەپەندىنىڭ  ماقالىسىدىكى مەركىزى  نۇقتا كىشىنى  ئەڭ بىئارام  قىلىدىغان ، ئىچىنى  پۇشۇرىدىغان  ئاشقۇنلۇق " 3. دىن ئاشقۇنلىقى " غۇ  دەيمەن ،  ھەممىنى دىنغا  باغلىۋالىدىغان  مۇشۇ  ئۇيغۇر  مىللىتىنىزە... چوڭقۇر  ئويلانساق  بولغىدەك .

  ماقالىدە  كۆرسىتىلگەن  دەسلەپكى  ئاشقۇنلۇقلار ، بۇ  بىر  ئۆزىچە ئادالەتسىز  مۇھىتتا زىيان تارتىپ  كېتىۋاتقاندەك  ھىس  قىلىۋاتقان  بىر  تۈركۈم  ئاجىز  توپنىڭ  بىر- بىرىگە بولغان ھىسداشلىقى ، لېكىن  بۇ  بىزنىڭ  نەزىرىمىزدە  يەنىلا مىللى ئاشقۇنلۇق ، پاسسىپ  پىسخولوگىيەۋى خاراكتىر  قاتارىدا تەنقىت قىلىنىشى  كېرەك ، بولمىسا  بۇ  ئۇيغۇرلار  دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىدىكى " كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى يۇتۇپ كېتىشى " دىگەن بابىغا  ئۇيغۇن  كەلمەي قانۇنىيەتسىز  تەرەققى  قىلىپ  قېلىشى  مۈمكىن .

  گۈلەن  ئەپەندىگە  تېخىمۇ زور  ئۇتۇقلارنى  تىلەيمەن .  

paryat 2011-04-14 12:31
ئىنسان تەبىئىتى قارمۇ-قارشىلىققا زىدىيەتكە تولغان،كىشلىك ھاياتمۇ شۇنداق.ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىگە قۇشۇلساممۇ ئەمما ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن بەزى قاراشلارغا قۇشۇلالمايمەن.ئاشقۇنلۇق بۇلۇپمۇ چېكىدىن ئاشقان ئاشقۇنلۇق ئىنسانىيەت جەمىيىتىكى زەھەرلىك ئۆسمە(ئېينىشيتىيىن).لېكىن بىز ئويغۇرلاردىكى ئۆملۈك،سەل تاردائىردىكى مىللەتپەرۋەرلىك ماۋۇ ئۆگەيلىنىۋاتقان ،ئىككىنچى دەرجىلىك مىللەتكە ھازىرىقى ۋەزىيەتتە قان بىلەن  گۆشتەك زۈرۈر،بۇ خۇددى سەرگەردان فىلىمىدىكى راجى ۋەقەسىگە ئوخشايدۇ. بۇ يەردىكى ئاشقۇنلۇققا سەۋەپچى بولغان سەۋەپ نىمە؟ بىز نىمە ئۈچۈن ئوغرى،خىروئىنكەش، ... بۇلۇپ قالدۇق؟ دىن ئەسىيەتچىلىرى نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى پارتىلتشتەك ئىلاجىسىزلىققا قالىدۇ...  مەنبەسى نىمە؟ مەدەنىيەتتە سىرتقا كېڭىيەلمىگەن بىچارىلەر ئامالسىز ئىچكى چوڭقۇرلۇققا ئاممىۋى ئۆملۈككە مۇراجەت قىلىدۇ...سىز ئامرىكىدا مىللەت ئۇقۇمى ئاجىز رايوندا ياشاۋاتىسىز.....

nasin 2011-04-14 12:52
بىر ئېغىز گەپ:نەدە ياشىشىدىن ، قانداق سەۋەپ بولىشىدىن ،كىم قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر يامان ئىش ھامان يامان ئىش.ئاجىزلار ئەسكى ئىش قىلسا بولىدۇ دەيدىغان سەپسەتىنى نېرى ئاپىرىڭلار.نېرۋامغا ھەجەپ تەگدى.
قوشۇمچە بىر گەپ: مىللەت ئەسكى ياخشى دەپ ئايرىلمايدۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئەسكىسى ھەم ياخشىسى بولىدۇ.

paryat 2011-04-14 12:57
بۇ يەردە ھىچكىم ئاجىزلار يامان ئىش قىلسا بولىدۇ دىمىدى،كۆزەينەك تاقىماي ئولتۇرۇپ سۆز جۈملىلەرنى ياخشىلاپ ئۇقۇڭ................

mutallip.yak 2011-04-14 12:57
ئاشقۇنلۇق مىللەتنىڭ كەلگۇسى تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان موھىم ئامىل،بىز ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلمايمىزكەن،بىز مەڭگۇ باشقىلار بىلەن بەيگىدە تەڭ بەسلىشەلمەيمىز،ھامان شاللىنىپ كېتىمىز.ئاشقۇنلۇق يەنە بىزنىڭ روھىيىتىمىزنى چۈشكۈنلەشتۇرۇپ،ئوبرازىمىزنى خۈنۈكلەشتۇرۋېتىدۇ شۇنداقلا ئۇ مىللەتنى ئالغا بېسىشتا مۇئەييەن چەكىلىمىگە ئۈچرىتىدۇ.بۇنى   سېرىك ئۆمەكلىرىدىكى ئۈگىتىلگەن ھايۋانلارغا سېلىشتۇرساق تامامەن بولىدۇ.

lopnuri 2011-04-14 13:32
  مېنىڭچە،گۈلەن ئەپەندى بىز ئۈچۈن ھەل قىلىش ئىنتايىن زورۈر بولغان مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. بىزدە دائىم باشقىلارنىڭ ناچار  ياكى ياخشى قىلىقلىرىنى ئۇنىڭ مىللىتىنىڭ قانداق بولىشىغا قاراپ قارشى تۇردىغان ياكى قوللايدىغان ئەھۋاللار خېلىلا كۆپ.ياخشى يامانلىق ئۆلچىمىمىز سەل ئاددىي ھەم تېيىز. بىزدە دائىم يا باشقىلارغا نەپ يەتكۈزەلمەيدىغان،يا باشقىلار ئۈچۈن ئاز-تولا ئىش قىلىشنى ئويلاپ كۆرمەيدىغان،پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا بولىدىغان ئۇچچىغا چىققان شەخسىيەتچى كىشىلەرنى ياخشى ئادەم دەپ باھا  بېرىدىغان كىشىلىرىمىز ناھايتى كۆپ.بىز مىللىتىمىزدىن پەخىرلەنسەك بولىدۇ،لېكىن بۇنداق پەخىرلىنىشنىڭ چەك-چىگرىسى ئېنىق بولۇش كېرەك.يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بار،دىنى ئىلىملەرنى تېگى تەكتىدىن چۈشەنمەي تۇرۇپلا ھەممە مەسىلىگە قارا-قۇيۇق باھا بېرىدىغان.دىنى ئىلىملەرنىڭ پەننىي ئىلىملەر بىلەن باغلىنىشلىق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ.بۇلارنى ئىلمىي ھالدا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندىلا ئاندىن باشقىلارنى ھەقىقىي قايىل قىلىش مەخسىتىگە ئېرىشكىلى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.

aptab 2011-04-14 14:13
ئەزا يېزىش چەكلەندى.

baburhan 2011-04-14 14:21
گۈلەننىڭ كۆپلىگەن يازمىلىرىنى تىخى ئوقۇيالماپتىمەن.
بىلىدىغانلار بولسا تىمىسى ۋە ئادىرىسىنى  يىزىپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن.

oylan 2011-04-14 14:32
بۇمەسىلىلەر ئۆزلۈكنى ئۇنتۇشقا ۋە ساپا، ئىلىم - پەندىن يىراقلىشىشتىن، ئۇنى يۈزەكى چۈشۈنىشتىن، چۈشەنگەندىمۇ جان بېقىشنىڭ يولى دەپ چۈشىنىۋالغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك.
دىنىي ئېتىقادقا بېكىنىۋالغان يەنە بىرقىسىم كىشىلىرىمىز ئۆزى ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىننى چۈشەنمىگەن، قارىسىغا ئەگەشكەن ھالدا شۇ ئۆزى ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەي ھەم چۈشەندۈرگىدەك ئادەمنىڭ بولماسلىقىدىن بەزى پاسسىپ مەسىلىلەر كۆز - ئالدىمىزدا نامايەن بولىۋاتقانلىقى مۇئەييەن مەسىلە بولىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.
ھارقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشى بۇ نورمال ئەھۋال بولىشى مۇمكىن. ئەمما، ھەرقانداق بىر مىللەت ئەزاسى بۇ نوقتىنى چۈشەنمىگەن ۋە چۈشەندۈرۈلمىگەن ئاساستا بۇ نوقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ۋە ئۇنتىغان بولىشى مۇقەررەر. ئەمما، شۇنى چۈشۈنىشكە ئىنتىلىش روھى بولماسلىق بۇ مەسىلىلەردە ئىنىق ئىپادىسىنى تاپقاندەك قىلىدۇ...

suzuk 2011-04-14 14:44
سېلىشتۇرۇش تازا مۇۋاپىق بولمىغاندەك.

ayaz 2011-04-14 15:07
گۈلەن ئەپەندىنىڭ  تەپەككۈرىگە قايىل بودۇم . ھەقىقەتەن چوڭقۇر مۇلاھىزە قىپتۇ .

b-shadow 2011-04-14 15:16
نەقىل
بۇ 8قەۋەتتىكىaptab يوللىغان 2011-04-14 14:13 غا قارتىلغان  :
b-shadow  ئەپەندى، دارۋىن توۋا قىلغان دىگەن گەپ ئاڭلىسام دارۋىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ توقۇپ چىققان ھىكايىسى ئىكەن، چۈنكى دارۋىن ۋاپات بولۇشتىن بىر ئاي ئىلگىرى يازغان خېتىدە يەنىلا قارىشىدا چىڭ تۇرغانلىقىدا دەلىل بار....



  aptab  ئەپەندى ، دارۋېننىڭ قول  يازمىلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ  شاتۇتىدىن  تەدرىجى  تەرەققى قىلىپ  ئۆزگەرگەنلىگى توغۇرلۇق  بىرەر  ئۇچۇر  يوقمىكەن  قاراپ  باقسىڭىز ،  مۇستەققىل  پىكىرلىك  شاتۇتىدىن  كېلىپ  چىققانلىق  دەلىلى بارمىدۇ؟

nimjan 2011-04-14 15:27
ناۋاي قاچان كاستيۇم-بۇرۇلكىنى قىرلاپ تۇرۇپ نان ياققاندا نۇرغۇن ئىشلار ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلار دەيمەن!

tograkjan 2011-04-14 15:33
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئەخلاق كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى دىنى ئىتىقادنىڭ سۇسلاپ كېتىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . چۈنكى دىنى ئىتىقاد جەمئىيەت ئەخلاقىنى ئەڭ كۈچلۈك ھالدا كاپالەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مەنىۋى قانۇن ، بۇ خىل قانۇننىڭ بارا-بارا ئەمەلدىن قېلىشى ئەلۋەتتە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قالمايدۇ . دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى بارغانچە مۇكەممەللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نىمە ئۈچۈن ئادەم ئاغزىغا ئېلىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان ئەخلاقسىز قىلمىشلار بارغابچە كۆپىيىپ كېتىدۇ ؟ بۇ ئەلۋەتتە دۆلەت قانۇنىنىڭ يول قويغانلىقىدىن ئەمەس . بۇنى دىن نوقتىسىدىن چۈشەندۈرمىسىەك ، باشقا نوقتىدىن ھەرگىزمۇ قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ .

qarluq 2011-04-14 16:42
يازما ئىگىسىنىڭ يۇقارقى قاراشلىرى بۇرۇنقى بەزى تېمىلىرىدىكى قاراشلىرى بىلەن روشەن زىتلىققا ئىگە ئىكەن.

aptab 2011-04-14 16:47
ئەزا يېزىش چەكلەندى.

qarluq 2011-04-14 17:29
بەلكىم...

koknoor 2011-04-14 18:01
تىما ۋە ئىنكاستا مەن ئويلىغان ۋە دىمەكچى بولغانلىرىم يېزىلىپ بوپتۇ. ھەتتا بىر نەچچە قۇر يۇمۇرمۇ قوشۇلۇشقا ئۈلگۈرۈپتۇ.
گەپ قىلىشىپ ئارتۇقچىدەك!

akidada 2011-04-14 18:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم گۇلېن ئۇستاز . يەنە بىر ياخشى تىمىڭىزدىن ھوزۇرئالدۇق . ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا ، ئىبرەت ئىلىشقا  تىگىشلىك بىزدە بار ئىللەتلەر .
  بۇتىمىدا نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىز  قەلەم تەۋرىتىپ ، ئىللەت لىرىمىزنى قاتىتىق پاشقىلغان بولسىمۇ ، قەلبىمىزگە تەسىر قىلىپ ئوڭشىلىۋاتقىنىمىزمۇ كۆپ ،  كۆرۈپ قويۇپلا كىتاپ يۈزىدە ياكى كومپۇيۇتۇر بەتلىرىدە قىپقالغانلىرى ، شۇنداقلا ھەرخىل  ھەلەكچىلىكلەردە ياكى ساۋاتسىز لىقلىغىمىزدىن كۆرمەيۋاتقانلىرىمىز بەك . . بەك  كۆپ . شۇڭا بۇ ئىللەتلەر  دائىم بىزنىڭ رىيال ھاياتىمىزدا ئۇچراپ تۇرىۋاتىدۇ . ئۆزگەرتىشكە ئامالىمىز بولماۋاتىدۇ . ئاللا ھەر بىرىمىزنىڭ ئېمان ئىنساۋىنى بەرسۇن . ياراتقۇچى  ھەربىرىمىزنى  بۇدۇنيادا ئەقىللىق  شەيتان بىلەن بەسلىشىشكە قويۇپيىكەن . رەڭۋاز شەيتاننى يىڭىش ئۈچۈن  ياراتقۇچىغا تايانماي بولمايدۇ . مەن دۇنيانى ئايلىنىپ باقمىغان بولساممۇ ، قۇلاق موللىسى بولغانلىغىم ئۈچۈن شۇنداق ھىسقىلدىمكى . ھەرقانداق مىللەتتە ئىللەت بولۇدىكەن ، بۇنىڭدا ئىللەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىك پەرقى بولىدىكەن . بەزەن مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئىللەتلىرىنى ئاسانلا ئۆگەرتىپ كىتىدىكەن  ،بەزەنلەر ئۆزگەرتەلمەيدىكەن .بەزەن مىللەتلەرنىڭ ئىللەتلىرى ئارتۇقچىلىق ھىساپلىنىپ ، باشقا مىللەتلەر  ئۆزلىكىدىن ماختايدىكەن ھەم قوبول قىلىدىكەن . بەزەن مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى  باشقىلەرغا ئىللەت كۆرۈنۈپ چەتكە قىقىلىدىكەن ،كەمسىتىلىدىكەن . كەمسىتىلىش چەتكە قىقىش كۆپەيگەن سىرى يىڭى-يىڭى ئىللەتلەر باشكۆتۈرۈپ ئىللەتچى مىللەت بولۇپ قالىدىكەن . شۇڭا دەيمەن دۇنيادا  تەلتۆكۈس مىللەت يوق . شۇ ئىللەتنى تاشلاشقا شۇ مىللەت ئىچىدىكى ھەربىر شەخس  ئاكتىپ ئىشكى قوزغۇلۇش بۇلسا . سىياسى ئىجتىمائى قوللاشلارغا ئىرىسسە ، چوڭ ئىللەتلەر ئاستا - ئاستا ئوڭشۇلامىكىن دەيمەن . شەخشى كۆزقارىشىم .
  گۇلېن ئۇستازنىڭ "بېكخامدىن ئىشەك موھىم" نى ئالدىنقى قىتىملىق يازمىسىدا  بىر ئۇچۇراتقان ئىدىن . يالقۇن روزى يۇقارقى يازمىسىدا يورۇتماقچى بولغان ئىدىيەسى بەلكىم  سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك بولمەسلىغى مۈمكىن . يالقۇن روزىنىڭ ئوبزۇرلىرىنى مەن شەخسەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . بۇ شەخسكە چوقۇنغانلىق ئەمەس ، بىلىمىگە ھۆرمەت قىلىمەن . ئادەم بولغاندىكى بەلكىم كەتكۈزگەن يەلىرى باردۇ . گۇلېن ئۇستازنىڭ  يالقۇن روزىنىڭ ئوبزۇر ماقالىرىدىن ، كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرى بولسا ، كۆرسەتكەن ئاساستا ئوبزور يازغان بولسىڭىز  بىزمۇ  كۆرۈپ  مەسىلىلەرنى كۈزۈتۈش ئىقتىدارىمىز ئاشقان بولسا . تىمىدىن سىرت قىستۇرما قىلىپ قويدۇم ، خاتا بوسا ئۇستازنىڭ كەچۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن .  
  

zilnur 2011-04-14 18:13
بىز ئۇيغۇرلار  نىمە دىگەن كۆڭۈلچەك ھە !  بىز نىمىشقا ئىشنىڭ ئەسلى ماھىتى بۇيىچە ،بىر ئىشلارغا ھۆكۈم قىلمايدىغاندىمىز ؟

gulhan 2011-04-14 18:44
ھەر كىم بىر دۇنيا ، شۇڭا ئىددىيەلەر ئارا توقۇنۇش بولۇپ تۇرۇشى ياخشى ئىش. ھېچكىم ھېچنىمە دىمىگەن بولسا ئەپسۇسلىناتتىم. ئۇكام سىز ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز. داۋاملىق.....

aptab 2011-04-14 18:59
ئەزا يېزىش چەكلەندى.

aman121 2011-04-14 19:42
دۇنيادا تەننىڭ كېسلىلىنى تېبابەت، روھنىڭ كېسلىنى پىسخولوگىيە داۋالايدۇ.
-------------------------------------
يازغان يازمىلىرىڭىزنى سىرتتىن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن، قەلىمىڭىز ھارمىغاي...
ئۇيغۇرلاردا تىبابەت ئىلمى تۇغرىسىدا ھەرھالدا ئېزدىنىشلەر بولغىنى بىلەن ،پىسخولۇگىيلىك داۋالاش كېسىپ ئىيتالايمەن 1% كىمۇ يەتمەيدۇ. ئۆز بېشىمدىن بەزى ئىشلار ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ئويۇمنى تىخىمۇ مۇئەييەنلەشتۇردۇم ... ئۇيغۇرلاردا پىسخىلوگىيە پېنىنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن .كەسپى پېسخۇلوگلارنى پۈتۈن شىنجاڭدىن بىر نەچچىنى تېپىش مۇمكىن...
بۇ چوڭ بوشلۇقنىڭ بارلىقى ئۇزۇندىن بۇيان كاللامغا كىرىۋالدى، نەتىجىدە كەسىپ ئۆزگەرتىپ پېسخولۇگىيە ئۆگەنمەكچىمۇ بولدۇم(ئۆزۈممۇ قېزىقاتتىم). ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا سۆيۈملۇك كەسپىمدىن قول ئۈزەلمىدىم ،ئۆزلۈگۈمدىن ئۈگەنمەكچى بولىۋاتىمەن...
گۈلەن ئەپەندى، ئۇيغۇرلاردا پېسخولۇگىيە پېنى توغرىسىدا يازما يوللىغان بولسىڭىز ،ئورتاق پىكىرلەشسەك...مەن ئۇزۇندىن بۇيان يېزىشنى ئويلىغان ،ۋاقتىم تۈزۈك يار بەرمىدى، بۇغۇ سەۋەپ بولالمايدۇ.. مۇھىمى نۇرغۇن ئويلار قەلەم تەۋرىتىشىمنى توختىتىپ قويدى.

b-shadow 2011-04-14 20:01
  پىسخولوگىيەدە " ئاناكلىتىك چۈشكۈنلۈك " دەيدىغان  بىر خىل  كىسەللىك  بار ،  بۇ  خىل  كېسەللىك قېرىنداش  مىللەتلەردىن خەنزۇ  يولداشلاردا سەل  ئومۇمىلاشقان ، تارىختىن  بۇيان  ئۇيغۇرلاردا پىسخولوگىيەلىك  كېسەللىكلەر  تازا  كۆرۈلۈپ  باقمىغان ، بولمىسا  ئېھتىياجغا  لايىق  تىۋىپلارمۇ مۇشۇنىڭغا لايىق بارلىققا كەلگەن    ،  بولۇپمۇ مېدىتسىنا ( مېدىت- سىنا دىكى سىنا مۇشۇ  ئىسىمدىن  كەلگەن ) ئىلمىنىڭ پېشىۋاسى ئىبن سىنا ئالىمىمىز  بۇ توغۇرلۇق  بىرنىمىلەرنى  يېزىپ  قالدۇرار  بولغىيدى .
  ئەمما  يېقىنقى  يىللاردىن  بېرى ھاراق- تاماكا  مەدىنىيىتىنىڭ   ئۇيغۇر ئىستىمالىغا  سىڭىپ  كىرىشى بىلەن  بىرگە  بۇ خىل " ئاناكلىتىك چۈشكۈنلۈك " پىسخىكا  كىسىلى  بولۇپمۇ ئۇيغۇر  زىيالىيلىرىدا  سەل  ئېغىرلىشىۋاتقان  يۈزلىنىش  بولىشى  مۈمكىن ،لېكىن  ئىنتايىن  ئاز  ساندا دىيىشكە  بولىدۇ ،     نوقۇل  قىزىقىش  نۇقتىسىدىن  بۇ  زامانىۋىي  ئىلىمگە قىزىقىپ باققاننىڭ  ئەڭ  بولمىغاندا  ئۆزىمىزدە  كۆرۈلىۋاتقان  روھى  بىنورماللىقلارنى تونۇشتا  بولسىمۇ  پايدىسى  تېگىپ  قالدۇ ،  شۇڭا  يۇقۇرىقى  تورداشنىڭ  پىكرى ئورۇنلۇق .

tograkpadixa 2011-04-14 20:40
يازمىنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چۇڭقۇر ئىكەن .ئۇقۇغاندىن كىيىن كىشىنى ئويغا سېلىپ قۇيىدىكەن.

narazi 2011-04-14 22:43
مۇشۇ پىسخىكا پېنى توغرىسىدا زادى بىر يازما يوللاڭ موھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى ۋە پىسخىكا تارىخى توغرىسىدا ئاۋۋال يېزىپ ئاندىن پىسىىكا پېنى توغرىسىدا تەرجىمە ماقالىسى بولسىمۇ ياكى ئۆزىڭىز نىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بىرەر ماقالە بولسىمۇ بولىدۇ مىنىڭچە بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ساھەدۇر ،مەن بەك تولائويلايمەن ئىمكانىيەت يار بىرىپ مىللى مائرىپىمىز تەرەققى قىلسا ھەربىر مەكتەپتە مەلۇم ساندا پىسخىكا يىتەكچى مۇتەخەسسىسى بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،چۈنكى مۇشۇ پىسخىكىلىق تەربىينىڭ بولماسلىقىدىن ياكى ئەكىس تەسىرى سەۋەپلىك ئىستىقبالى نابۇت بولۇپ كىتىدىغان ياكى ئۆزىدە پىسخىك كىسەللىك پەيدا قىلىۋالىدىغان ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن،ئويلايمەنكى ھەتتاكى پۈتكۈل ھايات مۇساپىسىدىكى نەتىجە ياكى مەغلۇبىيەت خېلى كۆپ نىسبەتتە پىسخىكا ساپاسىغا باغلىق بولۇپ چىقىدىكەن.

مۇبارەك 2011-04-14 22:43
مىسال ئالسام، ئىچكىرىدىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر(قازاق، تىبەتلەرمۇ بار)ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە «كۆڭۈل بۆلۈشلەر» بار. ئىمتىھاندا خەقنىڭ بالىسىغا 60نومۇرنى ئەڭ تۆۋەن چەك قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن بولسا، بىزلەرگە 50نومۇر. تېخى بەزى مەكتەپلەردە30-40نىڭمۇ گېپى بار. ئەلۋەتتە بۇ ئەزەلدىن بار بولىۋاتقان قائىدە ئەمەس، بىز كىرىپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئىزدەپ، ئۆزىمىزنىڭ تىل، شارائىت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىمىزنى ھەدەپ سۆزلەش ئارقىلىق، بۇ خىل ئالاھىدە ئىتبار بېرىشكە ئېرىشكەن. ئەملىيەتتە خەققە ئوخشاش ئۆلچەم بىلەن ئوقۇساقمۇ ئوقۇپ كېتەلەيتتۇق، بىراق بىزدە بىرخىل ئۆزىمىزنى ئالاھىدە چاغلاش، خەقنىڭ شەكىلگە مايىلراق بولغان كۆڭۈل بۆلىشىدىن خاتا تەرەپتىن پايدىلىنىش، ئاسانلىق ئىزدەش، تىرىشماسلىق... خاھىشلىرى بار بولغاچقا، ھەركەتكە ئەگىشىپ تېخىمۇ ھورۇن، تومۇر تۇتتى بوپ قالىدىكەنمىز. ‹ ۋاي بىز دېگەن ئاز سانلىق مىللەت، بىز دېگەن ئۇيغۇر...› دەپ يۈرگىنىمىز بىلەن، شۇ قالپاقنى كىيىۋېلىپ، نۇرغۇن پۇرسەت، ئىزدىنىش، ئۆگۈنۈش مۇھىتلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. بۇمۇ بىرخىل پىسخىكىدىكى ئاجىزلىق بولسا كېرەك. بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋەرسە بارا-بارا كىشى ئۆزىنى تېخىمۇ تۆۋەن چاغلايدىغان، ياشىمايۋاتقاندەكلا تۇيغۇدا بوپ قالىدىغان ئەھۋال ھامان كۆرىنەرمىكىن، دەيمەن. ئاخىرقى ھېسابتا نېمە قىممىتىمىز، قۇرسىقىمىزدىكى قايسى ئۇماچ، قانچىلىك ئۇماچ بىلەن جەمىيەتكە قەدەم قويىمىزكىن-تاڭ.

تۇرسۇنئاي ئىبرايىمجاننىڭ ئۇسسۇلىنى ياقتۇرمايمەن، دەپ بىر قىز بالا بەك سەت تىلغا قېپ قالغان ئىدى تەييارلىق ۋاقتىمدا.

كىچىك دادامنىڭ بىر ئوماق گېپى بار: ‹ مۇشۇ خەنزۇ خەق قاچانلا قارىسا، ئەتىدىن-كەچكىچە پۇتىنى سۇغا چىلاپلا ئولتۇرىدۇ. مۇشۇنداق تولا يۇيىۋەرگەچكە پۇتىدا بىر تال كۈچ دەپ نېمە يوق. قاراڭلا، توپ تېپىشلىرىگە بۇلارنىڭ...›

بۇ تېمىنى ئوقۇپ، ئۆزۈم ھەم ئەتىراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەر لىققىدە ئاشقۇنلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇدا بوپ قالدىم. بەلكىم شۇنداق تۇيغۇمۇ قەدىرلىك بولسا كېرەك...

durak 2011-04-14 23:26
   بۇ " ئاشقۇنلۇق" لار  مۇشۇ تور  دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارغىلا  قارىتىلغانمۇ  ياكى ئەمىلىي  تۇرمۇشتىكى  سۆيۈملۈك ، ساددا ، ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ  قارىتىلغانمۇ  گۈلەن ئەپەندى ؟  بىلسىڭىز  بۇ  مەۋھۈم  تور  دۇنياسى  بىلەن رېئاللىق  ئوتتۇرىسىدا  ئانچە- مۇنچە  پەرق  مەۋجۇتقۇ  دەيمەن ...
  گۈلەن  ئەپەندى ماقالىنى  ياخشى يېزىپتۇ ، تورداشلارغا مەسلىھەت ،  بولسا  گۈلەن  ئەپەندىنىڭ  ماقالىلىرى  بىلەن مۇشۇ  بىكەتتىكى  " ئافىيفىي " دىگەن بىر  تورداشنىڭمۇ  ماقالىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ  ئوقۇپ  كۆرىشلىرىنى  تەۋسىيە  قىلىمەن ،  بۇ  ئىككى تورداشنىڭ ماقالىلىرىدىكى ئاكتىپ  تەرەپلىرى ئەگەر  ھەقىقەتەن  بىزنىڭ  ئەمىلىي  ھاياتىمىزغا  ئاز- تولا  تەسىر  كۆرسىتەلىسە ئەڭ  ئاز دىگەندە ھاياتنىڭ  چىن  مەنىسىگە يېتىشىمىز  مۈمكىن . تورداشلارمۇ  قىممەتلىك  ئۆمرىنى  توردا  بىھۇدە  ئۆتكۈزگەن  بولمايدۇ  ھىساپتا ...

  

tiwip 2011-04-14 23:28
نەقىل
بۇ 23قەۋەتتىكىaptab يوللىغان 2011-04-14 18:59 غا قارتىلغان  :
ئەلۋەتتە بۇ كىشىنىڭ يازمىلىرى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ،ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ،
بىراق بەزىدە بەك ئاينىپ كەتكەن دەرەخنى پۇتاپ تۇرمىسىمۇ تۈز ئۆسەلمەيدۇ. شۇڭا ياردەم پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىمىزكىرەك دەپ ئويلىدۇم.
قانداق گۈلەنجان.


گۇلەن ئەپەندىگە سىزدەك، دەلدۇش كۆزىگە پايتمىسىنى يۆگىۋالغانلارنىڭ پىكرى كىرەك ئەمەس .

zuattar 2011-04-14 23:39
مەن كوپ نەرسىلەرنى بىلمەيمەن. بىراق مىللىتىم ....قويۇپ بىرىڭ .....دىگەن گەپلەرنىڭ ئوزى ھەر ھالدا بىزنىڭ ئاددى ئىنسانلاردىكى ( بىرقەدەر توۋەن ساپادىكى كىشلەرنى كوزدە تۇتتۇم) مىللەت قارشىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.مىنىڭچە بۇمۇ بىر ئالغا ئىلگىرلەش.بۇنى نەزىريەگە كوتۇرمەي تەھلىل قىلىپ كورەيلى چۇنكى بىزنىڭ ھەممە كىشلىرمىز ئامرىكىدا بىلىم ئاشۇرمايۋاتىدۇ.

tograk7 2011-04-14 23:57
       مەن ئۆزىمىز توغرىلىق بىر تېما يىزىشنى ئويلىغان ئىدىم ، بىراق ئالدىنقى ۋاقىتتىن بىرى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان توردىكى ئىسىمىم بىلەن كىرەلمەي شۇڭا ، يەنىلا بۇرۇنقى ئىسمىم بىلەن ئوخشاش بولغان توغراق 7 دەپ كىردىم . بىز ئۇيغۇرلار توردا خىلى قىزىققانلىق بىلەن سۆزلەيمىز . بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى نېمە ؟؟؟ ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش .....
ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئەڭ ئاۋال ئەڭ كىچىك بىرلىك بولغان شەخسىتىن باشلىشىمىز لازىمدۇر ، بۇ يەردە كېرەك ، لازىم دېگەندەك گەپلەر تەكرارلاندى . توردا دىموكراتىيە  كۆپ تەكىتلەندى . ھەممەيلەن ئورتاق ئىنتىلىدىغان دىموكراتىيىگە ئىرىشىش ئۈچۈنمۇ ، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا شەخسنى بىرلىك قىلغان ئاساستا تەرەققىي قىلىش ، ئەلۋەتتە ، ھازىر تور دونياسىدا ئۇيغۇرۇم دەپ ، سۇ ۋە يىلتىز بولۇشنى ئىستەيدىغان ئوتيۈرەكلەر نۇرغۇن ، مەن بەزى چاقىرىق ، تەشەببۇسلارنىڭ پەقەت ۋە پەقەت تور يۈزىدىلا ، مۇنازىرە مۇنبىرىدىلا توختاپ قىلىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن . مەن توردا دەبدەبىلىك سۆزلىگەن بىلەن ئائىلىدە ، جەمىيەتتە ئۆزەمگە قانداق تەلەپ قويدۇم ۋە ئورونلىيالىدىم ، مەن ۋە بىز نېمە ئىش قىلماقچى ؟ بىز كىم ؟دېگەندەك مىڭلىغان سوئاللار مىڭىنى چىرمايدۇ ؟!! ھەممىمىز ئورتاق پىكىرگە كىلىش ئۈچۈن قانچىلىك قىيداش ، بۇتناش ، قالپاق كىيگۈزۈش قاتارلىق ئىشلارغا ئۇچرايمىز .... ئويغۇر تورچىلىقى يۇقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ ، نۇرغۇن ئىسسىق - سۇغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، مۇشۇنچىلىك ھالغا كەلدى ، بىز بۇنى قەدىرلىشىمىز ۋە ئاسرىشمىز لازىمدۇر .  ئەلۋەتتە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ، شەخسى بىرلىكى مۇھىم دىدۇق ، ياشلىرىمىز قىزىققان كىلىدۇ ، ئائىلە بولمىغاندا ، پەرزەنت بولمىغان ئەھۋالدا خۇددى چىراق تۈۋىدىكى پەرۋانىغىلا ئوخشايدۇ ، ھەرۋاقىت ئىتىلسام دەيدۇ ، ئەمما ئائىلە ۋە پەرزەنت بولغاندىن كىيىن ، بۇرۇنقىدەك قىزىققانلىقى ۋە باشقىلار ئائىلە تەرىپىدىن ............. قىلىنىدۇ . ھەممەيلەن ئائىلىگە ۋە ئۆزىمىزگە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ ، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ئۆزىمىزدە بار بولغان ئىللەتلەرنى تۈگېتىپ ، ئۆزىمىزگە ، ئائىلىگە ، مىللەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىيتسىيىسىدە بولغاندىلا ، ئاندىن ئويغۇرۇمنىڭ كەلگۈسى دانا كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ يۇرۇق بولغۇسى !!!

atikam1 2011-04-15 00:01
بۇ تېمىنى ئۇقۇپ چوڭقۇر ئويغا پېتىپ كەتتىم ،،، ھەم كاللامدىن خىزمەتكە قاتناشقان مۇشۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىشلار بىر-بىرلەپ ئۆتۇشكە باشلىدى ،،،ئويلاپ باقسام مۇشۇ ئون نەچچە يىلدىن بىرى شۇنداق بىر تولدۇرغۇلى بولمايدىغان ئاشقۇنلۇقلار ئىچىدە ياشاپ كەپتىمەن ،،بىر ئۇيغۇر ئايال بولۇش سۇپىتىم بىلەن قېرىنداشلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇنۇپ شۇلارنىڭ تىلىدا ئۇقۇپ ،ھازىر مانا شۇلارنىڭ تىلىدا خىزمەت قىپ كەپتىمەن ،،،ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئىسمىمىزنىمۇ يېزىش پۇرسىتىمىز يوق،،،مانا مۇشۇنداق شارائىتتا  قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن تەڭ تۇرۇپ ئىشلىمەك ھەقىقەتەن ئادەمگە ئاسانغا چۇشمەيدۇ ،،،،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىدارە جەمىيەتتىكى ناھەقچىلىىقلار ھەم چېقىمچىلار تۇپەيلىدىن  كۆپ قېتىم  ئازار يېگەن بولساممۇ ،يەنىلا  تىك تۇرۇپ ياشاپ كەلدىم ،،، ھەممە خىزمەتلەر  كومپېيوتورلىشىپ  ،خىزمەت بېسىنى ئۆرلەپ بېرىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا ،يېڭى بىلىم يېڭى سېستىمىلارنى ئۇگۇنۇشكە قېرىنداش مىللەتلەر بارىدۇ  ،،،بىزچۇ؟  ،،،،،،،، بىز كومنىڭ ئۇ يېرىنى كولاپ ،بۇ يېرىنى كولاپ ئۆزلىگىمىزدىن ئۇگۇنىمىز ،،،، مۇشۇ توغرىلىق مەن كەسپى بۆلۇمنىڭ باشلىقى بىلەن نەچچە رەت سوقۇشۇپ قالغان ئىدىم ،،،سەن بىزنى يېڭى بىلىملەرنى ئۇگۇنۇشكە ئەۋەتمەيسەن ،،، بىزنى مۇشۇنداق باسۇرۇپ قۇيامسەن ،،دەپ......
قېرىنداشلار بىز ھاياجانلىنىپ  ،ئۆز مىللىتىمىزدىن چىققان يازغۇچى ،ئوبروزچىلارنى ئۇنداق بۇنداق دېمەيلى ،،، ھەممىسى مىللەت ئۈچۈن يازىدۇ ،،،،گۈلېن ئەپەندىممۇ شۇنداق ،،، بىز ياشاۋاتقان شارائىتنىمۇ ئويلاپ قويايلى ،،،،  ھەممە مىللەتتە ئوخشاشلا ناچار ئىللەت بار ،،، ئۆزىمىزنى ئۆمىز سوكمەيلى ،،،،،ئۆزىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى ،،

tograk7 2011-04-15 00:03
ئالدىدا مەن مۇشۇ ئىنتىرنىت تورىغا ھەقىقى بىلىم ئىلىش ۋە مىللەت تۇيغۇسىدا كىرىدىغانلار قانچىلىك دېگىنىم ئۇلارنىڭ سانىنى ئىلىش ئەمەس ئىدى ، پەقەت شۇنى كۆپچىللىككە تەكىتلەپ قويماقچى ئىدىم ، ئويغۇرۇمنىڭ سانى ھۆكۈمەت سىستاستىكىسىدا 8-9 مىلىيۇن ، بەلكىم تورغا كىرىدىغانلارنىڭ سانى بۇ ساننىڭ 1 پىرسەنتىگىمۇ توشماسلىقى مۇمكىن ، تورغا كىرىدىغان زىيالىيلىرىمىز ۋە يازغۇچىلىرىمىز ئوچۇق پىكىرلەر ئارقىلىق ، ئىنتىرنىتتىن بەھرىمان بولالمايدىغانلارنى ئاز بولسىمۇ (يىتەرلىك شارائىت ھازىرلانغاندا) توردىن تەمەچلەر ھىسابىدا خەلقىمىزگە يىڭىلىق ،ئوچۇق پىكىرلەرنى يەتكۈزسە ، خەلقمىز شۇ ئارقىلىق دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە ( ئىدىيە جەھەتتىن بولسىمۇ ) ماڭالىسا ، شەخسى ۋە باشقا ئارزۇلارنىڭ قۇلى بولمسىا دېگەن ئۈمىدتىمەن .....

tutem 2011-04-15 00:17
شۇ ئىجدىمائىي ھادىسىلەرنىڭ مەنبەسى زادى نىمە؟تاشقى تەسىر ۋە سەۋەپ،ئېچكى ئامىل ۋە كەيپىياتنى ئىپادىلەشكە مەندە يۈرەك،جۈرئەت ۋە كاللا يوق.

gulen 2011-04-15 00:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
شۇ نەرسە ئايدىڭ بولسۇنكى مەن بۇ يەردە مىللەتنى ئوپراتسىيە قىلمىدىم، ئىللەتنىڭ گېپىنى قىلمىدىم. چۈنكى ئوپراتسىيە قىلدىغانغا مەن دوختۇر ئەمەس، ئىنسانسىكى پىسخىك مەسىلىلەرگە باھا بېرىدىغانغا پىسخولوگ ئەمەس. مەن ھىچ قاچان ئۇيغۇرلار مۇنداق قىلىدۇ دېمدىم. كىمنىڭ نېمە دېگەنلىكى يازمىدا بار. ئەسلى مەن تېخىمۇ تەپسىلى يازاي دېگەن لېكىن ۋاقتىم يوق. ھېلىمۇ بۇ تېمىنى يېزىشنى ئويلىغانغا بىر يېرىم يىلدىن ئاشتى، پەقەت ۋاقتىم چىقمىدى. بۇ مۇنبەرگە يوللىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى يازمىلىرىمنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مىساللىرى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسى ئاساسەن ئاخىرلىشىپ بولغاندا ئاندىن يازمىلىرىمنى قايتا يېزىپ چىقىمەن.
ئىنكاسلاردا "بىز ئۇنداق قىلىمىز، ئۇيغۇرلار ئۇنداق قىلىدۇ، بىز خەق زادى" (ئوپراتسىيەچىلىك)دېگەننى تولا دەيدىغان، دائىم باشقىلارغا ياكى مىللەتكە ۋەكىل بولۇپ سۆزلەشكە ئامراق تورداشلار ئۆزىگە ۋەكىل بولۇپ سۆزلەشنى ئۆگنىۋالسا دەيمەن. بىر ئادەمنىڭ قارىشى ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، لېكىن بىزنىڭ تورداشلاردا ئۆزىنى مىللەتنىڭ ياكى بىر توپنىڭ ۋەكىلى دەپ قاراش ئېغىر، شۇڭا دائىم "بۇ مېنىڭ شەخسى پىكىرىم" دېگەننى قوشۇپ قويىدۇ، بۇ جۈملە مەن تور دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ كۆرگەن ۋە ئەڭ ھەيران قالغان جۈملە. بىر كىشىنىڭ پىكرى شەخسى پىكىر بولماي كوللىكتىپ پىكىر بولامدۇ؟ ئۇلار دائىم ئۆزىنى مىللەتنىڭ ياكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ۋەكىلى دەپ  قارىغاچقا مېنىمۇ ۋەكىل دەپ قارىۋالغان ئوخشايدۇ.
مەن بۇ يەردە پەقەت بىر قىسىم ئاۋام ۋە زىيالىلارنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىمىدە ئىپادىلىنىۋاتقان ئاشقۇنلۇق ھەققىدە توختالدىم. بۇ ئاشقۇنلۇقلارنىڭ ئاممىۋىيلىق دەرىجىسى، نەچچە پىرسەنت ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىدغانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇڭا تېمىدا "ئۇيغۇردىكى" دېگەن گەپ يوق.
مەن كۆپىنچە پىكىر تارقتىدىغان زىيالىلارغا دىققەت قىلىمەن، پىكىر قوبۇل قىلىدىغان ئاۋامغا ھىسىداشلىق قىلىمەن، خۇددى تازىلىقچى ئاياللاردەك. گۇناھ  ئۇلاردا ئەمەس، ئۇلار ئىسلامدا ئوغرىنىڭ قولى كېسىلدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، مەن ھەممىنى بىلىپ "كۆلگە سىيدىغان" لارغا دەۋاتىمەن.

karabeg 2011-04-15 01:24
بۇ يازما گۈلەن ئەپەندىم يازمىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ناچار يازما بوپتۇ. گۈلەن ئەپەندى مۇشۇ يازمىسى بىلەن 50% ئىناۋىتىدىن ئايرىلىپتۇ.(بۇ باھايىمغا گۈلەن ئەپەندىمدىن باشقىلارنىڭ پىكرىگە، ئورۇنلۇق بولسىمۇ جاۋاپ بەرمەيمەن، ھەم ئىزاھلىمايمەن، پەقەت گۈلەن ئەپەندى بىلەن ئايرىم پىكىرلەشكۈم بار!)

gulen 2011-04-15 01:49
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قارا بەگ
سىزنىڭ ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزغا تەپسىلى جاۋاپ بەردىم، سىزدىن ئىنجا چىقمىدى....
مەن كىم سۇئال قويسا ۋاقتىم چىقسىلا جاۋاپ بېرىمەن، مەندىن جاۋاپسىز قالغانلاردىن ئەپۇ سورايمەن. بەلكىم سۇئالىڭىز شەخسىيەتكە تاقىلدىغان ياكى يازمىغا ئالاقىسىز بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى مەن كۆرەلمەي قالغاندۇرمەن...
مەنچە ھەممەيلەن ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتنى ھەمراھ قىلساق. يازما ئوقۇرمەن ئۈچۈن، ئىنكاس ئەسەر ئۈچۈن بولسا. ھەممەيلەننىڭ قارىشىنى ئاڭلاشقا تىرىشساق، ئاللاھ ھاكاۋۇرلۇقتىن ساقلىسۇن.
مەن يۈز پىرسەنت ئىناۋىتىم بار ەدپ قارىمايمەن، بۇ مۇمكىن ئەمەس، بەندە يېڭىلگۈچى بولغاچقا قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا "يالڭۇق" دېيىلگەن، بەلكىم ھۆرمىتىم بار دېيىلسە  ئۇيغۇرنىڭ ھۆرمىتى قانچىلىك بولسا مەن شۇنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇرنىڭ ھۆرمىتىنى پىرسەنتلەشتۇرۇپ باقمىدىم، شۇ تۇتىيا بولۇۋاتقان ئورتاق ھۆرمەتنى ئاشۇرۇشقا بىر پىرسەنت ھەسسە قوشالىسام بولاتتى دەيمەن، شۇڭا ھازىرچە ھۆرمىتىم ئون مىليوندا بىر پىرسەنت.
مەن مەن يازمىلارنى كۆزىنى يۇمىۋىلىپ ياخشى دېيىشنى، ئۇيغۇرنىڭ داڭلىق ئالىمىنىڭ بولغاچقا ياخشى دېيشىنى، مىللەتنى قارىسىغا مەدھىلىگەچكە ياخشى دېيىشنى، ياخشى نىيەتتە يېزىلغاچقا ياخشى دېيىشنى تەنقىدلەۋاتىمەن. قانداق ياخشى، نەرى ياخشى، نېمە ئۈچۈن ياخشى...مەن بىر پىرىنسىپىنى تەكىتلەۋاتىمەن، بىر ئەقلى مۇلاھىزىنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن.

karabeg 2011-04-15 09:27
 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئەپەندى.
مەن يۇقارقى يازمامدا قەستەن قۇسۇر چىقارماقچى ئەمەس!
ئالدىنقى يازمىدىكى ئىنكاسىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. مۇشۇ ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىش ئىشلىرى بىلەن سەل ئالدىراش بوپ قېلىپ، كومپىيوتىر ئالدىدا جىق ئولتىرالمىدىم. ئاللا خالىسا ئۇ ئىنكاسىڭىزغىمۇ جاۋاپ يازىمەن.
مەن ھەرقانداق پىكىرلىرىڭىزگە بولۇپمۇ دىمىكىراتىيە ھەققىدىكى، ئۇيغۇر مىللىتىنى تۆۋەن كۆرمەسلىك، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى ئورنى، ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتى، سىياسى ئورنى، پىسخىكىسى، كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشى، ھاياتى كۈچى....قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىڭىزگە ئىنتايىن قايىل بولىمەن! بۇ پىكىرلىرىڭىز دىيارىمىزدىكى ياشلارغا يول باشلاش، يىتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ دەپ قارايمەن.
ئەمما:
مەن سىزنى ۋە سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى تونىغاندىن بويان ئاساسەن ئۆركەش، كونفىسسىئون، ۋە ي.م. ئېلقۇت قاتارلىق ئۈچ نەپەر توردىشىمىز بىلەن مۇنازىرىلەشتىڭىز. بۇ مۇنازىرە جەريانلىرىدا بولمىسۇن ياكى باشقا ھەرقانداق يازمىلىرىڭىزدا بولمىسۇن پەقەت ئەركىن سىدىقتىن باشقا ھىچكىمنىڭ پىكرىنى تەستىقى يۇسۇندا مۇئەييەنلەشتۈرمىدىڭىز. مۇنداق دىسەم خاتا پىكىرنى ئەلبەتتە مۇئەييەنلەشتۈرمەيمەن-دە دىيىشىڭىز مۈمكىن. بىراق بىر ئادەم نۇرغۇن سۆز قىلغان ئىكەن ئۇنىڭ سۆزلىرى پۈتۈنلەي خاتا بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدا مەلۇم دەرىجىدە توغرا كۆزقاراشلارمۇ ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ. بىز ئەنە شۇ توغرا كۆزقاراشلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ خاتا پىكىرلىرىگە رەددىيە بەرسەك. ئاندىن قارشى تەرەپنى ئاسانلام قايىل قىلالايمىز. چۈنكى پىكىر قىلغۇچىنىڭ پىكرىدە ئەكىس ئەتكەن ‹توغرا كۆز قاراش› شۇ پىكىر قىلغۇچىنىڭ جان يېرى بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق ئۈمۈدى ۋە مەقسىدى شۇ پىكىردە. بۇ پىكىرگە ئېتىۋارسىز قارىساق، مۇئەييەنلەشتۈمىسەك، ئىنكارچىلىق خاھىشىغا يول قويغان بولۇپ قالىمىز.
دىمەك سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىزدە باشتىن ئاخىر ھەمكارلاشماسلىق، يول قويماسلىق، باشقىلارنىڭ توغرا پىكىرلىرىگە ئېتىبارسىز قاراشتىن ئىبارەت ئىنكارچىلىق خاھشى سىڭگەن. ئۆركەش ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىنكاسىنى ئۆزى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈلىۋېلىش خارەكتىرىدىكى ھەركىتى-دەل سىزگە ئۆز مەقسىدىنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي جىلىچىلىكتە قىلغان قېيىداش ھەركىتىدۇر. ي.م. ئېلقۇت ئەپەندىمۇ مەقسىىدىنى سىزگە چۈشەندۈرەلمەي مۇنازىرىدىن ۋاز كەچتى ئەمما ناقايىللىق ئۇنىڭدا تېخىچە بار.
سىز ئالدىنقى تىمىڭىزدا يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرگە، بۇ تىمىڭىزدا يالقۇن روزىغا يانتاق قىستۇرۇپ قويۇپسىز. ئەمدى ئۈچۈنچى بىر ئادەمگە يانتاق قىستۇرسىڭىز كۈلكىگە قالىسىز. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى جان كۆيدۈرۈپ تىكلىگەن ساتمىڭىز ئۆرىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى پىكىرلىرىڭىز ئاتاقلىقلارغا غەرەزلىك ھۇجۇم قىلىش تۈسىنى ئېلىپ قېلىپ، غەيۋەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئەختەم ئۆمەر بىلەن يالقۇن روزىغا قانداق پىكىردە بولۇڭ بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىگى. ئەمما مېنىڭچە بولغاندا ئاتاقلىقلارغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ نوپۇزىمىز تىكلەنگەندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئىجابى جەھەتتىن ئاتاق قازانغۇچى ئۆزىنىڭ توغرا بولغان، خەلق كۆڭلىگە ياقىدىغان، دەۋىرنىڭ تەلىپىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇئەييەن سۆز- ھەركەتلىرى بىلەن ئاتاق قازىنىدۇ. شۇڭا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. بىز ئاقلىقلار توغرىلىق سۆز قىلغاندا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ئويلاشمىساق، ئۇلارنى قايىل قىلمىساق بولمايدۇ.
 مەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرگە قارىتا شۇنداق قارايمەكى، ھازىرغىچىلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئەختەم ئۆمەرچىلىك مۇئەپپەققىيەت قازانغان بىرەر يازغۇچى تېخىچە چىقمىدى. ئۇنىڭ ‹‹يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام›› دىگەن ئەدەبى ئاخپاراتىدىكى تۇركىيە توغرىلىق كىچىككىنە بىر تەپسىلاتنى مىسالغا ئاپسىز. سىز تۈركىيەنى كۆرۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدىڭىز، شۇڭا تۇركىيەدە مۇنداق ئەھۋاللار يوق دىيەلىدىڭىز. ئەمما مەن قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر تېخى تۇركىيەنى كۆرۈش شەرىپىگە مۇيەسسە بولالمىدۇق. پەقەت باشقىلارنىڭ يازمىلىرى، كىنو-تېلىۋىزىيە قاتارلىقلاردىنلا تۇركىيەگە نىسپەتەن غايىۋى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق.
 ئويلاپ بېقىڭ ئەشۇ كىچىك بالىنى يېتىلەپ چىققان موماي، لاي-پاتقاقلىق يولدىن ئاسفالىت يولغا چىققاندىن كېيىن، ئاسفالىت يولنىڭ مەينەت بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋە نەۋرىسىنىڭ ئاياغلىرىدىكى لاي پاتقاقلارنى سۈرتىۋېتىپ ئاندىن يولغا كىرىدۇ. بۇ كىچىككىنە تەپسىلاتتىكى باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى ھۆرمەت قىلىش، ئاممىۋى ئەخلاققا رايە قىلىش، مۇھىتنى ئاسراش، گۈزەللىككە ئىنتىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاق ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترەتمەمدۇ؟ بۇ ئىنسانىيەت ئىنتىلىۋاتقان، غايە قىلىۋاتقان كوممۇنىزىم كەبى، جەننەت كەبى گۈزەل ئەخلاقنىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟ دەل سىزنىڭمۇ بۇ تەپسىلاتتىن ۋۇجۇدىڭىز تىترىگەن بولغاچقا 90 يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوقۇغان بۇ تەپسىلات يادىڭىزدا تۇرۇپتۇغۇ؟ بۇ تەپسىلات مەيلى توقۇلما بولسۇن، ياكى تاسادىپەن ئەختەم ئۆمەر ئۇچرىتىپ قالغان تەپسىلات بولسۇن، مۇشۇنداق تەپسىلاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرنى، ياكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئەنە ئەشۇنداق گۈزەل، غايىۋى جەمىيەتكە يىتەكلىسەك، بۇنىڭ نەرى خاتا؟ سىز يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ گېپىنى چىقىرىۋىدىڭىز بىرنەچچە كالتە قۇيرۇق ئۇنى تىللاشقا ئۈلگۈردى. سىز مېنىڭ ئىناۋىتىم يوق دەپسىز. سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىز ئاللىقاچان تىكلىنىپ خېلى بىر يەرگە باردى. مەسىلىلەرنى سىز ئىنكار قىلسىڭىز تەڭ ئىنكار قىلىدىغان، مۇئەييەنلەشتۈرسىڭىز تەڭ مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان تورداشلار ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولدى. شۇڭا سىز بەزى پىكىرلەردە سەل دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. بولۇپمۇ يەڭگىلتەكلىكتىن ساقلىنىڭ. جۇملىدىن مەنمۇ سىزنىڭ ئەگەشكۈچىڭىز!
ئۇنتۇپ قالماڭ ئەختەم ئۆمەر ئەينى يىللىرى مۇشۇ ئەسىرى بىلەن ئۇيغۇر قىزغىنلىقى، ئۇيغۇرنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقى ھەققىدە قايتا ئويلۇنىش قىزغىنلىقىنى مەيدانغا كەلتۇرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ ئەسەر بىلەن تەڭ مىڭچىبى، لۈلۈلۈنىڭ ‹ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگەىرلەش› ناملىق ئەدەبى ئاخباراتى ئېلان قىلىنىپ بۇ ئىككى ئەسەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غايەت زور زىلزىلە پەيدا قىلغان ئىدى. ئۇندىن باشقا يەنە ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل› ناملىق ئەسىرىمۇ غايەت چوڭ رول ئويناپ ئىچىملىك سۇنى ئۆزگەرتىش، ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ھۆكۈمەت ھەركىتىنى قوزغاپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىغى مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا بەلگۈلۈك تەسىر كۆرسەتتى.
يالقۇن روزى بىلەن ساۋاقداش بولغاچقىمۇ مەن ئۇنى ياخشى چۈشىنىمەن. دەرۋەقە يالقۇندا سىز مىسالغا ئالغاندەك، پىكىر قىلغاندا ھياجىنىنى توختىتالماي
سەل ئاشقۇن پىكىر قىلىدىغان تەرەپلەر بار. ئەمما يالقۇننىڭ ئەدەبىيات تەنقىتچىلىكىدىكى تېگىشلىك رولىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.
ئىنكاسلىرىڭىزدا بىر ئىككى قېتىم ھاكاۋۇرلۇقنىڭ گېپىنى قىلىپ قالدىڭىز، قارىغاندا ھاكاۋۇردەك تەسىر بەرگەن چېغىم. ئەمما  مەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئالدىدا چوڭچىلىق قىلىدىغان، ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىغان ناچار ئىللەتلەرنىڭ ماڭا يۇقۇپ قالماسلىقىنى 12 ۋاخ 24 سائەتتە ئاللاھتىن تىلەيمەن!
ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم ئىنكاسىمدا بەزى رىئالنى بولمىغان، قاتتىق كەتكەن تەرەپلەر بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. مېنى تامامەن دوستۇم دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ.

aptab 2011-04-15 10:31
ئەزا يېزىش چەكلەندى.

kun^kiz 2011-04-15 11:22
مەن جىم ئولتۇرۇپ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرەي . تېمىدىكى بەزى بىر  مەسىلىلەرنى ھەزىم قىلالمايۋاتىمەن ئىنكاسلار  ئارقىلىق بۇ تۈگۈنلەر يىشىلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ .

aptapliq 2011-04-15 11:55
    راس دەيسىلەر،  بولۇپمۇ مۇشۇ ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقى بەك خەتەرلىك جۇمۇ .   ھەممە مىللەتنى ئۆز مىللىتىمىزدەك  كۆرۈپ. باشقا مىللەتلەرنىڭ تاماقخانىلىرىدىمۇبىمالال تاماق يەۋېرىشىمىز.  باشقا مىللەت ئەرلىرىگە تىگىۋېرىشىمىز.  ئاياللىرى بىلەن  نىكاھلىنىۋېرشىمىزكېرەك . باشقا مىللەت بولسا نېمە بوپتۇ. ئايرىساق قانداق بولىدۇ.  ھەممىدە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ياخشى دەپ تۇرىۋالساق ئاشقۇن بولىمىز.  ھەممە مىللەتنى بىر قۇرساق قېرىندىشىمىزدەك كۆرۈپ ، مىللىتىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى بىلسەك،  باشقىلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ ، ئۇنى ياخشى ئۆگەنسەك ئاشقۇن بۇلۇپ قالمايمىز.  كەڭ قۇرساق بولىشىمىز كېرەك.
مەن مىللىتىمنى سۆيىمەن دېگەنلىك سېپى ئۆزىدىن ئاشقۇنلۇق. ھەممە مىللەتنى خەنزۇنى،ئورۇسنى،قىرغىزنى،تۇڭگاننى،مانجۇنى تەڭ سۆيۈپ مىللەتۋازلىق قىلماي ئىناق جەمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشىشىمىز كەرەك.

kmtkmt 2011-04-15 13:12
ھەرقانداق مىللەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر يامان ئىش قىلىدىكەن دىندىمۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزتىمۇ چەكلىنىدۇ،بىز ئۇنىڭغا تەربىيە تەنقىت بېرىپ تۇزۇتىشىمىز كېرەككى ھەرگىزمۇ ئۆز مەيلىگە قۇيۇپ بەرمەسلىكىمىز كېرەك.بولمىسا بىر سېسىق ئامۇت مىڭنى سېسىتىپتۇ دىگەندەك ھەممىمىزنىڭ جۇملىدىن شۇ مىللەت ئۈچۈن ياخشى بولمايدۇ.شۇڭا يامان ئىشنى كورگەندە تەربىيە بىلەن تۆزىتىشكە بولىدۇكى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ مىللىتى ئەمەسمۇ بولدى قىلايلى دەپ يامان تەرىپىنى يېپىشقا بولمايدۇ،چۇنكى بۇگۇن يېپىپ قويسا ئەتىسىلام يەنىلا شۇ يامان ئىشتىن قول ئۆزەلمەي ئاقىۋەت چوڭ جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالىدۇ.

kitabpurux 2011-04-15 13:23
شۇندامــــــۇ دەپ تۇرىلى ...
مۇشۇ «ئاشقۇن» دىگەن سۆزنى نىمە دەپ چۈشىنىمىز ؟؟
مەنغۇ بۇنى «ئاشۇرىۋىتىش» دەپ چۈشەندىم، بەك يۈزەكى چۈشىنىۋالدىممۇ قانداق ؟

shamal 2011-04-15 13:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم Karabeg، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ كۆپ رەھمەت!
مەنمۇ گەرچە ئىنكاس يازمىساممۇ گۈلەننىڭ يازمىلىرىنى يېقىندىن ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.
بەزى گەپلىرى ئورۇنلۇق بولسىمۇ، بەزى گەپلىرىگە قايىل ئەمەستىم. شۇنداقتىمۇ سۈكۈت قىلىپ ئىنكاس يازمىغان.
1) بىر يازمىسىدا "پەلەستىنخان، خاماسجاننىڭ ئىشى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ كارى بولمىسۇن، ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ دەردى ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدۇ" دېگەندەك مەزمۇندا بىر نەرسە يازدى. شۇ چاغدا "پەيغەمبىرىمىز مېراجغا چىققان مەسجىدى ئەقسا جايلاشقان يەرنى ئىگەللىۋالغان ئىسرائىلىيە ئىشغالچىلىرىغا كۆڭلىمىزدە ئازىراق نەپرەت ساقلاش"مۇ توغرا ئەمەسمۇ؟ دېگەندەك شۈبھە كەلگەن. لېكىن "دىنىي ئاشقۇن" دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ قويمىسۇن دەپ گەپ قىلمىغان.
2) بىر يازمىسىدا گۈلەن ئەپەندى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقىنىدا ۋىنجۇلۇقمۇ ياكى جېجىياڭلىقمۇ ئىشقىلىپ خەنزۇ تىجارەتچىلەرگە تەرجىمانلىق قىلىدىغان بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈلەننى "....." دېگەنلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى. شۇنداق دېگۈچى بالىلاردىن بىرسى مېنىڭ ئاغىينەمنىڭ ئاغىينىسى بولىدۇ. بىزمۇ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا ئۇ بالىلارغا "كىشىگە بۇھتان چاپلاشنىڭ گۇناھ" ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئاغزىنى ئېتىپ قويغان. گۈلەن ئەپەندى تۈركىيەگە كەلگەندە دەسلەپتە خەنزۇلار بىلەن بىللە ئەلچىخانىدا يېتىپ قوپۇپ، ھەر ئايلىق مائاشنى جوڭگۇ ئەلچىخانىسىدىن تولۇق ئېلىپ، دۆلەت بايرىمى ۋە چاغاننى ئەلچىخانىدا خەنلەر بىلەن بىللە تەبرىكلەپ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇۋاتقاچقا، تۈركىيەدەك بۇنداق كىچىك يەردە "بەزى غەيۋەتلەر"نىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال.
3) شىۋىتسىيە مىسىئونېرىلىرى ھەققىدىمۇ گۈلەن ئەپەندىنىڭ پۇزىتسىيىسى بىزنىڭ ئابدىقادىر داموللامنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى مۇنبەردىكى "ھۇشيار=مۆتىدىل=ئالتىلماچوپ=ئاپتاپ" دېگەندەك خرىستىيانلارغا ياخشى دەستەك بولىدۇ. چۈنكى بۇ مۆرتەدلەر قانداقلىكى بولمىسۇن، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلمەيدىغان، يەكلەنمەيدىغان بىر مۇھىتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇلار ئىسلامغا ئاداۋىتىنى ئاشكارىلاپ يۈرگەن بىلەن ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ ئىسمىنى يۈرەكلىك دېيەلمەيدۇ. گۈلەن ئەپەندىمنىڭ غايىسى ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇيغۇرلار ھەر قانداق مەدەنىيەتكە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان بولغاندا، "دىنىي ئاشقۇنلار" يۇقالغاندا، "ئاپتاپ"تەك ئادەملەرمۇ دىنىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارا سۆزلەپ يۈرەلەيدىغان بولار.
4) گۈلەننىڭ يازمىسى گۈلەنگە نىسبەتەن گەرچە "ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ" يازدىم دېگەندەك تۇيغۇ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ماڭا بەرگەن تەسىرى يەھۇدىي، خرىستىيانلارنى ماختاپ، مۇسۇلمانلارنى چۈشۈرۈپ يازغاندەك تەسىر بەردى. (مەسىلەن: "ئامېرىكىدىكى بەيتۇللاھ" دا مەسجىدنىڭ ئالدىدىكى كۈچەتنىڭ قۇرۇپ كېتىشكە ئاز قالغانلىقى، چىركاۋنىڭ يېنىدىكى قارىغايلارنىڭ بولسا بوك-باراقسان، يېشىل يۇغىناپ تۇرغانلىقىنى تەسۋىرلەشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۆزى بىللە بولغان ئامېرىكىلىق خرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارنى ماختاش، ئۇلارنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلەش،..... مەقسەت نېمە؟.... مېنىڭچە، گۈلەن ئەپەندىگە يەھۇدى ناسارانىڭ بەرگەن بىكارلىق پۇلى خېلى پايدا قىلغان ئوخشايدۇ. دېمىسىمۇ ئاش-نان بەرگەن ئىگىسىگە مىننەتدارلىقىنى، ۋاپادارلىقىنى بىلدۈرۈش ياخشى خىسلەت...)
ئۇيغۇرنىڭ قەددىنى، ئۆزىگە ئىشەنچىنى ئاشۈرۈش ئۈچۈندەك يېزىلغان يازمىلاردا ھە دېسىلا بەزى ئۇيغۇر مەشھۇرلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلمىسا، ئۇلارنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمىسە زادى بولمامدۇ؟ ئەختەم ئۆمەر، يالقۇن روزى، ئەنۋەر مۇھەممەد ھاجى قاتارلىق يازغۇچىلار ھەممىسى مەن ھۆرمەتلەيدىغان ئەدىبلىرىمىز. گۈلەننىڭ بۇ ئەدىبلىرىمىز ھەققىدە باشقا يازمىلىرىدىمۇ يازغانلىرىنى كۆرۈپ "سىز ھازىر ئۇلارچىلىكمۇ ئەمەس" دېگۈم كەلدى.
گۈلەن ئەپەندىمنىڭ قەلىمى كۈچلۈك، ئەدەبىياتقا ئۇستا. مانچە خىل تىل بىلىدۇ.
يازمىلىرى بىلەن كاللىمىزنى ئوبدان سۇپۇنلاپ يۇيۇپ ماڭساق، "پەلەستىخان بىلەن خاماسجاننى يات كۆرۈپ"، يەھۇدى خرىستىيان ۋە باشقا مەدەنىيەتتىكىلەرنى دۈشمەن كۆرمەي (ياكى دوست كۆرۈپ)، ھېچقانداق مەدەنىيەتنى كەمسىتمەي، ھەممىسىنى ئوخشاش كۆرۈپ، ھۆكۈمىتىمىز تەكىتلەۋاتقان "ئىناق جەمىيەت" قۇرۇش ئىشلىرىنى تېز يۈكسەلدۈرۈلەيدىغاندەك قىلىمىز...
يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بەزى "قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلغان جىنايەتچىلەرنى" ئارىمىزغا ئالماي، ئۇلارنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولىمىز.
ئاشقۇن دېگەن ئۇيغۇرچە، لېكىن بىز بەزىدە بۇنى "رادىكال" دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قالغاچقا، گۈلەن ئەپەندىنىڭ قەلىمىدىكى "دىنىي ئاشقۇنلۇق" ئەمىلىيەتتە "رادىكال دىنچىلار" دېگەن گەپ. بۇلار ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خرىستىيان كۈچلەرنىڭ زەربە بېرىش نىشانى. شۇڭا ئىنكاس يازغۇچىلار "دىنىي جەھەتتە ئاشقۇن" = "رادىكال دىنچى" دېگەن قالپاقنى كېيىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئايەت- ھەدىس ۋە دىنىي نەرسە يازماڭلار.
خرىسىتىيان پاۋلۇس قانداق مۇھىتقا بارسا شۇ يەردىكىلەرنىڭ دىنىدىكىدەك كۆرۈنۈشتە ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. شۇڭا ئۇيغۇر خرىستىيانلار ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىمىسا، مۇسۇلماندەك كۆرۈنسە ئۇلارغا ھەرگىز گۇناھ بولمايدۇ.

aptab 2011-04-15 14:43
ئەزا يېزىش چەكلەندى.

parasatjan 2011-04-15 15:08
ئەسەرلەرگە باھا بەرگەندە ،ئەسەر يوللغۇچىنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىشلىق مەسىللەرنى يازمىساق دەيمەن.تىمىنىڭ ئۈزىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنىلا مۇھاكىمە قىلساق .

kalgin 2011-04-15 16:08
مەن ئالدى بىلەن ئۆزۇمنى ياخشى چۇشەنسەم بولغۇدەك. مەن زادى قايسى تىپقا تەۋە.

biqarabiz 2011-04-15 16:12
شامال ئەپەندىمنىڭمۇ بۇ مۇنازىرىدە بولۇشى بىزنىڭ بىلىش دائىرىمىزنى ئاشۇرۇدۇ ۋە شۇنداقلا  بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ بىرنەچچە ئادەم تەرىپىدىن كونتورول قىلىنىپ قېلشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس،بىزنىڭ بىزنى ئېدىيە جەھەددىن يىتەكلەپ مىڭىۋاتقانلارنىڭ ۋە شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ ئارقا كورونوشىنى بىلىشىمىز يامان ئىش ئەمەس .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.041323 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us