رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

gulen 2011-04-10 07:02

ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى؟
گۈلەن
"ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ" مازۇلۇق خاتىرىمىزدە ئۇيغۇرنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كىمگە ئوخشىغانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قەلىمىدە كىمگە ئوخشۇتۇلغانلىقى ۋە ئەمەلىيەتتە كىمگە ئوخشايدىغانلىقى... ھەققىدە ئويلىنىشلاردا بولدۇق. بىز مىللىتىمىزنى كىمنىڭ قانداق ئوخشىتىشىنى چەكلەش ھوقۇقىمىز يوق، ئەمما خەقنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلۇق بىلەن ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان ئۇيغۇرلۇقنى تاللاش ئەركىمىز بولۇشى كېرەك. قىلالايدىغىنىمىز، خەق بىزنى كىمگە ئوخشاتسا شۇنىڭغا ئوخشاشقا مايىل بولماسلىق، رىياللىقتىكى بىقوۋۇللۇقنى ئەجدادلارنىڭ سىماسىدىن ئىزدىمەسلىك، ئۇيغۇرنى ئىللەت ئەينىكىدە كۆزەتمەسلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر شەيئىلەرنى، ھادىسىلەرنى كۆزەتكەندە ۋە ئويلاشقاندا ئوخشىتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان شەيئى كۆپ ئۇچراديغان شەيئىگە، قىسمەن بىلىنگەن ھادىسە تولۇق بىلىنگەن ھادىسىگە ئوخشىتىلىدۇ. شۇڭا مەملىكىتىمىزدە مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ ئەرەبكە ئوخشىتىلىشى، مەسۇم يىگىت قىزلىرىمىزنىڭ تالىبانغا ئوخشىتىلىشى بىز ساقلىنالايدىغان ئىش ئەمەس. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى بۇنداق نامۇۋاپىق، توغرىسى خەتەرلىك ئوخشۇتۇشنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشى. توغرا، ئوخشۇتۇش بىزنى شەيئىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ، ئەمما ماھىيىتىمىز نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كىملەرنىڭدۇر ئارزۇسىدىكى قىياپىتىمىز داۋاملىق تەشۋىق قىلىنىۋەرسە، ماھىيىتىمىز ئۇنتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ماۋزۇيىمىزدىن مەلۇم بولغاندەك، نوۋەتتىكى خاتىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ كىمگە سېلىشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ. شەيئىلەرنى بىلىشتە بىز ئوخشىتىشتىن قالسا سېلىشتۇرۇشقا مۇراجەت قىلىمىز. بىز بىر شەيئىنى بىلىشتە بىر بولسا ئۆزىمىزگە ناتونۇش شەيئىنى باشقا تونۇش بىر شەيئىگە ئوخشىتىۋالىمىز، يەنە بىر بولسا باشقا بىر شەيئىگە سېلىشتۇرىمىز. شەيئىلەرنى ئوخشىتىش ئارقىلىق چۈشىنىشتە  ئوخشالغۇچىنى بىلمسەك ھىچ گەپ يوق، ئوخشىغۇچىنى بىلسەك كۇپايە، ئەمما سېلىشتۇرۇشتا ئىككىلا شەيئىنى ئېنىق بىلىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ. تارىخقا قارىساق بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تۈركلىرنىڭ تىلىنى ئەرەبچىگە سېلىشتۇرغان. بوۋىمىز مەھمۇد ئىككىلا تىلدا كامالەت ئىگىسى بولغاچ سېلىشتۇرمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. مەھمۇد كاشغەرى "قۇتادغۇبىلىك" نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان يۈكسەك بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى بولغاچقا سېلىشتۇرۇشتا خەقنى ئۆلچەم قىلىۋېلىش خاتالىقىنى سادىر قىلمىغان. ئۇندىن كېيىن ئۇيغۇر نەۋايى قەلىمىدە پارىسلارغا سېلىشتۇرۇلغان. پارىسچە ئەسەرلىرى بىلەن پارىسلارغا ئۇيغۇر تۈركچە ئەسەرلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر بولغان ئەلشىربەگنىڭ تۈركچە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان پارىس شائىرى ئابدۇراخمان جامى "بۇ ئەسەرلىرىڭنى ھېلىمۇ ياخشى تۈركچە يېزىپسەن، ئەگەر پارىسچە يازغان بولساڭ پارىس ئەدىپلەر چوققا ئىگىلىنىپ بولۇپتۇ دەپ ئۆزلىرىنى تاشلىۋېتەركەن" دېگەن مەنىدە نەزمە يازغانىكەن. نەۋايى پارىسچە بىلەن ئۇيغۇرچىمىزنى سېلىشتۇرۇپ شۇ دەۋردىكى ئەرەبچە ھەسەل تىل، پارىسچە شەكەر تىل دېگەنگە قارشى ئۇيغۇرچە سەنئەت تىلىدۇر دېگەن قاراشنى دەلىللەپ چىققان. نەۋايىدىن كېيىن ئۇيغۇرنى باشقا بىر مىللەتكە سېلىشتۇرغاننى كۆرمىدۇق. مەنچە ئىلى سۇلتانلىقى چاررۇسىيە ئىمپىرىيەسىگە يەم بولغاندا ئۇيغۇرلار ئۆزىنى رۇسلارغا سېلىشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. "ئورۇس ھارۋىسى دەيدۇ، ئالدى چاقى پەس ئىكەن..."، "يەتتە سۇغا كۆچ دەيدۇ، بارار يېرىمىز قۇملۇق. راست گېپىنى ئېيتمايدۇ، كۆزى كۆك بېشى يۇڭلۇق." دېگەن قوشاقلاردىن بىز خەلقىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى رۇسلارغا سېلىشتۇرۇپ باققانلىقىدىن خەۋەر تاپىمىز، ئەمما بۇ ھەقتە مۇكەممەلرەك بىر ئەسەر يوق. رۇس ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇسلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر ئەقلى سېلىشتۇرما بولغانلىقى كۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق سېلىشتۇرمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بىرەر زىيالىنىمۇ كۆرمەيمىز. مەنچە ئۇ دەۋردە ئەقلى سېلىشتۇرمىغا قارىغاندا مايىللىق، بىپەرۋالىق ياكى ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت تۇيغۇلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس.

سىرىتقا كېچىكىپ ئېچىلغان ئىشىكلىرىمىزدىن چىقماق ۋە كىرمەك كۆپ كىشىگە نىسىپ بولمىغاچقا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى چىگرا سىرتىدىكىلەرگە سېلىشتۇرىشى بەكمۇ كېچىكىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ بىلىشىمچە مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركلىرىگە، يەھۇدىلارغا، سىگانلارغا ۋە ئىندىيانلارغا سېلىشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرنى تۈركىيە تۈركلىرىگە سېلىشتۇرغان ئەسەر كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىندى. مەسىلەن، "يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام". ئۇيغۇرنى يۇقارقى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغان بايانلار، پاراڭلار، سۆھبەتلەر دائىم قۇلىقىمىزغا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن كەلپىنلىك ئاغىنىلىرىم "بىز دېگەن ئۇيغۇرنىڭ يەھۇدىلىرى" دەپ پەخىرلىنىشىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ خەقتە يوق ناخشا-ئۇسۇلى كۆزىگە جىن كۆرۈنىدىغان بەزى ئىنكارچى ئاغىنىلىرىم ئۇيغۇرنى سىگانلارغا ئوخشىتىشىدۇ. ئۇستاز تەكلىماكانىينىڭ " ئۇيغۇردىكى ئەبگالىق" دېگەن يازمىسىدا ئۇيغۇر ھىندىئانلارغا ئوخشىتىلىپ ئاگاھلاندۇرلىدۇ. يۇقاردا دەپ ئۆتكۈنۈمدەك سېلىشتۇرۇش شەيئىلەرنى چۈشىنىشتىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، ئەمما سېلىشتۇرغۇچى ئىككىلا شەيئىنى ياخشى بىلىشى كېرەك. ئۇندىن باشقا سېلىشتۇرۇلغان ئىككى شەيئى ئوخشاش شارائىت، ئوخشاش ئۆلچەمدە ئوخشاش مەقسەد ئۈچۈن سېلىشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۈنىمىنى سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئۆتكۈر بالىلارنى يەسلىدىن، باشلانغۇچتىن، تولۇقسىزدىن خەنزۇچە مەكتەپكە، ياكى قوش تىل سىنىپىغا تاللىۋېلىپ بۇلارنى شاللىنىپ قالغانلار ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرچە مەكتەپ، ئۇيغۇرچە سىنىپ بىلەن سېلىشتۇرسا ئادىللىق بولمايدۇ. مەنچە مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرۇشتۇر. مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان ئامىل مەدەنىيەت ( توغرىسى كۈلتۈر، ھەزارەت) تۇر. ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق مىللەتتە خاس كۈلتۈر بولىدۇ، ھەتتا بەزىلەرنىڭ "كۆزىگە سىغمايدىغان" ئادەتلەرمۇ بولىدۇ. بۇلارنى يىغىپ  مەدەنىيەت (كۈلتۈر) دەيمىز. بىر خەلق توغرا دەپ قارىغان ئىش، راھەتلىنىپ تۇرغان ئۆي، كۆنگەن خۇي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ خەلقنىڭ كۈلتۈرى ھىساپلىنىدۇ. مەدەنىيەتتە ئىلغان قالاقلىق، زامانىيلىق، گېرىلىك بولمايدۇ. بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتىگە مەزكۇر خەلقنىڭ ئەزالىرىلا ھۆكۈم قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باشقىلارنىڭ ئاق كۆك دېيىشى ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ. مەدەنىيەتلەرنى ئىلغار، قالاق دەپ ئايرىش مۇستەملىكىچىكلنىڭ قالدۇقى خالاس. شۇڭا مەنچە ئەگەر مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە خاسلىقنى بىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۆزگىچىلىكتىن زوقلىنىش دائىرىسىدە چەكلەنسە مۇۋاپىق.

1. ئۇيغۇر تۈركىيلىككە سېلىشتۇرۇلسا بولامدۇ؟

مەنچە بولمايدىغان يېرى يوق، ئەمما نېمىنى سېلىشتۇرىمىز، نېمە مەقسەدتە سېلىشتۇرىمىز، شارائىت ئامىلىنى قانداق ئويلىشىمىز،  قانداق ئۆلچەمنى قوللۇنۇپ سېلىشتۇرىمىز دېگەنلەر ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى سېلىشتۇرغان ئەختەم ئۆمەر يۇقارقىلارغا ئەمەل قىلدىمۇ؟ ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى مۇكەممەل چۈشنەرمىدى؟ بۇلارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋۋال ئاپتۇرنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى.

ئاپتۇر ئەسىرىدە بىر تۈرك ئايالنىڭ كوچىدا لاي بولغان ئۆزىنىڭ ۋە قىزىنىڭ ئايىقىنى چوڭ يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال پاكىزە سۈرتكەنلىكىنى يازىدۇ. بۇنى تۈركلەرنىڭ ئاڭلىق، پاكىز، جامائەتنىڭ تازىلقىنى ئاسرايدىغان پەزىلەتلىرىگە مىسال قىلىدۇ. ئۇيغۇرنى بۇنىڭ قارشىسىغا قويۇپ ئەخلەت چىلەكلىرى تەييار تۇرسىمۇ كوچىغا ئەخلەت تاشلايدىغان، كوچىلار يېڭىلا تازىلانسىمۇ پاكىزلىككە ھىچ رۇئايە قىلمايدىغان، ئاممىۋىي تازىلىق ئېڭى ئاجىز  قالاققا چىقىرىپ ئەيىپلەيدۇ. مەن ئالتە ئاي تۈركىيەدە بولدۇم، ئىستانبول، ئەنقەرە، ئىزمىر، قاتارلىق شەھەرلەرنى كەزدىم، لېكىن ئەختەم ئۆمەر كۆرگەن مەنزىرىنى پەقەت كۆرەلمىدىم. ئەكسىچە ئەنقەردە تاماكا چېكىپ كېتىۋاتقان قىز يىگىتلەرنىڭ تاماكا قالدۇقىنى خالىغانچە كوچىغا تاشلاۋاتقانلىقىنى، ساقچىلار ئىشتىن چۈشكەندە قىزىل ئاي مەيدانىدا كاۋاپچىلارنىڭ ئىس چىقىرىپ كاۋاپ پۇشۇرىۋاتقانلىقىنىنى، پۇتبول مۇسابىقىسىدە تەرەپتارلىرى يېڭىلسە ئورۇندۇقلارنى چېقىۋەتكەنلەرنى كۆردۈم. ماڭا بۇلار ئىللەت تۇيۇلمىدى. پەقەت دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئۇيغۇرلار قىزىل ئاي مەيدانىغا قېچىپ كەلگەندەكلا ھىس قىلدىم. تۈركىيىدە ئون يىللاپ تۇرغان بۇرادەرلەرگىمۇ ھېلىقى ئانا-بالىنىڭ تەسىرلىك كۆرۈنىشى ئۇچرىماپتۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇرمۇ ھىچ قاچان ئايىغىغا يۇققان لاينى سۈرتمىگۈدەك ھالدا ئەمەس. دېمەك ئەختەم ئۆمەر بۇ يەردە تاسادىپى توغرا كېلىپ قالغان بىر كۆرۈنۈشنى سېلىشتۇرما قىلىپ ئۇيغۇرغا باھا بەرگەن. ئۇندىن باشقا ئەڭ مەشھۇر مىسالى سۈيقاشنى ئاۋازلىق ئىچىش مەسىلىسى. بۇ بىر ئەيىپ سانىلىدىغان ئىش ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ مىللەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇرنىڭ خەققە ئاڭلانغۇدەك شالاپشىتىپ تاماق يەيدىغان ئادىتىمۇ يوق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى تاماق يىگەندە قەتئى ئاۋاز چىقارماسلىقا تىرىشىدۇ. تاماق يىگەندە ئاۋاز چىقىرىش ئەمەس پاراڭ سېلىشمۇ ئېغىر ئېلىنىدىغان مىللەتنى شالاپلىتىپ تاماق يەيسەن دەپ ئەيىپلەشمۇ ئىشمۇ؟ شۇندىن كېيىن چەتئەلگە يېڭى چىققانلارغا بۇرۇن چىققانلارنىڭ قەستەن ياكى چاخچاق قىلىپ "تاماقنى ئاۋاز چىقارماي تۈزۈك يە" دېيىشى ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. ئەختەم ئۆمەر تۈركىيەنى ئېنىق چۈشەنمەي تۇرۇپ تۈركىيلىكلەرنى بىزگە ئۆلچەم قىلىپ تىكلەپ قويغان. سېلىشتۇرمىدا تۈركلەر ئۆلچەم بولۇپ قالغاچقا ئاپتۇرچە بىزنىڭ تۈركىيە تۈركلىرىگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىمزنىڭ ھەممىسى ئەيىپىمىز بولۇپ قالغان. ئەختەم ئۆمەر بۇ يەردە مەدەنىيەت (كۈلتۈر) لەرنى ئىلغار مەدەنىيەت ۋە قالاق مەدەنىيەت (كۈلتۈر) دەپ ئايرىشنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا مۇتلەق ئۆلچەمنىڭ يوقلىقىنى ئويلاشمىغان. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئەختەم ئۆمەرنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس، بىز ئالغان تەربىيە ۋە كۈندىلىك تەشۋىقات كۈلتۈرلەرنى زامانىۋىي ياكى ئەمەس دەپ قارمۇ قارشى قۇتۇپقا ئايرىيدۇ. ئەختەم ئۆمەرنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا تۈركلەر ياشاۋاتقان ئىجتىمائى شارائىت، سىياسىي تۈزۈم، ئىقتىسادىي سەۋىيە پەقەت ئويلۇشۇلمىغان. بۇ خۇددى پىيادە يولۇچىنى ئايرۇپىلاندىكى سەپەرچىگە سېلىشتۇرغانلىق بولۇپ نەتىجە سېلىشتۇرغۇچنىڭ خاھىشىغا باقىدۇ، ئەلۋەتتە. ماددىي، سىياسى شارائىتلىرىنى ئويلاشمىغاندا تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئوخشاش. پەقەت تۈركلەر قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدەك سۆزمەن، خوتەن ئۇيغۇرلىرىدەك پۇختا، غۇلجا ئۇيغۇرلىرىدەك مەغرۇر، كۇچا ئۇيغۇرلىرىدەك مۇلايىم، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدەك سىلىق سۆز، ئارتۇچ ئۇيغۇرلىرىدەك چىۋەر، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىدەك باغىرى يۇمشاق، كورلا ئۇيغۇرلىرىدەك سېخى، ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىدەك پىداكار. تەڭرىتاغ باغرىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلاردىن كەلگەن، ھەتتا بەزلىرى ساۋاتسىز ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىيەدە ئەختەم ئۆمەر تىلغا ئالغان "ئىللەت" لىرى سەۋەبلىك يامان كۈنگە قالغىنى، ياكى چېنىپ شاللنىپ قالغىنى يوق. ئەكسىچە تېرە زاۋۇتى، مىق زاۋۇتى، ئويۇنچۇق زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلارنى قۇرۇپ نەچچە يۈز يەرلىك تۈركلەرگە خىزمەت بېرىۋاتىدۇ. ئوقۇغان ئۇيغۇرلاردىن ئەگە ئۇنۋېرىستىتى، غازى ئۇنۋېرىستىتى، ئەنقەرە ئۇنۋېرىستىتى، ھاجەتتەپە ئۇنۋېرىستىتى، ئىستانبۇل ئۇنۋېرىستىتى قاتارلىق ئۇنۋېرىستىتلاردا پروفېسسور بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا بىر ئۇيغۇر مۇتەخەسىس تۈركىيەنىڭ ئىستراتىگىيە تەتقىقات ئورنىدا موھىم خىزمەتلەردە بولماقتا. ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ سېلىشتۇرمىسىن كېيىن مىللەتنىڭ ئۆزى ھەققىدە كەسكىن ئويلىنىشى بىر ئېقىمغا ئايلاندى. "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" گە ئوخشاش خەلقىمىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان مۇنەۋۋەر ژورناللار  تونۇلدى. ھالبۇكى  شۇندىن كېيىن خەلقىمىز خەقنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش قىلىشنى ئۆز ئىللەتلىرى سەۋەبلىك بولۇۋاتقاندەك، ياتنىڭ باھاسى ئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسەشنى تەبىئىيلىكتەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ھەممە ئادەم مىللەتنى قورقماي تىللىيالايدىغان، ئوپىراتسىيە قىلالايدىغان بولۇپ كەتتى. شەخسنىڭ ئاجىزلىقىنى مىللەتكە دۆڭگەش تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلاندى. ئىنسانىيەتكە ئورتاق پىسخىك ئاجىزلىقلارنى ئۇيغۇرنىڭ نوقسانى ساناش ئادەتكە ئايلاندى. ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەتتىكى غۇرۇرىغا دەز كەتتى. مېنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئەختەم ئۆمەر تۈركىيەدە تۈركلەرنىڭ بىر گەپنى تولا قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتۇ، "سانا نە؟". بۇ تۈركلەر ئەڭ كۆپ دەيدىغان گەپ. بۇنى ئۇلار سېلىشتۇرۇلغاندا كۆزۈڭگە قاراپ تۇرۇپ دەيدۇ، "بەن تۈركۈم، ئۇ يۈزدەن بۆيلە ياپىيورۇم، سانا نە". مەنىسى مەن تۈركمەن، شۇڭا بۇنداق قىلىمەن، ساڭا نېمە (گەپنىڭ تېگىدىكى مەنە، سېنى كىم ھۆكۈمچى قىلدى؟)

داۋامى بار،  ئەمما قاچانلىقىغا ۋەدەم يوق.

gulsima 2011-04-10 13:01
مەن ئۇيغۇررۇمنىڭ ئۆرۈپ قائىدىسىنى ياقتۇرىمەن . بىر ئادەمگە قاراپلا بىر مىللەتكە باھا بىرىش سەل ئەخمەقلىقمۇ قانداق .
مەن تۈركىيەگە چىقىپ باقمىغان( ئاللاھ خالىسا كۆرۈپ كەلگۈم بار) لىكىن كىنوسىنى كۆردۈم . ئۇلار ئىغىزىدا ئاللاھنىڭ نامىنى كۆپ ئالغان بىلەن يەنە قالايمىقان ئىشلارنى قىلىپ تۇرىدىكەن.
بىز ئۇيغۇرلار ئاللاھنىڭ نامىنى ئىلىپ ئىش قىلغان بولساق ھەرگۈز يامان ئىشلارنى قىلمايمىز.
بىر مىللەتنى ھەققى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۇرتىغا بىرىپ بىر مەزگىل بىللە ياشىساق ئاندىن چۈشىنىمىز .....

tograk7 2011-04-10 13:11
مۇشۇ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ياكى ئىنتىرنىت تورىغا ھەقىقى بىلىم ئىلش ياكى مۇنازىرە ۋە مىللەت تۇيغۇسىدا كىرىدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز نەچچىلىك باردۇر!!!!

tabassum521 2011-04-10 13:33
بەكلا قىزقىپ قالدىم      داۋامنى تىزراق يوللارسىز  

zakira 2011-04-10 16:03
         ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
   بۈگۈن يەنە بىر ياخشى تېمىڭىزنى ئوقۇپ خېلى بىر ئىشلار يادىمغا كېلىۋاتىدۇ .
   تېمىدا  دىيىلگەندەك ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى ،كىمگە ئوخشايدۇ  ؟  بۇ مەسىلىدە بىز بىر مىللەتنى باشقا بىر مىللەتكە ئوخشىتىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تۇلۇق چۈشىنىشىمىز  تەتقىق قىلىشىمىز  باشقىلارنىمۇ چۈشۈنىشىمىز كېرەك ، چۈشەنمەي تەتقىق قىلماي تۇرۇپ ئوخشاتساق بەكلا يېنىكلىك بولىدۇ دەپ قارايمەن .
     مەنمۇ ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ < يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام >  دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىز راستىنلا شۇنچىلىك قالاقمىدۇ ؟ باشقا دۆلەت خەلقلىرى راستىنلا شۇنچىلىك مەدەنيەتلىكمۇ ؟  دەپ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىش ئىستىكى قوزغالغان ئىدى ، بىراق نەدىمۇ ئۇنداق پۇرسەت بولسۇن . لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر تۇققان ئىنىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا  يەنە بىز كېچە- كۈندۈز بېرىشنى  ئۈمىد قىلىدىغان ھەرەمگە  ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن باردى .   ئوقۇغىلىمۇ بەش يىل بولدى يىلدا يازلىق تەتىلگە 6- ئاينىڭ ئاخىرى ۋەتەنگە كېلىپ 8-ئاينىڭ ئاخىرى قايتىپ كېتىدۇ ، بۇ جەريانلاردا بىز نۇرغۇن سۆھبەتلەردە بولىمىز  مەن  بەزىدە چاق-چاق ئارىلاش ئۇنىڭغا : قاراجى ئۇكام  ياخشى ئوقۇ  بولسا  سېنى ھەرەمدىنلا ئۆيلەپ قويايلىمىكىن دەيمىزغۇ قانداق قارايسەن ؟  
   - ھەدە  < قورغاننىڭ ئىچىدىكىلەر چىققۇسى كېلىدۇ ، سىرتىدىكىلەر كىرگۈسى كېلىدۇ > مەن  دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار  بېرىشنى ئارزۇ قىلغان بۇ كاتتا ماكاندا ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىمەن . ھەر يىلى ھەج تاۋاپ قىلىپ پەرزلىرىمنى ئادا قىلدىم ھەم قىلىۋاتىمەن ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت . ساڭا دېسەم يەنىلا ئۆز ۋەتىنىگە ،ئانا يۇرتىغا يېتىدىغان يەر يوقكەن ، ئاللا خالىسا ئوقۇشۇمنى تاماملاپ بولۇپ ئۆگەنگەن بىلىمىمنى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا يەتكۈزىمەن .
    _ قاراجى ئۇكام  ! بۇ دېگىنىڭ ھەقىقەتەن توغرا . سەن سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمىدىڭ ، دېدىم .
    _ ماقۇل جاۋاپ بېرەي ھەدە ، مەن ھەرەمدىن ئۆي ئوچاقلىق بولمايمەن ،چۈنكى بۇ يەردىكى قىزلار بەك ھورۇن ، ناماز ئۆتەپ بولۇپلا ياسىداق قىلىپ ئولتۇرىدۇ . ھەر بىر ئۆيگە كىرسەڭ نېگىرلاردىن بولامدۇ ئىشقىلىپ ئۆي خىزمەتچىسى سالىدۇ ، بۇ يەردىكى ئاياللار ئاساسەن كىر- قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش دېگەنلەرنى قىلمايدىكەن ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەقىقەتەن ئىشچانكەن ،تاماق ئېتىش ئۆي ئىشلىرىنى  قىلىش ، بالا تەربىيەلەش دېگەنلەردە بىزنىڭ ئانىلىرىمىزغا ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ .
      مانا بۇ جاۋاپلارنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئۇيغۇرۇمدىن تېخىمۇ پەخىرلەنگەن ئىدىم . داۋامىغا ئىنتىزار بىز گۈلېن ئەپەندى .. ئاللاھ قوللىرىڭىزغا بەرىكەتلەر بەرسۇن !
  

xaxballabiz 2011-04-10 16:34
مەن ئۇيغۇررۇمنىڭ ئۆرۈپ قائىدىسىنى ياقتۇرىمەن  

zanjiwil 2011-04-10 23:28
باشقىلارنىڭ بىزگە بەرگەن باھاسىنى كۆرۈۋەرمەي بىزمۇ باشقىلارغا باھا بىرىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشايلى!

gulsima 2011-04-10 23:58
كەچۈرۈڭ سىزدىن رۇخسەتسىز بۇ تىمىنى خاتىرەمگە كۆچۈرىۋالدىم . يەنە يوقاپ كەتمەسلىك  ئۈچۈم ھەم ئۇكلىرىمغا  ئوقۇپ بىرىش ئۈچۈن  

yuluqi 2011-04-11 00:28
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىtograk7 يوللىغان 2011-04-10 13:11 غا قارتىلغان  :
مۇشۇ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ياكى ئىنتىرنىت تورىغا ھەقىقى بىلىم ئىلش ياكى مۇنازىرە ۋە مىللەت تۇيغۇسىدا كىرىدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز نەچچىلىك باردۇر!!!!


مىنىڭچە خېلى كۆپ...

kalgin 2011-04-11 03:08
مەن ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن  پەخىرلىنىمەن. ھەربىر مىللەت ئۆزى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ.

kalgin 2011-04-11 03:25
ۋاقتىم چىقماي ئۇقۇيالمىغان ئىدىم .بۇگۇن كىچىلەپ ئۇقۇپ بولدىم .رەخمەت سېز گە

kokasman 2011-04-11 09:57
باشقىلار  ئۇيغۇر مىللىتىنى مەيلى كىمگە  نىمىگە ئوخشاتسۇن ئۆزىنىڭ ئىشى.... ئۇيغۇر مىللىتى كىيىم كىچەك جەھەتتە ئۆزىنىڭ مىللى خاسلىغىنى ساقلاپ،پەن تەتقىقات جەھەتتە باشقىلار بىلەن بەسلىشىپ دىننى ئۆرپ ئادەت جەھەتتە قۇرئاننى ئۆزىگە قىبلە قىلىپ  ساقلاپ دۇنيا جامائەتچىلىگىگە   ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭمۇ  مەۋجۇتلىغىنى تونۇتۇپ  تۇرسىلا كۇپايە ئىت نىمە يىمەيدۇ،خەق نىمە دىمەيدۇ؟ باشقىلارنىڭ ئاغزىنى يا بىر تىكىپ قويغىلى بولمىسا -يە؟خەنزولارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىپ ئويناۋاتمامدۇ؟  

gulhan 2011-04-11 12:27
ۋەدەڭىز بولمىسىمۇ داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز.

malika602 2011-04-11 12:50
مەنمۇ  ۇيغۇر  بولغىنىمدىن  پەخىرلىنىمەن  كىممۇ  بىزدەك  مەدىنىيەتلىك  ۇيگە كىرسە  قۇلغا  سۇ الىدۇ ،چوڭلانى  بىزدەك ھورمەتلەيدۇ.ىشقىلىپ بەك جىق جۇمۇ ياخشى  يەرلىرىمىز

tuprakbag 2011-04-11 13:05
ئاخىرىنى ئۇقۇپ ئاندىن بىرنىمە دىسەك بولغىدەك.....
گۈلەن ئەپەندىم سىزدىن نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟

nurkizi 2011-04-11 13:11
     مەنمۇ ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇيغۇرنى ھەممىلا تەرەپتىن چۈشىرىدىغان بايانلارنى كۆرگەندە بۇ ئادەمگە شۇنداق بەك رەددىيە بەرگۈم كەلگەن ئىدى،بىزنىڭ ئىدارىدا ئۇيغۇرلار ئاز باشلىغىمىز ھەر قۇربان ھېيتتا ئۆيگە ھېيتلاپ كىرگەندە "ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيى ھەقىقەتەن پاكىزە"دىيىشنى ئۇنتۇمايدۇ،بىز ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ئىسىل تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز بار خەلق يېقىندا بىر خەنزۇ رەھبەرنىڭ "ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئادىتىگە بەك ھەۋەس قىلىمەن بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە بىر كۈندە 10قېتىم كىرسەڭ 10قېتىم ئىشىك تۈۋىگە ئۇزاتقىلى چىقىدىكەن مىھماننى بەك ھورمەتلەيدىكەن ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر خىل ئىللىق بۇلۇپ قالىدىكەن، بىزدە ھەرگىز بۇنداق ئىش يوق"دىگىنىنى ئاڭلىدىم،مىنىڭ بالام كىچىككىنە ۋاقتىدا قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقىپ "ئاپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيى بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئۆيى ئۆخشىمايدىكەن" دەپ كىرىپتۇ مەن "قانداق ئۆخشىمايدىكەن بالام"دەپ سورىسام "ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيى ئادەمگە بىر خىل ئىللىق تۇيىلىدىكەن خەنزۇلارنىڭ ئۆيى سۇغۇق تۇيۇلىدىكەن"دىگەن ئىدى،بىز تۇرمۇشنى قىزغىن سويىدىغان،مىھرى-مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان،قىزغىنلىقىنى قاينام-تاشقىنلىقنى ياخشى كۆرىدىغان خەلق،مەن مۇشۇ تەرەپلىرىمىزدىن بەك سۈيىنىمەن.

kaqkun16 2011-04-11 13:42
گۈلەن ئاكىنىڭ يەنە بىر نادىر تېمىسىنى ئوقىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن، داۋامىغا تەشنامەن......
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە چۆچەك ئۇيغۇرلىرى شۇنداق ئاز تىلغا ئېلىنىدۇ شۇنداقمۇ؟ يوقنىڭ ئورنىدا.........

karasuluk 2011-04-11 13:48
   مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىك  ئوغلانى ھەركىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ! ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرىغا
تەقەززا بولىۋاتىمىز،.....

koygandengiz 2011-04-11 15:35
     مەيلى باشقىلارنىڭ كۆزىگە سىغسۇن ، سىغمىسۇن بىز ئاشۇ ئادەتلىرىمىز  بىلەن ئۇيغۇر ، ئاشۇ ئەيىپلىرىمىز بىلەن ئۇيغۇر ، ئاشۇ سىگانلاردەك ناخشىلىرىمىز ، " ئەبگا "لىقىمىز بىلەن ئۇيغۇرمىز ........" گۈلەن " ئەپەندىم ئەزەلدىن يازمىلىرىڭىزنى چەكسىز سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇيمەن . سىزگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن . تور ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ تورغا ئەسەر يوللايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ ، ھەر تىمىلارغا ئىنكاسلار  قىززىپ كىتىۋاتىدۇ . تورغا كىرىدىغانلارنىڭ نۇررغۇنلىرىنىڭ سەۋەيەسى چەكلىك . شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلار سىزگە ۋەسىزگە ئوخشاش يېتەكچىلەرگە مۇھتاج .  

erki 2011-04-11 15:42
ئەختەم ئۆمەر دېگەندەك قورساق ئۈچۈن يازىدىغانلارنىڭ  قەلىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار تولېمۇ مەدەنىيەتسىز، تۈگەشكەن مىللەت.
ئۇلار 20يىلغا يىقىن "ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەيدۇ" دېگەن بايراق ئاستىدا، ئۇيغۇرنى سۆكتى، تىللىدى.ئاخىردا ئۇيغۇرنى چۈشكۈنلەشتۈرۈش بەدىلىگە "قەلەم ھەققى"ۋە يالغان زىيالىيلارنىڭ ماختىشىدىن باشقا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىدى.  
ئەختەم ئۆمەر قاتارلىق بىر تۈركۈم يازارلار چەتئەلدە بىر كۈن ئىچىدە كۆرگەنلىرىگە تايىنىپلا ھاياجاندا بىر توم كىتاب چىقىرىدۇ، شۇ كىتابنى باھاسىنى تازا قىممەت قىلىپ،  ئۆزى تىللىغان "مەدەنىيەتسىز، كىتاب ئوقۇماس" مىللەتكە ساتىدۇ، تاپقانلىرىدا كېرىلىپ تۇرۇپ داۋاملىق تىللاپ يازىدۇ.
تومۇرۇڭدا ئاققىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بولسا، تىللاشنىڭ ئورنىغا، شۇ خاتالىق ۋە كەمچىلىكنى تۈزەشنىڭ يولىنى تاپ. ئۆزۈڭدىن باشلا ھەممىنى، ھېچ بولمىسا ئەتراپىڭدىكىلەرگە تەسىر قىل، ئويغات.  ھاراقنى يۈندە ئىچكەندەك ئىچىپ، قۇسۇققا مىلىنىپ يېتىشما.

tograk001 2011-04-11 16:19
ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتى ، ئەشۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.....ھەرقانداق جايدا مەن ئۇيغۇر دەپ كۆكرىكىمنى كىرىپ تۇرۇپ  سۆزلىيەلەيمەن......  چۈنكى مەن ئۇيغۇر.....

رېتا 2011-04-11 16:21
ئىسىل تېما! ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

mehzun 2011-04-11 16:54
يېزىڭ گۈلەن ئاكا. بەك ئېسىل، بەك مەنپەئەتلىك تېمىلارنى يېزىۋاتىسز. داۋامىغا تەشنامەن...

akida528 2011-04-11 17:55
مەن ئۇيغۇر مىللىتىمدىن ۋە ئۆزۇمنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىدىن بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!!!ۋەئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ مەڭگۇ گۇللەپ ياشنىشى ئۇلۇغ ئاللا ئىگەمدىن تىلەيمەن !!!!!ياشىسۇن ئۇيغۇر مىللىتىم!!!!

tiwip 2011-04-11 21:05
    بىر بالا قىلغان كىچىككىنە خاتالىقى تۇپەيلى ،  باشقىلار تەرپىدىن "دۆت"دەپ  ئەيىپلەشكە ئۇچرىدى . ئۇنى ھىچكىم يىتەكلىمىدى . ئاز كۇندىن كىيىن ئۇ يەنە بىر خاتالىقنى سادىر قىلدى . باشقىلار يەنە بۇ نارسىرىدىنى "دۆت"دەپ تىللىدى . بۇ  ئىشلار تەكرار -تەكرار يۇزبەرگەچكە ، بۇ بالىنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى  ، ئۇنى "دۆت" دەپ  ئاتايدىغان بولدى . ئەمما ئارىدىن بىرەرسىمۇ ئۇنىڭ خاتالىقىغا تۇزىتىش بىرىپ، يىتەكلىمىدى . شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ ھەقىقەتەن بىر نامى چىققان "دۆت"كە ئايلاندى .،

  دىمەك بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمۇ مۇشۇ ئەھۋالغا ئوپمۇئوخشاش . بىز ئۇيغۇرمۇ  ئەسلى "دۆت"ئەمەس . ئۆزگىنىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى بىزنىڭ  تۇرقىمىزنى "دۆت" قىلىپ كۆرسەتتى . بىزدە ئىللەت يوق ئەمەس . ئەمما ئۇنى تۇزىتىپ كىتىشكە تامامەن بولىدۇ . بۇ ھەرگىزمۇ دۇنياۋى چوڭ خاتالىقنىڭ بىشارىتى بولالمايدۇ ،.
  شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنيا مىللەتلىرى  سەھنىسىدە  كۆزىتىدىغان بولساق ، ھەرگىزمۇ  "چىرىك"، ياكى "دۆت"  مىللەت قاتارىدا سانالمايدۇ .،

aptapliq 2011-04-11 23:29
    بەزى بالىلارنىڭ گېپىچە ئەختەمكام ئۇيغۇرنى تازا ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟   بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەيلى.  "يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام"16-17 يىل ئىلگىرى بىزنى ئۆزىمىز توغرىسىدا قايتا ئويلاندۇرۇپ. ئاجايىپ ئىجابىي روللارنى ئوينىغان.
مېنىڭچە ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىزدا ئۇيغۇر ئۈچۈن گۈپۈلدەپ سوكۇپ تۇرىدىغان يۈرەك بار.ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى.مەن بۇ يەردە بىزنىڭ كەمچىلىكىمىزنى كۆپرەك كۆرسىتىپ بەرسە ياخشى دېمەكچى ئەمەس. ئەمما، بىردىنلا ھاياجانلىنىپ بىردەم سوغاق،بىردەم ئىسسىق بوپ كەتمەيلى.

hitaf402 2011-04-12 00:01
ھازىر مىنىڭ ئىڭىمدا دائىم مۇنداق بىر نەچچە سۇئال توغىلىدۇ ، بىزنىڭ ھازىرقى بۇرچىمىز ئەنە شۇ كوپ خىل تەركىبلەرنى سىڭدۇرگەن مەدىنىيەتنىڭ مۇشۇ ھالىتىنى قوغداشمۇ ياكى ئۇنىڭدىكى سىرتقى مەدىنىيەتكە تەۋە بولغان ئىلمىنىتلارنى چىقىرىپ تاشلاشمۇ ،،، مەنچە باشتىكى يولدا ھازىرقىنى قوغدايمىز دىسەك بىز يەنىلا ئەنە شۇنداق ئوخشىتىشلارغا ئۇچراپ ياشىشىمىز تەبىي ،،، كىيىنكى يولدا بىز بۇ ئىلمىنتلارنىڭ كوپ قىسمىنى ئىلىۋىتەلمەيمىز ، جۇملىدىن ئەنە شۇ ئوزلەشكەن ئويغۇرلار بار ، بۇلار  تارىخقا پۇتۇلۇپ بولدى ،، تىلنى ساپلاشتۇرۇش تىخىمۇ مۇشكۇل ئىش ، ئۇنىڭغا غايەت زور بىر سياسى كاپالەت بولمىسا بولمايدۇ ،،، ئۇنىڭسىزمۇ تۇرۇكىيە فىلىملىرىدىن مەلۇمكى شۇلار تىلىدىمۇ يەنىلا مەلۇم نىسبەتتە ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سوزلەر بار ئىكەن ،،،،  
يانا بىر ئويلىغىنىم ، قايسى دولەتكە بارسا شۇ دولەتكە سىڭىپ كەتكەن يەھۇدىلار تارىخنىڭ بوران چوپقۇنىدا ئەسلى يىزىقىنى يوقاتقان ئىدى ،، مىللەت سىڭىشىش تەبىيلا بولىدۇ بۇ ئەھۋالدا ،
بۇ تەرەپلەردە ئۇلارنىڭ يوقاتقىنى بىزدىنمۇ كوپرەك بۇلىشى مۇمكىن ، ھالبۇكى بۇگۇنكى كۇندە ئۇلارنى ھىچكىم بىراۋغا ئوخشاتمايدۇ ، ئەكسىنچە زىيادە ئەقىللىق مىللەتلەرنى ئوخشىتىش كەلسە ئۇلار ئولچەم بوپ قالدى ، ئەكسىنچە باشقا قەۋىملەر ئۇلارغا ئوخشىتىلىدۇ ،،، ئالغان خۇلاسەم شۇكى بىزگە بىر نەرسە بەك كەم ،،،،،،

ugenguqi 2011-04-12 00:11
  دىمەك بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمۇ مۇشۇ ئەھۋالغا ئوپمۇئوخشاش . بىز ئۇيغۇرمۇ  ئەسلى "دۆت"ئەمەس . ئۆزگىنىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى بىزنىڭ  تۇرقىمىزنى "دۆت" قىلىپ كۆرسەتتى . بىزدە ئىللەت يوق ئەمەس . ئەمما ئۇنى تۇزىتىپ كىتىشكە تامامەن بولىدۇ . بۇ ھەرگىزمۇ دۇنياۋى چوڭ خاتالىقنىڭ بىشارىتى بولالمايدۇ ،.
  شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنيا مىللەتلىرى  سەھنىسىدە  كۆزىتىدىغان بولساق ، ھەرگىزمۇ  "چىرىك"، ياكى "دۆت"  مىللەت قاتارىدا سانالمايدۇ .،
.....................................................................................................................
خۇددى بىز ئۆزىمىزنى ،ئۆزىمىز باشقۇرىۋاتقاندەكلا ئىنكاس بوپتۇ .

ugenguqi 2011-04-12 00:18
ئەختەم ئۆمەركامنىڭ ئەسەرلىرى چىققاندا ھەممىمىز "راس"،"توغرا" دەپ كەتكەنتۇق ،ئەمدى بولسىمۇ كىم بىر نېمە دېسە شۇنۇڭغا ئەگەشمەي ،ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈپ -تەتقىق قىلىپ ئاندىن باھا بىرەيلى ! گۈلەن ئاكىمىزنىڭ ھىس قىلغانلىرى بىلەن ئەختەم ئۆمەركامنىڭ يازمىللىرى بىرلا تىنىق ئۈچۈن يىزىلغان ئۇ بولسىمۇ "ئۇيغۇر".

gulen 2011-04-12 00:50
نەقىل
بۇ 26قەۋەتتىكىhitaf402 يوللىغان 2011-04-12 00:01 غا قارتىلغان  :
ھازىر مىنىڭ ئىڭىمدا دائىم مۇنداق بىر نەچچە سۇئال توغىلىدۇ ، بىزنىڭ ھازىرقى بۇرچىمىز ئەنە شۇ كوپ خىل تەركىبلەرنى سىڭدۇرگەن مەدىنىيەتنىڭ مۇشۇ ھالىتىنى قوغداشمۇ ياكى ئۇنىڭدىكى سىرتقى مەدىنىيەتكە تەۋە بولغان ئىلمىنىتلارنى چىقىرىپ تاشلاشمۇ ،،، مەنچە باشتىكى يولدا ھازىرقىنى قوغدايمىز دىسەك بىز يەنىلا ئەنە شۇنداق ئوخشىتىشلارغا ئۇچراپ ياشىشىمىز تەبىي ،،، كىيىنكى يولدا بىز بۇ ئىلمىنتلارنىڭ كوپ قىسمىنى ئىلىۋىتەلمەيمىز ، جۇملىدىن ئەنە شۇ ئوزلەشكەن ئويغۇرلار بار ، بۇلار  تارىخقا پۇتۇلۇپ بولدى ،، تىلنى ساپلاشتۇرۇش تىخىمۇ مۇشكۇل ئىش ، ئۇنىڭغا غايەت زور بىر سياسى كاپالەت بولمىسا بولمايدۇ ،،، ئۇنىڭسىزمۇ تۇرۇكىيە فىلىملىرىدىن مەلۇمكى شۇلار تىلىدىمۇ يەنىلا مەلۇم نىسبەتتە ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سوزلەر بار ئىكەن ،،،،  
يانا بىر ئويلىغىنىم ، قايسى دولەتكە بارسا شۇ دولەتكە سىڭىپ كەتكەن يەھۇدىلار تارىخنىڭ بوران چوپقۇنىدا ئەسلى يىزىقىنى يوقاتقان ئىدى ،، مىللەت سىڭىشىش تەبىيلا بولىدۇ بۇ ئەھۋالدا ،
بۇ تەرەپلەردە ئۇلارنىڭ يوقاتقىنى بىزدىنمۇ كوپرەك بۇلىشى مۇمكىن ، ھالبۇكى بۇگۇنكى كۇندە ئۇلارنى ھىچكىم بىراۋغا ئوخشاتمايدۇ ، ئەكسىنچە زىيادە ئەقىللىق مىللەتلەرنى ئوخشىتىش كەلسە ئۇلار ئولچەم بوپ قالدى ، ئەكسىنچە باشقا قەۋىملەر ئۇلارغا ئوخشىتىلىدۇ ،،، ئالغان خۇلاسەم شۇكى بىزگە بىر نەرسە بەك كەم ،،،،،،

مەسىلە بىزنى بىرسىگە ئوخشاتسا رەنجىپ ياكى ھاياجانلىنىپ كېتىش ئەمەس بەلكى نېمىشقا ئوخشىتىۋاتقانلىقىنى بىلىش، ۋە خەق ئوخشاتقان ياتلارغا ئوخشىۋالماسلىق.
چىرايمىزدا پەرق بولسا ھىچ گەپ يوق، بىر مىللەت كىشىلىرى يۈز پىرسەنت بىر چىرايدىن بولىدۇ دېگەن گەپ يوق. پەقەت تىلىمىز، دىلىمىز، ھەرىكىتىمىزنىڭ بىرلىكىگە قايىل بولساق، شۇنىڭدىن سۆيۈنسەك بولىدۇ. بوۋىلاردىن قالغىنى بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز ئۇنى ئىسلاھ قىلىمەن، بوزىمەن، چۇۋۇيمەن دېمىسەكمۇ تۇرمۇشتىن يىراقلاشقانلىرى تەبىئىي يوقايدۇ، مەسىلە قاراپ تۇرۇپ سۈنئى يوقۇتىلىۋاتقان، بىزنىڭ ماھىيىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلۇق ئامىللىرىنى ساقلاش.

karabeg 2011-04-12 01:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئەپەندى!
مەن قارابەگ، مەن پىكىرلىرى جاۋاپسىز قالىدىغان، شۇنچە ئەستايىدىل، شۇنچە ماتىريال كۆرۈپ ئىنكاس يازسىمۇ ھىچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايدىغان قارابەگ! (بۇ گەپلەرنى گۈلەن ئەپەندىم ئۈچۈنلام دىدىم، داۋامى كۆپچىلىككە ئورتاق!)
سىز بۇ يازمىڭىزدا ‹‹ماۋزۇيىمىزدىن مەلۇم بولغاندەك، نوۋەتتىكى خاتىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ كىمگە سېلىشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ. شەيئىلەرنى بىلىشتە بىز ئوخشىتىشتىن قالسا سېلىشتۇرۇشقا مۇراجەت قىلىمىز. بىز بىر شەيئىنى بىلىشتە بىر بولسا ئۆزىمىزگە ناتونۇش شەيئىنى باشقا تونۇش بىر شەيئىگە ئوخشىتىۋالىمىز، يەنە بىر بولسا باشقا بىر شەيئىگە سېلىشتۇرىمىز. شەيئىلەرنى ئوخشىتىش ئارقىلىق چۈشىنىشتە  ئوخشالغۇچىنى بىلمسەك ھىچ گەپ يوق، ئوخشىغۇچىنى بىلسەك كۇپايە، ئەمما سېلىشتۇرۇشتا ئىككىلا شەيئىنى ئېنىق بىلىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ. تارىخقا قارىساق بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تۈركلىرنىڭ تىلىنى ئەرەبچىگە سېلىشتۇرغان. بوۋىمىز مەھمۇد ئىككىلا تىلدا كامالەت ئىگىسى بولغاچ سېلىشتۇرمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.›› دىگەن  پىكىرنى قىلىپسىز. بۇ خاتا!
ئەمما مېنىڭ قارىشىم مۇنداق: شەيئىلەرنى بىلىشتە سېلىشتۇرۇش ئەڭ موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن: يامانغا قاراپ ياخشىنى، پەسكە قاراپ ئىگىزنى، ئۆلچەمسىزگە قاراپ ئۆلچەملىكنى....... بىلىمىز. مىسالغا مىسال كۆپ، بۇنداق مىساللارنى ئېلىۋەرمىسەممۇ گۈلەن ئەپەندىم ۋە باشقا تورداشلار چۈشۈنىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە تەتۈرىسىچە ياخشىغا قاراپ ياماننى، ئىگىزگە قاراپ پەسنى، ئۆلچەملىككە قاراپ ئۆلچەمسىزنىمۇ ئايرىيمىز. بىلىش جەريانىدا سېلىشتۇرۇشتىن قالسا ئوخشىتىش موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ بىلىش پائالىيىتىدە ئىستىلىستىك ۋاستىلار ئىنتايىن موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار بولسا ماھىيەتتىن سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدۇر!
ئىنسانلار بىلىش جەريانىدا سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىلالمايدۇ. سىز ئوخشۇتۇلىشى دەپ ئالغان ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە سېلىشتۇرۇلۇش جەريانىدۇر! سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەڭ!
(دىققەت! گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىسىدىن قۇسۇر ئىزدىدى دۈگۈچىلەر، ئامىرىكىغا بېرىپ پىسخىلوگىيە دوختۇرغا كۆرۈنۈڭلار!)

gulen 2011-04-12 08:07
نەقىل
بۇ 30قەۋەتتىكىkarabeg يوللىغان 2011-04-12 01:01 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئەپەندى!
مەن قارابەگ، مەن پىكىرلىرى جاۋاپسىز قالىدىغان، شۇنچە ئەستايىدىل، شۇنچە ماتىريال كۆرۈپ ئىنكاس يازسىمۇ ھىچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايدىغان قارابەگ! (بۇ گەپلەرنى گۈلەن ئەپەندىم ئۈچۈنلام دىدىم، داۋامى كۆپچىلىككە ئورتاق!)
سىز بۇ يازمىڭىزدا ‹‹ماۋزۇيىمىزدىن مەلۇم بولغاندەك، نوۋەتتىكى خاتىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ كىمگە سېلىشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ. شەيئىلەرنى بىلىشتە بىز ئوخشىتىشتىن قالسا سېلىشتۇرۇشقا مۇراجەت قىلىمىز. بىز بىر شەيئىنى بىلىشتە بىر بولسا ئۆزىمىزگە ناتونۇش شەيئىنى باشقا تونۇش بىر شەيئىگە ئوخشىتىۋالىمىز، يەنە بىر بولسا باشقا بىر شەيئىگە سېلىشتۇرىمىز. شەيئىلەرنى ئوخشىتىش ئارقىلىق چۈشىنىشتە  ئوخشالغۇچىنى بىلمسەك ھىچ گەپ يوق، ئوخشىغۇچىنى بىلسەك كۇپايە، ئەمما سېلىشتۇرۇشتا ئىككىلا شەيئىنى ئېنىق بىلىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ. تارىخقا قارىساق بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تۈركلىرنىڭ تىلىنى ئەرەبچىگە سېلىشتۇرغان. بوۋىمىز مەھمۇد ئىككىلا تىلدا كامالەت ئىگىسى بولغاچ سېلىشتۇرمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.›› دىگەن  پىكىرنى قىلىپسىز. بۇ خاتا!
ئەمما مېنىڭ قارىشىم مۇنداق: شەيئىلەرنى بىلىشتە سېلىشتۇرۇش ئەڭ موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن: يامانغا قاراپ ياخشىنى، پەسكە قاراپ ئىگىزنى، ئۆلچەمسىزگە قاراپ ئۆلچەملىكنى....... بىلىمىز. مىسالغا مىسال كۆپ، بۇنداق مىساللارنى ئېلىۋەرمىسەممۇ گۈلەن ئەپەندىم ۋە باشقا تورداشلار چۈشۈنىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە تەتۈرىسىچە ياخشىغا قاراپ ياماننى، ئىگىزگە قاراپ پەسنى، ئۆلچەملىككە قاراپ ئۆلچەمسىزنىمۇ ئايرىيمىز. بىلىش جەريانىدا سېلىشتۇرۇشتىن قالسا ئوخشىتىش موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ بىلىش پائالىيىتىدە ئىستىلىستىك ۋاستىلار ئىنتايىن موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار بولسا ماھىيەتتىن سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدۇر!
ئىنسانلار بىلىش جەريانىدا سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىلالمايدۇ. سىز ئوخشۇتۇلىشى دەپ ئالغان ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە سېلىشتۇرۇلۇش جەريانىدۇر! سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەڭ!
.......

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قارابەگ
مەن ئىنكاسلىرىڭىزدىن مەمنۇن، چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزغا زوقلىنىمەن. ھالبۇكى مەن يازمىلىرىمغا بولغان ئىنكاسلارنى ماڭا تەۋە دەپ قارىمايمەن، مەنمۇ ئىنكاسنى مەلۇم قاراشنى چۈشەندۈرۈپ، ياكى تەھلىل قىلىپ يازىمەن. ئىنكاسىم ئادەتتە شەخسكە قارىتىلمايدۇ، مۇشۇ مەنىدە باشقىلارنىمۇ شۇنداق دەپ بىلىمەن. ئەگەر خۇسۇسى گېپىم بولسا ئۇچۇر يوللايمەن. مەنچە مۇشۇ يولغا چۈشۈپ كەتسەك ياخشى، ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەننىڭ مۈلىكىگە ئايلىنىدۇ، قانداق چۈشەنچە ھۆرلۈك. قولۇمدىن كەلسە ئىزاھلايمەن. مەن ئەسەرگە ئەمەس، ئاپتۇرغا، مەزمۇنغا ئەمەس مىسالغا قارىتىپ ئىنكاس يېزىشتىن ساقلانسام دەيمەن.
شۇڭا سىزنىڭ يۇقارقىدەك قاراش ھوقۇقىڭىز بار. ئەمما مەن بۇ يەردە دەۋاتقان ئوخشىتىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ شەيئىلەرنى بىلىشىدىكى ئوخشىمىغان ئۇسۇل. مەن بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، شەيئىلەرنى ئوخشىتىش ئارقىلىق تەسۋىرلەش ۋە بىلىش ئاممىۋىي بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيە كۆرۈش بىھاجەت. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىلىش بىر تەتقىقات ئۇسۇلى بولۇپ مەخسۇس مائارىپ تەربىيەسى بىلەن ئۆگىنىلىدۇ. سىزنىڭ خاتا دېگىنىڭىز ئوبدان بولدى، لېكىن نېمە ئۈچۈن خاتا دېگىنىڭىزنى قائىدە-تەدبىق-مىسال شەكلىدە يازسىڭىز مەن بىر نەرسە دەپ باقارمەن، ياكى دوستلار بىر نەرەس دەپ باقار، بۇنداق تومتاقلا دېسىڭىز نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىلى بولمايدىكەن. بەلكىم مەن بىلەلمىگەندىمەن، قالغىنىنى بىلگەنلەر چۈشەندۈرۈپ باقار.

amanxa 2011-04-12 10:06
مۇنبەرلەرگە كىرەلمەيدىغانلامۇ بادۇ؟

$vmid$ 2011-04-12 11:15
تىمىدا ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيەغۇ بەك ياخشى بوپتۇ . لىكىن ساقلانغان كەمچىللىكلەرنى ئېچىپ تاشلاپ ، تۈزىتىشكە تۈرۈتكە بولۇشمۇ يامان ئىش ئەمەس . ئەينى ۋاقىتتا خەنزۇ ئاممىسىمۇ ئاتاقلىق ئىدىبى لۇشۇننى شۇنداق دىگەن ، ھەتتا نۇرغۇنلىرى لوشۇننى ياقتۇرمايىتتى .

musicfan 2011-04-12 11:15
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلەن ئەپەندى . دىدار غەنىمەت !

tiltumar 2011-04-12 11:57
ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەدەبى ئاخپاراتى ئىلان قىلىنغانغا 20يىل بولدى.20يىل ئىلگىركى ئەھۋالىمىز قانداق ئىدى. ھازىر قانداق؟ پەرق يەنىلا بار. شەخشى تازىلىق مەسىلىسىدە ، خەنزۇلارمۇ چەتئەلگە چىقسا كۈلكىگە قالىدىغان ئىشلار ھازىرمۇ بار.ئەرەپ دۆلەتلىرىگە ئىشلەمچىلىككە چىققان خەنزۇ دىھقانلار ئايرۇپىلاندا ئولتۇرغاندا ، چەتئەللىكلەر ئۇلارنى < كىيىم -كىچەكلىرىدىن تۇرمۇشنىڭ پۇرىقى كىلىپ تۇرۇدۇ>دەپ تەسۋىرلىگەن.لىكىن ئۇلارنىڭ يۇقۇرى ئىش ھەققىنى كۆزلەپ ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغان لىقىدەك تىرىشچان روھىنى مەدھىلىمىگەن.
ئامرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ ، قايتىپ كەلگەن بىر خەنزۇ ئايالنىڭ < ۋەتەندە ،پۇل تىپىپ، ئۈستى -بىشىغا خەلقارالىق داڭلىق ماركىلىق كىيىم كىچەكلەرنى كىيۋالغان سودىگەرلەرنىڭ ئاممىۋى يىغىلىغلاردا قىلغان قىلىقلىرىغا قارىسام نۇمۇس قىلىمەن. مەن ۋەتەنگە قايتقاندىن كىيىن بىيىجىڭدا مەخسۇس يۇقۇرى كىرىملىك ئادەملەر ئۈچۈن بىر مۇراسىم ئەدەپ- ئەخلاقلىرى مەكتىۋى ئاچىمەن>دىگەن .

nurkizi 2011-04-12 13:11
   ئەختەم ئۆمەر ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرنى سويىدىغان يازغۇچى،بۇ تەرىپىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلار كۆپ بولمىسا كىرەك،لېكىن ئۇنىڭ بەزى سۈزلىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويىدۇ،مەن ئۇنىڭ "ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى"دىگەن ئەسىرىنى ئۇقۇپ ئۇنىڭدىكى ئادەم "ئەركەك جىنىس بىلەن چىشى جىنىسنىڭ غول ئۇمۇرتقىسىدىن ساقىغان تۇكرۇكتەك ئىككى تامچە سېسىق سۇدىن تۇرىلىپ،بىر تەرەپتە نىجاسەت،يەنە،يەنە بىر تەرەپتىە سۇيدكتىن ئىبارەت ئىككى سېسىقچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى بىر خالتىدا توققۇز ئاي توققۇز كۇن تۇرۇپ سېسىق يەرنى يالاپ يەرگە  چۈشىدۇ" دىگەن قۇرلىرىنى ئۇقۇپ بۇ كىتاپنىڭ ئاخىرىنى ئۇقۇغۇم كەلمىگەن،شۇنڭدىن كىيىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھېچقانداق كىتاۋىنى ئۇقۇپ باقمىدىم.چۇنكى ئادەمنىڭ يارىلىش جەريانى ئەڭ مۆجىزىلىك، ئەڭ پاك جەريان،بۇنداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەش بىر يازغۇچىنىڭ ئىشى ئەمەس.
     مىنىڭچە   باشقىلار بىزنى نىمىلا دىسۇن بىز يەنىلا ئۆزىمىز بۇلۇپ ياشىشىمىز، ئەڭ ئاۋال ئۆز ئوبرازىمىزغا ئۆزىمىز شەك كەلتۇرمەسلىگىمىز لازىم.
    

dildax418 2011-04-12 13:15
    گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىگە بەكلا قىزىققانلىقىمدىنمۇ ئىشقىلىپ يېزىلغان ئىنكاسلىرىغىچە ئوقۇپ كېتىمەن ، لېكىن بەزى ئىنكاسلاردىن بەكلا  كۆڭلۈم يېرىم بوپ كېتىدۇ ،نىمىشقا دېگەندە  بەزى ئىنكاسلاردا ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىزنى بەكلا يوققا چىقىرۋېتىپتۇ ،بۇ  ھەرگىزمۇ ئگختەم ئۆمەر ئاكىمىزغا يان باسقانلىقىمدىن ئەمەس ،بۇ ئاكىمىزنىڭ "يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام" ناملىق ئەسىرىنى مەن تېخى تولۇق ئۇقۇپ باقمىدىم ،شۇ يېرىمىدىن جىقراقىنى ئاڭلاپ باققان .لېكىن شۇ ئۆزۈم بىلدىغان چاغلاردا بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئارىسىدا خېلىلا داغدۇغا قوزغىغان ئەسەر ئىكەنلىكى يادىمدا . ئەمدى گۈلەن ئاكىمىزنىڭ بۇ تېمىسى چىقىپ بەك ياخشى بوپتۇ دەپ ئويلىسام ،بەزى تورداشلار ئەكىلىپ ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىزنى بىراقلا يوققا چىقىرىپ قوساق باقىدىغان ،....يەنە نىملەر قاتارىغا چىقىرىپلاۋېتىپتۇ،ئۇنداق قىلىپ كەتمەيلى ،باشتا،بۇ ئاكىمىزنىڭ "يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام " ناملىق  ئەسىرى چىققاندا باشلىرىڭىزنى مەمنۇنلۇق بىلەن لىڭشىتتىڭىزمۇ ،ياكى نىملەرنى دەپ مەدھىيلەپ كەتتىڭىزمۇ كىم بىلىدۇ ، ئەگەر يەنە كېيىنكى بىر كۈنلەردە گۈلەن ئاكىمىزنىڭ مۇشۇ ئەسەرلىرىدىن بىرىگە قارشى ، بىرى بىر نەرسە يېزىپ چىقسا شۇ چاغدا گۈلەن ئاكىمىزنىمۇ شۇنداق ئەختەم ئاكىمىزنى دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشى ئېنىق !  
        كۆپىنچە مۇشۇنداق مەسىلىلەر يېزىلغان تېمىلاردا بەكمۇ يېنىكلىك بىلەن مۇشۇنداق ئىنكاس يېزىۋەتكەنلەرنى كۆرۈپ قالىمەن .   كاللىمىزنى سىلكىۋېتەيلى قېرىنداشلار  بىرى نىمە دېسە شۇ تەرەپكە ئېغىپ كەتمەي ، سوغۇققانلىق بىلەن ئىنكاس بولسىمۇ ئىككى تەرەپتىن ياخشى ئويلىنىپ يازايلى ! ئەلۋەتتە ئادەم دېگەن خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان گەپ ، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان كىم با؟ ئۇنى خاتالىق ئۆتكۈزدۈڭ دەپلا بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتسەك بولماس؟
يېنىكلىك قىلغان بولسام كەچۈرەسىلەر تورداشلار ئىچىمدە ئويلىغانلىرىمى دەپ قويدۇم ، خاتالاشقان يەرلىرىم بولسا ئايىماي كۆرسەتكەيسىلەر!

hitaf402 2011-04-12 13:43
ئوگەنگۇچى توغرا دەيسىز ،، ئۇلارنىڭ قەلەم تۇتۇش مۇددىئاسى بىر ،، ئەمدى ماۋۇ ئەختەم ئومەرنى پىپەن قىلماي تىما ئوزىگە كەلسەك كوپچىلىك ،، تىما ئىگىسى ئوزى ھىس قىلغان نوقسانلىرىنى دەپ بولغۇچە سىلەر تىل سالغىلى تۇرۇپسىلەر ،، شۇ تۇرك ئەمەلىيىتى بىلەن ئەختەم ئومەر قەلىمى ئاستىدىكى تەسۋىرنىڭ پەرقىنى ئوزى بىۋاستە ھىس قىلغان گۇلەن سالماقلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويالايدۇيۇ ، بىز سەل ئىغىر بىسىق بولالمىساق قانداق بولغىنى ،،

بۇ تىمىنى كورۇپ بۇرۇن  بىر توردا بولغان مۇنۇ دىئالوگ يادىمغا يەتتى
قايسى بىر دولەتتە بىر ئويغۇر ئالىم ئالەم قاتنىشى تەتقىقاتىدا بۇسۇش خارەكتىرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۇرۇپتىكەن ، ھەممە بارىكاللاھ ئويغۇرنى جاھانغا تۇنۇتۇپتۇ دىيىشتى ،، ئارىدىن شۇنداق بىر ئىنكاس چىقتى ،بىر تۇرۇپ قارىسا كۇلكىلىك ، بىر تۇرۇپ قارىسا ئىچىنىشلىق

ئويغۇر دۇنياغا تۇنۇلمىسا نىمە بوپتۇ ،،، مەنمۇ جىق مىللەتلەرنى تۇنىمايمەنغۇ ،،

مانا يۇقارقىدەك ئۇيغىدا قالغان ئىدىيەلەر ئاينىۋەرسە ، ئويغۇر جاينىمىزى بىلەن ئەرەپكە ، چىرايى بىلەن تۇرۇككە ئوخشىتىلىپ ئوتىۋىرىدىغان گەپ ،، گەپ پەرىقلىنىمەن دەپ جاينىمازنى تاشلاش ، ياكى باشقا ئىشتا ئەمەس بەلكى خەقنىڭ ئىسىدە قالغۇدەك ياشاپ ئۇتۇشتە ،

turanshah 2011-04-12 18:04
نەقىل
بۇ 19قەۋەتتىكىerki يوللىغان 2011-04-11 15:42 غا قارتىلغان  :
ئەختەم ئۆمەر دېگەندەك قورساق ئۈچۈن يازىدىغانلارنىڭ  قەلىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار تولېمۇ مەدەنىيەتسىز، تۈگەشكەن مىللەت.
ئۇلار 20يىلغا يىقىن "ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەيدۇ" دېگەن بايراق ئاستىدا، ئۇيغۇرنى سۆكتى، تىللىدى.ئاخىردا ئۇيغۇرنى چۈشكۈنلەشتۈرۈش بەدىلىگە "قەلەم ھەققى"ۋە يالغان زىيالىيلارنىڭ ماختىشىدىن باشقا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىدى.  
ئەختەم ئۆمەر قاتارلىق بىر تۈركۈم يازارلار چەتئەلدە بىر كۈن ئىچىدە كۆرگەنلىرىگە تايىنىپلا ھاياجاندا بىر توم كىتاب چىقىرىدۇ، شۇ كىتابنى باھاسىنى تازا قىممەت قىلىپ،  ئۆزى تىللىغان "مەدەنىيەتسىز، كىتاب ئوقۇماس" مىللەتكە ساتىدۇ، تاپقانلىرىدا كېرىلىپ تۇرۇپ داۋاملىق تىللاپ يازىدۇ.
تومۇرۇڭدا ئاققىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بولسا، تىللاشنىڭ ئورنىغا، شۇ خاتالىق ۋە كەمچىلىكنى تۈزەشنىڭ يولىنى تاپ. ئۆزۈڭدىن باشلا ھەممىنى، ھېچ بولمىسا ئەتراپىڭدىكىلەرگە تەسىر قىل، ئويغات.  ھاراقنى يۈندە ئىچكەندەك ئىچىپ، قۇسۇققا مىلىنىپ يېتىشما.

تىلىمىزدىن پوق تامدۇرمايلى قېرىنداشلار.... باشقىلارغا بۆھتان چاپلاپ، غەيۋەتخورلۇق قىلمايلى... ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىز نى قورساق ئۈچۈن يازىدۇ دەپ كايىپ كېتىپسىز...... يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام دېگەن بۇ كىتاپ ئۆز ۋاقتىدا ئىككى يۈەندىن سېتىلغان... يەنە كېلىپ ھېچكىم بىرسىنى بۇ كىتاپنى ئال دەپ زورلاپ تاڭمىغان.... خەلق ئۆزى خالاپ سېتىۋالغان.... ئۇنچىلا ئىت مىجەز بولۇشۇپ كەتمەيلى..... چۆجىنىڭ شۇملىقىدىن مېكياننىڭ ئەمچىگى يوق دېگەندەك، بارماق بىلەن سانىغىدەك پىشقەدەم يازغۇچىلىرىمىزمۇ سىزدەك مەندەك پىتنىخور، غەيۋەتخور... قولىدىن پوق كەلمىسىمۇ خەقنى تىللاپ، سېسىتالايدىغان ئىت خوي قېرىنداشلىرىنىڭ غاجىشىدىن قورقۇپ بىر نەرسە يازمايدىغان بولىۋالدى....
ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام ناملىق ساياھەتنامىسىدە ئۇنداق مۇنداق سەۋەنلىك، خاتالىقلارنىڭ بولىشى مۇقەررەر... ئۇ ئاكىمىزمۇ پەقەت ئۆز تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، ھېچقاچان ئاخىرقى ھۆكۈم سۈپىتىدە پىكىر قىلغىنى يوق... (ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇ كىتاپتىكى بارلىق كۆز قاراشلارغا قوشۇلۇپ كەتمەيمەن....  كىتاپنىڭ سەلبىي تەسىرىنى مەنمۇ ئىتراپ قىلىمەن.) بىراق، سۆھبەت ئىلمىي بولغىنى ياخشى،  پىكىرىمىز بولسا گۆلەن ئاكىغا ئوخشاش ئىلمىي يۇسۇندا، پاكىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويساق، ھەممىمىز ئورتاق بەھرىلەنسەك  ياخشى ئەمەسمۇ؟؟؟؟؟؟؟     گۆلەن ئاكىنىڭ يازمىسىنى ناھايىتى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇدۇم... ئىچىمدە ئاپرىن ئوقۇدۇم،،، بىراق بۇ تورداشنىڭ ئىنكاسى  ماڭا گۈللۈك باغدىكى قاغىنىڭ غاقىلدىشىنى ئەسلەتتى.........   ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ......................  

mutallip.yak 2011-04-12 18:54
گولەن ئەپەندى بۇ تېمىسىدا ھەرگىزمۇ ئەختەم ئاكىنى سۆككىنى يوق،گولەن ئەپەندى پەقەت تۈرك مىللىتىگە كۈزۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ<<يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام>> دېگەن كىتاۋىدا تىلغا ئالغان ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ سېلىشتۇرمىسىدا غايەت زور پەرق بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.  بىزگە يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ ماقالىنى قانداق شارائىتتا ،قانداق مۇددا-مەقسەت بىلەن يازغانلىقى نامەلۇم.بەلكىم ئاشۇنداق زىددىيەتلىك ماقالىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى  بىزدە  تۈنجى قېتىم چەتئەلگە چىققان ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىتى بىلەن ئاشۇ تەرەققى تاپقان مىللەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا مەۋقەنى بولۇپمۇ  كەمچىلىكلەرنى ئاشۇ مىللەتكە ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ مىللىتىگە قويۇپ سېلىشتۇرغانلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.گولەن ئەپەندى مېنىڭ بۇ پىكرىمگە قانداق قارايدىكىن؟!

kumarajiwa 2011-04-12 20:19
گۅلەننىڭ بۇيازمىسىدىن ئەختەم ئۆمەرنى تەنقىتلەيدىغان بىرەر ئىزنانى ھېس قىلمىدىمغۇ؟
بۇ پەقەت مەلۇم مۇددانى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنلا كەلتۈرۈلگەن مىسالەن گەپلەردەك قىلىدۇ.

urkesh 2011-04-12 20:33
شۇنچە ئەھمىيەتلىك تېمىنى غەيۋەت بىلەن باشلاپسىلەردە..

sirdixim 2011-04-12 23:26
نەقىل
بۇ 42قەۋەتتىكىurkesh يوللىغان 2011-04-12 20:33 غا قارتىلغان  :
شۇنچە ئەھمىيەتلىك تېمىنى غەيۋەت بىلەن باشلاپسىلەردە..

مېنىڭچە سىزمۇ يازسىڭىز بولىدۇ. غەيۋەت بىلەن باشلىمايچۇ..
ئوقۇرمەنلەر ھامان چىقىدۇ.

qakmak5 2011-04-13 00:12
مۇشۇ ئۇيغۇر دىگەن بىز ئاجايىپ مىللەت جۇمۇ، تىز ھاياجانلىنىپ، تىزلا سويىمىز، 15-16يىلنىڭ ئالدىدا ھىچ بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى ئۆزىنىڭ پىسخىك كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىدە ساقلانغان قانداق ناچار ئادەتلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ھىچ بىر يازما يازمىسا ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىم، يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام دىگەن ئەسىرىنى يىزىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قانداق مىللەتلىكى بۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە پىسخىكىسىدا قانداق كەمچىللىكلەرنىڭ بارلىقنى بىلدۇرگەن ئىدى، پۈتۈن خەلىق باش مالتىقىنى چىقىرىپ ماختىدى، ھەممە ئادەم توغرا دىيىشتى، ئىھتىمال ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىم مىسال ئالغان ھىلىقى تۈركيلىك ئايال قىزىنىڭ پۇتىدىكى لاينى سۈرتكەندۇ ياكى سۈرۈتمىگەندۇ، ئەمما شۇ ۋاقىتتا ھەم ھازىرقى ۋاقىتتا  ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە تازلىققا رىئايە قىلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىلغار ئىددىيە ئۇيغۇر مىللىتىگە خۇددى ئابى زەمزەمدەك لازىم ئىدى ۋە لازىمدۇر، بۇنى ھەممە ئىتىراپ قىلىدىغان پاكىت.  ئەمما گۈلەن ئەپەندىم بۇنى مىسال قىلىش بىلەن بىرگە تۈركىيلىكلەرنىڭ مەلۇم يىتەرسىزلىكلىرىنى بايان قىلىپتۇ، گۈلەن ئەپەندىم شۇنداق دىيىش ئارقىلىق تۈركىيلىكلەرنىڭ مەدەنيتى بىز ئۇيغۇرلارغا يىتەلمەيتتى بىز ئۇيغۇرلار مەدەنيەتلىك مىللەت ئىدۇق دىمەكچىغۇ، بىزگە ھازىر موھىمنىڭ موھىمى تۈركىيلىك بولامدۇ ياكى باشقا چەتئەللىك بولامدۇ، باشقىلارنىڭ ئەيىپى ئەمەس، بىز ئۈگۈنىشكە تىگىشلىك ئىسىل پەزىلەتلىرى ئەخلاقى لازىمدۇر، بىزدەك ئەقىللىق، تىرىشچان، چىدامىلىق، ھورۇن، سۆرەمپالاس، روھى دۇنياسى خۇددى تەكلىماكان چۆلىدەك قاغجىراپ كەتكەن بىزدەك مىللەتكە ئەختەم ئۆمەرئەپەندىدەك بىر ئۇستا ئوپىراتسىيە دوختۇر لازىمخۇ دەيمەن.
قارىسام گۈلەن ئەپەندىمنىڭ بىر تىمىسىغا 50كە يېقىن ئىنكاس يىزىلىپتۇ، ئەمما ھۇش كاللىسىنى ئىشلىتىپ، يىزىلغان ئىنكاس ئاران 5-6،  ئوبدان ئويلىنىپ باقايلى، ئەختەم ئۆمەر نىمە يامانلىق قىلدى، قىلغان ئىشى، ئۇيغۇرنىڭ قۇم بوراندا توپا بىسىپ كەتكەن، سەزمەس بولۇپ كەتكەن، رودمىتلىشىپ كەتكەن، كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ دۇنياغا نەزەر سالسۇن دەپ، ئۆز روھىتىمىزغا ئازىراق ئوپىراتسىيە ئېلىپ باردىغۇ،  قارىسا تورداشلىرىمىز قىلغىنى قىلىق تاپالماي ھەممىسى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنى غاجاشقا چۈشۈپتۇ، تېخى بەزەنلەر ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنى غاجىمىدۇق، پەققەت خاتارلىقلىرىنى بايان قىلدۇق دېيششلىرى،
تورداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە گەپنىڭ ئوڭ تەتۈرىنى ئايرىماي ھەق راس تىيشىدىغان سوپى ئىشانلىدىن خىلى بار ئوخشايدۇ.
مەن سىزگە دىسەم گۈلەن ئەپەندىم بىز ئۇيغۇر مىللىتىگە بۇنداق ماختاش پەققەت ياراشمايدىغان مىللەت، يەنى بىز ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەردىن پاكىز، مەدەنيەتلىك دىسەك بۇ مىللەت ئۆزىدە بار ياخشى ئىشلىرىغىلا تاينىۋىلىپ پەققەت تىرىشمايدۇ، ئۆزىدە بار ئازغىنا نەرسىگە ئىشەك ئىتىم مىنىۋالىدۇ، ئىككى پۇتىنى ساڭگىلىتىپ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ماختاش ئەمەس، ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىدەك يامان گەپلەر بىلەن ئەيىپلايسىز، ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىمۇ تېخى يۇمشاق تىللاپ تاشلىدى، بولسا بۇنىڭدىنمۇ بەكىرەك ناھايىتى سېسىق گەپلەر بىلەن تىللىسىڭىزلا ياغدەك خوش يېقىپ تىرىشىدۇ، ئىزدىنىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ دەۋىرنىڭ نەرىدە سۆرىلىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىغان مىللەت،
بىز تىلۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلىمىگەندىكىن  ماختىمايلى، بۇ مىللىتىمىزگە بۇنداق ماختاش سۆزلىرى ھازىر بالدۇرلۇق كىلىدۇ.

gulvm 2011-04-13 00:25
يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ  مەدەنىيتى ئىسىل جۇمۇ !

qakmak5 2011-04-13 02:24
sayd7     ھاھا  سىز ياماقچىمۇ؟  باشقىلارنىڭ  ئىنكاسلىرىنى خىلى ئۆزگەرتىدىكەنسىزھە!

kokasman 2011-04-13 10:54
نىمە قىلىسىلەر بۇنداق تايىنى يوق تالاش تارتىشنى قىلىپ؟ ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە  ياخشى كىشىلەرمۇ ناچار كىشىلەرمۇ بولىدۇ .... ئۇيغۇرلارمۇ مۇستەسنا ئەمەس...ئادەملەر خۇدا ئەمەس ،ھېلىمۇ ئالقانچەلىك يەردە دۇنيانىڭ ئەڭ خىلۋەت جايىدا  موشۇنچەلىك زور  مەدىنيەت تارىخلارنى يارتىپ دۇنيانىڭ تەرەقىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ھەم قوشىۋاتىدۇ...دۇنياغا تونۇلىۋاتىدۇغۇ؟.........خەق قانداق قىلىپ تەرەقى قىلدى  بۇلارنى ئويلايدىغانغا ئادەم يوق،قايسىڭلار ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرالايسىلەر؟خۇدايىم تۇگىمەس بايلىقنىڭ ئۇستىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويسا  شۇنى بىلىدىغان  ئادەملىرىمىزدىن قانچىسى چىقتى؟شۇنى پىششىقلاپ قېزىشنى خىيال قىلغانلاردا ئىقتىساد بارمىدى؟ تارىقتىن بۇيان   ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋېچىلىق ھەم سودىگەرچىلىك بىلەن شوغۇللۇنىپ   چەت يىراق  جايلاردا ياشاپلا كەپتىغۇ؟ مەدىنيىتى تەرەقى قىلغان كىشىلەر يەنى ئەرەپلەر بىلەن سېلىشتۇرلۇپ ئەرەپ زىمىنىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق بايمىدۇ؟ ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ  ئۆزىنى راۋاج تاپقۇزۇش ئۇچۇن كوپ تىرىشچانلىقلارنى كورسىتىۋاتمامدۇ؟بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى يېزىپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا  ئۆزىنىڭ ھېسداشلىغىنى بىلدۇرسە ئۇنىڭ نەرى يامان؟ جەمىيەتتىكى ناچار ھادىسە ھەم ناچار كىشىلەرنى يېزىپ ھەممە ئۇيغۇرنى ناچاردەك كورسەتمىسە دەيمەن

adila01 2011-04-13 14:20
مەنمۇ كۈچۈرۋالدىم ، ئەھمىيەتلىك ، مەنلىك تىما .

sirdixim 2011-04-13 14:49
ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىز ئەينى ۋاقىتتا شۇ يازمىللىرى بىلەن ئىنقىلاپ خاراكتىرلىق كەيپىيات ياراتقان. بۇ ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ.
ئۈستىدىكى بىر تورداش دەپتۇ. ئۇيغۇر ئاجايىپ بىر خەق. دۇنيادا ئۇيغۇرنى چۈشەنمەكتىنمۇ قىيىن ئىش يوق. ئۇيغۇردا ھەرخىل پىكىر ئېقىمىدىكەر، ھەرخىل ئادەملەر كۆپ. ھەم ئوچۇق ئاشكارە. پەقەت رېئاللىق بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز تۈپەيلىدىنلا ھەممە قاراشلىرىمىز پەقەت ئۆزىمىز بىلەنلا تۈگەپ كېتىشكە مەجبۇر. بىزنى ھېچكىم توغرا چۈشەنمىگەچكە ، قاراشقا ھەممىسىگە ئاجىز كۆرۈنگەچكە ئۇيغۇرنىڭ تۈزۈك دوستىنىڭمۇ تايىنى يوق دوس بولۇشقىمۇ پېتىنالمايدۇ. قېرىنداشلىرى بار دىگەندىمۇ ئۇلارمۇ تايىنلىق. ئۇيغۇر تەنھا يەككە .بىزگە ياردەم قىلىدىغانلار ھامان بىزدىن بىرنىمىنى تەمە قىلىدىغانلار، بىزگە تېخى ئىنسانىيلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ھەقىقى باھا بېرەلەيدىغانلارنىڭ يېقىندا چىقىشى ناتايىن. ھازىرغىچە ئۇيغۇر توغرۇلۇق ماقالە ،ئەسەر يېزىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز مىللىتىنى چۈشەنمەيلا كۆزىگە كۆرۈنگەن بىر ئىشنى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرغا  سىڭدۈرۈپ ئۇيغۇرنى تەھلىل قىلىش تەخىرسىز مەسلە دىگەننى باھانە قىلىپ ئۆز كۆز قارشىنى توغرا قىلىشقا ئۇرىنىپ كەلدى.
گۈلەن ئەپەندىمنىڭمۇ بەزى سۆزلىرىدىن يازمىللىرىدن مىللىتىنى بەك چۈشۈنۈپ كەتمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بىراق گۈلەن ئەپەندىمدە سەمىمىيلىك بار، توغرا بولغان پىكىر يۆلىنىشى بار. ھازىرچە سەمىمىي بولسىلا ئۇيغۇر توغرۇلۇق گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالساق بولىدۇ.
گۈلەن ئەپەندىممۇ ئۇيغۇر توغرلۇق يېزىۋاتىدۇ. كۆڭلىنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمىز.
بىزگە ھەرقاچان سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىياتچان تەپەككۇر لازىم.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.042225 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us