رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر] -> ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

gulen 2011-04-03 05:29

ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ

گۈلەن

مەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قونۇپ يېرىم سائەتكە بارماي ئىئوردانىيىلىككە ئوخشۇتۇلدۇم.  ئانامدەك بىر ئەرەب ئايال ماڭا قاراپ شۇنداق جىدىدىي بىر گەپلەرنى دەپ كەتتى. ماڭا قارىتىپ تۆكىلىۋاتقان سۆزلەر مارجانلىرىدىن ئۇنىڭ جوردان دېگەن گېپىنى ئايرىۋېلىپ، <مەن جوردان (ئىئوردانىيە) لىق ئەمەس> دەپ ئېنگىلىزچە جاۋاپ بەردىم-يۇ، بىر ئېغىز ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان بۇ ئايالنىڭ ئوكيان ئاتلىغان غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. مېنى بۇ ئايال نېمىشقا ئەرەب دەپ قالغاندۇ؟ قاراپ باقسام قولۇمدا كۆتۈرۈۋالغان سومكامدىن جەينامىزىمنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. خىيالمىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودا نېمە ئۈچۈن ئەرەبلەرگە ئوخشتىلىدىغانلىقى كەچتى. بۇرۇن مەن بېيجىڭدا ئەرەبكە ئوخشتىلاتتىم. 2001-يىلى لەنجۇدا تالىبانغا ئوخشۇتۇلغانىدىم. ئىچكىرىدە خەنزۇلار، «تۇڭگان» لار ئاچقان «ئۇيغۇر» ئاشخانىلىرىغا يۈزىنى چۈمكەپ باشقا ئەزايى ئوچۇق قويۇلغان ئەرەب سەتەڭلىرىنىڭ رەسىملىرى ئېسىلىدىغانلىقىغا قاراپ قاراپ كۆپ سانلىقلارنىڭ بىزنى ئەرەبكە ئوخشىتىدىغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. جۇڭگودا ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىنو ئىشلەنسە ھەيۋەتلىك ئوردا، تەختتە ئولتۇرغان شاھ، قەسىرىدە ياستۇققا يۆلەنگەن بەگ ياكى سارىيىدا كىنىزەكلەرنىڭ يەلپۈشىدە يېنى ياتقان باي ۋە بۇلارغا ئۇسسۇل ئويناپ ناز كەرەشمە قىلىۋاتقان ساھىپجاماللار ئىكراندا زاھىر بولاتتى. بۇنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ كىتاپ ئوقۇپ باقسام بۇندىن يۈز يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن ئەنگىلىيە، فرانىسيەنىڭ كىنولىرىدا ئەرەبلەرنىڭ شۇنداق تەسۋىرلەنگەنلىكىنى بىلدىم. بىز ھەققىدە كىنو ئىشلىگەنلەر كىنونىڭ ئۈلگىسىنى غەرپتىن ئۆگەنگەچ غەرپنىڭ ئەرەب ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا تەدبىقلىغان ئىدى. قىزىق يېرى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى سۈرەتكە ئېلىش، رىژىسورلۇق قاتارلىق ئىشلار ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن چىققانغا قارىماي يۇقارقى "ئوردا ۋە سەتەڭ" كۆرۈنىشى داۋاملاشتۇرۇلغان ئىدى. مۇقامنى كۆرۈنۈشكە ئالغان مۇتەخەسىس ۋە سەنئەتكارلار  ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كېلىشىدە مەشرەپنىڭ ئاساسلىق شەكىل بولغانلىقىنى، مەشرەپتە ئويۇنچىمۇ، تاماشىبىنمۇ ئارىلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، مەشرەپتە ھەممە كىشىنىڭ مەشرەپچى سالاھىيىتىلا بولىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ چوڭ سەھنىلىك ئوردىلارغا ئەمەس مەھەللىۋىي مەشرەپلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقمىدۇ؟ قايسى كىتاپتا سەئىدىيە ئوردىسىدا شاھ، ئەمىر ۋە ۋەزىر ۋۇزرالارنىڭ ئوردىدا سەتەڭلەرنى ئۇسۇلغان سالىدىغانلىقى ھەققىدە، چەتئەل ئەلچىلىرىنى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ناز كەرەشمىلىك ئۇسۇلى بىلەن قارشى ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خاتىرە باركەن؟ مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدىكى غەرپ كىنولىرىدىن فىلىم ئىشلەشنى ئۆگەنگەنلەر ئەرەبلەرنىڭ ئوبرازىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىغا تەدبىقلاپ جۇڭگۇدىكى كۆپ سانلىقلارنىڭ ئېڭىغا مۇسۇلمان دېمەك ئەرەب دېمەك دېگەننى سىڭدۈرۈپ بولغانىدى. كىچىكىمىزدە خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنغان رەسىملىك كىتابلاردا ئەرەب قىزلىرىغا ئائىت مەزمۇنغا يۈزى ئېتىك باشقا يېرى چالا-پۇلا ئورالغان قىزلارنىڭ ياكى ئۇسۇل ئويناۋاتقان ياكى نازلىق بېقىپ ياتقان رەسىملەرنىڭ قىستۇرلىشىمۇ خەنزۇلارنىڭ ئەرەب-مۇسۇلمانلىرى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. دېمەك، غەرپنىڭ ئەرەب ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى مەملىكتىمىز كىنوچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىغا خۇرۇچ بولۇپ بۇ تەسەۋۋۇر خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ھەققىدىكى تونۇشىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىغا ئاساس بولغان. قىزىق يېرى ئامېرىكىدا ھېلىقى جەينامىزىمغا قاراپ مېنى ئەرەبمىكىن دەپ قالغان ئايالدىن باشقا مېنى ئەرەبكە ئوخشاتقان يەنە بىرىنى ئۇچراتمىدىم. پەقەت خەنزۇ تونۇشلىرىملا " تىلىڭلار قۇرئاننىڭ تىلىمۇ، سىلەرمۇ تۆت خوتۇن ئالامسىلەر، ئۇيغۇر قىزلىرى بەك سەتەڭ...تۆگە مىنىپ يۈرەمسىلەر..." دەپ سوراپ تۇراتتى. "قۇملۇق، تۆگە، سەتەڭلەر..." بۇ ئەسلىدە غەرپنىڭ ئەرەب ھەققىدىكى خىياللىرى ئەمەسمىدى؟

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرنى ئىسپانلارغا ۋە ئىتالىيانلارغا ئوخشاتقانلارنى جىق كۆردۈم ۋە باشقا ئۇيغۇرلاردىن تولا ئاڭلىدىم. بىزنىڭ فاكۇلتىتتا ئاتا-ئانىسى ئىتاليان بىر پروفېسسور بار، ھوشۇر قارىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ. ئىسپانىيەنىڭ كاتالان دېگەن ئاپتونۇم رايۇنىدىن كەلگەن بىر قىز بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىپ تاس قالدىم، مېنىڭ كورلىلىق ساۋاقدىشىم گۈلشەنكەنغۇ! دەپ ئۇيغۇرچە گەپ قىلغىلى. تارىخقا قارىساق ئىسپانىيىنى مۇسۇلمانلار قۇرغان كوردۇۋا خەلىپىلىكى 800 يىلغا يېقىن باشقۇرغان. پەيغەمبىرىمىز زامانىدىلا ھەدىسلەردە تەسۋىرلىنىشكە باشلىغان (ئۇيغۇر) تۈركلەرنىڭ ئىسپانىيىنى فەتىھ قىلغان مۇسۇلمان قوشۇنى ئىچىدە بەلگىلىك ساندا بولغانلىقىنى مۆلچەرلىمەك تەس ئەمەس. 860-يىللاردا مىسىردا قۇرۇلغان تولۇنىيە خانلىقىنى ئوغۇز تۈركلىرىدىن بولغان تولۇن جەمەتىنىڭ قۇرغانلىقىنى ئەسلىيەلىسەكلا ئىسپانىيىنى فەتىھ قىلغان مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر-تۈرك ئەسكەرلىنىڭ بولغانلىقىدىن شەكلەنمەيمىز. مەھمۇد قەشقەرى 20 يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر توپراقلىرىنى كېزىپ يېزىپ چىققان قامۇسى «دېۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى قاراخانىلارنىڭ بۇغراخانىغا ئەمەس، ئابباسىلار خەلىپىسى ئابدۇللاھ مۇقتەدى بىئەمرۇللاھقا تەقدىم قىلغان. بۇنىڭدىن بىز قاراخانلار ئىمپىرىيىسىدە يارىتىلغان ئۇيغۇر-تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ سەۋىيىسى سەۋەبلىك ئەرەب بىلەن ئۇيغۇر چىگرسىنىڭ قانچىلىك تۇتۇقلاشقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ئەگەر بىز ئوغۇز تۈركلىرنىڭ قاراخانىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىزىغا ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن ئىستانبولنى باشكەنت قىلغان ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، بۇ ئىمپىرىيەنىڭ ياۋرۇپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىنى تۇتاشتۇرغان ھۆكۈمرانلىقىنى 600 يىل داۋام قىلغانلقىنى ئۇلاپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىشقا ئىسپانلار ۋە ئىتالىيانلارغا ئوخشايدىغانلىقى رۇشەنلىشىدۇ. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ياۋرۇپا ئىستىلاسىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر دانىشمەنلىرى ۋە قوشۇنلىرى ھازىرقى ئەۋلادلىرىنى خىيال قىلساق ئوخشاپ قېلىشلارنىڭ سىرىغا يېقىنلىشىمىز. ئىتالىيەنىڭ خېلى چوڭ بىر قىسمى نەچچە يۈز يىل ئوسمانلى ئىمپىرىرىيىسىنىڭ ھامىسىدە بولغان. ئىسپانىيىنى مۇسۇلمانلار 800 يىل باشقۇردى. ئەھمىيەتلىك يېرى ئىسپانىيەنى سەككىز يۈز يىل باشقۇرغان مۇسۇلمانلار ئىسپانلارنىڭ تىلىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنمىغان. ئىتالىيەنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسىمنى فەتىھ قىلغان تۈركلەر ئىتالىيانلارنى تۈركلەشتۈرۈشكە زورلۇق ئىشلەتمىگەن. بەلكىم 600 يىللىق ۋە 800 يىللىق ھۆكۈمرانلىقنىڭ سەۋەبلىرى مۇشۇنداق مەدەنىيىلىك- ئۇيغارلىقلارغا باغلانسا كېرەك. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرغا ئوخشاپ قېلىشى تۇرغان گەپ، ئۇلارنىڭ قېنىدا ئۇيغۇر ئامىلى بولۇشى تەخمىنگە يېقىن. بۇلارنى ھىساپقا ئالمىغاندىمۇ ئوتتۇرا دېڭىز ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغا ماكانلاشقانلار بىلەن تارىم ئاھالىسنىڭ ئىرقى ئورتاقلىقى ئارخولوگلارغا تېپىشماق ئەمەس. ئامېرىكىدا ئىسپان تىپىغا كىرىدىغان كىشىلەر ئاق تەنلىكلەردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغان بولغاچقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېڭىدا يوچۇن چىراي كىشىلەر ئىسپانلاردەكلا كۆرۈنىدۇ. بۇمۇ بىر سەۋەپ ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە بىز قارشى تەرەپنى كىمگە ئوخشۇتۇپ تەسەۋۋۇر قىلساق شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

ئامېرىكىغا كېلىپ كۆزىتىشىمچە ئۇيغۇرلار ئىرانلىق، ئافغانىستانلىق، موڭغۇلىيەلىك ۋە ھىندىستانلىقلارغا بەكرەك ئوخشايدىكەن. بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى تىلغا ئالمىدىم. شۇنىسى ئىنكارسىزكى، ئامېرىكىلىقلارغا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، ئەزەربەيجان، تاتار دېگەنلەر ئوخشاش. بۇ تىللار بەزى مەكتەپلەردە بىر فاكۇلتىتتا، بەزىدە بىر ئوقۇتقۇچى تەرپىدىن ئۆگىتىلىدۇ. بەزىدە ئافغانىستانلىق، ئىرانلىق قىز-يىگىتلەرنىڭ چىرايىدىن، قىلىقىدىن شۇنداق ئېنىق ئۇيغۇرچە ئىپادىلەرنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالىمەن. تارىخقا قاراپ باقسام، ئۇيغۇرلار چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ تارىمغا كەلگەن موڭغۇللارنى ئىختىيارى ئۇيغۇرلاشتۇرغاندىن باشقا، كېيىنچە چىڭ ئىمپىرىيىسدىن مەغلۇپ بولۇپ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنى پانا تارتىپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ جۇڭغار قەبىلىسى ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن زېمىنىمىغا كەلگەن خۇشۇت، تۇرغۇت، قاتارلىق قەبىلىلەرنى قوينىغا ئالغان ئەمما مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيەگە كۈچىمىگەن ئىكەن. شۇنداقكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا موڭغۇل ئىلمىنتى بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنداق چىرايدىكىلەرنى خەنلەرگە ئوخشتىشى ھەقىقى خەنلەرنى كۆپ كۆرمىگەنلىكىدىن ۋە خەنلەرنىڭ ئەسلى ئىرقى مەنبەسىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولغان. شىمالدىكى خەنلەر ئەمەلىيەتتە خەنزۇۋانلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر، موڭغۇل، مانجۇ ۋە بۇلارنىڭ ئورتاق ئەجدادىغا يېقىنلىشىدىغان ھونلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرىدۇر. يىپەك يولىنىڭ بەرپاچىلىرى ۋە پاسىبانلىرى بولغان بوۋىلىرىمىز غەربى تەرپىمىزدىكى ئىران سودىگەرلىرى ۋە مۇساپىرلىرىغا ئۆي ئوتاق، يەر سۇ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرغاچقا قېنىمىزغا ئىران تەسىرى ئارىلاشقان بولۇشى مۇمكىن. غەرىبىي جەنۇپتىكى قوشنىمىز ئافغانىستان، پاكىستان، بېنگال ۋە ھىندىستانلارنى بوۋىمىز بابۇر 16-ئەسىردە قۇرغان ئىمپىرىيە 18-ئەسىرگىچە تەسەررۇپىدا تۇتقاچقا ھىندىستانلىقلارنىڭ قېنىغا ئۇيغۇر تەركىبى سىڭگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇلار يالغۇز چىراينىڭلا ئوخشاشلىقى ئەمەس. بىز ئىستىمال قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللۇنىلىدىغان لاچىن دانى، قورزاق داچىن، قەلەمپۇر قاتارلىقلارنىڭ ھىندىستاندىن كېلىشى، پولۇ، كاۋاپ، سامسا، سامبۇسا، تونۇر قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش دېيىلىشى بىزدىكى بىردەكلىكلەرنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. قاسىم قارى ھاجىم، ئابدۇلئەزىز مەقسۇم، تەجەللى قاتارلىق زاتلارنىڭ مومباي-دېھلىدە ئوقۇغانلىقى، خوتەن، قەشقەر، كۇچالاردىكى ھىندى سارايلىرى نەزەرلىرىمىزنى تېخمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئەگەر كۆزىمىزنى تېخىمۇ يىراققا تىكسەك ئارىيانلارنىڭ ئىران ئېگىزلىكى، تارىم ۋادىسى ۋە شىمالىي ھىندىستاندا يەرلىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ بۈگۈنكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىنى كامىدا ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئەسئەت سۇلايمان يىپەك يولى «خاراپ» بولغانلقى سەۋەبلىك نەچچە يۈز يىل داۋاملاشقان جۇغراپىيلىك يېتىملىك، سىياسى بىتەلەيلىك، ئىقتىسادىي بېكىنمىچىلىك ۋە مەدەنىيەتتىكى تۇرغۇنلۇق تارىمنىڭ غېرىپلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەن دەپ تەخمىن قىلغان. ئەسئەت مۇئەللىمنىڭ قارىشىچە يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئاڭ سۇسلاپ، ئىتتىپاقسىزلىق ئەۋج ئالغان. ئۇيغۇردا مۇقام ۋە تىل ئورتاقلىقىلا قالغان. مەنچە بۇ يەردە ئۇيغۇر پېتىشماس غېرىپ-غۇرۋالارغا ئوخشۇتۇلغان. ئۇيغۇرنى كىمگە ئوخشۇتۇش، يەنى ئۇيغۇر كىملكىگە ھۆكۈم قىلىش بىز قاراۋاتقان ئەينەككە باغلىق. بۇ يەردە ئىككى ئەينەك بار. بىرى بوۋىلاردىن قالغام تارىخ ئەينىكى يەنە بىرى بىز يۈزلەنگەن رىياللىقتىكى ئەينەك. بىز ئەگەر بوۋىلارنىڭ خاتىرسىنى كۆرسىتىدىغان تارىخ ئەينىكىگە ئەمەس، رىياللىقتىكى ئۇيغۇرنىڭ يۇقارقى مىللەتلەر بىلەن ئوخشاشلىقىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلساقلا ئۇيغۇرنىڭ خوشنا خولۇمدىن ئايرىلىپ ئۇنچە غېرىپ ياشىمىغانلىقى بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەسئەت سۇلايماننىڭ بۇ تەھلىللىرىدە ۋە چىقارغان خۇلاسىسىدە ئەكىس ئېتىۋاتقىنى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقسىز دېگەن پەرەز ۋە سىتالىننىڭ مىللەت تەبىرى. 20- ئەسىردىكى بىر سىياسىيۇننىڭ گېپىنى ھىچ كىمنىڭ تەبىرىگە ھاجەتسىز نەچچە مىڭ يىل بۇ توپراقلاردا ياشىغان خەلققە تەدبىقلىسا، رىياللىقتىكى ئىمكانسىزلىقتىن بولغان تەشكىلسىزلىكنى تارىختىكى رىياللىققا ئوخشاتسا خۇلاسە خاھىشىقا بېقىپ بولىدۇ. بۇنى رىياللىققا قاراپ تارىختىن خۇلاسە چىقىرىش، يەنى رىياللىق ئەينىكىدىن ئۆتمۈشنى كۆرۈش دەيمىز. زىيالىلار دائىم رىياللىققا قاراپ تارىخنى شەرھىلىسە، ئاۋام رىياللىققا تارىخى خاتىرىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ يەنىلا ئەينەك پەرقى. زىيالىنىڭ قولىدىكى ئەينەك ماركىسنىڭ ياكى خەنلەشكەن ماركىسنىڭ ئەينىكى، ئاۋامنىڭ قولىدىكى ئەينەك بوۋا مومىلاردىن قالغان. رىياللىق ئارقىلىق تارىختىن خۇلاسە چىقىرىش خاتالىقىغا مەنمۇ كۆپ ئۇچرىغان. ماڭا بەك تەسىر قىلغان بىر قانچە ئىشنى ھازىرغىچە ئۇنۇتالمايمەن. 2001-يىلى لەنجۇغا خىزمەتكە بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر ئاكا دېمەتلىك ئۇيغۇر بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. گەپ تۇڭگان، موڭغۇللار ئۈستىگە كۆچكەندە ئۇ ئاكىمىز ‹سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى تۇڭگان، موڭغۇللار ئۇيغۇرچە ئۇقمامدۇ؟› دەپ ھەيران قالدى. مەن ئۇنىڭ چىرايىدىكى ھەيرانلىققا قاراپ ھەيران قالغانتىم. كېيىن سۈرۈشتۈرسەم غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىغىچە شىنجاڭدىن كەلگەن موڭغۇل، ئورۇس، تۇڭگان، داغۇر، شىبە قاتارلىق مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۇيغۇرچە ئۆتۈلگەنىكەن. شۇندىن كېيىنلا ئۇ ئاكىمزىنىڭ ئەمەس ئوزەمنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئاڭقاردىم. 95 -يىلى خوتەندىن ھەج رەسمىيىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن كاندىدات ھاجىلارغا تەرجىمان بولۇپ بەردىم. پاكىستان ئەلچىخانىسىغا بارغاندا ئۇلار مېنى كېرەك قىلماي كىرىپ كېتىشتى. سورىسام ‹ ئۇكاما بۇ ھىندىستان پاكىستانلىقلار دېگەن بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلىدۇ. دادىلىرىمىزنىڭ زامانىدا ئۇ يەرلەر بىزگە قوغۇنلۇقنىڭ يولى ئكەندۇق › دەيدۇ. ئۇلار پەقەت ئەلچىخانىدىن سالپىيىپ ئىلتىماس جەدىۋەلنىمۇ ئالالماي قايتىپ چىققاندىلا باشقا ساقاللىق ئۇيغۇرلار پاكىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ئىتىراپ قىلىشتى. ئۇچاغدا ماڭا بۇ كىشىلەر تولىمۇ نادان تۇيۇلغان ئېدى. ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇلار دۇنيانى 49-يىلدىن بۇرۇنقى بوۋىلىرىنىڭ سەلتەنەتلىك خاتىرىسى بويىچە چۈشىنىدىكەن. يىراق يېقىندىكى بۇنداق شىرىن خاتىرىلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ جاھانغا تىك بېقىپ، قورقماي يۈزلىنىشگە نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى تۈرتكە بولۇپ كەلگەنىكەن. ئەمدى بىز دۇنياغا يا بوۋىلارنىڭ خاتىرىسى بويىچە يۈزلىنەلمەي، يا ھازىرقى ئەمەلىيىتىمىز بويىچە يۈزلىنىشتىن خاۋاتىرلىنىپ ياكى پۇرسەت تاپالماي يۈرۈپتىمىز. بەزىدە نەچچە مىڭ كېلومېتىر يىراقتىكى خەقلەرنىڭ «بىچارە» ھالىتىگە ياقا يىرتىپ كېتىشىمىزنى ئويلىسام شۇنچە جىق ئادەمنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتارلىقى ياكى سەلتەنەتلىك بوۋىلارنىڭ دۇنياغا پاسىبان بولغان سالاپىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇماندا قالىمەن . بەزىدە خەقنى ئۆزىمىزگە ئوخشۇتۇپ قېلىۋاتامدۇق نېمە، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. بۇنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئىتىبارغا تولغان موھتىمىز بىزنىمۇ باشقىلارغا ئىتىبار قىلىشقا مايىل تەپەككۇرغا كۆندۈرمەي قالارمۇ؟ 1993- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيغۇرنى قالاققا، جايىلغا، ھەسەتخورغا، ھورۇنغا، شەھۋەتخورغا، چېقىمچىغا، پېتىشماسقا...ئوخشاتتى. بۇ ئوخشۇتۇشلارغا ئاخباراتلار گۇپپاڭچىلىق قىلدى، ئەزەلدىن موللا ئۆلۈمالىرىنى چوڭ بىلىپ كەلگەن خەلقىمىزمۇ ئۈنسىز خېرىدارلىق قىلدى. 2003-يىلى مەلۇم ئالى مەكتەپتە خەنچە ئوقۇغان بىر سىنىپقا ئۇيغۇر مەدەنىيىدىن دەرەس بەردىم. تېما ئۇيغۇرلارنىڭ سانائىتىگە كەلگەندە « ئۇيغۇرلار 1890-يىللاردا گېرمانىيىدىن زاۋۇت سېتىۋېلىپ غۇلجىدا زامانىۋىي خۇرۇم كارخانىسى قۇرغان» دېسەم، قىرىق نەچچە شۈبھىلىك كۆز ماڭا تىكىلدى. ئارىدىن بىر قانچىسى چۇقىرىشىپ «مۇئەللىم ئۇنداقتا نەسرىدىن ئەپەندى فىلىمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى يالڭاياق چىقىدىكەنغۇ؟» دېيىشتى. ئۇلار ھەدېسە ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىرىدىن قاقشىشاتتى، سىنىپتىكى كىچىككىنە ناچار ئىشلارنىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوقسانلىرىغا دۆڭگىشەتتى. بىر مەۋسۈم دەرس ئۆتۈپمۇ، ئۇلارنى ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئىختىرالىرىغا ئىشەندۈرەلمىدىم.  ئۇلار بىر بولسا 50-60 يىللاردا ئىشلەنگەن كىنولاردىن مىسال ئېلىپ قايىل بولمايتتى، يەنە بىر بولسا رىياللىققا سېلىشتۇرۇپ گۇمانلىناتتى. بىر مەۋسۈم دەرس ئۆتۈپ ئۇلارنى ئۇيغۇرنىڭ پەزىلتىگە قايىل قىلالىدىممۇ بىلەلمىدىم. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرنى زىيالىلار قانداق ئاڭدا تۇرۇپ، قانداق پەزىلەت ۋە خۇلق نوقتىسىدىن كۆزەتسە ئۇيغۇر شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

مەيلى چەتئەللىكلەر ياكى ۋەتەنداشلار بولسۇن خەقنىڭ ئەڭ ئاۋال، ئەڭ ئاسان  باھا بېرىدىغىنى چىرايىمىز. كىرورەن گۈزىلى، مۆرەن گۈزىلى، ئارتۇچ ئادىمى ۋە چەرچەن ئادىمى قاتارلىق تاشقاتما جەسەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا شۇنچە قىزىقىش قوزغىشى خەقلەرنىڭ چىرايمىزدىن تارىخىمىزنى بايقاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى. چىرايىمىزدىن قالسا كىشىلەرنىڭ بىزنى باشقىلارغا ئوخشۇتۇشىغا سەۋەپ بولىدىغىنى گېپىمىز ۋە قىلىقىمىز، مەن مۇشۇ كۈنگىچە خەنزۇلارنىڭ "سىلەرنىڭ تىلىڭلار تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشايدىكەن" دېگىنىنى ياكى بىزنى يېقىنراق كېلىدىغان مىللەتكە ئوخشاتقىنىنى كۆرمىدىم. ئامېرىكىدا تىلىمىزنى تۈركچىگە ئوخشاتقان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇققانلارنىڭ تىلىغا ئوخشاتقانلارنى خېلى ئۇچراتتىم. بۇندىن باشقا ئامېرىكىدا بىزنىڭ ناماز، ئىبادەتلىرىمىزگە قاراپ بىزنى مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقلىقلارغا ئوخشتىدىغانلار كۆپ. ئوخشۇتۇشلاردىن ئۇيغۇرغا يېقىنراق كېلىدىغانلىرىنى ئىچكى جوڭگۇدىلا ئەمەس، ئۈرۈمچىدىمۇ ئاڭلىيالمايمىز. بۇ ئوخشتۇتۇشلاردىن بىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىگە تاشلىنىۋاتقان  كىملىكىمىزنىڭ چىراي، تىل ۋە ئورپ ئادەت، شۇنداقلا دىندىن ئىبارەت ئۈچ قاتلىمىنى بايقايمىز. خەنزۇلارنىڭ ئوخشۇتۇش نىشانى بۇرۇن ئەرەب ئېدى، ھازىر تالىبان قوشۇلدى. بىزنى ئەرەبكە ئوخشۇتۇپ كەيدۈرىۋاتقىنى ئاللىقاچان تارىخقا ئايلانغان مۇستەملىكىچىكنىڭ جەندىسى ئېدى، بۈگۈن ئاشقۇنلارنىڭ تەلپىكى بولماقتا. بىز داۋاملىق باشقىلارغا ئوخشۇتۇلدۇق، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس تونىمىز ۋە بۆكىمىز ھىچ كىمنىڭ خىيالىدا يوق. بۇنداق ئوخشۇتۇشلاردا دائىم خەقلەر بىز ئۈچۈن ئۆلچەم بولدى، بىز پەقەت ئوخشالغۇچى بولدۇق. مەنچە بىز ئاۋال باشقىلارنىڭ بىزنى كىمگە ئوخشۇتۇۋاتقانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئوخشۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز زۆرۈر. بولمىسا يۇقارقىدەك خەق ئەرەبكە ئوخشاتسا كىندىكىنى ئېچىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان، ياۋايىغا ئوخشاتسا تۈگمىسىز كۆينەك كېيىپ تۈك مەيدىمزىنى ئېچىپ ھەزىلكەشلىك قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. ئۇيغۇر بۇندىن كېيىن كىمگە ئوخشايدۇ؟ مەنچە بىر مەنىدە ئۇيغۇرنىڭ كىمگە ئوخشىشى قاراۋاتقان ياكى قارىيالمايۋاتقان ئەينەككە باغلىق. يەنە بىر مەنىدە، ھازىرقى ئۇيغۇر يۈزلىنىپ تۇرغان ئەينەكنىڭ كىمگە ئوخشاتماقچى بولغىنىغا باغلىق.

kadimitax 2011-04-03 13:13
يەرشارى توختىمايلام چۆگىلەيدىكەن، ئۇيغۇر ئەمەس ئىنسان ھەر نىمىگە ئوخشايدۇ ھەم ئۇنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ، ھازىر مىللەتلەر بىر بىرىگە ئوخشىسا ئۇ چاغدا ھايۋنلارغىمۇ ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن،

aptapliq 2011-04-03 13:55
شېرىن ئەسلىمىلەردەكلا.........................................

dellyar571 2011-04-03 13:59
بەزى ئۇيغۇر تىلىدىكى  يازمىلاردا كۆك كۆز، سىرىق چاچ چەت ئەللىكلەر دىگەن بايانلارنى كۆرگىنىمدە نىمىشقىدۇر بىئارام بولۇپ قالاتتىم چۈنكى مىنىڭ بىر نەرۋە ھەدەمنىڭ كۆزلىرى دىڭىز سۇيىدەك كۆك ئىدى ،يەنە چوڭ دادامنىڭ كۆزدىنمۇ كۆك نۇر چاقتاپ تۇراتتى .يەنە يىقىن بىر يىقىن دوستۇمنىڭ  چاچالىرى ئادەتىكى سىرىقلاردىن  ئامەس بەلكى بوياپ قويغاندەك ساپ سىرىق ئىدى .شۇڭا كۆك كۆز ۋە سىرىق چاچلىقنى  ئەزەلدىن چەت ئەلىلەر دىگەن سۆز بىلەن باغلىۋالمايىتىم .
كىيىن خەنزوچە يازمىلاردا بۇ ئىپادىنىڭ كۆپ ئىشتىلىدىغانلىقىنى كۆرۇپ ئوي پىكرىنىڭ خىمىتۇرۇچى خەنچە يازمىلاردىن ھاسىل بولغان ئويغۇر زىيالىرىنىڭ يازامىلىرىدا بۇ خىل مايىللىق بارمىكىن دەپ قىياس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم   راست دىگەندەك    بىر قىتىم تىلىۋىزوردا ئۆزەم خىلى ھۆرمەتلەيدىغان مىڭ كو خەن بىر ئالىم كىشىىنىڭ كۆك كۆزلەرگە دەرىس ئۆتتىم دەپ پەخىرلەنگەندەك سۆز  قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، قىياسلىرىمنىڭ  بىر ئاز دەلىلىنىشى بىلەن  مۇشۇ گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىسىدەك ئۇيغۇرنىڭ تاشقى كۆرنىشىنى يىپ ئۇچچى قىلىپ تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان ماقالە يىزىپ بىقىش ئويىغا كەلگەندىم  
ھازىر ھەر يەردىن ھەر خىل پىكىرلەر بىلەن ئۇچۇرشىۋاتىمىز بەزىدە ماڭا مۇنبەلەردە  ئۇيغۇر تىلىدا ئەرەپلەر بىلەن يەھۇدىلار ياكى خەنلەر بىلەن ئىنگىلىزلار مۇنازىرەك قىلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ  .يەنە بەزىدە ھەتتا زىيالىلار يازغان  كىتاپ ماقالىلارنىڭ  قايسى كىملىكتە  يىزىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي قىلىمەن،   زىيالىرىمىزنىڭ ئۆزنى ۋە  ئۆتمىشىنى بىلىشتىن بۇرۇن  تەرجىمە پىكىر ۋە پەلسەپەلەر بىلەن كالىسنى ئالدىراپ تولدۇرۋىلىشى ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ خەلىقنىڭ يۇرىكىگە ئورۇنلاشقىدەك سۆز ياكى ئىش قىلالماسلىقى ئاخىقى ھىسپتا سەرخىللارنى جامەئەتتىن ئايرىپ قويىدۇ .بۇ يۇزلىنىشنى تىزگىنلىمەكچى بولساق بىز ئۇ يەر بۇ يەردىن تىرىپ كەلگەن بايانلىرىمىزنى بازارغا سىلىپ كىبىرلىنىشتىن چىقىپ سەمىيمى شەكىلدە ئۆزىمىز ۋە تارىخمىزغا يۇزلىنىشمىز لازىم،    

y.n.elqut 2011-04-03 15:32
gvlen akining uyghurlar kimge oxshaydu digen temini tutqa qilip turup ygshken sherhisi etnik jehettin bolsa mining tebirim , kimlik tuyghusi ajizlar yaki bundaq tuyghu bop baqmighanlar peqet sheklen insan,gha oxshaydu .
gvlen akigha rehmet .

aman121 2011-04-03 15:40
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىن  كىمگە ئوخشاپ قىلىشى مۇھىم ئەمەس(چۈنكى ، مېنىڭچە ئۇ مۇقەررەرلىك،ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا بېشىدىكى ئىش ئەمەس) مۇھىمى قانداق ئوخشاپ قېلىشىدا...

tepekkurchi 2011-04-03 20:08
گۈلەن ئەپەندىم، ئەسەرلىرىڭىزنى قىزىقىپ ئوقۇپ كىلۋاتىمەن. ھارمىغايسىز.
بىراق بۇ ماقالىڭىزدە سەل يەڭگىللىككە يول قويۇپسز.  تارىخ، ئىرىق مەسىللىرىدە  ئىسپاتلانمىغان قىياسلارنى پاكىت ئورنىدا ئىشلىتىپ يەكۈن چىقىرىشتىن ساقلانغايسىز.
ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتالىيەلىكلەرگە ئىسپانىيەلىكلەرگە ئوخشاپ قىلىشى ھەرگىز تۈرك، ئەرەپلەرنىڭ ئىتالىيە ئىسپانىيەنى بىسۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس.  تۈركىيە، گىرىتسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگال قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئىرقى جەھەتتىن مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ ئادەتتە ئومۇملاشتۇرلۇپ كافكاز ئىرقىنىڭ ئوتۇرا دىڭىز تىپى دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ئىرقى جەھەتتىكى يىقىنلىقى بىسىۋلىش،مۇستەملىكە قىلىش بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق. بۇ ھەم قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتالىيەلىكلەرگە ئوخشاپ قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسپانىيەنى بىسۋالغان ئەرەپ مور قوشۇنلىرىنىڭ تەركىبىدە بولغانلىقىنىڭ ھىچقانداق پاكىتى يوق. شۇڭا بۇمۇ قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسپانلارغا ئوخشاپ كىتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.  
ئۇيغۇرلار بىلەن ھىندىستان، پاكىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلىقلەر بىلەن ئوخشاشلىقىنىڭ سەۋەبىنى مەلۇم مىللەتنىڭ قىنىنىڭ يەنە بىرسىگە سىڭىشدىن ئەمەس بەلكى ئورتاق ئەجداد نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرسىڭىز مۇۋاپىقراق دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلار بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ يىقىنلىقىنى مۇشۇ ئىككى خەلىقنڭ ئورتاق مەنبەسى بولغان قەدىمكى ساكلاردىن ئىزدەش كىرەك. ئۇيغۇرلار بىلەن پاكىستان، ھىندىستانلىقلاردىكى ئورتاقلىق بولسا ئاق ھونلار، توخرىلار (كوشانلار) قاتارلىق يۇرتىمىزدىن جەنۇبى ئاسىياغا كۆچكەن خەلىقلەردىن ئىزدەش كىرەك.
باشقا مىللەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قىنى بار دىگەن مۇنداق قاراشلارنى  گىن ياكى باشقا ئىلمى  تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىىسپاتلانمىغان ئەھۋالدا ئوتۇرغا قويمىغان تۈزۈك، بولمىسا ساددا AQ چە مىللەتچىلىكككە تۇترۇق بولۇپ بىرىدۇ.

tiwip 2011-04-03 21:55
گۇلەن ئەپەندىمنىڭ يەنە بىر جاۋاھىرات تىمىسىغا تەشەككۇرلەر بولسۇن !
  

zuattar 2011-04-03 22:10
  ئوزىمىزنى ھەر كىملەرگە ئوخشۇتۇپ نىمە قىلامىز.ھازىرقى ياتلارغا چوقۇنۇش پىسخىكىمىزمۇ،خىلى يىتەرلىك ئىدى.مىنىڭچە بىز ئۇيغۇر ھازىرقى ئەڭ موھىم مەسلە ئوزىمىزنى مەڭگۇ ئويغۇر قىلىپ ساقلاپ قىلىش.ئەلۋەتتە، كورمەيۋاتامسىز،كوچىلاردا ئويغۇرچە كىيىم بارمۇ؟!
ئۇيغۇرچە ئادەتلىرمىز بارمۇ؟! .....پەقەت كوپ ئوزگەرگەن تىلىمىز قالدى.مىنىڭچە بىز كەلگۇسىمىزنى كوپ ئويلايلى .كورىيەنىڭ كىنوسىنى كورۇپ كورىيەچە ئوي بىزەيدىغان،كورىيەچە كوينەك كىيدىغان ،تۇركىيە كىنوسىنى كورۇپ ئۇزۇك تاقايدىغان بىزلەرگە ئەمدى مەن ئىسپان ئىكەنمەن دەپ مىللىتىمىزنى ئوزگەرتىۋەتمىسۇن.

tuprakbag 2011-04-04 00:15
مەن بۇ ماقالىدا پىكرىمنى بىر يەرگە يىغالمىدىم.ماقالىدىن گۈلەن ئەپەندىمنىڭ بىلىدىغان نەرسىللىرىنىڭ شۇنچە كۆپلىكىنى بىلدىم ئەمما مەركىزى ئىدىيە چېچىلىپ كەتكەندەك تەسىردە بوپ قالدىم.  ....... ماقالىلەر مۇشۇنداق بۇلامدۇ؟ خېلى خېلى چاچما شىئېرلارنى ئۇقۇپ چۇشەنگەندەك قىلغانتىم.....ياكى مەن دۆتلىشىپ كىتىپ بارامدىمەن؟

nimjan 2011-04-04 00:30
ئۇيغۇر مۇشۇ 1 مىليون 660 مىڭ كۋادرات كلومېتىر زېمىننىڭ توپىسىغا ئوخشايدۇ!

anwar425 2011-04-04 00:37
manmu siznig asarlirigizni iz kuhlap ukup quxnip tahlil kilip kiliwatiman asarlirigiz  ni xundak yak tur dum inkas yazay disam  tur kurguqum bulmam du yaki baxka  sawab bar mu pakat uyghurqa  qikmaydu xunga  inkas mu kayturalmay  kurwatiman asarlirigizni si zga taxakkur   kirin dixim  

karabeg 2011-04-04 02:50
بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ باقسام، ھەر كىم ھەر نىمىلەرنى دەپ بېقىپسىلەر، ھەتتا بەزىلىرىڭلار ماقالىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازغاندەك قىلىسىلەر.
مېنىڭچە گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرنى كىملەرگە ئوخشاتقانلىقى ۋە نىمە ئۈچۈن ئوخشاتقانلىقى بىلەن ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى ‹‹ئۇيغۇر بۇندىن كېيىن كىمگە ئوخشايدۇ؟ بۇ بىرمەنىدە كىمگە ئوخشايدىغانلىقى، قاراۋاتقان ياكى قارىيالمايۋاتقان ئەينەككە باغلىق. يەنە بىر مەنىدە، ھازىرقى ئۇيغۇر يۈزلىنىپ تۇرغان ئەينەكنىڭ كىمگە ئوخشاتماقچى بولغىنىغا باغلىق.›› دىگەن جۈملىلەرنىىڭ مەنىسىنى ئوبدان تەھلىل قىلساق ئاندىن ماقالىنىڭ ئاساسى ئوي پىكرىنى چۈشۈنەلەيمىز!
ئۇيغۇرلار قاراۋاتقان ياكى قارىيالمايۋاتقان ئەينەك زادى نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇنداقتا ھازىرقى ئۇيغۇر يۈزلىنىپ تۇرغان ئەينەكچۇ؟ ھازىرقى ئۇيغۇر يۈزلىنىپ تۇرغان ئەينەك ئۇيغۇرنى كىمگە ئوخشاتماقچى؟ دىگەن سۇئاللارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ باقايلى!

aksiya 2011-04-04 04:36
كىملەرگە ئوخشىشىمىز ، ياكى قانداق ئوخشايدىغىنىمىز چوڭ مەسىلە ئەمەس. ئەھمىيەتلىك مەسىلە بۇندىن كىيىن قانداق ئوخشاش ياكى قانداق ئوبراز سالاھىيەت مەسىلىسى، مەن بىزنى ئەمدى ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىرقلىغا ئوخشاتسىكەن دەپ تامامۇ قىلمايمەن، مەن ئۇيغۇر كىملىك بىلەن تونۇلۇشنى، ھەر كىمنىڭ ھەر يەردە ھە بۇ ئۇيغۇركەن دەپ قەيت قىلىشىنى ئىستەيمەن. بۇ بىشىمدىن ئۆتتى، تەخىرسىزلىگىنى، زۈرۈرلىگىنى ھىس قىلدىم ، 8 يىل بۇرۇن جوڭگو ئاكادىمىيەئاسپرانتورىيەگە بارغىنىمدا مەن ساناقلىقلا ئاز سانلىق، مىنى ھەتتا قىرىنداش مىللەتلەرمۇ ئۇيغۇر دىمىدى، ھەر دۆلەتنى دەپ باقىدۇ، كۆرگىنىلا يانداپ كىلىپ ئىنگىلىسچە پاراڭ قىلىدۇ.ئەڭ يىقىن كەلتۈرۈپ دىگىنى بىر ئىتالىيەلىك مۇئەللىمىم دەرىسخانىدا مەندىن سەن قازاقىستاندىن كەلدىڭمۇ دەپ سورىغان. لىكىن مىنى بەك ئويلاندۇرغىنى دەرۋازىدىن سىرتقا چىقساملا مەن ئالىبابا كاۋياڭروۋ ياكى مەيمەيتى. ياكى قىستا قىستاڭ ئاپتۇۋۇزلىدا ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن قىستالماي ئازادە ماڭىمەن. نىمە ئۈچۈن ئىككى مۇھىتتىكى باھا ھۆكۈم ماڭا نىسبەتەن ئوخشاشمايدۇ؟؟؟؟؟    كىيىنكى 4 يىلدا ئاكادىمىيە بېيجىڭ زوولوگىيە مەركىزىگە ئالماشقاندىمۇ بۇ مەركەزگە كەلگەن بىر دىن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرگە يەنىلا  ئورتاق تىلنى ياخشى سۆزلەيدىغان ئەجنەبى كۆرۈندۈم. مىنى ئەڭ ئۈمۈتسىزلەندۈرگىنى ئامرىكىدىكى شۆھرەت ئاكىمىز نىڭ غول  ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى تەبىئەت جورنىلىدا ئىلان قىلىنىپ شۇ يىىللىق دۇنيا ئىلىم پەن ساھەسىدىكى 3 چوڭ نەتىجىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغاندا كەسىپداش بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن تەجرىبىخانىدىكىلەرگە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ شۆھرەت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگى، ئاتا ئانىسى ئىلى دىيارىدىن چىققان ئۇيغۇر مۇھاجىر ئىكەنلىگى ، ھەتتا مەن بىلەن لاۋشياڭ ئىكەنلىگىنى ئىيتقىمىندا بۇ گەپكە ئىشەندۈرۈشنىڭ ئوڭاي ئەمەسلىگىنى ھىس قىلدىم. بېيجىڭ ئېرپانىيە ۋە جوڭگۇ يىزا ئىگىلىك ئېرپانىيەسىدىكى ئىككى ئاغىنەم بىلەن ئويناپ چىقىپ كەچتە تاكسىغا چىقىپ قايتقىنىمىزدا تاكسى شوپۇرى ئورتاق تىلنى ئۆلچەملىك سۈزلەيدىغىنىمز توغرىلىق بىر ھازا گەپ قىلىپ بېيجىڭدا نىمە ئىش قىلىدىغانلىغىمىزنى سورىغان بىر ئاغىنەم ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي (ئازراق كەيىپقۇ دەيمەن)
ئۈچىلىمىزنىڭ دوكتۇر ئىكەنلىگىنى ئىيتقىنىدا تاكسى شوپۇرۇنىڭ بېيجىڭ تەلەپپۇزىدا مۇمكىنمۇ دىگەندەك گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى بىلەنلا تاس قالدىم جىدەلدىن بىرنى سىتىۋالغىلى. تاكسى شوپۇرى ئاخىرى ئاغىنامنىڭ سىنىڭچە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلىنىڭ ھەممىسى ئوغرى قاراقچى كاۋاپچىما دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان سۆزىگە سەمىمىلىك بىلەن ئۆزرىخالىق قويغانلىغى بىلەن ئىش بىسىققان بولدى. گۇلەن ئەپەندى مۇساپىرچىلىقتىكى بۇ كىملىك ئۇۋالچىلىغىغا نىمە دەيدىكىن؟ گۇلەن ئەپەندىنىڭ مەن ئۆزەممۇ قايمۇقۇپ قالغان بۇ مەسىلىدە ئازراق ئانالىز يۇرگۈزۈپ بىرىشىنى سورايمەن.  

aksiya 2011-04-04 04:39
بۇ يازما بىلەن خىلى نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ، گۈلەن ئەپەندىگە رەھمەت

aksiya 2011-04-04 05:42
قارا باغ ئەپەندى:
گۇلەن ئەپەندى ئىيتقان ئەينەك مەنچە ئاچچىق رىياللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەينەكنىڭ فۇنكىسىيەسى نىمە؟ مەن بىر ئىشلىنى چوڭقۇر ئويلىيالمايمەن، ئۆزەم سوئال تاشلاپ قويۇپ ئۆزەم ئولتۇرۇپ كىتىمەن (كاج قاينۇقلۇق). مەنچە ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەللىگىگە مەستانە بولۇشتىن بەكرەك ئۆز نۇقسانلىرىنى بايقاش ئۈچۈن ئەينەككە قارايدۇ، يەنى ئادەم ئۆزىنى كۈزۈتۈش، ئۆزىنى بايقاش، ئۆزىگە پات پات ئوبىكتىپ باھا بىرىپ تۇرۇش ئۇچۇن ئۆزى بىلەن مەلۇم ئارلىق بولۇش كىرەك. ھەتتا بىر قەۋىم بىر تايىپىمۇ شۇنداق. بۇ خۇددى جىسمىمىز بىلەن ئەينەكتىكى تەسۋىرىمىز  ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك ئارىلىق بوشلۇق بولۇش كىرەكلىگىگە ئوخشايىدىكەن. ئەينەكنىڭ ئىسىل يەرىشۇكى بىزنى ئالدىمايدۇ، ساختىلىق قىلمايدۇ، ئۆزىمىز نىمە بولساق تەسۋىرىمىزدە شۇنى كۆرىمىز. رىئاللىقمۇ شۇ، گەرچە ئاچچىق، ھەتتا رەھىمسىز بولسىمۇ قازاندا نىمە بولسا چۇمۇشكە شۇ چىقىدۇ، بۇ يەنە بىر تەرەپتىن رىياللىقنىڭ ئادىللىغى.  يەنە ئەينەككە قايتىپ كىلىلى، بايا دىدىم، ئۆزىنى كۈزۈتۈش ئۈچۈن ئارلىق كىرەككەن ، ئىگىزدە تۇرساڭ يىراقنى كۆرىسەن دىگەندەك  ئامال بار ئۆزىمىزنىڭ ،مەيدانىدىن، ئۆزلىگىمىزدىن قۇتۇلۇپ ئامال بار ئۇزىمىزنى يىراقتىن، ئوخشىمىغان بۇلۇڭ گىرادوسلىرى ياكى چىقىش نۇقتىلىرىدىن كۈزۈتۈپ باھا بىرىپ بىقىشىمىز كىرەككەن. خۇددى ئەينەككە ئالدىغا بىر، كەينىگە ئىككى دەسسسەپ ئۇيان بۇيان چۆرۈلۈپ ئۆرۈلۈپ قارىغاندەك. كونىلارنىڭ مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماپتۇ، شەھەر كۆرگەن ئىىتىن قورق دىگەنلىرىنىڭ مەنىسىمۇ مۇشۇ بولسا كىرەك. مانا گۇلەن ئەپەندىمنىڭ، گۇلەن ئەپەندىم بىزگە ئاكا يوللۇققۇ دەيمەن ئەپەندىم دەۋەردىم، يىراق قىرلىنىڭ يۈكسەك ئىىگىزلىكلىرىدە تۇرۇپ بىزگە ئاتقان يازمىلىرىنىڭ بىرگە شۇنداق تىتىملىق تىتىشىمۇ يەنىلا مۇشۇ ئارىلىق ۋە پەرقنىڭ سەۋەبىكەن. ئابدىقادىر داموللىنىڭ يۇرتنى مەيدىگە  بىسىپ ياتقانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمەس دىگەن سۆزى يادىمغا كەلدى. ئوتتۇرىدىكى بىر نەچچە يىلنى ھىساپقا ئالمىغاندا 18 يىل سىرتلىدا قاڭقىپ يۈرگەن تەسىراتىم بىلەن ئىيتساممۇ بۇ ئەينەك، بۇ ئارلىق، بۇ بۇلۇڭلۇق گىرادۇسلا  بەكلا زۇرۇركەن. نىمە ئۈچۈن ئىشىكنى ئىچىۋەتتۇق، دېڭ بوۋىمىز ئىيتقاندەك ئىدىيەنى ئازات قىلىپ ئاددى تىل بىلەن ئىيتساق باشتا ئۆزىمىزدىكى نۇخسانلىنى بايقاپ ئاندىن باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىىغىنى قوبۇل قىلىپ ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش. ئىشىك ئىچىۋىتىلگەنكەن پاشىمۇ كىرىدۇ چىۋىنمۇ كىرىدۇ ساپ ھاۋامۇ بەدبۇي پۇراقمۇ كىرىدۇ. لىكىن بىزنىڭ دۆلەتنىڭ زور نەتىجىلىرىنى بۇ 30 يىللىق ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ كىلىۋاتىمىز. بايا دىگەن ئەينەكنىڭ  فۇنكىدىيەسىگە.ئارلىقنىڭ خاسىيىتىگە جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم، ئەلۋەتتە ئىشىكنى ئۇزۇن ۋاقىت قىش ياز دىمەي ئىچىپ قويسا قىيىپ كىتىپ يىپىلماس بولۇۋالىدىغان گەپ، يىپىلمىسا نىم بوپتۇ، چۈنكى ئىشىكنىڭ ئوچۇق تۇرغىنىنى  توغرا كۆرۈپ قوبۇل قىلدۇق. ئامرىكىنىڭ ئىشىگى يوق ھە گۇلەن ئەپەندى، ئاڭلىسام ئامرىكا قۇرۇقلىغى كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن ئايال ھەيكەل كۆرۈنىدىكەن
بۇلتۇر يازدا قاينۇق توغرىلىق مۇندا قوشاقنى ئاڭلاپ بەك كۈلۈپ كەتكەنتىم. ئىسىمدە ئازراق قاپتۇ.....
ئاتام قاينۇق
ئانام قاينۇق
مەندە بار قاينۇق
فىرانسىيەدىمۇ يوق     

gulen 2011-04-04 06:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ ھەرگىز ماقالە ئەمەس، بۇ بىر نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە دېگەن ئەدەبىياتتا نەسىرنىڭ بىر تۈرى. دېمەكچى بولغانلىرىمنى ماقالە ئارقىلىق دېيىشنى تاللىغان بولسام، بۇ يەرگە يازمايمەن. ماقالىدە بۇنداق ئەگىتمە، پۇراتما، ياپتا گەپنى قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن بۇنى ماقالە دېسەك تەتقىقات تېمېسى
1. خەنزۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى
2. ئۇيغۇرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى كىملىك ۋە ئۇنىڭ مەنبەىسى
3. ئۇيغۇرنىڭ ئىرقى ئالاھىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىدىكى ئورنى
4. ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىنى نېمىلەر قۇرۇپ چىقماقتا؟
5. زىيالىنىڭ تەتقىقاتىدىكى ئۇيغۇر ۋە ئاۋامنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر...بولۇشى كېرەك. مېنىڭ بۇنچۇۋالا چوڭ تېمىنى تەپسىلى يورۇتقىدەك ماجالىم يوق. نېمىنى قانداق يازغۇم كەلسە شۇنداق يازدىم. مەن ئۆزەممۇ ئۈچ قېتىم ئوقۇپ دېمەكچى بولغىنىمنى ئاندىن چۈشەندىم.
بۇ يەردىكى ئەينەك ھەقىقى ئەينەك ئەمەس بەلكى كۆزەيمەك بولۇشىمۇ، تېلۋىزور بولۇشىمۇ، گېزىت بولۇشىمۇ ياكى مەن قاتناشقان چارشەنبىلىك يىغىنلارنىڭ بىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ماقالە ئەمەس، بەلكى چاچما شىئېر...
ئاكسىيە ئەپەندى
سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى ئويلاشقان، مەنمۇ شۇ تۇرمۇشنى ياشىغان، بەلكىم 15 يىل شۇ كۆزلەرنىڭ زەھەرلىرىگە قادىلىپ ياشىدىم. شۇڭا بەزەن زەھەردىن يۇقۇملانغان تىلىمنىڭ كونا كېسىلى قوزغۇلۇپ قالىدۇ. سىز بايقىغان بولسىڭىز ياۋرۇپادا مۇسۇلمانلار، ئامېرىكىدا مېكسىكىلىقلار ۋە خەنسۇلار بىز بېيجىڭدا ئۇچرىغان مۇئامىلىلەرنى يوشۇرۇن ھىس قىلىدۇ. ئەمما بېيجىڭدىكىدەك ئاشكارە ئەمەس. چۈنكى بۇ ئەللەردە مۇكەممەل قانۇن بار. يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەندەك قانۇن دۆلەتكە قوياشتەك ئادىل نۇر چاچسا ھېچكىم شۈمشۈيۈپ يۈرمەيدۇ.
ئۆزىنىڭ گېپىنى ئۆزى بېرىپ ئۆرۈپ بېرىدىغان قاينۇقلۇق دېگەن مەندەك بولىدۇ.  
        

turditohti 2011-04-04 09:53
دۇنيا ئورتاق ئىتىراپ قىلىدىغان بىر ھەقىقەت،<<تارىخ  تەكرارلىنىدۇ>>مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا بىز قايسى نوقتىدىن چۈشەنمەيلى يەنىلا ئاتا-بوۋىمىزغا ئوخشايمىز،مومىمىزغا ئوخشايمىز،باشقىلارنىڭ سىزنى يەنە باشقىلارغا ئوخشىتىپ قېلىشى،ئۇلاردىكى خاتا تۇيغۇ،بىز خەقنى ئېنگىلىسلارغا ئوخشىتىدىغان كىشىلەرمۇ جىققۇ،ئۇلاردىكى چۈشەنچە ئىنگىلىسلارغا نىسپەتەن تۇلۇق،ئۈزى بىلەن بىرگە ياشىۋاتقان بىزلەرگە بولسا چۈشەنچىسى يوق دىيەرلىك،ئەگەر ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە ئۇيۈۇرنىڭ ئورنى ئىنگىلىسلارنىڭكىگە قارىغاندا رۇشەن بولسا،ئېنگىلىسلارنى ئۇيغۇرغا ئوخشىتىپ قۇيىشىمۇ بىر  بىر ئادەتتىكى ئىش بولغان بولاتتى.كىشىلەر بەرسىنى نەرسىگە،ئادەمنى ئادەمگە ئوخشاتقاندا ئۈزى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان نەرسە،ياكى ئادەمگە ئوخشىتىدۇ،ھەرگىزمۇ ئۈزى بىلمەيدىغان،چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرگە،ئادەملەرگە ئوخشىتالمايدۇ.
ئامان بۇلۇڭلار قېرىنداشلار!

turditohti 2011-04-04 09:56
نەقىل
بۇ 16قەۋەتتىكىgulen يوللىغان 2011-04-04 06:41 غا قارتىلغان :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ ھەرگىز ماقالە ئەمەس، بۇ بىر نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە دېگەن ئەدەبىياتتا نەسىرنىڭ بىر تۈرى. دېمەكچى بولغانلىرىمنى ماقالە ئارقىلىق دېيىشنى تاللىغان بولسام، بۇ يەرگە يازمايمەن. ماقالىدە بۇنداق ئەگىتمە، پۇراتما، ياپتا گەپنى قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن بۇنى ماقالە دېسەك تەتقىقات تېمېسى
1. خەنزۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى
2. ئۇيغۇرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى كىملىك ۋە ئۇنىڭ مەنبەىسى
3. ئۇيغۇرنىڭ ئىرقى ئالاھىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىدىكى ئورنى
.......

ئەدبىي ئەسىر بولسا ژانىرىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ،ماڭا نەسىردەكمۇ تۇيغۇ بەرمىدى،كۆچۈرۈڭ!

orkex 2011-04-04 12:11
يازمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر .پايدىلىنىش قىممىتى باركەن .

saktikin 2011-04-04 13:19
بىزگە  مۇشۇ  گۈلەن  ئەپەندىدەك  نېمىنى  يېزىشىنى،  قانداق  يېزىشىنى،  كىمگە  يېزىشنى  بىلىدىغان  ئوغلانلار  كېرەك

bella 2011-04-04 15:54
ئىنگىلىزتىلى دەرسىمدە بىر مەۋسۈم توشقىچە مۇئەللىم مېنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىق دەپ يۈرۈپتىكەن. ھىندىنوزىيەدىن كەلدىڭمۇ يا مالايسىيادىنمۇ  دىسە،مېنىڭ تەلەپپۇزۇم شۇنداق ئوخشايدۇ ،شۇڭا ئوخشىتىپتۇ دەپ يۈرۈپتىمەن،ئەسلىدە ئۇچامدىكى كېيىمگە،بېشىمدىكى ياغلىققا قاراپ شۇنداق دەپتىكەن، " مالايسىيادا چوڭ ياشتىكى ئاياللار قارا ياغلىق چېگەتتى،سەن نىمىشقا ياش تۇرۇپ قارا رەڭلىكنى چېگىسەن؟" دەپ سورىغاندا ئاندىن چۈشەنگەن مۇئەللىمنىڭ مېنى تەلەپپۇزۇمدىن ئەمەس،كىيىم -كېچەك،چىراي-قىياپىتىمدىن شۇ يەردىكىلەرگە ئوخشاتقىنىنى...
بىز بۇنىڭدىن كىيىن يەنىلا ئۆزىمىزگە ئوخشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدىغان تىما بوپتۇ؟ بىز زادى كىمگە ئوخشىماقچى؟
رەھمەت گۈلەن ئەپەندى،سالامەت بولۇڭ!!!

karasuluk 2011-04-04 15:57
   مېنىڭچە گۇلەن ئەپەندىنىڭ بۇماقالىسى{مەن شۇنداق دەپ تۇنۇدۇم} كىملىگىمىزھەقىدە
چوڭقۇر ئويلىنىشلارنىڭ تېتىملىق مەسۇلاتى ئىكەن....خۇددى قىممەتلىك بىر نەرسىسىنى
يۇقۇتۇپقويغان ئادەم شۇنەرسىسىنى ئىزدەش يولىدا ئالدىراش،تەقەززابولۇش،ئارام سىزلىنىش،
قانداققىلغاندا يۇقاتقان نەرسىگە قايتا ئىرىشكىنى بولىدىغانلىقىنى ئويلاش،تەسەۋۋىر قىلىش
جەريانى ئىپادىلەنگەن مۇرەككەپلىك ئىچىدىكى ئاددى سۈرەتلەر دىن ئىبارەت بىركۆرۈنۈش
ئىكەن.....
  چۈنكى ئىنسان ھاياتىدا مۇھەببەت بىلىن نەپرەت خۇددى قوشگىزەكلەردەك ياندىشىپ تۇرىدۇ
تېرەك ياپرىغىنىڭ تېشى تۈكلىك ئىچى پاقىراق بولغىنىدەك .گۈلنىڭمۇ تېكىنى بار .گۈلنىڭ خۇش ھىدىدىن ھۇزۇر ئالغانلار،  تېكەن سانجىلسا ۋايسىماي قالمايدۇ . بىزنى كىم كىملەرگە
ئوخشاتسۇن ئوخشاتقۇچىنىڭ قارىشىغا باغلىق ،ئۇ بىزنى مۇھەببەتلىك كۆكزى بىلەن كۆرگەن
بولسا قېرىنداشلىرىغا، ياخشىلارغا ، ئۆزى سۆيىدىغانلارغا ئوخشاتقان بولىدۇ. مۇبادا ئۇ
نەپرەتلىك كۆزى بىلەن قارىغان بولسا .........
قىسقىسى بىز -بىزگە ئوخشايمىز .
گۇلەن ئەپەندىنىڭ بۇيازمىسىغا كوپ رەخمەت ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنكاس يېزىپ ئۆزىنىڭ
ئىلمى قاراشلىرىنى ئوتۇرىغا قويۈان بەزى ئۇقۇمۇشلىق قىرىنداشلارغىمۇ كوپ رەخمەت ......
  

tutem 2011-04-04 17:04
بىشىڭدا دۇپپا،ئالدىڭدا رۇمكا،قۇلۇڭدا دۇتار،ئېيتىشىڭ خەنزۇچە،ئىنگىزچە،روسچە،ئەرەپچە ناخشا،ئىتىكىڭدە"شياۋجې"،سۆزلىشىڭ خەلقاراچە مودا.

aptab 2011-04-04 17:18
ئەزا يېزىش چەكلەندى.

kumarajiwa 2011-04-04 17:37
ماركىسچە ئېتىقاد،ئەرەبچە ئىسىم،غەرىبچە ئىدىيە

rayhan1 2011-04-04 18:15
مېنىڭچە بۇ ئەسەرنى ئوقىغانلار ئۇنىڭ  ژانىرىدىن كورە يۇرۇتۇپ بەرگەن رىياللىق ئىچىدىن بىز يۇزلىنىشكە تىگىشلىك بولغان تەرەپتىكى ئوبرازىمىزغا بەكرەك كوڭۇل بۇلسەك بولىدىكەن ...گۇلەن ئەپەندىم ھارمىغايسىز ....
زادى بىز كىمگە ئوخشايمىز ،يەنە قانداق قىلىپ كىمگە ئوخشىشىمىز كېرەك؟ئانداقتا بىزگە يەنە كوپنى كورگەن يول بىلگەنلەر ئەينەك بۇلۇپ بېرىشى كېرەك .
خاتالىقلىرىمىزنى ئوڭشىغىلى نىسىب بولسۇن.

dilhux2 2011-04-04 19:31
گۈلەن ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسىنى ئوقۇپ نىمىشقىدۇ ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى. نىمىشقىدۇ بىلمىدىم ، چۈشۈنىش دائىرەم بەكلا تار بولسا كېرەك. بىراق بۇ تىمىنىڭ ۋەزمى خىلى ئىغىركەن.
تىمىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن.

oginish 2011-04-04 19:33
كۈرمىڭ ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئەرەپ كىيىم-كېچىكىگە، تىل-يېزىقىغا، كالىندارىغا، لەھەت توپىسىغا، خورمىسىغا، سەللىسىگە، زەمزەمگە، مىسۋاك- ئىپارغا... ئاددىيسى باشقا ئەللەردە ئىشلىنىپ، ھەرەم بازىرىدا سېتىلغان دورا-دەرمەكلەرگە بولغان ئالاھىدە ھۆرمەت ھېسىياتى بىلەن ئەرەپكە ئوخشاپ قېلىشى تەبىئىي بولۇپلا قالماي، شۇلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسى ئاللىقاچان ئەرەپلەشكەن!

burkutchu 2011-04-04 21:03
توررداشلارغا 19-ئەسىردىكى روسىيە ئوفىسسىرى ئا ن كىروپاتىكىننىڭ <<قەشقەرىيە>> دىگەن كىتاۋىنى ئوقوب بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. يەنە بىرسى چۇقان ۋەلىخانوف يازغان <<تەبەسسۇم يۈتكەن زىمىن>> غۇ دەيمەن.  يۇقارقى كىتاپلاردىن ئالغان تەسىراتىمنى يازاي دىگەن بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى يازاممىدىم ھەم يازاممايمەن. بەلكىم بەزىلەر ئوقوپ بولغان بولىشى مۇمكىن. يۇقارقى كىتاپلارنىڭ تارىخى قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىركەن.شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتى كۈتۈپىانىسىدا باغۇ دەيمەن . ئىشقىلىپ نەدىن بوممىسۇن تىپىپ بىر ئوقوپ چىقىشقا تىگىشلىك ئالتۇنغا تىگەشكۈسىز كىتاپلاركەن.

mostapa 2011-04-04 21:09
نەقىل
بۇ 23قەۋەتتىكىtutem يوللىغان 2011-04-04 17:04 غا قارتىلغان  :
بىشىڭدا دۇپپا،ئالدىڭدا رۇمكا،قۇلۇڭدا دۇتار،ئېيتىشىڭ خەنزۇچە،ئىنگىزچە،روسچە،ئەرەپچە ناخشا،ئىتىكىڭدە"شياۋجې"،سۆزلىشىڭ خەلقاراچە مودا.

[quote]بۇ 25قەۋەتتىكىkumarajiwa يوللىغان 2011-04-04 17:37 غا قارتىلغان  :
ماركىسچە ئېتىقاد،ئەرەبچە ئىسىم،غەرىبچە ئىدىيە


ھاھاھاھاھاھاھا ماۋۇ ئىككى ئىنكاس ئاجايىپ كەپتا

zilnur 2011-04-04 21:30
گۈلەن ئەپەندى يازغان ئەسەرلەر، مەيلى قايسى ئۇسلۇپتا يېزىلسۇن، ھەممىمىز سۆيۈپ ئۇقۇيدىكەنمىز .

gulen 2011-04-04 23:18
نەقىل
بۇ 30قەۋەتتىكىmostapa يوللىغان 2011-04-04 21:09 غا قارتىلغان  :

[quote]بۇ 25قەۋەتتىكىkumarajiwa يوللىغان 2011-04-04 17:37 غا قارتىلغان  :
ماركىسچە ئېتىقاد،ئەرەبچە ئىسىم،غەرىبچە ئىدىيە


.......

بىزگە تېخى غەرپچە ئىددىيە كىرىپ باقمىدى، ك ئەف س، كولا، ماكدونالدقا خەنلەر ۋاكالەتچى، گاچا ئىشتان...پادىچى ئىشتاننى ئىچكىرىدە تىكىدۇ، رۇمكا، زاكۇسكا دېگەن روسچە گەپ، مېڭىۋاتقىنىمىز جوڭگۇچە ماركىسىزىم يولى. بۇرۇن ئىچەرمەنلەر ھاراقنى روسچە قائىدە بويىچە ئىچەرمىشكەن، ھازىر دېھقانلار داۋام قىلىۋېتىپتۇ، كادىرلار خەنچە ئىچىدىكەن. بوزقىر ئەپەندىم غەرپچە ئىددىيە دېگەننى قالپايتىپ دەپ قاپتۇ. ئەدەبىيلەشتۈرۈپ دېگەندە بىز يەنىلا "مىڭ بىر كېچە" ۋە "غەرپكە ساياھەت" نىڭ كەينىدە، ھەقىقى غەرپ ئىددىيىسى بىزدىن ئالامەت يىراق.

paryat 2011-04-05 15:14
ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەپنى سېلىشتۇرۇش ياكى ئوخشىتىش بىزگە ھاقارەت........ئەرەپ ئېشەكلىرىنىڭ بەدەۋى،ياۋايى،بەتقىلىق مىجەزى قانداقمۇ بىزگە ئوخشايدۇ؟پەقەت ئىسلام دىنى سەۋەبىدىن دىنى پائالىيىتىمىزنى ئوخشۇتۇش مۇمكىن.

hitaf402 2011-04-05 15:20
رادىكال ئاشقۇن دىگەننى قانداق چۇشىنىش كېرەك ،،،، باشقا مىللەتنى مىللىتى بويىچە ھاقارەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئەنە شۇنداق ئاشقۇن رادىكال ئىدىيە بار ،، ۋە ساپاسىدا مەسلە بار

hitaf402 2011-04-05 15:49
بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس تونىمىز ۋە بۆكىمىز ھىچ كىمنىڭ خىيالىدا يوق.

مىنىڭ چۇشىنىشىمدە بىزنىڭ مەدىنىيىتىمىز ھەتتاكى چىراي قورلىشىمىز تارىمدا شەكىللەنگەن ئانا مەدىنىيەت خىمىتۇرۇچىدىكى ئەنە شۇنداق كوپ خىل مەدىنىيەتلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئارلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ، لوپنۇرلىقلارنىڭ ئاز بىرقىسمىنىڭ ئەجدادىنىڭ ئويغۇرلاشقان موڭغۇل ئىكەنلىكىنى بايىنغۇلىندىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، ھازىر مىنىڭ ئىڭىمدا دائىم مۇنداق بىر نەچچە سۇئال توغىلىدۇ ، بىزنىڭ ھازىرقى بۇرچىمىز ئەنە شۇ كوپ خىل تەركىبلەرنى سىڭدۇرگەن مەدىنىيەتنىڭ مۇشۇ ھالىتىنى قوغداشمۇ ياكى ئۇنىڭدىكى سىرتقى مەدىنىيەتكە تەۋە بولغان ئىلمىنىتلارنى چىقىرىپ تاشلاشمۇ ،،، مەنچە باشتىكى يولدا ھازىرقىنى قوغدايمىز دىسەك بىز يەنىلا ئەنە شۇنداق ئوخشىتىشلارغا ئۇچراپ ياشىشىمىز تەبىي ،،، كىيىنكى يولدا بىز بۇ ئىلمىنتلارنىڭ كوپ قىسمىنى ئىلىۋىتەلمەيمىز ، جۇملىدىن ئەنە شۇ ئوزلەشكەن ئويغۇرلار بار ، بۇلار  تارىخقا پۇتۇلۇپ بولدى ،، تىلنى تاشلاش تىخىمۇ مۇشكۇل ئىش ، ئۇنىڭغا غايەت زور بىر سياسى كاپالەت بولمىسا بولمايدۇ ،،، ئۇنىڭسىزمۇ تۇرۇكىيە فىلىملىرىدىن مەلۇمكى شۇلار تىلىدىمۇ يەنىلا مەلۇم نىسبەتتە ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سوزلەر بار ئىكەن ،،،،  
يانا بىر ئويلىغىنىم ، قايسى دولەتكە بارسا شۇ دولەتكە سىڭىپ كەتكەن يەھۇدىلار تارىخنىڭ بوران چوپقۇنىدا ئەسلى يىزىقىنى يوقاتقان ئىدى ،، مىللەت سىڭىشىش تەبىيلا بولىدۇ بۇ ئەھۋالدا ،
بۇ تەرەپلەردە ئۇلارنىڭ يوقاتقىنى بىزدىنمۇ كوپرەك بۇلىشى مۇمكىن ، ھالبۇكى بۇگۇنكى كۇندە ئۇلارنى ھىچكىم بىراۋغا ئوخشاتمايدۇ ، ئەكسىنچە زىيادە ئەقىللىق مىللەتلەرنى ئوخشىتىش كەلسە ئۇلار ئولچەم بوپ قالدى ، ئەكسىنچە باشقا قەۋىملەر ئۇلارغا ئوخشىتىلىدۇ ،،، ئالغان خۇلاسەم شۇكى بىزگە بىر نەرسە بەك كەم ،،،،،،  مۇنبەر ئويلىغاننى ئىيتىدىغان يەر بولغاندىكىن ئويلىغىنىمنى دەپ قويدۇم ، باشقىچە پىكىر بولسا قارشى ئالىمەن ،،بىزنى ياخشى تىمىلار بىلەن تەمىن ئەتكەن ، تەپەككۇرىمىزنى غىدىقلىغان  گۇلەن ئاكىغا رەھمەت  

jahangir786 2011-04-06 12:43
ئەسسالامۇئەلەيكۇم :
ئارىمىزدىكى <<ئەرەب>> سۈزىنى ئاڭلىسىلا قۇيقا چېچى تىك تۇرىدىغان خەلقىمىزنى ئەرەبلەرگە <<چوقۇنۇش>>تا ئەيىبلەيدىغان تورداشلىرىمىزغا:
خەلقىمىز ئەرەبلەرگە چوقۇنغىنىمۇ يوق ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىپ كەتكىنىمۇ يوق ئۇلارنىڭ
ھەرەمگە خورمىغا زەمزەمگە تەلپۈنۈشى ھەرگىزمۇ ئەرەبلەرگە تەلپۈنۈشى ياكى ھۆرمىتى بولماستىن
بەلكى ئېتىقادىغا تەلپۈنۈشى ئېتىقادىغا بولغان ھۆرمىتى ھېسابلىنىدۇ يۇقىرىقى نەرسىلەرگە بولغان تەلپۈنۈش بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاس بولماستىن  پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئورتاق بولغان مۇھەببەت ھېسسىياتى ھېسابلىنىدۇ
باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېسسىياتى بىزدىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى ھەرگىز كەم ئەمەس
ھەيرانمەن تارىختا بىزلەرگە نۇرغۇن تالاپەتلەرنى ئىلىپ كەلگەن مىللەتلەر ئۇياقتا قىلىپ ( ئەمەلىيەتتە
ئۇلارنى تىللاشمۇ بىھۇدە قىلىق) بىز بىلەن ھېچقانداق پايدا زىيان مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەرەبلەر( ئېسىڭىزدە بولسۇن:ئىسلام دىنىمۇ بىزگە ئەرەبلەر ئارقىلىق يىتىپ كەلمىگەن) توغرىسىدا گەپ بولسا شۇنچە ھايا جانلىنىپ كېتىشىمىزگە زادى نېمە سەۋەب بولغاندۇ؟
كاللىمىزنى سىلكىۋېتەيلى قېرىنداشلار بىز بىلەن ھېچقانداق دۈشمەنلىكى بولمىغان بىر مىللەتنى ئۇنداق ھاقارەت(يەنى ياۋايى بەدەۋى دېگەندەك)  قىلىش بىزگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ قازاق ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇشۇنداق <<جەڭلىرىمىز >> تېخى تۈگىگىنى يوق ( ئۇيغۇرچە قازاقچە ئۆزبېكچە مۇنبەرلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىڭ)  مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۆزىمىزگە  زورمۇ-زور دۈشمەن تېپىۋالغاننىڭ قانچىلىك پايدىسى بۇلار؟

kumarajiwa 2011-04-06 16:49
گۈلەن ئەپەندىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىر ئەلكۈيىدىن تاپتىم.

erki 2011-04-06 21:36
ھازىر بەزىمىز ئىتقا، بەزىمىز مۈشۈككە ئوخشاپ قالغاندەك ھىس قىلىمەن،ھەممە قورساق غېمىدە.

kalgin 2011-04-07 15:25
مەنمۇ ئۇيغۇرلارنى نۇرغۇن يات كىشىلەرگە ئوخشاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم ھەم ئۈچۈراتتىم

kokasman 2011-04-07 17:42
ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولۇش سۇپىتى ئىبراھىم خېلىلۇللانىڭ مىللىتىدىندۇرمىز..باشقىلارنىڭ ئەرەپلەرگە ئوخشىتىشى نورمال ھادىسە...ئەلۋەتتە  بەش قول ئوخشاش بولمىغىنىدەك  ئەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى تىللىماڭلار ئۇلار  بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز   ئەرەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلىتى بار بىز بولساق خەن ئاتىمىزنىڭ باراۋەرلىك  سايىسىدە ياشايمىز    قانداقلا بولمىسۇن ئاچارچىلىقنىڭ،ئۇرۇش-ئۆلۇمنىڭ ۋەھىيمىسى بىزدە يوق،ئۆز ئالدىمىزغا دۆلەتىمىز بولمىسىمۇ ئاپتونۇم رايونىمىز بار...پەن تەتقىقات خادىملىرىمىز   مۇ كوپ،بىر تەرپىنى  بولدى دىمەي.....كىمگە ئوخشايتتۇق.....بايلارغا خىزمەت قىلىپ مائاش ئېلىپ كۇن ئۆتكۇزدىغان    ...نىمە ئۇ...ھە شۇنىڭغا ئوخشايمىز!

karasuluk 2011-04-08 15:44
  36-قەۋەتتىكى جاھانگىر ئەپەندىنىڭ ئېيقانلىرى توغرا ،سەۋەسىز باشقىلارنى ئاقارەتلەش
ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس . ئەرەپ زىمىنىدا 1949-يىلدىن ئىلگىرى چىقىپ كەتكەن نۇرغۇن
ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىچىسى مىليۇنىر .
دۆۋلىتىمىزدە ئېچىۋىتىش يۇلغا قۇييۇلغاندىن بويان ئۇ يەردىكى بىر قىسىم /uycurبايلار يۇرتىمىزنىڭ مائارىپ قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلدى ۋە ياردەم
قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەرەپلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇرسەت بەرگەنلىگىنىڭ ئىسپاتى .
يەنە بىر مىسال: بۇنىڭدىن2-يىل بۇرۇن شىنجاڭ مالىيەئۈنۋىرۈتۇتىدا ئۇقۇۋاتقان بىريېقىنىم بۇيەردىكى ئۇقۇشنى توختۇتۇپ  پارانسىيەگە ئۇقۇشقا چىقىپ كەتكەن ئىدى،ئۇنىڭ ئايلىسىنىڭ
ئىقتقسادى ئۆزمەبلىغى بىلەن چەتئەلدە ئۇقۇشقا يەتمەيتى، شۇڭا ئۇ بىرتەرەپتىن ئىشلەپ بىرتەرەپتىن ئۇقۇمىسا بولمايقالدى،ئۇ تۇنجى قېتىم ئىشلەشنى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىغا يەردەملىشىشتىن باشلاپتۇ ،بۇ ئاشخانىنىڭ خۇجايىنى كۆپ ئىشلىتىپ ئاز ھەق بىرىپتۇ، بۇنىڭغىمۇ
بۇلۇپتۇ دېسە مۇئاشنى ۋاختىدا بەرمەپتۇ .......تۇنۇشۇم ئاخىر بۇئەھۋالنى باشقا ئۇيغۇرلارغا
ئېيتىشقا مەجبۇر بوپتۇ ئۇلار ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغاندىن كىيىن،بىر خەنزۇ ئاشخانىسىدىن
زاكاس تاماق تۇشۇش خىزمىتى تېپىپ بېرىپتۇ ،ئۇ خۇجايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىپتۇ ،مۇئاشنى
ۋاختىدا بىرىپتۇ،بىراق ئۆلچەمدىن ئارتۇق ئىشلىتىپتۇ.كىيىن ئۇ  بۇيەردىنمۇ كىتىپ بىر ياۋۇدىنىڭ
ئاشخانىسىدا ئشلەپتۇ ،ئۇناھايىتى ئىللىق مۇئامىلە قىپتۇ، بىر مىنۇتمۇ ئارتۇق ئشلەتمەپتۇ
بىراق ئىشۋاختىدا ھۇك دىگىنىمۇ قويماپتۇ . يېقىندا ئۇ بىرقېتىملىق بوتبول مۇسابىقىسى ئويناش جەريانىدا  بىر ئەرەپ بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ ،ئۇ تۇنۇشى ئۇنى بىر ئەرەپ پىسا قاتلىمىسى پۇشۇرۇش ئۇستىسىغا تۇنۇشتۇرۇپ قۇياپتۇ ،ئۇ ئەرەپ بۇ ئۇيغۇرغا ناھايىتى ياخشى قاراۋىتىپيۇ
مۇئاشنى ۋاختىدابېرىدىكەن،ئۆز ھۇنۇرىنى ئۇگۇتۇپ قۇياۋېتىپتۇ ،بەكمۇ چارچاتماۋېتىپتۇ،
قېرىنداشلاردەك مۇئامىلە قىلىدىكەن ،ئوبدان ئۇقۇ دەپ ئىلھام بىرىپ تۇرىدىكەن .....

aman121 2011-04-08 17:44
36-قەۋەتتىكى جاھانگىر ئەپەندىنىڭ ئېيقانلىرى توغرا ،سەۋەسىز باشقىلارنى ئاقارەتلەش
ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس . ئەرەپ زىمىنىدا 1949-يىلدىن ئىلگىرى چىقىپ كەتكەن نۇرغۇن
ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىچىسى مىليۇنىر .
دۆۋلىتىمىزدە ئېچىۋىتىش يۇلغا قۇييۇلغاندىن بويان ئۇ يەردىكى بىر قىسىم /uycurبايلار يۇرتىمىزنىڭ مائارىپ قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلدى ۋە ياردەم
قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەرەپلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇرسەت بەرگەنلىگىنىڭ ئىسپاتى .
يەنە بىر مىسال: بۇنىڭدىن2-يىل بۇرۇن شىنجاڭ مالىيەئۈنۋىرۈتۇتىدا ئۇقۇۋاتقان بىريېقىنىم بۇيەردىكى ئۇقۇشنى توختۇتۇپ  پارانسىيەگە ئۇقۇشقا چىقىپ كەتكەن ئىدى،ئۇنىڭ ئايلىسىنىڭ
ئىقتقسادى ئۆزمەبلىغى بىلەن چەتئەلدە ئۇقۇشقا يەتمەيتى، شۇڭا ئۇ بىرتەرەپتىن ئىشلەپ بىرتەرەپتىن ئۇقۇمىسا بولمايقالدى،ئۇ تۇنجى قېتىم ئىشلەشنى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىغا يەردەملىشىشتىن باشلاپتۇ ،بۇ ئاشخانىنىڭ خۇجايىنى كۆپ ئىشلىتىپ ئاز ھەق بىرىپتۇ، بۇنىڭغىمۇ
بۇلۇپتۇ دېسە مۇئاشنى ۋاختىدا بەرمەپتۇ .......تۇنۇشۇم ئاخىر بۇئەھۋالنى باشقا ئۇيغۇرلارغا
ئېيتىشقا مەجبۇر بوپتۇ ئۇلار ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغاندىن كىيىن،بىر خەنزۇ ئاشخانىسىدىن
زاكاس تاماق تۇشۇش خىزمىتى تېپىپ بېرىپتۇ ،ئۇ خۇجايىن ياخشى مۇئامىلە قىلىپتۇ ،مۇئاشنى
ۋاختىدا بىرىپتۇ،بىراق ئۆلچەمدىن ئارتۇق ئىشلىتىپتۇ.كىيىن ئۇ  بۇيەردىنمۇ كىتىپ بىر ياۋۇدىنىڭ
ئاشخانىسىدا ئشلەپتۇ ،ئۇناھايىتى ئىللىق مۇئامىلە قىپتۇ، بىر مىنۇتمۇ ئارتۇق ئشلەتمەپتۇ
بىراق ئىشۋاختىدا ھۇك دىگىنىمۇ قويماپتۇ . يېقىندا ئۇ بىرقېتىملىق بوتبول مۇسابىقىسى ئويناش جەريانىدا  بىر ئەرەپ بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ ،ئۇ تۇنۇشى ئۇنى بىر ئەرەپ پىسا قاتلىمىسى پۇشۇرۇش ئۇستىسىغا تۇنۇشتۇرۇپ قۇياپتۇ ،ئۇ ئەرەپ بۇ ئۇيغۇرغا ناھايىتى ياخشى قاراۋىتىپيۇ
مۇئاشنى ۋاختىدابېرىدىكەن،ئۆز ھۇنۇرىنى ئۇگۇتۇپ قۇياۋېتىپتۇ ،بەكمۇ چارچاتماۋېتىپتۇ،
قېرىنداشلاردەك مۇئامىلە قىلىدىكەن ،ئوبدان ئۇقۇ دەپ ئىلھام بىرىپ تۇرىدىكەن .....
-------------------------------------------------------
بىر ئەرەب ئاشپىزى نىمىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ؟

aman121 2011-04-08 17:45
فىرانسىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ، بىر خەنزۇ يەنە بىر يەھۇدى خوجايىنلىرىچۇ ؟

kalgin 2011-04-08 22:53
گۇلەن ئەپەندىنڭ بۇ ماقالىسنى قايتا-قايتا ئوقۇپ خېلى چۇڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.ماقالىدە دىمەكچى بولغان ئوي-پىكىر  چېچىلىپ كەتكەندەك قىلىدۇ، ئەمما  قايتا-قايتا   ئەستايىدىل ئوقۇسا مەركىزى ئىدىيەسىنى چۇشۈنۈپ قالىدىكەن.

öztürk 2011-04-09 10:59
مەنچە بۇ يەردىكى مەسىلە ئەرەپلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنى روناق تاپقۇزۇش ،گۈللەندۈرۈش مەسلىسى.گۈلەن ئەپەندىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىمۇ مۇشۇغۇ دەيمەن.

nimjan 2011-04-09 11:37
بى كۈنلەردىكى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر بالىلىرى بەك باياشاد بولۇپ كەتتى، تۈنلىرىنى "ئالتۇن رۇسىيە"دە ئۆتكۈزۈش، بىر كېچىدە نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭلاپ يۇەن خەجلىۋېتىش ئادەتتىكى ئىشلار! يەنە، "مەمەتنىڭ كەپىسى" گە بېرىۋېلىپ، كاڭدا ئوڭدىسىغا كېرىلىپ يېتىپ مەي ئىچىدىغان ئاتىلارچۇ تېخى...

nimjan 2011-04-09 11:40
چاتقال مەدرىسەسىنىڭ تالىبىل ئىلىملىرى بولۇش بەكلا راھەتكەن!

elbilge 2011-04-09 14:32
ماۋۇ يازغان خەتلىرىڭلارنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلىپ يېزىڭلار
ئىملاسى خاتا خەت يېزىش= ئانا تىل يېزىققا ھاقارەت قىلىش= مىللەتكە ھاقارەت قىلىش

karasuluk 2011-04-09 14:34
  43،44-قەۋەتىكى ئامان121ئەپەندىنىڭ سۇئاللىرىغا ئاددى جاۋاپ:

  ھۆرمەتلىك ئامان121 ئەپەندى بىرىنچى سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى:ئەرەپلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياتلىمايدىغانلىقىنىڭ  ئسپاتى .

ئىكىنچى سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى: بىرقىسىم قېرىداشلىرىمىزنىڭ مىھرى-شەپقەتنى يوقۇتۇپ،
ئۆزقېرىداشلىرىغا ياتلارچىلەكمۇ بولالماۋاتقانلىغىنىڭ ئىسپاتى .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.043732 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us