رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئەلكۈيى تورى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مۇنبەر ئاڭلىتىشى -> ئەلكۈيى تورى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

umidwar 2011-03-26 18:47

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ! ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە ئەلكۈيى تورى نامىدىن چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ئەلكۈيى تورى نورۇز بايرىمىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن كۈتىۋىلىش، شۇنداقلا بۇ خۇشاللىق بايرىمىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلكۈيى مۇنبىرىدە «ئەلكۈيى نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتى» نى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. بارلىق قېرىنداشلارنىڭ پائالىيتىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشىشى ھەمدە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق نادىر ئەسەرلەر خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشكە نىسىپ بولدى .

تورىمىز كوللىگىيەسى تەكلىپ قىلىپ بىكىتكەن مېھنەتكەش باھالىغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجىر قىلىپ، كۈندىلىك ئەسەرنى مەزمۇن، ژانىر ، تىل ئامىلى ، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن رەتلەپ ، تېما-ئىنكاسلارغا بىرلەشتۈرۈپ باھالاپ چىقشى، شۇنداقلا تورىمىزنىڭ نازارەت قىلىپ تۇرىشى ئاستىدا، بۈگۈن «ئەلكۈيى نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتى»نىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىمىز.



ئەسەر قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان تېما
/read.php?tid=8589
مۇكاپاتلىق ئەسەر يوللاش ھەمدە باھالاشنىڭ شەرت - قائىدىلىرى ئالدىنقى قېتىملىق تېمىمىزدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغاچقا، بۇ قېتىم قايتا بۇ توغرىسىدا تەكىتلىمەيمىز. قىززىققۇچىلار ئەسلى تېمىدىن كۆرىۋالسا بۇلىدۇ.




پائالىيەت نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:



پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىت: ئەلكۈيى«نورۇزلۇق نادىر ئەسەرلەر» مۇكاپاتلىق پائالىيتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە يولغا قويۇلغان. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى باھالاشقا مۇشۇ دائىرىدە شۇ سەھىپىگە يوللانغان ياكى يوللىغۇچى ئۆزىنىڭ تېمىسىغا "مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە سۇنۇلغان ئەسەر "دەپ يېزىلغان ئەسەرلەرنى تاللاش ئاساس قىلىندى .

«ئەلكۈيى»تورىنىڭ «نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەر»پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى
باھالاش نەتىجىسى


بىرىنچى دەرىجىلىك ئەسەر : باھالاش كوللىگىيىمىز شۇنداقلا شىركىتىمىزدىكى بارلىق خادىملار كۆپ قىتىم قاراپ چىققان بولسىمۇ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئەسەر دەپ ئاتاش شەرىپىگە ئىگە ئەسەر بايقالمىدى.(تېپىش قىيىنغا چۈشتى)شۇڭا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر يوق.

ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەسەر 2 پارچە
«ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»
ئاپتورى:ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن ئەفىفى

تېما مەنزىلى:/read.php?tid=8589

ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە بولغان داستانلارنى نەسرلەشتۈرۈش ئېقىمى بىزنىڭ قەدىمقى مەشھۇر ئەسەرلەرنى چۈشىنىش ۋە بەھر ئېلىشىمىزدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە نەسرىلەشتۈرگۈچىنىڭ ئۆزلەشتۈرمە بىلەن ئىجادى نەسرىلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرىشىدەك خاسلىقى بىلەن ئەسەرلەر تېخىمۇ ئوقۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ خىل ئەنئەنە بىزدە تاشلىنىپ قالغىلى ئۇزۇن زامانلار بولغانلىقى بىلەنلا ئەمەس، يەنە دىققەت نەزىرىمىزنىڭ سىرتىدا قالغانلىقى بىلەنمۇ ئۇننتۇلۇپ قالاي دىگەن ئىدى.

1. ئۆزگەرتىپ يېزىشتىن ئىبارەت بۇخىل ئىجادىيەت سىنىقى مۇشۇ ئەسەرگە نىسبەتەن مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان.

2. بۇ ئەسەر، ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولغان ھالدا ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، ئەسەرنىڭ تىلى راۋان، چوڭقۇر، ئوبرازلىق، گۈزەل چىققان، بۇلار ئەسلى ئەسەرنىڭ بالاغىتى بولسىمۇ، لېكىن ئىككىلەمچى ئىجادىيەت بولغان بۇ ئەسەردىكى تىل تولۇق بەدىئىي تىل بولۇپ چىققان، بۇنىڭدا مۇئەللىپ سۆز-جۈملىلەرنىڭ باغلىنىشى، مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولۇشى، تەكرارلىق ۋە ئارتۇقچە قۇرۇق ھېسسىياتلارنى ئارلاشتۇرۇپ قويمىغانلىقى بىلەن ئەسەرنىڭ ئۇتۇقلۇق چىقىشىغا زور ئەجىر سىڭدۈرگەن.

3.ئەسەر باشتىن-ئاخىر كىشىگە بىرخىل ئەنئەنە تۇيغۇسى، كىلاسسىكلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەسەرنىڭ تېمىسىغا بولغان ئىستېتىكىلىق ئېھتىياج ئاشۇرۇلغان.

4.شېئىرىيەت(پوئىزىيە) بىلەن پىروزىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولغان «داستان»دىن ئۆزگەرتىپ ئىجات قىلىنغان بۇ ئەسەر، مەيلى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئەسەردىكى ھىسسىيات ئېقىمى جەھەتتىن بولسۇن، تولۇق پىروزا ئەسىرىگە ئايلانغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بوۋاي بىلەن بولغان سەپىرى ۋە بۇ جەرياندىكى قىستۇرمىلىرىدىن داستانغا ئىجادى يوسۇندا مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ھاياتلىق،ئادىمىيلىك ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ ئەپچىللىك بىلەن ھىكايىگە سىڭدۈرۈپ، داستان ۋەقەلىكى بىلەن جىپسىلىققا ئىگە قىلغان.

5.ئەسەرنىڭ ئەمەس، ئاپتۇرنىڭ يىتەرسىزلىگى دەپ قارىغان يېرىمىز، ئەسەرنىڭ ژانىرى نامىنى بىكىتمىگەن،ئەسەرگە داستان دېمىگەن تەقدىردىمۇ، ھېكايە، پوۋېسىت، ياكى ھېچ بولمىسا، ئۆزگەرتىپ يېزىلغان ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان «قىسسە» دېگەن نامنى قويغان بولسىمۇ بولاتتى.



«سەن مېنىڭ ئۈمىدىم»(ماقالە)

ئاپتورى:ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن زاكىرە

تېما مەنزىلى:/read.php?tid=8770



ئەسەر مەزمۇن جەھەتتىن ساغلام، ، ئەسەرنىڭ تىلى يۇمشاق، تەبىئىي بولغاچقا بەدىئىيلىك جەھەتتىكى كەمتۈكلىكنى يېپىپ كەتكەن، بايانلار تەرتىپلىك، مەقسەت-مۇددىئا ئېنىق تامامەن ئىجادىي يۆلىنىشتە داۋام قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى كىشىگە ئۈمىد، ئىلھام بېغىشلايدۇ، ئۇنى ئوقۇغان كىشى بۇ ئەسەرنىڭ ھەقىقى بىر ئانىنىڭ ئوغلىغا بولغان يېقىملىق تۇيغۇلىرى ئىچىگە سىڭىپ كېتىدۇ.

ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسىدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرچە تەپەككۇر، ئانىنىڭ ئوغلىدىن كۈتكەن ۋە كۈتىۋاتقان ئۈمىدى ئۇيغۇرچە قىممەت قارىشى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇڭا ئەسەرنىڭ تەسىرچانلىقى كۈچلۈك.


ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ئەسەر 3 پارچە


«نورۇز كېلىدۇ »(شېئىر)
ئاپتورى:رەيھان

تېما مەنزىلى:/read.php?tid=8916



شېئىردا نوقۇل نەۋرۇزغا بولغان خۇشاللىق، ئۈمىتۋارلىق، ئارزۇ ئەكىس ئېتىپلا قالماستىن، بىر پۈتۈن تەبىئەت ئالىمىگە، پۈتكۈل ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىق، ئادەملەرگە بولغان سۆيگۈ ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ.

شېئىر مىسرالىرىدىكى سۆزلەر ئالاھىدە تاللانغان، ئاجايىپ-غارايىپ ئىچكى مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان پاساھەتلىك سۆزلەر ئەمەس، بەلكى ئاددى-ساددا، خۇددى بالىلارنىڭكىدەك ئېغىزىغا كەلگىنىچە مۇنداقلا ئېيتىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. دەل مۇشۇ ئاددى-ساددىلىق، سۆزلەرنىڭ ئاممىباپلىقى، شېئىردىكى بىرخىل ئۇرغۇپ تۇرغان ئىچكىي جۇشقۇنلۇقنى ھېس قىلدۇرىدۇ. خۇددى بىردەستە چوغلۇق گۈلىگە يېپىلغان سەنەمنىڭ نىپىز ياغلىقىدەك، سۇس بىرقەۋەت شېئىر تۇيغۇ ئىچىدىن پۈتكۈل مەۋجۇتلۇققا بولغان ساددا، سەمىمىي، غۇبارسىز ئۈمۈد جىملىيىپ قاراپ تۇرىدۇ.



3. «نورۇز ئېشى»(ھېكايە)
ئاپتورى: تىلەك

تېما مەنزىلى:/read.php?tid=8831



1.›بۇ ئەسەر كۆتۈرۈپ چىققان تېما تولىمۇ ئەھمىيەتلىك، بۇ دەل مۇشۇ ۋەقەلىكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرلۇشى، تەپسىلاتلارنىڭ لايىقىدا بېرىلىشى ۋە دەل مۇشۇ تېمىسى جەھەتتىن ھېكايە دېگىلى بولىدىغان ئەسەر.

2.›تەسۋىرلەرنىڭ ئۆزى ئىنچىكە، ئوبرازلار مۇۋاپپىقىيەتلىك يارىتىلغان ۋەخاسلىققا ئىگە قىلىنغان. ئەسەرنىڭ تىلىغا خېلى ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن.

3.›يېتەرسىزلىگى: دىئالوگلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق رەتلەنمىگەن. ئەسەرنىڭ ئىملاسىدىكى كەمچىلىكلەر خېلى گەۋدىلىك.



«نورۇز بايرىمى ھەققىدە» توغرىسىدا
ئاپتورى:پەرھات مۇھەممەدئىمىن

تېما مەنزىلى: /read.php?tid=8908

بۇ ماقالىدە گەرچە بىزگە تونۇشلۇق بولغان نەۋرۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جەريانى قاتارلىقلار يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ماقالىدە ھازىرغىچە بىزگە تولۇق مەلۇم بولمىغان خېلى كۆپ ئىلمىي قاراشلار، بىلىش ھەم ساقلاش قىممىتىگە ئىگە ساۋاتلار، بىزنىڭ نەۋرۇزلۇق پائالىيەتلىرىمىز ھەققىدىكى ئىزتىراپلىق ئويلار ساغلام تەپەككۇر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.



رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى 5 پارچە:
«دەز كەتكەن يۈرەك» (پوۋېست)

«ئامراق رەقىبلەر» (پوۋېست)

«تۇرداخۇن ئوينىغان كومىدىيە»(ھېكايە)

ئاپتورى: ئابدۇلھەمىد ياسىن


«كۈنىمىزدە نورۇزنى قۇتلۇقلاشنىڭ يوللىرى»(ماقالە)

ئاپتورى: يۈكسەل


«يۈرىكىمگە بىر سەنلا چايان» نامىلىق يۈرۈشلۈك شېئىرلاردىكى

«تۈننى ساڭا چۈش دەپ يوللىدىم» دېگەن بىر پارچە شېئىر


ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ئەسەرلەرنى باھالاشقا قاتناشقان باھالىغۇچىلار:

ئەخمەتجان خۇما(ئوبزورچى،يازغۇچى)

تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار(يازغۇچى)

چىمەنگۈل ئاۋۇت (شائىرە)

باھالاش خىزمىتىگە ئەجىر سىڭدۈرگەن باھالىغۇچىلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ،شۇنداقلا ئاز بولسىمۇ تورىمىزنىڭ كۆڭۇل سوۋغىسىنى سۇنىمىز!

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە بىرىلىدىغان مۇكاپات بۇيۇملىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات:سانى 2 نەپەر،مۇكاپات بۇيۇمى- مۇكاپاتقا ئىرىشكەن «زاكىرە »،«ئەفىفى»گە ئەلكۈيى شىركىتى تەييارلىغان 500يۈەن نەخ پۇل ۋە كورىيەدىن كىرگۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇكاپات بۇيۇمى(ئومومىي قىممىتى1000 يۈەن) ( ئەزالىق نامىغا نەۋرۇزلۇق مۇكاپاتلانغان ئەزا دەپ بىر ئاي نام بىرىلىدۇ)



ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: «رەيھان»، «تىلەك»، «پەرھات مۇھەممەدئىمىن» قاتارلىق ئۈچ ئەزاغا تەمىنلىدىغان مۇكاپات بۇيۇمى 500يۈەن قىممىتىدىكى گۈلقەقە ناشتىلىق يېمەكلىكلىرى (ئومومىي قىممىتى 500 يۈەن)



رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى:

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇرغان ھەمدە باھالىغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تېمىلارغا 300ئەلكۈيى مۇنبەر پۇلى، شۇنداقلا ئەلكۈيى مۇنبەر مىدالى تارقىتىلىدۇ ھەمدە ئەلكۈيى تورى،ئەلكۈيى شىركىتى ئۆتكۈزگەن ھەرخىل يىغىلىش،ئالاھىدە پائالىيەتلەرگە ئالدى بىلەن تەكلىپ قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر بىلەن بىرگە يەنە ئەلكۈيى تورى تەسىس قىلغان ئالاھىدە مۇكاپات نەۋرۇز مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلكۈيىگە تۆھپە قوشقان كونا تورداشلارنى تەبرىكلەش شۇنداقلا ئىجادىيەتچى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ئىلھام بىرىش مۇكاپاتى: سانى 3 نەپەر بۇلۇپ بەرگىيە،گۈلەن،يالغۇز قاتارلىق ئۈچ ئەزا تاللاندى. مۇكاپات بويۇمى:ھەر بىر ئەزاغا 200يۈەن قىممىتىدىكى ئەلكۈيى تورى نەۋرۇزلۇق مۇكاپات بۇيۇمى ھەم كۆيۈمچان ئەلكۈيى ئەزاسى مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
كەڭ تورداشلارغا ئىلھام - مەدەت بىرىش، ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن خالىس خىزمىتىنى يەكۈنلەش مەقسىتىدە تورىمىزنىڭ ئەسلىدە نۇرغۇنلىغان ئەزالارنى باھالاش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما سانىمىزنىڭ چەكلىكلىكى ھەمدە بۇ قېتىمقى پائالىيتىمىزنىڭ تەلىپى بۇيىچە ۋاقتىنچە مۇشۇنداق باھالاشلارنى ئېلىپ باردۇق.بىزنىڭ ئەلكۈيىدىكى ھەر بىر ئەزانى ياخشى ئەزا ، كۆيۈمچان ئەزا ، كۆيۈمسىز ئەزا دەپ باھالاش مەقستىمىز بولمىسىمۇ ئەمما خىزمەتلەرنى يەكۈنلەش، ياخشى ئىشلىگەنلەرگە، شۇنداقلا تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرگەنلەرگە ئىلھام بىرىش كەڭ تورداشلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان شارائىت ھازىرلاش ھەم بەلگىلىك قۇلايلىقلارنى يارىتىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئالاھىدە مۇكاپاتنى قۇشتۇق.

پائالىيتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئەخمەتجان خۇما،تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار،چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ خالىس ئەمگىكىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە شىركىتىمىز تەييارلىغان 600يۈەنلىك تېلىفۇندا سۆزلىشىش قىممەت كارتىسى ياكى نەق پۇل بىلەن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.


مۇكاپاتنى تاپشۇرىۋېلىش ۋاقتى :
مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر مۇكاپات بۇيۇمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى گۇاڭخۇي سارىيى(تۇمارىس مىھمانخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا) 13-قەۋەت Eئىشخانىغا جايلاشقان ئەلكۈيى تور تېخنىكا شىركىتىگە بېرىپ تاپشۇرىۋالسا بۇلىدۇ.

مۇكاپاتنى ئېلىش شەرتلىرى
1-مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەزالار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشى، ئەگەر مۇكاپاتنى ئېلىپ كېتىش ئىمكانىيتى بولمىغان(ئۈرۈمچى شەھىرىدىن باشقا ئورۇنلاردا بولغانلارغا قارىتىلىدۇ)لار شىركىتىمىز تەمىنلىگەن مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش كېلىشىمىگە فاكىس ئارقىلىق قول قۇيۇپ ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بىزگە ئەۋەتىش ئارقىلىق مۇكاپاتنى تاپشۇرىۋالسا بۇلىدۇ.(خاتىرە سۈرەت قالدۇرۇش ۋە كىرىشتۈرۈلمە فىلىم ئىشلەشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مۇكاپاتلانغان ئەزانىڭ ئۆزى كېلىشىنى ئۈمىد قىلمىز)



ئاخىرىدا  بارلىق قېرىنداشلارنىڭ يېڭى باھاردا ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئەلكۈيى تورىنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بارلىق ئەزالارغا شۇنداقلا كەڭ تور ئەھلىگە چوڭقۇر  رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمىز. ئەلكۈيى ئەھلىنىڭ زىچ ئىتىپاقلىشىپ، مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ، توردىكى پائالىيتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ھەمدە يارقىن بولىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز. ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار،باشقۇرغۇچى -ئەزالار ئۆزىنىڭ تىنىمسىز تېرىشچانلىقى ۋە كەڭ تورداشلارغا ئەڭ ياخشى تور مۇھىتى ھازىرلاش ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇپ ئەلكۈيىداشلارنىڭ توردىكى كۈنلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سىزنىڭ ئارمانىڭىز - ئەلكۈيى تورىنىڭ ئۈمىدىدۇر!

ئەلنىڭ يولىدا تاشلىدۇق قەدەم،
ئەلكۈيى بىز ئۈچۈن بىر ئىللىق ۋەتەن.

كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ئەلكۈيى تور- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تورى
ئەلكۈيى تورى مۇنازىرە مۇنبىرى نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى باھالاش كوللىگىيەسى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى

tiwip 2011-03-26 19:03
    مۇشۇنداق ئىسىل پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەڭ تورداشلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى قامداپ كىلىۋاتقان ، "ئەلكۇيى تور چەكلىك شىركىتى"گە چىن كۆڭلۇمدىن رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن .
ئۆزىمىزنى سىنايدىغان مەيداننىڭ ھازىرلىنىشى ، كەلگۇسىدىكى ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاجايىپ زور ئىلگىرلىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ .
  مەيلى بىز مۇكاپاتقا ئىرىشەيلى ياكى ئىرىشەممەيلى ، بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس ، مۇھىمى دادىللىق بىلەن ئۆزىمىزدە بار بولغان قابىلىيەتلەرنى نامايەن قىلالىشىمىزدا
 .مۇكاپاتلايغان ئەزالارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !

gvzal3.8 2011-03-26 19:44
     مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەلكۈيى تورى مەسئۇلى مەمەتجان ئۈمىدۋارنىڭ ئىقتىساد، زېھىن، ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغىنىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئۈمىدۋارغا شۇنداقلا مۇشۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان بارلىق تورداشلارغا بارىكاللا.
    

مۇبارەك 2011-03-26 21:03
ئەفىفينىڭ ئەسىرى ماڭا ھەقىقەتەن ياققانتى، ئەينى چاغدا ئىنكاسىمدىمۇ ئېنىق يېزىپ قويغان تەسىراتىمنى. باھالاشتىكى سۆزلەرگە قارىساممۇ خېلى ئېنىق چۈشەنچە بېرىلگەندەك تۇرىدۇ. يۈكسەلنىڭ نورۇز ھەققىدە يازغان ئەسىرىدىن بۇ بايرىمىمىز ھەققىدە ئىخچام لېكىن چۈشىنىشلىك بولغان ساۋاتلارنى ئېلىۋالغان. بولۇپمۇ «نەۋرۇز» ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە «نورۇز» دەيلى دېگەن ئىنكاسى ماڭا ھەممىدىن بەك يېقىپتىكەن، بۇرۇن نەۋرۇز دەيتتىم پەيزى ئاڭلانغاندەك بىلىنىپ، بىراق ھاززىر «نەۋرۇز» دەيدىغانلارغا «نورۇز» دەڭلارەي دەيدىغان بولدۇم. بۇمۇ بىر ئاددىي ساۋاتقۇ ھېسابتا. رەيھانقىزنىڭ نورۇز ھەققىدە يازغان شېئىرىمۇ بىرخىل تاتلىق ھەم دىكلىماتسىيە قىلىپ ئوقۇسا كىشىگە تېخىمۇ بەك ئارامبەخىش تۇيغۇ بېرىدىغان ھالدا يېزىلغان، مىسرالىرىدا ئۆزگۈچە مەنالار بار...

نەتىجە مۇھىم ئەمەس. مىڭ-مىڭلاپ چىقىرىلغان باھالاشلارنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ رايى بويىچە بولغىنى يوق. مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىڭلارنى يەنىلا تەبرىكلەيمەن، بۇندىن كېيىنكى يېزىقچىلىق مۇساپەڭلار تېخىمۇ مول-ھوسۇللۇق بولسۇن. ئەلكۈيى تورىغا ھەم رەھمەت.

bargiya 2011-03-26 21:29
ئەلكۈيى تورىنىڭ نەۋرۇزلۇق مۇكاپاتلىق  پائالىيىتىنىڭ باھالاش نەتىجىسىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ بىر ئەزاسى ھەم ئاددى بىر باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان،قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن بارلىق ئەزالارغا ھەمدە بۇ توغرىلىق كۆز قاراش-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق ئەزالارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرۈمەن.ھەمدە مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئەلكۈيى مەسئۇلىغا،ئەلكۈيى تورىنىڭ بارلىق خىزمەتچى خادىملىرىغا پائالىيەتتىكى ئەسەرلەرنى باھالاش خىزمىتىگە قاتناشقان جاپاكەش ئۇستازلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
گەرچە ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقۇم بولسىمۇ بىراق مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇنىڭغا ئاۋاز قوشالمىغان ئىدىم.بىراق مەن  كۆڭلۈمدە ئەلكۈيىدىكى بۇ پائالىيەتنى  چوقۇم قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ قارىغان بىر نەچچە ئەزالارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز بولغان نەۋرۇز  بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە نىمە ئۈچۈنكىن ئاۋاز قوشماي ھەتتا بىرەر ئېغىز ئىپادىمۇ بىلدۈرۈپ قويمىغانلىقىدىن ھەم ئەپسۇسلاندىم ھەم بەكمۇ ھەيران قالدىم. ئاخىرىدا بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش مەلۇم سەۋەبى باردۇر دەپ قارىغان بولساممۇ بۇ خىل ھالەتنىڭ ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرىگە قارىتا بىر چېكىت بولۇپ قالغانلىقىنى يۇشۇرمايمەن.نىمىلا بولمىسۇن بۇ پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى چىقتى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق ئەزالارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
ئەلكۈيى تورىنىڭ  مەن ۋە يەنە ئىككى ئەزاغىمۇ بەرگەن مۇكاپاتىغا رەھمەت!!
ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك بولۇشى ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ بىر نىيەت-بىر قەدەمدە ئىز تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!

durak 2011-03-26 22:22
ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ  بۇ  قېتىملىق مۇكاپاتلىق  پائالىيىتى  خېلى  سەۋىيىلىك  ئېلىپ بېرىلىپتۇ ، ئەسەرلەرگە بەرگەن باھامۇ  ئەتراپلىق  بوپتۇ ، مۇكاپاتقا  ئېرىشكەن  قېرىنداشلارنى  تەبرىكلەيمەن ، قىزغىن ئىشتىراكچىلارنىڭ   تورداشلارغا تېخىمۇ  نادىر  روھىي ئوزۇقلارنى  ئېلىپ  كېلىشلىرىگە تىلەكداشمەن .  

saipidin 2011-03-26 23:00
سىزلەرنىڭ «ئەلكۈيى نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتى»ئۇرۇنلاشتۇپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت!مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەرنى تەبرىكلەيمەن! يازغۇچىلارنىڭ داۋاملىق يېڭى ئەسەرلەرنى يوللاپ بۇ تور بەتنى تېخىمۇ بېيتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن...مەن شۇنىڭغا ئشىنىمەن بىرىنچى دەرىجىلىك چوقۇم چىقىدۇ.

azgan 2011-03-26 23:24
مۇنبەر قۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى ۋە قەلەمكەشلەرنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىنىڭ غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن. ئەسىرى مۇكاپاتلانغان قەلەمكەشلەرگە مۇبارەك بولسۇن.
ئۈمۈدۋار ئەپەندىم، مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزىلىشىنى ئالاھىدە بىلدۈرگۈ قىلغان بولسىڭىزمۇ، لىكىن ئەينى ۋاقىتتىكى بىلدۈرگۈ تولىمۇ ئابىستىراكىت بولۇپ قالغان، تورمەنلەر بۇ ھەقتە كونكىرىتنى چۈشەنچە بېرىشىنى نەچچە رەت تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، سىز بۇ ھەقتە ئەتىراپىلىق چۈشەنچە بەرمەي قويدىڭىز شۇڭىلاشقىمىكى كۆپلىگەن قەلەمكەشلەر بۇ قېتىملىق پائالىيەتىنىڭ كونكىرىتلىقىنى دىگەندەك چۈشىنىپ بولالماي قالدى- دە، ناھايتى ياخشى ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش پۇرسىتى بەكلا ئاز بولۇپ قالدى. يۇقۇرى سەۋىيىدە يېزىلغان ئەسەرلەر مۇنبەردە قانچە كۆپ بولسا مۇنبەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى شۇنچە ياخشى بولاتتى. ھازىرمۇ ياخشى، دېمەكچى ھازىرقىدىنمۇ ياخشى بولاتتى.
ئۈمۈدۋار ئەپەندىم بۇندىن كىيىن بۇنداق مۇھىم ئىشلارغا سەل قارىمىسىڭىز.  يارقىن نوقتىلارنى تورمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. بۇندىن كىيىنكى مۇنبەر تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىشىنى ھەممەيلەن ئۈمۈت قىلىدۇ.

zakira 2011-03-27 00:23
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىزگە بۇ پۇرسەتنى  يارىتىپ بەرگەن ئۈمۈدۋار ئەپەندى ۋە قوللىغان ،مەدەت بەرگەن بارلىق مۇنبەرداشلارغا كۆپ رەھمەت . ئەلكۈيىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى .

gulen 2011-03-27 01:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەلكۈيىنىڭ مىھنەتكەشلىرى
بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىدىن بەك مەمنۇن بولغانىدىم، نەتىجىسىدىن تېخىمۇ. مەن پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە  باھالىغۇچىلىرىڭلاردىن مەسئۇلىيەت، ساپا ۋە ئەستايىدىللىقنى سەزدىم.
بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ قالساڭلار تەكلىبىم؛ 1. باھالار كونكىرىت، تېخىمۇ ئەستايىدىل، ئىلمي بولسا. يەنى باھالاش ئۆلچىمىدە ئېنىق گەپلەر دېيىلسە يازارمەنلەرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە يېتەكچى بولىدۇ. ياخشى دېمەك ئاسان، نېمە ئۈچۈن ياخشى دېگەننى ئىلمىيلىك جەھەتتىن كۆرستىپ بېرىش ئاسان ئەمەس.
2. ژانىرلار بويىچە سېلىشتۇرۇش ئايرىم بولسا. ئەدەبىي ئەسەر ئەدەبىي ئەسەرگە،يەنى  شىئېر شىئېرغا، ھىكايە ھىكايىگە، ماقالە ماقالىغا سېلىشتۇرۇلسا. باھالىغۇچىلار كەسپى بولمىغان ساھەگە باھا بەرمىسە. مېنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولساڭلار مەن ئىلمىي ئەسەرلەرگە باھا بېرىشكە ھەقسىز قاتنىشاتتىم.
3. باھادا مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھاسى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ باھاسى تەڭ ئۆلچەم قىلىنسا. بۇنىڭدا نىسبەت ئېنىق بېكىتىلسە.
4. تەشۋىقات ياخشى ئىشلىنىپ پائالىيەتنىڭ دائىرىسى تېشۋىق قىلىنسا.
مەن مۇشۇ كۈنگىچە كۆرگەن مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەر ئىچىدە، مەرھۇم مامۇتجان ئەپەندىم(ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي) تەسىس قىلغان گۈلزار مۇكاپاتىدىن كېيىنكى ماڭا ئەڭ ياققان مۇكاپات بولدى. ئۇتۇق ئادىللىق، رۇشەنلىكتە ئىپادىلىنىپتۇ.
مەن زاكىرە خانىمنىڭ ئەسىرىنىلا ئوقۇپتىكەنمەن. زاكىرە خانىمنىڭ ئەسىرىنى مەن بەك ياقتۇرغانتىم. قالغاننى ۋاقىت چىقماي ئوقۇمىغان. ئەمما باھالاردىن ئېسىللىقىنى بىلدىم.

begana 2011-03-27 09:13
مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ھەربىر ئەزانى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە نورۇزلۇق بۇ پائالىيەتكە ئەسەر سۇنغان ھەربىر مىھنەتكەشنى چىن قەلبىمدىن تەبىرىكلەيمەن .ھايات داۋانلىرىدا ھەممىلا ئادەمنىڭ مەيدىسىگە قىزىل گۈل  تاقاپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس ،مۇھىمى شۇ ئەزىزلەرنى قىممىتىنى يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرالايدىغان روھ....
ماۋۇ نەتىجىگە ئىرىشكەنلەر شاققىدە بىر چاي بىرىڭلار ....

bayawan 2011-03-27 10:30
مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبىرىكلەيمەن ، شۇنىڭدەك ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تور بېكەتلەر ساھەسىدە دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا بېسىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشىغا تىلەكداشمەن . بۇ يەردە قۇرۇق گەپ ئاز ، قۇرۇق غەيۋەت ، ئەھمىيەتسىز مۇنازىرىلەرگە ئورۇن يوق ، مۇشۇ خاسلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشۇڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن .

kumarajiwa 2011-03-27 11:10
بۇ مۇنبەرگە ئەسلى خېلى يۅزلۅك بىرەيلەننىڭ تونۇشتۇرىشى بويىچە ئەزا بولۇپ كىرىپ «ئالىمجان،ساقىلىڭىزعا رەھمەت»قاتارلىق ئۅچ تما يوللىسام تمىلىرىم تەستىقلىنىپ ھەتتا بىرسى نادىر تېما بولغان بولسىمۇ  ئەمما  بېكەت باشلىقىنىڭ نەرىگە يارىمىغىنىنى بىلمىدىم.ھەممىسى ئۆچۈرۈلۈپتۇ.بولۇپمۇ ئاخىرقى تېمام مۇنبەردە نېمىشقا پاتمىغانلىقىغا ھەيرانمەن.
مەن مېنىڭ تېمىلىرىمنىڭ بۇ مۇنبەرگە يارىمىغان نەرى باردۇ دەپ مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى بولۇپمۇ مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەرنى ئوقۇسام گۈلەننىڭ بىر تېمىسىنىڭ خېلى جېنى بارلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا  ئەسەرلەرنىڭ تولىسى تۆۋەن سەۋىيىدىكى ياكى كونا ئەسەرلەركەن.شۇندىلا تېمىلىرىمنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم.

شۇنداق ،ھەممە نەرسە ئۆز خىلى بېلەن ياخىشى.

تېمىلىرىمنىڭ ئۆچۈرگەنلىكىگە رەھمەت.

chichek 2011-03-27 11:19
بارلىق مۇنبەر ئەھلىگە سالام
مانا مۇكاپاتنىڭ نەتىجىسنىمۇ كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇق، ئۆزۈمنىڭ شەخسى پىكرىنى بەرسەم بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى باھالاش نەتىجىسى سەل ئادىل بولمىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم، باشقىسىنى دېمەيلا قوياي قەلەم ئەپەندىنىڭ مەرھابا نورۇز دېگەن نەسرى مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن ئەسلى مۇكاپاتقا ئېرىشىشقا تېگىشلىك ئەسەر ئىدى دەپ قارايمەن، شۇ ئەسەرنى ئوقۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقساڭلار بولىدۇ، ئەسەرلەرگە بېرىلگەن باھالار سەل يۈزەكى بوپ قالغان، ئەسەرلەرنىڭ باھالىنىشىدا ئىجادىيەت دېگەن بىر ئۇقۇمغا سەل قارىغان دەپ قارايمەن، باھالىغۇچىلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئادەم، مەيلى ئۇلارنىڭ قانچە داڭلىق ياكى قانچە قابىلىيەتلىك بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بىزگە ئوخشاشلا ئادەم ئىكەنلىكىنى كەمچىللىكلەردىن خالى بولالمايدىغىنىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەردە ئادىل بولۇشىنى ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ئوقۇرمەنلەر چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدىغان چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

atikam1 2011-03-27 11:25
ئەلكۈيى تورى <<نورۇزلۇق ئەسەر مۇكاپات پائالىيىتىگە قاتنىشىپ >>مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئاپتۇرىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن ،،،ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىدىنمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن ،،،،

tiwip 2011-03-27 11:29
نەقىل
بۇ 12قەۋەتتىكىkumarajiwa يوللىغان 2011-03-27 11:10 غا قارتىلغان  :
بۇ مۇنبەرگە ئەسلى خېلى يۅزلۅك بىرەيلەننىڭ تونۇشتۇرىشى بويىچە ئەزا بولۇپ كىرىپ «ئالىمجان،ساقىلىڭىزعا رەھمەت»قاتارلىق ئۅچ تما يوللىسام تمىلىرىم تەستىقلىنىپ ھەتتا بىرسى نادىر تېما بولغان بولسىمۇ  ئەمما  بېكەت باشلىقىنىڭ نەرىگە يارىمىغىنىنى بىلمىدىم.ھەممىسى ئۆچۈرۈلۈپتۇ.بولۇپمۇ ئاخىرقى تېمام مۇنبەردە نېمىشقا پاتمىغانلىقىغا ھەيرانمەن.
مەن مېنىڭ تېمىلىرىمنىڭ بۇ مۇنبەرگە يارىمىغان نەرى باردۇ دەپ مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى بولۇپمۇ مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەرنى ئوقۇسام گۈلەننىڭ بىر تېمىسىنىڭ خېلى جېنى بارلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا  ئەسەرلەرنىڭ تولىسى تۆۋەن سەۋىيىدىكى ياكى كونا ئەسەرلەركەن.شۇندىلا تېمىلىرىمنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم.

شۇنداق ،ھەممە نەرسە ئۆز خىلى بېلەن ياخىشى.

.......


  مەن سىزنىڭ "ئالىمجان ساقىلىڭىزغا رەھمەت"دىگەن ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ، خىلى ئىستىدات ئىگىسى ، ساپالىق كىشىكەن دەپ ئويلىغانىدىم . ئەمما بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۇپ، سىزدىن گۇمانلىنىپ قالدىم .
  مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ئىچىدە گۇلەننىڭ ئەسىرى يوق . گۇلەن ئەپەندىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشمىغان .<ئوقۇسام گۈلەننىڭ بىر تېمىسىنىڭ خېلى جېنى بارلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا  ئەسەرلەرنىڭ تولىسى تۆۋەن سەۋىيىدىكى ياكى كونا ئەسەرلەركەن>  دەپ يىزىپسىز . گىپىڭىزدىن قارىغاندا ، سىزدىن باشقا ئەسەر يىزىپ، نادىرلانغان ، ۋە باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكىنى سەۋىيەسى تۆۋەن پۇچەك ئەسەرلەر ھىساپلىنىكەندە  ؟!
  سىز ئۆزىڭىگە شۇنچە تەمەننا قويامسىز ؟   سىز ئەسىرىڭىزنى ئەتەي نادىرلىتىش ئۇچۇنلا يازامسىز ؟ ياكى باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىش ئۇچۇنلىمۇ  ؟  
  بىز مۇنبەرگە نىمە ئۇچۇن ئەسەر يوللايمىز  ؟ بىز پەقەت تەربىۋىي ئەھمىيىتى بولغان ، باشقىلارغا ئۇلگە ۋە باشلامچى بولالايدىغان ئەسەرلەرنى يىزىپ، بىلمىگەنلەرگە ئۆگىتىمىز ، بىلگەنلەردىن ئۆگىنىمىز  . مۇنبەر دىگەن مانا مۇشۇنداق سورۇن . ئەگەر مۇنبەردىن ھەقىقى ھوسۇل ئالاي دىگەن ئادەم ، مۇنبەرگە ئىناۋەت ياكى ئابرۇي ئىزدەپ ئەمەس ، بىلىم ئىزدەپ كىرىدۇ .
  

tikan 2011-03-27 12:12
نەقىل
بۇ 15قەۋەتتىكىtiwip يوللىغان 2011-03-27 11:29 غا قارتىلغان  :


  مەن سىزنىڭ "ئالىمجان ساقىلىڭىزغا رەھمەت"دىگەن ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ، خىلى ئىستىدات ئىگىسى ، ساپالىق كىشىكەن دەپ ئويلىغانىدىم . ئەمما بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۇپ، سىزدىن گۇمانلىنىپ قالدىم .
  مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ئىچىدە گۇلەننىڭ ئەسىرى يوق . گۇلەن ئەپەندىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشمىغان .<ئوقۇسام گۈلەننىڭ بىر تېمىسىنىڭ خېلى جېنى بارلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا  ئەسەرلەرنىڭ تولىسى تۆۋەن سەۋىيىدىكى ياكى كونا ئەسەرلەركەن>  دەپ يىزىپسىز . گىپىڭىزدىن قارىغاندا ، سىزدىن باشقا ئەسەر يىزىپ، نادىرلانغان ، ۋە باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكىنى سەۋىيەسى تۆۋەن پۇچەك ئەسەرلەر ھىساپلىنىكەندە  ؟!
  سىز ئۆزىڭىگە شۇنچە تەمەننا قويامسىز ؟   سىز ئەسىرىڭىزنى ئەتەي نادىرلىتىش ئۇچۇنلا يازامسىز ؟ ياكى باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىش ئۇچۇنلىمۇ  ؟  
.......

   تىۋىپجان، ما گېپىڭلىنىڭ يېرىمىنى مەن ياقتۇرمىدىم، بولۇپمۇ كۇماراجىۋا(بوزقىر)ئەپەندىنىڭ ساپاسىدىن، ئىستىدات ئىگىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغىنىڭلا ماڭا ياقمىدى. سىلىنىڭمۇ ئېسىل يېزىلغان ئەسەرلىرىڭلار بولۇپمۇ قىممىتى بار دەپ قارالغان ئەسىرىڭلا ئاۋال نادىرلانسا، ئاندىن نادىردىن قالدۇرۇلسا، ئارقىدىن نەچچە بەت ئىنكاس چۈشۈپ بولغاندىمۇ (باشقا مۇنبەرگە يوللانغان سەۋەب بىلەن)ئۆچۈرۈلۈپ كەتسە ئىچىڭلا ئېچىشماسمۇ؟ ئەگەر ئېچىشمايدۇ دىسەڭلا سىلە يا شۇنداق ماقالە يازمىغان بولۇسىلە، ياكى يالغان سۆزلىگەن بولىسىلە، ياكى ئىچىڭلار ئېچىشىشنى بىلمەيدىغان كىشى بولۇسىلە...
   ئەمدى بۇ قېتىمقى باھالاشقا كەلسەك، مەنمۇ بۇ باھالاشنى ئانچە ئادىل ھېس قىلمىدىم. بولۇپمۇ ھايات ئەپەندىنىڭ <دەز كەتكەن يۈرەك> ناملىق ئەسىرىگە بېرىلگەن باھا بەك تۆۋەن بوپقالغان، ھەتتاكى شۇ تېمىنى نادىرلاپمۇ قويمىغان.

   مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەزى ئەسەر ئىگىلىرىنى تەبرىكلەيمەن. بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر بىلەن بىرگە يەنە ئەلكۈيى تورى تەسىس قىلغان ئالاھىدە مۇكاپات نەۋرۇز مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلكۈيىگە تۆھپە قوشقان كونا تورداشلارنى تەبرىكلەش شۇنداقلا ئىجادىيەتچى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ئىلھام بىرىش مۇكاپاتى: سانى 3 نەپەر بۇلۇپ بەرگىيە،گۈلەن،يالغۇز قاتارلىق ئۈچ ئەزا تاللاندى.  مۇشۇ تۈردىكى بەرگىيە بىلەن گۈلەن ئەپەندىنى تاللاشتا ئۈمىدۋارنىڭ ھەقىقەتەن كۆزى باركەن دەپ قارىدىم، مەنمۇ بۇ ئىككەيلەندىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن.

tiwip 2011-03-27 12:32
نەقىل
بۇ 16قەۋەتتىكىtikan يوللىغان 2011-03-27 12:12 غا قارتىلغان  :

   تىۋىپجان، ما گېپىڭلىنىڭ يېرىمىنى مەن ياقتۇرمىدىم، بولۇپمۇ كۇماراجىۋا(بوزقىر)ئەپەندىنىڭ ساپاسىدىن، ئىستىدات ئىگىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغىنىڭلا ماڭا ياقمىدى. سىلىنىڭمۇ ئېسىل يېزىلغان ئەسەرلىرىڭلار بولۇپمۇ قىممىتى بار دەپ قارالغان ئەسىرىڭلا ئاۋال نادىرلانسا، ئاندىن نادىردىن قالدۇرۇلسا، ئارقىدىن نەچچە بەت ئىنكاس چۈشۈپ بولغاندىمۇ (باشقا مۇنبەرگە يوللانغان سەۋەب بىلەن)ئۆچۈرۈلۈپ كەتسە ئىچىڭلا ئېچىشماسمۇ؟ ئەگەر ئېچىشمايدۇ دىسەڭلا سىلە يا شۇنداق ماقالە يازمىغان بولۇسىلە، ياكى يالغان سۆزلىگەن بولىسىلە، ياكى ئىچىڭلار ئېچىشىشنى بىلمەيدىغان كىشى بولۇسىلە...
   ئەمدى بۇ قېتىمقى باھالاشقا كەلسەك، مەنمۇ بۇ باھالاشنى ئانچە ئادىل ھېس قىلمىدىم. بولۇپمۇ ھايات ئەپەندىنىڭ <دەز كەتكەن يۈرەك> ناملىق ئەسىرىگە بېرىلگەن باھا بەك تۆۋەن بوپقالغان، ھەتتاكى شۇ تېمىنى نادىرلاپمۇ قويمىغان.


بەلكىم سىز ئويلىغاندەك بولىشى مۇمكىن . ئەمما نادىرلىنىپ ئاندىن ئۆچۇرۇلۇپ كىتىشىنى ھەر جەھەتتىن ئويلاش كىرەك . بىراق باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى چۆكۇرۇپ، مەنسىتمەسلىك بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس.  ئۇنىدىن باشقا "دەز كەتكەن يۇرەك" دىگەن پوۋىستنى ئاللىقاچان نادىرلاپ بولغان ، ئەمما بۇنىمۇ چىقىرىپ تاشلاپتۇ .مىنىڭ كۇماراجىۋا ئەپەندىمنىڭ گىپىغا خاپا بولىشىم ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنىمۇ چىشلەپ تارتقان يىرى .

    باشقۇغۇچىلارغا پىكرىم : مەن بۇرۇن ئۇشبۇ مۇنبەرگە كىرگەن چاغدا ، بۇ مۇنبەرنىڭ تىمىلارنى تەستىقلاش ۋە نادىرلەش ئەھۋالى تولىمۇ رەتلىك ۋە ئادىل بولاتتى . بىراق يىقىنقى نەچچە كۇنلەر مابەينىدە "ئارقا سەپ"خىزمىتىڭلاردا بىرئاز ئىگىز-پەسلىك كۆرۇلگەندەك قىلىدۇ .2كۇن ئاۋۋال "ئالىمجان ساقىلىڭىزغا رەھمەت"تىما تەستىقلاندى . تەستىقلانغان كۇنىلا نادىرلىنىپ، مۇنبەر ئەھلىگە ئىنتايىن خۇش بولغانىدى . ئەمما نىمىشقىدۇركىن ، تۆنۇگۇن قارىسام بۇ تىمىنى نادىر تىمىلار قاتارىدىن يۇيۇپ تاشلاپسىلەر . بۇگۇن قارىسام بۇ تىمىنىڭ سايىسىمۇ يوق .
    بىز يەنە كاللىمىزنى 1ئاي ئاۋۋالقى مۇنبەرگە ئاغدۇرىدىغان بولساق ، "دىباغا كىرگەن 4ياشلىق يىگىت" ناملىق پوۋىستنىمۇ ھىچقانداق چۇشەنچە بەرمەيلا يۇيۇپ تاشلىدىڭلار .ئەسلى باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن ۋە تەسىر دائىرىسى كەڭ ئەسەر تىمىلارنى ، مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئۆچۇرۇپ تاشلىغان ۋاقتىڭلاردا ، چوقۇم پۇتۇن مۇنبەر ئەھلىنى بىرقىتىم خەۋەردار قىلىشىڭلار كىرەك ئىدى . بىراق سىلەرنىڭ سەۋەپسىزلا ئارقا-ئارقىدىن تىمىلارنى يۇيىۋىتىشىڭلار شۇ ئەسەرنى يازغان مۇئەللىپكە ئىغىر زەربە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مۇنبەر يۇزىدە "مەسئۇلىيەتسىز "دىگەن تەسىرنى بىرىپ قويىدۇ .ئۇلار ئۆزىنىڭ چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرلىرىنى يوللاشتىن يالتىيىپ قالىدۇ .ئەگەر بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، ھازىرقى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدكى "مۇنبەر سەركىسى"ئاتىلىۋاتقان ئەلكۇيى مۇنبىرىنىڭ ئىناۋىتىگە سەل قارالغان بولىدۇ .
  ئۇنىڭدىن باشقا يىشىلمىگەن يەنە بىر تۇگۇن بار ، ئۇنىمۇ قوشۇپ دەي ، "نادىر تىمىلار"قاتارىغا يەنە كۆز يۇگۇرتسەك ، ئۇيغۇرزادە ئەپەندىمنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ <ئۇيغۇرنى كونكىرت سۆيۇشنىڭ 20تۇرلۇك ئۇسۇلى >دىگەن ئەسەرنى پۇتۇنلەي يۇيۇپ تاشلاپسىلەر . نىمە سەۋەپتىن ئۇيغۇرزادە ئەپەندىمنى چەكلىدىڭلار ياكى نىمىشقا بۇ بىرقانچە تىمىلارنى سەۋەپسىزلا يۇيۇپ تاشلايسىلەر ؟  بۇنىڭ چوقۇم چۇشىنىشلىك بىرەر ئىنىق جاۋابى بولىشى كىرەك .
   شۇڭا مۇنبىرىمىزنىڭ جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرى ، يۇقارقى ئەرزىمەس بايانلىرىمنى ئويلىشىپ كۆرۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۇمىد قىلىمەن .
  

gulen 2011-03-27 12:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مېنى رىغبەتلەندۈرگىنىڭلار، مىھنىتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنىڭلار ئۈچۈن كۆپ مىننەتدار بولدۇم. مەنچە رىغبەتكە، قوزغۇتۇشقا، يۆلەشكە مەندىنمۇ بەكرەك باشقا قېرىنداشلارنى تاللىغان بولساڭلار ئەڭ بەك خۇرسەن بولاتتىم. مەن رىغبەلەندۈرۈلگۈچى ئەمەس بىر رىغبەتچى بولالىسام دەيمەن. باھايىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. مەن ئۆمرۈمدە لىللاھ مۇكاپاتلىنىپ باقمىغان. باشلانغۇچتا دادام مائارىپ مەسئۇلى بولغاچقا مۇكاپاتلىشاتتى. شۇ چاغدىن باشلاپ مۇكاپاتقا ئۆچ بولغانمەن. بۇ تۇنجى مۇكاپاتىمنى ئەل يولىدىكى قېرىنداشلىرىمدىن ئالغاچقا ئىپتىخارلاندىم. ئاللاھ ئەجرىڭلاردىن رازى بولسۇن.

pajiya 2011-03-27 13:02
ھېس قىلىشىمچە ھايات ئەپەندىنىڭ "دەز كەتكەن يۈرەك 'ناملىق پوۋېسىتى باھالاشقا سۇنۇلمىغان ،ئارقا تەرەپتىلا بىر تەرەپ قىلىنغان ئوخشايدۇ. ئاۋۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرگە قارىغاندا ئۆلىكى ئارتۇق ئىدى ئۇ ئەسەرنىڭ . قارىغاندا "قول يەڭ ئىچىگە ئىگىلگەن " ئوخشايدۇ.

chichek 2011-03-27 14:33
بۇ يەرنىڭ مۇشۇنداق يەرلىرى ھەممە ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ، ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىشلارنى قىلىپمۇ بىر ئېغىز چۈشەنچە بەرمەيدۇ، بۇ يەرنى ئوقۇرمەنلەرنى خىيالىغا ئەپ قويمامدىكىن دەيمەن
باھالاشتا نەتىجىگە ئېرىشمىگەن ئەسەرلەر ئىچىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىنمۇ ياخشىراق ئەسەرلەرمۇ بار ئىدى، مۇكاپاتقا ئېرىشمەپتۇ ھەيران قالدىم.

tohuyurak 2011-03-27 16:28
زاكىرە خانىم قاتارلىق مۇكاپاتقا نائىل بولغان ھەممىڭلارنى تەبرىكلەيمەن. يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭلار باللىرىم.  بارلىق نۇسرەت سىلەرگە مەنسۇپ.

sat喜欢 2011-03-27 17:17
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بائارلىق قېرىنداشلىرىمنى تەبرىكلەيمەن ~   مۇبارەك بولسۇن !

karol 2011-03-27 18:22
ئەلكۈيى خەلىقنىڭ كۈيى .
ئەلكۈيىدىكى بارلىق مۇكاپاتلانغان دوسلارغا مۇبارەك بولسۇن .

yaz~quxi 2011-03-27 19:14
زاكىرە خانىم قاتارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن! شەرەپكە ئېرىشكىنىڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن! بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭلار تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولسۇن!

gulvm 2011-03-27 20:47
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن  قېرىنداشلارنى  تەبرىكلەيمەن !

nimjan 2011-03-27 21:05
مۇبارەك بولسۇن ئەفىيفىي ئۇكام، مۇبارەك بولسۇن!

nimjan 2011-03-27 21:05
باشقىلارغىمۇ مۇبارەك بولسۇن !

nimjan 2011-03-27 21:07
مۇنبەردىن ئىبارەت بىر پارچە كىگىزدە بەداشقاننى قۇرۇۋالغان بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرى مۈشكۈل مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلەشمەكتە. بۇلار بىلىمدانلىقتا ئۆزلىرىنى ھەر-ھەرلەرگە تەڭ كۆرۈشمەيدىغانلار بولۇپ، ئۆز مەنتىقىسىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشكە ھەم "ھەقىقەت مىزانى" نى ئۆزىچە تەرىپلەشكە چىن ئىخلاسى بىلەن  تىرىشاتتى. مۇنبەرداشلىرىنىڭ دەلىللىرىنى رەت قىلاتتى.  بىلىمدانلىق قىلىشتا ئۇلاردىن  قېلىشمايدىغانلار بولسا ۋارقىراپ سۆزلەپ يېڭى-يېڭى دەلىللەرنى كۆرسىتىپ، مۇلاھىزىلەرنىڭ تىلسىملىق قورغىنىنى شۇئانلا سۆز بىلەن ياساپ قويۇشاتتى. گاھىدا بۇلار ئەسلىي ماۋزۇدىن چەتكە چىقىپ، تالاش ئۇچۇرىدىن كېلىپ چىققان يېڭى "نۇقتىلار"غا بېرىلىپ كېتىپ، سۆز توقايلىقىنىڭ تىكەنلىك مۈشكۈلاتلىرى بىلەن لىق تولغان سەھرالىرىدا مۈدۈرۈپ-تېنەپ يۈرۈپ، يەنە ئەسلىي مەسىلىگە يېنىشاتتى. بۇ بەسلەشكۈچىلەر گاھىدا مۇنازىرە چوغ-قوقاسلىرىدا قىزىپ كېتىپ بىر-بىرلىرىگە قوپال ئىبارە بىلەن تىغ سېلىشسا، گاھىدا  بىر-بىرلىرىگە بۈركۈتتەك ھۆرپىيىشىپ، يولۋاس-شىرلاردەك خىرىس قىلىشىپ، بۆرىلەردەك ھۇۋلىشىپ، ھايت-ھۇيت دېگۈچە بىر-بىرلىرىگە چاڭ سالىدىغاندەك قىزىق بىر ۋەزىيەتتە بولۇشۇپ، يەنە قېرىنداشلىق دالالىتى بىلەن چاپسانلا ئەكسىگە كېلىشەتتى. ئىملا ساقچىسى شۇنداق دەرلەركى، مىللەتسۆيەر ئىلغار ياشلار كىگىزدە بەداشقاننى قۇرۇۋېلىپ مۇنازىرە توقايلىقىدا يۈرگەنلىرىدە نېمە ئۈچۈندۇر ئانا تىلنىڭ ئىملاسىنى پېتىغداپ-چەيلەپ، تونۇغۇسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشماقتا!
_______________________
مەن مۇشۇ ئىنكاسىم ئۈچۈن 100 تىللا مۇكاپات تەلەپ قىلىمەن!   

yulgun1 2011-03-28 09:27
ئەل كۈيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن!ھەمدە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائىلىيەتلەرنى پات-پات ئېلىپ بېرىشىنى ئويلىشىپ باقسا دېگەن ئۈمىدتە مەن.
مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

ahu 2011-03-28 10:47
  نورۇز خاسىيىتىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تورداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،ھەممىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
  تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئوخشىمىغان كۆرقاراش،پىكىرلەرنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى،ھەممىلا ئادەمنى رازى قىلىش تەس.

huxrui 2011-03-28 12:18
مەنمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تورداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ،ھەممىڭلارنىڭ ئىشىلرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن. مۇكاپاتلىق ئەسەر پائاليىتىگە قاتناشتۇرۇلغان شۇنچە كۆ پ نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە 1- دەرجىلىك ئەسەر چىقمىغىنى بەك ئەجەپلىنەرلىك ئىش بوپتۇ.
ئەل كۆ يى ئۈچۈن تىرشايلى .

turditohti 2011-03-28 13:54
پالىيەتتە مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارغا ئالى ئېھتىراملار بولسۇن،ئەلكۈيى تورىنىڭ تېخىمۇ خاسىيەتلىك پالىيەتلەرنى تەشكىللەپ تۇرىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.
بىرلىكتە تىرشايلى!

imtihan399 2011-03-28 14:30
ئەفىفى قاتارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

aishe 2011-03-28 18:46
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تورداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،ھەممىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەفىيفىينىڭ ئەسىرى بەك ياخشى چىقىپتۇ. ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇۋەتتىم. ئەسلى داستاننى ئوقىغان بولساممۇ بەلكىم  بۇ نەسرى ئەسەرنى ئوقۇغاندەك زوق، لەززەت ئالالماستىم.
تىلى يىنىك، چۈشىنىشلىك، ئىدىيىسى ئىلغار، ئىملاسى توغرا، كىشىگە مەنىۋى ئۇزۇق بولالايدىغان مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى بىزگە سۇنغان ئەفىيفىي قېرىندىشىمىزغا ۋە ئەلكۈيى مۇنبىرىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن! بۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرىڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!  

javir 2011-03-28 21:42
مۇكاپاتقا نايىل بولغان بارلىق قەلەم ئىگىلىرىنى تەبرىكلەيمەن ..بۇندىن كىيىكى ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق ،ئايىلەڭلەرگە بەخىت ،كۈنلىرىڭلارغا خۇشاللىق يار بوسۇن .

sewletbeg 2011-03-29 17:10
بۇ مۇنبەردە ئوبدان ئىشلار ئاز ئەمەس ئىكەن. بۇندىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي ئۆتكۈزىلىشىگە تېلەكداشمەن. تورداشلارنىڭمۇ ھەر قېتىم تورغا كىرگەندە ئېلانلارنى چېكىپ تۇرۇشىنى، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ئوبدان بولغان ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە بولىشىنى قوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئاخىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەفىيفىي، زاكىرە قاتارلىق ئاپتورلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

                                            ھۆرمەت بىلەن سەۋلەتبەگ

jiuxing 2011-03-30 00:34
ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى ئۆتكۈزگىنىڭلارغا تەشەككۇر..

fana 2011-03-30 00:48
مۇكاپاتقا  ئېرىشكەنلەرنى    تەبرىكلەيمەن .  

karmalika 2011-03-30 15:34
مۇنبەردە يىڭىلىقلار  خېلىلا كۆپ ئىكەن ئۇزۇن بوپتىكەن  .مۇنبەرگە كىرمىگىنىمگە . مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن .

mary 2011-03-30 16:59
مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەرنى تەبكلەيمەن!!! شۇنداقلا ئەلكۇيى ئۇچۇن ۋە بىز ئۇچۇن ھارماي - تالماي ئەسەر يىزيىپ كىلۋاتقان قەملەمكەشلەرگە چىن قەلىبىمدىن رەھمەت ئىيىتىمەن!!!!!!!!!!!تۇلپار قەلىمىڭلار تىلىپ قالمىسۇن!!!    بىزدەك ئۇقۇرمەنلىرىڭلار  سىلەرگە ھەر قاچان تەشنا!!!    سىلەر بىزنىڭ قەلىبىمىزدە مەڭگۇ شان- شەرەپكە نائىل بولغۇچىلار!!!!!!!!!!!!!

datman18 2011-03-30 22:01
مەن شۇنچە يازاي دىسەممۇ ئلھامىم كەلمەيۋاتدۇ  بولمىسا مەنمۇ يېزىپ ئاۋتاتتم  كەن  .
شۇنداكتىمۇ   مۇكاپاتقا   ئىرىشكەن   ئەزالارنى  چىن كوڭلۈمدىن  تەبىرىكلەيمەن  .
بارلىك مۇكاپاتكا  ئىرىشكەن   ئەزالارغا   مۇبارەك  بولسۇن.
تىخىمۇ تىرشىپ  تېغىمۇ  ياخشى   ئەسەرلەرنى   يوللىشىڭلاغا  تىلەكداش  مەن  تېخىمۇ  تىرىشىڭلار   .گاۋ  گاۋ

pariay 2011-04-01 17:33
ئەلكۈيىدىكى بارلىق قەلەمكەشلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ! شۇنداقلا نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەزالارنى مۇبارەكلەيمەن ! <ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن> ئەجىر قىلغانلار ھەرگىزمۇ يەردە قالمايدۇ ! قەلەم تۇلپارىڭلار مەڭگۈ ھېرىپ قالمىسۇن !  ئەلكۈيىدە مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئۈمۈدۋار ئەپەندىگىمۇ كۆپتىن- كۆپ رەخمەت !

afiyfiy 2011-04-02 11:48
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم.
نەچچە كۈندىن بېرى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قېلىپ، بۇ تېمىنى كېچىكىپ كۆردۈم. ئالدى بىلەن بىزنى ئەسەر يېزىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ئەلكۈيى مۇنبىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. گەرچە لايىق بولمىسىمۇ، يازمامنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى مېنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى. ئەزىز تورداشلارنىڭ سەمىمىي تىلەكلىرى يۈرىكىمنى ئىللىتتى، خۇدا خالىسا، بۇلار كېيىنكى يازما-ئەسەرلىرىمىزگە زور ئىلھام بولغۇسى... ئاخىرىدا بۈيۈك ئاللاھتىن خەيرىلىك ئىشلارنىڭ تۈگەپ قالماسلىقىنى سورايمەن.
ھەممىڭلارغا رەھمەت دوستلار!

otyak 2011-04-11 13:37
مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بارلىق تورداشلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. بۇندىن كىيىن تىخىمۇ نادىر تىمىلارنى يېزىپ تۇرغايسىز...

urukjan 2011-04-12 21:30
ئەلكۈيى نازارىتىنىڭ  كۆزىتىش سەنئىتىگە قول قويدۇم.
گەرچە بۇ پائاليەتكە  نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەر قاتنىشالمىغان بولسىمۇ ،
بۇ پائالىيەت ئارقىلىق  ئۆزىمىزنىڭ ،ياق ياق..  مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىتىنى  جايىدا قانات يايدۇرۇش ۋە ئۇنى ئاداقىي داۋاملاشتۇرۇش يولىدا  ئىزدەنگەن ۋە ئىزدىنۋاتقان  مىللەت سۆيەرلەرنىڭ  ئوتلۇق يۈرەكلىىرىدىن  ئىپتىخارلىنۋاتىمەن...

مۇكاپات شەرىپىگە ئېرىشكەن ئەزالىرىمىزغا مۇبارەك بولسۇن...!
ئىجادىيىتىڭلار مول بولسۇن!

miskinyurak 2011-04-14 13:20
ئەلكۈيى تورىنىڭ نەۋرۇزلۇق مۇكاپاتلىق پائالىيىتىنىڭ غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .ھەم ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ  تىنىنىڭ سالامەت،تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .ئاللاھ ھەممىمىڭلارغا رەھمەت قىلسۇن.

gulnazi 2011-04-29 01:53
دوستۇم زاكىرە سىز ئۇچۇن خوشال بۇلىۋاتىمەن .شۇنداقلا مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بارلىق مۇنبەرداشلىرىمنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن . مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كىچىكىپ ئىنكاس يازغان بولساممۇ شۇنچىلىك ھاياجانلىنىۋاتىمەن . بۇندىن كىيىنمۇ قەلىمىڭلارنىڭ داۋاملىق تەۋرەپ تۇرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن . ئەل كۇيى تورىغىمۇ كوپتىن كوپ رەخمەت ئىيتىمەن .

saida 2011-06-13 19:42
ئېسىت، مەن تېخى بۇگۈن بۇ تورغا ئەزا بولۇپ كىرىپتىمەن، بالدۇرراق كىرگەن بولسام، مەنمۇ بوش كەلمەسكەنمەن، بولسا مۇشۇنداق ئىتتىپاقلىق، رىقابەت تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەر كۆپرەك ئۆتكىزىلىپ تۇرسا دەيمەن، كۆپچىلىك بىلەن تۇنۇشقىنىمغا خوشالمەن.(كېيىن قالغان بولساممۇ)

zama 2011-06-17 23:18
مەن ئەلكۈيى تورىدىكى يىڭى ئەزا بولۇش سالايىتىم بىلەن ھازىر شۇنى بىلدىمكى تالانت تىرىشچانلىقتىن كېلىدىكەن ،مەن بۇ قىتىمقى< نۇرۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتى>نى كۆرمىگەن بولساممۇ لىكىن چۇڭقۇر مەنىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ،كىلەركى قېتىم چوقۇم قاتنىشىمەن .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئەلكۈيى تورى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.053040 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us