رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يۇرچى ئوتتۇرا مەكتەپتە نورۇز --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ] -> يۇرچى ئوتتۇرا مەكتەپتە نورۇز [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

turditohti 2011-03-24 00:03




















(داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ)

tuprakbag 2011-03-24 01:22
قانچە يىل كۇلىدا سەرسان بولۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كونسۇل كوچىسىدا ئۆي لەغمىنى يىگەندەك ھوزۇر بىلەن ئولتۇرۇپ كۆرۈپتىمەنغۇ!
ماڭا يەرلىك تاش ئالما ھەر زامان "خوڭفۇشى"دىن تاتلىق بىلىنىدۇ!

hayat1 2011-03-24 01:32
بىز ئەتە ئۆتكۈزىمىز .پائالىيىتىمىز كەڭ كۆلەملىك بولماقچى.

payrawisada 2011-03-24 02:13
مەن مۇ كەلپىندىن  مەن بۇ كۇرىنىشلەرنى كۇرۇپ    يەنى ئۇزۇم  ئۇقۇغان ئاشۇمەكتىپمنى . ئۇقۇتقۇچىلىرىمنى كۇرۇپ   بەكمۇخۇش بۇلدۇم.

ruslan111 2011-03-24 04:33
مەنمۇ كەلپىندىن  ئانا مەكتەپ   ،   يۇرتقا قايتقاندەك بولۇپ  قالدىمغۇ  بۇنى كورۇپ  ،   تۇردى توختى مۇئەللىم   رەھمەت  سىزگە   !   شۇتاپتا   تەنتەربىيە  دەرسىڭىزنى   ئەسلىۋاتىمەن  .

ruslan111 2011-03-24 04:40
ئەر ئوقۇتقىچىلارنىڭ  دوپپىسى  تاشلانماپتۇ  لىكىن ئايال ئوقۇتقىچىلارنىڭ  ياغلىقى نەگە كەتتىكىن  ؟؟؟

gül-kapitan 2011-03-24 08:14
بۇ نورۇز پائالىيىتىنى كۆرۈپ قايسى كۈنكى تالاش تارتىش ئېسىمگە كەلدى.
بۇ كۆرۈنۈشتىكى ئوقۇغۇچىلار بىر مىكرافۇننى قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ ئوچۇق سەينادا ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ شۇنچە كۆڭۈلللۈك ۋە ھوزۇرلۇق ئۆتكۈزۈشۈپتۇ.
بىز بولساق ئۆتكەن يىلىقىدەك كېچىلىك ئۆتكۈزدىغان چوڭ سەھنىدە،چىراق نۇرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزمەي گىمناستىكامەيدانىدا ئۆتۈزىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى نورۇزنى ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كەچتۇق.....
بۇ پائالىيەتنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم.

turditohti 2011-03-24 08:28

turditohti 2011-03-24 09:23
payrawisada
ruslan111
سىلەرنىڭمۇ يۇرچى ئوتۇرا مەكتىۋىدە ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىڭلاردىن سۆيۈندۈم،سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي!
ئامان بۇلۇڭلار!

zakira 2011-03-24 09:36
turditohti
   مۇئەللىم  ئوقۇغان نورۇزنامىڭىزنى تۇلۇق ئاڭلىدىم ،مايىن شاماللاردا  ئۇچۇرۇپ تۇرغان پەردىلەر ، لەرزان مۇقام مۇزىكىلىرىغا ئوينىغان ساۋاقداشلارنىڭ  ئۇسۇللىرى شۇنداق تەبىئىي چىقىپتۇ . بىزنىڭ مەكتەپنىڭ نورۇز پائالىيىتىمۇ بەكلا  قىزىپ كەتتىكى ئاتا -ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلدى .

gvzal3.8 2011-03-24 10:51
   نورۇزلۇق پائالىيىتىڭلار تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بوپتۇ، خۇددى ئۆزۈممۇ شۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بوپقالدىم.
   رىياسەتچىلەر يەنىمۇ تەبىئىي رىياسەتچىلىك قىلىشنى مەشىق قىلسا بولغۇدەك(بۇ پەقەت شەخسىي قارىشىم، قۇسۇر چىقارغانلىق ئەمەس جۇمۇ ).

0998bahar 2011-03-24 10:53
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك  نورۇز بايرىمى بولۇپتۇ،  مىللى سازلار تەڭكەش قىلىنغان  خەلق ناخشىسى ۋە  مەردانە ئوينالغان ئۇيغۇر  مەشرىپى  داغدۇغىدىن خالى ئاددى سەھنە، قەلبى ساپلىق بىلەن تولغان   دىھقان پەرزەنتلىرى ۋە ئىللىقلىققا، خۇشاللىققا ھەقىقى مۇھتاج بولغان  ئاجىزلارنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك بايرىمى بولۇپتۇ.  <دىدار غەنىمىيمەت> دېگەن ناخشىنى ئوقۇغان قىرىندىشىمىزنىڭ ئاۋازىنىڭ ياڭراقلىقىدىن سۆيۈندۈم، ئاللاھ ئۇنى ئاجىز قىلغان بولسىمۇ لېكىن يىقىملىق بىر ئاۋاز ۋە ئۇيغۇر مۇقامىنى خىلى ياخشى ئوقۇيالىغىدەك سەزگۈ ئاتا قىپتۇ.
بۇ تىمىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ شۇ تاغلىق يېزىدىكى ئانا مەكتىۋىم ۋە ئەينى يىللاردىكى  ساۋاقداشلىرىم  بىرمۇ بىر ئىسىمگە كەلدى.
رەھمەت سىزگە تۇردى توختى مۇئەللىم، بۇ تىمىڭىز بەلكىم نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ كۆڭۈللىرىنى يەنە بىر ئاختۇرۇپ ئۇنتۇلغان دوستلىرى، مەكتىۋى، يىراقتىكى سەھرالىرىنى  يەنە بىر ئەسلىشىگە تۈرۈتكە بولۇپ قالغۇسى.

pariay 2011-03-24 11:48
<نورۇزنامە> نى ئوقۇغان سىز بولامسىز ؟
نورۇزلۇق پائالىيىتىڭلار بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈلۈپتۇ ؟

xahogli 2011-03-24 12:02
ناھايتى ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپتىغۇ بۇ نەۋۇز بايرىمى.
شۇنداق قىزىپتۇ.
ئەمما بىز خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىدىكى نەۋرۇزنىمۇ كۆرەلمىدۇق.
بەك پۇشايمان........

javir 2011-03-24 14:12
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ ...

يۈرۈچى ئوتتۇردىكى ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

tikan 2011-03-24 14:25
بۇ پائالىيەت بۇ يىلقى ئەمەسكەندە؟ 2009-يىللىق نورۇز پائالىيىتىڭلار ئوخشىمامدۇ؟

lukqvn 2011-03-24 15:33
نەقىل
بۇ 9قەۋەتتىكىzakira يوللىغان 2011-03-24 09:36 غا قارتىلغان  :
turditohti
   مۇئەللىم  ئوقۇغان نورۇزنامىڭىزنى تۇلۇق ئاڭلىدىم ،مايىن شاماللاردا  ئۇچۇرۇپ تۇرغان پەردىلەر ، لەرزان مۇقام مۇزىكىلىرىغا ئوينىغان ساۋاقداشلارنىڭ  ئۇسۇللىرى شۇنداق تەبىئىي چىقىپتۇ . بىزنىڭ مەكتەپنىڭ نورۇز پائالىيىتىمۇ بەكلا  قىزىپ كەتتىكى ئاتا -ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلدى .


   ئۇچۇرىنى بىرىۋەتكەن بولسىڭىز ۋاقىت چىقىرىپ قاتنىشاركەنمەن .

akattrgvl 2011-03-24 17:47
ئانا يۇرتنىڭ مېھرى  ئىللىق  پاك قەلىبلىك  ،خۇشچىراي شۇنچىلىك سۆيۈملۈك ،ئاددى ھەم ئۇلۇغ بولغان ئىنسانلىرنى كۆرەلىگەنلكىمدىن تولىمۇ خوش بولدۇم ،قەلىبدىكى بۇ ھاياجاننى ئاددىى تىللار بىلەن بىلەن ئىپادىلەش ھەققىقەتەنمۇ تەس كەلدى .تۇغۇلغان يەرنىڭ مېھرى دېگەن ئاجايىپلا بولدىكەن ،شۇنچىلىك سۆيۈنۈش ،شۇنچىلىك ھاياجانلىنىش ئىچىدە كۆرۈپتىمەن ،ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتىلىك پائالىيەت بوپتۇ .ئاشۇنداق ئاپئاق قەلىب ئىگلىللىرى بولغاچقىلا بۇ سورۇن تەبىئيلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان، تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانسۇن كەلپىنىم،سالامەت
بولسۇن مېرى ئاتەش يۇرتداشلىرىم !

ناھايىتى ئەپسۇس ،بىراق مەن شۇنچە كۆپ يۇرداشلار ئىچىدىن پەقەتلا ماڭا ماتىماتىكا دەرسى بەرگەن ھېلىقى فىلىم ئىشلىگۈچى غېنى مۇئەللىمنى ،خېلىل جۇرېن دېگەن ئادەمنى،ئاندىن يەنە تويلاردا بەزى بەزىدە ناخشا ئېيتىپ بېرىدىغان ئارتىس ئاكاشنىلا تۇنۇيالىدىم .

    

turditohti 2011-03-24 18:48
208-،2010-يىللارنىڭمۇ بار ئىدى،ھازىرچە 2009-يىلنىڭكىنى يولاپ،قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە نورۇز شاتلىقىدىن بەھىرلىنەيلى دەپ ئويلىدۇم.ۋاقىت يار بەرسە قالدى يىللارنىڭكىنىمۇ يوللاپ،قېرىداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ،يېنىمۇ ياخشى پالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئاساس سالساق دىگەن ئۈمۈتىمەن.
قېرىداشلارنىڭ ياخشى باھا بەرگىنىدىن سۆيۈندۈم.
ھەممەڭلار سالامەت بۇلۇڭلار!

kun^kiz 2011-03-24 18:56
پائالىيىتىڭلارنى  شۇنداقمۇ كۆڭۈللۈك ھەم مەنىلىك ئۆتكۈزۈپسىلە .

mutepekkur 2011-03-24 21:38
turditohti
تۇردى توختى شوجاڭ سىزمىدىڭىز،  مەن تېخى كىمكىن دەيمەن،  كەڭساي مۇنبىرىدىمۇ ماقالىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇراتتىم.  ئەمما سىزنىڭ بىزنىڭ تۇلۇقسىزدىكى مۇدىرىمىز تۇردى توختى ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
مەكتەپتىكى ئۇكىلىرىمنىڭ  ھەقىقىي پەزىلەتلىك، ۋىجدان- ئەقىدىلىك بالىلار بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تىرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!

ghezelhan 2011-03-25 14:07
ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل نوزۇر بولۇپتۇ.

xohgul 2011-03-25 17:40
مەنىلىك ئوتكۇزۇلگەن كۇن بۇپتۇ،بايرام مۇبارەك.

mudarris 2011-03-26 13:54
  مۇشۇنداق ياخشى پائالىيەتلەرنىڭ تەشكىللىنىشى ئارقىسىدا چوقۇم ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي دەك بىرەر كىشى بار دەپ ئويلىغانىدىم، دېگىنىمدەك چىقتى!
   رەھمەت سىلەرگە، ئەنئەنىنى ئۇنۇتمىغانلار!

akkani 2011-03-26 14:50
تۇردى توختى،مەن ئابدۇۋەلى راخمان(ھەققانى)بولىمەن ،مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ ،سىلەرنىڭ مەكتىۋىڭلاردا ئوتكۇزگەن <<2009-يىللىق نورۇز بايرىمى>>ڭلارنى كورەلىگەنلىگىم  ئۇچۇن ئىنتايىن پەخىرلەندىم.مەكتىۋىڭلار  ئەھمىيىتى زوربولغان ئىلمى ئەمگەك مىۋىسىنى جاھانغا نامايان قىپتۇ ،سىز ئارقىلىق مۇشۇ پائالىيەتكە قىزغىن ئاۋاز قوشقان  بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قىزغىن سالام يوللايمەن!!!

qohluk 2011-03-27 14:50
ئەسسىلامۇ - ئەلەيكۇم ! تۇدىقارى مۇئەللىم، يوللىغان بۇ سىن ھۆجىتىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ، ئۆزۈمنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن ئۇستازلىرىمنى ، ئۆزۈم ئوقىغان ئانا مەكتىپىمنى كۆرۈپ بەك خۇش  بولدۇم .  مەندىن ئانا مەكتىپىمنىڭ ھەربىر تۈپ ھىياھلىرىغىچە  ئوتلۈق سالام !!!

ruslan111 2011-03-28 04:58
يىللار نىمە دىگەن تىز ئوتكەن ھە !!! ئەركىن  تاھىر  بىزدىن يۇقىرى سىنىپتا  ئوقۇيتتى  ،  مانا ھازىر  ئوقۇتقۇچى بولۇپ بالا  ئوقۇتۇۋېتىپتۇ   . ئىشلىرىڭلاغا  ئۇتۇق تىلەيمەن !!!

miskinyurak 2011-03-28 10:37
يۇرتۇمدىكى بۇپائالىيەتنى كورۇپ شۇنداق خۇش بولدۇم ،ئاللا سىزگەرەھمەتقىلسۇن .

turditohti 2011-03-28 11:06
akkani
ئابدىۋېلى ئاكا،بۇ پالىيەتنى كۆرگىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم،ھەم ياخشى تەكلىپلەرنى بېردىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن،بۇنىڭدىن كىيىنكى پالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتكىزىلىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشساق.
سىزنىڭ سالىمىڭىزنى بارلىق ئۇقۇتقۇچى،ئشچى-خىزمەتچىلەرگە يەتكۈزىمەن،ھەم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پالىيەتنى كۆرگەن ھەم ئىنكاس قايتۇرغان يۇرداشلارغا ۋا تورداش قېرىنداشلارغا ئالى ئېتىرامىمنى بىلدۈرىمەن.
ئامان بۇلۇڭلار!

akkani 2011-03-28 11:46
تۇردى توختى، جاۋاپ ئىنكاسىڭىزنى كورۇپ سىزبىلەن يىراقتا تۇرۇپ مۇڭداشقاندەك ھىسىياتقاكەلدىم .پات ئارىدا يۇرتقا بارىمەن .
شۇ چاغدا تېخىمۇ مەنىلىك پائالىيەتلەر ئوتكۇزۇش توغرىسىدا تەپسىلى پاراڭلىشىمىز. خەير ئامان بولۇڭ!

turna 2011-03-30 22:21
مەن بۇنى كۈرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم ،مەن گەرچە بۇ مەكتەپتە ئۇقىمىغان بولساممۇ  بۇ ئېسىل نۇمۇرلانى كۈرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم . مەنمۇ كەلپىندىن ،بىر كەلپىن پەرزەنتى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  بۇ بىز نىڭ مىللىي بايرىمىمىز بولغان نورۇز بايرىمى ئۈچۈن تەييارلانغان    تولىمۇ ئاددىي ئەمما ناھايىتى ئەھمىيەتلىك نادىر سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار غا، مۇشۇنداق نادىر نۇمۇرلانى تەييارلىغان سوۈيۈملۇك ساۋاقداشلارغا چىن كوڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . رەھمەت سىزلەرگە ...

turditohti 2011-03-31 09:10
نەقىل
بۇ 9قەۋەتتىكىzakira يوللىغان 2011-03-24 09:36 غا قارتىلغان :
turditohti
   مۇئەللىم  ئوقۇغان نورۇزنامىڭىزنى تۇلۇق ئاڭلىدىم ،مايىن شاماللاردا  ئۇچۇرۇپ تۇرغان پەردىلەر ، لەرزان مۇقام مۇزىكىلىرىغا ئوينىغان ساۋاقداشلارنىڭ  ئۇسۇللىرى شۇنداق تەبىئىي چىقىپتۇ . بىزنىڭ مەكتەپنىڭ نورۇز پائالىيىتىمۇ بەكلا  قىزىپ كەتتىكى ئاتا -ئانىلارنىڭ كۆپ قىسمى قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلدى .

zakira
بۇ ئەنئەنىۋى،مىللى بايرىمىمىز،يۇرتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاشلا قېدىرلىنىدىغان ۋاقىتنىڭ بۇلىشىغا ھەممىمىز ئىنتىزار،سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى نورۇز پالىيىتىنىڭ ياخشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن تۇلۇمۇ خۇشال بولدۇم.ساۋاقداشلارنىڭ ئېڭىدا بۇ بايرامنىڭ خاسىيىتى ۋە ئورنىنى بىلدۈرۈش،بىزلەرنىڭ بۇرچىمىز.
ئامان بۇلۇڭ!

1980 2011-03-31 23:30
ئاجايىپ نورۇز بوپتۇ  

erdawel 2011-04-01 00:53
  مۇئەللىم سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم ، مەكتىپىمنى ھەم سىزنى ، يۇرتۇمدىكى نۇرۇزنى بۇ يەردە(توردا) كۆرگەنلىكىمدىن ئېنتايىن خۇشال بولىۋاتىمەن .
تېما ئىسمىنى كۆرۈپ ئىككىلەنگەنتىم ،بىزنىڭ مەكتەپ شۇمىدۇ ياكى باشقا يۇرچى دەپ باشقا مەكتەپ بامىدۇ دەپ . دەل بىزنىڭ مەكتەپكەن ئەمەسمۇ ؟
  سىز سىياسىي دەرسىنى بەرگەنتىڭىز ، سىزگە ھەم مەكتەپتىكى بارلىق ئۇستازلىرىمغا سالامەتلىك تىلەيمەن.

turditohti 2011-04-02 08:53
erdawel
ئۇقۇتقۇچىلىرىڭىزغا يوللىغان سالىمىڭىزغا رەھمەت،ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن.قانداقلا بولمىسۇن،بۇ تەبىيەت بايرىمىمىزغا بولغان مۇھابىتىمىزنى ئىپادىلەشكە تىرشتۇق.
ئامان بۇلۇڭ!

erdawel 2011-04-02 22:15
رەھمەت سىزگە ، سالامەت بولۇڭ .

ruslan111 2011-04-05 19:09
مۇتەپەككۇر   933403767       بۇ نۇمۇرنى  قوشۇڭ    سىز  بىلەن  كورۇشمەكچى  ئىدىم

akbar0997 2011-04-15 12:39
تۇردى مۇدىر بارىكاللا ،بولسا ھەر يىللىق نوزۇز پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ ئىز باسارلىرىمىزغا يوقۇلۇپ كىتەي دەۋاتقان مىللى بايراملىرىمىزنى ئۇلارغا تۇنىتىڭ.
خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

turditohti 2011-08-25 15:09
http://w.56.com/my/index.php?action=Video&do=videoList
akbar0997
بۇ ئادرىسىقا كىرسىڭىز ھەر يىللىق نورۇزنى كورالەيسىز،بىزمۇ سىز دىگەندەك قىلىش ئۈچۈن تىرىشۋاتىمىز.
سالامەت بۇلۇڭ!

tarimwadisi 2011-09-02 03:49
بارىكاللا ئېزتقۇلار.......

turditohti 2011-09-22 21:06
http://w.56.com/my/index.php?action=Video&do=videoList
يۈرچى ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ بىرقانچە يىللىق نورۇز پالىيىتىنى يۇقارقى ئادرىسقا كىرىپ كۈرۈڭ

gazang 2011-09-23 00:21
muallim yolligan  timingiz eqilmidiya   burunki ustazlani   torda bosimu koray disam

turditohti 2011-09-23 01:36
نەقىل
بۇ 41قەۋەتتىكىgazang يوللىغان 2011-09-23 00:21 غا قارتىلغان :
muallim yolligan  timingiz eqilmidiya   burunki ustazlani   torda bosimu koray disam

normalhu

gazang 2011-09-23 10:34
 mining  eqilmidigu nimix tu    bak korgum bati isit


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يۇرچى ئوتتۇرا مەكتەپتە نورۇز --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.038209 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us