بىمەنە تۈس ئالغان كومىدىيەلىك دراما «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟» ھەققىدە <ئەلكۈيى ئىكرانى> زىيارەت خاتىرىسى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات ئورنى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكى تەييارلىغان مۇھەببەت تېمىسىدىكى كومىدىيەلىك دراما «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟» نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ باشلىقى كامىل تۇرسۇن ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن ئىمىر ، شنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قۇربانجان ھېيىت ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سەھنە گۈزەل ــ سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەنۋەر سەمەت، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ياش ئىقتىدارلىق رېژىسسورى ئىسلامجان ۋارىس شۇنداقلا سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت - تەتقىقات مەركىزىنىڭ خادىملىرى، دراممىدا رول ئالغان ئارتىسلار ،ئارقا سەپ مۇلازىمەتچىلىرى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسسى، ئەلكۈيى تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىر، ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
بۇ درامىدا يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بىلەن رېئالىزىم بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ، بىر ئاددىي تاكسى شوپۇرىنىڭ مۇھەببەتلىك نىكاھ تۇرمۇشى سۆزلەنگەن . ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىككى خوتۇن ئالغان ، بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ئىككى ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن . گەرچە ئۇنىڭ ئىككى خوتۇن ئېلىشى قەستەنلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن بارا ــ بارا بۇ خىل تۇرمۇشقا كۆنۈپ قېلىپ ئۆزگەرتىشنى خالىمىغان ، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن ئەتراپلىق قىلىپ ۋاقىت جەدىۋىلى تۈزۈپ ، ئىككى ئائىلە تۇرمۇشىدىن تەڭ بەھىرلەنگەن . بىراق بىر قېتىملىق تاساددىپىيلىق ئۇنىڭ بۇ مۇكەممەل پىلانىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، بىر قاتار زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنى پەيدا قىلغان . دىرامىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتى ۋە ۋەقەلىكلىرىگە قىززىقسىڭىز ئەلكۈيى تورى <<ئەلكۈيى ئىكرانى>> پروگرامما گۇرپىسى بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان
زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرۈڭ!
كامىل تۇرسۇن ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ باشلىقى كامىل تۇرسۇن ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرىغا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى : بۇ دراما بىزگە ھازىرقى جەمئىيەتتىكى رېئاللىقىنى ، مۇھەببەت ۋە نىكاھنى ، يېنىك كومىدىيە بىلەن تۇرمۇش كارتىنىسىنى روشەن يوروتۇپ بېرىدۇ . تېز رېتىم شۇنداقلا تەشۋىشكە تولغان ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە پېرسۇۋىناژلارنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلارغا بولغان ئىنكاسى ئارقىلىق ، تاماشىبىنلارغا كۈلكە ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە ، تاماشىبىنلارنى مۇھەببەت ۋە نىكاھ توغرىسىدا ئويلاندۇرىدۇ . ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر
ئەلكۈيى تورى <ئەلكۈيى ئىكرانى> زىيارىتى جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر كامىل تۇرسۇن ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا
دراممىنىڭ رېژىسسورى ئىسلامجان ۋارىس ئەلكۈيى تورىدىكى تورداشلارغا دراما توغرىلىق سۆزلىمەكتە
تاكسى شوپۇرى رولىنى ئېلىپ چىققان ياش ئاكتىيور ئابدۇكېرەم ئابلىمىت ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا
دراممىنىڭ ئاساسلىق رولچىلىرىنىڭ بىرى ئابدۇرېھىم راخمان ئەلكۈيى توردىكى تورداشلارغا «ئۇنىڭ كىچىك خوتۇنى يوق؟»ناملىق درامما ھەققىدە سۆزلىمەكتە درامىنىڭ بىر قىسىم ئارتىس ۋە رېژىسسورى ئەلكۈيى تورىدىكىلەر بىلەن بىرگە
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى داۋامىدا كومىدىيەلىك دراما« ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق؟» تىن كەڭ يىغىن ئەھلىگە ئارىيە ئۇرۇنلاپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.تۈۋەندە ئارىيەدىن تاللانما رەسىملەر كامالى ئىھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تورى ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى |