ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى ۋە مۆھتىرەم ئابۇنتچىلىرى، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت، ئامەت شۇنداقلا توردىكى ھەر بىر كۈنۈڭلارنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. بۈگۈنكىدەك خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ بايرام تەنتەنىسى قىلىۋاتقان قۇتلۇق كۈندە بىز كەڭ تورداشلار بىلەن «مېھرىبان ئانىلار» بىلەن بولغان زىيارىتىمىز ئارقىلىق يۈز كۈرۈشمەكچى بۇلىۋاتىمىز.
2011-يىلى 1-مارت چۈشتىن بۇرۇن،ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيتى<<مېھرىبان ئانىلار>>كوللىكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە <<مېھىر-مۇھەببەت>>ئوقۇشقا ياردەم بىرىش پائالىيتى ئۈرۈمچى ئەتتىرگۈل رىستۇرانىدا داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتنى تورىمىز <<ئەلكۈيى ئىكرانى>>ئارقىلىق <<مېھرىبان ئانىلار>>كوللىكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە <<مېھىر-مۇھەببەت>>ئۇقۇشقا ياردەم بىرىش پائالىيتى جەريانىدا ئېلىپ باققان ئەلكۈيى زىيارىتىدىن كۆرىۋېلىشىڭلارنى سورايمىز.
<<مېھرىبان ئانىلار>>كوللىكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە <<مېھىر-مۇھەببەت>>ئوقۇشقا ياردەم بىرىش پائالىيتى ئەلكۈيى زىيارىتى
پائالىيەتكە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماينۇر قاسىم ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىلەيسەم رىشىت،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپىكار مۇتەخەسسىسى ھۇشۇر ئىسلام ..قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە يازغۇچى ، شائىر ، تەتقىقاتچىلار ... ئۈرۈمچى خەير–ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ‹‹ مېھرىبان ئانىلار ›› كوللېكتىپى ، ‹‹ ساخاۋەتچى ئاتىلار ›› كوللېكتىپى ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى،شىنجاڭ گېزىتى،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى،ئەلكۈيى تورى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋەكىل - مۇخبىرلىرى قاتنىشىپ پائالىيەت ناھايتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

ئۈرۈمچى خەير–ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ‹‹ مېھرىبان ئانىلار ›› كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى رەيھان قاسىم ‹‹ مېھرىبان ئانىلار ›› كوللىكتېپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆزى قىلماقتا
مېھىر–مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى چەكسىز . ئۇ ، ئىرق ، مىللەت ، دىن ، دۆلەت ، رايون ، ياش ۋە جىنسىي پەرقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ . ئەمما ھەر بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھايات مۇساپىسى چەكلىك بولىدۇ. <<مېھرىبان ئانىلار>>ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقى ۋە ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن 10 يىل مابەينىدىكى تەسىرلىك ئىش–ئىزلىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ. جەمئىيىتىمىزدە ئۆز ئارا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشكە ئالاھىدە تۈرتكە بولدى.
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماينۇر قاسىم سۆز قىلماقتا
پائالىيەت مەيدانىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر جىددىي يوللىنىۋاتىدۇ
ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەر
<<مېھرىبان ئانىلار>>كوللىكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم ئەلكۈيى تورىدىكىلەر بىلەن بىللە
كومپيۇتېر مۇتەخەسىسى ھۇشۇر ئىسلام ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا
ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ھۇشۇر ئىسلام بىلەن بىرگە
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى مۇنىرە غۇپۇر ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا
دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس،جۇڭگو ئۇسۇلچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىلنار ئابدۇللا ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا
ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى،<<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى >>گېزىتى ئىدارىسى ئېلان پائالىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندىم ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلماقتا
ئەلكۈيى تورىدىكىلەر ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسىسى ھۇشۇر ئىسلام بىلەن بىللە
سۈرەتلەرنى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى ئىز رەسىمگە تارتىش ئورنىدىن جاپپارجان تارتقان. تېلىفۇن نۇمۇرى: 8995787-0991
كامالىي ئىھتىرام بىلەن: ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تورى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 08-كۈنى |