رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بېيجىڭدا ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مەشھۇر شەخىسلەر -> بېيجىڭدا ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

tashadem 2011-02-28 13:56

بېيجىڭدا ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى

«بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېز خاتىرىسى

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

2011-يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، پايتەخت بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز» ماۋزۇلۇق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ۋە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقان كادىرلار،  ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئانا يۇرتىمىزدىن بېيجىڭغا خىزمەت بىلەن كەلگەن يۇرتداشلىرىمىز ۋەكىللىرىدىن بولۇپ ، جەمئىي 200 گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى يىغىنىنىڭ مەكتەپلەر تەتىل قىلغان بىر چاغ بولۇشىغا قارىماي، بۇ قەدەر داغدۇغىلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈلۈشى مۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن بولغانىدى.
  بۇلتۇر، يەنى 2010-يىل 9-ئايدا، جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۈە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە ھەيئەتلەر يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىل، يەنى 2011-يىل 10- ئايدا، بېيجىڭدە، ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى ۈە شۇ مۇناسىبەت بىلەن،  ئوتتۇز توملۇق ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى نەشىر قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدى. ھاياجان ئىچىدە، بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ قۇتلۇق خوشخەۋەرنى مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزدۇق. ھەممەيلەن بىزگە ئوخشاشلا شادلىنىپ، قاينام تاشقىنلىققا چۈمدى. شۇ ئارىلىقتا، مەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى تەتقىقاتى» دەرسىنى سۆزلەۋاتقان ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2007-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى:
-مۇئەللىم، بىز بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئاشۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا جۆر بولۇپ، سىنىپ بويىچە بىر خاتىرىلەش پائالىيىتى قىلساق قانداق؟،- دەپ مەسلىھەت سورىدى.
- ياخشى گەپ، بىزمۇ ئۇ مۆھتەرەم بوۋىمىزنىڭ 570 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەيلى، ئەمىسە،
- قاچان خاتىرىلىسەك بولۇر؟
- نەۋائىي بوۋىمىز بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ئاشۇ 2-ئاينىڭ 9-كۈنى خاتىرىلىسەك، قانداق؟
- بولىدۇ. ئەمىسە، پۈتۈشتۇق.
بولۇنغان گەپ شۇ. ئوتتەك قىزغىن پىكىرلىك ۋە چەپدەس ئىنكاسلىق ياش ئەۋلادلىرىمىز ئۇيغۇر فاكۇلتېتى رەھبەرلىكىگە دەرھال دوكلات يازدى. توغرا ئىشنى، ياخشى پائالىيەتنى پائال قوللاشنى ئۆزلىرىگە بۇرچ بىلىدىغان فاكۇلتېت رەھبەرلىكى: «ياخشى ئويلاپسىلەر، بۇ پائالىيەتنى بىر سىنىپ نامىدىن ئەمەس، پۈتۈن فاكۇلتېت نامىدىن قىلايلى. ياخشى تەييارلىق قىلىڭلار» دەپ يوليورۇق بەردى ۋە ئۆزلىرى باش بولۇپ، مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە دوكلات يېزىپ، ئىزىن-ئىجازەت ۋە پائالىيەت مەيدانى ئېلىپ بەردى.
ئىككى يۈز كىشىلىك كۆلەمدىكى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش دېگەننى ئاسان دېسە ئاسان، تەس دېسە، تولىمۇ  بەسى مۈشكۈل بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-ئاينىڭ 9-كۈنى دېگەن قىشلىق تەتىلنىڭ دەل كىندىكى. قىزغىنلىقتا، «ھە، شۇنداق قىلايلى!» دەپ بەك ۋارقىراپ قويۇپ، ۋاقتى كەلگەندە، تەتىل قىلىپ ئانا يۇرتقا قايتىۋاتقانلارنى كۆرۈپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇغ تۇغقانلارنى سېغىنىش ئوتىنىڭ كۆيدۈرۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي: «دادامدىن تېلېفون كېلىپ قالدى. ئانامنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قاپتۇ» دەپ ئۆيگە تىكىۋېتىپ، قاتنىشىدىغان ئادەم ئاز، پائالىيىتىمىز چۆپچۆل بولۇپ قالارمۇ؟
ئۇنداق بولمىدى. دەل ئەكسىچە، «ئەلىشىر نەۋائىي بوۋىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىمىز» دەپ، ھەتتا 2010-يىل 9-ئايدا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە يېڭى، ماكان، يېڭى مۇھىت تۈپەيلى ئانا يۇرت ۈە ئاتا-ئانىسىنى ئەڭ سېغىنىپ كېتىدىغان 2010-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قىز-يىگىتلەر تەتىلدە ئۆيلىرىگە قايتمىدى. بەزىلىرى 9-فېۋرال ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغان كۈنى تەنتەنىسىنى قىلىۋېتىپ، ئاندىن قايتىدىغان بولۇشتى. يەنە بىر مۇنچەيلەن، تەتىل قىلىپ دەسلەپ ئۆيگە كېتىپ، 9-فېۋرال كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ قايتىپ كەلدى. باق، قېرىندىشىم ۋە پەخىرلەنكى، مانا بۇ بىزنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز!
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولغانىكەن، ئۇنىڭدا ئەلىشىر بوۋىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ئەمگەكلىرىگە تالىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان ۋە ئالىي بىلىم يۇرتىدىكى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ  يارىتىشىغا ۈە ئۇلارنىڭ قايىللىقىغا مۇيەسسەر بولغىدەك ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلۇشى كېرەك. بىز بۇنىڭغا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدۇق: ئوقۇتقۇچىلارمۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ بەس-بەستە ماقالە ماۋزۇلىرىنى بېكىتىشتى، ئەستايىدىل ئىزدىنىپ تەتقىقات ماقالىلىرى يېزىشتى.
ئاندىن، بىز بۇ پائالىيەتنى ئانا يۇرتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جەمئىيەتكە ئىشىكى داغدام ئېچىۋېتىلگەن ئومۇمخەلق پائالىيىتى قىلماقچى بولدۇق. چۈنكى، ئەلىشىر ئىبنى غىياسىددىن نەۋائىي ھەممە ئۇيغۇرنىڭ بوۋىسى. شۇنداقىكەن، ھەممە ئۇيغۇر بۇ يىلنىڭ بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي 570 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق يىل ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دېدۇق. شۇ مۇددىئادا، بىر تەكلىپنامە ئىشلىدۇقكى، شۇ خىلدىكى تەكلىپ-دەۋەتنامىلارغا ئۆرنەك بولغىدەك. بىز بۇ تەكلىپنامىنى جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام جەمئىيىتى رىياسىتىدىكى ئەمەلدارلاردىن تارتىپ، ھەر قايسى چوڭ گېزىت-ژۇرناللار تەھرىر بۆلۈمىدىكى ئىلىمدارلارغىچە تارقاتتۇق: «ئىمكانىڭلار بولسا، كېلىڭلار، ئۇيغۇر نەۋائىينىڭ بەش يۈز يەتمىش يېشىغا بىرلىكتە تەنتەنە قىلايلى» دېدۇق.
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن تارقاتقان تەكلىپنامىنىڭ باش بېتىگە ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ھايات ۋاقتىدا سىزىلغان سىزما رەسىمىنىڭ باش قىسمى چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئاستىغا «بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز» دېگەن خاتىرىلەش كۈنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىڭ ماۋزۇسى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە يېزىق بىلەن دۇرۇس ئىملالىق قىلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭ ئاستىغا تەكلىپ سۆز تېكىستى يېزىلدى. تەكلىپنامەنىڭ ئارقا يۈزىگە بولسا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان مىلادىيە 1551-يىلى، ئۆزىنىڭ «تارىخى رەشىدىي» ناملىق مەشھۇر تارىخ كىتابىغا تاشقا مۆھۈر باسقاندەك قىلىپ يېزىۋەتكەن «نەۋائىينىڭ ئاتاسى ئۇيغۇر باخشىلارىدىن ئەردى، ئاتىنى ‹غىياسۇددىن كىچىكىنە› دەر ئەردىلەر- يەنى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ دادىسى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن بولۇپ، ئىسمى غىياسىددىن كىچىكىنە ئېدى» دېگەن ھۆججەت ئۈزۈندىسى يۇقىرىقى ئۈچ خىل يېزىقتا بېرىلدى. ئۇنىڭ ئاستىغا بولسا، «بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي مىلادىيە 1441-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى، قەدىمىي خۇراسان دۆلىتىنىڭ پايتەختى ھىرات شەھرىدە، غىياسىددىن كىچىكىنە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»دە: «‹تور›-- ‹تورغا چۈشمەك› تىكى تور؛ ‹تۇر› -- تەلەپپۇزى يۇقىرىقىدىن تارراق بولۇپ، قۇش ئولتۇرىدىغان ياغاچنى بىلدۈرىدۇ؛ ‹تۆر› -- تەلەپپۇزى يۇقىرىقىدىن تارراق بولۇپ، ئۆينىڭ تۆرىنى بىلدۈرىدۇ؛ ‹تۈر› -- تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، ‹تۈرمەك› پېئىلىنىڭ بۇيرۇق شەكلى ھېسابلىنىدۇ» قاتارلىق مول پاكىتلار ئارقىلىق، ئۆز تىلىنىڭ ئۇنداق «ئو، ئۇ» ئىككىلا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بولغان ئوزبەك تىلى ئەمەس، بەلكى «ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» بولۇپ، جەمئىي تۆرت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بار مۇبارەك ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەندۇر» دېگەن ئاخىرقى يەكۈن ۋە كەسكىن ھۆكۈم خاراكتېرلىك بىر ئابزاس بېرىلگەن بولدى.
ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بىزنىڭ بۇ تەكلىپنامىمىزدا، قىلماقچى بولغان ئىشىمىز، يەتمەكچى بولغان مۇددىئايىمىز بىر قاراشتىلا بىلىنگىدەك بولدىكى، ئەلىشىر نەۋائىي مىللىي كىملىكى جەھەتتە، ھېچقانداق بىر ئىنتاڭلىقتىن ئىز-ئەسەر يوق، ھەر قانداق بىر  غۇدۇق-بۇدۇق قۇسۇرغا يول يوق بولغان مۇبارەك ئۇيغۇر ئىنسانىدۇر. ئۇنى تونۇش، ئۇنىڭدىن تانماسلىق بىزنىڭ پەرزىمىزدۇر. ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بولسا، بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز ۋە بىزنىڭ باش تارتىپ بولماس قەرزىمىزدۇر.
شۇنداق قىلىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىز تەكلىپنامىدا دېيىلگەن بويىچە، 9-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى دەل ئۈچتە باشلاندى. ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور، دوكتور لېتىپ توختى ئەپەندى دۆلەت رەھبەرلىرىمىزدىن بولغان مۆھتەرەم ئىسمايىل تىلىۋالدى ئەپەندىم مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنى يۇقىرى ئېنتوناتسىيە بىلەن ئوقۇپ ئۆتتى. تەبرىك خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق: «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 9-فېۋرال ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى رىياسىتىگە:
بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقى مۇناسىبىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە، بارلىق يۈرەك قېنىنى ئۇيغۇر شېئىرىيەتى ئۈچۈن بېغىشلىغان. بىز ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلانماي تۇرالمايمىز. ئەلىشىر نەۋائىي شېئىرلىرى ئەينى چاغدىلا دۇنيادا شۆھرەت قازانغان بولۇپلا قالماستىن، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە تېخىمۇ نۇرلىنىپ، شېئىرىيەت ئاسمىنىدا چولپاندەك پارلاپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلقىمىز قەلبىگە ئورناپ كەتكەن. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيەتىنىڭ بايراقدارى. شۇڭا، يىغىن قاتناشچىلىرى ۈە بارلىق دوستلارنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئۆرنەك قىلىپ، نەۋائىيدەك ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، خەلقىمىزنى ياخشى مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا، بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا، مەدەنىيەت ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تىلەكداشمەن. يولداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتلىرىگە ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن. ئىسمائىل تىلىۋالدى. 2011- يىل 2- ئاينىڭ 5- كۈنى.»
تەبرىك خەت ئوقۇپ بولۇنغاندا، يىغىن قاتناشچىلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان گۇلدىراس ئالقىشلىرى بىلەن، سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئىسمائىل تىلىۋالدى ئەپەندىمنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ھەمنەپەس بولغانلىقىغا قارىتا چىن يۈرىكىدىن ئۇرغۇغان ھاياجانلىق سۆيۈنۈشىنى ۋە سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى. ئارقىدىن، يىغىن رىياسىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان، بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇ ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ مەملىكىتىمىزدە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرەتلىك پاكىتلار بىلەن جانلىق تەسۋىرلەيدىغان ئون مىنۇتلۇق مەخسۇس فىلىم يىغىن ئەھلىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى. ئاندىن، ئىلمىي ماقالە ئوقۇش باشلاندى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بەش يېرىمغىچە ساق ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان دوكتور، ماگىستېر ئاسپرانتلىرى ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنداقلا بېيجڭدىكى باشقا ئىدارىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ ئون نەپەر تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش ئاساسىدا تەييارلىغان «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر مائارىپ- مەرىپەتچىلىكىگە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە»، «بابۇر نەزەرىدىكى ئەلىشىر نەۋائىي»، «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئانا تىلنى ئۇلۇغلىشى ھەققىدە»، «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان بۈيۈك تۆھپىسى»، «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹فەرھاد ۋە شىرىن› داستانى ۋە ئۇنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە»، «نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ ‹مەجالىسۇن نەفايىس› ناملىق ئەسىرى ھەققىدە»، «ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرىدىكى ئاسترونومىيىلىك بىلىملەر توغرىسىدا» قاتارلىق ماۋزۇلار بىلەن يېزىلغان ئون پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە شېئىر- غەزەللىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بېيجڭدىكى دۆلەتلىك كۈتۈپخانا خادىمى، تەتقىقاتچى گۈلنىگار ئەسقەر خانىم  «دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىممىتى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ كېلىپ، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «غەرايىبۇس سىغەر»، «نەۋادىرۇش شەباب»، «بەدىئۇل ۋەسەت» ۋە «فەۋائىدۇل كىبەر» تۆرت چوڭ دىۋانىدىن تەركىب تاپقان «خەزائىنۇل مەئانى» ناملىق شاھ ئەسىرىنىڭ بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) ناملىق شاھ ئەسىرى قاتارىدا، «دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەسەر» بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، يىغىن ئەھلى غۇرۇر ئىلكىدە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. پېقىر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ  «قوش تىلچىلىق تەتقىقاتىنىڭ سەركەردىسى ئۇيغۇر نەۋائىي» ماۋزۇلۇق ئىلمىي ماقالىسىمۇ، پات-پات ياڭرىغان گۇلدىراس ئالقىشلار بىلەن ئۈزۈلۈپ تۇردى...
مانا بۇ – بۇ يىل باش باھاردىلا بېيجڭدا ياڭرىغان ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى.
بۈيۈك تۆھپىكار ئەجدادلارنى ھەمىشە ئەسلەش خەلقىمىزنىڭ ئۇدۇم ئەنئەنىسى!

    2011 - يىل 12- فېۋرال، بېيجىڭ.
(ئاپتور: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور، دوكتورانت يېتەكچىسى.)

barkatjan 2011-02-28 14:51
بۇيۇك ئالىمىمىز بىيجىڭدا تەبرىكىلىنىپتۇدە.........ھايات چىغىدا بونى ئۇخلاپ چۇشىدىمۇ كۇرمىگەن بولغىيتى.ئاجايىپ ئىش بوپتۇبۇ................

imtihan399 2011-02-28 15:03
بەكمۇ قۇتلۇق ئىش بوپتۇ، 10 -ئايدىكى  خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق ۋە غەلىبىلىك بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن. ئەگەر 9-ئايدا   مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىغا ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا ئۆتەلەپ قالسام، مەنمۇ قاتنىشىمەن، ئاللاھ خالىسا. tamaxipin supitida.

bahitlik 2011-02-28 15:21
مەشھۇرلىرىمىز بەكمۇ كۆپ ،قەدىرلەشنى بىلسەكلا .
بۇ ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئىكەن ، بولسا بىرنەچچە يىلدا بىرەر قېتىم مەشھۇرلىرىمىزنىڭ خەلىقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ تۇرسىكەن.

gvzal3.8 2011-02-28 15:48
   ئاجايىپ ئېسىل ئىش بوپتۇ، كىملىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، شۇنداقلا مەشھۇرلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىش، ياد ئېتىش ھەممىمىزنىڭ يۈكسەك مەجبۇرىيىتى.

   ئەلشىر نەۋائىي ھەققىدىكى ماتېرىيال:
http://www.alkuyi.com/asar/show.php?mid=3266

(ئۇلىنىش ئادرېسى قالدۇرۇپ قويسام، ئېلان بەردى دەپ چۈشەنمەڭلار، ئېلان بەرمىسەممۇ، غۇرۇرى بار ھەر قانداق تورداش بۇنداق تېمىلارنى قوغلاپ يۈرۈپ كۆرىدۇ.)

babasaybasi 2011-02-28 16:49
بۈيۈك ئالىم << ئەلشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشالمىغان بولساممۇ لىكىن مەشھۇر ئەدىپلىرىمىزنىڭ نامىنىڭ جاھان ئەھلىگە نامايەن قىلىنغىنىدىن بەك خۇشال بولدۇم.

borabag 2011-02-28 17:20
بۇ ئىلمى يىغىلىشتىن بەك خۇشال بولدۇم، تارىخچىمىز كوراگانىغا ئاللا رەھمەتلەر قىلسۇن، ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا بوۋىمىز ئەلشىر ناۋايىنىڭ ئەجدات نەسەبى يېزىلمىغان بولسا ئەلشىر ناۋايىنىڭ مىللى كىملىكى يەنە قانچىلىغان تالاش تارتىشقا سەۋەپ بولاتتىكىن تاڭ، ھازىرقى تالاش-تارتىشلارمۇ يېتىپ ئاشىدۇ، ئىشقىلىپ تەبئىى پەن ساھەسىدە نەتىجە قازانغان ئالىملىرىمىز كۆپەيسە ۋە سەنئەت ساھەسىدە مىللى خاسلىقىمىزنى ساقلىيالىساقلا دۇنيا خەلقى ئاستا-ئاستا بىزنى تونۇيتتى، قەدىمكى مەشھۇرلىرىمىزنڭ مەدەنىي مۇۋاپىقىيەتلىرى جۇلالانغان بولاتتى

مۇبارەك 2011-02-28 17:23
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەم يىتەكچى ئۇستازلار شۇنداق مەنىلىك ئىشتىن بىرنى قىپتۇ. دېمىسەممۇ بىلىمىز، ھەر يىللىق نەۋرۇز پائالىيىتىنىمۇ شۇنداق ياخشى ئۆتكۈزىدۇ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان بالىلار.

پائالىيەت رەسىملىرىدىنمۇ يوللاپ قويغان بولسا-ھە.

rayhan1 2011-02-28 17:31
ھورمەتلىك بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىسىدە ئويغۇر ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۇرۇپ پاكىتلار بىلەن  قېرىنداش مىللەتلەرگە  ئاڭلىتىپ قۇيۇش مەجبۇرىيەت ھەم غۇرۇر ..... ئوزىمىزگە تەۋە نەرسەلەر ئوزىمىزنىڭ بۇلىشى كېرەك .مۇشۇنداق قىلغاندا ئىگە جاقىسىز كۇرۇلۇپ تالاشتا قالغان مەدەنىيەت بايلىقىمىز  ھامان ئوز جايىنى تاپىدۇ . ئۇستازىمىز ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي  ھازىرقى ياشلارغا ئۇستازلىق جاسارىتى بىلەن ياخشى  بىر باشلامچى بۇلۇپتۇ .خىزمەتلىرىدىن ئاللا رازى بولسۇن .مىلەتلەر ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن سۇيۇندۇم .ئۇلارنىڭمۇ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرى ئوز خەلقىنىڭ غېمىنى يىيىش بىلەن روناق تاپسۇن !!!

ayaz 2011-02-28 18:29
پاھ ! نىمىدىگەن ئىسىل خەۋەر بۇ .تەشەككۈر . مەن پۈتۈن جېنىم بىلەن قوللايمەن .بوۋىمىزنىڭ روھىمۇ خۇشال بولىدۇ . تىرىشايلى ! ئۇلۇغلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالمايلى .
پۇرسەت بولسا شۇ مۇھاكمىگە قاتناشقان بولساق تولىمۇ ياخشى بولاتتى .

ahu 2011-02-28 18:29
بەكمۇ پەخىرلەندىم ھەم سۆيۈندۈم..10-ئايدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇۋەپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

gulvm 2011-02-28 19:31
گەرچە بۇ يىغىلىشقا قاتنىشالمىغان بولساممۇ ، بەك خۇشال بولدۇم. "بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز"تىمىسىدىكى مۇھاكىمە بۇ  راستىنلا بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.

abdukorax 2011-02-28 20:49
مىللەت ئىچىدىكى ئالىم ۋە سەركىلەر شۇ مىللەتنىڭ ئۇمۇرتقىسىدۇر دەپ ئويلايمەن...بۇ تىمىنى كۆرگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.ئابدۇرەئوب تەكلىماكانىي ۋە مۇناسىۋەتلىك قىرىنداشلارغا چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن.ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك ئىشتىن بىرنى قىپسىلەر ....

qinar 2011-02-28 21:23
مىللىتىمىزدىن چىققان ئۇلۇغ كىشىلەرنى خاتىرلەش،ئەسلەش بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز.ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىش بىزنىڭ بۇرچىمىز.

pariay 2011-02-28 23:56
كاتتا ئىش بوپتۇ ! ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن !

dilmuratjan 2011-03-01 00:40
  مەزمۇن ئۇچۇرۇلدى  

javir 2011-03-01 01:24
دىمەككە ئاسان   سىزنىڭچە بولسا  بوۋىمزنى قايسى مىللەت بولسۇن خالىسا ئۇزىنىڭ قىلىۋالسا بۇلدىكەندە ....تىمىا بولسا بىزدىكى ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ مەشھۇر ئالىمىزنى خالىغانچە باشقىلانىڭ بوپ كىتىشىگە تارىخى ئىسپات بىلەن قارشى تۇرۇش ئارقىلىىق ئەلشىر ناۋايىىدەك ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى ھەقىقى ئىسپاتلىماقچى ..بۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتنى ئېغىزغا ئېلىشنىڭ زۈرۈرىيىتى بامۇ ؟  سىز بەلكىم ئۆزبېكتە بولغان بولسىڭىز قارشى ئېلىنىپ كۆككە كۈتۇرلىشىڭىز مۇمكىن بىراق ، ھازىرقى مەسىلە باشقىلار ئۈزىنىڭ قىلىۋالغان نەرسىسنى تارىخى ئىسپات ئارقىلىڭ قايتۇرۋېلىش ئۈچۈندۈر ....كاللىڭىز جايىدا بولسا ھويلىڭىزدىكى بىر كومزەك ئالتۇننى سىز شۇ باشقا ئۆزبېك قېرنداشلىرىڭىز بىلەن تەڭ بەھرىمان بۇلدىغان ئوخشىمامسىز ....ناتايىن .....مەن جىخ گەپ قىلماي ....

karabeg 2011-03-01 01:37
[quote]بۇ 21قەۋەتتىكىdilmuratjan يوللىغان 2011-02-28 21:49 غا قارتىلغان  :

      نىمىدىگەن تېتىقسىزلىق بۇ  ئەجىبا ئەلىشىر ناۋايى ياشىغان دەۋىرلەدە ئۇيغۇر - ئۇزبەك دەپ مىللەتلەر بۇلۇپتىكەنما ؟
   ئەرقانداق بىر ئەقلى دۇمبىسىگە ئۇتۇپ قالمىغان ئىنسان بۇنىڭ ئۇچۇقتىن ئۇچۇق مىللى بۇلگۇنچىلىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتەلەيدۇ ، ئۇزبەك كىم ؟ ئۇيغۇر كىم ؟ ھەي نەس زاماننىڭ بايقۇشلىرى !
.......
مەنمۇ دىلمۇراتجاننىڭ بۇ گېپىگە قوشۇلىمەن!
سەن ئۇيغۇر، سەن ئۆزبېك، سەن تاتار، سەن تۈرۈك......ھەممىمىزگە مەلۇملۇق روسىيەدە بولشىۋىك ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلىشتىن بورۇن بۇنداق ئاتالغۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادا يوق ئىدى. پەقەت ئالتەشەلىك، ئەنجانلىق، قەشقەرلىك، خوتەنلىك، ئاۋغانلىق، ئىسفىھانلىق ... دىگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار بار ئىدى. بۇنداق تىلى،دىلى، دىنى، زىمىنى ئوخشاش بىر قەۋىمنى كىچىك-كىچىك مىللەتلەرگە بۆلۈش بولشىۋىك ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلغاندىن كېيىكى روس ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ناخشىسى، بىز بۇ ناخشىغا ئۇسۇل ئويناپ كەلدۇق، ھازىرمۇ ئويناۋاتىمىز! يەنە كەلگۈسىدىمۇ ئوينامدۇق؟
 مەيلى ئەنجانلىق نىمە دىسە دىسۇن بىز ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلالىساقلام ھەقىقەت ھامىنى ئىنسانىيەتتىن ئۆز نۇرىنى ئايىمايدۇ!
ئەڭ ئاددى بىر مىسالنى ئالساق ئۆزبېك، تاتار، ئۇيغۇر بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ تىلىدىكى سۆزلۈك 80% دىن 95% گىچە ئوخشاش!،
ئەمدى، بېيجىڭدىكى پائالىيەتكە كەلسەك مەن بۇ پائالىيەتتىن ھەم پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچىلەردىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندىم، ئۇلار ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىپتۇ!

javir 2011-03-01 01:48
شۇ ئۆزبېكتە ۋە باشقىلادا بىز ئۇيغۇرلانىڭ قانچىلىك چەتكە قېقىلىۋاتقىنىنى بىلمەيسىزكەندە .....نادانلىق .....ئەمدى جىق گەپ قىلدىغان يىرى قالمىدى ...

xaxballabiz 2011-03-01 02:07
   ئاجايىپ ئېسىل ئىش بوپتۇ، كىملىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، شۇنداقلا مەشھۇرلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىش، ياد ئېتىش ھەممىمىزنىڭ يۈكسەك مەجبۇرىيىتى.
        
yingiyoloqi 2011-03-01 09:48
ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ ئىتىلگەن مىننەتسىز ئەمگەك دىللارنى سۆيۈندۈرگۈسى.

gulen 2011-03-01 12:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاقىل قېرىنداشلار
تارىختىكى ئۇلۇقلىرىمىزنى خاتىرلەش بىز ئۈچۈن موھىم، چۈنكى بۇ بىزگە كىملىكىمىزنى، كىم بولۇش كېرەكلىكىمىزنى ئەسكەرتىدۇ.

halis123 2011-03-01 18:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
ئەلشىر نەۋائىي ھەققىدىكى بۇ تېمىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم
ۋە بۇ ھەقتە تورداشلارنى كۆپرەك مەلۇماتلاردىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن توردىن ۋە ئۆزۇم ساقلىغان ماتىرىياللاردىن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر،شائىر
ئەلشىر نەۋائىي بوۋىمىز ھەققىدىكى بىر قىسىم ماتىرىياللارنى تېپىپ
چېقتىم تورداشلارنىڭ پايدىنلىشى ئۈچۈن بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسمىنى يوللاپ تۇردۇم قالغىننى ئەتە يوللايمەن .

1.ئەلىشىر نەۋائىي نىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتى
كۆپ قىسىم ماتىرىياللاردا ئوخشاش بولۇپ ئېنىق ھەم ئىشەنچىلىك
ھىجىرىيە 844-يىلى رامزاننىڭ 17-كۈنى (مىلادىيە 1441-يىلى 2-
ئاينىڭ 9-كۈنى) ھىرات شەھرىدە تۇغۇلغان .
بۇ كۈننى ۋەدئۇد مەھمۇد ئىمزاسىىدا  (مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچى)ژورنىلنىڭ1925-يىلى 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان (ئەلىشىر نەۋائىي)ناملىق ماقالىسىدە <<بۇ كۈنى تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى سانالغان ئەلىشىر ھىراتتا   دۇنياغا كەلدى >> دەپ يازىدۇ
Tarjimayi holi va tarbiyasi

O’rta Osiyoning shu «oltun davri»ning 844 hijriysida edikim, bu kun turk adabiyotining otasi sanalaturg‘on Alisherbek Hirotda dunyoga keldi.
«Alisher Navoiy» - bu maqola V.M. imzosi bilan «Maorif va o‘qitg‘uvchi» jurnalining 1925 yil 3-sonida e’lon qilingan                                                                                       
Shu manbadan foydalanild.

2. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى ھەققىدە
خاتىرلەرگە قارىغاندا، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئائىلسى ئەزەلدىن تېمۇرىيلەر سارىيغا يېقىن ھەم ھىراتتا مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە بولۇپ، ئاتىسى غىياسىدىن تېمۈرنىڭ باللىرىنىڭ خىزمىتىدە بولغان دۆلەت مەمۇرلىرىدىن بىرى بولۇپ،ھىجا ۋەزنى بىلەن شېئىر ئوقۇيدىغان شائىرلىقى بىلەن مەشھۇر بولۇپ ،شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك باخشى دەپ ئاتالغان .
Alisherning otasi Ganjinai Bahodir Temur bolalarining xizmatlarida yuraturg‘on ma’murlardan biri edi va hijo vazni bilan she’rlar aytganidan shoirliq ila mashhur bo‘lmish edi va shuning uchun Kichik baxshi debda atar edilar.
ئۇنىڭ  تەربىيىلىنىشى ھەققىدە
ئاتىسى ئۇنىڭ تەربىيلىنىشگە كىچك ۋاقىت باشلاپ ئىتبار بەرگەن بولۇپ
بەزى خاتىرلەردە ئەلىشىر نەۋائىينى ئاتىسى شېئىرىيەتتىكى ئۇستازى،     تاغىسى مىر سەييىد كابۇلىي  ۋە مۇھەممەد ئەلى غەرىبىينىڭ
 تەربىيلىشىگە  بەرگەن. نەۋائىي «Majolis un-nafois»
 ( مەجالىس ئۇن-نەفائىس) ئەسىردە كابۇلىي ھەققىدە:
ياخشى تەبئىتى بار ئىدى. تۈرۈكچىدە مەيلى كۆپراق ئىدى..
Yaxshi tab’i bor erdi, turkchada mayli ko‘proq erdi..
دەپ يازسا
غەرىبىي ھەققىدە: (خۇش مۇخاۋەرە) خۇش سۆھبەت - خۇش خۇلق ۋە دەرتمەن يىگىت ئىدى دەپ :
كۆپ سۆزلەرنى ياخشى قىلار ئىدى،ئاۋازى ۋە ھەركىتى ماسلاشقان ئىدى
مۇزىكا ئىلمىدىن ھەم خەۋەردار ئىدى دەپ يازغان.
Ko‘proq sozlarni yaxshi chalar erdi. Uni va usuli xo‘b erdi. Musiqiy ilmidin ham xabardor erdi....

1447-يىلى شاھرۇخ ۋاپات بولغاچقا تېمۈرىيلەرنىڭ شاھزادىللىرىنىڭ تاج-تەخىت كۈرشى ئەۋىج ئېلىپ يۇرتتا تالاپەت بولغان شۇنىڭ ئۈچۈن
غىياسىدىن مۇھەممەد ئائىلسى ۋە ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن ،نەۋائىيىنىڭ تەقدىر
سىناقلىرى شۇنىڭ بىلەن باشلانغان ،1452-يىلى شاھرۇخنىڭ نەۋرىسى ئوبۇلقاسىم بابۇر ھىراتتا تەخىتتە ئولتۇرغان ۋە ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئاتىسىنى سەبزەۋارغا ھاكىم قىلىپ تەيىنلىگەن،لىكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي  غىياسىدىن دۇنيادىن كۆز يۇمدى. بۇۋاقىتتا كىچىك نەۋائىي ئەمدىلا 12 ياشقا قەدەم قويغان ئىدى ،ئوبۇلقاسىم بابۇر نەۋائىي ۋە مەكتەپداش دوستى ھۈسەيىننى ئۆز تەربىيسىگە ئالغان ،1456-يىلى ئۆزى بىلەن بىرگە مەشھەدكە ئېلىپ كەتكەن ،كېيىنچە ھۈسەيىن بايقارا سىپاھلىق يولىنى تاللىغان ،ئەلىشىر نەۋائى ئۆز زامانىنىڭ (مالىك ئۇل –كەلام) ى مەۋلانە لۇتفىي تەھسىنى ۋە ھەيرىتىگە سازاۋەر بولغان  ئىستىدات ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان ئىدى.<<پېقىرنىڭ  نەزمىللىرى خۇراساندا شۆھرەت قازانغان ئىدى>>
Faqirning nazmlari Xurosonda shuhrat tutib erdi     دەپ يازىدۇ نەۋائىي  1455-1458 ھەققىدە.                              

تەقدىر ئەلىشىر نەۋائىينى زاماننىڭ ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك كىشىللىرى بىلەن يېقىن قىلدى ،ئۇستاز ۋە مۇرەببىلىك ئەتكۈچى زاتلار بىلەن دوسىت ئەتتى ،1466-1468 يىللار نەۋائىي ئۈمرىنى سەمەرقەندتە ئۆتكۈزدى.
كىيىن ھۈسەيىن بايقارا ھىراتنى ئىگەللەپ سۇلتان بولغاندا،ئەلىشىر نەۋائىي 28 ياشتا بولۇپ  بۇۋاقىتتا ئۇ مۇكەممەل بىلىم ئىگىسى ،يۇرتقا تونۇلغان شائىر ۋە تەجىربىلىك دۆلەت ئەربابى بولۇپ يېتىشكەن ئىدى .

3. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئىجادى ۋە ھاياتى پائالىيەتلىرى
 
داۋمى بار ...ئەتە يوللىندۇ
تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ تېپىلدۇ .شۇڭا تورداشلارنىڭ قالايمىقان مۇنازىرىلەشمەي سەۋىر قىلىپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلمەن  .

zilnur 2011-03-01 20:36
راسىتنلا ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلۇپتۇ. ئەپسۇس بىز قاتنىشالمىغان بولساقمۇ، لىكىن توردىن  بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بىلۋالدۇق .  قەلەم ئىگىللىرىگەرەھمەت .

confession 2011-03-02 10:11
  ئەمدى  بىز  ئاۋام  ئەلىشىر ناۋايىدىن  ئىپتىخارلىق  ھىس  قىلىدىكەنمىز،  ئالدى  بىلەن  ئۇنىڭ  ئىدىيەسىنى  ئۈگىنىشىمىز،  تەتقىق  قىلىشىمىز  كېرەك، ئىش  ھەركەتلىرىمىزدە ئۈلگە قىلىشىمىز  كېرەك، مانا  مۇشۇ  بىز  ئۈچۈن  ئەڭ  مۇھىم  ۋە  ئەمىلى  پايدىلىق  تەرىپىدۇر .

tograk001 2011-03-02 18:19
نىمىدىگەن ئىسىل خەۋەر بۇ    راستىنلا ئىسىل ئىش بوپتۇ.

kmtkmt 2011-03-02 18:24
ئاپىرىن ئاپىرىن ،ئاللا قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن،سىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭلارغا ،ئىشلىرېڭلارنىڭ رۇناق تېپىشى ئۈچۈن تىلەكداشلىق بىلدۇرمەن.

radikal 2011-03-03 18:24
خالىس 123گە: سىز ناۋايىنڭ تارىخىنى ئىنىق بىلىدىكەنسىز، تورداشلارغا ئىنىق بىر چۈشەنچە بىرىپ قويۇڭ. ئۇلار توردا قالاينىقان تالاش-تارتىش قىلمىسۇن. نەۋايىنىڭ كىملىك مەسىلىسى ناھايىتى ئىنىق.

tutem 2011-03-04 00:12
قالتىس ئەھمىيەتلىك كاتتا پائالىيەت!

uygar 2011-03-06 18:07
  بۈيۈك ئېنسانپەرۋەر شائىر نەۋائى ھەزرەتلىرىنى خاتىرلەش ۋە يات ئېتىش بۈگۈنكى ئەۋلاتلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشتە ئاجايىپ قىممەتلىك .

bagyar 2011-03-13 22:31
    ئاۋۇ بىر يىلى ۋاشىنگىتوندا ئۆزبېكلەر ھەزرىتى ئەلىشىر ناۋايىنى خاتىرلەپ يىغىن ئاچقانلىقىنى توردىن كۆرۈپ، شۇنداق خوشال بولغان ئىدىم. بۇ خەۋەرنىڭ بىر ئالىمىمىز تەرىپىدىن شۇنداق تەپسىلى يېىزلغانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم پەخىرلەندىم.
     ئابدۇ رەئۇپ مۇئاللىمگە رەخمەت.
   ئەمدى ناۋايى توغرىسىدا بىز تورداشلار تالاش-تارتىش قىلىپ كەتمىسەكمۇ بولار.
  <<شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى>>ژورنىلىنىڭ 96-يىللىق سانلىرىدا غەيرەتجفن ئوسمان مۇئەللەمنىڭ <<نامۋايى ھەققىدە تەلقىنلىق سۆھبەت>>ماۋزۇلۇق بىر ماقالىسى بار شۇنى كۆرۈپ قويساق.
  
nimjan 2011-03-16 15:00
مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين
مىر ئەلىشىر نەۋائىي

«بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم»

ئەلھەمدۇلىللاھى ئەمتازەل ئىنسانە ئەلە مائىرىل مەخلۇقاتى بىشەرەفىن نۇتقى ۋەللىسان ۋە ئەزھەرە مىن ئۇزۇبەتى لىسانىھى ۋە ھەلاۋەتى بەيانىھى سۇككەرەش شۈكرى ۋە شەھىدەش شۇھۇدى ۋەلئىمتىنان.

     رۇبائىي
      ئەي سۆز بىلە قىلغان ئافەرىنىش ئاغاز
      ئىنساننى ئارادا ئەيلەگەن مەھرەمى راز
      چۈن كۈن فەيكۇن سەفھەسىغە بولدى تىراز
      قىلغان ئانى نۇتق ئىلە بارىدىن مۇمتاز

  سۇبھاناللاھ نى قۇدرەتى كامىلەدۇركىم، ئىنساننى «خەممەرتۇتىينەتە ئادەمىن بىيەدى ئەربەئىنە سەباھان» كەرىمەسى مەزمۇنى بىرلە «ئەلەمۇل ئەسما’ كۇللەھە» قابىلىييەتى بەردى ۋە ئانى «ئەلمۇتەكەللىم» ئىسمى مەزھەرى قىلدى تا ئۆل بۇ مەزھەرىييەت شەرەفىدىن جەمئىي’ مەخلۇقاتقا سەرەفراز بولدى ۋە بۇ تەشرىف بىلە بارسىدىن  ئىمتىياز تاپتى.

     رۇبائىي
      يەئىنكى چۇ ئالەمنى ياراتتى مەبۇد
      ئالەم ئېلىگە قۇدرەت ئىلە بەردى ۋۇجۇد
      ئىنسان ئېردى مەقسۇد كى بولدى مەۋجۇت
      ئىنساندىن ھەم ھەبىبى ئېردى مەقسۇد

   مۇتەكەللىمكى ئەرەب فۇسەھاسى بەلاغەت گۇلباڭىن سىپىھر گۈلشەنىدىن ئاشۇرغاندا...» دەپ ھەزرەتى مىر ئەلىشىر نەۋائىينىڭ مەتنىنى مەنكى مۇنبەرگە يەتكۈزگۈچى ئەركمان بۇنى زامانىمىز تىلى بىرلە قويدۇم!

ناھايىتى شەفقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن!
   ئىنساننى بارچە مەخلۇقاتتىن تىل شەرىفى بىلەن ئۈستۈن ۋە سۆزلىشىش لەززەتى بىلەن يۈكسەك قىلغان ئاللاتائالاغا سانسىز تەشەككۈر ۋە تۈگىمەس ھەمدۇسەنالار بولسۇن!

         رۇبائىي
      ئەي سۆز بىلە قىلغان ئافەرىنىش ئاغاز،
      ئىنساننى ئارادا ئەيلەگەن مەھرەمى راز.
      چۈن كۈن فەيەكۇن سەفھەسىغە بولدى تىراز،
      قىلغان ئانى نۇتقىلە بارىدىن مۇمتاز.①

   سۇبھانى ئاللاھ، بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇغ قۇدرەت: ئۇ ئىنسانغا «ئادەمنىڭ لېيىنى قىرىق سەھەر ئۆز قولۇم بىلەن يۇغۇردۇم» سۆزىنىڭ مەزمۇنى بويىچە «ھەممە سۆزنى ئۆگىنىۋېلىش» قابىلىيەتىنى بەردى ۋە ئۇنى «سۆزلىگۈچى» نامىغا ئىگە قىلدى. ئىنسان بۇ ئۇتۇق شارافەتىدىن بارچە مەخلۇقاتتىن ئۈستۈن تۇردى ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىدىن ئىمتىيازلىق بولدى.

   رۇبائىي
يەئىنكى چۇ ئالەمنى ياراتتى مەبۇد،
ئالەم ئېلىگە قۇدرەت ئىلە بېردى ۋۇجۇد.
ئىنسان ئىدى مەقسۇد بولدى مەۋجۇت،
ئىنساندىن ھەم ھەبىبى ئېردى مەقسۇد.②

  شۇنداق بىر سۆزلىگۈچى بولغانكى، ئەرەب خۇش تىللىرى③ يېتىكلىك ساداسىنى دۇنيا گۈلشەنىدىن ئاشۇرغاندا، ئۇنىڭ بۇلبۇلۋار تىلى «مەن ھەممىڭلاردىن خۇش تىل» دېگەن كۈينى ياڭرىتىپ ئۇلارنى تىلدىن قالدۇرۇپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى باستى.
           رۇبائىي

            ئۆل ۋەقتكى نى ئالەم ئىدى نى ئادەم،
            قىلمايدۇر ئىدى بۇلارنى سۇنى’ ئىلكى رەقەم.
            چۈن ئۆل ئۆزىنىڭ خىلقەتىدىن ئۇردى دەم،
            مەنتۇقى ئىدى «كۈنتۇ نەبىييەن» فەفھەم④

  ئاللاھ بۇ ياخشىلارنىڭ ياخشىسى، پاكلارنىڭ دوستىغا بەخت ئاتا قىلسۇن، ئۇنى ئامان-ئېسەن قىلسۇن، ئۇنىڭغا چەكسىز سالام ۋە ئېھتىرام.
   سۆز ئەھلى ئورمىسىنىڭ باش تەرگۈچىسى، سۆز ئۈنچىلىرى خەزىنىسىنىڭ ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىسى، نەزم گۈلىستانىنىڭ خۇشناۋا بۇلبۇلى يەنى نەۋائىي تەخەللۇسلۇق ئەلىشىر (ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسۇن يېتىشسىزلىكلىرىنى تولۇقلىسۇن) مۇنداق دەيدۇ:

   سۆز ئۈنچەدۇر، ئانىڭ دېڭىزى كۆڭۈلدۇر. كۆڭۈل پۈتۈن مەنالارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغۇچىدۇر. گەۋھەر دېڭىزدىن غەۋۋاس ۋاسىتىسى بىلەن چىقىپ ئۆز جىلۋىسىنى نامايىش قىلىدۇ گەۋھەرشۇناسلار ئىچىدە ئۆز قىممەتىنى تاپىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، كۆڭۈلدىكى سۆز ئۈنچىلىرىمۇ نۇتۇق شەرىفىگە شۇ ئىشنىڭ ماھىرلىرى ۋاسىتىسى بىلەن ئېرىشىپ ئۆز كۆركىنى تاپىدۇ ۋە ئۆز قىممەتى ھەم مەرتىۋىسىگە قاراپ يېيىلىدۇ ۋە شۆھرەت قازىنىدۇ. گەۋھەرنىڭ قىممەت دەرىجىسى بەك كۆپتۇر، ھەتتا بىر تەڭگىدىن يۈز تۈمەن تەڭگىگىچە دېسىمۇ بولىدۇ.

         قىتئە
          ئىنجۇنى ئالسەلەر مۇفەررىھ ئۈچۈن،
          مىڭ بولۇر بىر دەرھەمگە  بىر مىسقال.
          بىر بولۇر ھەمكى شاھ قۇلاققا سالۇر،
          قىممەتى مۈلك ئەبرەسى ئەمۋال⑤

سۆز ئۈنچىلىرىنىڭ دەرىجە پەرقى بۇنىڭدىنمۇ زور بولىدۇ. بۇ پەرق شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ياخشىلىرىنىڭ شارافەتىدىن ئۆلۈك تەنگە جان كىرىدۇ، يامانلىرىنىڭ كاساپىتىدىن تىرىك تەنگە ھالاكەت زەھىرى يېتىدۇ.

قىتئە
سۆز گەۋھەرىدۇركى، رۇتبەسىنىڭ
شەرھىدەدۇر ئەھلى نۇتق ئاجىز.
ئاندىنكى ئېرۇر خەسىس مۇھلىك،
كۆرگۈزگىچەدۇر مەسىھى مۆجىز⑥.

   سۆزنىڭ تۈرلىرىنى چۈشىنىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ تەس. مۇبالىغە قىلماي قىسقىچە بايان قىلغاندىمۇ يەتمىش ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ ۋە ھەر قىسمى يەتمىش ئىككى پىرقىنىڭ تىلىدىن دالالەت بېرىدۇ. پەقەت شۇنىلا ئېيتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، دۇنيانىڭ يەتتە ئىقلىمىنىڭ ھەر ئىقلىمىدا قانچىلىغان مەملىكەتلەر بار ۋە ھەر مەملىكەتتە قانچىلىغان شەھەرلەر، قەسەبەلەر (شەھەرچىلەر)، كەنتلەر بار ۋە ھەر دالادا قانچىلىغان سەھرالىق خەلقلەر، ھەر تاغدا قانچىلىغان قەبىلىلەەر بار، ھەر جامائەتنىڭ تىلى ئۆزگىلەرنىڭكىدىن، ھەر گۇرۇھنىڭ گېپى باشقىلارنىڭكىدىن باشقىچە بولىدۇ ۋە ھەر بىرى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئۆزگىلەردىن پەرقلىنىدۇ، خۇددى قۇشلارنىڭ، ھايۋاناتلارنىڭ ۋە يىرتقۇچلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ۋارقىراش، ئۈندەش، سايراشلىرى بولغىنىغا ئوخشاش.
   بىراق، تىلدىن كۈتۈلگىنى مەنادىر. شۇڭا مەخلۇقات ئىچىدە مەنالار مەنبەسى بولغان ئىنسان كۆزدە تۇتۇلۇپ، سۆز ئۇنىڭ سۆزى ئۈستىدە، گەپ ئۇنىڭ گېپى توغرىلىق بولىدۇ.
   ئەمدى سۆز بايانىغا ۋە گەپ داستانىغا كېلەيلى: يۇقىرىدا ئېيتىلغان خىلمۇخىل شەھەر، يېزا، تاغ، سەھرا، ئورمان ۋە ئاراللاردا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ بارچىسى مەنانى سۆز بىلەن ئىپادىلەيدۇ، تىل ئارقىلىق پىكىرلىشىدۇ. ئەرەب تىلى گۈزەللىك يېتىكلىك جەھەتتە بارچە تىللاردىن ئىلگىرى تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدا سۆز ئەھلىدىن ھېچقايسىسىنىڭ دەۋاسى يوق، ھەممىسى بۇنى توغرا دەيدۇ ھەم ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ، چۈنكى ئاللانىڭ كەلامى بۇ تىلدا نازىل بولغان، پەيغەمبەرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىمۇ بۇ تىل بىلەن سۆزلەنگەن. كاتتا ئەۋلىيالار ۋە ئالىي مەرتىبەلىك ماشايىخلار ئىلگىرى سۈرگەن ھەقىقەت، تەلىماتلار ۋە قىممەتلىك چۈشەنچىلەرمۇ شۇ قۇتلۇق سۆز، شۇ مۇبارەك تىل بىلەن مەيدانغا كەلگەن. ئاللاھ، ئاللاھ، ئۇ ھاياتبەخش باغدا شۇنداق گۈزەللىكلەر، ئۇ ئارامبەخش گۈلشەندە شۇنداق نازاكەتلەر باركى، ئۇنىڭ باغۋەنى «گىياھلارنى، زىرائەتلەرنى ئۆستۈرمەك ۋە قات-قات جەننەتلەر بىنا قىلماق ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن ئۇلۇغ سۇلارنى چۈشۈردۇق» دېگەن ئايەت بىلەن بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ خۇشنەۋا بۇلبۇلى نەبىلىك بايانى ۋە پەيغەمبەرلىك نەغمىسىنى ياڭرىتىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان قۇشلارنىڭ بەزىلىرى «يوپۇقلار ئېچىۋېتىلگەن ھالەتتىمۇ ئىشەنچىم مۇندىن ئاشمايدۇ» دەپ سايرايدۇ، باشقىلىرى يېقىملىق كۈيلىرى بىلەن توغرىلىق، ھەققانىيەت، يېتىلىش، تولۇش يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

         بېيىت
         كى تا بولغاي جەھان باغى بۇ گۈلشەن مېۋىدار ئۆلسۇن،
         ھەرەمىدە بۇ بۇلبۇللارغە بۇ گۈلباغ بار ئۆلسۇن⑦.
ئىزاھات

① ئەي تىلى بىلەن يارىلىشقا باشلىغان ئىنساننى بىر-بىرىگە سىرداش قىلغان ئاللاھ، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن يارالمىشنىڭ زىننىتى بولدىكى، سەن ئۇنى نۇتقى بىلەن ھەممىسىدىن سەرخىل قىلدىڭ!
② ئاللاھ بۇ ئالەمنى ياراتقاندا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ھەممىگە گەۋدە بەردى، كۆزلەنگىنى ئىنسان ئىدى، ئۇ پەيدا بولدى. ئىنساندىن ھەم پەيغەمبىرى كۈتۈلگەن ئىدى.
③ بۇ يەردىكى «خۇش تىل» ئاتالغۇسى «سۆز ئۇستىسى» دېگەن مەنادا ئەرەب تىلىدىكى «فۇسەھا» سۆزىگە تەڭكەش قىلىندى.
④ ئۇ چاغدا ئالەممۇ، ئادەممۇ يوق ئىدى، قۇدرەت قولى ئۇلارنى تېخى بارلىققا كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يارالغانلىقىنى جاكارلاپ «مەن پەيغەمبەرمەن» دېدى، بۇنى چۈشەن.
⑤ ئۈنچىنى دورىلىق ئۈچۈن ئالسا، مىسقالى بىر دەرھەمدىن مىڭلاپ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى شاھ قۇلاققا ئاسسا بىرلا بولىدۇكى، ئۇنىڭ قىممەتى مەملىكەت مۈلكى بىلەن باراۋەر بولىدۇ.
⑥ سۆز گەۋھەرلىرىنىڭ دەرىجە پەرقىنى شەرھلەشكە نۇتۇق ئىگىلىرى ئاجىزلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ يامىنىدىن ھالاكەت كەلسە، ياخشىسى ئەيسا مۆجىزىسىنى كۆرسىتىدۇ(ئۆلۈككە جان كىرگۈزۈدۇ).
⑦ جاھان بېغى مۇشۇنداق مېۋىلىك گۈلشەن بولۇپ تۇرۇۋەرسۇن، ئۇنىڭ قوينىدا بۇلبۇللار مۇشۇنداق سايراۋەرسۇن.
بۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغان ئۈچ خىل مۇھىم تىل بار، بۇلارنىڭ شاخلىرى ۋە تارماقلىرى ئىنتايىن كۆپ.ئاساسلىق تىللارنىڭ مەنبەسى مۇشۇ ئۈچ خىل تىل يەنى تۈرك، فارس ۋە ھىندى تىللىرىدۇر. بۇ تىللارنىڭ مەنبەسى نوھ ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولمىش يافەس، سام ۋە ھاملارغا بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇنىڭ قىسقىچە بايانى مۇنداق:

نوھ ئەلەيھىسسەلام توپان ئاپىتىدىن نىجات تېپىپ قۇرۇقلۇققا چىققاندا، بۇ ئالەمدە ئىنسان جىنسىدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى. نوھ ئەلەيھىسسەلام تارىخچىلار تەرىپىدىن «ئەبۇتتۈرك» دەپ ئاتالغان يافەسنى خەتا مەملىكىتىگە ئەۋەتتى، «ئەبۇلفارس» دەپ ئاتالغان سامنى ئىران ۋە تۇران مەملىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاكىم قىلدى، «ئەبۇلھىند» دەپ ئاتالغان ھامنى بولسا ھىند يۇرتىغا ئەۋەتتى. بۇ ئۈچ پەيغەمبەرزادەنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى شۇ يەرلەردە ئاينىپ كۆپەيدى. يافەسنىڭ ئوغلى تۈركلەرنىڭ بوۋىسىدۇر، ئۇنى تارىخچىلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىك تاجى بىلەن ھەممىدىن يۈكسەك بولدى، رىسالەت مەنسەبى بىلەن قېرىنداشلىرىدىن ئۈستۈن تۇردى، دەيدۇ. دېمەك تۈرك، فارس ۋە ھىندى تىللىرى يافەسنىڭ، سامنىڭ ۋە ھامنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ نەۋرىلىرى ئارىسىدا مانا شۇ يوسۇندا يېيىلدى... بۇ يەردە ئەرەب تىلى بەك يۇقىرى شەرەف ۋە ئالىي مەرتىۋىگە ئىگە بولغانلىقى، ھىندى تىلى بولسا تولىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك ئارىدىن چىقىرىلىپ، پەقەت تۈركىي تىل بىلەن فارس تىلىلا مۇھاكىمىگە قويۇلىدۇ.

شۇ نەرسە مەلۇمكى، تۈركلەر سارتلارغا① قارىغاندا ئۆتكۈر ۋە ئىدراكلىق، يارىتىلىش جەھەتتىن ساپ خەلقتۇر. سارتلار بولسا، چۈشەنچە، ئىلىم ۋە پىكىر قىلىشتا تۈركلەرگە قارىغاندا مۇپەسسەل ۋە چوڭقۇردۇر. بۇ ھال تۈركلەرنىڭ تۈركلەرنىڭ توغرىلىقى ۋە تۈز كۆڭۈللۈكىدىن، سارتلارنىڭ ئىلىم ۋە ھۈنەرلىرىدىن ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئەمما تىللىرىدا ئۈستۈنلۈك ۋە ئۆكسۈكلۈك جەھەتتىن پەرق بەك چوڭ. سۆز-ئىبارە يارىتىشتا تۈركلەر سارتلاردىن ئىلگىرى تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز تىلىدا مەنالارنى پەرقلەندۈرۈدىغان سۆزلەر جەھەتتىن شۇ قەدەر ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانكى، خۇدا خاھلىسا، ئۆز مۆرىتىدە بايان قىلىنىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارىنىڭ سارتلارنىڭكىدىن ئارتۇقلۇقىغا دەلىل-ئىسپات بۇنىڭدىن لايىق بولمايدۇكى، تۈركلەر بىلەن سارتلاردا ياشلارنىڭ، قېرىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ، كىچىكلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىدۇ، گەپلىشىدۇ، يەنە كېلىپ سارتلاردا بىلىم ۋە زېھىن ئەھلى كۆپرەك، تۈركلەردە بولسا بىلىمسىز ۋە ساددا كىشىلەر سارتلارغا قارىغاندا كۆپرەك. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تۈركلەرنىڭ چوڭىدىن كىچىكىگىچە، پۇقراسىدىن بېگىگىچە دېگۈدەك فارس تىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ھەممىسى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا سۆزلىيەلەيدۇ، بەزىلىرى ئىنتايىن كېلىشتۈرۈپ سۆزلەيدۇ، ھەتتا تۈرك شائىرلىرى فارس تىلىدا گۈزەل شېئىر ۋە شېرىن ماقالىلەرنىمۇ يازالايدۇ. لېكىن سارت ئۇلۇسىنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدىن ئەڭ يۇقىرىسىغىچە، ئاممىسىدىن دانىشمىنىگىچە ھېچقايسىسى تۈركچە سۆزلىيەلمەيدۇ ھەم تۈركچە سۆزنى چۈشىنەلمەيدۇ. يۈزدىن بەلكى مىڭدىن بىرى تۈركچە ئۆگىنىپ سۆزلىسىمۇ ئاڭلىغان ئادەم ئۇنىڭ سارت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ، نەتىجىدە، سۆزلىگۈچى ئۆز سۆزى بىلەن ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك بولىدۇ. تۈركلەرنىڭ سارتلارغا قارىغاندا ماسلىشىشچان ئىكەنلىكىگە بۇنىڭدىن كۈچلۈك دەلىل يوقكى، سارتلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنى ئىنكار قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. تۈركىي تىلدا پىكىرنى مۇبالىغە يولى بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بىرمۇنچە نازۇك ئۇقۇملۇق سۆزلەر يارىتىلغانكى، بۇنى شۇ تىلنىڭ ئالىملىرى چۈشەندۈرۈپ بەرمىگۈچە باشقىلار ئۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدۇ. مەسىلەن:

ئەسلىي تەلەپپۇزى، تىرناق ئىچىدە ھازىرقى تەلەپپۇزى ۋە مەناسى [ ئەركمان ]

قورۇقشاماق

(قۇرۇشماق)

ئۆڭدەيمەك

(ئوڭلانماق)

چېكرىمەك

(ئۇيقۇسىزلانماق)

دومسايماق

ئۇمۇنماق

(ئۈمتەلمەك، تەمە قىلماق)

ئوسانماق

(بەزمەك)

ئىگىرمەك

ئىگەرمەك

ئۆخرەنمەك

(باتۇر بولۇۋالماق)

تارىقماق

(سىقىلماق)

ئالداماق

ئارغاداماق

(ھىيلە بىلەن يەڭمەك)

ئىشەنمەك

ئىگلەنمەك

(يارالانماق)

ئايلانماق

ئىگرەنمەك

(ئىڭرىماق)

ئاۋۇنماق

قىستاماق

(قىستىماق)

قىيناماق

(ئەيىبلىمەك)

قوزغالماق

ساۋرۇلماق

(سورۇلماق)

چايقالماق

قىزغانماق

نىكەمەك

(تەڭلىمەك)

سىيلانماق

(ئىززەتلەنمەك)

تانلاماق

(تاللىماق)

قىمىرداماق

(قىمىرلىماق)

سېرپمەك

(سەپمەك، چاچماق)

سىرمەمەك

(سيرىپ ئالماق، يۇلۇپ ئالماق)

سىغرىقماق

(سىغماق)

سىغىنماق

(پاناھ قىلماق)

قىلىماق
(قىلماق)

يالىنماق
(يېلىنماق، يېلىنجىماق)

مۇڭلانماق

ئىندەمەك
(ئۈندىمەك)

تېرگەمەك
(تەرگىمەك، سۈرۈشتۈرمەك)

تېۋرەمەك
(سانجىماق، تىكمەك)

قىڭغايماق

سىڭرەمەك
(يۇمۇلداپ يىغلىماق)

ياشقاماق
(ياشىماق)

ئېسقارماق
(خىيال قىلماق)

كۆڭرەنمەك
(ئۆزىچە غەزەبلىنىپ سۆزلىمەك)

سىپاماق
(سىپىماق)

قارالاماق
(قارىلىماق)

سۈركەنمەك

كۆيمەنمەك
(باھانە قىلماق)

ئىڭرانماق
(ئىڭرىماق)

تۆشەلمەك
(يېيىلماق)

مۇنغايماق
(مۇڭلانماق)

كۆرۈكسەمەك
(كۆرگۈسى كەلمەك، سېغىنماق)

بۇشۇرغانماق
(ئىچى پۇشماق، ئازابلانماق)

بۇخساماق
(نالە قىلماق، بوغۇلماق)

كىركىنمەك
(چايقالماق، پۇلاڭلىماق)

بۇسماق
(مۆكمەك)

بۈرمەك
(پۈرمەك)

تۈرمەك

تامشىماق

سىپقارماق
(شورىماق، سۈمۈرمەك)

چۆركەنمەك
(كۆيمەك)

ئۆرتەنمەك

سىزغۇرماق

(سىزدۇرماق، سىزغۇزماق)

چوپرۇتماق

(تۈزلىمەك)

جىرغاماق

(زوقلانماق)

بىچىماق
(پىچماق، كەسمەك)

سىڭۈرمەك
(سىڭىرمەك)

كۆندەلەتمەك
(ئەگمەك)

كۆمۈرمەك
(غاجىماق)

بېكىرمەك
(چىڭىتماق)

گۆڭۈردەمەك
(گۇدۇڭلىماق، كۇسۇلدىماق، پەس ئاۋازدا سۆزلىمەك)

كېنەرگەمەك
(كېڭەيمەك، يېيىلماق)

گېزەرمەك
(ئۆڭمەك)

دوپتولماق
(توپلانماق)

چىداماق
(چىدىماق)

تۈزمەك

قازغانماق
(قازانماق)

قىچىغلاماق
(قىچىغلىماق)

كەڭىرەمەك
(كېڭەيمەك)

ياداماق
(يادىماق، جۈدىمەك، ئورۇقلىماق)

قاداماق
(قادىماق)

چىقانماق
(يانماق، چاپچىماق، شوخشىماق)

كۆندۈرمەك

سۆندۈرمەك
(ئۆچۈرمەك)

سۇقلاتماق
(شەيدا قىلماق)

بۇ يۈز سۆزنىڭ② ھېچقايسىسىغا فارس تىلىدىن لايىق سۆز تېپىلمايدۇ. سارتلار ھەتتا بۇ سۆزلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ مەناسىنى چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ ئۇقۇملارنىڭ بەزىلىرىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا بىرنەچچە سۆزدىن تەركىب تاپقان ئىبارىلەرنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، شۇنىڭدىمۇ ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ. تۈركىي تىلدا بۇ خىلدىكى سۆزلەر ناھايىتى كۆپ، بىز قارىشى پىكىردە بولغۇچىلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىدا ئېيتىلغان يۈز سكزدىن بىرنەچچىسىنىڭ قانداق ئىشلىنىشىنى مىسال تەرىقىسىدە كۆرسىتىپ ئۆتەيلى:

كاتتا شائىرلارنىڭ مەي تەسۋىرىدە مۇبالىغە قىلىشىنى بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان دېسىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا مەي ئىچىشنىڭ ئۇسۇلىنى نازۇك جەھەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ قوللىنىلغان. بۇ سۆزلەرنىڭ بىرى «سىپقارماق» بولۇپ، بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇبالىغىنى تېپىش تەس. تۈركىي شېئىردا مۇنداق بىر باشلانما بېيىت بار:

بېيىت

ساقىيا تۇت بادە كىم بىرلەھزە ئۆزۈمدىن باراي،

شەرت بۇكىم، ھەر نېچە تۇتساڭ لەبالەب سىپقاراي③.

بۇ «سىپقاراي» سۆزى ئىپادىلىگەن ئۇقۇمنى فارسچە شېئىردا ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، نېمە ئىلاج قىلغىلى بولسۇن؟ تۈركىي تىلدىكى شۇ خىل سۆزلەرنىڭ يەنە بىرى «تامشىماق» بولۇپ، بۇ سۆز مەينى بىراقلا ئىچىۋەتمەي ئاز-ئازدىن ئىچىپ لەززەتلىنىش مەناسىنى بىلدۈرۈدۇ. بۇ نازۇك ئۇقۇمنىڭ تۈركىي شېئىردا قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىنى مۇنۇ باشلانما بېيىتتىن كۆرۈشكە بولىدۇ:

بېيىت

ساقى چۇ ئىچىپ ماڭا تۇتار قوش،

تامشى-تامشى ئانى قىلاي نوش④.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

بۇ ئەسەردە تۈركىي تىللىق خەلقلەر «تۈرك»، فارسىي تىللىق خەلقلەر «سارت» دەپ ئاتالغان.

بىز ئاساسلانغان مەتندە توقسان سەككىز سۆز بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى ھازىرچە ئېنىقلاپ چىقالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرگۈزمىدۇق.

ئەي ساقى، ماڭا مەي تۇت، مەن ئۇنى ئىچىپ بىردەم ئۆز خۇدۇمنى يوقىتاي.شۇنى شەرت قىلىمەنكى، ھەرقانچە تولدۇرۇپ قۇيساڭمۇ بىراقلا سۈمۈرمەيمەن.

ساقى ئۆزى ئىچىپ، ماڭا قوش قەدەھ تۇتتى، مەن ئۇنى تامشىپ-تامشىپ ئىچىمەن.

«بۇخساماق» سۆزى بىر تۈركىي شېئىرنىڭ باشلانما بېيتىدا مۇنداق قوللىنىلغان:

         بېيىت
         ھىجر ئەندۇھىدە بۇخسابمېن بىلە ئالمان نېتەي،
         مەي ئىلاجىمدۇر قوپۇپ دەيرىفەناغە ئەزم ئىتەي①.

   فارسىيگۇي تۈرك بەگلەر ۋە بەگزادىلەر «بۇخساماق» ئۇقۇمىنى فارس تىلى بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولسا، قايسى سۆزنى قوللىنار؟
   شېئىرنىڭ ئاساسى ۋە مەركىزى ئىشققا باغلىنىدۇ. ئاشقلىقتا يىغلاشتىن تولاراق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھالەت يوق، لېكىن يىغلاش ھەر خىل بولىدۇ. «يىغلامسىنماق» سۆزى تۈركىي شېئىردا مانا مۇنداق قوللىنىلغان:

         بېيىت
         زاھىد ئىشقىن دېسەكى قىلغاي فاش،
         يىغلامسىنۇرۇ كۆزىگە كېلمەس ياش②.
   «ئىڭراماق» بىلەن «سىڭرەمەك» دەرد بىلەن يوشۇرۇنچە ئاستا يىغلاش مەناسىدا بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق يوق. تۈركچىدە مانا مۇنداق بىر باشلانما بېيىت بار:

         بېيىت
         ئىستەسەم دەۋر ئەھلىدىن ئىشقىڭنى پىنھان ئەيلەمەك،
         كېچەلەر گاھ ئىڭراماقدۇر ئادەتىم گاھ سىڭرەمەك ③.
   فارس تىلىدا بۇ سۆزلەرگە لايىق سۆز يوق. ئۇ ھالدا شائىر نېمە قىلالىسۇن؟ «سىقتاماق» سۆزى «يىغلاماق»نىڭ مۇبالىغە بىلەن ئېيتىلىشى بولۇپ، تۈركىي شېئىردا مۇنداق قوللىنىلغان:

         بېيىت
         ئول ئايكى كۈلە-كۈلە قىراغلاتتى مېنى،
         يىغلاتتى مېنى دېمەيكى سىقتاتتى مېنى④.
   ئۈن سېلىپ يىغلاش مەناسىنى بىلدۈرۈدىغان «ئۆكۈرمەك» سۆزى بىر تۈركىي شېئىرنىڭ باشلانما بېيتىدا مۇنداق قوللىنىلغان:

         بېيىت
         ئىشىم تاغ ئۆزرە ھەريان ئەشىك سەيلابىنى سۈرمەكدۇر،
         فىراق ئاشۇبىدىن ھەردەم بۇلۇت ياڭلىغ ئۆكۈرمەكدۇر⑤.
   فارس تىلىدا «ئۆكۈرمەك» بىلەن باراۋەر كېلىدىغان سۆز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، فارسىيگۇي شائىر مانا مۇشۇنداق بىر نازۇك ئۇقۇمنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. يەنە «يىغلاماق» نىڭ «ئۆكۈرمەك» تۈرى بىلەن قاتارداش «ئىنچىكىرمەك» تۈرىمۇ بولۇپ، ئىنچىكە ئاۋازدا يىغلاشقا قارىتىلىدۇ. بۇ سۆز تۈركىي تىلدا مانا مۇنداق قۇرۇلمىنىڭ تەركىبىدە كەلگەن:

         بېيىت
         چەرخ زۇلمىداكىم بوغزۇمنى قىرىپ يىغلارمېن،
         ئىگىرۇر چەرخ ئۇرۇر ئىنچىكىرىپ  يىغلارمېن⑥.
   «يىغلاماق» نىڭ يەنە بىر خىلىنى بىلدۈرىدىغان «ھاي-ھاي» سۆزىنى ئىشلىتىشتە فارسىيگۇيلار ئۆزلىرىنى تۈركىيگۇيلارغا شېرىك قىلىدۇ. بىراق بۇ سۆزمۇ تۈركىيدۇر. پەقىرنىڭ مۇنۇ چۈشۈرگە بېيىتى ھەممىگە مەلۇم:

         بېيىت
         نەۋائىي ئول گۈل ئۈچۈن ھاي-ھاي يىغلاما كۆپ،
         كى ھەي دېگۈنچە نى گۈلبۇن، نى غۇنچە، نى گۈل بار⑦.

___________________
①        جۇدالىق دەردىدە تۇنجۇقۇپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمىدىم، قوپۇپ مەيخانىغا ماڭماقتىن باشقا نېمە ئىلاجىم بولسۇن؟
②        زاھىد ئىشقىنى ئاشكارا قىلماقچى بولسا، كۆزىدىن ياش چىقارماي يىغلامسىرايدۇ.
③        ئىشقىڭنى خەقتىن يوشۇرماقچى بولسام، ئادىتىم كېچىچە گاھى ئىڭراپ، گاھى ئۆكسۈپ يىغلاشتۇر.
④        ئۇ گۈزەل كۈلە-كۈلە مېنى چەتلەتتى، مېنى مۇنداقلا يىغلاتمىدى، بەلكى زار-زار يىغلاتتى.
⑤        مېنىڭ ئىشىم تاغلاردا كۆز يېشىمنى ھەريانغا سەلدەك ئاققۇزۇش، پىراق دەردىدىن ھەردائىم بۇلۇتتەك ھۆڭگىرەپ يىغلاش بولۇپ قالدى.
⑥        پەلەك زۇلمىدىن بوغۇزۇمنى قىرىپ يىغلايمەن، ئىگىرىلگەن چاق ئاۋازىدەك چىرقىراق ئۈن بىلەن يىغلايمەن.
⑦        ئەي نەۋائىي، ئۇ گۈل ئۈچۈن ئانچە بەك يىغلاپ كەتمە، چۈنكى، ھەدېگۈچە گۈل تۈپى بولسۇن، گۈلنىڭ ئۆزى بولسۇن، ھەممىسى تۈگەيدۇ.

تۈركىي تىلدا نازۇك مەنالىق سۆزلەردىن «قىمسانماق» بىلەن «قىزغانماق» تۆۋەندىكى بېيتتا مۇنداق قوللىنىلغان:

         بېيىت
         ئىزارىڭنى ئاچارغا قىمسانۇرمېن،
         ۋەلى ئېل كۆرمەكىگە قىزغانۇرمېن①.
   فارسىيگۇي شائىرلار مۇنداق نازۇك مەنالارنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇمدۇر.
   ئاشق ئايىغىغا تىكەن سانجىلماقنى ئىپادىلەشتە فارسىيگۇيلار«خار» سۆزى بىلەن ئاۋارە بولۇشىدۇ. جاننى بەك قاقشىتىدىغان «چۆكۈر» سۆزىگە لايىق كېلىدىغان سۆز ئۇلاردا يوق. بۇ سۆز تۈركىي شېئىردا مۇنداق قوللىنىلغان:

         بېيىت
         چۆكۈرلەركىم سېنىڭ يولۇڭدا تۈيۈرۈلمىش ئاياغىمغا،
         چېكىپ ئول كوي گەردىن سۈرمە تارتارمېن قاراغىمغا②.
   ئىشق يولىدا ئۆز مەھبۇبىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان ئاشقنىڭ ئۇنىڭ يۈزىگە ئۈمىد بىلەن تەلمۈرۈشى ناھايىتى تەبىئىي بىر ئەھۋال. لېكىن سارتلاردا بۇ ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆز يوق، ھەتتا شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان سۆزمۇ يوق. بۇ سۆز تۈركىي تىلدا مۇنداق قوللىنىلغان:

         بېيىت
         تۆكەدۇر قانىمنى ھەردەم كۆزلەرىڭ باقىپ تۇرۇپ،
         كىم نېچە يۈزۈمگە باققايسېن يىراقتىن تەلمۈرۈپ③.
   تۈركىي تىلدىكى «ياسانماق» سۆزى فارس تىلىدا «ئارەستە» ياكى ئارايىش» سۆزى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن لېكىن «ياسانماق» سۆزىنىڭ مۇبالىغە تۈرى بولسان «بېزەنمەك» سۆزى ئۈچۈن ئۇلاردا سۆز يوق. بۇ سۆز تۈركىي تىلدا مۇنداق كېلىدۇ:

         بېيىت
         ئېرۇر بەس چۇ ھۇسنۇ مەلاھەت ساڭا،
         ياسانماق، بېزەنمەك نې ھاجەت ساڭا④.
   تۈركىي تىلدا كۆز بىلەن قاشنىڭ ئارىلىقى «قاباغ» دېيىلىدۇ. لېكىن سارتلاردا بۇ ئەزانىڭ نامى يوق. گۈزەللەر تەسۋىرلەنگەن بىر مەسنەۋىدە بۇ سۆز مۇنداق قوللىنىلغان:

         بېيىت
         مەڭىزلەرى گۈل، گۈل، مۇژەلەرى خار⑤،
         قاباغلارى كېڭ-كېڭ ئاغىزلارى تار.
   ئاشقلارنىڭ يىغلاپ ياش تۆكۈشلىرى ئاھ ئۇرۇش ۋە ئۇلۇغ-كىچىك تىنىش ئاساسىدا روي بېرىدۇ. تۈركىي شائىرلار ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشنى چېقىنغا، ئاھ ئۇرۇشنى ئىلدىرىم (گۈلدۈرماما) غا ئوخشىتىدۇ:

         بېيىت
         فىراقىڭ ئىچىدە ئۇلۇس ئۆرتەمەككە ئەي ماھىم،
         چاقىندۇرۇر دەمىمۇ ئىلدىرىمدۇرۇر ئاھىم⑥.
   فارس تىلىدا چېقىن ۋە ئىلدىرىمدەك ئېنىق ۋە گەۋدىلىك ئىككى نەرسىگە ئات قويۇلمىغان بولۇپ، بۇ ئۇقۇملار «بەرق» ۋە «سائىقە» دېگەن ئەرەبچە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
   گۈزەللەرنىڭ ھۆسنى تەسۋىرلەنگەندە، تۈركىي شائىرلار چوڭراق خالنى «مېڭ» دەپ ئاتايدۇ، ئەمما فارس تىلىدا بۇنىڭ ئېتى يوق. بۇ سۆز تۈركىي شېئىردا مۇنداق قوللىنىلغان:

         بېيىت
         ئانىڭكىم ئال ئېڭىندە مېڭ ياراتتى،
         بويى بىرلە ساچىنى تېڭ ياراتتى⑦.
   فارس تىلىدا سۆز يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلارنى بىر-بىردىن ئېيتىشقا توغرا كەلسە، گەپ بەك ئۇزىراپ كېتىدۇ.
_____________________
①        يۈزۈڭنى ئېچىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، لېكىن باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قىزغىنىمەن.
②        سېنىڭ يولۇڭدا پۇتۇمغا سانجىلغان چېقىر تىكەنلەرنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا شۇ يەرنىڭ توپىسىنى يېقىپ، كۆزۈمگە سۈرمە قىلىپ سۈرىمەن.
③        «قاچانغىچە ماڭا يىراقتىن تەلمۈرىسەن» دەپ تىكىلگەن كۆزلىرىڭ مېنىڭ قېنىمنى تۆكۈدۇ.
④        گۈزەللىكىڭ يېتەرلىك تۇرسا ساڭا ياسىنىش، بېزىنىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
⑤        مۇژەلەرى خار ـــ كىرپىكلىرى خۇددى تىكەن.
⑥        پىراق ئوتى بىلەن كىشىلەرنى كۆيدۈرۈشتە، دىمىم چېقىن، ئاھىم گۈلدۈرمامىدۇر.
⑦        ئۇنىڭ قىزىل مەڭزىدە مەڭ ياراتتى، ئۇنىڭ بويى بىلەن چېچىنى تەڭ ياراتتى.
«تەجنىس»① ۋە «ئىيھام»②دىن پايدىلىنىش شائىر-ئەدىبلەر ئىچىدە ناھايىتى ئومۇمىي بىر ئەھۋال. شېئىرگە ئالاھىدە رەڭ بېرىدىغان بۇ خىل سۆز سەنئىتى ئۈچۈن فارس تىلىغا قارىغاندا تۈركىي تىلدا ئىمكانىيەت تېخخمۇ كۆپ. مەسىلەن، «ئات» سۆزىنى بىرىنچىدىن «نام» مەناسىدا، ئىككىنچىدىن «مىنىدىغان ئات» مەناسىدا، ئۈچىنچىدىن تاشنى ياكى ئوقنى ئېتىشقا بۇيرۇغاندىكى «ئات» مەناسىدا قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇ سۆز شېئىردا مانا مۇنداق قوللىنىلغان:

      نەزم
      چۈن پەرىيۇ   ھۈردۇر ئاتىڭ بېگىم،
      سۈرئەت ئىچرە دىۋ ئېرۇر ئاتىڭ بېگىم.
      ھەر خەدەنگىكىم ئۇلۇس ئاندىن قاچار،
      ناتەۋان جانىم سارى ئاتىڭ بېگىم③.
بۇ ئىككى بېيىت تولۇق تەجنىس بولۇپ، بۇنى پەقەت تۈركىي شائىرلارلا يازالايدۇكى، سارتلار يازالمايدۇ. بۇ خىل شېئىر شەكلى «تۇيۇغ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئارۇز توغرىسىدىكى «مىزانۇل ئەۋزان» ناملىق كىتابتا چۈشەنچە بېرىلگەن.
جۈملىدىن «ئىت» سۆزىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۈچ خخل مەنادا كېلىدۇ، مەسىلەن:

ئەي رەقىب، ئۆزنى ئاڭا تۇتساڭ ھەم ئىت،
بىزگە رەھىم ئەيلەپ ئانىڭ كويىدىن ئىت.
گەرچە بار دەۋزەخچە ئىشقنىڭ شولىسى،
بىزنى ئۆز ئىلكىڭ بىلە ئول سارى ئىت④.

«تۈش»، «يان»، «ياق» سۆزلىرىنىمۇ شۇنداق ئۈچ خىل مەنادا قوللانغىلى بولىدۇ. ئۈچ خىل مەنادا قوللانغىلى بولىدىغان مۇنداق سۆزلەر تولىمۇ كۆپ. بىرمۇنچە سۆزلەرنى تۆت خىل مەنادا قوللانغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: «بار» سۆزىنى بىرىنچىدىن مەۋجۇدلۇق مەناسىدا، ئىككىنچىدىن بارماققا (بېرىشقا) قىلىنغان بۇيرۇق مەناسىدا، ئۈچىنچىدىن «يۈك» مەناسىدا، تۆتىنچىدىن «مېۋە» مەناسىدا قوللانغىلى بولىدۇ. بەزى سۆزلەر ھەتتا بەش خىل مەنادا قوللىنىلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، «ساغىن» سۆزى بىر يەردە ياد قىلماققا (ئەتمەككە) قىلىنغان بۇيرۇقنى بىلدۈرسە، بىر يەردە «سۈتلۈك قوي» مەناسىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭدەك بۇ سۆزنى ئىشق يولىدىكى مەس، مەجنۇن ۋە بىمار سۆزلىرىنىڭ ھەربىرى ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدۇ. بەزى سۆزلەرگە ئۇنىڭدىن كۆپ مەنالارنى يۈكلەشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: «تۈز» سۆزى بىلەن ئوق ياكى نەيزىگە ئوخشاش تۈز نەرسىلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ، تۈپتۈز دالا مەناسىنى ئىپادىلەشكىمۇ، «تۈز كىشى» دىكى «تۈز»نى ئىپادىلەشكىمۇ، سازنى تۈزمەككە «تەڭشەشكە) قىلىنغان بۇيرۇقنى ئىپادىلەشكىمۇ، ئىككى كىشىنى ياراشتۇرۇش مەناسىنى ئىپادىلەشكىمۇ، بىر ئولتۇرۇشنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەناسىنى ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ. «كۆك» سۆزىمۇ شۇنداق كۆپ مەنادا ئىستېمال قىلىنىدىغان سۆزلەردىن بولۇپ، «ئاسمان» مەناسىدا، «ئاھاڭ» مەناسىدا، تىككەن ئۆسۈملۈكنىڭ كۆكلىشى مەناسىدا، «قاداق» مەناسىدا، «كۆك ئوت» مەناسىدا قوللىنىلىشىمۇ مۇمكىن. مۇنداق ئۈچ خىل، تۆت خىل ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مەنالاردا قوللىنىشقا بولىدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالنى فارس تىلىدا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

«ۋاۋ» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنى⑤، «يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنى⑥ بىر-بىرىگە قاپىيە قىلىش فارسچە شېئىرلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئىككى خىلدىن ئاشمايدۇ، «ۋاۋ» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار «خود» ـــ «دۇد»، «زور» ـــ «نۇر» شەكلىدە، «يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار «بىر» ـــ «شىر» شەكلىدە قاپىيەلىشىدۇ. تۈركىي شېئىرلاردا بۇخىل قاپىيە تۆت خىلغا يېتىپ بارىدۇ. مەسىلەن:

«ئوت» ـــ كۆيىدىغان ئوت.
«ئۆت» ـــ ئۆتمەكنىڭ بۇيرۇق شەكلى.
«ئۇت» ـــ ئۇتماق (يەڭمەك) نىڭ بۇيرۇق شەكلى.
«ئۈت» ـــ تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، ئۈتلىمەك (قۇيقىلىماق) تىكى «ئۈت» مەناسىنى بىلدۈرىدۇ.
يەنە مەسىلەن:
«تور» ـــ «تورغا چۈشمەك» تىكى تور.
«تۇر» ـــ تەلەپپۇزى يۇقىرىقى سۆزدىن تارراق بولۇپ، قۇش ئۆلتۈرىدىغان ياغاچنى بىلدۈرىدۇ.
«تۆر» ـــ تەلەپپۇزى يۇقىرىقى سۆزدىن تارراق بولۇپ، ئۆينىڭ تۆرى، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
«تۈر» ـــ تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، تۈرمەكنىڭ بۇيرۇق شەكلىدۇر.
«يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنىڭ قاپىيەلىشىشىگە كەلسەك، بۇلار ئۈچ خىلدىن ئاشمايدۇ، مەسىلەن:
«بېز» ـــ بۇنى سارتلار «قۇدۇد» (بەز ـــ گۆشنىڭ بېزى) دەيدۇ.
«بىز» ـــ «ما» ياكى «نەھنۇ» (بىرىنچى شەخس كۆپلۈك ئالماش) مەناسىدا.
«بىز» ـــ «دەرەفىش» (بىگىز) مەناسىدا.
يەنە مەسىلەن:
«تېر» ـــ تەرمەكنىڭ بۇيرۇق شەكلى.
«تېر» ـــ تەلەپپۇزى يۇقىرىقى سۆزدىن تارراق بولۇپ، سارتلار ئۇنى «ئەرەق» ياكى «خوي» (تەر) دەيدۇ.
«تىر» ـــ تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، ئوق مەناسىنى بىلدۈرىدۇ.
سۆز تاللاشقا كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىش ۋە قاپىيەگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن بىرقانچە ھەرپنى بىر-بىرىگە جورلاشتۇرۇشقا يول قويۇلىدۇ. جۈملىدىن ئەلف («ا» ـــ ئېلىپ) بىلەن ھا (ە) بىر-بىرىگە قاپىيە بولالايدۇ. مەسىلەن: «ئەرا» سۆزىنى «سەرا» ۋە «دەرا» بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ. «سەرە»، «دەرە» بىلەن قاپىيە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. «يەدا» سۆزىنى «سەدا» بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ، «بادە» بىلەن قاپىيە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ۋاۋ(و) بىلەن زەممە (ـــ نىڭ ئۈستىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا بىر , كەلگەن ھەرپنىڭ تەلەپپۇزى يەنى ئوقۇلۇشى) بىر-بىرىگە جور بولالايدۇ. مەسىلەن، «ئىرۇر» سۆزىنى «ھۈر»، «دۇر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ. «غۇرۇر»، «زۆرۈر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلسىمۇ بولىدۇ. يا(ي) بىلەن كەسرە(زىر بەلگىسى) مۇ بىر-بىرىگە جور بولالايدۇ. مەسىلەن، «ئاغىر»، «باغىر» سۆزلىرىنى «سادىر»، «قادىر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلىشقا بولىدۇ. «تەئخىر»، «تەغيىر» سۆزلىرى بىلەن قاپىيە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ھالبۇكى، فارس تىلىدا بۇنىڭغا ئىمكانىيەت يوق.
بۇ تىلنىڭ (تۈركىي تىلنىڭ) ياسىغۇچىلىرى كۆپ نەرسىلەردە ئۇششاق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، نازۇك مەزمۇن ۋە مەنالار ئۈچۈن سۆزلەرنى ياسىغانكى، بۇنىڭ ئىسپاتلىرى بىرمۇنچە مىساللاردا كۆرسىتىلدى.

_____________________
①        تەجنىس ـــ ئاھاڭداش سۆزلەردىن پايدىلىنىش سەنئىتى.
②        ئىيھام ـــ ئىككى بىسلىق سۆزلەردىن پايدىلىنىش سەنئىتى.
③        خېنىم، سېنىڭ ئېتىڭ ھۈر-پەرىدۇر، سېنىڭ ئېتىڭ سۈرئەتتە دىۋىگە ئوخشايدۇ، سەن كىشىلەر ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئوقلىرىڭنى مېنىڭ زەئىب جېنىمغا قارىتىپ ئاتىۋەرگىن.
④        ھەي رەقىب، سەن ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئېتى ھېسابلىساڭمۇ، ماڭا رەھىم قىلىپ ئۇنىڭ كوچىسىدىن ئىت (يىت ، يوقال)، ئىشق ئوتى دەۋزەخ ئوتىدەك بولسىمۇ مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن شۇ تەرەپكە ئىت (ئىتتەر).
⑤        «ۋاۋ» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار ـــ «و‹ۋ›» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن تاۋۇشلار.
⑥        «يا» گۇرۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار ـــ «ي» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن تاۋۇشلار.
تۈركلەر غىزا ۋە يېگىلى بولىدىغان ھەر خىل نەرسىلەرنى «يېگۈلۈك» دەيدۇ، سارتلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەتتا ھەممىسى يېمەكنىمۇ، ئىچمەكنىمۇ «خوردەنى» سۆزى بىلەنلا ئىپادىلەيدۇ. سارتلار چوڭ قېرىندىشى بىلەن كىچىك قېرىندىشىنىڭ ئىككىلىسىنى «بەرادەر» دەيدۇ، تۈركلەر بولسا چوڭىنى «ئاغا». كىچىكىنى «ئىنى» دەيدۇ. سارتلار چوڭ-كىچىك قىز قېرىنداشلىرىنى ئوخشاشلا «خاھەر» دەيدۇ. تۈركلەر بولسا چوڭىنى «ئىگىچە»، كىچىكىنى «سىڭىل» دەيدۇ. تۈركلەر ئاتىسىنىڭ ئاغا-ئىنىلىرىنى «ئاپاغا» دەيدۇ، ئانىسىنىڭ ئاغا-ئىنىلىرىنى «تاغايى» دەيدۇ. سارتلار بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئات قويمىغان بولۇپ، ئەرەبچە «ئەمم» ۋە «خال» سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ، شۇنىڭدەك «كۈكۈلتاش»، «ئەتەكە»، «ئىنىگە» لەرنى تۈركچە سۆز بىلەن ئېيتىدۇ. ئۇلار ھەممىگە ئايان بولغان «ئاق ئۆي» گە «خەرگاھ» دەپ ئات قويغان بولسىمۇ لېكىن ئاق ئۆينىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىنى، مەسىلەن، «تۈنلۈك»، «ئۈزۈك»، «تورلۇق»، «باسرۇق»، «چىغ»، «قانات»، «كۆزنەك»، ئۇغ»، «باغىش»، «بۇساغا»، «ئېركېنە» قاتارلىقلارنى تۈركچە سۆز بىلەن ئاتايدۇ. «ئاۋ» بىلەن «قۇش»نىڭ پادشاھلار رەسم-يوسۇنى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئىش ئىكەنلىكىگە قارىماي ئىككىلىسىنى «شىكار» دەيدۇ. ئوۋدا ئاساسىي كۆزلەنگەن نەرسە كىيىك بولۇپ، تۈركلەر ئۇنىڭ ئەركىكىنى «ھۈنە»، چىشىسىنى «قۇلچاقچى» دەيدۇ، سۇيقۇننىڭ ئەركىكىنى «بۇغۇ»، چىشىسىنى «مارال» دەيدۇ، سارتلاردا بولسا «ئاھۇ» ۋە «گەۋەزەن» دىن باشقا نام يوق. غەۋغەلىق ۋە جاپالىق ئوۋلارنىڭ بىرى توڭگۇز ئوۋى بولۇپ، تۈركلەر ئۇنىڭ ئەركىكىنى «قابان»، چىشىسىنى «مىكىجىن»، كۈچۈكىنى «چۈرپە» دەيدۇ. سارتلار بولسا ھەممىسىنى «خوك» ياكى «گوراز» سۆزى بىلەن ئاتايدۇ. ئەمدى قۇشقا كەلسەك، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىلباسۇن يەنى ئۆردەكتۇر. سارتلار «ئىلباسۇن»نى بىلمەيدۇ. تۈركلەر ئۆردەكنىڭ خورىزىنى «سۈنە»، مىكىيىنىنى «بۇرچىن» دەيدۇ. سارتلار بولسا بۇنىڭغىمۇ ئات قويمىغان بولۇپ، ئىككىلىسىنى «مۇرغابى» دەيدۇ. ئۆردەكنىڭ ھەر خىل تۈرىنى بىلىدىغان قۇشچىلار ئۇلارنى «چۆركە»، «ئىركەسوقتۇر»، «ئالمە باش»، «چاقىرقانات»، «تېمۇرقانات»، «ئالەلەدغە»، «ئالەپەكە»، «باغچال» قاتارلىق يەتمىش خىلغا يەتكۈزىدۇ، سارتلار بولسا ھەممىسىنى «مۇرغابى» دەپلا تۈگىشىدۇ، ئەگەر ئايرىش زۆرۈر بولسا تۈركچە ئېتى بىلەن ئاتايدۇ. ئاتنىڭ تۈرىنى بىلدۈرىدىغان «توبۇچاق»، «ئارغۇماق»، «يەكە»، «يابۇ»، «تاتۇ» قاتارلىقلارنىمۇ تۈركچە دەيدۇ. ئاتنىڭ يېشىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىمۇ تۈركچە ئېيتىدۇ، بۇلاردىن بىرلا «قۇلۇن»نى «كۇررە» دەيدۇ، قالغان «تاي»، «غونان»، «دۆنەن»، «تولان»، «چىرغا»، «لانغە» قاتارلىقلارنى سۆزگە ئۇستاراقلىرى تۈركچە دەيدۇ، كۆپچىلىكى بولسا بۇلارنىمۇ بىلمەيدۇ. ئاتنىڭ ئىگىرىنى «زىن» دېسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «جىبىلكەر»، «ھەنا»، «توقۇم»، «جارلىغ»، «ئۇلارچاغ»، «غانجۇغە»، «چىلبۇر»، «قۇشقۇن»، «قانتار»، «تۆفەك»، «توقا» قاتارلىق قىسىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىنى تۈركچە ئېيتىدۇ. قامچىنى «تازيانە» دېسىمۇ، لېكىن بۆلدۈرگە»، «چوپچۇرغە»لىرىنى تۈركچە دەيدۇ. «جېبە»، «جەۋشەن»، «كۆھە»، «قالقاندۇرۇق»، «قاربىچى»، «كىجىم»، «ئاھە» قاتارلىق ئۇرۇش قوراللىرىنىمۇ تۈرك تىلى بىلەن ئېيتىدۇ. ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكلەردىن «دەستار»، «قالپاق»، «نەۋرۇزى»، «تۆپى»، «شىرداغ»، «دەكلە»، «يىلەك»، «ياغلىغ»، «تېرلىك»، «قۇر» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تۈركچە ئېيتىدۇ. يېمەكلىكلەردىن قوينىڭ بەزى ئەزالىرىغا ئات قويغان بولسىمۇ لېكىن «ئارقە»، «ئاشۇغلۇق ئىلىك»، «يان سۆڭەك»، «قابۇرغا»، «ئىگىك»، «ئورتا ئىلىك»، «بوغۇزلاغۇ» قاتارلىق ئەزالىرىنى تۈركچە ئاتايدۇ. شۇنىڭدەك «قايماغ»، «قاتلامە»، «بۇلاماغ»، «قۇرۇت»، «ئولابە»، «مانتۇ»، «قۇيماغ»، «ئۆركەمەچ»، «قىمىز»، «سۈرمە»، «باخسۇم»، «بوزە»، «تۇتماچ»، «ئۇماچ»، «كۆمەچ»، «تالقان» قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك ناملىرىنىمۇ تۈركچە ئاتايدۇ. مۇنداق ئۇششاق-چۈششەك تەرەپلەرنى كۆرسەتكىلى تۇرساق بەك كۆپ، گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ.
ئەمدى سۆزلەردىكى قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە توختىلايلى. ئەرەب تىلى سەرفىدە "مۇفائەلە" دەپ ئاتىلىدىغان "مۇئارەزە"، "مۇقابەلە"، "مۇشائەرە"، "مۇكالەمە" دېگەنگە ئوخشاش ئۆزى بىر سۆز سۈپىتىدە ئىككى كىشى ئورتاسىداكى ھەرىكەتنى بىلدۈرىدىغان ئىنتايىن پايدىلىق بىر پېئىل شەكلى باركى، ئۆزلىرىنى سۆز ئۇستىسى، دەپ دەۋا قىلغان فارسىيگويلار بۇ خىل پايدىلىق ئىمكانىيەتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، لېكىن تۈرركىي تىلنىڭ ئۇستىلىرى پېئىل تومۇرىغا بىر "ش" تاۋۇشىنى قوشۇپ، "چاپشىماق"، "تاپشىماق"، "قۇچۇشماق"، "ئۆپۈشمەك" دېگەنگە ئوخشاش شەكىلگگ كىرگۈزۈش ئارقىلىق شۇ خخل ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەن. بۇ ئۇسۇل شۇنداق جايىدا بولغانكى، ئۇنىڭ ئىجادچىلىرىغا قايىل بولۇش ۋە ئاپىرىن ئوقۇش كېرەك. دېمەك، تۈركلەر ئۆزىنىڭ بۇ ئۇستىلىقى بىلەن يەنە فارس تىلى ئۇستىلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن.

    بۇندىن باشقا، سارتلار ئەرەب تىلىنىڭ سەرفى بويىچە ياسىلىدىغان ئىككى مەفئۇللۇق پېئىللار ئىپادىلىگەندەك مەنانى ئىپادىلەش ئىمكانىيەتىدىن مەھرۇم قالغان. تۈركلەر بولسا ئىنتايىن ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن شۇنىڭغا تەڭ پېئىل شەكلىنى ياسىيالايدۇ. ئەرەبچىدە "ئەئتەيتۇ زەيىدەن دىرھەمەن" (زەيدكە پۇل بەردىم)دېگگن جۈملە ئۈچ سۆزدىن تەركىب تاپقان. تۈركلەر ناھايىتى ئىخچام ۋە ئۈنۈملىك ئۇۇسۇلدا پېئىلغا بىر تاۋۇشنى قوشۇپ، ئۇنى "يۈگۈرت"، "قىلدۇرت"، "ياشۇرت"، "چىقارت" قا ئوخشاش شەكىلگگ كىرگۈزۈش ئارقىلىقلا بۇ مەنانى ئىپادىلىيەلەيدۇ.

    تۈركلەر يەنە بەزى سۆزلەرگە "چى" قوشۇمچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق "قۇرچى"، "سۇچى"، "خەزىنىچى"، "كېرەك ياراقچى"، "چۆكەنچى"، نەيزەچى"، "شۆكۈرچى"، "يۇرتچى"، "شەيلانچى"، "ئاختاچى" قاتارلىق مەنسەپ ناملىرىنى ۋە "قۇشچى"، "بارسىچى"، "قۇرۇقچى"، "تامغاچى"، "جىبەچى"، "يورغەچى"، "ھەلۋاچى"، "كېمەچى"، "قويچى" قاتارلىق ھۈنەر-كەسپ ناملىرىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. قۇشچىلىق ھۈنىرىدە يەنە "قازچى"، "قۇچى"، "تۇرناچى"، "كېيىكچى"، "توشقانچى" قاتارلىق سۆزلەرنى ياسىيالايدۇ، لېكىن سارتلاردا بۇ خىل ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى يوق. ئۇلار بۇ خىل مەنسەپ، ھۈنەر ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنى تۈركچە ئاتايدۇ.

   يەنە تۈركىي تىلدا بىر ئىشنى تەھقىقلەشتۈرۈپ ئەمەس، بەلكى گۇمان بىلەن بىر كىشىگە باغلايدىغان "بارغۇدېك"، "يارغۇدېك"، "كېلگۈدېك"، "بىلگۈدېك"، "ئايتقۇدېك"، "قايتقۇدېك"، "ئۇرغۇدېك"، "سورغۇدېك" شەكلىدىكى ئىنتايىن نازۇك بىر خىل ئىپادىلەش شەكلى باركى، بۇمۇ فارس تىلىدا يوق.
(بۇلارنىڭ مەنبەسى:http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=35&TopicID=1946 دىن توپلاندى)

nimjan 2011-03-26 14:58
يەنە تۈركىي تىلدا بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا بىر «چ» تاۋۇشى قوشۇلۇپ «يەتكەچ»، «ئېتكەچ»، «بارغاچ»، «يارغاچ»، «تاپقاچ»، «ساتقاچ» قاتارلىق شەكىللەر ھاسىل قىلىنىپ سۈرئەت تىپىدىكى بىر خخل مەنا ئىپادىلىنىدۇ. بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا بىر «ر» تاۋۇشى قوشۇلۇپ «بىلەكۆر»، «قىلاكۆر»، «كېتەكۆر»، «يېتەكۆر» قاتارلىق شەكىللەر ھاسىل قىلىنىپ مۇبالىغە ۋە تىرىشىش مەناسى ئىپادىلىنىدۇ①. يەنە رەڭ ۋە سۈپەتنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىنقى تاۋۇشىغا بىر «پ» ياكى «م» تاۋۇشى قوشۇلۇپ «ئاپئاق»، «قاپ-قارا»، «قىپ-قىزىل»، «ساپ-سارىغ»، يوپ-يومۇلاق»، «يەپ-يەسى»، «ئاپ-ئاچۇغ»، «چوپ-چوقۇر»، «كوم-كوك»، «يام-يېشىل»، «بومبوز» قاتارلىق شەكىللەر ھاسىل قىلىنىدۇ. يەنە بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا «ۋۇل» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ پادشاھلىقنىڭ ھەربىي ياكى بەزم ئىشلىرىغا باشلىق بولغانلارنىڭ خاس سۈپىتى ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: «ھىراۋۇل»، «سوزاۋۇل»، «پاتاۋۇل»، «كىتپاۋۇل»، «ياساۋۇل»، «بەكاۋۇل»، «شىغاۋۇل»، «داقاۋۇل» دېگەنگە ئوخشاش. لېكىن سارتلار بۇنىڭدىن مەھرۇم. تۈركىي تىلدا يەنە بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا بىر «ل» تاۋۇشى قوشۇلۇپ، شەيئىنىڭ مەلۇم سۈپەتتە تۇراقلىشىشىنى بىلدۈرىدىغان «قاھال»، «ياسال»، «قابال»، «تونقال»، «بۇ قال»، «توسقال»، «سۈيۈرغال» قاتارلىق سۆزلەر ياسىلىدۇ.
   شۇ قەدەر مول، نازۇك ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدىغان بۇ سۆز-ئىبارەلەر بىرەر كىشى تەرەپىدىن مۇلاھىزە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھالىتى كۆرسىتىپ بېرىلمىگەنلىكتىن، ھازىرغىچە يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى. بىلىمسىز ھەم بېلى بوش تۈرك يىگىتلىرى ئاسان، دەپ فارس تىلى بىلەن شېئىر يېزىشقا بېرىلىپ كەتتى. ۋەھالەنكى، ئەگەر ئۇلار ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەن بولسا، ئۆز تىلىدىكى شۇ قەدەر كەڭ ئىمكانىيەتنى تاپقان ۋە بۇ تىلدا ھەر خىل پىكىرنى ئىپادىلەش، خۇش سۆزلۈك، شائىرانىلىق ۋە داستانچىلىق سەنئەتلىرىنى  كۆرسىتىش تېخىمۇ ئاسان بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولاتتى ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ ئاسان ئىدى. يۇقىرىدا تۈركىي تىلنىڭ ئومۇمىيىتى شۇنچە دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرسىتىلدى. روشەنكى، بۇ خەلق ئىچىدىن چىققان تالانت ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيەت ۋە تالانتلىرىنى ئۆز تىلى تۇرغان يەردە باشقا تىل بىلەن نامايان قىلماسلىقى كېرەك ئىدى ۋە مۇنداق ئىشقا كىرىشمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئەگەر ھەر ئىككى تىلدا يېزىش قابىلىيىتى بولسا، ئۆز تىلىدا كۆپرەك يېزىپ باشقا تىلدا ئازراق يېزىش كېرەك ئىدى. بەك ئېشىپ كەتكەندىمۇ ئىككى تىل بىلەن ئوخشاش يېزىش كېرەك ئىدى. شۇ ئېھتىمالغا ھەرگىز يول قويغىلى بولمايدۇكى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ تالانت ئىگىلىرى پۈتۈنلەي فارس تىلى بىلەن شېئىر يازسۇن-دە، تۈركىي تىل بىلەن يازمىسۇن، بەلكى كۆپچىلىكى يازالمىسۇن، يازسىمۇ خۇددى سارتلار تۈركىي تىل بىلەن يازغان شېئىردەك خۇش سۆز تۈركلەر قېشىدا ئوقۇيالمىسۇن ۋە ئۆتكۈزەلمىسۇن، ئوقۇسىمۇ ھەر سۆزىدىن يۈز ئەيىب تېپىلىپ، ھەر جۈملىسى يۈز ئېترازغا ئۇچرىسۇن.
ــــــــــــــــــــــــ
① بۇ يەردە ئازراق ئېنىقسىزلىق بار.

arman7 2011-04-17 14:55
ئۆمەرھەييام ئەلشىر ناۋائى ،
بۇيۇك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى .
بەخىت قامۇس يۇسۇپ خاس ھاجىپ ،
سېنى تونار پۇتكۇل يەرشارى .

parol 2011-04-24 18:27
بەكمۇ قۇتلۇق ئىش بوپتۇ!!!!!!!!

xahruh 2011-05-05 09:33
ئۆزبەكلەر  كۆرسە ئۆلۈپ بېرىدىغان بولدى دە ......

3315 2011-05-05 10:43
ۋاھ ، بۇ تېمىنى ئوقۇپ ھەجەپمۇ ھوزۇرلاندىم ، ئەگەر ئەشۇنداق پائالىيەتنىڭ نەق مەيدانىدا بولغان بولسام ھە !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
10- ئايدىكى پائالىيەتنىڭ ئەڭ داغدۇغلۇق .پۈتۈن دۇنياغا تارالغۇدەك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

nimjan 2011-05-06 17:43
نەقىل
بۇ 35قەۋەتتىكىxahruh يوللىغان 2011-05-05 09:33 غا قارتىلغان  :
ئۆزبەكلەر  كۆرسە ئۆلۈپ بېرىدىغان بولدى دە ......

نېمىشقا ئەمدى ؟ ئۇيغۇر-ئۆزبېككىلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈركىي قەۋملەرگە ھەتتا دۇنياغا ئورتاق بايلىق ئەمەسمۇ نەۋائىي ؟

sarsan12 2011-05-19 19:33
قاچانمۇ شۇلاردەك خەلىققە مەنپەتىمىز يىتىدىغان كىشىلەردىن بولۇرمىز.............

tashadem 2011-05-25 01:55
ناۋايىنىڭ <<پەرھات شىرىن>> داستانى دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىكى مەشھۇر ئەسەرلەر قاتارىدا خەنزۇچە نەشىر قىلىنپتۇ ...... ئەمما دۆلەت تەۋەلىكى <<ئۆزبىك>> دەپ ئېلىنىپتۇ

بۇ مەنزىلدىن كۆرۈپ بىقىڭلار
  http://search.dangdang.com/search.php?key=%C5%C1%B6%FB%B9%FE%B5%C2%D3%EB%CE%F7%C1%D5&SearchFromTop=1&catalog=

yarkin0999 2011-05-28 17:38
مەن بەك خۇشال بۇلدۇم.....

yarkin0999 2011-05-28 17:45
ئەلشىر ناۋايىنىڭ <<خەمسە>>ناملىق داستانى1.پەرھات-شىرىن 2.لەيلى-مەجنۇن 3.ھەيرەتۇل-ئەبرار 4سەبئى-سەييار 5.سەددىي-ئىسكەندەر.

adiljannasir 2011-06-01 16:12
بىز مۇشۇنداق ئىسىل مىللەت جۇمۇ        مەرھۇم بوۋمىز ياشسۇن مەڭگۈ     ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادىلىنشغا ئىمانىم كامىل

kalbidax 2011-06-17 18:39
بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ،ئۇلۇغلىرىمىزنى ياد ئىتىپ تۇرايلى

nimjan 2011-07-08 17:07

يۇقىرىدا ئەيتىلغانلاردىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، تۈركىي تىلدا نازۇك مەنالىق سۆز ۋە ۋاسىتەلەر تولا كۆپ بولسامۇ، لېكىن بۇلارنى ئۆز لايىقىدا قوللانىپ جەزىبىلىك جۈملىلەرنى ھاسىل قىلىش قىيىن بىر ئىش ئىدى. ئەدەبىيات مەيدانىغە يېڭى قەدەم باسقانلار ئەنە شۇ قىيىنچىلىقتىن قاچىپ، ئاسانراق تەرەپكە يۈزلىنىپ كەتكەن ۋە بۇ ھال تەكرارلىنىش نەتىجەسىدە ئۇلارنىڭ ئادەتىگە ئايلانىپ قالغان. ئۇلار بۇنى ئادەت قىلىۋالغاندىن سوڭ ئۇلارنىڭ بۇ ئادەتىدىن كەچىپ مۈشكۈلرەك بولغان يەنە بىر ئىشنى ئادەت قىلىشى تېخىمۇ قىيىن بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىيات مەيدانىغا قەدەم قويغانلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ فارسچە شېئىر يازىش ئادەتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن باشقاچە يول تۇتۇشنى مۇناسىپ كۆرمەي، ئۇلارمۇ شۇ بويىچە ئىش كۆرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى ئۆگەنچىلەردە ھامان شۇنداق بىر ئادەت بولىدۇ. ئۇلار ئۆز تالانتىنىڭ دەسلەپكى نەتىجەسىنى ئۆزىگە مەھبۇب ھېسابلاپ، يەنى شۇ پەن ئەھلىنىڭ ئالدىدا جىلۋىلەندۈرۈشنى ئارزۇلار قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ پەن ئەھلى تۈركىي تىلدىن بەھرىمەن بولالمايدىغان فارسگۇيلاردۇر. شۇڭا يېڭى ئۆگەنچىلەرمۇ تۈركىي تىلنى قوللانماي، شۇ پەن ئەھلى قوللانىۋاتقان تىلنى قوللانىشقا مەجبۇر بولىدۇ-دە، پەيدىنپەي شۇ قاتارغا كىرىپ كېتىدۇ. بۇ بۈگۈنكى كۈندە بولۇۋاتقان ئەھۋال.
   ھەممە سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى شۇكى، تۈركىي تىلنىڭ فارس تىلىغا قارىغاندا شۇنچىلىك ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى شۇ قەدەر نازۇك ۋە ئەۋرىشىم تەرەپلىرى نەزم قائىدىلىرى ئاساسىدا نامايان بولماغان ئىدى. بەلكى مەخپىيەتخانىغا تاشلانىپ ئۇنتۇلۇشقا ياقىنلاشقان ئىدى.
ياشلىقىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاغزىم جەۋھەردانىدىن بەزى گەۋھەرلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ گەۋھەرلەر تېخى نەزم يىپىغا ئۆتكۈزۈلمىگەن ئىدى، پەقەتلا كۆڭلۈم دېڭىزىدىن نەزم يىپىغا يۈزلەنگەن گەۋھەرلەر تەبىئىتىم غەۋۋاسىنىڭ ئىجتىھادى بىلەن ئېغىز ساھىلىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. دەل شۇ چاغدا مەنمۇ يۇقىرىدا ئەيتىلغان ئەنئەنە بويىچە فارس تىلى بىلەن يېزىشقا يۈزلەنگەن ئىدىم. بىراق، ئەقىل ياشىغا قەدەم قويغانىمدىن كېيىن، ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا تەبىئىتىمگە بەخشەندە ئەتكەن غارايىبچانلىق، ئەستايىدىللىق ۋە مۈشكۈلاتچىلىق روھىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈركىي تىل ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى لازىم تاپتىم. مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگىنىمدىن كېيىن، كۆز ئالدىمدا ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىن ئارتۇق بىر ئالەم نامايان بولدى. مەن ئۇ يەردە توققۇز فەلەكتىن ئاشىب چۈشكەن بىر زىبۇزىننەت ئاسمىنىنى كۆردۈم، دۇرلىرى يۇلتۇزلاردىنمۇ جۇلالىقبىر يۈكسەكلىك ۋە بۈيۈكلۈك خەزىنىسىنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ يۇلتۇزلاردىنمۇ گۈزەل گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن گۈلشەنىگە يولۇقتۇم. ئۇنىڭ ھەرىمى ئەتراپىغا ئادەم ئايىغى يەتمىگەن، غارايىباتلىرىغا ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەن ئىدى. ئەمما خەزىنىسىنىڭ ئىلانلىرى دەھشەتلىك، گۈلشەنىنىڭ تىكەنلىرى سانسىز ئىدى. مەن «سەنئەت ئەھلىنىڭ دانالىرى مۇشۇ ئىلانلارنىڭ ئۆتكۈر نەشتەرىدىن قورقۇپ، بۇ خەزىنىلەردىن بەھرىمەن بولالماي ئۆتۈپتۇ، نەزم قوشۇنىنىڭ گۈلدەستىچىلىرى مۇشۇ تىكەنلەردىن ئېھتىيات قىلىپ، بەزمىگە لايىق گۈل ئۈزەلمەي كېتىپتۇ» دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ يۈكسەك ئىرادەم، قورقۇش ۋە بىپەرۋالىقتىن خالىي تەبىئىتىم بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىشىمگە يول قويمىدى، مەن بۇ يەرنى تاماشا قىلىپ تويمىدىم، ئىستېداتىم لەشكەر تارتىپ بۇ ئالەم مەيدانىدا ئات ئويناتتى، خىيالىم قۇش بولۇپ بۇ ئالەم ئاسمىنىدا ئېگىز پەرۋاز قىلدى، دىلىم سەرراپ بولۇپ بۇ جەۋھەرلەر خەزىنىسىدىن ھېسابسىز قىممەتلىك ياقۇت ۋە دۇرلارنى ئالدى، كۆڭلۈم گۈل تەرگۈچى بولۇپ بۇ گۈلشەن رەيھانزارىدىن چەكسىز خۇشھىد چېچەكلەرنى يىغدى. بۇ ئۇتۇق ۋە بايلىقلارغا، بۇ پايدا ۋە غەنىيمەتلەرگە ئىگە بولغانىمدىن سوڭ ئۇنىڭ نەتىجە گۈللىرى دەۋر ئەھلى ئۈچۈن بىمالال ئاچىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ باشلارىغا ئىختىيارسىز ساچىلىشقا باشلادى.
شۇ جۈملەدىن بىرى «غەرايىبۇس سىغەر» (بالىلىق غارايىبلىرى) دىۋانىدۇر. كىچىك ياشىمدا تۈزۈلگەن بۇ دىۋاندا غارايىب مەنالارغا غارايىب تىل لىباسىنى كىيدۈرۈپ، خەلق كۆڭلىنى غارايىبىستان ئەھلىنىڭ ئوتى بىلەن كۆيدۈردۈم.
يەنە بىرى «نەۋادىرۇش شەباب» (يىگىتلىك نادىرلىقلىرى) دىۋانىدۇر. يىگىتلىكىمنىڭ دەسلىپىدە تەسۋىرى قەلىمىم بىلەن نامايىش دىۋانى ۋە زىننەت بوستانىغا كىرگەن بۇ دىۋاندا نادىرلار تاماشاسى بىلەن يىگىتلىك مەملىكىتىگە غەۋغا سالىپ، يىگىتلەر كۆڭلىدىكى تىمتاسلىقنى بۇزدۇم.
(داۋامى)

arginakun 2011-07-15 02:46
ھەنىمە بولسا ساقىلى باركەن دەپ ئالدىنى توسوۋالماپتۇ

arginakun 2011-07-15 02:47
ناۋائى ھە نىمە بولسىمۇ ئىسلام دىنىغا سادىق بوپتىكەن،بولمىسا
بۇ ئادەمنىمۇ ھازىر ئەلكۈيىدە تىللاپ قەبرىسىدىن سۆرەپ چىقىپ ساززايى قىلغان بولاتتوق.

nimjan 2011-07-22 12:32
بۇلاردىن باشقا رىسالە ۋە مەكتۇبلارنى يازدىم. مۇنداق يازمىلارنى فارسىي سېھرسازلار (كونا فارس تىلى) ۋە پەھلەۋىي ئەفسانەپەردازلار (يېڭى فارس تىلىنىڭ  ماھىرلىرىمۇ ) كۆپلەپ يازغان. ئەگەر دانا ھەكەم (سوتچى) ئادالەت كۆزى بىلەن نەزەر سالىپ، بۇرۇنقى فارسىي ۋە كېيىنكى تۈركىي يازمىلاردىكى گۈزەل سۆز-ئىبارە ۋە نازۇك مەنالاردىن بەھرىمەن بولسا، ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارىپ، ھەرقايسىسىنىڭ مەرتەبەسىنى بەلگىلىگەن چاغدا، شۇنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئويلايمەنكى، سۆزلەرىمنىڭ مەرتەبەسى ئەۋجىدىن تۆۋەن چۈشمەيدۇ، ئەسەرلىرىمنىڭ يۇلتۇزى ئەلا دەرىجەدىن ئۆزگە يەرنى خاھلىمايدۇ.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ مۇخالىپەتچىلىرىم ۋە دەۋاگەرلىرىم «نەۋائىينىڭ تەبىئىتى تۈركىي  تىلغا باب كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى كۆپتۈرۈۋاتىدۇ. فارسچە بىلەن ئالاقىسى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى چەتكە قاقىپ ئىنكار قىلىۋاتىدۇ» دەپ قالمىسۇنلەركى، فارسچەنى ئەترافلىق ئىگىلەش ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش يولىدا ھېچكىم مەندىن ئارتۇق ئىش قىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق - كەمچىلىك تەرەپلىرىنى ھېچكىم مېنىڭدىن ياخشىراق بىلگەن ئەمەس. ئون بەش ياشتىن قىرىق ياشقىچە بولغان ۋاقتىم بولۇپ، بۇ ئۆمرۈم گۈلشەنىنىڭ نەۋباھار مەزگىلى، ھاياتىم باغى مايسازارىنىڭ جۇشقۇن چاغى ئىدى. بۇ دەۋردە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بۇلبۇلى ھەربىر گۈل جەمالىغە ئاشق، ئىنسان روھىنىڭ پەرۋانەسى ھەربىر چىراغ ھۆسنىغە مەپتۇن بولىدۇ. بۇ مەزگىللەردە يا بىر گۈزەلنىڭ ھۆسن-نازىنى ياكى ئۆزىنىڭ ئىشق-ئىلتىجاسىنى ئىزاھلاشقا سەۋەب بولىدىغان ئاجايىپ ۋاقەلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇ ھال ھامان غەزەلگە باغلانىپ كىشى يا ئۇنى يېزىش كويىدا بولىدۇ، يا ئۇنى ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئوقۇشقا يارايدىغان فارسچە دىۋانلاردىن مېنىڭ تەكرار مۇھاكىمە قىلىشىمدىن ئۆتمىگەنى ئاز بولسا كېرەك.

gullaelim 2011-08-01 00:04
مەرھۇمنىڭ روھىمىۇ قايتا ئەمىن تىپىپتۇ ، مۇشۇنداق زور شۆھرەتكە ئىلىشىشكە تىگىشلىك ، ئۇنىڭ شىئىرلىرى ماڭا بەك يارايدۇ  .

alqinay123 2011-08-06 01:30
كاتتا يىغىلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز.

رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بېيجىڭدا ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى --] [-- top --]

Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.055068 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us