رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- چاغان رىۋايىتى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> چۆچەك-رىۋايەتلەر -> چاغان رىۋايىتى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

imtihan399 2011-02-26 21:41

     چاغان رىۋايىتى 
     مەدداھلار مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ناھايىتىمۇ ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىنتايىن گۈزەل دىڭياڭ تېغى باغرىدا چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر كەنت بولغانىكەن، كەنت بېشىدىكى تۆپىلىكتە بىر تاش ئۆي بۇلۇپ، ئۇ يەردە ۋەننەن (تۈمەن يىل ) ئىسىملىك بىر ياش تۇرىدىكەن. ئائىلىسىنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ئۇ دائىم تاغقا چىقىپ ئۇتۇن كېسىپ، دورا كولاپ تۇرىدىكەن. ئۇ مەزگىلدە پەسىللەر ۋە مەۋسۇملار قالايمىغان بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ يەر تېرىمىقى بەسى مۈشكۈل ئىكەن، ۋەننەن كۆكسى قارنى  ئىلىم بىلەن تولغان يىگىت بولغاچ، پەسىللەرنى رەتكە سېلىپ ۋە نام بېرىپ چىقىش نىيىتى كۈچلۈك ئىكەن ، ئەمما ئىشنى قانداق باشلاشنى بىلەلمەي قاپتۇ.
        بىر كۈنى ۋەننەن تاغقا ئۇتۇن كەسكىلى چىقىپ دەرەخ سايىسىدا ئارام ئېلىپ يېتىپتۇ، بىر چاغدا دەرەخ سايىسىىنىڭ يۆتكىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ قاپتۇ-دە، بىردىنلا ئىلھامى قوزغىلىپ قۇياش سائىتى ياساپتۇ،  ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بۇ بىر كۈننىڭ ئۇزۇن -قىسقىلىقىنى ئۆلچەپتۇ، بىراق ھاۋانى بۇلۇت قاپلىغان ۋە يامغۇر ياغقان كۈنلىرى قۇياش كۈرۈنمەي، ئۇنىڭ ئۆلچەش ئىشىغا دەخلى يېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر ۋاقىت ھىساپلىغۇچنى ئىجاد قىلىپ، قۇياش سائىتىنىڭ كەمچىلىكىنى تۇلۇقلاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ تاغقا دورا ئۈسۈملىكى قازغىلى چىققاندا، بۇلاق بويىغا كېلىپ سۇ ئىچكىلى ئولتۇرۇپتۇ، بۇ چاغدا قۇرام تاش ئۈستىدە رىتىم بىلەن چۈشۈۋاتقان سۇ تامچىسىنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پاراسەت ئىشىكى ئېچىلىپ، تەپەككۈر قاينىمىغا شۇڭغۇپتۇ، ئۆيىگە قايتىپ ھەر خىل شەكىللەرنى سىزىپتۇ، ئۇنىڭغا ئاساسەن ياسىغان نەرسىلەرنى سىناپ بېقىپتۇ،  ئاخىر بەش قەۋەت تامچە سائىتىنى ياساپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قۇياشنىڭ سايىسىغا بېقىپ، ئارقىدىنلا تامچىلاۋاتقان سۇغا قارايدىغان بوپتۇ ، ئەنە شۇنداق كۈنلەرنى قېتىرقىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەر پەسىلنىڭ 360 كۈندە كېلىدىغانلىقىنى ، كۈنلەرنىڭ ئۇزۇن -قىسقىلىقىمۇ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ، ئەڭ قىسقا كۈننىڭ قىش پەسلىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ.
       ئۇ چاغدىكى تەڭرىقۇتنىڭ ئىسمى زۇيى ئىكەن، ئۇمۇ پەسىللەرنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بەكلا بىئارام بولۇپ يۈرىدىكەن، بىر كۈنى ئەمەلدار-تۆرىلىرىنى ئوردىغا يىغىپ پەسىللەرنى رەتكە تۇرغۇزۇش ئىشىنى كېڭەشكە تاشلاپتۇ، پەسىل ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارنىڭ نام-شەرىپى ئاخېڭ ئىكەن، بىراق ئۇ قۇياش بىلەن ئاينىڭ قانداق ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدىكەن، شۇنداق بولسىمۇ بىلىمسىزلىكىنى تەن ئالماي گۇناھنى ئاۋامغا ئارتىپ : << ئۇلار ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنىڭ دىلىنى رەنجىتكەن، پەقەت سەمىمى نىيەتتە تىزلىنىپ نەزىر بەرسەك، ئەۋلىيالارنىڭ شاپائىتىگە نائىل بولالىشىمىز مۇمكىن >> دەپتۇ.  زۇيى دەرھال تائەت-ئىبادەت سەيناسى راسلاپ، ئەمەلدارلارنى تەڭرىلەردىن گۇناھىنى تىلەشكە بۇيرۇپتۇ، ھەتتا پۈتۈن ئەلگە پەرمان چۈشۈرۈپ، مەملىكەت مىقياسىدا نەزىر-نۇزرەت ۋە تائەت- ئىبادەت سەيناسى راسلاشنى تەكىتلەپتۇ. ئەمما شۇنچە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، پەسىل ۋە مەۋسۇملار زادىلا تەرتىپكە چۈشمەپتۇ. ھەر قايسى جايلاردىكى پۇقرالار نەزىر سۇپىسى راسلاش كويىدا ھاشاغا ھەيدىلىپ ھالىدىن كېتىپتۇ، بىراق قىلغان ئەجىرلەرنىڭ نەتىجىسى بولماپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەلنىڭ غېمى ھەسسىلەپ كۈچىيىپتۇ. ۋەننەن ئاخىر چىداپ تۇرالماي، قۇياش سائىتى بىلەن سۇ سائىتىنى ئېلىپ تەڭرىقۇتنىڭ ھۇزۇرىغا كەپتۇ.
       ۋەننەن تەڭرىقۇت بىلەن دىدارلاشقاندىن كېيىن، قىشلىق كۈن-تۈن توختاش نۇقتىسى ھەققىدە توختىلىپتۇ، كۈن ۋە ئاينىڭ ئايلىنىش دەۋرىيلىكىنى بايان قىپتۇ، تەڭرىقۇت ئۇنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تاڭ قاپتۇ، كۆڭلىدە بولسا چەكسىز ھاياجانغا چۆمۈپتۇ.  شۇ جايدىلا يارلىق چۈشۈرۈپ، تەڭرى راۋىقى ئالدىغا قۇياش ۋە ئاي قەسىرى بىنا قىلىش، قۇياش سائىتى سۇپىسى سېلىش ، سۇ سائىتى مەخسۇس سورۇنى ھازىرلاشنى تەلەپ قىپتۇ، يەنە بالاغەتكە يەتمىگەن 12 غۇلامنى ۋەننەننىڭ خىزمىتىگە سېلىپ بېرىپتۇ. ۋەننەن ئالتە غۇلامنى قۇياش سائىتى قورۇقچىلىقىغا، قالغان ئالتە غۇلامنى سۇ سائىتىنىڭ قورۇقچىلىقىغا قويۇپتۇ، ئۇلاردىن كۆڭۈل قويۇپ خاتىرە قالدۇرۇش، ۋاقتى-ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىپتۇ. بىر كۈنى تەڭرىقۇت ئاخېڭنى قۇياش-ئاي سارىيىغا ئەھۋال ئىگەللەشكە بۇيرۇپتۇ، ۋەننەن ئۇنىڭغا تۈزۈۋاتقان كالىندار لايىھەسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپتۇ:
___قۇياشنىڭ ئاسمان سەتھىدە پەيدا بۇلۇش ۋە تاغ كەينىگە مۆكۈش قېتىم سانى 360 قا يەتكەندە، جانىۋارلار قايتا جانلىنىدۇ، دەل-دەرەخ ، گىياھلار تۆت پەسىلگە رايىشلىنىدۇ، ئادەم ھەر يېشىدا ئاينى 12 رەت كۆرىدۇ.
    بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئاخېڭدا ئۇنىڭ بايانلىرىغا چىن پۈتۈش تۇيغۇسى پەيدا بوپتۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئارامى بۇزۇلۇپتۇ، چۈنكى كۆڭلىدە " << ناۋادا ۋەننەن مەۋسۇملار ئايرىمىسىنى بېكىتىپ، كالىندارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرسە، ئۇنىڭ ئەجرىدىن شادلانغان تەڭرىقۇت چۇقۇم ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ >> دېگەن غۇملار كەپتۇ. ئاخېڭ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىر ۋەننەننى كۆزدىن يوقىتىش نىيىتىگە كەپتۇ. ئاخېڭ شۇ كۈنىلا تىڭ- تىڭلاپ يۈرۈپ، بىر داڭدار قاتىلنىڭ دېرىكىنى ئاپتۇ.
     قاتىل ئاخېڭغا ۋەننەننى شۇ كېچىسىلا يىغىشتۇرۇۋېتىشكە ۋەدە قىپتۇ، كۈن پېتىپ 2-تاك تاك ئۇرۇلغاندا قاتىل ئاخېڭنىڭ ھۇزۇرىدىن ئايرىلىپ، قۇياش ۋە ئاي قەسىرىگە يول ئاپتۇ. ئەمما ساما سۇپىسى ۋە قۇياش- ئاي قەسىرىنىڭ ئۆپچۆرىسىدە زەپەردەست لەشكەرلەر قورۇقچىلىقتا تۇرغان بولغاچقا، قاتىل تېخىمۇ يېقىن بېرىشقا ئىمكانىيەت تاپالماي، كېرىچنى كېرىپ جان ئالغۇر ئوقنى قۇياش - ئاي قەسىرىدە يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىۋاتقان ۋەننەنگە قارىتىپ قويۇپ بېرىپتۇ. ئەمما ئوق ۋەننەننىڭ بىلىكىگە تېگىپتۇ.   ۋەننەن ۋايجانلىغىنىچە يەرگە گۈپپىدە يىقىلىپتۇ، غۇلاملار ۋارقىرىشىپ كېتىپتۇ.  قورۇقچى لەشكەرلەر بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتىلنى تۇتۇپتۇ ۋە سۆرىگىنىچە تەڭرىقۇتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. تەڭرىقۇت قاتىلنىڭ ئىقرارىدىن ئەھۋالنى چۈشىنىپ، دەرھال ئاخېڭنى زىندانغا ساپتۇ، ئاندىن قۇياش-ئاي قەسىرىگە بېرىپ ۋەننەننى يوقلاپتۇ. ۋەننەن تەڭرىقۇتنىڭ شاپائىتىدىن ھاياجانلانغان ھالدا ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپتۇ:
___  ئاسمان جىسىملىرى قوغلىشىپ ئاق يۇلتۇز پەيدا بولغاندا، ئالەم ئەسلىگە يانىدۇ؛ كونا يىل تۈگەپ ئادەملەر بىر ياش قېرىيدۇ، شۇنداقلا بۇ باھارنىڭ باشلىنىشى بولغاي؛ تەڭرىقۇتتىن تىلىكىم شۇكى، بۇ كۈنگە بىر بايرام بېكىتكەيلا...
___   باھار يىللارنىڭ باش بۇرنى بولغاي، باھار مەۋسۇمىنىڭ تۈنجى قەدىمى باشلانغاي، شۇڭا بۇ كۈننىڭ نامى  "باھار بايرىمى "  بولسۇن، - دەپتۇ تەڭرىقۇت،- ساداقەتمەن ئەمرىم، ئۆزلىرى كۈن بويى بۇ يەردىن چىقماي، ۋۇجۇد-ۋۇجۇدلىرىدىن چارچىدىلا، ئاي تۇلۇشنى بىرلىك قىلىپ، قۇياشنىڭ چىقىشىنى ئاساس ئەيلەپ قەمەرىيە كالىندارىنى ۋۇجۇدقا چىقاردىلا، ھەقىقەتەن تارىختا ناملىرى ئۆچمىگىدەك تۆھپە ياراتتىلا ؛ ھالا بۈگۈنكى كەلگەندە، چارچاپ ماغدۇرلىرىدىن قۇراي دەپتىلا، مەن بىلەن يۈرسىلە، ئوردا-ھەرەمدە پېقىر بىلەن ھەمسۆھبەت بۇلۇپ ئاداققى ئۆمۈرلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگەيلا !
___ گەرچە قەمەرىيە كالېندارى تۈزۈلۈپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تامامەن مۇكەممەل دىيىشتىن يىراق، دەپتۇ ۋەننەن،- چۈنكى ئەڭ ئاخىرىدا بىر تامچە ۋاقىت ئېشىپ قالدى. ئەگەر يىللارنىڭ بۇ قالدۇق ۋاقتى كالېندارغا يۇغۇرۇلمىسا، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كالېنداردىن يەنە چاتاق چىقماي قالمايدۇ. كەمىنىلىرىنىڭ ئاداققى تىلىكى شۇكى، ئالىيلىرىنىڭ دېڭىزدىن چوڭقۇر شاپائىتىگە جاۋاب ئەيلەپ، كالېندارنى تېىخىمۇ مۇكەممەللىك ماقامىغا يەتكۈزۈش. پېقىرلىرىغا ئىجازەت بەرگەيلا، قۇياش ۋە ئاي قەسىرىدە ئىنچىكە ھىسابات بىلەن بەنت بۇلۇپ، كالېندارنى مۇكەممەللەشتۈرەي!
     شۇنداق قىلىپ، ۋەننەن قۇياش ۋە ئاي قەسىرىدە كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تېخى پىشمىغان كالېندار  ھېساباتىنى كۆڭۈل قويۇپ، قىلىشقا باشلاپتۇ، يىللارنىڭ ئاخىرىدائېشىپ قالغان تامچە ۋاقىتنى كالىندارنىڭ ھىساباتىغا سىڭدۈرۈپتۇ. شۇ يىلى 5-ئايدا تەڭرىقۇت زۇيى ۋەننەننى يوقلاپ كەپتۇ، ۋەننەن مۇكەممەللەشكەن قەمەرىيە كالېندارىنى تەڭرىقۇتقا تەقدىم قىپتۇ. بۇ چاغدا تەڭرىقۇت كېچە-كۈندۈز ئەجىر بىلەن ئۆتكەن ۋەننەننىڭ قاش-كىرپىكلىرى، ساقال-بۇرۇتلىرىنىڭ ئۇچتەك ئاقىرىپ كەتكىنىگە دىققەت قىلىپ  قاپتۇ ۋە شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا پەرمان چۈشۈرۈپ، قۇياش كالېندارىغا "ۋەننىيەن كالېندارى"  دەپ نام بېرىپتۇ، يەنە ۋەننەنگە قۇياش ۋە ئاي ئوتۇغاتى- ئۆمۈر يۇلتۇزى ئىنئام قىپتۇ. شۇڭا كىشىلەر ھازىر چاغاندا "ئۆمۈر يۇلتۇزى" نى ئالاھىدە ھۆرمەتتە تۆرگە ئاسىدۇ. 
    (شىنخۇا ئاگېنتىلىقى)
  ئەكبەر غوپۇر تەرجىمىسى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى. 2011-2-1-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.
مۇنبەرگە يوللىغۇچى: بارماقلىرىم.

javir 2011-02-26 23:27
نۇرۇز ھەققىدە رىۋايەتنى يازغان بولسڭىز تېخىىمۇ ياخشى بۇلاتتى .....

biqarabiz 2011-02-27 11:19
خىلى مۇھەببىتىڭ باركەندە

gvzal3.8 2011-02-27 12:50
   ھە بوپتۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىمۇ چۈشۈنۈپ قويغۇلۇق. ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئىمتىھان.

tohuyurak 2011-02-27 13:03
دەنشىگە بىر چىقاي دەپسەندە بالاڭزا.

tunji 2011-02-27 13:11
tohuyurak,biqarabiz  سىلەر نەزىرىمدىن چۈشتۇڭلار.

tohuyurak  ئىسمىڭىزدىن تارتىپ يازغان گەپلىرىڭىزگىچە ئەستايىدىل ئەمەس.
بىز مىللەتنىڭ بايرىمىنى چۈشۈنۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق. ھىچ بولمىغاندا بەزى ئاستىرونومىيە ۋە تارىخقا گۇۋاھ بولالايدۇ.

barqukkizi 2011-02-27 13:44
چاغان دەپ ئاڭلايتۇق قانداق بارلىققا كەلگىنى ئەمدى بىلدۇق ،خۇددى بىزنىڭ قۇربان ھېيتىمىزدەك  چۇڭقۇر مەزمۇنلۇق ھىكايىسى باركەندە  

delyar 2011-02-27 19:57
خىلى مۇھابىتىڭ باركەندە دەپ  
گەپ ما  بۇ  

delyar 2011-02-27 20:28
مىنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم   بۇلارنىڭ چاغىنى بىر يىلى  1-ئايدا  يەنە بىر يىلى 2-ئايدا كىلىدىغۇ  ؟ قانداق گەپ بۇ

bahitlik 2011-02-28 01:33
مەنمۇ شۇنى دەيمەن ...ئوننەچچە كۈن ئىلگىرى كېيىن كېلىدىكەن.....
كالېندار خاتا مۇ ياكى..........؟

maxal20 2011-03-01 13:41
دېھقانلار كالىندارى بويىچە ھېسابلايدىغان بولغاچقا شۇنداققۇ دەيمەن...

albax 2011-03-02 15:51
بۇلارنىڭ چاغىنى ئىككى قېتىم 10 كۈن كەينىگە يېنىپ ، 3- يىلى 20 كۈن ئالدىغا ماڭىدۇ . خۇددى ئوينايدىغان "ياڭگېر " ئۇسۇلىغا ئوخشاش . ئىشقىلىپ 2- ئايدىن چىقىپ كەتمەيدۇ . بۇ خىل  كەينىگە يېنىپ تۇرۇپ ئالغا سەكرەش ئەنئەنىسى باردەكلا . سىياسىيسىمۇ شۇنداقراق .

xaxballabiz 2011-04-21 00:57
چاغان دەپ ئاڭلايتۇق قانداق بارلىققا كەلگىنى ئەمدى بىلدۇق ..

娜紫拉 2011-07-25 17:18
ياخشى يىزىلىپتۇ!

yurtoghli 2011-09-21 19:03
چامىغان رىۋايىتى يوخما؟ قاچانلا قارسا ئادەم چاغان بۇ خەق.....

hacker253 2011-10-20 18:45
بەك پەيزىكەن ھە


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- چاغان رىۋايىتى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.038506 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us