خەتتات بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم
بۇ ئوماققىنە بىر پاراڭ. گەپنى خېلى كىچىك بىر چاغلىرىمدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ چوقۇم. ئۇ چاغلىرىمدا بەلكىم باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىق سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقاندۇرمەن، ئىشقىلىپ كىچىكتىم خېلى. ھەدەمنىڭ ئۆگۈنۈش قىلىدىغان مەخسۇس بىر ئۈستىلى بولىدىغان، مەنغۇ ئۆتكەن بىر ئاكتىپتىم تاپشۇرۇق ئىشلەشتە، مۇئەللىم بېرىپ بولغۇچە سىنىپتىلا ئىشلەپ بولۇپ كۆزۈمنى پارقىرىتىپ ئولتۇراتتىم، ئۆيگە كەلسەم قىلىدىغانغا ئىش يوق، ھەدەمنىڭ ئۈستىلىگە بەك «يامىشىپ» تۇرۇشقا ئامراق ئىدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈستەلنىڭ ئالدىدىكى تامغا ھەدەم بىر چىرايلىققىنە يېزىلغان ھۆسىنخەتنى ئېلىپ كېلىپ چاپلىدى، ‹ۋاۋۋۋ، نېمدا چىرايلىق!› دەۋەتكەنتىم قىزىقىش ئارىلاش ھاڭۋاققان پېتى. قەغەز قىزىل رەڭلىك (ھېلىقى شوخلۇق قىلىپ كالپۇكىمىزغا لەۋسۇرۇق سۈردۇق دەپ چاپلاپ ئوينايدىغان قەغەزچۇ)، خەتنى قارا رەڭدە تۈز خەت نۇسخىسى بويىچە يېزىپتىكەن(بۇنى كېيىن بىلىۋالغان)، ئۇ شېئىرنىڭ مەزمۇنى ھېلىمۇ شۇنداق ئېسىمدە مېنىڭ:
ھايات بېغى ئىنساننى چىللار، ئىلىم بىلەن يورۇيدۇ دىللار. پۇشايماندا قالىدۇ كىشى، ئۆتۈپ كەتسە بىھۇدە يىللار.
بۇنى ھەدەمدىن ئىككى يىللىق تۆۋەن ئوقۇيدىغان بىر ئاكاش يېزىپ بېرىپتىكەن ئەنۋەرجان ئىسىملىك. چىرايلىق ھەم ئۆزۈمگە ياققان شېئىرلار بولسا ھەققىم باردەك يادلىۋالاتتىم، مۇنۇ شېئىرنىمۇ شۇ چاغدا قىززىق تۇيۇلۇپ يادلىۋاپتىكەنمەن، كۈندىغۇ كۆرۈپ تۇراتتىم بولمىسا. قىززىقمىغان نەرسىگىغۇ ئادەمنى قانداقلا قىلسا ئەستە بەك تەستە تۇرىدىكەن، ئاۋۇ ھېسابتىكى كەررىنى شۇنداق تەستە يادلاپتىكەنمەن ئاپامنىڭ دېيىشىچە. قەلەم قۇتىلىرىم، نۇرغۇن دەپتەرلىرىم ھەتتا ياتىدىغان ئۆيۈمنىڭ تاملىرىغىچە چاپلاپ قويۇلغان ئىدى ئۇ ئۆلگۈر كەررە، تاسلا قاپتىكەن ئاپام شۇ چاغدا كەررىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كىيىم تىكىپ بەرگىلى ماڭا جىلە بولۇپ. دادام ئوماق ئىدى، مېنى تىزىغا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يادلىتىدىغان ھېسىيات بىلەن. بىر شېئىر بەك ئېسىمدە، ھاززىرمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ ‹ دادام يادلىتىپ قويغان شېئىر › دەپ مۇنداقلا ئىچىمدە ئوقۇپ قويىمەن:
ئەرلەرنى باسقاندا ساقال-بۇرۇتلار، ئاياللارنى ھەم باسىدۇ بۈدۈر-قورۇقلار. پورلاشماي تۇرۇپلا ياپياش دەرەخلەر، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەيدۇ قۇرتلار.
بۇ شېئىرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيتتىم ھەقاچان ئۇ چاغلاردا، بىراق ھېلىقى ‹ساقال-بۇرۇتلار، بۈدۈر-قورۇقلار› دېگەن گەپلەر قىززىق تۇيۇلدىمىكىن، جىق جودا قىلمايلا يادلاپ بېرىپتىكەنمەن دادامغا. ئاپاممۇ بەك كەسكىن، تەلەپچان ئايال ئىدى. ئوتتىرا مەكتەپ بۆلۈمى شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىلىرى بولۇپ قالسا تېخى باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان مەن «مىيتى» نى قاتناشتۇرۇپ قوياتتى دەپلا بىرەسىگە. يوغان-يوغان بالىلار كۆزۈمگە غەلىتە كۆرۈنۈپ يادلىغان نەرسەمنى تاسلا قالاتتىم پۈتۈن ئۇنتۇپ قالغىلى. بىر قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارنى ئەسلىيەلىدىم ھاززىرمۇ. ئاپام ماڭا تاللاپ بەرگەن شېئىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات كىتابتىكى بىر شېئىر ئىدى ئىككى كۇبلىتلىق، (توۋۋا دەپ قالىمەن ھاززىرمۇ ئۇنتۇپ قالمىغىنىمغا شۇنى):
مەكتىپىمىز گۈزەل باغ، بىز شۇ باغنىڭ مىۋىسى. ئۇلۇغ ئانا ۋەتەننىڭ، كېلەچىكى، ئىگىسى.
قېنى دوستلار يۈرۈڭلار، شۇ گۈزەل باغ مەكتەپكە. ئىلىم-بىلىم كانىدا، دىللار تولسۇن ھېكمەتكە.
بۇنى تازا يادلىدىم، ئەتە مۇسابىقە دېگەن كۈنى دادام-ئاپام ئىككىسى ئولتۇرىۋېلىپ ماڭا «ھەركەت» ئىشلەپ بەردى، ‹ ما يېرىگە كەلگەندە قولىڭىزنى كۆتۈرىسىز، ما يېرىگە كەلگەندە ئۇنداق قىلىسىز، مۇنداق قىلىسىز›…دېگەندەك. ۋاي ئۇ كۈنى مەيدانغا كىرىپلا ھوشۇمدىن كەتكىلى قىل قاپتىمەن، تاسلا قالدىم يىغلاپ سالغىلى، ‹ۋۇي نېمانداق چوڭ باللا بۇ، ئاپام ئادەمنى ماشناق قىينايدىكەن، خەپ... ›، چوڭ ئادەملەردەك ئۇف تارتىپمۇ قويدۇم …تېخى 3-بولۇپ ئوقۇيدىغىنىم مېنىڭ، كەينىدىرەك قىلىپ قويسا بولمامدىكىن، مەن ئۇششاق بالا تۇرسام؟! ماڭا كەلدى نۆۋەت، ئالدىغا چىقىپلا ئاپام ئۆگەتكەن ئۇسۇلدا شۇنداق ئۆلچەملىك سالام قىپتىكەنمەنكى، يېشىم ھەم بويۇمغا ئانچە ماس كەلمىدىمۇ ئەيتاۋۇر، پاراققىدە كۈلگەن ئاۋاز قۇلىقىمغا ئاڭلاندى، مانا ھودۇقۇش! بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۇنداق مەسخىرە قىلغان چىراي ئەمەس بىر خىل قىزىقىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ باھالىغۇچىلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاپامنى دائىم ئىزدەپ كېلىدىغان (دەرس تەييارلاشتىن مەسلىھەت سوراپ) چىرايلىق مۇئەللىم ئاچاشنىمۇ كۆرۈپ ئۈلگۈردۈم. ئىشقىلىپ شېئىرىمنى ئاپام ئۆگەتكەن بويىچە تۈگەتتىم يادلاپ، ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر قۇرنى ئوقۇغاندا ئىككى قولۇمنى تەڭ كۆتۈرۈپ، ئاۋازىمنى ئۈنلۈك قىلىپ تۈگەتكەندە(چوقۇم بەك كۈلكىلىك) يەنە كۈلكە ئارىلاش چاۋاك بىلەن مېنى ئۇزىتىپ قويغانتى بۇلار، ئويۇن بولۇپ بېرىپتىكەن شۇ چاغدا ھەممىگە. ئىككىنچى قىلىپ قويغانتى مېنى، خۇش بوپ مەن دېگەن، لېكىن ئىككىنچى قاتناشمايمەن دەپ ۋەدە بەردىم ئۆزۈمگە. توۋۋا دەيمەندە، شۇ يادلاش بويىچە شېئىر يادلاپ ماڭغان بولسام شائىر بولالمىساممۇ ئاز-تولا جىجىيدىغان ئادەم بولاتتىممىكىن، ھاززىرقى بۇ ھالىمدا شېئىر يېزىش تۈگۈل بەزى شېئىرلارنى ئوقۇپمۇ چۈشۈنەلمەيمەن. «ئىز» رومانىنى تارقىتىشقا ئائىتراق بىر پائالىيەتتە شۇ ناملىق شېئىرنى كىم يادلىيالايدۇ، دەپرەك بىر سۇئال سورىلىپتىكەن ھېچكىم يادلاپ بېرەلمەپتىمىشلەر… دېگەن گەپ دادامنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قاپتىكەن، ماڭا شۇنى يادلاتقان، ئۆتكۈر بوۋامنىڭ بىر كىچىك قىزچاق ئاداش گۈل سۇنغان ھالەتتىكى رەسىمى چاپلاقلىق ئىدى ئۆيدە، ئاستىدا شۇ شېئىر،‹ گۈل تۇتقان قىز مەن› دەپ ئولتۇرۇپ يادلىغانتىم زوق-شوق بىلەن. ئارمىنىم قالدىكى، ئۆتكۈر بوۋام ھايات چېغىدا قولىغا بىر دەستە گۈل سۇنۇپ بېرەلمەپتىكەنمەن… دادامغا مەرھۇم روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس» دېگەن شېئىرىنى يادلاپ بولۇشقا ۋەدە قىلغانىدىم تولۇق ئوتتىرىدا، تا ھاززىرغىچە ئۇنى-بۇنى باھانە قىلىپ يادلاپ بولالمىدىم. يۈز كېلەلمەيمەن، يا يادلىمىدىم…
ئەسلى گەپكە كەلسەم، ھە شۇ ھەدەم ئېلىپ كەلگەن بىر پارچە ھۆسىنخەت يۈرۈكۈمگە ئوت ياقتى. شۇ يېشىم، شۇ تۇرقۇمدا مۇھەببەت پەيدا بوپتىكەن ھۆسىنخەتكە. قىززىق دېسە، شۇ چاغدا دەل كەلگەندەك چوكىدىن شۇنداق چىرايلىق ياساپ قويغان بىر ھۆسىنخەت قەلىمى پەيدا بولۇپ قالدى، سىياھ دېگەنغۇ تۆكمە بىزنىڭ ئۆيدە. مانا شۇنىڭ بىلەن مۇبارەكنىڭ «ھۆسىنخەت كۈنلىرى» باشلىنىپ كەتتى. پۈتۈن ئاشۇ ئىشلەتمەيدىغان قەغەزنىڭ ھەممىنى يىغىپ، ئىشلىتىدىغاننىمۇ يىغىپ مەشىق دەپتىرى قىلىۋەتتىم، ھېلىق قەلەمنى سىياھقا چىلاپ زوق-شوق بىلەن يېزىپ كېتىشلىرىم بولغانىكەن خۇددى كەسپىي خەتتاتلاردەك. ئەمىلىيەتتە ئۇ بىر قالايمىقانلا جىجىلغان نەرسىلەر ئىدى، لېكىن شۇ جىجىلغان نەرسىلەرگە ئوماققىنە بىر بالىنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرى مۇجەسسەم بولغان-دە. ئىدىيە-ئەخلاق دەپ بىر دەرسلىك بولىدىغان رەسىملىك، بەك ئامراقتىم. دەل شۇ كىتابتا بىر بالىنىڭ ھۆسىنخەت مەشىق قىلىش جەريانىدا قانداق قىلسام داڭلىق خەتتات بولۇپ چىقىمەن، دەپ دادىسىدىن سورىسا، دادىسى ھويلىدىكى نەچچە بولغىيدى خۇدايىم، ئىشقىلىپ جىقلا بىر ئىدىشتىكى سۇلارنى كۆرسۈتۈپ، مۇشۇلاردىكى سۇ تۈگىگىچە مەشق قىلساڭ ئاندىن ئارزۇيۇڭغا يېتىسەن، دەپتىكەن. ئۇ بالا قوللىرى قاپىرىپ كەتكۈچە يېزىپ، كېيىن راست دېگەندەك مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق خەتتات بولۇپ چىققانىكەن، ئىسمى خېلى ئېسىمدە بارتى، ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن قېرىغاندا. ھە شۇ ئۆزۈمچە يېزىش جەريانلىرىدا ئۇ بالىنى دوراپ كېتەتتىم مەنمۇ شۇنداق بولىمەن دەپ (دادامغۇ ماڭا ئىدىش تۇرماق چىلەكتىكى سۇ تۈگىگۈچە يېزىڭ، دەپباقمىغان)، ئىشقىلىپ ھارماي قەغەز جىجىغان مەن. رەسىم مۇئەللىمىم بىر قېتىم يازغان خېتىمنى كۆرۈپ ‹ ياخشى، ياخشى…› دەپ كەتكەنتى ئىنتايىن ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن. بۇ مۇئەللىمىم ئۆزى ياش بولغان بىلەن ئىچىدە تۈمەن دەردى باردەك بېلىنەتتى ماڭا، بەزى-بەزىدە پائالىيەتلەر بولۇپ قالسا دۇتتار دېگەننى چېلىۋېتىدۇ مەن چۈشەنمەيدىغان مىسرالارنى توۋلاپ. ‹ كەسپىي سەۋىيىسى بەك ياخشى سىزنىڭ رەسىم مۇئەللىمىڭىزنىڭ ›، دەپ قوياتتى ئاپام. شۇ مۇئەللىم دېدىمىكىن ئۆيدىكىلەرگە قىزىڭلارنى كەسپىي كۇرسلار بولسا بېرىپ ئۆگۈتۈڭلار دەپ، نەچچە يىل ئۆزۈمچە دەرستىن سىرت بولسىلا ئوغۇرلۇقچە يېزىپ ئۆگۈنۈپ قولۇم خېلى كېلىدىغان بوپ قالغانتى يېزىشقا. مېنىڭدىكى بۇ قىزغىنلىق ھەم شۇ مۇئەللىمىمنىڭ تەكلىپى بىلەن تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىق ۋاقتىمغۇ دەيمەن، شۇ يىلى قىشلىق تەتىلدە ئەكبەر غوجىئەھمەد ھاجى ئەلئوغلانى دەيدىغان مۇئەللىم يىتەكچىلىكىدىكى خەتتاتلىق كۇرسىغا دادام تىزىملىتىپ قويۇپ كەپتۇ، ۋاي ئۇ چاغدىكى خۇشلۇقۇم مېنىڭ. تەڭتۇش ئاداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مودا بولغان ئېنگىلىزتىلى، خەنزۇتىلى سىنىپلىرىغا كىرىپ كەتسە مەن دەپتەر، قەلىمىمنى سۆرەشتۈرۈپ خەتتاتلىق سىنىپىغا كىرىپ كېتەتتىم، مۇشۇ كىچىك ئاپام (دادامنىڭ سىڭلىسى) ئىچىمنى سىقىپ ئوماق قىزىمنىڭ بەدەن شەكلىنى زىلۋالاشتۇرىمىز، دەپ تۇرىۋېلىپ ئۇسسۇل سىنىپىغىمۇ تىزىملىتىپ قويغان ئىدى، دوستى دەرس ئۆتىدىكەنتۇق، ئۇ يەرگىمۇ كېرەتتىم خۇشيېقىپ-خۇشياقماي ئارىلاش ھېسىياتلار ئىلكىدە (لېكىن مىللىيچە مۇزىكا قويۇلسا ھەممىدىن بۇرۇن چۈشۈۋالاتتىم ئوتتىرىغا). نۇرغۇن بالىلار ئالتۇن تەتىل مەزگىلىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ زورى بىلەن ھەرخىل كۇرسلارغا قانتاشتۇرىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئىختىيارى بىلەن قاتناشقانلار ئازمىكىن دەيمەن، بالىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تەربىيلەش بەك مۇھىم، ئاتا-ئانىلار شۇنى بايقاشتا بەك سەزگۈر بولىشى كېرەككەن ئىشقىلىپ. مەسىلەن تاتلىق جىيەن قىزىمنى دەيلى، ئۇنىڭ بۇ تەتىلدە تازا بىر ئوينىۋالغۇسى بار ئىكەنتۇق، ‹ ماڭا تېلېفۇندا «بابى ۋاۋا» ئېلىپ چىقىڭ، «شى ياڭ ياڭ، خۇيتەيلاڭ» دىن بىزار بولدۇم (مۇشۇ بالىلارغا تەسىر قىلغۇدەك بىرەر كارتون فىلىمىمىز يوق-ھە...)، ئاشۇ چىرايلىق قونچاق قىزلارغا كىيىم تىكىمەن، سىز بىلەن كومپۇتۇردا(مۇشۇ گەپنى بەك ئوماق دەيدۇ) ئۇلۇغ مومامغا گىرىم قىلىمىز…› دەپكەنكەنتى. ئىككىمىز راستلام مومامنىڭ (دادامنىڭ ئاپىسى. جىيەنىمنىڭ بوۋىسىنىڭ ئاپىسى بولغاچقا «ئۇلۇغ مومام» دەيدۇ) بىر ئوماق رەسىمىنى كومغا كىرگۈزۈپ، بېشىغا چىرايلىققىنە چاچ كىيگۈزۈپ، يۈزىنى قىپقىزىلراق قىلىپ، كۆزىگە مودا بولىۋاتقان گىرادوسلۇق كۆزەينەك تاقاپ قويساق تېخىمۇ ئوماق بوپ كەتكەنتى، چوڭلار كۆرۈپ بەك كۈلۈشمەك بولغان (كىچىك دادام يېتىپلىۋاپتىكەن كۈلۈپ، قىلمايدىغان ئىشىڭلار يوق دەپ)، مومام ئۆزىمۇ كۈلۈپ... دېگەندەك. شۇ جىيەنىمنىمۇ ئويناشقا قويماي ئېلىپبەنى قايتىدىن ئۆگۈتىمىز دەپ («قوش تىللىق» نىڭ شاپائىتىدە بۇ بالىنىڭ خەنزۇچىسى ئۇيغۇرچىسىدىن نوچى چىقىپ كەتكەن گەپ) بىر يوغانلا دوسكا ئاپتۇ بۇلار بورىلىرى بىلەن تەڭ (قول قويىمەن دە). بىز ئوقۇغان چاغلاردىمۇ سىنىپتىكى دوسكىدا ئۆگۈنۈپمۇ ساۋادىمىز چىقىپتىكەن، بۇ بالىنىڭمۇ چىقاتتى شۇ سىنىپتىلا، ئەمدى ئالاھىدە بىر دوسكا سېتىۋېلىپ ئۆگەتكۈدەك، خېلى ئەقىللىق كۆرەتتىم بولمىسا بۇ بىردىنبىر جىيەنىمنى. بۇمۇ ئۆتكەن قاقباش، دادام بىلەن ئاپامنى مەن كېلىشتىن بالدۇر بولىشىغا ئەخمەق قىپتۇ، بىرىنچى كۈنى «ئا» ھەرىپىنى ئۆگۈتۈش جەريانىدىلا بەك قاتتىق مەغلۇپ بولغان گەپ بۇلار. قانداق دېسىڭىز، دادام دوسكىغا «ئا» ھەرىپىنى يېزىپ ‹ ئاتتىكى «ئا» › دېسە، جىيەنىم ئاغزىدا كەمپۈت، خىيالىي ئولتۇرىۋېلىپ ‹ خېچىردىكى «ئا» › دېگۈدەك. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆگەتمەپتۇ، تۇرىدۇ ھېلىقى دوسكىمۇ بالكوندا ئاتتىكى «ئا» پېتى. بۇ قىزنىڭ كىيىم لاھىيەلەش، چاچ لاھىيەلەش جەھەتتە تالانتى باردەك بېلىنىدۇ ماڭا، ئولتۇرۇپ بەرسەم بىردەمدىلا چاچلىرىمنى ھەرخىل بوغۇپ قويۇشلىرى بار يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدىلا. كىيىمنىمۇ ئۆزى تاللاپ كىيەمىش ئاپىسىنىڭ دېيىشىچە، ھەپتىنىڭ بىرى مانى كىيىمەن، ئىككىسى مانى دېگەندەك، بەك ئوماق، بەك تاتلىق كىيىملىرى بار بۇ قوزامنىڭ، يارىشىپ كېتىشلىرىچۇ تېخى. ئىشقىلىپ تەتىل كۈنلىرىمۇ بالىلارنى مەجبۇرىي ئوقۇتۇش دېگەندەك ئىشلارنى بەك قوللاپ كەتمەيمەن، بالا دېگەندە ئاز-تولا ئىلىم-مەرىپەتكە بولغان مۇھەببەتنى بەك كىچىك چاغلىرىدىلا يۇقتۇرۇپ قويغان بولسىڭىزلا باشقىسىدىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق، ئۇ قانداق چاغدا ئۆگۈنۈشنى، قانداق چاغدا ئارام ئېلىشنى ئۆزى ياخشى بىلىدۇ. تەتىل، دەم ئېلىش دېگەندەك كۈنلەردە ئامال بار بالىلارنى مەيلىگە قويۇپ بەرگەن ياخشى، بالىڭىز ئۆزى تەلەپ قىلىپ مەن ماۋۇ كۇرستا ئوقۇيچۇ، دەپ قالسا بۇنىڭ يولى باشقا.
خەتتاتلىق كۇرسىدا كۈلۈشمەك ئىشلار كۆپ ئىدى. تۇنجى كۈنى دادام بىللە باردى مەن بىلەن. مۇئەللىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغۇچە مەن بېرىپ ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇپمۇ بولدۇم. قاراپ باقسام چوڭ-چوڭلا باللاركەن ھەممىسى ئەڭ كىچىكى مەن ئوخشايمەن، سۇس گىرىم قىلىۋالغان ئاچاشلار، بۇرۇتلۇق ئاكاشلار، ئاپاشلارمۇ باردەك قىلاتتى. راستىنى دېسەم شۇ تۇنجى كۈنى بۇ يوغان ساۋاقداشلىرىمنى كۆرۈپ بىزە ئىچىم پۇشۇپ قالدى، ۋاي مەن بىلەن بىرەر تەڭتۇش بالا يوق بولغىيمىدى ئوينايدىغانغا بىللە...مۇئەللىم بەك كېلىشكەن ئادەمكەن، ئىگىز، ئاق پىشماق، ياراشتۇرۇپ بۇرۇت قويىۋالغان، ئاڭلىشىمچە ئۆزى توقسۇنلۇق بولۇپ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەردە قېلىپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغانىكەن، ئاۋۇ ئىسمىنى ئوقۇپمۇ بەك كۈلۈپ كەتكەنتىم نېمانداق ئۇزۇن ئىسىم بولغىيدى بۇ دەپ. دەرس سۆزلىسە بىرخىل سىلىق-سىپايە، قاش-كۆزلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ دېگەندەك سۆزلەيتتى. دادام خېلى رازى بولغان چىراي، ئۆيگە كېلىپمۇ بىر مۇنچە گېپىنى قىلىپ كەتتى مۇئەللىمنىڭ، ‹ ياخشى ئۆگۈنۈڭ مەلىكەم ›، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ماڭا. بىزگە ئۇ چاغدا نىياز كېرىم شەرقىنىڭ كىتابىنى ئاساس قىلىپ دەرس ئۆتەتتى، مۇئەللىمنىڭ دەپ بېرىشىچە قانچىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك خەتتاتلار مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجە بولغانىكەن، نىياز كېرىم شەرقىي مېنىڭ مۇئەللىمىمنىڭ مۇئەللىمىمىش(تەلىم ئاپتىكەن بۇرۇن). تۈز خەت نۇسخىسى، رۇقئىي(كەسمە) خەت نۇسخىسى، تەئلىق خەت نۇسخىسى، سۇلۇس، جەللە سۇلۇس، رەيھانىي، كۇفىي...خەت نۇسخلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۆگەنگەن. تۇنجى قېتىم تۈز خەت نۇسخىسى ھەققىدە دەرس ئۆتۈلگەندە ئۆزۈمنىڭ كارامەت خاتا خەت يازىدىغانلىقىمنى ھېس قىلغانىدىم، قائىدىسىزلا بىرخىل، شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئاۋۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ بەك ۋۇجۇدۇم بىلەن بېرىلىپ ئۆگۈنۈپتىكەنمەن چىكىت-پەشلىرىگىچە. بارا-بارا چوڭ بولامدۇ، كىچىك بولامدۇ ئوقۇغانلار بىلەن نېمە كارىم دەپ، ئۆزۈمنىڭ خېتىنى يېزىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ ئالدىراشلا بوپكەتكەنىدىم (ئۆيدە خەت مەشق قىلغاندىكى ھالىتىمگە قاراپ، ئاپام مېنى ‹ ئىمتىھاننىمۇ بۇنداق ئەستايىدىل بەرمەس-ھە، مېنىڭ قىزىم... › دەپ ئويلاپ كېتىپتىكەن).
بىر كۈنى سىنىپ ھەيئىتى سايلىدۇق ئۆزىمىزچە (بۇنداق چاغلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كەمپۈت يەيتتىم مەن يوشۇرۇنچە). مۇئەللىمنىڭ جىددىي ئىشى چىقىپ قالغان چاغلاردا يەنە بىر ياش مۇئەللىم دەرس ئۆتەتتى. بۇ سىنىپتا قۇشقاچتەك سايراپلا تۇرىدىغان، چىرايلىق بىر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئاچاش بار ئىدى (بىر يەرلىرى ئامانگۈل سىدىققا ئوخشايدۇ)، ئەينى ۋاقىتتا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى «سورىغان» قىزلاردىنمىش (ئۆزى ماڭا دەپ بەرگەن)،‹ ۋاي سىز بەك ئوماق›، دەپ مېنى قېشىغا ئولتۇرغۇزىۋالاتتى، ئۆزى رەسىم مۇئەللىمى بولغان بىلەن ھۆسىنخەتنى بەك يېزىپ كېتەلمەيدىكەن، شۇڭا ئۆگەنگىلى كەپتۇمىش، بەرىبىر تەتىل بولغاندىكىن دەپ. مەن دائىم بالدۇر كېلىۋېلىپ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇيدىغان ئاينۇر دېگەن ئادىشىم بىلەن پەسكە بىرنەرسىلەر يېگىلى چۈشۈپ كېتەتتىم سومكامنى تاشلاپلا قويۇپ.چىقىپ قارىسام ئىشقىلىپ بىر نەرسىلىرىم يوق بولاتتى، قېنىكىن دەپ ئىزدىسەم شۇ مۇئەللىم چاندۇرماسلاردىن ئولتۇرىۋالاتتى ھېچنىمە كۆرمىگەندەك (ئەمىلىيەتتە شۇ تىقىپ قويغان)، تېپىپ بېرىڭ دېسەم، مېنى ھاببا ئېتىپ قويسىڭىز دەپ بېرىمەن، دەپ ھارغۇچە بوزەك قىلاتتى مېنى، شۇنى سىنىپ باشلىقى سايلىدۇق. ئۆگۈنۈش باشلىقىغا (بىزمۇ بەك ساراڭ مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەندىكىن) يەنە بىر رەسىم دەرسى ئۆتىدىغان مۇئەللىم ئاچاشنى سايلىدۇق، لېكىن بۇ مۇئەللىم خەنزۇتىلى مەكتىپىدە دەرس ئۆتىدىغان مىنكاۋخەنكەن، ھەيران قالدىمدە، ئۇيغۇرچىنى بىلمەي قانداق ئۆگۈنىدىغاندۇ، دەپ. ئىشقىلىپ يامان ئەمەس يازاتتى، بەزىدە قىززىق پاراڭلار سېلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتسەك ‹ نېمە دەۋاتىسىلەر› دەپ چۈشىنەلمەي كېتەتتى. شۇنداق ئېسىمدە بىر قېتىم مېنىڭدىن ئاستاغىنە ‹ «غەزىنە» دېگەن نېمە گەپ ›، دەپ سورىغانتى. يانا بىر بۇرۇتلۇق ئاكاش بار، پەقەت زىيادە گەپ قىلمايدۇ، ئادەتتە مەشىق خەت يازساق ئۆزىمىز بىلگەن خەتلەرنى يېزىۋېرىمىزغۇ قالايمىقان، مەن پۈتۈن ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ چىقاتتىم. بەك ئامراق ئادەملىرىمنى يېزىپ بولۇپ يۈرەك ئىچىگە ئېلىپ قوياتتىم ئىسمىنى(مۇئەللىم بەك كۈلەتتى كۆرۈپ). ئۆچ ئادەملىرىمىنىڭ ئىسمىنى سەت يېزىپ قويۇشلىرىم بار تېخى ئاچچىقىم بىلەن(بۇنىڭغا تېخىمۇ كۈلەتتى). لېكىن ئۇ ئاكاش ساپلا «قۇتادغۇبىلىك»،«كەلىلە-دېمىنە»،«ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن»...دېگەندەك ئاتالغۇلارنى يازاتتى، مەن دائىم ماراپ قاراپ قوياتتىم ھەيرانلىق بىلەن. لېكىن گەپ قىلالمايتتىم قورقۇپ خۇددى ھاززىرلا ئۇرىۋېتىدىغاندەك مېنى. بىر قېتىم ھېلىقى مىنكاۋخەن مۇئەللىم بىلەن خەنزۇچە پاراڭ سېلىشسام مېنى بەك تەنقىد قىلغانىدى(ماڭىمۇ ئاز)...يانا بىر مۇئەللىم ئاپاش بارئىدى تولۇق ئۈچىنچى يىللىقلارغا ئەدەبىيات دەرسى بېرىدىكەن ھەم سىنىپ مەسئۇللىقىنى ئۆتەيدىكەن، بەك ئېسىل مۇئەللىمدەك كۆرۈنەتتى ماڭا. ئۆزىنىڭ خېتىنى تېخىمۇ چىرايلىقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە مۇنۇ كۇرسقا تېزىملىتىپتىكەن(مۇنبەردىكى گۈزەل ھەدەشنى ئەسلەپ قالدىم)، دائىم ئوقۇغۇچىلىرى ھەققىدە قىززىق پاراڭلارنى قىلىپ بېرەتتى، ئۈمىد غېنىغا بەك ئامراقكەنتۇق. بىر ئوقۇغۇچىسى بارئىكەن ئوغۇل بالا، ئىچكى مىجەز بولغىنى بىلەن ئۆزىنىڭ غەزىپىنى بەك باشقىچە ئىپادىلەيدۇ دەپ. دادىسى بىلەن خۇشى يوق بولۇپ دائىم دېگۈدەك ئەدەبىيات ماقالە دەپتىرىنىڭ بىرەر بېتىگە دادىسىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ پىچاقتىن بىرنى قورسىقىغا ئۆتكۈزۈپلا قويىدىكەن، قانلار تامچىپ تۇرغان ھالەت...‹ ۋاي بۇ بالام بۇنداق پىسخىكىدا ئۆتىۋەرسە بولمايتتى، مەن دائىم تەربىيە قىلىمەن سىز ئۇنداق قىلماڭ دەپ، يا بىر ئاڭلىمايدۇ گېپىمنى › دەپ بەك سۆزلەپ كېتەتتى. ئويۇنغا ئامراق بولغىنىم بىلەن(كىچىك ۋاقتىمىزدا ھەممىمىز ئامراققۇ) مۇنداق پاراڭلار چىقىپ قالسا گەپ موللىسىدەك تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ تىڭشاپ كېتەتتىم بىرخىلدا. يەنە بىر بالا بارئىدى ئەلقەم ئىسىملىك. مەندىن بىر ياش چوڭ، لېكىن مەكتەپتە ئوقۇمايدىكەن قىززىق يېرى، نېمىشقا ئوقۇمايسىز دېسەم، خۇشياقمايدۇ ئوقۇش ماڭا، دەپلا قوياتتى. ھېلىقى قوشۇمچە دەرس ئۆتىدىغان ياش مۇئەللىمىمىز بىلەن چوڭ-كىچىك ئاداش ئىدى بۇ بالا، مۇئەللىم ئۆزىدىن چوڭ بولسىمۇ بىۋاستە ئىسمىنى چاقىرىۋېرەتتى، ئۆيىگە ئىزدەپ بېرىپ قالسا‹ بالام، كىچىك ئادىشىڭ ئىزدەپ كەپتۇ سېنى› دەپ قويارمىش ئۆيىدىكىلەر. بۇ بالا بەك چىرايلىق ئىدى ئارتىسلاردەكلا، چېچىنىڭ ئالدىنى سۇس سېرىق بويىۋالغان(شۇ چاغدا مودا ئوخشايدۇ)، دائىم قارا پوسما كېيىۋالاتتى ئالدى چېچىنى سەل چىقىرىپ. مەندىن ئاران بىر ياش چوڭ بولغىنى بىلەن ‹ئاي› دەپ چاقىراتتى مېنى چوڭ ئادەملەردەك(قومۇلدا ‹ئاي› دەيدىچۇ كىچىك قىزلارنى). ‹خەتتاتلىق دېگەننى يا مەندەك دەرس ئۆگەنمەيدىغان دەرس گاچىسى يا دەرستە ئەڭ نوچى بالا ئۆگۈنىشى كېرەك، بولمىسا ھەرگىز باشقا ئېلىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ. دەرستە نوچى بالىنىڭمۇ دەېرستىن چېكىنىپ كېتىش ئېھتىماللىق بار، چۈنكى بۇنىڭغا ۋاقت كېتىپلا قالماي زېھىن ھەم ئىزچىللىق كېرەك، كۆزنىڭ قۇۋۋىتىمۇ خېلى ئۇپىرايدۇ...› دېگەندەك ئوبدان گەپلەرنى قىلىپ بېرەتتى ماڭا. بەك چىرايلىق يازىدۇ خەتنى، بوپمۇ تەئلىق خەت نۇسخىسىنى. خەت يازغاندا قولى بىلەن تەڭ باش، بەدەنلىرى تەڭ ھەركەتلىنەتتى، شۇنداق ۋۇجۇدى بىلەن يازاتتى، يازغان خېتىگە قاراپ بەك ھوزۇرلىناتتىم مەن. مېنىڭ تېخىچە ھېلىقىدەك قېرىنداشلىق ھۆسىنخەت قەلىمىدە خەت يېزىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ(ئازراقلا خەت يازسام ئۇچى بۇزۇلۇپ بەك ئىچىمنى سىقاتتى، ئۇنى قايتا ياساۋاتقان) ماڭا سىياھ قەلەمدىن بىرنى ياساپ بەرگەنتى قارا رەڭلىك(ئوبدانكەن-ھە؟). كېيىن دادام سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «مىجىت قەلەم» دىن بىرنى ئېلىپ بەردى، ئىسمى قىززىق ئىدى بۇ قەلەمنىڭ. لوقمان ئىسىملىك يانا بىر بالا بارئىدى تەڭ دېمەت (رەسىم سىزىشقا ئالامەت ئۇستا)، دەرسلىكلىرىمىز ھەققىدە بىزە پاراڭ سېلىشىپ قوياتتۇق بىر مەكتەپ بولمىغاچقا. ئاپىسى بۇ بالىغا چوڭلا قىلىپ دەپتەر ياساپ بېرىپتۇ مەخسۇس ئاق قەغەزدىن، بەك يوغان يازاتتى خەتنى. ‹دادام، ئاپام مېنىڭ يازغان خېتىمدىن پەقەت رازى ئەمەس› دەپ ئۇھ تارتىپ كېتەتتى ئولتۇرىۋېلىپ. بۇ بالىنىڭ تېرىسى قارامتۇل ئىدى، دەرستىن چۈشكەن ۋاقىتتا ۋېلىسىپىت دېگەننى ئۇچۇرتۇپ مېنىپ كېتىپ قالاتتى، لوقمان ھېكىمنىڭ گېپى چىقىپ قالسا شۇ بالىنى ئەسلەپ قالىمەن، تەڭ يىللىقتا ئوقۇغىنىمىز بىلەن بويى مەندىن پاكار ئىدى، ھى ھى... يانا بىر بۇرۇن ياللۇغۇم بار دەپ بۇرنىنى تارتىپلا يۈرۈيدىغان بىر ئاچاش؛ ئىگىز كەلگەن، دائىم كاستىيۇم-بۇرۇلكا كېيىپ يۈرۈيدىغان بىر ئاكاش؛ يەنە بىر ئۈرۈمچىدىكى بىر تېخنىكومدا ئوقۇيدىغان، چەتئەللىك قىزلاردەك ياسىنىپ يۈرۈيدىغان ئوماق بىر ئاچاش؛ شۇ ئاچاشنىڭ يېققىن بىر دوستى...بولۇپ 20گە يېققىن ئادەم بىللە ئوقۇيتتۇق.
سىنىپتا دائىم بور تۈگەپ قالاتتى، بۇنداق چاغدا مۇئەللىم سىنىپ باشلىقىمىزنى پەستىكى ماگزىندىن بور ئېلىپ چىقىشقا بۇيراتتى، لېكىن ئۇ قەستەن ئولتۇرىۋېلىپ ‹ تازلىق باشلىقى ئېلىپ چىقسۇنچۇ › دەپ ماڭا قارايتتى، نەدە تازلىق باشلىقى بار بۇ سىنىپتا؟! خەپ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز تەڭ چۈشەتتۇق (ئۇنداق بولغان بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش لازىمەتلىكلىرى ماگزىنىنىڭ قېشىدىكى ماگزىندىن ماڭا يەيدىغان نەرسە ئېلىپ بېرەتتى). ئاپام دائىم ‹ قىزىم ئۆمۈچۈكنىڭ پۇتىدەك خەت يازىدۇ› دەپ قاقشايتتى مەندىن (ئۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنەتتى، بىراق مەندىن بۆلەك ئادەم تەستە ئوقۇيتتى)، ‹ مۇشۇ خېتىڭىزنى تۈزەتمىسىڭىز زادى بولمايدۇ› دەپ تەلەپ قوياتتى. بىر قېتىم ‹ كىم ياخشى شېئىرلاردىن بىلىدۇ دوسكىغا چىقىپ يېزىڭلار، بىز شۇنى قائىدە بويىچە ھۆسىنخەت قىلىپ يازىمىز› دېدى مۇئەللىم، مەن ئاكتىپ قولۇمنى ئۆلچەملىك كۆتۈرۈپ، ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىن يۈگىرەپ چىقىپ يادلىۋالغان بىر رۇبائىينى يازدىم. شۇ چاغدا مۇئەللىم ‹ قاراڭلار، كىچىك بولغىنى بىلەن چوڭ ئادەملەردەك چىرايلىق خەت يازىدىكەن › دەپكەتكەنتى(راست دېگەندۇ؟ـ ئىشقىلىپ راست دېدى، دەپ بىلىمەن مەن، ھى ھى...)، شۇ گەپنى لىنتىغا ئېلىپ ئاپامغا ئاڭلاتقان بولسام نېمە دەر بولغىيدى، دەپ ئويلىغانتىم. ئۆمرۈمدە شۇ ياشقا كېلىپ تۇنجى قېتىم بىراۋنىڭ خېتىڭىز چىرايلىقكەن دېيىشى ئىدى مېنى (شۇ ئاخشىمى بەك تاتلىق ئۇخلىدىمغۇ دەيمەن).
دەرس ئاياغلىشىشقا ئاز قالغان كۈنلەردە بىز قىززىپ كەتتۇق بىر-بىرىمىزگە خاتىرە خەت يېزىشىپ. ھېلىقى سىنىپ باشلىقى ماڭا چىرايلىق قىلىپ تەئلىق خەت نۇسخىسىدا مۇنداق دەپ يېزىپ بەرگەنتى: ‹ سىزنىڭ تېخىمۇ ئوماق، سۆزمەن، گەپ ئاڭلايدىغان بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، تىلەيمەن!› شۇندىن كېيىن بۇ باشلىق ئاچاشنى كۆرۈپ باقمىدىم، بەلكىم ھاززىر ئۇچىرىشىپ قالساقمۇ دەماللىققا تونۇپ كېتىشىمىز قارشى تەرەپنى بەك تەس...ھېلىقى ئۈرۈمچىدىكى تېخنىكومدا ئوقۇيدىغان ئاچاش ‹ سىزدەك بىر سىڭلىم بولسا، كەينىمگە سېلىپ بىللە بازار ئايلىناتتىم، مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ-ھە!› دەپ يېزىپ، كەينىگە ئۆيىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنىمۇ قوشۇپ قويغانىدى. ھېلىقى سۈرى بار ئاكاش ‹ كەمپۈتنى ئاز يەڭ جىنتەك › دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. مۇئەللىم ئاپاش ‹ ئەي بالام، خالىغىنىڭچە ياشا، چۈنكى سەن ھامان ئۆلىسەن؛ خالىغىنىڭنى ياخشى كۆر، چۈنكى سەن ھامان ئۇنىڭدىن ئايرىلىسەن... خالىغىنىڭنى قىل، چۈنكى سەن قىلمىشىڭغا بېقىپ جازالىنىسەن ياكى مۇكاپاتلىنىسەن › دەپ يېزىپ غەزالى سۆزىدىن دەپ ئەسكەرتىپ قويۇپتىكەن... خاتىرە سۈرەتكە چۈشىمىز دەپ تەييارلىق قىلغان كۈنى مۇئەللىم بىلەن بىللە بىزنىڭ ياش مۇئەللىم، ئاۋۇ رەسىم سىنىپىنىڭ ياش مۇئەللىمى، سىنىپ باشلىقى، ئۆگۈنۈش باشلىقى، ھېلىقى سۈرى بار ئاكاش، يەنە بىر نەچچەيلەن ئالدىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، بىز كىچىكرەكلەر كەينىدە تۇردۇق، ئاران چىقىپتىكەن بوينۇمنىڭ ئۈستى مېنىڭ. بىزنىڭ كەينىمىزدە يەنە ئىگىزرەكلەر تۇرغانتى، دەل ئوتتىرىدا مۇئەللىمنىڭ ئارقىدا شۇنداق بىر تاتلىق كۈلۈپ چۈشۈپتىكەنمەن شۇ چاغدا، يۈزلىرىم پارقىراق، ئاپئاق...دېگەندەك. ھەدەم بەزىدە شۇ رەسىمنى كۆرۈپ قالسا ‹ نېمىشقىمۇ سىزنى شۇ چاغلاردا جىقراق سۆيىۋالمىغاندىمەن...› دەپ قويىدۇ ئۆزىچە.
مۇئەللىم ئىمتىھانغا ھېساب قىلىپ تۈز خەتتىن بىر پارچە، تەئلىقتىن بىر پارچە، رەيھانىيدىن بىر پارچە كىچىك-كىچىكلا قىلىپ خەت يازغۇزغانتى ئۆيدىكىلەرگە مېنىڭ باھايىمنى كۆرسىتىڭلار دەپ، ۋۇججۇن، شۇنداق قىلغىنىمۇ بولدى، ئەگەر ئاپامدەك بىرەسى بولسا قۇرۇق قول بارىدىغان بولسام ‹ قېنى بىرەر خۇلاسە يوقما؟ شۇنداقلا قايتىپ كەلدىڭىزما؟› دەپ كەينىمگە ياندۇرۇپ سېلىشتىن يالتايمايدۇ. ماڭا نەچچە قويغان بولغىيدى شۇ چاغدا، ئىشقىلىپ ‹ زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار› دەپ نىياز كېرىم شەرقىنىڭ كىتابىدىن تەقلىد قىلىپ يازغان رەيھانىي نۇسخىسىدىكى خېتىمگە ياخشى باھا بەرگەن، تەئلىق نۇسخىدىكى خېتىمنى كۆرۈپ ‹پۇراق چىقماپتۇ› دېگەنتى، بۇ خەتكە شۇنداق ئامراق بولغىنىم بىلەن تۈزۈك يازالمايمەن دېسە. مۇئەللىم باھا بېرىپ بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى قويۇپ بەرگەنتى، ئۆيدىكىلەرگە كۆرسەتسەم ئوبدان ساقلايلى، دېگەندەك قىلىشقان...كۇرس تۈگەپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دادامنىڭ تەلىپى بويىچە «ھۆنەر» كۆرسىتىدىغان بولدۇم. ئۆيۈمگە تىقىلىپ ئولتۇرۇپ ئۆلچەملىك ئۇزۇن ئىككى پارچە قەغەزگە شېئىر يازدىم، بۇنىڭ بىرى رۇقئىي خەت نۇسخىسىدا يازغان مۇنۇ رۇبائىي ئىدى:
ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە، نەچچە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە. بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن، نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە.
يەنە بىرى تەئلىق خەت نۇسخىسىدا يازغان مۇنۇ رۇبائىي ئىدى:
ئىنسانسەن ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر، بولسۇن ھەم قەلبىڭدە ۋىجدان ھەم غورۇر. يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز، دىيارىڭ شىنجاڭدۇر، مىللىتىڭ ئۇيغۇر.
ئاپام ئاۋۇ بىرىنچىسىنى كۆرۈپ يىغلاپلا قالاي دېگەن ھېس قىلىشىمدا، دادامنىڭ كۆڭلىنى ئويلاشماپتىكەنمەن، ۋاي ئىسىت...ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھېيىت بولدى، دادام-ئاپام مەسلىھەتلىشىپ مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىدىكى رەسىمنى ئېلىۋېتىپ مېنىڭ شۇ ئىككى پارچە خېتىمنى چاپلاپ قويغانتى. ئەمىلىيەتتە ئۇ خەتلىرىم يېڭى بىر ئۆگەنچۈكنىڭ يازغان پەلپەتىش خەتلىرى ئىدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا تامغا ئېسىپ قويۇشقا يارىمايتتى. بىراق ئۆيگە ھېيىتلاپ كىرگەن داداش-ئاپاشلار مېنى ماختىشىپ، زوقلىنىپ قاراپ قوياتتى(كۆڭلۈم ئۈچۈن). ئەمدى بىلسەم، بۇ قەدىردان ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا بەرگەن مەدەت-ئىلھامى ئىكەن. شۇ ئىشلاردىن كېيىن بىرخىل ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم خېلى ئېشىپ قالغانىدى، ۋاقت چىقىرالىساملا يېزىپ مەشق قىلاتتىم. كەلگۈسىدە داڭلىق خەتتات بولىمەن، دېگەن ئارمان قەلبىمدە تىكلىنىپ بولغانىدى...
تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىققا چىققان يىللىرىم تولا ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدىم، مەكتەپكە بارغان كۈننىڭ تايىنى يوق، ئاساسەن دوختۇرخانا، ئۆيدە دېگەندەك، تاسلا قالغان قايتا ئوقۇغىلى. كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىمۇ ئاجىزلاشقا قاراپ ماڭغانىدى، شۇ سەۋەبلىك مېنىڭ دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى ئوقۇشۇم، تېلىۋىزور كۆرۈشۈم، ھۆسىنخەت مەشق قىلىشىمغا زور چەك قويۇلدى. تولۇق ئوتتىرىغا چىققان چاغلىرىمدىمۇ تولا ئاغرىپ قالاتتىم، دەرسنىڭ بېسىمى، ئاغرىقنىڭ ئازابى...بىرەر پارچە خەتمۇ يېزىپ باقمىغان ئوخشايمەن. تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتا ‹ شىنجاڭدا ئوقۇمايسىز، داڭلىق ئۇنۋېرسىسىتقا كىرمىسىڭىز بولمايدۇ !› دەيدىغان بېسىمنىڭ ئاستىدا بەك چارچاپ كەتكەنىدىم. ئاتا-ئانام ھەرگىز ماڭا يۈز-تۇرانە تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى دېمەيدۇ، ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پاراڭلىرىدىن، ‹ قىزىمىزغا ئىشىنىمىز› دېگەن ئۈمىد چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن...مەن ھەممىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم، شۇڭا بارلىق زېھنىمنى، ۋاقتىمنى ئۆگۈنۈشكە قاراتقان. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك ھېلىقى لوقمان دېگەن بالىنىڭ بېيجىڭ گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرى تۇيۇقسىز ماڭا يىتىپ قالدى، شۇ كۈنى كەچتە يىغلاپ ئولتۇرۇپ(ئاۋازىمنى چىقارماي) بارلىق مۇناسىۋەتلىك ساقلانمىلارنى «يوق» قىلغان ئىدىم...ئاتا-ئانامنىڭ ئارزۇيى ئۈچۈن(بىلىمەن، ئۇلارمۇ ماڭا ياخشى بولسۇن دەيدۇ) ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم-يۇ، بىراق خۇددى بىر نەرسەم كەينىمدە قېپقالغاندەكلا تۇيغۇدا كېتىپ قالغانىدىم... ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى، ئاندا-مۇندا كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن يېزىپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا تۈزۈكرەك خەت يېزىپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئاۋۇ كۈنى دادام بىلەن بىللە بىرەر ئايلارنىڭ ئالدىدا نىياز كېرىم شەرقىي كېلىپ، قومۇلدىكى خەتتاتلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمىدىكى خەتلەرنى كۆرۈپ بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ قالدىممۇ قانداق، بۈگۈن ئۆزۈمچە مۇشۇنداقراق بىر پاراڭ سالغۇم كېلىپ بۇنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
راست، خەتتات بولغۇم بار ئىدى. پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بۇ ئارمىنىمغا يېتەلمىدىم. بالىلىقتىكى ئارزۇلار ئادەمنىڭ كاللىسىغا بەكرەك تەسىر قىلسا كېرەك، ئىشقىلىپ دائىملا دېگۈدەك خەتتاتلىققا ئائىت بىرەر گەپ-سۆز، ئىش-پائالىيەتلەر بولۇپ قالسا يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەرلىرى چىم-چىم قىلىپ ئاغرىپ كېتىدۇ...
2011-يىلى14-ھۇد شەھىرى قومۇل |