رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- كىتابنى مەن سەندىن جىق بىلىمەن(ئاداش بولايلى) --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ مۇنبەر ئۇيۇنلىرى] -> كىتابنى مەن سەندىن جىق بىلىمەن(ئاداش بولايلى) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

tantave 2011-02-14 00:28

كىتابنىڭ گېپى چىقسا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ.  
كىتاب توغرىسدا يېزىلغان يازمام بەلكىم كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئەڭ ئاز بولىشى مۇمكىن .  
بىزدىكى كىتابقا قىزىقماسلىق توغرىسدا ھەتتا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتابىىدا «مەن كىتابنىكۆتۈرۈپ كەلدىم، كىتابنىڭ مېنى كۆتۈرگىنىنى تېخى كۆرمىدىم»دېگەن بىر جۈملە سۆزى بار .
بۇنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار ئەلۋەتتە.

كىتاپ توغرىسدابۇنداق گەپ باشلاپ بۇيەرگە كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ مەقسىتىنى ئوتتۇرغا قويماي سۆزلەۋەرسەم بولمىغىدەك .
مەقسىتىم : مەن مۇنبەرداشلار ئىچىدە قانچىلىك تورداشنىڭ كىتاب ئوقۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ،يازغۇچىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يازغان كىتاپلىرىنى قانچىلىك  بىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ۋە كىچكىنە بىر  
«كىتابنى مەن،سەندىن جىق بىلمەن!» نامىدىكى ئويۇن ئويناش بىلەن بىرلىكتە بەزىلەرنى كىتابقا بولغان قىزىقىشنى  غىدىقلاپ قويۇش خالاس .
شۇڭا تورداشلار تەڭ ماسلىشىپ ئۆزىڭىز ئوقۇغان بولامدۇ ياكى ئاڭلىغان بولامدۇ ، پالانى يازغۇچى مۇنداق دىگەن بولامدۇ ۋەياكى....  

       «كىتابنى مەن ،سەندىن جىق بىلمەن!»  ناملىق ئويۇننى ئاۋال باشلىسام .

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن . بەزىلەر بۇئالىمنى ئۇيغۇرلانىڭ زىيالىلىرىنىڭ كاللىسىدىن 50يىل ئىلگىرى كەتكەن دەيدىغان گەپلەر بار . مەن تاھازىرغىچە  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسىەرلىرىگە بىرەر تەتقىقاتچىنىڭ ياكى ئوبزورچىنىڭ ،ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدىكى خاتالىقلار دەپ ماقالە يازغانلىقىنى  كۆرمىدىم.

ئالىمىمىز مۇنداق دېگەن : « مەن تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئۆلگەن جەسسەتلەردىن كۆرە،تىرىك مىللەتكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشىنى ؛ مائارىپچىللىرىمىزنىڭ كىتاب ۋە خىمىك ئانالىزلىرىدىن كۆرە رىئال تۇرمۇشقا قىزغىن خەيرىخاھلىق قىلىشىنى؛يازغۇچى شائىر ئوبزورچىللىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋەقەلىرى چاتمىسىغا يۇشۇرۇنغان ئەسىر-ئەسىرلەر چىنلىق قاتلىمىغا چۆكۈشنى،ئۇلارنىڭ سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن پاراخوتلاردىن بولۇشتىن كۆرە،سۇ ئاستى كېمىلىرىدەك زىمىن باغرىدىكى ئوبىكىتلار ئۈستىدە مۇتەپپەكۇرانە پىكىر يۈرگۈزىشنى ؛ بېيىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ قولىغا پاخال، چىقىۋاتقىنى جاۋھىرىيات بولۇپ قالماسلىقىنى ، پايدا-زىيان مىزانى قىلىشنى ؛ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئاشلىق ، دان ۋە پولات، نىفىت ھەققىدە ئىپتىىخارلىق  پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن بىللە ، مىللەتنىڭ ئۇرىقى،سۆڭەك قۇۋۇرغىسى،قەلبى ۋە قېنى ئۈستىدە تەخىرسىىز تەپەككۇر قىلىشنى؛ئىللەت پاتقىغا چۈشۈپ قالغان ياش نوتا ۋە گۈل گىياھلارنى ئۆز-ئۆزنى تۇنۇپ، مىللەت كېلەچېكىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئۈزىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».



ئالىمىز نۇرغۇنلغان رۇبائىلارنى يازغان بولۇپ مەن ياقتۇردىغىنى:

ئىلىم باشقا،تالانت باشقا،غۇرۇر-ئىمان يەنە باشقا،
بولۇر ساھىبقىرانلىق بۇئۈچ پەزىلەت كەلسە بىر باشقا .
بۇنىڭ بىرلە بەخىت پۈتمەس،ئۇنىڭسىز كۆپتۇر ئامەتلەر،
بەخت بابىدا قۇر ئاچساڭ يېزىلمىش قىسمىتىڭ باشقا.



« قۇتادغۇ بىلىك غەزىنىسى»
«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»
«غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى »
«فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى»
«ئۇيغۇر مۇقام غەزىنىسى»
«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»

قاتارلىق كىتابلىرنى سېتىۋالغان . بىلىم سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن چۈشىنەلىگىم ئىنتايىن ئاز.

ئويۇنىمىزغا« چىدىماسلار » نى قوشمايمىز

مەنبە:  باياتىن كىر-قاتلارنى رەتلەۋېتىپ ئويلاپ تاپتىم.

tunji 2011-02-14 06:30
نەقىل
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن . بەزىلەر بۇئالىمنى ئۇيغۇرلانىڭ زىيالىلىرىنىڭ كاللىسىدىن 50يىل ئىلگىرى كەتكەن دەيدىغان گەپلەر بار . مەن تاھازىرغىچە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسىەرلىرىگە بىرەر تەتقىقاتچىنىڭ ياكى ئوبزورچىنىڭ ،ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدىكى خاتالىقلار دەپ ماقالە يازغانلىقىنى كۆرمىدىم.


كۆرمىگەن بولسىڭىز مەن كۆرسىتىپ قوياي، لىكىن تەھلىل قىلىشقا سەۋىيىڭىز يىتەمدۇ؟
ئاۋۋال ئوكيان قامۇستىكى بۇ ماقالىنى ئوقۇڭ.

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتتىكى ئۈچ خىل قىممەت

ئاندىن تۆۋەندىكى بۇ ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇڭ

ئۇيغۇرلار قانداق مىللەت؟
ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟
- "ئۇچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت" كە باھا
مەرھۇم ئا. مۇھەممەدئىمىن ئۇيغۇردا ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى ۋە نوپۇزلۇق شەخس. ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىلىملەر نوقتىسىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ھوسۇللۇق ئەسەرلىرى دىققەتكە سازاۋەردۇر. مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن تېلۋىزور ۋە مەتبئاتلاردا كۆپ تەشۋىق قىلىندى. ئەسەرلىرى توختاۋسىز نەشىر قىلىندى. نەتىجىدە ئالىم ھاياتىدا نائىل بولمىغان نوپۇزغا ئېرشىتى. مەن بۇ يازمىدا مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرنىڭ "مىللەتلىك دەرىجىسى" نى بېكىتكەن، " ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتتىكى ئۈچ خىل قىممەت" ماۋزۇلۇق ماقالىسىغا باھا بېرىپ ئۆتىمەن. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەپ، بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى دەرىجىسىنى بېكىتىپ چىققان، توردا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ ماقالە نۇتۇقلىرىدا نەقىل قىلىنغان(ئە. سىدىق)، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە باھا بېرىشنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقدىندۇر.

ئاپتۇر ماقالىسىنى "مىلەتلەرنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە "پال" ئاچىدىغان مىزان – ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىدۇر دەپ باشلايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى ماقالىدە ئۇنېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ نېمىلىكى، قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى، نېمىشقا مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىگە "پال" ئاچالايدىغانلىقى ھەققىدە ھىچ نېمە دېمەيدۇ. پەقەت " بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس، ھازىرقى ئائىلە-جەمىيەت-مىللەت ئەھۋالى، مەنىۋىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتىي سۈپەت ئىقتىدارىنى، رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى – قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى..." دېگەن بايانلىرىدىن، بىر مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ئائىلە-جەمئىيەت ئەھۋالى، مەنىۋىي-ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنىڭ ھاياتى سۈپەت ئىقتىدارى، رىقابەت ئىقتدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. ھالبۇكى بۇ بايانلار بىزگە ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى ھەققىدە رۇشەن چۈشەنچە بېرەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ يەردە تىلغا ئالىنغان "ئىقتىدار ھالىتى، سۈپەت ئىقتىدارى، ئىجادىيەت كۈچى" دېگەن ئۇقۇملارنىڭ زادى نېمىنى كۆرستىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارىنى بەلگىلەشتە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن باشقىسى ئەمەس ئاشۇلارلا شۇنداق رول ئوينايدىغانلىقى يورۇتۇلمىغان. مەنچە ماقالەنىڭ كىرىش قىسمى مۇنداق يېزىلسا بولاتتى. 1. ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى دېگەن نېمە؟ ئۇ مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىشتا قانداق رول ئوينايدۇ؟ ئۇيغۇرلارنى بۇ ئۆلچەمدە باھالىغاندا قانداق نەتىجە چىقىشى مۇمكىن؟ دۇنيادىكى قايسى مىللەتلەر بۇ خىل ئۆلچەم بويىچە باھالانغان، نەتىجىسى قانداق بولغان، ئۇيغۇرنى بۇ ئۆلچەمدە باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ دېمەك، ئاپتۇر ماقالىنىڭ بېشىدا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئوچۇقلاش، پەرەز قىلىش باسقۇچلىرىنى تاماملىمىغان.
ئاپتۇر ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ. "ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە-كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسىي مىللەت»تىن ئىبارەت." بۇ بۆلەكتىكى چاتاق كىرىش بۆلىكىدىكى مۇجىمەللىكنىڭ داۋامىدۇر. ئوخشۇتۇش بىلەن كۆنكىرىتلاشتۇرساق، ئاپتۇرتارازىنى ۋە تارازىنىڭ چىكىتلىرىنى بىزگە كۆرسەتمەي تۇرۇپ «يۈك» نى تارتىشقا باشلايدۇ.

مەن ئاپتۇرنىڭ مىللەتلەرنى ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئىقتىدارى بويىچە ئايرىش نەزەرىيەسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدەندىم، نەتىجىدە بۇنداق بىر نەزەرىيەنى تاپالمىدىم. ناۋادا ئاپتۇرنىڭ يازغانلىرى ئۆزىنىڭ تەلىماتى بولسا بۇنى ئىسپاتلىشى كېرەل ئېدى، لېكىن ماقالىدە ئىسپاتلاش جەريانى يوق ئىكەن. ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاپتۇر تىلغا ئالغان ئۇقۇملاردىن سىياسىي مىللەت(دۆلەت تەۋەلىكى) دېگەن ئوقۇم بىلەن ئېتنىك مىللەت(مەدەنىيەت تەۋەلىكى) دېگەن ئۇقۇمنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. بۇنى يەشسەك، جوڭگۇ توپرىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنى جوڭخۇئا مىللىتى دېسەك ( خەنزۇچىدا ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق دېيىلىپ كەلگەن، بۇرۇن پەقەت تەرجىمانلار بۇ سۆزنى كۆپلۈك مەنىسىدە جوڭخۇئا مىللەتلىرى دەپ تەرجىمە قىلغان، ئەمما 2009-يىلدىن كېيىن بۇ تەرجىمە ئۆزگەردى. بۇرۇن ئۇيغۇرلار جوڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا كېيىن جوڭخۇئا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ تەرجىمە قىلىنماقتا. ئالدىنقى تەرجىمىدە ئۇيغۇرلار جوڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىرى، دېمەك يەنىلا ئايرىم مىللەت، كېيىنكى تەرجىمىدە مىللەتنىڭ بىرى يەنى جوڭخۇئا مىللىتى، خەنزۇچە ئەسلى مەنە كېيىنكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلى خەنزۇچە مەنىنى تەرجىمانلار "جوڭخۇئا مىللىتى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش"، "تۆت تونۇش تەربىيىسى" قاتارلىقلاردىن كېيىن ئاڭقارغان بولۇشى مۇمكىن)، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مىللەت ئۇقۇمى سىياسىي مىللەتنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئەجدادى، تىلى، مەدەنىيىتى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر قايسى دۆلەتتە ياشىغان بولسا شۇ دۆلەت بېكىتكەن مىللەتكە تەۋە بولۇش، سىياسىي مىللەتكە تەۋە بولۇش دېگەنلىكتۇر. سىياسىي مىللەتتە تەكىتلىنىدىغىنى پۇقرانىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى ئەمەس دۆلەت تەۋەلىكى (Seton Watson). ئېتنىك مىللەت ئۇقۇمىغا كەلسەك بۇنىڭدا تەكىتلىندىغىنى كىشىنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى ( تىل، تارىخ، ئەجداد، مىللىي خاراكتىر، مىللىي ئاڭ ئورتاقلىقى ئاساساسىدىكى گەۋدە)، دۆلەت تەۋەلىكى ئەمەس. دېمەك بۇ ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دېگىنىمىزدە ئېتنىك مىللەت بولغان بولىمىز. جوڭخۇئا مىللىتى دېگىنىمىزدە سىياسي مىللەت بولغان بولىمىز. ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىدە سىياسىي مىللەت، ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ئېتنىك مىللەت. جوڭگۇدىكى خەنزۇلار ئۆزىنىڭ ھەم ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ھەم سىياسىي مىللەت ھەم ئىتنىك مىللەت. ئۇلار ئۈچۈن سىياسىي مىللەت بىلەن ئېتنىك مىللەت بىر ئۇقۇم. ئەمما مالايسىيادىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى خەنزۇلارنىڭ ئېتنىك مىللەت ۋە سىياسىي مىللەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە يېقىنلىشىدۇ. خەنزۇ زىيالىلىرى خېلى بۇرۇنلار بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن بولسىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلمىگەن ئېدى. 2009- يىلدىن كېيىن مىللەتلەرنىڭ بۇنداق ئايرىلىشى گەۋدەلەندۈرۈلۈشكە باشلىدى. (مەن "چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرۈر" دېگەن تېمامدا مۇشۇنىڭغا يانداش مەسىلىلەرنى دەپ ئۆتتۈم).
ئاپتۇرنىڭ "ئىجتىمائى مىللەت" دېگەن ئۇقۇمنى نەدىن تاپقانلىقىنى بىلمىدىم. ماقالىدە بىرمۇ نەقىل يوق. مەنچە ئاپتۇر "ئتنولوگىيلىك مىللەت" دېگەننى ماقالىسىدە تىلغا ئالغاندەك "تەبىئى مىللەت" دەپ چۈشەنگەن بولغاچقا مەزكۇر سۆزنىڭ زىت سۆزى بولغان ئىجتىمائىي مىللەت دېگەن ئۇقۇمنى ياساپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. مەلۇمكى، ئا. مۇھەممەدئىمىن ماركىسىزىمچى زىيالى. ماركىس "ئادەم بارلىق ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى" دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئاپتۇر ئۇيغۇرلارنى تەبىئىي مىللەت (ئىتنولوگىيەلىك مىللەت) دەپ قارىسا ماركىسىزىمغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغانىكەن، ئىنسانلار توپى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ تەبىئىي مىللەت ئەمەس ئىجتىمائىي مىللەت بولغان بولىدۇ.

ئاپتۇر ئىجتىمائىي مىللەت بىلەن تەبىئىي مىللەتنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ، " ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەن’ ئەنىۋىي مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۈچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت". ئاپتۇرنىڭ بۇ يەردىكى ئۇنۋېرىسال رىقابەت ئۇقۇمى ھەققىدىكى قارىشى باشتىكى قارىشىدىن پەرقلىنىدۇ. ئاپتۇرنىڭ ئۇيغۇرنى ئىجتىمائىي مىللەت ئەمەس دېيىشتىكى ئاساسى "تۈركۈم ئېڭى، ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىز، مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ئاڭسىز"، لېكىن ھىچ قايسىغا پاكىت كۆرسەتمىگەن. بۇ يەردىكى تۈركۈم ئېڭى دېگەن گەپنى مىللىي ئاڭ دەپ چۈشەنسەك ئاپتۇرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئاجىز دېگىنىگە دەلىل تەلەپ قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئاپتۇر ھىچ دەلىلسىز شۇنداق دېگەن، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭى كۈچلۈك. مەن بۇنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دەلىللەيمەن. بىزدەكلا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە موڭغۇللاردا خەنزۇچە ئىسىم قويۇش كومىنىستىك ھاكىمىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئومۇملىشىقا باشلىغان. موڭغۇللاردىن جوڭگۇنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بولغان ۋۇلەنفۇ خەنزۇچە ئىسىم قويغان. مەن ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە موڭغۇللارغا دەر بەرگەن، موڭغۇلچە ئوقۇغان بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىچىدە 7،8 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى خەنزۇچە ئېدى. ئەمما ئۇيغۇردىن مەركەزدە ئەمەل تۇتقانلاردىن خەنزۇچە ئىسمى بار بىرسىمۇ يوق. باشقىسىنى قويۇپ مەدەنىيەت ئىزچىللىقىغا كەلسەك، مەدەنىيەتتىكى ئىزچىللىق ئەسلىدىلا كۆپىنچە ئاڭسىز داۋاملىشىدۇ. ھىچ قايسى مىللەت ئەزالىرى بىر يەرگە كېلىپ ئۇنى ئىزچىللاشتۇرايلى، بۇنى تاشلايلى دەپ مەسلەھەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن، ھىچقايسى ئۇيغۇر سوقا، جۇۋازدىن ئاڭلىق ۋاز كەچمىدى. زامان ئۆزگەرسە مەدەنىيەتتىكى بەزى ساھەلەردە ئىزچىللىق توختايدۇ.
ئاپتۇرنىڭ سىياسىي مىللەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمۇ دەلىلسىز گەپلەر بولۇپ تەپسىلى رەددىيە ئۈچۈن ئايرىم ماقالە يېزىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ يازمىمىزنىڭ مەقسىدى ئەمەس. قىزىقارلىق يېرى ئاپتۇر يەھۇدىلارنى سىياسىي مىللەت دېگەن. يەھۇدىلار ئەمەلىيەتتە ئاپتۇرنىڭ ئىتنولوگىيەلىك مىللەت ھەققىدىكى شەرتىگىمۇ توشمايدۇ. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇرجەكلىرىدىكى يەھۇدىلار شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى قوللىنىدۇ. تۈركىيەدە تۈركچە سۆزلەيدىغان يەھۇدى، ئۆزبەكىستاندا ئۆزبېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدى بار. ھەتتا يەھۇدىلارنىڭ ئىرقىمۇ بىر بىرگە ئوخشىمايدۇ، قارا تەنلىك يەھۇدى، ئاق تەنلىك يەھۇدى...ئەمەلىيەتتە يەھۇدىلارنى بىر مىللەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئامىل ئۇلارنىڭ دىنى ۋە شۇ دىنىغا باغلانغان مۇراسىملىرىدۇر. مەلۇم مەنىدە يەھۇدىلار بىر دىنى گورۇپپا، ئىقتىسادى گورۇھتۇر. ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى يوقالغان يەھۇدى تىلىنى ئۇلار دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۇلار ھەممە ئىشتا يات تىل قوللانغان بىلەن چۈشەنمىگەن تەقدىردىمۇ تەۋراتنى يەھۇدى تىلىدا ئوقۇشنى ئىزچىل داۋام قىلغانىكەن.

خۇلاسەم شۇكى، مەزكۇر ماقالە ياخشى نىيەتتە يېزىلغان لېكىن ئىلمىي يېزىلمىغان ماقالىدۇر. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مىللەتنى ئۈچكە ئايرىش ئۇسۇلىدا تەييار ئىلمىي ئۇقۇملار ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن، يوق ئۇقۇملار ياسالغان، دەلىللىرى يېتەرسىز، ھۆكۈملەر ئىسپاتسىز بولۇپ قالغان. ماقالىنىڭ خەتەرلىك يېرى بىلىپ بىلمەي مۇستەملىكىچىلكنىڭ قاپقىنىغا دەسسىگەنلىكىدۇر. ئاپتۇرنىڭ مىللەتنى ئۈچكە ئايرىپ ئۇيغۇرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە قويۇشى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مەنتىقىسىدۇر. مۇستەملىكىچىكنىڭ تەلىماتىچە مىللەتلەر بىر بىرىدىن ئىلغار قالاقلىقى بويىچە دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مۇستەملىكە قىلغۇچى مىىلەت ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە مەنسۇپ بولۇپ ئۇلارنىڭ مۇستەملىكە قىلالىشىنى ئۇلارنىڭ ئىلغارلىقى بەلگىلىگەن. مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت قالاق دەرىجىگە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستەملىكىك تەقدىرىگە رازى بولشى كېرەك. مۇستەملىكىچىلەر بۇ خىل تەربىيەنى ئاخبارات، مائارىپ قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن مۇستەملىكىلەنگۈچىگە سىڭدۈرۈپ ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بۇ خىل دەرىجە پەرقىنى تەبىئىلىك دەپ قوبۇل قىلىدىغان ئاڭنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھازىرقى دۇنيا مۇستەملىكىچىككە قارشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن دۆلەتلەرنى بىرىنجى دۇنيا ئەللىرى، ئىككىنجى دۇنيا ئەللىرى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى دەپ دەرىجىگە ئايرىشمۇ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدى. ھازىر دۇنيادا ئىنساننى ۋە ئىنسانلارنى ھەرقانداق سەۋەپتىن دەرىجىگە تۇرغۇزۇش مەدەنىيەتسىزلىكتۇر.
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن ھوسۇللۇق ئالىم، مىھنەتچان تەتقىقاتچى لېكىن ئۇنىڭ ھەممە قاراشلىرىنى ئويلاشمايلا قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى ھۆكۈملىرىگە ئويلانمايلا ئەگىشىشنىڭ تۇغرا ئەمەسلىكى يۇقۇرىدىكى بايانلىرىمىزدىن مەلۇمدۇر.

tantave 2011-02-14 23:47
نەقىل
- "ئۇچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت" كە باھا


يازغان ئىنكاسىڭىزنى كېچىكىپ ئوقۇپ قېلىپ تولىمۇ خىجىلمەن.
مەن بۇ تىمىنى ئىنتايىن ئۈمۈدسىز كەيپىياتتا يوللىغان ئىدىم.
لېكىن سزىنىڭ يوللىغان ئىنكاسىڭىز ،مېنىڭ بۇ تىمغا جان كىرگۈزۈپتۇ.
سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزنى بىرقانچە قېتىم ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن يەنەسزىگە
ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قوياي .

رەھمەت سىزگە
  

imtihan399 2011-02-15 00:39
مەن ئوقۇغان كىتاپلار:
1. جاللات خېنىم
2.مىڭ بىر كېچە
3.ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
4.داغ
5.يۇلتۇزلۇق تۈنلەر
6.ئەكبەر ۋە ھۇمايۇن
7.بابۇرنامە
8.ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن
9.تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما
10.قۇتۇلۇش يولى
11. بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار
12.يۈسۈپ-زۇلەيخا
13.ئىز
14.ئويغانغان زېمىن
15.ئاتا
16.كۆپۈك
17.جىنايەت ۋە نەپرەت
18. چالىغۇشى
19.چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلۇتى
20. ئانا يۇرت
21. ئىران خەلق چۆچەكلىرى
22.ئەرەب خەلق چۆچەكلىرى
23.ھىندى ھىكايىلىرى
24.قۇم باسقان شەھەر
25. يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا
26.رامىزاننىڭ 17سى
27.پەرغانە قىزى
28.ئۇلۇغبەگ غەزىنىسى
29.بەختسىز سەئىدىيە
  ......ۋە باشقىلار
   مەن پەقەت ئوقۇغان كىتاپلىرىمنى يوللاش بىلەنلا تاماملاي.

مۇبارەك 2011-02-15 21:21
تۇنجى بولۇپ ئوقۇغان كىتابىم ـــ باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىق چاغلىرىدا ھەدەم سوۋغا قىلغان «قوڭغۇراق ئاۋازى» بولسا كېرەك. بەك تەسىرلىك ۋەقەلەر بار ئىدى ئىچىدە...

ئېسىمنى بىلسەم كىتاب جازىسىدا شۇنداق كۆپ كىتاب ۋە ژۇرناللار بولىدىغان. شۇلارغا قاراپ يۈرۈپ تەبىئىيلا كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بولۇپ قاپتىمەن.

يېڭى ئۆيگە كۆچكەندە، ئۆزۈمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىتاب جازىسى قىلدۇردۇم ئالاھىدە دەپ يۈرۈپ. ئاشۇ بۇرۇندىن يىغقان، ئوقۇغان، ساقلىغان كىتاب، ژۇرناللارنىڭ ھەممىنى يىغىپ شۇنىڭ ئۈستىگە تىزىپ قوياتتىم. بىراق ھەر تەتىلدە كەلسەم بىرەسى كام يا ئازراق مەينەت بولۇپ، بۇزۇلۇپ كەتكەن چىقىدۇ. بۇ قېتىممۇ جالالىدىن بەھرامنىڭ «ئامەت ۋە ئاپەت» ناملىق كىتابىنىڭ 2-قىسمىنىڭ قىرى شۇنداق سەت يىرتىلىپ كېتىپتۇ... ‹ باشقىلار سوراپ تۇرىۋالسا، بەرمەي دېسەم تېخى...› دەپ قويدى ئاپام. قۇلۇپ سېلىپ، ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىپ كېتىمەن، دەپ قويدۇم چاقچاق ئارىلاش.

باشقىلاردىن كىتاب ئارىيەت ئالغانلارنىڭ شۇ كىتابنى ئاسرىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىمەن. ماۋۇ تېمىنىڭ مەزمۇنى نوچى قويۇلۇپتۇ، قوشاق ھەم ئاخىرى چىقمايدىغان تالاش-تارتىشلارغا چۈشۈپ كەتكەنلەر ماۋۇ يەرگە كېلىڭلارچۇ! كىتابنى سۆيىدىغانلار ئاداش-ئاداش بولايلى...

tiwip 2011-02-15 21:56
   ھازىرقى دەۋرىمىزدە ، جالالىدىن بەھرامنىڭ "ئامەت ۋە ئاپەت"  ناملىق كىتابى ئەڭ بازارلىق بولسا كىرەك . ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرقىتىمدىن ئوقۇپ چىقىشىغا تەۋسىيە قىلىشقا بولىدۇ.
مەنمۇ ئۇدا ئىككى قىتىم ئوقۇدۇم .

arkiya 2011-02-16 18:50
ياخشى تېما ! بۇ تېما ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇغان ياخشى كىتاپلىرىنى بىر - بىرىمىزگە تەۋسىيە قىلساق بولغۇدەك...
مەنمۇ ئوقۇغان كىتاپلىرىمنى ئاپتورى ھەم تەسىر قىلغان بىر - ئىككى جۈملە ئۈزۈندىلىرى بىلەن قالدۇرۇپ قوياي:

1. لېيىغان بۇلاق (يەتتە قىسىم) __ جالالىدىن بەھرام
ئۈزۈندە :بىر تامچە سۇدىنمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئىشىق-سەۋدانىڭ ئۆزى ئاللاھ تەرىپىدىن بىزلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىلاھىي تۇيغۇ...شۇنداق ئىكەن ئاللاھ ھەرقاچان بىز بىلەن بىللە!
دۇنيادا ئەڭ تەس نەرسە پاك بولۇش، ھەممىمىزدىلا نۇقسان بار... ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ دۇنيا جەننەت، بىزلەر پەرىشتە بولۇپ كېتەر ئىدۇق ...

2.تۇنجى مۇھەببەت ___ نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى
ئۈزۈندە: ئادەملەرنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تەنھالىق ئىچىدە تەپەككۇر قىلىش، ئەمما ئادەملەرگە قانچە يېقىنلىشىمەن دېگەنسېرى ئۇلارنى چۈشىنىش شۇنچە قىيىنغا توختايدۇ.
ھەممە نەرسە چۈشكە ئوخشايدۇ، بىر قارىسا ھەسرەتلىك، بىر قارىسا شېرىن، لېكىن ھەممىسى تېزلا غايىپ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ ئالقىنىدا سىزىلغان بىر پارچە رەسىم خالاس!
بىر ئادەمنىڭ مۇھەببىتى ھەرگىزمۇ دوستلۇققا ئورۇن بوشىتىپ بېرەلمەيدۇ. قارىماققا ئۇ دوستلۇق دەپ ئاتالغان بىلەن يەنىلا مۇھەببەت پېتى قېلىۋېرىدۇ.

3.تەڭرىنىڭ ھۆكمى ___ ئاپتورى ئرسىمدە قالماپتۇ
ئۈزۈندە: تۇرمۇش - ئۇ ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرۈش مۇمكىن بولمىغان سېھىرلىك يول . مۇبادا سەن ئۇنىڭدا مېڭىشنى بىلسەڭ، ئۇ سېنى تىلىكىڭگە ۋە بەخت مەنزىلىڭگە يەتكۈزىشى، بىر قەدىمىڭ خاتا كەتسىلا سېنى پۇشايمان ۋە نادامەت چۆلىگە تاشلىشى مۇمكىن. سەن ھايات ياشاۋاتقان ئىكەنسەن، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى ساڭا تالىق بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
ئادەم كۈچ ۋە ئاجىزلىقنىڭ يۇغۇرۇلمىسى. شۇڭا ئۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئادەم، بەزىدە ئاجىزلىقى بىلەن ...
ئەقىل تۇلپارىنىڭ تىزگىنىنى ھېسىيات ۋەسۋەسىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان ئادەم، ھايات تەقدىرى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئادەم.

4.ھايات قايناملىرىدا ___ مەخمۇتجان ئىسلام
ئۈزۈندە: ئادەم ئۈچۈن ياشاش بىلەن ئۆلۈش ئوتتۇرسىدا قېلىشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك.
ئالتۇن سېرىق بولسىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى قارا قىلىپ قويالايدۇ.
ئائىلە دېگەن نېمە ؟ ئۇ جەننەت ھەم دوزاخ؛
ئائىلە چىن مۇھەببەت ئاساسىدا قۇرۇلسا، ئۇ جەننەت؛ ناۋادا زورلۇق بىلەن قۇرۇلسا، ئۇ دوزاخ؛

5.لالە ___ تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن
ئۈزۈندە: بۇ خۇدالىق ئالەم، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىر تاازىسىنىڭ تەڭشىكى خۇدانىڭ قولىدا.
پۇل ئادەملەرنى ئاچكۆز قىلىۋېتىدۇ، خەسىسلىك بولسا، ئادەملەرنى پەسكەش قىلىۋېتىدۇ.
نادان تۈلكىنىڭ قۇۋلۇقى ئۇنىڭ ھۇشيار، سەزگۈر كاللىسىنىڭ بولغانلىقىدا.

6.ئاخىرقى مەكتۇپ ___ ئەركىن سابىر
ئۈزۈندە: تۇرمۇش ئادەمنىڭ ھەممە نېمىسىنى خورىتىدۇ.
كىتاب ئوقۇش بىر ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش، كىتاب ئادەمنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنىنى موللاشتۇرىدۇ.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى __ ئۇ بىر دەھشەتلىك قارا بوران. بۇ بوران 1966- يىلى 5- ئايدا گۈركىرەپ چىقىشقا باشلىغان. ئۇ ئادەملەرنى ئۇچۇردى، يىقىتتى، ئۆزلىرىگە توپا- توزانلارنى تىقتى، كىشىلەرنىڭ ئېگىنىنى يىرتتى، قورساقلىرىنى ئاچ قويدى، يىلىكلىرىنى سىرقىراتتى. ھەممىدىن يامىنى مەدەنىيەت سېپىنى مالىمان قىلىۋەتتى.

7.ھايات شاماللىرى ___ سەمەت دۇگايلى
ئۈزۈندە: باشقىلارغا ئېچىنغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئېچىنىشلىق تەقدىرگە قالىدۇ.
ئەڭ گۈزەل پىكىر ئەڭ مۇشەققەتلىك ئەمەلىيەتنى بېشىدىن كەچۈرگەن كىشىدىلا پەيدا بولىدۇ. مۇشەققەت بازغىنى ئۇ پىكىرلەرنى ھەر تەرىزدە سوقىدۇ، يانجىيدۇ، تۈزلەيدۇ.
ھاياتلىق ئالىمىدە ئادەم بەزىدە ئۆزىگىمۇ دوست بولالمايدىغان ۋاقىتلار كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ، تولا چاغلاردا ئادەم ئۆزىگە ئۆزى دۈشمەنلىك قىلىپ ئۆتىدۇ ...

بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي ... تورداشلارنىڭمۇ بۇ تېمىغا ئاكتىپ ئاۋاز قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! مۇبارەك ، دېگەندەك بۇ تېمىدا ئاداش بولايلى ...

مۇبارەك 2011-02-16 22:42
ئەركىيە ئاداشقا رەھمەت.
مەن ئوماق بالىلار كىتابلىرىدىن يازاي ئاۋۋال:

«قوڭغۇراق ئاۋازى» ــ ئاپتورى ئېسىمدە قالماپتۇ. سىنىپقا ئەكىرىپ ساۋاقداشلىرىمغا ئوقۇپ بەرگەنتىم، ئۆگەي ئانىنىڭ بالىسىنى قانداق خارلىغان يەرلىرىنى ئوقۇپ شۇنداق يىغلاپ كەتكىنىم ئېسىمدە.

«يولۋاس براخمان ۋە بۆرە» ــ بۇ يەردىكى براخمان دېگەن گەپنى شۇ ۋاقىتتىكى كاللام بىلەن ئابدۇراخمان دەپلا چۈشۈنۈپ ئوقۇپتىكەنمەن، ۋاي يۈزۈم...

«كۈندە بىر ياخشى ھېكايە» ــ ئاپام بىر كۈندە بىرنىلا ئوقۇڭ دېسە، مەن نەچچىنى بىرلا ئوقۇپ سالاتتىم ئالدىراش.

«قىڭغىر ساقاللىق پادىشاھ» ــ بەك تاتلىق ھېكايىلەر بار ئىچىدە.
......

«ئويغانغان زېمىن»،«ئىز» ــ يارەببىم، بۇ نېمە دېگەن دەھشەت، نېمە دېگەن شۇملۇق، ياۋۇزلۇق! ئۇرۇش دېگەن شۇنداق نېمىمۇ؟ ئۇرۇش ئەسەبىيلىكى ئادەمنى شۇنداق ياۋۇز، قارا كۆڭۈل قىلىپ تاشلامدىغاندۇ؟ كاشكى بۇ ئادەملەر ئوتتىرىسىدا  ئەزەل ۋە ئەبەدىي دۈشمەنلىك بولسا؟ كاشكى ئۇرۇشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىرى يات ئەلدىن ئىككىنچى تەرەپنىڭ ۋەتىنىگە باستۇرۇپ كىرگەن تاجاۋۇزچىلار بولسا نېمە دەي! ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ھەتتا بىر كارىزنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ۋەتەنداشلار، يۇرتداشلار، ھەتتا قەبىلىسى بىر پەيغەمبىرى بىر دىنداشلار ئىدى...

«ئېلى دولقۇنلىرى» ــ تۈن قانچىلىك قاراڭغۇلاشسا، يۇلتۇزلار شۇنچىلىك روشەنلىشىدۇ.

«ئىزدىنىش» ــ (بۇنى ئوقۇپ شۇنداق تىرىشچان بالا بولۇپ كەتكەنتىم ئۆزۈمچە)
«ئانا يۇرت» ــ ئېسىل رومان...
«يۇلتۇزلۇق تۈنلەر» ــ (مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتاب)
«ئامەت ۋە ئاپەت»،«كۆمۈرچى بالا»،«ناتىۋانلار»،«مېھرىگىياھ»... ــ جالالىدىن بەھرام تاغىمىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن.
«جاللات خېنىم» ــ (مېنى يىغلاتقان كىتاب)
«باھادىرنامە» ــ ئوقۇۋاتىمەن...
«مەمەت ئاۋاق» ــ ئوقۇۋاتىمەن...
«ئۆچمەس ئىزلار» ــ (ئايشەم ئاپاشقا سالام بولسۇن)
«تۈندىكى چاقماق» ــ (سۈپۈرگە ئاخۇننىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدىغۇ، دەيمەن. بەك ئۇزۇن بوپتۇ ئوقۇغىلى...)
«ھايات شۇنداق» ــ
                                كۈندۈزنىڭ پېشىگە ئېسىلغان كېچە،
                                كۈنگەي ھەم تەسكەيلىك، ئوڭ-تەتۈر ئالەم!
                                تۇغۇلغان شۇ كۈندىن تاكى ئۆلگۈچە،
                                مىڭ ئۆلۈپ-تېرىلەر ھايات ۋە ئادەم.
                                شادلىققا مىنگەشكەن ھەسرەتلەر ھامان،
                                بەختكە ھەمراھدۇر ھەر مۈشكۈل قەدەم!

bashkant 2011-02-17 03:43
مېنىڭ داداممۇ، ئاناممۇ، ئۇستازىممۇ كىتاب بولغان...كىتاب ئارقىلىق ھاياتنى، موھەببەتنى، تۇرمۇشنى، ياشاشنى بىلگەن ھەم بىلىپ كېلىۋاتىمەن....ئىشقىلىپ خەت يېزىقلىق قەغەزلا بولىدىكەن قەيەردىلا ئۇچرىسا قولۇمغا ئېلىپ نىمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىغا سەپسالىمەن...
مەنچە بولغاندا، ياش يىگىت- قىزلار ئابدۇراخمان قاھار ئاكىنىڭ "ھايات سىرى" رومانىنى بىر مەرتەم ئوقۇپ ئاندىن موھەببەتلەشسە، يىگىتلىرىمىز "مەمەت ئاۋاق" ، ئەختەم ئۆمەرنىڭ "يىگانە ئارال"رومانلىرىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن ئوغۇل بالىلىقتىن سۆز ئاچسا ئىكەن....
"ئىز"، "ئويغانغان زىمىن"، "ئىلى دولقۇنلىرى"، "ئانا يۇرت" "سەئىدخان"، "بەختسىز سەئىدىيە"، "باھادىرنامە"، "تۈندىكى چاقماق" "ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە" "بەدۆلەت".... قاتارلىق تارىخى رومانلارنى ئوقۇپ تويمىغانلارغا كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ "قۇتادغۇ بىلىگ"، "زەپەرنامە"، "خەمسە"، "ئوغۇزنامە"...لىرىنىمۇ ئوقۇپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
"بۆرە ئانا" رومانى كىشى قەلبىنى ھەربىر قۇرىدا بىر قېتىم لەرزىگە سالىدۇ. "تەڭرىنىڭ ھۆكمى"نىڭ "ئاخىرى"نى ساقلاۋاتقىنىمغا خېلى يىللار بولدى.
رەھمەتلىك موتەپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۇكۇر موھەممەدئىمىننىڭ "ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى" ناملىق كىتابى مېنى مىللىتىمنى قايتىدىن تونۇشقا موشەررەپ قىلغان...
ساۋادلىق بولساقلا  كىتاب ئوقۇپ تۇرساق "دانىشىمەن"لەردىن بولالمىساقمۇ خارلىقتا قالمايمىز...

جىق گەپنى دىگۈم بارتى، تورداشلارنى زېرىكتۈرۈپ قويماي...

tunji 2011-02-19 23:34
مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمھالى
مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتى
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى
سوفىيەنىڭ دۇنياسى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنيىتى   ئىمىن تۇرسۇن
ئۇيغۇلاردا پەرزەنىت تەربىيىسى         يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق
ئىمان ۋە ھايات                            يۇسۇف قەرداۋى


مۇشۇنچىلىك يازاي...

jannatyoli 2011-02-20 19:23
مەنمۇ ئازراق يېزىپ باقاي :
قاينام ئۆركۈشى
يۈسۇپ -زىلەيخا
قىسسەسۇل ئەنبىيا
ئىزدىنىش
بالدۇر ئويغانغان ئادەم
رامىزاننىڭ ئونيەتتىسى
632-مەھبۇس
ھولمىسنىڭ دىلو رازۋېت قىلىشى
قۇرئاندىكى قىسسىلەر
ھەزرىتى ئائىشە
بەيتۇللانىڭ تارىخى
چالىقۇشى
قۇم باسقان شەھەر
ئۆكسۈش
سامان يولى
ئۇنتۇلغان كىشىلەر 
يادىمداقالغانلىرى مۇشۇنچىلىككەن .ژورناللاردىن ئوقۇغان ئەسەرلىرىممۇ ناھايىتى نۇرغۇن ئىدى .

娜紫拉 2011-08-09 19:38
نەقىل
بۇ 3قەۋەتتىكىimtihan399 يوللىغان 2011-02-15 00:39 غا قارتىلغان  :
مەن ئوقۇغان كىتاپلار:
1. جاللات خېنىم
2.مىڭ بىر كېچە
3.ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
4.داغ
.......

بۇلارغا قارىغاندا بەك بىلىملىك ئوخشايسىز...

imam 2011-08-10 12:04
1.قۇرئان
2.ئويغانغان زېمىن
3.ئىز
4.ئىدىقۇت يۇلتۇزلىرى
5.داغ
6.سىياسىنىڭ رەزىللىكى(ھەرقايسىڭلارغا تەۋسىيە قىلىمەن)
7.تارىخى ھەمىدى

oguzpuxti 2011-09-24 20:10
ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا .(ئاپتورنىڭ سەمىمى گەپ سۆزلىرىنى ئوقۇغاندا مىڭ مەرتىۋە باش لىڭشىتتىم ، كۆزۈمدىن نەچچە ئون رەت ياشمۇ ئەگىدى .ئىزدەش داۋاملاشماقتا . )

كۆيگەن دېڭىز .( ئاپتور نىمە دەۋاتىدۇ ؟ ھېس قىلىشىمچە بۇ كىتاب ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر مەزگىللىك دىل رەنجلىرىنىڭ يالدامىسىدۇر .)

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى ( ئوقۇڭ ، يەنە بىر ئوقۇڭ ، كىتابنىڭ ئىلمى ۋە بەدىئى قىممىتىنى شۇچاغدا ھېس قىلىسىز .)

كۆمۈرچى بالا ۋە ئەنجانباي ( بۇ كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرى باشقا -باشقا بولسىمۇ ئۆمرۈمدە مۇشۇ ئىككىلا كىتاب مىنى يىغلىۈۇدەك ھالغا كەلتۈرۈۋەتكەنىدى .)

كاككۇك قونغان تال ، كاككۇك قايتا سايرىغاندا ( بۇ ئىككى كىتاب قانچىلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆڭۈل بوستانىنى داۋالغۇتمىغان دەيسىز . كىچىككىنە بالىلارنىڭمۇ مۇھەببەتلەشتۇق دەپ ، مۇشۇ كىتابلارنى بىر -بىرىگە سوۋغات قىلىپ بىرىپ يۈرۈشكىنىنى كۆرگنىدىم .)

بىز ئىزدىگەن ئوت ( يوقاتتۇقمۇ بىر نەرسىمىزنى ،
تاپتۇقمۇ يا ، تاپساق ئۇ قېنى ؟
مىراسخورى بولالمىدۇق بىز
ئەڭگۈشتەرنىڭ قاچاندىن بىرى ؟

قۇياش سۈيۈش ئۈچۈن باشقىنى ،
بولۇش كېرەك ئۇئاۋۋال قۇياش .
بولمىسىچۇ ، ئەمەس بۇ مۇمكىن
بولغاندا ئۇ نۇرسىز قارا تاش  .

بىر رەھىمسىز ئىستىلاچىسەن
قوشۇن تارتقان ئۆزۈڭ ئۈستىگە .

....................................)

داغ _ ( مەن بۇ كىتابنىڭ بەزى بابلىرىنى ئون قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇغان )

ئۆمۈر مەنزىللىرى -
( جاھان باقى ئەمەس ، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان ،
مىسالدۇر رۇمى ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان ،
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھېساب كارۋان ،
ئۆتەر دۇنيا ، كىچەر دۇنيا ، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران ،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى .  

تىرىكتاپ قاغا قۇزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى ،
سەھەر گۈلشەنىدە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى .

كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار ،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى .

تىگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا ،
كى ، دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى .

قەسەمبىللا  تەمەيىم يوق بەھەيۋەت قەسرى زىننەتتىن ،
پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بىمىننەت بورىيا ياخشى .

مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا ،
بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ ۋاپا ياخشى .

بۇ كىتابتىن ئېسىمدە قالغانلىرىنى يازسام -يازسام تۈگىمىگۈدەك ، مۇشۇنچىلىك يازاي .

ئاداشلار كىتابنى مەن سىلەردىن جىق بىلىمەن . مەندىنمۇ جىق بىلىدىغانلار بارمۇيا ؟ ئۇنداقتا قېنى مەرھەممەت ، سورۇن مانا !!!

tohar 2011-09-24 22:40
1.تەۋارىخى مۇسقىيۇن
2.چىنگىزنامە
3.بوزقىر ئېمپىرىيىسى -چىنگىزخان
4.ماۋزىدۇڭنىڭ بەش پارچە پەلسەپە ئەسىرى
5.قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيا
6.مىللىي ئارمىينىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى
7.قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىلار
8.ئۇرۇش نەزەرىيىسى(جوڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيە نەشرىياتى،خەنزۇچە،3توم)
9.ھۆكۈمدارلار دەستۇرى
10.ئۆزلۈك ۋە كىملىك
11.بەختسىز سەئىدىيە
12.ئۇنتۇلماس مۇساپە
13.ئۆمۈر داستانى
14.ئۇيغۇرلاردا شامانىزىم
15.قىيامەت
16.ئېلى دولقۇنلىرى
17.تەركىزەئى ئەزىزان
18.سۇتۇق بۇغراخان
19.بابۇرنامە
20.تەڭرى قامچىسى -ئاتىللا
21.بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا
22.قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى
23.قۇداد غۇبىلىگ ۋە قانۇن
24.تارىخىي خاتىرلەر
25.خەننامە
26.ھۇدۇدۇئالەم
27.ئاق پاراخۇت
28.يىلتىز
29.پولات قانداق تاۋلاندى
30.ئانا(ماكسىم گوركىي)
31.مەمتىلى ئەپەندى
32.باياۋاندىكى گۈلخان
مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي.......


  

mutepekkur 2011-09-24 23:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن 20 نەچچە يىللىق ئۆمرۈمدە بىرەر پارچە روماننىمۇ  تولۇق ئوقۇپ باقمىدىم، ھىچقانداق رومان ئوقۇپ باقمىدىم دېسەممۇ بولىدۇ.  نىمىشقىكىن، رومان ئوقۇسا بەك كۆپ ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىمەن. دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى ئوقۇش ھاياتىمدا 2009- يىلى ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇپتىمەن.  بۇلتۇردىن بېرى تور بىلەن بولۇپ كېتىپ، 2009- يىلىدىكىدەك ئۇنچە كۆپ كىتاب ئوقۇمىدىم.
تۆۋەندە 2009- يىلى بىر يىل ئىچىدە ئوقۇپ چىققان كىتابلىرىمنى ئەسلەپ چىقماقچىمەن.  بۇ كىتابلارنىڭ  كۆپ قىسمىنى ئارىيەت ئالغان،  شۇڭا كىتابلارنى  ئارىيەت ئالغان ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزدىم.   بۇ تىزىملىككە 2009- يىلدىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى ئوقۇغان  كىتابلارنى  كىرگۈزمىدىم.

1. ھەزرىتى ئائىشە  ( سەييىد سۇلايمان نەدۋىي يازغان)
بۇ كىتابتا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان. پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، (خەلىپە ئوسماندىن كېيىن) ئائىشە ئانىمىزنىڭ سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ،  مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلغانلىقىدەك  ئىش ئىزلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

2. بۈگۈنكى زامان ئىسلام- ئەرەب پەلسەپىسى  (سەي دېگۈي يازغان)
بۇ كىتابتا جامالىدىن ئافغانىي قاتارلىق زامانىمىزدىكى ئىسلام مۇتەپەككۇر- پەيلاسوپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئىدىيىلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

3. سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى (م مۇستافا مۇھەممەد ئەمارە تۈزگەن،  مۇھەممەد سالىھ تەرجىمە قىلغان)
بۇ كىتابتا ئىمام بۇخارىي توپلىغان ھەدىسلەرنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئېسىللىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

4.مۇساپىرلار قاۋىقىدا (مەمىتىمىن ھوشۇر قاتارلىقلار يازغان)
بۇ كىتابقا بىر نەچچە پارچە ھېكايە كىرگۈزۈلگەن.  مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ  مۇساپىرلار قاۋىقىدا ناملىق ھېكايىسى ئاجايىپ قىزىقارلىق يېزىلغان.

5. يېڭى ئەسىر: مۇتەپەككۇرلار ساداسى ( شېللېر شىۋارتىز يازغان)

6. مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋىي تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى (سەيمىل خانتىڭتون يازغان،  ئابدۇرېھىم دۆلەت قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان)
بۇ كىتابنى مەن ئىنتايىن قىزىقىپ ئوقۇغان. دۇنيا ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىنغان ۋە كەلگۈسى دۇنيا ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئىنتايىن ئىلغار پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

7. سوۋغات ( رىزائۇددىن ئىبنى پەخىرىددىن قاتارلىقلار)
بۇ كىتابتا ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇرېھىم دۆلەت قاتارلىقلارنىڭ ئېسىل ماقالىلىرى ۋە رىزائۇددىن ئىبنى پەخرىددىننىڭ ئەدەپ ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن.  ھەقىقەتەن باشقىلارغا سوۋغا قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

8. غەربنىڭ تەپەككۇرى( مورتېر ئادلېر يازغان،  ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان)
بۇ كىتابقا ئابدۇقادىر جالالىدىن كىرىش سۆز يازغان بولۇپ، ئەگەر كىتابخانلارنىڭ بۇ كىتابقا بولغان قىزغىنلىقى ياخشى بولسا، " بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز" دېگەن ماۋزۇدا بىر كىتاب يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.  تورداشلارنىڭ بۇ كىتابقا بولغان قىزغىنلىقى ياخشى بولمىدىمۇ قانداق،  ئابدۇقادىر جالالىدىن  بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى تېخىچە يېزىپ چىقمىدى.

9.سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن يازغان)
بۇ كىتاب نەسىرىي شەكىلدە يېزىلغان بولۇپ، قىسقا - قىسقا  ئەسەرلەردىن تەركىب تاپقان. پەلسەپىۋىي ئىدىيىسى ئىنتايىن كۈچلۈك،  چۈشەنمەك بىر قەدەر قىيىن.

10. ئىبرەت، ئىبرەت، ئىبرەت ( يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق تۈزگەن)
بۇكىتابقا تارىختىكى داڭلىق پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئېسىل سۆزلىرى ۋە بىر قىسىم ئىبرەتلىك ۋەقەلەر كىرگۈزۈلگەن.

11.ھەدىس شەرىپتىن ئۈنچەمارجانلار
بۇ كىتاب 700 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئىنتايىن كۆپ ھەدىس كىرگۈزۈلگەن. ئاساسەن سەھىھۇلبۇخارى ۋە سەھىھۇلمۇسلىمدىن تاللانغان.

12.ئەرلەرگە 101 تەكلىپ: كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر ( نۇرمۇھەممەدئۆمەر ئۇچقۇن يازغان)
بۇ كىتابتا تۇرمۇشتا دائىم يولۇقىدىغان بىر قسىم مەسىلىلەر ئىنتايىن ياخشى يېشىپ بېرىلگەن. ئەرلەرگە نۇرغۇن جەھەتلەردىن  توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

13. كىشلىك مۇناسىۋەت ۋە ئەدەب- ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك سەھىھ ھەدىسلەر
بۇ كىتاب بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، ئەدەب- ئەخلاق دائىرىسىدىكى ھەدىسلەر توپلانغان.

14. مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلۇقىمىز ( ئابدۇرېھىم دۆلەت يازغان)
بۇ كىتابقا ئىنتايىن ئېسىل ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،  مەن ھازىرغا قەدەر ئوقۇپ باققان، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان كىتابلار ئىچىدىكى ماڭا ئەڭ يارىغان، مەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىتاب.  بۇ كىتابتا جەمئىيەتتىكى ناچار ئەھۋاللار ئىنتايىن ياخشى پاش قىلىنغان، شۇنداقلا  بۇنىڭ سەۋەبى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.  بۇ كىتابنى ئوقۇمىغانلارنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

15. ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى (مىسىرلىق ئەھمەدئەمىن يازغان)
بۇ كىتابتا ئاساسلىقى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋە ساھابىلەر دەۋرىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان.  بىر قىسىم ئايەتلەرنىڭ قانداق ۋاقىتتا چۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارمۇ بار.

16. ئىسلام دىنى ھەققىدە قىسسە (فاڭ سىيى تۈزگەن)
بۇ كىتاب  مېنىڭ كىتاب ئوقۇش تارىخمدىكى مېنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگەن، ئەڭ ساختا، ئەڭ ناچار، پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئىسلام دىنىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە بوھتان چاپلانغان، مۇسۇلمانلار ئىنتايىن مازاق قىلىنغان كىتاب.   بۇ كىتاپ ئىران تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سالمان راشىدنىڭ "شەيتان داشتانى" ناملىق كىتابىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ساختا بولۇشى مۇمكىن.  بۇ كىتابنى ئوقۇغان ھەر بىر مۇسۇلمان قاتتىق غەزەبلەنمەي تۇرالمايدۇ.

17. ئىسلامىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىدىيىسى (ليۇتيەنمىڭ تۈزگەن)
بۇ كىتابتا ئىسلام دىنىدىكى ئىقتىسادىي نىزاملار، ئىسلامىي پۇل- مۇئامىلە ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان.

18. ئىسلام دىنى ۋە دۇنيا سىياسىيسى (جېن جىجيۇ تۈزگەن)
بۇ كىتابتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان.  سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى سىياسىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنغان.

19. مۇقەددەس نەسىھەت ۋە ۋەسىيەتلەر (يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق تۈزگەن)
بۇ كىتابتا قۇرئان كەرىم، ھەدىس، قۇتادغۇبىلىك... قاتارلىق كىتابلاردىن قىستۇرمىلار بار بولۇپ، ئاشۇ كىتابلار ئاساسىي مەنبە قىلىپ يېزىپ چىقىلغان.

20. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما (مۇھەممەد سالىھ تۈزگەن)
بۇ كىتاب  بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكتە ئاۋۋال قۇرئان كەرىمدىكى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئايەتلەرنى بايان قىلىپ، ئاندىن شۇنىڭغا ماس ھەدىسلەرنى بايان قىلغان.  ئايەت ۋە ھىدىسلەرنىڭ ئەرەبچە يېزىقى بىلللە بېرىلگەن.  

21. ئىسلام مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەر
بۇ كىتابتا ئىسلام دىنىدىكى  ئىبادەتلەرنىڭ تۈرى ۋە شەكلى، ئادا قىلىش ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان.

22. خاۋكىڭ نۇتۇقلىرى (ستىفىن خاۋكىڭ)
ستىفىن خاۋكىڭ ئىسىملىك بۇ كىشى ئىككىنچى نيوتۇن دەپ ئاتالغان بولۇپ، نىيوتۇننىڭ خىزمەت ئورنى بولغان ئەنگىلىيە خان جەمەتى تەتقىقات ئورنىداماتىماتىكاپروففېسورى بولغان.  بۇ كىشى ياش ۋاقتىدىلا پالەچ بولۇپ قالغان بولۇپ، گەپ قىلالمايدۇ. قولى تۇتمايدۇ، پۇتى دەسسىمەيدۇ.  مۇشۇنداق ھالەتتىكى بىر ئادەم دۇنياغا داڭلىق ئالىم بولغان.

23. سىياسىينىڭ رەزىللىكى (لوئىس پروۋىل يازغان)
سىياسىي ساھەدىكى نەيرەڭۋازلىقلار ئېچىپ بېرىلگەن.

24. ساغلام تۇرمۇش يولى _ ئەجداتلار ئۈگۈتى
بۇ كىتابتا قىسقا قىسقاھېكايىلەر ۋەپەيلاسوپلارنىڭ ھېكمەتللىك سۆزلىرى يېزىلغان.

25. جاھان دېگەن يارالغان شۇنداق (مۇھەممەتجان راشىدىن)
بۇ كىتاپقا مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ ئىنتايىن ئېسىل شىئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

26. ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى ( ستىفىن خاۋكىڭ)
بۇ كىتاپتا نەزەرىيە فىزىكىسىدىكى بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرى بايان قىلىنغان،  بەك مۇرەككەپ.

27.  ھىدايەت گۈلزارى 1- قىسىم
بۇ كىتابقا 10 يىللىق جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىدىكى ئېسىل ماقالىلار تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

28.  ھىدايەت گۈلزارى 2- قىسىم
بۇ كىتابقا  جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىدىكى ئېسىل ماقالىلار تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

29. ئىس تۈتەكتىن چىقىش (پەن جىپىڭ تۈزگەن)
بۇ كىتابتا 2003- يىلىدىن ئىبارەت بىر يىل ئىچىدىكى شىنجاڭ ئىچى ۋە شىنجاڭ ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن سىياسى ۋەقەلەر ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ چارىلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

30. ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس ( توختى باقى ئارتىشى)
بۇ تەرجىمە كىتاب بولۇپ، ئاساسلىقى فىلەتونلار ژۇرنىلىدىكى ئەسەرلەردىن تەركىب تاپقان.

31. شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ (نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)
بۇ كىتابقا مۇھەممەدسالىھنىڭ قىزى بولغان نەزىرە خانىمنىڭ ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن،  ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار تونۇشتۇرۇلغان.

32. پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر ( ئادىل تۇنىياز)
بۇ كىتابقا نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ يولدىشى، مۇنەۋۋەر شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەرەب دىيارىدا ياشىغان چاغدىكى يازغان تەسىرات خارەكتىردىكى ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.  

33. ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى (ئابدۇۋاقى ھاجىم)
بۇ كىتابتا غەرىبلىكلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا ئېلىپ بارغان سەلىپچىلىك ئۇرۇشلىرى بايان قىلىنغان.

34. ئاشىق رىۋايىتى (ئەزىزى)
بۇكىتابقا شائىر ئەزىزىنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

35. ھىدايەت نۇرى (ئەزىزى)
بۇ كىتابقا ئەزىزىنىڭ بىر قىسىم تاللانما ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.

36. ئەدەب- ئەخلاق مىزانلىرى (رىزائۇددىن ئىبنى پەخىرىددىن)

37. بۈركۈت سايىسى (مارك ھېرتىسگارد، ئامېرىكا)
بۇ كىتابتا ئامرىكا مەركەز قىلىنغان، كىتاب ماۋزۇسىدىكى بۈركۈت بولسا ئامرىكىدۇر.  ئافرىقا ۋە ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئامرىكىغا ئۆچ بولۇش، شۇنداقلا ئامرىكىغا قىزىقىش كەيپىياتىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ئانالىز قىلىنغان.  

38. بويتاق ئاشىقنىڭ مەخپىيىتى (ئادىل تۇنىياز)
بۇ كىتابقا ئادىل تۇنىيازنىڭ توي قىلىشتىن ئىلگىرى (1998- يىلدىن ئىلگىرى بولۇشى مۇمكىن) يازغان شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

39. چۈمبەلدىكى كۆز (ئادىل تۇنىياز)
بۇ كىتابقا ئادىل تۇنىيازنىڭ بىر قىسىم  شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

40. ھايات دېگەن مانا شۇ (مۇھەممەدجان راشىدىن)
بۇ كىتابقا  مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ بىر تۈركۈم ئېسىل شىئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

41. سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر (ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن)
بۇ كىتابقا ئۇيغۇرچە  بىر قىسىم ئېسىل كىتابلاردىكى ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە سۆز جۈملىلەر كىرگۈزۈلگەن. كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بايان قىلىنغان.

42. كارل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى (كارل ۋېتىر)
بۇ كىتابتا مۇۋاپپىقىيەتلىك پەرزەنت تەربىيىلەش ئۇسۇلى بايان قىلىنغان بولۇپ، دىنىي ئەقىدەبويىچە تەربىيىلەشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان.  گەرچە بۇ كىتابتىكىسى خىرىستىيان دىنى بولسىمۇ، ئەمما، بىر قىسىم تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىدىن ئۈلگە ئېلىشقا بولۇشى مۇمكىن.

43. مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ ھاياتى (مۇھەممەد ھۈسەيىن ھەيكەل)

44. ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى (ئابدۇقادىر جالالىدىن)

45. كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى (خېلىن كېللىر)
بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرىنىڭ كۆزى كۆرمەيدىكەن، قۇلىقى ئاڭلىمايدىكەن، ئېغىزى سۆزلىيەلمەيدىكەن (گاس، گاچا ھەم ئەما ئىكەن). مۇشۇنداقتۇرۇپ يەنە ساۋادىنى چىقارغان. كىتاب يازغان.

46. ھازىرقى زاماندىكى ئىسلامىزىم (ئابدۇللاجان كېرەم تەرجىمە قىلغان)

47. مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ تەرجىمھالى(مۇھەممەد خۇرەزى)
مەن بۇ كىتابنى كەم دېگەندە 4-5  قېتىم ئوقۇپ بولدۇم.  بۇ كىتابنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.  بۇ ئىنتايىن ئېسىل كىتاب.

48. خەلقئارادىكى ئىسلام دولقۇنى (شياۋ شيەن يازغان، ئابدۇللاجان كېرەم تەرجىمە قىلغان)
بۇ كىتابنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.  بەزىدە ئويلاپ قالىمەن: ئەگەر بىز ئۆز دىنىمىزنى بەزىبىر يات دىندىكى ئادەملەر چۈشەنگەنچىلىك چۈشەنگەن بولساق،  ئەھۋالىمىز باشقىچە بولار ئىدى.

49. ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا ( ئابدۇقادىر جالالىدىن)

50. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
يۇقارقى ئوقۇغان كىتابلىرىم ئىچىدە  مەن  ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى يەنىلا  قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى.

2009- يىلى ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن ئارىيەت ئېلىش خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغانلىرى يۇقارقىلار. ( دەلمۇدەل 50 بوپتۇغۇ)

قۇرئاندىكى بىرىنچى ئايەت <ئوقۇغىن> دۇر.   ئوقۇغان چېغىمىزدا توغرا خاتانى، ياخشى- ياماننى، پايدا- زىياننى ئايرىپ ئوقۇيلى.
تورداشلىرىمىزنىڭ قۇرۇق، ئەھمىيەتسىز... مۇھاببەت  ۋەقەلىكلىرى سۆزلىنىدىغان ، تۇرمۇشتىكلى ئۇششاق پاراڭلار بىلەن تولغان رومانلارنى ئوقۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقىنى،  ئەمەلىي نەپ تېگىدىغان، ئادەمنى تەپەككۇرغا يېتەكلەيدىغان، ئەقىلنى ئاچىدىغان كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  
كىتاب_ بىلىم بۇلىقى، بىلىم ئەقىل چىرىغى!

jiuxing 2011-09-24 23:34
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئېلىپبە كىتابىدىن باشلاپ.... قولۇمغا چىققانلىكى كىتاپنى ۋە تورداشلىرىم ھازىر يازغان تېمىغىچە ئاساسى جەھەتتىن ئوقۇپ چىقتىم ...شۇڭا مۇشۇنچىلىكلا يازاي.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- كىتابنى مەن سەندىن جىق بىلىمەن(ئاداش بولايلى) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.046120 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us