رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ۋە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مۇنبەر ئاڭلىتىشى -> چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ۋە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

umidwar 2011-02-02 20:20

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2011- يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى يارقىن نۇقتا - دولان مەشرىپى ھەققىدە سابا ئانسانبىلى بىلەن سۆھبەت
 
 
يېقىملىق كۈيلىرى بىلەن كۆڭۈللەرنى رام قىلىدىغان سۆيۈملۈك ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2011- يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مەستانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئۇيغۇر تورداشلار بۇ ھەقتە بەس – مۇنازىرە قىلىشتى.
 
ئەلكۈيى تورىمىز تورداشلارنىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل ھالدا دىققەت قىلىپ، بۇ ئەل سۆيگەن ناخشىچىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ھەمدە تېخىمۇ يېقىن تۇرىشى ،شۇنداقلا ئابدۇللا  ئابدۇرېھىمغا ئۆزىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئىپادىلەۋاتقان تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فۇشىڭ يولىغا جايلاشقان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نومۇر ئېلىش زالىدا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان سابا ئانسامبىلىدىكىلەرنى تېلىفۇندا زىيارەت قىلدى. 
 
بىز بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋرىمىزنى بېرىشتىن بۇرۇن چاغانلىق سەنئەت كېچلىكى ھەققىدە ئاز – تولا مەلۇمات بېرىشنى توغرا تاپتۇق.
 
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، چاغانلىق پائالىيەتلەر ئىچىدە مەملىكەت ۋە خەلقئارادا نوپوزى ئەڭ چوڭ، تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ شۇنداقلا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېردىكى كېچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىدىكى نومۇرلار ناھايىتى سەرخىل بولۇپ، دۆلەت ئىچى، شياڭگاڭ – ئاۋمىن ئالاھىدە رايونىدىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ ئالقىشلانغان چولپانلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ نومۇر ئورۇندايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ چولپانلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە نوپۇزىغا باھا بېرىشتىكى كوزىر ئۆلچەملەرنىڭ بىرى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2011- يىللىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى 2011- يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى (كەچ)سائەت 6:00 دىن باشلاپ تۆت يېرىم سائەت داۋاملىشىدىكەن. بۇ  نۆۋەتلىك چاغانلىق كېچىلىكىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ CCTV-1、CCTV-4、CCTV-7、CCTV-NEWS、CCTV-E、CCTV-F、CCTV-高清 قاتارلىق يەتتە قانىلى بىۋاستە تارقىتىدىكەن.  شىنجاڭ ،چىڭخەي، جياڭسۇ، خۇبېي  سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك 10 نەچچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇلاپ تارقىتىدىكەن. دۆلەت ئىچى، شياڭگاڭ، ئاۋمىن ئالاھىدە رايونى ۋە چەتئەللەردىكى چاغان ئۆتكۈزىدىغان ۋە جۇڭگو مەدەنىيەتىگە قىزىقىدىغان پۈتۈن دۇنيادىكى تاماششىبىنلار نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان بۇ كېچىلىكتىن ھوزۇر ئالالايدىكەن.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2011- يىللىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىگە داڭلىق چولپانلاردىن سۇڭ زۇڭيىڭ، جاۋ بىنشەن، شياۋ شىنياڭ، سۈننەن، جو جيې لۈن، لىن جىلىڭ قاتارلىق نەچچە ئون سەنئەتكار نومۇر قاتناشتۇرغان. 
 
ئەلكۈيى تورىمىزنىڭ مۇخبىرى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىش جەريانىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئىشلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1- نومۇرلۇق زالىدا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان سابا ئانسامبىلى بىلەن ئالاقىلاشتى. تېلېفۇننى سابا ئانسامبىلىنىڭ دۇمباقچىسى مەردان قوبۇل قىلدى.
مۇخبىرىمىز مەرداننىڭ ئاۋازىدىن ناھايىتى ئالدىراش بىر كەيپىياتنى ھىس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تورداشلارغا نەق مەيدان تۇيغۇسى بېرىش ئۈچۈن ئالدىراپ تېلېفۇننى قويىۋەتمىدى. ئۇ مەردانغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ: ‹‹مەن ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرى، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ 2011- يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تەكىلىپ قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئەلكۈيى تورىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تورداشلار بۇ ئىشقا ناھايىتى دىققەت قىلىدى،خۇشال بولدى. ھەمدە بۇ توغرىلىق ئەلكۈيىدە بىر مەيدان بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى؛ بىز موشۇ ھەقتە تورداشلارغا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى ئويلاشقان ئىدۇق، شۇڭا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى بىزگە تەمىنلەپ بىرەلەرسىزمۇ؟›› دەپ سورىغاندىن كېيىن، مەردان ناھايىتى قىزغىن پوزىتسىيە بىلەن زىيارەتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سابا ئانسامبىلىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئەلكۈيى تورىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ زىيارەت  قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈسىنى ئاچقان ھامان ئەلكۈيى تورىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
مەرداننىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 2011- يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ‹‹دولان مەشرىپى›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ئۇسۇللۇق ناخشىنى ئورۇندايدىغان بولۇپ، ئۇسۇللۇق  ناخشىغا 20 نەچچە موزىكانت ۋە 80 نەچچە ئۇسۇلچى قاتنىشىدىكەن. دولان مەشرىپى تۆت يېرىم سائەت داۋاملىشىدىغان كېچىلىكتە 5- بولۇپ سەھنىگە چىقىدىكەن. مەردان مۇخبىرغا كېچىلىكىنى بىۋاستە تارقىتىش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ نۆۋەتتە، ناھايىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم باشچلىقىدىكى سەنئەتچىلەر 1- ئاينىڭ 13- كۈنى بېيجىڭغا بارغان بولۇپ، چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رەپتىس ۋە ھەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم يەنە مەملىكەتلىك تور باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى چوڭ تور بىكەتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2011- يىللىق باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كېچىلىكتە ‹شۇنداق بىر ماكان› دېگەن ناخشىنى ئورۇنداپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.
مۇخبىر مەرداندىن: ‹‹سىلەر تەكلىپ بىلەن بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن يېتىپ – قوپۇش، يىمەك – ئىچمەكتە قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى؟›› دەپ سورغاندا، مەردان ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نيۇجېي رايونىدىكى بىر ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، تاماق ئۈچۈن مەخسۇس مۇسۇلمان ئاشپەزلەرنىڭ مۇلازىمەت قىلغانلىقىنى، رەپتىس ۋاقتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، تاماققا بارالمىغان كۈنلىرى ئاشپەزلەرنىڭ شۇ يەرگە بېرىپ تاماق قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيىتتى.
سابا ئانسامبىلىدىكىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە جۇڭگودىكى كۆپ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر، زاڭزۇ، مۇڭغۇل، خۇيزۇ، جۇاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سەرخىل نومۇرلىرىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىپتۇ. بۇ قېتىمقىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تۇنجى قېتىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشى ئىكەن.
ئەلكۈيى تورىمىزنىڭ مۇخبىرى مەرداندىن: ‹‹مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى، ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە نومۇر قاتناشتۇرۇشى بىلەن بۇرۇنقىلىرى ئوتتۇرسىدا قانداق پەرق بار؟›› دەپ سورغاندا، مەردان مۇنداق دېدى: ‹‹بىرىنچىدىن، بۇرۇن قاتناشتۇرۇلغان نومۇرلار مۇستەقىل نومۇر سۈپىتىدە سەھنىگە چىقمىغان بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ چاتما ناخشىلىرى ئارىسىدا بېرىلگەن؛ ئىككىنچىدىن، بۇرۇن قاتناشتۇرۇلغان نومۇرلار تولۇق ئورۇندالماستىن، ئاساسىي بۆلىكىلا ئورۇندالغان؛ ئۈچۈنچىدىن بۇرۇن قاتناشتۇرۇلغان ناخشىلار خەنزۇچە ئېيتىلغان ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئورۇنلايدىغان ‹‹دولان مەشرىپى›› بىر جەھەتتىن مۇستەقىل نومۇر سۈپىتىدە سەھنىگە چىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن تولۇق ھەمدە ئانا تىلىمىز بىلەن ئورۇنلىنىدۇ››.
مۇخبىرنىڭ مەرداندىن ئىگىلىشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇرۇن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئېلان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى، كوكاكولانىڭ شىنجاڭدىكى شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرلىكتە سەنئەت كېچلىكى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پاراڭلاشقان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۈرۈمچىگە قايىتقاندىن كېيىن بۇ توغرىسىدا ئايرىم ئۇچۇر بېرىدىكەن. ئەگەر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى ياكى كوكاكولانىڭ شىنجاڭدىكى شىركىتى بىلەن ئوڭۇشلۇق ھەمكارلىشىش ئەمەلگە ئاشسا، 2- ئاي ياكى 3- ئاي ئەتراپىدا ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بىر تۈركۈم يېڭى ناخشىلىرى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىنكەن.
ئىگلىنىشچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بۇلتۇر ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، مېھرىبان ئانىسىنىڭ ۋاپات بولۇشى سەۋەبلىك بۇ پىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىكەن.
 ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق سەنئەتچىلەر ئەتە ئۈرۈمچىگە قايتىدىكەن.
 
بىز ئەلكۈيى تور -تېخنىكا شىركىتى، ئەلكۈيى تورى ۋە ئەلكۈيى تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىدە ئەڭ يوقىرى ماھارەت بىلەن نومۇر ئۇرۇنلىشىغا،ئىجادىي ھاياتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بۇلىشىغا،شۇنداقلا ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 2011-يىللىق ناخشا كېچىلىكىنىڭ تورداشلار بىلەن تېزراق يۈز كۆرىشىگە چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!





چاغانلىق سەنئەت كېچىلىككە قاتنىشىشقا بارغان چاغدىكى بىر قىسىم رەسىملەردىن تاللانما (رەسىملەر تولۇقلىنىۋاتىدۇ...)









 
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى


ئەسكەرتىش: تېمىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى ئەلكۈيى تورىغا تەۋە،قالايمىقان يۆتكەشكە بولمايدۇ!

tutem 2011-02-02 20:53
بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىدىن ئابدۇللانىڭ ناخشىسى،خەنزۇلارنىڭ ئىتوت ۋە ئېيتىشىشىنىلا كۆرۇپ قويسام كۇپايە بۇلار،دىدىم ئۆزەمگە.چاغاندا ساڭزا سىلىپ،ھېيتتا پوجاڭزا ئىتىپ يۇرۇشۇمنىڭ ئورنى ئەلۋەتتە يوق.

gilantir 2011-02-02 20:54
ئالامەت چىقىپتۇ جۇما، ئىشلىرىڭلار يۈرۈشلۈك بولسۇن!

tantana 2011-02-02 21:00
سەھنە ناھايتى چوڭ ھەم ئازادە، كۆركەم لاھىيلىنىپتۇ،ئۇيغۇرلار ئوينىغان ئۇسۇل ناھايتى رەتلىك چىقىپتۇ،ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇسۇلچىلارنى (ئوپىراتورنىڭ سەۋەنلىكىمۇ بىلمىدىم)بەك جىق سۈرەتكە ئېلىپ ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرىنىشىنى بەك ئاز تارتىپ قۇيۇپتۇ.سەھنىگە چىققاندىن كىيىن ئابدۇللا ئاكامنى بىر قېتىم كۆرۈپ ئۇنىڭدىن كىيىن ناخشىسىنى ئاڭلىغان بولساممۇ ئۆزىنىڭ ئىكرانغا يېقىن ئەكەلگەن سۆرىتىنى كۆرەلمىدىم،بىراق ئانا تىلىمىزدا جۇشقۇن ئۇرۇنلانغان مەشرەپ ناخشا - ئۇسۇلىدىن خوشال بولدۇم.ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنىڭ بۇ سەھنە ئارقىلىق تېخىمۇ يىراققا تارقالغانلىقىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمىدىم.

yahxilik 2011-02-02 21:13
كۈتۈش،ئىنتىزارلىق ئىچىدە تېلىۋىزور ئالدىدا قاراپ ئولتۇردۇم،تېخى بايىلا كۆردۈم ئابدۇللا ئاكىمىزنى نۇمۇرىنى،نەق مەيداندىكى تاماششابىنلارمۇ شۇنداق جۇشقۇن كەيپىياتتا زوق ئالدى نۇمۇردىن ،سەھنىدىكى ئۇسسۇلچى ھەم ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ كىيىنىشلىرىمۇ ھەقىقى مىللى پۇراقتا،شۇنداق ھاياجانلاندىم...مەملىكىتىمىزدىكى شۇنداق بىر چوڭ،نوپۇزلۇق سەھنىدە ئۆز ئاناتىلىمىزدا ئورۇنلانغان نۇمۇر كەمدىن كەمدۇر..ئابدۇللا ئاكىمىزغا بۇ پۇرسەت گەرچە كىچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ ھەممىمىزنى خۇرسەن قىلدى، ياشاڭ ئابدۇللا ئاكا!ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن،سىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرلىك سەنئەتكارى،خەلقنىڭ ياخشى ئوغلانىسىز...مەملىكەت ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە پارلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
سىز بېيجىڭغا كەلگەندىن كىيىن بىر ئەسرالىشىۋالارمەن دەپ ئويلىغان سىز بىلەن،پۇرسەت بولماي قالدى...خەير،دىدارلىشىشقا نىسىپ قىلار.



bayawan 2011-02-02 21:18
سۆيۈملۈك ئوغلانىمىز ئابدۇللانىڭ مەركىزىي سەھنىدە پارلىغان چولپان يۇلتۇز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

puhra 2011-02-02 21:31
بۇ مەركىزى تىلىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2011-يىلى باھار بايرىمىلىق سەنئەت كىچىلىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاجرىتىلغان 13مىنۇتتىن ئارتۇقراق ۋاقتنى ئىگەللىگەن نومۇر بولۇپ باشتا مۇڭغۇلچە، ئاندىن خۇيزۇچە، جۇاڭزۇچە نومۇر ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئابدۇللانىڭ نومۇرى چىقىدۇ.
بىۋاستە  ئابدۇللانىڭكىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز سىرىلما كۇنۇپكىنى 6مىنۇت 53سىكۇنتقا سىرىپ ئاپارسىڭىز بولىدۇ.

ئابدۇللا راسا قىزىتىۋەتتى سەھنىنى، بىراق ئۇ ئۇزۇن تۇماق كىيىپ ئارقىدىراق تۇرۇپ ناخشا ئۇقۇدى، سەھنىدىكى ئاساسى قەھرىمان يالغان ئاقساقاللىق مويسىپىت بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن.

gulvm 2011-02-02 22:04
بەك  جانلىق ، ياخشى چىقىپتۇ،  مەن  ھاياجان  بىلەن  مۇشۇ  نۇمۇرنىلا  كۆردۈم  !  

مۇبارەك 2011-02-02 23:50
ئويلىماپتىكەنمەن بۇ ناخشىنى تولۇقى بىلەن ئېيتىپ چىقىشىنى.
ئاۋۇ بۇرۇنلاردا بېرىلگەن تەشۋىقات رەسىملىرىگە قاراپ ئابدۇللانى كاستىيۇم-بورۇلكا كېيىپ چىقىدىغان چېغى، دەپ خىيال قىلغانتىم، لېكىن شۇنداق پەيزى مىللىيچە كېينىپتۇ.

مىللىيچە ناخشا - مۇزىكىلار تۈرىدىكى ئالدىدا بېرىلگەن نومۇرلاردا دېققەت قىلسا ئۇسسۇلچىلار بىلەن سەھنە تولدۇرۇشنى ئانچە ماسلاشتۇرالمىغاندەكلا، سەھنە چوڭ كېلىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. بىراق بىزنىڭ نومۇرىمىزدا مەيداننى شۇنداق ياخشى ماسلاشتۇرۇپتۇ، جىقلا ئادەم قاتنىشىپتۇ قاراپ باقسام.

سەھنە چوڭ، ئادەم كۆپ. بۇنداق شارائىت ئاستىدا ئوپىراتورنىڭ ھەربىر ئادەمگىچە تەپسىلىي ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭغا ۋاقت ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا ئابدۇللا بىلەن باشقا ئۇسسۇلچىلارنى كامىراغا چۈشۈرۈش پەرقى چوڭ بولمىغان. مەخسۇس(ئۇسسۇلى يوق) يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئېيتقۇچى ياكى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا ئالاھىدە نوپۇزى بار ناخشىچىلارنى (مەسىلەن: سۇڭ زۇيىڭ دېگەندەك) ئالاھىدە ئالىدۇ ئوپىراتورلارمۇ. «دولان مەشرىپى» ئۇسسۇلىغا دېققەت قىلساق ھەتتا ئادەم قايسى ئۇسسۇلچىلارنىڭ بارغانلىقىنىمۇ پەرق ئېتىپ بولالمايدىكەن دەماللىققا، بىرقىزنى مۇنداقلا جىق ئالغان چىراي، لېكىن ئۇقالمىدىم كىملىكىنى، ئىشقىلىپ ماھىرە ئەمەت ئەمەسكەن(ئامراقتىم). چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇل بولغاچقا ئاساسەن ئۇسسۇل شەكلىنى چوڭ كۆرۈنۈشتىن چىقىرىپ ئىپادىلەپ بېرىپتۇ. بۇ ئۇسسۇلنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى خېلى بارغۇ دەيمەن.

بۇرۇن مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، تىبەتلەرنىڭ نومۇرى بىزنىڭكىدىن بالدۇر چىقاتتى، ماۋۇ قېتىم كەينىدىن چىقىپتۇ.
يىغىنچاقلاپ كەلسەم، ئىشقىلىپ خېلى ھاياجانلاندىم بالدۇرقى يىللىرىدىكىدىن بەكرەك. باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئابدۇللانىڭ ناخشا ئېيتىشى مۇقەررەر ھالدا ئۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولغان پۇرسەت ھەم يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئىشلىرىغا خەيرلىك تىلەيمەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ.

tutem 2011-02-03 00:00
سەل قىسقا بۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.ئەمما بۇمۇ بىر ياخشى باشلىنىش.مىنى ئەڭ ئويلاندۇرغان ئىش-ئۇيغۇرنىڭ ساقال-سۇمباتلىق ئىكەنلىكىنى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە جاكارلىغىنى بۇلۇپ،ئۆزىمىزگە خاس بولغان مەدەنيەت،فولىكلور ئۆرۈپ-ئادەت ۋە كىيىنىش ئۇسوللېرىمىز بولدى.ئەرتىسلەرنىڭ كىينىشلېرىدىن ئېچكىرىدىكى بىر قىسىم كېندىكىنى ئىچىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان"قىزچاق'لار،ئېچكىرى كوچىلاردىكى يانچۇقچىلىق قىلۋاتقان ئايرىم ساندىكى پارازىت ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىق ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى بىلدۇرگىنى بولدى.ئۆزىمىدىكى تەبئىي بولغان بۇرۇت قۇيۇش،ساقالنى ئۆزىمىزگە يارىشا قۇيۇش ئۇسۇلىمىز سەھنىدىمۇ ئۆز جۇلاسىنى تىپىپتۇ.قىسقىسى،مەشرەپ ناملىق  بۇ ناخشىدا مىللى خاسلىق خېلى يارقىن ئىپادىلنىپتۇ.ئەمدىكى مەسلە؛رىئاللىقىمىزدىمۇ بۇرۇت-ساقال قويغانلار،ئەنئەنىمىز بۇيىچە ئۇزۇن كىيىم كىيگەن شەرمى-ھايالىق خانىم-قىزلېرىمىزغا مەركەزدىكى سەھنىگە ئوخشاش ئۆز تروتېرىيىمىزدىمۇ كەڭرى سەينا ئىچىلسا،دېڭ شاۋپېڭ ھەزرەت دىگەن ھەممە گۈللەر بەس-بەستە سايراش،ھەممە ئېقىم خاسلىقىنى گەۋدىلەندۇرۇش،دىگەن دانالارچە سۆزىگە بەكمۇ ئۇيغۇن بۇلاتتى.

tohuyurak 2011-02-03 00:04
بۇ يىل بىزدىن تۇيۇقسىزلا ئىككى مۈنەۋەر شەخس چىقتى. بىرى كاۋاپچى ئالىمجان ئاكاش، يەنە بىرى ناخشىچى ئابدۇللا ئاكاش. بىزنىڭ مۈنەۋەر ياشلىرىمىزغا سەھنە بەرگەن دانا-ئۇلۇغ پارتىيە- ھۆكۈمەتكە رەھمەت  ئېيتىمەن....

yalghuz 2011-02-03 00:06
مەن كىچىلىك  تۈگىگەندىن كىيىن ئالدىنقى تېمىدا ئۆزەمنىڭ  پىكىرىنى بايان قىلىدىغانلىقىمنى دېگەن ئىدىم.بۈگۈن بۇ كىچىلىكنىڭ ئۆتكۈزىلىشىنى ساقلاپ تۇرغىنىمغا(مەن ئابدۇللاغا دىققەت قىلىۋاتقان ئىدىم) چۇشلۇق قەلبىمنى بىرخىل خۇشاللىق قاپلىدى،ئابدۇللا ئابدۇرېھىمغا ئاۋۇ كىيگەن كىيىمۇ ھازىرغىچە كىيىپ چىققان كىيىملىرىدىنمۇ بەكرەك ياراشقاندەك بىلىندى.سەھنىگە ئۇيغۇرچە ئاۋازدا مەشرەپ توۋلاپ چىققان ھامان قەلبىمدە (ئابدۇللا كاستىيوم كىيىپ،ياكى خەنزۇچە تىلدا ناخشا ئۇقۇپ چىقارمىكىن دەپ ئويلىغان) بورۇن ئەكىس ئەتكەن ھەممە قاراشلار ئۆزگىچە يولدا باشقىدىن زاھىر بولدى.ئانا تىلىمىزدا بىر سەھنىگە  پۈتۈنلەي مىللىيچە كىيىنگەن ئوغلانلىرىمىزنىڭ چىقىپ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زىمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت مەدەنىيتىنى باشقىلارغا تۇنۇتىۋاتقانلىقىنى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ.
كىچىلىكنىڭ سەھنىسى باشقا نۇمۇرلاردا ئانچە ماس كەلمىگەن چىراي ھىس قىلىنغان ئىدى،بىزنىڭ ئادەملىرىمىز چىققاندىن كىيىن بۇ چوڭ سەھنە ھەمدە ئۇرۇنلاشتۇرۇش باشقىچە ياخشى بوپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم.ئابدۇللانىڭ بۇ مەشرەپكە قاتنىشىش ھىساپتا ئۇنىڭ سەھنە ھاياتىنى تېخىمۇ يوقىرى كۆتۈرىشى بىلەن بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى دەپ قارايمەن.ھارماڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ،ئامەتلەر سىزگە يار بولغاي! سەھنىدىكى مەغرۇر قىياپىتىڭىز،ئەمەلىي رىئاللىقتىكى ھەممەيلەن قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزغا مەڭگۈ كۆز تەگمىگەي.

ئەرك 2011-02-03 00:11

vmid219 2011-02-03 00:17
مەنمۇ بەك ھاياجانلاندىم. ئابدۇللا ئاكىمىز يېقىملىق كۈيلىرى بىلەن شۇنچە چوڭ سەھنىنى جانلاندۇرۋېتىپتۇ. ھېلىمۇ خېلى گەۋدىلىنىپتۇ. 80 نەچچە ئادەم ئوينىغان ئۇسسۇلدا شۇنچىلىك كۆرۈنگەندىكىن بولمىدىمۇ.
  ئابدۇللا ئاكا، بارلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى تىلەيمەن.

puhra 2011-02-03 00:31
ئالدىدىكى نومۇرلارنىڭ راست گەپ قىلغاندا ئانچە تايىنى يوقتەكلا قىلغان، ئابدۇللا بىرنەچچە قېرىنى باشلاپ ۋاقىراپلا چىقىۋىدى چاۋاك چېلىشىپ كەتتى پەستىكىلەر  
مىنىڭچە بۇ ئىچكىرىدىكىلەرگە نىسبەتەن شىنجاڭنىڭ ، ئۇيغۇرنىڭ ئىلانى بولدى دىيىشكە بولىدۇ، ئۆتكەندە ئالىم كاۋاپچى چىقىۋىدى ئۇنىڭغا شىنخۇا تورىدا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ كۈزۈمگە ياش كەلگەن، چۈنكى مەنمۇ ئىچكىرىدە تۇرىۋاتقان ئادەم، سىرتقا چىقساق قولىمىزنى يانچۈقىمىزدىن چىقارماي يۇرىمىز، ئوغرى دەپ قالمىسۇن دەپ قورقۇپ.
بىزدىن ئوغرى -يانچۇقچى، بالا سودىگىرى، ئاقچى، تىرۇرچىلارلا ئەمەس ئالىمدەك، ئابدۇللادەك سەھنىنى قىزىتقان ھېلىقى ئۇزۇن ساقاللاردەك كىشىلەرمۇ چىقىدىغانلىقىنى باشقىلارمۇ بىلسۇن!

aklaqin 2011-02-03 00:47
   باھار بايراملىق سەنئەت كىچىلىگىنى ھاياجان ئىچىدە كۆردۈم .  ئۆزىمىزنىڭ ئادىتى بۇيىچە مىللىچە كىيىم ،مىللى پۇراق شۇنچە جانلىق  نىمە دېگەن جۇلالىق كۆرنۈشلەر ؟
ئابدۇللا ياشاپ كىتىڭ !

taxway 2011-02-03 01:04
بەك ھاياجانلاندىم، نىمە دىگەن سەلتەنەتلىك  كۆرۈنۈش!  ياشا ئويغۇرۇم، ئۆزۈڭنى دۇنياغا تۇنۇت.

begana 2011-02-03 10:59
شۇ مىنۇتلاردا مەنمۇ شۇنداق ھاياجان ھىس قىلدىم .تالا ي ئۇيغۇرنىڭ قوللىشى قۇۋەتلىشى بىلەن ئابدۇللادەك ئوغلاننى بىقىپ يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن خەلقىمگە تەشەككۇر...
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرگە ئالدىراش مىنۇتلىرىدىمۇ ئەلنىڭ تەقەززاسىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ
ئۇچۇر بەرگەن مەردانغا ئاپىرىن .....
ئاخىرىدا ئەلكۈيىنىڭ مۇشۇ خەۋەر -ئۇچۇرلادىن تەمىن ئىتىپ كەلگەنلىكىدىن خۇرسەنمەن.

atikam1 2011-02-03 11:57
بۇ نومۇر ھەممىمىزنى ھاياجانغا سالدى ،،،مەنمۇ ئابدۇللانىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن سىەھنە  قايتىدىن جانلىنىپ كەتكەندەك تۇيغىغا كەپ قالدىم ،،،راستلا ئابدۇللاھدەك ئوغلانلارنىڭ  كۆپلەپ چىقىشى  مىللىتىمىزنىڭ پەخرى ،،،،ئاخىرىدا ئابدۇللاھنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئاسائىشلىق تىلەيمەن ،،،

tawuzkari 2011-02-03 12:53
بۇ قىتىمقى  چاغانلىق سەنئەت كىچىلىكى ئوبدان ئىشلىنىپتۇ،بىزنىڭكى نىمىشقا بۇنداق ئىشلەنمەيدۇ،ئويلاپ بىقىڭلار 4سائەتكەن،لىكىن بىزنىڭكىچۇ بىزگە پۇرسەت بەرمەمدۇ ياكى ئۇيغۇر كادىرلىرىمىز رىستۇران ئويناپ،بۇنىڭغا كۈڭىل بولمەمدۇ،.  ھە قاچان ئەرتىسلىرىمىز ئاغزىدا خەلق ئۈچۈن دەپ ،ئەمەلىيەتتە ئوزلىرى ئايرىم -ئايرىم لىنتا چىقىرىپ،پۇل تىپىشقا كىرىشىپكەتتى . بۇنىڭغا ۋاختى چ ىقمايدۇ،بىزنىڭ ھېيت -.ئايەملىرىمىزنى بايراملىرىمىزنى،ئويلاشمايدۇ، ئۇلار  بايراملىق سەنئەتكە چىقسا قولى كوپ ؛پۇل؛  كورمەيدۇ شۇنداقمۇ،ھازىر بىزنىڭ باللىرىمىز  ئەرتىسلىرىمىزدىن ئابدىكىرەم ئابلىزدىن باشقا ئەرتىسلىرىمىزنى بىلمەيدۇ  ھەتتا ناخشىلىرىنىمۇ بىلمەيدۇ،خەنزۇ ئارتىس ھەم ناخشا دىسە بەك ئۇستا، ھەممىنىڭ ئىسىملىرىنى بىلىدۇ،

tursunxayar 2011-02-03 12:57
بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قېتىملىق "ئىمزەك" بولۇپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ ئاخىر!

tawuzkari 2011-02-03 13:02
قۇربانلىق قوي ئولتۈرسە يەرنى بۇلغىسا ،چاغانلىىق پوجاڭزا ئاتسا. يەرنى  مەينەت قىلىپ ھاۋانى بۇلغىسا ھوكىمىتىمىز قانداق چارە قىلار ھە ئەمدى.            بىزگە ساپ ھاۋانى نەدىن ئەكىلىپ بىرە ھە،     

zulmat520 2011-02-03 13:04
پەچەت  چىقىپتۇ  جۇمۇ

uzra 2011-02-03 13:24
مەن بۇ نۇمۇرنى بەك ياقتۇرۇپ كۆردۈم. بەك مەردانەچىقىپتۇ.  

puhra 2011-02-03 13:35
قۇربان ھېيىتلىق نومۇرلارمۇ ياخشى ئىشلىنىشى كىرەك. گەرچە بەزى مىللى كادىرلىرىمىز كۈرۈپ چۈشەنمىسىمۇ  

srwaz 2011-02-03 14:54
ياشا ئابدۇللا

qiqek 2011-02-03 15:12
ئابدۇللانىڭ قىزى بىلەن ئىيتقان سەھرا دىگەن ناخشىسىنىڭ سۇرەتلىك فىلىمى بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلارياخىشى بولتتى ،مەن تىخى كۆرۇپ باقمىغان ............  

رىتا 2011-02-03 15:56
بۇ ئۇسۇل باشلىنىشى بىلەنلا  مەيدان شۇنداق جانلىنىپ كېتىپتۇ،شۇنداق ھاياجانلاندىم،ھېلىقى «ئاقساقال»لارنىڭ ساقىلى گەرچە يالغان بولسىمۇ ساقال -بۇرۇت قويۇشنىڭ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىمىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغىنى تولىمۇ ياخشى بوپتۇ ،بىزنىڭ مەكتەپتە بەزىلەر ساقال -بۇرۇت قويسا،دوپپا كەيسە،يەنە بەزىلەر قوپۇپ سەن نېمىشقا ساقال بۇرۇت قويىسەن؟ساقال بۇرۇت قويۇش دوپپا كېيىش دېگەن.........لەرنىڭ ئىشى ،سەن ..........لەرمىدىڭ دەپ جىق بىر ئىشلار چىكەتكەن بىزنىڭ مەكتەپتە.  

arslan 2011-02-03 16:27
مېنىڭچە، مۇشۇ ساقال-بۇرۇت دېگەن تازا ئېسىلىپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ، لېكىن مەنغۇ ناھايىتى خۇشۇم يوق مۇشۇ  ساقال-بۇرۇت بىلەن!

taranqi 2011-02-03 17:00
ئادەمنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدىكەن جۇما ....

qelem 2011-02-03 18:47
ھەقىقەتەن قەلبىمىزنى لەرزىگە سالدى


ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا،
ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.

tutem 2011-02-03 19:50
نەقىل
بۇ 28قەۋەتتىكىarslan يوللىغان 2011-02-03 16:27 غا قارتىلغان  :
مېنىڭچە، مۇشۇ ساقال-بۇرۇت دېگەن تازا ئېسىلىپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ، لېكىن مەنغۇ ناھايىتى خۇشۇم يوق مۇشۇ  ساقال-بۇرۇت بىلەن!

ئارىسلاننىڭ ئېكەڭ-يۈزلېىرى تۇخۇمدەك سىدامكەندە.

bozqir 2011-02-03 20:43
مەن ئىلگىرى پەقەت كۆرگۈم كەلمەيتتى بۇ چاغانلىق كېچىلىكنى،بۇ قېتىمقىسىنى مەخسۇس ئابدۇللا ئاكام ئۈچۈنلا كۆردۈم.ئەسلىدە بۇ كېچىلىكمۇ شۇنداق قىزىيدىكەنغۇ.ئەمما راۋرۇس قىزىتىدىغىنى يەنىلا بىز كەنمىز جۇما.

aklaqin 2011-02-03 23:25
نەقىل
بۇ 28قەۋەتتىكىarslan يوللىغان 2011-02-03 16:27 غا قارتىلغان  :
مېنىڭچە، مۇشۇ ساقال-بۇرۇت دېگەن تازا ئېسىلىپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ، لېكىن مەنغۇ ناھايىتى خۇشۇم يوق مۇشۇ  ساقال-بۇرۇت بىلەن!

ساقال بۇرۇت ،  ئويغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئالاھىدىلىگى .   ئەرلەر ياشانغاندا ساقال ، ياشلىقتا بۇرۇت قۇيۇۋالسا  سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ .  بىراق ھازىر بەزى ئەرلەر ساقال قۇيۇۋالسا << ئۆيدە مۇسىبەت بولدىمۇ >> دەپ سورايدىكەن ،

hiyallirim 2011-02-04 00:24
ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ . ئۇسۇل كۆرۈنىشلىرمۇ  شۇنچىلىك جانلىق ، رېتىملىق . كۆڭۈل سۈيۈنگۈدەك چىقىپتۇ .

okko 2011-02-04 03:33
سۆيۈملۈك ئوغلانىمىز ئابدۇللانىڭ مەركىزىي سەھنىدە پارلىغان چولپان يۇلتۇز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

azmat801 2011-02-04 15:37
ھەقىقەتەن بىزنىڭ پەخرىمىز !~!~!~!~

arslan 2011-02-04 16:17
نەقىل
بۇ 34قەۋەتتىكىaklaqin يوللىغان 2011-02-03 23:25 غا قارتىلغان  :

ساقال بۇرۇت ،  ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى .   ئەرلەر ياشانغاندا ساقال ، ياشلىقتا بۇرۇت قۇيۇۋالسا  سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ .  بىراق ھازىر بەزى ئەرلەر ساقال قۇيۇۋالسا << ئۆيدە مۇسىبەت بولدىمۇ >> دەپ سورايدىكەن ،

توغرا دەيسىز، مەن ئۇنداق دەپ قويغان بىلەن ساقال قويالمىساممۇ، بۇرۇتۇمنى چىرايلىق ياساپ تۇرىمەن، ئەمما ھازىر ئىشلار شۇنداق بولغان چېغى، خۇددى دوپپا كىيسىمۇ، نېمە بولدى دەپ سورىغاندەكلا، دەڭە!

gheribjan 2011-02-04 17:20
ئەگەر  كۆرۈرمەنلەر  ناخشىنىڭ  مۇڭىنى  تېكىست  مەزمۇنى بىلەن  يۇغۇرۇپ  ھۇزۇرلىنالىغان  بولسا،ھەممىسى  ئاغىزىنى  ئېچىپ قالار  ئىدى.

maraldolan 2011-02-04 17:33
مەن قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىمدىن نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ئېكران ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى، ياشاڭ ئابدۇللا  ئاكا، بۇنىڭدىن  كىيىن خەلىقئارا سەھنىلەردىمۇ ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىللىرىنى ياڭرىتىپ ، دۇنياۋى چولپانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالارسىز، خەلقىمىز سىزگە مەڭگۈ يار -يۈلەك، كىيىنكى ئىشلىرىڭىز يەنىمۇ ئوڭۇشلۇق بولسۇن

uyhuriya07 2011-02-04 18:11
سەل قىسقا بۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.ئەمما بۇمۇ بىر ياخشى باشلىنىش......ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاياجانلاندۇردىكەن!!!

akattrgvl 2011-02-04 22:13
مەن چاغانلىق سەنئەت كېچلىكىنى كۆرۈشكە قەتئيلا قىزقمايتتىم ئۆتكەن كۈنلەردە ئابدۇللا ئاكا قاتنىشىدىكەن دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ  بىر كۆرۈپ بېقىش نىيتىگە كەلگەن ئىدىم بىراق ۋاقىت چىقرالمىغانتىم ،مانا ھازىر ناھايىتى ھاياجانلىنىش ئىلكىدە كۆرۈپ تۈگىتىپتىمەن .ھەقىقەتەن ئۇيغۇر بولغۇنۇمغا پەخىرلەندىم بىر ئۇيغۇرچە ناخشا ئۇسۇلنى خەنزۇلار چۈشەنمەي تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك ھۇزۇرلانغاندىكىن بىز ئەلۋەتتە  پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن ھاياجانلىنىمىز  دە .بىراق ماڭىمۇ سەل قىسقا بولۇپ قالغاندەكلا تۇيۇلدى بىراق يەنە ئويلىدىم شۇ نۇمۇرغىمۇ بەلگىلىك ۋاقىت بېرىدۇ ئۇنىڭمۇ ۋاقىت چەكلىمىسى باردۇ دەپ .شۇنداق ھەيۋەت بىلەن باشلىنىپ ھەيۋەت بىلەن ئاخىرلاشتى ،ھەقىقەتەن پەخىرلىنشكە ،ھاياجانلىنىشقائەرزىيدۇ .بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپپەقىيەتلىك بولسۇن پەخىرىمز ئابدۇللا ئاكا .

rabi 2011-02-04 22:29
بەك  قالتىس بولدى جۇمۇ

nazi412 2011-02-04 22:53
بەك جانلىق ،شوخ چىقىپتۇ !!!
ئابدۇللا شوخ ناخشىلىرى بىلەن قىززىتىۋىتىپتىغۇ----سەھنىنى !!
باشقا ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ ئۇسسۇللىرىمۇ بەك جانلىق چىقىپتۇ !!!
ياشاپ كەتسۇن ئۇسسۇلچى،ناخشىچىلىرىمىز!

tanha631 2011-02-05 18:05
قالتىس !ياشاڭ ئابدۇللا ئاكا!..........

akram2123 2011-02-05 21:20
ئادەمنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلىدىغان ئىش بولۇپتۇ، مەن ئابدۇللانىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئىككى سائەت بۇرۇن تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرغان ئىدىم. ئابدۇللا كۇرۇنگەن ھامان ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.  ياشاپ كەت ئابدۇللا.......

puhra 2011-02-06 00:24
تورداشلارنىڭ سەۋىيەسى بارغانسىرى يۇقۇرى كۈتۈرىلىۋاتامدۇ قانداق؟ ھەجەپ ئۆتكەنكىدەك سىگانلار نەزەرىيىسى بازارغا سېلىنمايدۇيا؟

kaxtexe 2011-02-06 10:39
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئالايتەن تەكلىپ بىلەن بېيجىڭدا ئوتكۈزۈلگەن چاغانلىق سەنئەت كىچىلىكىگە قاتناشقانلىقىنىدىن مەنمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن. ياخشى بوپتۇ   

dilbar0903 2011-02-06 16:40
بۇنومۇرناھايتى بىر ياخشى تەييارلىنىپتۇ ،مەن بەكلا ھايا جانلىنىپ كەتتىم ،ئابدۇللا ئاكا باھارلىق ئىشلىرىڭىزغا مۇۋەپپەقيەت ،تىنىڭىزگە سالامەتكىك ،ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن .

arduan 2011-02-06 18:51
ئاكىمىىزنىڭ خەنزۇچە ئېيتىشىدىن ناھايتى ئەنسىرگەنتىم  خۇداغا شۈكرى يەنىلا بىزنىڭ سۈيۈملۈك ناخشىچىمىزدە  بەك ھاياجانلاندىم


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ۋە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.042610 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us