ئەلكۈيى تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرى، لىۋان جۇمھۇرىيىتى ( The Republic of Lebanon) ئەرەب دۆلىتى بولۇپلا قالماي يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىختا فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغانىدى. پايتەختى بېيرۇت( Beirut) بولۇپ، 1943-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇستەقىل بولغان. 2006-يىلىدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، لىۋانلىقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامەت 5150 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھال-كۈنى خىلىلا ياخشى دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لىۋان ناھايىتى ئۆزگىچە دۆلەت بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەرەب دۆلىتى ئەمەس. بولۇپمۇ يېقىنقى 13 يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش لىۋاننى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلدى. ئۇ داۋاملىق تۈردە ئىسلام دىنى بىلەن خرىستىئان دىنى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئىگە بولۇپ كەلدى. لىۋاندىكى مىللەتلەر كۆپ خىللىققا ئىگە بولۇپ، ئەرەبلەردىن باشقا، ئەرمەن، كۇرد، تۈرك قاتارلىق مىللەت بار. بۇنداق كۆپ خىل ئەقىدە ۋە كۆز قاراشقا ئىگە مىللەتلەر ئاخىرىدا بۇ جايدا ئۆزگىچە، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا لىۋانچە مەدەنىيەت تۈسىنى شەكىللەندۈردى. ئەگەر سىز لىۋانغا بېرىپ قالسىڭىز،لىۋان كوچىلىرىدا ناھايىتى ئەركىن-ئازادە يول يۈرۈۋاتقان چىرايلىق قىزلارنى كۆرىسىز، ئۇلار ناھايىتى مودا كىيىنگەن بولۇپ، كۆزلىرىڭىزگە ئىشەنمەي قالىسىز. لىۋان ئەرەب دۆلىتى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئاساس قىلغان ، ئۇلارنىڭ خانىم-قىزلىرىنى ناھايىتى گۈزەل ھەم مودا بولۇپ، ئۇلارنى لىۋاننىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك كۆرگىلى بولىدۇ. تونۇشتۇرۇشلارغا ئاساسلانغاندا، بېيرۇتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان دېنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىنمۇ ياكى، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تەسىرىدىنمۇ، ئىشقىلىپ بۇ يەردىكى كىشىلەردە تۇرمۇش ئادەت، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۈرۈش جەھەتتە فرانسىيىلىكلەرنىڭ روشەن ئالامەتلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، لىۋاندىكى بىر مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى Hou Bekaa بىلەن Murad ياۋروپادا نام قازانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نامى لىۋاندا مودا كىيىم ساھەسىدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ كىيىم لايىھىلەشتە ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىم تەرىپى شۇكى، ئۇ ئۆز لايىھىسى ئارقىلىق ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ پىنھان ئويلىرىنى ئېچىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ رەسىمدىكىسى بولسا چىلىم تاماكىسى چېكىۋاتقان ئەرەب ئايال. ئەرەبلەرنىڭ چىلىم تاماكىسى لىۋانغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ئۇلار ئادەتتە، پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈۋېتىپ، ئۆز ئارا پاراڭلىشىۋېتىپ، ھەتتا قەھۋەخانىدا قەھۋە ئېچىۋېتىپ، بىر قاپاق چىلىم چېكىدۇ. چىلىم تاماكىسىنىڭ تەركىبىدە نېكۇتىن يوق بولۇپ، چىلىم قاپىقى ئىچىگە لىمون ۋە مۇز سۈيى قۇيۇپ قويۇلىدۇ. چىلىم كۆيگەن ۋاقىتتا بىر خىل ئازادە ۋە خۇشپۇراق ھىد تارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەبلەرنىڭ چىلىم تاماكىسى ئادەمنى خۇمار قىلمايدىغان بولۇپ، كەيپىيات تەڭشەشتە رولى بىر قەدەر زور. لىۋانلىق قىزلارنىڭ كىيىنىشى ھەقىقەتەن مودا بولۇپ، ئۇلار خۇددى كىنو ئارتىسلىرىغىلا ئوخشايدۇ. لىۋاندا ئادەتتە ئاياللار ماشىنا رېمونتچىلىقى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئادەتتە، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىدە ئاياللار سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلمايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆي ئىشلىرى ۋە قورۇ ئىچىدە قىلىشقا ماس كېلىدىغان خىزمەتلەرنى تاللايدۇ. ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ، تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى تېخىمۇ چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچە ئادەتتە، ئائىلە ئاياللىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. |