رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە) --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3   4   5  >>  Pages: ( 10 total )

dellyar571 2011-01-31 23:53

ئويغانغاندىن كېيىن

دىليار571

باش سۆز

تۇنجى بالام  دۇنياغا كۆز ئاچقاندا مەن شۇنچىلىك خوش بولغان ئىدىمكىن گويا ئاللاھ ماڭا پۈتۈن ئالەمنى بىرىۋەتكەن ئىدى. لېكىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ دوقۇرىشىپ قالغان يېقىن بىر بۇرادىرىمنىڭ  «  ئايالىڭ نېمە تۇغدى» دەپ سورىغان سۇئالىغا «قىز »دەپ جاۋاب بىرىشىم  بىلەن   بۇ دوستۇمنىڭ چىرايىدىن چىققان ئېچىنىش ئىپادىلىرى مېنىڭ خوشاللىقلىرىمنى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۇپ  تاشلىدى . كىيىنكى بىر قانچە كۈ    ندەھەتتا ئۇرۇغ-    تۇققانلىرىمنىڭ ئۈنسىز ئىنكاسلىرىدىن پەرزەنتىمنىڭ  قىز بولۇپ قالغانلىقىنىڭ يۇرىكىمگە  شۇنچىلىك  ئىغىر تىنىقلار ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىمەن. لېكىن ھەر قېتىم قىزىمنىڭ كۆزلىرىگە قارىغىنىمدا ئۇ ماڭا خۇددى  ئاللاھنىڭ غەزىينىسىدىن ئىلىپ كىلىنگەن بىباھا گۆھەر كۆرۈنەتتى. چۇنكى ماڭا توننىلاپ ئالتۈن بەرسىمۇ  ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمەيدىغانلىقىم  ئېنىق يەنە ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسسىق جېنىمنى بېرىشكىمۇ رازىلىقىم شۈبھىسىز ئىدى .
ھېچكىم قىزىمنى كەمسىتمىسۇن ۋە قىزىم ئۆزىنىڭ ئاشۇ  سالاھىيىتى  بىلەن ئاخىرقى تىنىقىغىچە توغرا دۇرۇس  ياشسۇن  دەپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم
بىرىنچى باب
                                          
ئادەم ھاياتىدا 70-60يىل ھەتتا بەزىلەر 100يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ . دۇنيادىكى باشقا جانلىقلارنىڭ ئۆمرىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت . بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى تىنىق كۆلدەك بىر خىل ئۆتىۋەرمەيدىكەن. ئۇزۇن مەزگىل تەدرىجىي شەكىللەنگەن ھايات مەزمۇنى بەزىدە بىر مىنۇت، بىر سېكۇنت ئىچىدىكى قارار، مەلۇم ھەرىكەت ياكى كۆرۈنۈش ۋە ياكى سۆز بىلەن باشقىچە ئۆزگىرىپ شۇ ئادەمنىڭ قالغان ھاياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بەلگىلىنىپ قالىدىكەن.
ئۈرۈمچىدىن بېشىمنى ساڭگىلىتىپ غەمكىن ھالەتتە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان ھازىرقى ھاياتىمنىڭ ئەمەلىيەتتە شۇنداق بىر قىسقا مەزگىلدىكى كۆرۈنۈشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدىم
ئىكىنچى باپ          
كىتاب-لۇغەتلەر بىلەن لىق تولغان سومكامنى ياغاچ كارىۋاتنىڭ بىر قىرىغا ئېسىپ قويۇپلا ئورنۇمغا چىقىپ يېتىۋالدىم. بىر ئازدىن كېيىنلا ياتاقتىكىلەرنىڭ قايتىپ كىرىپ پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق . ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇنداق پاراڭلارغا ئارىلاشمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم. شۇڭا ئاراملىق ئىزدەپ تىڭشىغۇچنى ئېلىپ قۇلىقىمغا تىقىۋالدىم. بېتخوۋىننىڭ «تەقدىر» مۇزىكىسى باشلاندى


 

1808 يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى بۇ مۇزىكا تۇنجى قېتىم ۋېنادىكى ئاندېرۋېين تىياتىرخانىسىدا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغاندا كونسېرتقا قاتناشقان ھەربىر ئادەم دۇنيا مۇزىكا ئىجادىيەت تارىخىدىكى ئاجايىپ بىر سەلتەنەتكە گۇۋاھ بولغانىدى.
-قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئېتىلىپ چىققان نۇر،-دەيدۇ مۇزىكىشۇناس ئەلجىمىن مۇشۇ مۇزىكا ئۈستىدە توختىلىپ.-زېمىندىكى ھەربىر بۇلۇڭنى يورۇتۇپ قەلبمىزگە چېچىلدى. بىز ئازابلاندۇق . لېكىن ئازاب ئىچىدە يەنە خۇشاللىق سەزدۇق. چۈنكى بۇ نۇر ۋۇجۇدىمىزدىكى يالغۇزلۇقنى، موھتاجلىقنى، بىچارىلىكنى ئاشكارىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالدىمىزدىكى يولنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەندەك قىلاتتى.
بېتخوۋىندىن كېيىن مۇزىكىشۇناسلاردىن بۇنداق چوڭقۇر پىكىر سىڭگەن مۇزىكىنى ئىجاد قىلالىغانلار ناھايىتى ئاز چىقتى. چۈنكى مۇزىكانتلار كىشىلەرنىڭ ئاراملىقى ھەتتا كەيپ -ساپاسى ئۈچۈن خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىش بىلەن ئالدىراش. بېتخوۋىنغا ئوخشاش ھەم مۇزىكانت ھەم يازغۇچى- پەيلاسوپ ئادەم ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭا مەن بۇ مۇزىكىنى ئالى مەكتەپتىكى ھەمراھىم قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىكى شەخسلەرنىڭ تەقدىر بىلەن ئېلىشىش يولىدىكى ئۈمىدسىزلىك ، چۈشكۈنلۈك ۋە جۇشقۇنلۇق ئارىسىدىكى ھېس تۇيغۇلىرى ۋە ئاخىرىدىكى غەلبە تەسۋىرلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمچە روھلىنىپ قالىمەن. بولۇپمۇ باشتىن – ئاخىر مۇزىكىغا ھەمراھ قىلىنغان يۈرەكنىڭ سوققان ئاۋازى مېنى ھاياجانغا سالىدۇ. لېكىن بۇ قېتىم مۇزىكا كۈچلۈك رىتىمى بىلەن مەندە قوزغايدىغان ھاياجىنى ئارقىلىق كۆڭلۈمدىكى تۈرلۈك غەشلىكلەردىن توغرىسىنى ئېيتقاندا كاللامدىكى ئەينەككە ئوخشايدىغان نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە سۈركەلگەندە چىقىدىغان ئاۋازىدەك ئاۋازلاردىن مېنى قۇتۇلدۇرالمىدى.
...تاھىر-زۆھرە قەبرىسى بار چوققىغا چىققۇچە نەچچە يەردە ئارام ئېلىپ تاتلىق پاراڭلارنى قىلىشقان ئىدۇق. زەنجىر بىلەن رىشاتكىلانغان پەلەمپەيلەردىن چىقىۋېتىپ ئۇنىڭغا: «گۈزەلنۇر ، قاراڭا، نېمىدېگەن خەتەرلىك ، بۇ يەردىن يىقىلىپ كەتكەن ئادەم ھايات قالمىغۇدەك » دېگىنىمدە ئۇ: « مەن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتسەم قانداق قىلىسىز؟»دەپ سورىغانىدى. ھېلىمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە: ئاستا رېشاتكىدىن ئاتلاپ سىرتىغا چىقىپ خەتەرلىك ھەرىكەتتىن بىرنى ئىشلىۋېدىم، گۈزەلنۇرنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايى تاتىرىپ:«مۇھىد! ئۇنداق قىلماڭ...خەتەرلىك»دەپ مېنى يېنىغا تارتىپ:« يىقىلىپ چۈشسىڭىز مەنمۇ كەينىڭىزدىن سەكرەيمەن» دېگەنىدى . بۇ مۇشۇنداقلا دېيىلگەن گەپمۇ؟.ئۇ يەردە قىلىشقان قەسەملىرىمىزچۇ تېخى!
- مەڭگۈ ئايرىلمايمىز! مۇشۇ تاغۇ-ئاسمان ۋە قەبرىدە ياتقان تاھىر-زۆھرە گۇۋاھ بولسۇن،- دېگەنىدى گۈزەلنۇر يەرگە قاراپ تۇرۇپ .
- بۇ گەپنى سىز دېدىڭىزمۇ ياكى مەنمۇ؟-دېدىم قولۇمدىكى ياغاچنى ئۇنىڭغا قارىتىپ .
- سىز دېدىڭىز .
- مەن ؟ ئىزچىل ئاغزىمنى ئاچمىغان تۇرسام ، قانداق گەپ قىلىمەن؟
- ياق، ياق. سىز دېدىڭىز ،يەرگە قاراڭ بۇ خەتلەرنى جىن يازمىغاندۇ؟ - دېدى ئۇ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغاندەك.
- ئەمىسە قەسىمىمىز بۇزۇلسا مېنىڭ قولۇم سۇنۇپ ئۈزۈلۈپ كەتكەي.سىزنىڭ تىلىڭىز قۇرۇپ كەتسۇن.
- شۇنداق بولسۇن!
بۇ ئارتىسلار گىرىم قىلىپ رول ئالغان كىنو ئەمەستىغۇ؟ ئۇ راستتىنلا شۇنداق دېگەن. ئۇنىڭ چىرايىدا ساختىلىقنىڭ قىلچىلىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەنىدىغۇ؟
«تەقدىر» مۇزىكىسى ئاخىرلىشىپ كېيىنكى مۇزىكا باشلىنىش ئالدىدىكى بىر پەس جىمجىتلىقتا گۈزەلنۇرنىڭ «مەن ئەسكى قىز؟ راستتىنلا ئەسكى قىز. مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ماڭا ئۆچ بۇلۇڭ »! دېگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا جاراڭلىدى. گۈزەلنۇرغا قانداقمۇ ئۆچ بولالايمەن؟ مېنىڭ ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ھاياتىم مۇشۇ قىزنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ كۈچىدە ھەممىسىنى ھەيران قالدۇرۇپ ناچار ئوقۇغۇچىدىن بىراقلا مۇشۇ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتكەن ئەمەسمىدىم؟
مۇزىكىغا داۋاملىق ئەگىشەلمىدىم ، خىيالىم بىلىپ –بىلمەي ئۆتكەن ئىشلارغا كېتىپ قالدى.
...ئەسئەت مۇئەللىم كۈلۈمسىرىگىنىچە چاقىرىق قەغىزىنى ماڭا سۇنۇۋېتىپ :« مانا مۇھىد، سېنىڭ ئۇقتۇرۇشۇڭ ، شىئەندىن كەپتۇ» دېدى. ئۇ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر قېتىم مەن خىمىيە تەجرىبە دەرسىدە ھەر خىل خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنى ئالماشتۇرىمەن دەپ ئوغرىلىقچە تەجرىبە ئىشلەپ بۇ مۇئەللىمنى خاپا قىلغانىدىم. لېكىن ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇقتۇرۇشنى ئىللىق كۈلۈپ تۇرۇپ بەردى. چاقىرىق قەغىزىنى ئالغاندا قوللىرىم تىترەپ كەتتى. كۆزۈمگە ، قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم ، ھەتتا بۇ چاقىرىق قەغىزى ماڭا خاتا كېلىپ قالغاندەك بىلىندى. كونۋېرت ئۈستىدىكى خەتلەرگە قارىدىم. قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت بەلگىسىدىكى 1896-يىل دېگەن رەقەمنىڭ ئۇدۇلىغا چىرايلىق قىلىپ مېنىڭ ئىسمىم يېزىلىپتۇ!
...ۋېلىسپىتىمنى چاپتۇرۇپ شەھەر سىرتىدىكى قەبرىستانلىق يېنىدىكى كۆل بويىغا كېلىپ كونۋېرتنى ئاچتىم. بۇ قېتىم ئىسمىمنى ئۇنىۋېرسىتېت بەلگىسى ئاستىدىكى بوش ئورۇندا كۆردۈم. دېمەك ، مەن راستتىنلا قوبۇل قىلىنىپتىمەن. بىراق مەن ئەزەلدىن ياخشى ئوقۇمايدىغان كەپسىز بالا ئەمەسمىدىم؟
دەرۋەقە ، كىچىكىمدىنلا ياخشى ئوقۇماي ھە دېسىلا بالىلارنى بوزەك قىلىپ ئۇرىۋالاتتىم. سىنىپ مەسئۇلىمنىڭ مەن توغرىلىق بېشى قاتاتتى. مەنمۇ بۇ مۇئەللىمىمگە ئۆچ ئىدىم. ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن ئىككى شاپىلاق يېيىشكە رازى بولاتتىمكىن ، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلىمەيتتىم. ئەزەلدىن سىنىپتىكى بۇرۇقتۇم مۇھىتقا ئۆچ ئىدىم
تولۇق ئىككىنچى يىللىققا چىققان چېغىمىزدا بىر قېتىم ئوقۇتقۇچىمىز بىزنى مەكتەپتىن خېلى يىراق بولغان بىر يېشىللىققا باشلاپ بېرىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىڭلار دەپ ئىختىيارى قويۇۋەتتى. مۇئەللىمنىڭ بۇ ئىشىدىن ئاجايىپ خۇش بولۇپ كەتتىم. بىز كەلگەن بۇ يەر شەھەر ئەتراپى بولۇپ كىچىك بىر ئۆستەڭدە سۇ ئېقىپ تۇراتتى. ئىككى يېقىدا شاخلىرى خۇددى بىرى كېسىپ تەكشىلەپ قويغاندەك چىرايلىق قايرىلىپ تۇرىدىغان سۆگەت تال دەرەخلىرى بولۇپ يىراقتىن قارىسىڭىز خۇددى ياپيېشىل تاغ چوققىلىرىغا ئوخشاپ قالاتتى. مەن بۇ جايغا دائىم كېلىدىغان بولغاچقا ساۋاقداشلارغا ئەڭ قويۇق ئۆسكەن بىر چىملىقنى تېپىپ بەردىم. مەن تاپقان بۇ چىملىقنى ئوقۇتقۇچۇممۇ ياقتۇرۇپ قېلىپ مېنى ماختاپمۇ قويدى. ئەزەلدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ باقمىغان مەن بۇ ماختاشتىن ئاجايىپ خۇش بولۇپ كەتتىم. كاللامغا بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق بىر يەر كەلدى. ئۇ يەر ھازىر بىز ئولتۇرغان يەردىنمۇ بەك چىرايلىق بولۇپ ياۋا گۈللەر ئېچىلىپ كېتەتتى. ھەممەيلەننىڭ ئۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قېلىشى ئېنىق ئىدى. لېكىن ئۇ يەرگە بېرىش ئۈچۈن يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدىغانلىقي يادىمغا يېتىپ بۇ گەپنى مۇئەللىمگە قىلالمىدىم.
بالىلار ئېلىۋالغان گېزىتلىرىنى سېلىپ ئولتۇرۇپ تەكرارغا چۈشكەندە تۇيۇقسىزلا كاللامغا يېڭى خىيال كېلىپ قالدى . ئاستا بالىلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ھېلىقى جايغا بېرىپ بىر دەستە گۈل تىزدىم. بۇ گۈللەرنى مۇئەللىمگە بېرىمەن. كۆڭلۈمگە مۇئەللىمنىڭ گۈللەرنى قولىغا ئالغان چاغدىكى كۈلۈمسىرىشى كېلىپ ئۇچقاندەك چېپىپ ئۇلار تۇرغان يەرگە كەلدىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن گۈلنى چاپىنىمغا ئورىۋالغانىدىم. مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ گۈلدەستەمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم .
- مۇئەللىم!
- نېمە بۇ؟- مۇئەللىمنىڭ چىرايىدا جىددىيلىك كۆرۈندى. - ھە، مۇھىد، يەنە ئويۇن ئويناۋاتامسەن؟ بۇ چىرايلىق گۈللەرنىڭ ئارىسىغا نېمە قۇرت-قوڭغۇز سېلىۋەتتىڭ؟
سىنىپنىڭ ئىشىكىنى قىيا ئېچىپ ئۈستىگە سۈپۈرگە ئېلىپ قويىدىغىنىم ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بورلىرىنى سۇغا چىلاپ نەمدەپ قويىدىغانلىقىم ، پارتىلارنىڭ ئارىسىغا تانا تارتىپ قويۇپ ساۋاقداشلىرىمنى يىقىتقانلىقىم راست، لېكىن بۇ قىلىقلىرىمنىڭ مۇئەللىملەرنى ماڭا ئىشەنمەس ، ئىش – ھەرىكەتلىرىمدىن گۇمانلىنىدىغان قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئادەتتە ھازىر جاۋاب ئاغزىم ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بۇ گېپىدىن يۇمۇلۇپلا قالدى. نېمە دېيىشىمنى ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم.
- مۇئەللىم، مەن قاراپ باقاي.-تۇيۇقسىز كەلگەن ئاۋازدىن كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم.
دەرەخلەر ئارىسىدىن، شاخلاردىن ئۆتكەن قىزغۇچ نۇر ئۇنىڭ چاچلىرىنى پارقىراتقانىدى. بىر جۈپ بۇلاقتەك  چوڭ ھەم قاپقارا كۆز، ئېقىپ چۈشكەندەك بۇرۇن، دەل جايىغا قويۇلغان ئېغىز، ئەگمە قاش پارقىراپ تۇرغان نۇر ئارىسىدا ئۆز ئورنىنى تېپىپتۇ. بۇ قىزنى مەن نەدە كۆرگەن؟ تۆۋە، ئۇ مەن ھەركۈنى سىنىپتا كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۆگىنىش باشلىقىمىز گۈزەلنۇر كېرىممۇ؟
ئۇ كېلىپ گۈلنى ئالدى ۋە ئارىسىغا ئېھتىيات بىلەن قاراپ:
- مۇئەللىم ، مۇھىد سىزگە خۇشامەت قىپتۇ، ئۇ سىزنى بەلكىم بىزنى دائىم مۇشۇنداق جايلارغا ئېلىپ كەلسىكەن دەۋاتسا كېرەك.- دەپ گۈلنى مۇئەللىمگە سۇندى. مۇئەللىم شۇ چاغدا نېمە دېگەنىدى ؟ « مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دېگىن» دېگەنمۇ ياكى «ھۈنىرىڭ جىقكەن» دېگەنمۇ؟ نېمىلا دېگەن بولسۇن شۇ كۈنى مەن گۈزەلنۇرنىڭ چىرايىغا مەپتۇن بولۇپ قالدىم.
ئۇنى مەن ئالتە يىلدىن بۇيان ساۋاقداش دەپ كەلگەنىدىم. بەزىدە ئۇ ماڭا دەرس چۈشەندۈرىمەن دەپ يېنىمدا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسا زېرىككىنىمدىن ئۇنى« گۈزەلنۇر مايمۇن» دەپ تىللايتتىم . چۈنكى ئۇنىڭ چېچى قوڭۇر رەڭدە ئىدى. ئۇ بىر قانچە قېتىم شۇنداق تىللىغىنىمنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتكەنىدى. تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ بىچارە قىز قېرىشقاندەك مەن قاپاقباش بۆلۈنگەن سىنىپقا ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ قالغانىدى.
شۇ كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ گۈزەلنۇرنىڭ نۇرلار ئارىسىدىكى چىرايىنى پەقەت ئۇنتۇيالمىدىم. مەن مەنزىرە رەسىملەرنى ياخشى كۆرىمەن . ھەرخىل تاغ-دەريالارنىڭ مەنزىرە رەسىملىرىنى كۆرۈشكە ئامراق ، ھەتتا قىشتا قارنىڭ ھەممە يەرگە ئاق لىباس ياپقانلىقىنى كۆرۈپ شۇ مەنزىرىدىن ئۆزۈمچە مەنە چىقىرىپ خۇشال بولاتتىم . گۈزەلنۇرنىڭ ئاشۇ قىياپىتى، شۇ دەقىقىدىكى ھالىتى مەن كۆرگەن مەنزىرىلەردىن كۆپ ئېسىل بىلىنمەكتە ئىدى. ئادەممۇ شۇنداق چىرايلىق بولىدىكەن!  بۇرۇن راستتىنلا ئادەملەرنىڭ چىرايىنى تاماشا قىلىپ باقماپتىكەنمەن.
ئۇخلاش ئالدىدا ئەينەكنى ئېلىپ ئۆزۈمگە قارىدىم ،جىرتاق كۆز، شالاڭ قاش، كەڭ پېشانە ، بۇنىڭدا نېمە گۈزەللىك بولسۇن؟  تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ كۆرۈمسىزلىكىمنى ھېس قىلدىم. كۆزۈم ئېڭىكىمدىكى بوينۇمغىچە كىرىپ كەتكەن تارتۇققا چۈشتى.بۇ تارتۇق مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا قالغان. ھەريىلى قار قېلىن ياغقان چاغلاردا مەكتىپىمىز ئالدىدىكى يولدا ئاستا كېتىۋاتقان ماشىنىلارغا ئېسىلىپ ئوينايتتۇق. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپ ئالدىدىن چىرايلىق بىر ماشىنا ئۆتۈپ قالدى. بالىلار چۇقان سېلىشىپ ئۇ ماشىنىغا ئېسىلماقچى بولىۋېدى ، شوپۇر  سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ماڭىمەن دەپ ئالدىدىكى جېپ ماشىنىغا سوقۇۋالدى ۋە ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا ئېسىلغان بالىدىن بىرنى تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ كەتتى. ئۇ مېنىڭ دوستۇم ھەسەن ئىدى. ھەممىمىز بىرچەتتە قاراپ تۇردۇق. لېكىن پىكاپنىڭ ئىگىسى ئۇنى قويۇۋەتمەي ئۇرىۋەردى.ئاخىرى مەن رەگەتكەمنى چىقىرىپ ئۇ ئادەمنىڭ بېشىغا توغرىلاپ ئاتتىم. ئۇنىڭ «ۋايجان» دېگىنىنىلا بىلىمەن، كېيىنكى ئىشلار يادىمدا يوق. چۈنكى مەن تاشنى ئېتىپ بولۇپ ئۆرۈلۈپلا قاچقان ئىدىم.ئۆرۈلگەن چېغىمدا تېيىلىپ مۇزدىن ئىككىلىك چىقىپ تۇرغان بىر چوماققا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن . كېيىن دادامدىن ئاڭلىسام دوختۇرلار ئېڭىكىمدىكى يارىنى يەتتە يىڭنە تىكىپتۇ. دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقتىمدا دادام باشقىلارغا مېنى «ئوكۇلدىن قورقمايدۇ، جېنى بار»دەپ ماختاپ بەرگەنىدى.
بۇرۇلۇپ دادامغا قارىدىم.دادام كرېسلودا ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى . تاماكا ئىسى ئاستا تولغىنىپ كۆتۈرۈلۈپ دادامنىڭ چىرايىنى تۇتۇقلاشتۇرىۋەتكەن بولۇپ ئىس تارقىلىپ بولماستىنلا ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ بولدۇم . كان بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئىشچىلىرىنىڭ چىرايىنى كەسىپكە قاراپلا پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر يىلدا ئۆيدە بولىدىغان ۋاقتى ئالتە ئايغا يەتمەيدۇ. قالغان ۋاقىتلاردا تاغلاردا يۈرۈپ خىزمەت قىلىدۇ. دادام ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۆگىنىش ئەھۋالىمنى سوراپمۇ قويمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىدا پۇت-قولۇم كاللامدىن بەكرەك ئىشلەپ كەتكەن مەن ئۆگىنىشكە ماس كەلمەيدىكەنمەن ،دادامنىڭ پىلانى بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشچىنىڭ پەرزەنتى دېگەن قالپاق بىلەن جاھاندارچىلىق قىلسام بولىدىكەن. دادامدىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ ئاپامغا قارىدىم. ئىككى مەڭزى ئىچىگە كىرىپ سۆڭىكى پولتىيىپ چىقىپ قالغان ئورا كۆز ،ئورۇق خۇددى بىرى قېنىنى سۈمۈرۈۋالغاندەك ئاق بۇ ئايال مېنىڭ ئاپام. ئۇ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا كىرىۋېلىپ دادامنىڭ، مېنىڭ ۋە ئىككى سىڭلىمنىڭ كىرلىرىنى يۇيۇۋاتاتتى. ئاپام ھېچقانداق مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بولۇپ خەت تونۇمايتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ، دېگەن ئاتالغۇلار چەتئەل تىلىدەك بىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆگىنىشىمگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلەلمەيتتى.
بۇ چىرايدىن يۆتكىلىپ كىرلەرنى بالكونغا ئېلىپ چىقىپ يېيىۋاتقان ئىككى سىڭلىمغا قارىدىم. ھېچ نەرسە يوق، بەك ئادەتتىكىچە، كۆز ئالدىمغا يەنە گۈزەلنۇرنىڭ كۈن نۇرى  ئاستىدىكى چىرايى كەلدى...
ئىككىنچى كۈندىن باشلاپ مەن سىنىپتىكى باشقا قىزلارنىڭ چىرايىغا سەپ سېلىپ باقتىم . لېكىن يەنىلا گۈزەلنۇرنىڭ ئاشۇ ھالىتىگە يېقىن كېلىدىغان بىرمۇ چىراي- شەكلى يوق . نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. ھەرقېتىم گۈزەلنۇرنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كېتىدىغان، بىلىپ- بىلمەي بۇرۇنقىدەك تەبىئىي ھالدا گەپ قىلالمايدىغان، دۇدۇقلايدىغان بولۇپ قالدىم. قولۇمغا قاچانلاردا رەسىم تاختىسى چىقىپ قالغىنىنى بىلمىدىم. لېكىن شۇ چاغلاردىن باشلاپ گۈزەلنۇرنىڭ نۇرغا چۆمۈلگەن قىياپىتىنى سىزىشقا كىرىشتىم. سىزغانچە ئۇنى سېغىنىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كېلىدىغان بولۇپ قالدىم. رەسىمدىكى رەڭلەرنىڭ جاي-جايىغا كېلىشى، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئاق قەغەز يۈزىدە ئاستا-ئاستا ئېنىق بولىشىغا ئەگىشىپ ئۆگىنىشكە تەدرىجىي بېرىلىدىغان بولدۇم. تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى مەن يەنە كىتاب ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. لېكىن ھېسسىياتىمنى زورىغا بېسىپ باشقىلاردىن بولۇپمۇ گۈزەلنۇردىن يوشۇردۇم. لېكىن ھېسسىيات دېگەننى قانچە يوشۇرسا شۇنچە ئاشكارىلىنىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. گۈزەلنۇر خۇددى ئىچىمدىكىنى بىلىۋالغاندەك مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ مۇنداق قىلىشى مېنى ئۇنىڭغا مۇھىم بىر نەرسىنى بېرىپ كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈشكە ئېلىپ باردى.
- بۇ نېمە ؟
- بۇ...بۇ...سىزگە ...- ئاغزىمغا گەپ كەلمەي قالدى، -كۆرۈپ بېقىڭ.
- نېمە بۇ ؟ - ئۇ كونۋېرتنى ئېچىشقا تەمشەلدى. گەرچە سىنىپتا ھېچكىم قالمىغان مۇشۇ پۇرسەتنى ئىزدەپ بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزگەن بولساممۇ كونۋېرتنىڭ ئاغزى ئېچىلغان ھامان ئىچىدىكى نەرسىنى دۇنيادىكى ھەممە ئادەم كۆرۈپ قالىدىغاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم. شۇ ۋاقىتتا يۈرىكىم خۇددى قەپەسگە سولىنىپ سىرتقا چىقىشقا ئۆزىنى ئۇرغان ياۋا قۇشتەك كۆكرىكىمگە ئۇرۇلۇپ دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەنىدى.
1994-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر يەنى مەن گۈزەلنۇرغا كونۋېرتنى بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى كوچىدىكى مەسچىتتىن چىققان ئەزان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. كۆرگەن چۈشۈمنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم.ئېسىمدە قېلىشىچە بۇنداق سەھەردە ئويغىنىپ كەتسەم ئەزان ئېيتقان قېرىنىڭ ئاۋازىنىڭ سەتلىكىدىن زارلىنىپ كۆزۈمنى ئۇۋىلاپمۇ قويماي يەنە بىر يانغا ئۆرىلىپ ئۇخلاپ قالاتتىم. لېكىن شۇ  كۈنى سەھەر كۆزۈمنى قايتا يۇمىۋالماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنى كىيىپ ئۆيدىكىلەرگە چاندۇرماي بىنانىڭ ھويلىسىغا چىقتىم .كېچىدە نېپىز قار ياغقاچقا جاھان يورۇپ كەتكەندەك بولۇپ قالغانىدى، مەن چىقىپ بەش مىنۇت ئۆتمەيلا دەرۋازىغا قارايدىغان مۇسا ئاكا ئىككى بىنانىڭ ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ چىراغنى ياندۇرىۋەتتى. چىراغ نۇرىدا ئاق قارلار تېخىمۇ چاقناپ كۆزلىرىمنى چاقتى. قارغا دەسسىدىم . لېكىن خۇددى بۇلۇتقا دەسسەۋاتقاندەك يېنىكلەپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
ئەتىگەندە مەكتەپكە بېرىپلا سىنىپىمىزغا بۆلۈپ بېرىلگەن مەيداننى سۈپۈرۈپ تازىلىدىم.
بىزنىڭ مەكتەپ يول ياقىسىدىكى بىر يالغۇز بىنا،بۇ بىنانىڭ كەينى توپ مەيدانىچىلىك كېلىدىغان كەڭ مەيدان ئىدى. مەيدان تار بىر بولدىن ئايرىلىپ تام بىلەن قورشالغان بولۇپ شۇ تار كوچىغا چىققىلى بولىدىغان بىر كىچىك ئىشىك بار بولۇپ بىزنىڭ سىنىپ تازىلايدىغان يەر مۇشۇ ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى. مەيداننىڭ ئىككى يېقىغا دەرەخلەر تىكىلگەن، مەكتەپ بۇ دەرەخلەرنى سۇغىرىش ئۈچۈن كىچىك ئېرىق چاپقان بولۇپ بۇنداق بولغاندا ئېرىقتىن پايدىلىنىپ ھەم دەرەخلەرنى سۇغارغىلى ھەم مەيدانغا سۇ چاچقىلى بولاتتى.
مەيداننى سۈپۈرۈپ بولغاندىن كېيىن داسنى ئېلىپ چىقىپ سۇ چاچتىم. ۋاھ،خۇددى يامغۇر ياغقاندەك بىر داس سۇ بىلەنلا نۇرغۇن جاينى نەمدىۋەتتىم. سۇنى تەكشى چېچىشنىڭ بىر خىل ماھارەت ئىكەنلىكىنى ھەممە ئوغۇللار بېلەتتى . سۇنى بۇنداق ياخشى چاچقانلىقمنى گۈزەلنۇرنىڭ كۆرمەي قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ كەتتىم. لېكىن ئەتىگەندىلا يېنىكلەپ ۋۇجۇدۇمغا كۈچ تولۇپ كەتكەندەك بولغاچقا يەنە بىر قېتىملا ئەمەس، نەچچە مىڭ قېتىم مۇشۇنداق چاچالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. بېرىپ يەنە بىر داس سۇ ئېلىپ كېلىپ قولۇمنى سەل قىيسايتىپ كۈچەپ تۇرۇپ شۇنداق چاچتىمكىن، سۇ مەكتەپنىڭ كەينى ئىشىكى ھېسابلىنىدىغان ھېلىقى ئىشىككە يېتىپ بېرىپ، بىر قىزىل ئاياغ تەرەپكە قاراپ ماڭدى .كەينىدىن «ۋاي» دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ پادىچىلار ئىشتىنى ۋە قىزىل ئۇزۇن چاپان ھۆل بولۇپ كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى بالىلار تازىلىقنى باشلاپ بولغان چاغدىكى سۇ ئەمەسكەن، (ئېرىقتىن سۇ ئېلىنىۋەرسە سۇ چايقىلىپ مەينەت بولۇپ كېتىدۇ.)  مەن تازىلىقنى باشلىغاندا مەيداندا تېخى ھېچكىم يوق ئىدى. بولمىغان بولسا لاي-توپا ئاياغنىلا ئەمەس كىيىملەرنىمۇ تۈگىتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تەكشى چېچىلىپ ماڭغاچقا ھۆل بولغان يەر چوڭ بىلىنگەن بىلەن بىر دەمدىلا قۇرۇپ كېتىدۇ. بىراق مەن ئۇ ئاياغنىڭ ئىگىسىنى كۆرۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغۇدەك ئېغىر جىنايەت سادىر قىلىپ قويغاندەك قورقۇپ كەتتىم، ئالدىمدا تۇرغىنى باشقا بىرى ئەمەس گۈزەلنۇر ئىدى.
- مۇھىد، سىز بۈگۈن دىجۇرنىمۇ؟ - دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.
گۈزەلنۇر گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك يانچۇقىدىن قولياغلىقىنى چىقىرىپ كىيىملىرىنى سۈرتتى. لېكىن ھېچقانداق مەينەت چىقارماي قولياغلىقىنى يانچۇقىغا سېلىۋالغاندىن كېيىن ئايىقىنى ئۇيان- بۇيان قىلىپ كۆرۈپ ماڭا قارىدى.
- سىزدە قەغەز بارمۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتىم. ئۇ مەندىن قەغەز سوراۋاتاتتى. مەندە بۇنداق ھېسسىيات ئەزەلدىن بولۇپ باققان ئەمەس. بۇ ئۆزۈممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان خىجىللىق ، خۇشاللىق يەنە باشقا مۇرەككەپ تۇيغۇلار ئارىلاشقان ھېسسىيات ئىدى. ئەسلىمەمنى ئاختۇرسام ئۇ ھېسسىياتنى بۇرۇن ئۆزۈمدە بولغان ھېچقانداق تۇيغۇغا ئوخشىتالمايمەن. كىچىكىمدىنلا رەگەتكە ئېتىشقا، تاش سەكرىتىپ ئويناشقا ئۇستا ئىدىم. كۆلدە تاش سەكرىتىش مۇسابىقىسىدە مەن ھەمىشە سۇ يۈزىدە تاشنى 5 قېتىمدىن ئارتۇق كۆكلىتەتتىم. رەگەتكە بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدىكى بوتولكىلارنى چىقىپ دوستلىرىمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايتتىم. بۇلار خۇشال ، يارقىن سەزگۈ ئىدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇخىل سەزگۈمگە پەقەت ئوخشىمايۋاتاتتى...
ئەتىگەن سوغۇقتا سىرتقا چىقىپ زۇكام بولۇپ قالغانلىقىمدىن بۇرنۇمنى تارتىۋاتقانلىقىمنى كۆرگەن ئاپامنىڭ يانچۇقۇمغا قەغەز سېلىپ قويغانلىقى يادىمغا كېلىپ ، ئۇنى ئېلىپ گۈزەلنۇرغا بەردىم.
- مۇھىد، سىزنىڭ 72 خىل ھۈنىرىڭىز بارمۇ نېمە ؟ رەسىمنى بەك چىرايلىق سىزىدىكەنسىز، سىزگە قايىل بولدۇم.  لېكىن ...- گۈزەلنۇر بېشىنى يەرگەسېلىۋالدى،- لېكىن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالدى، ياخشى تەكرار قىلىڭ.
- بەرىبىر ئۆتەلمەيمەن. – ئاغزىمدىن بۇ گەپ شۇنداق تەبىئىي چىقىپ كەتتى.
گۈزەلنۇر گېپىمنى ئاڭلاپ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆمرۈمدە ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغان بىر سۆزنى قىلدى:
- ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىسىڭىز مەندىن ئۈمىد كۈتمەڭ!
گۈزەلنۇر ئايىغىنى سۈرتۈپ بولۇپ مەندىن جاۋاپ كۈتمەيلا تېز-تېز مېڭىپ كەتتى. ئاھ خۇدا، بۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن قانچە-قانچە كېچىلەرنى چىراغ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزمىدىم!...ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن كۇتۇپخانىدا ئايلىنىپ يۈرىيدىغان، ھاراق، تاماكىدىن يىراق ئۆلچەملىك ئوقۇغۇچى بولمىدىممۇ!
ھەر تەتىلدە گۈزەلنۇر بىلەن كەسپىمىز، يېڭى ساۋاقداشلار ۋە كۆرگەن-بىلگەنلىرىمىزنى سۆزلىشىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەي قالاتتۇق. قانداقلا ئاشخانىغا كىرمەيلى «تاماق چىقماي كەتتىغۇ» دەپ قاقشىمايتتۇق. ئۇ كۈنلەر قانداق كۆڭۈللۈك ئىدى-ھە! بىر كۈنى گۈزەلنۇر مېھمان قىلسا، يەنە بىر كۈنى مەن مېھمان قىلاتتىم. ھەر ئىككىمىزدە پۇل قالمىغان كۈنلىرى يانچۇقلىرىمىزنى كولاپ بىر نەچچە يۈەن پۇللارنى قوشۇپ تولا ھاللاردا لەڭپۇڭ ئالاتتۇق، گۈزەلنۇر لازىغا بەك ئامراق ئىدى. مەن پەقەت يېيەلمەيتتىم. لېكىن گۈزەلنۇرنىڭ«ئېلىڭ، بېقىڭ» دېگەن گەپلىرى بىلەن لازا، ئاچچىقسۇغىمۇ كۆنۈپ كەتتىم. گۈزەلنۇر يەنە يېڭى قىسقا،تار كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراق ئىدى. ئۆزىنى بەكمۇ تۈزەيتتى. ھەر قېتىم ئۆيىدىن ھېلىلا مۇنچىدىن چىققاندەك چاچلىرىنى پارقىرىتىپ چىقاتتى. بەزىدە كىنومۇ كۆرەتتۇق. ئۇ قورقۇنچلۇق فىلىملەرنى كۆرۈشكە ئامراق ئىدى. بۇنداق كىنولارنى خەقلەرنىڭ نېمىشقا كۆرىدىغانلىقىنى چۈشەنمىسەممۇ ھەتتا مۇنداق كىنولارنى ياقتۇرمىساممۇ، ھەرقېتىم گۈزەلنۇرنىڭ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۇشلەر  چىققاندا كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ قولۇمنى چىڭ تۇتىۋېلىشىنى ياقتۇرغاچقا قارشى چىقمايتتىم.
بىر قېتىم كىنوخانىدا ئۇنى قوچاقلىۋېلىشقا ئۇرۇنغان ئىدىم. ئۇ قولۇمنى سىلكىپ چۈشۈرىۋەتتى ۋە مەندىن يامانلاپ ئىككى كۈن قېچىپ يۈردى. بۇ ئوسال ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۇچۈن بىر گۈل دۇكىنىدىن ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر دەستە گۈل ئەۋەتتىم. لېكىن قېرىشقاندەك گۈلچى بىر مۇنچە ۋاقىتتنى ئىسراپ قىلىپ گۈزەلنۇرنىڭ ئۆيىنى تەستە تېپىپ گۈلنى گۈزەلنۇرغا ئەمەس ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يەتكۈزۈپتۇ. ئەسلى مەن ئۇلارنىڭ چۈشتىن بۇرۇن سىرتقا چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ گۈلچىگە گۈلنى سائەت 11:00دىن ئىلگىرى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئېيتقانىدىم.
«ئەمدى كۆرگىلىكىمنى كۆرىدىغان بولدۇم» دەپ تىتىلداپ ئولتۇرسام گۈزەلنۇر ئۆزى ماڭا تېلېفون بېرىپ ئارىمىزدىكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»نى ئاخىرلاشتۇردى.
ئۇ كۈنى قىزىلتاغ باغچىسىغا بېرىپ كېمىگە چۈشۈپ ئويناپ كەلدۇق. كەچتە گۈزەلنۇرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىچە پاراڭلىشىپ بىر بېكەت پىيادە ماڭدۇق. ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى. شۇ چاغدا گۈزەلنۇر ماڭا قىزىقارلىق بىر ئىشنى دەپ بەردى. ئەسلىدە تۈنۈگۈن دەل ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ 22يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەن. ئۇلار بۇ بىر دەستە گۈلنى ئېلىپ بەك خۇش بوپتۇ. گۈزەلنۇر ئۇنى «مەن ئەۋەتكەن ئىدىم » دەپ  ئىشنى بېسىقتۇرۇپتۇ. ئۇ شۇ گەپنى قىلىپ بولۇپلا مېنى يېنىككىنە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ يۈگۈرگىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. بۇ سۆيۈش بىزنىڭ ئارىمىزدىكى تۇنجى شۇنداقلا ئۆمرۈمدىكى تۇنجى ئىدى. جايىمدا ھەيكەلدەك قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە ئىچىمدە «گۈزەلنۇر سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن، سىز بىلەن توي قىلىمەن، بىز بەخىتلىك ئائىلە قۇرىمىز» دەپ پىچىرلىدىم.
مەن مۇشۇ قىزنى بەختلىك قىلىمەن دەپ يەنى مۇشۇ قىز بىلەن توي قىلىپ بەختلىك ئائىلىدە خاتىرجەم ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ بۇ ئۇنۋېرسىتىتتا تىرىشىپ بىلىم ئىگەللەۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە يەنى 2000يىل 12ئاينىڭ6-كۈنى، ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەكلا بىر ئىش بولدى. يەنە بىر قېتىم بۇتتەك قېتىپ ، ئۆزەم ئاڭلىغۇدەكلا ئەمەس ، پۈتۈن ياتاقتىكىلەرگە ئاڭلىتىپ:«گۈزەلنۇر سىزگە نېمە بولدى؟»دەپ ۋارقىرىدىم. بىراق ئۇ گېپىمنى ئاڭلىمىدى. قۇلىقىم ماڭا ساتقىنلىق قىلىۋاتامدۇ؟ ماڭا خاتا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ كاللامنى ئېزىقتۇرىۋاتقانمىدۇ؟

- مۇھىد، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، مېنى كەچۈرۈڭ ... ،- ئۇ  يىغلاپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمىدى ۋە تېلىېفوننى قويۇۋەتتى. قايتۇرۇپ تېلىفون قىلدىم. لېكىن ئاڭلىعىنىم كىشىنى بىزار قىلىدىغان «دىت...دىت» ئاۋاز بولدى. ياندۇرۇپ يەنە قىلدىم. يەنە شۇ ئاۋاز. تېرىكىپ گۈزەلنۇرنىڭ دوستى رىسالەتكە تېلىفون قىلىۋىدىم، تېزلا ئۇلاندى.
- ۋەي.
- رىسالەتمۇ ، مەن مۇھىد.
- ھە، ياخشى تۇرىۋاتامسىز مۇھىد، شىئەتگە ساق –سالامەت چۈشىۋالدىڭىزمۇ؟ گۈزەلنۇرچۇ؟ -ئۇ ھىجىيىپ سورىدى.
- گۈزەلنۇر ؟! سىز ئۇنىڭ بىلەن قاچان كۆرۈشكەن؟
- تۈنۈگۈن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئالدىدا.
- خاپا بولماي ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ باقامسىز ، ئۇ ھازىر ياتىقىدا.
- گۈزەلنۇرغا بىر ئىش بولدىمۇ؟
- بىلمىدىم، سىز كىرىپ باقسىڭىز بوپتىكەن.
- ماقۇل، 20 مىنۇتتىن كېيىن تېلىفون قىلامسىز!
- بولىدۇ، رەھمەت.
20 مىنۇت 20يىلدەك ئۇزاق بىلىنىپ كەتتى. مەن تېلىفون قىلماستىلا ياتاق تېلىفونى سايرىدى. قارىسام ئالدىدىكى تۆت خانە0991، ئالدىراپ تېلىفوننى ئالدىم.
- ۋەي؟

- مۇھىد، مەن رىسالەت ، قىزىق ئادەمكەنسىز؟ بىكاردىن بىكار ئادەم ئاۋارە قىلىدىكەنسىز. گۈزەلنۇر ياخشى تۇرمامدۇ! لېكىن ئۇنىڭ سىز بىلەن ئەمدى كۆرۈشكۈسى يوق ئىكەن. ماڭا تېلىفون قىلمىسۇن دەيدۇ.
- نېمىشقا ؟ - ئالدىراپ سورىدىم.
- ئوتتۇراڭلاردىكى ئىشنى مەن نەدىن بىلەي، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، خوش.
- توختاڭ...-تېلىفوندىن مېنى بىزار قىلىدىغان رىتىملىق ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى.
مەن يەنە بىر قانچە ساۋاقداشلىرىمغا تېلىفون قىلدىم. ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابلىرى ھەرخىل بولدى.
- تۈنۈگۈن مەكتەپ ئاشخانىسىدا بىللە تاماق يېگەنتۇق
- بۈگۈن ئەتىگەن دەرستە كۆردۈم.
- ...نېمە ئۇنى خاپا قىلدىڭمۇ؟ ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەرمۇ ئۇرىشامسىلەر؟ تۆۋە...
- ئۇنى سىز بىلەرسىز؟
- گۈزەلنۇرنى دىمىسەڭ ماڭا تېلىفون قىلمايسەن دېگىنە .
چۈشتىن كېيىنلا مەكتەپ قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان يۇقىرى يىللىقتىكى ئەلىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئاغرىق ئىسپاتىدىن بىرنى يېزىپ بېرىشنى ئۆتۈنمەكچى بولدۇم. ئۇمۇ مەكتەپتىكى ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ بىرى بولغاچقا تەتىللەردە مەكتەپتىن تەڭ قايتىپ قالاتتۇق.  ئەلىنى ئىنگىلىزتىلى سالونىدا كۆپ كۆرەتتىم. ئۇنىڭ تىلى بەكمۇ يەڭگىل، راۋان ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىگە ئولتۇرۇشقان كۆزلىرى، قوڭۇر چاچلىرى، بېشىنىڭ گەۋدىسىگە قارىغاندا كىچىك،يۇمىلاق بولىشى مەلۇم  مەنىدىن بۇ ئورۇق بايقۇشنى ئەڭ بولمىغاندا ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن چەت ئەللىكلەرگە ئوخشىتىپ قويغاچقا، خەنزۇلار ئۇنى چەتئەللىك ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى. ئۇنى قورشىۋېلىپ گەپكە سالاتتى. لېكىن مەن كۆپىنچە ئۇنى ئامېرىكىلىق ياكى ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ سوئال سوراۋاتقان ھالدا كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ئىنگىلىزلاردىن سورايدىغان سوئاللىرى مۇرەككەپ تېمىلاردىن چىقاتتى. مەسىلەن: « ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى مەدەنىيەتلەرنىڭ قوشۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ ياكى توقۇنۇشىنىمۇ؟ سىزچە تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولالامدۇ؟ روھى-پىسخىكىلىق داۋالاش ئىلمى ھازىر غەرپ ئەللىرى جەمئىيىتىدە قانداق رول ئويناۋاتىدۇ؟» ۋە ھاكازالار.
مەكتەپتىكى ھەممە مىللىلار ئىنگلىز تىلىدا ياخشى دەپ بىردەك ئېتىراپ قىلغان بۇ بالىنىڭ مىجەزى غەيرىرەك بولۇپ مەن قىزىقمايدىغان تارىخ، پەلسەپە توغرىلىق گەپ ساتاتتى. گەرچە ئۇ يۇرتداشلار ئولتۇرىشىغا قاتناشمىسىمۇ توپنى ياخشى تەپكەچكە ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشاتتىم. لېكىن ئۆتكەن يىللىق تەڭرىتاغ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە (شىئەندىكى مىللى ئوقۇغۇچىلار يىلدا بىر قېتىم مەكتەپلەر ئارا شۇ نامدا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى. ) بىزنىڭ مەكتەپ بىلەن چاڭئەن ئۇنۋېرسىتىتى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ قاتتىق ئېلىشتى، كوماندىمىز مۇسابىقە ئاياغلىشىدىغانغا يەتتە مىنۇت قالغۇچە ئىككىگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى، مۇشۇ يەتتە مىنۇتتا بىز چاڭئەن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توساپ تۇرالىساقلا ئۇتۇۋالاتتۇق. بىراق ئوتتۇرا مەيدان ئوڭ يۆنىلىش توسقۇچى بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەلى دەل مۇشۇ ئارىلىقتا قوغداش رايونىدىن ئايرىلىپ ھۇجۇمچى بولۇپ كەتتى. ھۇجۇمچى ھەم كوماندا باشلىقى بولغان مەن تەرتىپنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ نەچچە قېتىم ئىشارەت قىلدىم، لېكىن ئەلى باش لىڭشىتىپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋەردى، مېنى ھەممىدىن بەك ئاچچىقلاندۇرغىنى ئۇ خەتەر رايونىغا ئېلىپ كىرگەن توپىنى ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ئورنى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ماڭا بەرمەي قارشى تەرەپكە تارتقۇزۇپ قويدى، ئىشنىڭ تېخىمۇ يامان بولغىنى چاڭئەن ئۇنۋېرسىتىتى كوماندىسى دەل ئەلىدىن تارتىۋېلىنغان توپ بىلەن تۇيۇقسىز قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بىزنىڭ ۋارتاغا بىر توپ كىرگۈزىۋەتتى، ئاخىرى جازا توپقا چۈشتۇق، لېكىن يېڭىلىپ قالدۇق. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بولسا كېرەك، ئۇ ماڭا قەھرىمان بولۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ئادەمدەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالغاچقا ئۇنىڭ بىلەن كېلىشەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. شۇنداقتىمۇ بېرىپ ئۇنى ئىزدىدىم. ئەلى ئۆسمە كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلار ئىشخانىسىدا قەلەي تاختايلىق دەپتەرگە بىر بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى يېزىۋاتقان ئىكەن. ئىشخانىغا كىرىپ شۇنچە تۇرساممۇ ئۇ بېشىنى كۆتۈرمىدى. ئاخىرى ئۆزۈم ئېغىز ئاچتىم.
- ئەلى، ماڭا رۇخسەت سوراش خېتى كېسىپ بەرسەڭ بوپتىكەن.
- قانچە ۋاقىتلىق؟- ئۇبېشىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ ئىشىنى داۋام قىلدى.
ئەلىنى ئىزدەپ كېلىشتىن ئىلگىرى نەچچە كۈنلۈك رۇخسەت ئېلىشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. تۆت كۈن بېرىپ كېلىدىغان يولغا كېتىدۇ. بىرەر – ئىككى كۈن تۇرارمەن. بىر ھەپتە بولسا بولغۇدەك.
- بىر ھەپتىلىك.
- بىر ھەپتە؟!-دىدى ئۇ قايتا بېشىنى كۆتۈرۈپ.- مۇھىد، مەن مۇدىر ۋىراچ ئەمەس، پىراكتىكانت . بىز پىراكىتىكانتلار ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت خېتى يېزىپ بېرەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ بالىسى ، تەس جۇمۇ.
ئۇ نىمە ئىش بولدى دەپ سورىمىدى، مەنمۇ دېمىدىم. گەپ قىلمايلا سىرتقا چىقىپ كېتىپ باشقا يۇرتلۇق تونۇشلارنى ئىزدىدىم، لېكىن ئامال بولمىدى.
- ئۇ يوق، - دېدى تېلىفوننىڭ قارشى تەرىپىدىكى قىز. تېلىفون تۇرۇپكىسىنى جاقىلدىتىپ قويۇۋېتىپ 1.5يۈەنگە چوڭ ئىستاكانغا لىق كولا ئېلىپ بىر كۆتۈرىشىمدە گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتىم. گۈزەلنۇرنىڭ گېپى يەنە يادىمغا كېلىپ قالدى.
...- ئادەملەر ئىچى پۇشسا، ئاچچىقى كەلسە ئىشقىلىپ بىئارام بولسىلا بېرىپ تاماكا چېكىدۇ، ھاراق ئىچىدۇ. لېكىن مۇھىد، سىز ئۇنداق قىلماڭ. بۇلار زىيانلىق.
- مېنىڭ ئىچىم پۇشمامدۇ؟ ئاچچىقىم كەلمەمدۇ؟
- مۇزىكا ئاڭلاڭ، كولا ئىچىڭ ،ۋا...ئۇنى ئىچسىڭىز سىز چۈچۈمەل تەمگە ئايلىنىسىز، چۈچۈمەل تەم سىزگە ئايلىنىدۇ. دۇنيا تەمگە ئۆزگىرەيدۇ. مۇھىد، كولا ئېلىپ بېرىڭە...
كولانى ئىچىپ بولۇپ يېنىمدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى ماگىزىنىدىن بىرىتىۋا سېتىۋالدىم- دە، ئۇدۇل مەكتەپ قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىغا كىرىپ نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۆتۈپ ،جىگەر كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتىم. نېرۋا كېسەللىكى بۆلۈمىنىڭ جىگەر كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بىلەن تام قوشنا بولۇپ قالغانلىقىدىن نارازى بولۇپ ئەتراپقا ئوغرى مۈشۈكتەك قاراپ ئولتۇردۇم. چۈنكى چۈشتىن بۇرۇن شۇنچە تىرىشساممۇ ماڭا نېرۋىسى  ئاجىزلاپتۇ دەپ دىئاگنوز قويۇپ بەرمىگەن دوختۇر تاسادىپى كىرىپ قالسا بىر كۈندە ئۈچ خىل كېسەل بولغان ئادەم بولۇپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم.
دوختۇر ئۈمىد قىلغىنىمدىكىدەك ماڭا بىر قاتار تەكشۈرۈش بۇيرىدى. بۇنىڭ ئىچىدە سۈيدۈك تەكشۈرۈش تۈرىمۇ بار ئىدى. باشقا تەكشۈرۈشلەرنى نورمال ئۆتكۈزۈپ سۈيدۈك تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە چىقىپ ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان بىرىتىۋا بىلەن باش بارمىقىمنى كەستىم. بىر تامچە قان سۈيدۈك ئېلىنغان كىچىك سۇلياۋ قاپقا تېمىپ تەكشى يېيىلدى، ئۈستىدىن يەنە يېنىك چايقىۋېتىپ تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ سىرتىدا مېنى كۈتۈپ تۇرغان سېستىراغا قىزغۇچ رەڭگە كىرىپ قالغان سۇلياۋ قاپنى بەردىم. ئۇ گەپ قىلماي ئۇنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى.
ئەتىسى «جىگەر كېسىلى» دەپ دىئاگنوز قويۇلغان قەغەزنى ئېلىپ سىنىپ مەسئۇلىغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۇ ماڭا ياخشى داۋالىنىشىم كېرەكلىكىنى، ھەرگىز كېسەل بىلەن ئويناشماسلىقىمنى ،ساۋاقداشلىرىمنىڭ دەرسلەرگە يېتشۋېلىشىمغا ياردەم قىلىدىغانلىقى دىگەندەك بىرمۇنچە ھېسداشلىق قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. شۇ كۈنى كەچ ھېچكىمگە.ھەتتا ئۆيدىكىلەرگىمۇ بىلىندۈرمەي پويىزغا چىقىپ شىئەندىن ئايرىلدىم ئۈرۈمچىگە چۈشۈپلا ئۇنىڭ مەكتىپىگە كېلىپ تېلىفون قىلدىم
- ئۇنىڭغا ئېيتىڭ، مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە،-شۇنداق دەپ تۇرۇشىمغا گۈزەلنۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
- مۇھىد، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز خار قىلىۋاتىسىز،-بۇ قېتىم ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۆزىنى خېلى تۇتىۋالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
- گۈزەلنۇر ، مەكتەپنىڭ ئالدىدا كۆرۈشەيلى، ماڭا يۈر-تۇرانە ئېيتىڭ. زادى نىمە ئىش بولدى؟ مەن ھېچ چۈشەنمىدىم.
- ماقۇل، مەكتەپنىڭ ئالدىدا...
ئۇ ئورۇقلاپ كېتىپتۇ، كۆزلىرى نۇرسىز. ئادەتتە چاچلىرىنى پارقىرىتىپ كۈلۈمسىرەپ چىقىدىغان گۈزەلنۇر مانا ئەمدى مېيىت ئۇزاتقىلى چىققاندەك پەرىشان.
بىز بىللە مېڭىپ خۇيزۇلارنىڭ كالا گۆشى ئۈگرىسى ساتىدىغان ئاشخانىغا يېتىپ كەلگۈچە گۈزەلنۇر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئاخىرى تاماق بۇيرىتىدىغان ۋاقىتتا
- نېمە يەيسىز؟- دەپ سورىۋىدىم،
- بۇ يەرگە كەلگەن ئادەم نېمە يەيتتى؟- دېدى.
ئاۋۋال ئۇنى ئېغىز ئېچىپ قالامدىكىن دەپ ئارتۇق گەپ قىلماي جىم ئولتۇردۇم. ئارىدىن 10مىنۇت ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇ زۇۋان سۈرمىدى، يا ئاغزىغا بىرەر نەرسە سالمىدى.
- سەۋەبى نېمە؟ نېمىشقا بۇ قارارنى چىقاردىڭىز؟
- مېنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.
ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمايدىكەن ! بۇ ماڭا بەك ئادالەتسىزلىكتەك بىلىندى.گۈزەلنۇر مېنىڭ بىر قىسمىمغا ئايلىنىپ كەتكەن تۇرسا، قانداقلارچە ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي تۇرالايمەن ؟ ئۇ مېنىڭ كۆزۈم، مېنىڭ قولۇم...گۈزەلنۇر تېنىمدىكى مۇھىم بىر ئەزا ، بۇگەپ « قېنى مۇھىد، كۆزۈڭنى ئويۇپ ئېلىۋەت، ئۇنىڭ بىلەن نېمە چاتىقىڭ» دېگەندەك بىلىنىپ ئىچىمدىن ئاچچىق ئۆرلىدى.
- ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى شۇنچىلىك دەپ ئويلامسىز؟ - گۈزەلنۇر بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۈگۈلۈپ قالدى،-بىز ئويۇن ئويناۋاتامدۇق؟ مەن 23 ياشقا كىردىم. ھېچكىم بىزنى كىچىك بالا  دېمەيدۇ. سىز تېخى تېلىفون بىلەنلا ھەممىنى يىغىشتۇرىمەن دەپ قالدىڭىزمۇ؟ گۈزەلنۇر ماڭا سەۋەبىنى ئېيتىڭ ،بۇ يەرگە ئىككى كۈن يول بېسىپ كەلدىم. ئاغزىڭىزدىن ‹نېمىشقا› دىگەن سوئالغا جاۋاپ ئالىمەن دەپ قانداق تىتىلداپ كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلەمسىز؟ نېمە ئىش بولدى؟ تېخى «مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن» دەۋاتقىنىڭىزنى ، قولغا تىغ كىرسە پۈتۈن بەدەن ئۇنىڭ دەردىنى تارتىدۇ. سىز نېمانداق رەھىمسىز بولۇپ كەتتىڭىز؟
گۈزەلنۇر ئاغزىنى تۇتقىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. كۆز ياشلىرىنى مەندىن يوشۇرۇپ ئۆرۈلۈپلا سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئەتراپىمىزدىكى ئۈستەللەردە ئولتۇرغانلارنىڭ بىز تەرەپكە قاراپ قالغانلىقىدىن ئاۋازىمنى بولۇشىغا قويۇۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. گۈزەلنۇرغا ئەگىشىمەن دەپ ئورنۇمدىن تۇرىشىمغا قارشى تەرىپىمىزدىكى ئۈستەلدىكى مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئككى قىزنىڭ پىخىلداپ كۈلۈشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەس-يادىم گۈزەلنۇردا بولغاپقا ھېچ نېمىگە قارىماي ئۇنىڭ كەينىدىن ئالدىراپ ئاشخانىدىن چىقتىم. قارىسام گۈزەلنۇر يۈگۈرگەن پېتى مەكتەپكە كېتىۋېتىپتۇ. تېزلا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدىم. دەرۋازىدىن كىرىپ ئادەم ئانچە جىق بولمىغان ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ توختىتىۋالدىم.

- سىزگە دەي، مەن باشقا بىرى بىلەن توي قىلىمەن.
توي! مەن توي دېگەن گەپنى ئانچە چۈشەنمەيمەن. ھازىرچە چۈشىنىشنىمۇ خالىمايمەن. مېنىڭ پىلانىم ئوقۇش پۈتتۇرگەندىن كېين ئاۋۋال خىزمەت تېپىش ئاندىن ئۆي ئېلىش ئاندىن توي قىلىش ئىدى. توي دىگەن بۇ سۆز تۇرمۇش مۇساپەمنىڭ تېخى سايىسىنى ئاران كۆرگىلى بولىدىغان يىراقلىقتا بولغاچقا ئىتتىك ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالماي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.
- مۇھىد، مەن بىر قىز بالا ، ئەمدى مېنى ئاۋارە قىلماڭ .ئۇزۇنغا قالماي توي قىلىمەن. ئۆيدىكىلەرمۇ بىلىپ بولدى. مېنى كەچۈرۈڭ مۇھىد. قىز بالا ئاجىزكەن. مېنى ئويلاپ قويۇڭ،- گۈزەلنۇر سومكىسىنى ئېچىپ ئىچىدىن بىر چاغلاردا مەن ئۇنىڭغا بەرگەن چوڭ كونۋېرتنى چىقاردى.- مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. مۇھىد، مەن ئەسكى قىز ، راست مەن ئەسكى، ماڭا ئۆچ بولۇڭ.
گۈزەلنۇر شۇ گەپني قىلىپ بولۇپلا ماڭدى. كونۋېرتنى ئېچىپ قارىسام ئۇنىڭ كۈن نۇرى ئاستىدىكى چىرايى كۆرۈندى. قىزىرىپ چۈشكەن نۇر ئۇنىڭ چاچلىرىنى پارقىرىتىپ تۇراتتى. رەسىمگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. گۈزەلنۇرنىڭ گەپلىرى ماڭا شۇنچىلىك غەلىتە بىلىنىپ كەتتىكىن، گويا بىرى ئۇنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ سۆزلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم

mahira513 2011-02-01 12:59
داۋامى بارغۇ ھە؟

zulmat520 2011-02-01 14:37
ياخشى  چىقىپتۇ،دىگەنسەك  داۋامى  بارمۇ  يا؟...

bargiya 2011-02-01 16:35
ماگىنىت ئەسەرلەر ئەلكۈيىنى ئاۋات قىلىدۇ،بىزمۇ داۋامىنى تۆت كۆز بىلەن ساقلايمىز..

@xahrizat 2011-02-01 17:00
ياخىشى باشلانغان تىمىا ئىكەن. داۋامىغا تەشنامەن.

dellyar571 2011-02-01 17:47
شۇ كۈنى(يەنى گۇزەلنۇر ماڭا  ئۇنى رەسىمىمنى قايتۇرۇپ بەرگەن كۈنى  ) كەچ ئۆزەمنى گۈزەلنۇرنىڭ ياتىقى ئالدىدا كۆردۈم. راست گەپنى قىلسام نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىمنى بىلمەيتتىم. ئىشقىلىپ گۈزەلنۇرنىڭ دەرىزىسى ئالدىدا خۇددى ئەرۋاھتەك تۇردۇم. پۇتۇمدىن سوغاق ئۆتۈۋاتامدۇ؟ بېشىمغا شامال ئۇرۇلىۋاتامدۇ كارىم يوق، قارنى غىچىلدىتىپ دەسسەپ ئۇيان ماڭىمەن، بۇيان ماڭىمەن. تۇرۇپ-تۇرۇپ گۈزەلنۇرنىڭ دەرىزىسىگە قارايمەن. كاللام قۇپقۇرۇق، سائەت قانچىدىن باشلاپ تۇرغانلىقىم ئېسىمدە يوق. بىر چاغدا دەرىزىنىڭ پەردىسى چۈشۈرىۋېتىلدى. يەنە بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن چىراغ ئۆچتى. بىراق پەردىنىڭ ئارىلاپ- ئارىلاپ مىدىرلاپ تۇرىۋاتقىنىدىن گۈزەلنۇرنىڭ مېنى كۆرىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردۈم . ئۇ ياتىقىدىن چىقارمۇ ؟مەندىن كەچۈرۈم سوراپ باغرىمغا ئۆزىنى ئاتارمۇ؟ «توڭلاپ كەتتىڭىز» دەپ ئەدىيالنى ئۇچامغا ئارتىپ كۆز ياشلىرى بىلەن مەيدەمنى ھۆل قىلىۋېتەرمۇ؟...
ياتاق بىناسى ئالدىدىن ئۆتىدىغان ئادەملەر ئاساسي جەھەتتىن قالمىغاندا بىر ماشىنا چىرىقى كۆزۈمنى چاقتى. ئۇنى ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئۇ يېنىمغا كېلىپ توختاپ ئىچىدىن مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك تۆت بالا چۈشتى . قاراڭغۇدا ئۇلارنىڭ چىرايىنى پەقەتلا كۆرەلمىدىم.
- ھە،بالاڭزا – دېدى ئارىسىدىكى بىرى،-ئىسسىق جېنىڭنى قىينىغۇچە ئۆيۈڭگە كېتىۋالساڭ بولمامدۇ؟
گەپ قىلماي تۇردۇم.
- قارا ئەتتىرگۈل.، قارا باتۇر . بېرىپ ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ؟
«قارا ئەتتىرگۈل!» ئۇنىڭ گېپىدىن چۆچۈپ كەتتىم. ئۇ تاھىر-زۆھرەنىڭ ئارىسىغا ئۈنگەن قارا ئەتتىرگۈلنىڭ گېپىنى قىلىۋاتامدۇ؟ بۇ قارا ئەتتىرگۈل ھەرقېتىم تاھىر-زۆھرەنىڭ قەبرىسىدىن ئۈنگەن قىزىل ئەتتىرگۈللەر بىر-بىرىگە تېگىشمەككە ئېگىلگەندە ئارىسىنى ئايرىۋېتىدىغان تىكەن ئىدىغۇ!
ئۇلار مېنى قىستاپ،  تارتىپ قاراڭغۇ دەرەخلىككە ئېلىپ كەلگەندە نەدىندۇر چىققان مۇشت ئېڭىكىمگە تەگدى، ئارقىدىنلا ئۇرۇلغان بىر كاللا بىلەن يىقىلىپ چۈشتۈم. تېنىمدىكى تەبىئىي ئىنكاس بويىچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا مۇشت ئاتماقچى بولۇپ ئەمدىلا بېشىمنى كۆتۈرۈشىمگە بىر نەرسە ئېڭىكىمگە ئۇرۇلدى. ئارقىدىن تەگكەن نەرسىلەر كۆزۈمدىن ئوت چاقنىتىۋەتتى.
- بولدى، بولدى، ئۆلۈپ بەرمىسۇن بۇ ئەبگا.
- لاتا قىلۋەتتۇق ئۇنى.
- ئۆيىنى سورىۋېلىپ ئاپىرىپ تاشلاپ قويايلى.
ئۇلارنىڭ مېنى كۆتۈرۈپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا سالغاچ قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمنى بىلدىم.بىر جۈپ قول پۇتۇمنى تۇتتى. يەنە بىرى قولتۇقۇمدىن كۆتۈردى. بۇرنۇمدىن ئاققان قان قولتۇقۇمدىكى ئۆمۈچۈك چېكىلگەن قولنى قان قىلىۋەتتى. كېيىنكى ئىشلارنى ئەسلىيەلمىدىم.
................................................................
-سەن ھېچكىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟
- ئىشىكنى ئاچساملا ئاكام  كارىدوردا  يېتىپتىكەن، يېنىدا ھېچكىم يوق.
- ئاكام تېزراق ئويغانسا ئۆزىدىن  سورىساق بولاتتى.
كۆزۈمنى ئاچسام ئىككى سىڭلىم بىر-بىرى بىلەن ئەنە شۇنداق پاراڭلىشىۋېتىپتۇ، بېشىمنى ئوڭ تەرەپكە بۇراپ ئۇلارغا قارىماقچى بولدۇم. لېكىن ئوڭ كۆزۈم تېڭىلغان بولغاچقا داكىنىڭ توسۇۋېلىشىدا ھېچ نېمىنى كۆرەلمىدىم
- ئاكا، - سىڭلىم نەفىسە كارىۋىتىمنىڭ يېنىغا كەلدى. نەفىسەدىن ئۈچ ياش كىچىك رەشىدە«ئاپا» دېگىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىپ ئاپام-دادامنى باشلاپ كىردى. ئاپام«جېنىم بالام» دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى. دادام ماڭا ئاچچىقلانغاندەك قاراپ قويۇپ كۆزىنى ئاپامغا يۆتكىدى.
- بولدى، ھېچ ئىش يوق، دوختۇرمۇ يېنىك يارىلىنىپتۇ دىدىغۇ،مۇشۇ خوتۇن خەقنى- زە...
دوختۇرخانىدىن تېزلا چىقىپ كەتتىم. شىئەنگە مېڭىش ئالدىدا دادام 500 يۈەننى ئالدىمغا قويۇپ «خىراجەت قىلىپ كېتىۋال » دېگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەنچىلىك ۋاقىتلىرىدا باشقىلارنى قانداق ئۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى،كىچىكىدىن ھېچكىمدىن تاياق يەپ باقمىغانلىقىنى دەپ بەردى. گېپىنىڭ ئاخىرىدا ھەتتا مېنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ چۆل -جەزىرىلەردە دۆلەت ئۈچۈن كان بايلىقى تېپىش ئىشلىرىنى قىلىشىمنىڭ ھازىرقىدەك دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغىنىمدىن ياخشى ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ئادەملەر كىتابنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ بىلىم ئۆگەندۇق، خىزمەت قىلدۇق دەپ ئۆيگە بېكىنىپ ئولتۇرىۋالمىغان بولسا كېسەلمۇ ئاز چىقاتتىكەن. ئۇ يەنە ماڭا قەلەم بىلەن خىزمەت قىلغان ئادەملەرنى نېمىشقىكىن يامان كۆرىدىغانلىقىنىمۇ دەپ بەردى.
- قارا ئوغلۇم. قوشنىمىز ئابدۇللانىڭ چوڭ ئوغلى ھېلىقى ئەكبەرنى بىلەمسەن . ئۇنىڭ ئەترەتكە كەلگىنىگە ئۈچ يىل بولدى. قۇدۇقتىكى بىرتال بۇرمىنىمۇ ئوڭشاپ سالالمايدۇ. بىز چوڭ داشۆنى پۈتتۇردى دەپ يۈرسەك جېنىنىڭ يوقلىقى، نەدىلا بولسا يىقىلىپ يۈرگەن ! ئابدۇللا بالامنى ئۇنداق ئوقىتىمەن، مۇنداق ئوقىتىمەن دەپ يۈرەتتى. ئاخىرى شامال چىقسا ئۇچۇپ كېتىدىغان تۆت كۆز بالىدىن بىرنى تەربىىيلەپ چىقتى. خېلى شوخ چوڭ بولغان ئىدىڭ. قاراپ تۇرۇپ تاياق يەپسەن ، مەن كۆتۈرگەننى بىر-ئىككى يىل كۆتۈرگەن بولساڭ بىلەكلىرىڭگە خېلى جان كىرەتتى ئەمەسمۇ.. ھەي بالا..
دادامنىڭ گەپلىرىنى ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن ئاۋۋال مەسئۇل مۇئەللىمىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندەك بېشىمنى چۆكۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىدىم. ئۇ مېنىڭ ئۈرۈمچىگە نېمىشقا كەلگىنىمگە پەقەت قىزىقمىدى. « بالىلار يىغىلىپ ئولتۇرايلى دېگەن ئىدۇق» دىگەن گېپىمدىن قىلچە گۇمانلانمىدى، مەركىزى نۇقتا مېنىڭ ئوغۇل بالا  تۇرۇپ نېمىشقا تاياق يىگەنلىكىمدىن  ئاچچىقلىنىش بولدى. ئاپام مەن مېڭىشتىن ئاۋۋال گۆش قورۇپ قۇتىغا قاچىلاپ بەردى ۋە مەڭزىمگە سۆيۈپ:
- جېنىم بالام، ئوقۇشۇڭنى ساق- سالامەت پۈتكۈزگىن. سىېنى دوختۇر بولۇپ قالدى دەپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۈرەي، ئارقىدىن ئىككى سىڭلىڭ بار . ئۇلارنى خۇدايىم بۇيرىسا سەن ئوقىتىسەن، ھازىر ئالى مەكتەپتە بالا ئۇقۇتۇش تەس. سىڭىللىرىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇسا داداڭ قىينىلىپ قالىدۇ. - دىدى....
مۇزىكا لېنتىسى بىر ئايلىنىپ بولغان چېغى «تەقدىر» مۇزىكىسى يەنە باشلاندى. ئۇنى ئاڭلاپ بولۇپلا تىڭشىغۇچنى قۇلىقىمدىن چىقىرىۋېتىپ كارىۋىتىمدىن تۇردۇم، ياتاق ئىچى جىمجىت بولۇپ بالىلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۆزۈمنى قاچۇرغان پاراڭلىرىنى تۈگىتىپ كەچلىك ئۆگىنىشكە چىقىپ كەتكەنىدى. كىتاب جازامنى ئاختۇرۇپ ئاناتومىيە كىتابىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان قەغەزنى ئېلىپ ئاستا ئاچتىم.
كۈن نۇرى ئۇنىڭ چاچلىرى ئارىسىدىن ئۆتۈپ پارقىرىتىۋەتكەنىدى. ئاشۇ قاش ، ئاشۇ كۆز، بۇرۇن، بۇ رەسىم ئەينى ۋاقىتتا مەن كۆرگەن گۈزەلنۇرنىڭ چىرايى ئىدى. خىيالىم يەنە شۇ چىرايغا قايتتى. ئاستا قولۇمنى ئۇنىڭ لېۋىگە قويدۇم. تۇنجى سەزگۈ يادىمغا كېلىپ يۈرىكىم تاتلىق ئېچىشىپ كەتتى ۋە خىيالىمغا ئۇنىڭ گەپلىرى كەلدى:
... « مەن ئەسكى قىز، ماڭا ئۆچ بولۇڭ، ماڭا ئۆچ بولۇپ كېتىڭ.»..كۆزلىرىمدىن ئوت چاقناپ كەتتى...
يەنە دادامنىڭ  ماڭا ئاچچىق قاراپ قويۇپ، ئاندىن نەزىرىنى ئاپامغا كۆز ياشالىرى كىلىپ باياتىنقى تاتلىق تۇيغۇ بىردىنلا غەزەپكە ئۆرۈلۈپ قولۇم رەسىمنى چىڭ سىقىملىدى ، يەنە بىر قولۇم ئاجايىپ جۇرئەت بىلەن رەسىمنىڭ بىر چېتىگە يېقىنلاشتى.ئەمما.... ئوغرىلىقچە ئۆزەمنىڭ ھۇجرىسىغا بېكىنىۋېلىپ توپتوغرا ئىككى ئاي سىزغان بۇ رەسىمنى يىرتىۋېتەلمىدىم. ئۇنى قانچە قېتىرقىنىپ سىزغانىدىم-ھە! ئۇنىڭدىكى ھەربىر سىزىق، ھەربىر رەڭگە جاپالىق ئەجرىم سىڭگەن ئەمەسمىدى؟  قاشلىرىنى چىقىرالماي توختاپ قالسام ئەتىسى چاندۇرماي گۈزەلنۇرنىڭ قاشلىرىغا قارىۋالاتتىم. ئۇنىڭغا قارىۋالىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئۇ تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى بالىلارغا تارقىتىۋاتقاندا بولاتتى . ھەپتىسىدە ئۈچ ياكى تۆت قېتىم ئۇ تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى مۇئەللىمنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆزى  كۆرۈپ چىقىپ ئاندىن بالىلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرەتتى. شۇنداق ئىنىق ئىسىمدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ ئېڭىكىنىڭ شەكلىنى جەزملەشتۈرگەنىدىم.
شۇ چاغدا ئۇ ماتىماتىكا دەرسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئالدىمغا قويۇپ:
- مۇھىد، سىنوس ئەگرى سىزىقى خاتا بولۇپ قاپتۇ، قاراڭ.-  دەپ يېنىمدا ئولتۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. كۆزۈم ئۇنىڭ ئېڭىكىگە تىكىلگەن بولۇپ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەر قۇلىقىمغا پەقەت كىرمىدى.
- چۈشەندىڭىزمۇ؟
- ھە، بىلدىم، -قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ ۋاراققا جىجىدىم،-  مانا ، مۇنداق ئىكەن.-مەن ئۇنىڭ ئېڭىكىنىڭ شەكلىنى چىقاردىم.
- ياق، ياق، -دىدى ئۇ بېشىنى چايقاپ ،-لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن توغرا، تۆۋەنكى چوققىنىڭ كوردىناتى(3.3) سىز سىزغاندەك بۇنداق ئۇچلۇق ئەمەس.
- لېكىن ئېڭىكىڭىزنىڭ يايمىسى ئاشۇنداق ئىكەن،- قانداقلارچە سىنوس ئەگرى سىزىقىنى ئۇنىڭ ئېڭىكىگە باغلىۋالغانلىقىمنى ئۆزەممۇ بىلەلمىدىم. گۈزەلنۇر « مېنىڭ ئېڭىكىم »دەپ قولىنى ئېڭىكىگە ئېلىپ بارغاندىلا ئۆزەمنىڭ بۇ قىلىقىغا كۈلۈپ سالدىم. ئۇمۇ كۈلۈپ كەتتى.
- ئادەملەرگە سىنچىلاپ قارىسڭىز ئۇلار بىر-بىرىگە شۇنچىلىك ئىنچىكە پەرىقلىنىدىكىن ھەر بىر ئادەم ئايرىم نەرسىدەكلا بىلىنىپ كىتىدۇ  كۆزلىرىنىڭ شەكىللىرى ،ئىڭەكلىرى...
- چۈنكى كوردىناتى ئوخشىمايدۇ،- گەپ قىستۇردى گۈزەلنۇر،- ئادەم ئاناتومىيەسىگە قىزىقىدىغان ئوخشىمامسىز، دوختۇر بولغىڭىز بارمۇ؟
     ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا تېزلا«ھەئە،شۇنداق» دەپ جاۋاپ بېرىۋەتتىم. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن بۇرۇن دوختۇرلۇق قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.كەسىپ دىسە دادامنىڭ كۇلۇچلىرى، مەن ئىسمىنى بىلىپ بولالمايدىغان ئېغىر سايمانلىرى كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. كىچىكىمدە بۇ نەرسىلەرنى تولا ئوينايتتىم. چوڭ بولغاندا دادامغا ئوخشاش مۇشۇنداق ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرەلەيدىغان ئادەم بولىمەن دەپ ئويلايتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە دادامنىڭمۇ مېنى  ئۆزىنىڭ ئىزباسارى قىلىش ئويى بار ئىدى. رەگەتكە ئېتىش، تامدىن يۈگرەش، دەرەخكە يامىشىش ...دىگەندەك ئىشلارنى قىلسام دادام:
- مانا، مانا مېنىڭ ئوغلۇمدە ،-دەپ خۇش بولاتتى. ئەزەلدىن بىرەر بالىنى ئۇرۇپ يىغلىتىپ قويسام مېنى تىللىمايتتى. قوشنىلار «بالىلىرىمىزنى ئۇرىۋاپتۇ» دىسە ، دادام كۈلۈپ كېتىپ «ئوغۇل بالا دېگەن ئۇرۇشۇپ چوڭ بولىدۇ» دەيتتى. شۇڭا كۆڭلۈمگە رىمونتچىلىق ، ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى قۇراشتۇرۇش كەسپىم بولىدۇ دەپ تەبىئى ئورناپ كەتكەنىدى. كىچىكىمدىن كاللامغا  سىڭگەن بۇ ئۇقۇم گۈزەلنۇرنىڭ سوئالىغا «ھەئە» دەپ جاۋاپ بېرىشىم بىلەن بىردىنلا يوقاپ كەتكەنىدى، ئۇجاۋابىمنى ئاڭلاپ:
- نېمىدىگەن ياخشى. سىزنى باشقىلار « مۇھىد پالتا» دىمەي «مۇھىد دوختۇر» دەپ چاقىرسا بەك خۇش بولاتتىم،-دىدى.
- سىزچۇ؟ سىز قانداق ئادەم بولماقچى؟
- ئاپامنىڭ مېنى قانۇن كەسپىدە ئوقۇتقۇسى بار. دادام مېنى سىزگە ئوخشاش دوختۇر بولسىكەن دەيدۇ، لېكىن مېنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى يازغۇچى بولغۇم بار. مۇھىد، دەرسلەردە ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتىسز. بۇ مېنىڭ تۆھپەمغۇ–ھە؟ دەرسلەرنى ياخشى چۈشەندۈرىدىغانلىقىمغا سىز ياخشى مىسال، شۇنداققۇ؟
بىر بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشتۇق . ئۇنىڭ دىگىنى خاتا بولسىمۇ «ياق، ئۇنداق ئەمەس» دېمىدىم، دىيەلمىدىم. چۈنكى گۈزەلنۇر بولمىغان بولسا ھەقىقەتەنمۇ ئۆگىنىش نەتىجەم ياخشى بولمىغان بولاتتى. ئۆيگە بېرىپلا قەغەزنى ئېلىپ گۈزەلنۇرنىڭ ئېڭىكىنى ئاۋايلاپ سىزىپ پۈتتۈردۈم.
شۇ ئاخشىمى نەجمىدىن بوۋام ئۆيىمىزگە بىر خالتا ئۇن ئېلىپ كەپتۇ. بۇ بوۋامغا كىچىكىمدىنلا بەك ئامراق ئىدىم. ئۇ ئايدا بىر قېتىم كېلىپ قىزىنى يوقلاپ تۇراتتى. ھەر كەلگىنىدە بىرەر خالتا ئۇن ياكى سەي-كۆكتات كۆتۈرۈپ كېلىپ بىر كېچە قونۇپ كېتەتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئاپام بەزىدە دادىسىنى كۆرگەندە يىغلاپ كېتەتتى. يىغىسىنى بوۋامغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توساپ بىر ئاز يىغلىۋالغاندىن كېيىن يېشىنى سۈرتۈپ، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يەنە مېھمانخانىغا چىقاتتى. ئاپام ھەرقېتىم يىغلىغاندا بېرىپ ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلاپ يېشىنى ئېرتاتتىم. مېنىڭچە بۇنىڭ بىر سەۋەبى دادام بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى باشقا ئۆزىگە ئوخشاش ئىشچىلار بىلەن بىللە ھاراق ئىچىپ مەست كىرىپ ئاپامنى ئۇرۇپ- تىللايدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
مەن بوۋاملارنىڭكىىدە قونۇپ قالغان كۈنلىرىمدە ئۇنىڭدىن بىر نەچچە قېتىم:«بوۋا نېمىشقا دادام ئاپامنى ئۇرىدۇ؟» دەپ سورىغانىدىم، بۇنداق ۋاقىتلاردا بوۋامنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە يوقاپ، ساقاللىرى تىترەپ كېتەتتى. ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ جاينىمىزىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كېتەتتى. كېيىنچە بوۋامنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا كۆڭلىنىڭ قاتتىق يېرىم بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ بۇ سوئالنى سورىمايدىغان بولدۇم. لېكىن بوۋام شۇ گىپىمدىن كىيىن داۋاملىق ئۆيىمىزنى يوقلاپ تۇرىدىغان بولدى.
كەچتە چاي ئىچىۋېتىپ بوۋام مەندىن سوراپ قالدى.
- بالام، مەكتەپ پۈتەي دىدى- ھە؟
- ھەئە، بوۋا.
- قايسى كەسىپنى تاللىماقچى بولىۋاتىسەن؟
- دوختۇرلۇقنى،- بۇ گەپ ئاغزىمدىن چىقىشى بىلەن دادام ماڭا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، قورقۇپ تۈگۈلۈپ كەتتىم. لېكىن ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ قولىغا بىر ناننى ئېلىپ سۇندۇردى.
- نىمە؟ -دىدى ئاپام،- بالام، قوشنىمىز ئوغلىنى دوختۇر قىلىمەن دەپ كىچىكىدىن ۋاي دەپ ئوقۇتقانىدى. بىراق ئۇ بالا ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىپمۇ ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمەي ھازىر ئەترەتكە چىقىپ ئىشلەۋاتىدىغۇ.
- دوختۇر بولارمىش،-گەپكە ئارىلاشتى دادام،-ماڭا قاراپ باقە، بىرەرقېتىم دوختۇرغا بېرىپ باقتىممۇ؟ داۋالىساڭ شۇ ئۆيدە ئولتۇرغانلىقتىن كۈن كۆرمەي كېسەل تاپقانلارنى داۋالايسەن...
دادام چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئادەم ئەمەس،ئۇ ئەركەك. ئەركىشى دىگەن نەزەرىيە بىلەن جاھاندىكى ھەممە ئىشنى چۈشەندۈرەلەيدۇ، ھەممە ئىشنى چۈشىنىدۇ. ئادەملەر ئەرلەرنى ئاياللاشقان ئەرلەر ۋە ئالىي ئەرلەر دەپ ئىككى لاگېرغا ئايرىغان. يازغۇچى- تولا گەپ قىلىدىغان موماي، ئوقۇتقۇچى -گەپ سېتىپ نان يەيدىغان خەق، رەھبەر -باشقىلارنى ئىشلىتىپ ئۆزى بېيىيدىغان سېھرىگەر... بەخت دادامنىڭ نەزەرىدە ساغلام تۇرۇشنى بىلدۈرەتتى. ساغلاملىق ھەرىكەت قىلىشتىن، پېشانىدىن تەر ئاققۇزۇشتىن كېلىدۇ. كېسەللەر ھورۇنلۇقنىڭ، ئاپتاپ كۆرمىگەنلىكنىڭ ، ئىشلىمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسى، دوختۇرلارچۇ؟ دوختۇرلار ئەلۋەتتە ئاشۇ قاملاشمىغان ئادەملەرنى داۋالايدىغان ئەرزىمەس ئادەملەر. دادامنىڭ مۇشۇ مىجەزى تەسىرىدە مەن شوخ بالا بولۇپ چىققانىدىم  لېكىن...
- ئادەم داۋالاش ساۋاپلىق ئىش، بالام.- بوۋام شۇنداق دەپ گەپ قىستۇردى.
- ئۇ بەرىبىر ئۆتەلمەيدۇ، -دېدى دادام.
- شۇ ، مۇھىد ئۆتەلمەسمىكىن.- ئاپاممۇ دادامنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلىدى.
ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشىنەتتىم. لېكىن كۆڭلۈمنىڭ يەنە بىر تەرىپى گۈزەلنۇرنىڭ «ئاتا-ئانام مېنى دوختۇر قىلماقچى ، بىراق مېنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى يازغۇچى بولغۇم بار» دىگەن گېپى بىلەن« دوختۇر بولۇڭ» دىگەن سۆزىنى ئۆزىگە روھ قىلىپ ماڭا قارشىلىق قىلىۋاتاتتى...
......................................................................
قولۇمدىكى رەسىمنى يىرتىۋېتەلمىدىم،ئەگەر شۇنداق قىلالسام كىتاب جازامدىكى بارلىق تىببىي كىتابلارنى كۆيدۈرىۋېتىشىم بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە بۇ مەكتەپتىن كېتىشىم كېرەك. مۇزىكىمۇ ئاڭلماسلىقىم كېرەك! ئاھ خۇدا! نىمە قىلىشىم كېرەك؟ گۈزەلنۇرغا ئۆچ بولسام ئۇنى ئۇنتۇپ كەتسەم بولاتتى. باياتىن ئۇنى يىرتىۋەتمەكچى بولغان قوللىرىم بىلەن پۈكلەنگەن رەسىمنى قايتىدىن تۈزەشتۈرۈپ ئاۋايلاپ چوڭ كونۋېرتقا سالدىم ۋە ئۇنى ئاناتومىيە كىتابىنىڭ ئارىسىغا سالماقچى بولۇپ قولۇمنى كىتاب جازامغا ئۇزاتتىم. لېكىن ئۇنى ئالماي شۇنىڭ يېنىدىكى « قان كېسەللىكلىرى» دېگەن رەڭلىك كىتابنى ئالدىم. قان كېسەللىكلىرىگە قىزىقمىغاچقا ئايرىم كېسەللىك ئىلمى بولغان بۇ كىتابنى جىق كۆرمەيتتىم. رەسىمنى مۇشۇ كىتابنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ كارىۋىتىم تېگىدىكى يەشىككە تىقىۋېتىپ يەنە ئورنۇمغا چىقىپ يېتىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم.
…مەن دېڭىزدا، چوڭ بىر پاراخوتتا تۇرىمەن. يېنىمدا گۈزەلنۇر بار. بىز بىللە ھىندىستاندىكى تاج ماھالغا بارماقچى بولىۋېتىپتىمىز. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا شۇنداق ۋەدە بەرگەن، تاج ماھالنىڭ مۇھەببەتكە سىمۋول گۈزەل بىر قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى دۇنيادىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بۇ مۇقەددەس جايغا كېتىۋاتقانلىقىمدىن شۇنداق  روھلۇق ئىدىمكى ، گويا دۇنيادا ھېچكىم مەندەك بەختلىك ئەمەس...
بىر چاغدا پاراخوت تۇيۇقسىز يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپتۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا پاراخوتتا بوۋامنىڭمۇ بارلىقىنى ۋە ئۇنى مەككە تامان ھەيدەۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا يېلىنىپ – يالۋۇرساممۇ ئۈنۈمى بولمىغاچقا ئاخىرى رولغا ئېسىلىپ پاراخوتنى ھىندىستانغا قارىتىپ ھەيدەپتىمەن…
- ھاي. مۇھىد، ئېھتىيات قىل، پاراخوتنى تاشقا سوقىۋالىسەن.- بۇ گەپلەرگە پىسەنت قىلماي رولنى كۈچەپ بۇراۋەردىم، دەھشەتلىك گۈمۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ پاراخوت سۇغا چۆكۈشكە باشلىدى. ‹‹ قۇتقۇزۇڭلار، قۇتقۇزۇڭلار›› … سۇغا چۆكۈپ كېتىۋېتىپ قولۇمنى شۇنچە پۇلاڭلاتساممۇ ھېچنەرسە ئىلىنمىدى…سۇ ئاغزى- بۇرنۇمدىن كىرىشكە باشلىدى، ‹‹ قۇتقۇزۇڭلار››……..
چىلىق-چىلىق تەر بولۇپ كېتىپتىمەن.نەپىسىم قىسىلىپ ئېغىر-ئېغىر تىندىم. يوتقىنىم مېنى تاغ بولۇپ بېسىۋالغاندەك بىلىنگەچكە ئېچىۋەتتىم. بىرئاز تىنچلىنىپ كۆزۈمنى يۇمىۋالغاندىن كېين ياستۇقۇمنىڭ يېنىدىكى گۈزەلنۇر ماڭا بىر زامانلاردا سوۋغا قىلغان سائەتكە قارىدىم.
4:45، 2001-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى جۈمە. دىمەك مېنىڭ شىئەنگە قايتىپ كەلگىنىمگە ئىككى ھەپتە بوپتۇ.
ياستۇققا بېشىمنى قويۇپ باياتىن كۆرگەن چۈشۈمنى كاللامدىن ئۆتكۈزىۋېتىپ لەنجۇ ئۈگرىسى ساتىدىغان ئاشخانىدا مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئىككى قىز بالىنىڭ قىلغان گېپىمدىن(بەلكىم بۇ نۇتۇق بولسا كېرەك) پىخىلداپ كۈلۈشۈپ كەتكىنى يادىمغا كېلىپ ئۆزەممۇ كۈلۈپ كەتتىم. باشقىلارنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاغزىمنى ئېتىۋېلىپ تازا كۈلدۈم. بۇنداق ئېچىلپ كۈلۈپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. كۈلكەم ئاران دېگەندە بېسىلدى. لېكىن تۇرمۇش ماڭا شۇنداق ئەھمىيەتسىز بىلىنىپ كەتتى. باشقىلار شىرىن ئۇيقۇدا ياتقان تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇۋېلىپ دەرس تەكرارلاشلىرىم، قەھۋەدىن بىر مۇنچە سېتىۋېلىپ كەچلىك ئۆگىنىشكە كۇتۇپخانىغا مېڭىشلىرىم، دەرسخانىدا ئەڭ ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ لېكسىيەسىدىن زېرىكمەي خاتىرە قالدۇرۇشلىرىم، يەنە تېخى چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى ئوقۇتقۇچىنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ ئەستايىدىل سوراپ كېتىشلىرىم…  بۇلارنىڭ ھەممىسى نىمە ئۈچۈن؟ مېنڭ بۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇشۇممۇ نېمە ئۈچۈن؟ بىر گۈزەلنۇرنىڭ « ۋاي دوختۇر بولۇڭ» دېگەن گېپى ئۈچۈنمۇ؟ يەنە كۈلگۈم كەلدى. لېكىن كۈلەلمەي ئەكسىچە يىغلاپ تاشلىدىم. بۇ مېنىڭ ئېسىمنى بىلگەندىن بۇيان يۇرۇگىمدىن تۇنجى يىغلىشىم . تولۇقسىز  ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلىك كىتابلارنى ، ئوقۇتقۇچىلىرىمنى خىيال قىلدىم. لېكىن ئۆزەمنىڭ ئويۇنقېپى بولۇپ قالغانلىقىمدىنمۇ كاللامدىكى سوئاللارغا بۇلاردىن جاۋاب تاپالمىدىم.
ھېلىمۇ ئېسمدىن چىقمايدۇ، بىر كۈنى بوۋام ماڭا «كوھىقاپنىڭ ئاغزى » دېگەن چۆچەكنى ئېيتىپ بېرىپ بولۇپ قولىغا گۈل نەقىشلەنگەن بىر كىتابنى ئالدى ۋە ئۇنى ۋاراقلاپ:
- بالام، بۇنىڭ نېمە كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟-دىدى.
- ياق،-دېدىم بېشىمنى چايقاپ.
- بۇ دېگەن ئاللاھنىڭ كىتابى ، ئۇنى ئوقۇغۇڭ بارمۇ؟
كىتابتىكى ئەگرى-بۈگرى خەتلەر ماڭا ئوقۇتقۇچىنىڭ دوسكىغا يازغان خەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇنىڭغا قىلچە قىزىقمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھەللىمىزدە مۇشۇنداق خەت يېزىلغان بىر كىچىك دەپتەرنى كۆتۈرىۋالىدىغان مۇھەممەت ئىسملىك بىر بالا بولۇپ، موللامدىن بەكلا قورقاتتى، مەكتەپكە ئامراق ئىدى. ئۇ ماڭا بىر قېتىم موللامنىڭ ئۇنىڭ قۇلىقىنى سوزۇپ ، چىۋىق بىلەن ساۋىغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا دەرھاللا:
- ياق، ئوقۇغۇم يوق، -دەپلا بوۋامنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە يالغۇز قالدۇرۇپ ھويلىغا چىقىپ كەتكەنىدىم.
مۇشۇ بوۋام يەنە مەن ئۆيدىكىلەرگە «دوختۇر بولىمەن»  دېگەن كۈنى ئۆيىمىزدە يېتىپ قېلىپ ئەتىسى ئەتىگەندە مېنى ھۇجرامغا تارتىپ كىرىپ:
- مۇھىد، ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىپسەنغۇ؟ جاھالىيەت ۋاقتىدا ئادەملەر بۇت ياساپ، رەسىم سىزىپ شۇنىڭغا چوقۇناتتى. شۇلاردىن ياردەم تىلەيتتى. شۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلاتتى. بارلىقىنى شۇلارغا قۇربان قىلاتتى. بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئۇ سېنىىڭ خۇدايىڭمۇ؟ بالام. ئۇنى ئوتقا تاشلىۋەتكىن...- دىگەنىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىڭ تەستە سىزىپ پۈتتۈرگەن رەسىمىمنى بوۋام ئوتقا تاشلىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمايلا رەسىمنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇھ دېگەنىدىم... بوۋام جىق پىچىرلىغان.«..دوزاخ...ياردەم بېرەلمەيدۇ...ئاللا ...» ھازىر بوۋامنىڭ شۇ گەپلىرىنى ئىختىيارسىز ئەسلەپ قېلىۋاتاتتىم. ھەتتا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە رەسىمنى ئوتقا تاشلىۋەتمىگەنلىكىمگە پۇشايمان قىلدىم. ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام ھازىر ئۆزەمنى شىئەندە كۆزۈم ياشلانغان ھالدا كۆرمىگەن بولاتتىم...دېمىسىمىغۇ مەن گۈزەلنۇر ئارقىلىق نېمىشقا بۇ يەردە ئوقۇيدىغانلىقىمنى ، ئوقۇش پۈتتۈرۇپ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ھىندىستاندىكى تاج ماھالغا بېرىشنى بىلدىم. نەچچە يىل ئىلگىرى بوۋام ھىندىستان ئارقىلىق پاراخوت بىلەن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەن. بوۋامدىن گۈزەلنۇر دائىم دەيدىغان تاج ماھالغا بارغان-بارمىغانلىقىنى سورىغىنىمدا بوۋام ئۇ يەرنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. شۇنداق مەككە-مەدىنىگە ئادەملەر خۇداسىنى دەپ بارىدۇ. مەن ھىندىستانغا بارماقچى. ئۇ يەردە مەن مۇقەددەس دەپ تونىغان موغۇل پادىشاھىنىڭ ساھىبجامال خانىشى ئۈچۈن ياساتقان ھەيۋەت قەبرە بار.
بىر ئۆرۈلۈپ ئاللانى ئويلاشقا باشلىدىم. بۇ مەن ئەزەلدىن ئەستايىدىل ئويلاپ باقمىغان مەۋجۇدىيەت ئىدى.  ۋاقىت چىقىرالمىدىممۇ ياكى موھتاج ئىكەنلىكمنى بىلمىدىممۇ ئۇقمايمەن.« مېنى ئاللا ياراتتىمۇ؟ دۇنياغا نېمىشقا كەلدىم؟ نىمە ئۈچۈن ياشايمەن؟» بۇ سۇئاللار بىلەن يۈرىكىم ئاغقاندەك بولدى. بىر خىل ۋەھىمىنى سەزدىم. كەينىدىنلا يىراقتىن كېلىۋاتقان مۇڭلۇق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.

ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر
ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر
ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھە ئىللەلاھ...
بۇ بىزنىڭ ياتاق بىناسى بىناسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر كوچىغا جايلاشقان كىچىك بىر خۇيزۇلار مەسجىدىدىن ئاڭلانغان ئەزان ئاۋازى ئىدى. سائەتكە يەنە بىر قارىدىم. 6:10 تۈن سەيلىسى قىلۋاتقاندەك ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم. بىر ئازدىن كېيىن ئۆزۈمنى مەسجىدتە جامائەت نىمە قىلسا مەنمۇ دوراپ شۇنداق قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم. بۇ مەن ئوقىغان تۇنجى بامدات نامىزى ئىدى.
مەن ناماز ئوقۇغان بۇ مەسجىدنى خۇيزۇلار «داشۆسى» دەيدۇ. ئادەتتە ھەر جۈمە كۈنى خۇيزۇلار مەسجىدنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يېنىغا «لائىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دىگەن چوڭ ئەرەبچە خەت يېزىلغان يېشىل بايراقنى قاداپ قويىشىدۇ. مەسجىد ئەتراپىدا خۇيزۇلار ئاشخانىسىدىن بىر نەچچىسى بولۇپ ساۋاقداشلار بىلەن مەكتەپنىڭ تاماقلىرىدىن زېرىكىپ قالساق مۇشۇ يەرگە كېلىپ توخو قورۇمىسى ياكى ياڭ روۋپاۋمو، روۋجيامو دەيدىغان تاماقلارنى يەيمىز.
مەسجىدتە ھېچكىم قالمىغانغا قەدەر تىنچ ئولتۇرۇپ كەينىدىرەك چىقتىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، خاپا بولماي خادىنى تۇتۇپ بېرەمسىز؟
بۇ گەپنى مەسجىد دەرۋازىسى ئالدىدىكى تۈۋرۈككە بايراقنى تۇرغۇزالمايۋاتقان بىر خۈيزۇ دىگەنىدى. بېرىپ خادىنى تۇتۇپ بەردىم. ئەسلىدە بايراق سېلىنىدىغان ئىچى پور كىچىك تۆمۈر كالتەك ئېگىلىپ كېتىپ بايراق چىڭ تۇرماس بولۇپ قالغاچقا ئورۇق، ۋىجىك، چىرايى قارامتۇل كەلگەن بۇ تالىپ بايراق خادىسىنى تۆمۈر كالتەككە باغلىماقچى بولىۋاتقان ئىكەن.
ئۇنىڭ قولاشمايۋاتقان قول ھەرىكەتلىرىدىن ئىچىم پۇشۇپ بايراق خادىسىنى قولۇمغا ئېلىپ « مۇنداق قىلايلى» دىدىم- دە،  بىر سەكرەپلا تامغا چىقىۋېلىپ ئېگىلگەن تۆمۈر كالتەكنى بىر خىش پارچىسى بىلەن ئۇرۇپ تۈزلەپ بايراقنى ئەسلىدىكى ئورنىغا سېلىپ قويدۇم. ھېلىقى تالىپ مەن چوڭ ئىش قىلىۋەتكەندەك :«ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن» دەپ كەتتى. ئۇنىڭ ۋىجىك ھالىغا قاراپ دادامنىڭ« ئاپتاپ كۆرمىگەن مىتىلەر» دىگەن گېپى يادىمغا كەلدى. مەسجىد تېمىدىكى سائەتكە قارىدىم. 7:00بوپتۇ . مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
-    ھەي مۇھىد،- مەكتەپ مەيدانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا بىرى مېنى چاقىرىپ قالدى، بۇرۇلۇپ قارىسام ئۇ مەيداندا يۈگۈرىۋاتقان ئەلى ئىكەن. شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.- مەن سېنى ئىزدەي دەپ تۇراتتىم، مەكتەپتىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا ئىككى ئادەم كەم ئىكەن. ئۇلار ماڭا يەنە بىر ئادەم تېپىپ بىزنىڭ كوماندىغا قاتناشقان بولساڭلار دېگەن ئىدى. ئۇلار بىلەن بىللە باشقا مەكتەپلەر بىلەن مۇسابىقىلىشىدىكەنمىز. ئۆزەڭمۇ ئەتىگەندە چېنىققىلى چىقىپسەن. قانداق ، ئۇلار ئەتە مەشقنى باشلايدۇ.  قاتناشقۇڭ بارمۇ؟
-    بولىدۇ، مەشىق قىلساق قىلايلى،- دىدىم دەرھاللا. قالايمىقان خىياللاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولسام ياخشى بولىدىغاندەك قىلاتتى.
-    ئەتىگەندە چېنىققىلى چىقمايتتىڭ، ئەجەب بۈگۈن چىقىپ قاپسەنغۇ؟
- نېمە؟ سەھەردە چېنىقىدىغان يالغۇز مەنلا دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟
   ئەلى كۈلۈپ قويدى:
-    ماڭىمۇ ھەمراھ چىقىپتۇ-دە .

bozqir 2011-02-01 18:35
ئۇزۇن بوپتىكەن ،بۇنچىلىك ياخشى ئەسەر ئۇچراتمىغىلى.ئاللاھىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.داۋامىنى تىزرەك يېزىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

tatlihim 2011-02-01 19:28
ھەقىقەتەن مېنى قىززىقتۇرۇپلا قويدى داۋامىنى قاچان يازىسىز !!!!!!!

kaysar_yurak 2011-02-01 20:19
دەللىيار ئەپەندى ، مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دەڭە  .....  داۋامىىغا تەشنامىز .....  

dellyar571 2011-02-01 23:48
يازمامنى ياقتۇرغان تورداشلارغا تەششەككۇرلەر ،تۆنۆگىندىن بۇيان كەيپىياتىم ياخشى قولۇمدا قەلەم تۇرۋاتىدۇ شۇڭا كۆپىرەك يىزىۋەتتىم يەنە بىر ئىش  تورداشلار ئىسمىمنڭ لاتىنچىسىغا قاراپ دائىم خاتا ئوقۇپ قالىدۇ توغرىسى  دىليار ۋاختىدا ئەسكەرتىپ قويمىسام دەللىيار ياكى باشقىلارغا ئايلىنىپ كەتمەي ....

dellyar571 2011-02-02 14:52
مەن ئوقۇۋاتقان بۇ ئالىي مەكتەپ جۇڭگودىكى مەشھۇر بەش چوڭ ئالى مەكتەپنىڭ بىرى يەنە شۇنداقلا ئىقتىسادى دىگەندەك تەرەققىي قىلالمىغان شەنشى ئۆلكىسىگە ھەرجەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيلەنگەن ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەپ بېرىپلا قالماي بەلكى مەملىكەتنىڭ باشقا ئۆلكە، شەھەرلىرىگىمۇ ئېھىتىياجلىق تالانتلىقلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرىدۇ.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىگلىرىدىن نۇرغۇنلىرى مەسىلەن: چيۇئەيسى،لىن ياۋلىن، ۋاڭ يىنلو, جىن نەننىڭ مەكتەپتە مۇشۇ قاتارلىقلار ئوقىغان  1990- 2001- يىللىرىدا پارتىيە مەركىزى كومىتتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربى ئىشلار كومىتىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت ئۆتىگەن يولداش جاڭ زىمىن 1951-يىلى مۇشۇ مەكتەپنىڭ ماشىنسازلىق فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن.
1998-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامىرىكا زۇڭتۇڭى كىلىنتون شىئەنگە زىيارەتكە كەلگەندە  مەكتىپىمىزگە كېلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەن زۇڭتۇڭدىن سوئال سوراش شەرىپىگە ئېرىشكەن بىرقانچە ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى ئىدىم. مېنىڭ سوئالىم « زۇڭتۇڭ ئەپەندىم، ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت. سىزچە ئامېرىكىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنالىشىنىڭ  سىرى نەدە؟» ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بەرگەن ، ئۇنى يادلاپ بېرەلەيمەن. «ھەربىر پۇقرانىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنى ،غۇرۇرىنى قوغداش شۇنداقلا شەخسلەرنىڭ خاس تالانتىغا ئەڭ چوڭ ئىمكانىيەت ئىچىدە شارائىت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن ئۆز قىممىتىگە مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئامېرىكىنىڭ غەلىبىسى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى.»
ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ شۇ قېتىملىق زىيارىتى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى نەق مەيدان خەۋىرى بولۇپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەچكە ئاپام- داداملار مېنى كۆرۈپ بەك خۇش بولۇپ كېتىپتۇ ھەتتا  بىر نەچچە ئايغىچە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار-ساۋاقداش مەكتەپداشلار  ،مەھىلىمىزدىكى كىشىلەر مەن توغۇرسىدا  پاراڭلارنى سىغىز قىلىپ يەتكىچە چايناپتىدەك ...  
    لېكىن1999-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا جۇڭگونىڭ يۇگۇسلاۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى «ئۇقۇشماستىن» بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭ كىلىنتوننىڭ مەكتىپىمىزنى زىيارەت قىلغانلىقى، شۇ قېتىملىق زىيارەت تەسىراتلىرى مەكتەپتە جىق سۆزلەنمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئىشتىن كېيىن كىلىنتوننىڭ سايىسىدا ئوبدانلا نام چىقىرىۋالغان مەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ رايىغا بېقىپ ئامالسىز  نامايىشلارغا قاتناشتىم.
مەكتىپىمىزدە يەنە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. بۇلارنىڭ  ئارىسىدا ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەنلەر كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىناسى بىزنىڭكىدىن كۆپ ياخشى. ئۇلارنىڭ ياتىقىدا تۆت ئادەم، بىزنىڭ ياتاقلاردا سەككىز ئادەم تۇرىدۇ. يەنە تېخى تېلىۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئەسلىھەلىرىمۇ تولۇق. مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپرەك ، يەنى ھەر يىلى شىنجاڭدىن بۇ مەكتەپكە ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئالتە ياكى سەككىز. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولسا 40تىن ئاشىدۇ. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپنىچىسى ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن ، قاتار ،  ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىگەندەك غەربى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ، ئۇلار بىر سىنىپ بولۇپ ئىنگىلىز تىلىدا دەرس ئاڭلايدۇ.
   ئەلى تىلغا ئالغان چەتئەللىكلەر كوماندىسى دىگىنى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئەرەب، پارس ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن كوماندا بولۇپ، ئۇلار ھەريىلى شىئەندىكى باشقا ئالى مەكتەپلەردىكى چەتئەللىكلەردىن تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىلىرى ئارا بولىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشاتتى.لېكىن مەن مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى ئۇلارنىڭ بىرەر قېتىم ئۇتۇققا ئېرىشكىنىنى بىلمەيمەن. سەمىمىي گەپنى قىلغاندا ئۇلار توپ ئويناشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيتتى، پەقەت جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ئۆگەنگىلى كەلگەن شىئەندىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ  ياۋروپا – ئامېرىكىلىقلاردىن تەشكىللەنگەن كوماندىلارنى ئۇتىۋېلىش ئويىدىلا بولاتتى. ئەلىنىڭ سۆرەپ كىرىشى بىلەن  بۇلارغا قوشۇلۇپ توپ تىپىپ بىر مەزگىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم. ھەرقېتىم توپنى ۋارتانىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ خەتەرلىك رايوندىن پاس بەرگىنىمدە  بىر ئادەمنىڭ ئورنىغا ئىككىسى ياكى ئۈچى يۈگۈرۈپ چىقىۋېلىپ ھۇجۇم تەرتىپىنى ئاستىن- ئۈستۈن  قىلىۋېتەتتى ياكى ئەڭ ياخشى ئورۇندىكى ئادەمنى كۆزىتىپ توپنى شۇنىڭغا بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىگە چوڭ ئامەت كەلگەندەك ئۇدۇل ۋارتاغا تىپىپ ئۇنى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۇپ تاشلايتتى. توپقا تېگىدىن ھەۋىسى بولمىغان بۇ ئادەملەر بىلەن مەيداندا يۈگۈرۈپ يۈرۈش ماڭا كۆڭۈللۈك خاتىرە قالدۇرمىدى. ئۇلاردىن ماڭا بىرەر پايدا يەتتى دىيىلسە  بىرى توپ ئويناپ يۈرۈپ تونۇشۇپ قالغان سەئۇدىيلىق ئوقۇغۇچى بەرگەن لېنتىدىن ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغىنىم يەنە بىرى ئۇلار بىلەن بىللە يۈرۈپ شىئەندىكى ھەرقايسى مەسجىدلەرنى بىلىۋالغىنىم بولدى.
   بۇ شەھەردە شۇنچە يىل ئوقۇپ بۇنداق ياخشى جايلارنىڭ بارلىقىدىن بىخەۋەر يۈرگەنلىكىم قىزىق. بۇ مەسجدلەرنىڭ ئىچىدە ماڭا ھەممىدىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شىئەن شەھەر مەركىزىدىن 400 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان «چوڭ مەسجىد» دەپ ئاتىلىدىغان مەسجىد بولدى. ئۇ جۇڭگودا ھەممىدىن بۇرۇن سېلىنغان مەسجىد بولۇپ شىنجاڭدىكى ئەڭ قەدىمكى مەسجىد قەشقەر ھېيتگاھتىن 500 يىل بۇرۇن سېلىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسجىدنىڭ سېلىنىش ئۇسلۇبىمۇ تاڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىنىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان  بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچى ئوردىغىلا ئوخشايدىكەن. يولغا ياتقۇزۇلغان قورام تاشلار ھەرقايسى دەۋر پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرە تاش ئابىدىلىرى، مەسجىدىكى ناماز زالىغا كىرىدىغان پەلەمپەيلەرگە ئويۇلغان نەپس نەقىشلەر مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى.
















بۇ يەر قوغدىلىدىغان مۇھىم مەدەنىي يادىكارلىق ھېسابلانغاچقا چەتئەللەردىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. بىر دەم ئېلىش كۈنىدە بۇ يەرگە كېلىپ مەسجىددىكى «چىڭ يۇلۇۋ» دەپ ئاتالغان راۋاققا بېرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كەلمەكچى بولۇپ بارسام ئۇچىسىغا پادىچىلار ئىشتىنى ، كەڭ شىلەپە كىيگەن 45 ياشلار چامىسىدىكى بىر ساياھەتچى شۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ خاتىرىسىگە بىر نەرسىلەرنى يېزىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇرۇشنى بىئەپ كۆرۈپ بىر ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدۇم . قايتا كەلسەم ئۇ ئايال يەنە ئۆز ئورنىدا خاتىرە قالدۇرۇۋېتىپتۇ . 10-12 ياشلار چامىسدىكى ئىككى خۈيزۇ بالا ئۇنىڭ يېنىدىكى تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپتۇ . بۇ ئككىسىنى بۇرۇن كۆرگەن ، ئۇلار جەزمەن مۇشۇ مەسجىد جايلاشقان شەنشي ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ئەگىشىپ بۇ يەرگە  كېلىپ –كېتىدىغان كېچىك تالىپچاقلار. ئىككىلىنىپ تۇرماي تاش ئورۇندۇقنىڭ بىرىگە كېلىپ ئولتۇردۇم. ھېلىقى چەتئەللىك ساياھەتچى مېنىڭ كېلىپ ئولتۇرغىنىمنى سەزمەي كىچىك دەپتىرىگە بىرنەرسىلەرنى يېزىۋەردى. ئالاھەزەل بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېين ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ قالدى. تالىپچاقلارمۇ «كېتەيلى» دېيىشىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى . باياتىن ئۇلارنىڭ «سەن دېگىن،سەن دېگىن» دېيىشىپ بىر-بىرىنى جەينەكلەۋاتقانلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ ھېلىقى چەتئەللىككە ئىنگىلىز تىلىدا گەپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۇردۈم. ئۇلارنىڭ بىرى پەلەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ : « ۋاي ئىسىت، ئەگەر ئۇنىڭغا گەپ قىلغان بولسام بۇ مېنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن ئۆمرۈمدە تۈنجى قېتىم پاراڭلاشقىنىم بولۇپ قالاتتى» دېدى.
ئۇلار كېتىپ بولغاندىن كېيىن قارىسام بايىقى چەتئەللىك ئولتۇرغان ئورۇندا بىر خاتىرە دەپتەر تۇرىدۇ. دەپتەر ئىنگىلىزچە، ئەرەپچە خەتلەر، قالايمىقان سىزىلغان رەسىملەر بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. ئىچىگە200 دوللار پۇل قىسىقلىق ئىكەن. «ماۋۇ ئىشنى قاراڭ ، نېمىشقا بۇ خاتىرىنى چەتئەللىك بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغان ھېلىقى ئىككى خۈيزۇ بالا تېپىۋالمىغاندۇ» دەپ ئويلاپ خاتىرىنى ئېلىپ ئۇلارنى ئىزدىدىم . لېكىن ئۇلارنىڭ  قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئامالسىز خاتىرىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدىم. مەسجىدنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كەلگەندە بىر مۇنچە ئادەمنىڭ ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ توپنى يېرىپ ئۆتۈپ ھېلىقى چەتئەللىككە يېتىشۋالماقچى بولدۇم. مەن ئىزدىمەكچى بولغان ھېلىقى چەتئەللىك دەل شۇ يەردە مەسجىدكە بېلەت ساتىدىغان خۇيزۇ بىلەن تۇرۇپتۇ.
خۇيزۇ ئۇنى « قايتىدىن بىلەت ئالىسەن» دەپ ئىشىكتە توساپتۇ. چەتئەللىك «ئىچىدە بىر نەرسەم قاپتۇ . ئېلىپ چىقىمەن . بېلەت ئېلىپ بولغان ،ئەمدى ئالمايمەن» دەپ تۇرىۋاپتۇ. ئەھۋالنى چۈشىنىپ خۇيزۇغا « ئۇنىڭ نەرسىسنى مانا مەن ئېلىپ چىقتىم» دېۋىدىم. ئۇ جىمىپ قالدى. چەتئەللىكمۇ قولۇمدىكى خاتىرىنى كۆرۈپ تىنچلاندى. چەتئەللىك خاتىرىسىنى ئېلىپ ماڭا رەھمەت –ھەشقاللا ئېيتتى.  چوڭ مەسجىد گۇلۇ راۋىقى يېنىدىكى تاريولدا بولغاچقا ماشىنا ياكى باشقا قاتناش ۋاستىلىرى كىرەلمەيدۇ. مەسجىدنى زىيارەت قىلغۇچىلار 400 مېتر يولنى پىيادە باسىدۇ. بىز ئاشۇ يەردىن  بىللە ماڭدۇق. ئۇ ئۆزىنى يىئېل ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتچىسى ئىدىۋىنا نيېرىڭ دەپ تونۇشتۇردى. خاتىرىسىدىكى مۇرەككەپ خەرىتىلەر ۋە ئەرەبچە خەتلەرنى ئۆز كۈزۈم  بىلەن كۆرگەچكە ئۇنىڭ گېپىدىن گۇمانلانمىدىم.
- قۇرئان ئوقىيالامسىز؟ ئەرەپچىنى بىلەمسىز ؟- قىزىقىپ سورىدىم مەن.
ئىدىۋىنا نيېرىڭ بىلىمەن ياكى بىلمەيمەن دەپ جاۋاپ بەرمەي سۈرە فاتىھەنى يادلاپ بەردى. ئۆزىنىڭ كىلاسسىك ئەرەپ تىلىنى يەتتە يىل ئۆگەنگەنلىكىنى،پارىس تىلىغا پىششىق ئىكەنلىگىنى ۋە بارلىق ئەرەب پادىشاھلىقى ياكى جۇمھۇرىيەتلىرىگە بارغانلىقىنىمۇ ئېيتىپ بەردى.
-بۇ خاتىرە ھەر قېتىملىق ساياھىتىمدىن بايقىغان نەرسىلەرنى يازىدىغان مۇھىم قورالىم، -ئۇ خاتىرىنىڭ بىر نەچچە بېتىنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ دېدى.- بۇ يوقاپ كەتسە بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى.
- ئامېرىكىدا نېمە ئىش قىلىسىز؟
- ئوتتۇرا شەرق مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىمەن.
- نىمە؟
- سىزمۇ بىلىسىز. ئوتتۇرا شەرق مەدەنىيىتى يالغۇز ئىسلام مەدىنىيىتىلا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىمۇ ئابستراكىت ئۇقۇملار بىلەن شەرھىيلىگىلى بولىدىغان ئىدىئولوگىيە ئەمەس، ئۇ ئىنسانلار  مەدەنىيتىنىڭ بىر چارچىسى . ئۇنىڭدا تەتقىق قىلىدىغان تۈر بەك كۆپ، ھەممە ساھەگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئەقەللىسى ، ئىسلام مەدەنىيىتىنى بىلمەي تۈرۈپ  ياۋروپا مەدىنىيتىنى تونۇش مۇنكۈن ئەمەس ،غەرىپ دۇنياسى ھەر قايسى تارىخى باسقۇچلاردا ئەرەپلەر ،پارىسلار ۋە تۈرۈكلەرنىڭ مەدىنىيتىنى قوبۇل قىلغان ھەتتا بۇ پىكىرلەرنىڭ تەسىرىدىكى نۇرغۇن ئىجدىمايى ئۆزگۈرىشلەر ياسىغان - ئۇ سەل تۇرۇۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى-  سىزنىڭ ماڭا خاتىرەمنى تېپىپ بەرگەنلىكىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت. بۇ ياخشىلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى ئاۋۇ ئاشخانىدا مېھمان قىلاي.- ئۇ ئالدىمىزدىكى ئاشخانىنى بېشى بىلەن ئىما قىلدى. بۇ شىئەننىڭ داڭلىق تامىقى ياڭروۋپاۋمو ساتىدىغان خۇيزۇلارنىڭ ئاشپۇزۇلى ئىكەن. باش لىڭشىتتىم، ئىككىمىز كىرىپ كەتتۇق.
تاماق يەۋېتىپ ئىدىۋىنىا مېنىڭ ئىنگىلىز تىلىنى قەيەردە ئۆگەنگەنلىكىمنى سوراپ بىر ھازا ماختىدى. يەنە ئۆزىنىڭ شىئەنگە كېلىش مۇددىئاسىنىڭ بۇ يەردىكى دىنى ئادەملەرنى زىيارەت قىلىپ نەقشىبەندىيە دېگەن سوفى تەرىقىتىنىڭ جۇڭگو ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا ماتېرىيال توپلاش ئىكەنلىكىنىمۇ  ئېيتتى.ئۇ مامىڭشىن ئىسىملىك بىر تەرىقەت ئۇستازىنى ئالاھىيدە تىلغا ئالدى ۋە جۇگڭودىكى جەھرىيە تەرىقىنىڭ ئەمىلىيەتتە يەمەن تەرەپتىن كەلگەنلىكىگە ئائىد سۆزلەرنى قىلدى گەرچە بۇ مۇرەككەپ دىنى تىمىلارغا قىزىقمىساممۇ ئەدەپ يۇزسىسدىن جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ بەدىم،گەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ بىرىشىم بۇ ئايالغا ياراپ كەتتىمۇ ماڭا ئادەتتىن تاشقىرى  قىزغىن بولدى ، مەنمۇ دۇنيادىكى مەشھور ئۇنىۋىستىتىن كەلگەن بۇ بىلىم ئادىمگە تىگىشلىك ھۆرمەت كۆرسەتتىم يەنى           ئاشخانىدىن چىقىپ بۇ ئامېرىكىلىقنى ئۇدۇل شەنشى ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە باشلاپ بېرىپ ئۇ يەردىكى خۇيزۇلارغا ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈردۈم. ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدە ئۇ سومكىسىنى ئۇزۇن ئاختۇرۇپ بىر كىچىك خاتىرە دەپتەرنى چىقاردى، بۇ خاتىرىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئەرەبچە يېزىلغان ئىكەن. ئىدىۋىنانىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ كىشىلەر ئۇنداق ياكى بۇنداق  مامىڭشىن دىگەن ئادەمگە چىتىشلىق بولۇپ  ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارىختىن بۇيان نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنى تارقاتقانكەن. بۇ جەمئىيەتتىكىلەر بىر مۇنچە يەرگە تېلىفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ جەھرىيە تەرىقىتىدىن خەۋىرى بار دەپ قارالغان بىر قانچە ئادەمنىڭ  دېرىكىنى قىلىپ ئۇلارنىڭ ئادرىسلىرىنىمۇ يېزىپ بەردى . بۇ ئايالغا ياردەملىشىپ بۇ ئادەملەرنى ئىزدىشىپ بەرگۈچە خېلى قىينالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەت  ياشانغان بىرىلا ئىدىۋىنانىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى. مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرغىنى بۇ ئايال شۇنچە يىراقتىن قىتئە ئاتلاپ ئىزدەپ كەلگەن كىشى شەھەر سىرتىدىكى بىر ئەسكى كەنىتتە ئولتۇرىدىكەن. بۇ ئادەمنى كۆرگەنلەر ئۇنىڭ ئاددى دېھقانچە كىيىنىشىگە قاراپ ھەرگىز بىر نەرسە بىلىدىغان ئادەم دىمەيدۇ، باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى بار دىيىلسە پەقەت كىيىنىشى رەتلىك، ئۆزى پاكىز ئىكەن.
كېيىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا تەرجىمانلىق قىلىش جەريانىدا بۇ مويسىپىتنىڭ رەسمى جەھرىيە تەرىقەت تەربىيىسى ئالغان چوڭ ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز گېپىنى ئىدىۋىنا لېنتىغا ئالدى. ئۇنىڭ ئۇستازى، ئۇستازىنىڭ ئۇستازى قاتارلىقلارنى تاكى بۇ ئادەم دەپ بېرەلىگەنگە قەدەر سۈرۈشتۈردى. سۆھبەت ئاخىرلىشاي دىگەندە مېنىڭ بىردىنلا ئۇنىڭدىن سوئال سورىغۇم كېلىپ قالدى.  چۈنكى ئۇنىڭ يارقىن كۈلۈمسىرەشلىرى ۋە تەلەپپۇزلىرىدىن بىر خىل خاتىرجەملىكنى سەزگەنىدىم. بۇ خاتىرجەملىك مېنى قىزىقتۇردى ھەم ھەۋەسلەندۈردى.
   - بەك خاتىرجەم كۆرۈنىدىكەنسىز تاغا،- دىدىم گەپ باشلاپ.
   - شۇنداقمۇ؟- ئۇ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى بىلگەندەكلا سۆزىنى ئۇدۇل تېمىغا بۇرىدى.- بالام، خاتىرجەمسىزلىك قەدىرلىك دەپ بىلگەن نەرسىسىدىن ئايرىلغاندا ياكى ئايرىلىشتىن ئەندىشە قىلغاندا بولىدىغان تۇيغۇ. لېكىن بۇ دۇنيادا ھېچ بىر نەرسە ئادەمگە مەڭگۈ تەئەللۇق ئەمەس. دۇنيادىكى نەرسىلەرگە زىيادە مۇھەببەت باغلاپ شۇنىڭدىن ھاياتىغا مەنە بېرىدىغان ئادەملەر ئاشۇ نەرسىسىدىن ئايرىلغان ھامان سوغۇق تەنگە، ئۆلۈككە ئوخشاپ قالىدۇ. دۇنيادىكى ھەربىر كۆرۈنىدىغان ھەم سەزگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى ئادەم ئەمەس يەنە كىلىپ بۇ نەرسىلەر  ھامان يوقىلىدۇ ، يۆتكىلىدۇ ياكى ئۆزگىرىدۇ. بىراق ئادەملەر بۇلارنى گويا مەڭگۇلۇك نەرىسدەك  ئۆزىگە ئەبىدى تەئەللۇقتەك ھىس قىلىپ ئۇلارغا  زىيادە بېرىلىپ ئاخىرى بىركۈن ئازاب تېپىۋالىدۇ ياكى ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ غەم ئىچىدە ياشايدۇ.
بۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرى ماڭا قارىتىپلا دىيىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. دىمىسىمۇ گۈزەلنۇرغا بولغان سۆيگۈمدىن مەناغا ئىگە بولىۋاتقان ھاياتىم ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ھامان ھېچ مەنىسى يوق بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.بۇ بوۋاي كېسىلىمنى نەق تاپتى، ماڭا ئۇ يەنە سۆزلەۋەرسە قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى بىردىن- بىردىن تارتىپ چىقىرىدىغاندەك، چىرايىمغا قاراپ ھەممە سىرىمنى بىلىۋالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بۇ چاغدا ئىدىۋىنا نىمە دىيىشكەنلىكىمىزنى سوراپ گەپ قىستۇردى. بوۋاينى قول ئىشارىتى بىلەن توختىتىپ قويۇپ پارىڭىمىزنى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ بەردىم ۋە گېپىمنىڭ ئاخىرىدا «بۇ مويسىپىت ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كەسپى پىسخولوگلاردەك سۆزلەيدىكەن» دىۋىدىم ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە ماڭا « سىز بىلمەيسىز، ئۇلار ئادەتتىكى ئادەملەر ئەمەس» دەپ جۇڭگوغا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ يەنە  سۆزلەپلا كەتتى. بۇ پاراڭلارغا قىزىقىپ كەتمىدىم، خىيالىمدا پەقەت ھېلىقى كىشىنىڭ سوغۇق تەنگە ئايلىنىپ قالىدۇ دېگەن گېپىلا بار ئىدى.
شىئەندىن كېتىش ئالدىدا ئىدىۋىنا ماڭا كۆپ تەشەككۇرلەر ئېيتىپ تەرجىمە ھەققى دەپ پۇل تەڭلىدى. «ئەگەر مەن تەرجىمانلىق قىلىپ نان يەيدىغان ئادەم بولغان بولسام پۇلنى ئالغان بولاتتىم. لېكىن ئوقۇغۇچىمەن، بۇنداق قوشۇمچە ئىش قىلىپ پۇل تاپىدىغان ئادىتىم يوق، بۇ ئىشنى سىزگە ياردەملىشىپ ئۆزۈم خالاپ قىلدىم» دەپ چىرايلىق رەت قىلدىم.

kaysar_yurak 2011-02-02 18:28
ھە ..... چۈشەندىم دەليار ئەپەندىم ..........    

ئايتۇغ 2011-02-02 19:40
بولسا تېمىنىڭ ئۈستى ياكى ئاستى تەرىپىگە ئىمزايىڭىزنى قويۇپ قويسىڭىز.ئىجادىي تېما ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ.....

kiroran1019 2011-02-02 23:46
ھىلىقى مويسىپىتنىڭ دىگەن گەپلىرى بەكلا دانا ئىكەن،ماڭا شۇنداق ياقتى.

dellyar571 2011-02-03 03:34
-------------------شۇنداق قىلىپ ئۇ ئامىرىكىلىقىنى بىر نەچچە كۈن سەل ئاۋارە بولغان بولساممۇ ئۇزىتىپ قويدۇم لېكىن ھەپتىلەردىن بۇيان گۇزەلنۇرنى قەلبىمدىن چىرايلىق ئۇزۇتۈپ چىقىرىۋىتىپ ئۇ ئىلىپ كىلىۋاتقان ئازاپلاردىن قۇتۇلۇش  مىنىڭ مۇھىم ئىھتىياجىم بولۇپ قىلىۋاتاتتى بۇ ئىھتىياجدا دىندار بولۇپ كەتتىم يەنى ھە دسىدىلا  جەينىمازغا چىقىۋىلىپ ئاللاھقا «گۇزەلنۇرنى ئۇنتۇپ كىتەي ئاللاھىم ماڭا ياردەم قىل » دەپ ئۇزاق دۇئالار قىلىدىغان ھەر ئەتىگەندە قۇرئان ئوقىيدىغان بولىۋالدىم. ھەتتا بىر قېتىم شۇ ئامىرىكىلىق زىيارەت قىلغان مويسىپىت بوۋايىنى قايتا ئىزدەپ  تىپىپ ئۇنىڭدىن چارە سوراشنىمۇ ئويلاپ باقتىم ئەمما ئازاپلىرىم ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشپ بىر ئازدىن  يەنگىلەشكە باشلىدى .كىيىنچە گۇزەلنۇر يادىمغا كېلىپ قالمىسۇن  دەپ  يالغۇر خىيالغا چۆكۈپ قىلىشتىن ساقلىنىپ  مەيداندا ساۋاقداشلىرىم بىلەن توپ ئويناش ۋە ئۆزەم قىزىقىدىغان دەرىسلەرگە قاراش بىلەن كاللامنى ئالدىراش قىلىشنىمۇ ئۇرۇنۇپ يۇردۇم .بىراق بۇلار يۇرەكتىكى ئوتنى تامامەن ئۆچۇرمەك ئۈچۈن يەتمەيتى .قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۇنىڭدىن نەپىرەتلىنەي دىسەم مىنى سەۋەپسىز تاشلىۋەتكەن ئىشىدىن باشقا نەپىرەتلىك يىرىنى تاپالمايىتىم ،بىز ئۇچراشقاندا ئۇ ھامان ئالدىمدا قىزلىق ھۆرمەت غورورىنى ساقلايتى ،بىر ئاز ئەدەپسىزلىك  قىلىشىمغىمۇ يول قويمايتى …ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ئەخلاقىسىزلىقدىن مىسال  ئىلىپ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇش ئاقمايدىغان گەپ ئىدى  مەن ئاخىر  تىخمۇ بەك دىندار تۇيغۇلارنى ئىزدىدىم يەنە نامازغا چىڭ ئىسىلدىم ئىبادەتلەرنى قازاسىسز داۋاملاشتۇردۇم مۇشۇ دىندارلىق تويغۇلىرىغا شۇڭغۇپ كىرىۋىرىشىم بىلەن  2001-يىل 3-ئاي ئەتىراپىدا گويا  ھاياتىمدىكى دەھشەتلىك قارا قىش ئۆتۈپ باھار يېتىپ كەلگەندەك بولدى.مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە  يېڭىلا باشلانغان داۋالاش ئىلمى دەرسىدىن خاتىرە قالدۇرىمەن دىگەن نىيەتتە ئالغان خاتىرەمنى كۆتۈرۈپ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق تۈسكە كىرگەن مەكتىۋىمىزنىڭ  چىڭخۇايۈەن دەيدىغان  باغچىسىغا كىرىپ تۆۋەندىكى قۇرلارنى ھاياجان ئىچىدە  يازدىم
.    
«قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تىمىسقىلاپ ئۆزەمچە ‹بەختلىك› دەپ قارىغان كۈنلىرىمنىڭ تېگىگە مىناغا ئوخشاش يوشۇرۇنۇپ ياتقان بەختسىزلىكلەرنى كۆرەلمەي ھايۋانغا ئوخشاش ياشاپ كەپتىمەن. بىر پۈتۈن ئادەم تۇرۇپ ئۆزەمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. ياراتقۇچىنىڭ ئادەملەر ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ئىنسانلارغا يىتەكچى بولسۇن دەپ ئۈزلۈكسز پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر قاپتىمەن، خەۋەردار بولغۇممۇ كەلمەپتۇ. ئاللاغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى. گۈزەلنۇردىن ئىبارەت بۇ تۇرمۇش ئىلاھىمنىڭ مېنى ئۇلۇغ ئىسلام ھەقىقىتىدىن ئۇدا توسۇپ تۇرغانلىقىنى ئاخىرى تونۇپ يەتتىم. كۆڭلۈمدىن گۈزەلنۇرنى چىقىرىۋېتىپ ئۇ ئىگىلەپ تۇرغان جاينى بىكار قىلىشم بىلەن شۇ جايدىن ماڭا شۇنداق يورۇق نۇر سېپىلدىكى مانا بۇ يورۇق نۇرنىڭ مېنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزىشىغا ئاللا ئىگەم ئۆزى ئىمكانلىق بېرىپتۇ.» يېنىك شامالنىڭ ئۇرۇشى بىلەن تۆكۈلگەن گۈل بەرگى خاتىرەمنىڭ بېتىگە چۈشتى.«-مانا ، سوغۇق قىش ئاخىرلىشىپ چېچەك پەسلى يېتىپ كەپتۇ. باھارنىڭ ئىللىتىشى چېچەكلەرنى ئېچىلدۇردى. ئەمدى شاخلىرىنى چېچەكلەر بىلەن بېزىگەن مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆز مېۋىسىنى بېرىشكە قاراپ ماڭىدۇ.»
قەلەمنى تۇتۇپ بىر ئاز تۇرىۋالدىم. كاللامغا ئاپامنىڭ:« بالام سېنى دوختۇر بولۇپ قالدى دەپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۈرەي، ئارقىدىن ئىككى سىڭلىڭ بار . ئۇلارنى خۇدايىم بۇيرىسا سەن ئوقىتىسەن، ھازىر ئالى مەكتەپتە بالا ئوقۇتۇش تەس. سىڭىللىرىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇسا داداڭ قىينىلىپ قالىدۇ. »دىگەن گېپى كەلدى. كىم مېنىڭ بۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇشۇمغا گۈزەلنۇر سەۋەپچى دەيدۇ؟ مەن ئاللانىڭ خاھىشى-ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتىتىغا كەلگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ ھايات مۇساپەمنى داۋاملىق بېسىپ كېتىۋېرىمەن. بەدىنىمگە يېڭى قان ئېقىپ كىرىۋاتقاندەك باشقىچە جانلىنىپ  قەلەمنى كۈچەپ بېسىپ يېزىشنى داۋاملاشتۇردۇم، «بۇرۇن قانداق ئويلىغانلىقىم ياكى ياشىغانلىقم مۇھىم ئەمەس. خۇدا تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. مەن تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلىماقچى خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بالىدەك،مۇنداقچە ئېيتقاندا قايتا تۇغۇلغاندەك ياشىماقچى.»



خاتىرەمنى ياپقاندا مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان بىر قۇش ھۈپپىدە چېچەكلىگەن شاپتۇل شاخلىرىنىڭ بىرىگە قونۇپ چىرايلىق سايرىغىلى تۇردى. قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقاندەك بۇ ئاۋازغا قۇلاق سالدىم. نېمىدىگەن تەبىئىي ئاۋاز، گەرچە ئۇنىڭ مىلودىيسى بىر خىل بولىسىمۇ ھەرقانداق كاتتا مۇزىكىلاردىن ياخشى، مۇڭلۇق ئىكەن. گۈزەلنۇر ماڭا «ئىچىڭىز پۇشسا ئاڭلاڭ» دەپ موزارت، بېتخوۋىن قاتارلىق داڭلىق مۇزىكانتلارنىڭ سمفونىيىلىرىنى  بەرگەن. بۇ سىمفونىيىلەر ئارقىلىق دەرس بېسىمى، تۇرمۇشتىكى مەنىسىزلىكلەرنى ئۆلتۈرەتتىم. بىراق نېمىشقا بۇ مۇرەككەپ سىمفونىيلەردىن قەستەن مەنە چىقىرىپ ئۆزەمنى ئۆزەم ئەخمەق قىلىمەن؟ سۇنىڭ شىلدىرلاشلىرى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، تەبىئەت دۇنياسىدىن چىقىۋاتقان ھەرخىل ئاۋازلار ئەجىبا مۇزىكا ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا مۇزىكا ئاڭلىمىغۇدەكمەن؟ ئاڭلايمەن. لېكىن مېنىڭ مۇزىكا ئاڭلىشم ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
بۇ چاغدا مەكتەپنىڭ كانىيىدىن ئەتىگەنلىك گىمناستىكا ئاۋازى كېلىپ خىيالىمنى بۇزدى. سائەتكە قارىدىم .ئەتىگەنلىك دەرسكە يەنە 1:30سائەت بار ئىكەن. يېنىك قەدەملەر بىلەن كۆڭلۈمدە 1-2-سائەتلىك دەرسكە چىقماسلىقنى ئويلاپ ياتاق بىناسىغا قاراپ ماڭدىم. چۈنكى مېنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلىرىم بارئىكەن. يېڭىچە ئادەم بولۇشنى گۈزەلنۇر ماڭا مۇشۇ نەچچە يىل جەريانىدا بەرگەن نەرسىلىرىنى تاشلاش بىلەن باشلىشىم كېرەك. بىرىنچى بولۇپ قولۇمدىكى سائەتنى بىر تەرەپ قىلىمەن. بۇ ئۇنىڭ ماڭا ھەدىيە قىلغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى. ئەسلى بۇ سائەت گۈزەلنۇرنىڭ بوۋىسى ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ نەۋرىسىگە قالدۇرغان تەۋەرۈكى بولۇپ، ئۇ ئادەم گۈزەلنۇرنىڭ گېپى بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ بىلىملىك ئادەم. مەن ئۇنى بىرلا قېتىم كۆرگەن. لېكىن گۈزەلنۇر ماڭا بوۋىسىنىڭ گېپىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي بىر قېتىم ئەمەس بىر نەچچە قېتىم دەپ بەرگەن بولغاچقا، ئۇنى يېقىن تونۇيدىغاندەكلا  بولۇپ كەتكەنىدىم.
بۇ ئادەمنىڭ ئەپلىك قىلىپ ياسالغان كىچىك بىر جوزىسى بولۇپ ئۇ ئەينى ۋاقتىلاردا باشقىلارغا خەت يېزىپ بېرىش ئۈچۈن ئۈستىلىنى كۆتۈرۈپ يەرلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتىكەن. خەتنى چىرايلىق يازىدىغان، رەسىم سىزالايدىغان، ھۆسىن خەتكە ماھىر بۇ كىشى 1930-يىللاردا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىغا ئەزا بولۇپ تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى، تاختىلىرىنى ئىشلىگەن ئىكەن. ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ ئايالى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا تۇنجى بولۇپ ئاياللار ئىشخانىسى تەسس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانكەن. ئۇنىڭ تەشەببۇسى ۋە ھەر تەرەپلىمە خىزمەت قىلشى بىلەن ئۇرۈمچى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا ئاياللار ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ ئاياللارغا ئۆزلىرىنڭ ھوقۇقىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئاپپارات بولغان.
گۈزەلنۇر بۇ بوۋىسىغا بەك ئامراق. بۇنىڭ بىر سەۋەبى بۇ بوۋاي ئۇنىڭ بىرىنچى ئۇستازى بولۇپ گۈزەلنۇر مەكتەپ يېشىغا توشماي تۇرۇپلا ئوقۇشنى ، يېزىشنى ئۆگىنىپ بولغان. بوۋىسى يەنە ئۇنىڭغا چىن تۆمۇر باتۇر، سىيىت نوچى،نۇزۇگۇم قاتارلىق تارىخى داستانلارنى ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىپتىكەن.گۈزەلنۇرنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە بوۋىسىنىڭ  ياردىمىدە ئۇ چاغاتاي تىلى، سىلاۋىيان ئۇيغۇريېزىقى ۋە يېڭى – كونا يېزىقلاردىكى كىتابلارنىمۇ ئوقۇيالايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. ) گۈزەلنۇر بىر قېتىم ماڭا چاقچاق قىلىپ مەن تۆت خىل تىل بىلىمەن دىگەن ئىدى.) كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ئەلشىر نەۋائىنىڭ «تاھىر- زۆھرە» داستانىغا ھەممىدىن بەك ئامراق ئىدى. بوۋىسى دەرسلەردە باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئەلاچى نامىنى قولىدىن بەرمەي ئىزچىل ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ كېلىۋاتقان گۈزەلنۇرغا قەۋەتلا ئامراق بولغاچقا يېنىدىن ئايرىمايدىغان تەۋەرۈك سائىتىنى بۇ بىردىن بىر نەۋرىسىگە قالدۇرغان ئىكەن . 3،6،9دىن ئىبارەت ئۈچلا سان بار ، قالغانلارنىڭ ئورنىغا پارقىراپ تۇرىدىغان كۆز قويۇلغان، قاراڭغۇدا ئۆزلىكىدىن يانىدىغان ، چېسلا ۋە ھەپتىنى ئىككى خىل يېزىقتا كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بۇ سائەت شېۋىتسارىيىنڭ ھەقىقي مېلى. بۇنىڭغا مەكتىپىمىزدە «غەرپ ئىقتىسادى» دىگەن دەرسنى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمىزمۇ گۇۋاھ بولۇپ ماڭا «سائىتىڭ جىڭ مال ئىكەن. ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمىسەڭ ئۇنى گۆرۈگە قوي» دەپ چاقچاق قىلغانىدى.
ئەلۋەتتە ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتسەم بولمايدۇ. بۇ ئاچچىقى كەلسە چېقىۋېتىدىغان چىنە ياكى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تاشلىۋەتسە بولىدىغان گۈل ئەمەس. ئۇنىڭغا خېلى ئېغىر، پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدىغان باھا سىڭگەن. تۇرۇپلا گۈزەلنۇردىن ئۆچ ئالغىم كەلدى. ئۇنىڭ ھېسياتىمنى بىر نەچچە يىل ئەخمەق قىلغانلىقىنىڭ بەدىلى بولىشى كېرەكقۇ؟ ئۇ بۇنى تۆلىشى كېرەك . شۇندىلا قەلبىمدىكى ناھەقچىلىك بېسىلىپ ئۇنى تېخىمۇ بەك ئۇنتۇپ كېتىشىم مۇمكىن...
سائەتنى توپ مەيدانىنىڭ كەينىدىكى مېخانىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەيدىغان پىراكتىكا زاۋۇتىنىڭ ئادەتتە ئادەم ئانچە بارمايدىغان مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ تاش بىلەن ئۇرۇپ چېقىۋېتىشنى نىيەت قىلىپ كىچىك يەشىككە ئەخلەتنى تاشلىغاندەك تاشلىدىم. ئىككىنچى نەرسە بىزنىڭ يېزىشقان خەتلىرىمىز، بۇ خەتلەرنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاندەك بىر كونۋېرتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.
مۇھىد:
     ياخشىمۇسىز؟ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ مەكتەپكە ياخشى ئورۇنلىشىۋالدىڭىزمۇ ؟سىزگە بۇ قېتىمقى خېتىمدا مەكتىپىمىز ھەققىدە سۆزلەپ بىرەي: سىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلاردا دائىم شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىغا بېرىپ توپ ئوينايتتىڭىز. سىزگە ھەممىدىن تونۇش يەر شۇ توپ مەيدانى بولىشى مۇمكىن. لېكىن مەكتەپنىڭ باشقا جايلىرىمۇ مەنزىرىلىك. بولۇپمۇ خۇڭخۇنىڭ بۇنداق چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بۇرۇن بىلگەن بولسام سۇ ئۈستى باغچىسى ياكى قىزىلتاغقا بېرىپ سىزنى پۇل خەجلەتمەس ئىكەنمەن.
بىراق بۇ كۆل توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ قورقتۇم. چوڭ سىنىپتىكى قىزلارنىڭ دېيىشىچە بۇ كۆلگە يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلار تاشلىۋېتىلىپ تۇرىدىكەن. كۆلنىڭ كەينى تەرىپىگە ئۆتۈشتىن ھەممە قىزلار ئۆزىنى تارتىدىكەن. ئۇ يەردىكى ئىگىز ئۆسكەن چاتقاللىقلاردا ئەسكى ئادەملەر بار دېيىشىدۇ. مەن مەكتەپكە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ساقچىلارنىڭ شۇ كۆلدىن 23-22 ياشلاردىكى بىر ئۆلگەن قىزنى سۈزۈپ ئېلىۋاتقانلىقىنى يېقىندىن كۆرۈپ قېلىپ بىر ھەپتىگىچە بىر نەرسە يېيىشكە كۆڭلۈم بارماي يۈردۈم. ئۇ بىر خەنزۇ قىز ئىكەن. مۇھەببىتى تاشلىۋېتىپتىكەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ.
مۇھىد، بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم گۆشى ئۇستىخىنىدا تۇرغان جەسەتنى كۆرىشىم. بىرىنچىسى بوۋام ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدا سۈزىۋېلىنغان ھېلىقى قىزنىڭكىدەك ۋەھىمە كۆرمىگەنىدىم. جېنىم بوۋامنى ئۇخلاپ قالغاندەكلا كۆرگەن ئىدىم. ئۇنى  بەكمۇ سېغىندىم. ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا  مەن ھەرگىزمۇ ھازىرقى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيىمغا يېتەلمىگەن بولاتتىم.
دادام مېنى ئۆزىگە ئوخشاش دوختۇر قىلماقچى بولۇپ 5-سىنىپتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدىن تارتىپلا ماڭا ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالار سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رەڭلىك كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرەتتى. لېكىن دادام مېنىڭ بىرەر ساۋاقدىشىمغا دەرس چۈشەندۇرۈپ ئۇ چۈشىنىۋالسا قانداق خۇش بولۇپ كېتىدىغانلىقىمنى نەدىن بىلسۇن؟ مېنىڭچە سىزمۇ مېنىڭ ياخشى تەربىيلەپ چىققان ئوقۇغۇچۇم. ئويۇنچى بالا ئىدىڭىز. شەھەر بويىچە ئىككىنچى بولۇپ ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىڭىز.(ھېلىمۇ ياخشى ، مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتۈپ كېتەلمىدىڭىز . بولمسا سىزگە ئوقۇتقۇچى بولالماس ئىدىم.)
دادام ماڭا ئۆچ ئەمەس. ئۇمۇ ماڭا ياخشى بولسۇن دەيدۇ. لېكىن مېنى بوۋام بەكرەك چۈشىنىدۇ. مۇھىد سىزگە دىسەم بوۋام دادامنىڭ ياۋاش-يۇمشاق ئادەم بولغانلىقىدىن ئۈمىتسىزلەنگەن ، گەرچە ئوغلىنىڭ دوختۇر بولغانلىقىغا قارشى چىقمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر قېتىم دادامغا«سېنىڭ كىتاب كۆرۈشتىن، كېسەل داۋالاشتىن باشقا قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ»دەپ چېچىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. دادام مېنى دوختۇر قىلماقچى بولغاندا بوۋام « ئۇنى ئۆزەڭگە ئوخشاش دوختۇرخانىدىن چىقمايدىغان راھىب مىجەز قىلماقچىمۇسەن. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بەر. ئۆزى خالىماي دوختۇر بولسا ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.» دەپ بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا مېنى ئارزۇيۇمغا يەتكۈزگەنىدى.
مۇھىد، سىز تەتىلدىن قايتىپ كەلگىنىڭىزدە بۇ كۆلگە بارايلى دېسىڭىز مەن ياق دىمەيمەن. چۈنكى بۇ كۆلدە يەنە ھېكمەتلىك ھېكايىلەرمۇ بار ئىكەن؛بىر قىزنىڭ يىگىتى ئۇنى مەدھىيلەپ-  كۈيلەپ ئىككى قېلىن خاتىرىنى شېئىر-نەسىرلەر بىلەن تولدۇرۇۋېتىپتىكەن. ئۇ قىز يىگىتتىن خاتىرىنى ئېلىپ« مۇشۇ نەرسىلەرنى يېزىپ كۆيدۈم-پىشتىم دىگۈچە بىلىم ئېلىپ خەلقىڭىزگە ياخشى خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى قەدىرلىسىڭىز بولمامدۇ؟ ئەلگە ياراملىق ئادەم بولسىڭىز مەنمۇ سىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرمەسمىدىم. بۇ نەسىر-شېئىرلىرىڭىز بىلەن قانداق ئىش قىلالايتىتىڭىز.» دەپ خاتىرىنى شۇ كۆلگە ئېتىۋېتىپتۇ. ھېلىمۇ شۇنداق ئېسىمدە. بىر قېتىم بوۋام مەندىن تاھىر-زۆھرەنىڭ داستىنى توغرىسىدا  غەلىتە بىر سوئالنى سورىغانىدى. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققان يىلىم بوۋام مېنىڭ بۇ كىتابنى ياستۇق بېشىغا قويۇپ ئۇخلاپ قالىدىغانلىقىمنى بىلىپ قېلىپ ماڭا: «بۇ كىتابتىكى تاھىر بىلەن زۆھرەنىڭ دۆلەت مۇنقەرز بولۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەندە باغ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟» دېگەنىدى. ھەيران بولۇپ بوۋامنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيلا قالغانىدىم. بوۋام:«تاھىر-زۆھرە باغدا ئايلىنىپ يۈرگەندە ياۋ باستۇرۇپ كېلىپ سۇلتانلىق خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ. مۇشۇ پەيتتە ئۇلارنىڭ دۆلەتنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىماي سەيلە قىلىپ يۈرگەنلىكى قىزىق ئەمەسمۇ، قىزىم»دىگەن،بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى خۇڭخۇنىڭ مەزكۇر ھېكايىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئاز-تولا چۈشەنگەندەك بولدۇم. بىراق ئىش مۇشۇنداق بولسا ياۋنى چېكىندۈرگەن قارا باتۇر قەھرىمان بولۇپ قالامدۇ؟ مەن قارا باتۇرغا ئۆچ، قارا تىكەنگە تېخىمۇ ئۆچ...
خۇڭخۇ توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى خاتىرەمگە يېزىپ مېڭىۋاتىمەن. ئۇنىڭدا يەنە سىز قىزىقىپ قالىدىغان ھېكايىلەر چىقىپ قالىدۇ. ئۇلارنى سىزگە بەكمۇ ئوقۇپ بەرگۈم بار. شۇلارنى يېزىپ كاللامغا يېڭى خىيال كەلدى. «خۇڭخۇ ھېكايىلىرى» دىگەن تېمىدا مۇشۇ جايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى يىغىپ رەتلەپ باقايمىكىن دەيمەن. بۇ مېنىڭ كەسپىمگە پايدىلىق بولۇپ قالسا تېخىمۇ ياخشى.
يەنە بىر ئىش ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە « يېزىقچىلىق قابىلىيتىڭلارنى ئۆستۇرۈش ئۈچۈن خاتىرە قالدۇرۇڭلار، دوست-بۇرادەرلىرىڭلارغا ھەرخىل تېمىدا خەت يېزىپ بەرسەڭلار ئۆزەڭلارغا پايدىلىق »دىگەن گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. سىزنىڭ يىراق شەھەرگە كەتكىنىڭىزنىڭ بىردىن-بىر پايدىسى سىزگە داۋاملىق خەت يېزىپ تۇرۇش بولىدىغان بولدى. شۇنداق قىلسام بولامدۇ؟
داۋاملىق خەت يازىمەن. كۆپ تېلىفون قىلماڭ. سىزدىن تېلىفون كېلىۋەرسە باشقا قىزلارنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمەن.
               سىزنى سېغىنىپ : گۈزەلنۇر
                               1996-يىل11-ئاينىڭ 4-كۈنى
ئەسكەرتىش: مەن ياتاقتا يېتىشنى قارار قىلدىم، شۇنداق قىلسام ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندەك بولىدىكەنمەن.

erkin2010 2011-02-03 03:51
دېليار ئەپەندىنى لوگىكىلىق تەپەككۇر بىلەنلا ياشىسا كېرەك دەپ
ئويلىساق ،ئوبرازلىق تەپەككۇر ئويۇنىدىمۇ قالتىس كارامىتى باركەنغۇ؟...
"سەنئەتكارلارغا خاس ھېسسىيات" ئەسلىدە سىزدە باركەن بۇرادەر.....

bargiya 2011-02-03 10:33
مەن يازمىڭىزنى ئىز بېسىپ ئوقۇۋاتىمەن.نۇرغۇن ئېسىل تەپەككۈر مەھسۇلاتلىرىنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالدىم.ئاخىرىنى كۈتىمەن.

dellyar571 2011-02-03 16:01
bargiya
ئەسەرلىرىڭىزدكى پاكىزلىقتىن بەكمۇ سۆيىنىمەن ،بىز ئويغۇلارنىڭ تور ئەدىبىياتى مۇشۇنداق  پاكىزلىق ۋە ئاپپاق ئاي، گۈل كاپىتان  قاتارلىقلارنىڭ  يازمىلىرىدىكى چىن  سەمىمىيەت روھىنىڭ ھاكىم بولىشغا مۇھتاج  .
شۇنداق بىر رىۋايەت بار  زالىملار   ئىبراھىم ئەلەيسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا بىر چۈمۈلە ئوتنى ئۆچۇرمەك  ئۈچۈن بىر تامچە سۇنى چىشلەپ ماڭىدۇ  قاغا ئۇنى مەسخىرە قىلىدىكەن شۇ سۇ بىلەن بۇيۇك ئوتىنى قانداق ئۆچىرەلەيتىڭ دەپ . چۈمۆلە دەپتۇكى " بۇ سۇ بىلەن مىنىڭ ئادەلەتسىزلىككە قارشى مەيدانىم ئاشكارا بولىدۇ .'مىنىڭ   "ئويغانغاندىن كىيىن " نى پوچىلىق قىلىپ كەيىپ ساپا ئەدىبىياتىغا بىر زەمبىرەك قىلىپ ئىتىش ئارزۇيۇم بار لىكىن يىزىلىۋىرىپ ئەخلەت پارچىسغا ئايلىنىپ كىتەمدۇ بىلمەيمەن مەيلى نىمە بولۇپ كەتسۇن بۇ مەندەك ئەدىبى ئىجادىيەت تالانتى يىتەرسىز كىشىلەرنىڭ ئىشى بولۇپ كەتسۇنكى   سىز ۋە سىزگە ئوخشاش تورداشلارنىڭ قەلىمى توختاپ قالمىسۇن    

yalghuz 2011-02-03 16:12
دېليار ئەپەندىمنىڭ ماۋۇ يازمىسى ئەلكۈيى تور ئەدەبىياتىغا قۇيۇپ بەرگەن يەنە بىر ياخشى نامايەندە خاراكتىرلىك ئەسەر بوپتۇ.مۇنازىرلەردىكى ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقىۋاتقان بولساممۇ ھېكايىڭىزگە قاراپ ھۆرمىتىم ئاشتى،داۋاملىق ئۇقىۋاتىمەن.

kaysar_yurak 2011-02-03 17:00
كەڭساي تورىدا ئىككىمىز خېلى ئېتىشىپ كەتكەن .....    ھەقىقەتەن كۆپ تەرەپتىن يىتىشكەن ئادەم ئىكەنسىز .....  

.«-مانا ، سوغۇق قىش ئاخىرلىشىپ چېچەك پەسلى يېتىپ كەپتۇ. باھارنىڭ ئىللىتىشى چېچەكلەرنى ئېچىلدۇردى. ئەمدى شاخلىرىنى چېچەكلەر بىلەن بېزىگەن مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆز مېۋىسىنى بېرىشكە قاراپ ماڭىدۇ.»
مانا بۇ قۇرلىرىڭىز ئاجايىپ تەسىر قىلدى ماڭا .  

dellyar571 2011-02-04 23:42
خەتنى كۆرۇپ بولۇپ كونا خاماننىڭ توپىسىدا قالغاندەك بىئارام بولدۇم لېكىن  بۇ بىئاراملىقتا ئاچچىق تەم بەردەك  ئىدى شۇ تەمنىڭ  كۈچى بىلەن ئىغىر بىر تېنىپ ئۇنىڭ يەنە بىر پارچە خىتىگە قول ئۇزاتتىم ؛
«سالام مۇھىد!
قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئۆگىنىشىڭىز ئوڭۇشلۇقمۇ؟ سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟
مانا، ھەش-پەش دىگۈچە سىز بىلەن كۆرۈشمىگىلى بىر ئايدىن ئېشىپتۇ، بىر نەرسەم كەمدەكلا. نېمە دىسەم بولار، دىيىشتىن خىجىل بولىۋاتىمەن. مۇشۇ خەتنىمۇ ھۇجرامنىڭ ئىشىكنى چىڭ يېپىپ پەردەمنى چۈشۈرىۋېتىپ ئوغرىلىقچە يېزىۋاتىمەن. تەقدىر قىزىق بولىدىكەن. مەن سىزگە بەك ئۆچ ئىدىم. مانا ھازىر...ئېسىڭىزدىمۇ، سىز بەزىدە مېنى مايمۇن دەپ تىلللايتتىڭىز. چىدىماي يىغلاپ كېتەتتىم. مېنى تىللاشقا ھېچكىمنىڭ تىلى بارمايتتى. بىلەمسىز، دائىم ئۆگىنىش ھەيئىتى بولۇپ بالىلارنى باشقۇرۇپ يۈرىيدىغان مەن بۇنداق ھاقارەتكە ھەرگىز چىدالمايمەن. سىزنىڭ بۇ ئوساللىقىڭىزنى بىلگەچكە ئىچىمدە سىزدىن قورقۇپ تۇراتتىم.مانا ئەمدى مەن ئەينى ۋاقىتلاردا  قۇرقۇپ تۇردىغان سىز  ئارقىلىق ئۆزەمنى بەكمۇ بەك بىخەتەر ھېس قىلىماقتىمەن ،خۇددى ھېچكىم مىنى بوزەك قىلىپ يىغلىتالمايدىغاندەك ،بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى نىمىدىگەن قىزىق …
مۇھىد، سىز شۇنچە شوخ ، دەرستە ناچار بولغان بىلەن دەرستە ياخشى ئەمەس باشقا بالىلارغا ئوخشاش سىنىپتا يوق جېدەل چىقارمايتتىڭىز. سىزنى باشقۇرماق ھەقىقەتەن تەس ئىدى. چۈنكى سىزنىڭ ھەربىر شوخلىقىڭىزغا جىق بالىلار خۇش بولۇپ كۈلەتتى. ھەتتا بەزىدە ئۆزەممۇ كۈلۈپ كېتەتتىم.
ئېسىڭىزدىمۇ، تولۇقسىز2-يىللىقتىكى ۋاقتىمىزدا سىز ھەدىسىلا بالىلارنى ئاغزىنى بۇرۇپ تىللايدىغان ئەسقەر مۇئەللىمنىڭ سومكىسىغا چايان سېلىپ قويۇپ جېنىنى ئالغىلى تاس قالغان ئىدىڭىز . يەنە بىر قېتىم سىز ياسانچۇق سەتەڭ دەپ نام ئالغان قاپىقى تۈرۈك گۈلشەن مۇئەللىمنىڭ كەينىگە چاندۇرماستىن تازىلىق قەغىزى چاپلاپ قويۇپ ئۇنى مەكتەپتە سازايى قىلغان... بۇ ئىشلار خىيالىڭىزغا قانداق كېلىدىغاندۇ دەيمەن. بەزىدە دەرس قۇلىقىمغا كىرمەي قالسا، شۇ قىلىقلىرىڭىزنى ئويلاپ ئۆزۈمچىلا كۈلۈپ كېتىمەن.
سىزگە رەھمەت، مۇھىد. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۆزۈمنى چاغلىماي بەلكىم باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدىمۇ ئۆزەمنى چوڭ تۇتىۋالغان بىر تەرىپىم بار ئوخشايدۇ. سىزنى ئويلىغانسېرى بولۇپمۇ ھازىر سىزنىڭ مەملكەت بويىچە نۇقتىلىق ئالى مەكتەپتە بىلىم ئېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئويلىسام، ئۆزەمنى بىر چاغلاردا راستىنلا ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ‹مايمۇن› دىگەن نامغا مۇناسىپ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.
مۇھىد، ھازىرمۇ يەنىلا سىنىپ كادىرى بولۇپ سايلاندىم. سىنىپىمىزغا مەسئۇل مۇنەۋەر مۇئەللىم بىزنىڭ سىنىپقا بۆلۈنگەن 32 بالىنىڭ ئارخىپىنى كۆرۈپ مېنىڭ بۇرۇن سىنىپ كادىرلىقىنى ئىزچىل ئۆتەپ كەلگەنلىكىمنى بىلىپ مىېنى سىنىپ باشلىقى قىلىپ قويدى. بىراق ئالى مەكتەپ بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپ پەرقلىق بولىدىكەن. ھازىرقى ۋەزىپەم ئادەم باشقۇرۇش ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ مەكتەپ بىلەن ھەرخىل مۇئامىلىلەرنى قىلىش بولىۋاتىدۇ.
مۇھىد، مەن چوڭ بولۇۋاتىمەن. ئادەم چوڭ بولغانسېرى مەسىللەرنى باشقىچە مەيداندا تۇرۇپ ئويلايدىغان بولىدىكەن . بىز ساق-سالامەت ئوقۇش پۈتتۈرىۋالايلى. ئالدىمىزدىكى ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپە ئۆگىنىش ، يەنىلا ئۆگىنىش . سىنىپ كادىرىدەك گەپ قىلىۋاتامدىم؟ مېنى مەسخىرە قىلماڭ، گېپىم خاتا ئەمەس، شۇنداقمۇ؟
مۇھىد بۇگۈن كەيپىياتىم ياخشى،ئاپامنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنپ كېتىۋاتىدۇ. دوختۇرلار مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئۆيگە قايتسا بولىدۇ دەيدۇ. مەن ئەمدى بۇرۇنقىدەك تاماق توشۇپ يۈرمەيدىغان بولدۇم.بۇنداق دېسەم «ئاپىسىغا قاراشتىن زېرىككەن ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالماڭ. ھېلىقى ئادىل دىگەن بالىنىڭ ئۆيى ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنڭ يېنىدا ئىكەن، ئۇنىڭغا ئۇچراپ قېلىشتىن قورقىمەن. ئۇ مېنى كۆرسە يەنە «شىئەندىكى مابىتىڭىز نېمە قانداق تۇرۋاتىدۇ »دىگەندەك تېتىقسىز گەپلەرنى قىلىپ بىزار قىلدۇ.ھەتتا ئۇ بىر قېتىم تېلېفون نومىرىڭىزنى سورىدى سىزنى تىلىۋىزوردىن كۆرۇپ قايىل بوپتىمىش بىرلىشىپ ئىش قىلىشىنى ئويلىشىۋىتىپتىمىش يەنە تېخى سىزگە چىرايلىق قىزلارغا تونۇشتۈرۈپ قويىمەن دەپ مىنى تىرىكتۇرمەكچى بولدى …بۇنداق نىمىلەردىن بەكمۇ بىزار بولدۇم  لېكىن ھېچقىسى يوق. ئوغۇللارنىڭ ئەسكىسى شۇنداق بولىدۇ.
يەنە بىر ئىش مەن ئاپام دادامغا  «ئاپام دوختۇرخانىدىن چىقسا مۇشۇ ياتاق ۋە قوشنا ياتاقتىكى كېسەللەرنىڭ ئۇلارغا قاراۋاتقان تۇققانلىرىنى ئۆيىمىزگە چاقىرىۋالايلى» دېدىم. بۇ كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ چەت يەرلىرىدىن كەلگەن تۇرمۇشى ئانچە ياخشى ئەمەس ئادەملەر ئىكەن. قولىنىڭ قىسقا بولغىنىغا قارىماي،«ئاتا-ئانامنى داۋالىتىمەن»دەپ تۇرىۋاتقان ئۆيلىرىنى ھەتتا تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئۇلاغ، قورال-سايمانلىرىنىمۇ سېتىپ بولغان ئادەملەردىن بىرئەمەس بىر نەچچىسىنى كۆردۈم. دادام باش لىڭشىتىپ قوشۇلدى.ئۇلار كەلسە ئاشخانا ئىشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەم قىلىدىغان بولدۇم. بۇ ئالاھىدە مېھمانلار كەلگەن كۈنى ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى، زاغرا تىللىرىنى خاتىرىلەپ يېزىپ ئەدەبىي ئىجادىيىتىمگە خام ماتېرىيال توپلاشنى ئويلىشىپ قويدۇم. مېنى مېھمانلارنى مۇشۇ مەقسەتتە چاقىرىدىكەن- دە دەپ قارىماڭ ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بۇ مېنىڭ قوشۇمچە ئويلىغىنىم. ئۇلارنىڭ بىر ۋاق ئۆي تامىقىنى بولسىمۇ پۇل تۆلىمەي خاتىرجەم يېگىنىنى كۆرۈش ماڭا ئاراملىق ئېلىپ كېلىدۇ.  
مۇھىد، پۇلنى ئاز خەجلەپ داۋانى كۆپ قىلىدىغان چارە يوقمۇ؟ نېمىشقا ھەممە ئادەم ئوخشاش داۋالىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلمەيدۇ؟ سىزگە بۇ ئىشلار ناھەقچىلىكتەك بىلىنمەمدۇ؟ جۇڭگودا نېمە ئۈچۈن داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ مەن سىزنىڭ موھتاجلارنىڭ، ئاجىزلارنىڭ دەردىگە يېتىدىغان ياراملىق دوختۇر بولالىشىڭىزغا ئىشىنىمەن.

              ھۆرمەت بىلەن:
                        گۈزەلنۇر
                              1998-يىل9-ئاينىڭ15-كۈنى.



«ھىم، ساختىپەز!» شۇنداق دەپلا خەتنى پۈكلىۋەتتىم. يەنە باشقا خەتلەرنى ئېلىپ ئوقۇشقا رايىم بارمىدى. ئۇنڭ ئۈستىگە 3-4-سائەتلىك دەرسكە چىقمىساممۇ قالغان خەتلەرنى ئوقۇپ بولالىشىمغا كۆزۈم يەتمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن راست بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ شېرىن-شېكەر گەپلەرنى قىلىپ ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان بۇ خەتلەرنى ئوقىۋەرسەم ئۇنىڭ دامىغا يەنە چۈشۈپ كېتىشىمدىن ئەنسىرىدىم. ئۇ نېمىدىگەن يامان! زەھەرخەندە! ھەممە خەتلەرنى بايىقى سائەت سالغان كورۇپكىغا ئەخلەتنى تاشلىغاندەك ئېتىۋىدىم. بىر كونۋېرتنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن پوچتا ماركىسى چېچىلىپ ئەتراپقا يېيىلدى. بۇ گۈزەلنۇرنىڭ ماڭا دائىم ئەۋەتىپ تۇرىدىغان پوچتا ماركىلىرىنىڭ بىر قىسمى. ئەڭ يېقىنقىسى تۆت ئاي بۇرۇن ئەۋەتىلگەن بۇغدا كۆلىنىڭ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن ماركا بولۇپ تېخى ئۇلارنى پوچتا ماركىسى توپلايدىغان ئەلبومىمغا سېلىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدىم. پوچتا ماركىسىنىڭ سۇلياۋ قېپىدىن كىچك ۋاراققا يېزىلغان ئەسكەرتىش چىقتى، ئۇنى قولۇمغا ئالدىم.
«مۇھىد بۇ ماركىلارنى ئالاھىدە ياخشى ساقلاڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا بېسىپ تارقىتىلغان سادىر پالۋاننىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ماركا، بوۋام بۇ ماركىلارنى بەكمۇ ئەتىۋارلايتتى. يۈتۈپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەيتتى. ئۇنىڭ بۇ ماركىغا قاراپ ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ھەتتا ياش تۆكەنلىكىنى بىر قانچە قېتىم كۆرگەنىدىم. ئېنىقكى بۇ ئادەتتىكى ماركا ئەمەس.»
مەندە ئۇنىڭ باشقا پوچتا ماركىلىرىنىڭ بارلىقى ئېسىمگە كەلدى. ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى كارىۋىتىمغا چىقىپ كىتابلىرىمنىڭ ئارىسىدىن پوچتا ماركىسى ئەلبومىمىنى ئېلىپ گۈزەلنۇر ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرگەن سادىر پالۋاننىڭ ماركىسىنى تاپتىم. مەن يىغقان 200گەيېقىن پوچتا ماركىسى ئىچىدە ھەممىدىن ئالاھىدە، ئېھتىمال ھەممىدىن قىممەت پوچتا ماركىسى مۇشۇ بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكى كۆرۈنىشىدىنلا مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ماركىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئاي بىلەن يۇلتۇز سۈرىتى كەشتىلەپ چىقىرىلغان بولۇپ ماركىنىڭ تۆۋەن سول تەرىپىگە 1948-يىل دەپ بېسىلغان خەتنى ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى. ئۇنى بۇرۇنقىدەك ئاۋايلىمايلا ئەلبۇمنىڭ بېتىدىن ئايرىپ چىقتىم. ئاندىن ماركا ئەلبومىمنى ۋاراقلاپ گۈزەلنۇر بەرگەن باشقا پوچتا ماركىلىرىنى ئىزدەپ قىسقۇچ  بىلەن ئېلىۋېتىشكە باشلىدىم.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى خاتىرىلەنگەن بىر يۈرۈش 4 پارچە پوچتا ماركىسىنى ئۇ ماڭا ئۈستىدە تولۇق بىرجۈملە ئۇيغۇرچە خەت بېسىلغان بىر ئالاھىدە ماركا دەپ بەرگەن.
دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزە بېسىلغان بىر يۈرۈش ماركىلار، مىسرنىڭ ئەلئېھرامى، پارىژدىكى ئېفىل تۆمۇر مۇنارى، ئەنگىلىيىدىكى تاش تۈۋرۈك، يالغۇز ئارال، رىمدىكى گىلادىئاتورلار ئۇرۇش مەيدانى ، ئىتالىيەدىكى سۇ شەھىرى، پىسا يانتۇ مۇنارى- بۇلارنى گۈزەلنۇر 15ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە دادىسىغا دەپ ئالدۇرۇپتىكەن. فىرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئايال قەھرىمانى جېننى-ئەينى چاغدا بۇ ماركىنى ياقتۇرمىغان بولساممۇ ئۇ ياقتۇرغاچقا ئامالسىز سېلىپ قويغانىدىم. سىپارتاك- گۈزەلنۇر چەتئەل ماركىلىرى ئىچىدە مۇشۇ ماركىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەتتى. سىپارتاك ھەتتا ئۇنىڭ قەھرىمانى بولۇپ گۈزەلنۇر ئۇنىڭ كىتابىنى كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇپ بولغانىكەن. ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ ماڭا‹سىپارتاك› دىگەن كىتابنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسىمۇ بار دىگەندى. بىر يۈرۈش گۈللەر-گۈزەلنۇر گۈلنىڭ رەسىمى بار ماركىلارنى يىغىپ چىقاتتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تارقىتىلغان ماركىلاردا قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت گۈلى بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
بۇ ماركىلارنى بىر-بىرلەپ ئېلىۋېتىپ ئەلبومنىڭ ئاخىرقى بېتىگە كەلگەندە بىر ئالاھىدە ماركىنى كۆرۈپ ئۆزۈمچىلا كۈلۈپ كەتتىم. ھېچ قايسى دۆلەت تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلمىغان بۇ ئالاھىدە ماركىنى بىر يىلنىڭ ئالدىدا گۈزەلنۇر ئىككىمىز لايىھىلىگەن ۋە رەڭلىك باسمىدا باستۇرغان ئىدۇق. قىپ- قىزىل مېۋە بەرگەن بۇك-باراقسان ئالما دەرىخى ئاستىدا گۈل سەللە ئورىغان تاھىر شوخ زۆھرەگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئالدىغا سەل ئىگىلگەن. قىزىل يەسىمەن ۋە قارا گۈل نەقىشلەنگەن ئۆتۈك كىيگەن زۆھرە بولسا چۈمبىلى بىلەن يۈزىنى توساپ باشقا ياققا قارىۋالغان قىياپەتتە ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەن زۆھرەنىڭ كىيىمىنى ئەستايىدىل سىزىپ تاھىرنىڭ بەلۋېغىدىكى شەمشەرنى سىزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن. گۈزەلنۇر رەسىمگە قاراپلا مەندىن «تاھىرنىڭ شەمشىرى قېنى؟» دەپ سورىغانىدى.
- رەسىمنى ياخشى سىزالماپتىمەنمۇ؟
- سىزدىن تاھىرنىڭ شەمشىرى قېنى دەپ سوراۋاتىمەن.
- بولدىلا گۈزەلنۇر-دىگەنىدىم پەرۋاسىزلا.- تاھىرجەڭدە بولغان بولسا ئىدى. ئۇنىڭ بىر قولىغا شەمشەر يەنە بىر قولىغا نەيزە تۇتقۇزۇپ  قويار ئىدىم. مۇشۇ بولىدۇ.
- نېمە؟!- دىگەن گۈزەلنۇر ھومىيىپ،- ئوغۇل بالا نەگىلا بارمىسۇن ئوغۇل بالا. شەمشىرىنى قوشۇپ سىزىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز تاھىر پۈتۈن بولىدۇ. بولمىسا ئۇ ھىندىستاننىڭ ناخشىدىن بېشىنى كۆتۈرمەيدىغان قارىۋايلىرىغا ئوخشاپ قالمامدۇ؟...
كۆزۈم تاھىرنىڭ بېلىدىكى كىيىن قوشۇپ سىزىپ قويۇلغان شەمشەرگە چۈشتى. بۇ ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېيتقان« ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىسىڭىز مەندىن ئۇمىد كۈتمەڭ»دىگەن گېپىگە ئوخشاش مەن ئۇنتۇپ قالمايدىغان يەنە بىر جۈملە سۆزى . كۆڭلۈمدىن «ساختىپەز» دىگەن سادا يەنە كەلدى. « ئۇ سېنى قانداق ئالدىۋەتكەن- ھە! مۇشۇنداق گەپلىرى بىلەن سېنى ئۆزىگە قانداق ماگىنىىتتەك رام قىلىۋالغان ئەمەسمۇ!؟ ئالدامچى» مۇشۇ سادادىن كېيىنلا بۇ ئالاھىدە ماركىنى ئەلبومدىن چىقاردىم. بۇ ئىككىلىك قەغەز ھازىر ماڭا 20كىلو تاشتەك ئېغىر بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنى چىقىرىپ بولغۇچە گۈزەلنۇر ئىككىمىزنىڭ قىلىشقان گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىدى.
- مۇھىد، بىز بۇ پوچتا ماركىسىنى لاھىيە ئىلتىماسى قىلىپ ئۆزگەرتەيلى.
- گېپىڭىزنى چۈشەنمىدىمغۇ؟
- جۇڭگو پوچتا ماركا لاھىيىلەش ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنساق بولىدۇ.
- سىز نېمە دېمەكچى ، گۈزەلنۇر؟
- ئەستا، نېمىشقا گەپ چۈشەنمەيسىز . دۆلەت پوچتا ماركا لايىھلەش ئىدارىسى پۇقرالاردىن كەلگەن پوچتا ماركىسى لايىھىسىنمۇ قوبول قىلىدۇ. بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنڭ پۇقراسى بولغاندىن كېيىن شۇنداق ئىلتىماس سۇنساق بولىدۇ. سىز بۇ رەسمنى A 4 قەغەزگە رەڭلىك سىزىپ چىقىڭ . ئىشلىتىلگەن رەڭلەرنى ئىزاھلاپ بەرسىڭىزلا لايىھىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىلتىماس قىلىش ئەھمىيىتىنى مەن يازىمەن.
- ئەگەر لايىھە قوبۇل قىلىنسا شۇ پوچتا ماركىسىنى دۆلەت بېسىپ پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتامدۇ؟
- ئەلۋەتتە، ئشەنمەمسىز؟
- لېكىن بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار، گۈزەلنۇر؟
- بىر قېتىم بوۋام سادىر پالۋاننىڭ پوچتا ماركىسىنى كۆرۈۋېتىپ «مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاش ۋە راۋجلاندۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرى بار ،ئىزدەنسەك تاپالايمىز»دىگەنىدى. مېنىڭچە مۇشۇمۇ بىر ئۇسۇل. ئىلتىماسىمىز بۇ رەسىم بىلەنلا چەكلەنمىسۇن،- دىدى گۈزەلنۇر بىردىنلا روھلىنىپ،-يەنە غازى ئەھمەدنىڭ مۇقام دىگەن رەسىمى، ھە، يەنە باشقا ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزدىن مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەتتا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، ل. مۇتەللىپلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى پوچتا ماركىسى لايىھىسى قىلىپ كۆرۈپ ئىلتىماس قىلساقمۇ بولىدۇ
- ماقۇل ، سىزگە كارامىتىمنى بىر كۆرسىتەي.

…….كۆز ئالدىمغا گۈزەلنۇرنىڭ ياتىقى ئالدىدىكى بىچارە قىياپىتىم كەلدى. بۇ سوغۇق قاتتىق بولىدىغان قارا قىش. ئۈنسىز بىنانىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگە ماڭىمەن. ئاڭلاۋاتقىنىم قارنىڭ ئايىغىمنىڭ تېگىدە غىچىلدىغان ئاۋازى،كۆرىۋاتقىنىم ئەتراپىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ غەلىتە نەزەر بىلەن قاراشلىرى.ئادەملەرنىڭ بارا بارا ئازلاپ بىنا ئالدىدىكى چىراقنىڭ ئۆچىشى ،،،ھالسىز مىڭىپ كىتىۋىتىپ قار ئۇستىگە يىقىلىپ قىلىشىم ،ئاستا ئورنىمدىن تۇرۇپ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇشلىرىم ئاندىن يەنە مىڭىشلىرىم قانچە سائەتلەر ئۆتكەندۇ ئەسلىيەلمەيمەن يەنە   قانچە ئويلىساممۇ قانداق توڭلىغانلىقمنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم. لېكىن نەپىسىمدىن چىققان تۇمان چاپىنىمنىڭ ياقىسىدا ئاقىرىپ توڭلاپ كەتكەنىدى. نىمىشقا زادى نېمە ئۈچۇن دەپ ئاھ ئۇرۇپ ئۇنىڭ دەرىيزىسىگە  قانچە قېتىملاپ قارىغانىدىم ھە!..ئەمما جاۋابەن مېنى ئۇلار خۇددى قوينى قورشىۋالغان بۆرىلەردەك تالاپ كەتتى. باشلىرىمغا تاراسلاپ تېپىك ئۇردى. قۇلىقىمغا تەگكەن بىر تېپىكتە مېڭەم سىلكىنىپ سەزگۈمنى يوقاتقاندەك بولۇپ قالغانىدىم ……

dellyar571 2011-02-05 00:07
kaysar_yurak
كۆپۈنچە ماجىرالار ئادەملەرنىڭ  بىر بىرىنىڭ نىيتىنى بىلىپ بىقىش سەمىمىيتىدىن بەكىرەك قاراشى تەرەپكە بىسىم قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش غىمىدە بولغانلىقىدىن چىقىدۇ ، بۇرۇن دىيىشىم قىلىپ تونۇشقان بولساق ئەمدى سالاملىشىپ ئۆتەيلى بولمىسا دىيىشىپ قالغاندا سەرەپ بولغان ئىنىرگيىلەر بىكارغا كەتكەن بولىدۇ    

sat喜欢 2011-02-05 10:03
يەنە بىر  ياخشى  كىينو كەن ماۋۇ...........    

kaysar_yurak 2011-02-05 11:44
دىگىنىڭىز توغرا ...  ئادەم قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپلا ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ  ....   ئاللاھ خالىسا ئەمدى ھەرگىز توردا باشقىلار بىلەن تالاش تارتىش قىلىپ يۈرمەيمەن ، ئەتراپىمدىكلەر بىلەنمۇ ھەم ....  ھازىر بىزلەرنىڭ  كىچىك مەسىللەردە ئۇرۇشۇپ، تارتىشىپ ، ئىختىلاپلىشىپ يۈرىيدىغان ۋاقتىمىز ئەمەسكە ....  

nurkizi 2011-02-06 11:30
بۇ بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ئىشلاردەك قىلىدۇ شۇنداقمۇ؟يېزىش ئۇسلوبىڭىز بەك راۋان بوپتۇ،شۇ سوغۇق كىچىدە سىز گۇزەلنۇرنىڭ دەرىزىسى ئالدىدا ئىسىڭىزنى بىلمەي تۇرغاندا تۇيۇقسىز تۆت لۈكچەك پەيدا بۇلۇپ سىزنى ئۇرۇپ چالا ئۈلۈك قىلىپ قويغاندا سىز بۇ ئىشلارنى گۈزەلنۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى شۇنىڭ قۇلى بار دەپ ئويلىمىدىڭىز مۇ؟

dellyar571 2011-02-08 11:11
ھاي ھاي تورداشلار ،ئادەم كەچۈرمىشلىرىنى ئەينەن يازمايدۇ لىكىن مىنىڭ نەزىرىمدە  چىن ۋە ھەقىيقى نەرسىلا  ئوقۇرمەنلەرگە پايدا بىرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن  يىزىش ئۇسلۇبۇم رىياللىقا يىقىن بولۇشنى پىرىنسىپ قىلىغان،،، سىرىتغا بولۇپ قىلىپ كەينىنى يازالمىدىم پات ئارىدا كەيىنى چۇشىرىمەن.    

dellyar571 2011-02-10 14:09
قەھىردان قىشتىكى ئۇ ئىچىنىشلىق ھالىمنىڭ كۆز ئالدىمغا كىلشى بىلەن غەزەپلەر ئىچىدە ئۇ ماركىنى تېخىمۇ مەھكەم سىقىپ قايتا ئەسلىگە كەلمەيدىغان قىلىۋەتتىم-دە يەشىككە مەينەت بىر نەرسىنى سەسكىنىپ ئاتقاندەك تاشلىدىم. پوچتا ماركىسى ئەلبومنى پاكىزلەپ ئۇنى قايتا كۆرگىنىمدە مەنزىرە رەسىملەر ۋە داڭلىق ماي بوياق رەسىملەرنىڭ سۈرىتىدىن باشقا بىرەر نەرسە قالمىغانلىقىدىن ئىچىم سىيرىلغاندەك بولدى.پاكىزلەنگەن بۇ ئەلبومىمنى ئەسلىدىكى ئورنىغا ئېلىۋېتىپ يەنە گۈزەلنۇر ئىككىمىزنىڭ دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يىغىپ تۈزگەن يوپۇرماق ئەۋرىشكىسى خاتىرەمنى يوقتىش مەقسىتىدە قولۇمغا ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم بىز باغچىلارغا بولۇپمۇ ئۆسۈملىكلەر باغچىسىغا بارغاندا دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى تىرىشتۇرۇپ يىغاتتۇق ۋە قۇرۇتۇپ«مانداق چىرايلىقكەن ،شەكلى ئانداق قىزىقارلىقكەن،،،»دىيىىشپ  مۇشۇ خاتىرىغا چاپلاپ قوياتتۇق . مەن ھەتتا شىنجاڭدا يوق دەرەخ تۇرلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى شىئەندىن ئىلىپ كىلەتتىم..  ئۇنىڭ بىرىنچى بېتىنى ئاچتىم.
ئاق تىرەكنىڭ يۈرەك شەكلىدىكى بىر جۇپ يوپىرمىقى بىر بىرىگە يانداش قىلىپ چاپلانغان بەت كۆز ئالدىمغا تاشلاندى  ئۇ ۋاراقىدىن تىزلا ئۆتىپ باشقا بەتىنى ئۆرىدىم  
«تەبىئەت دۇنياسى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى مۇشۇ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىكى ئىنسانغا ئۆگىتىپ ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت سىڭدۈرىدۇ. لېكىن كىشىلەر ئاچكۆزلىكلىرى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ مەرھەمىتىدىن كۆپىنچە قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.»
بۇ گۈزەلنۇرنىڭ ماڭا تونۇش چىرايلىق خېتى. ئادەتتە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى باشقىلاردەك ئاھ- ۋاھ دەپ ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ لېكىن بۇ بىر جۈملە سۆزنى راستىنلا ياقتۇرىمەن. بۇنىڭ سەۋەبى ھەرگىز بۇ خەتلەرنى گۈزەلنۇرنىڭ يېزىپ بەرگەنلىكى ئەمەس بەلكى ئۆزەمنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا ئامراقلىقىمدا.
    بۇ خاتىرە ئىچىدىكى ھەرخىل يوپۇرماقلارنى قايتا كۆرۈشكە قىزىقمايلا خاتىرىنى يەشىككە تاشلىدىم.
يەنىچۇ؟ مەندە گۈزەلنۇرنىڭ يەنە قانداق نەرسىلىرى قالدى؟ توغرا، مۇزىكا لېنتىلىرى . ئۇ ماڭا نۇرغۇن مۇزىكا لېنتىلىرىنى بەرگەن. دەرھال كىتاب جازامنىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئۈستى-ئۈستىگە رەتلىك تىزىلغان لېنتىلارنى يىغىشتۇردۇم. بۇلار ساپلا سىمفونىيلەر، غەرپنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلرى ئىدى. گۈزەلنۇرنىڭ قارىشىچە غەرپنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرىدا بىر خىل جۇشقۇن روھ تېپىپ تۇرىدىكەن. يەنى ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئەرلەرگە خاس تەۋەككۈلچىلىك، غايە، جاسارەت تېپىلىدىكەن. بىر قېتىم ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىلىرىچۇ؟ دەپ سورىسام « بۇ مۇزىكىلاردا مۇڭ كۆپ غەم قايغۇغا پاتقاندا ئاڭلارسىز لېكىن ئۇلاردا جاسارەت ، جۇشقۇنلۇق روھى كەم» دىگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى نەدىن ئۆگىنىۋالغانلىقىنى سۈرۈشتۈردۈم ئاخىرى گەپنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بوۋىسىغا بېرىپ تاقالغان ئىدى. ئۇ يەنە مېنى «مۇشۇنداق مۇزىكىلارنى كۆپ ئاڭلاپ بېرىڭ، ئەركەكتەك بولسىز» دىگەن. ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ سۆزى ۋە ئارزۇسى. نېمىلا بولمىسۇن بۇنداق نەرسىلەرنى ئاڭلىمايمەن. قەتئى ئىرادىغا كەلگەنگە چۇشلۇق تۇرمۇشۇمدىكى گۈزەلنۇرغا ئالاقىدار نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي تازىلاپ چىقىرىۋېتىشىم كېرەك.
لېنتىلارنى يېغىشتۇرۇپ يەنە شۇ يەشىككە سالدىم. يەنىچۇ؟ مېنىڭچە باشقا نەرسە قالمىدى. گۈزەلنۇرغا بىۋاستە بېرىپ تاقىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەشىككە سېلىنىپ كەتتى. بۇلارنى كۆتۈرۈپ ياتاقتىن ئەمدىلا كارىدورغا چىقىشىمغا ئىككىنچى سائەتلىك دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىندى. ئىككىنچى سائەت بىلەن ئۈچىنچى سائەتنىڭ ئارىلىقىدىكى تەنەپپۇس ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن يەنى تولۇق 20 مىنۇت. كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىشلارنى ئالدىراپ تۈگەتسەم دەرسكە يەنىلا ئۈلگۈرىمەن.
مەكتەپنىڭ پراكتىكا زاۋۇتىنىڭ كەينى ئىشىكىگە تېزلا يېتىپ كەلدىم. دەسلەپتە گۈزەلنۇر يازغان خەتلەرنى ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇردۇم. بىرىنچى قېتىم ياققان ئوت بىردەم كۆيۈپلا يېنىك بىر شامالنىڭ ئورۇشى بىلەن ئۆچۈپ قالدى. يەنە ئوت تۇتاشتۇردۇم. لېكىن بۇ قېتىممۇ ئۆچۈپ قالىدى. تېرىككىنىمدىن باياتىن كونۋېرتتىن چىقىرىپ كۆرگەن خەتلەرنىڭ بىرەرسىنى ئىزدەپ ئاقتۇردۇم ،لېكىن تاپالمىدىم، ئامال يوق ئارىسىدىن بىر پارچە خەتنى كونۋېرتتىن چىقاردىم دە ئوت تۇتاشتۇردىم
... مۇھىد ياتىقىمىزنىڭ تېلىفونى جىرىڭلىسلا سىزدىن تېلىفون كېلىپ قالامدىكىن دەپ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىدۇ. بۇرۇن كىتابلاردا مۇشۇنداق تەسۋىرلەرنى ئۇچراتسام ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ھەتتا باشقىلارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن مۇھەببەتنى كۆپتۈرۈپ يازسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. لېكىن مۇھىد ئۆزەمنىڭ تەسىراتلىرىدىن قارىغاندا ئۇلار ئاشۇرىۋەتمەپتۇ...
بۇ خەتلەر ئاستا –ئاستا كۆيۇپ مىڭىپ قارا كۈلگە ئايلاندى قەغەر قولۇمدا تۇرۇپ پۇتۇن كۆيىپ كەتمەستە ئۇنى  باشقا  قەغەزلەرنىڭ ئارىسىغا تىقتىم. ئوت بۇ قېتىم ئۇلغىيىپ كۆيدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پوچتا ماركىلىرىنى تاشلىدىم. ئارقىدىن رەسىم ئەلبومى ۋە تەبىئەت خاتىرىسنى ئېچىپ ئوتقا قويدۇم. تەبىئەت خاتىرىسى ئىچىدىكى بىر قانچە يىل ئون نەچچە باغچا ھەتتا تاغ رايونلاردىن يىغىلغان ئاجايىپ غارايىپ شەكىل ۋە رەڭدىكى   دەرەخ يوپۇرماقلىرى چاراسلاپ كۆيۈپ ئوت تېخىمۇ ئۇلغايدى.



    لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ بىردەم  تۇرغاندىن كېيىن مۇزىكا لېنتىلرىنى ئېلىپ بىردىن-بىردىن ئوت كۈچلۈك جايلارغا تاشلىدىم. دەل مۇشۇ چاغدا ئوتنىڭ قېشىغا ئىككى جۈپ چوڭ ئاياغنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ مەكتەپنىڭ قوغداش ئەترىتىدىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئەنسىزلىك ئىچىدە بېشىمنى كۆتۈردۈم.
خۇداغا شۈكرى، ئۇلار قاتناش ئۇنۋېرسىتىتى تارماق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. ئارىسىدىكى بىرى سورىدى.
- ئاكا، نىمە قىلىۋاتىسىز؟
- ھېچنىمە . بېرىپ ئويۇنىڭلارنى ئويناڭلار.
- بالزاكنىڭ مۇزىكىلىرىنى مەن بەك ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنى ماڭا بەرسىڭىز بوپتىكەن ،-دىدى ئۇ ئوت تۇتىشىش  ئالدىدا تۇرغان بىر لېنتىنى كۆرسىتىپ . لېكىن مېنىڭ بۇ مۇزىكا لېنتسىنى ئۇنىڭغا قەتئىي بەرگۈم كەلمىدى. بۇ نەرسىلەرنى مەن يەر يۈزىدىن يوقاتماقچى. بۇ بالىغا بەرسەم بولمايدۇ.
ئاكا مەن پوچتا ماركسى يىغاتتىم ماڭ بېرىڭ كۆيدۇرۋەتمەڭ –دېدى يەنە بىرى يىلىنغاندەك تەلەپپۇزدا –ئاكا بۇلار بەك چىرايلىقكەن بىرىڭا ئاكا نېمە قىلسىىز كۆيدۇرۇپ بىرىڭا …  
- بېرىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار. بۇ نەرسىلەر ئۆلگەن بىر ئادەمنىڭ. سىلەرگە ئۇنىڭ جىنى چاپلىشىپ قالسا قانداق قىلىسىلەر.
ئىككىلىسى گېپىمنى ئاڭلاپ كەينىگە بىر قەدەمدىن چېكىندى. بۇ گەپنىڭ كۈچىدە ئۇلار ئارتۇق گەپ قىلماي ئالدىراپ كېتىپ قېلىشتى. قولۇمغا بىرتال ياغاچنى ئېلىپ ئوتنى ئۇيان بۇيان ئۆرۈپ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تولۇق كۆيدۇردۇم...
كۆيدۈرىدىغاننى كۆيدۈرۈپ بولۇپ قەغەز يەشىكتە كۈن نۇرىدا پارقىراپ تۇرغان سائەتنى قولۇمغا ئالدىم. ئۇنى چوڭ بىر تاش ئۈستىگە قويۇپ ئىستىرىلكىغا قارىدىم. دەرسكە يەنە يەتتە مىنۇت ۋاقىت باركەن. چاراسلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ سائەتنىڭ ئەينىكى چېقىلىپ ئىچىدىكى نەرسىلەر كۈرۈنۇپ قالدى. قولۇمدىكى تاشنى يەنە بىر ئۇردۇم. سائەتنىڭ ئىچىدىكى ئىنچىكە ئەسۋابلىرى ئەتراپقا چېچىلدى. لېكىن سۇنغان بىرەر نەرسىنى كۆرمىدىم. ئىگىلىپمۇ قويمىغان ئىستىرىلكا خۇددى مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك يەنە تەۋرىنىپ تۇراتتى. بۇ ئىستىرىلكىغا قارىتىپ زەردەم بىلەن يەنە بىر تاش ئۇردۇم. بۇ قېتىم ئىستىرىلكا قاياققىدۇر ئۇچۇپ كېتىپ كۆزدىن يۈتتى. سائەتنىڭ ئىچىدىكى پۇرژىنا ئۇچەيدەك بىر تەرەپكە ساڭگىلاپ قالدى. پۇخادىن چىققاندەك بولۇپ ئۇنى يېنىمدىكى چۆپلۈككە تاشلىۋەتتىم.
مەكتەپنىڭ قوغداش بۆلۈمىدىكىلەر كېلىپ قالسا بۇ غەلىتە ئىشىمنى چۈشەندۈرۈپ بولالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ كۈل ۋە چالا كۆيگەن نەرسىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەلگەن يەشىككە قاچىلاپ ئاپىرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىدىم. «بۇ جەسەت كۈلى» دەپ پىچىرلىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە. بايىقى ئىككى بالىغا ئېيتقان « بۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ نەرسىلىرى» دىگەن پاساھەتلىك گەپنى قانداق تاپقاندىمەن؟
دەرۋەقە بۇ گۈزەلنۇر پەپىلەپ چوڭ قىلغان، ئۆزى ئىدىيە ،كۆز قاراش ،ھېسسىيات بەرگەن مۇھىد ئىسىملىك بىرىنىڭ جەسەت كۈلى. ئۇ ئۆلدى. ئەمدى ئۇنىڭ تېنىگە باشقا بىر مۇھىد كېلىدۇ..
« بالام سىېنى دوختۇر بولۇپ قالدى دەپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۈرەي، ئارقىدىن ئككى سىڭلىڭ بار . ئۇلارنى خۇدايىم بۇيرىسا سەن ئوقىتىسەن، ھازىر ئالى مەكتەپتە بالا ئوقۇتۇش تەس. سىڭىللىرىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇسا داداڭ قىينىلىپ قالىدۇ. » شۇلارنى خىيال قىلىپ دەرسكە كىرىپ كەتتىم.
دەرستىن يېنىپ ئەلىنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى، گەپ-سۆزلىرى بۇرۇنقىدەك بولسىمۇ ماڭا ئەمدى غەلىتە بىلىنمەي قالدى. ئەكسىچە باشقىلاردىن، ئۆزىنىڭ ئەسلى- نەسلىنى بىلمەيدىغان، نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىدىن بىخەۋەر نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمدىن ئېسىل تۇيۇلدى. ئىككىمىز بىللە مەسجىد يېنىدىكى خۇيزۇلار ئاشخانىسىدىن تاماق يېدۇق.
- خەۋەر كۆردۈڭمۇ، مۇھىد ؟ - دىدى ئۇ قولىغا چوكا ئېلىپ . - بۈگۈن تالىبانلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇت بامىيان بۇتىنى زەمبىرەك ئېتىپ چېقىۋېتىپتۇ.
- ھە، - مەن ھەيران قالمىدىم. ئەسلى ھەيران قېلىشىم كېرەك ئىدى. خۇددى ئۇلارنى چۈشىنىدىغاندەك، تالىبانلارنىڭ ئورنىدا مەن بولساممۇ ئىككىلەنمەي شۇنداق قىلىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم.
- چۈشتىن بۇرۇن مەن كىچىك بۇتنى چاقتىم. – ئاغزىمدىن بۇ گەپ تەبىئىلا چىقىپ كەتتى.
- نېمە؟ قانداق كىچىك بۇت ئۇ ؟ - ئەلىنىڭ ھاڭۋاققان چىرايىدىن ئۆزەمنىڭ باش- ئاخىرى يوق گەپ قىلىپ سالغانلىقىمنى سېزىپ دەرھال گەپنى ئوڭشىدىم.
- ئۇلار نېمىشقا ئۇ بۇتنى چېقىپتۇ؟
- ئەنگىلىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى-تەتقىقاتچى بىرى ئافغانىستاندا تالىبانلارغا« ئاشۇ بۇتنى رىمونت قىلدۇرسام، چىقىمنىڭ ھەممىسىنى مەن كۆتۈرىمەن»دەپ نۇرغۇن پۇلنىڭ گېپىنى قىلىپ ئىلتىماس سۇنۇپتۇ. يەكچەشمە ئۆمەر «غەرپلىكلەر ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلمەي جېنى يوق ئەسكى بۇتلارغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن. ئۇ بۇتنى رىمونت قىلغۇزۇشنىڭ ئورنىغا پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلسىچۇ» دەپ بۇتنى چېقىۋېتىپتۇ.
- ھە!
- ئۆمەر قىزىق ھېساپ سوقىدىكەن.- ئەلى كۈلۈمسىرەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى. – بۇتنى رىمونت قىلدۇرۇشقا ئەنگىلىيىلىك مىڭ نەچچە دوللار خەجلىسەم دىسە ئۇ بۇ پۇلنى يېتىم – يېسىرلارغا ئىشلەتكۈلۈك دەپتۇ. لېكىن بۇتنى چېقىشقا كەتكەن چىقىملار يەنى توپ زەمبىرەكلىرى ،پارتىلاتقۇچ دورىلىرىنىڭ پۇلى تۇمەن دوللارغا بىرىپ قاپتۇ .مەن بۇ ھىساپقا ئۇ نەزىر قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئون نەچچە كالىنى قوشمىدىم.
بۇ قىزىقچىلىقتىن ئۇ ئۆزىچە كۈلۈپ كەتتى.نىمىشقىدۇر  بۇ گەپلەر ماڭا قارىتىلغاندەك ، ئۇخۇددى مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈۋاتقاندەك جىم بولۇپ قالدىم.دىمىسىمۇ مەن گۇزەلنۇر دېگەن بۇ مەبۇتىمنى چىقىش ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ قىمەتلىك نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ يوق قىلغان ئىدىم …
ئاشخانىدىن چىقىپ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ خەلقئارا ئنتېرناتسىئونالىزىم ناخشىسىنى ئاڭلاپ قالدۇق. ئەسلىدە 8- مارتقا ئاتالغان مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزىلىدىغان تەبرىكلەش پائالىيتىگە تەييارلىق قىلىش باشلىنپ كېتىپتۇ. ھەريىلنىڭ مۇشۇ كۈنى نېمىلا بولمىسۇن گۈزەلنۇرغا گۈل تەقدىم قىلاتتىم.
- ئەلى، بىرەرسى بىلەن ئارىلىشىپ باققانمۇسەن؟- ئەسلى ئۇنىڭدىن بۇنداق گەپنى سوراشتىن ئۆزەمنى تارتاتتىم. ئۇنى يېقىن كۆرگەنلىكىمدىن سوراپ قالدىم، ئېھتىمال .
- مەنمۇ؟ - ئەلى كۈلۈپ كەتتى.- بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم. تويدىن بۇرۇن بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپمۇ قالماسمەن.
بۇ جاۋاپ ئويلىغان يېرىمدىن چىقمىدى. ئۇ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتنى بىرەرسى بىلەن ئارىلاشماي قانداق ئۆتكۈزگەندۇ؟! لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن بۇ سۆز ماڭا بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزدى. قىزلارنى ئارىلاشتۇرمايمۇ نورمال ياشىغىلى بولىدىكەن.
تەنتەربىيە مەيدانىدىكى دوقمۇشتىن ئۆتكەندە ئەلى ئىچىملىك ساتىدىغان بىر دۇكاندىن ئىككى ئىستاكان كولا ئېلىپ بىرنى ماڭا بەردى.
- يۈرە، ئاۋۇ چىملىققا بېرىپ ئولتۇرىمىز.    
گەپ قىلماي ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. بېرىپ چىملىقتا ئولتۇردۇق.
- مۇھىد،- دېدى ئەلى سوئال نەزەرى بىلەن قاراپ،- سەن چېنىقىۋاتقىلىمۇ ئىككى ئايدىن ئېشىپ قالدى. تولا بالىلار بىرەر ئاي چېنىقىپلا داۋاملاشتۇرالماي توختاپ قالىدۇ. ساڭا بۇ غەيرەت نەدىن كەلدى؟ نېمىشقا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قالدىڭ؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى مېنى ئاران قۇتۇلغان ئۆتمۈشكە سۆرەپ كىرەتتى. شۇڭا ئەگىپ ئۆتمەكچى بولدۇم:
- سەنچۇ ئەلى، سېنىڭ قۇۋۋىتىڭ نەدىن كەلدى؟
- مېنىڭ سەۋەبىم ئاددىي، دادام ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا « ئوغلۇم ،ئىشلىرىڭنى سەھەردىن باشلا. سەھەر تۇرمىغان كىشىنىڭ ئىشى ئىلگىرى باسمايدۇ» دېگەن.  بۇ ئۇنىڭ ۋەسىيىتى.
- ھە!
ئۇنىڭ سوئال نەزەرى بىلەن ماڭا قاراۋاتقانلىقىدىن بىر گەپ تاپمىسام بولمايدىغانلىقىنى سەزدىم.
- ئەتىگەن چېنىقسا تۇرمۇش رەتلىك بولۇپ قالىدىكەن.
ئەلى بۇ جاۋابىمدىن قانائەتلەنمىگەن بولسىمۇ، يەنە ئىچكىرىلەپ سوراپ تۇرىۋالمىدى. شۇ ئارىلىقتا ھەمزە ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ قالدى. ئەلى ئۇنى چاقىرىپ قولىدىكى قەغەز ئىستاكاننى كۆرسىتىۋىدى. ھەمزە بىر بوتۇلكا كوكا كولانى كۆتۈرۈپ بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم- بۇ ئەرەب ئىنگىلىزچىنى بەكلا بۇزۇپ سۆزلەيدۇ. بەزىدە تېخى « سىلەر مۇسۇلمان تۇرۇپ بىز بىلەن  ئەرەپچە سۆزلەشمەي ئىنگىلىزچە سۆزلىشىسلەر » دەپ قاقشاپمۇ قويىدۇ.ئۇ كېلىپ ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا ئۆزىنىڭ ئادىتى بويىچە ئىسرائىلىيىنىڭ يېقىنقى ئەسكىلىكلىرىنى بىزگە سۆزلەپ، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەدىن بىر مەھەل قاقشىدى. ئاندىن سىنىپىدىكى ئىشلارنى سۆزلىدى. سۆز ئارىلىقىدا ئۇنىڭ زىيالىيلار ياتىقى، قارا جەمئىيەت ياتىقى دىگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇ « مەن ياتاققا كىرىپ كېتەي» دەپ ئالغان كولاسىنى بىزگە قالدۇرۇپ يولىغا راۋان بولدى.
ئەلىدىن بۇ ئەرەبلەر بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى دەپ سورىسام، ئۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان توپ ئويناپ يۈرۈپ مۇشۇ بىر قانچە ئەرەپ بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىنى ، ئارىلىشىش جەريانىدا ئۇلارنى خېلى چۈشىنىپ قالغانلىقىنى دەپ بەردى. ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ ئەرەبلەرنىڭ 201-204-205-ياتاقلىرىدا ئېغىر بۆلۈنۈش بار ئىكەن. بۇ ھەرگىز قەبىلە بۆلىنىشى بولماي بەلكى ئاز-تولا چېكىپ قويىدىغانلار ياكى پاھىشە ئويناش جېدىلى بارلىرى«قارا جەمئىيەت » دىگەن ياتاقتا، ئۆگىنىش بىلەن بولۇپ ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشمايدىغانلىرى بىر ياتاقتا بولۇپ بۇ ياتاقنى «زىيالىيلار ياتىقى» دەپ ئاتىشىۋاپتۇ. ناماز ئوقۇيدىغانلار بار ياتاقنى « دىني جەمئىيەت» دىيىشىدىكەن. ئەلىنىڭ دەپ بېرىشىچە دىنى جەمئىيەت دىگەن ياتاقتا زىددىيەت ئەڭ ئېغىر ئىكەن.
- ئۇلار بىر-بىرنىڭ گېپىنى قەتئىي يىمەيدۇ،- دىدى ئەلى- ئۆزىنىڭ گېپىنىلا راست دەيدۇ.گەپ تاكاللىشىپ قالسىلا بىر- بىرىنى كاپىر دەپ ئاسانلا قىزىرىشىپ قالىدۇ .بۇ ياتاققا كىرىپ چىش پاستىسى ئىشلىتىش كېرەكمۇ ياكى مىسۋاكمۇ دەپ سوئال تاشلاپ بەرسەڭ بۇنى ئۈچ ياكى تۆت كۈن مۇنازىرە قىلىشىدۇ .ھەي بۇلارنىڭ پارىڭىنى قىلمايلا قويايلى. ئەمما بۇ ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا مۇمتاز ئىسىملىك بىرى بىلەن ياخشى ئارىلىشىمەن، ئۇ ماڭا ۋىزا بېجىرىپ بەرمەكچى . پاسپورتۇم چىقىسىلا ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە چىقىمەن.
-نېمە؟  ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلمامسەن؟
- ئوقۇشۇم 7-ئايدا پۈتىدۇ. لېكىن مېنىڭ خىزمەت قىلغۇم يوق.
-  نېمشقا؟
- دىسەم گەپ ئۇزۇن، مۇھىد. دۇنيادىكى چوڭ-چوڭ تىجارەت گۇرۇھلىرى ئەمەلىيەتتە ھازىرقى زاماندىكى تەرەققى قىلغان جاھانگىر ئەللەرنىڭ جەڭ ماشىنىلىرى ۋە ئارمىيىلىرىگە ئوخشايدۇ. لېكىن بۇ يېڭى زامان جەڭ ماشىنىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ شەكلى، ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى بۇرۇنقى دەۋرلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىس–تۇتەكسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. قورغان تاملار بىلەن قورشالغان قارشىلىققا ئۇچرىمايدۇ.
- نېمە دەۋاتىسەن؟
-قولۇڭدىكى ئىستاكانغا كوكا كولا قاچىلانغان. ھازىر ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ ئىچىملىكى جۇڭگو بازىرىنىڭ %12 بازىرىنى ئىگەللىگەچكە ھەريىلى جۇڭگودىن ئامېرىكىغا مىليونلاپ دوللار ئېقىپ تۇرىدۇ. لېكىن بۇرۇنقى جاھانگىرلار مۇشۇنچىلىك بايلىقنى جۇڭگونىڭ  مەلۇم ئۆلكىسىنى بېسۋېلىپ ئاندىن ئالالايتتى. ياپونىيە 1937-يىلى شەرقى شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ئىشغال قىلىۋالغان چاغدىكى ياپونىيىنىڭ ئالغان پايدىسىنى ئۇلارنىڭ  ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتا سېتىلىۋاتقان ئېسىل ماللىرى ئارقىلىق  ئېلىۋاتقان پايدىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ  كۆرسەڭ تېخىمۇ چۆچۈپ كېتىسەن . شەكىل ئۆزگەرگەن بىلەن ماھىيەت ئۆزگەرمىدى. بۇرۇن باشقا دۆلەتلەر  جۇڭگونى قانۇنسىز بېسىۋالغان ۋە ئاشكارا تالان-تاراج قىلغان بولسا  مانا ئەمدى قانۇنلۇق ھالدا كىرىپ جۇڭگونىڭ ئالتۇن كۈمۈشلىرىنى توسالغۇسىز  يۆتكەپ كېتىۋاتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن رىقابەت مەدىنىلەشتى ئەمما رىقابەتنىڭ ئۆزى مەيداندا، ھىچ يەرگە كەتكىنى يوق.
ئەلىنىڭ دىگەنلىرىنى دەرھال ھەزىم قىلىپ بولالماي تۇرۇپلا قالدىم. لېكىن ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردەك ئەمەس باشقا بىر بوشلۇقتا تۇرۇپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ قولىدىكى كولادىن بىر يۇتۇم ئىچتى.
- بايا ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ. ھەمزە ئامېرىكا ئىسرائىلىيە دىن كوكا كولانى ئىچىپ تۇرۇپ قاقشاپ بەردى. ھازىرقى دەۋردىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بۇرۇنقىدەك مەلۇم بىرگېنىرالنىڭ قورالىنىڭ، زېمىن بايلىقىنىڭ رىقابىتى ئەمەس بەلكى شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ ئومۇمى ساپاسىنىڭ رىقابىتى.
بېشىم زىڭىلداپ ئاغرىشقا باشلىدى. ماڭا دۆلەتنىڭ غېمىنى قىلىپ نىمە كەپتۇ. گەپلەر پاساھەتلىك ، چۈشىنىشلىك بولسىمۇ، كاللام بۇلارنى تېپىپ چىقىرىۋېتىشكە باشلىدى.بەلكىم ئەلى ۋەتەننىڭ غېمىنى قىلىۋەتسا كېرەك . ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشەندىم، بىراق بۇنداق چوڭ يەردىن تۆھپىكار بولۇشقا تىرىشالمايدىكەنمەن. مېنىڭ ئىشىم ئاللاغا ئىبادەت قىلىپ ياراتقان ئىگەم مۇشۇ ئىكەن دەپ ناماز ئوقۇش ئارقىلىق يۈرىكىمنى يەنە قانداقتۇر ئادەم ئازدۇرىدىغان غەيرى نەرسىلەرگە ئاشىق بولۇپ قېلىشتىن ساقلاش، خالاس.
2001-يىل 6-ئايدىن باشلاپ مەۋسۈملۈك ئېمتىھانلار ئېلىنىشقا باشلىدى. 6-ئاينىڭ 10-كۈنى فاكۇلتىت بىناسىنىڭ ئالدىغا نەتىجلەر چاپلاندى. ھەممە پەندىن لاياقەتلىك بولغانلىقىمغا شۈكرى قىلدىم. دېمەك شۇ نەرسە ئىسپاتلاندىكى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ مەن روھى كىرىزىستىن قەدەممۇ  –قەدەم قۇتۇلۇپ چىقتىم. ئۆگىنىش نەتىجەم بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتمىدى. ھاراقنى ئاغزىمغا ئەكەلمىدىم. ھەتتا تاماكىغىمۇ يېقىنلاشمىدىم. ئەگەر مەن خۇدا دېگەن بۇ ئۇقۇمنى كاللامغا تونۇشتۇرۇپ كىرمىگەن بولسام بۇنداق قىلالىشىم مۇمكىن بولماس ئىدى.
بىراق ئۆزۈمگە پەقەت ئۆزۈمگىلا ئايان، گۈزەلنۇرنىڭ نىمە ئۈچۈن مەندىن يۈز ئۆرىگەنلىكى تېخى ئېچىلمىغان بىر سىر. گەرچە نەچچە ئاينىڭ ياقى ئۇنى كۆڭلۈمدىن چىقىرىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىم، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق نەرسىلەرنى جايلاشتۇرۇپ قويۇشلىرىم لاياقەتلىك بولغان بولسىمۇ يەنە ئاشۇ سەۋەپنىڭ كەملىكى ، ياسالغان ئىمارىتىمدا بىر تۈۋرۈكنىڭ كەم سېلىنىپ قالغىنىدەك بىر ئىش بولدى. بۇنى ئۆزەممۇ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمەن. خۇدايىم ئەمدى ماڭا يەنە ئېغىر بالا-قازا ئېلىپ كېلىپ كاللامنى كۈچلۈك تەۋرىتىۋەتمىسىلا مەن يەنىلا ھازىرقى ھالىتىمدە كاللام نورمال، ئىشلىرىمنى جايىدا ئېلىپ مېڭىۋېرىمەن. گۈزەلنۇرنى يەنە ئويلىماسلىقىم كېرەك . ئۇ توغرىسىدىكى گەپلەرگە قۇلاق يوپۇرىۋېلىشىم ، ئۆزەمنى ئېلىپ قېچىشىم دانالىق . چۈنكى يېڭىدىن قۇراشتۇرۇپ چىققان بۇ مۇھىدنىڭ ئۆزگىچە دۇنيا قارىشى زادى ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ دىسە گۈزەلنۇردىن ئىبارەت مۇشۇ نۇقتىدا غۇلاپ چۈشىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئۇ ئۇزۇنغا قالماي توي قىلىدۇ. مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مەڭگۈلۈك دەپنە قىلىۋېتىلىدۇ. ئەگەر ئارلىقتا  گۈزەلنۇر ئۆزىنىڭ ماڭا قىلغانلىرىغا تۆۋە قىلسىچۇ؟ ياق  كەچۈرمەسلىكىم كېرەك .زادى كەچۇرمەيمەن .ئەمما   ئۆزەمنىڭ  بۇ مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرالامدىم؟ ئاللا ئۆزى مەدەتكار بولسۇنكى مەن بىر ئۆلۇپ بولدۇم لىكىن قايتا قايتا ئۆلگىم يوق  ...........

bozqir 2011-02-10 14:48
ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ،داۋامىغا تەشنامىز.

bargiya 2011-02-10 15:56
بۇ ئەسەر ئاخىرلاشقۇچە خاتىرەم نۇرغۇن ئېسىل پۈتۈكلەر بىلەن بېزىلىدىغان بولدى.بۇنىڭدىن  ئالەمچە خۇشمەن. شۇنداقلا ئەسەردىكى  سۆز-ئىبارە،تەسۋىرلەر ئارقىلىقمۇ كىشىگە بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈرۈۋاتقان دىليارغا كۆپ تەشەككۈر!!
ئاخىرىنى ئىز قوغلاپ تۇرۇپ كۈتىمەن.

yalghuz 2011-02-10 16:15
ئەمدى كىنو ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئېلاندەك بۇ تېمىغا كىرىۋالساق ياخشى بولمايتتى،بىراق تېما ئادەمنى قىزىقتۇرۇپ قويدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلكۈيى تور ئەدەبىياتىدىكى يەنە بىر ياخشى تېما دېيىشكە بۇلىدۇ،شۇڭا ئىز قوغلاپ تۇرۇپ ئۇقىۋاتىمەن،بۇ تېمىنى ئاخىرى تولۇق چىققاندىن كىيىن نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەچ نادىرلاش ھوقۇقىنى تالىشىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.(ئەسلىدە ئېلانغا چىققاندەك چىقمىسام بۇلاتتى،ئەسىرىڭىز سۆزلىتىپ قويدى،داۋامى چىققاندىن كىيىن ئاندىن يەنە بىراقلا سۆزلەيمىز)

aslima909 2011-02-10 16:18
ناھايـتى ياخشى يېزىلىپتۇ ،قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئىلاھىم!

dellyar571 2011-02-12 03:05
مىنىڭ دىننى مەركەز قىلىپ بەرپا قىلغان  يىڭى قىياپەتىكى قەلبىم  ئەلى دېگەن بۇ ئالاھىيدە ئادەمگە  ئاستا-ئاستا ئورۇن بىرىشكە باشلىدى بەلكىم بۇ ئۇنىڭ گۈزەلنۇرسىز يەنى ئىشقى مۇھەببەتسىز داۋام ئىتىۋاتقان تۇرمىشىغا ھەۋىسىمنىڭ نەتىيجسى بولسا كېرەك .دىمىسىمۇ ئۇنىڭ تۇرلۇك تىمىلارغا تويۇنغان رەڭدار بايانلىرى كەڭ ۋە يىتىلگەن پىكرى بالاغەتلىرى مەن بۇرۇن مۇھتاجلىق تۇيۇپ باقمىغان نەرسىلەر ئىدى . بۇ يىڭى نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم كۈنسايىن قويۇقلىشىپ مىڭىۋىتاتتى . ئەمما مىنىڭ بۇ يىڭى سىردىشىم  ئەلى مەندىن ئايرىلدىغان بولۇپ قالدى يەنى ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ دىگىنىنى قىلدى. مۇمتاز ئۇنىڭغا تەكلىپنامە ئەۋەتىپ بىر يېرىم ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پاسپورتنى بېجىرىپ مېڭىشقا تەييار بولدى. مەكتەپنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش ئىشخاتىسىغا كېرىپ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قالدۇق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەردىم. ئەسلىدە ئۇنى ئۈرۈمچىگە بىر بېرىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئۇنداق بولمىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ماڭىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ئۇ مېنى پاراڭلىشىپ كېلىمىز دەپ ياتاقتىن ئېلىپ چىقىپ مەيداندىكى چىملىققا ئېلىپ باردى.
    -ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزۈڭنى جۇڭگو چىگرىسىنىڭ سىرتىدا كۆرىسەن. قانداق، بۇخىل تەسىرات ياخشىمىكەن؟ - بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا خوشامەت قىلغاندەك دىدىم. لېكىن ئەلى بۇنى سېزىپ قاپتۇ.
- مۇھىد ، سېنى مېنى تەبرىكلىسۇن دەپ بۇ يەرگە ئېلىپ چىقمىدىم. ساڭا دەيدىغان مۇھىم بىر ئىش بار. ئۇنىڭغا سوئال نەزىرى بىلەن قارىدىم. ئۇ ماڭا نىمە دەر؟ گەرچە ئىككىمىز جان-جىگەر ئاغىنىلەردىن بولۇپ كەتمىسەكمۇ ئۇنىڭ ماڭا ئالاھىدە مۇھىم بىر ئىشنى ئېيتىدىغانلىقنى سەزدىم.
    - قېنى دىگىنە.
    - بىز بىللە دۇبەيگە چىقىپ كېتەيلى.
     بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىقىدىغان ئادەم چىقمىغانمىدۇ؟ ئۇنىڭ شۇنداق يېقىن بۇرادىرى بولۇپ قالدىممۇ ؟ ئىككىمىز پاراڭلاشساق مەن ھەمىشە ئاڭلىغۇچى، ئۇ سۆزلىگۈچى بولاتتى. ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئۆزەمنى ئۇرۇپ قىزىقىپ كەتمىسەممۇ ھەتتا بەزىدە بىزار بولساممۇ يەنىلا چاندۇرماي بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ ئاڭلىغان بولىۋالىمەن. چۈنكى ئەلىنى ھۆرمەتلەيتتىم. ئۇنىڭ خاراكتېرىنى تولۇق چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بىلىملىك، نەدىن سورىسا شۇ يەردىن سۆزلىيەلەيدىغان كىتاب خالتىسى ئىكەنلىكى ماڭىلا ئەمەس مەكتەپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان ئىدى. ئۇ بەزىدە تارىختىن سۆز ئاچسا،بەزىدە ئىقتىسادتىن، پەلسەپەدىن چۈشىدۇ. مائارىپ توغرىسىدا خۇددى كەسپى خادىملاردەك بىرىنچى قول ماتىرىياللارنى نەقىل قىلىپ سۆزلەپ كېتىدۇ. بەزىدە مەن ئۇنى مەكتەپتە كەسىپ ئۆگەنمەي باشقا نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە كەلگەندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ھەركۈنى سەھەردە چېنىقىپ توپ ئوينايدىغان بولۇپ قالغاندىن بېرى باشتا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن سەۋەپلەرنىڭ  رول ئوينىشى بىلەن  ئۆزەممۇ بىلىپ- بىلمەي ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشايدىغان ، ئانچە- مۇنچە گەپ قىستۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. ئېھتىمال مەن ناھايىتى ياخشى ئاڭلىغۇچى بولۇپ ، ئۇ بولسا مەندەك ياخشى ئاڭلىغۇچىنى ھېچيەردىن تاپالمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغاندۇ.(دەرۋەقە باشقىلارنىڭ گەپلىرىنى بۆلىۋەتمەي  ئەستايىدىل ئاڭلاپ بىرىش مەندىكى بىر ئالاھىيدىلىك ) بولۇپمۇ گۈزەلنۇردىن ئايرىلغاندىن كېيىن مەن ئەلىنىڭ روھى دۇنياسىغا باشقىچە قارايدىغان، ھەتتا ئۆزەمنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ بۇرۇنقى چاغلاردا بولۇپ باقمىغان تەسىراتلارغا ئىگە بولۇۋاتاتتىم. بىراق مەندە ئەلىدەك ئۇنداق بىر ئىدىئولوگىيە ياكى ۋەتەن، مىللەت دىگەندەك ئۇقۇملارغا قۇربان بەرگۈدەك ئىچكى ئېنىرگىيە يوقلىقىنى ئۆزەممۇ ئېتىراپ قىلىمەن … ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت دوستلۇقمىدۇ؟ ياق مەن پەقەت مەنىۋىيتىمىنى ئۇنىڭ ئارقىلىق بىيىتىشقا تىرشىۋاتىمەن ۋە بۇلارنى گۈزەلنۇر پەيدا قىلغان قەلب يارامغا مەلھەم قىلىش يولىدا ئىزدىنىپ يۇرۇيمەن خالاس،بۇ قانداقمۇ دوسلۇق بولسۇن !؟    
-ئۇ يەردە ماڭا نېمە بار؟ - سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-مۇھىد ، بۇ يەردە ساڭا نىمە بار؟ بۇ شىئەن قاتناش ئۇنىۋىستىنى پۇتۇن جۇڭگو چوڭ بىلىپ كىتىدۇ ئەمىلىيەتتە بۇ مەكتەپ دۇنيا ئۇنىۋىستىلار ئارسىدا  800-قاتارىغا ئاران كىرەلەيدۇ ،تۇغۇرسىنى ئىيىتقاندا پۇتۇن جۇڭگودا دۇنيا  بويىچە  ئالدىنقى 200 ئۇنىۋىستىد قاتارغا تىزىلغىدەك بىرسىمۇ يوق . بۇ يەردە كۆپ نەرسە يەنە كېلىپ ئەڭ يىڭى بىلىملەرنى ئۆگىنەلمەيسەن، ئۇقۇشىڭىنى ئوتتۇرا شەرىقتە يەنى  پادىشاھ سەئۇد  ئۇنىۋىستىدا داۋاملاشتۇرساڭ بولىدۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى  شىئەن قاتناش ئۇنىۋىستدىن كۆپ ياخشى پەقەت بىيجىڭ ئۇنىۋىستدىن تۆۋەن تۇرشى مۇنكۈن قانداق دەيسەن ؟
بۇ ماڭا غەيرى ھەم بەك تۇيۇقسىز كەلگەن تەكلىپ ئەمما ئەلىنىڭ «ئوقۇش»،«ئوتتۇرا شەرق» دىگەن كەلىمىلىرىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان بىر نەرسە يەنى كارامەت بىر ئورۇنلاشتۇرۇش  بارلىقىنى سىزەلىدىم.چۇنكى تەجىرىبەمدىن قارغاندا  ئۇ بىر گەپ قىلسا كەينىدە ھامان ئالدىنقى گىپىگە قۇۋۋەت  بىرىدىغان ئاجايىپ دەلىلەر يوللۇق بايانلار چىقاتتى ئىنقىكى  ئۇ ئۆزىنىڭ مەكتەپتە تېرىشتۈرۈپ تاپقان ۋە ئىسپاتلىغان ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پىراكتىكا قىلماقچى ۋە بۇ پىراكتىكا دۇنياسىغا مىنى سۆرەپ كىرمەكچى ئىدى لېكىن گەپنىڭ كەينىنى ئاڭلىمايلا «ياق»دىگىم كەلدى چۇنكى ئۇنىڭ غايىسى قانداق ئۇلۇقۋار بولۇپ كەتمىسۇن مىنىڭ بۇ ئالاھىيدە ئادەمنىڭ ئالاھىيدە دۇنياسىدا نېمە ئىشىم بولاتتى ؟! مەن پەقەت جۇڭگودىكى بۇ مەشھۇر ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماي قالىدىغانلىقىمغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.
گەرچە مېنى بۇرۇنقىدەك گۈزەلنۇر دەپ بىرى ساقلاپ تۇرمىسىمۇ ھەرھالدا باشقا ساۋاقداشلىرىمدىن كۆپ ياخشى خىزمەت شارائىتى ساقلاۋاتىدۇ. ماڭا چەتئەلدە نىمە بار؟ ھىلىمۇ بىر ئاددى يەنە كېلىپ ناچار ئوقۇغۇچىدىن سەكرەپ ئىلگىرلەپ بۇ مەكتەپتە پەيدا بولۇپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىلىنتونغا راۋان ئىنگىلىس تىلىدا سوئال قويۇپ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ قانىلىدا پەيدا بولغانلىقىمنىڭ ئۆزى يىتەرلىك مۆجىزە يەنە دۇنيا دەرىيجىلىك بىلىم يۇرىتلىرىغا ئاتلاپ بۇيۇك ئادەملەر كۆرىدىغان چۇشلەرنىڭ خۇرۇشلىرى بولۇپ  نىمە پايدا ئالىمەن؟ئەلىگە ئوخشاش  بىر كىملەرنىڭ مەلەم غەرەزلەردە ئىتىرىپ مىڭىشى ئارقىسىدا  ئايغا چىقىپ« خالايىق، ئايغا چىققان ئۇيغۇر مەن شۇ »دەپ جاكارلامدىم؟نىمىدىگەن مەنىسىز… ياق بۇ نەرسىلەرگە قىزىقمايمەن. راستىنى ئېيتسام مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم تىنچ- خاتىرجەم تۇرمۇش . بەختلىك كۈنلىرىمنىڭ بىرىنى تەسۋىرلسەم ئۇ مۇنداق بولىدۇ:
    خىزمەتتىن يېنىپ ئۆيگە قايتقۇچە ئۆزەم ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان موگودىن سېتىۋالىمەن. ئاندىن ئايالىم يېيىشنى ياقتۇرىدىغان مىڭ كۆزنى ئالىمەن. بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بولۇپ خىيالىمغا بۈگۈن 9-ياكى7- قانالدا قويۇلماقچى بولغان ئەڭ يېڭى چاتما رازۋىدكا فىلىمى كېلىدۇ. سائىتىمگە قارايمەن. يەنە  5مىنۇت بارىكەن. قەدىمىمنى ئىتتىك ئېلىپ ئازدىگەندە㎡100 كېلىدىغان ئۆيۈمگە كىرىمەن. بۇ چاغدا ئايالىم ئاشخاندا پاژ-پۇژ قىلىپ تاماق قىلىۋاتقان بولىدۇ. سافاغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تېلىۋېزورنى ئاچىمەن...
    -ئېگىز-پەس گەپ قىلمىساڭچۇ ئەلى- كۈلۈمسىرىگەن بولساممۇ چىرايىمغا بىزارلىق ئۆرلەپ بولغانىدى. لېكىن ئەلى بۇنى كۆرمىدى.
    -مۇمتازغا دىسەم ئۇ يەنە بىر ۋىزا ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سەن ماقۇل دىسەڭ بىر ھەپتە ئىچىدىلا مېڭىپ كېتىمىز. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تېز بولىشى مۇمكىن.
     ئۇنىڭ دەلىل پاكىت ۋە تەسىرلىك نۇتۇنقلىرىنى ئالدىمغا دۆۋلەپ بىشىمنى ئايلاندۇرۇپ ئاغرىتىپ كىتىشىدىن ساقىلىنىش ئۈچۈن قەستەن ئۇنىڭغا ھىكمەت تۆرىدىن بىر نەرسىلەرنى دەپ تىمنى ئۇنىڭ ئۆزىگە مەركەزلەشتۇرۇپ قۇتۇلۇپ كىتىشنى ئويلىدىم  
    - ئەلى ئىش ئويلىساڭ ئۇ ئىش ئۇستىدىكى ئوي پىكرىڭ پىشقان بولۇپ چىقىدۇ  -دىدىم ئۇنى پەپىلىتىپ-بىراق يەنىلا ئەمىلى بولغانغا يەتمەيدۇ ھىچ بولىمغاندا  ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا يەنە 2 ئايلا ۋاقىت قالدى. چىشىڭنى چىشلەپ دىپلوم ئېلۋالغىن. ئاندىن نىمە قىلساڭ قىل. قانداقلا بولمىسۇن 18يىل ئوقۇدۇڭ، ئۇنىڭ نەتىجىسى چىقاي دەۋاتقاندا بۇنداق قىلساڭ، باشقىلار سېنى ئالجىپتۇ دەپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئاناڭ سېنى ئوقۇتىمىز دەپ كۆپ جاپا چەكتى. ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمىغىن. ئاتا-ئاناڭنى ئويلىمامسەن؟شۇلارنىڭ ئەجىرگە جاۋابەن  مۇقىم خىزمەت تىپىپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغۇڭ يوقمۇ ؟!
ئۆزەمچىلا ئەلىگە چوڭقۇر مەنىلىك گەپ قىلىۋەتتىم دەپ قارىغانىدىم. لېكىن ئەلىنىڭ ئويلىنىپمۇ ئولتۇرماي ھازىر جاۋاپلىق قىلىپ ئالدىمغا ئۆتۈۋالىدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن.
-مۇھىد، مەن ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ توختىماي قارارىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان ئادەملەردىن ئەمەس. مەن ھۆكۈمەت‹ماۋۇ ئىشنى قىلىسەن› دەپ ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ ئۆزەمنىڭ قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشنى تېپىپ قىلىدىغان بولماقچى، شۇنى بىلىشڭ كېرەك، چوڭلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى سوتسىيالىستىك پىلانلىق ئىگىلىك مەيدانغا چىقارغان جەمئىيەت رېئاللىقىغا ئاساسلىنىپ شەكىللەنگەن. ئۇلار كاللسىدىكى ئاشۇ ئەندىزىلەر بىلەن بۈگۈنكى بازار ئىگىلىكىگە مۇناسىپ پىكىر قىلىشقا ئامالسىز.نۇرغۇن ئاتا ئانىلار بالىلارغا كۆيىنگەندەك قىلغان بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز خاتالىرى ۋە توغرىلىرى  بىلەن چوڭ بولىشىغا ئىمكان بەرمەي بالىلارنى چوڭ بولىشىغا يول بەرمەيۋاتىدۇ .ئىسلاھات ئىشىكىنى ئىچىۋىتىش،بازار ئىگىلىگى ،ئۇچۇر ئىنقىلاۋى ،يەر شارىلىشىش قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ ھاسىل قىلىۋاتقان جەمئىيەت ئۆزگۇرۇشلىرىگە بىز ياشلار ياشلىق ئىستىداتىمىز ۋە دىتىمىز بىلەن جاۋاب بىرەلمىسەك پۇتۇن مەملىكەت زىھنىيىتى ۋە جەڭگىۋارلىقى يىگىلەپ دۆلەتنىڭ چوڭ بولالماسلىقىنى،زامانغا لايىق يىتىلەلمەسلكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ،بۇ دېگەن پاجىئەدۇر  بۇنىڭغا قاراپ تۇرماق  جىنايەتتۇر.      
    - سەن نىمە دىمەكچى؟-ئۇنىڭ پەلسەپىسىدە نۇرغۇن نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى سەزدىم.شۇنداقتىمۇ  ماڭا ئۇ بۇگەپلەرنى خۇددى مېنىڭ نەسىھەتىمگە بىلىمىنى نامايەن قىلىش يولى بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا چىقارغاندەكلا بىلىندى. شۇڭا« دىپلوم ئېلىۋالساڭ بولاتتى» دىگەن گېپىمگە ماس نۇقتىنى تۇتۇپ بولالماي ئىچىم سىقىلىپ كەتتى. بىراق گەپكە تەمشىلگىچە ئۇنىڭ ئاغزى يەنە ئىچىلدى
- مۇھىد ، بىز زور تارىخ بۇرۇلۇپ نۇقتىسدا تۇرۋاتىمىز، يەنى  كۆپ قۇتۇپلۇق مىللى ئىگىلىكنىڭ شەكىلىنشى ۋە  راۋاجلانىشى ئارقىسدا ۋۇجۇتقا كىلىدىغان يىڭى جەمئىيەت تەرتىپىگە شاھىد بولىۋاتىمىز   دۆلەتنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمى ئوبدانلا ئېچىلدى. ئەمدى نۆۋەت  غەرپكە يۈزلىنىش.بۇ دىمەك  شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پۇرسىتى پېشىپ يېتىلدى دىمكتۇر . –ئۇ ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى.- بىز ئۇيغۇرلار ئوتتورا ئاسىيا،غەربى ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا ئالاقىسىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ تاشقى سودا ئېكىسپورتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەلەيمىز. شىنجاڭدا بولۇپمۇ قەشقەر غۇلجا قاتارلىق پورت شەھەرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسيا ۋە غەربى ئاسىيا  مۇسۇلمان دۆلەتلىرى موھتاج بولىدىغان تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، مەدەنى بۇيۇملار ھەتتا ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقرىش بازىلىرىنىڭ ۋە تىرانسىپىرىت تۈگىنلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . بۇنىڭ بىر سەۋەبى جۇڭگودا ئەمگەك كۈچى ئەرزان. يەنە بىر سەۋەپ خام ماتىرىيال تەننەرخى تۆۋەن. ھازىر شېنجىن، گواڭجۇ قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر بالىلىرى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. شىنجاڭدىمۇ يەرلىك مىللى كارخانىلار بەس-بەس بىلەن قۇرۇلماقتا . لېكىن ئىنچىكىلەپ كۆزەتسەڭ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا چىقىش يولى تاپالماي سودا ساھەسىگە كىرىپ قالغانلار بولغاچقا تىجارەت ئەندىزىسى بەك قالاق. بىز سېستىمىلىق ، ئىلمى سودا نەزەرىيىسى بىلەن قوراللىنىش ئارقىلىق ھازىر بار بولغان مىللى ئىگىلىكنىڭ كۆلىمىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا كېڭەيتەلىسەك شىنجاڭنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالايمىز. ھازىر ئەتراپىمىزدىكى ئالى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەنلەر ياكى ساپالىق ياشلار ئاتا –ئانىسىنىڭ پىلانلىق ئىگىلىك شارائىتىدىكى تەپەككۇر ئەندىزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ياكى ئۆزىنىڭ جۈرئەتسىزلىكى، ۋۇجۇدىدىكى مەجروھلۇقى بىلەن مۇقىم خىزمەت ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ.
ئەلى قىزغىن نۇتقىنى تۈگىتىپ بىر نەرسە دىيىشىمنى كۈتكەندەك ماڭا قارىدى. مەن بولسام ئۇنىڭ ئۇزۇن نۇتقىدىن ئالدىنىقى سوئالىمنىڭ جاۋابىنى تاپالماي كۆزۈمنى پارقىرىتىپ ئولتۇردۇم. ئۇدۇللا «بۇ گەپلىرىڭنىڭ دىپلوم بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟» دەپ سورىماقچى بولدۇميۇ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئالقىش تاما قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ باشقا گەپكە ئېغىز ئاچتىم.
-ئەسلىدە شەنشى مالىيە–ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇساڭ بوپتىكەن.
ئۇ بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ ئاستا يېنىمغا كېلىپ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇردى. ئۇ بىر ھازاغىچە بىر نەرسىنى خىيال قىلىۋاتقاندەك گەپ قىلمىدى. جىمجىتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
-بايىقى گەپلىرىڭ بىلەن دىپلومنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار؟  
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. سۇس چىراغ نۇرىدا ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىنى كۆرەلمىدىم.
    -سېنىڭ كاللاڭ بەك ئاددى مۇھىد، رەسمى پۇقرالارنىڭ كاللىسى دە، سەن نېمە مەقسەتتە ياشايسەن؟
    ئەلىنىڭ ئالدىنقى گەپلىرىنىڭ مەنىسىنى تەس بولسىمۇ ھەرھالدا چۈشەنگەن ئىدىم . لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ نېمىشقا بۇ گەپنى قىلىدىغانلىقىنى راستىنلا چۈشىنەلمىدىم. بۇ ئادەم كەمسىتكەنلىكمۇ؟ « ئەجەپ ياخشى گەپ قىلدىڭ. شارائىت بولغاندىن كېيىن مەكتەپنى تاشلاپ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ خەلقئارا ئىقتىسادتىكى MBAدىگەندەك خارۋارد ئۇنۋېرستىتىنىڭ سودا-تىجارەت ئىلمىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنەيلى، ئاندىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ مىللى ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئاتلىنايلى »دەپ شوئار توۋلىسام كاللام مۇرەككەپ بولغان ، داھىلاردەك پىكىر قىلغان بولاتتىممۇ؟ چارچاپ قېلىپ سائىتىمگە قارىدىم 9:50 .خىيالىمغا چۈشتە ھۇرۇنلۇق قىلىپ يۇيماي سۇخانىغا تاشلاپ قويغان كىر كىيىملىرىم كەلدى. «سەن بىلەن بۇيەردە ئولتۇرۇپ كوتۇلدىغۇچە ئاشۇ كىرلىرىمنى يۇيىۋەتكەن بولسام جىق ئىش قىلىۋەتكەن بولاتتىم» دىدىم ئىچىمدە، لېكىن ئەلىنىڭ مەندىن كۆپ بىلىملىك ئىكەنلىكى، كاللىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى، داھىلاردەك پىكىر قىلىدىغانلىقى مېنى ئۇنى ئەيىبلەش ياكى بىزار بولۇپ تۆۋەن كۆرۈشتىن ساقلاپ تۇرغاچقا كاللامغا كەلگەن بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دىيىشكە قۇربىم يەتمىدى.ئەلى بىلەن پاراڭلىشىۋەرسەم كاللامنىڭ ئاغرىيدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ياشايسەن دىگەن سوئالىغا بەرگەن جاۋابىم ئۇنىڭ مېنى يەنە كەمسىتىشىگە ياكى تېخىمۇ كۆپ پەلسەپەسىگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ ئۇنىڭدىن ياندۇرۇپ سورىدىم.
-سەنچۇ؟ سەن نىمە مەقسەتتە ياشايسەن؟
- توغرا ياشاش ئۈچۈن ياشايمەن.- دىدى ئۇ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا.
-قويە بۇ گەپلىرىڭنى. يۈرە، كىرىپ كېتىمىز،- شۇنداق دەپ ئورنىمدىن تۇرۇۋېدىم، ئۇ مېنى تۇتىۋېلىپ پەسكە تارتتى.
- ئالدىرىما،- ئۇ شۇنداق دىگەچ يانچۇقىغا پۈكلەپ سېلىۋالغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى » نى چىقىرىپ ماڭا سۇندى. ئۇنى ئېلىپ توپ مەيدانىنىڭ چىرىغىغا تۇتتۇم.

‹ئامېرىكا كوكا كولاسى ئوتتۇرا شەرەقتە زەم زەم كولانىڭ رىقابىتىگە دۇچ كېلۋاتىدۇ.›



شنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرىدە دىيىلىشىچە ئەرەب - ئسرائىلىيە توقۇنىشىدا ئامېرىكىنى ئسرائىلىيىگە يان باستى دەپ قارىغان ئەرەبلەر ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ داڭلىق شىركىتى كوكا كولانىڭ مۇشۇ سىياسى دولقۇندا ئىران زەم زەم شىركىتىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىپ ، زەم زەم كولانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەپ بولىۋاتقانلىقى يېزىلغانىدى.
ئەلىگە سوئال نەزىرىدە قارىدىم.
-بۇ چەتئەلنىڭ نەرسىسى ئىكەنغۇ؟ سېنىڭ دۆلەتنىڭ ئېكىسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دىگەن گەپلىرىڭگە ئۇيغۇن ئەمەسقۇ؟
- ئاۋۋال زەم زەمنى جۇڭگوغا ئېلىپ كىرىمىز، ئاندىن زەم زەم ماركىلىق ساقلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى چەتئەل مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ساتىمىز. ئىش مۇنداق بولىدۇ.
    -ھە،- بېشىمنى لىڭشىتتىم.دىمەك ئۇ ئوتتۇرا شەرىىق بىلەن دىيارىمىز شىنجاڭ ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت پۇتۇنلىكىنى كۆرگەن ۋە بۇ مەدەنىيەت پۇتۇنلىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن مىنى ئوتتۇرا شەرققە بىرىپ ئوقۇشقا قىزىقتۇرغان ئىكەن .ئىچىمدىن ۋاي ئەلى دەپ ياقامنى چىشلەپ سالدىم .   ئۇنىڭ پىلانىنىڭ باش- ئاخىرىنى ئۇلاپ بايا ئەلىنىڭ 1000 يىللىق پىلان تۈزگەنلىكىنى ھەتتا بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر قىلىشىغا يېتىدىغان ئىش ئويلاپ تاپقانلىقىنى بىلدىم.- سەن ئىران زەم زەم شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ جۇڭگوغا زەم زەم مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كىرىپ خەلقئارالىق تىجارەتنى ئەمەلى پىراكتىكا ئارقىلىق بىلمەكچى ، ئاندىن ئۆگەنگەنلىرىڭگە ئاساسەن زەم زەم تاۋار ماركىسىنى قوللىنىپ ئۆز ماللىرىڭنى ئوتتۇرا شەرق ئەرەب ئەللىرىگە چىقىرىپ ئۇلارنىڭ پۇلىنى شىنجاڭغا ئاققۇزماقچى بوپسەندە؟!
    ئەلى مەمنۇنىيەت بىلەن باش لىڭشىتتى. مەن ئەجەپلەندىم. ئۇنىڭ بۇ پىلانىغا ئەمەس، بەلكى بۇ گەپلىرىنى نېمىشقا ماڭا دەيدىغانلىقىغا ئەجەبلىنىپ ھەيران قالدىم.
    -بۇگەپلەرنى نېمىشقا ماڭا دەيسەن؟ مېنى مۇشۇ تىجارەتكە قېتىلغىن دىمەكچىمۇسەن؟
-مۇھىد، مەكتەپكە كەلگەن كۈندىن باشلاپ مىللى بالىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدىڭ. ھەر يىلى 1-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن قۇرۇق قالماي مەكتەپنىڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇۋاتىسەن. سېنىڭ بىرەر قېتىم ئاغزىڭغا تاماكا ئالغىنىڭنى ياكى ھاراق-پىۋا ئىچكىنىڭنى كۆرمىدىم ھەم ئاڭلاپمۇ باقمىدىم. مەكتەپتىكى تۇرمۇشۇڭمۇ شۇنداق تەرتىپلىك. سېنىڭ مەكتەپ تورخانىسىدا شىنجاڭلىق قىزلارغا ئەدەپسىزلىك  قىلغان ئىككى مەستنىڭ ئەدىۋىنى بېرىپ ئۇلارنى قوغداش بۆلۈمىگە سۆرەپ ئېلىپ كىرگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ سېنى قاتتىق ۋىجدانى بار يىگىت ئىكەن دەپ ئويلىغانىدىم. قارىغىنە، كىيىنىشلىرىڭگە، ئىشتان- كۆڭلىكىڭدىن  دەزمال ئىزى كەتمەيدۇ- ئۇ بۇ گەپلەرنى كۈلۈمسىرەپ دەپ كېلىپ بىردىنلا چىرايىنى جىددى تۇسكە كىرگۈزدى-مۇھىد ،ھەممىدىن مۇھىمى سىنىڭ كەسپى بىلىم سەۋىيەڭگە كۆپچلىك بەك قايىل لېكىن بۇ كاللاڭ تۆت تەڭگىلىك مائاشقا زايا كىتىدۇ ، ماڭا قارا ئىككىمىز دۇبەيدە ئالتە ئاي تۇرۇپ باشقىلار بىر يىل ئوقۇغان كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگىتىمىز. زەم زەم تىجارىتى  ئىلىپ سىتىش ئىشى ئەمەس ،مەن ئۇيغۇر ۋە جۇڭيى تىبابىتىنى كۈچ قىلغان شۇنداق كۈچلۈك ساغلاملىق ساقلىق مەھسولات كارخانىسىنى مەيدانغا كەلتۇرىمەنكى بۇ جەرياندا سىنىڭ كەسپى بىلىمىڭنىڭ قىممىتىنى نەق يىرىنى تاپقۇزىمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ناماز ئوقۇيدىكەنسەن ئۆلچەملىك مۇسۇلمانسەن. ئوتتۇرا شەرىقتە سەن سۇ قۇمغا سىڭگەندەك سىڭىپ كىتىسەن ئومومەن ماڭا ئىشەن دوستۇم  نۇرغۇن پۇل تېپىپلا قالماي مىللىتىمىزگە تۆھپىكار بولالايمىز.
بۇ ماختاشلار مېنى خۇش قىلالمىدى. كۆڭلۈمنىڭ تېگىدىن بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئۆزەمگە تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. ھەتتا بۇ سۆزلەر ئەمەلىيەتتە مەن ئۈچۈن « سەن سېغىز لاينى گۈزەلنۇر ئىسىملىك قىز مىجىپ شۇنداق چىرايلىق ياسىدىكى، ھاي ھاي» دىگەن گەپ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەلى، مېنىڭ ئويۇمچە، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىغا مەندىن خۇددى چىن شىخۇاڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ خىشىدىن پايدىلانماقچى بولغاندەك پايدىلانماقچى بولىۋاتىدۇ. بېشىمنى چايقىدىم ۋە يەنە دانا قىياپەتكە كىرىپ باشتا تاپقان سۆزلىرىمنى قايتىدىن بازارغا سالدىم
- ئەلى ئەڭ ياخشىسى ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە بىر گەپ بولسۇن . ئوقۇشۇمنى ساق-سالامەت تۈگىتىپ ئىككى سىڭلىمنىڭ ئوقۇش ئىشىغا يار-يۆلەك بولمىسام بولمايدۇ، سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ يوقمۇ؟ ئاتا-ئاناڭ سەندىن نېمىنى كۈتىدۇ؟
- دادام بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن. مېنى ئاپام بېقىپ چوڭ قىلغان.  ئۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەنلا ئۆتكەن. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام مەن يەپ- ئىچىشتىن بېشىنى كۆتۈرمەيدىغان ئادەم بولۇپ قالمامدىم.
ئەلىنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى. ئائىلىسى توغرىسىدا جىق گەپ قىلىش ئۇنى ئازابلايدىغاندەك قىلاتتى. خېلى ئۇزاق جىمجىتلىقتىن كېيىن ئۇ بىر يەردىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالغاندەك ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ ئىشتىنىنى قېقىشتۇرۇپ ماڭا قارىدى.
- شەخسى ئىشلار تۇرۇپ تۇرسۇن ، دىسەم يەنە شۇ گەپ  ئىككىمىز دۇبەيدە يېرىم يىل خەلقئارا سودا ئۆگىنىمز. ئاندىن تېھرانغا بېرىپ ئىران زەم زەم شىركىتىنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى نورمال سودا ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىمىز.بۇ جەرياندا يىتەرلىك ئەمىلى بىلىمگە ئىرىشكەندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرىقتە زەم زەم تاۋار ماركىسى بىلەن ساقلىق ساقلاش مەھسولاتلىرىغا كىرىشىپ كىتىمىز .جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى مۇشۇ يىل 3.3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقانداق دۆلەت بىلەن بولغان سودا سوممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.  بۇ سەن، بىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرمەيمىز. بىزنىڭ ئىشىمىز بۇ يەردە. تېخى ئاساسلىق خىزمىتىمىز ئۈرۈمچىدە بولىدۇ.
بۇ گەپلەر مىنى بىر ئاز قىزىقتۇردى . بىراق بەش يىل ئوقۇغان كەسپىمنى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا بىر يىل قالغاندا مانا ئەمىسە دەپ يىرىم يولدا تاشلىۋېتىمەنمۇ؟ ئەلى مېنى مۇشۇنداق قىلشقا ئۈندەۋاتامدۇ؟!ئوقۇشۇمنى پادىشاھ سەئىد ئۈنىۋىىستىتى تىببى فاكولتىتىدا داۋام قىلغىدەكمەن بۇ گەپلەر ماڭا غايىۋى بولۇپلا قالماي نۇرغۇن نامەلەم ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ئىدى . شۇڭا قوبۇل قىلىشىم يىراق كەلدى .ئەلى قانچلىك دانا بولمىسۇن ئۇ بىر ئەسەبى، مېنى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش غايىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قوينى بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلىۋېتىشى مۇمكىن. ئۇ غەيرى ئادەم، ئۇنى راستىنلا چۈشەنمەيمەن. بۇ خىياللار بىلەن باياتىن دېڭىز دولقۇنىدەك ئېگىز كۆتۈرۈلگەن ھاياجىنىم ئاستا-ئاستا بېسىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ تەكلىپىگە يەنىلا چىن دىلىمدىن قوشۇلالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. يەردىكى ئوت-چۆپتىن بېشىمنى كۆتۈردۈم.
- ئەلى، مەن ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرىۋالاي. سەن ئۆزەڭ بارغىن، لېكىن ئەنسىرىمە، ئىشلىرىڭغا قولۇم ھامان كۆكسۈمدە.
- مۇھىد، ئەمىسە مەن تېھراندا تۇرۇپ سەن بىلەن ئالاقىلىشىمەن. شىنجاڭدىكى ئىشلارنى ساڭا تاپشۇردۇم.
گەرچە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ئىشلارنى ساڭا تاپشۇردۇم، دىگەن سۆزىنىڭ سالمىقىنى چۈشىنىپ يەتمىگەن بولساممۇ باش لىڭشىتتىم. ئۇ ئەتىسى شىئەندىن بېيجىڭغا يولغا چقتى. دۇبەيگە ماڭغان چاغدا ماڭا تېلىفون قىلىپ خوشلاشتى.
      شۇنداق قىلپ گۇزەلنۇرسىز تۇرمىشىمدا قانداقلا بولمىسۇن« ئاھ مۇھەبىتىم پالانى …» دەپ يۇرمەيمۇ زور كۆتۇرەنگۈلىك  بىلەن ياشاپ مىڭىپ ماڭا ئاڭسىز ئۈلگە بولىۋاتقان ئەلى مەن بىلەن مۇشۇنداق خۇشلاشتى گەرچە قەلبىم ئۇنى ئاز تولا سىرىتقا تىپىپ تۇرسىمۇ ئۇ مىنىڭ يىڭى ھاياتىمغا مەدەت ئورنىدا رول ئوينىغان بولدى

mihri 2011-02-12 03:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،خەتكۇچ. تىمىغا رەسمىي قىزىقتىم

aslima909 2011-02-12 11:30
ئاخىرىچۇ؟داۋامىغا تەشنامەن!

nurkizi 2011-02-12 11:36
بۇ تېمىغا شۇنداق قىزىقىۋاتىمەن،دىليار مەن سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىزگە مۇسـتاپا كامالنىڭ مۇنازىرىسىگە پىكىر قاتناشتۇرغان ۋاقتىڭىزدىلا قىزىققان،لېكىن تازا قايىل بولمىغان ،ئازدۇر-كۆپتۈر بىرتەرەپلىمىلىك باردەكلا ھىس قىلغان،بۇ ئەسىرىڭزنى ئۇقۇپ ئاندىن سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىزنىڭ مەنبەسىنى غۇۋا ھىس قىلغاندەك بولدۇم.

ظاەذ 2011-02-12 16:14
ھەجەپبىر بۇرۇن سەپ سالماپتىكەنمەن بۇ تىمىغا، مانا بۈگۈن كىرىپلا چۈشلۈك تاماقمۇ يمەي بىر تىنىقتىلا ئوقۇۋەتتىما. ئوففف ئاخىرىغا شۈنچە ئىنتىزار بولدۇم. غەيرەت قىلىڭ. ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن.

kaysar_yurak 2011-02-12 19:11
ھىكايە دىگەن مۇنداق بولسا مانا ....  دىليار بۇرادەر ، بۇ ماقالىڭىز ئاللاھ خالىسا  ئاتالمىش < شىرىن مۇھەببەت > قاينىمىغا چۆكۈپ كىتىپ چىقالمايۋاتقانلارغا مەلھەم بولغۇسى ....

    ئاخىرىغا تەشنامىز ....  

dellyar571 2011-02-12 22:36
بەزى ئىنكاسلارغا :
(1)مەن بىر نەرسە يازسام بىرىنى قايىل قىلىشنى ياكى بىراۋلارنى بىر تونۇشقا ئەكىلىشنى  مەقسەت قىلىۋالمايمەن ،پەقەتلا  يۇرىكىمدىن كۆتۇرۈلگەن تۇيغۇلارنى تىل ھالىتىگە ئىلىپ كىرىپ ھەرىپلەر بىلەن   ئىپادىلەپ مۇنبەرگە تىزىمەن ئەمىسە مەقسەت نىمە ؟مەنچە  ھەقىيقى ئەدىبى ئەسەردە مەقسەت بولمايدۇ ،چۇنكى چىن ئەدىبىياتتا ئەكىس ئەتكەن  قەلىپنىڭ تىلى بولۇپ  قەلىپ چەكسىزلىك ئالىمىگە سوزۇلۇپ كىرىپ كەتكەن سىرلىق يارالمىش ،ھالبۇكى مۇسۇلمان بولمىش بىزلەر  بۇ يەردە پەقەت سەمىمىيەت ،پاكىزلىق ،توغرا دۇرۇسلىق مەيدانىدا تۇتاشقان قەلىپلەردە ئاللاھنىڭ مەرھەمەتىلىك بىقىشى  ئارقىسدا ئۆز -ئارا مەنپەئەت  بىرىدىغان رىشتە ھاسىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ تۇيغۇلىرىمىزدا ئورتاقلىشىمىز  .  مەزكۇر ئەسەر تورداشلار ئارا  مۇشۇنداق  ئاللاھنىڭ لۇتفى سىڭگەن رىشتىگە سەۋەپ بولالىسا دەپ كۈچەۋاتىمەن.
(2)مەن قەلبىدە مۇھەببەت بولمىغان ئىنساننىڭ ساغلام بولالايدىغانلقىغا ئەسلا ئىشىنمەيمەن ،جانابى ئاللاھنىڭ مۇشۇككە نان تاشلاپ بىردىغان زالىمغىمۇ ئەجىر يازىدىغانلىقىغا قارغاندا   ئادەم دىگەندە ئىنسان سۆيگىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئەڭ بولمىغاندا ھايۋانغا بولسىمۇ مىھرى بولمىقى لازىم.  كىشىلەر ئارسىدىكى سۆيگۇ تەڭرىنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ مۇققەدەس بايلىقلىرىنىڭ بىرى .بۇ يەردىكى مەسىلە ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى سۆيگىگە يولى بىلەن ساھىپ چىقىش چىقالماسلىقىدا. <ئويغانغاندىن كىيىن ...>دىكى قەھرىمانلار بۇ ھەقتە بىزگە پايدىلىق ئۇچۇر بىرەلەمدۇ ؟ بۇنىڭغا مەنمۇ  بىر نەرسە دەپ بولالمايمەن ئەمما شۇنداق دىيەلەيمەنكى  ئەسرىمدە سۆيگۇ روھىنى قەتئى كام قىلىپ قويمايمەن بۇگۇن ۋاقىت چىقىرالماي قىلىپ 
يازىدىغاننى يازماي  ئەدىبىيات ھەققىدە بىلجىرلاپ قويدۇم بەلكى ئوستازلار مەسخىرىدە كۈلۇپ كەتكەندۇ. ئاقساقالىقىمنى كەچۇرگەيسىلەر 
  

iffat 2011-02-13 17:45
ھەركۈنى بۇ تېمىنى ئىچىپ قارايمەن.يازغانلىرىڭىزنى ئوقۇغانسىرى سىزگە تۇلىمۇ مەستلىگىم كىلىۋاتىدۇ.داۋامىنى تىزرەك يوللىغايسىز.

dellyar571 2011-02-14 03:21
يىڭى باب يىڭى بايان

قىسمەن پىسخولوگلارنىڭ تەجرىبىلىرگە قارىغاندا%90 نورمال ئادەملەردىمۇ شۇنداق بىر خىل قىلىقلار ياكى ھەرىكەتلەر ئاڭسىز كۆرۈلىدىكەن. مەسىلەن: ئۆز- ئۆزىگە گەپ قىلىش ، ۋارقىراش، خۇدىنى بىلمەي سۆزلەپ يىغلاپ كېتىش، تۈن سەيلىسى قىلىش دىگەندەك. بۇنداق ئىشلارنى ئادەملەر ئۆزلىرىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەي قالىدىكەن. يازلىق تەتىلدە  مەن مۇشۇنداق غەلىتە ئىشتىن بىرنى قىلدىم.
    2001-يىل 8-ئاي، يازلىق تەتىل ۋاقتى .دادام شىنجاڭ پىداگوكىكا مەكتىپى قورۇسىدا ئولتۇرىدىغان تۇغقىنىمىزنىڭ «يېڭىدىن بېزىگەن ئۆيگە قايتىدىن پار قۇراشتۇرۇپ بەرسىڭىز » دىگەن گېپىگە ماقۇل دەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاشۇ تۇغقىنىمىزىنىڭ ئۆيىدىن بىزنىڭ ئۆيگە تېلىفون قىپتۇ. ئاپام تۇغقانلارنى يوقلاپ كەلمەكچى بولۇپ ئىككى سىڭلىم بىلەن چىقىپ كەتكەچكە تېلىفوننى مەن ئالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە پارنىڭ تۇتاشقان جايىنى ئۇلايدىغان سامان سۈپەت يىپ يېتىشمەي قاپتۇ.(دادام بۇ نەرسىنىڭ ئۆزى تونۇيدىغان ئالاھىدىرەك  بىر تۇرىنى ئىشلىتەتتى  ) بىرەيلەن ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن .نەفىسە ياكى رەشىدەنىڭ بىرى ئۆيدە بولغان بولسا جەزمەن شۇلار ئاپارغان بولاتتى. چۈنكى ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقۇۋاتقان مەن قولۇم-قوشنا ، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ «ۋاھ، بۇ بالا شىئەن قاتناش ئۇنۋىرسىتىتىدا ئوقۇۋېتىپتۇ-دە» دەپ چوڭ بىلىپ ماختاشلىرىنىڭ تەسىرىدە خېلى ئەتىۋارلىنىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. ھەتتا دوختۇرلۇقنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئوغۇل بالىدەك جەمئىيەت كۆرۈپ جاھان سورىغان داداممۇ ئاستا-ئاستا تەتىلدە ئۆيگە قايتقىنىمدا ھاراق ئىچىشتىن توختايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ بار-بارا مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ئادەتتىكى ئالى مەكتەپ ئەمەسلىكىنى يەنى كىلىپ ئوغلىنىڭ باشقىلارنىڭ تىلىغا چىقىپ تۇردىغان  نام ئاتىقىنىڭ سالمىقىنى  چۈشىنىۋاتسا كېرەك. گەرچە ئۇ ئېنىق تىل بىلەن مېنى ماختىمىسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىسمىمنىڭ كەينىگە ئاپامغا ئوخشاش ‹جان › نى قوشۇپ مۇھىدجان دەپ چاقىرىدىغان بولدى.
مەن بولسام دادامغا بۇرۇنقىدەك ئەركىلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئىككى سىڭلىم ماڭا ئېسىلىشقا جۈرئەت قىلالماس بولدى. بىراق ئۇلار كىتابىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كىرىپ مەندىن دەرس سوراش بىلەن، دادام ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ ياكى يېڭىدىن چىققان قورال-ئەسۋابلىرىنىڭ ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە يېزىقتىكى چۈشەندۇرۈش كىتابچىلىرىنى ئېلىپ ئالدىمغا كېلىش بىلەن مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەرھالدا ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. بۇ ئېھتىمال مېنىڭ ئائىلىمىزدە يېڭى نوپۇز تۇتقانلىقىمنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى بولسا كېرەك.
ئاپام، سىڭلىملارنىڭ كىرىپ قېلىشنى كۈتۈپ 10مىنۇتتەك ئولتۇردۇم. ئۇلار كۆرۈنمىگەنلىكتىن ئامالسىز دادام قورال-سايمان بىلەن تولدۇرىۋەتكەن يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ ئۇ دىگەن نەرسىنى تېپىپ چىقتىم. يولدا كېتىۋېتىپ نەفىسەنىڭ ئىككى كۈن ئالدىدا « مەھەللىمىزنىڭ كەينى تەرىپىگە يېڭى بېكەت قۇرۇلدى» دىگەن گېپى يادىمغا كېلىپ شۇ بېكەتتىن ئاپتوبۇسقا چىقىپ شىنجاڭ پىداگوكىكا مەكتىپىگە بارماقچى بولدۇم ۋە تېزلا ئاپتوبۇسقا چىقىۋالدىم.
«ئاپتوبۇسىمىز ئۈچتاشقا بارىدۇ. تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇڭلار، قېرى، مېيىپ، ئاجىزلار، ئىككى قات ۋە بالا كۆتۈرىۋالغان ئاياللارغا ئورۇن بېرىڭلار، رەھمەت. ».
«ئۈچتاش» دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئاغقاندەك بولدى. خاتا يۆنىلىشتىكى ئاپتوبۇسقا چىقىۋاپتىمەن! لېكىن ئاپتوبۇس ھەش-پەش دىگۈچە بېكەتتىن خېلى ئۇزاپ بولدى. كېيىنكى بېكەتتە چۈشۈپ قالماقچى بولدۇم. تېزلا كېيىنكى بىكەتكە يېتىپ كەلدۇق.
«ئاپتوبۇسىمىز ئۈچتاشقا بارىدۇ. تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇڭلار، قېرى، مېيىپ، ئاجىزلار، ئىككى قات ۋە بالا كۆتۈرىۋالغان ئاياللارغا ئورۇن بېرىڭلار، رەھمەت. »
    «ئۈچتاش» دىگەن بۇ سۆز يۈرىكىمنى يەنە بىر قېتىم مۇجىدى. بۇ قېتىم ئالدىنقىسىدىنمۇ بەك قاتتىق، لېكىن لەززەتلىك مۇجۇلدى. مېڭىپ ئاپتوبۇسنىڭ كەينىدىكى چۈشۈش ئىشىكىگە كېلىپ بولغان بولساممۇ ئالدىمغا بىر قەدەم ئالماي ئەقىلدىن ئازغان ئادەمدەك تۇتۇپ قالدىم.
- چۈشەمسەن؟-بۇرۇلۇپ قارىسام كەينىمدىكى ئوتتۇرا ياش ، چىرايلىق بۇرۇت قويغان سودىگەر چىراي بىرى ماڭا گەپ قىلغان بولۇپ تەلەپپۇزىدىن تېرىككەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
- ھوي بالا، ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن.!
ئاستا قوزغىلىپ بىر چەتكە تۇردۇم. ھېلىقى ئادەم ماڭا بىر ھومىيىپ قارىۋېتىپ چۈشۈپ كەتتى.
ئۈچتاش، مەن قانچە قېتىم بۇ ئاپتوبۇسقا چىقىپ گۈزەلنۇرنىڭ يېنىغا بارغاندىمەن! «ئۈچ تاشتا چۈشۈپ قالسىز. 101-يولنىڭ ئاخىرقى بېكىتى . مەن ئالدىڭىزغا چىقىمەن...» گۈزەلنۇرنىڭ ئۆيىنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئالاھىدە سوۋغامنى بېرىپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇققانىدىم. ئۇ كۈنى ئوقۇتقۇچىمىز سىنىپ يىغىنىدا گۈزەلنۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە سىنىپىمزغا كىچىك بىر كىتاب جازىسى قويىدىغانلىقىنى دىگەنىدى. ئۇ يەنە جازىنىڭ بىر سائەتتىن كېيىن كېلىدىغانلىقىنى سىنىپ كادىرلىرىنىڭ قېلىپ شۇ جازىنى ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەكلىكىنى تاپىلىغانىدى. گەرچە سىنىپ كادىرى بولمىساممۇ سىنىپتىكى قارا دوسكىنى ئىشلەپ  بولالمىغاچقا قېلىپ قالغانىدىم. دىگەندەكلا ئىككى ئىشلەمچى ئوقۇتقۇچى دىگەن جازىنى ئېلىپ سىنىپىمىزغا ئەكىرىپ قويدى. سىنىپ كادىرلىرى پارتا-ئورۇندۇقلارنى سۈرۈپ كىتاب جازىسىنى بىر بۇلۇڭغا ئورۇنلاشتۇردى. بىراق بۇ ئۈچ ساۋاقدىشىم جازىنى سۈرىمىز دەپ ئۇنىڭ بىر پۇتىنى سۇندۇرۇپ قويغانىدى. گۈزەلنۇرنىڭ شۇچاغدا يىغلىغۇدەك بولغان چىرايىنى ئەسلىسەم كۈلگۈم كېلىدۇ.
- ئەمدى مۇئەللىمگە نىمە دەيمەن؟ ھەممىسى سىزنىڭ تاپقان ئىشىڭىز دىسە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمەن ؟ بۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدىكى كىتاب جازىسى ئىدى...
دادامنىڭ ماڭا ئۆگەتكەنلىرى تازا ئەسقاتتى. بىر سائەتنىڭ ئىچىدىلا جازىنى ياتقۇزۇپ سۇنغان پۇتىنىڭ ئورنىغا بۇرۇنقىدىىمۇ ياخشى يېڭى پۇتنى ئورنىتىپ بولدۇم. بۇ ئارىلىقتا ئۆيگە ئىككى قېتىم بېرىپ كەلدىم. گۈزەلنۇر شۇنداق خۇش بولۇپ چىرايىدىن نۇر يېغىپ كەتتى.
ئىككى ساۋاقدىشىم ئۇھ دىيىشىپ سىنىپتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دوسكىنى ئوڭشاش ئۈچۈن قايتىدىن قولۇمغا بور ئېلىپ تۇرۇشۇمغا گۈزەلنۇر ئاچقۇچنى ئېلىپ يېنىمغا كەلدى.
- مۇھىد، قالتىس ئىش قىلدىڭىز جۇمۇ.
- ئازراق يېرى سۇنۇپتۇ. ئورنىغا يېڭىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇم. خاتىرجەم بولۇڭ ، ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ.
- ئەمدى ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈل سېلىنغان لوڭقىدىن بىرنى قويۇپ قويساق 100نومۇرلۇق ئىش قىلغان بولاتتۇق.
ئۇنىڭ گېپىگە كۈلۈمسىرىدىم. لېكىن يۈزۈمنىڭ قىزىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قىزىرىپ كەتكەنلىكىمنى سەزگەن ئىدىم.
- مۇھىد، مەريەم مۇئەللىمگە بەرگەن گۈلنى نەدىن تەرگەن ئىدىڭىز؟
- شەھەر سىرتىدىن، بەك چىرايلىق ، سىزنى ئاپىرايمۇ؟
ئۆيىگە ئوت كەتكەن ئادەم ئۆيىدىكى تەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىمەن دەپ كىرىپ كەتسە بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ ساق-سالامەت چىقالايدىكەن. يەنە بىر يەردە 76ياشلىق بىر موماينىڭ ماشىنا ۋەقەسىدە پىكاپ بېسىۋالغان نەۋرىسىنى قۇتقۇزىمەن دەپ ماشىنىنى كۆتۈرۈپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەينى چاغدا مۇشۇ گەپنى دىيىشكە جۈرئەت قىلغانلىقىم مۇشۇنداق مۆجىزىدەك بىر ئىش ئىدى.
- بولىدۇ، لېكىن ئامىنە بىلەن پەزىلەتنى ئېلىۋالىمەن. ئۇلارمۇ گۈلگە بەك ئامراق.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ پەزىلەت بىلەن ئامىنەنى ئېلىۋالىدىغانلىقىدىن خوش بولۇپ كەتمىگەن ئىدىم.بىراق ئۇ تېلىفوندا «ئۈچتاشتا چۈشۈپ قالسىز، ئالدىڭىزغا مەن چىقىمەن»دىگەن گەپنى قىلغاندا «قالغان ئىككىسىچۇ؟» دەپ سورىمىدىم. دەرۋەقە ئاپتوبۇستىن چۈشسەم ئۇ يالغۇز ئىكەن. شۇ چاغدىمۇ ئۆزەم كۆرۈشنى خالىمىغان ئىككىسىنى سورىمىغانىدىم. ئۇلارنىڭ باشقا ئىشى چىقىپ قالدىمۇ ياكى گۈزەلنۇر چاقىرىۋالمىدىمۇ بۇ ماڭا ھازىرغىچە نامەلۇم. بىراق بۇ ئىككىمىزنىڭ بىرىنچى قېتىم سىرتقا بىللە چىقىشىمىز بولۇپ قالغانىدى.
ئاپتوبۇس بىر قانچە بېكەتتىن مېڭىپ «مەڭگۈ تاش  قىرائەتخانىسى»دىن ئۆتتى. مەڭگۈ تاش قىرائەتخانىسدا مەن گۈزەلنۇرنىڭ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «قەدىرلىك» بوۋىسىنى ئۇچراتقان ئىدىم. ئېسىمدە قېلىشچە مەن مەكتەپتە چېقىۋەتكەن سائەت ئۇنىڭ تومۇرلىرى كۆپۈپ تۇرغان قولىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ  سائىتىدىن بەكرەك بوينىدىكى تارتۇققا دىققەت قىلغانىدىم. بۇ تارتۇق ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ كەينىدىن ئوقۇرەك سۆڭىكىگىچە سوزۇلغان بولۇپ كۆزگە چېلىقىپلا تۇراتتى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدىم. بوۋاينى گۈزەلنۇر باشلاپ كەپتۇ. بوۋاي قىرائەتخانا ئىشخانىسىدا ئىئانە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن كىتابلىرىنى ئۈستەلگە قويغاندا بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى بىلەن باغلىنىشلىقى بارلىقىنى سەزدىم. كېيىن گۈزەلنۇردىن ئاڭلىسام ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا تەشۋىقات كادىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىكەن. ھەتتا ماناس، كېرىيەنى  ئېلىش جەڭلىرىگىمۇ قاتنىشىپتۇ. بىر قېتىم گۈزەلنۇر بوۋىسىنىڭ ئوردىنىنى ماڭا كۆرسەتكەن. ئۇ ئوردىن مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغانكەن.
گۈزەلنۇرنىڭ مەڭگۈتاش قىرائەتخانىسىدا بوۋىسىنىڭ كىتابلىرىنى ئىئانە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشلىرىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇ بۇ يەردىكى يىتىم-يېسىرلارغا پىدائى ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىنى ماڭا يازغان بىر پارچە خېتىدە دەپ ئۆتكەنلىكى ئىسىمدە. ئۇ خېتىدە بالىلار توغرىسىدىكى ھېس –تۇيغۇلىرىنى خېلى تەپسىلى يازغانىدى. «ئەگەر ئۇلار مۇۋاپىق مېھرىبانلىق ۋە مۇناسىپ تەربىيە بىلەن ئۇچرىشالمىسا جىنايەتچىلەرنىڭ توپىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئىگە-چاقىسىز يېتىم بالىلار جىنايەتچىلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. ئۇ بۇ گەپلەرنى نەلەردىن ئۆگىنىۋالغاندۇ؟ شۇ قەدىرلىك بوۋىسىنىڭ خاتىرىسىدىن كۆچۈرىۋالغانمىدۇ.؟  ئۇ چاغدا مەن مەكتەپتە بولغاچقا، ئۇنىڭ دەرس ئۆتكەنلىكىنى بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئاپتوبۇستىن ئىگىلىپ قىرائەتخانىنىڭ دېرىزىسىگە قاراپ قويدۇم.
ئاپتوبۇس كېتىۋاتقان غالىبىيەت كوچىسىنىڭ ھەربىر دوقمۇشى ماڭا گۈزەلنۇر بىلەن بولغان بىرىنچى قېتىملىق ئىشلارنى ئەسلەتمەكتە،مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالدى بىز تۇنجى قېتىم ئۇرۇشۇپ قالغان جاي. دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدى مەن گۈزەلنۇرغا بىرىنچى قېتىم گۈل سوۋغا قىلغان يەر. «ئەپەندى تېز تاماقخانىسى» بىز بىرىنچى قېتىم بىللە تاماق يېگەن رېستوران...
ئاپتوبۇس ئاخىرقى بېكەتكە يېتىپ كەلگەندە ئادەملەر بىر-بىرلەپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئۆزەم بېرىشنى مەقسەت قىلمايلا كېلىپ قالغان بۇ ئاخىرقى مەنزىلگە ئاستا قەدەم باستىم. بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىمەن؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرگۈم كەلمىدى. مەقسىتىم بىر تەرەپتىن ناھايىتى ئېنىق، بىر تەرەپتىن ناھايىتى تۇتۇق. كاللام قۇپقۇرۇق. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا كۆز تاشلىدىم. ماۋۇ يولدىن ماڭسا ھايۋاناتلار باغچىسىغا بارىدۇ. ئۇ تەرەپ ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتى. بۇ تەرەپچۇ؟ گۈزەلنۇرنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان كوچا دوقمۇشى. پۇتلىرىم ئىختىيارسىز مېنى گۈزەلنۇرنىڭ ئۆيى تەرەپكە سۆرەپ ماڭدى.
سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ كەينىدىكى كىرىش ئېغىزىغا كېلىپ توختىدىم. باغچىنىڭ بۇ دەرۋازىسى ئادەتتە ئېچىلمايدۇ. پەقەت شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىلا ئېچىلىدۇ. بۇ ئىشىك باغچىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىن كۆپ كىچىك ھەم تار. بىراق بۇ گۈزەلنۇر ئىككىمىز ئۈچۈن رەسمى دەرۋازا بولۇپ قالغان. ئىككىمىز پەقەت ئالدى ئىشىكتىن كىرىپ باقمىغان. بۇ يەنە بىز ئۇچرىشىدىغان كونا جاي بولۇپ قالغان. چۈنكى باغچا ئىشىكىنىڭ ئالدىدا كوچا ئاپتوبۇس بېكىتى بولغاچقا، مەيلى مەن ئۇنى ساقلاي ياكى ئۇ مېنى ساقلىسۇن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايتتى. بىز ئادەتتە مۇشۇ يەردە ئۇچرىشىپ شۇ كۈنى نىمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىمىزنى مەسلىھەتلىشىۋالاتتۇق. بەزى كۈنلىرى گۈزەلنۇرنى ئۇدۇل سۇ ئۈستى باغچىسىغا ئېلىپ كىرىپ كۆلگە تاش ئېتىپ ئۇنىڭ ئالدىدا سۇ يۈزىدە تاش كۆكلىتىش ماھارىتىمنى كۆز-كۆز قىلىۋالاتتىم.
تولۇق 3-يىللىقتىكى چېغىمىزدا بارماق بىلەن سانىغۇدەك بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەن بولساق، ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن تەتىل كۈنلىرى ھەپتىدە بىر كۆرىشىدىغان بولدۇق.لىكىن ئاجايىپ يىرى  باشقا قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارغا ئوخشاش بىز مۇزىكىلىق ئارامگاھ ياكى تانسىخانا دىگەندەك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان ئىدۇق. ھەممىدىن كۆپ بارىدىغان جايىمىز مۇشۇ سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ ئىچىدىكى ھېچكىمنىڭ كۆزىگە چېلىقمايدىغان ئەسكى راۋاق ئىدى. بۇ راۋاق باغچا كۆلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر بۇلۇڭدا بولۇپ ئەسلى بۇ يەر كېمىگە چىققانلار ئارام ئالىدىغانغا سېلىنغان ئىكەن. كېيىن كېمىگە چىققۇچىلارنىڭ ئازلىقىدىنمۇ ياكى بۇ راۋاقنىڭ ئورنى بەك يىراق بولۇپ قالدىمۇ تاشلىۋېتىلىپ بىز ئىككىمىزگىلا بىنا قىلىنغاندەك بولۇپ قالدى.
- بۇ قانداق يېزىلىپتۇ؟ - دەيتتى گۈزەلنۇر ھېكايە-  شېئىرلىرىنى ماڭا ئوقۇپ بېرىپ بولۇپ.
ئۇنىڭ يازغان نەرسىسىنڭ مەزمۇنىغا قاراپ ھەرخىل باھا بېرەتتىم.گۈزەلنۇرنىڭ يازغانلىرىدا ھامان تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر مەزمۇن تاپقىلى بولىدىغانلىقىدىن خۇشامەت قىلىپ ئەمەس سەمىمىي كۆڭلۈم بىلەن ئۇنى ماختاپ قوياتتىم. ئۇ باھالىرىمدىن بەكمۇ خوش بولاتتى ۋە «مۇھىد، سىز مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئوبزورچۇم» دىگەن گەپنى دىيىشنى ئۇنتۇمايتتى.
- ھامان بىر كۈنى سىزگە مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەڭ نادىر رومانىمنى ئوقۇپ بېرىمەن. ئۇ رومان 700بەتتىن ئاشىدۇ. ئىككى  كۈندە ئوقۇپ تۈگىتىمەن،-دىگەنىدى ئۇ بىر قېتىم.
- نېمانچە ئۇزۇن ، تاماقنى قانداق قىلىمەن؟ -دىسەم ئۇ كۈلۈپ كەتكەنىدى.
    - مۇھىد سىزنىڭ ماڭا ئوخشىمايدىغان يېرىڭىز مۇشۇ بولسا كېرەك. مەن بىرەر ئشقا بېرىلىپ كەتسەم تاماقنى ئۇنتۇپ قالىمەن. سىز بولسىڭىز سائەت12:00 بولىشى بىلەن دەل ۋاقتىدا سىگنال بېرىدىغان ماشىنىدەك ئاش-تاماق دەپ جېدەل قىلىشنى باشلايسىز.
- ئۇ قانداق رومان، شۇنچە ئۇزۇن؟
    - بوۋامنىڭ ھېكايىلىرى، بوۋامنىڭ كەينىدە نۇرغۇن ھېكايىلەر بار. ئاددىسى ئۇنىڭ قولىدىكى سائەتمۇ بىر ھېكايە. بوۋامنىڭ قولىدىكىسى شېۋىتسارىيىنىڭ ئومىگا ماركىلىق سائىتى. بوۋام ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسدا خىزمەت قىلىپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە گومىنداڭ ھاكىمىيتگە قارشى بىر مەخپىي تەشكىلاتقا قاتنىشىپتىكەن . تەشكىلاتنىڭ ئىسمى «قىزىل ئالما» ئىكەن. بوۋامنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۆزىمۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنى كۆرۈپ باقماپتۇ، ھازىرغىچە بىلمەيدىكەن. ئۇلار ئۈرۈمچى ، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلەردە نۇقتىلىق ھەرىكەت قىلىپ خەلىقنى ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە چاقىرغان . ئۇ سائەت شۇ ئالىي رەھبەرنىڭ نىشانىسى ئىمىش.
- نىشانىسى دىگەن نېمە؟
- شۇنىمۇ بىلمەمسىز. ئالىي رەھبەر مۇھىم خىزمەت تاپشۇرغان ئادىمىگە ئۆزىنىڭ نىشانىسىنى ئەۋەتىدۇ. بۇ نەرسە بىلەن بۇيرۇقنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.
- بوۋىڭىز مۇھىم ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغانىكەندە؟
- بوۋام شۇنداق ۋەزىپە تاپشۇرىۋاپتىكەن، لېكىن ئورۇنلىيالماي قاپتۇ. بىراق ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا باتۇرلۇق كۆرسىتىپتۇ. نۇرغۇن جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرستىپ بارلىق كۈچىنى چىقىرىپتىكەن.
- بوۋىڭىزنىڭ قەھرىمانلىقى بىلەن ئۇ ئەينى چاغدا ئورۇنلىيالماي قالغان ۋەزىپىسى ئوتتۇرىسىدا نىمە مۇناسىۋەت بار؟
- ھېكايە دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بوۋام ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالماي قالغانلىقىدىن ئۆكىنىپ دائىم ‹مەن بۇيرۇقنى لايىقىدا ئىجرا قىلالىغان بولسام ئابلىمىت، ئابدۇللا، غەيرەت،پەرھات قاتارلىق سەپداشلىرىم ئامان قالغان بولاتتى› دەيتتى.
- ھە، چۈشەندىم. بوۋىڭىز باشىقىلارنىڭ قۇربان بولۇپ كېتىشىگە مەن سەۋەبچى دەپ ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلىۋالىدىكەن –دە. شۇڭا گۇناھىمنى يۇيىمەن دەپ قەھرىمان بولغان گەپ.
گېپىمنى ئاڭلاپ گۈزەلنۇر يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بولۇپ رومان يازىمەن دىگەن گەپنى قىلغاندىكى قىزغىنلىقى ئۆچۈپ كەتكەنىدى.
- بۇنى بىلىۋاپسىزغۇ؟ باشقىلارمۇ پەرەز قىلىۋالسا بۇ ئەسىرىمنى كىم ئوقۇيدۇ؟
- ماڭا ئۆزىڭىز ئېيتىپ بەردىڭىزغۇ؟
- ھە،- دىدى ئۇ ئۈمىدلەنگەندەك ،- مېنىڭ يېزىپ چىقالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەمسىز؟ راستىنلا رومان يازالامدىم؟
ئۇنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئەلۋەتتە ئىشىنەتتىم. ئۇ مەندەك بىر ناچار ئوقۇغۇچىنى جۇڭگودىكى  بەش چوڭ ئالى مەكتەپنىڭ بىرىگە ئۆتەلەيدىغان قىلغان تۇرسا، رومان يېزىش ئەلۋەتتە مۇمكىن،
- سىز يازالايسىز. ئېسىڭىزدىمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىلا مۇئەللىم سىز يازغان نەسىرلەرنى بىزگە ئوقۇپ بېرەتتى. ھەممىمىز چاۋاك چالاتتۇق. لېكىن،- بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالغان گۈزەلنۇر ماڭا سوئال نەزىرى  بىلەن قارىدى.-  تارىخى، سىياسىي روماننى ئوقۇيدىغانلار ئاز. ئۇنىڭ ئۈستىگە يازماقمۇ تەس، - دىدىم  ئۆزەمنىڭ بۇنداق رومانلارغا قىزىقمايدىغانلىقىمنى ئويلاپ،-  مۇھەببەت رومانى يازسىڭىز نۇرغۇن ياشلار ئوقۇيدۇ.
- مۇھەببەت تېمىسىدىكى رومان، -گۈزەلنۇر ئاۋازىنى كۆتۈردى، - مۇشۇ كۈندە ھەممە يەردە مۇشۇنداق رومان. ئۆزىنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى يىغىپ ياساپ رومانلارنىڭ بازىرىنى بۇلغايدىغانلار ھازىر تولا. ئىككى – ئۈچ يىلدىن بۇيانقى رومانلىرىمىز ئالدىنقى ئون نەچچە يىلدىكىدىن كۆپ . شۇلار ئاساسىي جەھەتتىن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلدى.ھىكايە پوۋىسلارمۇ شۇ … ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق مۇھەببەت رومانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق تەسۋىرلىرى ياشلارنىڭ كاللىسىدىكى ساقسىز، بۇزۇق خىياللارغا يوشۇرۇن ئىلھام بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
- مۇھەببەت تىمىسدا نېمە گۇناھ ؟! يوق قۇسۇر چىقىردىكەنسىز ،لايىقىدا يازسىسلا بولىدىغۇ ؟  بەلكىم نامۇۋاپىق تەسۋىرلىرى كىتابنىڭ بازىرى چىقسا كېرەك. يازغۇچى پۇل تاپمىسا سىيانى نەدىن ئالىدۇ؟ ھېچكىم ئۇلارغا بىكارغا قەغەز بەرمەيدۇ-دە.
- كىشىلەرنى چاكىنا نەرسىلەرنىڭ جەلپ قىلالايدىغانلىقى راست. لېكىن ئادەمدە ۋىجدان دەيدىغان نەرسىمۇ بار. ئەخلاق – پەزىلەت، ئىنسانچىلىق دىگەنلەرمۇ ئادەملەرنى ئوخشاشلا ئۆزىگە قارىتالايدۇ. تېخى بۇلار چاكىنا نەرسىلەردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. يازغۇچى مۇشۇ تېمىلارنى ئوقۇرمەنلەرگە كۆرسەتسە ، ھەرتەرەپلىمە نامايان قىلسا ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيدۇ ، بۇنداق كىتابلارمۇ ئوخشاشلا بازار تاپالايدۇ. مۇھىد، مەن بۇرۇن خاتا ئويلاپتىمەن، يازغۇچىلىقنى بىر خىل يېزىقچىلىق ماھارىتى دەپ تونۇپ قاپتىمەن . ئەمەلىيەتتە يېزىقچىلىق يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ئالاھىدە كەسپ ئىكەن. مەن لۇشۈننىڭ « بەزىلەر مېنى يازغۇچى دەپتۇمىش » دىگەن گېپىنى دائىم ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. بىز لۇشۈننى يازغۇچى دىسەك بەكمۇ خاتالىشىدىكەنمىز، ئۇ ئالدى بىلەن ۋىجدانى بىلەن ياشايدىغان ھەقىقى ئەركەك ئىكەن. يازغۇچى بولۇشتىن ئاۋۋال ئادەم ئەڭ ئالدى بىلەن ئادەم بولالىشى كېرەك ئىكەن. ئادەم بولالمىغان لېكىن يېزىقچىلىق قابىلىيىتى يۇقىرى  كىشى قولىغا قەلەم ئالسا ياخشى ئەسەر يازالمايلا قالماي چاكىنا ئەسەر يازىدىكەن. ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى چاكىنىلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. بوۋام بەزى ئەسەرلەرنى ئىككى ۋاراق ۋاراقلاپ بېقىپلا ئاپتورلارنى «بۇزۇق يازغۇچىلار »دەپ تىللاپ كېتەتتى. مەن «يازغۇچى دىگەن ئېسىل ئادەملەر تۇرسا ئۇلار قانداق بۇزۇق بولىدۇ» دەپ ئويلايتتىم. ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداق يازغۇچىلار مەۋجۇت ئىكەن. مەن ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق چاكىنا نەرسە يېزىپ قويۇشىمدىن بەك ئەنسىرەيمەن. ئەگەر شۇنداق ياخشى نەرسە يازدىم دەپ يېزىپ ئەمەلىيەتتە يازغان نەرسىڭىز چاكىنا چىقىپ قالسا ھەم خەلق ئىچىگە كەڭ تاراپ كەتسە مەڭگۈلۈك ۋىجدان ئازابىغا قالىدىكەنسىز.
گۈزەلنۇر بىلەن بۇنداق چوڭقۇر تېمىلاردا گەپ تالىشىپ ئۇتۇۋېلىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئۇنۇۋېلىشقىمۇ تىرىشمايمەن.
كېيىن گۈزەلنۇر بوۋىسى ئۆزىگە قالدۇرغان ھېلىقى سائەتنى ماڭا بەردى. دەسلەپتە بۇ سائەت ماڭا ئىككى –ئۈچ ئادەمنىڭ جىنى باردەك ۋەھىمىلىك بىلىنگەنىدى. بارا-بارا كۆنۈپمۇ كەتكەنىدىم. ئاخىرىدا بۇ بىچارە سائەتنى مەكتەپ كەينىدە تاش بىلەن ئۇرۇپ چېقىپ تاشلىدىم. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىشنى قىلىپ گۈزەلنۇردىن قۇتۇلغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ ئۆزەمنى يەڭگىل سەزگەنىدىم.  
دەرۋازا قېشىدا بۇ جايغا كەلمىگىنىمگە 10 نەچچە يىل بولغاندەك ئۆزەم بىلىدىغان بۇرۇنقى بەلگىلەرنى ئىزدەپ ئىككى تەرەپكە كۆز تىكتىم. كۆزۈم دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا چۈشتى. گۈزەلنۇر ئۇنىڭغا بېسىلغان مۈشۈك ئېيىقنىڭ رەسىمىنى پەقەت ياراتمايتتى. «بوۋام دائىم مۇشۇمۇ رەسىم بولدىمۇ؟ سىزغاندىن كېيىن ياخشىراق سىزسا بولمامدۇ دەيدۇ» دىگەن گەپنى كۆپ قىلاتتى. ئۇنىڭغا مۇشۇنداق مۈشۈك ئېيىقنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بەرگەنىدىم، ئۇ رەسىمنى بوۋىسىغا كۆرسىتىپتۇ. بوۋىسىنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشى بىلەن ئۇ رەسىمنى كۆتۈرۈپ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇنى ئۇلارنىڭ لاھىيىلەش ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ئۇلار ھەشقاللا ئېيتىشىپ بۇ خىل ئەخلەت ساندۇقلىرىدىن 10000نى زاكاس قىلىپ ئىشلىتىپتۇ. شۇچاغدا ئۇنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتقان ئىدىم. ئادەم بولۇشنىڭ يولى يامان ئىشلارغا قاقشاپ قويۇشلا ئەمەس بەلكى كۈچى يەتسە تۈزەش كېرەكلىكىنى بىلگەنىدىم.
دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىرقانچە قەدەم مېڭىپ قويۇق لېكىن پاكار ئۆسكەن قارىياغاچ دەرەخلىرى توسۇۋالغان، ئادەم قىسىلىپ كىرگىلى بولىدىغان قىلىپ ئىگىۋىتىلگەن جايغا باردىم. ئەلۋەتتە ئۇ يەر ھازىرمۇ شۇنداقكەن. بۇ جاينى گۈزەلنۇرمۇ بىلمەيتتى. بەش يۈەننى تېجەش ئۈچۈن بەزىدە مۇشۇ جايدىن باغچىغا كىرىۋېلىپ ئۆيىدىن يېڭىلا چىققان گۈزەلنۇرغا تۆمۈر رېشاتكا ئىچىدىن ھىجىيىپ قاراپ تۇراتتىم.
ئۇيەردىن يېنىپ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئادەملەر ھەتتا ماشىنىلارغىمۇ قارىغۇم كەلمىدى. كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرى يولدا كېتىۋاتقان ئادەملەر بىلەن قوشۇپ مېنى تىللاپ ھاقارەتلىمەكتە. مەن كىم؟ مەن بىرىنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ تاياق يىگۈچى، يەنە شۇ مېنى ئادەم چاقىرىپ ئۇرغۇزۇپ ياتقۇزىۋەتكەن قىزنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئاجىز تېنىنى كۆتۈرۈپ پەرۋانىدەك چۆرگىلەپ ئۆزىنى دەپسەندە قىلغۇچى. بۇ قانداق پىسخىكا؟ بۇنى ئۆزۈممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. بۇ نورمال ئادەملەرنىڭ ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان بىنورمال ھەرىكەتمۇ؟
قايتىشنى قارار قىلدىم، قايتىشىم كېرەك. كۆز ئالدىمغا دادامنىڭ سائىتىگە قاراپ تىتىلداۋاتقان ھالىتى كەلدى. ئۆرۈلۈپ يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ شۇ يەردىن ئاپتوبۇسقا چىقىشنى نىيەت قىلىپ ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم.
كۆزۈم ئالدىمدىكى- سودا دۇكىنىدىن چىقتىمۇ، ئاشخانىدىن چىقتىمۇ- پەيدا بولۇپ كېتىۋاتقان مەن دېمەتلىك بىر بالىنىڭ بىلىكىگە چېكىلگەن قارا ئۆمۈچۈككە قاراپ قېتىپ قالدى. بۇ بەلگىنى مەن بىر يەردە كۆرگەن. توغرا، گۈزەلنۇرنىڭ ياتىقى ئالدىدا،يەنى ئۇلار مېنى ماشىنىغا باسقان چاغدا. ئەينى ۋاقىتتا بۇرنۇمدىن چىققان قان مۇشۇ بېغىشنى قىزىلغا بويىغانىدى.
كەينىدىنلا بىر گەۋدە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ پاراڭلىشىپ-كۈلۈشۈپ ماڭدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ۋۇجۇدۇمدىن ئاچچىق بىر نەرسە ئۆرلىدى. ئۇ گۈزەلنۇر ئەمەسمۇ؟ قانداقلا كىيىم كەيسۇن مەن ئېنىق تونۇۋالىدىغان تونۇش بوي-بەست، تونۇش چاچ. بۇ … بۇ نىمە ئىش؟ ئۇ پادىچى ئىشتىنى كىيىۋالغان مۇشۇ ئەبلەخ بىلەن توي قىلامدۇ؟ كاللام سوئاللار بىلەن توشۇپ كەتتى.
«مۇھىد، مەن ئەسكى ، مەن راستىنلا ئەسكى قىز، ماڭا ئۆچ بولۇڭ!»قۇلىقمدا ئۇنىڭ گېپى قايتا جاراڭلىدى. لېكىن بۇ سۆزلەر ئەسلىمەمدىكى پەرىشتە سۈپەت گۈزەلنۇرنى قارىلاشقا ئاجىز كېلىۋاتاتتى. گاڭگىرىماقتىمەن، نىمە قىلشىمنى بىلمەي قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك تىك تۇرۇپتىمەن. بۇ قاراڭغۇ چۈشە-چۈشمەيلا ھېچ نەرسىگە قارىماي ئۆيىگە كىرىپ كېتىدىغان ئەخلاقلىق گۈزەلنۇرغۇ! باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا، ئالى مەكتەپلەرگىچە ئىزچىل ئۈچتە ياخشى بولۇپ ئوقۇپ مۇكاپات ئېلىپ كېلىۋاتقان نۇقسانسىز گۈزەلنۇرغۇ؟! بۇ ئاغزىدىن ئەخلاق- پەزىلەت، خەلىقچىللىق چۈشمەيدىغان ھەممە ھۆرمەتلەيدىغان گۈزەلنۇر ئەمەسمۇ؟
گۈزەلنۇر ھېلىقى بالا بىلەن كۈلۈشۈپ مېڭىپ مەندىن يىراقلاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكۈچە كەينىدىن قاراپ قالدىم. ئەگەر ئۇلار ئالدىمدىكى كوچىغا بۇرۇلماي مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان بولسا قانداق بولار ئىدى؟ ئۇنىڭ ھېلىقى ئەبلەخ بىلەن بىللە تۇرۇپ ماڭا قاراۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ سەسكىنىپ كەتتىم.
«مۇھىد مەن ئەسكى قىز ، مەن راستىنلا ئەسكى ماڭا ئۆچ بولۇپ كېتىڭ» بۇ ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى.«مەن ساڭا ئۆچ،،ساڭا ئۆچ! سەن شاللاق قىز» دىدىم چىشلىرىمنى غۇچۇرلىتىپ. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئاخىرى تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشكەنىدى. كىلىنكىدا نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئاغرىق سېزىمى چېكىگە يەتكەندە ئادەم سېزىمنى يوقىتىدۇ دېيىلىدۇ. گۈزەلنۇرنى ئۇ خۇمپەر بىلەن بىللە كۆرگەندە ئازابلىرىم چېكىگە يەتكەن بولسا كېرەك، ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا كۆزدىن يۈتكەندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ تۇيغۇسىنى يوقاتقاندەك ، كۆكرەك قەپىزىمدىن بىر نەرسە ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەندەك جىمجىت ھەم يەڭگىل بولۇپ قالدىم.
پىداگوكىگا ئۇنۋېرسىتىتىدىكى تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە كەچ كىرىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ دادام ماڭا خاپىلاپ كەتمىدى. «ئەجەپ كېچىكپ كەتتىڭغۇ؟ ئاپتوبۇس توسۇلۇپ قالدىمۇ؟» دەپلا قويدى. تۇغقىنىمىزمۇ مېنى ئاقلاپ «ھازىر خىزمەتتىن چۈشىدىغان ۋاقىت ، يول قىستاڭچىلىق بولۇپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ» دىدى.
مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ پېنسىيگە چىقىۋالغان سۇلايمان تاغامنىىڭ چىڭ تۇتىشى بىلەن دادام ئىككىمىز ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولدۇق. سۇلايمان تاغام بىلەن دادام نەۋرە قېرىنداش بولۇپ ئېسىمدە قېلىشچە ئائىلىمىز بىلەن بۇ تاغام بۇرۇن كۆپ ئالاقە قىلمايتتى. ئۇنىڭ مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك پەرىدە، مەندىن تۆت ياش كىچىك ئالمىرە دەپ ئىككى قىزى بار.  مەن ئالى مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققاندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئائىلىگە بېرىپ-كېلىشى كۆپىيىپ قالدى. ھەر قېتىم كەلگىنىدە دېگۈدەك كىچىك قىزى ئالمىرەنى ئېلىۋالاتتى. ئۇنىڭ يەنە بىر قىزى پەرىدەنى تۈزۈك كۆرۈپ باقمىغانىدىم.
تاغامنىڭ ئۆيى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، لېكىن بالكونى پۈتۈن ئۈرۈمچى بويىچە ھەممىدىن قىزىقارلىق بولسا كېرەك. يەنى ئۇنىڭ بالكونىدا 600*900 تىپلىقHP تېلىسكوپىدىن ئىككىسى بولۇپ بۇلار مۇشۇ قورۇدىكى ئەينەك بىلەن ئورالمىغان بىردىنبىر بالكوندا ئاسمانغا قارىتىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆيگە ئاپام-داداملار بىلەن ئۈچ- تۆت قېتىم كەلگەن بولساممۇ بۇ تېلىسكوپلارغا قىزىقىپ ئاسمانغا قاراپ باقمىغانىدىم.
دادام بىلەن تاغام چاي ئىچىشكەچ تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرغاندا مېنىڭ گەپ قىلماي ئولتۇرغىنىمدىن تاغامنىڭ ئىچى پۇشتىمۇ، ماڭا قاراپ :
- مۇھىد بۇگۈن ھاۋا ئوچۇق،تېلىسكوپنى ئېچىپ قويدۇم. يۇپېتىرنى كۆرگىلى بولىدۇ. قاراپ باقمامسەن؟ - دەپ قالدى.
يۇپېتىرغا بەك قىزىقىپ كەتمىسەممۇ جىمجىت جايغا يۆتكىلىشنى خوپ كۆرۈپ بالكونغا چىقتىم. ئاسمان تاغام ئېيتقاندەك بەك سۈزۈك ئىكەن. ئۈرۈمچىدە بۇنداق ھاۋا ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن ئاي تولۇق چىقىپتۇ. ئاي بورۇقىدا نۇرغۇن يولتۇزلار كۆمۈلۈپ بىر قانچە يورۇق يۇلتۇزلارلا جىمىرلاپ تۇراتتى. گۈزەلنۇرنىڭ بۈگۈنكى يىرگىنىشلىك ھالىنىڭ خىيالىمغا كىرىشىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ تېلىسكوپتىن تاغام ئېيتقان يۇلتۇزنى ئىزلەشكە باشلىدىم.
- مۇھىد ئاكا،- كەينىمدىلا ئالمىرەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.- بۈگۈن يۇپېتىرنىڭ نۇر ھالقىسىنى كۆرەلەيسىز، سىزگە شۇنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟
ئۇنىڭ يۇپېتىرنىڭ نۇر ھالقىسىنى بىلىدىغانلىقىدىن مەن بىر زامانلاردا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ساتۇرىننىڭ ئۈچ ھەمرىيىنى بىلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم.
- ماڭا ساتۇرىننىڭ ئۈچ ھەمرىيىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ.  
- ياق، ئۇنى بۇ پەسىلدە كۆرەلمەيسىز،- دىدى ئالمىرە.
بۇ قىزنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ كەتتىم. نېمىلا دىگەن بىلەن ئالى مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بالىسى –دە. ئالمىرە تېلىسكوپ بىلەن بىردەم ھەپىلىشىپ ئۇ يۇلتۇزنى تاپالمىغاندىن كېيىن ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى.
يالغۇز قېلىپ دەرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قويۇلغان گالىلى تېلىسكوپىنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنى ئاي يۈزىگە قاراتتىم. ئايدىكى ھالقىىسىمان تاغلارنى كۆرىۋېتىپ ئەلىنىڭ گەپلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
- مۇھىد، ئەگەر غەززالى گالىلىغا ئوخشاش تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن زوقلىنالىغان بولسا بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كۈنى قانداق بولاتتىكىن –ھە! گالىلى ئۆزى ياسىغان تېلىسكوپى بىلەن ئايدىكى ھالقىسىمان تاغلارنى كۆرۈپ شۇ چاغدىكى زامانداشلىرىغا ئاينى كۆزىتىپ بېقىشنى تەۋسىيەقىلغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاينى مۇكەممەل مەۋجۇتلۇق، ئۇنىڭدا ئىگىز-پەسلىككە ئوخشاش نۇقسان يوق دەپ قارايدىغان پەيلاسوپلار، كاتتا شائىرلار ئۇنىڭ تېلىسكوپىغا قاراشنى رەت قىلغان ئىدى. لېكىن ئەل فارابى،ئىبىن سىنادىن كېيىن گالىلىغا ئوخشاش تەبىئەت  دۇنياسىغا ۋە ئۇنىڭدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەرگە مەردانە، دۇرۇس پوزىتسىيە تۇتالىغان ئىسلام ئالىمى چىقمىدى. مانا ئەمدى «قايسى بىر ئاي شارىغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى ئايدا ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ ۋە كىيىن مۇسۇلمان بوپتۇ » دىگەن گەپلەر بىلەن ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى دەلىللەيدىغان «مۆئمىنلەر» چىقىۋاتىدۇ. بۇلار ئاي شارىدا ھاۋانىڭ يوقلىقىدىن، ئاۋازنىڭ ھاۋادىكى دولقۇن ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر يۈرىشىدۇ!..
    ئەلىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئەسلەپ ئۆزەمنى بەكمۇ بىچارە ھېس قىلدىم. ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئەلىگە ئوخشاش روشەن مەيدانى ، ئېتىقادى بار، شۇ مەيدان ئېتىقادى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئادەملەرگە چىن قەلبىمدىن ھەۋىسىم كەلدى . لېكىن يەنە شۈكرى ئېيتىمەن. خۇدانىڭ مېنى قانداقلا ۋاستە بىلەن بولمىسۇن ئاخىر ھازىرقى شارائىتقا ئېرىشتۇرگەنلىكىدىن خۇرسەنمەن. ئوقۇش پۈتتۈرسەم خىزمىتىم بار، خىزمەتكە چىقىپ جايىدا پۇل يىغالىساملا ئىككى –ئۈچ يىلغا قالماي بىر ئۆينى سېتىۋالالايمەن. خۇداغا شۈكۈر...
ئالاھەزەل بەش مىنۇت ئۆتۈپ ئالمىرە ھەدىسى پەرىدەنى بالكونغا باشلاپ چىقىپ باياتىن ئۆزى تاپالمىغان يۇلتۇزنى تېپىپ بەر دەپ جېدەل قىلغىلى تۇردى. ئىككىسى بالكونغا چىققاندىن كېيىن پەرىدە ماڭا ئەدەپ بىلەن سالام بەردى. مەنمۇ جاۋاپ سالام قايتۇرغاندىن كېيىن ئۇ تېلىسكوپنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ مەن بىلمەيدىغان قۇلاقلىرىنى تولغاپ ھەرخىل ئايلاندۇرۇپ « مانا كۆرۈندى» دىدى.
ئېگىلىپ تاغام بايا ئالاھىدە تىلغا ئالغان يۇلتۇز يولىنى كۆردۈم. تېلىسكوپغا قاراۋاتقىنىمدا پەرىدە خۇددى چۈشەندۈرگۈچىدەك يېنىك ئاۋازدا سۆزلىدى :
- بۇنى يۇلتۇرزلار توپى دېيىشىدۇ. ئۇ شەمسىيە يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنى شىمالى قۇتۇپ كەڭلىكى 37 گىرادۇس بۇلۇڭدا پەيدا بولۇپ 23 – چېسىلا غايىپ بولىدۇ. سىنچىلاپ قارسىڭىز ئۇنىڭدا ھەممە خىل رەڭلەرنى كۆرەلەيسىز. ئەڭ سىرتىدىكىسى سېرىق، ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كۆك، سىنچىلاپ قاراڭ، باشقا رەڭلەرنىمۇ تاپالايسىز.
بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم خېلى ئېچىلىپ قالدى. تېلىسكوپتىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ پەرىدەگە بۇرۇلۇپ قاراپ ئۇنىڭ ياغلىق چىگىۋالغان  قىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قىزى قانداقچە بۇنداق يۈرىيدىغان بولۇپ قالغاندۇ دەپ سەل ھەيران قالغان بولساممۇ لېكىن يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن ئۇنىڭ چۈشەندۈرگىنىگە رەھمەت ئېيتتىم.ۋە ئۇنىڭ ئاسمان جىسىملىرىغا ئائىت رەڭلىك رەسىملىك كىتابى بار-يوقلىقىنى سورىدىم. ئۇ مەن دىگەن كىتابنى تېپىپ بېرىدىغان بولدى.
...يوغان-يوغان لۇغەتلەرنى ئالدىمغا قويۇپ ئۆگىنىش قىلىۋاتىمەن.بۇ  317-نومۇرلۇق سىنىپ 117-217- سىنىپلار بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنۋېرسىتىتىمىزدىكى داڭلىق سىنىپلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ سىنىپلاردا 24 سائەت ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدۇ.. 24 سائەت ئىچىدە ئادەتتە بەشتىن جىق بالا ئۆگىنىش قىلىدىغان سىنىپتا يالغۇز ئولتۇرىمەن. بىردىنلا سىنىپنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن ئوت تۇتاشقىلى تۇردى. ئوت بارغانسېرى ئۇلغۇيۇپ دېمىم سىقىلىپ كەتتى. مۇشۇ جىددى پەيتتە چىقىش ئېغىزى ئىزدەپ ئۇيان –بۇيانغا مېڭىۋېتىپ بىر چىقىش ئېغىزىدا سۇلايمان تاغامنىڭ قىزى پەرىدەنىڭ «مۇھىد، بۇياققا مېڭىڭ، بۇياققا» دەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شۇ تەرەپكە يۈگۈرىۋاتىمەن...بىرچاغدا ئوتتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ خوشاللىقىمدىن پەرىدەنى قۇچاقلاپ ساپتىمەن...
ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاغاملارنىڭ ئۆيىدە كۆرگەن بۇ چۈشۈمدىن ھەم كۈلگۈم كەلدى ھەم بىر خىل خىجىللىق ھېس قىلدىم. دىمەك مەن باشقا قىزلار بىلەن قۇچاقلىشالايدىكەنمەن. ئەتىگەنلىك چايدا بۇ قىزغا قاراشتىن ئۇيالدىم. سۇلايمان تاغام مېنىڭ قىزلىرىغا ئىنگىلىزچە دەرس بېرىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن دادامغا قارىۋېدىم. دادام: « مۇھىد، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. خىزمەت تەقسىماتىنى كۈتكۈچە بىر نەچچە ئاي دەرس بېرىپ قويسا بولىدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈردى. بۇ پىلانغا قارشى چىقمىدىم. بۇ بەلكىم مېنىڭ گۈزەلنۇرنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئەڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتىشمنىڭ بىر يولىدۇر.
تاغاملارنىڭ ئۆيىدىن ئۆيىمىزگە قايتىپ كەچتە ئۇخلىغۇچە بولغان ئارىلىقتا تۈنۈگۈن مېنى داڭ قالدۇرغان گۈزەلنۇرنى ئەمەس، ئەلىنى خىيال قىلپ ياتتىم. ئۇ نېمشقا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا بىر ئاي قالغاندا چىدىماي مەكتەپنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا؟ ئەجىبا بۇ ئەخمىقانىلىق ئەمەسمۇ؟ ھېلىمۇ ئېسىمدە ئۇ دۇبەيگە ماڭىدىغاننىڭ ئالدىنىقى كۈنى كەچتە ئۇنڭغا مۇشۇ توغرىدا نەسىھەت قىلغان ئىدىم. ئۇ شۇ چاغدا « مۇھىد، سەن زادى نېمە مەقسەتتە ياشايسەن؟ » دەپ سوراپ مېنى گاڭگىراتقان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ گېپىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىش توغرا كەلسە سەمىمى گەپنى قىلسام قارىغاندا مەن گۈزەلنۇر ئۈچۈن ياشاپ كەپتىمەن. ئەلىچۇ؟ ئۇ ئەينى چاغدا ماڭا « توغرا ياشاش ئۈچۈن ياشايمەن» دىگەنىدى. «توغرا ياشاش» مۇشۇ غايە ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ياخشى خىزمەت شارائىتىدىن ۋاز كەچتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆزىنى بەختلىك قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ھاياتىنى باشقىلارغا بېغىشلىيالىدى، مەنچۇ؟ بىر قىزنى دەپ ئۆلۈپ بەرگىلى ئازلا قالدىم. مانا بۇ بەش ئەزاسى بېجىرىم، ئەقلى –ھوشى جايىدا مۇھىد ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ ھاياتى. بەختلىك ئائىلە،خاتىرجەم تۇرمۇش، چوشقا قوتىنىدىكى سېمىز چوشقىلارنىڭ ياخشى يېيىش ئىچشتىن باشقا يەنە نېمە تۇرمۇش غايىسى بولسۇن؟مىنىڭ ھايۋاندىن قانچلىك پەرقىم بار ؟
ئۇيان-بۇيانغا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماي بىئارام بولۇشقا باشلىدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالكونغا چىقتىم. ئەلى بىلەن بولغان شۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئۇنى ئۇتۇۋېلىش ئۈچۈن « ئاتا-ئاناڭنى ئويلىمامسەن؟»دىگەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەك. گېپىمنى ئاڭلاپ ئەلىنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتكەنىدى ۋە «ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام مەن يەپ- ئىچىشتىن بېشىنى كۆتۈرمەيدىغان ئادەم بولۇپ قالمامدىم»دىگەنىدى. ئەسلى بېشىنى چۆكۈرىدىغان ئادەم مەن ئىكەنمەن. گۈزەلنۇرنىڭ چىرايىغا ئاشىق بولغان ئاشۇ ۋاقىتلاردا ئاپامغا، دادامغا، ئىككى سىڭلىمغا قاراپ ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن ھېچ قانداق مەنە چىقىرالمىغان ئىدىم. شۇ چاغدا تەپەككۇرۇمنى ئادەم مېڭىسىنىڭ كەينى قىسمى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان جىنسى ھەۋەس ھورمۇنى قاپلاپ كېتىپتۇ. نەتىجىدە كۆزۈمگە كۈرۈنگىنى، كۆزۈم كۆرۈشنى خالايدىغىنى گۈزەلنۇرنىڭ چىرايى بولغان ئىكەن.
مەكتەپتە ئوقۇغان شۇنچە يىل ئىچىدە ئۆزەمنىڭ ئۆيىگە قانچە پارچە خەت يازدىم؟ گۈزەلنۇرغىچۇ؟ گەرچە بۇ ئىككى خىل تۇيغۇنى سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ گۈزەلنۇر مېنىڭ ئوي-خىيالىمنى ئىگىلەپ كەتكەن. بىراق مېنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن گۈزەلنۇرنىڭ گۈزەل رۇخسارى مىنىڭ ئۇنڭغا بولغا سۆيگۇ ئشقىمغۇ؟ مۇشۇ گۈزەلنۇرنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئەمەسمىدىم؟ تالاي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئاز بولمىغان ئۇتۇقلارغا ئېرىشمىگەنمىدىم؟  بۇ سوئالغا يەنىلا سەمىيمى  جاۋاپ بېرىشىم كېرەك.

ظاەذ 2011-02-14 11:14
ئويغانغاندىن كىيىن...... ئەسلى ئارلىققا ئىنكاس قىستۇرماي دىگەن ئىدىم. لىكىن قىستۇرماي تۇرالمدىم. بەك ياخشى يىزىپسىز، يەنىمۇ تىرشىڭ دىگۈم يوق. لىكىن شۇنى دىگۈم بار<<ئويغانغاندىن كىيىن.....>> قايىل بولدۇم. ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. ئاخىرىنى تىز ئارىدا كۆرگۈم بار. جاپا چەكتىڭىز.

ahu 2011-02-14 19:18
سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن يوپۇرماق ۋە تۇپراق قاتلىمىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان باراقسان دەرەخ؟!سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىز دەل شۇ باراقسان دەرەخ!

erkin2010 2011-02-14 23:53
بۇ ھىكايە ئەلكۈيىدىكى بارلىق خانىم-قىزلارنى بەكرەك جەلىپ قىلىۋالدىمۇ-نىمە ؟...

gulyare 2011-02-15 19:31
بۇ ھىكايە خانىم - قىزلارنىلا ئەمەس ئەلكۈيىدىكى ھەممەيلەننى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى.

dellyar571 2011-02-15 20:31
ئىنكاسلارغا :
بۇ ئەسەرنىڭ ئەدىبى ھاياجان بىلەن ئىلمىيەتكە خاس سوغاققانلىقىنىڭ يۇغۇرىلىشى قىلىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ كىلىۋاتىمەن چۇنكى مۇشۇنداق بولغاندا ئەسەر  بىر تەرەپتىن بەك ئىلمى بولۇپ كىتىپ ھەممىنى توغرا چۇشنىش ۋە چۇشەندۇرۇش ئارقىسىدا ئاستا ئاستا  ھىچ نەرسىدىن ھاياجانلانماس بولۇپ ئاجىر مازلىق لالمىلىق گوشباشلىق  بىلەن بىر دۇقمۇشقا ئۇچۇرشىدىغان كەڭ زىيالىلارغا پايدىلىق نەرسىىلەر چىقىدۇ يەنە بىر تەرەپتىن ھە دىسە قىزىق قانلىق قىلىپ سەكرەپ ئالدۇراڭغۇلۇق قىلىشلار گەرجە ھىس ھاياجىنى ساغلام ۋە دۇرۇس بولىسمۇ ئاخرقى  ھىساپتا باشقىلارغا دەلدۇش ۋە رادىكال ياكى زىيادە ھىسىياتچان  كۆرنۇپ چەتكە قىلىپ   قالىدىغان ئادەملەرگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بولىدۇ .ئەلۋەتتە ئەسەرنىڭ مۇشۇنداق بىر خەيىرىيەتكە دەسىمىگى ئۈچۇن  قەلەم  تەرەتكۈچى ھەم سوغققان بولالىشى ھەم ھىس ھاياجانغا تولغان بولمىقى لازىم .(بۇ مەن ئەڭ قىينىلىۋاتقان ۋە پۇتۇن ئەسەرنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىتىش ئىھتىمالى بولغان نۇقتا )مەنچە ھازىرغىچە ئەسەرنىڭ ھىس ھاياجان قىسىمى خانىم قىزلارنىڭ قەلبىگە كىرۋاتىدۇ ئەسىردىكى دىندارلىق ، پەلسەپىلىك ۋە ئىلمىيەت بولسا  يىگىلىرىمىز ۋە ئاتالارنىڭ دىقىنىتىنى تارتىشى مۇنكۈن 
 ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشى ئۈچۈن ھەر قايسىڭلارنىڭ خەيىر دۇئالىرىغا ئىھتىياجم بار بۇ ئەرزىمەس يازمىنىڭ مۇۋاپىقىيىنى ئۈچۇن تورداشلارنىڭ ئىتىبارغا تەكرار تەشەككۇر     

ظاەذ 2011-02-16 10:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ئاخىرىنى يېزىۋاتامسىز!! غەيرەت قىلىڭ، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەرسۇن.

dellyar571 2011-02-17 01:52
يىڭى باب

2001يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئالتە يىللىق ئوقۇش ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنى كۈتىۋالدىم. بىزگە بىرمۇ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلماي مەكتەپ قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىدا پىراكتىكا قىلىش خىزمىتى تاپشۇرۇلدى. تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. دۇبەيدە يۈرگەن ئەلىنىڭ پەلسەپەلىرى،توي قىلماقچى بولغان گۈزەلنۇرنى بىرچەتكە قايرىپ قويۇپ ھەر قايسى بۆلۈملەرنى ئايلىنىشنى باشلىۋەتتىم.
بىر كۈنى ياتاققا كىرسەم خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ بىرى « ساڭا ئامېرىكىدىن بىرسى تېلىفون قىپتۇ» دىدى. ئۇنىڭ دىيشىچە تېلىفون قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قالدۇرماي ياكى باشقا گەپمۇ تاپىلىماي تېلىفوننى قويۇۋېتىپتۇ. خىيالىمغا ئەلى كەلدى. ئۇ ئامېرىكىدا نېمە قىلىدىغاندۇ؟ شۇ كۈنى كەچ ۋاقىت چىقىرىپ ئېنتىرنىت تورىغا چىقتىم.
ئەلىدىن كەلگەن ئۈچ-تۆت پارچە يېڭى خەت بار ئىكەن. لېكىن ئامېرىكا توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ گەپ يوق. ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ ساق-سالامەت يېتىپ بارغانلىقنى، ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى، ئادەملىرى توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى يېزىپتۇ. ئۇنىڭغا جاۋاپ خەت يېزىشنى نىيەت قىلىپ يېرىم سائەت ئولتۇرغان بولساممۇ كاللامغا «سەن نەدە؟» دىگەن جۈملىدىن باشقا نەرسە كېلىدىغاندەك ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن خەت ئىسمى دىگەن يەرگە «سەن نەدە؟» دىگەننى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا كىرگۈزۈپ خەت مەزمۇنىغا مۇشۇ جۈملىنى كۆچۈرۈپ چاپلىدىم. خەت ئەۋەتىلگەندىن كېيىن تورخانىدىن چىقىپ كەتتىم.
تېلىفوننىڭ كىمدىن كەلگەنلىكىنى بەش كۈندىن كېيىن ئۇقتۇم. ئۇ مەن بىر چاغدا چوڭ مەسجىد تە ئۇچراشقان ئىدىۋىنا نېيرىڭ دىگەن ئامىرىكىلىق ئايال ئىكەن. ئۇ شىئەنگە مېڭىش ئالدىدا ماڭا تېلىفون قىپتۇ. شىئەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن مېھمانخانىدا تۇرۇپ يەنە بىر تېلىفون قىپتۇ. ئۇنىڭ  تېلىفوندا دەپ بەرگەن ئادرىسى بويىچە ئۇ چۈشكەن مېھمانخانىغا باردىم. لېكىن ئۇ يوق ئىكەن. مېھمانخانا خىزمەتچىسىدىن سورىسام «چىقىپ كەتكىلى ئىككى سائەت بولدى» دىدى. شۇنىڭ بىلەن مېھمانخانىنىڭ زالىدا ئۇنىڭ قايتىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.
       ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا ماڭا تاسادىپى ئۇچراشقان بۇ ئايالغا بىر مۇنچە ئىش قىلىپ بەرگەن ئىدىم. خاتىرەمدىن ئۆچەي دەپ قالغان شەخىس مانا ئەمدى يەنە پەيدا بولۇپ قالغىنى قىزىق.  ئۇ مېنىڭ نەرىمگە قىزىقىپ قالغاندۇ؟ بەلكىم شىئەننى بىلىدىغان ئادەم ئىزدەپ ئۆزىنىڭ ساياھىتىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى نىيەت قىلغاندۇ. نېمىلا مەقسىتى بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ  قويۇشۇم كېرەك. ئۇ شۇنچە يىراق ئامېرىكى دىن كەلگەن مېھمان تۇرسا كۈتۈۋالمىسام قاملاشماس.              
- مۇھىد، ياخشىمۇسىز ؟ قاچان كەلدىڭىز؟ ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ مەن بىلەن ئەھۋاللاشتى. خۇددى قەدىناس بۇرادىرى بىلەن كۆرۈشكەندەك مەن بىلەن كۆرۈشتى. ئەدەپ يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشتىم.
-  بۇ شەھەردە بىر دوستۇمنىڭ بارلىقىدىن ئۆزەمنى بىخەتەر ھېس قىلدىم. قېنى ئولتۇرۇڭ.
        ئۇ مېھمانخانا كۈتۈش زالىدىلا مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىز ئادەتتىكى تەكەللۇپ گەپلىرىنى قىلىشىپ زالدا بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىدىۋىنا مېنى مېھمانخانىدىكى ياتىقىغا باشلاپ كىردى. ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاش مەن ئاڭلىغۇچى بولدۇم. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتە قىلغان يېقىنقى زىيارەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆزىنىڭ كەسپىدىكى يېڭى ئۇتۇقلىرىنى بىر قۇر تونۇشتۇردى.
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ « بۇ ئايال بۇلارنى ماڭا ئاڭلىتىپ نېمە قىلماقچىدۇ؟»دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۆزىنىڭ باشقىلار قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچىمۇ ياكى ئۆزىنى كاتتا ئالىم كۆرسىتش يولى بىلەن ئالاھىدە قىممىتىنى ماڭا بىلدۈرۈپ قويماقچىمۇ؟ ۋەياكى ئۇنىڭ مەسجىدتە يوقۇتۇپ قويغان ئارىسىغا 200 ئامېرىكا دوللىرى قىستۇرۇلغان خاتىرىسىنى تېپىپ قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىمدىن خۇرسەن بولۇپ ماڭا ھەقسىز ئىلىم بېرىۋاتقانمىدۇ؟ مېنىڭ ئورنۇمدا ئەلى بولغان بولسا چوقۇم بۇ گەپلەرگە قىزىقىپ ھاياجانلىنىپ بۇ ئايال بىلەن تاڭ ئاتقۇچە تۇرلۇك ساھالەردە  پاراڭلاشقان بولاتتى. ئەلىدەك بولالىغان بولسام ئېھتىمال «نېمىشقا» دىگەن بۇ سوئال كاللامغا كەلمىگەنمۇ بولاتتى.
       - بۇلارغا قىزىقامسىز؟،نىمىنى خىيال قىلىۋاتىسىز؟
ئۇنىڭ بۇ سوئالىدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم .
- ھېچنىمە. گەپلىرىڭىزدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. كەسپتە بەك ئەستايىدىل ئىكەنسىز، بۇ ئەستايىدىللىقىڭىز سىزنى جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرىدۇ.
- شۇنداقمۇ، -ئۇ كۈلۈپ كەتتى. –مۇھىد سىزنىڭ ماڭا سۆزلەپ بەرگۈدەك ھېكايىڭىز، ئىشلىرىڭىز يوقمۇ؟ مېنى سۆزلە دىسە ئاغزىم بېسىلماي قالىدىكەن، سىز جىم ئولتۇرىۋالىدىكەنسىز.
ھېكايە، مەندە نەدىمۇ ھېكايە بولسۇن؟ زادى بار دىسە مەندىن بىر قىز بالا بىلەن قانداق مۇھەببەتلەشكەنلىك ھېكايىسى چىقىدۇ. مېنى قانچە سىلكىسە-سىقسا چىقىدىغىنى مانا مۇشۇ ھەممە ئادەمدىن چىقىدىغان مۇھەببەت ھېكايىسى.
- مەن مېدىتسىنا ھەققىدە پاراڭ قىلالايمەن. سىزگە ئوخشاش مول بىلىمگە ئىگە ئەمەس.
- ھە ،توغرا،- ئۇ بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك سومكىسىنى ئاختۇرۇپ قولىغا دورا قۇتىسىدىن بىرنى ئالدى،- بۇ قانداق دورىكەن؟ بۇنى بۈگۈن كىچىك بىر دورىخانىدىن سېتىۋالدىم. پىرىكازچىك ئىنگىلىزچە ئۇقمايدىكەن. ئىشارەت قىلىپ چۈشەندۈرسەم بەرگىنى بۇ دورا بولدى. ئامالسىز سېتىۋېلىپ كىردىم.
دورىنى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام ئۇ بىر قېپى بىر يۈەنلىك ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىكەن.
-سىز نىمە دورا ئالماقچىتىڭىز؟
     - مەندە Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بار. ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەندىكى جىگەر ياللۇغى يامان تىپلىق ئەمەس. ئاسانلا ماغدۇرسىزلىنىپ جانسىز بولۇپ قالىمەن. ئالىدىغان دورام شۇنىڭ دورىسى ئىدى.
- خاتا دورا ئاپسىز،نەچچە پۇلغا ئالغانتىڭىز؟
     - 50 يۈەنگە.
     - نىمە ؟نىمانچە قىممەت؟ - ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. –ئۇ قايسى دورىخانا ئىكەن؟
      نيېرىڭ ھەممىنى چۈشىنىپ سائىتىگە قارىدى.
- بىز بارغۇچە تاقاپ كىتەرمۇ؟
- ياق دورىخانابولسا 24 سائەت ئىشىكىنى ئۇرسىڭىز ،سىزدىن خاپا بولماسلىقى كېرەك.
ئىككىمىز دورىخانىغا بارغاندا ئەھۋالنى ئۇدۇللا خوجايىن ئىشخانىسىغا كىرىپ چۈشەندۈردۈم . ئەسلىدە بۇ خوجايىننى مۇشۇنداق ئىشنى قىلغان پىركازچىكىنى تېپىپ ئەدىپىنى بېرىدۇ. ئاندىن بىزدىن ئەپۇ سورايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. ئىش باشقىچە بولدى. خوجايىن «سىلەردە ئىسپات يوقكەن، دورىخانىمىزنى قالايمىقان قىلماي چىقىپ كېتىڭلار.» دىدى.« جۇڭگولۇق تۇرۇپ نېمە چەتئەللىككە بولۇشىسەن؟ ئۇلار بىزنى ئاز تالان- تاراج قىلدىمۇ؟ھۇ چەتئەللىكنىڭ غالچىسى » دىۋىدى،تېخىمۇ ئاچچىقىم كېلىپ خوجايىنغا ئېتىلىپ بارماقچى بولىۋىدىم، ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن نيېرىڭ بىلىكىمدىن تارتىپ سۆرەپ مېنى دورىخانىدىن چىقىرىۋالدى.
يول بويى ئاچچىقىم بېسىلماي «ئۇلار قاراپ تۇرۇپ يولسىزلىق قىلدى» دەپ قاقشىدىم. لېكىن نيېرىڭ : « سەۋەنلىك مەندە، دورا سېتىۋالغانلىق ئىسپاتى ئېلىۋالماپتىمەن.ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام خوجايىن بىزگە باشقىچە مۇئامىلە قىلاتتى.» دىدى. ئۇنى باشقا دورىخانىغا باشلاپ بېرىپ لازىملىق دورىنى ئېلىپ بەردىم. نيېرىڭ بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كېتەيلى دەپ ماڭا نەسىردىن  ئەپەندىمنىڭ لەتىپىلىرىدىن بىر نەچچىنى ئېيتىپ بەردى.
- موللا نەسىردىننىڭ قوشنىسى ھەققىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغانمۇسىز؟  .
- ياق
- موللا نەسىردىننىڭ قۇلىقى ئۇزۇن تىڭ –تىڭچى قوشنىسى بولغان ئىكەن. بىر كۈنى ئەپەندىمنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۆيگە كەچ قايتىقىنىدىن خاپا بولۇپ ئۇنى يەڭگىل بىر ئىتتىرىپتىكەن. پەلەمپەينىڭ يىنىدا تۇرغان ئەپەندىم ئۆزىنى دەڭسىيەلمەي ئەسكى تامدەك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئۆيدىكى گۈلدۈر-قاراستىن قۇلىقى دىڭ تۇرغان قوشنىسى ئالدىراپ تېنەپ كېلىپ ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ.
- ئەپەندى ئۆيدە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟

- ھېچ ئىش يوق. چاپىنىم يەرگە چۈشۈپ كەتتى،- دەپتۇ. ئەپەندىم.
- چاپان چۈشسىمۇ شۇنداق قاتتىق ئاۋاز چىقامدۇ؟
- ۋاي قوشنام. چاپاننىڭ ئىچدە مەن بار ئىدىم- دەپتۇ. ئەپەندىم ئامالسىز.
        ھەر ئىككىمىز كۈلۈشۈپ مېڭىپ مېھمانخانىدىن ئۆتۈپ كېتىپتىمز. نيېرىڭ:
- ئەپەندىنىڭ گېپىنى قىلىپ ئۆزىمىز ئەپەندى بولۇپ قاپتۇق، - دەپ چاقچاق قىلدى. كەينىمىزگە يېنىپ مېھمانخانىنى تېپىۋالدۇق.
ياتاققا قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ئىدىۋىنا ساياھەت قىلىدىغان نۇقتىلىرىنى شىئەننىڭ خەرىتىسىدىن تېپىپ ئۆزىنىڭ شىئەندە تۇرىدىغان ۋاقتىنى، قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. دوختۇرخانىدا ئالدىراش بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ساياھىتىگە ھەمراھ بولالمايدىغانلىقىمغا ئۆزرە ئېتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ساياھەتلىرىنى تۈگەتكەن چېغى نيېرىڭ شىئەندىن ئەتىسى سەھەر ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماڭا تېلىفون قىپتۇ. ئۇ چۈشكەن مېھمانخانىغا يەنە بىر قېتىم باردىم.
بۇ نۆۋەت ئۇ ماڭا چوڭ تېمىلاردىن گەپ قىلمىدى، پەقەت سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقنى ئېيتتى. ئۇنىڭB تىپلىق جىگەر ياللۇغى باشقا كىسەللىرى ئىچىدىكى ئادەتتىكى كېسەل ئىكەن.
- بىلەمسىز مۇھىد، بۇ مېنىڭ ئاخىرقى قېتىم شىئەنگە كېلىشىم بولۇپ قالىدۇ. بەلكىم ئۈچ-تۆت يىلدىن كېيىن پەرۋەردىگار بىلەن يۈز كۆرۈشىشىم مۇمكىن.
        بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇددى ھازىرلا ئۆلۈپ بېرىدىغان ئادەم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم.
- نېمە دەۋاتىسىز؟ شۇنداق تىمەن تۇرىسىز، بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ.
- مەن قانداق قىلىپ ئەرەبلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە قىزىقىپ قالدىم. بىلەمسىز؟ مېنڭ ھاياتىمنى بىر ئەرەب قۇتقۇزۇۋالغان، ئىئوردانىيىدىكى بىر قۇملۇقتا ئۇ مېنى قۇتقۇزىۋالغان.
- قانداق قىلىپ؟
- مەن تەۋەككۈلچىرەك ، خەتەرلىك ئىشلارغا ئامراق قىز ئىدىم. ئۇنىۋېرستىتتىكى ۋاقتىمىزدا مەكتەپ بىزنى ئەرەپ دۆلەتلىرىگە يازلىق لاگىرغا تەشكىللىگەن. مەن توپتىن ئايرىلىپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كېتىپ ئېزىپ قالغان. تۆت كۈن يىمەي-ئىچمەي ئاخىرى ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. بىر ئەرەپ مېنى بايقاپ قېلىپ قۇتۇلدۇرىۋالغان.
- ئۇ ئەرەب سىزنى ئوتتۇرا شەرقنى تەتقىق قىل دىگەنمىدى؟
- ياق، مەن ئۆلۈم گىرداۋىدىن قۇتۇلۇپ ئىئوردانىيىدە قۇم بارخانلىرى دۆۋىسىدە قايتىدىن تۇغۇلغاندەك بولدۇم. ئەمەلىيەتتە مەن ئۇ ئەرەبنى ھېلىغىچە كۆرۈپ باقمىدىم.
- نېمە؟
- شۇنداق ، مەن ئۆزەمنىڭ شەپقەتچىسىنى بىلەيمەن. ئۇ كىشى مېنى تۆگىسىگە ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ھايات ئىكەنلىكىمنى ، پات ئارىدا ئەسلىمگە كېلىدىغانلىقمنى ئوقۇپ دوختۇرلارغا يېتەرلىك خىراجەت بېرىپ كېتىپ قالغانچە ئىككىنچى كۆرۈنمەپتۇ. ئەسلىمگە كېلىپ ئۇنى كۆپ سۈرۈشتە قىلدىم. ئۇ پەقەت ماڭا كىچىك بىر باغاقچە قالدۇرۇپتۇ،باغاقچىدا «سىنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىنى بىلمەيمەن سەنمۇ مىنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلمەي ئۆتۈپ كەت ،قىلغان ياخشىلىقىم پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر بۇندىن سىرىت  ھىچ تامايىم يوق تەكرەر دەي مىنى ھەرگىز ئىزدىمە، سىنىڭ ياخشىلىقىمغا جاۋاب قايتۇرشىڭ بىلەن مەن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىدىن قۇرۇق قىلىشنى خالىمەيمەن .»دەپ باغاقچە يىزىپ قويۇپتۇ ئۇ مىنى ئىزدىمە دېگەن بولسىمۇ ئىزدىدىم ئەمما پەقەت تاپالمىدىم. –ئۇ سومكىسىدىن بىر پارچە رەسىمنى ئالدى، -قاراڭ بۇ ئۇنىڭ رەسىمى . ئۇنى دوختۇرخانىدا كۆرگەنلا ئادەمدىن قېشىنىڭ ، كۆزىنىڭ ، بۇرنىنىڭ ،چاچلىرىنىڭ ھەتتا كىيىملىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سوراپ مۇشۇ رەسمنى بىر رەسسام ياللاپ سىزدۇردۇم.
        بۇ ئادەم قويۇق ساقال قويغان،قاڭشارلىق، قارا چاچلىرى گەدىنىدە ساڭگىلاپ تۇرغان مويسىپىت سۈپەت بىر ئادەمكەن. رەسىم ماي بوياقتا سىزىلىپتۇ، سىنچىلاپ قاراپ رەىسسامنىڭ سۈرەتكە يان تەرەپتىن نۇر بەرگەنلىكىنى سەزدىم. بىراق رەسىمدىكى ئادەم ماڭا ئۇلۇغ بىلىنمىدى.
- ئۇ قانداقكەن؟
- بەلكىم ئۇ ئېغىر گۇناھ قىلغان بولسا شۇ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن بىرەر ياخشىلىق قىلاي دەپ سىزنى قۇتقۇزۇپ قالغان  ئادەمدۇ.
نيرىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدى. بۇ گەپنى چىقارغانلىقىمدىن ئۆزەممۇ غەيرىلىك ھېس قىلدىم.
- مۇھىد، سىز جۇڭگونىڭ تەرىقەت دىنىنى بىلەمسىز؟ - ئېىدىۋىنا شۇنداق دەپ سورىدى. بايىقى گېپىمنى ياندۇرىۋېلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرمەيلا دىدىم.
- چىرايىدىن ياخشى ئادەملىكى چىقىپ تۇرىدۇ ، ئۇنى داۋاملىق ئىزدەۋاتامسىز؟
- جۇڭگونىڭ تەرىقەت ددىنىدا، - نىيېرىڭ گېپىنىڭ داۋامىنى قىلغىلى تۇردى. -‹ گۈزەللىك بولمىسا سەتلىك بولمايدۇ، ئاق بولمىسا قارا بولمايدۇ› دەيدىغان كالاملار بار. ئۇلارنىڭ پەلسەپەسىدىن ئۇدۇل مەنە چىقارسا ياخشىلىق يامانلىققا، يامانلىق ياخشىلىققا يۈرگەن چاقپەلەككە ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭ ياخشىلىق يامانلىق ،قارا ، ئاق دىگەن گەپلىرىنى چۈشەندىم. لېكىن مېنىڭ باياتىن دىگەن گېپىم پەقەت ئۆزەمنى كونتىرول قىلالماي شۇنداقلا چىقىپ كەتكەن گەپ ، خالاس.
- نيېرىڭ كەچۈرۈڭ،مەن تەرىقەت دىنىنى بىلمەيمەن. ئىسلام دىنىدىن ئاز-تولا خەۋىرىم بولغاندىن تاشقىرى باشقا دىن ، پەلسەپەلەردىن خەۋىرىم يوقكەن. ئۇ گەپنى قىلغىنىم ياخشى بولمىدى. بەلكىم كىنولاردىن ئاڭلىۋالغان سۆز ئاغزىمدىن چىقىپ قالغان چېغى.
- مەيلى رەسىمدىكى بۇ كىشى قانداقلا ئىش قىلغان بولسۇن  مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇۋالدى. راست ئۇمېنڭ شەپقەتچىم. ئەگەر ئۇنى ئىزدەپ تاپالىغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى. شۇ ئىشتىن كېيىن ئەرەب مەدەنىيىتىگە باشقىچىلا قىزىقىپ قالدىم. ھازىر ئەرەب كىلاسسىك ئەدىبىياتىنى مەندەك بىلىدىغان ئامېرىكىلىق ساناقلىق. بۇنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئادەمنىڭ تۆھپىسى.-  ئۇرەسىمنى ئۆزىگە قاراتتى. –بۇ ناتونوش ئادەمگە « مالائىكە» دەپ ئات قويۇۋالدىم. ئۇ ئەرەپچە پەرىشتە دىگەن گەپ، مېنڭ بۇ مالائىكەم ماڭا ئاتا-ئانام، ئېرىم ھەتتا بالىلىرىم بەرمىگەن بىر نەرسىنى بەردى. ئۇنى ھايات دىسەممۇ، كەسىپ دىسەممۇ، تۇرمۇش دىسەممۇ بولىۋېرىدۇ، مۇھىد بەزىدە بىر مىنۇت ھەتتا بىر دەقىقە ئىچىدە چىقارغان قارارىڭىز ھاياتىڭىزغا ئۆچمەس تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇچاغدا قاراملىق قىلىپ ساۋاقداشلارنى تاشلاپ ئۆزەم يالغۇز ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلمىغان بولسام ھازىر پۈتۈنلەي باشقىچە ھايات كەچۈرگەن بولاتتىم. سىز بىلەنمۇ دورىخانىغا بىللە بېرىپ موللا نەسىردىننىڭ لەتىپىلىرىنى ئېيتىشمىغان بولاتتۇق.
ئىدىۋىنا نيېرىڭ باشقا قىتئەدىن كەلگەن ئنگىلىز تىلىدا سۆزلەيدىغان چېچى سېرىق، كۆزى دېڭىز سۈيىدەك كۆك ئايال، لېكىن ئۇنىڭ ئاغزىدىن مەن بىر چاغلاردا دىگەن، ئويلىغان نەرسىلەر چىقىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تېنىم جۇغۇلداپ ئىختىيارسىز تۈگۈلۈپ كەتتىم.
- مۇھىد، سىزگە نېمىشقا بۇ گەپلەرنى دەۋاتىمەن، بىلەمسىز؟
- ياق،
- دورىخانىدىكى ئىشىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم. باشقىلارغا ئىچىڭىزدىن چىقىرىپ كۆيۈنەلەيدىكەنسىز، قېنى ئېيتىڭە، سىزنىڭمۇ مالائىكىڭىز بولغانمۇ؟
        ئۇنىڭ مەندىن مۇشۇنداق سوئالنى سوراپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرغان ئىدىم بۇ سوئال نېمىشقا يەنە سورىلىدۇ؟ گۈزەلنۇرنى ئۇنتىغان، ئۇنى خىيال قىلمايدىغان، ئۇنىڭغا ئاخىر ئۆچ بولۇپ كۆڭلۈمدىن خۇددى ئەخلەتنى سۈپۈرىۋەتكەندەك سۈپۈرۈپ چىقىرىۋەتكەن تۇرسام ئۇ يەنە نېمىشقا سورىلىدۇ. ئۇ بولمىغان بولسا مەكتەپتىكى ھەممىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ مۇشۇنداق ئالى مەكتەپكە ئۆتەلىشىم ، شىئەن دىگەن بۇ شەھەرنى كۆرۈپ دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇشۇم، ھازىر بۇ جايدا ئولتۇرۇپ بۇ ئىنگىلىز ئايال بىلەن پاراڭلىشالىشىم مۇمكىن ئەمەس بولغانلىقىدىنمۇ؟ بۇ ئايال ماڭا خۇددى خۇدانىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلۋاتقاندەك بىلنىدى
- مەنمۇ بىر چاغدا مۇشۇنداق رەسىمدىن بىرنى سىزغان ئىدىم. لېكىن ئۇ ماڭا مالائىكە ئەمەس جىن-ئالۋاستى بولدى. - سەل توختىۋالدىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم گۈزەلنۇر توغرىلىق بىركىمگە ئېغىز ئېچىشىم. ئۇنى يات بىر تىلدا باشقا قىتئەدىن كەلگەن ئادەمگە دىيىش ماڭا يالغۇز ئولتۇرۇپ كاللىدىن ئۆتكۈزگەن بىر خىل ئەسلىمىدەك بىلىندى. شۇنىڭ بىلەن گېپىمنى خاتىرجەم داۋام قىلدىم.
       ئۇنىڭغا گۈزەلنۇرنى قانداق ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى، ئۇنىڭ مېنى ياتىقىنىڭ ئالدىدا ھېچ بىر سەۋەپسىزلا قولىغا ئۆمۈچۈك چېكىۋالغان ئەبلەخكە قانداق ئۇرغۇزغانلىقىنى، كېيىن ئۇ خۇمپەرنى قانداق ئۇچرىتىپ قالغانلىقىمنى، ھازىر بۇ قىزغا قانداق ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىمنى، قانداق نەپرەتلىنىدىغانلىقىمنى ...سۆزلەپ بەردىم. ئېدىۋىنا بىر ئېغىز  گەپ قىلماي گېپىمنى بۆلمەي ئەستايىدىل ئاڭلىدى. قىزىق گەپلىرىمگە كۈلسە، بەزى گەپلىرىمدىن قايغۇرغاندەك بېشىنى چايقاپ كەتتى. گېپىم  توختاپ ھېكايەمنىڭ كەينى ئۇلىنىپ چىقمايدىغانلىقى ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئۇ ئېغىز ئاچتى.
- مۇھىد، ئۇ قىز بىلەن ئايرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىدا بىرەر ئىش بىلەن ئازارلىشىپ قالغانمىدىڭلار؟
-ياق،
-ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى توي قىلىشقا قىستىغاندىمۇ؟
-بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تەربىيە كۆرگەن ئادەملەر.
-ئۇ قىز ئېغىر كېسەلگە ،ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولمىغاندۇ؟
-ياق .شۇنداق بولسا مەن بىرىنچى بولۇپ بايقىغان بولاتتىم
- ئەمىسە –دىدى  ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ،- ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراپتۇ. بۇ ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن. ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ نەپرەتلىنىشتىن ئاۋۋال ئەمەلى ئەھۋالنى ئېنىقلاپ كۆرسىڭىز بوپتىكەن.
        زىيانكەشلىككە ئۇچراش ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدىم. بۇنى بۇرۇپ ئويلاپ باققانمىدىم ؟ ئېسىمگە ئالالمىدىم. بىراق مېنىڭچە بۇ ئامېرىكىلىق ئايال ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ قالدى. گۈزەلنۇرغا ئوخشاش ئىچى كۈچلۈك قىز ئۆزىگە زىياتكەشلىك قىلغان بىر ئەبلەخ بىلەن توي قىلىشغا رازى بولامدۇ؟؟ يەنە كېلىپ مىنى قانداق قىلىپ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمگە ئورغۇزىدۇ ؟؟؟
- ئۇ قىز ئامېرىكىلىق بولغان ھالەتتىمۇ سىزگە بۇنداق گەپنى دىيەلمەيدۇ. مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا تېخىمۇ شۇنداق.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىردىنلا ئۆزۈمنى ئەقىلسىز ئىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالدىم. دىمىسىمۇ ئىككىمىز ئارىسىدىكى ئىشقا مانا تۆت ئايدىن ئېشىپتۇ. ئارىلىقتا نۇرغۇن پەلسەپەلەر بىلەن ئۇچرىشىپ بولدۇم. ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم. قىلمىغان خىياللىرىم قالمىدى. لېكىن گۈزەلنۇرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنىڭ باشقا سەۋەبلىرى بارمۇ-يوق دەپ ئويلىنىپ باقماپتىمەن. مېنىڭچە بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى مەن گۈزەلنۇرنى ئېھتىياتچان ،شەرمى-ھايالىق قىز دەپ تونۇغان. دەرۋەقە ئۇ شۇنداق ئىدى.
- ئۇ ئالدىمىزدا توي قىلماقچى، -دىدىم ئارانلا- ئۇ ماڭا ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دىگەن. ئۇنىڭ يىگىتىنى كۆردۈم. ئۇ مېنى ئۇرۇپ يېرىم جان قىلىپ قويغانلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قولىغا چېكىۋالغان قارا ئۆمۈچۈكى يادىمدىن پەقەت چىقمايدۇ.
- بۇ قىزنىڭ شۇنچىلىك رەھىمسىز ئىكەنلىكىدىن ھەيرانمەن.بولۇپمۇ ئۆزى بۇرۇن سۆيگەن ئادىمنى ئۆزىگە شەرمەندىلەرچە ئۇسۇل بىلەن قول سۇنغان كىشى ئارقىلىق ئۇرۇپ باپلىشى ئادەمنى راستىللا چۆچىتىدۇ .بىراق سىزمۇ ئەقىل ئالمايدىغان بىر ئىشىنى قىپسىز .نۆلدىن تۆۋەن 28گىرادوسلىق سوغۇقتا ‹نېمە ئۈچۈن ›دېگەن سۇئالغا جاۋاپ تاپالماي  6 سائەتكە يېقىن ئۇنىڭ دەرىيزىسى ئالدىدا ئەرۋاھتەك ئايلىنىپ  تۇرۇش نىمىدىگەن خەتەرلىك ! سىز ئۇنىڭغا ئۆلۇپ بەرگىلى تاس قاپسىز مۇھىت ،بەلكىم ئۇ ھاياتىڭىزنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ساقلاپ قالاي دىگەندۇ … ئادەم شۇنداق ئويلاپ باقسىمۇ يەنىلا بىئارام بولىدىكەن،نىمىدىگەن تەس كۈن بۇ !!؟ قىزلار بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنى سۆيگەن يىگىتىدىن قاچۇرۇشقا، ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەسلىككە  تىرىىشىش تولا بولسا  يالغان گەپ بىلەن بىلەن ئىشلىرىنى يىغىشتۇراتتى ،بۇ ئىشڭلا بەك چەكتىن ئىشىپ كىتىپتۇ،،،  

ئورنۇمدىن قوزغىلىپ بېرىپ ياتاق دەرىزسىنىڭ پەردىسىنى قايرىدىم. ئەينەكتىن چۈشكەن ئاينىڭ يورۇقى ئۆيگە كىرىپ چىراغ نۇرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. سائىتىمگە قارىدىم. 5:30 جۈمە.
- بامدات نامىزىنى ئوقۇۋالسام بولامدۇ؟
- ئەلۋەتتە، -نىېيرىڭ شۇنداق دەۋېتىپ ماڭا تازىلىق ئۆيىنى كۆرسىتىپ قويدى. تاھارەت ئالدىم. نامىزىمنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نيېرىڭ ئەتىگەنلىك چاي تەييارلاپ ئالدىمغا قوىدى. داستىخاندىكى بولكىنىڭ مۇسۇلمانچە دىگەن ئەسكەرتىلىشى بولسىمۇ قورسىقىم ئاچمىغاچقا يىگۈم كەلمىدى.
- قانداق قىلماقچىسىز، مۇھىد ؟ - ئۇ چاي قويۇۋېتىپ سورىدى.
- ھازىر كاللامدا نىمە ئىش قىلىش توغرىلىق بىرەر نەرسە يوق.
- نۇرغۇن ئىشلارنى ۋاقىت ھەل قىلىدۇ، ياخشى ئارام ئېلىپ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ تۇرسىڭىز بەزى ئىشلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ھەل بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. كۆرگەنلا نەرسىنى كاللىغا قاچىلىۋالغاننىڭ پايدىسى يوق. سەھەردە شىئەننىڭ سىرتىدىكى تەيبەيشەن دىگەن جايغا چىقىمەن. بولسا مەن بىلەن بىللە بېرىڭ. ئۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى سىزگە چوقۇم ئاراملىق بېرىدۇ، قانداق؟ - ئۇيقۇم كېلىپ كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ ئىرادەمگە بوي بەرمەي قالدى. - بىردەم ئارام ئېلىۋالامسىز؟
        10 مىنۇت كۆزۈمنى يۇمىۋېلىپ ئاندىن مەكتەپكە ماڭماقچى بولدۇم.لىكىن شۇ ياتقانچە ئۇخلاپ قاپتىمەن،
كۈچلۈك كۈن نۇرى كۆزۈمنى چېقىپ مېنى ئويغىتىۋەتتى. قارىسام كىيىملىرىم بىلەن مېھمانخانىدا يېتىپتىمەن. كۆزۈم تامغا ئېسىقلىق سائەتكە چۈشتى. ئۇنىڭ كىچىك ئستىرىلكىسى12نى چوڭ ئىستىرىلكىسى 10نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. مەكتەپكە بارماپتىمەن- دە! بېشىم يەڭگىل، ئۆزەمنى يېنىك ھېس قىلدىم ۋە ئەتراپقا قاراپ ئامېرىكىلىق ھېلىقى ئايالنى ئىزدەشكە باشلىدىم.
- نيېرىڭ، ئىدىۋىنا خانىم ... سادا يوق. قارىسام تېلىۋىزورنىڭ ئۈستىدە قەغەز-قەلەم تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىكى خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
        سالام مۇھىد:
دەرسكە كېچىكىپ قالدىغان بولدىڭىز،لېكىن سىزنى ئويغىتىۋەتكۈم كەلمىدى. سىز ئۇخلاپ قېلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىنلا ۋاقتىم توشۇپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدىم ، سىز بىلەن بۇنداق خوشلاشقىنىمدىن بەكمۇ خىجىلمەن. سىزگە داۋاملىق خەت يېزىپ تۇرىمەن. مەن سىز ئېيتىپ بەرگەن گۈزەلنۇر دىگەن قىزغا قىزىقىپ قالدىم. مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ ئاياغلاشمىغان ھېكايىڭىزغا نۇرغۇن يېشىلمىگەن سىرلار يوشۇرۇنغان . مۇشۇنداقلا بولدى قىلسىڭىز سىز ئاللاھنىڭ نامىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئالداپ قويغان بولىسىز. جېنىم تېنىمدا بولسا بۇ ھېكايىڭىزنىڭ كەينىنى بىلگىم بار. مەن قېرىپ قالدىم. تېنىمنى كېسەل چىرمىۋالدى. ھېكايەممۇ تۈگەپ قالدى. ئەرەبلەردە « تۆگىنىڭ كەينىدىن تۆگە»  دىگەن گەپ بار. پەرۋەردىگار  سىزنىڭ ئاق، سەممىي كۆڭلىڭىزنى دۇنيانىڭ مەينەتلىرى بىلەن ئەمەس گۆھەرلىرى بىلەن تولدۇرسۇن !ئامىن!
                                        ئېدىۋىنا نيېرىڭ
             خەتنى پۈكلەپ يەرگە تاشلىدىم .چېچىمنى سىقىملاپ ئولتۇرۇپ ئاتام كۆرمىگەن بۇ چەتئەللىككە شەخسى ئىشلىرىمنى دەپ يۈرگەنلىكىمدىن پۇشايمان قىلدىم. مەكتەپكە يېتىپ كېلىپ دوختۇرخانىغىمۇ چىقماي ياتاققا كىرىپ كارىۋىتىمدا تورۇسقا قاراپ بىر ئاز ياتقاندىن كېيىن بۇ ئايالنىڭ پەيدا بولىشىنى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ھېسابلاپ ئۇنىڭغا دىگەنلىرىمدىن ئۆكۈنۈپمۇ كەتمىدىم. لېكىن ئۇنىڭ گۈزەلنۇرنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن دەپ ماڭا گەپ ئۆگىتىپ قويىشى بىلەن كاللامدا ئاران تىنجىپ قالغان كونا خامان يەنە سورىلىپ چىقىپ مېنى ئارامسىزلاندۇرۇشقا باشلىدى.
          ئەگەر ئۇ راستىنلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسا نېمىشقا ماڭا ئۇدۇللا دىمەيدۇ؟ راستىنلا باشقىلارنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان بولسا ئۇنى كەچۈرىۋېتىشىم تامامەن مۇمكىنغۇ؟ دىمەك بۇ ئېھتىماللىق ئەمەلىيەتتىن يىراق. ئەجىبا مەن ئۇ ئامېرىكىلىق دىگەندەك قىزلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىيالمايۋاتامدىم ؟ ياكى مۇسۇلمان دۇنياسىدا ياشاۋاتقان ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىدىن بىخەۋەر بولغاچقا ئۇنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قېلىۋاتامدىم؟ ياق، مەن گۈزەلنۇر مەجبۇرلىنىپ خورلۇق تارتقاندا ئەرلىك غورۇرىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان ئۇنداق «ھەقىقي ئەركەك» مۇھىد ئەمەس. ئۇ ئۆزى بۇزۇلغان بولسا بۇ ئايرىم مەسىلە، گۈزەلنۇر مەندىن مۇشۇنچىلىك بىر نەرسىنى ئۇمىد قىلالمايدىغان بولسا ئارىمىزدا يەنە قانداق مۇناسىۋەتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ؟  بۇ ئېھتىماللىقنى پۈتۈنلەي چەتكە قاقتىم. بىراق بۇ بولمىسا زادى نىمە ئىش ئۇنىڭ مۇشۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىگە سەۋەپ بولدى؟ بۇنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بار. نيېرىڭ بۇ پەرەزنى خاتا قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ « ھېكايىڭىز ئاخىرلاشماپتۇ، ئۇنڭغا نەپرەتلىنىشكەئالدىراپ كېتىپسىز. ئاۋۋال ئەھۋالنى ئۇقۇپ بېقىپ ئاندىن بىر قارارغا كەلسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز» دىگىنى خاتا بولمىغانىدى.
          ئورنۇمدىن تۇرۇپ ياتاقتىن چىقتىم ۋە شىئەن شەھەر مەركىزىدىكى شەنشى ئۆلكىسى بويىچە ئەڭ چوڭ شىنخۇا كىتابخانىسىغا باردىم. ئۇ يەردە زىيانكەشلىككە  ئۇچرىغان ئاياللارغا ئائىت يىزىلغان كىتابلارنى ئىزدىدىم.
« …زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزلارنىڭ ۋەقەدىن كېينكى ئىنكاسى ۋە روھى ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋەقەنىڭ ئېغىر-بېنىكلىكى، ئۆزىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ، شۇ جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بىر-بىرگە ئوخشاپ كەتمىسىمۇ لېكىن بىر قىسىم ئىنكاسلار مۇتلەق كۆپ قىسىم قىزلاردا ئورتاق كۆرۈلىدۇ. بۇ ئورتاقلىقنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن بولغان قىينچىلىقلارنى يېڭىش زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان قىزلارنىڭ كېيىنكى ھايات يولىنى ساغلام ئېلىپ مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

        قورقۇش: ئۇلار مۇشۇنداق ئىشنىڭ ئۆزىگە قايتىدىن كېلىشىدىن قورقىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تونۇشلىرىنىڭ ئۆزىنى ئەيىپلىشىدىن ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. ئۆزىگە ناتونۇش جايلاردىن ھەتتا ئۆزىگە تونۇش ئادەملەردىنمۇ قورقىدۇ.
        جىنايەت تۇيغۇسى : زىيانكەشلىككە ئوچرىغۇچى ئۆزىنى مەلۇم قارار ، ھەرىكەت ، سۆز بىلەن مۇشۇنداق ئىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغاندەك ھېس قىلىدۇ. دائىم «ۋارقىرىغان بولسام، كۈچەپ ئېلىشقان بولسام، تېزرەك يۈگۈرگەن بولسام…بۇ ئشىتىن ساقلىنىپ قالاتتىم.» دەپ ئويلايدۇ.
        ئاچچىقلىنىش: بۇ ناھايىتى تەبىئى ئىنكاس. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى ئىنسانى ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ  دەپسەندە قىلنىپ غۇرۇرىنىڭ يەرگە ئۇرۇلغانلىقدىن قاتتىق خورلۇق ھېس قىلدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ تونۇشى بولسا بۇ خىل ئىنكاس تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
        نومۇس ھېس قىلىش: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخىسيىتىگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدىن نۇمۇس تۇيغۇسىغا كېلىدۇ. ۋەقەنىڭ ئەسلىمىسى ئىختىيارسىز تەكرارلىنىپ بۇ تۇيغۇنى كۈچەيتىدۇ.
       ئۆزىنىڭ كونتروللىقىنى يوقىتىش –ۋەقەنىڭ جەريانى ئۇلارنى چارىسىز، ئامالسىز ۋە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان بولغاچقا ئۆزلىرىنى بەكمۇ بىچارە ھەم يۆلەنچۈكسىز ھېس قىلىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا يېقىن ئادەملىرىنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك كۈيۈنمەيۋاتقاندەك تەسىراتقا كېلىپ قالىدۇ»
«بۇنداق ئىشلاردا قىزلار كۆپىنچە ئەيىپلىنىش ئوبيېكتى بولىدىغان جەمئىيەتلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى باشقىلارنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ ئۆزىنىڭ باش كۆتىرەلمەي قېلىشىدىن قورقۇپ دېلو مەلۇم قىلمايدۇ ۋە بۇنى قەلبىدە سىر قىلىپ ساقلاپ تاكى ئاشكارىلىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلمىغىچە باشقىلاردىن يوشۇرىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ ۋەقەدىن كېيىن شۇ قىز بىلەن ئۆيلىنىش تەلىپىنى قويسا مۇتلەق كۆپ ساندىكى قىزلار قارشى تەرەپنىڭ تەكلىپىنى ھەتتا كېيىن ئاجرىشىپ كېتىمەن دىگەن خىيال بىلەن قوبۇل قىلىدۇ»
       مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ يۈرىكىم چىغىلداپ كەتتى. كىتابنى دەرھال يېپىپ جايىغا ئېلىپ قويۇۋېتىپ كىتاب تۇتقان قوللىرىمنىڭ ئىختىيارسىز تىتىرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. خىيالىمغا ئىدىۋىنانىڭ «ئۇ ئامېرىكىلىق بولغان تەقدىردىمۇ سىزگە بۇ گەپنى دىيەلمەيدۇ» دىگەن گېپى بىلەن گۈزەلنۇرنىڭ «مەن  توي قىلىمەن» دىگىنى ئۆز-ئارا باغلىنىپ مەندە بىر خىل چۆچۈش پەيدا قىلىدى.
       تۆت قەۋەتلىك بۇ كىتابخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چۈشكەندە بالىلار كىتابلىرى رايونىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. ھەرخىل كارتون رەسملىرى چۈشۈرۈلگەن رەڭلىك كىتابلارغا قاراپ بالىلىق چاغلىرىمغا قايتىپ بىراقلا بۇ مۇرەككەپ دۇنيانىڭ مۇرەككەپ چىگىش سوئاللىرىدىن قۇتۇلغۇم كېلىپ كەتتى. ئىختىيارسىز بىر كىتابنى ئېلىپ ئىچىنى ئاچتىم ۋە ئۇنىڭدىكى بالىلار ھېكايىسى «شامال بىلەن قۇياش» دىگەن ھېكايىنى بىردەمدىلا ئوقۇپ بولۇپ  كىتابخانىدىن چىقىپ كەتتىم.

bargiya 2011-02-17 02:11
بۇدا تېزراق يېزىڭچۇ.. بەكلا جەلىپ قىلارلىق يېرىگە كەلدى...

nurkizi 2011-02-17 13:04
تور دۇنياسىدا ئۇقۇغان گۈلەننىڭ <ئامرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار> دىگەن ئەسىرىدىن كىيىن ،ئەڭ قىزىقىپ ھەم ئويلۇنۇپ ئۇقۇغان ئەسەر بوپتۇ بۇ،گەرچە ئەدەبىيات نەزىريەلىرىدىن بەك تۇلۇق خەۋەردار بولمىساممۇ، ئەسەرگە ئەدەبىي نوقتىدىن ئەتراپلىق باھا بىرەلمىسەممۇ، ئۈزەمنىڭ ھىسسىي تۇنۇشۇم بويىچە دىسەم ھازىر مەتبۇئاتلاردىنمۇ بۇنداق ئىسىل ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ ئىچىگە ئەكىرىپ كىتىدىغان ئەسەرلەرنى تاپماق تەس.سىزدىن ھەم ئەسىرىڭىزدىن شۇنداق سۈيۈندۇم.ئەسەردىكى مول پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئەسەرگە شۇنداق تەبئى يۇسۇندا سىڭىپ مېڭىۋاتىدۇ.ئەسەرمۇ شۇنداق ئەركىن ئۇسلۇپتا كىتىۋاتىدۇ.
   مەنمۇ گۈزەلنۇرنى زىيانكەشلىككە ئۈچرىغان بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان،ئاياللىق مەيدانىم بويىچە دىسەم ھەرقانداق بىر ۋىجدانلىق قىز ئۈزى كۆڭلىدىن سويگەن ئادەمگە ناپاك ۋۇجۇدىنى تەقدىم قىلىشنى خالىمايدۇ،ھەم بۇ ئىشنىڭ كىيىنكى ھاياتىغا قارا سايە بۇلۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ،گۇزەلنۇرنىڭ سىز باشتىن تەسۋىرلەپ كىلىۋاتقان خاراكتىرى بويىچە بولغاندا ئۇ بىر مۇستەقىل پىكىرگە ئىگە،دادىل،ئادەتتىن تاشقىرىراق قابىلىيەتكە ئىگە بولغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى مۇنەۋەر قىزلىرىمىزنىڭ بىرى،لېكىن ئادەم بەرىبىر ھەممە تەرەپتىن مۇكەممەل بۇلۇپ كىتەلمەيدۇ،بەزى ئىشلارنى سىز قەتئىي خالىماي تۇرۇپمۇ قىلىپ سالىسىز،گۈزەلنۇرنىڭ شۇنداق ئادەتتىكى بىر خاتالىقى بەلكىم ئۇنى ئەجەللىك ھەم ئۆمۇرلۈك خاتالىققا سورەپ بارغان بۇلىشى مۇمكىن،بۇ پەقەت مىنىڭ قارىشىم،قالغىنىغا ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلايمەن.

dellyar571 2011-02-18 03:45
يىڭى باپ


ياتاقتىكى ھەممىمىز يېتىشقا تەمشەلگەندە تېلىفون سايرىدى
- ....009714،بۇ قانداق نومۇر؟ - دىدى ياتاقداشلىرىمنىڭ بىرى.
- ماۋۇ نومۇرنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ، كىمنىڭ تېلىفونى بۇ؟ - دىدى يەنە بىرى.
كارىۋىتىمدىن ئالدىراپ چۈشۈپ تېلىفوننى قولۇمغا ئالدىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مۇھىد بۇ سەنمۇ؟
- مەن، ئەلى ئاۋازىڭنى تونۇدۇم. قانداق ئەھۋالىڭ؟ سالامەتمۇسەن؟ سەن ھازىر نەدە؟
- ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەيدە، ساڭا خەت يازسام بەرىبىر كۆرمەيدىكەنسەن. ئۇدۇل تېلىفون قىلىشىم.
- قانداق يەردە تۇرىۋاتىسەن؟ ئىجارىسى قىممەتمىكەن؟
- پۇلنىڭ گېپىنى قىلما ، مەندە پۇل جىق. ئوقۇش پۇلۇڭنى كۆتۈرىۋېتەيمۇ يا،- ئۇ شۇنداق دەپ كۈلۈپ كەتتى.
- نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
- نېمە ئىش بولاتتى، تەرجىمانلىق. بىرياقتىن ھۈنەر ئۆگەنگەچ بىر ياقتىن تىجارەت قىلىۋاتىمەن....
ئۇ تېلىفوننى ئنتېرنىت تورىدىن ئۇرۇپتۇ. بىز يېرىم سائەتكە يېقىن پاراڭلاشتۇق. گېپىگە قارىسام ئۇ جىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمايلا ئۇ يەردىكى تۇرمۇشىنى تەرتىپكە چۈشۈرىۋاپتۇ. ئۆزىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا نەزەر دائىرىسىمۇ كېڭىيىپتۇ. لېكىن ئەسلىدىكى زەم زەم ۋەكالەتچىلىكىنى ئېلىپ خەلقئارا سودا ئۆگىنىمەن، ئاندىن مەھسۇلات ئىشلەپ ئوتتۇرا شەرقتە تونۇلىمەن دەيدىغان تىجارەت خىيالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماپتۇ. ئۇنىڭغا « شۇ يەردە تۇرۇپمۇ ئەمىلى تىجارەتنىڭ يولىنى كۆرۈپسەن. ۋەكالەتچىلىكنىڭ ئەمدى ئەھمىيىتى قالمىغاندۇ» دىسەم ئۇ « ئۇ بىر ئايرىم مەسىلە، شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى تىجارەت يولىنى بىلشكە ۋەكالەتچىلىك يەنىلا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل» دىدى. گەپ ئارىلىقىدا ئۇ يېرىم يىللىق پىراكتىكامنى شىنجاڭدا قىلىش ئىمكانىيىتى بار-يوقلىقىنى سورىۋېدى، شۇنىڭ يولىنى قىلىدىغانلىقىمنى دىدىم. بۇنى ئاڭلاپ ئۇ بەكمۇ خوش بولۇپ كەتتى ھەمدە ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئۆزى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىمنى ناھايىتى تەپسىلى، ئېنىق دىدى. تۇتىۋالالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ بۇلارنى بىر كىچىك قەغەزگە يېزىۋالدىم. ئەلى مېنىڭ ئاغىنىدارچىلىققا يارايدىغانلىقىمنى ماختاپ بىر مىنۇتتىن ئارتۇقراق سۆزلىدى . ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۇ ئويۇمنىڭ ئۇنىڭ بىر چاغلاردىكى نۇتقى ۋە ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدى.
ئەلىنىڭ تېلىفونىنى ئالغان كۈننىڭ ئەتىسى مەسئۇل مۇئەللىمنىڭ يېنىغا كىرىپ پىراكتىكامنىڭ كېيىنكى يېرىمىنى شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىدا قىلىش ئىلتىماسىمنى سۇندۇم.
مەن «جىگەر كېسىلى» بولۇپ قالغاندىن بۇيان مەسئۇل مۇئەللىمىمىز ماڭا ئالاھىدە كۆيۈنىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى. ھەتتا سىنىپ يىغىنلىرىدا بىر نەچچە قېتىم « ساۋاقداشلار، مۇھىدتىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. گەرچە ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىسىمۇ دەرسلەرگە قىلچە دەخلى يەتكۈزمەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ» دەپ مېنى ماختىغانىدى.
بۇ قېتىم ئىلتىماسىمنى قولىغا ئېلىپ ماڭا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئۇنتۇپ قالماي قوشۇپ بەلگىلىمە بويىچە پىراكتىكىنى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا قىلىش لازىملىقىنى، مەكتەپنىڭ باشقا شەھەرلەردىمۇ بەلگىلەنگەن پىراكتىكا بازىلىرىنىڭ بارلىقىنى لېكىن ئۈرۈمچىدە يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ مېنىڭ بۇ ئالاھىدە ئەھۋالىمنى مەكتەپنىڭ ئالاھىدە ئويلىشىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئۇ مەكتەپ قوشۇلغان تەقدىردىمۇ بۇ ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقى ئۈرۈمچىدىكى مەن كۆرسەتكەن دوختۇرخانىنىڭ ئىنكاسىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. مۇئەللىم ماڭا ئۇ توغرىلىق گەپ قىلماي ئىچىم تىتىلداشقا باشلىدى. ئاخىر تاقەت قىلالماي مۇئەللىمدىن سۈرۈشتە قىلمايلا ئاق بىناغا كىرىپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.
-كىرىڭ،- ياش بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىشىكنى يېنىك ئىتتىرىپ ئېچىپ كىردىم ۋە ئۇ ئايالغا كېلىش مەقسىتىمنى چۈشەندۇرگەندىن كېيىن بۇ ئايال لى فامىلىلىك بىرىنچى باشلىقنىڭ بۇنداق ئىشلارغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇ لى فامىلىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ گېرمانىيىگە ئوقۇشقا كەتكەنلىكىنى، كېلەر ھەپتە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم . ئىشخانىدىن چىقماي ھازىر شۇ ئادەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان مەسئۇل ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ چىڭ تۇرىۋالدىم. ئىشخانىدىكى باش ئوقۇتقۇچى مېنى « بۆلۈم باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ باق» دەپ چىقىرىۋەتتى.
ئىككى قىزىل بايراق ئۈستىلىگە ئېلىپ قويۇلغان، چىرايىدىن گېنىراللاردەك سۈر ۋە كەسكىنلىك چىقىپ تۇرغان بۆلۈم باشلىقى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم.
-بۇ مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسگە خىلاپ، -دىدى ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈشكىمۇ پۇرسەت بەرمەي،- ھەممە ئوقۇغۇچى ساڭا ئوخشاش ئۆيلىرىگە قايتىپ پىراكتىكا قىلىمىز دەپ جېدەل قىلسا بىز مەكتەپنى قانداق باشقۇرىمىز؟
- لېكىن ئاپام ئاغرىپ قالغان. ئۇ دەل مەن پىراكتىكا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ،- ئىلتىماسىمدىكى بايانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنڭغا دىيىشكە تەمشەلدىم.
-بولدى،بولدى، مەن ئىلتىماسىڭىنى كۆرۈپ بولغان. زادى ئۆيگە قايتىمەن دىسەڭ –دىدى ئۇ بىر ئاز ئويلىنىپ ،-بىر يىل ئوقۇشتىن چېكىن.
گىرمانىيىدىن قايتىپ كېلىدىغان لى فامىلىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ مېڭىشتىن ئاۋاللا مېنىڭ مەسىلەمنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغانلىقىنى بىلىپ يەنە بىر ھەپتە ساقلاشنىڭمۇ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى چۈشەندىم. بىراق ئوقۇشتىن چېكىنىش مەن ئەسلا ئويلاپ باقمىغان تاللاش ئەمەس ، مۇمكىن بولمايدىغان تاللاش.
ئاق كۆڭۈل سىنىپ مەسئۇلىمنى ئىزدىسەمچۇ؟ ئۇ ئىلتىماسىمنى مۇشۇ يەرگە ئەكىرگەن ئادەم تۇرسا قانداق قىلالايتتى. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم.
- مۇھىد،-بىرسى مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىۋاتاتتى. كەينىمگە ئۆرۈلدۈم، ئۇ بايىقى بۆلۈم مەسئۇلى ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى قانداق بىلگەندۇ؟ - فاڭ مۇئەللىم سېنى بەك ماختاپ بەردى. ئاپاڭنىڭ كېسىلىنى بىزنىڭ دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ داۋالىساقمۇ بولىدۇ. مەن ئۇنى ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاش مەخسۇس تۈر تەتقىقاتىغا بىمار قىلىپ تىزىملىتىپ قويسام ئۇ داۋالىنىش خىراجىتىدىن خالى بولىدۇ.- ئۇ شۇنداق دەپ بىگىز بارمىقىنى ئۈستىلىدىكى پارتىيە بايرىقىغا تەككۈزۈپ تۇرۇپ ماڭا تىكىلدى. –سىلەر شىنجاڭنىڭ سەھىيە ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساسي ئىختىساس ئىگىلىرى بولۇپ قالىسىلەر. ئۆگىنىشكە داۋاملىق كۆڭۈل قويۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىرقى ۋاقتىڭلار تۆت يىلدىن بۇيان ئۆگەنگەن بىلىمىڭلارنى تەدبىقلايدىغان مۇھىم مەزگىل، ۋاقىتنى چىڭ تۇتقىن.
بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ بۇ گەپلىرىگە مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم.
- رەھمەت مۇدىر، ئاپام بۇ يەرگە كېلەلمەيدۇ ، قولايسىز. مەن چىقاي.
شۇنداق دەپ تۇرۇشىمغا سىنىپ مەسئۇلىمىز فاڭ مۇئەللىم كىرىپ قالدى ۋە مېنى كۆرۈپ «بۇ يەردە نىمە قىلۋاتىسىز، مۇھىد؟ » دەپ سورىدى.«مانا،كۆرىۋاتىسىز» دىگەندەك مۈرەمنى كۆتۈرۈپ قويدۇم. ئۇ چىقىپ كېتىڭ دەپ ماڭا ئىشارەت قىلدى. ئىشىكنى يېپىپ تۇرىشىمغا ئىشخانىدا بولىۋاتقان گەپ-سۆزلەر قۇلىقىمغا كىردى.
- مۇدىر، مۇھىد كۆرسەتكەن دوختۇرخانا بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇلار قوشۇلىدىكەن.
- سىز بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشىغا بەكمۇ ئەستايىدىل بولۇپ كېتىۋاتىسىز. قائىدىنى تۈزۈپ قويۇپ ئىجرا قىلمايمىزمۇ؟ سىزگە قانچە قېتىم دەيمەن.
- مۇھىد ئالاھىدە يەنە كېلىپ پەۋقۇلادە ياخشى ئوقۇغىچى ، ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان تەڭ يىللىق ساۋاقداشلىرى ئىچىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي ئوقىۋاتىدۇ.مەن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ئۇدا تۆت يىل ئەڭ يۇقىرى ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىپ  ئوقۇيالغان بىرسىنى كۆرۈپ باقمىدىم .يەنە كېلىپ ئۇنىڭ مەكتەپكە كەلتۇرگەن شەرىپى ئاز ئەمەس ئۆلكىلىك ئالى مەكتەپلەر ئارا  ئىنگىلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ نۆۋەت  بىرىنچى بولدى. يەنە كىلىنتون مەكتىۋىمىزنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ زۇڭتۇڭدىن  سورىغان سۇئالى ئىسڭىزدىدۇ؟ مەكتىپىمىز شۇ قېتىم پۇتۇن مەملىكەتىكى ئالى مەكتەپلەرنى ھەۋەسلەندۇرگەن ،باشلىق ئۇنىڭ يەنە جىگەر كېسىلى بار. لېكىن ئەزەلدىن ۋايساپ باقمىدى.  مۇھىد ھەقىيقەتەن يۇلتىزى پارلاۋاتقان ياش  ئۇ ...
- بولدى فاڭ مۇئەللىم،بەلگىلىمە دىگەن بەلگىلىمە . بۇ ئشنى قايتا تىلغا ئالماڭ. مېنىڭ بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن كۈندە بىر سائەت ۋاقىت ئاجراتقۇم يوق.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ فاڭ مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭمۇ ئەھمىيەتسىز بولىدىغانلىقىنى بىلىپ ئىشىك ئالدىدىن تېز-تېز مېڭىپ كەتتىم. مەمۇرى بىنادىن چىقىپ مەكتەپنىڭ كۆل بويىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ياتاققا كىردىم. ياتاقتا ھېچكىم يوق. يەشىكىمنى قويۇپ قويغان يەردىن تارتىپ چىقىرىپ ئۇنىڭدىن« قان سېستىمىسى كېسەللىكلىرى» دىگەن رەڭلىك كىتابنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ گۈزەلنۇر بىر يىل بۇرۇن قايتۇرۇپ بەرگەن كونۋېرتنى يەنە بىر قېتىم ئاچتىم. بۇ قېتىم ئۇنىڭ رەسىمىنى ئېلىش خۇددى گۆر كولاپ كېپەن ئېچىشتىنمۇ تەس ۋە ۋەھىمىلىك بىلىنىپ كەتتى. كونۋېرتنى ئېچىۋېتىپ ھەتتا قەغەزنى قۇرت يەپ كەتكەن بولسا دىگەننى ئۈمىد قىلدىم. ئەپسۇس، ئۇ يەنىلا شۇنداق . ئۇنىڭ گېپى راست بولسا ، بۇ قىز ئۇزۇنغا قالماي توي قىلىدۇ. ئۇ توي قىلىدىغان ئادەم باشقا بىرى ئەمەس بەلكى مەن چىرايىنى كۆرمەي تۇرۇپ تايىقىنى يىگەن خۇمپەر! ئۇ نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ بۇ سوئالنى ھەرقېتىم سوراش ئازاپ، سورىماسلىق شەكلى ئۆزگەرگەن يەنە بىر خىل ئازاپ. ئەگەر ئەلى ئۈمىد قىلغاندەك پىراكتىكىنىڭ ئاخىرىنى ئۈرۈمچىدە قىلالمىسام ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئىشىكىنى تاقامدىم؟ مېنى ھېلىقى ئۆمۈچۈك كۈتىۋالامدۇ؟ ئۇ راستىنلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسىچۇ؟ ئۇ راستىنلا مۇشۇ سەۋەب بىلەن تويغا مەجبۇرلانغان بولسىچۇ؟...ياق،يۈرىكىم ئېچىشىپ خىيالىمنى داۋاملاشتۇرالماي ئالقىنىم بىلەن يۈزۈمنى تۇتىۋالدىم.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ رىچاردنىڭ مۇزىكا لېنتىسىنى ئىزدەپ كىتاب جازامنى ئاختۇردۇم . ئۇ لېنتىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغىنم قىزىق. قايتىدىن ياستۇققا بېشىمنى قويۇشۇم بىلەن بېتخوۋىننىڭ ماڭابەش يىل ھەمراھ بولغان بەشىنچى سىمفونىيىسى خىيالىمدا ياڭراشقا باشلىدى.

... يېرىم كېچە، ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرىمەن. سىرتتا چاقماق چېقىپ قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتىدۇ. بىر چاغدا دەرىزە قېقىلغاندەك بولدى. ئىشىكمۇ چېكىلدى. زادى ئىشىك چېكىلىۋاتامدۇ ياكى دەرىزە چېكىلىۋاتامدۇ؟ چاقماق ھەممە يەرنى يورۇتىۋەتتى. دەرىزە سىرتىدا ھېچكىمنى كۆرمىدىم. ئىشىككە قارىدىم. دەرىزىنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى يەنە كەلدى.
- مۇھىد، مۇھىد.-بۇ گۈزەلنۇرنىڭ ئاۋازى ئەمەسمۇ؟ دەرھال دەرىزە تەرەپكە قارىدىم.- مۇھىد، مېنى كىرگۈزىۋېتىڭ. قورقۇپ كەتتىم. مەن بەك قورقۇپ كەتتىم. - ھېچكىم يوق. گۈزەلنۇر نەدە گەپ قىلىۋاتىدۇ؟ بېرىپ ئىشىكنى ئاچماقچى بولدۇم. لېكىن قانچە كۈچىسەممۇ ئىشىك ئېچىلمايۋاتاتتى. – مۇھىد، مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن. مېنى كىرگۈزىۋېتىڭ .- ئاۋاز يەنە كەلدى. مەن دەرىزىنى ئاچماقچى بولدۇم. لېكىن ئېچىلمىدى. ئىچىم تىتىلداپ ئورۇندۇقنى ئېلىپ دەرىزىگە قارىتىپ ئاتتىم. لېكىن ئەينەكمۇ  چېقىلمىدى. –مۇھىد ، مۇھىد، ئا...- شۇنداق ئېچىنىشلىق ئاۋاز...
چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. نېمىشقا جەزمەن شىنجاڭدا پىراكتىكا قىلش يولىنى تاللايمەن؟- ئۆز-ئۆزەمدىن سورىدىم.-ئەجىبا مېنىڭ گۈزەلنۇر بىلەن كۆرۈشىشىمگە شۇنچە كۆپ ۋاقىت كېتەمدۇ؟ ئەلىنىڭ زەم زەم تىجارىتى ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتامدىم؟ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مەن شۇنچە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىمەن. «بىر ھەپتىلىك رۇخسەت ئالىمەن». ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا ئۆزەمگە شۇنداق دەۋەتتىم-دە كىيىملىرىمنى كىيىپ كارىۋاتتىن چۈشتۈم. 2-سائەتتىن كېيىنكى تەنەپپۇستا سىنىپ مەسئۇلىنىڭ قېشىغا كىرىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ ياتاقتىن چىقىشىمغا بىر ياتاقدىشىم توۋلاپ قالدى.
- مۇھىد،
- نىمە؟-كارىدوردىلا ۋارقىرىدىم.
- تېلىفون!
بۇ فاڭ مۇئەللىمنىڭ تېلىفونى بولۇپ ئۇ ماڭا ئالاھىدە بىر خوشخەۋەرنى يەتكۈزدى. بۇ خۇشخەۋەرنى كەچتىلا ئىنتېرنىت تورى ئارقىلىق ئەلىگە يەتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالماي ئاچمىغىلى بىر ئايدىن ئاشقان ئېلخەت ساندۇقۇمنى ئاچتىم. خەتنى يېزىپ بولۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ كومپىيوتېرنىڭ ۋاقتىغا قارىسام يەنە يېرىم سائەتلىك ۋاقتىمنىڭ پۇلى بار ئىكەن. خەت ساندۇقۇمدىكى بۇرۇنقى خەتلەر ئىچىدىن گۈزەلنۇرنىڭ خەتلىرىنى ئېچىپ قالدىم.
...مۇھىد،كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە يېڭى يېزىق ئىشلەتسە قىزىق بولىدىكەن. QQدا پاراڭلىشايلى دەپسىز. بۇ ئەپسىز بولارمىكىن. ھازىر تورخانىلارنى ئىس-تۈتەك قاپلاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل بالىلار كىرىدىكەن. بۇ يەردە قىز بالا ئۇزاق تۇرسا بولمىغۇدەك. تورخانىنىڭ قىزلارغا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدىغاندەك قىلىدۇ...
...مۇھىد، تېرەمگە بىر نەرسە ئۆرلەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇنى ياشلىقتا بولىدىغان ئەھۋال دىيىشىڭىز مۇمكىن . لېكىن باشقا قىزلاردا مېنىڭكىدەك جىق ئەمەس. بۇنىڭ بىرەر چارىسى يوقمۇ؟ ئەگەر تېرە كېسىلى بولۇپ چىرايىم سەتلىشىپ كەتسە مەندىن ئايرىلىپ كېتەرسىزمۇ؟....
شىئەنگە مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغاندەك بەش يىلنىىڭ ياقى سېتىۋالغان كىتابلىرىمنى ھاۋالە بىلەن يۆتكىۋەتتىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە گۈزەلنۇرنىڭ مەن سىزغان رەسىمىمۇ بار. قېپقالغان يوتقان –كۆرپىلىرىمنى كارىۋاتنىڭ بېشىغا يىغىپ مەھكەم چىگىۋەتتىم.
پويىزغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ئۆيگە تېلىفون قىلدىم. ئاپام مەندىن سائەت قانچىدە كېلىدىغانلىقىمنى ئېنىق سورىۋالدى. گەرچە ماڭا دىمىگەن بولسىمۇ كېلىش ۋاقتىمنى ئېنىق سۈرۈشتە قىلىشىدىن ئاپامنىڭ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق تۈرمەل قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋالدىم. نەفىسە بىلەن رەشىدەگە شىئەندىنلا تاپقىلى بولىدىغان تاش ئويما قونچاقتىن بىردىن ئېلىۋالدىم. ئاپامنىڭ ئىشىنى بىرتال كۈمۈش ئۈزۈك بىلەن ھەل قىلدىم. دادامغا بىر نەرسە ئېلىۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ نېمە ئېلىش كېرەكلىكىنى ئىتتىك بىلەلمەي ئاخىرى ھەممە ئەركىشى ئىشلىتىدىغان ساقال ئالغۇچ ئېلىۋالدىم. بۇ نەرسىلەر بىلەن پويىزغا چىقىپ 48 سائەتلىك سەپىرىمنى باشلىۋەتتىم.
ئورنۇمنى تېپىپ ئولتۇرۇپ پويىز قوزغالغاندىن كېيىن بىشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بولۇپمۇ گۈزەلنۇر تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر-بىرلەپ خىيال قىلدىم. ...«مەن ئەسكى قىز، مەن راستىنلا ئەسكى، ماڭا ئۆچ بولۇڭ»... سۈيدۈككە تېمىۋاتقان قان...«كەچۈرۈڭ مۇھىد، قىز بالا ئاجىز بولىدىكەن»... مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئىككى قىزنىڭ پىخىلداپ كۈلىشى..مەن  توي قىلىمەن....ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ دەرىزە پەردىسى قايرىلىپ يەنە چۈشىدۇ. ...ئاپپاق قار قەھىردان سوغۇق ..6سائەتكە يىقىن ۋاقىت ...زادى نىمە ئۈچۈن .. ماشىنىنىڭ چىراغ نۇرى...«جېنىڭنى خار قىلغۇچە كەتسەڭ بولمامدۇ، بالاڭزا»... ئۆمۈچۈك چېكىلگەن قول... ئاكام كۆزىنى ئاچتى... جېنىم بالام... مەن سېنى ئوغۇل بالا دەپ يۈرسەم خەقتىن شۇنداقمۇ تاياق يەمسەن... ياخشى ئوقۇغىن بالام. بالىمىز دوختۇر بولدى دەپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۈرەي... ئەزان ئاۋازى ... تۇڭگانلار مەسجىدى... لەيلەپ خاتىرەمنىڭ بېتىگە چۈشكەن چېچەك ... ئاللاھ! مەن بىخەۋەر يۈرۈپتىمەن، سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنى بىلمەپتىمەن... ئوغلۇم،رەسىم سىزىش گۇناھ...مەن ئۇنىڭغا ئۆچ ،ئۇ شاللاق قىز..سوغۇق قىش ئاخىرلىشىپ چېچەك پەسلى يېتىپ كەپتۇ. باھارنىڭ ئىللىتىشى چېچەكلەرنى ئېچىلدۇردى. ئەمدى شاخلىرىنى چېچەكلەر بىلەن بېزىگەن مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆز مېۋىسىنى بېرىشكە قاراپ ماڭىدۇ..تەكرار ۋە تەكرار ئۆلگۇم يوق... دۇبەيگە بىللە ماڭايلى ... ياق ئۇ يەرگە ئۆزۈڭ بار، مەن قىزىقمايمەن... سېنىڭ كاللاڭ ئاددى.. سىزگە بۇ گەپنى دىيەلمەيدۇ... بۇ ئاياغلاشمىغان ھېكايىڭىزنىڭ كەينىنى ئاڭلىغۇم بار..ئاللاھنىڭ نامىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئالداپ قويغان بولىسىز... ... 5-سىمفونىيە ... «مۇھىد قورقۇپ كېتىۋاتىمەن، مېنى كىرگۈزىۋېىتىڭ»




رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.078407 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us