رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- چـۇقـان،چـۇقـان،چـۇقـان --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ نەسىر-ئوبزورلار ] -> چـۇقـان،چـۇقـان،چـۇقـان [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

yahxilik 2011-01-30 13:17

چۇقان

(ماقالە)


ئابدۇخالىق ئابلىمىت قۇتلان



بىر سورۇندا قايسى بىر ئاپتۇرنىڭ «رەقەملىرىمىز يەر ناملىرىمىزنى يوقۇلۇپ كەتمىسۇن» دېگەن ماقالىسى توغرىسىدا گەپ بولۇنغان ئىدى، مەن بۇ گەپنىڭ باش-ئاخىرىنى تولۇق ئاڭلىمىغان بولساممۇ، ماقالىنىڭ تېمىسىلا مېنى ئويغا سېلىپ قويدى. شۇنداق، بىز نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئاددىلا قاراپ، بىرقىسىم ئىسىل مەدەنىيەتلىرىمىزنى يۇتقۇزۇپلا كەپتۇق، تېخىمۇ ئىچىنارلىقى يەنە يېڭى مەدەنىيەتنى ئۆز پىسخىك جۇغلانمىمىز، ئادىتىمىز بويىچە تەتبىقلاپ، ماسلاشتۇرۇپ ھەزىم قىلماي، قارىسىغا دورايدىغان، كېيىنكى ئاقىۋىتىنى ئويلىماي يەڭگىللىك بىلەن (ئۆزىمىزنىڭكىنى باشقىلارنىڭكىگە) دوگمىلارچە ئالماشتۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇق، ئۆزىمىزنىڭ يوقاتقان ۋە يوقىتىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ بىلمەي يۈرۈپتىمىز، خۇددى بىراۋنىڭ <قۇللۇق خەتەرلىك ئەمەس، خەتەرلىگى ئۆزىنىڭ قۇللىقىنى بىلمەسلىگىدە >« دېگىنىدەك، يوقاتقىنىمىزدىن كۆرە، يوقاتقىنىمىزنى بىلمەسلىك تېخىمۇ خەتەرلىك بولسا كېرەك.


بىزنىڭ ئۆي ناملىرىمىز


مەن كىچىك ۋاقتىمدا بىزنىڭ ئون نەچچە ئېغىز ئۆيىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئايرىم-ئايرىم ئىسمىي بار ئىدى، ھازىر ناھايىتى ئاز بىرقىسمىلا ئىسىمدە قاپتۇ، (ئايۋان، ساراي، مىھانخانا، دەھلىز، قازناق)«. بۇ سۆزلىرىمىزنى بىرەر كىنو- تېلېۋىزور، ھىكايە، ھەتتا شۇنچە چوڭ ھەجىملىك بىرەر رۇماندىمۇ ئۇچترىتالمىدىم. بۇ سۆزلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ئىگىز بىنالاردا ئولتۇرىۋاتقان ھازىرقى دەۋر كىشىلىرىمىزگە، بولۇپمۇ يازغۇچىلىرىمىزغا رولى قالمىغانمىدۇ؟ بىنالاردىكى شۇ ئۆيلىرىنى نېمە دەپ ئاتايدىغاندۇ؟ مىھمانخانىنىغۇ »كې تىڭ« دەۋالىدىغان بوپقاپتۇ. قازناق دەيدىغان شۇنداق ياخشى نامنىڭ ئورنىغا »«دى شا شى»« دەيدىغان بوپقاپتۇق، باشقا ئۆيلىرىنى »ئا ئۆي«، »ما ئۆي« ياكى »ئۇنداق نەرسە بار ئۆي«، »مۇنداق ئۆي« دەپ بالىلىرىغا بىلدۈرەلمەي قىيلىنىپ يۈرەمدىغاندۇ؟
تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ، مەدەنىيەتشۇناسلىرىمىزنىڭ ۋە تارىخشۇناسلىرىمىزنىڭ ئەسلىدىكى ئەنئەنىمىز بويىچە قانداق خىلدىكى ئۆينى ئاتا-بوۋىلىرىمىز نېمە دەپ ئاتىغان، بىز بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ناملارنى بىنا ئۆيلىرىمىزگە قانداق تەدبىقلايمىز؟ بۇ ھەقتە بىرەر پارچە ماقالا ئىلان قىلىشىنى تولىمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم.
مېنىڭچە « <***نىنجى دەن يۇئەن> ياكى <كورپۇس> دېگەن بۇ سۆز،<**نىنجى دەرۋازا دەپ ئاتالسا؛ ھازىرقى »<لىياڭ تەي(ياكى بالىكون) > دېگەن سۆز، «<پىشايۋان>» دەپ ئاتالسا، يۇقارقىدەك ئاتاشتىن كۆپ چۈشىنىشلىك بولارئىدى.

چۇقان: بىنالىرىمىز ئۆي ناملىرىمىزنى يۈتۈپ كەتمىسۇن!



بىزنىڭ يېڭى بازار، يېڭى مەھەللىمىز


ئىلگىرى ئاتا بوۋىلىرىمىز تەشۋىقات قوراللىرى بولمىسىمۇ، ھەتتا بۈگۈنكىدەك يەرناملىرى ئىدارىسى بولمىسىمۇ، بىرەر مەھەللىنى ئاپىرىدە قىلغاندا، چىرايلىق بولسۇن ياكى يېقىمسىز (<چۆلئەسكى>«، »<گاچىلا>« دېگەندەك) بولسۇن، شۇ يۇرتقا ماسلاشتۇرۇپ ئىسىم قويۇپ كەپتىكەن، بۇ ئىسىملار بىر ئاڭلاشقىلا بۈگۈنكى كۈندە شۇ يۇرتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، ئىتنىڭ مەنبەسى قاتارلىقلارنى يۈزەكى بولسىمۇ بىلدۈرۈپ تۇراتتى، ئەپسۇس، بۇ تەۋەرۈكلىرىمىزنى ساقلىيالماي، 4- يېزا، 7- يېزا دېگەندەك رەقەملىرىمىزگە يەم قىلىۋەتتۇق. ياشلىرىمىز (ھەتتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىرىمۇ) نەچچە ئەۋلات ئۆزى چوڭ بولغان شۇ مەھەللىنىڭ تارىخىنى ئەمەس، ھەتتا قايسى بىر يىللاردا نېمە دەپ ئاتالغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، ئاقىۋەت نېمە بولدى؟ ھىچ بولىمىغاندا بۇرۇنقىنىغۇ بىلمىسەك مەيلىتى، ئەپسۇس ھازىر بىرەر يېڭىدىن مەھەللە ياكى بازار شەكىللەنسە، شۇ تەۋەرۇك يەر-جاي ناملىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلماي، ئاسىيلىق قىلغانلىقىمىزنىڭ ئاقىۋىتىمۇ؟ يەرناملىرى ئىدارىسى ( بۇ ئىدارە مېنىڭچە كونا نامنى تەتقىق قىلىپلا قالماي، ئۇنى بگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ،يېڭى ناملارنى ئىجات قىلىشقا، يوقۇلۇپ كەتكەن ناملارنى ئەسلىگە كەلتۈراپ، تەشۋىقات قوراللىرى ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسە ياخشى بولاتتى)، شۇنچە ئىلغار تەشۋىقات قوراللىرى تۇرۇپ، يېڭىدىن ماس كەلگىدەك بىرەر ئىسىم قويالماي، <يېڭى مەھەللە(ياكى كادىرلار مەھاللىسى)>، <يېڭى بازار (ھەتتا شاڭگاڭ بازىرى)> دەۋالىدىغان بولدۇق. قاراڭ، بىر يۇرتتا ھەتتا بىر يېزىدا شۇنچە كۆپكى <يېڭى بازار>، <يېڭى مەھەللە>لەر. توي-نەزىر باغاقلىرىنى يازغاندىكى، ئو جايلارنى ئىزدەپ تېپىشتىكى قېيىنچىلىقلار ئىچىڭىزنى سىقىدۇ. ئويلاپ قالدىم، شۇ جاھالەت زامان دېيىلىدىغان دەۋىرلەردىكى ئاتا بوۋىلىرىمىز ھازىرقىدەك تەشۋىقات قوراللىرى، يەر ناملىرى ئىدارىسى بولمىسىمۇ، ئۆزلىرى قويغان مۇبارەك نامنى شۇنچە كۆپ يۇرتلارغا كۆچۈرۈپ بارالاپتىكەن، ھەتتا چەتئەللەرگىمۇ ئېلىپ چىقالاپتىكەن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەرىتىسىگە قارىسىڭىز، سىزنىڭ مەھەللىڭىزنىڭ ئىسمىي بىلەن ئوخشاش ناملار بىلەن ئاتالغان يىزا-قىشلاق، ھەتتا شەھەرلەرنى ئۇچرىتىسىز. ئەپسۇس، بىز شۇ مۇبارەك يەر- زىمىن ناملىرىمىزنىغۇ ساقلىيالمىدۇق، ئىچىنارلىقى مەھەللىمىزگىمۇ كىملەرنىڭ ئاللاقانداق ناملارنى قويۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمىز. (بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ شۇنى ئويلاپ قالدىم: ئەقەللىسى تەننى تەربىيىلەيدىغان، بەدەننىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان بىرپەننىڭ «<تەنتەربىيە>» دېگەن شۇنداق قاملاشقان نامىنى ئەجدادلىرىمىز قويۇپ بەرمىگەن بولسا، بىرلىككە كىلەلمەي، ھازىر نېمە دەپ نام بىرەر ئىدۇق؟).

چۇقان: «يېڭى بازار»، «يېڭى مەھەللە» گادايلىقنىڭ نىشانى!



بىزدىكى دوپپا، ياغلىق، سەللە... ماتەم بەلگىسى ئەمەس


ئىلگىرى ھەتتا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدەك مىللى ئۆرپى-ئادەتلىرىمىز دېگەندەك ئىتىبارغا ئېلىنمىغان، قالايمىغانچىلىق ئەۋج ئالغان يىللاردىمۇ، دىخاندىن تارتىپ، چوڭ ئەمەلدارلارغىچە دوپپا كىيىپ يۈرىشەتتى، ئۇنى ھىچكىم چەكلىمەيتى (مەن چەكلىگەننى ئاڭلىمىغان)، ھازىرقى كۈندە ياغلىق ئارتسىڭىز، دوپپا كەيسىڭىز، بۇرۇت قويسىڭىز باشقىلارنىڭ ئورۇنسىز چەكلەپ، مەجبۇرى ئالدۇرۋېتىشىگە ياكى تۈرلۈك (ئۆيىڭىزدە بىرەر ئىش بولۇپ قالدىمۇ؟ دېگەندەك دىلنى غەش قىلغۇچى) سۇئاللىرىغا ئۇچرايدىكەنسىز، مەن كىچىگىمدە (ئالىي مەكتەپتەپتىمۇ ئانچە - مۇنچە) دوپپا كىيەتتىم، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىلى ۋاقىتلارغىچە يۇرتۇمدا يالاڭ باشتاق يۈرىشىمگە ئىمكان بولمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئىنسان نېمىدىن مەھرۇم بولسا، شۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىلگەندەك، يالاڭ باش يۈرۈشنى ئارزۇ قىلىپ، ئۇرۇق- تۇققان، خولۇم - خوشنىلارنى ئاستا-ئاستا كۆندۈرۈپ، يالاڭباش يۈرىيدىغان بولدۇم، بىر قانچە يىل يالاڭباش يۈرۈپمۇ باقتىم، يەنىلا ئۆزەم بولۇپ چىقتىم، ئويلاپ قالدىم، ئەگەر دوپپا، ئەتلەس، كانىۋاي كۆڭلەكلىرىمىز باشقا بىر مىللەتنىڭ بولغان بولسا، بىز ئۇنى (خۇددى بىر مەزگىل شەپكە، شىلەپە مودا بولغاندەك) مودا قىلىپ، ئىھتىمال ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ، كۈن نۇرىدىن بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ماقالىلار بىلەن بىزەپ، <چاچقا ئاق چۈشمەسلىك، چاچ چۈشمەسلىك>نىڭ دورىسى سۈپىتىدە كىيىۋالغان بولاتتۇق. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىكى سىرى- ھىكمەت، گۈزەللىك ۋە خاسىيەتلىرىنى تونىيالمىدۇق. قەدرىنى بىلمىدۇق، پەقەت مۇسىبەت بولغاندىلا كىيىدىغان بولدۇق (كانىۋاي كۆڭلەكلىرىمىز قەيەرلەردە قالدىكىن؟).

چۇقان: دوپپا مۇسىبەتنىڭ بەلگىسى ئەمەس، ئۇ سىزنىڭ گۈزەللىك زىننتىئىڭىز، غورورىڭىز.
ئۆزىمىزدە بار ئەمما باشقىلاردا يوق نەرسىنىڭ ھەممىسى يامان نەرسە، باشقىلاردا بار ئەمما ئۆزىمىزدە يوق نەرسىنىڭ ھەممىسى ياخشى نەرسە بولىۋىرىشى ناتايىن.




ئەۋلاتلىرىمىزنى رەقەملىرىمىز ئالدىدا خىجالەتتە قويمايلى


ھازىر قانداق بىر ئادەمدىن تېلېفون ياكى باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ نۇمېرىنى سورىسىڭىز، كۆپ ھاللاردا ئۇ ئادەم كىچىك بالىدىن تارتىپ ھەتتا بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى، ئالىي مەكتەپنىڭ پروپپىسورى بولغان تەقدىردىمۇ، خەنزۇچە ناملار بىلەن دەپ بېرىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ ھالنى باشقا بىر مىللەت كۆرسە، بۇ مىللەتنىڭ لۇغىتىدە رەقەمنى ئىپادىلەيدىغانغا سۆز يوقمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قىلىشى تەبىئىي. بۇ ھال ھازىرقىدەك تېلېفۇن بىلەنلا چەكلەنسىغۇ مەيلىتى، ئاخىرى بېرىپ نۇرغۇن نەرسىلەرگە باشتا ئاددى قاراپ، ھازىر سۆزلىرىمىزدىن قايسىسىنىڭ ئەرەپچە، قايسىسىنىڭ پارىسچە ئىكەنلىگىنى ئايرىغىلى بولمىغاندەك (ھەتتا بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ بەسەي«نى خەنزۇچە نېمە دەيدۇ؟ دەپ سورىغىنىدەك) ئاقىۋەت كىلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىمىز بىزگىچە ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ بېرەلىگەن رەقەملىرىمىزمۇ خۇددى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە شۇنچە ئېسىل ھەر ساھەدىكى باشقا مەدەنىيەتلىرىمىزگە ئوخشاش بارا - بارا يوقۇلۇپ كېتەرمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىمەن.
مېنىڭچە تېلېفۇن نۇمېرىنىڭ ناملىرىنى ئاتىغاندا نۇمېرنىڭ ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بىرقانچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئاتىساق، قوللۇنۇش، ئەستە ساقلاش ئەپلىك بولارمىكىن دەيمەن. ھازىر رايۇنىمىزدا تېلېفون ئۈچۈن يەتتە خانىلىق سان قوللىنىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خانىسى شۇ جاينىڭ تەۋەلىك نۇمېرىنى بىلدۈرسە، كېيىنىكى تۆت خانىسى شۇ تېلېفونغا خاس نۇمۇر بولغانلىقتىن، مۇشۇنداق ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ ئاتالغاندا يېزىش، ئەستە ساقلاش ئاسانلىشىدۇ. مەسىلەن، 8515454نى سەككىز يۈز ئەللىك بىر، بەشمىڭ تۆت يۈز ئەللىك تۆت (ياكى ئەللىك تۆت - ئەللىك تۆت)، 2520302نى ئىككى يۈز ئەللىك ئىككى، نۆل، ئۈچ يۈز ئىككى(ياكى نۆل ئۈچ - نۆل ئىككى)، 6780009نى ئالتە يۈز يەتمىش سەككىز، نۆل- نۆل- نۆل(ياكى ئۈچ نۆل) توققۇز دەپ ئاتىساق.
ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا «<تەڭرىتاغ كىزەر>» يانفۇنى كۆپ قوللىنىلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بۇنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خانىسى 138 كۆچمە تېلېفون خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تۈر نۇمېرى، كېيىنكى ئىككى خانىسى 99 <تەڭرىتاغ كىزەر>نىڭ ئۆزىگە خاس نۇمۇر، كېيىنكى ئىككى خانىسى رايۇن خەرەكتىرلىك نۇمۇر، ئاخىرقى تۆت خانىسى كارتا ئىگىسىگە خاس نۇمۇر بولغانلىقتىن، مانا مۇشۇ تۆت بۆلەكنى ئاساس قىلىپ ئاتىساق. مەسىلەن: 13899115487نى «بىر يۈز ئوتۇز سەككىز، توقسان توققۇز، ئون بىر، بەشمىڭ تۆت يۈز سەكسەن يەتتە» دەپ، 13899865495نى «بىر يۈز ئوتۇز سەككىز، توقسان توققۇز، سەكسەن ئالتە، بەش مىڭ تۆت يۈز توقسان بەش» دەپ ئاتىساق، باشقا يانپۇن، چاقىرغۇلارنىڭ نۇمۇرلىرىمۇ مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ئاتالسا، مۇۋاپىق بولار دەپ قارايمەن.

چۇقان: رەقەملىرىمىزنىڭ نامى ئەۋلاتلىرىمىزغا ساغلام مىراس قالسۇن.



كومپيۇتېر بىزنى پارچىلىمىسۇن


دۇنيادىكى پەن - تېخنىكىسنىڭ ھازىرقى يۇقۇرى مەدىنىيىئەتلىرى ئىچىدە بىز باشقا مەدەنىيەتلەرگە قارىغاندا، كومپيۇتېر بىلەن ھەرھالدا ئومومىيراق تونۇشلۇق بولساق كېرەك. شۇڭا، بىزنىڭ رايۇنىمىزدىكى قانداق بىر ناھىيە بازىرىغا (ھەتتا بىرقىسىم يېزا - كەنتلەرگىچە) بارمايلى، بىرەر دوختۇر، ئادۋۇكاتلار تېپىلمىغان تەقدىردىمۇ، كومپيۇتېر ئارقىلىق خەت بېسىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۇكانلارنى ئاسانلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ خوشاللىنارلىق ئىش. ئەمما، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، سىز بىر دۇكاندا ماتىرىيالنى ئۇردۇرۇپ، تاسادىبى ئەھۋالدا ئۇردۇرۇپ بولغان بۇ ماتىرىيالنى باشقا بىر دۇكاندا باستۇرماقچى بولسىڭىز، ئىككى دۇكاندىكى ئۇيغۇرچە سىستېمىنىڭ باشقا- باشقا شىركەتلەردە روياپقا چىققانلىقى سەۋەبىدىنلا باستۇرالماي، كۆڭلىڭىز چىگىش سۇئاللار بىلەن غەشلىكتە قايتىپ چىقىسىز. (مەزكۇر يازماممۇ ئىلگىرى بىلگىياردا ئۇرۇلغان ئىدى، توردا ئېلان قىلىش ئۈچۈن، ئەلكاتىپقا ئايلاندۇرۇشتا تولىمۇ قىينالدىم.) ئەگەر سىزنىڭ ماتىرىيالىڭىز بىزنىڭ يېزىقىمىزدىن نەچچە مىڭ ھەسسە ئارتۇق خېتى بار خەنزۇ يېزىقىدا بولغان بولسا، باشقا بىر ئۆلكە ھەتتا چەتئەلدىكى كومپيۇتېردا ئۇردۇرغان تەقدىردىمۇ، يىراق سەھرادىكى كومپيۇتېرخانىدا باستۇرالىشىڭىز مۇمكىن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ بىرەر كەمچىلىكى بارمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس !. بەلكى بىزنىڭ ئاشۇ سىستېمىنى شۇنچە جاپا- مۇشەئەقەت، كۆپ بەدەللەر بىلەن مەيدانغا كەلتۈرۈپ بەرگەن نىيىتى مۇجىمەل ئالىملىرىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىككە كىلەلمىگەنلىكىدە. ھىچبولمىغاندا بۇ ئالىملىرىمىزنى قايسى بىر ئۇسۇلدا بولمىسۇن بىرلىككە كەلتۈرۈپ يېتەكلەيدىغان بىرەر كۈچنىڭ بولمىغانلىقىدا.
بۇ ماقالام ئارقىلىق كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئالىملىرىمىزغا شۇنداق سۇئال قويغۇم كىلىدۇ: دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەر بىر جاھانناما ئەينىكى (ئىنتەرنەت) ئارقىلىق بىر-بىرىنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ. جۈملىدىن باشقا مىللەتلەر قورسىقىنى كەڭ تۇتۇپ، بىر-بىرىنى يەكلەيدىغان ئاشۇ چۈجە- خوراز سىستېمىللىرىمىز ئۈچۈن سۇپا (ۋىندوۋس) ياساپ بېرىۋاتىدۇ، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانسىلەر؟ بۇ ھال ئۈچۈن نۇمۇس، ئېچىنىش ھىس قىلمامدۇق؟

چۇقان: ئەي زىيالى سەن مىللەتنىڭ گۈل تاجىسى، كومپيۇتېرىڭ بىلەن مىللەتنى پارچىلىما، ئەۋلاتلىرىڭنىڭ قىساسىغا قالىسەن.




ئاخىرقى سۆز


مەن بىرقىسىم خىزمەداش، دوستلىرىمغا بۇھەقتىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويسام، تىل ئۆئاگىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئىشلىتىش كېرەك، ئىشلەتمىسەك ئۆگەنگەننىڭ نېمىگە پايدىسى دېگەن گەپلەرنى قىلدى، شۇنداق، تىلنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىش كېرەك، ئەمما ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئۇ تىلنى ئانا تىلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئەمەس، ئەگەر بىر تىلنى ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئانا تىلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش بولسا، بۇ دۇنيا ئىھتىمال ئاللىقاچان بىر تىللىق دۇنيا بولماسمىدى؟ ئىلغار تەرەققى قىلغان مىللەت كىشىلىرىنىڭ باشقا بىر تىلنى ئانا تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىنىنى ئاڭلىمىدىم، يىراقنى قويۇپ كۆز ئالدىمىزدىكى خەنزۇ مىللىتىنى ئالايلى، ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئاساسەن ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرەرسىنىڭمۇ ئۆز تىلىنى بۇزۇپ قەدەمدە بىر ئىنگلىزچە ئارلاشتۇرۇپ، بىزدەك ئارىلاشما(ئەبجەش) تىل ھاسىل قىلغىنىنى كۆرمىدىم. ئۇلار ئېنگلىز تىلىنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن تىل ئادىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن (ھەرگىزمۇ لۇغەت تەركىبىنى قارىغۇلارچە بېيىتىش ئۈچۈن ئەمەس) ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمىز.
بىزنىڭ تىلىمىزدا ئەرەپ، پارىس تىلىنىڭ لۇغەت تەركىۋى شۇنچە كۆ پ بولىشى نېمە سەۋەپتىن؟ ئىھتىمال بۇ تىلنىڭ ئىگىلىرى بىزنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغان بولماستىن، بەلكى ئەينى دەۋىردىكى بىزنىڭ يۇقۇرى قاتلام زىيالىلىرىمىز ئەشۇ تىللارنى ئۆگىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقىدەك تىلىمىزنىڭ لۇغىتىنى بۇزۇپ يۈرۈپ، ئاخىرى ساپ تىلىمىزنىڭ بۆگىنىدەك ئەبجەشلىك پاجىئەسى كىلىپ چىققان بولغىيتى؟

ھازىرقى مەيلى ئېغىز تىلى بولسۇن، يېزىق تىلى بولسۇن، يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەمەس، ھەتتا يېقىنقى زاماندا ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان <قىزىل راۋاقتىكى چۈش>، «<سۇ بويىدا>» قاتارلىق رۇمانلاردىكى تىل بايلىقلىرىمىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئانا تىلىمىزنىڭ سىھرى كۈچى ۋە مول، جەزبدار، جانلىق، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ھىس قىلالايمىز.
دېمەك، بىز ئانا تىلىمىزنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئوبدان ئىگىلىيەلىسەك، ئۆتمۈش تارىختىكى بولمىسۇن، ھازىرقى پەن تېخنىكا، ئۇچۇر دەۋرىدە بولمىسۇن، ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ھەرقانداق نەرسىنى ئىپادىلەشكە قادىرئىكەنلىگىدىن شەكلەنمەيمىز. مەن «<كۆۋرۈك>» جورنىلىنىڭ مەلۇم بىرسانىدا قايسى بىر ئاپتۇرنىڭ چەتئەل تىللىرىدىن قارىغۇلارچە سۆز قوبۇل قىلماي، <كومپيۇتېر>نى <كەمپۇتەر>دەپ ئاتىساق، ئاھاڭ جەھەتتىن خەلقئارالىق سۆز(كومپيۇتېر)گە يېقىن، مەنا جەھەتتىن بۇ سۆز ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا ماس كىلەتتى.دېگەن مەزمۇندىكى ماقالىسىنى كۆرۈپ، ئاپتۇردىن ناھايىتى سۆيۈنگەن ئىدىم. دېمىسىمۇ ئۇ ئۈسكىنە ئادەمنىڭ نۇرغۇن كەم تەرەپلىرىنى پۈتتۈرۈپ بېرىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەپسۇس، بۇ چاقىرىق قۇمغا سۇ سىڭگەندەك ، بۇنىڭغا قارىتا ھىچقانداق سادا بولمىدى. بۇ يەردە شۇنى قوشۇمچە قىلغۇم كىلىدۇ، ئىنتىرنىت تورىنى ئاتا بوۋىلىرىمىز چۆچەكلەر ئارقىلىق ئاللىقاچان بىزگە بىلدۈرۈپ بولغان تۇرۇپ، «جاھاننامە ئەينىكى» ياكى قىسقارتىپ «جاھاننامە» دېسەك، قايسى جەھەتتىن بولمىغىدەك؟

چۇقان: بىرتىلنى ئۆگىنىشتىكى مەقسەت، ئانا تىلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ياكى تىلنى ئەبجەش قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇ تىلنى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش.



بۇ ماقالە <<مۇنبەر>> ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 2-سانىدا ۋە <<قۇمۇل ئەدەبىياتى>> ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 4-سانىدا (<كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە سۆز> تىمىسىدا)ئېلان قىلىنغان.



چۇقانغا كېيىن قوشۇلغان يانداشما پاراڭلار

<تەختىراۋان>، <تەنتەربىيە> دېگەن سۆزلىرىمىزدىن تۇغۇلغان ئويلار



راۋان سۆزى ناھايىتى مول مەنىگە ئىگە بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇ ناھايىتى كەم قوللىنىمىز، ئويلاپ قالدىم، ئەگەر ئاتا بوۋىللىرىمىز نىڭ<تەختىراۋان> سۆزى ياسالغان زامانىدا، ئايرۇپىلان، پارىخوت دېگەنلەر بولغان بولسا، <كۆكتەراۋان>، <سۇداراۋان> دەمتىكەنمۇ دەيمەن،
سىز ئويلاپ بېقىڭ، ماڭمايدىغان نەرسىنىڭ تىزلىكى بولامدۇ؟ ئېنىق قىلىپ ئەيتسام، مېڭىلغۇچىدا تىزلىك بولامدۇ؟ تىزلىك دېگەن پەقەت ماڭغۇچى نەرسىدىلا بولىدۇ. ئۇنداقكەن تىز سۈرەتلىك يول دېگەن بۇ سۆز لوگىكا جەھەتتىن <تىز ماڭىدىغان يول> دېگەن ئۇقۇمنى بېرىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە تىز سۈرەتلىك يولنى راۋانيول دىسەك، راۋان سۆزىنىڭ توسالغۇسىز دېگەن مەنىسىگە يانداشقان ھالدا توسالغۇسىز يول دېگەن مەنىنى بېرىدۇ، توسالغۇسىز يولدا ئەلبەتتە تىز ماڭغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ يۇقۇرى تىز سۈرئەتلىك يول دېگەننى داغدام يول، ياكى ئالىي راۋانيول دېسەك تېخىمۇ مەنتىقىغە ئۇيغۇن بولماسمۇ؟

بۇرۇنقى چاغلاردا دەرسنى ساۋاق دەيمىشكەن، ئويلاپ باقسام، <تەجرىبە - ساۋاق> دېگەن سۆز ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋېتىپتۇ، يانا بەزىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساق، بۇ ئىش ماڭا بىر <ساۋاق> بولدى، دەپمۇ سالىدىكەنمىز. دىمەك، ساۋاق دېگەن سۆز تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق توپلانغان بىلىم دېگەن مەنىگە ئىگە سۆز بولسا كېرەك، ئۇنىڭ مۇشۇ خىل مەنىسىدىن پايدىلىنىشنى بىلسەكلا يەنە خېلى سۆزلەرنى ياسىغىلى بولامدۇ - قانداق؟
تەنتەربىيە دېگەن بۇ سۆزنى ئوبدان تەھلىل قىلسىڭىز ، كۆڭلىڭىز سۆيۈنۈپ كېتىدۇ، ئەگەر چوڭ دادام پېداگوگىكا ئوقۇغان بولسا،پېداگوكىكا دىگەن سۆزگە ساۋاقتەربىيە دەپ ئىسىم قويار بولغىيمىتى، پىسخولوگىيەگە خۇيتەربىيە ..... دېگەندەك ئىسىملارنى قويار بولغىيمىتى دەپ قالىمەن.
يۇقارقىلارنى دېيىشىمدىكى مەقسەت، تىلىمىزغا ئاللا قاچان ئومۇملىشىپ كەتكەن سۆز (راۋان يولدىن باشقا)لەرگە قايتا سۆز ياساش ئەمەس، بەلكى بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، پايدىلانساق دىمەكچىمەن.


ئاخىرىدا دوستلۇرۇمغا مۇنداق بىر قانچە ئىشنى ھاۋالە قىلماقچىمەن:
تۆۋەندىكى سۆزلەر نىڭ قايسىسى مەتبۇئاتتا ئۇچرايدۇ؟ ئۇلارنىڭ مەنىسى نېمە؟

1. ئوتۇن، تارىشا، شېشىق، تەمەچ
2. گۈلە؛
3. ساتما، چەللە، بارڭ، گەمە
4. قازناق، ساراي، دەھلىز، ئايۋان.
2. يۇقارقىغا ئوخشاش يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان يەنە قانداق سۆزلىرىمىز بار؟
3. مېنىڭ يۇقارقىلارنى دوستلارغا ھاۋالە قىلىشىمدىكى سەۋەپ، بەزى تەرجىمانلىرىمىز، گۈلە سۆزىنىڭ ئورنىغا ئۈرۈك قېقى، ۋاسالغېنىڭ ئورنىغا ئۈجمە قېقى دەپ تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىكى بەش-ئون يىلدا چۈجىنى توخىنىڭ بالىسى، مادىنى ئىشەكنىڭ چىشىسى، تارىشىنى ئوتاننىڭ ئۇششىقى، تەمەچنى ئوتاننىڭ تالقىنى دەپ تەرجىمە قىلىپ قويمىغىدى دېگەن ئەندىشىلىك خىيالنى يوق قىلىش ئۈچۈن...

begana 2011-01-30 13:58
سالام ياخشىلىق ....
تىمىڭىزنى كۆرۈپ ئۇنتۇلغان سۆزلەر بىلەن ئالماشقان سۆزلىرىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم .
مىنىڭ ھەممىدىن كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى ھازىر ئىلانلىرىمىزدا ئۇرغۇلۇق ھالدا ئىيتىلىۋاتقان"كىلىن قىزىم"دىگەن سۆز .گەرچە بىزدە بۇرۇندىن قىيىن ئاپا ،قىيىن ئاتا ،كىلىن ،كىيئوغۇل دىگەن سۆزلەر بولسىمۇ بىراق بىز پەرىقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىپ كەلگەن دەپ قارايمەن بىراق بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق تىز كىلېننىڭ بىر چەتكە ئايرىلىپ چىقىپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن .
بىقىۋالمىغىچە كالا بولماپتۇ ،تۇغۇۋالمىغىچە بالا دەپ قىزىمنىڭ ئالدىغا كىلننى قوشۇۋالغىلى تۇرساق مەندەك كىلىننىڭ خۇيى تۇتۇپ قالدىكەن.

maxal20 2011-01-30 14:42
مېنىڭ ھەممىدىن دىققىدىمنى تارتقىنى ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەر توغرىسىدىكى بايان بولدى. مېنىڭ ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەب، ئاز ساندىكىسى پارىس. مەن بىر ئۇيغۇر. سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەلمىسەم ئۇلارنىڭ تەھلىلىدىكى سۆزلەردىن بىلىۋالىمەن. نۇرغۇن سۆزلىرىنى چۈشىنىمەن. بۇنىڭ بىلەن خۇشال بولسام بولاتتى. لېكىن بۇ مېنى تولىمۇ چوڭقۇر ئويلارغا سېلىپ قويدى. بۇرۇن شۇنداق قوبۇل قىلىپتىكەنمىز... ھازىرمۇ تېز قوبۇل قىلغىىۋاتىمىز... يەنە قوبۇل قىلىۋېرىو ئۆزىمىزنىڭكىنى يوقۇتۇپ قويمىساق بولاتتىغۇ. ماتىماتىماتىكا، فىزىكا ئاتالغۇرىلىمىز توغرىلىق سۆزلىگۈممۇ يوق... ئالىم چىقتى دەيدىكەنمىز، پەخىرلىنىدىكەنمىز، لېكىن شۇ ئاتالغۇلارنى تەرتىپلەشتۈرۈپ تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولسا قانچە خۇشال بولاتتۇق؟ ئاي ناملىرىمىز ئېنگىلىزتىلىدىن، كۈن ناملىرىمىز پارىسلاردىن كىرىپتىكەن، بىزنىڭ يوقمىتى؟ نەگە كەتتى؟ 12 ئاينىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىر مۇنبەردە ئوقۇپ تولىمۇ خۇشال بولۇپ يادلىۋالدىم. دېمەكچى تۇرمىشىمىزدا قوللانساق... بالىلىرىمىزغا ئۆگەتسەك... تىل ساپ قالسا...

tograk001 2011-01-30 14:42
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم تورداش ياخشىلىق.
بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم . ئۇنتۇلۇپ كىتەي دىگەن سۆزلىرىمىز توغرىسىدا مەندە ئاجايىپ ئوي-خىياللارپەيدا بوپقالدى.    دىمىسىمۇ  بىز بەزى سۆزلىرىمىزنى ئۇنتۇپ ئۇنىڭغا خەنزۇچە،ياكى ئىنگىلىزچە.......ئىسىملارنى قوللىنىپ يۈرۈيمىز. بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.       يەنە< بىزدىكى دوپپا، ياغلىق، سەللە... ماتەم بەلگىسى ئەمەس>>ھەققىدىكى بۇ مەسىلە بىك ياخشى بوپتۇ.  ھازىر  بىرەرىمىز دوپپا كىيىۋالساق كۆرگەنلەر   بىرەرسى تۈگەپ كەتتىمۇ ؟   دەپ سورايدىغان بوپقالدى.    بۇ باش كىيىملەر بىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىمىزغۇ ؟ئۇنى ئادەتتە كىيىپ يۇرسەك بولمامدىكەن............  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن  بەك ياخشى تىمىلاركەن.

tograk001 2011-01-30 14:47
دەھلىز،شېشىق  مەن بۇلارنىڭ ئېنىق مەنىسىنى بىلمەيدىكەنمەن . قالغىنىنى ھەر ھالدا بىلىدىكەنمەن ،

gulvm 2011-01-30 15:38
سالام  ياخشىلىق !قولىڭزغا دەرىت بەرمىسۇن!
سىز  ئوتتۇرىغا  قويغان سۆزلەرنىڭ  مەنىسىنى  خىلى  بىلىدىكەنمەن.ئۇنتۇلۇپ قالغان ۋە بىز باشقا تىل  بىلەن ئاتاۋاتقان  سۆزلەر كۆپ  ئىكەن.
يەنە  تېخى ئەڭ ئېغىر بولغىنى تىلفۇن نۇمۇرلىرىنى ئۆز  تىلىمىزدا دىيەلمەي ،باشقا  تىلدا  سۇدەك راۋان  دىيىشلىرىمىز .  بۇ  مەسىلىلەرنى  تۈزىتىشكە  دىققەت  قىلساق  بولغۇدەك.
"بىزدىكى دوپپا، ياغلىق، سەللە... ماتەم بەلگىسى ئەمەس"  بۇ  مەزمۇنمۇ  بەك  ياخشى  يېزىلىپتۇ . ئۆزەمنىڭ  بېشىدىن ئۆتكەن  ئىشنى  دىسەم  : خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن مەن  يىزىدا ئىشلەيدىغانلىقىم  ئۈچۈن  ياغلىق  ئارتىۋالدىم. خىزمەتداشلىرىم  نىمە  دىدى  دىمەمسىلەر ؟     ھەي......  "ئۆيىڭىزدە  بىرەر ئىش  بولمىغاندۇ  ؟ " دەيدۇ ، ھىلىمۇ  ياخشى بېشىمدىكى ئوچۇق رەڭلىك ،گۈللۈك  ياغلىق  بولغىنى ،ئاق  ياكى قارا ياغلىق  ئارتمىغانتىم بولمىسا.  شۇندا ئاچچىغىم  كەلدى.......
"بۇ دۇنياداكۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ " دەپتىكەن  كونىلار  .مۇشۇنداق  دىققەت  قىلماي  كىتىۋەرسەك ،كۆرىدىغىنىمىز ،ئاڭلايدىغىنىمىز كۆپ ئوخشايدۇ.

taranqi 2011-01-30 16:25
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ... رەھمەت سىزگە ...
بۇ تېمىڭىز مېنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرۇپ قويدى ...

天堂 2011-01-30 19:18
ناھايىتى ئەھمىيىتى بار تءما يوللاپسىز ،بەكمۇ سۉيۉندىم .(كەچۉرۉڭلار حەت يازسام عەلىتە چىقىدىعان بۇلۇپ قالدى )بۉگۉنلا ئۆدە ئكاملار بىلەن تىلىفۇن نۇمۇرىنى نىمە ئۉچۉن ئۇيعۇرچە ئاتىمايمىز ؟دىگەن تىمىدا سۆزلەشكەن ئىدۇق ،ئۉچ -تۆت يىل ئىلگىرى بىزنىڭ ئۆيگە 80نەچچە ياشلىق بىر چوڭ دادىمىز كىلىپ قۇنۇپ قالدى ،كەچتە باشقا بىر نەۋرىلىرىنى كۆرگۉسى كىلىپ تىلىفۇن بىلەن ئالاقىلاشماقچى بۇلۇپ تىلىفۇن نۇمۇرىنى حەنزۇچە دەپ بىرىۋىدى ،شۇنۇمۇرعا تىلىفۇن ئۇرساق دەل شۇ بىز ئىزدىمەكچى بولعان تۇققانلاركەن ،مەن شۇ چاعدا شۇنى ئويلىدىم بۇ چوڭ دادىمىز ئادەتتە بىرە ئءعىز حەنزۇچە بىلمەيتى نىمە دىگەن راۋان بىلىۋالعاندۇ؟ سەۋەپ نەدە؟
شۇڭا مەن دەيمەن بىزنىڭ ئۇيعۇر تىلىمىزدىكى مول   سۆز بايلىعىنى تەشۋىق قىلىدىعان مەحسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلشساق ،بىلمىگەنلەر بىلىۋالساق ،تەلەپ بىلمىگەنلەر قالايمىقان مۇنازىرە يۉرگەزمەي سۇكۉتتە تۇرسا ،

hedayet 2011-01-30 21:43
نەقىل
بۇ 7قەۋەتتىكى天堂 يوللىغان 2011-01-30 19:18 غا قارتىلغان  :
ناھايىتى ئەھمىيىتى بار تءما يوللاپسىز ،بەكمۇ سۉيۉندىم .(كەچۉرۉڭلار حەت يازسام عەلىتە چىقىدىعان بۇلۇپ قالدى )بۉگۉنلا ئۆدە ئكاملار بىلەن تىلىفۇن نۇمۇرىنى نىمە ئۉچۉن ئۇيعۇرچە ئاتىمايمىز ؟دىگەن تىمىدا سۆزلەشكەن ئىدۇق ،ئۉچ -تۆت يىل ئىلگىرى بىزنىڭ ئۆيگە 80نەچچە ياشلىق بىر چوڭ دادىمىز كىلىپ قۇنۇپ قالدى ،كەچتە باشقا بىر نەۋرىلىرىنى كۆرگۉسى كىلىپ تىلىفۇن بىلەن ئالاقىلاشماقچى بۇلۇپ تىلىفۇن نۇمۇرىنى حەنزۇچە دەپ بىرىۋىدى ،شۇنۇمۇرعا تىلىفۇن ئۇرساق دەل شۇ بىز ئىزدىمەكچى بولعان تۇققانلاركەن ،مەن شۇ چاعدا شۇنى ئويلىدىم بۇ چوڭ دادىمىز ئادەتتە بىرە ئءعىز حەنزۇچە بىلمەيتى نىمە دىگەن راۋان بىلىۋالعاندۇ؟ سەۋەپ نەدە؟
شۇڭا مەن دەيمەن بىزنىڭ ئۇيعۇر تىلىمىزدىكى مول   سۆز بايلىعىنى تەشۋىق قىلىدىعان مەحسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلشساق ،بىلمىگەنلەر بىلىۋالساق ،تەلەپ بىلمىگەنلەر قالايمىقان مۇنازىرە يۉرگەزمەي سۇكۉتتە تۇرسا ،

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
     سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزمۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. سىز تىلنىڭ رولىنى شۇنچە ئوبدان بىلىدىكەنسىز، ھەتتا بۇ توغرىدا مەخسۇس سەھىپە ۋە مۇنازىرىنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەنسىز. بۇ تولىمۇ قەدىرلەشكە تېگىشلىك قىممەتلىك روھ! ئەمما سىزنىڭ ئەزا نامىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن خەنزۇچە قويۇلۇپ قالغانلىقى مېنى ئويغا سالماي قالمىدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ئىسىم چىقمىدىمۇ؟ ھىچ بولمىغاندا ‹ جەننەت › دەپ يېزىشنىغۇ بىلەر ئىدىڭىز؟... قايسى بىر شائىرنىڭ مۇنداق بىر كوپلېت شېئىرىنى ھوزۇرىڭىزغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم، رەنجىمەي، ئوقۇپ باقارسىز ( ئىشىنىمەنكى، سىز مۇنازىرىگە مۇش كۆتۈرىدىغان نادانلاردىن ئەمەس! ):
نەسىھەتچى ئاۋال ئۆزۈڭ تۈزەت،
ئۆزۈڭ بىل، ئاندىن باشقىلارغا ئۈگەت.
كۈلكىدۇر ئەمانىڭ قولىدا چىراق ــ
باشقىلارنى باشلاپ ماڭسا ئەبەد!...

ihlasmen 2011-01-31 06:17
ئاپېرىن سىزگە ياخشىلىق!
ناھايىتى قىممەتلىك يازمىكەن!
ئەلبەتتە ئىسىم - ناملار مەسىلىسى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى مەسىلە ئەمەس!
دېمەككى، ئىسىم - نام ئۆزگەردى دېگەنلىك تارىخ ئۆزگەردى دېگەنلىك، تارىخ ئۆزگەردى دېگەنلىك شۇ تارىخ بىلەن مۇناسىەۋەتلىك مىللەتنىڭ يىلتىزى كىسىلدى دېگەنلىك! يىلتىزى كىسىلگەن مىللەتنىڭ تەقدىرى نىمە بولىدۇ؟ ــــ ئۇ مىللەت تارىختىن يوق بولىدۇ!!!
بۇنى ئەمىلىي چۈشۈنۈش ئۈچۈن :

/read.php?tid=6048
ۋە
/read.php?tid=5995

ئادرېسلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىشقا بولىدۇ.
قىسقىسى ، بۇ مەسىلە ئادەتتىكى مەسلە ئەمەس!
ئاپتورغا كۆپ رەھمەت!

mahira513 2011-01-31 13:32
بۇ ھەقىقەتەن چۇقان سالغۇدەك ئىشلاركەن. ھەممىمىز كۆڭۈل بۈلۈشكە تىگىشلىك، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى بىلەن ھازىرقى زاماندا پەيدا بولغان ھەر قانداق بىر يېڭى ئاتالغۇنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، لىكىن بىزدە پەقەت شۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سېستىمىلاشتۇرۇش كەم بۇلىۋاتىدۇ. ھەم شۇ يېڭى سۆزلەرنى تەشۋىق قىلىپ ئىشلىتىش كەم بۇلىۋاتىدۇ. بىزلەرمۇ بۇ ئىشلارنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ بولالمايۋاتىمىز، ئۆگىنىپ قاپتىمەن، بۇ تىلىمغا بەك كىلىدىكەن دەپ باشقا تىلدىكى سۆزلەرنى خۇددى ئۆز تىلىمىزدىكى سۆزلەردەك بەخۇدۈك ئىشلىتىۋاتىمىز. شۇڭا جەننەت دىگەندەك مۇمكىن بولسا مەخسۇس ئانا تىلىمىز ئۈچۈن سەھىپە ئاجراتساق. ئەۋلاتلىرىمىزغا ئەبجەش تىل ئەمەس ساپ ئۇيغۇر تىلى قالدۇرساق. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز پەقەت ئېغىزىمىزدىلا قايناپ بەرمەي، ئۆزىمىزدىن باشلاپ دىققەت قىلساق، ئەتراپىمىزدىكى بىر نەچچە ئادەمگە بولسىمۇ تەسىر قىلالىساق بەك ياخشى بولاتتى.

mazargojam 2011-01-31 13:49
نەقىل
بۇ 1قەۋەتتىكىbegana يوللىغان 2011-01-30 13:58 غا قارتىلغان  :
سالام ياخشىلىق ....
تىمىڭىزنى كۆرۈپ ئۇنتۇلغان سۆزلەر بىلەن ئالماشقان سۆزلىرىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم .
مىنىڭ ھەممىدىن كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى ھازىر ئىلانلىرىمىزدا ئۇرغۇلۇق ھالدا ئىيتىلىۋاتقان"كىلىن قىزىم"دىگەن سۆز .گەرچە بىزدە بۇرۇندىن قىيىن ئاپا ،قىيىن ئاتا ،كىلىن ،كىيئوغۇل دىگەن سۆزلەر بولسىمۇ بىراق بىز پەرىقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىپ كەلگەن دەپ قارايمەن بىراق بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق تىز كىلېننىڭ بىر چەتكە ئايرىلىپ چىقىپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن .
بىقىۋالمىغىچە كالا بولماپتۇ ،تۇغۇۋالمىغىچە بالا دەپ قىزىمنىڭ ئالدىغا كىلننى قوشۇۋالغىلى تۇرساق مەندەك كىلىننىڭ خۇيى تۇتۇپ قالدىكەن.

‹‹كېلىن قىزىم››دەپمۇ گەپ بولامدۇ؟‹‹كېلىن،كېلىنىم››دېسىلا بولمىدىمۇ. يېقىندا ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دا ‹‹كېلىن قىزى››دېگەن گەپنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئېدىم. بۇ بەلكىم قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇلار ئىچىدە يوققۇ دەيمەن.

taxna 2011-01-31 15:09
بۇنىڭ تۇپ سەۋەبى ،ئانا تىلىمىشغا بولغان ھۆرمىتىمىزنىڭ  ئۇنىڭغا بولغان تۇنىشىمىزنىڭ  سۇسلىشىشىدىنمىكىن دەيمەن.

arki 2011-01-31 18:11
بارىكاللا قېرىندىشىم ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي!

天堂 2011-01-31 20:42
نەقىل
بۇ 8قەۋەتتىكىhedayet يوللىغان 2011-01-30 21:43 غا قارتىلغان :

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
     سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزمۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. سىز تىلنىڭ رولىنى شۇنچە ئوبدان بىلىدىكەنسىز، ھەتتا بۇ توغرىدا مەخسۇس سەھىپە ۋە مۇنازىرىنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەنسىز. بۇ تولىمۇ قەدىرلەشكە تېگىشلىك قىممەتلىك روھ! ئەمما سىزنىڭ ئەزا نامىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن خەنزۇچە قويۇلۇپ قالغانلىقى مېنى ئويغا سالماي قالمىدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ئىسىم چىقمىدىمۇ؟ ھىچ بولمىغاندا ‹ جەننەت › دەپ يېزىشنىغۇ بىلەر ئىدىڭىز؟... قايسى بىر شائىرنىڭ مۇنداق بىر كوپلېت شېئىرىنى ھوزۇرىڭىزغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم، رەنجىمەي، ئوقۇپ باقارسىز ( ئىشىنىمەنكى، سىز مۇنازىرىگە مۇش كۆتۈرىدىغان نادانلاردىن ئەمەس! ):
نەسىھەتچى ئاۋال ئۆزۈڭ تۈزەت،
ئۆزۈڭ بىل، ئاندىن باشقىلارغا ئۈگەت.
.......

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم !
مەن دەسلەپ ئەلكۉيى تورىعا جىددى كىرمەكچى بۇلۇپ قءلىپ ،نامىمنى چۇقۇم جەننەت دەپ كىگۉزۉشنى لايىق تءپىپ قانچە قءتىملاپ تىزىملاتسام باشقۇرگۇچىلار پەقەت تەستىقلىمىدى .شۇنىڭ بىلەن حەنزۇچە كىرگۉزۉپ باقايچۇ دەپ مۇنداقلا كىرگۉزسەم ئويلىمىعان يەردىن تەستىقلاپ قۇيدى ،،مىنىڭمۇ ئانچە كاللامدىن ئۆتمىگەن بولمىسا .تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن ،تور دۇنياسىدىمۇ شۇ حەن لەرگە يءشىل چىراقكىنە؟
    سىزنىڭ ماڭا بەرگەن نەسىھىيىتىڭىزگە كۆپ رەحمەت ،بۇنەسىھەتنى مەندىن باشقىلارمۇ مۇمكىن بۇلسا قۇبۇل قىلسا دەيمەن .

gheribjan 2011-02-01 14:29
ھەقىقەتەن  ياخشى  تىما  ئىكەن،مۇنبەرلىرىمىزدە  تۈرلۈك  تېمىلاردا  ياخشى  ئەسەرلەر  ئېلان قىلىنىپ  تۇرىۋاتىدۇ،لېكىن  بۇ  ئەسەرلەرنىڭ  روھىيىتىمىزدىكى،ئىجدىمائىيىتىمىزدىكى  تەسىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك  دىگىلى  بولمايدۇ ،دىمەك  ئىلغار  ئىدىيىنى  رىئاللاشتۇرۇش،ئۆزىمىزدىكى  ئادەت  كۈچىنىڭ،بىپەرۋالىق خاھىشىنىڭ  ئىسكەنجىسىدىن  قۇتۇلۇپ بولالمايۋاتىدۇ،بۇ  ئۆزىمىزدىكى ۋە  ئەتراپىمىزدىكى  كىشىلەردە  "ئازاپ  ئېڭى"نىڭ  ئوبدانلا  "يىگىلەپ"  قالغانلىغىدىن  بولغان.

armanlireim 2011-02-01 22:53
ناھايىتى ياخشى ،رەھمەت .يەنە  تېخى ئەڭ ئېغىر بولغىنى تىلفۇن نۇمۇرلىرىنى ئۆز  تىلىمىزدا دىيەلمەي ،باشقا  تىلدا  سۇدەك راۋان  دىيىشلىرىمىز .  بۇ  مەسىلىلەرنى  تۈزىتىشكە تېگىشلىك مەسىلە تېخى بوۋايلارمۇ شۇنداق دېگىلى تۇرۇپتۇ .
"بىزدىكى دوپپا، ياغلىق، سەللە... ماتەم بەلگىسى ئەمەس"  بۇ  مەزمۇنمۇ  بەك  ياخشى  يېزىلىپتۇ . ئۆزەمنىڭ  بېشىدىن ئۆتكەن  ئىشنى  دىسەم  : خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن مەن  يىزىدا ئىشلەيدىغانلىقىم  ئۈچۈن  ياغلىق  ئارتىۋالدىم. خىزمەتداشلىرىم  نىمە  دىدى  دىمەمسىلەر ؟     ھەي......  "ئۆيىڭىزدە  بىرەر ئىش  بولمىغاندۇ  ؟ " دەيدۇ ، ھىلىمۇ  ياخشى بېشىمدىكى ئوچۇق رەڭلىك ،گۈللۈك  ياغلىق  بولغىنى ،ئاق  ياكى قارا ياغلىق  ئارتمىغانتىم بولمىسا.  شۇندا ئاچچىغىم  كەلدى.......
كومپيۇتېردىكى يېزىق مەسىلىسىمۇ ئېغىر مەسىلە چوۇقۇم بىرلىككە كېلىش كېرەك . ئۇلار بىزنىڭ ساپاسىزلىقمىزنى ئاشكارلاپ قويدى . چوقۇم قەتئى ،تىز بىرلىككە كېلىش كېرەك ،خېتىنىڭ سانى جەنلەر دۇنيادا بىرلىككە كەلتۈردى ،بىزنىڭ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق ھەم كۈلكىلىك .
"بۇ دۇنياداكۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ " دەپتىكەن  كونىلار  .مۇشۇنداق  دىققەت  قىلماي  كىتىۋەرسەك ،كۆرىدىغىنىمىز ،ئاڭلايدىغىنىمىز كۆپ ئوخشايدۇ.

مۇبارەك 2011-02-01 23:03
كونا ئاتالغۇلارنىڭ «يېڭى» لىنىپ كېتىشىلا ئەمەس، بار بولغان ئاتالغۇلارنىڭمۇ خەنزۇچىلىشىپ كېتىشى بەك ئېغىرغۇ ھاززىر. تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم تارىخى تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدا خېلى كۆپ ساندىكى ئاتالغۇلارنى شۇنداق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئالىدىكەن. ھاززىر بېرىۋاتقان «كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدىكى زىيارىتى» ناملىق فىلىمدىمۇ شۇنداقراق سۆزلەرنى پات-پات ئۇچرىتىپ قالىمەن.

ئىشقىلىپ تېما ئىگىسىنىڭ ئاۋۋال بەرگەن ماقالىسى بىلەن ئاخىرىدا ئۆزى يەكۈنلىگەن قارىشىنىڭ خېلى ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن، ئىملاسىنىڭ توغرىلىقى ئاندىن. رەھمەت سىزگە.

bidar-qutlan 2011-10-03 23:09
تورداشلارنىڭ يازمامغا قارىتا ياخشى باھا، ئىلھام بەخش سۆزلىرىدىن سۆيۈندۈم، ئەمما يازمامنىڭ مەنبەسى http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=17601 نى ئەسكەرتىپ قويمىغىنىڭىزدىن ئەپسۇسلاندىم.

korshad 2011-10-04 11:19
تېمىڭىزغا رەخمەت ، ئوتتۇرغا قويغانلىرىڭىز بالاغەتكە يەتكەن بارلىق ئۇيغۇر مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن جىددى مۇئامىلە قىلدىغان مەسىلە.تەرەققىيات بىزنىڭ نۇرغۇن ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزگە خىرىس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەۋلادلىرىمىزغا بىردىن بىر تەۋەرۈك قالدۇردىغىنىمىز بىزنىڭ مۇبارەك ساپ ئانا تىلىمىز.

esil808 2011-10-09 00:11
كىلىن قىزىم دىگەن سۆز كورىيە كىنولىرىنى كۈرۈش داۋامىدا شەككىلىنىپ قالدىمكىن دەيمەن ، نەۋرە كىلىن ، كىلىن قىزىم دەپ شۇ كىنولارنىڭ تەرجىمىلىرىدە ئۇچراتقان ئىدىم


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- چـۇقـان،چـۇقـان،چـۇقـان --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.042892 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us