رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ھايا دېگەن ئىشتانسىز بىر قىز --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ شېئىرىيەت گۈلزارى ] -> ھايا دېگەن ئىشتانسىز بىر قىز [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

alkun 2011-01-14 22:54


ھايا دىگەن ئىشتانسىز بىر قىز
 
ناخشا ئېيتىدۇ بىر رەڭسىز كوچا،
يوق ئەمما دوتارنىڭ بىرمۇ پەدىسى.
ئۆزىدىن ئېزىققان سېرىق چاچ ئايال،
بۇ كوچىنىڭ داڭدار ئەرتىسى.
 
ئۇ ئوينايدۇ ئۇسسۇلدىن چىقىپ،
گاھ ئۇچۇق كۆكرىكى، ساغرىسى بىلەن،
گاھ جامدەك كۆزلىرى، قاشلىرى بىلەن
شەھۋەت بۈشىكىدە جاننى تەۋرىتىپ
چەيلىنىپ كەتسىمۇ پايىدا چىمەن.
 
بۇ ئايالنى ئاڭلىغان ئەرلەر،
تەلۋە ھاياجاننىڭ قورشاۋىدا مەس
ئەخلەتكە تاشلانغان گۈلگە باقمايدۇ.
شۆلگەيلىرىنى ئېقىتقان پېتى
نازۇركۇمغا پاتماي سەكرەيدۇ.
سەكرەپ، سەكرەپ ئايلىنىپ ئوتقا
قىرغاقسىز سۆيگۈگە جاننى تاشلايدۇ...
 
بۇ يەردىكى مۇھەببەت بىلەن
جاراھەت ئېغىزىدىكى تامچىغان قانغا
ئايلىنىپ كەتتى تالاي-تالاي ئەر،
جاندىن كەچسىمۇ جانانغا يەتمەي.
بىلەلمەي قاي زاماندىن كەلگەنلىكىنى
چۆرگىلەپ، چۆرگىلەپ بىرلا قىناقنى
يۈرەر يا ئۈلەلمەي ۋەيا كۈلەلمەي...
 
بۇ كوچا سېھىرلىك شۇنداق بىر كوچا،
نەچچە يىل ئىزلىسەڭ ئىنسان تېپىلماس.
ھايا دىگەن ئىشتانسىز بىر قىز
ھېچكىم ھېچكىمدىن ئەسلا ھېيىقماس.






مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا
 
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
كۆيدۈرۈپ تاشلارنى قىلغۇدەك كاۋاپ.
جىنلارنى ئۇسسۇلغا چىللاپ ئاخشىمى،
ئۈلۈكلەر روھىدا چالغۇدەك راۋاپ.
 
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
قار باسقان چاچلارنى بىر-بىر ۋاراقلاپ.
قىزارغان شەپەكتەك يۇلغۇن بەرگىدە،
قۇشلاردەك ئەجدادلار تىلىدا سايراپ.
 
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
چاڭگا باش قىزلارنى قەھرىمدە ساۋاپ.
دوپپىسى كوچىدا يۈتكەن ئەرلەرنى،
زوھرانىڭ قولىدا دەرياغا تاشلاپ.
 
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
توغراقلار ياش تۆككەن چۆللەرنى كېزىپ.
تارىمنىڭ سۈيىگە تاشلاپ روھىمنى،
بىلمىدىم ياشاشنى ئۆزۈمدىن ئېزىپ.
 
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
پىژغىرىم ئىسسىقتا تىترەپ ئولتۇرۇپ.
جۇدۇندا تەرلىگەن جانلارنى كۆرسەم،
ئىچمىدىم جامغا لىق مەينى تولدۇرۇپ.
 
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
بەلكىم بۇ ھېچ كىمگە تۇيۇلماس ئازاپ.
بىر مىسرا دەپ جاننى بىلەيمەن تاشقا،
ئۆلسەممۇ ئادەمدەك ئۆلۈشكە ياشاپ...




ئىجادىيەت

arman1002 2011-01-16 13:10
شىېرلىرىڭىز بىر-بىرىدىن ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئىنسان شەيتان بىلەن ھەمنەپەس بولغانسىرى ھاياسىزلىق ئەۋجى ئالىدۇ

burkut0998 2011-01-16 14:49
رەھمەت قىرىندىشىم سىزگە ،ياخشى يوللاپ سىز.

gulbargi996 2011-01-18 09:55
ۋاي ۋاي ۋاي بەك ياخشى شىئېركەن بۇ

tomoquk 2011-01-18 11:10
نىمە دىگەن ياخشى يىزىلغان،بەك ھۇزۇر ئالدىم رەخمەت

ئىرىدىن تاشلانغان بىچارە ئايال،
ياشلىققا قايتىشقا دورا تاپالماي.
بويىدى چىچىنى ،يىلىڭ كىيىنپ
تاشلىدى ساسلىققا، نىرى قاچالماي.

tunji 2011-01-20 00:19
ھايا دىگەن ئىشتانسىز بىر قىز

ماۋۇ شېئىرما؟ بەزى مىسراسى تۆت، بەزىلىرى بەش، بەزىلىرى ئالتە يەتتە....
ئىملاسى ۋە پەش-چىكىتلىرىنىڭ جايىغا چۈشمىگىنى تېخى...

gheribjan 2011-01-20 01:10
1-  پارچە   شېئىرنىڭ  تېمىسدا  مەسىلە  بارمۇ  قانداق؟ئۇنىڭدىن  باشقا  يەنە  2-پارچە  شېئىرنىڭ   3-  كۇبلىتى   ئارتۇقچىكەن  دەپ  قارىدىم.  قېرىندىشىم  ئويلۇنۇپ  باقارسىز!

917anwar 2011-01-21 00:17
دوسلار.بەش،بارماقنى بىراخلام ئېغىزغا تىققىلى .بولمايدىغۇ  بولسا شۇ دوستىمىزغا .ئىلھام،مەدەت.بىرەيلى ....تۈزۈتۈش.بىرەيلى ،،،مەنمۇ ئەۋەتىدىغان بىرنەچچە پارچە ئىجادىي شېئىر بار ئىدى [[ 14 يىللىخ جازا مۇددىتىنى تۇگۇتۇپ چىققان بىرەيلەن ئۆزگۈرۈش،جەريانىدا يىزىپتىكەن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ئىكەن تۇخ ]]  يوللاي دىگەن ئىدىم ئىكىلىنىپ قالدىم  

917anwar 2011-01-21 00:26
غېرىپ چاننىڭ تەكلىۋى ئىنتايىن ياخشى تەكلىپ بوپتۇ   تەكلىپ پىكىر دىگەن مۇنداخ بۇلمامدۇ    بەزى پىكىرلەر  ياخشى نىيەت بىلەن يىزىلماخچى بۇلغان بەزى ئەسەرلەرنىڭ باش بېتىگىلا  ئوت ياقىدۇ......

uqkuni 2011-02-12 20:29
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز  تىرىشىڭ

tiwip 2011-02-12 20:31
   راستىنلا ئىگىز-پەسلىك كۆپكەن

gulsabur 2011-02-16 13:20
كىيىنكى شېئرڭىزنى مەن بىلەن بىللە يازغاندەكلا بولۇپ قالدىم. ئاخىرقى ئككى مىسرانى مەن دىمەكچى بولغاندەكلا؛ سىز دىۋاپسىز ئەمەسمۇ

oguzpuxti 2011-09-30 13:29
نەقىل
بۇ 5قەۋەتتىكىtunji يوللىغان 2011-01-20 00:19 غا قارتىلغان  :
ھايا دىگەن ئىشتانسىز بىر قىز

ماۋۇ شېئىرما؟ بەزى مىسراسى تۆت، بەزىلىرى بەش، بەزىلىرى ئالتە يەتتە....
ئىملاسى ۋە پەش-چىكىتلىرىنىڭ جايىغا چۈشمىگىنى تېخى...

سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى شېئىرلار زادى قانچە مىسرا ئىدى ؟ ھەقىچان تۆتلا مىسراغۇ دەيمەن . سىزگە دەيدىغىنىم : بولسا تەكلىپ -پىكىرلەرنى ئىلمىيرەك بەرسىڭىز ،ئۇنداق قىلىشقا (قۇربىڭىز ) يەتمەي قالسا سۈكۈتتە تۇرسىڭىز ؟
ئەگەر شېئىرنى ئازراق چۈشەنسىڭىز ئىنكاسىڭىزنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز .

javir 2011-09-30 14:36
بەزىلەگە  قاغا قارا بۇلىدۇ ، قىزىل قاغىنى ئەكىلىپ كۈزىگە تىخسىڭىزمۇ  ياق قاغا دىگەن قارا  ، قىزىل قاغا دىگەن قاغا ئەمەس دەپ تۇرۋالىدۇ .   خۇددى بۇ دوستىمىز  بىر ياخشى شېئىر  يازسا  مۇشىما شېئىرما  ؟ 5-6-7  مىسرالىق شېئىر بۇلامدا دىگەندەك .....  

tumaris107 2011-10-01 01:15
ياخشى يىزىلىپتۇ. ھازىرقى شىئىرلاردا مىسرا ۋە قاپىيە ئانچە موھىم ئەمەس، ئەركىن يىزىش ئۇسۇلى بارغانسىرى ئۇمۇملىشىۋاتىدۇ.  تىخىمۇ تىرىشىڭ ،تىخىمۇ  ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

adidas777 2011-10-01 04:00
ئىسسىل چىقىپتۇ
777

喀什姑娘 2011-10-02 22:11
ياخشىكەن،يۇقىرىدا باشقا تورداش دوسلار دىگەن كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىۋالسىڭىز بولدىكەن،رەھمەت سىزگە.

korshad 2011-10-03 17:42
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز  تىرىشىڭ

adilkanun 2011-10-03 20:46
شىېرلىرىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ. ئىجدىمائى ئارقا كۇرۇنىشىمۇ شۇنداق ياخشى. بەزى مسرالار ماڭا بەك نەپىس تۇيۇلدى. يەنە  بەزى ئەرزىمەس تەكلىۋى مىسرالار ۋە تەكلىپلەرنى [ ] تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويدۇم.

ھايا دىگەن ئىشتانسىز بىر قىز
[ھايا! دەپ توۋلايدۇ ئىشتانسىز بىر قىز]
  
ناخشا ئېيتىدۇ بىر رەڭسىز كوچا،
يوق ئەمما دوتارنىڭ بىرمۇ پەدىسى.
ئۆزىدىن ئېزىققان سېرىق چاچ ئايال،
بۇ كوچىنىڭ داڭدار ئەرتىسى.
  
ئۇ ئوينايدۇ ئۇسسۇلدىن چىقىپ،
گاھ ئۇچۇق كۆكرىكى، ساغرىسى بىلەن،
گاھ جامدەك كۆزلىرى، قاشلىرى بىلەن
شەھۋەت بۈشىكىدە جاننى تەۋرىتىپ
چەيلىنىپ كەتسىمۇ پايىدا چىمەن.
  
بۇ ئايالنى ئاڭلىغان ئەرلەر،
تەلۋە ھاياجاننىڭ قورشاۋىدا مەس
ئەخلەتكە تاشلانغان گۈلگە باقمايدۇ.
شۆلگەيلىرىنى ئېقىتقان پېتى
نازۇركۇمغا پاتماي سەكرەيدۇ.
سەكرەپ، سەكرەپ ئايلىنىپ ئوتقا
قىرغاقسىز سۆيگۈگە جاننى تاشلايدۇ…
  
بۇ يەردىكى مۇھەببەت بىلەن
جاراھەت ئېغىزىدىكى تامچىغان قانغا
[جاراھەت ئېغىزىدىن تامچىغان قانغا]
ئايلىنىپ كەتتى تالاي-تالاي ئەر،
جاندىن كەچسىمۇ جانانغا يەتمەي.
بىلەلمەي قاي زاماندىن كەلگەنلىكىنى
چۆرگىلەپ، چۆرگىلەپ بىرلا قىناقنى
يۈرەر يا ئۈلەلمەي ۋە يا كۈلەلمەي…
  
بۇ كوچا سېھىرلىك شۇنداق بىر كوچا،
نەچچە يىل ئىزلىسەڭ ئىنسان تېپىلماس.
ھايا دىگەن ئىشتانسىز بىر قىز
[ھايا! دەپ توۋلايدۇ ئىشتانسىز بىر قىز]
ھېچكىم ھېچكىمدىن ئەسلا ھېيىقماس.



مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا
  
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
كۆيدۈرۈپ تاشلارنى قىلغۇدەك كاۋاپ.
جىنلارنى ئۇسسۇلغا چىللاپ ئاخشىمى،
ئۈلۈكلەر روھىدا چالغۇدەك راۋاپ.
  
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
قار باسقان چاچلارنى بىر-بىر ۋاراقلاپ.
قىزارغان شەپەكتەك يۇلغۇن بەرگىدە،
قۇشلاردەك ئەجدادلار تىلىدا سايراپ.
  
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
چاڭگا باش قىزلارنى قەھرىمدە ساۋاپ.
دوپپىسى كوچىدا يۈتكەن ئەرلەرنى،
[ ۋىژدانى كوچىدا يۈتكەن ئەرلەرنى،]
زوھرانىڭ قولىدا دەرياغا تاشلاپ.
  
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
توغراقلار ياش تۆككەن چۆللەرنى كېزىپ.
[توغراقلار ياش تۆككەن چۆللەرنى كەزگەن]
تارىمنىڭ سۈيىگە تاشلاپ روھىمنى،
بىلمىدىم ياشاشنى ئۆزۈمدىن ئېزىپ.
[مەنىلىك ياشاشنى بىلەلمەي يۇرگەن.]
  
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
پىژغىرىم ئىسسىقتا تىترەپ ئولتۇرۇپ.
جۇدۇندا تەرلىگەن جانلارنى كۆرسەم،
ئىچمىدىم جامغا لىق مەينى تولدۇرۇپ.
  
مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا،
بەلكىم بۇ ھېچ كىمگە تۇيۇلماس ئازاپ.
بىر مىسرا دەپ جاننى بىلەيمەن تاشقا،
ئۆلسەممۇ ئادەمدەك ئۆلۈشكە ياشاپ…

[ئىككىنجى شىئېر « مەن شېئىر يازمىدىم تېخى بىر مىسرا» دا «مەن تېخى شىئېرنى تۇلۇق يازمىدىم، ئەمدىلا بىر مىسرا يازدىم.» دىگەن چۇشەنچە بىلەن  « شائىر ئۆزىنى ‹ بىر مىسرا› لاشتۇرۇش يەنى شۇ ‹بىر مىسرا›نىڭ رۇلىنى ئۆزى ئېلىش » چۇشەنچىسى ئارلىشىپ كەتكەندەك تۇنۇشقا كەپ قالدىم. ئېھتىمال خاتالاشقاندىمەن، چۇنكى مەن شىئېردىن ئاز-تۇلا ھۇزۇرلىنالىغان بىلەن شىئېرىيەتكە ئالاقىدار نەزىريەلەردىن بىخەۋەرمەن.]

adilkanun 2011-10-03 21:07
نەقىل
بۇ 4قەۋەتتىكىtomoquk يوللىغان 2011-01-18 11:10 غا قارتىلغان :
نىمە دىگەن ياخشى يىزىلغان،بەك ھۇزۇر ئالدىم رەخمەت

ئىرىدىن تاشلانغان بىچارە ئايال،
ياشلىققا قايتىشقا دورا تاپالماي.
بويىدى چىچىنى ،يىلىڭ كىيىنپ
.......

شىئېردىن ئالغان ھۇزۇردا سىز بىلەن ئورتاقلاشقۇم كىلىپ، سىزنىڭ ئىلھامىڭىزغا ئىلھام قۇشۇپ مىسرالىرىڭىزغا ئىمكان بار سادىق بۇلۇش ئاساسىدا ئازراق ئوزگەرتىۋالدىم. كۆڭلىڭىزگە ئالماسسىز!

 

ئىرىدىن ئايرىلغان بىچارە ئايال،
ياشلىققا قايتىشقا دورا تاپالماي.
بويىدى چىچىنى، كىيىندى يىلىڭ،
تاشلاندى سازلىققا، نېرى قاچالماي.

awakkiz 2011-10-05 16:30
مىنىڭ چىمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ ، نىمىشقا ياخشى باھا بىرىپ ماختاپ تۇرمايمىز ، ئۇنداق سوغۇق گەپ قىلساق بىرەر تىما يوللاشقا جۇرئەت قىلغىلى بولمايدىكەن ، مەن ھاتتا ئىنكاس يىشىتىن مۇ قورقۇپ قالدىم  


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ھايا دېگەن ئىشتانسىز بىر قىز --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.036505 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us