رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مەشھۇر شەخىسلەر -> مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3   4   5  >>  Pages: ( 14 total )

ketmenbay 2011-01-12 12:26




خاتىرىلەردە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك-(1)


          تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(26.01.2010)خەۋىرى:
          ئاتاتۈرك، تۈرك تارىخىدىكى نادىر، مىسلىسىز كىشىلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تۈرك مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى، سېكولار، دېموكراتىك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا تۈرك زامانىۋىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسىدۇر. ئۇ ھەربى، دۆلەت ئەربابى ۋە ئىنقىلابچى بولۇش سالاھىيىتىدىن باشقا يەنە، پىكىر جەھەتتىمۇ سەرخىل مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىدە مەدەنىيەت، ئىدىيە، تەپەككۈر مەسىلىلىرىگە قىزىقىپلا قالماستىن، ھەر دائىم ۋە ھەرقانداق چاغدا بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋە باشلامچىلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى، مىللىي ئازادلىق ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ، شۇنداقلا ئۇ ئېلىپ بارغان ئىنقىلابلارنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ جەمئىيەت بىلەن مەدەنىيەتكە ئالاقىدار ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىمۇ زاماننىڭ ئېقىشى بىلەن بىرلىكتە نەسىلدىن نەسىلگىچە رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگۈسى.
          شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، زامانىۋى تۈركىيە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى ۋە پىكىرلىرى ئۈستىگە قورۇلغان. تۈركىيىنىڭ كۈچلۈك بولىشى ۋە بەختىيارلىقى، بۇ پىكىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، يولغا قويۇلۇشىغا ۋە ئۆچمەس بىر مەشئەل سۈپىتىدە نەسىلدىن نەسىللەرگىچە يەتكۈزۈلۈشىگە باغلىق.
          پروگراممىمىزدىكى سىلەر ئاڭلايدىغان خاتىرىلەردە، ئاتاتۈركنىڭ «كۈچلۈك تۈركىيە نەزىرىيىسى»نى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
          ئاتاتۈركنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى مۇتەپەككۈرلەرگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىدى. ئاتاتۈركچىلىك نەزىرىيىسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ئىدىيە بولۇپ، ھەر تۈردىكى جاھىلانە ئامىللاردىن پۈتۈنلەي پاك، ئاقىلانە دۇنيا قارىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتىدىن مەيدانغا كەلگەن مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئەقىل بىلەن ئىلىم  پەننىڭ رەھبەرلىكى قوبۇل قىلىنغان بۇ زامانىۋى كۆز قاراش، تۈرك مىللىتىنى ھەر دائىم ياخشى، توغرا، پايدىلىق تەرەپكە باشلىغان ۋە باشلايدىغان كۆز قاراشتۇر.
          ئاتاتۈركچىلىك نەزەرىيىسىدە، ئاتاتۈرك پرىنسىپلىرى، ئاتاتۈرك ئىنقىلابىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا روھ بېغىشلىغان نەزەرىيىۋى قاراش بولۇپ، دەل شۇ ۋەجىدىن ئاتاتۈرك ئىنقىلابلىرى، ئاتاتۈرك پرىنسىپىنىڭ كاتتا ئەسىرىگە ئايلانغان شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ پرىنسىپلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تۈركىيىنى زامانىۋى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەقىل بىلەن مەنتىق تەرىپىدىن سىزىلغان يول بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاتاتۈرك پرىنسىپىنىڭ پەلسەپىسىنى ئىنتايىن پايدىلىق ۋە پائاللىققا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. بىز بۇنى ئاتاتۈرك ھەققىدىكى تارىخىي خاتىرىلەردىن ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز.
          ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! ئاتاتۈرك ئىنساننىڭ قەدىر  قىممىتىگە چىن قەلبىدىن ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى ۋە ئۆز ئىنقىلابى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، «بۇ ئىنقىلاب ئەڭ ئالى ئىنسانپەرۋەر نەزەرىيە بىلەن يۇغۇرۇلغان ۋەتەنسۆيەرلىكنىڭ ئەسىرىدۇر. ئەۋلادلارغا پۈتۈن ئۇلۇغلۇقنى ۋە بارلىق گۈزەللىكلەرنى كۆرۈش، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، پۈتۈن نامراتلىقلارغا ئېچىنىش سەنئىتىنى ئۆگىتىدۇ» دەيتتى. ئۇ ئۆزى ياراتقان ئىنقىلابنىڭ ئىماندار باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا مۇھەببەت ۋە دوستلۇق نەزىرى بىلەن قارايتتى.
          بىز ئاتاتۈركنىڭ يېقىنلىقىغا مۇشەررەپ بولغان كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن خاتىرىلەردە، ئۇنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايمىز.
          ئاتاتۈرك ھەققانىيەتنىڭ، ئەقىل  پاراسەتنىڭ ۋە ئەستايىدىللىقنىڭ بېسىلغان ئەمەلىي قەدىمى ئىدى. شۇڭا ئۇ خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئىنتايىن ياخشى ھېس قىلالايدىغان ۋە خەلقنىڭ روھىغا چۇڭقۇر سىڭىشنى پىششىق بىلىدىغان ماھىر ئىنقىلابچى بولۇشتەك ئىقتىدارى سايىسىدا، ئورتاق ئارزۇ ۋە ئورتاق يۆنىلىشلەرنى ئاسانلا مىللىي نەزەرىيىگە ئايلاندۇرالىغان ئىدى. ئاتاتۈرك ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ ئىپتىداسىدىن تارتىپ، ئىنتىھاسىغا قەدەر، تۈرك خەلقىنىڭ يۈكسەك قابىلىيىتىگە قەتئىي ئىشەنگەن بولغاچقا، قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلىرىنىڭ ھەممىنى دائىم «مىللەتنىڭ ئەسىرى» دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتى مىللەتكە بولغان چىن مۇھەببەتنى تايانچ قىلاتتى. ئۇ مۇستەھكەم كىشىلىك ئوبرازى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى، شۇنداقلا سەزگۈگە تايانغان قايىل قىلىش كۈچى ئارقىلىق خەلقنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقالايدىغان ھەقىقىي داھىي ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ تۈرك ئازادلىق ئۇرۇشىغا ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بايراق بولغان ئىدىيە، پىكىرلىرى ۋە ئۆلمەس ئەسەرلىرى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن تۈركىيە تېروتورىيىسىدىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە مەنىۋىي كۈچ بېغىشلاپ كەلمەكتە.
          «خاتىرىلەردە ئاتاتۈرك» ناملىق بۇ پروگراممىمىزدا سىلەر ئاڭلايدىغان ئەسلىمىلەر دەل مۇشۇ تويغۇلارنىڭ ئىپادىسىدۇر.
          ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! بىز يىل بويىچە ھەر ھەپتىسى ئوخشاش ۋاقىتتا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغان «خاتىرىلەردە ئاتاتۈرك» ناملىق بۇ پروگراممىمىزنىڭ تۈنجى بۆلۈمى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
          پروگراممىمىزنى ئاتاتۈركنىڭ تارىخىي سۆزلىرىدىن بىرنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق تاماملايمىز.

          مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ھىكمەتلىرى:
          ★ «ئەگەر بىر مىللەت ھەقىقىي كاتتا مىللەت بولىدىكەن، ئۇنىڭ كاتتىلىقى ئۆزىنى تونۇشى بىلەن تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ»

(
داۋامى بار)
مەنبە: ئۇيغۇر قامۇس
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

dellyar571 2011-01-12 17:47
ئادەمنىڭ ساپاسى ئىدىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز .نامەرت كىشىلەرمۇ كاتتا ئىدىيلەرگە ساھىپ .ئاتا تۈركنىڭ گىپى بولسا بۇنداق تىمىغا ئۇلۇغ ئىدىيىنى چاپان قىلىپ كىيىۋالغان ساپاسىز ئادەملەر غۇڭۇلداپ نەلەردىندۇر ئۇچۇپ كىلىدۇ  . يوقىرىدىكىدەك  بىرىنى يەھۇدى بىرىنى ئەرەپ دىيىشىپ  كىتىشىكەن  رادىكاللارنىڭ كۆڭۇلسىز دىئالوگلىرى بىلەن بۇرۇقتۇم  ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى بۈگۈنكى ئۇيغۇر زېھنىيىتىدە مۇقەررەر نەتىجە .بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان نوچىلار بارمۇ؟ مەيدانغا چۈشۈپ باقمامسىلەر ،مەنىلىك مۇنازىرە بولسۇن  

kaqkun16 2011-01-12 18:14
مۇستاپا كامال تۈركىيەنى گۆر ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ،ھازىر دۇنيادىكى 20كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بىرى قىلدى،مەيلى ئۇ قانداق ئۇسۇل قوللانغان بولمىسۇن ،دۆلىتىنى قۇدىرەت تاپقۇزدى.
ئىسلام دۆلەتلىرىدە بولسا ھازىرغىچە بىر-بىرىنى پارتىلىتىپ،ئاق تاغلىق-قارا تاغلىق بولىۋاتىدۇ،قۇدىرەتلىك ئىسلام دىنىمىزغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇنمانلىرىمىز نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ بۇ مەن تېگىگە يېتەلمەيۋاتقان مەسىلە ،ئۈستىدىكى سىڭلىمىز بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەيدىغان ئوخشايدۇ........

behix 2011-01-12 19:09
ئاتا تۈرك مۇستافا كامال ئاشۇ ئۇلۇغۋار پىلانلىرى بىلەن بىلەن ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەپ بوپتىكەن،

behix 2011-01-12 19:16
مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ناتايىن.ئەگەر  ئۇلار ھەقىقى مۇسۇلمان بولغان بولسا ئىدى ،ئۇنداق ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بولۇپ كەتمەس ئىدى .ھازىر ئاتاقتا مۇسۇلمانلار بەك كۆپ ،لېكىن دىلىدا دىننىڭ قانچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئۆزلىرى بىلەر.بىر بىرىنى چېقىشىپ ،ئوراكولىشىپ ....

erki 2011-01-12 19:53
ئالتىلماچۇپ:
بىلەرمەنلىكنى ئاز قىلىڭ، ئوسمانلى ئىمپىراتۇرلۇقىنى موللىلار پارچىلىۋەتمىدى، ئىمپىراتۇرلۇقنىڭ پارچىلىنىپ، ھەممىسىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىشى شۇنداق تەبى ھەم بولۇشقا تىگىشلىك ئىش. ھېچقانداق مۇستەملىكىچى مەڭگۈلۈك خوجا بولالمايدۇ.
مۇستافا كامال ئاتا تۈرك تۈركىيە جۇمھۇرىيەتنىڭ قانچىلىك تەستە قۇرۇلغانلىقىنى شۇ دۆلەتتە ياشايدىغان خەلق بىلىدۇ... چاناككالە ئۇرۇشى تۈركىيەنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم جەڭ بولۇشى مۇمكىن، شۇ ئۇرۇشتا ئىستانبۇلدىكى ئۇنىۋەرسىت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان ھەم نۇرغۇنلىرى شېھىت بولغان. چاناككالە شەھرىدىكى تارىخى مۇزىينى كۆرۈپ، 18ياشتىن 25ياشقىچە بولغان نەچچە يۈزمىڭ تۈرك ياشنىڭ خاتىرە قەبرىسىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشقان...ئۇلارنىڭ قەبرىسىگە"شېھىتلەر ئۆلمەس، ۋەتەن بۆلۈنمەز" دەپ يېزىقلىق ئىكەن...

مۇستافا كامال نېمىلا بولمىسۇن تۈركىيەنى ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىدىن ساقلاپ قالغان ھەم ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان كىشى. ئۇنى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ.
يۇقىردا بىر تورداش تۈركىيەدىكى دېڭىز بويىدا يېرىم يالىڭاچ يۈرگەنلەرنىڭ گۇناھىنى ئاتا تۈرككە ئارتىپ قويۇپتۇ، شۇ تورداش ئويلاپ كۆردىمىكىن، ئاتا تۈرك بولمىسا، تۈركىيە ئەنگىليەنىڭ ئىشغالىندا قالسا، ئۇلار ياغلىق ئارتىپ يۈرەرمىدى؟
تۈركىيە بولغاچقا نەچچە ئون مىليون تۈرك خەلقى ئازادە جامىلاردا نامىزىنى قىلىۋاتىدۇ، تۈركىيە قورقماستىن پەلەستىنگە ياردەملەرنى قىلىۋاتىدۇ، نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇرنى قوينىغا ئېلىۋاتىدۇ...

dilmuratjan 2011-01-12 19:55
  مىنىڭچە مۇستاپا كامالنىڭ تۇھپىسى بىلەن مەغلۇبىيىتى تەڭلا مەۋجۇت ،   ئۇنۇڭ تۇھپىى شۇكى ئۇ ئۇتتۇر ئەسىردىكى مۇقەددەس ئىسلام نامىغا يۇشۇرۇنغان بىدئەت چاكىنا ئادەتلە تۇپەيلى ئىسلامنىڭ ھەقىقى ماھىتىدىن ئالغا ئىنتىلىش ،ئۇگۇنۇش -  ئىجدىھات قىلىش روھىدىن مەھرۇم بولغان  دۇنيا ئۇرۇشى تۇپەيلى تەخىمۇ ناچار ئەھۋالغا چۇشۇپ قالغان دۇۋلەتنى مۇنقەرىز بۇلۇش ھالاكىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى ، تۇركىيەنى يېڭىچە زامانىۋىلش يۇلىغا باشلاپ ئەكىردى شۇنۇڭ بىلەن ھازىرقى ئىخدىسادى گۇللەنگەن تۇركىيە بارلىققا كەلدى !  مانا بۇ ئۇنۇڭ تۇھپىسىدۇر !
  بىراق ئۇ تۇركىيەنى گۇللەندۇرۇش ئۇچۇن قىلىنغان تىرىشچانلىقى ئارقىلىق يەنە بىر ئەجەللىك خاتالىقنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى ، يەنى ئۇ تەرەققىيات ئۇچۇن دىندىن ۋاز كىچىشنى تاللىدى ئىسلام دىنىڭ مۇيۇملىقىنى ئەڭ زور دەرجىدە ئىنكار قىلدى ،
    گۇللەنگەن تۇركىيە ئۇچۇن پۇتكۇل ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەنپەتى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمىدى ئىسلام دۇنياسىنىڭ تاكى ھازىرغىچە كۇچ مەركىزىسىز قىلىشىغا ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇئەييەن بىر داھىسىز  مەركەزسىز  قىلىشىغا سەۋەپ بوپقالدى . تۇركىيە قۇرۇش بەدىلىگە  ئىسلام  ئىمپىرىيەسىنى ھالاك قىلدى ،  مانا  بۇ ئۇنۇڭ مەغلۇبىيىتىدۇر !
      ئاخىردا ئالتېلىمە چۇپ ئەپەندى سىزگە سەمىمى نەسىھىتىم شۇكى بىز سىزنىڭ بىر ساداقەتمەن ئاتىزىمچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئوبدان بىلىمىز  ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ ھۇقۇقىڭز ، لىكىن بىلىشىڭىز كىرەككى بىز مۇسۇلمانمىز ، بىز بۇنۇڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىز ، ئىشىنىمەنكى بۇ مۇنبەردىكىلەنىڭ ھىچ بولمىسا يىرىمى مۇسۇلمان شۇڭا ئۇزىڭىزنىڭ .ئاتىزىمچى ئىكەنلىكىنى سۇزلىسىڭىز بۇنۇڭغا ئامالىمىز يوق بىراق
   بىزنىڭ كۇڭلىمىزگە ئازار بىرىشىڭىزگە قەتئى روخسەت قىلالمايمىز ئۇنداق دىنسىزلاشتۇرۇش تەشۋىقاتلىرىڭىزنى قەغەزگە يېزىپ كۇتۇڭىزنى سۇرتۇڭ ، ھىچ بولمىسا بىزنىڭ دىنىمىزنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمىسىمۇ ئامالسىزلىقتىن بولسىمۇ تۇزۇلگەن ، ھىچ قانداق سەخىس ياكى ئۇرگاننىڭ خۇداكويلۇق -خۇاسىزلىقنى دىنغا كىرىش - ياكى دىندىن چىقىشقا كۇشكۇرتۇشكە بولمايدۇ - دەپ قانۇن ماددىمىز بارلىقىنى بىلىمىز .
     رۇمەيسە خانقىز مەن سىزدىن بەكلا سۇيۇندۇم سىزنىڭ دىنىمىزنىڭ نام ئۇرمىتىنى قوغداش ئۇچۇن قىلغان ئاددىغىنە  لىكىن سەمىمى   تىرىشچانلىقىڭىز  مىنى قايىل قىلماي تۇرالمىدى  بىراق سىزگىمۇ كىچىككىنە بىر تەكلىپ ئاۋۇ ئىنكاسىڭىزدىكى يەھۇىلا بىلەن مۇستاپا كامالنى بىر يولدا سانىغالىقىڭىزغا مەن تازا قايىل ئەمەسمەن   قۇرئان ۋە ئىسلام رىۋايەتلىرىگە ئاساسلىانغاندىمۇ يەھۇدىلادەك رەزىل قەۋىم يوق ئىچقانداق مىللەت ياكى دىن ئىسلامغا يەھۇدى دىنىدەك ئىختىلاپ قىلىپ باقمىغان شۇڭا مۇستاپا كامال مەيلى ئۇ چىن مۇسۇلمان بولسۇن ياكى ئاتىزىمچى بولىشىدىن قەتئى ئۇنى يەھۇدىلا بىلەن بىر ساناشقا بولماس !  
   بىراق يەھۇدىلا  قانچە رەزىل بولمىسۇن يەنىلا ئۇنۇڭ مۇئەييەن بىزلە ئۇگۇنۇشكە تىگىشلىك تەرىپى بار ، ئۇلانىڭ ئىسلامغا بولغان ئۇچمەنلىكىگە قاتتىق نەپرەتلىنىمەنۇ - ئۇلانىڭ ئىلىمخۇمارلىقى ، ئۇز دىنىغا سادىقلىقى ، ئۇم ئىتىپاقلىقى ، مىنى ئۇلارغا قايىل قىلىپمۇ قۇيۇدۇ ، كاشكى ئۇلادىكى ئاشۇ بىر قىسىم ياخشى خىسلەتلە بىزدە بوپ قالغان بولسا زە ، ئىشىنىمەن چۇقۇم بۇلىدۇ !
    مۇستاپا مەيلى نىمىلا قىلمىسۇن ئۇ يەنىلا كەتتى - ئاللا بۇرۇن دەرگاھىدا ئاللاغا ھىساپ بىرىۋاتىدۇ شۇڭا كۇپچىلىك ئۇنۇڭ تۇھپە ياخشى تەرەپلىرىنى كۇپرەك ياد ئەتسەك زۇرۇر بولسا خاتالىقلىرى ئۇستىدىمۇ ئويلىنىپ باقساق بىراق ئۇلگەن ئادەمنى ئەيىپلەپ تىللاپ يۇرمىسەك دەيمەن !  
       مۇستاپا كامال ياخشى ئادەم ئىدى .................       ئاللا ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئاشكارە گۇناھلىرىنى كەچۇرگەي !  

arslan 2011-01-12 20:10
تۈركلەر ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنى ناھايىتى چوڭ بىلىدۇ، بىر قېتىم تارىخ ئوقۇتقۇچىمنىڭ << ئەگەر تۈركىيىگە چىقىپ، بىلىپ-بىلمەي مۇستاپا كامالنى تىللاپ سالىدىغان بولساڭلار ئاغزىڭلارنى يىرتىپ، بېشىڭلارغا كىيدۈرۈپ قويىدۇ>> دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم. مۇستاپا كامال تۈرك مىللىتىنىڭلا ئەمەس ، بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭمۇ، ھەتتا دۇنيا تارىخىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، يۇقىرى شۆھرەتكە سازاۋەر مەشھۇر داھىيدۇر.

sufiye 2011-01-12 20:53
نەقىل
بۇ 23قەۋەتتىكىarslan يوللىغان 2011-01-12 20:10 غا قارتىلغان  :
تۈركلەر ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنى ناھايىتى چوڭ بىلىدۇ، بىر قېتىم تارىخ ئوقۇتقۇچىمنىڭ << ئەگەر تۈركىيىگە چىقىپ، بىلىپ-بىلمەي مۇستاپا كامالنى تىللاپ سالىدىغان بولساڭلار ئاغزىڭلارنى يىرتىپ، بېشىڭلارغا كىيدۈرۈپ قويىدۇ>> دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم. مۇستاپا كامال تۈرك مىللىتىنىڭلا ئەمەس ، بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭمۇ، ھەتتا دۇنيا تارىخىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، يۇقىرى شۆھرەتكە سازاۋەر مەشھۇر داھىيدۇر.

شۇ تارىخ ئوقۇتقۇچىڭىز تۈركىيەگە كېلىپ ياشاپ بېقىپتىكەنمۇ؟ تۈركىيەدە ئاتاتۈركنىڭ نام-شەرىپىنى قوغداش قانۇنى بارلىقىنى، خۇددى شىنجاڭدا " 23 خىل قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى چەكلەش قانۇنى" بولغىنىدەك، بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن تۈركلەر ئاتاتۈركنى ياقتۇرمىسىمۇ، بۇنى سىرتتا سۆزلەپ يۈرمەيدىغانلىقىنى ... بىلەمدىكەن؟؟
ئاتاتۈركنىڭ نامى ئاستىدا قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنى بىلەمدىكەن؟
ئاتاتۈركنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا قاتتىق ھاراقكەش بولۇپ، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ جىگىرى قېتىپ 1938-يىلى 57 يېشىدا ئۆلگەنلىكىنى، مېيىت نامىزى ئوقۇلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلغانلىقىنى بىلەمدىكەن؟
بىر ساددا ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئاتاتۈركنى بەك ھۆرمەتلەيدىكەنمىش، ئەنقەرەگە كېلىپ، ئانىتكابىردا ئاتاتۈركنىڭ قەۋرىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلماقچى بولغىنىدا قاراۋۇل ئەسكەر بۇ ئۇيغۇرنى تىللاپ قوغلىۋېتىپتىكەن. بۇنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ سانلىق كىشى بىلىدۇ.
مەن مۇشۇ ئاتاتۈركنى تىللايدىغان نۇرغۇن تۈركلەرنى كۆرگەنمەن. ئاتاتۈركنىڭ ھەيكىلىگە خەجلىنىۋاتقان پۇللارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ.
تۈركىيەدە ئىلگىرى يۇتۇيب (youtube)نى چەكلەيتتى. ھازىر ئېچىۋەتتى. چەكلەشتىكى سەۋەپ، يۇتۇيبتا ئاتاتۈركنىڭ جىنايەتلىرى پاش قىلىنغان نۇرغۇن ۋىدىئولار بولغاچقا، بۇلارنى تۈركىيە خەلقى بىلمىسۇن دەپ شۇنداق قىپتىكەن. يۇتۇيبقا كىرەلىسەڭلار، كىرىپ قاراپ بېقىڭلار، بىلىسىلەر.  

tuprakbag 2011-01-12 21:02
كور مۇستاپا دەپ تىللايتى بىر تاتلىقچى ياشانغان تاغام........ماۋزىدوڭنىڭ ھەيكىلىدىن مۇستاپا كامالنىڭ ھەيكىلى جىققۇ دەيمەن دۇنيادا

arslan 2011-01-12 21:07
دېگەنلىرىڭىزنىڭ ئاساسىي بار، ئەمما ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ مەدەنىيلىشىش جەھەتلەردىكى تۆھپىسىنى، تۈرك مىللىتىنىڭ سەلتەنىتى ئۈچۈن چەككەن زىيارەتلىرىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ، ئۇنداق دېسىڭىز، ئېنىشتىيىننىڭمۇ نۇرغۇن سەلبىي تەرەپلىرى بار، ئۇ مەيلى نېمە ئىش قىلسۇن، ئۇنىڭ ئەلگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئۇنىڭ سەخسىيىتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويساق خاتا بولمايدۇ. مېنىڭ تارىخ دەرىس ئۆتىدىغان مۇئەللىمىم ھازىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنىسىتىۇتىنىڭ پېروفىسسورى، بەلكىم سىز سورىغانلىرىڭىزنى مۇئەللىمىم تولۇق بىلەر.
بۇنداق مەشھۇر ئادەملەرنىڭ نامىدا يامان ئىشلارنى قىلىدىغانلار ھەممە جايدا بار.

urukjan 2011-01-12 21:16
مۇستاپا كامالنىڭ ھاياتىدىكى ساۋاپلىقلىرىدىن گۇناھلىرى بىر قەدەر كۆپرەك.
ئۇنى يىپنىڭ يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. قالغىنىغا خۇدايىم بار. بەندە ھۆكۈم چىقىرىشقا شۇنداق ئاجىز.
ئۇنى قوللايدىغانلار ۋە ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرىنى ئۆگىندىغانلار  ئۆگىنىۋەرسۇن. چۈنكى سىياسى كۆرەشتە  تارېختا ئۆتكەن سىياسىيۇن ۋە ھەربىيشۇناسلارنىڭ  ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك تەدىبىر ،قارارلىرى چىقىپمۇ قالىدۇ.
ئۇنى قارغايدىغانلارمۇ قارغاۋەرسۇن.
كىيىنكىلەرگە ئاچچىق ساۋاق بولىدۇ.

ئۆزىنى خىرىستىيان ۋە ياكى مۇسۇلمان دەيدىغانلارمۇ دەۋەرسۇن.
ئەجەل كەلگەندە، ھەر كىمنىڭ گۆرى ئايرىم.

شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ،
بۇ مۇنبەر سىزنىڭ  ئاتئېزىم ۋەياكى ئېتقاد ئەركىنلىكىڭىز ئۈچۈن تارتىشماق ئوينايدىغان  بەيگىڭىز ئەمەس.


باشقۇرغۇچىلار ماۋۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز قوقاقنى قورۇيدىغان ئىنكاسلارنى بىر يىغىشتۇرۋەتمەيلىمۇ؟!

dellyar571 2011-01-12 21:28
altilmachup
  باتۇرلۇق قىلىدىغان يەردە مەھچىتكە كىرىپ يۇشۇرنىۋالغان ئاجىز مۇسۇلمانلارنى كۆردۇم ئەمما ئۇلارنى ئاتا تۈرۈكنىڭ كەينىگە مۆكىۋىلىپ تەپەككۇر ‹بۇزۇقچىلىق›قى  قىلىدىغانلاردىن كۆپ ياخشى دەپ قارايمەن چۇنكى توغرادۇرۇس  ئىنسان ۋۇجۇدىدىن پەيدا بولغان قاراڭغۇ   سايىسىدىن پەس ئادەملەرنىڭ مەشئىلىدىن چاقىنىغان يۇرۇقلىق مەڭگۇ ئەۋزەل بولالمايدۇ .    

arslan 2011-01-12 21:30
ئاڭلىشىچىمچە، ھازىر تۈركىيىدە ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭمۇ شۆھرىتىمۇ چوڭ ئىكەن، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بولمىسا ئۇلار شۇنداق ناچار بىر ئادەمنى << تۈرك ئاتىسى>> دەپ تەرىپلەشكە بېشى ئايلىنىپ قالمىغاندۇ؟
تارىخىي كىتابلار ۋە بەزى ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مۇستاپا كامال دۈمبىسىگە قارا دوسكىنى ئارتىپ، مەھەللىمۇ مەھەللە يۈرۈپ خەلقىنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىشتا باشلامچى بولغان ئىكەن. ئۇ كىشىنىڭ ھەربىي ، سىياسىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن سىرىت يەنە تۈرك مائارىپ تارىخىدىكى ئورنىمۇ كىچىك ئەمەس.

afiyfiy 2011-01-12 21:51
موللاملارنى كەلسە كەلمەس ھاقارەتلىمەڭلەر؛ ئۇلار ھېچ بولمىغاندا ئاتا-ئاناڭلارنىڭ نىكاھىنى ئوقۇغان.

ezizan 2011-01-12 22:25
2011-يىلغا بىسمىللاھ دەپ كىرمەي قۇلۇڭلارغا بىردىن كۈسەي ئېلىپ كىرگەنمۇ تورداشلىرىم؟ ئاتا تۈركنى ياخشى كۈرۈدىغانلار كۈرۈۋەرسۈن،تىللايدىغانلار تىللاۋەرسۇن،لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ياقا يىرتىش كەتمەيدىغۇ. ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كىلىپ ئوخشىمىغان پىكىرلەردە ئۆز كۆز قارىشىنى ساقلاپ قېلىش دەپ دۆلىتىمىزنىڭ دىپلۇماتىيە سىياسىتى بىكارغا چىقىرىلغان ئەمەس ئازراق ئۈگۈنۈپ قۇيۇڭلار.
ئاتا تۈرك ھەربى سىياسى جەھەتتە بىر داھى،لېكىن دىنى جەھەتتە داھى بولالمايدۇ ئەلۋەتتە.ئۇمۇ ھەم دىنى داھىلىقنى تالىشىپ باقمىغان.شۇڭا بىر شەخىسكە باھا بەرگەندە ھەر كىم ئۆز قېلىپىغىلا سېلىۋالماي بىرنى 2گە بۈلۈش پىرىنسىپى بۇيىچە باھا بىرىشنى ئۈگۈنۈپ قۇيۇڭلار. يەنى دىنى جەھەتتىكى نۇمۇر 5،ھەربى-سىياسى،مائارىپ جەھەتتىكى نۇمۇر 95  مانا بولدى ئەمەسمۇ.

axikjan 2011-01-12 22:32
         نىمە گەپلەر بۇپ كەتتى بۇ يەردە، تالاشماڭلار، ئۆلدى ئۇ مۇستاپا كامال، ئۇنىڭ ياخشى ياكى يامان بۇلۇشى مۇھىم ئەمەس، قىلغان ئەمىلى مۇھىم، ئەڭ ئۇچۇق ھەقىقەت شۇكى ئۇ بىر دۆلەتنى مۇنقەرىز بۇلۇشتىن ساقلاپ قالدى، خۇددى ماۋزىدوڭغا ئوخشاش، قالدىسى بىلەن ئىشىمىز بولمىسۇن، كىمنىڭ ئىككى تەرىپى يوق، مۇشۇ مۇنبەردە مىنىڭ ياخشى، ھەم يامان تەرىپى يوق ئادەم بولسا مانا مەن بار دەپ ئوتتۇرىغا چىقسۇن، بىز ئىنسان، ئازىمىز، سىزمۇ، مەنمۇ، ئۇمۇ، ھەممىز ئازىمىز نىمە قىلىسىلەر دەيمەن تالىشىپ، بىلىدىغانلىرىڭلا بولسا ئىسپاتى بىلەن سۆزلەڭلەر بىر بىرىڭلار بىلەن تالاشماي ئادىل مۇنازىرە قىلىشمامسىلەر دەيمەن، نىمە ئەپلەشمىگەن چىشلەپ تارتىشلار ئەمدى ئۇ، خېجىل بولۇڭلار، مۇنازىرەڭلار بىراۋنىڭ شەخسىيتىگە تەگمىسۇن، چۇنكى ئۇنىڭ قانداق ئادەم بۇلۇشىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، بىز ئەمەس، خۇددى بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئادەم بولغۇمىز كەلسە شۇنداق ئادەم بولغىنىمىزدەك بۇ چۇشىنىشلىك قۇ دەيمەن.

ezizan 2011-01-12 22:45
ئارىچىغا ئالتە تاياق دەپ مەنمۇ تاققا تۇققا بوپتىمەن. ئارلاشمىدىم بولدى

afiyfiy 2011-01-12 22:48
ئامال بار كۆڭۈلنى رەنجىتىشمەيلى، دوستلار، كۆڭلىمىزدىنمۇ مۇھىم نەرسە يوق.

zubair 2011-01-12 22:50
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئەزىز دوستلار ئەمدى يىتەر بىر_بىرىمىز نى ناھەق ئەيىپلىمەيلى ....ھەر كىم بۇ دۇنيادا قانداق ياخشى ئشلارنى قىلغان ۋە قانداق يامان ئىشلارنى قىلغان بولسا بۇ نىڭ مۇكاپات-جازاسىنى بۈيۈك ئاللاھ بەرگۈچدۇر ....!  
مەشھۇر ئالىم رىزائددىن فەخرۇددىن مۇنداق دىگەن :بىر كىشى ھەرقانچە بىلىملىك ۋە دىندار بولغان تەغدىردىمۇ باشقىلارنىڭ ئىش-ھەركەتلىرگە ،ئەقىدە-ئىبادەتلىرگە باھا بىرىش ھۇقۇقىغا ئىگە ئەمەس .  

erki 2011-01-12 22:52
مۇستافا كامال ئاتا تۈركنى تىللىغۇچىلارغا:
مۇستافا كامال ئىچەمدۇ، چىكەمدۇ ياكى باشقا نېمە ئىشلارنى قىلامدۇ...جەڭلەردە قان كىچىپ  80مىليۇن تۈركىيە پۇقراسىغا ئەركىن، دېمكۇراتىك بىر دۆلەت قۇرۇپ بىرىپتىكەن.

ئۇ مۇسۇلمان ئەمەس دەپ تىللاشقا توغرا كەلسە، جۇڭگۇنى قۇرغان داھىمىز ماۋ جۇشىمۇ ئۆمرىدە ناماز ئوقۇماپتىكەن، نىكاھسىز توي قىپتىكەن، ئىككى ئۈچ قېتىم تېخى ... ھاراق ئىچەتتىكەن، چىكەتتىكەن، ئۇنى بىر تىللاشقا پىتىنىپ باقماملا؟؟؟؟

0998bahar 2011-01-12 22:59
مىنىڭچە بۇ بىر ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن لېكىن، بەزى ئىنكاسلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلدى.
دۇنيادا كەمچىلىكى يوق ئادەم بولمىسا كېرەك،   مۇنبەرگە كىرگەنلەر  ئويلاپ كۆرەيلى،  ئەگەر ئۈگۈنۈشىمىزگە، ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ قارىساق ئۇنىڭدىن ئۈگەنسەك، سەلبى تەرەپلىرى بولسا قوبۇل قىلمىساق بولىدۇ.
  مەن  مۇستاپا كامال توۈرىلىق شۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان، ئەينى ۋاقىتتا مۇستاپا كامال پۈتۈن تۈركىيە پۇخرالىرىغا، <ئەگەر ساۋاتسىزلار  مەن بىكىتىپ بەرگەن ۋاقىت ئىچىدە ساۋات چىقىرىپ بولاممىسا چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ئۇلار تۈركىيە دۆلىتىنىڭ پۇخراسى ئەمەس> دەپ.
مەن شۇ ۋاقىتتا مۇستاپا كامالغا ھەقىقەتەن قايىل بولغان ئىدىم. مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ  ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كىرەكقۇ،  بۇ ساپا يەنىلا بىلىم قابىلىيەتتىن كىلىدۇ ئەمەسمۇ.
مۇنازىرىنىڭ ئىلمى ۋە  ئىغىر-بىسىقلىق بىلەن ئىلىپ بىرىلىشىغا تىلەكداشمەن.

afiyfiy 2011-01-12 23:18
مۇستاپا كامال 80 مىليون خەلىققە دېموكراتىك بىر دۆلەت قۇرۇپ بېرىپتىكەن.
__________________
تارىخ كىتابلاردا كۆپىنچە شۇنداق دېيىلىدۇ:ناپولېئون پالانى جەڭدە غەلىبە قىلغان، ئالېكساندىر پۇستانى ئۇرۇشنى قوزغىغان... ئۇلار شۇنداق دېيىش ئارقىلىق مىليونلىغان سەۋەبلەرنىڭ ئۇدۇل كېلىشى، مىليونلىغان شەخسنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق بولغان ئىشنى بىر كىشىگە يۈكلەپ قويۇپ، ئۇنىڭ دولىنى مۈكچەيتىۋېتىدۇ.  ناپولېئون ھەرقانچە زەمبىرەك ئېتىشقا ماھىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئون ياكى بەش بولۇپ قانداق ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى، قايسىسىنىڭ جەڭگە ئاتلىنىپ، قايسىسىنىڭ قېچىۋاتقانلىقىنى كونترول قىلالمايدۇ. شۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى شۇ ئىشنىڭ ئاساسلىق غوللۇق ئەزاسىنىڭ تۆھپىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى، مىليونلىغان سەۋەبلەرنىڭ ئۇدۇل كېلىشى، مىليونلىغان تاسادىپىيلىقلار، مىليونلىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ، مىليونلىغان شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرنىڭ نەتىجىسىدۇر؛ ئومۇمەن، ئىلاھىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇڭا ھەرقانداق شەخسنى ئىلاھلاشتۇرۇش ياكى ئۇنى ئورۇنسىز تەنقىدلەش رەد قىلىنىدۇ. جۈملىدىن مۇستاپا كامالنىمۇ، ئۇ دېڭىزغا غەرق قىلغان موللاملارنىمۇ.

afiyfiy 2011-01-12 23:44
ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇلۇغ ئانىلارنى تىلغا ئالمايلى؛ مەدەنىيەتلىك قەۋمنىڭ مەدەنىيەتلىك پەرزەنتلىرى بولغاندىكىن..................

afiyfiy 2011-01-13 00:06
بەزى پەن-تېخنىكا تونىغا يالغاندىن ئورۇنىۋالغان ساۋاتسىزلار باركى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى چېركاۋدىكى ئىپسكوپ، مىسسىئونىرلارنىمۇ بىكار قىلىۋېتىدۇ،  ئۇلار ئىسلام دىنىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى "تەرەققىيات" نامى بىلەن پەردازلىۋالىدۇ........ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىقى ئادەمنىڭ قۇسقىسىنى كەلتۈرىدۇ.... مەدەنىيەتسىزلىكى، ئافرىقىنىڭ جاڭگاللىقلىرىنى ئەسلىتىدۇ. كىم تەرەققىياتقا قارشى چىقىۋاتىدۇ، موللاملاردىن، كىم ئۇنى توسىۋاتىدۇ دېسە زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، دېمەك ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىچىلىك نەزەرىيسى يەنى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشقىمۇ رېئايە قىلماي قارىسىغىلا ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. ئۇلاردىن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۈتۈپ ھېرىپ قالىمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرى:
- موللاملار بىزنى توسۇۋالغان، شۇڭا تەرەققىي قىلالمىدۇق.
-موللاملار كۆلىمىزگە سىيىپ قويغان، شۇڭا چىچالمىدۇق.

زامان بورانلىرى ئۇلارنىڭ يالغان تونلىرىنى ئۇچۇرتۇپ ئەكەتتى.

human 2011-01-13 00:17
ماۋۇ ئىسمىنى ئۇقىيالمىغان جانابى  تورداش ئاغزىڭىزنى بۇزماي ئىنىق پاكىت بىلەن سۆزلىمەمسىز؟ سىزنى باشقا دىنغا ئىتىقاد قىلماڭ دىمىدۇق،مۇسۇلمان بولمىسىڭىز سىز بىلەن مۇنازىرەلەشمەيمىز دىمىدۇق،مىنىڭ ھەم مۇسۇلمان ئەمەسمۇ خېلى يېقىنلىرىم بار، قارىسام سىزدە "قۇرۇق گەپ" بەك جىقكەن،مەنمۇ ھەم مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنى تىللاش تەرەپدارى ئەمەس،بىر ئادەمنىڭ سىياسىي تۆھپىسىگە مىللەتكە قوشقان تۆھپىسىگە دىنى تەرەپتىنلا باھا بەرمەيمىز،ئەمەلىي قىلغان ئىشلىرىنى تۇتقا قىلىمىز. ئەمما قارىسام سىز مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىپسىز،مۇشۇ قىلغىنىڭىز سىزنىڭ ساپايىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.نوچى بولسىڭىز بىزگە قورۇق گەپ قىلماي ئۆز ساپايىڭىز بىلەن بىلىمىڭىزنى ئەركىن ھەم سالماق ھالدا بىدۈرۈپ باقمامسىز؟  ئاندىن مۇمكىن بولسا ماۋۇ تېمىدىكى مۇشۇ تورداشقا ياكى باشقا شەخسى پاراڭلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئۆچۈرۈپ تېما مۇستاپا كامالغا قارىتىلسا قانداق؟

مەنمۇ بىر داھىي ياكى گىنرالغا دىننىلا تۇتقا قىلىپ باھا بەرمەسلىكىڭلارنى سورايمەن.مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك مىنىڭچە بىر ياخشى داھىي ، ئورۇش تۆكمەي،جان ئامال ھېچيەردە ئۇرۇشتا ئوتۇق قازانغانلار بولغان ئەمەس.

mostapa 2011-01-13 00:34
نەقىل
بۇ 59قەۋەتتىكىhuman يوللىغان 2011-01-13 00:17 غا قارتىلغان  :
ماۋۇ ئىسمىنى ئۇقىيالمىغان جانابى  تورداش ئاغزىڭىزنى بۇزماي ئىنىق پاكىت بىلەن سۆزلىمەمسىز؟ سىزنى باشقا دىنغا ئىتىقاد قىلماڭ دىمىدۇق،مۇسۇلمان بولمىسىڭىز سىز بىلەن مۇنازىرەلەشمەيمىز دىمىدۇق،مىنىڭ ھەم مۇسۇلمان ئەمەسمۇ خېلى يېقىنلىرىم بار، قارىسام سىزدە "قۇرۇق گەپ" بەك جىقكەن،مەنمۇ ھەم مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنى تىللاش تەرەپدارى ئەمەس،بىر ئادەمنىڭ سىياسىي تۆھپىسىگە مىللەتكە قوشقان تۆھپىسىگە دىنى تەرەپتىنلا باھا بەرمەيمىز،ئەمەلىي قىلغان ئىشلىرىنى تۇتقا قىلىمىز. ئەمما قارىسام سىز مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىپسىز،مۇشۇ قىلغىنىڭىز سىزنىڭ ساپايىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.نوچى بولسىڭىز بىزگە قورۇق گەپ قىلماي ئۆز ساپايىڭىز بىلەن بىلىمىڭىزنى ئەركىن ھەم سالماق ھالدا بىدۈرۈپ باقمامسىز؟  ئاندىن مۇمكىن بولسا ماۋۇ تېمىدىكى مۇشۇ تورداشقا ياكى باشقا شەخسى پاراڭلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئۆچۈرۈپ تېما مۇستاپا كامالغا قارىتىلسا قانداق؟

مەنمۇ بىر داھىي ياكى گىنرالغا دىننىلا تۇتقا قىلىپ باھا بەرمەسلىكىڭلارنى سورايمەن.مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك مىنىڭچە بىر ياخشى داھىي ، ئورۇش تۆكمەي،جان ئامال ھېچيەردە ئۇرۇشتا ئوتۇق قازانغانلار بولغان ئەمەس.



ئىنكاسىڭىزدىن سۈيۈندۈم رەخمەت! ئىنتايىن جايىدا گەپ بۇلدى
مۇستاپا كامال نىمىلا بۇممىسۇن دۇنياغا تۇنۇلغان شەخىس شۇڭا تۇرداشلارنىڭ ئۇنى تىللاپ ھاقارەتلىمەي، قىلغان ياخشى يامان ئىش ئىزلىرىنى ئۇتتۇرغا قۇيلى، شۇندىلا مۇنازىرە كۈڭۈللۈك نەتىجىلىك بۇلىدۇ
ئەزىز تۇرداشلار، بىر مىللەت .ئىككىگە بۈلۈنۈپ كەتمەيلى

fahru 2011-01-13 00:42
بىردانا : بىز باھالىغۇچى ئەمەس بەلكى ئىبرەت ئالغۇچى بولىشىمىز كېرەك ئىدى ... دېگەن ئىكەن ...

qutluq 2011-01-13 01:13
ئوسمانىيلار ئىمپىرىيىسى ھەرگىزمۇ خەلىپىلىك ئەمەس. گەرچە، كېيىنكى ھۆكۈمرانلىرى ئۆزىنى خەلىپە، دەپ ئاتىغان بولسىمۇ. ئۇ قانداقلىكى بولمىسۇن ئىسلام شۇئارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ھەيۋەتلىك ئىمپىرىيە.

مۇستاپا كامال قانداقتۇر تۈرك مىللىتىنى قۇتقۇزغان نىجاتكار ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ  ئوسمانىيلار ئىمپىرىيىسىنى يوقىتىشتىكى ئىچكى تەرەپتىن خەنجەر ئۇرغان خائىن.

erki 2011-01-13 06:15
مۇنبەردىكى دېنسىز ياكى خېرىستىئان تورداشنى ئارتۇق تۆشۈك تىللاپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
لېكىن مۇنبەردىكى چالا موللىلارنىڭمۇ گەپلىرى بەك كۈلكىلىككەن. بىر ئادەمگە باھا بىرىشتە پۈتۈن دىننى نۇقتىنى چىقىش قىلىش ياكى چالا ئوقۇغان پۈچەك كىتابتىكى بىلگىلىرى بىلەن ئۆزىنى بىلەرمەن قىلىپ كۆرسىتىش ئادەمنى تولېمۇ ئېچىندۇرىدىكەن، يۇقىردا قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ مۇستافا كامالغا بەرگەن باھاسىغا قاراپ سىزمۇ "چالا موللىكەنسىز" دېدىم ئېچىمدە ...

isilbala 2011-01-13 06:45
توۋا!..بۇ ئالەم سەۋەپنىڭ ئالىمى ،ياراتقان ئىگىسى سىياسۇنلارنىڭمۇ ئىكۇلۇگىيىسىنى تەڭشەپ تۇرغۇچى ،مۇستاپا كامالنىڭ چىقىشى بۇ بىر نۇرمال ئىش.. ئۇ بۇلمىغان بۇلسىمۇ يەنە بىر مۇستاپا چۇقۇم چىقاتتى .بۇنى ۋاقىت ،شارائىت ،پۇرسەت بەلگىلەيدىغان ئىشلار ،مەلۇم تارىخى شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە ئادەتتىكى بىر پۇقچىمۇ ئۇلۇغ داھىغا ئايلىنىپ كىتىشى مۇمكىن ،بەزىدە قىلىنغان ياخشىلىق ۋارىسلىرى ئۇچۇن ئاپەت بۇلشى مۇمكىن ،بەزىدە قىلىنغان يامانلىق كەلگۇسى ئۇچۇن زۇر شان- شەرەپلەر ئەكىلىشىمۇ مۇمكىن .مەسلەن ؛نۇزۇگۇمنىڭ ۋاختىدىكى قەشقەردىن سۇرگۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ،بۇگۇنكى ۋاخلاردا ئىلىنىڭ نۇپۇسى، تەرەقىياتى،تېرۇتىيەسى ئۇچۇن نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى يارتىپ بەردى .شۇڭىمۇ بىز مەسىلىلەرگە باھا بەرگەندە ئۇزىمىزنىڭ شەخسى خاھىشىمىز بۇيچە ئەمەس بەلكىم ئۇمۇملۇقنى چىقىش قىلغان ئاساستا باھا بىرەيلى .مۇستاپا كامال ئەمدى بۇلغاندا نىمىگە شۇنداق زۇرۇر بولۇپ قالدى .تارىخ پەقەت ئەۋلاتلارغا ئىبرەتتۇر !...بۇگۇنكىدەك  پۇتكۇل دۇنيا تىنىچلىقنى قۇغداپ تەراقىياتنى قۇللاۋاتقان يىڭى دەۋىردە ئوتمۇشنى سۇرەپ چىقىش پەقەت يۇرەككە ئىكەك سىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس ،ئەمدى تالاشمايلى .تۇركى دۇنياسى 80يىل تالاشقان بۇ مەسىلىنىڭ پوقىغا بىز قالمايلى !....

urkesh 2011-01-13 11:27
..................................

urkesh 2011-01-13 11:51
.....................................................

urkesh 2011-01-13 12:18
.........................................

urkesh 2011-01-13 12:43
سەن نىكاسىز تۇغۇلغانمۇ ياكى ئاتاڭ ئاپاڭنى نىكاھ ئۇقۇتۇپ ئاپتىكەنمۇ ؟  جاۋاپ بىرە قېنى !
سەن ھاقارەتلىگەن موللىلار مىڭ يىلدىن بىرى مىللىتمىزنىڭ مەدىنيىتىنى بېيىتىشتا زور رول ئوينىغان .سىنىڭ مۇستاپا كامالىڭ تۇغۇلماستا فارابى ، مەھمۇد قەشقەرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،تەجەللى ھەزىرتىم قاتارلىق موللىلىرىمىز بىزگە ئىلىم مەرىپەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگۈتۈپ بولغان .مۇستاپا كامالنى ھازىر مەغلۇپ بولغان سىياسىون دەپ قارايدۇ . ئەگەر بىلمەكچى بولساڭ مەدىنيەتلەر تۇقۇنۇشى دىگەن كتاپنى تەپسىلى ئۇقۇ ! مىللەتنى مەدىنيەت ئاساسدىن ئايرىشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق سىياسئون مەغلۇپ بولغان بۇلدۇ .تۈرك مەدىنيىتنىڭ ئاساسى بولغان ئىسلام دىنىنى قارغۇلارچە چەكلەپ قايسى كۈننى كۆردى . ھازىر تۈركىيەگە باش بولغانلار بۇ نوقتىدىن ساۋاق ئېلىپ قايتىدىن ئەسلىگە قايتىۋاتىدۇ . كاللاڭنى سىلكىپ ئوبدانراق ئويلانغىن باشقۇش .
---------------------
مەدىنىيىتىمىزنى ئىسلامدىن كېيىن باشلانغان دېمەيدىغانسىز ھە،، مىڭ يىلدىن بېرى بېيىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارامسىز يا.. كىم ئۈگەتسە خاتا ئۈگىتىپتۇ بىلىۋىلىڭ، خەلقىڭىزنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنمۇ قۇدرەتلىك خانلىقلىرى، گۈللەنگەن مەدەنىيىتى بار ئېدى،خانتىڭتون ئەپەندىم شۇنى دېمىدىمۇ سىزگە..،ئىسلامنى ئۇيغۇرلار يېڭى ئىلغار ئېدىيە قاتارىدا قوبۇل قىلغان ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىدىن ۋاز كەچكەن. ئەلۋەتتە تۈرىكلەرنىڭ ھەيۋىسىنى غەرىبلىكلەر ئۇنتۇپ قالغىنى يوق ، ئوبدان بىلىدۇ. تۈرك ئەۋلاتلىرىغا  ئەجدادلىرىنىڭ قانداق ئۇلۇغلىغىنى ئەمەس قانداق بىر مەغلۇبىيەتچىلىگىنى ھېكايە قىپ بېرىشى سەۋەبسىز ئەمەس. قەھرىماننى خەلىق يارىتىدۇ، قەھرىمانى يوق مىللەت ھەقىقى بىچارە مىللەت.  بىرسىنى ئوغرى، بىرسىنى باندىت ، يەنە بىرىنى خائىن دەپ يۈرۈپ ئەمدىلىكتە بالىلىرىمىزغا  ئۇلۇغلاردىن بىر قانچىنى سانىتىپ باقايلىچۇ ،كىملەرنى سانايدىكىن......  

dellyar571 2011-01-13 13:06
ئوسمانىيلار ئىمپىرىيىسى ھەرگىزمۇ خەلىپىلىك ئەمەس. گەرچە، كېيىنكى ھۆكۈمرانلىرى ئۆزىنى خەلىپە، دەپ ئاتىغان بولسىمۇ. ئۇ قانداقلىكى بولمىسۇن ئىسلام شۇئارىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ھەيۋەتلىك ئىمپىرىيە.

مۇستاپا كامال قانداقتۇر تۈرك مىللىتىنى قۇتقۇزغان نىجاتكار ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ  ئوسمانىيلار ئىمپىرىيىسىنى يوقىتىشتىكى ئىچكى تەرەپتىن خەنجەر ئۇرغان خائىن.
----------------------
ئەمىر قۇتلۇق ئەپەندى .ئۇيغۇرغا شۇنچە كىتاپ نەشىر قىلدۇرۇپ سۇندىڭىز بۇ خىزمەتلىرىڭىزگە ئاپىرىن .لىكىن مەدىنىيەت دۇنياسىدا ئىش قىلىش ساپ تىجارەت قىلىش بىلەن ئوخشاش ئىش ئەمەس سىزنىڭ كەڭ سايغا ئىلان قىلىنغان "ئۆيگە كىرىپ دۇئا قىلىش بىدئەت" ،"بوۋاققا ئەزان ئىيتىپ ئىسىم قويىش بىدئەت" دىگەندەك ئىسلام دىنىدىن قىلچە خەۋەرسىزلىكىڭىزنى ئاشكارلاپ تۇرۋاتقان  تور ماقالىرىڭىز ۋە يوقىرقى دىنى ھىسىيات ۋە رىياللىق ئوماشتەك چىلىپ تاشلانغان گادىرماش ھالەتتە يىزىلىپ سىزنىڭ جەمىيەت ،تارىخ ۋە سىياسەت ،ھەربى ئىلىمدىن قىلچە خەۋەرسىز  ئىكەنلىكىڭىزنى دەلىلەيدىغان ئىنكاسلىرىڭىزدىن سىزدىن قاتتىق ئەپسوسلىنىپ كەتتىم .مەن دىيارىمىزدا خەلىققە كىتاپ سۇنىۋاتقان كىشىلەر پەرىشتە بولىشى كىرەك دىمەيمەن لىكىن ھىچ بولمىغاندا تولۇقسىز  ئوتتۇرا مەدىنىيەت ساپاسىغا ئىگە بولىشى(مەكتەپ يۇزى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ  ) ۋە كىمنىڭ قايسى ساھادە  قانچىلىك نەرسە بىلىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالىشى كىرەك  ئىدى .ئەكسى تەغدىردە سۇنغان كىتاپلىرىدىن ئىجابى پايدىلىنىش ئاز چىقىپ بۇ كىتاپلاردىن كۆپىرەك  ئالقاپ ئادەملەر يىتىشىپ چىقىدۇ ياكى ئالقاپلار پايدىلىنىپ كىتىدۇ .مىنىڭ كىتاپ جازامدىمۇ  سىز نەشىرگە سۇنغان بىر قانچە كىتاپ بار ھازىر ئۇلاردىن ئىغىر گۇمان تۇيىدىغان بولۇپ قالدىم
تور دۇنياسىدىكى كۈزىتىشىمگە قارغاندا قاراشى تەرەپ پاكىت ئوتتۇرغا قويسا ئاغىزىڭىزنى بۇزۇپ تىللاپ قىچىپ كىتىدىكەنسىز ،ئۇنداق ئەمەس دىسىڭىز  بۇنىڭغىمۇ يول بار يەنى يوقىرىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ساپاسىدا يىزىلغان شۇئار خارەكتىرلىك  ئىنكاسڭىزغا دەلىل كەلتۇرۇپ بىر مۇنازىرە باشلاپ بىقىڭ .  

human 2011-01-13 13:52
ئاتا تۈرك  توغرىلىق يېزىلغان بۇ تېمىغا چۈشكەن ھەر بىر ئىنكاسنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم،ھەممەيلەننىڭ قاراشلىرىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتە ئېيتقاندا بەلگىلىك ئاساسلىرى باركەن ئەلۋەتتە.ئەمما رىئاللىق ھامان غايىدىن ، ئوي-خىيالدىن،ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.ئاتا تۈرك مېنىڭچە ئالدى بىلەن بىر داھىي ھەربىي گىنرال.ھاكىمىيەت مۇشۇنداق مىلتىقتىن،قان - تۆكۈشلەردىن ، نۇرغۇنلىغان باغرى تاشلىق تاللاشلاردىن پەيدا بۇلىدۇ.بىر تارىخى شەخسنى تۆھپىسى ھەققىدە باھا بەرگەندە دېنى نوقتىغا تايىنىپلا باھا بىرىدىغان بولساق بۇ دۇنيادا مۇسۇلمان ئەمەس ئەمما نۇرغۇن تۆھپىلەرنى ياراتقانلارنى تىللامدۇق؟ توغرا ئۇلارنىڭ خاتالىقى بولىشى مۇقەررەر.بىز مۇسۇلمان بولغاچقا مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ تۆھپىسىنى يوققا چىقىرالمايمىز.مەنچە ئاتا تۈرك يەنىلا بىر غەلبە قازانغۇچى(بۇ غەلبە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ۋە ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە قارىتىلغان،دىنى نوقتىنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرمەڭلار،مەنمۇ ئەلەھەمدۇلىللا مۇسۇلماندۇرمەن)ئاڭلىسام ئاتا تۈرك تۈرك تىلىدىكى ئەرەب ۋە پارىس تىلىنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ساپ تۈرك تىللىرىنى ئورنى ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىدىن ئېلىنغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا دەسستىپتىكەنمىش،ئىشقىلىپ مۇستاپا كامال توغرىسىدا نۇرغۇن دەتالاشلار بار. بىرسى ئىسلام خەلىپىلىكىنى يوق قىلدى دېسە، يەنە بىرسى تۈركلەرنى مۇستەقىل ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئىگە قىلدى دەپ ئىككى تەرەپ ئۆز نوقتىئىي نەزىرىدە چىڭ تۇرىدۇ.ئەمما رىئاللىق بىزنى ئوبدان ئويلىنىشقا ئۈندىشى كېرەك؟ مەسىلىنى بىر تەرەپتىنلا ئويلىغاندا ئاسانلا باشقىچە ئوقۇشماسلىقلار،بىر تەرەپكە ئېغىپ كىتىش ساقلىنىش تەس ئەمەس ئەلۋەتتە.

تۈركلەر ھازىر ئىلگىرىكى ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى دەۋىرىدىكى پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىغا ھۆكمىرانلىق قىلىپ سەركەردىلىك رولىنى يوقاتقان بولسىمۇ،ھازىر ھاكىمىيەت  يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە ئاستا-ئاستا مۇسۇلمان دۇنياسىغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ. ئوتتورا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك پىلانىنى تۈزۈپ ئوتتورا ئاسىيادا تەسىر كۈچى بار دۆلەتكە ئايلانماقتا. ئوتتورا ئاسىياغا ئىكىسپورت قىلىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ماللار تۈركىيدە ئىشلىنىگەن ماللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ ھازىر تۇتىۋاتقان يولىغا بەزەن غەرب ئەللىرى گۇمانلىق نەزىرى بىلەن <<ئەجىبا تۈركىيە ياۋروپادىن يىراقلىشىۋاتامدۇ؟>> دەپ سوئال قويىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا تۈركىيە باش مېنىسىتىرى ئەردۇغان پەلەستىنگە ياردەمگە كېتىۋاتقان پاراخوتقا ھۇقۇم قىلىپ 9 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۈركىيىنىڭ ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرىش تەكلىپىنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكى تۈركىيىنى ئۈمۈدسىزلەندۈردى ۋە تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتىپاقىسىزمۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

دىمەك تۈركىيە ھازىر پۈتۈن ئوتتۇرا شەرىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. خەلقارالىق يىغىنلاردا <<20 دۆلەت گوروھى>> دا پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشقان بىردىن-بىر تۈرك دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەجىبا بۇ روھلارنى ئۆز ۋاقتىدىكى ئاتا تۈرك بەرگەن بىر قىسىم ئىدىيەلەردىن ئايرىپ قاراشقا بۇلامدۇ؟ شۇڭا مەن مەسىلىگە دىننىي نوقتىنىلا تۇتقا قىلىۋالماي كۆپ تەرەپلىمە تەھلىل قىلىشىمىزنى سورايمەن.

ezizan 2011-01-13 15:01
ئەسەت سولايماننىڭ "ئۆزلۈك ۋە كىملىك" دىگەن كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:
لىكسىيە سۆزلەش يىغىنىدىن كىيىن تۈركىيەنىڭ باش ئەلچىسى بىر مەخسۇس فىلىمنى قۇيۇپ بەردى.بۇ "مۇستاپا كامال" ناملىق كىنو بولۇپ .تولىمۇ تەسىرلىك ئىكەن.كىنودىكى بىر كۈرۈنۈش مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.
1912-يىلى گىرىتسىيە-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى ئىستانبول ۋە باشقا شەھەرلەرنى بېسىۋالىدۇ.ئاندىن داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ پۈتۈن تۈركىيەنى مۇنقەرىز قىلىش خەۋپىگە دوچار قىلىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا مۇستاپا كامال ئارمىيەنى قايتىدىن تەشكىللەپ تاجاۋۇزچىلار بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىدۇ. فىلىمدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن؛

بىر يامغۇرلۇق كۈنى مۇستاپا كامال مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ،ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كىتىپ بارغاندا،يولدا بىر كالا ھارۋىسىنى يىتىلەپ كىتىپ بارغان بىر ئايالغا ئۇچراپ قالىدۇ. ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى كىچىك بالا شىددەتلىك يامغۇرنىڭ دەستىدىن قاتتىق يىغلاۋاتاتتى،لېكىن ھېلىقى ئايال يىغلاۋاتقان بالىسى بىلەن ئانچىكى كارى بولماي،ھارۋىنى ئەدىيال بىلەن يۆگەپ ،قولىدىكى قامچىسى بىلەن كالىنى تىزرەك مېڭىشقا ئۈندەۋاتاتتى.بۇنى كۈرۈپ مۇستاپا كامال ھېلىقى ئايالدىن سورايدۇ:
- ھەي ئايال،ھارۋىدىكى نىمە؟
- قورال-ياراغ.
- نەگە ئېلىپ ماڭدىڭ؟
- ئالدىنقى سەپكە.
- ھارۋىنى نىمىشقا ئېرىڭ ھەيدىمىدى؟
- ئېرىم ئۇرۇشتا ئۈلۈپ كەتتى.
- بالا ھۆل بولۇپ كىتىپتۇ،ئەدىيال بىلەن بالىنى يۆگىۋېلىشىڭ كېرەك ئىدى!
- شۇنداق،بالامنى يۆگىۋالسام ياخشى بۇلاتتى، - دەيدۇ ھېلىقى ئايال مۇستاپا كامالغا مەردانىلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ،- لېكىن ھارۋىدىكى  قۇرال-ياراغلار ھۆل بولۇپ كەتسە ۋەتەن مۇنقەرىز بولىدۇ.بالام ئۆلۈپ كەتسە يەنىلا بالا توغالايمەن،لېكىن ۋەتەننى قايتا توغالمايمەن!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇستاپا كامال ئاتتىن سەكرەپ چۈشىدۇ- دە ئۈستىدىكى يامغۇرلۇقنى سېلىپ ئايالنىڭ قۇچىغىدىكى بالىنى يۆگەپ قويىدۇ.ئاندىن ھېلىقى ئايالغا قاراپ:
- ساڭا ئوخشاش ئۇلۇغ ئانىلار بولىدىكەن ، تۈرك ۋەتىنى ھەرگىزمۇ مۇنقەرىز بولمايدۇ،-دەيدۇ.
-

sufiye 2011-01-13 16:06
يۇقىرىدىكى تورداشhuman، مەن سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ھۆرمەتلەيمەن. دېگەنلىرىڭىزنىڭ ئۇرۇنلۇق تەرەپلىرىمۇ بار.
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، سىز تۈركىيەنىڭ ھازىر مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى بىر قەدەر كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ ھېساپلىنىشى ئاتاتۈركنىڭ تۆھپىسى دەپ قارايدىغاندەك قىلىسىز. (خاتا چۈشەنگەن بولسام، ئەپۇ قىلىڭ)
مەن بۇنىڭ ئەكسىچە قاراشتا. سەۋەبى:
1) ئۆچ تۆت ئەسىر ئىلگىرىكى ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى تۈركىيە ئىنتايىن ئاجىز ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئىككى يۈز يىل ئىلگىرىكى گېرمانىيە ئىقتىسادى جەھەتتە ھازىرقى تۈركىيەدىن نەچچە ھەسسە ئاجىز ئۇرۇندا تۇراتتى. ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس.
2) 1930-يىلى تۈركىيە ئايرۇپىلان ياساپ دانىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ساتاتتى. ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس.
3) 1928-يىلى مەجبۇرى يېزىق ئۆزگەرتىشكە 96% كىشى قەتئىي قارشى چىققان بولسىمۇ، ئاتاتۈرك ھۆكۈمىتى قاتتىق مەجبۇرى بېسىم بىلەن نۇرغۇن كىشىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يېزىقنى لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇپ، يېڭى ئەۋلاتلارنى ئاتا بوۋىسىنىڭ مەدەنىيىتى، ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالماس (ساۋاتسىز)، لاتىن يېزىقىنىلا تونۇيدىغان كىشىلەردىن قىلىپ چىقتى. (مەدەنىيەتكە مۆلچەرلىگۈسىز زىيان سالدى)
4) ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ يەر كۈلىمى 24 مىليون كوۋادىرات كىلومېتىر بولغان بولسا، ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئاران 782 مىڭ كوۋادىرات كىلومېتىر ئەتراپىدا. ھەتتا 1936-يىلدىكى بىر خەلقئارا يىغىندا ئىلگىرى ئوسمانلىغا تەۋە ئىستانبۇل بۇغۇزىنىمۇ ئاتاتۈرك ئىمزا قويۇپ خەلقئاراغا تەۋە قىلىپ يېزىپ قويۇپتىكەن. ئىستانبۇل بۇغۇزىدىن ئۆتىدىغان چەتئەل كېمىلىرى بۇ يەردە پۇل تۆلىمەي ئۆتىدۇ. ئەگەر تۈركىيەگە تەۋە دەپ يازغان بولسا، تۈركىيە مۇشۇ يەردىن ئۆتىدىغان چەتئەل كېمىلىرىدىن ئازىراق بولسىمۇ ھەق ئالالىغان بولسا، ئۆز خەلقىگە پايدا بولماسمىدى؟!
5) بېيجىڭدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ قايتقان گۆكخان ئىسىملىك بىر تۈرك يىگىتنىڭ ماگىستىرلىق ماقالىسىنى كۆرگەنتىم. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، 1905-يىلى جوڭگۇدا يېڭىلىققا كۆچۈش، زامانىۋىلىققا يۈزلىنىش ھەرىكىتى بولدى. ئوسمانلى دۆلىتىدىمۇ بۇ ھەرىكەت بولدى. ئىككى دۆلەتتىكى ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش يىلى ئاساسەن ئوخشاش. ئوسمانلى دۆلىتىدە بۇ ھەرىكەت دەسلەپتە ئىنتايىن تىز بولدى. جوڭگۇدا دەسلەپتە بەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى. لېكىن كېيىن تىز بولدى. ئەمما تۈركىيدە كېيىن تەرەققىيات جوڭگۇدىكىدەك تىز بولمىدى. پەن-تېخنىكىدا جوڭگۇنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىكىدەك تەرەققىي قىلالمىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ ...
6) تۈركىيەدە مەن تونۇيدىغان ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرى بار، كۆپىنچىسى ئوسمانلى دۆلىتى ۋاقتىدىكى شانلىق سەلتەنەتنى ھەسرەت بىلەن ئەسلەيدۇ. ھازىرقى تۈركىيەدىكى غەربپەرەستلىك، ئاتاتۈركنىڭ "نە مۇتلۇ تۈركۈم دىيەنە" دېگەندەك ئىرقچى نەزىرىيەلىرىنىڭ تۈرك، كورت، ئەرەپ قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى بىر بىرىگە دۈشمەن قىلغانلىقىغا ئېچىنىدۇ.
.......................
قىسقىسى، مېنىڭ قارىشىم: تۈركىيە ھازىر 57 مۇسۇلمان دۆلەت ئىچىدە سانائەتلىشىش، زامانىۋىلىشىش جەھەتتە بىر قەدەر ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، 16-17-ئەسىردىكى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا كۈچلەندى دېگىلى قەتئى بولمايدۇ. ئوسمانلى دۆلىتىنى بوك-باراقسان شاخلاپ ئېگىز ئۆسكەن بىر دەرەخكە ئوخشاتسىڭىز، بىر قانچە كىشى بۇ دەرەخنى ھەرىدەپ كېسىۋەتسە، بىر قانچە كۈن، ھەتتا بىر قانچە ئاي بۇ يەردە دەرەخ بارلىقى كۆزىڭىزگە كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى يەر ئاستىدا چوڭقۇر يەرلەردە بولغانلىقى ئۈچۈن، مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن مۇقەررەر ھالدا كۆكلەپ ياشىرىپ چىقىدۇ. ھازىرقى تۈركىيە دەل شۇ يىلتىزدىن ياشىرىپ چىققان. (تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈرك دېگەن نەزىرىيەگە قارشى تۇرىمەن). يەنە بىر گەپ، جوڭگۇدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يېرىم فېئوداللىق يېرىم مۇستەملىكىلىك ھالەت بىلەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىنى قەتئى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. سىزگە تەۋسىيەم: ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ 600 يىللىق تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇسىڭىز. 1800-1900-يىلىدىكى ئەسەرلەرمۇ بەك مۇھىم.  
...........................................
يەنە بىر ئىلاۋە:
ئوسمانلى دۆلىتى 16-ئەسىردە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىدى. ئەمما 18-ئەسىردىن كېيىن چېكىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە دەپ سورىغۇچىلارغا تۈركىيەدىكى بەزى ئالىملارنىڭ جاۋابى مۇنداق: ياۋرۇپادا نەشرىياتچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار ماشىنىلار ئىشلەپچىقىرىلغان. ئوسمانلى دۆلىتىدە مائارىپتا دىنىي كىتابلارنى بېسىپ تارقىتىشتا مۇشۇ ماشىنىلارنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسىدە بىدئەت ئىختىلاپى چىققان. بىر تۈركۈم كىشىلەر "قۇرئان-كەرىمنى بۇ ماشىنىدا بېسىش بىدئەت" دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان. يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان بۇ ئىختىلاپ نەتىجىسىدە مائارىپ ياۋرۇپادىن كېيىن قالغان...ياۋرۇپا تەبىئى پەن مائارىپى جەھەتتە ئالغا ئىلگىرلەپ كەتكەن... ۋاھاكازالار.
بىز بۇلاردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك.  

ekbal998 2011-01-13 16:21
ئالمەتەچۈپكە ئۇيغۇر سالامى.
سىز نىمىگە ئىتىقاد قىلىڭ ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشى ۋە خاھىشى .ئەمما باشقىلارنىڭ ، يەنى ئاتا-بوۋىڭىز ئىتىقاد قىلغان بىر دىننى ئەيبلىشىڭىز ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس.  باشقىلارنىڭ ماددى -مەدەنىيتىگە ئىلاھقا چوقۇنغاندەك چوقۇنۇپ قەلبىڭىز قانچىلىك ئىزىتىراپ ، ئىچى سىقىلىشتا ئۆتىۋاتقىنى ئۆزىڭىزگە ئايان. تالىبانلار غا،ۋەتەندىكى موللىلار غا قاراپ دىنغا باھا بەرمەڭ. بۇلار دىننىڭ مەلۇم تەرپىگە ئىسىلغۇچىلار .دىننى تارىختىن ، سىز چوقۇنۇۋاتقان گىرمان ،فىرانسىيە ،يەھۇدىلارنىڭ ئادىل پىكىر ئىقىمىنى ياقلغان ھەقىقەتكە كۆز يۇممايدىغان ئەدىبلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىردىن ئىزدەڭ.
ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ بۈگۈنكى ھازارىتىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىغا تۈرۈتكىلىك رول ئوينىغان. غەرناتە ، قۇرتەبە ،ئىشبىلىيا ،فىرانسىيە قاتارلىق غەرىبنىڭ مەركىزى شەھەرلىردە ئىسلامنىڭ ئىنسانىيلىققا ئىگە ئىزلىرى قالغان.ئوتتۇرا ئەسىردە تۇرۇپ  ئوپراتسىيگە ئوخشىغان نازۇك تىخنىكلارنى قۇرۇپ بۈگۈنكى غەرىب تەرەققىياتىغا ئۇل سالغان.
گىرمان مۇتەپەككۇرى زىگىرىد ھونك خانىم " غەرىبتە چاقنىغان ئىسلام نۇرى" ناملىق مەشھۇر ئەسىردە ،ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ غەرىبكە ئىلىپ كەلگەن زور ئۆزگىرىشلىرى بولمىسا ، ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنى 500 يىل ئارقىغا چىكىنگەن بولاتتى دەيدۇ. بۇ كىتاب 17 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ئىسلام دىننىڭ ياۋرۇپا غا قالدۇرغان ئۈنۈملۈك نەتىجىلىرنى تارىخى بايانلار بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن.ئەگەر ئىسلامنى چۈشنمەكچى بولسىڭىز شۇ كىتابقا مۇراجىئەت قىلىڭ. بۇ سىز چوقۇنۇۋاتقان غەرىبلىكلەرنىڭ ئىسلامغا بەرگەن باھاسى.بۇنىڭدىن سىرىت فىرانسىيلىك مورىس بوكاي ،ۋىليام جىمىس قاتارلىق ياۋرۇپا پىكىر ئىقىمنىڭ مەپكۇر مەنبەسى سانىلدىغان بۈيۈكلەرگىمۇ نەزەر سىلىپ بىقىڭ .
ۋەتىنىمىزدىكى موللىلارنىڭ ھەقىقەتەن ساپاسىزلىقى ۋە دىننى توغرا چۈشىنىپ ، ئىسلامنىڭ ھاياتنى مۇئەييەن ئۇسلۇب بىلەن ئۆزگەرتىپ ھەممە جەھەتتە ئۈستۈنلىكنى نىشان قىلغان دىن ئىكەنلىكىگە سەل قاراپ كەلگەنلىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. لىكىن بۇلاردىمۇ نە چارە!!!!!!!!!!!!!!!
مۇستافا كامالنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىغان يولىدىكى قەھرىمان ئىكەنلىكى ھەممىزگە ئايدىڭ مەسىلە. ئوسمانىلارنىڭ ھەربى باشلىقى بولۇپ تۈركىيەنى خەلىپىلىك دۆلەتنى ۋەيران قىلماقچى بولغان غەرىب تاجاۋۇزچىلىردىن  ساقلاپ قىلىپ ھاكىميەتنى تارتىۋالغان پالۋان.ماختاشقا تىگىشلىك تەرەپلىرى بار دۇ ئەلۋەتتە. ئەمما شەخىسنىڭ نام-ئابرۇيىنى قوغدايمەن دەپ بىر پۈتۈن مۇسۇلمان خەلىققە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ دىنىغا تىل تەككۈزسىڭىز  سىزنىڭچە ياخشىمىدۇ؟؟؟؟
سىز ماختاپ شۆلگەي ئىقىتىۋاتقان  غەرىب ئەخلاق نۇقتىسىدىن قانچىلىك ئىغىر دەرجىدە چىكىنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ سىزگە ماددى كۆرنىشلا بولسا كۇپايىمۇ؟
چىركاۋلاردا پوپلارنىڭ ئەرنى ئەرگە.ئايالنى ئايالغا چىتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقىنى تەرەققىياتمۇ؟ بەچچىۋازلىقنى قانۇنى ھوقۇق  ،بۇ شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى  دەپ قوللاۋاتقان غەرىب ھاكىملىرى ،زىيالىلىرىنىڭ قىلمىشلىرى مەدەنيەتمۇ؟ لىكىن ئۈگنۈشكە تىگىشلىك تەرەپلىرنىڭ بارلىقىغا كۆز يۇممايمەن . دىنىمزىنى قۇربان قىلماي ئۈگەنسەكمۇ ئەرزىيدىغۇ دەيمەن .ئىنساننىڭ تەبئىتى كۆتۈرمەيدىغان ئەخلاقسىز ئىشلارنى قانۇن ئارقىلىق قوغداۋاتقان غەرىب سىز ۋە بىزنىڭ دورىشىمىزغا ئەرزىمدۇ؟ 
 ئاخىردا ئۇستاز ئەبدۇقادىر جالالدىننىڭ مۇنۇ سۆزىنى قالدۇۇرۇپ ئۆتەي" بەزىلەر ئىسلام دىنى يىزىقىدىكى ھەرىپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا چىكىنىش ئىلىپ كەلدى ، بىزمۇ غەرىبنى دوراپ شۇلارغا ئەگىشىپ يىزىقىمزىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە شۇلارنى مەدەنيەت ئۈلگىمىز قىلساق تەرەققى قىلاتتۇق دەپتۇ، مەن بۇلارغا باشقا گەپ قىلىشنى لايىق تاپمىدىم. تىل ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە ئۇلارنى نۇقۇل ھالدا دورىغاندىن ئاناڭنىڭ ئەيمىنى ئۆزگەرتسەڭ ئاسانلا تىز تەرەققى قىلىسەن دىدىم"

uguzhan76 2011-01-13 16:49
نىمە دىگەن ياخشى تىما . مذستافا كامال ەەقىقەتەن ظذلذغ داەى ،

sufiye 2011-01-13 17:27
نەقىل
بۇ 65قەۋەتتىكىaltilmachup يوللىغان 2011-01-13 16:26 غا قارتىلغان  :
ئوسمان ئىمپىېرىيەسىنىڭ ھالاك بولىشى دىنى خۇراپاتلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا كىتاپ باسىدىغان ماشىنىنىمۇ بىدئەت دىگەن ئەينى زامان موللىلىرى رەسىم تارتىش ، رادىيۇ تىلىۋىزۇر ھەتتا ئايرۇپىلاننى ھەم ھارام دەيدىغانلىقى ئېنىق.



ئوسمان ئمپىرىيەسىنىڭ ھالاك بولۇشى ئىسلام شەرىئىتىدىن ئۇزاقلاشقانلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار ئىسلام يولىدا چىڭ تۇرۇپ ماڭغان، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلغان چاغدا ئىنتايىن قۇدرەت تاپقان ئىدى. بۇنىڭغا ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ ئوغلى ئوسمان خاندىن باشلاپ، مۇراتخان، ......، فاتىھ سۇلتان مەھمەت، ياۋۇز سۇلتان سېلىمخان دەۋرىدىكى ئەھۋاللار مىسال بولالايدۇ. پادىشاھلار تەقۋادار، ئادىل بولغان، دۆلەت شەرىئەت قانۇنى بويىچە ئىدارە قىلىنغان زامانلار ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان. خۇددى قاراخانلارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرىدەك ئالىملار يېتىشىپ چىققاندەك، ئوسمانلى دۆلىتىدىمۇ نۇرغۇن ئالىملار، تەبىئىي پەن ئالىملىرى دۇنياغا كەلگەن.
لېكىن دۆلەت تىرىتورىيەسىنىڭ ئۈچ قىتئەدە كەڭ كۆلەمدە بولۇشى، ھەر خىل مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل-ماجرالار، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بەزى ئىتتىپاقسىزلىقلار، ئىختىلاپلار، تەرەققىي قىلىۋاتقان ياۋرۇپا (ئەھلى سەلب)نىڭ دۈشمەنلىكى، باش كۆتىرىۋاتقان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىدىكى غەيرى مۇسلىملارنى (خرسىتىيانلارنى، ئەرمەنىيلەرنى، يۇنانلىقلارنى) دۆلەتكە قارشى ئىسيانغا كۆشكۈرتۈشى، ۋاپاسىز يەھۇدىيلارنىڭ خائىنلىقى ... قاتارلىق ئامىللار دۆلەتنى ئۇپراتقان. ئوسمانلى دۆلىتىدە دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتى بولۇپ، نۇپۇسنىڭ 60% مۇسۇلمان، قالغىنى غەيرى مۇسلىم ئىدى. دۆلەت ئىسلام شەرىئەت قانۇنى بويىچە زىممىيلار (مۇسۇلمانلار دۆلىتىدىكى غەيرى مۇسلىملار)نىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايتتى، ئازىراق قوغداش ھەققى ئالاتتى، لېكىن ئۇلارنى ئەسكەر قىلىپ ئىشلەتمەيتتى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇلار ئىلگىرى ئەمەل قىلىپ كەلگەن شەرىئەت قانۇنلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئۆزگەرتتى. غەيرى مۇسلىملاردىنمۇ ئەسكەر قوبۇل قىلدى. بۇ ئەسكەرلەر ئۇرۇشتا ئوسمانلى دۆلىتىگە خائىنلىق قىلىپ دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. فرانسىيەگە ئوقۇشقا بارغان زىيالىيلاردىن بەزىلىرىنىڭ كاللىسى يۇيۇلۇپ كەتتى، ئىنگلىزلار ئەرەپلەرنى ئالداپ، ئۇلارنى ئوسمانلى دۆلىتىگە قارشى كۈشكۈرتۈپ ئىسيانغا يېتەكلىدى...... ۋاھاكازالار، ئاخىرىدا دۆلەت پارچىلاندى.  
..........................................
مەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھالاك بولغانلىقى بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامدىن ئۇزاقلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمەن.
.......................................
ياۋرۇپالىقلار دىن جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، چىركاۋلارنىڭ، پوپلارنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلغاندا تەرەققىي قىلالىدى. ئىلگىرى دىن ئۇلارنى كۆشەپ قويغانىدى.
......................................
مۇسۇلمانلار بولسا، ياۋرۇپالىقلارنىڭ دەل ئەكسىچە، ئىسلامدا چىڭ تۇرۇپ ماڭغاندا مىسلىسىز تەرەققىياتقا ئىېرىشكەن ئىدى. ئىسلامدىن يىراقلاشقانسىرى ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى.
..............................
ئىسپانىيەنىڭ تارىخىنى، ياۋرۇپانىڭ مۇسۇلمان ئالىملىرى يازغان تەبىئىي پەن كىتابلىرىغا ئىسپانىيە ئارقىلىق قانداق ئېرىشكەنلىكىنى بىر ئوقۇپ بېقىڭلار...

afiyfiy 2011-01-13 17:41
سوفىيە بىلەن ئىقبال ناھايىتى ياخشى ئىنكاس يېزىپتۇ،  .

berna 2011-01-13 17:53
تېما يوللىغۇچى مۇشۇنداق بىر تارىخنىڭ بارلىقىنى بىلسۇن دەپ تېما يوللىسا سىلەر بىر بىرڭلەرگە يول بەرمەي ئۇرشۇپ كېتىدىكەنسىلەر.مۇستاپا كامال مەيلى تۈرۈك مىللىتىنىڭ قۇتقازغۇچىسى بولسۇن ياكى ئىسلامنىڭ يوقاتقۇچىسى بولسۇن بۇ بىر تارىخى تەرەققىيات ،ئاللاھدىن باشقا ئىككىنچى بىر زات ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس.مۇساتاپا كامال دوۋزىخى بولامدۇ جەننەتكە كىرگۈچىلەر قاتارىدا بوللامدۇ بۇنى پەقەت ۋەقەت ئادىل ،قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھ بىلىدۇ.قىيامەت كۈنىسى ھەر كىشىنىڭ قىلغىنى ئۆزىگە.بىر كىشىنىڭ تۆھپىسىگە باھا بىرىشكەئىنسان ئاجىزدۇر.نىمە قىلىسەلەر دەيمەن ئۆلگەن كىشىنى ياتقان گۆرلىكىدە جىم ياتقىلى قويماي ،سىلە مىڭ تىللىساڭلارمۇ زەرىچە پايدىسى يوق.
مۇنبەرداش :ئالتىلماچۇپ،ئىسمىڭزنى ناھايتىمۇ تەستە ئۇقۇدۇم.بىلمىدىم قايسى مىللەتنىڭ ئىسمىكىن،سىزنىڭ قايسى دىنغا ئېتقاد قىلدىغانلىقىڭزنى بىلەلمىدىم.ئەمما بىز سىزنىڭ دىنىڭزغا تىل تەككۈزمىگەندىكىن سىزمۇ ئىسلامنى ھاقارەت قىلماڭ،دىندا زورلاش يوق،ھەر كىشىنىڭ دىنى ئۆزى ئۈچۈن.ئىسلامنى تەرەقىياتنى توسىدۇ دەپسىز ،بىلىپ باقسام سىز تەرققى قىلىپ نەگە باردىڭزكىن؟

wijdaniy 2011-01-13 18:14
نەقىل
بۇ 14قەۋەتتىكىaltilmachup يوللىغان 2011-01-12 21:07 غا قارتىلغان  :
كاللىسىغا كىگىز ئورىۋېلىپ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغانلار مۇستاپا كامالنى تىللايدۇ. بۇنداقلارغا ھىچكىمنىڭ ئامالى بولمىسا كىرەك...

نېمىشقا ماۋۇ ئىنكاسنى ئۆچۈرمەيسىلەر؟
سىزگە ئېيتىپ قوياي، مۇستاپا كامالنىڭ ياخشى تەرەپلىرىمۇ بار، يامان تەرەپلىرىمۇ بار، مۇتلەق ياخشى دېگىلى بولمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلمايمەن، يامان تەرەپلىرىنىمۇ نەزىرىمدىن ساقىت قىلمايمەن. لېكىن ئۇ دىنسىزدۇر، بۇنى ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭ بىر قېتىم مۇخبىرغا: ‹‹سەن دىن توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىسەن، بىلىپ قويغىنكى، مەن دىنغا ئىتىقاد قىلمايمەن، دىن دېگەننىڭ ھەممىسىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتسەم دەيمەن›› دېگەنلىكى ۋە باشقا بەزى ئىشلىرى ئۇنىڭ دىنسىز ئىكەنلىكىگە ئېنىق ئىسپات.
سىزمۇ مۇللىلارنىڭ ھەممىسىنى تىللايدىكەنسىزغۇ، سىزمۇ كاللىڭىزغا كىگىز ئورىۋالغانما؟

sufiye 2011-01-13 18:17
نەقىل
بۇ 67قەۋەتتىكىaltilmachup يوللىغان 2011-01-13 17:37 غا قارتىلغان  :
بىر دۆلەت ياكى ئىمپىريەنىڭ كۈچلۈكلىكى ئۇلار ئىشەنگەن ئىتىقاتنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا ئۇنداقتا چىڭگىزخان دەۋرىدىكى  تۈركلەردىن تارتىپ سىز چوڭ بىلىدىغان ئەرەپلەرگىچە مۇڭغۇللار ئىستىلا قىلغان . شۇڭا بىزمۇ شامان دىنىغا ئىشىنەيلى ،  
. ئۇنداق ئەمەس دىسەڭلار ھازىرقى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ دىنىغا ئۆزگەرتىڭلار ئىتىقادىڭلارنى...

ھا ھا ھا، يۇقىرىدىكى قىزىل گەپنىڭ ئوماقلىقىنى...
ئاۋۇ سىز دېگەن چىڭگىزخاننىڭ مۇسۇلمان دىيارىنى ئىستىلا قىلغان موڭغۇل نەۋرىلىرى ھازىر نەدىكەن؟ ھازىرمۇ شامان دىنىدىمىكەن؟ بىلمىسىڭىز، مەن دەپ بېرەي.
ئاشۇ شامان موڭغۇللار مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارىغا بېرىپ ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ، ھەممىسى شامان دىنىدىن ۋاز كېچىپ مۇسۇلمان بوپ كېتىپتۇ. ئەمدى سىز جۆيلۈپ "شامان دىنىغا ئىشىنەيلى" دەپ توۋلاۋاتىسىز. كاللىڭىزنىڭ دەردى بارلىقىدىن گۇمان قىلمايدىغان بولدۇم، ھى ھى ھى...
..............................................................................
ھازىرقى كۈچلۈك دۆلەت ئامېرىكىدىكى خرىستىيان پوپلاردىن مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى يوللاشقا ئوبدان پۇرسەت چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ. سىزدەك ساۋتسىزلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىدە مەخسۇس خىرىستىيان ئىلاھىيەت كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقىغان بىر يەھۇدىي مللىتىدىن بولغان دىني زات بار. ئىسمى Dr.Jerald Dirks ، مۇشۇ كىشىنىڭ ئىسلامغا كىرىش تارىخىنى بىر ئوقۇپ بېقىڭ. ئىنگلىزچىڭىز بولسا تۇدۇۋ تورىدىكى ماۋۇ ۋىدىئوغا قاراڭ. 2-قىسمىمۇ باركەن.
http://www.tudou.com/programs/view/501RC7fK3KQ/
يەنە يۇسۇپ ئەستەس قاتارلىق ئىسلامغا كىرگەن ئامېرىكىلىق پوپلار بار. ھازىر ئامېرىكىدا ئىسلام ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا، ئۇلارمۇ كەلگۈسىدە مۇسۇلمان دۆلىتى بولىدۇ.
بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ئىسلام. باشقا ئېتىقاد ئىزلەپ يۈرمەيمىز. باشقىلار بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا كىرىۋاتىدۇ. سىز ئارقىدا قالغاندەك قىلىسىز. پۇرسەت بار چاغدا توغرا ئېتىقادنى تېپىۋالمىسىڭىز، كېيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ. ......

sufiye 2011-01-13 19:03
نەقىل
بۇ 77قەۋەتتىكىaltilmachup يوللىغان 2011-01-13 18:44 غا قارتىلغان  :
ھەرنىمە دىگەن بىلەن ئەمىلىيەت مۇستاپا كامالنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، ...... مەكتەپتە لوگىكا ئوقۇغانمۇ؟

تۈركىيەدە ئەمىلىيەت مۇستاپا كامالنىڭ تۇتقان يولىنىڭ پۈتۈنلەي توغرىلىقىنى ئىسپاتلىمىغاچقا، پات-پات referandomقىلىپ (ئىلگىرىكى قانۇننى ئۆزگەرتىشنى ئومومىي خەلق ئاۋازغا قويۇپ) خاتالىقلارنى تۈزىتىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى referandomدا ئاتاتۈركچىلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇپ، ئاق پارتىيە باشچىلىقىدىكى ئىسلاھاتچىلارنىڭ evetدېگەن ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىدىن، evetدېگۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ hayirدېگۈچىلەرگە قارىغاندا كۆپ سانلىق بولۇپ غەلبە قىلغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ؟؟
سىزدەكلەر خالىسۇن، خالىمىسۇن تۈركىيەنىڭ ھەيكەللەردىن قۇتۇلىدىغان كۈنى ئۇزاق ئەمەس ئىنشائاللاھ.

yalghuz 2011-01-13 19:20
بۇ تېمىنى ئاخشامدىن بىرى باشقۇرۇپ ،ئارتۇقچە ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈپ راستنى دېسەم ھېرىپ كەتتىم،ماۋۇ يەردە ئىسلام دىنىنى توختىماي تىللايدىغان ئىسمىنى ئوقۇش تەس بولغان  تورداشقا ئۇچۇر بىرىپ ئەسكەرتىش بىرىپ باقتىم،باشقا تورداشلارغىمۇ تېمغا مۇناسىۋەتسىز مۇنازىرە ئېلىپ بارماي ئەسلى تېمىغا كەلسەڭلاپ دەپ ئۇچۇر قىپ باقتىم،ھىس قىلغىنىم شۇ بولدىكى باشقىلارغا قانچىكى چۈشەنچە بەرگەنسىرى باشقىلار شۇنچە ئېشىۋالىدىكەن.بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس بىلەن تېمىنى ئەخلەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئەزانىڭ ھەركىتىنى توختىتىشىنى شۇنداقلا ئەسلى تېما بويىچە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىنى سورايمەن.

erki 2011-01-13 20:32
سۇفىيە خانقىز:
تۈركىيە ۋە ئىسلام تارىخىدىن مول بىلىمىز باركەن، پاكىت بىلەن ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىنكاسلىرىڭىزغا رەھمەت! لېكىن بەزى كۆز-قاراشلىرىڭىز بەك بىتەرەپلىمىكەن، ئوسمانلىنىڭ پارچىلىنىشى ئىسلامدىن يىراقلاشقانلىقتا، تۈركىيەنىڭ ھەيكەلدىن قۇتۇلىدىغان كۈنى ئاز قالدى ... دېگەندەك !
ئوسمانلىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئۇلارنىڭ ئىسلامدىن يىراقلاشقانلىقى ئەمەس بەلكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى ۋە مۇستەملىككە ئاستىدىكى خەلقنىڭ ئويغىنىشى سەۋەب بولغان دەپ ئويلايمەن، ھېچقانداق بىر مۇستەملىكىچى مەڭگۇلۈك بولۇپ بولالمايدۇ، باشقىلارنىڭ تۇپراقلىرىنى ئىگەللىۋىلىپ، باشقا مىللەتكە خوجا بولۇۋالغانلار ھامان مۇستەملىكە بولغان مىللەتنىڭ نارازىلىقىغا ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: سۆۋىت ئىتتىپاقى دىندىن يىراقلىشىپ پارچىلاندىمۇ؟ ھازىرقى سۇدان نېمە ئۈچۈن پارچىلىنىش ئالدىدا؟

تۈركىيەدە "ئەۋەت""ھايىر"نىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنگەن بولسىڭىز، بۇ ئاك پارتىيىنىڭ يەنە داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن قوللانغان ئويۇنى بولۇشى مۇمكىن. سىز ئاك پارتىينىڭ ناھايتى كىچىك پەرق بىلەن يەنى 57% خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇتقانلىقىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن، غەرپتىكى، دېڭىز بويىدىكى خەلقنىڭ نېمىشقا"ھايىر"دېگىنى، شەرقتىكى تەرەقىياتى ناچار كۈرتلارنىڭ نېمىشقا "ئەۋەت" دېگىنىنى چۈشىنىسىز چوقۇم ...
تۈركىيەدە ھېچكىم دۆلەت بايرىقىنى ئۆيۈڭگە، ماشىناڭغا ئېسۋال دېمەيدىغاندۇ؟ ئاتا تۈركنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بايراقلارنىمۇ ھېچكىم مەجبۇر ئاستۇرمايدۇ ئىشخانا، ئۆيلەرگە ... بۇ ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈنىڭ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلگەن شېھىتلەرنىڭ روھى ئۈچۈن...
80مىليۇن تۈركىيە خەلقى دۆت ئەمەس، كىمنى سۆيۈپ، كىمنى سۆيمەسلىكنى بىلمەيدىغان!

erki 2011-01-13 20:56
ئۆزىمىزنىڭ قوڭى ئوچۇق،" ئايپاتەمنىڭ يوپكىسى قىسقىكەن" دەپ مۇنازىرە قىلىۋەردۇق قېرىنداشلار. بىز ئاتا-تۈركنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى تارتىشىپ ئولتۇرمىساقمۇ، تۈركىيەلىكلەر ئەركىن، دېموكراتېك دۆلەتتە ئاتا-تۈركنى ھۆرمەتلەشنى ياكى ئۇنىڭ ھەيكەللىرىنى چېقىپ تاشلاشنى بىلىدۇ.
ئاتا تۈركنى تىللايدىغان شۇنداق "چالا موللا"لارنى دېمكوراتىيە بولمىغان يەردە بىرەر يىل ياشىغىلى تاشلاپ قويسا، ئاندىن ۋەتەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ۋەتەنسىزلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان ھىس قىلغان بولاتتى.
تۈركىيەنىڭ بولغانلىقى تۈرك دۇنياسىنىڭ پەخىرى! ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ پەخىرى! ئەرەپ مۇسۇلمانلىرى ئوسمانلىنىڭ پارچىلىنىشىدا چوڭ كۈچ كۆرسەتكەن خائىن دېسەك بولىدۇ! ھەم يەھۇدىلارغا يەر سېتىپ، فەلەستىننىڭ مۇشۇنداق بوزەك بولۇشىغا يول ئاچقانلارمۇ شۇ !
فەلەستىن ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، ياردەم قىلىمەن دەپ 9ئەسكىرى ئۆلگەنلەر كىم؟ تۈركىيە...
سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە سەرگەردان بولۇپ، ۋەتەنسىز قالغانلارغا ۋەتەنداشلىق بەرگەن كىم؟ يەنە شۇ تۈركىيە ....
بىز مۇسۇلمان،(ئەلھەمدۇلىلا)، ئەمما ئەڭ ئاۋال بىز ئىنسان! ئىنسانلىقىمىز بولماي تۇرۇپ، مۇسۇلمانلىقنى ئادا قىلغىلى بولمىسا كېرەك ...
مېنى ياراتقان ئاللاھقا تەمەنمىڭ شۈكىرى، ئىنسانلىقىمنىڭ قەدرى بولۇۋاتقان ۋەتىنىمگىمۇ شۈكىرى، يارىتىلىشىم ئاللاھتىن، لېكىن داھىمىز ماۋجۇشى بولمىغان بولسا بۇ كۈنۈممۇ بولمايتتى مېنىڭ ... ماۋ رەئىسكە رەھمەت !


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.047929 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us