رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- شەيتان بىلەن سۆھبەت --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> شەيتان بىلەن سۆھبەت [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

ehsan 2011-01-03 23:02

شەيتان بىلەن سۆھبەت
 
    مەن ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىش ئۈچۈن ،مەلۇم كۇرستا بىر مەزگىل ئوقۇدۇم. بۇ يەردە ئوخشىمىغان ياشتىكى ۋە ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ھەرخىل كىشىلەر ئوقاتتى.ئۇلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ،ئوقۇش مەقسەتلىرىمۇ ھەرخىل ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىمۇ ھەرخىل ئېدى. مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ ھەرخىل ئىدىيە قاتلىمىدىكى كىشىلەر توپلانقان يەر بولۇپ،مەدەنىيەت قارىشى جەھەتتە،مەلۇم سۈركىلىش،مۇنازىرىلەردىنمۇ خالى دىگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن،بۇ يەردە خىزمەتچىلەر، خىزمەت كۈتىۋاتقانلار،ئۆسمۈر بالىلار، قارىلار،موللىلار،يازغۇچىلار،سودىگەرلەر،ئۈگىنىشكە ھېرىسمەن دىھقانلار... بار.مۇئەللىملەر ئىچىدىمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك تەلەپچانلىرى، ئوقۇغۇچىلارنى مەھلىيا قىلىشقا ئۇستا گەپتانلىرى،ئۈنۈمدىن بەكرەك پۇلغا ھېرىسمەنلىرى، پۈتۈنلەي غەربلىشىشنى تەرغىپ قىلىدىغانلىرى، ،غەربنىڭ ئەركىنلىك قارىشىغا مەپتۇن بولغان خىرستىيانلىرى ھەم بار.
    مەن بۇيەرگە كەلگەندىن بېرى تىرىشىپ ،تەلەپچان مۇئەللىملەرنى قوغلىشىپ يۈرۈپ ،خېلى ئىلگىرىلەپ قالدىم.لېكىن بەزى مۇئەللىملەرنىڭ قىلىقلىرى مېنى بىئارام قىلمايمۇ تۇرمىدى.بەزىلەر سىنىپتا بالىلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنگىلىزچە ئىسىم قويۇپ چىقىپتۇ.ئۇلارنىڭ سىنىپتا ئۆز ئىسمىنى قوللىنىشىغا يول قويمايدىكەن.بىزنىڭ سىنىپقا بىر بالا نەرسە سوراپ كىرىپتى.
ــ ئىسمىڭىز نىمە؟ــ دىسەم .
ــ جەيسىن Jasenــ دەپ جاۋاپ بەردى.
ــ ئەسلى ئىسمىڭىزچۇ؟
ــ ياسىن.
ئۇنىڭغا دىدىم:
ــ ئەگەر خەنزۇچە ئۈگەنسىڭىز،ئىسمىڭىزنى تاڭسىڭ قويامتىڭىز؟
   يەنە بىركۈنى جۈمە دەرستىن كىيىنرەك چۈشۈپ قالدۇق،جۈمەگە ئالدىراپ،مەكتەپنىڭ سۇخانىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ تۇرىبىدا تاھارەت ئالدىم.شۇ چاغدا ئاغزىدىن دىموكراتىيەنى چۈشۈرمەيدىغان بىر مۇئەللىم يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ.
ــ بۇ يەردە تاھارەت ئالساڭ بولمايدۇ!
ــ نىمىشقا؟ سىزگە مەكتەپ بۇيرۇق قىلدىمۇ؟
ــ ياق، لېكىن بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ.
ــ ئەمىسە بۇ تۇربىنى نېمىشقا ئورناتقان؟
ــ قول-يۈزلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى يۇيۇشقا.
ــ مەن قولۇمنى ،يۈزۈمنى،پۇتلىرىمنى يۇيۇۋاتمامدىم؟
    بىر چاغدا چىقىپ مەسچىت ئالدىغا كېلىشىمگە،ھېلىقى مۇئەللىم بىر قىزچاقنى قولتۇقلىغىنىچە گېدىيىپ ئۆتۈپ كەتتى.
    بىر كۈنى مۇئەللىمىمىز كېلەلمىدى.ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر مۇئەللىم كىردى.بۇرۇن مەن مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدىن يۆتكىلىپ چىققان ئېدىم.ئۇ غەلىتە ياسىنىپ يۈرۈيدىغان كىشى ئېدى.بەزىدە چېچىنى بېكخام نىڭكىدەك قىلىپ بويىۋالاتتى،بەزىدە چېچىنى ئۆستۈرۈپ ،ھەرخىل بوياپ ئارقىسىدىن بوغىۋالاتتى.ئوغۇللارنىڭ يەتمىگەندەك ئاياللار پوسۇنىدىكى تېخىمۇ ئىنچىك  پادىچى ئىشتىنى ،تار قىپقىزىل يىپىشىپ تۇرىدىغان  مايكىلارنى كىيىۋالاتتى.ئادەتتە ئاغزىدىن سېغىزنى چۈشۈرمەي چايناپ يۈرەتتى.گەپ قىلسا خۇددى «ۋوللىۋوتنىڭ چولپانلىرىدەك» مۆرىلىرىنى قىسىپ ،چىرايلىرىنى ھەرخىل ئۆزگەرتىپ سۆزلەپ كېتەتتى.ئاغزىدىن«fuck»«shit» دىگەندەك پاسكىناسۆزلەر چىقىپ تۇراتتى. يەنە دەل مۇشۇ كىشىنىڭ ئاغزىدىن ئېتىقادلىق كىشىلەر كەمسىتىلىدىغان گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق.«بۈگۈن ئۇزۇـــ ن قارا كۆينەك كىيىۋالغان،ياغلىقنى قېرى خوتۇندەك چىگىۋالغان بىر ئايال ،قولىدا بالا، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىشاتكىدىن ئارتىلىپ چۈشكىنىنى كۆردۈم.»،«قايسى كۈنى super market (تاللا بازىرى )تا بىر روپاش ئايال ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ.»« مەلۇم بىركۈنى قىزدوستۇم،دىبانىڭ ھاجەتخانىسىدا بىر روپاش ئايالنىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىپ تازا ئويناپ، قايتاشىدا يەنە ھېلىقى كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ»«سىنىپىمدىكى موللىلار ياغلىقىڭلارنى ئېلىۋىتىڭلار،بۇ دىگەن مەدرىس ئەمەس،بىلىم كۆزنىكى!» دىگەندەك. ئۇنىڭ تەشۋىق قىلىدىغىنى دىموكراتىيە، جىنسى ئەركىنلىك،غەربچە تۇرمۇش ئۇسلۇبى دىگەندەكلەر ئېدى.
بۈگۈن « ئۇ يەنە نىمە دە؟» دەپ ئولتۇرسام،ئۇ يەنە شۇنىڭدىن گەپ باشلىدى.
ــ بۈگۈن مۇئەللىمىڭلار ئاغرىپ قاپتۇ.مەن كىرىپ تۇردۇم.دەرس ئۆتمەيمەن «discussion»(مۇنازىرە) قىلساق قانداق؟
ــ بولىدۇ! ــ دەپ توۋلاشتى بالىلار.
ــ ئۇنداق بولسا بۈگۈنكى« discuss» قىلىدىغان تېمىمىز «go habit»(قىز يىگىتلەرنىڭ توي قىلماي بىللە تۇرۇشى).بۇنى مەن قوللايمەن،قارشى تۇرىدىغانلار ئاچچىقلىنىپ كەتمەي،سىلەرنىڭ توغرا بولسا ئاساسىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار!
  يېقىننىڭياقى ئۇنىڭ نەچچىلىگەن چىرايلىق قىز ئوقۇغۇچىلارنى«تاماق ئېتىپ يەيمىز،ئۆيدە ياخشى ماتىرىياللار بار بېرىمەن»دەپ ئاپىرىپ  ھاياسىغا تەگكەنلىكى توغرىسىدىكى گەپلەرتارقىلىپ يۈرەتتى. ئارىمىزدا يەنە خېلى قىزلار ئۇلارغا «ئاشىق» بولۇپ يۈرەتتى.بىز بەزى قىزلارنىڭ شۇغىتمەكلەرگەچوقۇنۇپ كېتىشلىرىگە ئۆكۈنۈش بىلەن بىرگە مۇشۇنداق لاۋزا مۇئەللىملەرنىڭ ھاياسىز قىلىقلىرىغا غەزىپىمىز تېشىپ يۈرەتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىنلا،ئۇنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ،يەنە نەچچە قىزنى ئورىغا چۈشۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى،كىيىنكى بۇزۇقچىلىققا يول ئاچماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى  پەملىدىم.
ــ بىزنىڭ ئۆرۈپ –ئادىتىمىزدە توي قىلىشتىن بۇرۇن قىز-يىگىتنىڭ بىر ئۆيدە يېتىپ قوپۇشى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىدۇ،لېكىن قىزلىرىنى كىچىكلا خالىمىغان كىشىلەرگە ياتلىق قىلىپ،نەچچە بالىلىق بولغاندا ئۇنى قويىۋەتسە ئەخلاقسىزلىق دەپ قارالمايدۇ.ئادەتتە ئىككى كىشى چۈشىنىشمەيلا توي قىلسا ،بىر مەزگىل ئۆتكەندە كۆڭلى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ،ئاجرىشايلى دىگەندە ،ئارىسىدا بىر بالا پەيدا بولىدۇ. ئاجراشماقچى بولغاندا ،ئىككىسىلا ئەمەس پۈتكۈل ئىككى جەمەتتىكىلەر ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.ئەگەر ئۇلار چۈشىنىشىش ئۈچۈن مۇھەببەتلەشتى دىگەن تەقدىردىمۇ،ھەقىقى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.چۈنكى ئۇنداق ۋاقىتلاردا قىز بولسۇن،ئوغۇل بولسۇن چىرايلىق ياسىنىپ كېلىپ كۆرۈشىشىدۇ.قىز ئىنتايىن نازاكەتلىك ،ئوغۇل ناھايىتى سالاپەتلىك بولىۋالىدۇ.ئۇلارنىڭ ئەسلى مىجەزى،گىرىم قىلمىغان قىياپىتى دىگەندەكلەرنى بىلىش ئۈچۈن ،بىر مەزگىل بىر ئۆيدە بىللە ياشاپ بېقىشى كېرەك.شۇ چاغدىلا بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان -كەلمەيدىغانلىقىنى ھەقىقى بىلگىلى بولىدۇ.
ــ ئەگەر ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە قانداق قىلىدۇ؟ــ دىدى بىر ئوقۇغۇچى.
ــ ئۇنداق بولسا، ئىككىسى چىرايلىق ئايرىلىپ كېتىدۇ؟بۇ ئىشلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۇقمايدۇ ،ئوتتۇرىسىدا بالا بېقىش مەسىلىسىمۇ بولمايدۇ.
ــ ئەمىسە قىزنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىچۇ؟
ــ قارا ئۇكام ،بىزمۇ بەدەل تۆلەيمىزغۇ؟مىھمان قىلىمىز،ئوينىتىمىز،بالا بولۇپ قالسا چۈشۈرۈش پۇلىنى تۆلەيمىز.
ــ سىزنىڭ قارىشىڭىزنىڭ خاتالىقىنى بىر قانچە نۇقتىدىن ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن.ــ دىدىم مەن، ــ بىرىنجى ،ئىنساننىڭ كېلىپ چىقىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا،بارلىق مۇقەددەس كىتابلاردا،ئىنسان ئەجدادىنىڭ ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ،ئەنە شۇ چاغدا دۇنيادا شۇ ئىككىسىدىن بۆلەك ئىنسان يوق ئېدى.لېكىن شۇلارغىمۇ پەرىشتىلەر نىكاھ ئوقۇغان.يەنى ئادەم ئاتىغا ھەۋۋا ئانىنىڭ ئۆز بەدىنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى،ئۇنى ئۆز ۋۇجۇدىدەك ئاسراش كېرەكلىكى،ئايالنىڭ ئۇنىڭغا ئامانەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.نىكاھ ـــ ئامانەتنى ياخشى ساقلاش ھەققىدە اللە ئالدىدا بېرىلگەن بۈيۈك ئەھدىدىن ئىبارەت.نىكاھ ئائىلىنىڭ اللە ئالدىدىكى قانۇنى ئاساسى،ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسى.سىز جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى بۇزماقچىمۇ؟
 ئۇ مەنسىتمەسلىك بىلەن:
ــ شۇلارغا نىكاھ ئوقۇغاننى سەن كۆرگەنمۇ؟ ــ دىدى.
ــ سىز بۇنىڭغا ئىشەنمەمسىز؟
ــ ياق.
­­ــ ئۇنداقتا ئىنسان مايمۇندىن ئۆزگەرگەنلىكىنى سىز كۆرگەنمۇ؟
ــ بۇنىڭغا تارىخى ئىسپات بار.
ــ سىز كانىدەك يېپىشىۋالغان ئۇ ئىسپاتلار ئاللىقاچان دەپنە قىلىنىپ كەتتى.مېنىڭمۇ تارىخى ئىسپاتىم بار .ئۇلارنىڭ پەقەت بىرقانچىسىنى سۆزلەي.تارىختا ئۆتكەن نى-نى كاتتا ئىمپىرىيەلەر پەقەت ئائىلە نىكاھ مۇناسىۋىتىنى تەرىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولغان .بۇنىڭ ئەڭ داڭلىقى ئاد قەۋمىنىڭ بەچچىۋازلىق قىلىپ ھالاك بولۇشىدۇر .قەدىمكى بابىلۇندىمۇ بىر مەزگىل مۇنداق بىر ئىدىيە تارقالغان«پادىشاھ بولسۇن پۇقرا بولسۇن ھەممىسى باراۋەر بولىدۇ.ھەممە نەرسىنى تەڭ بۆلىشىدۇ.ھەتتا خوتۇنلارنىمۇ شۇنداق.بىرى يەنە بىرىنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كەلسە ، ياخشى كىشى خوتۇنىنىمۇ ئارىيەت بېرىشى كېرەك» دىگەن .بۇ ئىدىيە پادىشاھ تەرىپىدىنمۇ قۇبۇل قىلىنغان،نەتىجىدە ئۇزۇن ئۆتمەي،ئۇلاردا «ئالۋاستى كېسىلى»دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەل تارقىلىپ، مۇشۇنداق كۈچلۈك ئىمپىرىيە تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان.ئەگەر بىز نىكاھنى تەرك ئېتىپ ،ھايۋانى جۈپلىشىپ يۈرسەك ، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى ھىساپلانغان ئەرلەرنىڭ بالىسىغا ئىگە بولمايدىغان ھاڭگىلاردىن نىمە پەرقى بولار؟ بىز ھالاك بولماسمىزمۇ؟
ــ سەن ئۇنداق دىگىنىڭ بىلەن،ــ دىدى ئۇ ــ ئۇ قايسى دەۋر،ھازىر قايسى دەۋىردە ياشاۋاتىمىز؟ھازىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ،جىنسى ئەركىنلىكمۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ھوقۇقى.سېنىڭ قاراشلىرىڭ تەرەققىياتنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ بازىرى چىقماسلىقى تەبىئى .
ــ مېنىڭ ئەركىنلىككەقارشى چىققىنىم يوق.لېكىن شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، تىزگىنلەش بولمىغان ئەركىنلىك ئىنساننى ھالاك قىلىدۇ. پويىزمۇ رېلىسنىڭ ئۈستىدە بىخەتەر ماڭىدۇ.ئەگەر ئۇنى ئەركىن ماڭدۇرىمەن دەپ رېلىستىن چىقىرىۋەتسىڭىز قانداق بولار؟ سىز «تەرەققىيات »دەپ قالدىڭىز ،سىزنىڭچە «تەرەققىيات» دىگەن نىمە؟ ــ دەپ سورىدىم.
ــ تەرەققىيات دىگىنىمىز ئىنسانىيەت ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بارلىق يېڭىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.سېنىڭ دەۋاتقىنىڭ كونىلىقتۇر.شۇڭا ئۇ يوقىلىشى كېرەك.
ــ مېنىڭچە يېڭى بارلىققا كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەرەققىيات بولمايدۇ. يېڭىلىق ئەگەر ئىنسان تەبىئىتىگە ماس كەلسە،ئىنسانىيەتنى ماددى،مەنىۋى ۋە روھى جەھەتتىن يۈكسەلدۈرسە،ئۇ تەرەققىيات بولىدۇ.ئەگەر يېڭىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە زىت بولۇپ،ئىنسانىيەتنى مەنىۋى ،روھى جەھەتتىن چىرىتسا،ئۇماددى جەھەتتىن قانچە زامانىۋى بولۇپ كەتسىمۇ،جاھىلىيەت دەپ قارىلىدۇ.مەسىلەن،قىمار شەھىرى لاس-ۋىگاس قانچىلىك زامانىۋىلىشىپ كېتىشىدىن قەتئى نەزەر،قىمار ئىنسان روھىنى چىرىتىدىغان زەھەر.ئوخشاشلا جاھىلىيەت.ئۇ ئىنسانىيەتكە بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ.سىزنىڭ ئېدىيىڭىزمۇ پەقەت جاھىلىيەت قارىشىدىن ئىبارەت.

  ــ ئاياللار توي قىلسا ،بالا تۇغىدىغان گەپ.ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالا بېقىپ، تاماق ئېتىپ ،كىر يۇيۇپ يۈرسە،جەمئىيەت قانداق تەرەققى قىلىدۇ؟ ــ دىدى ئۇ.

ــ جەمئىيەت نۇقتىسىدىن قارىساق،بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.سىز دەپ بېقىڭ،ئائىلە قارىشى كۈچلۈك بولغان،ئاجرىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان جەمئىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان ئىجدىمائى مەسىلە،جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى كۆپمۇ ياكى ئاجرىشىش ئەۋج ئالغان،نىكاھسىز بالىلار كۆپىيىپ كېتىۋاتقان جەمئىيەتتە  كۆپمۇ؟ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن،ياكى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلار  ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان.ياپونىيەدىمۇ توي قىلغاندىن كىيىن ئاياللار خىزمەت قىلمايدىكەن.ياپونىيە سىزچە تەرەققى قىلمىغانمۇ؟

ــ ئىنسان تەبىئىتى جىنسىيەتنى خالايدۇ.قارىغاندا سەن قىزلارنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشىمامسەن«تاڭسىڭجان»؟ ئۇ ئىشنىمىچۇ بىڭسىڭ بولسا قىلىسەن. شۇڭا سەندەكلەرگە خوتۇن چىقماي،چىقسىمۇ خوتۇننى رازى قىلالماي ئۆتۈشىسەن.ــ دىدى ئۇ تاتىرىپ.

مېنىڭمۇ بۇگەپلەر قاتتىق غورۇرىمغا تەگدى :

ــ قارىسام ھۆرمەت قىلىشىمغىمۇ ئەرزىمەيدىكەنسەن.مەنمۇ قىز بالىنى ياخشى كۆرىمەن.ساڭا ئوخشاش لاۋزىلارغا دۈم چۈشكەن غىلجىڭلارنى ئەمەس.ھەقىقى ئېتىقادلىق،پاك غورۇرلۇق قىزنى ياخشى كۆرىمەن.ئىنسان تەبىئىتى نىجىسلىقنى ئەمەس،پاكلىقنى خالايدۇ.ئوغرى چېغىدا ئۆز شېرىكىنىڭ سادىق بولىشىنى تىلەيدۇ.بۇزۇق ئەرمۇ ،ئۆز ئايالىنى پاك بولسىكەن دەيدۇ؟ سەن ئۇنداق دىمەمسەن- يا؟ ئەگەر مەن «سىڭلىڭ بىلەن بۇگۈن كېچە go habit قىلىپ كىرەي،رۇخسەت قىل!» دىسەم، نىمە دەپ جاۋاپ بىرەتتىڭ ؟ ۋىجدانىڭ بىلەن جاۋاپ بېرىپ باققىنا!

سىنىپنى چاۋاك ۋە قىقاس-چۇقانلار قاپلىدى.ئۇ تاتارغان ھالدا ئىشىكنى جالاقلىتىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇئەللىممۇ بىرقانچە كۈن «ئاغرىپ قېلىپ» مەكتەپكە كېلەلمىدى.مەنمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇمەكتەپتىن كەتتىم.

جەمئىيىتىمىزدىمۇ،شۇ مۇئەللىمدەك شەيتانلارتۇيدۇرماي كۆپەيمەكتە ئېدى. ئۇلار كىشىلەرگە جاھىلىيەتنى،ئىلمى خۇراپىيلىقنى «تەرەققىيات»دەپ ئۈگىتەتتى.شۇڭا مەن ئۇلارنى«شەيتان مۇئەللىم»دەپ ئاتىغان ئېدىم.مەيلى ئۇلار ئەۋىج ئېلىپ كەتسۇن ياكى يوقالسۇن ،بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە بىر سىناق خالاس.ئۇلارنىڭ دامىغا پەقەت مەيدانى يوق،ئەقىدىسىنى ئوغۇرلىتىپ قويغان كىشىلەرلا چۈشىدۇ.ھەقىقى ئەقىدىلىك كىشىلەرنى ئۇلار تەۋرىتەلمەيدۇ. مەنمۇ ئۇلارغا قارشى بىر شېغىل تاش بولسىمۇ ئاتىمەن.ئاڭلىسۇن-ئاڭلىمىسۇن توغرىنى چۈشەندۈرىۋىرىمەن.مېنى ئۇلار توسالمايدۇ.

 رىۋايەت قىلىنىشىچە، كافىرلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئوت يېقىپتۇ.ئوتقا يىلان تەمەچ توشۇپتۇ،قارلىغاچ بولسا       كىچىككىنە ئاغزى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سۇ توشۇپتۇ .ئۇنىڭدىن «سەن ئاغزىڭدىكى كىچىككىنە سۇ بىلەن مۇشۇنچىۋالا چوڭ ئوتنى قانداق ئۆچۈرىسەن؟» دەپ سورالغاندا. «شۇ ئوتنى ئۆچۈرەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى،ئەمما ئوتنىڭ ئۆچۈش- ئۆچمەسلىكى مېنىڭ چامامدىكى ئىش ئەمەس،لېكىن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش مېنىڭ ئەقىدەم.ئەقىدەم ئۈچۈن ياشاش مېنىڭ مىزانىم.»دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ...


 
 مەنبەسى :ئۆز  ئىجادىيىتىم


gvzal3.8 2011-01-04 00:22
  بۇ تېمىنى ئوقۇپ، شۇنداق ھاياجانلاندىم، گەرچە تېمىدا بىر قىسىم ئەخلاقسىز قىلمىشلارمۇ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ئەخلاقسىزلىقنى تەنقىد قىلىۋاتقان غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق، ئىمانلىق ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىدىن كۆڭلۈم شۇنداق سۆيۈندى، بارىكاللا ئېسىل يىگىتلەر! ئىككىلا ئالەمدە بەخت سىلەرگە يار بولسۇن.

kaqkun16 2011-01-04 00:26
قېنى باللا بېلەت تاشلاپ باقايلى،بۇ تېمىنى نادىرلاشقا بولامدۇ يوق...............
مەن ئەلۋەتتە نادىرلاشقا بىر بېلەت تاشلايمەن،قالغانلارچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

kaqkun16 2011-01-04 00:27
نەقىل
بۇ 1قەۋەتتىكىgvzal3.8 يوللىغان 2011-01-04 00:22 غا قارتىلغان  :
  بۇ تېمىنى ئوقۇپ، شۇنداق ھاياجانلاندىم، گەرچە تېمىدا بىر قىسىم ئەخلاقسىز قىلمىشلارمۇ يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ئەخلاقسىزلىقنى تەنقىد قىلىۋاتقان غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق، ئىمانلىق ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىدىن كۆڭلۈم شۇنداق سۆيۈندى، بارىكاللا ئېسىل يىگىتلەر! ئىككىلا ئالەمدە بەخت سىلەرگە يار بولسۇن.

مەن دەيدىغان گەپلەرمۇ مۇشۇ!

gvzal3.8 2011-01-04 00:27
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىkaqkun16 يوللىغان 2011-01-04 00:26 غا قارتىلغان  :
قېنى باللا بېلەت تاشلاپ باقايلى،بۇ تېمىنى نادىرلاشقا بولامدۇ يوق...............
مەن ئەلۋەتتە نادىرلاشقا بىر بېلەت تاشلايمەن،قالغانلارچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

تېما ئىگىسىگە ئۇچۇر قىلىندى، ئۇچۇرنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، قاچقۇن.

kaqkun16 2011-01-04 00:47
نەقىل
بۇ 4قەۋەتتىكىgvzal3.8 يوللىغان 2011-01-04 00:27 غا قارتىلغان  :

تېما ئىگىسىگە ئۇچۇر قىلىندى، ئۇچۇرنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، قاچقۇن.

ئەمدى بىز ئەمەلدار بولمىغاندىن كېيىن بىلمەيدىكەنمىز ،يا بىر نادىر تېما يېزىپ باقمىساق،يا يازغان ئىنكاسنى نادىرلىمىساڭلار
گۈزەل ھەدە مەن خالمۇرات0416بىلمىدىم ئېسىڭىزدە بارمۇ يوق؟



خالمۇرات 0416 ئەلۋەتتە ئېسىمدە بار، قاچقۇننى دەماللىققا تونۇيالمىغان بىلەن
_ gvzal3.8

firkat 2011-01-04 01:13
ئىسىل ھەقىقەتەن ئىسىل تېما، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بۇ تېمىنى نادىرلاپ چوققىلاپ قويساڭلار، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى كۆرەلمىسىمۇ كۆپ قىسمىنىڭ كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىشىنى، روھىيىتىنى يۈكسەلدۈرشىگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالار. تېما ئىگىسىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

alxirxahzada 2011-01-04 02:18
نادىرلاشقا بىر بېلەت تاشلايمە

elzat 2011-01-04 10:32
سىزنىڭ دېگىنىڭىز ئاتلانغۇ دەيمەن.  ئۇ يەر ھازىر 婚介所بولۇپ كەتتى. ناچاردە ناچار!!

izchilar 2011-01-04 12:07
ئېنگىلىزتىلى ئۈگۈنۈش جەريانىدا ھەرخىل ئادەملەرگە ئۇچرايدىكەنمىز.بۇنداق ئىشلارنى تۈزەتمەك ئاسان ئەمەس.چۈنكى بەزى ئاشۇنداقلارنىڭ ئېنگىلىزتىلى سەۋىيىسى خىلى يۇقىرى.ئېنگىلىزتىلى ئۈگەنمەكچى بولغانلارنىڭ نەزىرىدە قانداقلا بولمىسۇن تەبىي ھۆرمەتلىنىدۇ.ھەتتا سىز دىگەندەك بەزى قىزلار ھاياجانلىنىپ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە ئۆزىمىز.ئاپتۇرغا ئوخشاش جايىدا دەككىسىنى بىرەلىسەك ۋە سەپسەتىلىرىگە رەدىيە بىرەلىسەك بولىدۇ.قالغىنى بىكار.

uystudent 2011-01-04 12:38
نادىر تېما....

alakap 2011-01-04 12:39
ياخشى تېما بوپتۇ ، مىنڭچە ئاشۇنداق مۇئەللىملەرنى تازا ئەدەپلەپ ،ئادەم قىلىپ قويغان ياخشى!

atikam1 2011-01-04 12:42
مانا مۇشۇنداق ئىتىقادلىق يىگىتلىرىمىزنىڭ بولۇشى ،،مىللىتىمىزنىڭ پۇتۇنلەي تۇگۇشەپ كەتمىگەنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ ،،،، ئاللاھ ھەمىمىزنى ھېدايەت يولىغا باشلىغاي،،،،

nurana 2011-01-04 13:54
مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ نەسەبەنى، مىللىتىنى ،ئىنسانى غۇرۇرىنى،پاك ئىتقادىنى،ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان،شۇنداق ئادىمى شەيتانلاردىن ،ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.ئامىن
نادىرلاشقا مەنمۇ بىر بىلەت تاشلايمەن.

er^tugh 2011-01-04 14:46
گەرچە ئۆزىمىز بىلىپ -بىلمەي ، ھەقنى پۈكلەپ بىر بۈلۇڭغا ياتقۇزۇپ قويغان ، باتىلغان تون كېيدۈرۈپ ، مەيدىسىنى كىرىپ يۈرىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتقان بولساقمۇ ... ۋە يەنە شۇنىڭدىن ئاغرىنىپ يۈرسەكمۇ ، بارلىق ئىنكانىيەتلەرنى ئۆزىمىزنىڭ بوشاڭلىقىدىن كۆرمەي ، ھېلى ئۇنىڭغا ، ھېلى بۇنىڭغا ئارتىپ ، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈگىنىشگە كېرەكلىك ، ئەقەللىي مەلۇماتلارنىمۇ ئۈگەنمەي بىلى بوشلۇق قىلىپ ، ۋاقتانى -ۋاقىت كەلگەندە - ئېھساندەك تۆت ئېغىز گەپنى جايلاپ قىلالماي ، ھاڭۋىقىپ - شاراپەتلىك دىنىمىزنىڭ ياتلار ئالدىدىكى ئوبرازىنى ساقلاشقىمۇ قۇربىمىز يەتمەس بولدى .  

mostapa 2011-01-04 14:48
بۇ تېمىنى بەكمۇ ھاياجان ئىچىدە نەچچە رەت ئۇقۇپ چىقتىم، ئۇلۇغ اللە بارلىق ئۇيغۇر قىز ئۇغۇللۇرغا ئىمان ۋىجدان ئەدەپ ئەخلاق شەرمى ھايا بەرسۇن امن!!!
ھازىركىلۋاتقان سۇنىڭ بىششى لاي، ھازىرقى مائارىپتىكى كۈپ ساندىكى ئۇقۇت قۇچىلار ئۈزىنىڭ زىممىسىد ىكى يۈكنىڭ ئىغىرلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ ھەم تۇلۇق ئادا قىممايۋاتىدۇ،
گەپنىڭ قىسقىسى كۈپ ساندىكى ئۇقۇتقۇچىلار بۈلەي تاشنىڭ ئۈزى،

ھەدىس
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن كىيىن بازارغا چىقىپ شۇنداق دىدى: ئى ئىنسانلار بەشكە بەش بۇلدى دىدى. ساھابىلەر: ئى اللەنىڭ ئەلچىسى بەشكە بەش بۇلدى دىگەننىڭ مەنىسى نىمە؟ دەپ سۇراشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام دىدى<<1-ھەرقانداق بىر مىللەت ئەھدىنى بۇزىدىكەن اللە ئۇلارغا ئۆز دۈشمەنلىرىنى ھۈكۈمران قىلىپقۇيدۇ.2- اللە چۈشۈرگەننىڭ باشقىسى بىلەن ھۈكۈم قىلسا ئۇلار ئارسىدا پەقىرچىلىق ئاشكارا بۇلۇدۇ.3- زىنا پاھىشە ئۇچۇق ئاشكارا بۇلسا ئۈلۈم- يىتىم كۈپىيىپ كىتىدۇ.4- ئىنسانلار جىڭ-تارازىنى كەم قىلدىكەن،اللە ئۇلاردىن ئۈسۈملۈكنى مەنئى قىلىپ قۇيدۇ ۋە قەھەتچىلىككە دۇچار قىلىدۇ.5-ئىنسانلار زاكاتنى مەنئى قىلىدىكەن اللە ئۇلاردىن يامغۇرنى تۇسۇپ قۇيدۇ. ئەگەرھايۋانلار  بۇلمىسا ئىدى. اللە يامغۇر ياغدۇرمايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەش جىنايەتكە بەش جازانى بايان قىلىپ بەردى. ھەربىر جىنايەتكە ئۇنىڭغا خاس ۋەمۇناسىپ جازا بىرىدۇ. ئىنسانلار قانداق جىنايەت سادىر قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىغا ھەقلىق بۇلىدۇ. ھەقىقەتەن ھەسرەتلىنىشكە چاقىردىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارسىدا ۋۇ
جۇتقا كىلىۋاتىدۇ. شۇ گۇناھلارنى قىلغۇچىلار بۇ جىنايەتلەرنىڭ جازا سىغا لايىق بولۋاتىدۇ.
ئى اللە بارلىق ئىنسانلارنى جۈملىدىن ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرنى ھىدايەت قىلغايسەن امن...........


مەنبە ئىسلام ماتىريالىدىن

dihqan 2011-01-04 16:26
توۋا دەتمەن ،ئاشۇنداق بىرنىمىلەرنى ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ بەر دەپ تەكلىپ قىلغانقانداق ئەقلى يوق ئادەملەردۇ.ئاشۇنداق يەردە بىلىم ئالىمەن دىگىچە ۋاڭبا غا كىرىپ كۆرسۇچۇ.باشقا كۇرۇسلارمۇ باردۇ. ئاشۇنداق ئىمانسىز نائەھلىلەرگە لەنەت.
تىما سۆزسىز  نادىر~!

zulay007 2011-01-04 16:32
مەنمۇ نادىرلاشقا بىر بىلەت تاشلايمەن .
جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلىشىدا  يالغۇز بىز قىزلارنىڭلا مەسئۇلىيتى يوق .
ئاشۇنداق ئىمانسىز   غۇرۇرى يوق ئوغۇللىرىمىز  يەر يۈزىدىن تىزراق يوقالسا !!!!!!!!!!!!

paryat 2011-01-04 16:36
ھەي ئىنسانلار  بۇ مېنىڭچە ئاپتورنىڭ خىيالدىكى بەدئى تۇقۇلما ،،،،،ئانداق ئالدىراپ ئاتلان پاتلان دەپ بىر چىرايلىق ئاغزىڭلارنى پوق قىلۋالماڭلار،،،،،،ئاتلاندا خېلى تۈزۈك مۇئەللىملەر ئىشلەيدۇدەپ بىلمەن..........

bb机 2011-01-04 17:57
ھەقىقەتەن ۋەزىنلىك،تېتېملىق تېما ئىكەن،ئېھ اللا،قىزلىرىمىزغا ھايا،نۇمۇس،ئوغۇللىرىمىزغا ئىنساپ ئاتا قىلغايسان!

ehsan 2011-01-04 18:30
نەقىل
بۇ 8قەۋەتتىكىelzat يوللىغان 2011-01-04 10:32 غا قارتىلغان :
سىزنىڭ دېگىنىڭىز ئاتلانغۇ دەيمەن.  ئۇ يەر ھازىر 婚介所بولۇپ كەتتى. ناچاردە ناچار!!

بۇ مەلۇم بىر كۇرىسقا قارىتىلغان ئەمەس.زىيالىلىرىمىزئارىسىدىكى بەزىئىللەتلەر ھەقىقى پاشقىلىنغان.

pariay 2011-01-04 22:47
جەمىيىتىمىزدىكى ناچار ئىللەت ، ناچار خائىشلارغا ئىبرەت بولغۇدەك تىما بوپتۇ ! يىگىتلىرىمىزگە غورۇر ، ۋىجداننى ، قىزلىرىمىزغا شەرمى - ھايانى ئايىمىغايسەن !

gheribjan 2011-01-04 23:01
ھەققەتەن  نادىرلاشقا  تىگىشلىك  تىما ئىكەن،تورداشلار،مۇشۇنداق  تىمىلارنى  خىزمەتداشلارغا،ئەل-ئاغىنىلەرگە  ،ئالى  مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان  ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا  تەشۋىق  قىلايلى،ياخشى  بولغان  جامائەت  پىكىرى  دىگەن  مۇشۇنداق  ھاسىل  بولىدۇ.

arxang 2011-01-05 17:44
تىمىڭىزنى رۇخسىتىڭىزسىز باشقا مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم كەچۈرۈڭ قىرىندىشىم.
تىمىڭىزنىڭ ئىسىللىقىدىن كۆرۈڭ مىنىڭ سەۋەنلىكىم ئەمەس
.

مۇبارەك 2011-01-05 19:08
مېنىڭ كۇرستا دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ يازدا كىيىدىغان ئىككى يۈرۈش كىيىمى بولىدىغان. بىرى قىزىل يانا بىر قارا رەڭلىك مايكا، ئشتىنى پادىچىلار ئىشتىنى. پۈتۈن تەتىللىك كۇرس ۋاقتىدا شۇ ئىككى يۈرۈش كىيىمىنى كىيەتتى.

دائىم ئوتتىرا تېخنىكومدا ئوقىۋاتقان چېغىدىكى ئېنگىلىز تىلى ئۆگۈنىمەن دەپ تارتقان جاپالىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى، ئەتتىگەندە مەكتىپىدىن يەنە بىر مەكتەپكە ئالدىراش كىتابىنى قولتۇقلاپ، ناشتا قىلىش ئۈچۈن بارىدىغان قازاق موماينىڭ قېشىغا بارغىنىدا، تەسىرلىنىپ كەتكەن موماي كۈندىكى ھەقسىز ناشتىلىق بېرەتتىكەنتۇق.

ۋېلىسېپىت مىنىپ كېلەتتى دەرسكە شۇنچە يىراقتىن، چۈشلىكى نېمە يەيسىز دېسەك، مانتا قىلىدىغان ئاشخانىدىن ئىككى ياكى ئۈچ تال مانتا يەيمەن، دەيتتى.

ئۇيغۇرچە رومان كىتاب كۆتۈرۈپ سىنىپقا كىرگەن چېغىمدا، مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇپ ۋاقت زايە قىلماڭ، دېگەنتى...لېكىن مەن ئۇ گەپنىڭ پەقەت شۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.

يېنىمدا ئولتۇرىدىغان سەنئەت ئۆمەكتىكى ئۇسسۇلچى قىز دائىم ‹ مۇشۇ بالا بىر ئوغۇل بالىدەك جاڭ-جاڭ سۆزلىسە بولمامدىغاندۇ، ئىچىمنى سىقىپ قويدى...› دەپ قوياتتى. شۇئان مۇئەللىمنىڭ قولىنى بىر قىسما قىلىپ، مۈرىسىنى قىسىپ سۆزلىگەن ھالىتىنى خىيال قىلاتتىم.

نەچچە ئايلىق كۇرستا ئۇ مۇئەللىمنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ھەرخىل بولدى. مەن ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك يەرلىرىمۇ بار، مەن پىسەنت قىلماسلىققا تېگىشلىك يەرلىرىمۇ ھەم بار. خۇددى ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگەن بىر قىسىم كىشىلىرىمىزگە شۇ تىلنى قوللىنىدىغان قەۋمنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى قاراش-چۈشەنچىلىرى سېڭىپ قالغىنىدەك، شۇ كىشىنىڭ بىزگە ئۆگۈتۈش جەريانىدا ئۆز قاراشلىرىنى تەبىئىيلا يۇقتۇرۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، گەپ بىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولىشىمىزدا. بەك ئېشىپ كەتكەن ئاتالمىش قاراشلارغا ئاپتور ئېيتقاندەك يولىدا ئاگاھ بېرىپ قويۇش ھەربىرىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيىتى بولسا كېرەك.

ali88 2011-01-05 21:11
ئىسىل تىمىكەن ،رەخمەت سىزگە

dilhux2 2011-01-05 21:57
قايتا -قايتا ئۇقۇپ ھاياجانلاندىم، پەقەت" نادىر" تېما دىيەلەيمەن خالاس.

pengiyar 2011-01-05 22:08
ئەگەر بىز نىكاھنى تەرك ئېتىپ ،ھايۋانى جۈپلىشىپ يۈرسەك ، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى ھىساپلانغان ئەرلەرنىڭ بالىسىغا ئىگە بولمايدىغان ھاڭگىلاردىن نىمە پەرقى بولار؟
مېنىڭچە شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇشنىلا ئويلاپ، بۇرنىنىڭ ئۇچى ھەممىنى توسىۋالىدىغانلار ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سۇئال بولماس....
ئاشۇ ھاڭگا تەلەت، شەھۋانىيلىققا دۈم چۈشكەنلەر مۇشۇ قۇرلارنى كۆچۈرۈپ ھەر كۈنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقسا مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئاشۇ شەھۋانىي نەپسى ئاز تۇلا بېسىلىپ قالارمىكىن دەيمەن.

لېكىن شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، تىزگىنلەش بولمىغان ئەركىنلىك ئىنساننى ھالاك قىلىدۇ. پويىزمۇ رېلىسنىڭ ئۈستىدە بىخەتەر ماڭىدۇ.ئەگەر ئۇنى ئەركىن ماڭدۇرىمەن دەپ رېلىستىن چىقىرىۋەتسىڭىز قانداق بولار؟
شۇنداق ھاياتتا چوقۇم تىزگىنەك بولۇشى كېرەك. تىزگىنەك نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ تىزگىنەك باشقۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. باشقۇرۇش ئىلمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياخشى بولغان باشقۇرۇش بولماي تۇرۇپ ياخشى ئۈنۈم بولمايدۇ. شۇڭا چوقۇم تىزگىنەكنى ياخشى كونتىرول قىلىپ، ھەممە ئىشنى ئۆز لايىقىدا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

مېنىڭچە يېڭى بارلىققا كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەرەققىيات بولمايدۇ. يېڭىلىق ئەگەر ئىنسان تەبىئىتىگە ماس كەلسە،ئىنسانىيەتنى ماددى،مەنىۋى ۋە روھى جەھەتتىن يۈكسەلدۈرسە،ئۇ تەرەققىيات بولىدۇ.ئەگەر يېڭىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە زىت بولۇپ،ئىنسانىيەتنى مەنىۋى ،روھى جەھەتتىن چىرىتسا،ئۇماددى جەھەتتىن قانچە زامانىۋى بولۇپ كەتسىمۇ،جاھىلىيەت دەپ قارىلىدۇ.مەسىلەن،قىمار شەھىرى لاس-ۋىگاس قانچىلىك زامانىۋىلىشىپ كېتىشىدىن قەتئى نەزەر،قىمار ئىنسان روھىنى چىرىتىدىغان زەھەر.ئوخشاشلا جاھىلىيەت.ئۇ ئىنسانىيەتكە بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ.سىزنىڭ ئېدىيىڭىزمۇ پەقەت جاھىلىيەت قارىشىدىن ئىبارەت.
ئىنساننىڭ ياشاش ۋاستىسى تەرەققىي قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەبئىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تەبئىيىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولسا ياكى تەرەققىيات بولسا، ئۇنىڭ زاتى ئىنسان بولماي قالىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ بۇرۇنقى ئىنسانلارغا يات بىر تەبئىيەتتە ياشىشى كېرەك بولىدۇ. لېكىن، بىز ئۆز ئىنسانىيلىقىدىن خالىي ياشىغان ئىنساننى تېخى ئۇچراتمىدۇق. دېمەك، ئىنسانىيلىق ئۆزىنى ساقلايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ياشاش ۋاستىسىدا تەرەققىيات بولىدۇ. (ئا. جالالىدىن)

narazi 2011-01-11 20:35
ئىنگىلىزتىلى ئىشلىتىدىغان قەۋىمنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرىمەن بۇ تىمىدا سۆزلەنگەن ئوقۇتقۇچىدەك ماز  ھايۋانلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ ،ئۇلارنىڭ كۆتۈرۋالغان .ئەركىنلىك دەپ كۆتۈرۈپ يۈرگەن سەپسەتىللىرى  پەقەتلا شۇ ئۆزىدىكى ھايۋانى ھىس -تۇيغۇلارنى پەدەزلاپ كۆرسىتىپ مىللىتىمىزنىڭ سەبى ئاق كۆڭۈل قىزلىرىنى ئالداپ ئۆز ئولجىسىغا ئايلاندۇرۇش خالاس
ئەگەر شۇنداق قاراشلارغا دۈم چۈشكەن بولسا ئۇ قاراشلىرىنى  بىزلەرگە سىڭدۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولغۇچە ئوخشاش قاراشتىكى چەتئەللىك ئاياللار ۋە ھەم جىنىسلارنى تېپىپ يوغان سۆزلىگەن نوچىلىقىنى كۆرسىتىپ  ئت-ھايۋاننىڭ كۈنىدە ياشاۋەرسە بولمامدۇ دەيمەن؟

narazi 2011-01-11 20:38
ئۇنداق ھارام-تاماقلار بىرىنجى بولۇپ ئۆزى تەلپۈنگەن چەتئەللىكلەرنىڭ باشقىلارنى ،باشقا ئىدىيىلەرنى ھۆرمەت قىلىش  ئىدىيىسىنى ئۈگەنگەن بولسا ئىدى خەلقىمىزنىڭ ئىتىقادىنى مازاق قىلىپ گىدىيىپ يۈرمىگەن بولار ئىدى .ئىشىنىمەنكى ئۇ ناكەسلەر ئۆزى تەلپۈنگەن خەلىق ئارىسىدىمۇ ئادەملىك قىممىتى بىلەن ياشىيالمايدۇ.

elpida 2011-01-12 01:02
بەللى ياخشى يېزىپسىز.سىزگە ئاپرىن قېرىندىشىم.يەنە بارمۇ؟

0mar 2011-01-14 13:14
مەن بەزىبىر ئۇيغۇرئانا-بالىلىرىنى كۆگەنتىم  ئۇلاغا قاراپ ھەي ئىسىت دەپ قالىدىم ،
ئۇلاربىر-بىرى بىلەن كوچىدا ماڭغاندىمۇ خەنسۇچە سۆزلىشىپ ماڭاتتى.

muslima402 2011-01-20 00:33
مەنمۇ بىر بىلەت تاشلايمەن.

huxtar 2011-01-24 01:53
مەن مۇ بىر بىلەت تاشلايمەن. بەك ياخشى تېمىكەن..

chogh 2011-01-24 18:00
ئىسىل مۇنازىرە بوپتۇ ، ئۇنداق رەسۋالارنى كاللىسىغا تاغار كەيدۈرۈپ راسا ساۋاپ ، يالىڭاچلاپ تۇۋرۇككە باغلاپ قۇيۇپ ، دۈمبىسىگە Gay دەپ يېزىپ قۇيۇش كېرەك .

chogh 2011-01-24 18:00
نادىرلاشقا مەنمۇ بىلەت تاشلاپ قوياي راست

idikutluk 2011-02-09 17:05
قورغانىمىزنى مۇشۇنداق  قۇرام تاشلار بىلەن مۇستەھكەيلەيمىز  !

mamateli105 2011-02-16 03:28
سىزدەك يىگىتنىڭمۇ بارلىقىدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم سىزنى يەنە نىمەدەپ ماختىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم . قىسقىلادەي يىگىتكەنسىز !

wolverine 2011-02-20 12:02
taza yahxi adabini beripsiz!!!真不知道有些人把自己想成什么伟大人物。。。。不就是会点语言嘛,垃圾,英语这东西现在谁都懂。。。 。。。

muhib 2011-02-23 22:49
رىۋايەت قىلىنىشىچە، كافىرلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئوت يېقىپتۇ.ئوتقا يىلان تەمەچ توشۇپتۇ،قارلىغاچ بولسا       كىچىككىنە ئاغزى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سۇ توشۇپتۇ .ئۇنىڭدىن «سەن ئاغزىڭدىكى كىچىككىنە سۇ بىلەن مۇشۇنچىۋالا چوڭ ئوتنى قانداق ئۆچۈرىسەن؟» دەپ سورالغاندا. «شۇ ئوتنى ئۆچۈرەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى،ئەمما ئوتنىڭ ئۆچۈش- ئۆچمەسلىكى مېنىڭ چامامدىكى ئىش ئەمەس،لېكىن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش مېنىڭ ئەقىدەم.ئەقىدەم ئۈچۈن ياشاش مېنىڭ مىزانىم.»دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ
دوستۇم تېمىڭز  بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. لېكىن بۇ يەر ، يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بۇ ھەممىسىى يالغان ، سىز بەلكىم بۇنى قىسسەسۇل ئەنبىيا دېگەن كىتابتىن ئالغانسىز ، بۇكىتاب يالغان . بونى ئۇقىماڭلار .  

tapqur 2011-03-09 14:07
ئەزا يېزىش چەكلەندى.

细雨 2011-03-09 17:14
مەنمۇ بىر بېلەت تاشلايمەن  ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان تېمىكەن

幸福鸟 2011-03-14 22:32
ئاشۇ پەس مۇئەللىمنى مات قىلغىنىڭىز دىن بەكمۇ سۆيۇندىم.كۈچلۈك مۇسۇلمان بولساقكەن.....

土狼 2011-03-16 11:23
مەنمۇ نادىرلاشقا بىر بىلەت تاشلايمەن . ھازىرقى ئادەملەر نىم بوپ كىتىۋاتىدۇ ھەيييييي!!!!!

barkatjan 2011-03-19 17:47
ناھايتىمۇ ياخشى يىزىپسىز بۇ تىمىنى .  ھازىر جەمىيتىمىزدە بۇنداق ئېشلار بەكلا كوپ..............
      

jekson 2011-03-20 01:30
نادىرلاشقا بىر بېلەت تاشلايمە

xj841209 2011-03-23 13:36
بۇنداقلارنى كەسپى ئەخلاق قارىشى يوق،قانداقمۇ مۇئەللىم بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغاندۇ؟

chvmvle 2011-03-29 15:52
ئېھسان ئەپەندى بىلەن مۇستاپا ئەپەندىلەر، سىلەر سەلكىن مۇنبىرىدىكى ئېھسان،مۇستاپالار شۇمۇ ئەمەسمۇ ؟ ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىڭلار .

nannan 2011-03-31 09:57
ھەييييييييييييييييي~~
بىز تىل ئۆگىنەيلى، دىلنى بۇزمايلى~

تېما ئىگىسىگە اللە رەھمەت قىلسۇن~

dildax418 2011-04-15 11:35
        بۇ تېمىڭىزنى بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز ! ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت،مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن ! يىگىتلىرىمىزگە ئىنساپ ،قىزلىرىمىزغا شەرمى -ھايا ئاتا قىلسۇن !
          دېسەم يەنىلا شۇ باشقا تورداشلارغا ئوخشاشلا ئەسىرىڭىزگە رەھمەت ! ياخشى بىر ئەسەرنى يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە رەھمەت !


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- شەيتان بىلەن سۆھبەت --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.044225 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us