رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئوغرى ئالدى (ھېكايە) --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> ئوغرى ئالدى (ھېكايە) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

urukjan 2010-12-30 09:27

«ئوغرى ئالدى»
   ھېكايە

«يېتىمگە ياغ ياراشماپتۇ» دىگەندەك، ئۇماققىنا بىر قىزنىڭ دادىسى بولدۇم دەپ ئاغزىم قۇلىقىمغا يېتىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ  بىرىدە ، ئايالىمدا غەلىتىلا بىر كېسەل پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ تونۇرغا يېڭىلا چاپلانغان مايلىق توغاچتەك دومباققىنە ئېكەڭلىرى كۈنسىرى ئولتۇرۇشۇپ ، ئالمىدەك نۇرزىبا چىرايى زەپىرەڭدەك سارغىيىشقا باشلىدى.
-مادارىم يوق ،-دەيتى ئۇ ئۆي تازلاۋاتقاچ ،- بۈگۈن تاماقنى سىرتتىن ئەكىرىپ تۇرساق. ئەتىگىچە ئېتىپ بېرەرمەن ...
ئەمما ، ئاشۇ مورىدىن ئىس چىقىدىغان «ئەتە» ھېچ كېلەي دىمەيتتى. كەلگەندىمۇ پويىزدەك غۇيىت قىلىپ ئۆتۈپ كېتەتتى.
باشتا ئانچە پەرۋا قىلماي ئۆز ئىشىم بىلەن يۈرۈۋېرىپتىمەن. خىيالىمدا « ھە ، بىرنى تۇغۇپ  بەردىم دەپ مۇغەمبەرلىك قىلۋاتىسەنغۇ ھەقاچان!» دەپ ئويلايتتىم.
ئەمما،ئىش مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاددى ئەمەس بوپ چىقتى.
ئالدىنقى كۈندىكى ئاخشام تۈن يېرىم بولغاندا ، قانداقتۇر بىر قورقۇنۇچلۇق ئاۋازدىن ئۆلگۈدەك چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپلا كەتتىم.
كۆزۈمنى ئۇۋلىۋىتىپ ئوڭ بېقىنىمغا  قارىسام ئايالىممۇ ماڭا ئوخشاش ئۆرە تۇرۋاپتۇ . دەررۇ چىراقنى ياندۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر قاراپلا تېنىم  شۈركىنىپ كەتتى.  بىچارىنىڭ كۆز قارچۇقلىرى يۈتۈپ ، چىشلىرى كىرىشىپ ، چىرايىدا قان قالماپتۇ.
قورققىنىمدىن تىلىمنى چايناپ يۈرۈپ ئۆزۈم بىلگەن ئايەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئوقۇپ بوپتىمەن.شۇنداق قىلىپ ئۇ تاڭغا يېقىن ھوشىغا كەلدى. خۇداغا شۈكۈر.

ئەمما ،ئاشۇ نەس باسقان ئاخشامدىن باشلاپ ئۇنىڭ تەڭشەپ قويۇلغان چىرقىراق سائەتتەك تۈن يېرىمدە ئەسەبىيلەرچە قىيا-چىيا قىلىپ نىمىلەرنىدۇر غودۇراپ ، چاچلىرىنى يۇلۇشلىرى كۈنسىرى ئەدىگىلى تۇردى.

بۈگۈن سەھەر،  ئۇنىڭ «ئوكۇلدىن قورقىمەن» دىگەن ئاللىقانداق ۋايساشلىرىغىمۇ قارىماي دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىلى ئېلىپ باردىم.

-ئايالىڭىزدا ھېچ قانداق غەيرى ئالامەت يوقكەن ،- دېدى دوختۇر چاسا كۆزەينىكىنى قاڭشىرىغا نىقداپ تۇرۇپ،- پەقەتلا، زۇكام بوپ قاپتۇ. مەن دورا يېزىپ بېرەي. ئۈچ كۈن ئۇدا ئىچسىلا ياخشى بوپ كېتىدۇ.
دوختۇرنىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي دورىنى ئېلىپ دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتۇق.
ئەمەلىيەتتە نامرات يېزىمىزنىڭ شارائىتىغا نىسبەتەن دوختۇرخانىدىكىلەردىن ئاغرىنىپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى.
قاتناش ھادىسىگە يولۇقۇپ باش-كۆزىنىڭ ساق يېرى قالمىغان بىمارلارغىمۇ؛يۈرۈكى سېلىپ مەيدىسىنى قاماللىۋالغانلارغىمۇ ۋەياكى شامالداپ قاتتىق قىززىپ كەتكەنلەرگىمۇ ...ئوخشاشلا سېرىق رەڭلىك ،يوغانراق بوتۇلكىدىن بىرنى ۋە كىچىكرەك ئاقسۈزۈك بوتۇلكىدىن بىرنى ئېسىپلا بالىنىستقا ئالاتتى.
ھەر تۈرلۈك بىمارلارغا قويغان دىئاگنۇزلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاش چىقاتتى.
دوختۇرخانىنىڭ قان تەكشۈرۈش بۆلىمىدە قان تەكشۈرتكەن «ئا»تىپلىقلار، شەھەرلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپلا «ب»تىپقا ئايلىنىپ قالاتتى-دە ،ئۇلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرگەن شەھەرلىك دوختۇرلار :
-قانداق مەسئۇليەتسىز دوختۇرلار ئۇ؟! بىمارلارغا خالىغانچە دىئاگنوز قويسا بولامدىكەن؟،-دەپ كايىپلا كېتەتتى.
ئەمما ، مۈشكۈل ئەھۋالدا ئانچە-مۇنچە ئەسقاتىدىغان مۇشۇنچىلىك بىر دوختۇرخانىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈۋېرەتتۇق.

قېرىشقاندەك ، بۈگۈن كېچىمۇ ئايالىمنىڭ كېسىلى يەنە تۇتتى. بىر يىللىرى مودا بوپ كەتكەن «جانغا زامىن كىتاپ»تىكى ھېلىقى ئاق چاچلىق، ئۇزۇن تىرناقلىق  بىر ئالۋاستى بولدىغان. ھە، دەل ئاشۇ ئالۋاستىنىڭ ئۈنىدەك ...شۇنداق قاتتىق چىرقىرىدىكى  ، بۆشۈكتىكى قىزىم بىلەن ئىككىمىزمۇ ئايالىمغا ياندىشىپ  چىرقىرىشىپ كەتتۇق.

ئەتىسى بۇ شۇم خەۋەرنى ئانامغا دىيىشكە مەجبۇر بولدۇم.
تېخى گېپىم ئاياغلاشمايلا ئانامنىڭ كۆز ئېتەكلىرى بارغانسىرى كېڭىيىپ، تەسۋېھ سېرىۋاتقان بارماقلىرى بىر تىزىقنىڭ ئۈستىدە قېتىپ قالدى.
- شۇنداق قىلىپ ئۇ، ھەر كېچىسى تۇتقاقلىق كېسەلدەك قاتتىق توۋلايدىغان؛ توۋلىغاندىمۇ ھۇۋقۇشدەك ھۇۋلايدىغان بوپ قالدى .،-دەپ گەپنى ئاياغلاشتۇردۇم.
-ئوغرى ئالدى بوپتۇ،- دېدى ئانام ئىككى قارچۇقىنى بىر نۇقتىغا ئەكىلەلمەي سىڭا قاراپ ،- ئۈستۈنكى مەھەللىدىكى ھېلىقى قادىر ئىشاننى باشلاپ كەل. ئۇ مەخسۇس «ئوغرى ئالدى» غا سەۋەپ قىلدىغان ئۇستا موللا.  

ئوتتۇرا بوي،بۇغداي ئۆڭ، كەكە ساقال كەلگەن قادىر ئىشان دىگەن كىشىنى  كىچىكىمدىن تارتىپلا ئوبدان تونۇيتۇم. ئېسىمنى بىلسەم  ، مەرھۇم داداممۇ بۇ كىشى بىلەن خېلى كۆڭلى يېقىن ئىدى. ئۇ مەزگىللەردە سوپىزىم راسا ئەۋىج ئېلۋاتقان مەزگىللەرمىكىنتاڭ ، ھەر چارشەنبە كۈنى ئەللە -مەللىدىكى بىكارچى ئەر -خوتۇنلار ، بىر يەرگە كېلىپ توپلىشاتتى -دە، ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىغا گۈلخان يېقىشاتتى. ئاندىن   ئۆزلىرى توقۇشۇپ ،يادقا ئېلۋېلىشقان تۈگىمەس قوشاقلارنى ئېيتىشىپ ، داپلارنى داراڭشىتىپ ئاشۇ گۈلخاننى ئېرىنمەي چۆرگىلىشەتتى. ھەر ئۈچ قەدەمدە بىر بىر قېتىم «ھۈم،ھۈم!» دەپ ئۈنلۈك توۋلىشىپ يەرگە جان جەھلى بىلەن «گۈپ،گۈپ!»دەسسىشەتتى.
قىززىق،
مەن يەتتە  ياشقا كىرگەن يىلىمىكىن، قادىر ئىشان ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كەلگەن ئىدى.  كىچىككىنە ئۆيىمىز قادىر ئىشاندىن باشقا  ئون -يىگىرمىچە ئاق روباشلىق ئاياللار بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. تائام تارتىلىپ دۇئا تۈگىگەندىن كىيىن ، قائىدە  بويىچە ھېلىقى «سەكرەش» يەنە باشلىنىپ كەتتى. بۈۋۈملەرنىڭ نىمىلەرنىدۇر  ئىنچىكە ئاۋازدا ئېيتقان «ھۆكمەت»لىرىگە ھاياجىنىنى باسالماي قالغان قادىر موللام « ھۈم!» دىگەن پېتى كاڭنىڭ قىرغىقىغا جايلاشتۇرۇلغان  سەۋزە-چامغۇرلۇق، يوغان زەللە سېلىنغان داشقازانغىلا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئىشتىن كىيىن  مەھەللىمىزدە داشقازان بار ئۆيدە «سەكرىمەيدىغان»قائىدىمۇ چىقرىلدى.

«ھەي توۋا، ئوغرى ئالدى دىگەن نىمە گەپتۇ؟»دەيتتىم ئىچىمدە. دوختۇر ئېنىقلىيالمىغان كېسەلنى ،قولىدا ھېچ قانداق ئۈسكۈنە بولمىغان بىر ئىشان قانداق بىلەر؟
قارىغاندا  «ئۆرۈكنىڭ قېقى، ئادەمنىڭ سېقى »ئاز قالغان چېغى.

موتۇسىكىلىتنى مىنىپ بېرىپ تەمتىرىمەيلا  ئۇ كىشىنىڭ ئۆينى تېپىۋالدىم. ئۈستۈنكى مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىكى توغرا ئۆستەڭنىڭ تۈۋىدە يالغۇز ئۆسكەن قېرى ئۈژمە بولدىغان. ئاشۇ ئۈژمىنىڭ بېقىنىدىلا قېلىن چاپانشاللاردىن ئەپچىلگىنە ياسالغان قوش قانات دەرۋازىلىق ئۆي دەل قادىر ئىشاننىڭ ئۆيى ئىدى.دەرۋازا ئالدىدا بىر دۆۋە شادا دۆۋلەنگەن بولۇپ شادا ئەتراپىدا بىر بوزرەڭ ئۆچكە ئەمدىلا تۇغۇلغان ئاپئاق ئوغلىقىنى  ئىمدۈرۈپ ، ئۈستى بېشىنى ھەدەپ يالاۋاتاتتى. دەرۋازىنى بەك قاتتىق ئۇرۇپ سالدىممۇ مىنۇت ئۆتمەي كالاچنىڭ شىپاقشىغان ئۈنى ئاڭلاندى-دە، دەرۋازىنىڭ بىر قانىتى قىيا ئېچىلىپ ،بېشىغا ئاق قارىلىغىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدىغان شاپاق دوپپا، ئۇچىسىغان كۆكۈشرەك پەرىجە ۋە پۇتىغا كونىراق مەسە -كالاچ كىيۋالغان چار ساقاللىق ،ھاسا قولتۇقلىغان بىر بوۋاي چىقىپ كەلدى.
بوۋايغا قاراپ:
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !،-دەپ قولۇمنى ئۇزارتتىم.
-ۋەلەيكۇم ئەسسالام ھەزرىتۇللاھى ماشايىخىل كەرىمۇللاھ ۋەھكام ،-دېدى بوۋاي قولىنى ئارانلا سۇنۇپ.

ئۇنىڭ ئېگىلگەن قەددىگە، چوڭقۇر قورۇق باسقان يۈزلىرىگە، ئاپئاق  ساقاللىرىغا قاراپ يىللارنىڭ نەقەدەر تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قالدىم. ئۆز ۋاقتىدا بۇ كىشى تولىمۇ  تېمەن  ۋە بەك ئىتتىك ماڭىدىغان كىشى بولدىغان. ئاڭلىشىمچە، خەق ئىككى كۈندە باسقان يولنى، يېرىم كۈندىلا مېڭىپ بولدىكەنتۇق. بەلكىم كەپسىز جىنلىرى گەدەنلىرىگە ئېلىۋېلىشىپ ئۇچار بولغىيتتى ئاسماندا.

بوۋاي ماڭا بىر كۆز يۈگۈرتۈپلا تونىۋالدى . مەنمۇ ھەم ئانچە تەكەللۇپ قىلمايلا بوۋاينى ئارقىمغا مىندۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم.

-«ئوغرى ئالدى »بوپ قاپتۇ ،-دېدى موللام ئايالىمنىڭ تومۇرىنى تۇتا -تۇتمايلا،-تۇغۇتلۇق مەزگىلىدە قارا بېسىپ ، قاپقارا قۇيۇننىڭ ئىچىدە قاپتۇ. دەررۇ سەۋەپ قىلمىغىمىز زۆرۈر. بۈگۈن ئاخشام قەيەردىن بولمىسۇن بىرەر پاخلان؛ پاخلان تاپالمىسىلا بىرەر توخۇ بولسىمۇ ئوغۇرلاپ كەلسىلە. بىز سەۋەپنى قىلىپ بولۇپ ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، مال ئىگىسنى ئوبدان رازى قىلۋەتسەكلا ئىش پۈتىدۇ. ئەمما ،-دېدى بوۋاي ئۈنىنى پەس قىلىپ تۇرۇپ ،- بۇ ئىشنى ھېچكىم بىلىپ قالمىغاي. بولمىسا بۇ نەزىرىمىز قۇبۇل بولمايدۇ...

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىر ھازا تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم-دە، ئارقىدىنلا:
-مۇشۇ كەمگىچە بىرەرسىنىڭ يىڭنە چاغلىق نەرسىسىگە چېقىلغان بەندە ئەمەسمەن. ئەمدى بولغاندا ئوغۇرلۇقنى قاملاشتۇرالارمەنمۇ ؟ ،- دەپ تۇرشۇمغىلا:
-تولا گەپ قىلماي تېز بار! ،-دېدى ئانام قاپىقىنى تۈرۈپ،- بۇ دىگەن كونىلاردىن قالغان بىر كېسەل. تۇغۇتلۇق ئادەمنى قىرىقى توشقىچە يالغۇز تاشلىۋېتىپ قارا باسقۇزۇپ قويسا مانا مۇشۇنداق ساقايماس كېسەل چىرمىۋالىدۇ. بۇ گەپلىرىڭنى بىزگە ئەمەس، ئاۋۇ جاندىن ئەزىز قېيىنئاناڭغا بېرىپ دەپ بەر!

ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ تولۇقسىزغا ئەمدىلا چىققان ئىنىم بىلەن مەھەللىمىزنىڭ چېتىدىراق ، ئوغۇرلۇق قىلىشقا ئەپلىك نۇسرەتخان ئىسىملىك بىر تۇل ئايالنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق.

-بېغىنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا قۇچاققا بىر كەلگۈدەك بىر تۈپ ئۆرۈكى بار. ئاشۇ ئۆرۈكنىڭ ئۇچىدا ئونغا يېقىن توخۇنىڭ ياتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈمدە كۆرگەنمەن،-دېدى ئىنىم زور ئىشەنىچ بىلەن.

بۇ دەل كېچە سائەت 11 دىن ئاشقان چاغ بولۇپ، تەلىيىمىزگە ئاي تۈگۈل ، بىرەر يۇلتۇزمۇ چىقمىغانىدى. ئاندا -ساندا ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئەنسىز ئاۋازلىرىلا كېچىنىڭ جىمجىتلىنى بۇزاتتى.

-مەن پوسىتتا تۇراي، سەن ئۆرۈكنىڭ ئۇچىغا چىق ،-دېدى ئىنىم پېرژوكتۇرنى ئۆچۈرۈپ،- ناۋادا توخۇ ۋاققاقشىغۇدەك بولسا ئۈستىگە ئازراق سۇ سېپىپ قويساڭ جىممىدىلا بولىدۇ. ئۇنىڭ قانىتىدىن تۇتماي پاتتىڭىدىنلا ئال،- دېدى يەنە ھۆنەر ئۆگىتىپ.

بىر قولۇمدا سۇ قاچىلانغان بوتۇلكىنى كۆتۈرۈپ ئۆرۈككە ياماشتىم. توخۇ دىگەنمۇ قىززىق نەرسىكەن. نىمە قىلىدۇ كاتەكتە ياتماي دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقىۋېلىپ.  كەچتە چىقمىسا تېخى،تاڭ ئاتقاندا چۈشمىسە تېخى. ھە ، ئەسلى «يۇقۇرىغا يامىشىش»دىگەن مۇشۇ بولسا كېرەك؟!
بەزى ئادەملەرمۇ  ئۆز نەپسى ئۈچۈن بىر مەھەل «يۇقۇرىغا يامىشىپ» يەنە بىر مەھەلدىن كىيىن «چۈشۈپ »كېتىدىكەن. خۇددى مۇشۇ توخۇلاردەك.
قولۇمنى ئاستا سېيرىپ  بىر قارا توخۇغا ئۇزارتتىم. راسىت دېگەندەك ئۇ نىمىلەرنىدۇر غودۇڭشىغىلى تۇردى. ھەقاچان« بۇ ساراڭ، نىمە قىلدىغاندۇ بىزنىڭ قونداقتا » دەۋاتقاندۇ... ھە راسىت ، ئازراق سۇ چېچىپ باقاي.
قۇتىنى توخۇنىڭ بېشىغا تەڭلەپ بىر دۈم كۆمتۈرشىم بىلەنلا «ۋاقاقاقاقاق! » قىلغان پېتى يەرگە ئۇچۇپ چۈشۈپ ئالەمنى مالەم قىلۋەتتى. باشقىلىرىمۇ قىززىقكەن، بىرى چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن، تاماشا كۆرۈپ جىممىدە يېتىۋەرمەي  بىر -بىرلەپ ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىشقىلى تۇرۇشتى.
يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ ،نەپسىم يېتىشمەيلا قالدى. «ئوغۇرلۇق دىگەننىڭ سۈرى مۇنداق يامان بولدىغان بولسا، بۇنىڭدىن كىيىن ئۆيۈمگە كىرگەن ئوغۇرلارنى ھەرگىز ساقچىغا دەپ يۈرمەيمەن » دەپ قەسەممۇ قىلىۋەتتىم ۋە
تۇنجى قېتىم ئۆزۈمدىن نەپرەتلەندىم. بىر بالىنىڭ دادىسى بولغان ئادەم جىممىدە ياتقان بىر توخۇنى ئوڭشاپ تۇتالمىسام ،«كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەۋاتىمەن!» دەپ، يۇقىرنىڭ ئالدىدا مەيدەمگە ئۇرمىساممۇ بولغۇدەكتە..ھىم!

-قاچ! ،-دېدى ئىنىم خىيالىمنى بۆلۈپ،- ئاڭلىمىدىڭمۇ ما سازەندىلەرنىڭ  مۇقاملىرىنى؟! ھېلى نۇسرەتخان چىقىپ قالسا تۆت كۆزنى قويۇپ بېرىشتىن يانمايدۇ. تېز كېتىۋالايلى.

شۇنداق قىلىپ ئۆيگە قۇرۇق قول قايتتۇق.  ئەتىسى خولۇم -خوشنىلارنىڭ ئاغزىدا « ئاخشام نۇسرەتخاننىڭ 30 توخۇسىنى ئوغرى ئېپ كېتىپتىمىش . ھازىر ساقچىلار ئۆيمۇ -ئۆي ئاختۇرۇپ ئاشۇ توخۇ ئوغىرسىنى تەكشۈرۋېتىپتۇ » دىگەن مىش-مىش پاراڭلار يېغىپلا كەتتى.
-توۋا،-دىدىم ئچىمدە،-ھېلىمۇ ئوغۇرلىماپتىمىز، ئوغۇرلاپ تۇتۇلۇپ قالغان بولساقتە ، ئاشۇ بىر تال توخۇ ئۈچۈن  ئىنىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ پېشانىسىگە «توخۇ ئوغرىسى»دىگەن خەتنى قىپقىزىل چوغقا تىقىپ قويۇلغان  ئىلمەكتە ۋايجانلىتىپ جىجىلاپ ،ھېلىقى قېرى تۇخۇمەككە كىلمەك چىگىپ  پۈتكۈل خەلقىئالەم ئالدىدا دارغا ئېسىشتىنمۇ يانماسكەن ! ئۇھ...

-ئۇزاق سۆرەشكە بولمايدۇ !،-دېدى موللام مۇغەمبەرلەرچە،- غايىبلار ئاياللىرىنىڭ تېنىگە ماكانلىشۋېلىپ چىققىلى ئۇنىمىسا مەنمۇ ئامال قىلالمايمەن. ۋاقتىدا سەۋەپ قىلۋېتەيلى. باشقا يەرگە بېرىپ باقىسلا.

گاڭگىراپلا قالدىم.  «ياق!»دەي دىسەم ئايالىمنىڭ تەڭ كېچىدىكى  ئالا-چوقا ئاۋازىدىن بەك قورقىمەن. «ماقۇل»دەي دىسەم ساقچىلاردىن.
خەپ قېيىنئانا! ئۆز قىزىڭ بولغاندىكىن قىرىق كۈن توشۋالغۇچە يېنىدىن ئايرىلماي باققان بولساڭ، مۇشۇ ئىشمۇ يوق! خوتۇن خەق دىسە خۇدايىم بىر ئوغۇل بەرمەي، ئالتە قىز بېرىپتۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئەڭ كىچىك قىزىڭغا نىمانچىلا ...ھەي..

«ئوغۇرلۇق»تەس كەلگەنچە قېيىنئانامنىمۇ تىللاپ ئۈلگۈردۈم. ئەمەلىيەتتە ئۇ خوتۇن (قېيىنئاتامنى باشقۇردىغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا) تولىمۇ مۇلايىم ئىدى. ئايالىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ يامانلىتىپ كەتكۈزۋاتقان چاغلىرىمدىمۇ، ئۆزى بىر قوللۇق ئەكىلىپ قوياتتى-دە ، كۈلۈپ تۇرۇپ:
-جېنىم ئوغلۇم، قىزىم خاتا قىپتۇ. سىلىدەك ياخشى يىگىتتىن ، قۇدامدەك مېھرىبان قېيىنئانىدىن يامانلىغان قىز ئەقىللىقمىتى؟! خاپا بولۇشمىسىلا تۇغقانلىرىم،-دىگىنىچە قايماقتەك گەپلىرى بىلەن قورساقلىرىمىزنى تويغۇزۋېتىپ ئاندىن قايتاتتى.

ئاخىرى بولماي ، باشلانغۇچتا ئالتە يىل ماتېماتىكا دەرىسى بەرگەن نىياز مۇئەللىمنىڭ ئېغىلىغا ئوغۇرلۇققا كىرمەكچى بولدۇم.
نىياز مۇئەللىم  ئاللىبۇرۇن فېنسىيەگە چىققان بولۇپ يېشى 60 ياشلاردىن ھالقىغان ئېگىز بوي ،ئاچچىقى يامان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇغان چاغلىرىمىزدا ھەسەن ئىسىملىك بىر بالا بولىدىغان. دەرىسنى بىلمىگەندىن سىرت دائىما كېچىكىپ كېلەتتى.  مۇئەللىم سورىغان سۇئاللارغا بېرىدىغان جاۋاپلىرىمۇ شۇنچىلىك غەيرى ئىدى. ھەتتاكى ئۈچۈنجى سىنىپقىچە «توخۇنىڭ قانچە پۇتى بارلىقىنى»ئېنىق دەپ بېرەلمەيتتى.
بىر كۈنى سورىساڭ «ئىككى!»دەيتتى-دە، ئەتىسىلا «ئۈچ!»كە ئۆزگىرۋالاتتى.
شۇ سەۋەپتىن نىياز مۇئەللىم ئۇنى سىنىپنىڭ ئوتتۇرىغا ئەپچىقىپ قاتتىق يەرگە تىزلىنىپ ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى، گاھىدا قاپقارا دوسكىغا ئۈستۈرۈپمۇ سالاتتى.
ئىشقىلىپ ،ھەسەنلا ئەمەس ھەممىمىزلا نىياز مۇئەللىمدىن بەك قورقىشاتتۇق. خاتا جاۋاپ بېرىپ قويغىنىمىزدا ئىشتانغا قويۇپ بېرۋېتىشىمىزدىن ئەنسىرەپ مەھكەم قىسۋالاتتۇق.
بىلىشىمچە، نىياز مۇئەللىمنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇزۇنبۇلاق دىگەن يەرگە جايلاشقان بولۇپ
شۇنچە كەڭرى زىمىندا ئايالى بىلەن ئىككىسىلا يالغۇز تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئارزۇلۇق ئوغلى چەتئەلنىڭ قايسىدۇر بىر يەرلىرىدە نەچچە يىلدىن بېرى ئۆيگە قايتماي ئوقۇۋاتاتتى.
ئەمما قاچانلىكى ھويلىسىغا كىرىپ قالغاندا ، پېشايۋانلارنىڭ تورۇسلىرىدىكى  سېۋەت ۋە باشقا تاختاي، خام كېسەكلەردىن ئېرىنمەي ياسالغان كوۋۇكلاردا بەخىرامان تۇخۇم بېسىپ ياتقان كەپتەرلەرنى ؛ھويلا ئالدىدىكى ئۆرۈكلۈك بېغىدا  مۇشتۇمدەك چۆجىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ دانلاپ يۈرگەن مېكىيانلارنى؛ قورۇنىڭ  يان تەرىپىگە ئەپچىلگىنە سىم تور ئورنىتىپ ياسالغان پارنىك قوتاندا  «سېمىزمىكەنمەن؟» دىگەندەك قىلىپ ئوقۇردىن بېشىنى كۆتۈرمەي  قورۇقلىرىنى لىغىرلىتىپ يەم يەۋاتقان قوي-پادىلارنى كۆرگىلى بولاتتى.
ئەنە ئاشۇ جانىۋارلارغا ئۇلار جېنىنى ئاتايتتى. ياكى ساتمايتتى، ياكى بازاردىن سېتىۋالمايتتى. نىياز مۇئەللىمنىڭ دەپ بېرىشچە «ئۇلار،ئون ئەۋلاد تارېخقا ئىگە مىراس جانىۋارلار»مىش.

بۈگۈن تۇيۇقسىزلا ، بۇ ئاجىز ياشانغانلارنىمۇ ئويلاپ تېپىۋالدىم. بەلكىم «شەيتان»نىڭ دېپىغا ئەينى يىللاردىكى قادىر ئىشاندەك ھەدەپ سەكراۋاتقاندىمەن.

شۇنچە كەچتە يوقلاپ كەلگىنىمگە ئۇلار ئانچە ھەيران بولمىدى. بەلكى، گازىر كۆزلىرىنى تېخىمۇ قىسىپ كۈلۈمسىرەپ چىقىپ  قىزغىن كۈتىۋالدى. كىچىككىنە ھۇجرىسىنىڭ تۆرىگە باشلاپ داستخان سېلىپ ھەش -پەش دىگۈچە بىرەر چىنىدىن سۈيۈقئېشىغىمۇ ئېغىز تەككۈزدى.
ئەمما، نىمىشقىدۇر يۈرۈكۈم سېلىپ ،پۇت قوللىرىم تىترەپ تۇراتتى. مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ يەرگە قارىۋالاتتىم-دە ، ئىچىمدە كۈرمىڭ «بىسمىللاھ»نى پىچىرلايتتىم.
مۇبادا ، بۇ ئىشىمىز چېنىپلا قالدىغان بولسا «ئاش بەرگەنگە، مۇش بەرگەندەك»لا ئىش بولاتتى-دە، ئۆلمىسەممۇ يەرگە كىرىپ كېتەتتىم.
-شۇنداق قىلىپ ،-دەپ گەپ باشلىدى مۇئەللىم،- بۇنچە كەچتە مېنى يوقلاپ كېلىشكە قانداق ۋاقتىڭىز چىقىپ قالغاندۇ ھە ئۇكام؟ توۋا، بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى مۇشتۇمدەك ئىدىڭلار. ھە، مانا ئەمدى بىز تۇتقان بورنى سىلەرمۇ تۇتۇپ ئۈلگۈرۈپسىلەر. بارىكاللاھ! مائارىپ دىگەن شۇنداق بىر يولكى... ھەي ئاپىسى، تالاغا چىقىپ باققىنا، ئەجەپ تاراق-تۇرۇق قىپ كەتتى بىر يەلەر...

«ئىم!»دېدىم ئىچىمدە. يېشى يەتمىشكە يېقىنلاپ قالغىنى بىلەن ئەجەپ سەگەك قېرىدە بۇ ! بەلكىم ئاشۇ بىر جۈپ قۇلىقىمۇ «ئون ئەۋلاد قۇلاق»مىدۇ؟ ياق...ياق، «چېنىپ قېلىش»قا ھەرگىز بولمايدۇ!
-ۋاي مۇئەللىم! نەدە تاراق -تۇرۇق قىلىدۇ؟ ئاڭلاش سېزىمىڭىز بەك ئېشىپ كېتىپتۇ جۇمۇ،-دەپ گەپنى بۇرىۋەتتىم تۇنساخان ھەدە ئورنىدىن قوزغالغۇچە،- ئولتاسىلا تۇنساخان ھەدە ، مەنلا چىقىپ باقاي.
شۇنداق دىگىنىمچە ئاياقنى ھاپلا-شاپلا كىيىپ ھويلىغا چىقتىم. قاملاشتۇرۇپ بىچارە ئىنىم پاخلاننى يۈدۈپ تامغا ئالالماي ئاران تۇرۇپتىكەن، ئېغىلغا كىرىپلا ئىشنى ئوڭشىۋېتىپ يېنىپ كىردىم.
ئەمما يۈرەكلىرىم قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى. گەرچە ئوغۇرلىغىنىمىز بىر قوي بولغىنى بىلەن ، مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن تۈمەن مىڭ رەسۋاغا كېتىدىغان ئىپلاس بىر قىلمىش ھېسابلىناتتى.
- ھېچ ئىش يوقكەن مۇئەللىم،-دېدىم يۈرەكلىرىمنى دۈپۈلدىتىپ تۇرۇپ،- ھە راسىت، ئېسىم قۇرۇسۇن. ئەكرەمنىڭ ئوقۇشى بۇ يىل پۈتىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم . بەك كېلشىكەن بالىتى ئۇ! قانچە سېغىنغانسىلەر ھە؟
تۇنساخان ھەدە گېپىمنى دەررۇ تەستىقلاپ:
-راست دەيسىز ئۇكام، ئوغلۇمنى بەك سېغىندىم. ئۇ ... ئۇ ھازىر قانداق تۇرۋاتقاندۇ ھە...بىچارە بالام ،- تۇنساخان ھەدە شۇنداق دىگىنىچە كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.
ئەمما، نىياز مۇئەللىم كۆڭلى بىر ئىشنى تۇيۇپ قالغاندەك موخۇركىسىنى ئېغىر تارتقىنىچە  ئادەمنى ئەيمىندۈرۈپ قويىدىغان بۈركۈتتەك  بىر جۈپ  كۆزلىرىنى رام تەرەپتىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتى.
- ئەيىبكە بويرۇشمىسىلا، تېلىۋېزۇرنىڭ ئۈنىنى سەل ئېچىپ قويايمۇ مۇئەللىم؟ ،-دېدىم چاندۇرماي،- بۇ فىلىم- مەخسۇس مائارىپشۇناس بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جاپا -مۇشەققەتلىرى تەسۋېرلىندىغان سىنارىيەمىش...
مۇئەللىم گەپ قىلىش خوش ياقمىغاندەك بېشىنى ئارانلا لىڭشىتىپ قويدى.
«ھە قېرى ، ئەمدى نىمىنى ئاڭلايسەنكىن!» دەپ پىچىرلىغىنىمچە ئاۋاز دولقۇنىنى نەچچە گىرادۇس بۇرىۋەتتىم.
ئالاھەزەل  بىرەر سائەتلەردىن كىيىن تېلىفۇنۇم بىر جىرىڭلاپلا توختاپ قالدى.
بۇ « چىقە ئاكا ، پاخلاننى ئۆيگە ئاپىرىپ بولدۇم!» دىگەن پارول ئىدى.
شۇنداق قىلىپ مۇئەللىمنى دۇئاغا مەجبۇرلاپ يۈرۈپ ئۇزاپ چىقتىم.

-قوينى ئۆگزىگە ئەپچىقىڭلار،-دېدى موللام كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپ.
ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قوينى ئۆگزىگە ئەپچىقىپ ياتاق ئۆيىمىزنىڭ تۈڭلۈكىگە بوينىنى توغىرلاپ پىچاق سۈردۈم.
«ئاللاھۇ ئەكبەر!»
پاخلاننىڭ ئىسسىق قېنى تۈڭلۈكنىڭ ئۇدۇلىدا بېشىنى توغۇرلاپ تۇرغان ئايالىمنىڭ چاچلىرىغا ئېقىپ چۈشتى.قان توختىغاندىن كىيىن موللام:
-ئەمدى ئۆگزىدىن چۈشۈشسىلە. پاخلاننى سويۇپ ، تېرە زاسۈيلىرىنى ئاجىرتىپ پاكىز خالتىغا سېلىشسىلا. ئاندىن كونا تۇپراقبېشىغا بېرىپ پالانى دۆڭنىڭ كەينىگە تېيىزرەك ئورەك كولاپ كۆمۈشسىلە. ئاندىن بىر تال شاخنى ئاشۇ ئورەكنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويسىلا، خەق دەسسەپ قويمىسۇن...ئىنجىلەتۇ مىنجىلەتۇ كاسسىر -كۇسسۇر ...ئامىن!

ھەممە ئىشلارنى موللامنىڭ دىگىنى بويىچە جايلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدىم.
ئانامنىڭ دىيىشچە بۈگۈن ئايالىمنى پۈتۈن بىر كېچە ئوقۇپ چىقارمىش. ئەمما «ئىشان موللامنىڭ ئۇيقۇسى بەك قاتتىق»ئىمىش. شۇڭا ،ھەر بىر قېتىم مۈگدەپ قالغىنىدا ئېرىنمەي قۇلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ ،كانىيىمنى قىرىپ تۇرۇپ «ئۆھھۆھ!»دەپ يۆتىلىپ قويارمىشمەن.

ھايال ئۆتمەي موللام ئوقۇشنى باشلاپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى ئازراق چۈشەنسەم كاشكى. ئەرەپچمۇ ئەمەس ،ئۇيغۇرچىمۇ ئەمەس بىر نىمىلەرنى دەپ تەسۋىھ سېرىيتى -دە ، كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپ ئايالىمدىن بىرەر مىتىر يىراقلىقتىلا «سۈف سۈف..»دەپ قوياتتى. ئاندىن يەنە ھېلىقى «ئىنجىل -مىنجىل ئوقۇيمەن، ئىسمى ئەزەم تىلسىمات»لىرىنى پىچىرلاۋېتىپلا  ئوچاق بېشىدىكى يوتا تامغا يۆلىنىپ خورىكىنى باشلىۋېتەتتى.
بۇنداق چاغدا ئانامنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە قۇلىقىنىڭ قېشىغا بېرىپ كانىيىمنى قىرىپ تۇرۇپ «ئۆھھۆھ!»دەپ يۆتىلىپ قوياتتىم. بىچارە ئۇيقۇچان موللام  جىن تەپكەندەك تىررىڭىدە چۆچۈپ ئويغىناتتى-دە ، يەنە ھېلىقى خىرىستىيانچە بىر نىمىلەرنى دەپ «سۈف سۈف»لىرىنى تۆكەتتى.
ئالدىمغا قوناقتىن بىر سىقىم قويۇپ تۇرۇپ ئۇيقۇچان موللامنىڭ مۈگدىگەن سانىنى ھېساپلىسام ،ساق 61 قوناقتىن ئېشىپمۇ قاپتۇ. كانىيىمنى تولا قىرېۋېرىپ  ئۈچ چىنە شېكەر بىلەن بىر چېلەك سوغۇق سۇنىمۇ ئىچىپ بوپتىمەن.
شۇنداق قىلىپ بۇ «ئوغرى ئالدى»نەزىرسىمۇ تامامەن ئاياغلاشتى بولغاي، موللام ئىككى مىتىر جىڭ سارجىنى قولتۇققا قىسىپ، يۈز سومنى ئىچ يانچۇقىغا سېلىپ مەمنۇنلۇق بىلەن ئۇزاپ چىقتى.

شۇ كۈنى كەچقۇرۇن كاللامغا بىر جىن كىرۋالدى-دە، ئىنىمنى ئەگەشتۈرۈپ ھېلىقى قەبرىستانغا بېرىپ گۆش كۆمۈلگەن ئورەكنى ئىزدەپ تاپتىم. ئەمما ، ئورەكتىكى ھېلىقى خالتا ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتتى.
- ئوغرى ئاپتۇ !،-دېدى ئىنىم ئەنسىز ھالدا،- بولمىسا قانداق بولۇپ بىر كۈندىلا يوقاپ كېتىدۇ؟
-بەلكىم ئېچىرقاپ كەتكەن جىنلار يەپ بولغاندۇ، بۇ ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق «ئوغرى ئالدى»نەزىرىكەن ھە؟ -دېدىم مەنمۇ كۈلۈمسىرەپ.

شۇ «نەزىر»دىن كىيىن، ئايالىمنىڭ تەڭ كېچىدە «توۋلايدىغان» كېسىلى تېخىمۇ ئەدەپ، بارغانچە «كېچە-كۈندۈز»دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدىغانمۇ بولدى.

«نەزىر»نىڭ قائىدىسى بويىچە ساق بىر ئاي ئۆتكەندە نىياز مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھېلىقى شېھىت كەتكەن «ئون ئەۋلاد مىراس جانىۋار»نىڭ  ئۇ دۇنيا ۋە بۇ دۇنيالىق رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بىجىرىپ قايتىپ كەلدىم ۋە ئاناملارنىڭ «ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ»دىگەنلىرىگە قارىماي ئايالىمنى شەھەردىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم.
شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا، ئازادە مۇھىت، ئىلغار داۋالاش ۋە ئىللىق مۇئامىلىگە باي دوختۇرخانا مۇھىتى  ئايالىمغا مايدەك ياقتى بولغاي ،كېسىلىمۇ توغرا دىئاگنۇزغا ئېرىشىپ ھەپتە ئۆتمەي ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.
دوختۇرلارنىڭ دىيشىچە ئايالىمنىڭ كېسىلى قادىر ئىشان ئېيتقاندەك «تۇغۇتتا قارا بېسىش»كېسىلى بولماستىن ،بەلكى 4.5 كېلوگىرام تۇغۇلغان بودەك قىزىمنىڭ «ئۈزۈلدۈرمەي شورىشى نەتىجىسىدىكى قان ئازلىق ۋە قان قويۇلۇش كېسىلى»ئىكەن. « قۇۋۋەتنىڭ يېتىشمەسلىك سەۋەپبىدىن چوڭ مېڭىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى تەرتىپسىزلىنىپ قالايمىقان قارا بېسىش ۋە جۆيلۈش ئالامەتلىرى كېلىپ چىققان.»مىش.
شۇنداق قىلىپ ئايغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئايالىم بىلەن بۇرۇنقىدەكلا قول تۇتۇشۇپ «خانلەيلۇن»غا بولۇشچە توۋلاپ قايتىپ كەلدۇق.

مەھەللىگە كېلىپ  ئۆيىمىزگە كىرگۈچە ئارلىقتا ئاجايىپ خەۋەرلەر قۇلاققا يەتكىلى تۇردى:
بىرى :«قادىر ئىشان كېچىچە قويغا ئوخشاش مەرەپ چىقارمىش» دىسە يەنە بىرى :« نۇسرەتخان توخۇ ئوغرىسىنى ئىزدەپ يۈرۈپ تازا قاملاشقان بىر ئەرگە ئۇچراپ قاپتۇمىش، كېلەركى ئايدا تويى بولارمىش » دەيتتى.

بۇ ئىشلارغا ھەيران بولۇپ يۈرگەن بىر يەكشەنبە كۈنى تۇيۇقسىزلا نىياز مۇئەللىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
-ئۇكام،-دېدى مۇئەللىم قورۇق باسقان چىرايىنى ئاغرىنغاندەك پۈرۈشتۈرۈپ،- سەن ئۆتكەندە «ئاڭلاش سېزىمىڭىز ئېشىپ كېتىپتۇ»دىگەن ئەمەسمىدىڭ؟ ھە، شۇنىڭدىن بېرى ئۆزۈمدىن سەل گۇمانلىنىپ يۈرگەنتىم. كىينچە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسەم ،«سىزدە ھېچقانداق كېسەل يوق»دەپ بىر قاپ دورا بېرىپلا چىقىرۋەتتى. ئەممازە، ھەر كۈنى تۈن يېرىم بولغاندىلا نەلەردىندۇر  چېلىنۋاتقان ناغرا -سۇناينىڭ ؛ ھېلىقى ئاخشىمى ئۇخلىمايدىغان ياش باللار بارغۇ؟ ھە، ئاشۇلارنىڭ دىبا دەمدۇ، پىبا دەمدۇ ،ئاشۇ يەرلىرىدىن ئالا-چوقا تاراڭشىتۋاتقان دىسكۇ-پىسكۇلىرىنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ئاڭلىنىۋىلىپ  زادىلا ئۇخلىيالمايدىغان بوپ قالدىم . بۇ زادى قانداق كېسەلدۇ  ھە؟،-دەپ سوراپ قالدى.
-«ئوغرى ئالدى»بوپسىز!،-دېدىم مەنمۇ چاقچاق  قىلىپ،- ئۈستۈنكى مەھەللىدىكى قادىر ئىشاننىڭ قېشىغا بېرىپ بېقىڭ.
نىياز مۇئەللىم گەپلىرىمنى بىر چۈشىنىپ بىر چۈشەنمىگەندەك كونا گېزىت بىلەن باش بارماقتەك قىلىپ يۆگىۋالغان ئاچچىق موخۇركىسىنى شورىغىنىچە كىگىز بازىرىدا ئارقىمدىن قاراپ قالدى.

   «تۈگىدى»

ئۆرۈكجان

بۇ تاققا-تۇققۇ ھېكايەم ياشىسىمۇ «ئەلكۈيى»دە ياشىسۇن. ئۆلسىمۇ «ئەلكۈيى»دە ئۆلسۇن. ئەمما باشقا يەرگە كۆچۈپ يۈرمىسۇن ئىلاھىم. (ئامىن!)
-ئاپتوردىن.

dilhux2 2010-12-30 12:11
ۋاي -خۇدايىم ، ھا،ھا ھا،
ئۈرۇكجان ، بۇ ھىكايىڭىزنى كۈلكىدىن چىققان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۇپ تۈرۇپ ئوقۇپ تۈگەتتىم. بارىكاللا . مەن ھىكايە ئوقۇغان ،بەكمۇ كۆپ ئوقۇغان ئەمما بۇ ھىكايىڭىز بەكمۇ جەلىپ قىلىۋالدىن مىنى .
بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار. مېنىڭ يولدىشىم مەن ئەلكۇيگە ئەزا بۇلۇپ كىر گەندىن باشلاپ ، ھەر كۈنى كەچتە سىزنىڭ ئايالىڭىزدەك ۋاقىرايدىغان بۇلۇپ قالغان ، ئۆزىڭىز بىلىسىز ئەركىشىنىڭ ۋاقىرىشى ئايال كىشىنىڭكىدىنمۇ بەك قورقۇنۇشلۇق چىقىدىكەن. ھازىر 2 ياشلىق ئوغلۇممۇ تۇرۇپ -تۇرۇپ چۈچۈپ يىغلايدىغان بولىۋالدى. يولدىشىمنى پەس قىلىپ ئارقىدىن ئوغلۇمنى پەس قىلىپ بولغىچە تاڭ ئىتىپ ، قىزىمنى مەكتەپكە ماڭدۇرىمەن. ئۆزۇم بولسا چالا-بۇلا ناشتا قىلىپ كىچىكىنى كىيىندۇرۇپ يەسلىگە ئەپ ماڭىمەن . يۇگۈرۈپ-مۇدۇرۇپ دىگەندەك ئىشقا ئاران ئۇلۇشۇپ ، كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا مۇگىدەپ ، ئەلكۇيگە تۈزۈك چىقالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم .
تىمىڭىز مەن ئۈچۈن بىر ئېلان بولدى . خوش بولاي شۇ قادىر ئىشاننىڭ شۇ ئادرىسىنى تەپسىلى يوللاپ قويغان بولسىڭىز بەكمۇ خوش بولاتتىم . بىزنىڭ مەھەللە سەرەڭگە قىپىدەك زىچ ئورۇنلاشقان بىنالار ئارىسدا ، بىر نەرسە "ئوغۇرلا "دىسە قانداق ئوغۇرلاش ، نىمە ئوغۇرلاش تازا باشنى قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە بۇلۇپ قالغىدەك. شۇڭا چ چ ئادرىسى بولامدۇ . خەت -چەك ئادرىسى بولامدۇ . بىر يوللاپ قويسىڭىز . مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق بىر پاراڭلىشىپ باقسام .....
سىزدىن بەك خوش بولاتتىم .       

ahu 2010-12-30 12:41
نەقىل
بۇ 1قەۋەتتىكىdilhux2 يوللىغان 2010-12-30 12:11 غا قارتىلغان  :
ۋاي -خۇدايىم ، ھا،ھا ھا،
ئۈرۇكجان ، بۇ ھىكايىڭىزنى كۈلكىدىن چىققان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۇپ تۈرۇپ ئوقۇپ تۈگەتتىم. بارىكاللا . مەن ھىكايە ئوقۇغان ،بەكمۇ كۆپ ئوقۇغان ئەمما بۇ ھىكايىڭىز بەكمۇ جەلىپ قىلىۋالدىن مىنى .
بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار. مېنىڭ يولدىشىم مەن ئەلكۇيگە ئەزا بۇلۇپ كىر گەندىن باشلاپ ، ھەر كۈنى كەچتە سىزنىڭ ئايالىڭىزدەك ۋاقىرايدىغان بۇلۇپ قالغان ، ئۆزىڭىز بىلىسىز ئەركىشىنىڭ ۋاقىرىشى ئايال كىشىنىڭكىدىنمۇ بەك قورقۇنۇشلۇق چىقىدىكەن. ھازىر 2 ياشلىق ئوغلۇممۇ تۇرۇپ -تۇرۇپ چۈچۈپ يىغلايدىغان بولىۋالدى. يولدىشىمنى پەس قىلىپ ئارقىدىن ئوغلۇمنى پەس قىلىپ بولغىچە تاڭ ئىتىپ ، قىزىمنى مەكتەپكە ماڭدۇرىمەن. ئۆزۇم بولسا چالا-بۇلا ناشتا قىلىپ كىچىكىنى كىيىندۇرۇپ يەسلىگە ئەپ ماڭىمەن . يۇگۈرۈپ-مۇدۇرۇپ دىگەندەك ئىشقا ئاران ئۇلۇشۇپ ، كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا مۇگىدەپ ، ئەلكۇيگە تۈزۈك چىقالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم .
تىمىڭىز مەن ئۈچۈن بىر ئېلان بولدى . خوش بولاي شۇ قادىر ئىشاننىڭ شۇ ئادرىسىنى تەپسىلى يوللاپ قويغان بولسىڭىز بەكمۇ خوش بولاتتىم . بىزنىڭ مەھەللە سەرەڭگە قىپىدەك زىچ ئورۇنلاشقان بىنالار ئارىسدا ، بىر نەرسە "ئوغۇرلا "دىسە قانداق ئوغۇرلاش ، نىمە ئوغۇرلاش تازا باشنى قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە بۇلۇپ قالغىدەك. شۇڭا چ چ ئادرىسى بولامدۇ . خەت -چەك ئادرىسى بولامدۇ . بىر يوللاپ قويسىڭىز . مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق بىر پاراڭلىشىپ باقسام .....
سىزدىن بەك خوش بولاتتىم .       


تاللا بازىرىدىن ئوغۇرلىمامسىز؟!

compyuter 2010-12-30 12:43
 
< مەمتىئمىن ھوشۇر > نىڭ ئۇسلۇبىغا  ئوخشىتىپراق يىزىپسىزجۇمۇ

ahu 2010-12-30 12:43
ئۆرۈكجاننىڭ بۇ  ھىكايىسى ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن.«قىرلىق ئىستاكا»،«ساراڭ»لاردەكلا.

dilsirim 2010-12-30 12:50
بۇ ھىكايىنى ئۇقۇپ ئاخىرىسدا "مەنبە--پالانىدىن"دىگەن خەتنى ئىزدەپ كىتىپتىمەن،ئەسلى مەنبە ئۈرۈكجانكەن ئەمەسمۇ ،تىللىرى شۇنداق راۋان ،ھەم يۇمۇرلۇق چىقىپتۇ ،رەھمەت،قوللىرىڭىز دەرىت كۆرمىسۇن.........

taxway 2010-12-30 12:55
مۇشۇنداق  ھىكايىلەرنى  ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. رەھمەت.

arman00 2010-12-30 14:07
رەھمەت . ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ .بىراق ھىكايىدىكى مەننىڭ ئايالىنىڭ ساقىيىشىدىن ،بۇنداق ئىشىنى قوللاپ ،تەشۋىق قىلىشتەك بىر خىل مەنە بىرىپ قۇيامدۇ -قانداق ؟ ياكى مەن چۈشنەلمىدىممۇ ؟

mingyol 2010-12-30 14:59
بەك ھۆزۇرلاندىم . بەك ياخشى يېزىلىپتۇ .
بەزىلەر <ئەسەردە سۇپىزىم ئىدىيىسى تەشۋىق قىلىندىمۇ قانداق ؟> دىگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ. ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرخىل <ئىزىم>لاردىن خالىي بولمىقى تەس . گەپ ئوقۇرمەندە . قانداق ئىستىمال قىلىش ئوقۇرمەننىڭ ئىستېتېك ئېڭى ۋە دۇنياقارىشىغا باغلىق .

jannatsadasi 2010-12-30 15:40
بۇ ھىكايىنىڭ تىلى يۇمۇرلۇق چىقىپتۇ خۇددى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭكىدەك ،ھارمىغايسىز.

saba 2010-12-30 15:59
ھەممە يەردە بىردىن جىن موللىسى بار ئوخشايدۇ ھە

zulhumar 2010-12-30 17:01
ئۈرۈكجان بۇ ھېكايىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ، مەمتىمىز ھۇشۇرنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىدا چىقىپتۇ ............
قەلىمىڭىز ھارمىغاي .................

compyuter 2010-12-30 17:55
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىahu يوللىغان 2010-12-30 12:41 غا قارتىلغان  :


تاللا بازىرىدىن ئوغۇرلىمامسىز؟!




ھازىرقى تاللا بازارلىرىدا ئىشلەيدىغان ئادەمدىن كۆزىتىش ئاپىراتىلىرى كۆپ تۇرسا بۇ سەل قىيىن كىلەرمىكى

dihqan 2010-12-30 18:10
ھاھا بەك قىزقارلىق چىقىپتۇ.
قەلىمىڭىز ھارمىغاي.

sayfulla 2010-12-30 20:41
ياخشى يېزىپسىز ئۈرۈكجان !!! يەنىمۇ تىرىشىڭ !!!نەدىنمۇ تاپىدىغانسىز بۇ تاققا-تۇققۇ گەپ-سۆزلەرنى   

مۇبارەك 2010-12-30 20:48
«دەك، تەك» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كەلگەن ئوخشىتىشلارنى قوللىنىشقا خېلى ئېپىڭىز باركەن. مەن ئازراق ئۆزۈمگە مۈجمەل تۇيۇلغان نۇقتىلارنى دەپ باقسام بوپتىكەن:

ئايالىڭىزنىڭ ساقىيىشى بىلەن تەڭ تارالغان مىش-مىشلەرنىڭ ئىچىدىكى ‹ ئىشان قويدەك مەرەيدىغان بولۇپ قاپتىمىش ›دېگەننى ۋەقەلىك تەرەققىياتىغا ماس كەلدى دەپ قارىدىم، چۈنكى ھارامدىن كەلگەن مالنىڭ گۆشىنى يەۋالغانلىقى ئۈچۈندۇر. بىراق ‹ نۇسرەتخان توخو ئىزدەپ يۈرۈپ كېلىشكەن ئەرگە ئۇچراپ، توي قىلماقچى بولغانمىش › دېگەن مىش-مىشنى قانداق چۈشىنىشنى ئۇقالمىدىم، توخونى سىز ئوغۇرلىماقچى بولغان تۇرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېكايىدە نۇسرەتخان توغرىسىدا باشقا زىيادە ئۇچۇرمۇ بېرىلمىگەن، تۇيۇقسىزلا ھارام يېگەن ئىشان بىلەن تەڭ مىش-مىشقا چىقىپ قېلىشىنى راستىنى دېسەم ئانچە بىر يەرگە قويالمىدىم.

يەنە بىرى، ئەڭ ئاخىرىدىكى قۇرلارنى ‹ تاماكىسىنى شورىغان پېتى ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى...› دەپ ئاخىرلاشتۇرۇپسىز. تاماكا شورىغاندا ئادەمنىڭ چىرايى جىددىي تۈس ئالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىمەنغۇ مەن، تاماكا شوراۋاتقان ئادەمنىڭ ھاڭۋاققان قىياپىتىنى ئانچە ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم، بەلكىم ئارتۇقچە ئويلىۋالغاندىمەن. سەمىمىي پىكىرىم لېكىن ھەممىسى.

خېلى ھاردۇقنى چىقارغۇدەك ئىجادىي تېما بوپتۇ بۇ.

tulunay 2010-12-30 21:45
ھىكايىدە چوڭ چاتاق يوق.ۋەقەلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش،پرسوناژلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش،دىئالوگلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەقىقەتەن جايىدا...بۇرۇنقى ھىكايلىرىڭىزگە قارغاندا،بۇ ھىكايىڭىز ياخشى يېزىلغان.
مەن مۇبارەكنىڭ< <نۇسرەتخان توخو ئىزدەپ يۈرۈپ كېلىشكەن ئەرگە ئۇچراپ، توي قىلماقچى بولغانمىش › دېگەن مىش-مىشنى قانداق چۈشىنىشنى ئۇقالمىدىم>>دەپ چۈشەنمىگەن يېرىنى مۇنداق چۈشەندىم.
ئاپتور بۇ يەردە مۇنداق دەپ تەسۋىرلىگەن،ئىنىسىنىڭ بۇ سۆزىدىن<<-بېغىنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا قۇچاققا بىر كەلگۈدەك بىر تۈپ ئۆرۈكى بار. ئاشۇ ئۆرۈكنىڭ ئۇچىدا ئونغا يېقىن توخۇنىڭ ياتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈمدە كۆرگەنمەن،-دېدى ئىنىم زور ئىشەنىچ بىلەن.>>دىگەن سۆزلىرىدىن،نۇسرەتخاننىڭ ئونغا يېقىن توخوسى بارلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ.يەنەكىلىپ ئاپتورنىڭ <<شۇنداق قىلىپ ئۆيگە قۇرۇق قول قايتتۇق.  ئەتىسى خولۇم -خوشنىلارنىڭ ئاغزىدا « ئاخشام نۇسرەتخاننىڭ 30 توخۇسىنى ئوغرى ئېپ كېتىپتىمىش . ھازىر ساقچىلار ئۆيمۇ -ئۆي ئاختۇرۇپ ئاشۇ توخۇ ئوغىرسىنى تەكشۈرۋېتىپتۇ » دىگەن مىش-مىش پاراڭلار يېغىپلا كېتىپتۇ.>>دىگەن سۆزلىرىدىن نۇسرەتخاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ۋە ياكى خەلىقنىڭ قىلدەك ئىشنى پىلدەك كۆرسۈتۈپ سۆزلەپ،ئالەمگە بىر كەلتۈردىغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
ھەم ئاخىرىدا،مەننىڭ ئوغرىلىق قىلىپ نادانلىق قىغانلىقى قاتتىق قامچىلانغان.

etikad 2010-12-30 23:12
ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا يىزىلغان ئەسەركەن،يوللىغۇچىنىڭ قەلىمىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.

oyqan.uyghur 2010-12-30 23:57
بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ راس كۈلۈپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزىۋەتتىم دىسە.خىلى ياخشى يېزىپسىز.       يۇمۇرلۇق.

miskinay 2010-12-31 00:07
بۇ ھېكايىنى بەكمۇ ياقتۇدۇم، مەن مۇشۇنداق ئۇسلۇبتىكى ھېكايىلەرنى ياخشى كۆرىمەن، مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

qabdas 2010-12-31 11:50
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ ئەسەر بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئىلىم - پەن تەرەققى قىلىۋاتقان مۇشۇنداق زاماندا دوختۇرغا ئاپارماي،  باخشىلارغا ئىشىندىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ھازىرمۇ بار -ھە!

urukjan 2010-12-31 20:10
نەقىل
بۇ 15قەۋەتتىكىمۇبارەك يوللىغان 2010-12-30 20:48 غا قارتىلغان  :
«دەك، تەك» قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كەلگەن ئوخشىتىشلارنى قوللىنىشقا خېلى ئېپىڭىز باركەن. مەن ئازراق ئۆزۈمگە مۈجمەل تۇيۇلغان نۇقتىلارنى دەپ باقسام بوپتىكەن:

ئايالىڭىزنىڭ ساقىيىشى بىلەن تەڭ تارالغان مىش-مىشلەرنىڭ ئىچىدىكى ‹ ئىشان قويدەك مەرەيدىغان بولۇپ قاپتىمىش ›دېگەننى ۋەقەلىك تەرەققىياتىغا ماس كەلدى دەپ قارىدىم، چۈنكى ھارامدىن كەلگەن مالنىڭ گۆشىنى يەۋالغانلىقى ئۈچۈندۇر. بىراق ‹ نۇسرەتخان توخو ئىزدەپ يۈرۈپ كېلىشكەن ئەرگە ئۇچراپ، توي قىلماقچى بولغانمىش › دېگەن مىش-مىشنى قانداق چۈشىنىشنى ئۇقالمىدىم، توخونى سىز ئوغۇرلىماقچى بولغان تۇرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېكايىدە نۇسرەتخان توغرىسىدا باشقا زىيادە ئۇچۇرمۇ بېرىلمىگەن، تۇيۇقسىزلا ھارام يېگەن ئىشان بىلەن تەڭ مىش-مىشقا چىقىپ قېلىشىنى راستىنى دېسەم ئانچە بىر يەرگە قويالمىدىم.

يەنە بىرى، ئەڭ ئاخىرىدىكى قۇرلارنى ‹ تاماكىسىنى شورىغان پېتى ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى...› دەپ ئاخىرلاشتۇرۇپسىز. تاماكا شورىغاندا ئادەمنىڭ چىرايى جىددىي تۈس ئالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىمەنغۇ مەن، تاماكا شوراۋاتقان ئادەمنىڭ ھاڭۋاققان قىياپىتىنى ئانچە ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم، بەلكىم ئارتۇقچە ئويلىۋالغاندىمەن. سەمىمىي پىكىرىم لېكىن ھەممىسى.
.......

رەھمەت سىزگە مۇبارەك.
ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ  ئەجرىگە چۇشلۇق مۇشۇنداق دادىل ئىنكاسلارنىڭ چۈشىشى مەن ئۈچۈن شەرەپ ۋە كىيىنكى ئىجادىيەتكە ئاساسى ئۇل.
بۇ ھېكايەم ئاساسلىقى -ئارىمىزدىكى بىرقىسىم خوراپاتلىق ۋە ئاشۇ ئىللەتكە قارغۇلارچە ئىشىنىدىغان ئادەملىرىمىزنىڭ ھېلى ھەممۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە يازدىم.
ئەمما ، بۇ ھېكايە ھەرگىز   سوپىنىزىمنى تەشۋىق قىلمايدۇ.
نۇسرەتخان ئوبرازى- تولۇنئاي ئېيتقاندەك،جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم پىتنىخور لارغا سىموۋۇل قىلىنغان.
نىياز مۇئەللىم توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بۆلەك:
< ئەي بەندە، بۇ ھاياتتا ئىككىلا يولۇڭ بار :
بىرى ھەقىقەت ، يەنە بىرى جاھالەت.
قايسىسىنى تاللايسەن؟>
دىگەندەك سۇئاللارغا تەقلىد قىلىنغان.

مۇبارەك ، تولۇنئاي ۋە باشقا تورداشلارنىڭ بەرگەن قىممەتلىك تكلىپ -پىكىرلىرىگە تەشەككۈر!

(بۇ ھېكايە سېپى  ئۆزىدىن  ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ  ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا يېزىلدى)

ئاخىردا، مەمتىمىن ھوشۇر ئاكامنىڭمۇ ئىجادىيەتلىرىگە بەرىكەت ، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ustaz 2010-12-31 21:25
مەزكۇر ھىكايە ئارتۇقچە تەسۋىر، قۇرۇق پاراڭلاردىن خالى، يومۇرلۇق، ئەڭ مۇھىمى مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ... ئۇسلوب جەھەتتىن مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەك ئالغان . مەزمۇن جەھەتتىن قامچىلاش، ئىبرەت قىلىش خاراكتىرى كۈچلۈك . باش - ئاخىرى ماسلاشقان، ئەسەر ماۋزۇسى بىلەن مەزمۇن ئورگانىك بىرلىشىپ كەتكەن...
ئۈرۈكجان بۇرادەر ئىجادىيتىڭگە ئوتۇق تىەيمەن.

pariay 2010-12-31 22:27
شۇنچە زوق بىلەن ھىكايىڭىزنى تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم ،جەمىيىتىمىزدە ھازىرمۇ خۇراپاتلىققا ئىشىنىدىغان كىشىلىرىمىز يوق ئەمەس ، ئۇزۇن بوپتىكەن  ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىققۇدەك ھىكايە ئوقۇمىغىلى ،،،ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
بۇ ئەسىرىڭىزنى كىنو قىلىپ ئىشلىسە ،ئادىل مىجىت ، خالمۇرات ئۆمەر ، مەۋلان نىياز قاتارلىق بىر قانچىلىغان ئاتاقلىق سەنئەتكارلىرىمىز رول ئالغان بولسا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ئىش بولاتتىكەن ،،،

urukjan 2010-12-31 23:56
رەھمەت سىلەرگە!
خۇدايىم بويرىسا،
ھامان بىر كۈنى ياخشى بىر سىنارىيە يازسام ئۆزۈم مەبلەغ چىقىرىپ  ئىبرەتلىك فىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرىدىغان ئارزۇيۇم بار.
ئەمما ، سەۋىيىرىمىز ئالتە تاغدىن ھېچ ئاشالمايۋاتىدۇ.

miskinay 2011-01-01 01:03
نەقىل
بۇ 24قەۋەتتىكىurukjan يوللىغان 2010-12-31 23:56 غا قارتىلغان  :
رەھمەت سىلەرگە!
خۇدايىم بويرىسا،
ھامان بىر كۈنى ياخشى بىر سىنارىيە يازسام ئۆزۈم مەبلەغ چىقىرىپ  ئىبرەتلىك فىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرىدىغان ئارزۇيۇم بار.
ئەمما ، سەۋىيىرىمىز ئالتە تاغدىن ھېچ ئاشالمايۋاتىدۇ.

مۇشۇنداقلا يازىدىغان بولسىڭىز ئاللاھ خالىسا ئاشۇ ئارزۇلىرىڭىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

yalpuz0997 2011-01-02 02:15
ئەل كۈيى تەڭگەمدىن 100نى سوۋغا قىلاي دىسەم ھۇقۇقۇم يەتمەي قالدى ،تەپەكۈرنى غىدىقلاپ كۈلكە ئىچىدە ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان ھەر بىر پىرسۇناج  ۋە  پىرسۇناج خارەكتىرنى يۇرۇتۇپ بىرىشكە تۇلىمۇ ماس كەلگەن  ھەركەت ،تىل ،پىسىىك تەسۋىرلەر  ئەسەرنىڭ قىمىتىنى تېخىمۇ  نامايەن قىلغان .تىمىڭىزدىن شېئىرى ژانىردىلا ئەمەس ،پىروزا ساھەسىدىمۇ  ئۈنۈم يارتالايدىغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ.كۈنسىرى پىشىپ تاۋلىنىۋاتقان قەلىمىڭىزگە ئۇتۇق ۋە بەرىكەت تېلەيمەن.

barqukkizi 2011-01-02 18:02
ما ھىكاينىمۇ ئوغورلىسام بۇلامدىمۇ نىمە  

bardax 2011-01-02 18:31
ھا ھا ھا....ھېكايە تىلى شۇنداق راۋان،قىزىقارلىق چىقىپتۇ.خېلى بولۇپتىكەن مۇنبەرلەردە بۇنداق ھېكايىنى ئوقۇپ باقمىغىلى.ئىلھاملىرىڭىز توختاپ قالمىغاي،داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز.رەھمەت سىزگە

alkut2011 2011-01-02 21:45
مەنمۇ  بەك ياختۇرۇتۇم . قاچان مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش ھىكايىلەرنى يازالايدىغان بولارمەن

pariay 2011-01-03 21:31
نەقىل
بۇ 29قەۋەتتىكىalkut2011 يوللىغان 2011-01-02 21:45 غا قارتىلغان :
مەنمۇ  بەك ياختۇرۇتۇم . قاچان مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش ھىكايىلەرنى يازالايدىغان بولارمەن

ئۈرۈكجاننى ئۇستاز تۇتسىڭىز ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسىز ! بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز يامان چىكىتىدۇ ئەمەسمۇ  ؟

chogh 2011-01-04 03:30
ھىكاينىڭ ئۇسلۇبىنىڭ تورداشلار تەرىپىدىن ، مەمتىمىن ھوشۇر ھىكايىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىتىلىشى ، ۋە ئۆزىڭىزنى شۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىڭىزدىن ، ئىجادىيەتتە قاتتىق مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگىنىڭىزنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ؟ ئىجادىيەتتە باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبىنى قۇبۇل قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىش ، بىر ئىجادىيەتچىگە نىسبەتەن زور مەغلۇبىيەت . سىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىدا مەيدانغا كەلگەندىلا ئۇ چوقۇم سىزنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىڭىز بولىدۇ .
ھىكاينىڭ قۇرۇلمىسىغا كەلسەك چوڭ مەسىلە يوق ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرمۇ جايىدا قوللىنىلغان ھەم ھىكاينىڭ ئىدىيىسىمۇ تەبىئىيلا ئىپادىلەنگەن . (چۈشەنمىگەنلەرگە چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ، سەۋىيە بولمىسا ئۆگەنسۇن ، لىكىن چۈشەنمىگەن نەرسىگە باھا بىرىمەن دەپ ئارتۇقچە زورۇقۇپ، چارچاپ قالمىسۇن  )
سىزگە سەمىمىي تەكلىپىم شۇكى : قارا يۇمۇر ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا كۆنسىڭىز بولىدۇ قۇبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ ، لىكىن شەخسىنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرگە ئۇچرماڭ ، ساپ بولۇڭ . بولمىسا ئىجادىيىتىڭىز خەققە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ ، بەلكىم ، ئاپتور ئىسمى يېزىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇرمەنلەر سىزنىڭ ئىجادىيتىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئەسىرى دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن  . ھەتتا ، سىزنى ئەسەر ئوغىرسى دەپ خاتا چۈشەنچىگە كىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن .

bayawan 2011-01-06 20:49
قەلىمىڭىز ، تەپەككۇرىڭىز بارغانسىرى پىشىۋاتىدۇ ، ھېكايە -تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە جەمئىيەت ھادىسلىرىدىن تاللىۋېلىنىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەلۇم تەرىپىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان پروزا ژانىرىنىڭ بىر تۈرى .
ھېكايىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن باخشى -چىراغچى ئىدىيىسى ۋە بۇنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ھازىرمۇ ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت . ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز . سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت يولىدا تۇرمۇشتىكى باشقا تەرەپلەردىكى نۇرغۇنلىغان دېتاللارنىمۇ ئەپچىللىك بىلەن كۆرۈپ قەلەمدە پىشۇرۇپ ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بەرگەيسىز !

kanhor 2011-01-13 00:02
مېنىڭچە "ئوغرى ئالدى: ناملىق ھېكايىدە ئاپتۇرنىڭ تاللىغان تىمىسى ھەقىقىتەن ياخشى تىما ئىكەن.ئاپتۇر توخو ئوغۇرلىماقچى بولغاندىكى  ۋەقەنى ياخشى يازغان.توخۇلارنىڭ قونداقتىن كىچىدە چۈشۈپ ۋاقىلداپ كىتىشى (مەن] بىلەن ئىنىسىنىڭ قېچىشى ئوقۇتمەنلەرگە چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.(مە) بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەن.ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىددىيسى يېڭىلىق بىلەن تولغان.پەن-تېخنىكىنىڭ كۇچ-قۇدرىتىگە تىبابەتنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا ئىشىنىدۇ.ئايالىنىڭ كىچىدە چىرقىراپ يىغلايدىغان بولۇپ قېلىشى،دوختۇرغا كۆرسەتسە ئايالنى ساقكەن دىيىشى،لىكىن ئايالىنىڭ يانىلا كىچىسى ۋارقىراپ يىغلاپ ئۇخلىيالماسلىقىنىڭ سەۋەبى دوختۇرنىڭ (مەن)نىڭ ئايالىنىڭ كىسىلىنىڭ نېمىلىكىنى تاپالمىغانلىقىدىن بولغان دېگەن يەكۈن كىلىپ چىقىلغان.ئەگەر بىز (مەن)نى ئاتالمىش داخاننى چاقىرىش ۋە دۇئا ئوقۇتۇشقا قوشۇلدى دېسەك (مەن)بىر دۆلەت كادىرى ئوقۇتقۇچى.ئوقۇتقۇچى تۇتۇپ پەننىڭ كۇچ-قۇدرىتىدىن داخاننىڭ كۇچ-قۇدرىتىگە ئىشىنىشى ۋە بۇ قاراشنى داخاننىڭ دا ئوقۇشى بىلەن ئايالىنىڭ ساقايغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ھېكايىنىڭ تىماتىكىلىك ئىدىيسىدە دوختۇر ساقايتالمىغان كىسەلنى داخان ساقايتىدۇ دېگەن ئىدىيالىستىك قاراش كىلىپ چىقىدۇ.ئەگەر  (مەن)نىڭ يۇرتى يىراق سەھرادا بولۇپ دوختۇرغا كۆرىنىش قولايسىز بولسا ياكى يۇقۇرى دەرىجىلىك دوىتۇرلار مۇ تەكشۈرۈپ (مەن)نىڭ ئايالىنى ساقايتالمايدىغانلىقىنى ئېيتپ  ئاندىن داخان ساقايتقان بولسا يۇقارقىدەك ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن بولسا بولاتتى.يەنە بىر مەسىلە (مەن)نىڭ ئىنىسى قوي ئوغۇرلاۋاتقاندا (مەن)پىشقەدەم ئۇستاز بىلەن پاراڭلىشىدۇ،(مەن)دە ھىچقانداق قورقۇش،بىسەرەمجانلىقتەك پىسخىك ھالەتلەر بىرىلمىگەن.چۈنكى (مەن)نىڭ ئىنىسى نىمىلا بولمىسۇن ئوغۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ.ئەگر بۇ ئىش ئاشكارلانسا (مەن)نىڭمۇ يۈزى چۈشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىغا داغ تىگىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا  رىئال تۇرمۇشتىكى (مەن)نىڭ قورقماسلىقى ئىچى تىت تىت بولۇپ  تۇرالماي قېلىشى تۇرغان گەپ.لىكىن (مەن)نىڭ بۇ چاغدىكى روھىي لالەت تەسۋىرى ياخشى بىرىلمىگەن.بۇ مېنىڭ ھېكايىيىڭىز ھەققىدىكى قاراشلىرىم .بولسا سىز بۇ ھېكايىنى قايتا ئىشلەپ بىرەر يۇرنالغا ئېۋەرتىڭ .ھېكايىڭىز چۇقۇم ياخشى چىقىدۇ.يازغانلىرىم ئېغىر كەتسە ماڭا قارشىڭىزنى ئوتتيرىغا قۇيۇپ تەنقىدىي پىكىر بېرەرسىز.

urukjan 2011-01-13 10:32
نەقىل
بۇ 33قەۋەتتىكىkanhor يوللىغان 2011-01-13 00:02 غا قارتىلغان  :
مېنىڭچە "ئوغرى ئالدى: ناملىق ھېكايىدە ئاپتۇرنىڭ تاللىغان تىمىسى ھەقىقىتەن ياخشى تىما ئىكەن.ئاپتۇر توخو ئوغۇرلىماقچى بولغاندىكى  ۋەقەنى ياخشى يازغان.توخۇلارنىڭ قونداقتىن كىچىدە چۈشۈپ ۋاقىلداپ كىتىشى (مەن] بىلەن ئىنىسىنىڭ قېچىشى ئوقۇتمەنلەرگە چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.(مە) بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەن.ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىددىيسى يېڭىلىق بىلەن تولغان.پەن-تېخنىكىنىڭ كۇچ-قۇدرىتىگە تىبابەتنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا ئىشىنىدۇ.ئايالىنىڭ كىچىدە چىرقىراپ يىغلايدىغان بولۇپ قېلىشى،دوختۇرغا كۆرسەتسە ئايالنى ساقكەن دىيىشى،لىكىن ئايالىنىڭ يانىلا كىچىسى ۋارقىراپ يىغلاپ ئۇخلىيالماسلىقىنىڭ سەۋەبى دوختۇرنىڭ (مەن)نىڭ ئايالىنىڭ كىسىلىنىڭ نېمىلىكىنى تاپالمىغانلىقىدىن بولغان دېگەن يەكۈن كىلىپ چىقىلغان.ئەگەر بىز (مەن)نى ئاتالمىش داخاننى چاقىرىش ۋە دۇئا ئوقۇتۇشقا قوشۇلدى دېسەك (مەن)بىر دۆلەت كادىرى ئوقۇتقۇچى.ئوقۇتقۇچى تۇتۇپ پەننىڭ كۇچ-قۇدرىتىدىن داخاننىڭ كۇچ-قۇدرىتىگە ئىشىنىشى ۋە بۇ قاراشنى داخاننىڭ دا ئوقۇشى بىلەن ئايالىنىڭ ساقايغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ھېكايىنىڭ تىماتىكىلىك ئىدىيسىدە دوختۇر ساقايتالمىغان كىسەلنى داخان ساقايتىدۇ دېگەن ئىدىيالىستىك قاراش كىلىپ چىقىدۇ.ئەگەر  (مەن)نىڭ يۇرتى يىراق سەھرادا بولۇپ دوختۇرغا كۆرىنىش قولايسىز بولسا ياكى يۇقۇرى دەرىجىلىك دوىتۇرلار مۇ تەكشۈرۈپ (مەن)نىڭ ئايالىنى ساقايتالمايدىغانلىقىنى ئېيتپ  ئاندىن داخان ساقايتقان بولسا يۇقارقىدەك ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن بولسا بولاتتى.يەنە بىر مەسىلە (مەن)نىڭ ئىنىسى قوي ئوغۇرلاۋاتقاندا (مەن)پىشقەدەم ئۇستاز بىلەن پاراڭلىشىدۇ،(مەن)دە ھىچقانداق قورقۇش،بىسەرەمجانلىقتەك پىسخىك ھالەتلەر بىرىلمىگەن.چۈنكى (مەن)نىڭ ئىنىسى نىمىلا بولمىسۇن ئوغۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ.ئەگر بۇ ئىش ئاشكارلانسا (مەن)نىڭمۇ يۈزى چۈشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىغا داغ تىگىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا  رىئال تۇرمۇشتىكى (مەن)نىڭ قورقماسلىقى ئىچى تىت تىت بولۇپ  تۇرالماي قېلىشى تۇرغان گەپ.لىكىن (مەن)نىڭ بۇ چاغدىكى روھىي لالەت تەسۋىرى ياخشى بىرىلمىگەن.بۇ مېنىڭ ھېكايىيىڭىز ھەققىدىكى قاراشلىرىم .بولسا سىز بۇ ھېكايىنى قايتا ئىشلەپ بىرەر يۇرنالغا ئېۋەرتىڭ .ھېكايىڭىز چۇقۇم ياخشى چىقىدۇ.يازغانلىرىم ئېغىر كەتسە ماڭا قارشىڭىزنى ئوتتيرىغا قۇيۇپ تەنقىدىي پىكىر بېرەرسىز.

ھېكايە ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن  كۆزىتىپ بېرىلگەن  تەكلىپ -پىكىرلىرىڭىز ئۈستىدە قايتا ئويلاندىم.
ئەلۋەتتە ، ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ۋەقەلىكلەر ...جۈملىدىن ئىجتىمائىي تۇرمۇش، كەڭ تەبىئەت دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان ؛بىز بىلمەيدىغان ۋە بىلىپ كېتەلمەيدىغان خىلمۇ-خىل ۋەقەلىكلەر ياخشى بىر يازغۇچىنىڭ نادىر ئەسەر قىلىپ چىقىشىغا ۋە بۇ ئارقىلىق شۇ  ۋەقەلىكنى ئاۋام بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇشىغا بېقىنىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇئەييەن بىر تېما ئۈستىدە ئويلىغان ۋە شۇ ۋەقەلىك ئۈستىدە قايتۇرغان ئىنكاسى ئوخشاش بولمىغىنىدەك،
ئاپتورنىمۇ...ئاشۇ ئىنكاسلار ئارىسىدىن يۈرۈكىگە مەلھەم بولغۇدەك تەكلىپ-پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىشقا ۋە تەنقىدنى قۇبۇل قىلالىغۇدەك روھ توپلىشىغا ئىشتىراھ قىلىدۇ.
مەن پىكىرلىرىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن.
دىگىنىڭىزدەك،
ئەسلىدە، بۇ ھېكايىنى يېزىۋاتقان چېغىمدىلا مېنى ئىككى يول ئارسالدى قىلدى:
1.مەننىڭ ئايالى زادى كىمنىڭ قولىدا ساقىيىشى كېرەك؟ دوختۇرنىڭ قولىدىمۇ ياكى داخاننىڭمۇ؟
مۇبادا داخاننىڭ قولىدا ساقىيىپ قالغان بولسا،  ئۇھالدا ھېكايىنىڭ ئالغا سۈرۈلمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيىسى بىدئەتنى تەشۋىق قىلىدۇ.
يەنە بىر خىل ئەھۋالدا، مەننىڭ ئايالى دوختۇرخانىدا ساقىيىپ قالسا،  ئەتراپىمىزدىكى دوختۇرخانىغا مىڭ قېتىم بېرىپمۇ ساقايمىغان  تۇتقاقلىق كېسەللەرگە كۆز يۇمغان بولىمەن.
شۇڭلاشقا بۇ مەزمۇننى گۇڭگا پېتىلا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم ۋە تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدۇم.

يەنە بىر نۇقتىدا،
سىز دىگەندەك ، مەندە قورقۇش ۋە ئوغرىلىق پاش بولوپ قالسا رەسۋا بولۇشتەك پىسخىك تەسۋىرى ھەقىقەتەن كەم قاپتۇ.
مەن تولۇقلاپ قايتا تەھرىرلەي.

1-نۇقتىدا  ئېيتىپ ئۆتكەن ھېلىقى سۇئالنى قانداق قىلساق بولار؟ دىگەندە، مەن يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئويلىنىپ باقاي.
كاۋاپمۇ ،زىخمۇ كۆيمەيدىغان بىر ۋەقەلىك چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

سىزگە كۆپ رەھمەت.

kanhor 2011-01-13 20:43
بولسا قوي ئوگرىلىغاننى كىشىلەر بىلىپ كالسۇن،(مەن)بۇ سەۋەپتىن خىزمەتداشلىرى ئالدىدىمۇ يەرگە قارىسۇن،ئىچ-ئىچىدىن داخاننىڭ دېگىنىگە ئىشىنىپ قىلغان ئەھمىقانىلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈپ، داخاننىڭ  ئۆزىنى ئەخمەق قىلىغانلىقىنى ئالدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكىدىن  قاتتىك ئۆكۈنسۈن .چۈنكى داخاننىڭ قانئاقتۇرماقچى بولغانلىقى قانداقتۇر كىسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئاز بولسىمۇ گوش يىۋېلىش،ئېلىۋېلىش  ئۈچۈنلىكى ئېنىق.بىز ھېكايىنىڭ يىشىمىدىنمۇ تىرە ۋە باشقا نەرسىلەرنى داخياننىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە كۆمگەن.لىكىن ئەتىسى يۈتۈپ كەتتى.بۇ داخاننىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ئالدامچىلىقى بولۇپ،تىرە قاتارلىق نەرسىلەرنى داخان ئوغۇرلىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.سىزدە شۇ نەرسە ئايدىڭ بولسۇنكى ھېكايىڭىزنىڭ تۈپكى ئىددىيسى -خۇراپاتلىققا ئىشەنمەسلىك،ئىلمىي ئاساسى بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن كىشىلەرنى قايمىقتۇرۇپ،خەلقنىڭ پۇل-مال مۈلكىنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان ئاتالمىش داخانلارنى سۆكۈش،ئۇلارنىڭ قايمىقتۇرشىغا ئىشەنمەسلىك بولسۇن.لىكىن سىز (مەن)نىڭ ئايالىنىڭ كىچىدە چىرقىراپ يىغلىشىنى دوختۇر تەكشۈرۈپ تاپالمىسا داخان قوي سۇيۇپلا داۋالىۋەتكەن قىلىپ تەسۋىرلەپسىز.يانا دەي بۇ قارشىڭىزنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.مىدىسسسىنا ئىلمى ھازىر تەرەققىي قىلىپ ئەقىل سىغمىغۇدەك دەرىجىدە تەرەەقىي قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.(مەن)نىڭ ئايالىنىڭ كىسىلىنى بىردوختۇرخانا داۋالىيالمىسا يۇقۇرى ئورۇندىكى دوختۇرخانىلار چوقۇم داۋالىيالايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى بىلىسىز.لىكىن سىز (بىر قىسىم كىسەللەرنى دوختۇر داۋالىيالمىسا داخانلار داۋالايدىغۇ)دەپ يېزىپسىز.بۇ ھەقتە سىزگە كۆپ سۆزلىمەي.داخاننى ئۇلۇغلاش ھېكايىڭىزنىڭ تۈپكى ئىددىيسى بولماستىن بەلكى داخاننىڭ ئالدامچىلىقىنى سۆكۈش بولسۇن.بولسا ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسىنى يانا بىر باشتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېقىڭ.يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس دېگەندەك قايتا-قايتا ئويلىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قىلىپ تورغا قايتا يوللاڭ.بولسا پىرسۇناژلارنىڭ سۆز-ھەركىتى قىزىقارلىق،جانلىق بولسۇن.مۇشۇنچىلىكلا دەي  تىرشىپ بېقىڭ.

urukjan 2011-01-13 21:01
چوقۇم.
ھازىر بىرەرقۇر رەتلەپ بولدۇم.(سىز دىگەن نۇقتىلارنىڭ ھەممىنى قايتا رەتلەپ چىقتىم. رەھمەت سىزگە)
نەشىرياتتىكى ئاغىنىلەر كۆزدىن كەچۈرۈپ باقايلى دەۋاتىدۇ. بوپتۇ، ئوقۇپ باقسۇن.

kanhor 2011-01-16 12:25
يىگىت سىز نەشرىياتتىكى تەھرىرلەرگە بەك ئىشىنىپ كەتمەي ئۆزىڭىز پىششىقلاپ ئىشلەڭ.ئۇ تەھرىرلەرنى مەن خېلى چۈشىنىمەن.ئۇلار ئەسىرىڭىزنى باشتىن ئاياق كۆرۈپ سىز كۈتكەندەك تەھرىرلەپ كەتمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېكايىدىكى كۆز قاراشنى سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەنسىز ئۆزىڭىز تۈزىتىشىڭىز لازىم.ھەر گىز تەھرىرنىڭ قارشىنى ئۆزىڭىزنىڭ قارشى قىلىۋالماڭ.بىر قىسىم ئاتالمىش تەھرىرلەرمۇ باركى ئەسەرنى تەھرىرلەش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ئەسىرىڭىزنى تەھرىرلىدىم دەپ بۇزۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.شۇڭا سىز تەھرىرگە ئىشەنمەي ئەڭ موھىمى ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ،ئېلان قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەي ياخشى يېزىپ چىقىڭ.

ئايتۇغ 2011-01-17 16:29
ئۈرۈكجان بۇ ھىكايىڭىز باشقا يازمىلىرىڭىزغا قارىغاندا خېلىلا مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ جۇمۇڭ?!
مەنچىمۇ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھىكايە يىزىش ئۇسلۇبىغا ئوخشىشىپراق يىزىلىپتۇ ئۇ كىشىنىڭ ھىكايىلىرىمۇ تىلىنىڭ ئاددى,چۈشىنىشلىك,قىزىقارلىقلىقى بىلەن ھەممەيلەنگە ياقىدۇ。تىرىشىڭ جۇمۇ سىزدە ئۈمىد زور!

layli 2011-01-17 18:43
ھېكايىڭىزنى ھەقىقەتەن بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، خىلى بوپتىكەن مۇنبەرگە كىرىپ  ئىنكاس يازمىغىلى  تەكەپپۇرمۇبوغۇلۇپ قالغاندەكلا كاللام قۇپقۇرۇق ،
  

sarsan3707 2011-01-17 21:30
بۇ تاققا-تۇققۇ ھېكايەم ياشىسىمۇ «ئەلكۈيى»دە ياشىسۇن. ئۆلسىمۇ «ئەلكۈيى»دە ئۆلسۇن. ئەمما باشقا يەرگە كۆچۈپ يۈرمىسۇن ئىلاھىم. (ئامىن!)
-ئاپتوردىن.
ئىلاھىم مۇشۇ دۇئايىڭىزنى ئىجابەت قىلسۇن .(ئامىن)   

mujhid 2011-01-23 05:42
مۇشۇنداق  ھىكايىلەرنى  ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىمەن. رەھمەت  سىزگە!

ظاەذ 2011-02-12 11:14
نەقىل
بۇ 7قەۋەتتىكىarman00 يوللىغان 2010-12-30 14:07 غا قارتىلغان :
رەھمەت . ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ .بىراق ھىكايىدىكى مەننىڭ ئايالىنىڭ ساقىيىشىدىن ،بۇنداق ئىشىنى قوللاپ ،تەشۋىق قىلىشتەك بىر خىل مەنە بىرىپ قۇيامدۇ -قانداق ؟ ياكى مەن چۈشنەلمىدىممۇ ؟

············دوختۇرخاىنىدا ساقىيىپتۇ ھاجىم، <<مەننىڭ ئايالى>> سىزمۇ دوپپنى ئەكەل دىسە بىشىنى ئەكەلمەيدىغانسىز ھە؟؟ ھىكايىنى يەنە بىر قىتىم دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىقىڭ..

babasaybasi 2011-02-15 14:44
مەمتىمىن ھۇشۇر  ئەسەرلىرىدىن قالغۇسىز ئەسەر يىزىپسىز.قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.     

kapsiz30 2011-03-22 19:01
بەك ياخشىكەن

kun^kiz 2011-03-22 19:20
ئۈرۈكجاننىڭ  شېئىرلىردىنمۇ بەكرەك بۇ ھىكايىسىنى ياختۇرۇپ ئوقۇدۇم .  ھەر قايسى ژانىردىكى تېمىلىرىڭىزنىڭ مۇۋاپپىقيەتلىك بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .

tawhida 2011-03-22 22:47
ۋويييييييييييييييييييييييييييييييييييييۇ،ئەجەپ قىزىقارلىق ،سۆزلىرى بەك يۇمۇرىستىك يېزىلىپتۇ.

halnur 2011-03-29 16:45
                  

dil-naz 2011-04-16 06:31
ئۈرۈكجان زەپمۇ ئېسىل تېمىلارنى يوللاپسىز .ئاپىرىن !!!!
ئىككىمىزغۇ گەپ قىلىشمايدىغان بولغان. تېمىڭىز ياخشىكەن .گەپ قىلماي چىقىپ كەتكۈم كەلمىدى دىسە    

yuksak0903 2011-04-16 10:55
راسلا ياخشى يېزىلىپتۇ، مەنمۇ خۇددىى بىر قىزىقارلىق كىنو كۆرگەندەك ئوقۇپ چىقتىم. بەك خوش بولدۇم. قەلىمىڭىز كۈچلۈككەن.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئوغرى ئالدى (ھېكايە) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.043163 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us