رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يۇرتۇمنى سۆيىمەن --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلىرىمىز -> يۇرتۇمنى سۆيىمەن [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

zapar 2010-12-28 13:11

«يۈرتۇمنى سۆيىمەن»
  
مېنىڭ يۇرتۇم - قەدىمقى مەدەنىيەت ئۇچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەمدە ئۆزىنىڭ خاسىيتى بىلەن ئۆزىنى تەڭداشسىز سېھرى كۈچكە ئىگە قىلىپ ئالتۇندەك جۇلالىنىپ تۇردىغان مۇقەددەس ماكان قارقاش ناھيىسىدۇر . مەن قارقاش دىگەن بۇ چىرايلىق نامنى ئېسىمگە ئالغىنىمدا ،ھەر قانداق كىشىنىڭ يۈرىكى ھاياتجانغا تولماي تۇرالمايدۇ .چۈنكى قارقاش خەلقى ناھايىتى مېھماندوست ،ئاقكۆڭۈل ئىشچان خەلق. ئۇلار ئەزەلدىن ئىناق -ئىتتىپاقلىقنى ،راست سۆزلەشنى ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك خىسلىتىگە ئايلاندۇرغان .  
قاراقاش خەلقى  دەرياسى بويى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇق  بويىغا زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ  بىر دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىپ ئۆزىنىڭ ئەمگەكچانلىقى ۋە ئىككى قولىغا تاينىپ ھازىرقىدەك كۆز يەتكۈسىز باغۇ - بوستانلىقلارنى بەرپا قىلدى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خەلقىمنى  ۋە خەلقىم ياشاپ كەتكەن يۇرتۇم قاراقاشنى سۆيىمەن .  
قارقاش ئۆزىنىڭ ياخشى خىسلىتى بىلەن كىشىلەرنى ھاڭ -تاڭ قالدۇردۇ. ئۇ يەردىن نۇرغۇنلىغان جاسارەتلىك قىز-ئوغۇللار ،يازغۇچى-  شائىرلار چىقىپ قارقاش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلمەكتە.  
شۇڭا مەن قارقاشتىن پەخىرلىنىمەن . تېخى بەزىلەر قارا قاشلىقنى تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بار دەيدۇ . قارقاشتا قەدىمى مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىر ى بولغان مازار تاغ خارابىيلىقى ۋە ئۈزۈم بازىسى،ياڭاق ماكانى قاشتېشى ماكانى ، مىللىي تىبابەت ،گىلەم ماكانى شۇنداقلا كاۋاك چىنار كەنتە چىشمىشى، قاتارلىق مېۋىلەر ئۆزىنىڭ لەززىتى بىلەن ھەممىگە داڭلىق .شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاجايىپ سېھرى كۈچكە ئىگە يۇرتۇم قاراقاشنى سۆيىمەن .  
   قارقاش خەلقىنىڭ ئەمگەكچان -ئىشچانلىقى بىلەن شىمالىي ئېچىش رايۇنى دەپ نام ئالغان بۇ يەرنى دۆلەت رەھبەرلىرىدىن قايسى بىر كىشى كەلسە شۇ يەرگە بارماي قالمايدۇ .
ئابلېكىم كامالدەك مەرىپەت بۆشۈكى قۇرىدىغان ئوغلانلارمۇ چىقىپ كەلمەكتە .  
مەن ھازىر 12 قەۋەتتىكى بىنا ئۈستىدە تۇرۇپ بۇكەڭ زېمىنغا نەزەر سالغىنىمدا، بۇ زېمىندا ئومۇمىي نۇپۇس500000مىڭدىن ئارتۇق، ئاھالە بولسا 360000 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ ئىختىسادىي جەھەتلەردىن زور ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.  
قارقاشتا  تولۇق نامايەن بولغىنى  توپىلىق چىغىر يول بولماستىن بەلكى ھەممە يەرگە تۇتاشقان،  كەڭ كەتكەن ئاسفالىت يوللار ، كۆككە تاقاشقان قەۋەت -قەۋەت بىنالار ، خۇددى چۈمۈلىدەك ئۈزلۈكسىز قاتناۋاتقان ماشىنا -ئاپتومۇبىللار كۆپەيمەكتە. قارقاش خەلقى ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ قولنى قولغا تۇتىشىپ ،مۆرىنى -مۆرىگە تىرەپ جاپالىق كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە  قارقاشنىڭ ھازىرقى بۇ بەختىيار قىياپىتىنى ياراتتى. ھەمدە باشقىلار ھاڭ-تاڭ قالىدىغان سەۋىيەگە يەتتى ، شۇنىڭ بىلەن مائارىپ ،داۋالاش ،ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق  ھەر قايسى كەسىپ ساھەلەردە شانلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى . شۇڭا مەن يۇرتۇم قاراقاشنى سۆيىمەن .  

مەنبەسى :ئۆزۈم ( قاراقاش ناھيە كاۋاك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتىن  نۇرمەمەت جۈمە)

fatima 2010-12-29 00:27
قارقاشنىڭ ئۇبدان تەرپىنى قىپسىز ؟قارقاش مىنىڭمۇ يۇرتۇم مەنمۇ قارقاشنى نەقەدەر سۇيمەن ھە؟

نەزەر سالسام گۈزەل يۇرتۇمغا،
خويمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كىتىپتۇ.
ئاسپالىت يوللار بىر-بىرگە تۇتشۇپ،
ھەر بىر ئائىيلە ماشىنىلىق بۇلۇپتۇ.

pariay 2010-12-29 00:34
قارقاش خەلقى ناھايىتى مېھماندوست ،ئاقكۆڭۈل ئىشچان خەلق. ئۇلار ئەزەلدىن ئىناق -ئىتتىپاقلىقنى ،راست سۆزلەشنى ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك خىسلىتىگە ئايلاندۇرغان .
قارقاشنى بەكمۇ ياخشى تەسۋىرلەپسىز !

gvzal3.8 2010-12-29 13:52
قارا قاش ناھىيەسى
 

ناھىيىلىك ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسى


دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش


ناھىيىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى


ئۆزگىچە تائاملىرى


قول ھۈنەر بۇيۇملىرى


گۈزەل كۆل

bardax 2010-12-29 17:52
بۇ تېما گۈزەلنىڭ يوللىغان رەسىملىرى بىلەن تېخىمۇ تولۇقلىنىپ.قاراقاشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىمىز نامايەن قىلدى.
ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت!

oguzpuxti 2011-09-17 21:29
تىمىڭىزنى ئوقۇپ مۇنۇ شىئىر يادىمغا كەپقالدى :
قارا -قارا قاشلارىڭغا قاتساڭچۇ مىنى ،
قارا قاشنىڭ بازارىدا ساتساڭچۇ مىنى .
قارا قاشنىڭ بازارىدا ئالمىسا ئەگەر ،
كىرپىگىڭنى ئوقيا قىلىپ ئاتساڭچۇ مىنى .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يۇرتۇمنى سۆيىمەن --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.047306 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us