بۇ 18قەۋەتتىكىihlasmen يوللىغان 2010-12-28 23:24 غا قارتىلغان :
مەن سىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىرىڭىزنى قوبۇل قىلمايمەن. چۈنكى، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنى ئەينى زاماندىكى زىيالىلىرىمىز توغرا ئانالىز قىلالمىغان، كەلگۈسىنى كۆرەلمىگەن . ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇيغۇرنى شانلىق ئەسەرلىرى بىلەن دۇنياغا تۇنۇتقان ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئەنە ئۇ مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئابدۇلقادىر داموللامدەك مەشھۇر ئىلىم ئەرباپلىرىمىزنى پىر - ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىم - نەسىھەتلىرىنى بايراق قىلىشقا ، شۇ ئاساستا ئانا تىلىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك چەكلىنىش - يەكلىنىش فاجىئەسىدىن ساقلىنىپ قالغان ئاساستا ئىلىم - مەرىپەتتە ئۇچقاندەك ئىلگىرلىشىمىزگە ئەركىن - ئازادە يول ئېچىلغان بولاتتى!!!
مۇشۇنداق ئۇلۇقلىرىمىز ئۆسۈپ - چوڭ بولغان ماكان ئەھلىنى قارا- قويۇق «سېىسىق» دېسىڭىز ، مەن «سېسىق» لىقنىڭ نىمىلىگىنى ئەر -خۇتۇنغا باغلاپ بولسىمۇ چۈشەندۈرمىسەم قانداق بولىدۇ؟ زادى تەكرار سوراپ باقاي، سېسىغى يوق كىم بار؟ زادى ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك توغرا بولامدۇ؟ ياكى سىزنىڭ يۇرتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا « ئىپار - زەپەر پۇرايدىغان ھۆر پەرىلەر» مۇ ؟ چىراقنىڭ تۈۋىمۇ قاراڭغۇغۇ؟ قازاننىڭ قۇڭىمۇ قارا. ئەمما تاشلىۋەتمەي ئەتۋالاپ تۇتۇپ تاماق ئىتىپ يەيمىزغۇ؟
قاتتىق ئاغرىتىپ تۇرۇپ ئېيتىپ ئۆتەيكى، مۇشۇ «لىق ، لىك » دېگەن قوشۇمچىلارنى يۇرتقا باغلاپ پىكىر قىلسىڭىز قەتئىي توغرا بولمايدۇ، ئۇ ، ــــ پارچىلىنىش، بۆلۈنۈش ۋە ۋەيران بولۇشنىڭ كاتالىزاتورلىرى!.......
ئەسلىدىغۇ مەن بۇ قەدەر سۆزلەپ كەتمىسەممۇ بولاتتى. ئەمما سىز تەپەككۈر يۈرگۈزۈپراق پىكىر قىلىشنى ئويلىمايدىكەنسىز . ئەگەر مېنىڭ يېنىمدا بولغان بولسىڭىز مۇشۇ قېتىملىق ئىنكاسىڭىزدىكى بەزى گەپلىرىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ ئېغىز - بۇرنىڭىزنى قان قىلىپ تۇرۇپ ھۇشىڭىزنى تاپقۇزاتتىم! سىز كاللىڭىزنى ئوبدانراق ئىشلىتىپ ، سەگەكلىك بىلەن پىكىر بايان قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەيسىز !........
