رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ئەلكۈيى ئىكرانىدا --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مۇنبەر ئاڭلىتىشى -> «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ئەلكۈيى ئىكرانىدا [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

umidwar 2010-12-18 22:06

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى(جۈمە) چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئويۇن قويۇش زالىدا شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ئارتىسى،ياش ئىجادىيەتچىسى راخمان ئاۋۇت ئۆزھال ئەپەندىمنىڭ رىژىسورلىقىدىكى «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ناملىق دراما تۇنجى مەيدان ئوينىلىپ چىقتى.

بۇ قېتىمقى دراما رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشى،كەسىپداشلارنىڭ تەكلىپ - پىكىر بىرىشى ھەم ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بىرىنچى قول ماتىريال بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە ئوينالغان بولۇپ دراممىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرگىلى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ،   شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ، شىنجاڭ ئەلكۈيى تورى ،  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئادەملىرى ھەمدە كەسىپداشلاردىن بولۇپ 100دەك ئادەم قاتناشتى.بۇ قېتىمقى دىرامما تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىغاندىن كىيىن كىلەر يىلنىڭ بېشىدا كەڭ جەمىيەت بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ ھەمدە ئۈرۈمچىدە رەسمىي ھالدا تۇنجى مەيدان ئوينىلىدۇ.بىز كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرىشىنى«جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ناملىق بۇ دراممىنى ۋاقتىدا كۆرىشىگە تىلەكداشمىز.

تۆۋەندە  ئەلكۈيى تورى شۇ كۈنى بۇ قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدا ئېلىپ بارغان نەق مەيدان زىيارىتى ھەمدە دراممىنىڭ بىر قىسىم ئەھۋاللىرىنى ئەلكۈيى ئىكرانى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق ھەممىڭلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.



زىيارەتنىڭ تېخىمۇ ئېنىق ھەم سۈزۈك نۇسخىسى يوللىنىۋاتىدۇ.مەلۇم ۋاقىتقىچە مۇشۇ ئورۇنغا چىقىرىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيە








ئەلكۈيى تور - تېخنىكا  چەكلىك شىركىتى « ئەلكۈيى ئىكرانى » سەھىپىسى بۆلۈمى ئىشلىدى.

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18- كۈنى

مۇبارەك 2010-12-18 23:14
بۇ دراممىنىڭ رېپىتىس قىلىنىۋاتقانلىقى ھەم مۇشۇنداق سىناق تەرىقىدە قويۇلىشى ھەققىدە مۇشۇ مۇنبەر يۈزىدە ئاز-تولا خەۋەردار بولۇپ كېلىۋاتاتتۇق، مانا بۈگۈن قىسقا بولسىمۇ، ھەرھالدا «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ھەققىدە، بىر قىسىم سەنئەتكارلارنىڭ باھاسىدىن خېلى زور چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم دەپ قارايمەن، شەخسەن ئۆزۈم.

دراما(بولۇپمۇ ئۇيغۇر دراممىچىلىق) ئۇقۇمى پەقەت دەرسلىك كىتابلاردا سۆزلەنگەن بويىچە، ئۆلۈك ھالەتتىلا ئېسىمدە سۇس قاپتۇ. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن دراممىنى كۆرۈشۈمكەن، دېسەم ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولماس. نىجات نىياز دەپ ئۆتكەندەك يېققىن مابەينىدە بۇ ساھەدە ئىزدىنىش ھەم سەھنىگە يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئېلىپ چىقىشقا سەل قارالدىمۇ ياكى ئىشلەنگەن بولسىمۇ خەلقىمىز بىلەن تولۇق يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى يارىتالمىدىمۇ ۋە ياكى بولمىسا خەلقىنڭ قوللاش نىسپىتى تۆۋەن بولۇپ قالدىمۇ...دېگەندەك مەسىلىلەر كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدىكەن. مەلۇمكى، درامما سەنئىتى ئارتىسلاردىن يوقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە بىر دراممىنى يېزىپ، سەھنىلەشتۈرۈپ ئېلىپ چىقىشمۇ ئۇنچىۋالا ئاددىي ئىش ئەمەس. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇنىڭدا ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئېلىنغان رېئال ۋەقەلىكلەر ئاساس قىلىنىپ، ئېسىل پەزىلەتلەر مەدھىيلەنسە، قامچىلاشقا، تەنقىدلەشكە تېگىشلىك ناچار ئىللەتلەر ئىبرەت قىلىنىپ، كىشىگە ئاز بولمىغان تەربىيىۋىي ئەمىلىيەت دەرسى ئۆتۈپ بېرىدۇ، بۇخىل رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. درامما ھەم كىشىگە زوق بېرىپلا قالماي، شۇنداق ئىجتىمائىي ئىنكاس ھەم تەربىيىۋىي ئۈنۈم يارىتالىسا ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتى دەپ قارايمىز، دراممىنىڭ ئاساسىي ماقسىتى ھەم شۇ بولسا كېرەك.

يۈسۈپ سالى، گۈلزار تۆمۈر، مەۋلان نىياز...قاتارلىق ئارتىسلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەڭ يوقىرى سەۋىيىسىنى نامايەن قىلىپ، سەھنىدىكى ئۆز ئوبرازىنى ئەڭ ياخشى دەرىجىدە ياراتقاندەك  تۇرىدۇ. بەلكىم دراممىنىڭ يېزىلىشى، ئورۇنلاشتۇرىشى، سەھنىلەشتۈرىلىشى، ئارتىس تاللاش...قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە يەنە پىكىر بېرىشكە، ئورتاقلىشىشقا، قايتا تۈزۈتىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بولىشى مۇمكىن. ياخشى باھا كىشىنى تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرسە، جايىدا ئېيتىلغان تەنقىدىي پىكىر كىشىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ درامما ھەققىدە خەلقىمىز ھەم ئۆز قاراشلىرىنى تاشلىسا، كەسىپ ئىگىلىرى ھەم سەمىمىيىتىنى بىلدۈرسە، مۇشۇ دراممىنى ئىشلەشكە قاتناشقان ھەر بىر كىشىنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالاتتى-ئەلۋەتتە.

ئاخىرىدا، مۇنبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئىشتىراكچىسى بولغان راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال ئەپەندىمنىڭ بۇ قېتىملىق ئىرادىسى ھەم ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە، «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» نىڭ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان باھاغا ئېرىشىشىنى، درامما سەنئىتىمىزنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

uyghurzade 2010-12-19 00:07
يولداش ئۆزھال، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىىغا سىمۋول بولغان بەش يۇلتۇزنى مەن قىزىل رەڭدە بولامدىكىن دەپتىمەن. سىزنىڭ بۇ درامىڭىزدا ئاۋۇ پىششىق قىشلىق چىرايلىق ھويلىنىڭ بىر چېتىگە قىستۇرۇپ قويۇلغان بەش يۇلتۇز ناۋات رەڭدە ياكى توپا رەڭدە بولۇپ قالغاندەك تۇرامدۇ نېمە؟ بەش يۇلتۇز توپا رەڭدە بولسا بولماس.
    مېنىڭچە، بەش يۇلتۇز يەنىلا قىزىل رەڭدە بولسا مۇۋاپىقمىكىن. چۈنكى، سىزمۇ ئاشۇ بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسۈپ يېىلدىڭىز دە!
    يەنە بىرسى بۇ درامىڭىز يولداش ئەخەت تۇردىنىڭ "تارىم" دا ئېلان قىلىنغان "بەخت كوچىسى"ناملىق پوۋېېستىدىنمۇ  بەكرەك باش قاتۇرۇپ،ياخشى يېزىلغاندەك تۇرىدۇ. درامچىلققتا خېلى ئىلگىلرلەپسىز. مۇبارەك بولسۇن! كۆرۈشكە تەقەززامەن.
     بايرىقىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق روشەن، ئېنىق بولغىنى ياخشى ئىش، ئۆزھال. بۇنى بىلىۋالماي بولمايدۇ.
      بولسا سىز باشقا تېمىلاردا يېزىشنى توختىتىپ مۇشۇ تېمىلاردا تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز.بۇ  تېمىلاردا خېلى تالانتىڭىز باردەك قىلىپ تۇرىدۇ.  كىرىمى ياخشى بولىدۇ. ئىقتىسادمۇ ئاسان ھەل بولىدۇ.
   سىزنى تەبرىكلەيمەن، ئۆزھال!
    

lukqak 2010-12-19 00:13
نىجات نىياز ھەقىقەتەن تېتىملىق ھەمدە دەل جايىدا سۆزلەپتۇ،نېمىنىڭ درامما نېمىنىڭ تاماششىبىن ، نىمىنىڭ جىمىپ كىتىش توغرىسىدا دەل كەلتۈرۈپ ئۆز پىكىرىنى بايان قىپتۇ.دەر ھەقىقەت،جانان كوچىسىدىكى ئىشلار ناملىق بۇ درامما بىلەن ئۇيغۇر دراممىچىلىقى ئۇ دېگەندەك دەماللىققا چوڭ يۈكسىلىپ كىتەلمىسىمۇ بۇنىڭدىن كىيىن دراممىچىلىقىمىز توختاپ قالمىسا تېخىمۇ تەرەققىي قىلسا بۇلاتتى.
درامما قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنىڭ جىقلىقى،ئوينىلىدىغان ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ئېلىنغان كارتىنىڭ بىر قەدەر كۆپ خىللىقى بىلەن بىر قانچىلىغان تۇرمۇش كارتىسىنى بىر يەرگە يىغىدىغان ياخشى سەھنە ئەسىرى ئىكەن.كېچىك چاغلىرىمىزدا غۇنچەم دراممىسى..دېگەنگە ئوخشاش بىر قىسىم دراممىلارنى كۆرەتتۇق،تېلىۋىزور ھەم باشقا تەرەققىياتلارنىڭ تېخىمۇ تېزلىشىشى بىلەن درامما،تىياتىرلار بارا - بارا سەھنىدىن چۈشۈپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەپ قالغان ئىدىم،ئەمما بۇنى كۆرۈپ درامماچىلىقنىڭ تېخى يەنە تەرەققىي قىلىدىغان ھەم يېڭىچە بولغان ئۆزگىچە يوللارغا تايىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم.
مەۋلان نىياز ئۆزىنىڭ بار تىرىشچانلىقىنى ھەم سەمىمىيتىنى بۇ قېتىمقى دراممىغا سىڭدۈرگەندەك تۇيغۇ بەردى ماڭىمۇ...بىرە ئورۇشقاقنىڭ رولىنى ئېلىپ چىقتىمۇ قانداق ؟  قارىسام ئەرافات دېگەن ماۋۇ بالىنى قورقۇتۇپ  بىر نىمىلەرنى ئويناتقۇزۇپ يۈرگەندەك  ھى ھى بۇ درامما قىززىيدىغان چىراي جۇمۇ. بۇ كوچىغا كىرمىگەن كىم بار ؟ جانان كوچىسىدا نىمىلەرنى كۆردۈم دەپ تېما يوللامدۇق تېخى .
درامما دېگەن ماۋۇ گەپنى ئاڭلىمىغىلى بەك ئوزۇن بوپتىكەن،ئەجەپ خەقكەنمىز جۇمۇ،يېڭىنى كۆرسەك كونىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان( ماۋۇ گىپىم سەل چاقچاق)
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال ئەپەندىم شۇنداقلا مۇشۇ دراممىغا كۆچ چىقارغان بارلىق ئارتىسلارغا ھەمدە ئەجىركەشلەرگە چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.شۇنداقلا توختىماي ئىزدىنىشىنى يەنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.مۇشۇ كۈنلەردە ئەلكۈيى ئىكرانى موللىشىپ كىتىۋاتىدۇ دېسە؛

bidar 2010-12-19 00:19
مۇبارەك بولسۇن!
ئۆزھال ئەپەندى، ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ توغرىسىدا پىلانىڭىز بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدىڭىز، مانا ئەمدى ئەمەلگە ئېشىپتۇ، قايىل بولدۇم، ئشىنىمەنكى بۇ درامما چوقۇم خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىدۇ، ئاللاھ خالىسا ئەجرىڭىز ھەرگىز يەردە قالمايدۇ، ئەپسۇس بىزنىڭ خوتەن تەرەپلەردە قاچانلاردا كۆرگىلى بۇلاركىن، جاپالىق ئەجرىڭىزدىن نەخ مەيداندا بەھرىلىنىشكە تەشنامىز، ھارمىغايسىز!

@qawandaz@ 2010-12-19 00:32
ئۆزھال ئەپەندى ئاخىرى بۇنى پۈتتۈرۈپتىدە. شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە قويىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

lukqak 2010-12-19 00:57
ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم ماۋۇ ئىنكاسىڭىز ئادەمگە قەتئىي ياقمايدىكەن،شەخسەن بۇ دراممىنى مەن نەق مەيداندىن بېرىپ كۆرۈشكە مۇۋەپپەقىيەت بولمىغان بولساممۇ بىراق دوستلىرىم بېرىپ كۆرۈپتىكەن،بىلىشىمچە بۇ درامما تېخى پۇل تېپىش ئەمەس پۇل چىقىرىش باسقۇچىدا ھەمدە قىززىللىق خاراكتىرى يوق،تۇرمۇشتىكى مەلۇم بىر ناچار كىشىلەرنىڭ ئاياللارنى قانداق خورلىغانلىقىنى،بىر تۇل ئايالغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى...قاتارلىقلار سۆزلىنىپ ئوينالغان.ماۋۇ ئىنكاسىڭىز سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا ئەجەپ ماس كەلمەيدىكەن،ھەممە قاراشلىرىڭىزنى تولۇق ئاڭلاپ ئوقۇپ كەلگەن بولساقمۇ ئۈندىمىگەنلىكىمىز ھەرگىزمۇ سىزگە قوشۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ.گىپىمىزنىڭ ئويلىمىغان ئاقىۋىتىنى ئويلايلى دېگەن گىپىڭىز ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ.دراممىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرمەي تۇرۇپ سېسىق گەپ قىلىۋاتامسىز قانداق؟ ئۇيغۇرنى قانداق سۆيىسىز دىگۈم كەلدى مانا ئەمدى؟

uyghurzade 2010-12-19 02:03
لۈكچەك ئىنىم، مەن نەدە سېسىق گەپ قىلدىم؟ مەن ئاۋۇ بەشيۇلتۇزنىڭ رەڭگى توغرۇلۇق پىكىر بەردىمغۇ؟ ئۇ قىزىل رەڭدە بولسا نېمىشقا بولمىغۇدەك؟
بۇ دراما بولمايدىكەن دېمىدىم. شۇ يولداش ئۆزھالغا "بۇ ئاسانراق پۇل تاپقىلى بولىدىغان يول، تىرىشىڭ، تەبرىكلەيمەن" دېدىمغۇ! بۇ گەپنى نېىمشىقا سېسق دەپ چۈشۋالغىنىڭىزنى بىلمىدىم. بىرسىنى تەبرىكلەش سېسىق گەپ قىلغانلىق ئەمەس.

خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، ئىنىم. مەن بايرىقى روشەن بولۇشنى ھېچقاچان خاتا ئىش دەپ قارىمايمەن. يەنە كېلىپ بەرگەن تەكلىپلرىمنىڭ  ئۇ تېما بىلەن ھېچقانداق ئالاقسى يوق. ئۇ گەپلەرنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرمىسەك ۋە ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلمىساق!
يەنە كېلىپ، ئوخشمىغان ئىنكاسنىڭ چۈشۈشى ئىنتايىن نورمال ئەھۋال.

بۇ درامىنىڭ تولۇقىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن. ئاندىن يولداش ئۆزھالغا سەمىمىي تەكلىپلىرىمنى بېرىمەن.
رەھمەت، لۈكچەك!

ziyali 2010-12-19 02:59
توۋا
يولداش دىگەن پاراڭلارنى ھازىرمۇ ئىشلىتەمسىلەر؟

يەنە بىرى،بايراق قىزىل،يۇلتۇز سېرىق رەڭدە خاتاسى يوق

zakira 2010-12-19 10:54
   نەسىھەت ئاچچىق ، مىۋىسى تاتلىق بولىدۇ .  
       ئۇيغۇر   دىراممىلىرىنىڭ   روناق تېپىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغا ئۆزھال  غا كۆپ رەھمەت . ھەر بىر ئىنكاستىكى سەمىمىي تەكلىپلەرنى  دادىللىق بىلەن قوبۇل قىلساق بۇندىن كېيىنكى تەرەقىيات ئۈچۈن پايدىسى زور .

saba 2010-12-19 13:14
بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق دارامما سەھنىگە چىقىپ تۇرسا ئۈزۈلۈپ قالمىسىكەن دەيمەن!
مانا بىردەك كىچىكلەرمۇ دارامما دىگەن سۆزنى ئاڭلىغان بولساقمۇ، دارامما دىگەننىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق،ھەم كۆرۈپ باقمىغان.
مانا ھازىر چۈشىنىۋاتىمەن.راخمان ئاۋۇت ئۆزھال ئەپەندىمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشىغا تىلەكداشمەن

tanhabayawan 2010-12-19 13:54
مۇبارەك بولسۇن!
ئۆزھال ئەپەندى،

qabdas 2010-12-19 17:56
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇرۇن بىز كىچىك ۋاخلىرىمىزدا غۇنچەم، ئىككى بايغا بىر مالاي،قاتارلىق دىرامىلارنى كۆرەتتۇق،
ئۇزۇن بولغان دىرامىلارنى كۆرمىگىلى ،<جانان كوچىسىدىكى ئىشلار> دىرامىسى ئەرتىسلىرىمىزنىڭ  جاپالىق مەشىق قىلىشى بىلەن قارىمىققا ياخشى چىققاندەك قىلىدۇ ،ئۆزھال ئەپەندىمنىڭ بۇندىنكى ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

zehrayim 2010-12-19 20:39
  دراما بىلەن يىغلاپ كۆرۈشكۈدەك بولۇپ كەتكەنتۇق...كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا تېلىۋىزورلاردا خېلى قويۇلاتتى درامىلار....
  ئۆزھالكام بېيجىڭدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىر تەتبىقلاي دەپتۇ-دە.....دېمىسىمۇ بىزدىكى بۇ ساھە خېلى بوشاپ قالغانتى....
  

hamisahan 2010-12-19 21:02
بۇ  دىرامما   بىزنىڭ  يۇرتلارغىمۇ   كىلەرمۇ؟  تېخى  رەسمى   ئوينالماستىنلا  پۇتاق  چىقىرلىپتۇ  مانا.تېخى  ئۇنداق-مۇنداقمۇ  ئەمەس بايراق  توغۇرلۇق،ھەي......ئۇيغۇرۇم  

qutluq 2010-12-19 21:31
ئاۋال دارامبىنى تولۇق بى كۆرۈپ گەپ قىلايلىچۇ؟

داۋاملىق تىرىشىڭ، ئابدۇرەھمان ئابىد ئوغلى.

atikam1 2010-12-19 23:24
تورداشلار دېگەندەك دېرامما بىلەن يىغلاپ كۇرەشكىدەك بوپ كەتكەن ئدۇق ،،
بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا دېرامما سەئىتى ناھايىتى گۇللەنگەن چاغلىرى بولسا كىرەك ،ھەپتىدە بىر قېتىم تېلۋېزوردا  دېرامما بېرىتى ،،شۇنداق زوقلۇنۇپ كۆرەتتۇق ،،،
ئۆزھال ئەەپندىمنى مۇبارەكلەيمەن ،،، بۇندىن كىيىن مۇشۇ ساھەدە  تېخىدىنمۇ يۈكسىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن ،،، ھەمدە خەلقىمىزنىڭ مۇشۇ دېرامما سەنئىتىگە بولغان تەشنالىغىنى قاندۇرىشىنى چىن كۆڭلۇمدىن تىلەيمەن

melek 2010-12-19 23:47
ئۆزھال ئەپەندى مۇبارەك بولسۇن، ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى توغۇرلۇق قەلەم ئالماقچى بولغانىدىڭىز،ئۇنىمۇ تۆت كۆز بىلەن كۈتىمىز.

dakyanos 2010-12-20 00:14
ئۈتكەندە ئۆزھال ئاكىمىزنىڭ بۇ دىرامىنىڭ كىرىدىغان ئادەم سانى چەكلىمىسى يوق ھالدا ئوينىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تېمىسىنى كۆرۇپ ئۈرۈمچىدە بۇلالىغان بولسام كۆرەتتىم دەپ ئەپسوسلانغانىدىم، بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۇپ تۇلۇقى بىلەن كۆرۇشكە تەقەززا بولدۇم. قارىغاندا دىرامىغا سىڭگەن ئەجىر ئاز ئەمەس ئۇخشايدۇ.

xaker 2010-12-20 02:40
بۇ دىراممىنى چالىراق كۆردۈم ،مەۋلان ئاكاممۇ  مەسنىڭ رۇلىنى ئالغاندەك تۇرامدۇ نىمە؟
ھەي بىزنىڭ  جاھاندىكى مەسلەرنىڭ  ئۇبىرازىنى كۆرۈپلام دىرامما ئىشلىسە ئىبىرەت ئالدىغىنىغۇ  ئالدى ئىبىرەت ئالمايدىغانلار  ئۇلارنى دۇراپ قۇيامىكىن دەپ ئۇيلاپ قالدىم .
بۇرۇنقى دىراممىلارنى  چىقىش قىلىپ تۇرۇپ كەيىپ -ساپا  دىگەنلەرنى كىرگۈزمەي  ئىبىرەتلىك  قىلىپ  ئىشلىسە بولماسمۇ ؟ بۇ دىراممىنى كۆرگەن كىيىنكى ئەۋلادلار ۋە چەت ئەللىك كۆرۈرمەنلەرنىڭ  سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ  ئىچەمتىڭلار  دەپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم .

bilig 2010-12-20 06:43
غىرىپ-سەنەم، مۆلجەرتاغ بورانلىرى، ئارزۇلۇق ئوغۇل... قاتارلىق درامىلارنى بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كۆرىدىغان.
ئۇزۇن بولغان دراما ئوينالمىغىنى... بۇ تۈرنىڭ قايتا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئۆزھال ئەپەندىم ۋە باشقا سەنئەتكارلارغا رەھمىتىمىزنى ۋە سالىمىمىزنى يوللايمىز! شۇنىڭ بىلەن بىرگە «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» نىڭ غەلبىلىك ئوينىلىپ چىقىلىشىنى، بۇنىڭ بىرمەزگىللىك ئۈزۈكچىلىكتىن كىيىنكى ئۇيغۇر دىرامىچىلىقىنىڭ قايتا باشلىنىش ۋە راۋاجلىنىش نوختىسى بولۇش بىلەن بىللە خەلققە ئىستىتىك زوق بىرىدىغان، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولغان درامىلارنىڭ كىيىنمۇ ئىجات بولۇشى ۋە ئوينىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!

baburxah 2010-12-20 10:57
  راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال ھازىرغىچە قەلىمىنىمۇ،قەلبىنىمۇ پاكىزە تۇتۇپ كىلىۋاتقان ،بىر قولىدا ئەدەبىياتنى،بىر قولىدا سەنئەتنى تەڭ تۇتۇپ مىڭىۋاتقان ئوت يۈرەك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. سۈت ئۇيقۇسىدىكى دىرامماچىلىقىمىزنى ئويغۇتۇش ئۈچۈنمۇ جاسارەت كىرەك.
  ‹‹جانان كوچىسىدىكى ئىشلار››نىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

choghluq 2010-12-20 14:09
بۇ دراما بىلەن تىزراق يۈز كۆرۈشۈشنى ئۈمىت قىلىمىز....مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئوننەچچە يىللاردىن بۇيانقى دراما ئۈزۈكچىلىكىنى تولدۇرۇپ، يېڭىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈپ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى قارشى ئالىمىز...
غېرىپ-سەنەم، غۇنچەم، گۈلىنسا،مۆلجەرتاغ بورانلىرى،ئەجەل سىرتمىقى، ئىككى بايغا بىر مالاي، سىز بىزگە ئىشىنەمسىز؟ قېرى يىگىتنىڭ تويى...قاتارلىق مەشھۇر درامىلاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي، داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا تەشنامىز!

tanhakiqa 2010-12-20 15:22
بىرلا ئىغىز گەپ !~ناھايىتمۇ ياخشى بۇلۇپتۇ،خەلىقىڭىز ئۆزھال ئەپەندىمنى مەڭگۇ قۇللايدۇ

dilhux2 2010-12-21 18:00
ئالدىراپ كىتىۋاتىمەن كۆرۇشكە. مەن دىراممىغا بەك قىزىقىمەن.

parixta 2010-12-22 17:14
چىن كۆڭلۈمدىن بۇ دراممىنى ئۇيۇشتۇرغان راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال ئەپەندىمگە شۇنداقلا بۇ دىرامما ئۈچۈن كۆچ چىقارغان ھەم خەلقىمىزگە مۇشۇنداق بىر ئۇيقۇ ھالىتىگە كەپ قالغان دراممىچىلىقنىڭ ئويغانغانلىقىنى بىلدۇرگەن ئارتىسلىرىمىزگە چىن دىلىمدىن رەخمىتىمنى بىلدۇرىمەن .
ھەمدە بۇ دراممىنى كۆرۈشنى ، بۇلۇپمۇ يۈز تۇرانە كۈرۈشنى بەك بەك تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن !!~

ئۈمۈدۋارغا .. ئەلكۈيىگىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن !!~ تېخىمۇ ئالغا !!~  

720475 2010-12-22 18:06
ئەلكۈيىگە خاتا كىرمىگەنلىكىمنى بۈگۈن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن .     < جانان كوچىسىدىكى ئىشلار >  دىراممىسىنىڭ  كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن تېزراق  يۈز  كۆرۈشۈشىگە  تەقەززامەن !

intizar88 2010-12-22 20:02
سۈرەتلىك فىلىمنى ئېچىپلا كۆرگىنىم مەۋلان نىيازنىڭ مەس - ئەلەس ھالەتتە تېكىدەك سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشى(بۇ كۆرۈنۈش كىشىگە خەقنى زورمۇ زور كۈلدۈرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن)  بولدى- دە، ئاخىرىنى تولۇق كۆرۈپ بېقىشقا رايىم بارمىدى. ئەڭ ياخشىسى بۇنداق كۆرۈنۈشلەر سەھنىگە ئېلىپ چىقىلمىسا بولاتتى.

yaruq 2010-12-22 23:50
نەقىل
بۇ 4قەۋەتتىكىbidar يوللىغان 2010-12-19 00:19 غا قارتىلغان :
مۇبارەك بولسۇن!
ئۆزھال ئەپەندى، ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ توغرىسىدا پىلانىڭىز بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدىڭىز، مانا ئەمدى ئەمەلگە ئېشىپتۇ، قايىل بولدۇم، ئشىنىمەنكى بۇ درامما چوقۇم خەلقىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىدۇ، ئاللاھ خالىسا ئەجرىڭىز ھەرگىز يەردە قالمايدۇ، ئەپسۇس بىزنىڭ خوتەن تەرەپلەردە قاچانلاردا كۆرگىلى بۇلاركىن، جاپالىق ئەجرىڭىزدىن نەخ مەيداندا بەھرىلىنىشكە تەشنامىز، ھارمىغايسىز!

خوتەنگىمۇ كېلىدىغاندۇ؟ تۆت كۆز بىلەن ساقلايمىز ئەمىسە!

uyghurzade 2010-12-23 01:16
      ئۆزھالنىڭ تىرشچانلىقىغا ۋە كۆپ قىرلىق ئىقتىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ ھەم ئۇ ئەقىللىق بولغاچقا مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىدۇ. بۇ درامىنىڭ ئاپتورى، رېژسورى ئۆزھال بولغاچقا، بۇ يەردە ئىىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. باشقا ئادەم بولسا چاتىقىممۇ يوقتى، نەزەر-كۆزۈمنىمۇ سالمايتتىم.
   ئەمما، ئۆزھال تالانتىنمۇ جايىغا ئىشلەتكەي، ئەقلىنىمۇ ئىشلەتكەي!

    ئۆزھال ئارقىلىق يولداش كامىل تۇرسۇنغا ۋە ھازىرقى سەنئەت يۇرتىنىڭ باشلىقىغا:

     سەھنىنىڭ ئارقىسغا يالغۇزلا بەش يۇلتۇزنى قويۇپ قويغنىڭلار بولماپتۇ. مەركىزى تېلۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ چاغانلىقتىن باشقا پروگراممىلىرىدىمۇ مەن بەشيۇلتۇزنىڭ ئېسىلغانلىقىنى كۆرمەپتىكەنمەن. مېنىڭچە، رايونىمزىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمىغاندىكىن، ھامان بەشيۇلتۇزنى ئاسقانغا تۇشلۇق درامىنىڭ دېكوراتسىيە قىسمىغا قىزل بايراقنىمۇ  ئاسايلى. بەشيۇلتۇز بايراق بىلەن تازا پار بولىدۇ ھەم سەھىنىگە يارىشىدۇ.
    

urukjan 2010-12-23 21:45
نەقىل
بۇ 32قەۋەتتىكىuyghurzade يوللىغان 2010-12-23 01:16 غا قارتىلغان  :
      ئۆزھالنىڭ تىرشچانلىقىغا ۋە كۆپ قىرلىق ئىقتىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ ھەم ئۇ ئەقىللىق بولغاچقا مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىدۇ. بۇ درامىنىڭ ئاپتورى، رېژسورى ئۆزھال بولغاچقا، بۇ يەردە ئىىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. باشقا ئادەم بولسا چاتىقىممۇ يوقتى، نەزەر-كۆزۈمنىمۇ سالمايتتىم.
   ئەمما، ئۆزھال تالانتىنمۇ جايىغا ئىشلەتكەي، ئەقلىنىمۇ ئىشلەتكەي!

    ئۆزھال ئارقىلىق يولداش كامىل تۇرسۇنغا ۋە ھازىرقى سەنئەت يۇرتىنىڭ باشلىقىغا:

.......

ئۇشبۇ  تەكلىپنىڭ جېنى بار جۇمۇ.
ھې..ھې..ھې...
<ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز  يارىشامدۇ ياكى  ...... ؟> دىگەندەك ، ھەر بىر شەيئى ئۆز ئورنىنى تاپقان چاغدىلا  - خاسىلىقنىڭ قىممىتى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.
ئۇنداق بولمىسىچۇ؟
............
....
..
.
************************************************
ئۆزھال ئەپەندىىنڭ ئاۋام ئۈچۈن  كۆرسىتۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا تەشەككۈرلەر بولسۇن!
مەرھۇم دراماتوروگ زۇنۇن قادىركامنىڭ  درامىلىرى ھېلىھەممۇ خەلقىمىز يۈرۈكىدىغۇ؟!

qakmak5 2010-12-24 16:26
مۇبارەك بولسۇن، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن

yingiyoloqi 2010-12-31 17:47
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك.
بالىلىرىم دراممىنىڭ نىمىە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىغان بولدى دەپ ئەندىشىدە يۈرگەن ئىدىم ، چۈنكى بالىلار ئاڭلىغىنىدىن كۆرگىنىگە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ-ئەمەسمۇ. مانا بۇ ئەندىشەممۇ تۈگەيدىغان بوپتۇ .

kartanisi 2011-01-04 11:43
<< غۇنچەم >> دىراممىسىنىمۇ قايتا ئوينايدىغان گەپ ئىدى.

pengiyar 2011-01-05 21:42
دىرامما سەنئىىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۈزۈكچىلىكنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن بۇ قېتىمقى قايتا سىلكىنىشتىن كىيىن يەنە قايتا سۈت ئۇيقۇغا كىرىپ كەتمەي شۇ ئويغانغانچە ئويغىنىپ كېتىشىنى، ئاۋۇ ئوتيۈرەك ئارتىسلىرىمىزنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىگە تىلەكداشمەن.

ئۇيغۇرزادىنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا:
ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرزادىنىڭ تېمىسى ۋە ئۇنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ ئۇيغۇرزادىگە باشقىچە چوقۇنۇپ (ئەمىلىيەتتە مۇسۇلماچىلىقتا ئىنسانغا چوقۇنۇش توغرا ئەمەس، پەقەت بىر ئاللاھتىن باشقىغا چوقۇنۇشنى دىنىمىز راۋا كۆرمەيدۇ.) كەتكەن تورداشلارنىڭ ئەمدى بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىنكاسلىرىغا تىغ ئۇچى سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك ئەپسۇسلاندى.

ئالدىنقى كۈنى شىركەتتىكىلەرگە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىپ دەرس سۆزلىگەندە، دەرسىمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە دەرس سۆزلەۋېتىپ، ساپانى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە سۆزلەپ چوقۇم دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، چوقۇم 7 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ دەرس سۆلىگەندىن كىيىن، ئىككى كۈن ئۆتۈپ خىزمەت مۇناسىىۋىتى بىلەن سىمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە توغرا كېلىپ قالغاندا، ئىشخانىدىكىلەرنىڭ ۋاقتىدا دەم ئېلىش كېرەك دەپ قويۇپ، ئۆزىڭىز رىئايە قىلمايسىزكەن دەپ سۆزۈمنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى. مانا ماۋۇ مۇنبەردىمۇ شۇنداق بىر كۆرۈنۈش يۈز بېرىپتۇ.

شۇڭا، تورداشلار، بولسا پىكىر بايان قىلىشتىن بۇرۇن ياخشىراق ئويلىنىپ ئاندىن پىكىر بايان قىلساق، بۇ بىر مەشىق دەپتىرى بولمىغاندىكىن، يېزىپ بولۇپلا تاشلاپ قويسا باشقىلار كۆرمەيدىغان. بۇ يەرگە يازغان ھەر بىر پەش، چېكىتلىرىمىزنى پۈتكۈل تور ئەھلى كۆرىدۇ. شۇڭا ئالدىراپ پىكىر بايان قىلىپ، باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بەرمىسەك، چوقۇم ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە دېگەن ھەقىقەتنى ھەر ۋاقىت ئىسىمىزدە چىڭ تۇتساق......
ئۇيغۇرزادە ئىنكاس يېزىپ بولغاندىن كىيىن بەزى بىر تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن ئۇلارنىڭ تولىمۇ چۈشكۈن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش قىيىن ئەمەس....

taranqi 2011-01-26 17:48
ئۇزۇن بوپتىكەن دىرامما كۆرمىگىلى  ~!

zial 2011-02-03 12:58
بۇ دېراممنىڭ ئاپتۇرى بولمىش راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال دىراممنى يېزىپ چىقىشتا قاپلان ئىسمىلىك بىرسىنىڭ ھىكايىسنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققانلقىنى ئېيىتىپكەن ئىزدىنىش مۇنبىردە. بىراق ئۇنىڭ دىيشچە  قاپلاننىڭ دېرىكنى ئالالماي  ئۇنىڭ ھىكايسىگە ئاساسەن يۇقارقى دىراممنى پۈتۈرۈپتۇ. سەھنىگە ئەپچىقىپتۇ. ئاز تولا ئىقدىساتمۇ خەجلەپتۇ. لېكىن زە دىراممىغا ئاپتۇرلارنىڭ ئىسمنى يازغاندا قاپلاننىڭ ھەقىقى ئىسمنى تاپالمىغانلقىنى بانا قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىسمنى يىزىپ ئىلان قىلغان ئوخشايدۇ. ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىنىڭ كىم ئىكەنلكىگە تاقىشدىغان مۇنازىرە چىقىپ قىلىپ تازا قىزىۋاتقاندا ئىزدىنىشلىقلار ئۆزھالنىڭ ئىزدىنىشنىڭ باشقۇرغۇچۇلۇق يۈزىنى قىلىپ تېمنى ئۆچۈرۋەتتى. بەك قىزىقىپ كۆرۈۋاتقان ئىدۇق.
تورداشلار ئىچىدە قانۇن ئوقۇغانلار بولسا دەپ باقسا ،بىرسى بىرسىنىڭ ھىكايسىنى ئۇنىڭ رازلىقنى ئالماي ئۆز ئالدىغا دىرامما قىلىپ ئۆزگەرتىۋالسا سەھنىلەشتۇرسە قانۇنغا خىلاپمۇ- ئەمەسمۇ؟

zulmat520 2011-02-03 13:07
ياخشى  چىققانلاردىن  ئىۋەن  تاپىمىز  بىز  ،بومىسا  قۇساق  تويمايدۇ.

zial 2011-02-03 13:18
زۇلمەت بالام ، بۇ يەردە بىرسىندىن ئېۋەن تاپمىدۇق.  ئۆزھالنىڭ دىراممىسنىڭ ئوغۇرلۇققا ياتىدىغان ياتمايدىغانلقىنى دىيشۋاتمىز. ھازىر جاھان دىگەن توقچۇلۇققۇ. نىمە سېسىق گەپ بۇ .
سىزنىڭ قوسىقىڭىز تويمىغان بولسا كىتاپنى قويۇپ قويۇپ قوسقىڭىزنى تويغۇزۇۋېلىڭ.

zial 2011-02-03 13:58
ئۇ ئادەم بۇ توغىرىسدا ئىزدىنىش مۇنبىردە دەپ بولۇپتىكەن. قاپلاننىڭ ھىكايسىنى دېرامما قىلىپ يېزىپ چىقتىم دەپ.لېكىن قاپلاننىڭ ھىكايسىنى نەچچە پىرسەنىت ئۆزگەرتتى، ئۆزى نەچچە پىرسەنىت ئۆزى  ئىش قوشتى بۇ ھەقتە ئۆزھال ئىزدنىش مۇنبىردە ھېچنىمە دىمەپتۇ. پەقەت دىگەن گېپى قاپلان دەپ بىرسى بۇ ھىكايىنى كۆرۈپ بېقىڭ دەپ ماڭا ئەۋەتىپ بەردى. مەن بۇنى دېرامما قىلىش مۇۋاپىقكەن دەپ دېرامما قىلىپ يىزىپ چىقتىم دەپتۇ.سىللەرچە بۇ ئىشتىن ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش شەكىللەنەمدۇ؟( باشقىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىڭ دەپ ئەۋەتكەن ئەسىرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش  ئوغۇرلۇق بولامدۇ)

zial 2011-02-03 14:27
مەن باياتىن قانۇن تورلىرغا كىرىپ بۇ توغىرىسدىكى ئالاقىدار قانۇنلارغا قاراپ باقتىم. نىشانىمىز  ئەلۋەتتە  ئۆزىھالنىڭ  بىگۇنا ئوغىرى دەپ نام ئەپقالماسلىقنى قوغداش، شۇنداقلا ئەسلى ئەسەر ھەقىقىتەن ئۆزھال ئىزدىنىش مۇنبىردە ئىلا ن قىلغان '' جانان كوچىسدىكى ئىشلارنىڭ ئىجات قىلىش جەرىيانى'' دىگەن يازمىسدا دىگەندەك  قاپلاننىڭ ھىكايىسنى ئۆزگەرتىپ دىرامما قىلىپ يېزىپ ،سەھنىشلەشتۈرۈپ ،ئاپتۇرلارغا ئىسمىغا قاپلاننى قاتمىغان بولسا  ئۇنىڭدىن ئوغۇرلۇق شەككىلىنىش ئېھتىمالىققى بار يوقلىقنى مۇنازىرە قىلىش. ئوغۇرلۇق شەكىللەنسە قانۇندا قانداق قانۇنى ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلقىنى  پەرەز قىلىپ بېقىش.

srwaz 2011-02-03 15:15
ئاۋال ئەسلى ئەسەر ئاندىن بۇ ئەسەرنى تولۇق كۆرۈپ ئىسپاتنى تولۇق تاپقاندىن كىين بىر نىمە دىمەمسىلەر ؟ بىر ئادەمنىڭ دىلىغا ئازار بىرىش . ئارتۇقچە گۇمان قىلىش . سىېسىتىىشتىن باشقا ئىش قىلالماسمىزمۇ دوسلار ؟ مىنىڭچە ئۆزھال ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئادەم ئەمەس .

zial 2011-02-03 15:25
.
[quote]بۇ 48قەۋەتتىكىkizhumar0998 يوللىغان 2011-02-03 15:11 غا قارتىلغان :
بۇ ئەسەر مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا تۇنجى قېتىم ئۆزھالنىڭ نامىدا ئېلان قلىنغان بولغاچقا ئەلۋەتتە ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئۆزھالدا بولىدۇ، ئەگەر قاپلان ناملىق تورداش بالدۇر ئېلان قىلغان بولسا ئەسەر ھوقۇقى قاپلانغا تەۋە بولۇپ، ئۆزھال كىيىن ئەسلى ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ئۆز نامىدا سەھنىلەشتۈرگەن بولسا، ئۇ ھالدا ئۆزھال ئەسەر ئوغرىسى بولىدۇ.
شۇڭا نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا مەيلى كىم يازغان بولۇشىدن قەتئىينەزەر 1-بولۇپ ئەسەرنى ئېلان قىلغان ئۆزھال بولغاندىن كىيىن بۇ ئەسەر ئۆز ھالغا تەۋە.
قانۇن دىگەن پاكىتقا ئىشىنىدۇ، ھىسىياتقا ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا پاكىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزھالغا ئەسەر ئوغرىسى دەپ بەتنام چاپلاشقا بولمايدۇ، ئۆزھالنىڭ ئىزدىنىشتا يازغان ماقالىسىدىن ئۇنىڭ سەمىمىيىتىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس،
شۇڭا پاكىت بولمىغان پەرەزنى تولا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىپ قويمايلى.
گۇمان ئىماننى قاچۇرار.    
----------------------
ئىزدىنىشتىكى تارىمى دىگەن چوكاننىڭ گېپىدەك گەپ قىلدىڭىز. مەن قانۇننى تۈزۈك ئۇقمايمەن. بۇ تېمىنى قانۇن ئۇقۇدىغانلار قىلسا بولاتتى. رۇسۇل ، تارىمىغا ئوخشاش

zial 2011-02-03 17:08
مەتبۇھاتتا  كىم بالدۇر ئىلان قىلىۋالسا ئەسەر شۇنىڭ بولامدۇ ؟ ئەمسە ئالدىنقى يىللىرى پەرھات تۇرسۇن يالقۇن روزىغا '' تۆھمەت '' قىپتۇ-دە. نىمىشكە شۇنداق دەيمەن ، '' مەمەتئەلى ئەپەندىم'' دىگەن بىئوگىرافىك روماننىمۇ ئەسلىدە ئابىلكىم زوردۇن يېزىپتىكەن. يالقۇن روزى بۇ ئەسەرنى  قايتا  بىر قېتىم پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۇنى ئىلان قىلپتىكەن. لېكىن ئاخپارات- نەشىريات ئىدارىسى يالقۇن روزىنىڭ قىلمىشدىن ئابىلكىم زوردۇننىڭ ئەسىرىگە دەخلى تەرۇز شەككىلىندۇ دەپ ،كىتاپقا ئابىلكىم زوردۇننىڭمۇ ئىسمىنى تولۇقلاپ يېزىش، قەلەم ھەققىدىن مۇۋاپىق نىسبىتتە بېرىش ،ئۇنىڭدىن ئاشكارا كەچۇرۇم سوراشقا بۇيرۇپ كىسىم چىقىرىپتىكەن. يۇقارقى پاكىتلارغا قارىغاندا ئاخپارات-نەشىريات ئىدارىسدەك  ئەسەر ھوقۇقىنى قوغدايدىغان نوپۇزلۇق ئىدارىمۇ خاتا كىسىم چىقىرىپ قويغان بولمامدۇ؟
مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس، ئاخپارات -نەشىريات ئىدارىسىنىڭ  يالقۇن روزى بىلەن ئابىلكىم زوردۇن ئوتتۇرسدىكى دېلونى بىر تەرەپ قىلىشى تامامەن توغرا بولغان.
ئەمدى ماۋۇ ئىشقا كەلسەك  ئۆزھال بىلەن يالقۇن روزىنىڭ ئىشى  مۇئەييەن جەھەتتىن ئوخشاش ئىشقۇ ؟ ھەر ئىككىسى ئەسەرنىڭ ئىگىسنىڭ ئىجازىتنى ئالماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ نامىدا ئىلان قىلىۋالغان. تاپاۋەتىتىن ئۆزى بەھرىمان بولغان.

zial 2011-02-03 17:12
سىزنىڭ ئۆزھال ئاۋال مەتبۇھاتتا ئىلان  قىلغان دېگەن گېپىڭىز '' يەڭگەن بەگ بولۇر'' دىگەن  قاراقچىلىق پەلسەپىسنىڭ ئۆزىغۇ؟

qelem 2011-02-03 19:08
بىز مانا مۇشۇنچىلىك، ئەمدى قويۇلۇپ ئاز-تولا داغدۇغا پەيدا بولۇۋىدى، ئەمدى ئۇنى ئۇنداق بۇنداق دەپ غاجاشقا ئۆتتۇق، تېمىنىڭ ماۋزۇسى دېراممىدا ئىكەن، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئاپتورىنى باھالاپ بېرىڭلار دېمەپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يوقۇلۇش گىرداۋىدىكى سەنئەت تۈرلىرىمىزنى قايتىدىن جۇلالاندۇرۇشقا ئاتلانغان راھمانجاندەك قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت دەپ،
دىراممىدا قانداق سەۋەنلىكلەر ھەم ئارتۇقچىلىقلار بار ئىكەن شۇ توغرىسىدا گەپ قىلىڭلار.

zial 2011-02-03 19:45
قىزخۇمار(0998) جانان كوچىسدىكى ئىشلار دىگەن بۇ دېراممنىڭ  ئەسلىدە  '' قاپلان ''  دىگەن تورداشنىڭ ھىكايىسغا  ئاساسەن  ئىشلەنگىننى ئۆزىھال ئۆزى ئېتىراپ قىلغان( ئىزدنىش مۇنبىردىكى جانان كوچىسدىكى ئىشلار دېراممسنىڭ ئىجات قىلىنىش جەرىيانى دىگەن يازمىدا) ئەمدى سىزگە زادى قانداق پاكىت لازىم ئىدى زادى؟! ئۆزھال ئىزدنىش مۇنبىرنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغاچقا تېمىدىكى گەپلەر ئاۋۇپ كۆرۈلۈش قېتىم سانى ئاشقانسىرى تېمنى مۇنبەردە تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلكىنى بىلىپ قېلىپ مۇنبەرنىڭ ئەخلاتخانىسغا  ئەكىرىپ قويدى.ھازىر بۇ تېما تارىمى ،رۇسۇل، گۈلەن ... قاتارلىقلارنىڭ ئىنكاسى بىلەن ئىزدىنىش مۇنبىرنىڭ ئەخلەتخانىسدا يېتىپتۇ. مېنىڭ قاپلان بىلەنمۇ ئۆزھال بىلەنمۇ تونۇشلۇقۇم يوق. ئۆمرۈمدە بىر تال تاماكانى چېكىشىپ باققان ئادەم ئەمەسمەن.لېكىن ئۆزھالنىڭ قاپ يۈرەكلىك بىلەن قاپلاننىڭ '' كۆرۈپ بېقىڭ '' دەپ ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن ھىكايىسنى ،بىر يۇمۇلۇتۇپ دېرامما قىلىپ ئۆزىنىڭ نامىدا سەھنىلەشتۈرۈپ ئىلان قلىشى  دىققىتىمنى قوزغىدى. شۇڭا بۇ تېمىغا قىزقىپ ئولتۇرۇپ قانۇن بىلدىغانلارنى بىر نەرسە دەپ باقسا بولاتتى دەپ ئولتۇردۇم.ئۆزھالنى ئاقلاپ كېتىپ بارغان، ھىسداشلىق قىلىۋاتقانلار دەپ بېقىڭلارچۇ ، ئۆزھالنىڭ باشقىلارنىڭ ھىكايىسىنى  ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز  ھالدا دېرامما قىلىشى توغرىمۇ؟

zial 2011-02-03 19:52
قىزخۇمارنىڭ 50-قەۋەتتىكى ئىنكاسى ئىكەن.
مېنىڭ دىگىنىم قاراقچىلىق پەلسەپىسى ئەمەس، بەلكى پاكىتقا ئاساسەن چىقارغان قارار.
-----------------------------
سىزنىڭ بۇ ئەسەر ئۆزھالنىڭ دىيىشكە قولڭىزدا قانداق پاكىت بار ؟
مەن سىزگە ئۆزھالىنىڭ ئۆزىنىڭ يازمىسدىكى گېپى بويۇنچە  نەچچە قېتىم پاكىت كۆرسەتتىم.
سىزنىڭ پاكىتىڭىز قېنى؟

zial 2011-02-03 20:08
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى



1990 - يىل  9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ  15 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2001 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 - يىغىنىنىڭ «>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.

2- ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئەسىرى ئېلان قىلىنغان - قىلىنمىغان بولسۇن، بۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

3 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئەسەر تۆۋەندىكى شەكىلدە ئىجاد قىلىنغان ئەدەبىيات، سەنئەت  ۋە تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) يازما ئەسەرلەر؛

(2) ئاغزاكى ئەسەرلەر؛

(3) مۇزىكا، تىياتىر، ئەلنەغمە، ئۇسسۇل،  سېرك   سەنئىتى ئەسەرلىرى؛

(4) گۈزەل - سەنئەت، بىناكارلىق ئەسەرلىرى؛

(5) فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى؛

(6) كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر؛

(7) قۇرۇلۇش چېرتيوژى، مەھسۇلات چېرتيوژى،  خەرىتە، شەرتلىك سخېما قاتارلىق گرافىكلىق ئەسەرلەر ۋە  مودېل ئەسەرلەر؛

(8) كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرى؛

(9) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەسەرلەر.
9 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى:

(1) ئاپتور؛

(2) ئەسەر ھوقۇقىدىن بۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار.

10 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى تۆۋەندىكى جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئېلان قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئېلان قىلىش - قىلماسلىقنى بەلگىلەش ھوقۇقى؛

(2) ئىسىم يېزىش ھوقۇقى، يەنى ئاپتورنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ، ئەسەرگە ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى؛

(3) تۈزىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى تۈزىتىش ياكى باشقا ئادەمنىڭ تۈزىتىشىگە ھوقۇق بېرىش ھوقۇقى؛

(4) ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلاش ھوقۇقى؛

(5) كۆپەيتىش ھوقۇقى، يەنى مەتبەئەدە  بېسىش، نۇسخا ئېلىپ بېسىش، چاپلاپ بېسىش، ئۈن - سىن ئېلىش، قايتا كۆچۈرۈش، قايتا سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەسەرنى بىر نۇسخا ياكى كۆپ نۇسخا  تەييارلاش ھوقۇقى؛

(6) تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى سېتىش ياكى ھەدىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بېرىش ھوقۇقى؛

(7) ئىجارە بېرىش ھوقۇقى، يەنى كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلەنگەندەك  ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى باشقىلارنىڭ ھەقلىق ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ئاساسلىق ئىجارە نىشانى بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(8) كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى گۈزەل - سەنئەت  ئەسەلىرى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي   نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى؛

(9) ئورۇنداش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئاشكارا ئورۇنداش ھەم ئەسەرنىڭ ئورۇندىلىشىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئاشكارا تارقىتىش ھوقۇقى؛

(10) قويۇش ھوقۇقى، يەنى كىنو ئاپپاراتى، پرويېكسىيە ئاپپاراتى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە ئارقىلىق گۈزەل - سەنئەت، فوتو سۈرەت، كىنو ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاشكارا قايتا كۆرسىتىش ھوقۇقى؛

(11) ئاڭلىتىش - كۆرسىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى سىمسىز ئاشكارا ئاڭلىتىش ياكى تارقىتىش، ئەسەرنى سىملىق  تارقىتىش ياكى ئۇلاپ تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە تارقىتىش، ئاڭلىتىش ھەم ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ياكى شەرتلىك بەلگە، ئاۋاز، سۈرەت تارقىتىدىغان، شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا قوراللار ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىش، ئاڭلىتىش ھوقۇقى؛

(12) ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى  ئەسەرنى سىملىق ياكى سىمسىز ئۇسۇلدا يەتكۈزۈپ، جامائەتكە ئۆزى تاللىۋالغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئەسەرگە ئېرىشتۈرۈش ھوقۇقى؛

(13) فىلىم ئىشلەش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلەش ياكى كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا  ۋاسىتىگە مۇقىملاشتۇرۇش ھوقۇقى؛

(14) ئۆزگەرتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ ئۆزگىچە يېڭى ئەسەر يارىتىش ھوقۇقى؛

(15) تەرجىمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بىر خىل تىل - يېزىقتىن يەنە بىر خىل تىل - يېزىققا ئۆرۈش ھوقۇقى؛

(16) توپلاپ تۈزۈش ھوقۇقى، يەنى ئەسەر ياكى ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى تاللاش ياكى رەتلەش ئارقىلىق يېڭى ئەسەر تۈزۈش ھوقۇقى؛

(17) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلار.

ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئالدىنقى تارماقنىڭ (17)~(5) تارماقچىلىرىدا  بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنى باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ئىجازەت  بەرسە ھەم  پۈتۈم ياكى بۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەق ئالسا بولىدۇ.

ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بۇ ماددىنىڭ بىرىنچى تارماق (17)~(5)  تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ھەم پۈتۈم ياكى بۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەق ئالسا بولىدۇ.
2 - پاراگراف ئەسەر ھوقۇقى تەۋەلىكى



11 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئاپتورغا تەۋە، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئەسەرنى ئىجاد قىلغان پۇقرا ئاپتور ھېسابلىنىدۇ.
قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىجاد قىلىنغان ھەم قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار جاۋابكارلىقنى  ئۈستىگە ئالىدىغان ئەسەرلەردە قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاپتور دەپ قارىلىدۇ.

قارشى ئىسپات بولمىسا، ئەسەرگە ئىسمى يېزىلغان پۇقرا، قانۇنىي  ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاپتور ھېسابلىنىدۇ.
13 - ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلغان ئەسەرنىڭ ھەمكارلاشما ھوقۇقىدىن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئاپتورلار ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. ئىجادىيەتكە  قاتناشمىغان كىشى ھەمكارلاشقان ئاپتور ھېسابلانمايدۇ.
ھەمكارلاشما ئەسەرنى پارچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولسا، ئاپتورلار ئۆزى ئىجاد قىلغان قىسمىدا ئەسەر ھوقۇقىدىن ئۆز ئالدىغا بەھرىمەن بولسا بولىدۇ، بىراق ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە پۈتۈن ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.
19 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى پۇقراغا تەۋە بولسا، شۇ پۇقرا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا بىرىنچى تارمىقىنىڭ (17)~(5) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن  قوغداش مۇددىتى ئىچىدە ۋارىسلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يۆتكىلىدۇ.
20 - ماددا ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى، تۈزىتىش ھوقۇقى، ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

21 - ماددا پۇقرالارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى، بۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا بىرىنچى تارمىقىنىڭ (17)~(5) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى ئاپتورنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەم ئاپتور ئۆلۈپ 50 يىلغىچە بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئاپتور ئۆلۈپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ھېسابلىنىدۇ؛  ھەمكارلاشما ئەسەر بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا قېپقالغان ئاپتور  ئۆلۈپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
3 ‿باب ئەسەر ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى





24 - ماددا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىشتە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۈزۈش كېرەك. بۇ قانۇندا ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۆۋەندىكى ئاساسىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ تۈرى؛

(2) ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى؛

(3) ئىجازەتلىك ئىشلىتىش رايون دائىرىسى ۋە ۋاقتى؛

(4) ھەق بېرىش ئۆلچىمى ۋە چارىسى؛

(5) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛

(6) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈش زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا مەزمۇنلار.

25 - ماددا ۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا 1 - تارمىقىنىڭ (5) ~ (17) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، يازما توختام تۈزۈش كېرەك.

ھوقۇقنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئەسەر نامى؛

(2) ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ تۈرى، رايون دائىرىسى؛

(3) ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى؛

(4) ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى؛

(5) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛

(6) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈش زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا مەزمۇنلار.
26 - ماددا ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئېنىق ئىجازەت  بەرمىگەن، ئۆتۈنۈپ بەرمىگەن ھوقۇقلارنى يەنە بىر تەرەپنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىسىز يۈرگۈزۈشىگە بولمايدۇ.
28 - ماددا نەشر قىلغۇچىلار، ئورۇندىغۇچىلار، ئۈن - سىن ئىشلىگۈچىلەر، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار بۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئاپتورنىڭ ئىسىم يېزىش ھوقۇقى، ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقى ۋە ھەق ئېلىش ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.

36 - ماددا ئورۇندىغۇچىلار (ئارتىس، ئويۇن قويغۇچى ئورۇن) باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئورۇندىماقچى بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ئۇنىڭغا ھەق بېرىشى لازىم. ئۇيۇشتۇرغۇچى ئويۇن ئۇيۇشتۇرۇشتا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئېلىشى ھەم ئۇنىڭغا ھەق بېرىشى كېرەك.

ئورۇندىغۇچىلار ئەسلىي ئەسەردىن ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش  ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەسەرنى ئورۇندىماقچى بولسا، شۇ ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزگەن، تەرجىمە قىلغان، شەرھلىگەن، رەتلىگەن ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسلىي ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ئۇنىڭغا ھەق بېرىشى لازىم.  

46 - ماددا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلار ئەھۋالغا قاراپ، دەخلى - تەرۇزنى  توختىتىش، تەسىرىنى تۈگىتىش، ناماقۇل بولۇش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق - تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئەسىرىنى ئېلان قىلىۋالغانلار؛

(2) باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلغان ئەسەرنى شۇ ھەمكارلاشقان ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئىجاد قىلغان ئەسەر قاتارىدا ئېلان قىلىۋالغانلار؛

(3) ئۆزى ئىجادىيەتكە قاتناشماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نام - مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە ئىسمىنى يېزىۋالغانلار؛

(4) باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بۇرمىلىۋەتكەنلەر، ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(5) باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغرىلىۋالغانلار؛

(6) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، كۆرگەزمە قىلىش، كىنو ئىشلەش ئارقىلىق ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئەسەر ئىشلەتكەنلەر ياكى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەسەر ئىشلەتكەنلەر. بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(7) باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىپ، ھەق بېرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ ھەق بەرمىگەنلەر؛

48 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلار ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي زىيىنى بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ. ئەمەلىي زىياننى ھېسابلاش قىيىن بولسا، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بويىچە تۆلەم تۆلىتىلىدۇ.  تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق خىراجىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە  ئېلىشى كېرەك.

ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي زىيىنى ياكى ھوقۇققا دەخلى  - تەرۇز قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىدۇ.

zial 2011-02-03 20:10
54- ماددا ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسى مۇرەسسە قىلىنسا بولىدۇ، ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن يازما كېسىم كېلىشىمىگە ياكى ئەسەر ھوقۇقى توختامىدىكى  كېسىم ماددىلىرىغا بىنائەن كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئالاقىدارلار  كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلمىغان، ئەسەر ھوقۇقى توختامىدىمۇ كېسىم ماددىلىرى بولمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

55 - ماددا ئالاقىدارلار  مەمۇرىي جازاغا قايىل بولمىسا، مەمۇرىي جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. سۈرۈك توشقۇچە دەۋا قىلمىغان، ئىجرامۇ قىلمىغان بولسا، ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خەلق  سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ئەلكۈيى ئىكرانىدا --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.040059 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us