رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يالىڭاچ ئۇخلاش ۋە سالامەتلىك --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە ساقلىقنى ساقلاش -> يالىڭاچ ئۇخلاش ۋە سالامەتلىك [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

80halta 2010-12-17 12:41

ئىچ ئىشتاننىڭ يۇمشاق ھەم كەڭرەك بولغىنى سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ تېمىدا ئوتتۇرغا قويغان يالىڭاچ يېتىش بىر كىمگە تەۋسىيە قىلىنغانمۇ ئەمەس. بەلكى بۇنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تەھلىل قىلىنىپتۇ. تورداشلار  ياقا سىقىشماي ئىنكاس يېزىشقايسىلەر!

يالىڭاچ ئۇخلايدىغانلار  دۆلىتىمىزدە ناھايىتى ئاز دىيەرلىك . بۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن : ئادەتلەنمىگەنلىكتىن ،ئىككىنجىدىن : يالىڭاچ ئۇخلاشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەنلىكىتىن بولۇشى مۇمكىن .ياۋرۇپا ۋە ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يالىڭاچ ئۇخلاش خېلىلا ئومۇملاشقان.
        ئەمەلىيەتتە  كىيىم بىلەن ئۇخلاش ئىلمى ئەمەس ،سالامەتلىككىمۇ پايدىسىز ،بولۇپمۇ تاركۇسار كىيىدىغان ئاياللارنىڭ  سالامەتلىكىگە بولغان زىينى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ . ياپۇنىيىلىك مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ %60 تى ئۇزۇن مۇدەت تاركۇسار كەيگەنلەر ئىكەنلىكىنى بايقىغان .تاركۇسار- قۇرساق ، مۇسكۇل،چات ۋە ساغرا قاتارلىق ئورۇنلارنى سىقىپ ھاۋا ئۆتۈشتۈرمەيدۇ ، تەر چىقىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە قەۋزىيەت بولۇش ،ئىچ سۈرۈش، باش ئاغرىش ،بەل ئاغرىش ،سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ( پات _پات سىيىش ،سىيگەندە ئاغرىش ) ،ئەۋرەت قىچىشىش ،ئەۋرەتنىڭ سىرتى ياللۇغلىنىش، قاپارتقۇ، ھۆل تەمىرەتكە ،گېمىروي، قوشۇمچە ئەزالار ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
          ئەرلەر داۋاملىق تار كۇسار كىيسە ئوخشاشلا تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ، ھەتتا ئەرلەر دىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى ،تار كۇسار ئۇرۇقداننى چات قىسىمغا چىڭ چاپلاشتۇرۇپ قويۇپ ، ھاۋا ئۆتۈشنى ناچارلاشتۇرۇپ قويۇپ ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئشلەش ئختىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
       ئۇنىڭدىن باشقا ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى كىيىم بىلەن ئۇخلىغاندا ،يالىغاچ ئۇخلىغاندەك <<ئىسىسق تۇيغۇ >> دا بولمايدۇ.
كىيىم قانتومۇرلارنى بېسىپ ،قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېرىنىڭ ئسىقلىقى كۆرىنەرلىك ئازىيىدۇ. ئۇنىنڭ ئۈستىگە كىيىم ،يوتقان _كۆرپىنىڭبەدەنگەچىڭ يېپىشىپ تۇرىشىنى توسىۋالىدۇ_دە، باربولغان ئىسسىقلىقنىمۇ ناھايىتى تەستە ساخلاپ قالغىلى بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۇخلىغانسېرى سوغۇق ھېس قىلىدۇ. بۇىىل سوغۇق تۇيغۇ قانچەروشەنلەشكەنسېرى ئۇيقۇغىمۇ شۇنچە تەسىر يەتكۈزىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە ئالىملىرى ،يالىڭاچ ئۇخلاشنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساخلىقنى ساخلاش رولى بارلىقىنى بايقىدى. تېرىنىڭ ھاۋانىسۈمۈرۈش ۋە ھاۋائالماشتۇرۇش رولى بولغانلىقتىن ،<<يالىڭاچ ئۇخلاش>> نىڭ بوغۇملارنىڭ سىقىراپ ئاغرىشى، ھارغىنلىقنى يوقۇتۇش جەھەتلەردىكى ئۈنىمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ .
ئەمدى تۆۋەندىكى ئىلان نەزىرىڭىزدە بولسۇن:
يۈكسەل بلوگىغا كىرىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بلوگلارغا بىلەت تاشلاڭ! بىلەت تاشلاش تورداشلارنىڭ تولىمۇ قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە بلوگىرلارنى ئىلھاملاندۇرىشى بىلەن ئادىل، ھەققانىي ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بولۇپ 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش-بىلەت تاشلاش پائالىيىتى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئىلىپ بىرىلماقتا.
بىلەت تاشلاش ئورنى: يۈكسەل بلوگى باش بەت - ئوڭ يان تەرەپتە  www.yuksel.me
ھازىر بلوگلارنىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانىي تۆۋەندىكىچە:
80 خالتا بلوگى (25%, 252 Votes)
تەدبىركار بلوگى (19%, 189 Votes)
تورخۇمار بلوگى (17%, 172 Votes)
ئۇيغۇربەگ بلوگى  (16%, 157 Votes)
جېك بلوگى (16%, 157 Votes)
شاھ ئۇيغۇر بلوگى (11%, 113 Votes)
ئىلقۇت بلوگى (9%, 86 Votes)
باي دادام تور خاتىرىسى (8%, 79 Votes)
تارىم بلوگى (8%, 78 Votes)
ئابرال ئېلكىتاپ بلوگى (8%, 77 Votes)
چەۋەندازلار بلوگى (7%, 70 Votes)
تەكلىماكان بلوگ (7%, 66 Votes)
بىلىم-كۈچ بلوگى (7%, 66 Votes)
ھونزادە تارىخ بلوگى (6%, 64 Votes)
ئابدۇرېشىتئېلى ئەدەبىيات بلوگى (6%, 60 Votes)
ئىلىم-پەن بلوگى (6%, 59 Votes)
ۋۇلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بلوگى (5%, 49 Votes)
ئۆركەش بلوگى (4%, 41 Votes)
ئايشەم بلوگى (3%, 28 Votes)
تارىمى تور خاتىرىسى (2%, 23 Votes)

_ ساغلاملىق ژورنىلى

halqigul 2010-12-17 15:36
بىز يالىڭاچ ئۇخلىساق قاملىشارمۇ؟
3ياشلىق قىزىم چېغىدا سىرتقى كىيىملەرنى سېلىپ بولغىچە "ئاپام ئىزا"دەيدىغان تۇرسا!

atikam1 2010-12-17 16:07
ۋاي ئاللاھ   شۇنچە يىللارنى  ئۆتكۇزۇپتۇق كىيىملىرىمىز بىلەن ئۇخلاپ ،،، شۇڭا پۇت-قوللىرىمنىڭ بوغۇملىرى ئاغرىدىكەندە ،،، ،،

gulsima 2010-12-17 16:46
ئاللاھ ساقلىسۇن ئۆز ئۆيۈمنىڭ ئىچىدە ئابرۇيۇمنىڭ تۆكۆلۈپ كىتىشدىن . مەن پۈتۈن يتىپ پۈتۈن قوپۇشقا كۆنۈپ قاپتىمەن .كىسەلنى ئاللاھ ئۆزى بىرىدۇ ئاللاھ شىپالىق بىرىدۇ ......

nasiba 2010-12-17 16:52
ئۇخلاش  كىيىمىنىڭ كەڭرىسىنى  كەيسە بۇلامىكىن   دەيمەنغۇ .........

0991sumruh 2010-12-17 19:34
مەن يالىڭاچ يېتىپ قالسام مۇشۇ پېتى ئۆلۈپ كېتىپ قالسام ئۆلۈكۈممۇ غەيۋەتكە قالارمۇ دەپ ئويلاپ جۈرەت قىلالمايمەن.

oyqan.uyghur 2010-12-17 21:29
ئۇيغۇرلار بۇنداق ئۇخلىسا بولمايدۇ.                                                                                  ئەنە شۇنداق ئۇخلىغان ئاشۇ دۆلەتتكى كىشىلەرنىڭ بدزىلىرى تاس قالىدۇ  كۈندۈزىمۇ شۇنداق يوتقاندىن تۇرغان قىياپەتتە ياشىغىلى.

saba 2010-12-17 21:45
ئىشقىلىپ بەك تار كىيىم كىچەك كىيىپ ياتمىساق بولىدىكەنغۇ،

xaker 2010-12-17 22:27
بىزگە يات كىلدىغان  تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى قۇبۇل قىلمىغان ياخشىمىكىن ، مانا ھازىرقى جەمىيتىمىزگە  نەزەر سالساق بۇلۋاتقان  بۇزۇق  ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاتالمىش مۇدا  ئاتالمىش يالىڭاچچىلىق ئەمەسمۇ ؟  يالىڭاچ ئۇخلاش پايدىلىق بولسا  ئەتىكى كىيىمنىڭ نىمە كىرىكى ،
يالىڭاچ ئۇخلىغان ئادەمنىڭ ئۆيىدىن پەرىشتىلەرمۇ   بىزار !!تۇڭگۇزمۇ  جىنىدا ئۇخلىغاندا تىرىسنى سىلۋەتمەيدۇ...ئەمەسمۇ ؟

tograk001 2010-12-17 22:30
كەڭرەك كىيىم بىلەن ئۇخلىساقلا بولىدىكەنغۇ ؟    ۋاي-ۋۇي نىمە گەپلەر بۇ ......

tanhabayawan 2010-12-17 22:57
مەن قانداق ئۇخلىسام بولار؟     

pariay 2010-12-17 23:36
ئاپام تىكىپ بەرگەن پاختا رەخىتتىن تىكىلگەن كەڭ ئارامبەخىش  ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ ياتىمەن ، شۇڭا  ئەتتىگىنى شۇنداق روھلۇق ئورنۇمدىن تۇرىمەن ،
تار كىيىم ھەقىقەتەن ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ، قان ئايلىنىش ياخشى بولمايدۇ ، دىققەت قىلغانغا يەتمەيدۇ ؟

yaprah0999 2010-12-18 00:23
ئۇخلاش كىيىم كىيىپ ئۇخلىسا بولىدىغۇ، بۇ يەردە ئوتتۇرغا قويۇلغىنى تار كىيىم بىلەن ئۇخلىماسلىق... ئىشقىلىپ مېنىڭچە  كەڭرەك ئۇخلاش كىيىم كىيىپ ئۇخلىسىڭىز سىزگە ئازادە تۇيغۇ ئاتا قىلسا تەن سالامەتلىككە ئەلۋەتتە پايدىلىق.

uqmas 2010-12-18 01:06
كەڭ كىيىم كىيىپ ياتساق بولىدىكەن .

ayqin 2010-12-18 02:19
يالىڭاچ ئۇخلىساق قاملىشارمۇ؟

uyghurzade 2010-12-18 06:02
        پاشا قاتارلىق بەزىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى تېتىقسىزلىشىش تۈسىنى ئاپتۇ.
       ماۋۇ مۇنبەر، ئاممىۋي سورۇن! يەنە كېلىپ، ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگەن، مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، بىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىمىزغا ماس كەلمەيدىغان بىر نېمىلەرنى ۋە گەپلەرنى تېما، ئىنكاس دەپ كۆتۈرۈپ چىقمايلى. مەن گەپنى مۇشۇنچىلىك دەي!

           قايسى كۈنى ماۋۇ مۇنبەردە قىزقچىلىق قىلىمەن دەيدىغان دىلدار دېگەن قىز بىر تېمىدا " ...سۆيسە...تۈكۈرۈكلىرى شالاققىدە... لەۋلىرىدىن سېىرلىپ...غا چۈشسە" دېگەن ئىنكاسنى يېزشىتىن ئۇيالماپتۇ. سەل نومۇس قىلايلى، قېرىنداشلار!
   ماۋۇ باشقۇرغۇچلارمۇ مۇنداق ئشىلارغا سەل سەگەك بولايلى. دىنىي مەزمۇننىلا ئۆچۈرۈپ قالماستىن ، ماۋۇ غىلجىڭ ئىنكاسلارنىمۇ ئۆچۈرەيلى. ماۋۇ مۇنبەر بىراۋالارنىڭ تېپىشىشىغا، قىز ماراقچىلىقىغا ۋە باشقا ناكەسلىككە يېشل چىراغ يېقىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئەمەس.
        
   مەن شۇڭا ھەرىكىتىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋتىنى ئويلىشايلى دەيمەن. بۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس،  مۇھەممەتئىمىن!

dilhux2 2010-12-18 10:47
توۋا بۇئىنكاسلارنى كۆرۈپ بەزىلىرىگە كۈلدۇم . بەزىلىرىدىن ئۇيالدىم ، بەزىلىرىگە قايىل بولدۇم . يىغىپ ئىيتقاندا ئۆز ئۆرۇپ ئادىتىمىز گە ماس ھالدا كەڭ ، ئازادە كىيىنىپ ئۇخلىساقلا بولىدىغان گەپكەنغۇ؟

bayawan 2010-12-18 12:02
سالامەتلىك ھەممىمىزگە مۇھىم ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ئىلمىيلىككە ماس ھالدا تەڭشىسەك بولىدۇ .

yuburmak 2010-12-18 12:58
ئۇنداق بۇلسا يالىڭاچ يىتېشتن باشىقا ئامال يوقىما.ھەمە ئادەم يالىڭاچ يېتشىنى خالىمايدغان تۇرسا قانداقمۇ قىلار ھە .ئوخلاش كيىمنڭ ئەڭ نوچسنى كيىپ ياتسا  بۇلمدىكنە  

miskinay 2010-12-18 13:07
توۋا، ئاجايىپ-غارايىپ ئىنكاسلار بار ئىكەنغۇ بۇ تېمىدا..

dihqan 2010-12-18 14:32
توۋا دىمىسە بىكار.

taranqi 2010-12-18 16:06
سالامەتلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن كېيىن دىققەت قىلىساق بولىدىكەن .... !
  تېما ئىگىسىگە رەھمەت .... !@

oyqan.uyghur 2010-12-18 20:08
تورداشلارغا مەسلىھەت:مەن مۇنبەرگە دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي تىرىتورىيلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى يوللاپ قوياي دېگەن.بولامدۇ-بولمامدۇ؟

mostapa 2010-12-18 20:14
نەقىل
بۇ 22قەۋەتتىكىoyqan.uyghur يوللىغان 2010-12-18 20:08 غا قارتىلغان  :
تورداشلارغا مەسلىھەت:مەن مۇنبەرگە دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي تىرىتورىيلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى يوللاپ قوياي دېگەن.بولامدۇ-بولمامدۇ؟




ياخشى ئۇيلاپسىز، لىكىن ئەپسۇس، بىز پايدىلىناممايمىز

mayhor 2010-12-18 20:36
بەك ئەندىكىپ كەتمەيلى.بىز دۇنياغا يالىڭاچ تۇغۇلغا يەنە يالىڭاچ كىتىمىز.ئەگەر شارائىتىمىز يار بەرسە شۇنداق يىتىپ سىناپ باقساق بولىدۇ.باشقىلارنىڭ غورۇرىغا تەگمىسەكلا ئۆزىمىزنىڭ دۇنيارىدىكى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاشقا ھەقلىقمىز.

zakira 2010-12-18 22:12
     يىپ رەختتىن كەڭ كۇشادە تىكىلگەن ئىچ كىيىم كىيسەكلا بولدى ...

huxqiray0903 2010-12-19 00:34
بىلىۋالساقلا كۇپايە.... رەھمەت .

xaxalim 2010-12-19 12:51
پادشاھنىڭ  يىڭى  كىيمىنى  كىيىپ  ياتقان ياخشى  بولماسمىكى .

altun-xamxar 2010-12-19 14:13
ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدور .ئۇيالمامسىلەر..........

niyaogli0903 2010-12-21 14:26
مەن بۇتىمىنى قاشتېشى مۇنبىرىدىمۇ كۇرگەن ئېنكاسلىرى ئوخشاش

yalpuz0997 2010-12-21 17:14
سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۉچۉن بىر بىلەت كەتتى،ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولسۇن بىرزات ئەپەندى.

nasim 2010-12-21 19:04
ئۇخلىغاندا كەڭرەك كىيىم_ كېچەكلرنى كىيىپ ئۇخلىساق بولغىدەك...

720475 2010-12-21 22:32
تېمىدا پەقەت سالامەتلىككە مۇناسىۋەتلىك ئۇخلاش ھالىتى ئىپادىلىنىپتۇ. مەنچە تېما ئىگىسى بۇنى ھىچقايسىمىزغا مەجبۇرىي تاڭمايدۇ ھەم بىزمۇ ئاڭسىز ھالدا توردىكى ھەممە نەرسىنى قوبۇل قىلىۋەرمەيمىز .
تور  دۇنياسى مەۋھۈم دۇنيا. ھەم بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئەزانىڭ ياشاش قارىشى تۇرمۇش قارىشى دىنىي قارىشى ئوخشاش ئەمەس. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ شەخسەن قاراشلىرىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تېڭىش تىخىمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس.  
  بۇ مەيداندا سىزلا ئەمەس، سىز تونۇمايدىغان ئەمما يۈرىكى سىزنى تونۇيدىغان ھەر خىل تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.  شۇڭا ، بارلىقىمىز مەيلى تېمىدا بولسۇن، مەيلى ئىنكاستا بولسۇن ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ، كىمنىڭ قۇۋمىدىن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنۇتماي  ئەتراپلىق  ئىش قىلساق  دەيمەن . ئۇيغۇر تورچىلىقىغا نەزەر سېلىۋاتقان يات كۆزلەرگە يۇچۇق قالدۇرغىڭىز بارمۇ؟!  مېنىڭچە تومۇرىدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئېقىۋاتقانلا ئۇيغۇرۇم ( مەن گەرچە ساپ ئۇيغۇر بولمىساممۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز مىلىىتىمدەك قەدىرلەيمەن ) بولسا بۇنىڭغا يول قويمايدۇ . خەلقئارالاشقان تور دۇنياسىدا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلەيلى !

80halta 2010-12-25 09:45
نەقىل
بۇ 30قەۋەتتىكىyalpuz0997 يوللىغان 2010-12-21 17:14 غا قارتىلغان :
سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۉچۉن بىر بىلەت كەتتى،ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولسۇن بىرزات ئەپەندى.

كۆپ تەشەككۈر

niranxa 2010-12-25 10:49
 توۋا! بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق دەپتىغۇ! يا بىر ئۆيدە ياكى سىرتتا يالىڭاچ يۈرۈڭ دىمەپتۇ،مەنغۇ ئەزەلدىن ئۇخلىغاندا كىيىملىرىمنى سېلىۋېتىپ ياتمىسام پەقەت ياخشى ئۇخلىيالمايمەن،بولمىسا مەنمۇ ھايا-ئىزا دىگەننى ئۇقىمەن،ئەلۋەتتە باشقىلارغا يالىڭاچ كۆرۈنۈشتىن نومۇس قېلىمەن

airwolf0207 2011-06-02 12:09
15- قەۋەتتىكى دوستىمىز ناھايىتى ئورۇنلۇق سۆزلەپتۇ، گەپلىرىڭىز ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. توغرا دەيسىز، بۇ تور پونكىتىمۇ بىر مەكتەپكە ئوخشايدۇ، ياخشى، نادىر ئەسەرلەر ئادەمنى ياخشى يولغا باشلايدۇ ۋە يامان يولغا ماڭماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ماقالىلەرنى نۇرغۇن ئادەملەر توغرا ھەزىم قىلالماسلىقى تۇرغان گەپ، ئەگەر بۇنداق ئەخلاقىمىزغا يات تېمىلارنى بېرىشتە چوقۇم ياخشى تەھرىرلەش كېرەك. مەنمۇ مەلۇم گېىزتتە مۇھەررىرلىك قىلىمەن، ئاددىيسى ھاراق پالانى كېسەلنى داۋالايدۇ، ئاز ئىچىپ بېرىڭ دېگەندەك ئەخلاقىمىزغا يات ماقالىلەر كېلىپ قالسا، شۇ ھامان ئەخلەت قاتارىغا كىرگۈزىۋېىتىمىز. شۇڭا، مېنىڭمۇ تەكلىبىم: تور پونكىتىنىڭ باشلىقلىرى، تەھرىرلىگۈچىلەر ھۇشيارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرسۇن، بۇ تېمىغا ئوخشاش ماقالىلەرنىڭ مېغىزىنى قوبۇل قىلالايدىغان ئادەملەر كۆپ بولمىسا كېرەك.

bella 2011-06-02 15:44
كىچىكمدىن كېيىمىمنى سېلىپ ئۇخلىغىلى ئۆچ ئىدىم،ئاپام مالچىمۇ سەن دەپ قاقشايدىغان.....
مەن يالىڭاچ ياتسام ھەرگىز ئۇيقۇم كەلمەيدۇ، كېيىملىرىم بىلەنلا ئۇخلاي بولدى....
كېچىسى ئۇيقۇدىكى  ئادەم يېرىم ئۆلۈك دىگەن گەپ، شۇڭا نۇمۇس مەدەنىيتىنى ياراتقان مىللەت بولغاندىكىن كەڭرىرەك ئۇخلاش كېيىمى بىلەن ئۇخلىغان ياخشى...

owqi407 2011-06-02 16:18
     توۋا !!!خۇدايا توۋا......ماۋۇ قىزنىڭ قىلغان ئىشىنى كورۇڭ .نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم،بۇ قانداق ئىش.......ئادەملەر شۇ دەرىجىدە رەھىمسىز،ۋەھشى بۇلۇپ كەتتىمۇ؟!!!.......
     ھەممەگۇناھ ئۆزىدە تۇرۇپ،خاتالىقنى ئۆزى ئۆتكۈزۈپ ،شۇ كىچىككىنە بىر كۆڭۈلسىزلىكنى(دوختۇر ئايالنىڭ قىلغان ئاھانىتى) دەپ،نۇرغۇن ئادەملەرنى يۇقۇملاندۇرغانلىقى نىمە ئىش ئەمدى؟بۇقانداق ئۆچ ئېلىش؟.......
     يەنىلام ھەممە ئادەملەردىن بۇ ئىشتىن قاتتىق ساۋاق ئېلىپ، ساپ-دىيانەتلىك،ئەدەپ-ئەخلاقلىق بۇلۇپ ،توغرا بولغان تۇرمۇش قارىشى تىكلەشنى ئۇمۇت قىلىمەن.

taxbalik 2011-06-02 18:42
ئاڭلاپلا قويسا بولغۇدەك .

yabera 2011-06-02 21:05
ئۇففففففففف.........
نىمە  دىسە بۇلار  بۇنىڭغا .....
  مەنغۇ  كىچىكىمدىن< كىيىمسىز  ئۇخلىسا  يامان بۇلىدۇ >   دەپ ئاڭلىغان ھەم شۇنى توغرا دەپ   بىلىپ  كەلگەن ئەزەلدىن .
  مىنىڭچە  قېرىنداشلار  ، كىيىم كىيىپ ياتقاننىڭ زىينى ، ھاراق ئىچكەندەك ، تاماكا چەككەندەك ، قالايمىقان ئەخلەت يىمەكلەرنى يىگەندەك ....ئېغىر ئەمەس .
  ئەزەلدىن  ئەزەلدىن تار  كىيىملەرنى بىز  قوللاپ كەتمىگەن ، كىچىسى ئارام ئالىدىغان چاغدا ئەمەس ،كۈندۈزىمۇ تازا ياخشى ئەمەس . بۇلارنى دەپ كەتمىسەكمۇ ، شۇ  تار كىيىم كىيگەن كىشلەر ، تار كىيىمنىڭ ھۇزۇرلۇق ئەمەسلىكىن دەپ بەرمىسەكمۇ ئوبدان بىلىدۇ ، شۇڭا ئارام ئالغاندا قانداق كىيىنىشنى ئۇزى بىلەر دەيمەن .
زادى كىيمەيمەن ، زىيانلىق دىگۈچىلەر ، ئۇيقۇلۇقتا  ئىسىڭلەردە يوق  چۇش  سەيلىسى قىپ  كەتمەڭلار يەنا  ، بۇنى  بىلىپ بولمايدۇ . ( خۇدا  ساقلىسۇن )

iu8241 2011-09-17 10:27
全国注册建筑师一级二级/证券从业资格/社会工作师/注册税务师/国际商务单证员/质量工程师/大学英语四级六级/土地登记代理人/代 考/替 考/考 试答 案/分 数修 改/证 件办 理/详情请登陆永久域名:www.xgttk.com/客服Q 287985985


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يالىڭاچ ئۇخلاش ۋە سالامەتلىك --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.044904 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us