dihqan |
2010-12-13 18:54 |
ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونى يېقىندا« ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ ، جايلاردىن ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتمەسىلىسىنى ئەستايىدىل ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتىنى قوغداپ ، ئىشلەۋاتقان دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپقىلدى .
ئىگىلىنىشچە ، ئاپتونوم رايون 2006 –يىلى ئالاھىدە ”ئىش ئورنى پىلانى“ نى يولغا قويغاندىن بۇيان ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىقىغا 18 مىڭدىن كۆپرەك خىزمەتچى قوبۇلقىلىپ ، يېزىلاردىكىئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى خىلى يېنىكلەتكەن . بىراق ھازىرمۇ بەزى جايلاردائالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى دېگەندەك ياخشى ئىشلەنمىگەن ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى ۋاقتىدا تارقىتىلمىغان ، ئۈنۈم مائاشى جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىغا تولۇق ھەق تاپشۇرۇلمىغان ، تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلانمىغان ، بۇ ئەھۋاللار بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن .
بۇ ‹‹ ئۇقتۇرۇش ›› تاجايلاردىن ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۈنۈم مائاشى ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، تۇغقان يوقلاش ، توي – تۇغۇت ، كەسپىي ئۈنۋان ، تاماق ، ياتاق ، قىشلىق ئىسىنىش پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداش تەلەپ قىلىنغان . ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچ يىل ئىشلىگەندىن كېيىن ، تەكشۈرۈپ باھالاشتا لاياقەتلىك بولسا ، ئىشتات بېرىلگەن مەكتەپكە قايتىپ ئىشلەيدىكەن ، مائاشى يەرلىك مائالىيەدىن بىر تۇتاش چىقىم قىلىنىپ ، شۇ يەردىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچمەكتەپ ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدىكەن ، مەكتەپكە تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىگەندە قايتا سىناپ ئىشلىتىش بىھاجەت ئىكەن . ئالاھىدە ئىش ئورنىدا ئىشلىگەن ۋاقتى خىزمەتئىشتاتىغا قوشۇپ ھېساپلىنىدىكەن ، كەسپى ئۇنۋانىنى يۇقىرىلىتىشتا ئاساسىي قاتلامد ئىشلىگەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ، ئوخشاش شارائىتتا ئالدىن ئويلىشىدىكەن .
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى |
|