رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئىھ،خىرۇستال قىز (تۈگىدى) --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ئەلكۈيى قەلەمداشلار سالونى] -> ئىھ،خىرۇستال قىز (تۈگىدى) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3   4   5  >>  Pages: ( 14 total )

bargiya 2010-12-10 12:04




ئۇ كىشىگە راستىنلا قىزىقىپ قالدىم. ئادەتتە بىرلا كۆرگەن كىشى  ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتسىز بولسا كۈندە ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ سىزنىڭ ئېسىڭىزدە شۇنداق ئېنىق قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىراق ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن مەن بۇ كىشىنى پەقەت بىرلا قېتىم كۆرگەن.بىلمىدىم ماڭا بۇ كىشىنىڭ قايسى ھالىتى بەكرەك يېقىپ قالدى،ئۇنىڭ ئالىپتە كىيىنگەن ھالىتىگە قەتئىي ماس كەلمىگەن ھالدا مەن ئۇنى ئۇچراتقان ۋاقتىمدىكى كۆزلىرى ياشلانغان قانداقتۇر ئىچكى ھاياجان بىلەن يۈزلىرى قىزارغان،چىرايىدىكى تېگى-تېگىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان سۇلغۇن،مۇڭلۇق ھالىتى بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك. ھاممامنىڭ ھاۋالىسى بىلەن نەۋرە سىڭلىمنى شەھەرلىك دوختۇرخانىدىكى دوختۇرخانا ئىچىدە  تېخنىكىسى جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋىراچ دوستۇمنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ كېسىلىنى كۆرسىتىپ قايتىپ چىقىۋاتقان چاغدا دوختۇرخانا دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇچراتقان ئىدىم. بىز چىقىۋاتقاندا شۇنچە كۆپ كىرىپ-چىقىۋاتقان كىشىلەر توپى ئىچىدىن قانداقلارچە ئۇ كىشىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن. بۇ يەرلىك كىشىلەردىن كىيىنىشى جەھەتتىن بولسۇن تامامەن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۇ كىشىنىڭ دوختۇرخانىغا كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلارنىمۇ سۈرىتمەي كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ چاقلىق ئورۇندۇقلۇق ھارۋىدا  ئولتۇرغانلىقى،چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ كەينىدىن ئۇنى تۇتۇپ تۇرغان زىلۋا بويلۇق،ئاقپىشماق كەلگەن كۆزلىرى بۇلاقتەك،ئېقىپ چۈشكەندەك  قىرلىق بۇرنى ئاستىدىكى ئويماقتەك لەۋلىرى  ھېچقانداق لەۋ سۇرۇخ سۈرتۈلمىگىنىگە قارىماي تەبىئىي بىر خىل ھال رەڭلىك بولۇپ ئېچىلاي دەپ تۇرغان غۇنچىنى ئەسلىتىدىغان چىرايلىق بىر قىز  پۈتۈن مىھرى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلارنى سۈرتۈپ نىمىلەرنىدۇر دەپ ئۇ كىشىگە تەسەللى بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ ھالەت بۇ تەسۋىردىكى ئۇ كىشىنىڭ قانداقتۇر بىر خىل ئاغرىق ئازابىدىن ئەمەس بەلكى ئىچكى ھاياجان  تەسىرىدىن ياش تۆكۈۋاتقانلىقىنى كەسپىمگە خاس سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك..
مەن گەرچە شۇ كۈنى ئۇ كىشىنى بىرلا قېتىم كۆرگەن بولساممۇ بىراق ئېسىمدىن زادىلا چىقىرالمىدىم. كەينىمگە يېنىش-يېنىشلاپ قارىغىنىمچە كېتىپ قالغان بولساممۇ بىراق ئۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار  شۇ كۈندىن بېرى خۇددى مېنىڭ يۈرىكىمگە تۆكۈلۈۋاتقاندەك بولۇپ مېنى قانداقتۇر قىزىقىش ئىستىكىدە قىيناپلا تۇردى.
بۈگۈن مەلۇم بىر ئىش بىلەن شەھەرلىك دوختۇرخانىغا كەلدىم. يول بويى خىيالىمغا ئاشۇ كىشى،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېختىيارىغا بويسۇنمىغان ھالدا تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرى كىرىۋىلىپ مېنى بەكلا بېسەرەمجان  كەيپىيات ئالاقزادە قىلىشقا باشلىدى. خۇددى بۈگۈنكى دوختۇرخانىغا بېرىشىم بىلەن ئۇ كىشىنى يەنە ئۇچىسىغا ئېسىل كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىۋالغىنى بىلەن ،ئولتۇرغان چاقلىق ئورۇندۇقىنى بەردەم ياش يىگىتلەرگىمۇ ئاسانلىقچە نېسىپ بولمايدىغان سۈرەتتەك بىر گۈزەل تۇتۇپ تۇرغىنى بىلەن كۆزلىرى ياشلىق ھالەتتە ئۇچرىتىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. «پۇل ھەممىگە قادىر »دىگەن گەپ ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان جەمىيەتتە مەيلى مۇھەببەت جەھەتتە بولسۇن،مەيلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى جەھەتتە بولسۇن،مەيلى ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە بولسۇن،مەيلى مىھىر بىلەن قۇرغان ئائىلىلەرنى گۈللەندۈرۈش جەھەتلەردە بولسۇن ھەممىلا تەرەپلەردە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە ئۇچىسىغا كىيىۋالغان كىيىم-كېچەكلىرى ئالىپتە بولغان كىشىلەرنى پۇلى كۆپ،ھېچقانداق غەم قايغۇسى بولمىسا كېرەك دەپ قاراش ئېڭىمىزغا ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنمىكىن ئەيتاۋۇر ئۇ كىشىنىڭ قانداقتۇر ھەسرەتنىڭ بەلگىسى بولمىش تېگى-تېگىدىن تاتىرىپ،كۈن كۆرمىگەندەك كۆرۈنىدىغان چىرايى،قىزلارغىمۇ ئاسانلىقچە نېسىپ بولمايدىغان چىرايلىق قاش-كۆزلىرى جايلاشقان يۈزىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر خىل ھەسرەتنىڭ شولىلىرى ۋە شۇ كۆزلەردىن ئېختىيارىغا بويسۇنمىغان ھالدا تاراملاپ تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرى مەندە «بۇ كىشىنىڭ قانداقتۇر سىرى»نى ئىپادىلەۋاتقاندەك بولۇپ كەسپىمگە خاس بولغان بىر خىل قىزىقىش تۈرتكىسىدە ئۇ كىشىنى  يەنە بىر قېتىم كۆرۈشنى بەكلا ئۈمىد قىلىۋاتاتتىم.
ئەپسۇس، مەن دوختۇرخانىغا كىرىپ كېتىۋىتىپمۇ  دوختۇرخانىدا ئىشلرىمنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ چىقىپمۇ بىرلا كۆرۈپ يەنە بىر كۆرۈش ئىستىكىدە ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان ئۇ كىشىنى ئۇچراتمىدىم.
شەھەرنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە يېزىغا تۇتىشىپ كېتىدىغان چوڭ يول قاسنىقىدا خىلۋەت بىر مەھەللە بار. دادام دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن  شەھەر مەركىزىدىكى ياسىداق ئۆيىمىزنى تاشلاپ قويۇپ مۇشۇ خىلۋەت مەھەللىدىن قورۇ-جاي سېتىۋىلىپ كۆچۈپ كەلدۇق.ئۆمۈر بويى تىرىكچىلىك،خىزمەت،تۇرمۇش ئالدىراشچىلىقىدا ماشىنا ئادەمدەك قېلىپلىق ياشاپ كەلگەن دادامنىڭ كۆڭلىدىكى گۈزەل ھېس-تۇيغۇلىرىنى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن بولسىمۇ شەھەر ئىچىدىكى بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ كېتىپ بارغان كىشىلەر توپى،ۋارقىراپ-جارقىراپ يايما بۇيۇملىرىنى داڭلىشىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋە يول قاسنىقىدىكى ئائىلىلىكلەر بىنالىرىدىكى كىشىلەرنىڭ قۇلاق-مېڭىسىنى يەپ تۇرۇدىغان تىرىكچىلىك ئاۋازلىرى،يوغان-يوغان مۇناردەك تۇرخۇنلاردىن پاتماي تولغىنىپ-تولغىنىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ قاپ-قارىلىقى بىلەن كۆپ-كۆك ئاسماندىكى گۈزەللىكلەرنى يالماپ يۇتۇۋېتىپ بارغان  ئىس-تۈتەكلەرگە تېگىشىۋەتكۈسى كەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قىش كۈنىدىكى تەييار ئىسسىقلىق،"تارس"قىلغان ئاۋاز بىلەنلا ئوت يېقىلىپ ناھايىتىمۇ تېز تەييار بولۇدىغان تاماق ۋە قايناقسۇلارغا كۆنۈپ قالغان ئاپامنىڭ ۋايساشلىرىغا قارىماي مۇشۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كېلىپ ئاز-تولا ھەركەت قىلغاچ ئەتىگەندە  ساپ ھاۋادىن، كەچتە سۈزۈك ئاسماندىكى جىمىرلىشىپ تۇرغان يۇلتۇزلاردىن ھوزۇرلانغاچ يىراق تاغ تەرەپتىن كېلىدىغان جاننى سۆيۈندۈرگۈچ غۇر-غۇر شامال سىيپاپ ئۆتىدىغان ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا قويۇلغان كات ئۈستىدە يانپاشلاپ يېتىپ ئۇزۇن يىللاردىن بېرىقى چىقىرىلمىغان ھاردۇقلىرىنى چىقىرىش ئارزۇيىغا يەتكەن ئىدى. ئاكام ۋە ھەدەملەرنىڭ خىزمىتى شەھەر ئىچىدە ،ئۇلار ھەپتىدە بىر چىقىپ بىزنىڭ بۇ كەڭرى قورالىرىمىزدا قىيغىتىپ ئويناۋاتقان بالىلىرىنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن مەس بولغاچ دادامنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى قىزىللىق كەتمەيدىغان بولۇپ قالغان مەڭزى ۋە ئاپامنىڭ بىنا ئىچىدە ھېچ ئىش قىلماي يۈرۈپمۇ ئاغرىدىم،ئاغرىدىم دەيدىغان پۇت-قوللىرىنىڭ بۇ يەردە ئۇ يان-بۇ يان شىتىلداپ مېڭىپ يۈرۈپمۇ يەنە ھېچ ئاغرىماس بولۇپ قالغانلىقىدىن سۆيۈنۈشۈپ ئۆزلىرىنىڭمۇ كېيىن دەم ئېلىشقا چىققاندا دادام تاللىغان مۇشۇ يولدا ماڭىدىغانلىقىنى دىيىشەتتى. مەن بولسام  گەرچە خىزمىتىم شەھەردە بولسىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئائىلىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە چوڭلار بىلەن بىللە ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىم ھەمدە «مۇخبىر»لارنىڭ ھەر ھالدا سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىگە بويسۇنۇپ ئىدارىدا ئولتۇرۇش جەھەتتىن بولسىمۇ ئازراق ئەركىنلىكى بولغىنى ئۈچۈن داداملار بىلەن بىللە بۇ خىلۋەت مەھەللىگە قايتىپ كەلگەن ئىدىم. مەھەللە  يولىدىن يانداپ ئېلىنغان شىمال تەرەپكە قاراپ سوزۇلغان يالغۇز ئاياغ بىر چىغىر يول بار. بۇ يولنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئادەتتە ئىشىم بولمىغان ۋاقىتلاردا مۇشۇ يولدا جىم-جىت ئۆزەم بىلەن ئۆزەم مۇڭدىشىپ مېڭىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلايمەن. ئىزچىل تۈردە كاللامغا جاھىللىق بىلەن ئورۇنلىشىۋالغان ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمدىكى تەگسىز ھەسرەت يۈرىكىمنى قاماللاپ ئالغان ۋاقىتلاردا ئاستاغىنە ئۆيدىن ئايرىلىپ مۇشۇ  يولدا ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلىگىنىمچە ئۇزۇن ماڭىمەن.ئالدىمغا كەينىمگە مېڭىپ تاكى قەلبىمدىكى ئاچچىق ھەسرەت،سېغىنىش ئازابلىرىنىڭ قىرتاق تەمى كىچىككىنە يوقالغاندىلا ئاندىن ئۆزۈمنى رۇسلاپ چىرايىمدىكى پەرىشانلىققا قارىتا غەلىبە قىلغان شادىمان ھېسلارنى چىھرىمدە پارلاتقىنىمچە ئۆيگە قايتىپ كىرىپ ئاپامنىڭ ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەنلا مۇلايىملىق،كۆيۈنۈش ،ئېچىنىش بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىگە تەبەسسۇم بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇمەن.
بۈگۈنمۇ مۇڭلىنىپ قالدىم. قايسى كۈنى شەھەرلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ ھېلىقى قىزىقىشىمنى قوزغىغان ئادەمنى ئۇچرىتالماي خۇددى توساتتىن يولۇقتۇرغان خۇشاللىقىمنى يوقۇتۇپ قويغاندەك بىر خىل ئىسكەنجىدە قىينالغان ئىدىم.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشىنى ئىككىنجىلەپ ئۇچراتمىدىم.قىزىق..شۇ بىرلا كۆرگەن كىشى بۈگۈن يەنە خىيالىمغا كىرىۋالغان ئىدى. چۈشتىن كېيىن ئىدارىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن  توغراق يېزىسىدىكى يېڭى قۇرۇلغان دېھقانچىلىق ئەسلىھەلىرى زاۋۇتىغا زىيارەتكە بېرىپ ئىشىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن بالدۇرلا قايتىپ كەلدىم. ئىچىمدىكى تىت-تىتلىق تۇيغۇلىرى  قەدىمىمنى ئېختىيارسىز ھالەتتە  ئاشۇ مۇڭدىشىم بولمىش چىغىر يول تەرەپكە سۆرەپ ئېلىپ كەتتى. ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەپ ئۇ يان-بۇ يان مېڭىپ ھېرىپ قېلىپ يول ياقىسىدىكى قىرغا ئۆزۈمنى تاشلاپلا ئولتۇردۇم. كۆزۈمنى يۇمۇپ قانچىلىك ئولتۇردۇمكىن بىر ۋاقىتتا قۇلۇقۇمغا گۇدۇڭلاشقان ئاۋازلار كىرگەندەك بولۇپ قالدى.كۆزۈمنى ئاچتىم.ئاچتىم يۇ، سەكرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.

ئاخىرى جىددى يوللىنىدۇ...

bargiya 2010-12-10 12:30
ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ جىددىي يېزىۋاتىمەن. ئاخشام يازغان بۆلىكىم مەلۇم سەۋەب بىلەن بىراقلا يوق بولغاننى ئاز دەپ كومدىكى بىر مۇنچە ماتىرىيال،ھۆججەتلىرىممۇ يوق بولدى .يەنە شۇنداق بوپ قالمىسۇن دەپ ئەتىگەن يازغان كىچىككىنە قىسمىنى يوللاپ سالدىم.تورداشلارنىڭ"يەنە ئاخىرى يوق ئەسەر،بىراق يېزىپ بولۇپ ئاندىن يوللىسىڭىز بولمامدۇ؟"دەپ رەنجىشلىرىدىن قورقۇپ  ئۆزۈمنىڭ جىددى يېزىپ بولغىنىمنى جىددى يوللايدىغانلىقىمنى ئەسكەرتكىنىم بولمامدۇ؟؟

taklimakan 2010-12-10 13:23
مېنىڭ پىكىرىم مۇنداق بەرگىيە.
ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاپتورنىڭ ۋاقتى چىققاندا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان جەريان ئەمەس. شۇڭا ئۇنىڭ قانداق ۋاقىتتا ھەركەتكە كىلىدىغانلىقىغا ھېچ كىم ھېچ نېمە دېيەلمەيدۇ. يەنە كىلىپ باشلانغان بىر پارچە ئەسەر ئاخىرىغا بارغاندا ئاپتورنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي تۇيۇقسىزلا باشقا يۈلۈنۈشكە يۈزلىنىپ كېتىشىمۇ مۈمكىن. ئەسەرنى مۇنۇ يەردىن باشلاپ مۇنۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرىمەن ، دەپ تۈرمىگە سولانغان ئەسەر مەغلۇپ بولغان ئەسەر بولىدۇ. چوقۇم ئەركىن قويۇپ بېرىش كېرەك. مېنىڭ مۇشۇنچە گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق دېمەكچى بولغىنىم پوۋست دېگەن نەسرىي ئەسەرلەر ئىچىدىكى ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرەك بولغان ژانىردۇر. شۇڭا مېنىڭ سىزگە سەمىمىي تەلىۋىم، ئەسەرنى دەسلەپ قەغەزگە بولامدۇ ياكى ۋوردقا بولامدۇ، ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزگىلا مەنسۇپ بولغان ئورۇنغا چۈشۈرىۋىلىپ ئۆزىڭىز باشتىن ئاياق بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئەسەرنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرىدىن رازى بولغاندا ئاندىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېققەت - ئېتىبارىغا تاشلىسىڭىز ئۈنۈمى يەنىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بىر مىسال ئالسام، ئاۋانگارت شائىرلىرىمىزدىن بىر بولغان تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ مۇھەرىرى ئەركىن نۇركامنىڭ مۇنداق بىر گېپى بولىدىغان.
--بىر ئاپتور ئۈچۈن ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلىرىنىڭ ئازابىدىن ۋاقىتسىز ئېلان قىلىنىپ كېتىپ كېيىن ھەسرەت ئېلىپ كىلىدىغان ئەسەرلىرىنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ ھەم ئۆمۈرلۈك بولىدۇ.
=====
ئەسەر ھەققىدە ئەمەس پەقەت سىزنىڭ بۇ ئەسەردىكى ئىجادىيەت پىرىنسىپىزڭ ھەققىدىلا پىكىر قىلدىم. ئويلىشىپ باقارسىز. لېكىن داۋاملىق يوللىسىڭىز يەنىلا جىمجىم ئولتۇرۇپ ئوقۇۋىرىمەن.

bargiya 2010-12-10 13:37
نەقىل
بۇ 3قەۋەتتىكىtaklimakan يوللىغان 2010-12-10 13:23 غا قارتىلغان  :
مېنىڭ پىكىرىم مۇنداق بەرگىيە.
ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاپتورنىڭ ۋاقتى چىققاندا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان جەريان ئەمەس. شۇڭا ئۇنىڭ قانداق ۋاقىتتا ھەركەتكە كىلىدىغانلىقىغا ھېچ كىم ھېچ نېمە دېيەلمەيدۇ. يەنە كىلىپ باشلانغان بىر پارچە ئەسەر ئاخىرىغا بارغاندا ئاپتورنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي تۇيۇقسىزلا باشقا يۈلۈنۈشكە يۈزلىنىپ كېتىشىمۇ مۈمكىن. ئەسەرنى مۇنۇ يەردىن باشلاپ مۇنۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرىمەن ، دەپ تۈرمىگە سولانغان ئەسەر مەغلۇپ بولغان ئەسەر بولىدۇ. چوقۇم ئەركىن قويۇپ بېرىش كېرەك. مېنىڭ مۇشۇنچە گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق دېمەكچى بولغىنىم پوۋست دېگەن نەسرىي ئەسەرلەر ئىچىدىكى ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرەك بولغان ژانىردۇر. شۇڭا مېنىڭ سىزگە سەمىمىي تەلىۋىم، ئەسەرنى دەسلەپ قەغەزگە بولامدۇ ياكى ۋوردقا بولامدۇ، ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزگىلا مەنسۇپ بولغان ئورۇنغا چۈشۈرىۋىلىپ ئۆزىڭىز باشتىن ئاياق بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئەسەرنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرىدىن رازى بولغاندا ئاندىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېققەت - ئېتىبارىغا تاشلىسىڭىز ئۈنۈمى يەنىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بىر مىسال ئالسام، ئاۋانگارت شائىرلىرىمىزدىن بىر بولغان تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ مۇھەرىرى ئەركىن نۇركامنىڭ مۇنداق بىر گېپى بولىدىغان.
--بىر ئاپتور ئۈچۈن ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلىرىنىڭ ئازابىدىن ۋاقىتسىز ئېلان قىلىنىپ كېتىپ كېيىن ھەسرەت ئېلىپ كىلىدىغان ئەسەرلىرىنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ ھەم ئۆمۈرلۈك بولىدۇ.
=====
.......

پىكرىڭىزدىن سۆيۈندۈم..
تۇنجى قېتىم كاللامدا پىشقان  بىر قۇرۇلمىنى مۇشۇ ئەلكۈيىدە يوللاپ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ يوللاپ  تۈگەتكەندىن بېرى يازمىلارنى مۇشۇ ئەلكۈيى بېتىگە يوللاپ كېلىۋاتىمەن.بىر ئەسەر ۋەقەلىكىنى يېزىش ئويىغا كەلگىنىمدە ئالدىراپ قولۇمغا قەلەم ئالمايمەن. بىر خىل تەقەززالىق ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا بەنت بولۇپ پەقەت كاللامدىلا قايتا-قايتىلاپ شۇ ئەسەر قۇرۇلمىسى،ۋەقەلىكى راۋاجى،خاتىمەسى..دىگەندەك تەرەپلىرىنى توختىماي پىشۇرۇپ ئاندىن يېزىش قارارىغا كېلىمەن. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك كاللامدىكى يازىمەن دەپ ئويلىغان ئويلار يېزىلغانسىرى سىز دىگەندەك ئەسلىدىكى باياندىن ئۆزگىرىپ تەسۋىرلىنىپمۇ چىقىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بولدى. بىراق مېنىڭ ئالغان تەسىراتىم شۇ بولدىكى  يېزىلغان قىسمىنى يوللاپ تۇرۇپ ئەسەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش شەخسەن ئۆزى بېكىنىۋىلىپ تەرەققى قىلدۇرغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىدىكەن. (ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ شەخسىي تەسىراتىم)پىشمىغان ئەسەرنى ئالدىراپلا يوللاپ تورداشلارنىڭ ھېسسىياتىغا دەخلى قىلغىنىمدىن ئۆزەممۇ ئۆزرىلكمەن. سىزنىڭمۇ مۇۋاپىق پەيتتە پىكىر قاتناشتۇرۇپ ماڭا تۈرتكە ۋە ئېلھام بېرىشىڭىزنى شۇنداقلا تەنقىدىي قاراشلارنى ئايانماي ئوتتۇرىغا تاشلاپ قەلىمىمگە سىلكىنىش ئاتا قىلىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

yalghuz 2010-12-10 13:38
داۋامىنى تېزرەك يوللاڭ دەپ بەرگىيەگە بېسىم قىلماڭلار،ئاۋال ئاپتور تەپەككۇرىنى ئەركىن قويىۋېتىپ يازسۇن ، بىز ئاۋال جىم ئولتۇرۇپ ئوقۇيلى. بەرگىيە بورۇنقى ئەسەرلىرىنىمۇ شۇنداق ياخشى يېزىپ چىققان ھەم ئاخىرلاشمىغان ئەسىرى يوق،چوقۇم يېزىپ چىقىدۇ،بەرگىيە قەلىمىڭىزنى ئەركىن قۇيۇۋېتىپ يېزىڭ!ئىنكاسلارغا ئەسەر تۈگىمەي تۇرۇپ جىق دىققەت قىلماڭ!

bostanbulak 2010-12-10 14:32
      ھورمەتلىك بەرگىيە،ياخشىمۇ سىز؟ بۇ پوۋىسىتنىمۇ ناھايىتى ياخشى باشلاپسىز،ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!
      سىزنى ئاۋەرە قىلىدىغان بولدۇم، سىزنىڭ <مۇز تۇتقان دېرىزە >ناملىق پوۋىسىتىڭىزنىڭ ئاخىرى چىقمىدىمۇ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ بىلەلمىدىم..... 7-بۆلىكىدىن كىيىن تاپالمىدىم،سۆزۈمگە جاۋاپ يېزىشقا ۋاقىت چىقىرىلارسىزمۇ؟

serwer 2010-12-10 15:58
يىڭى ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ سۆيۈندۈم.ئىشىنىمەنكى يەنە بىر نادىر ئەسەر ۋۇجۇدقا كېلىش ئالدىدا!

nijatkurban 2010-12-10 17:14
ئەسەر يوللاۋاتقان بارلىق دوستلارنىڭ ئەجرىگە مىڭلارچە تەشەككۈر.
لېكىن ،ئەسەرنىڭ ھەممىنى يېزىپ بولۇپ ئاندىن كېيىن تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلساڭلار تېخىمۇ  خۇشال بولاتتۇق.چۈنكى بەزى تور ئومۇملاشمىغان جايلاردا تورغا كىرىش ئانچە قولاي ئەمەس. تورغا چىقىپ مەلۇم ئەسەرنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تورغا چىققۇچە خېلى ۋاقىت ئۆتىدۇ، بەزى ئەسەرلەرنىڭ ئاخىرىنى تاپقلى بولمايدىكەن، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنىڭ يېرىمىنى ئوقۇپ ئاخىرىنى تاپالمىدىم. تورخانىغا بىر قېتىم كىرىپ بىر نادىر ئەسەرنى تولۇق ئوقۇپ چىقالىساق نېمىدىگەن ياخشى. ئۆيدە كومپىيۇتېر بولسىغۇ بەك ياخشى ،ئەمما ھەممە ئادەم كومپىيۇتېر سېتىۋالالىغۇچە ئەسەرلەرنى بىر قېتىمدىلا تولۇق يولىساڭلار بەك ياخشى بولاتتى.
  

sarwinaz 2010-12-10 17:27
بۇ ئەسەرنىڭمۇ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىقىدىغانلىغىغا ئشىنىمەن،قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

bargiya 2010-12-10 17:58
مۇشۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قېلىش بولىدىكەن.  شەھەر كوچىلىرىدا، ئۇ يان-بۇ يان ماڭغاندا بولسۇن،دوختۇرخانىغا بارغاندا بولسۇن،ئەتتەيلەپ دوختۇرخانىغا بېرىپ باققىنىمدا بولسۇن كۆرۈشنى،يەنە بىر قېتىم كۆرۈشنى ئىزدەپ يۈرگەن،گەرچە ئۇچرىشىپ قالساممۇ ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدەك گەپمۇ قىلماي ھاڭۋىقىپ قارىغىنىمچە ئۆتۈپ كېتىشىم ئېنىق بولغان  تۇيۇقسىزلا دىققىتىمنى،قىزىقىشىمنى قوزغاپ قالغان ئاشۇ كىشى  ئالدىمدىلا تۇراتتى.چىرايلىق كىيىنىۋالغان،چىرايىدىن پەرىشانلىق چىقىپ تۇرغان بىر قىزنىڭ بۇ يالغۇز،تىم-تاس يولدا كىيىمىنىڭ توپا بولۇپ كېتىشىگىمۇ قارىماي يول قىرىدىلا كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇشى ھەقىقەتەن بۇ يولدىن ئۆتكەن ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىشى مۇمكىن.   ئۇ كىشى  ئىچىگە سۇس كۆكۈچ كەلگەن كۆينەك كىيىپ سېرىق پارقىراق يوللۇق گالىستۇك تاقاپ ئۈستىگە قاردەك ئاق كاستىيۇم كىيىۋالغان بولۇپ ئۇنىڭ  چاقلىق ئورۇندۇقىنى ئىتتىرىپ ماڭغان ھېلىقى كۈندىكى قىز بولسا تۇم سېدام قارا كۆينەك كىيىپ بېشىغا نېپىز قارا ياغلىق چىگىۋالغان ئىدى. ئىككىسىنىڭ كىيىنىشىدىكى ئۆزگىچىلىك بىر-بىرىنىڭ كىيىملىرىنىڭ رەڭگىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش بىلەن بىللە ئۇ كىشىنى شۇ قەدەر ئېسىل سۈپەتلىك،قىزنى بولسا قارا بۇلۇتلار ئىچىدە ۋاللىدە چىققان ئايغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى.
_سىڭلىم،سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ-ھە؟
مېنىڭ سەكرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنە ھاڭۋاققان ھالدا ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپ قالغان تۇرقۇمدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان ئۇ كىشى چۆچۈگەن ھالدا شۇنداق دەپ سورىدى.
شۇندىلا مەن  ئۆزۈمگە كەلدىم-دە،بېشىمنى چايقىدىم:
_ھېچ ئىش بولمىدى. ئۆزۈم ئولتۇرغان.
_ھە.. قارىسام بۇ ئەتراپ شۇنداق جىمجىت.بۇ چەت يولدا يول چېتىدە كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپسىز.بىرەر سەۋەبمۇ ياكى بىرەر يېرى ئاغرىپ ئولتۇرۇپ قالدىمۇ دەپ  شۇڭا گەپ قىلمايلا ئۆتۈپ كەتمەستىن توختىغان ئىدۇق.
كىشى يېنىدىكى قىز ئۇ كىشىنىڭ گېپىنى «شۇنداق»دەپ تەستىقلىغان تەرىزدە بېشىنى لىڭشىتتى.
_رەھمەت،مېنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ ئەتراپتا.شۇ كاللامنى بىر دەم ئارام ئالدۇراي دەپ بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇشۇم ئىدى.مەن داۋاملىق مۇشۇ يولغا كېلىپ يالغۇز ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن.
_ھېچنىمە بولمىغان بولسىلا بولدى. ئەمىسە بىز يولىمىزغا ماڭايلى !!
ئۇ كىشىنىڭ گېپىدىن كېيىن قىز چاقلىق ھارۋىنى  تۈزەپ بۇ يولدا سەل كۈچەنگەن ھالدا ئىتتىرىپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
_كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت!! سىلەر بۇ ياققا بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمۇ؟؟
سۇئالىم جاۋابسىز قالدى. ئۇ كىشى يېقىملىق نەزەردە كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى. قىز ئۇ كىشىنىڭ چىراي ئىپادىسىدىنلا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ھارۋىنى ئىتتەرگىنىچە گەپ قىلماستىن مەندىن يىراقلاشتى. ئاللانىڭ ئېلتىپاتى بىلەن ئاران بىر ئالدىمغىلا كېلىپ قالغان بۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتكۈم كەلمىدى.كەينىدىن توۋلىدىم:
_ياردىمىم كېرەكمۇ؟ مەن مۇشۇ يەرلىك.
ئۇ كىشى بېشىنى بۇراپ قولىنى ياق دىگەن مەنىدە شىلتىدى.
_ھەي بىر دەم تۇرساڭلار بولمامدۇ.. بىز ئۇچراشقان.
بۇ گېپىم بىلەن ئۇلار توختىدى. يۈگرەپ مەندىن خېلىلا يىراقلىشىشقا قاراپ  ماڭغان ئۇلارنىڭ قېشىغا بارغىنىمدا قىزمۇ ،ئۇ كىشىمۇ ئەمدى راستىنلا مېنىڭ «كاللامنىڭ دەردى»بارلىقىدىن گۇمان قىلىۋاتقاندەك ھەيرانلىق  ۋە بىزارلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا سۇغۇق تىكىپ تۇراتتى.
_مەن..._مەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن چىقىۋاتقان«راستىنلا بىر بۇدۇشقاق،كاللىسىنىڭ دەردى بار نىمىمۇ بۇ؟»دىگەندەك ئۇچقۇنلاردىن ھودۇققان ھالدا  تۇرۇپ قالدىميۇ تېزلا ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالدىم.
-مەن سىلەرنى قايسى كۈنى شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا كۆرگەن ئىدىم. تاسادىپى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قېلىشمنى ئويلىماپتىكەنمەن. قىياسىمچە سىلەر بۇ يەرلىك ئەمەس شۇنداقلا بۇ دۆلەتتىن  ئەمەسقۇ دەيمەن.
_شۇنداق،بىز تۈركىيەدىن كەلگەن._ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئورنىدا قىز جاۋاب بەردى.قىزنىڭ  سۈزۈك ئاۋازلىق جاۋابى مېنىڭ قىياسىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.
_مېنى ئەجەپمۇ يېپىشىۋالدى دەپ قالماڭلار،مەن شۇ..ئەستا.نىمە دىسەم بولار.. شۇ كۈنى دوختۇرخانا ئالدىدا تۇرغان قىياپىتىڭىز ماڭا بەكلا بەك تەسىر قىلىپ كېتىپ شۇ..سىزنى يەنە بىر كۆرۈشنى ئىزدەپ يۈرەتتىم. بۈگۈن تاسادىپىيلا خۇدا ئۇچراشتۇرغاندەك بۇ يەردە ئۇچقىشىپ قالدۇق. مېنى يات كۆرمىسىڭىز ئۆيىمىز ئاۋۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان مەھەللىدە.بولسا ئۆيگە بېرىپ بىرەر پىيالىدىن چاي ئىچىشىپ ماڭغان بولساڭلار!!
مېنىڭ ئالدىراپ-تېنەپ يۈرىكىمدىن چىقىرىپ تۇرۇپ دىگەن گەپلىرىم بۇ كىشىگە تەسىر قىلدى ئەتىمالىم قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى قويۇق كىرپىكلىك كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى:
رەھمەت،رەھمەت!! بۈگۈن سەل چارچاپ قالدىم.باشقا كۈنى بولسۇن.ئۆزرىلىكمەن،ئۈمىدىڭىزنى يەردە قويدۇم.
سىپايىلىق بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر ئالدىدا يەنە بېزىرىپ تۇرۇۋىلىش ئارتۇقچە ئىدى. ئۇنىڭ باشقا كۈنى بولسۇن دىگەن گېپىدىن سەل ئۈمىدلىنىپ يەنە قېلىنلىق قىلىپ تۇرۇپ سۆز تاشلىدىم:
-ئەمىسە يەنە كۆرۈشۈشكە ئىمكان بولارمۇ؟
_ئەلۋەتتە، مەن كۈندە بولمىسىمۇ ئارا كۈندە دىگۈدەكلا مۇشۇ يەردە بولۇمەن. ئۆيىڭىز مۇشۇ ئەتراپتا بولسىلابىزنى  ئۇچرىتالايسىز ،-ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېيتقۇسىز بىر خىل مۇڭ تۆكۈلدى،_ مەن كەتكۈچە ئۇنى دائىم يوقلاپ تۇرۇمەن.
ئۇلار كەتتى. ئۇزاقلاپ كېتىۋاتقان ئاپپاق،قاپقارا كىيىم بىلەن روشەن رەڭ سېلىشتۇرۇلمىسى ھاسىل قىلغان ئۇلارنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان سىماسىغا قارىغىنىمچە ئۇزۇن تۇردۇم. بۇ تاسادىپىي ئۇچرىشىتىن خۇشاللانغان بولساممۇ بىراق ئۇنىڭ بىردىنلا مۇڭلانغان كۆزلىرى ۋە «كەتكۈچە،ئۇنى كۈندە يوقلاپ تۇرۇمەن»دىگەن گېپى ماڭا قانداقتۇر بىر خىل سىرلىق تۇيۇلدى.

نازى 2010-12-10 20:30
يېڭى تۇيغۇلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسىرىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىنى تىلەيمەن!

vmid219 2010-12-10 21:32
يەنە كۈندە ئەلكۈيىنى بىر قېتىم يوقلىشىمىزغا سەۋەپ بولىدىغان "ماگېنىت"ئەسەردىن بىرى باشلىنىپتۇ مانا.  ھېكايىلىرىڭىزنى بەك سېغىنغان ئىدۇق، بەرگىيە ھەدە. قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي!

begana 2010-12-11 09:27
تىمىڭىزنى ئوقۇۋىتىپ دوستلۇق دوخترخانا ئالدىدىكى توختىماستىن كىرىپ چىقىۋاتقان كسەللەرنى ،ئاغرىق دەستىدىن پۇرۇشكەن چىرايلارنى ،خىجالەت دەستىدىن مۇڭلىنىۋاتقانلارنى ،
ئۈمۈتسىزلەنگەن غىرىب كىشلەرنى ،كۆز ياشلىرى ئۆزىگە بويسۇنماي چۈشۈۋۈتقان جۇرىلەرنى كۆرگەندەك بولدۇم .
غۇلجىنىڭ سۇۋادان تىرەكلىك مەھەللىسىدە خىرۇستال قىزنى سىز بىلەن بىللە ساقلاۋاتىمىز.

sahra 2010-12-11 11:03
بەرگىيەنىڭ  ئىلھاملىرى  تېخىمۇ بەرىكەت تاپقاي . ئىز سېلىپ قۇيۇپ ،بىراقلا ئۇقۇي  دىدىم . سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزغا  مەڭگۈ ھاردۇق يەتمىسۇن  بەرگى ...

bargiya 2010-12-13 12:39
ئۇ كىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈش ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى. كۈندە ئىدارىدىكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىمەن-دە،بىرەر پۈتمىگەن زىيارەتنى باھانە قىلىپ ئىدارىدىن ئايرىلىپ ئاشۇ خىلۋەت مەھەللەمگە قاراپ ئۇچۇمەن. بىراق شۇنچە تەلمۈرگەنسىرى ئۇ كىشىنى ئۆزى دىگەندەك كۈندە بولمىسىمۇ ئارا كۈندە بىر بولسىمۇ ئۇچراتمىدىم.بۈگۈنمۇ بالدۇر ئىشتىن قايتىپ يەنە شۇنداق تەقەززالىق بىلەن قايتىپ كەلدىم. ئۆز-ئۆزۈمگە كايىيتتىم.«ساراڭمۇمەن؟ ئۆزۈمچىلا بۇ كىشىگە نىمانچە ئاشىق بولۇپ قالغاندەك  قىلىپ كېتىمەن.توۋا..توۋا... ماڭا نىمە بولغىنى،،بۇ كىشىنىڭ جىنى چاپلاشتىمۇ نىمە؟»
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،_تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. نەچچە كۈندىن مەن تولا قاراپ كۆزۈم تېشىلەي دەپ قالغان كىشى يەنە شۇ ئاپپاق كاستىيۇم كىيگەن، چاقلىق ھارۋىنى ئىتتىرگەن قىز بولسا قارا ياغلىق چىگىپ قارا كۆينەك كىيگەن ھالدا  كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
_ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،_ئىتتىك ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھەركەتلىرىم قولاشمىغان ھالدا قولۇمنى كۆكسۈمگە ئېلىپ بېشىمنى ئىگىپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇردۇم.
_ئۆزرىلىكمەن،بىر نەچچە كۈندىن ساقسىز بولۇپ قېلىپ سىزگە دىگىنىمدەك بۇ يەرگە كېلىپ تۇرالمىدىم.
_ھە،،ياق..ياقەي..._ئۇ كىشى  قايسى كۈنى ماڭا شۇنداقلا دىگەن گېپىگىمۇ شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ماڭا ئاتايىن بۇنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى. ئۆزۈمچە نەچچە كۈندىن بۇ كىشى ھەققىدە سۈرگەن خىياللىرىم ئارىسىدىكى «قانداق دىگەن يالغانچى نىمە بۇ،ئىككى كۈندە بىر بولسىمۇ كېلىمەن،ئۇنى يوقلاپ تۇرۇمەن دەۋاتاتتى،ئۆزىنى ئالىجاناپ سۈپەت كۆرسىتىپ كەتكەنلىرىكەندە ئۇ»دەپ سۈرگەن خىياللىرىمغا خېجىل بولۇپ قالدىم.
_ياخشى بولدى. قايسى كۈنىمۇ سىلەرگە ئېيتقان ئىدىم. ئۆيۈم ئاۋۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان مەھەللىدە.دادام -ئاپاملارمۇ بار ئىدى،بۈگۈن شەھەردىكى ھامماملارنىڭ ئۆيىگە بىر ئىش بىلەن كىرىپ كەتكەن. مەن ئۆيدە يالغۇز،بېرىپ بىرەر پىيالىدىن چاي ئىچكەچ دەم ئېلىپ قايتىڭلار!!
_رەھمەت سىڭلىم،بىز ھازىرلا كەلدۇق. ئالدى بىلەن ئۇنى يوقلاپ كېلەيلى!!
ئۇ كىشىنىڭ سۆزىدىن كېيىن بايادىن بېرى بىر ئېغىزمۇ ئۈندىمەي تۇرغان قىز خۇددى بۇيرۇق كونۇپكىسى بېسىلغان ماشىنا  ئادەمدەك چاقلىق ھارۋىنى ئوڭشاپ ئىتتىرىپ مېڭىشقا تەمشەلدى.
_بۇ ياقتا...،-مەن سوراشتىن سەل قىينالغان ھالدا  سورىدىم،-مەھەللىمۇ يوق.پەقەت قەبرىستانلىقلا بارغۇ؟؟
ئۇ كىشى بىلىمەن دىگەن تەرىزدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.كۆڭلۈمگە كەلمىگەن ئىشلار كەلدى.ئىچ-ئىچىمدىن تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈۋاتقان قىزىقىش تۈرىتكىسىدە بۈگۈن ئۇلارنى قاچۇرۇپ قويماسلىق نىيىتىدە:
_تونۇشۇپ قالايلى،ئىسمىم پەزىلەت،ئۆزۈم رادىيۇ_تېلېۋۇزىيە ئېدارىسىدا ئىشلەيمەن. كەسپىم مۇخبىر،_دىدىم.ئىسمىمنى ئاڭلىشى بىلەنلا ئۇ كىشىمۇ،قىزمۇ خۇددى چايان چاققاندەك سىلكىنىپ كەتتى. ئۇ كىشىنىڭ تاتىراڭغۇ يۈز تېرىلىرىنىڭ پۇرلىشىپ قاشلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ،قانسىز لەۋلىرىنىڭ تىترەپ كەتكەنلىكىنى،قىزنىڭمۇ نىمىدىندۇر ئەنسىرىگەندەك تەشۋىشلەنگەن ھالدا ئىتتىك ئۇ كىشىنىڭ پىشانىلىرىنى سۈرتۈپ ئالاقزادە بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپلا قالدىم.
_بىز،بىز ئۇنى كۆرۈپ كېلەيلى،ئەمىسە بىزنى ساقلاپ تۇرۇڭ!!_ئۇ كىشى تىترىگەن ئاۋازدا شۇنداق دىدى.ئىسمىمنى دىيىشىم بىلەنلا ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا بۇ قەدەر تەسىر قىلىپ كېتىشى مېنى ھەقىقەتەنمۇ بەك تەڭقىسلىقتە قالدۇرغان ئىدى.مەن ئۈندىمەي ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم.
خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار قايتىپ كەلدى. ئىككىلىسىنىڭ كۆزلىرى قىزارغان،يىغلىغانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى. بولۇپ ئۇ كىشىنىڭ  مەيدىسىگە ساڭگىلىغان باشلىرىدىن قاتتىق بىر نادامەت بەلگىلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
ئۇ كىشىنىڭ تەلىۋى بىلەن دەستۇرخاننى ئۆيگە راسلىماي ئۆي پېشايۋانغىچە  يامىشىپ تالادىكى قىززىق ئاپتاپتىن كىرگەن كىشىگە بۆلەكچە ھوزۇر بېغىشلايدىغان سالقىن ئۈژۈم بارىڭى ئاستىدىكى نەقىشلىك ۋاسا جۇپلار  ئايلاندۇرۇلغان كەڭرى سۇپىغا  باشلىدىم. بىرەر قول دۇئا ۋە مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن قىلىنغان قىرائەتتىن كېيىن  دەرھال ئۈستەل قويۇپ دەستۇرخان سالدىم-دە،يەل-يېمىش،نازۇ-نېمەتلەرنى ئېلىپ چىقىپ تىزىپ ،پىيالىگە قېنىق دەملەنگەن چايدىن قۇيۇپ ناۋات سېلىپ ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن سۇندۇم.ھەر بىر ھەركىتىمگە كۆزىنى ئۈزمەي تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرغان قىزنىڭ چىھرىدىن قانداقتۇر بىر خىل قايىللىق ھېسلىرى ئۇچقۇنداپ تۇراتتى. ئۇ كىشى بولسا سۆيۈنۈش ۋە  رازىمەنلىك چاقنىغان كۆزلىرى بىلەن سۇس كۈلۈمسىرىگىنىچە نىمىنىدۇر ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك قىزغا قاراپ-قاراپ قوياتتى.
_قېنى چايغا بېقىڭلار!!،_مەن ئۆزۈمگىمۇ بىر پىيالە چاي قۇيۇپ ئۈستەلگە كەلدىم-دە،ئۇلارنى چايغا تەكلىپ قىلدىم.
_رەھمەت!_قىز سۈزۈك ئاۋاز بىلەن تەكەللۇپ قىلدى-دە،كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدە ماڭا باقتى.
_بىز سىلەرگە ئوخشاش ئىچىملىك ۋە قەھۋە دىگەنلەر بىلەن مىھمان كۈتۈشكە ئادەتلەنمىگەن. مانا مۇشۇنداق ئىلى ئۇيغۇرلىرى پەدىسىدە  كۈتۈدىغان بولدۇم.ھېلى تېخى ئەتكەنچاي دەپ داڭلىق بىر چېيىمىزنى ئېلىپ كېلىمەن،_دىدىم چاقچاق ئارىلاشقان ھالدا.
_مەن بۇ خىل كۈتۈش ،كۈتۈنۈشلەرگە بەكلا تونۇش،_دىدى ئۇ كىشى كۈلۈپ تۇرۇپ،_مەنمۇ غۇلجىلىق ئەمەسمۇ!!
_ھە؟؟،_مەن ئىتتىك كۆزلىرىمنى تىپىك تۈركىيە پاسۇنىدا كىيىنگەن كىشىگە تىكتىم.
_شۇنداق،مەن غۇلجىلىق.غۇلجىدىن ئايرىلغىنىمغا 15 يىلچە بولۇپ كېتىپتۇ،سەت بولدى.شۇنچە تۇنۇشۇپ تۇرۇپمۇ سىزگە ئۆزۈمنى ۋە ئايالىمنى تۇنۇشتۇرۇپمۇ قويماپتىمەن.
كۆزلىرىم چەكچىيىپ كەتتى. نەچچە ۋاقىتتىن ئايالىمىدۇ دەپ ئويلاپ باققان بولساممۇ كېيىنكى بىر ئىپادىلەردىن دەرھال بۇ ئويلىرىمنى ئىنكار قىلىۋەتكەن  ئىدىم.
_ھەيران قالدىڭىزغۇ دەيمەن ھە؟ ئايالىم تۈركىيەلىك.ئۇنىڭ بۇ يۇرتقا كېلىشى تۇنجى قېتىم.
_ئەمىسە بۇ ياققا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كېلىدىكەنسىزدە؟
_ياقەي،ئاتا-ئانام ھايات،ئۇلار تۈركىيەدە.
_ئەمىسە؟؟_ھەيرانلىقىم تېخىمۇ چىگىشلەشتى.
_بىز ھەدەمنى،يەنى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كەلگەن.
ئېغىزىمغا ئالغان چاي گېلىمدا تۇرۇپ قېلىشقا تاس قالدى. مەن كۆزلىرىمنى يوغان ئاچقىنىمچە قىزغا ۋە ئۇ كىشىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم.
_ئىسمىم ئەزىمەت،ئايالىمنىڭ ئىسمى ئەزىزە.ياخشى تۇنۇشۇپ قالدۇق.سىز بايا ئىسمىڭىزنى دەپ بەرگەن ئىدىڭىز.
_ئىسمىڭىز ھەدىمىزنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش ئىكەن_قىزنىڭ قىلچىمۇ قۇۋلۇق تۆكۈلمىگەن ساپ،سۈزۈك سەمىمىيلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئاۋازىدىن كېيىن بۇغۇزۇمغا قانداقتۇر بىر نىمە تاقىشىپ قالغاندەك  بولۇپ تۇرۇۋالغان ھېسلىرىم ئاستا-ئاستا پەسكويىغا چۈشۈشكە باشلىدى.
_دىمەك،سىز ..._مەن ئېغىزىمغا يۈگرەپ كەلگەن«بۇرۇنقى ئايالىڭىزنى تاشلىۋىتىپ تۈركىيەگە چىقىپ بۇ قىزغا ئۆيلىنىۋالغان،ئەمدى بولغاندا ۋىجدان ئازابى تارتىپ ئۇ ئۈلۈپ كەتكەندە قەبرىسىنى يوقلاپ كەپسىزدە..»دىگەن گەپلەرنى زور كۈچ بىلەن تۇتۇۋىلىپ ئۇلارنىڭ چېيىغا چاي لىقلاپ قويۇپ  ئاشخانا ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
پارچە-پارچە قايماقلار لەيلەپ تۇرغان ئاچچىق چېيى ۋە سۈتى تېتىتىلىپ ئېتىلگەن ئەتكەن چاينى ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ سۈمۈرۈپ ئىچىپ ياپىلاقلىنىپ توغرالغان بەرەڭگە،كۆكمۇچ،گۆش،پىياز بىلەنلا قورۇلغان سەيدىن ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقان كىشىنىڭ پېشانە تەرلىرىنى قىز يېنىدىكى ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن سۈرتۈپ قوياتتى. بەكلا ھەيران ئىدىم.قىز بۇ كىشىدىن خېلىلا كىچىك بولۇشىغا قارىماي بۇ كىشىنىڭ ھالىدىن خۇددى «مەخسۇس كۈتكۈچى»كەبى خەۋەر ئالىدىكەن. بۇ ھالدا ئۇ كىشى خۇددى كىچىك بالىغا، قىز بولسا مىھرىبان ئاپىغا ئوخشايتتى. قەلبىمدىكى نۇرغۇن سۇئاللار جاۋابسىز قالدى. ئۆيگە كەلگەن مىھماندىن ئارتۇقچە ئۇنى-بۇنى سوراۋىرىش ئەدەبسىزلىك بولاتتى. مىھمان ئۆزى خالاپ سۆزلەپ بەرسىغۇ بىر گەپ.بىراق پەمىمچە بۇ مىھمان ماڭا بۇ چىگىش تېپىشماقتەك  نىكاھ ۋە سىرلىق ئىككى ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كەچمىشلەرنى سۆزلەپ بېرىدىغاندەك قىلمايتتى. بەلكىم بۇرۇنقى ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك كەچۈرمىشلەرنى بۇ چىرايلىق ،ياش ئايالىنىڭ يېنىدا سۆزلەش مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك. بىراق.ئۇنداق بولسا ئەجەپ بۇ قىزچاقنى ئەگەشتۈرگەن ھالدا بۇرۇنقى ئايالىنىڭ قەبرىسىنى كۆپ يوقلايدۇ. تېخى ئۇلارنىڭ قەبرىستانلىقتىن قايىتقان ۋاقىتلىرى ھالى شۇ قەدەر خاراب،يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرى،ئاچچىق دەرد-پىراق،نادامەتتىن سۇلغان يۈزلىرىچۇ؟؟ بۇ كىشىلا ئەمەس بەلكى ماۋۇ كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەدددەس بۇرچىدەك بىلىپ ئۇ كىشىنىڭ ئىما-ئىشارەت،قاتتىق تىنىشلىرىدىنمۇ نىمە دىمەكچىلىكىنى بىلىپ تۇرۇدىغان  قىزچاقمۇ كۆزلىرى ياشلانغان،سۆيۈملۈك كىشىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھالەتتە قايتىدۇ.بۇ زادى نىمە ئۈچۈندۇ؟؟
مەن بىر پاتمان سۇئاللارنى قۇچاقلىغان ھالدا ئۇ كىشىدىن قايتا يەنە كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا  ۋەدە ئېلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدۇم.


ئاخىرى يېزىلىۋاتىدۇ..

gvzal3.8 2010-12-13 20:49
بولسىلا ئادىشىم، ئاخىرىنى تېزراق يېزىپ، جىق-جىق يوللىسىلا ماندا، تىقىۋېلىپ كۈندە ئازراقتىن يوللاپ ئادەم گوللىماي!

ayding 2010-12-14 14:47
يەنە بىر نادىر ئەسىرىڭىزنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغىنىمدىن خۇشالمەن ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي ، داۋامىغا تەشنامەن ...

guldar 2010-12-14 17:31
مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ لالە ۋە خەنداننى ئەسلەپ قالدىم، كەرىمە نادىرنىڭ ئۇ ئەسىرىنىڭ ئىسمى <<ئۆكسۈش >> مىتى ؟
بەك گۈزەل چىقىپتۇ. بەرگىيەنىڭ تىلىغا بەك قايىلمەن.

bargiya 2010-12-15 17:02
ئادەمنىڭ بالىلىق چاغلىرى نەقەدەر ياخشى ھە؟؟ھەممىلا ئادەم سىزگە كۆيۈنۈپ سىز ئۈچۈنلا ياشاۋاتقاندەك..خالىغان نەرسىلىرىڭىزنى ئۇششۇقلۇق قىلىپ تىپچەكلەپ يىغلاپ تۇرۇۋىلىشىڭىز بىلەن ئامالسىز تەييار قىلىپ بېرىۋاتقان ،باشقىلار ئاساسەن سىزنىڭ چىھرىڭىزدىن كۈلكە كۆرۈشنى خالايدۇكى ھەرگىزمۇ خاپىلىق، يىغا كۆرۈشنى خالىمايدۇ.چوڭلارنىڭ ئاسرىشى،ھىمايىسىدە مەڭگۈ ياشىغان بولساق قانداق ياخشى بولاتتى؟؟
مۇشۇنداق ساراڭلارچە خىياللارنى قىلىپ مەڭگۈ ئاتا-ئانامنىڭ ھىمايىسىدە پەپىلىنىپ قۇچىقىدىكى كىچىك،سەبى بالا بولۇپ ئۆتۈشنى تامشىپ ياشاۋاتقىنىمغا قانچە ئۇزۇن بولغاندۇ؟؟ئانچىكى بىر ئىشلارغىمۇ ئاھ ئۇرۇدىغان ھاياجانلىق ھېسلاردا بېشىمغا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىقلارنى ھە دىسىلا ئاتا-ئانامغا تۆكۈپ ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى يەپ ئۆتۈپتىمەن. راست گەپ قىلسام ئۇنىڭدىن ھەقىقى ئايرىلىپ ئۆينى ئۇ ئىككىسىگە ئوڭچە تاشلاپ بېرىپ ئاتا-ئانامنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك سەكپارە ئىكەنلىكىنى،بېقىپ چوڭ قىلىپ.تويۇمنى قىلغان تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا مېنىڭ ئەندىشەمدىن قۇتۇلالماي،غېمىمنى يەپ ئۆتكەنلىكىنى شۇ تۈپەيلى ئاپامنىڭ كېچە-كېچىلەردە ئۇيقۇدىن ئۇيغۇنۇپ بۇقۇلداپ يىغلايدىغانلىقىنى،دادامنىڭ ھارغىن ئۇھ تارتىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئوغىرلىقچە كۆرۈپ قالغىنىمدىن كېيىنلا سىلكىنىپ تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ تېخىچىلا  بالىلىق ھېسلاردىن قۇتۇلمىغانلىقىمنى،ياشانغان ئاتا-ئانامغا يەنىلا بالىلىق ئەركىلەش بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكىمنى ئۇلارغا تۆككەن دەرتلىرىم تۈپەيلى ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى يەپ كېلىۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىپ يەتتىم. شۇندىلا بىردىنلا ئەقىل تولغاندەك،چوڭ بولغاندەك بولۇپ پەرىشان ھالىتىمنى ئامالنىڭ بارىچە ئۇلاردىن يۇشۇرىدىغان،كۆڭلۈم ئەسلىمە تۈپەيلى پەريات چەككەن دەملەردە جىم-جىتلا ئۆيدىن ئايرىلىپ مۇڭدىشىم بولمىش تەنھا ئاشۇ يالغۇز ئاياغ يولغا بېرىپ سائەت-سائەتلەپ ئۆزۈم-بىلەن ئۆزۈم مۇنازىرىلىشىپ،سوقۇشۇپ،قىيدىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى پەرىشانلىق تۇيغۇلارنى قوغلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆيگە غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ ئۆزۈمنى ئاتا-ئانا باغرىدىكى غەمسىز بالا كەبى بەختىيار كۆرسىتىپ ئۆيگە كىرىپ كېلىدىغان بولدۇم. بايقىشىمچە شۇندىن بېرى ئاپام-داداملارنىڭ يۈرىكى ئىزىغا چۈشۈپ ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەنلا چىرايىمغا كۆز تاشلىشىپ كەيپىياتىمغا دىققەت قىلىدىغان ئەنسىزچىلىكىمۇ خېلى بېسىلىپ قالدى.
بۈگۈنمۇ ناخۇش بولۇپ قالدىم، زىيارەت ئوبىكتى بولمىش قۇدرەت دىگەن ياش كارخانىچى بەك،بەكلا ئۇنىڭغا ئوخشايتتى. دەسلەپتە دېرىكتۇر ئىشخانىسىغا كىرىپ  ئۇنى كۆرگىنىمدە تاسلا قالدىن ئارقامغا بۇرۇلۇپ يۈگرەپ چىقىپ كەتكىلى.دۇنيادا مۇنداقمۇ ئوخشىشىدىغان كىشىلەر بولىدىكەن دىسە..
كىرىپلا  كەيپىياتىمنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى بەلكىم  ئۇ بالىنىمۇ ھەيران قالدۇرغاندۇ،ئىشقىلىپ قولاشمىغان ھالەتتە  باشلانغان سۆھبەت بولسا ئۇ بالىنىڭ ئۇنىڭدىن پەرىقلىنىپ تۇرۇدىغان سالماق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان قىياپىتى،گەپ-سۆزلىرى بىلەن تېزلا ئوڭشىلىپ ئىزىغا چۈشۈپ  غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. يېنىك تىنىپ زىيارەتنى تۈگەتكەن بولساممۇ بىراق قۇدرەتنى كۆرۈش بىلەن كۆز ئالدىمدا ئەلەڭلىگەن ئۇنىڭ يۈرىكىمگە چوڭقۇر ئىز سالغان ئەسلىمىلىرى ئارىسىدا مىجىلغان گەۋدەمنى سۆرەپ كېتىپ باراتتىم."پەزىلەت،يائاللا ئاداش بارمۇسەن؟"دىگەن ئاۋاز بىلەن  توختاشقا مەجبۇر بولدۇم.ئالدىمدا رەنجىگەن چىراي ئىپادىسىدە ئاينۇر تۇراتتى.
_بار، ياخشى تۇرامسەن؟؟
-ۋاي ئاللا شۇنداقمۇ كەم دىدار بولىدىكەنسەن ھە..ئىزدىمىسەم مېنى ئىزلەپمۇ قويماي؟؟
_ئامال يوق بىز سەھرادا بولغاندىكىن شۇ شەھەرگە كامدىن-كام كىرىپ قالىمىز مۇشۇنداق_چاقچاق تەرىقىسىدە كۆزۈمنى قىسىپ قويۇپ بۇ گەپلەرنى دىيىشىم بىلەن ئۇ چۇڭۇلداپلا كەتتى.
_ۋاي-ۋۇي،دەۋاتقان گېپىنى ،داداڭمۇ نەدىكى بىر خىياللارغا ئامراق ئادەمكەن دىسە..ھەممە خەق ياشانغاندا شەھەرگە كۆچۈپ كىرىپ جېنىنىڭ راھىتىنى ئىزلەيدۇ داداڭ بولسا ئەكسىنچە يىراق بىر يەرگە بېرىۋىلىپ تېخى بىنادىكى ھەممە قولايلىقتىن قول ئۈزۈپ بىچارە ئاپاڭنىمۇ ئويلاپ قويماستىن..سەنمۇ موككىدا ئۇلار بىلەن كېتىۋېلىپ مانا بىزدەك جان-جىگەر دوسىتلىرىڭنىمۇ بىرەر قېتىم ئىزلەپمۇ قويمايسەن،_ئۇنىڭ توختىماي سۆزلەپ كېتىشلىرىگە قاراپ گەرچە دادامنىڭ گۈزەل خىياللىرىنىڭ ئەكسىنچە دىگەن گەپلىرىگە قارشى بولساممۇ بىراق ھەممىسى ماڭا بولغان دوستلىق مىھرى،سېغىنىشىدىن دىيىلىۋاتقان گەپلەر دەپ ئويلىدىم-دە،قوللىرىمنى كەڭ ئېچىپ ئۇنىڭ مۈرىسىدىن قۇچاقلاپ بېشىمنى ئىگىپ لېۋىمنى يۈزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ تۇرۇپ:
_چۇڭۇلدىما بولدى قۇشقىچىم،مەن ئەيىبلىك.شۇ،شۇ..ئەمدى شۇ..ئاخىرى يەنە شۇ..._دەپ كۈلدۈم.
_ماڭە ساراڭ،ئەسكى،_ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان بېشىمنى ئىتتىرىۋىتىپ كۈلۈۋەتتى:
_ساراڭ،بىر دەمدە ئېرىتىۋالىسەن ئادەمنى.
_جۈرە ،گۈناھىم ئۈچۈن سېنى مىھمان قىلاي!!
_ۋا..نىمدا ياخشى ئەمىسە مېنى "يېڭى دەۋىر مارۇژنىسى "بىلەن مىھمان قىلىسەن ھە؟!
_بولۇدۇ،چاتاق يوق.
_ۋا..ئەجەپ ياخشى ئەمىسە بۈگۈن نەچچە قاچا يەيمەن ئۇ قىممەت مارۇژنىدىن،_ئۇ كىچىك بالىدەك ئورنىدا سەكرەپ پىرقىرىۋەتتى،-دە ئالدىمغا چۈشۈپ مېڭىشقا باشلىدى.
ئاينۇر كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇم ئىدى.بىر مەكتەپتە ئوقۇپ  كىچىكىمىزدىن ئىچ سىرىمىزنى دىيىشىپ بەك يېقىن ئۆتكەن ئىدۇق .ئالىي مەكتەپتە گەرچە مەكتەپلىرىمىز باشقا-باشقا بولسىمۇ ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك بىر-بىرىمىزنىڭ قېشىغا بېرىپ قونۇپ ئىچ-سىرىمىزنى تۆكۈشۈپ ئۆتكەن . سۇباتنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدا ئاينۇرمۇ مەن بىلەن تەڭ خۇشاللانغان.تويىمىزدا قولداش بولۇپ چىن يۈرىكىدىن بەخىت تىلىگەن.كېيىن سۇباتنىڭ  سىرتتا ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن گېپىنى ئاڭلاپ قالغاندا "ئېرىڭنى چىڭ تۇت!"دەپ بىرىنجى بولۇپ مېنى ئاگاھلاندۇرغان،مەن سۇباتنى نەق مەيداندا شۇ قىز بىلەن ئۇچراتقان ۋاقتىمدا ئارقامغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىپ ئۇدۇل ئاينۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا تاشلىنىپ ئىچىم چىققۇچە يىغلىغان.ئۇمۇ مەن بىلەن تەڭ ياش تۆكۈپ تۇرۇپ ماڭا تەسەللى بەرگەن،قىزىققان بولماسلىقىمنى ، سۇبات بىلەن سۇغۇققانلىق بىلەن سۆزلىشىپ ئامال بار ئائىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشنى،شۇنچە ئەجىر بىلەن قۇرۇپ چىققان ئائىلىنى مۇشۇنداقلا بىراۋلارغا تاشلاپ بەرمەسلىكنى ئېيتىپ نەسىھەت قىلغان ئىدى. بىراق مەن شۇ سەسكىنىپ كەتكىنىمچە ئۆزۈمنىڭ يۈرىكىمدىكى مۇھەببەت ئۇلىغا كەتكەن دەزنى ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ دەپ چىڭ تۇرۇپ ئاخىرى سۇبات بىلەن ئاجراشقان ئىدىم.بۇرۇنقى كۈنلەر،شېرىن مۇھەببەت مۇشۇنداق توزۇپ كېتىپ مانا ھازىر سۇلغان مۇھەببەت دەرىخىنىڭ ساپ-سېرىق خازانلىرىنى دەسسەپ كېتىپ بارغان نىمجان ئايال مەن يېقىن دوستۇم بولمىش ئاينۇر بىلەنمۇ كەمدىن-كەم ئالاقىلىشىپ ئاشۇ خىلۋەت مەھەللەمدىكى ئاشۇ چىغىر يولنى دەرتلىك كۆڭلۈمگە ئەڭ يېقىن ئەمەك قىلىۋالغان ئىدىم.
كۆڭلۈمگە كەچكەن ئازابلىق خىياللارنىڭ شولىسى دەرھال چىھرىمگە بۇلۇت يايغان بولسا كېرەك ئاينۇر ھوزۇر بىلەن ئالدىدىكى قاچىدىكى مارۇژنىنى يەۋىتىپ جىمىپ كەتكەن ماڭا قاراپ سورىدى:
_سۇلغۇن كۆرۈنۈسەن جېنىم..ھەممىنى كەينىڭگە تاشلىۋەت!!ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ پاتراق توي قىلىپ ھېلىقى ئالۋاستىنى ئېلىشىنى بەكرەك خالايمەن دىگەنىدىڭ،ئەمدى نىمانچە...ھەي..ھامان شۇنداق بولاتتى.ئۇلارنىڭ توي قىلىشى ھامان بولۇدىغان رىئاللىققۇ..
_نىمە دەۋاتىسەن؟_يۈرىكىم نامەلۇم بىر شۇمخەۋەردىن دۇپۇلدەپ سوقۇپ كەتتى.
_خۇپسەنلىك قىلما!چىرايىڭدىكى سارغىيىش سەۋەبسىز ئەمەسقۇ..بۈگۈن بارامدۇق يا تويغا تازا ياسىنىشىپ،_ئۇ كۆزلىرىنى قىسىپ قويۇپ چاقچاق قىلىۋاتقاندەك شۇنداق دىدى.
_كىم توي قىلىدىكەن؟بۈگۈن كىمنىڭ تويىكەن ئاينۇر،مەن راستىنلا بىلمىدىم.
_بۈگۈن سۇباتنىڭ تويىكەنغۇ..نىمە سەن راست بىلمەمسەن؟
قېتىپلا قالدىم،چۇڭۇلداپ سۆزلەۋاتقان ئاينۇر،بىر جۇپ ئەتىرگۈل سېلىنغان نازۇك لوڭقا قويۇلغان دۈگىلەك ئۈستەل،ئۈستەل ئۈستىدىكى مارۇژنى ۋە لازىمەتلىك بۇيۇملار ھەممىسى ئوڭتەي-توڭتەي بولۇپ كەتتى.كاللام پىرقىراۋاتامدۇ مەنمۇ..كۆز ئالدىمغا قېلىن بىر قەۋەت تارتىلغان پەردە  لەۋلىرىمگە قىرتاق بىر سۇيۇقلۇقنى تېمىتىۋاتاتتى..قۇلاق تۈۋىمدە ئاينۇرنىڭ"پەزىلەت،پەزىلەت..نىمە بولدۇڭ..ھەي.."دىگەن ئاۋازى سۇس ئاڭلىنىپ قالدى.قانداقلارچە چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەيمەن.پەقەت "ئۇ توي قىلىدۇ..بۈگۈن ئۇ توي قىلىدۇ.."دىگەن پەرياد مىڭەمنى قاماللاپ ئالغان ئىدى.يۈگرەۋاتىمەن،يۈگرەۋاتىمەن،غۇيۇلدىشىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلار،ھەيرانلىقىتىن چەكچەيگەن كۆزلەر،"ھوي..ھوي.."دەپ بىكار تەلەتلەرنىڭ ئىسقىرىتقان ئاۋازى...ھەممىنى ئارقامغا تاشلىۋەتتىم. نىمىشقا بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيمەن. مەن ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەم ئىدىم.شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ تويىنى ئاڭلاپلا بۇ قەدەر سەۋدايىلارچە ساراڭلىشىپ كېتىدىغانلىقىم ئۆزۈمنىڭمۇ ئەقلىگە سىغمايتتى.پەقەت يۈرىكىمنىڭ چىدىغۇسىز بىر خىل سىقىلىش بىلەن كاللامنىڭ پارتىلاپ كېتىدىغاندەك چىڭقىلىشىنىلا ھېس قىلالايتتىم.مۇشۇ يۈگرەش بىلەن  ۋاپاسىز دۇنيادىن،ۋاپاسىز سۇباتتىن قەدەممۇ-قەدەم يىراقلىشىپ كېتەلەيدىغاندەك،ئۇنىڭ شۇ كەمگىچە يۈرىكىمدىن چىقماي كەلگەن قالدۇرغان ئەستىلىكلىرىدىن قۇتۇلىدىغاندەك بىر سېزىم گاراڭلىققا تولغان قەدەملىرىمگە كۈچ ئاتا قىلىۋاتاتتى.
ئايرۇدرۇم تەرەپكە سوزۇلغان يولغا يېتىپ كەلگىنىمدىلا دېمىم كېسىلىپ پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى. كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ مېدىرلىغۇدەك ماجالىم قالماي مېنى يانداپلا  سۈرئىتىنى ئاستىلاتقان ماشىنىغا قولۇمنى كۆتۈردۈم-دە توختىشى بىلەن ئارقا ئىشىكنى ئېچىپ ئۆزۈمنى ئاتتىم.نەگە بارىدىغانلىقىمنىمۇ دىمەي كۆزۈمنى يۇمۇپ ئولتۇرغىنىمدا:
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەزىلەت؟_دىگەن تۇنۇش ئاۋاز مېنى چۆچۈتۈپ ئىتتىك كۆزۈمنى ئاچتىم.
ئاخىرى يوللىنىۋاتىدۇ..

bargiya 2010-12-15 18:38
ماشىنا ئورنىدىن قوزغالماپتۇ. پەقەت مېنىڭ كىچىككىنە ئەسلىمگە كېلىۋىلىشىمنى ساقلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى. ئالدىدىكى ئورۇندۇقتىن كەينىگە قايرىلىپ تۇرغان  تونۇش ئىككى جۇپ كۆز مېنى سەگىتتى.
_بۇ،بۇ قانداق بولغىنى؟مەن قانداقلارچە سىلەرنىڭ ماشىناڭلارغا؟_مەن گاڭگىرىغىنىمچە ئەزىمەت ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ گۈزەل خانىمىغا قاراپ كېكەچلىدىم.
_سىزگە بېرەر دىل ئازارلىق يەتمىگەندۇ؟
قانسىز لەۋلىرى ئارىسىدىن ھەممە نىمىنى ئاۋايلىغاندەك سۆز چىقىرىدىغان ئەزىمەت ئەپەندىم سىلىق ھالەتتە سورىدى.
ئۇنىڭ سۇئالى بىلەن تەڭلا تېخىچە تولۇق ئەسلىگە قايتمىغان سەۋدايى ھېسلىرىم مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى-دە،ئۆزۈمنى تۇتۇۋالمىغان ھالدا "پاڭڭىدە"يىغلاپ تاشلىدىم. ماشىنىنىڭ يېنىك قوزغالغانلىقىنى ئىككىسىنىڭ تۈرىك تىلىدا نىمىلەرنىدۇر دىيىشكىنىنى ئىلغا قىلدىم. بىراق يىغامنى توختىتالمايىتتىم. ئەزىزە  ماڭا  ئاپئاق قولياغلىقىنى سۇندى.قولياغلىققا ياشلىرىمنى ئېيتسام-ئېيتسام يەنىلا لەنىتى كۆزلىرىمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مونچاقلار توختىماي چۈشۈۋاتاتتى. بەلكىم كۆز ياشلارمۇ مۇشۇنداق بىر ئۆكسۈپ،ھېقىقىداپ يىغلاش بەدىلىگە ئىگىسىگە ئاراملىق نېسىپ بولىدىغانلىقىنى بىلسە كېرەك.تېنىڭدە تۇرۇپ سېنى ئازاپلىغاندىن قارچۇقۇڭدىن دۇمىلاپ چۈشۈپ پارغا ئايلىنىپ كېتىش ئەلا دىگەندەك ھېچ تۈگەي دىمەيتتى. ماشىنا توختىدى. شۇندىلا ياش بىلەن جۇپلەشكەن كىرپىكلىرىمنى قېقىپ تۇرۇپ كۆزلىرىمنى يوغان ئاچتىم. يېڭى ھايات يولى تەرەپتىكى "بەخىت ئائىلىلىكلەر قوراسى"ئىچىگە كىرىپ كۆكۈچ سرلانغان بىنا ئالدىدا توختىغان ماشىنىدىن ئاۋال ئەزىزە  چۈشۈپ ماشىنا  كەينىدىن ئەپچىلگىنە قاتلانغان چاقلىق ئورۇندۇقنى ئالدى -دە، ئەزىمەت ئەپەندىمنى يۆلەپ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن چۈشۈرۈپ ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇۋالدى.ئاندىن ماشىنا  كەينى ئىشىكىنى ئېچىپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى:
_قېنى ئەزىز مىھمان،ئۆيگە مەرھەمەت!!
_مەن..بۇ..،_تېڭىرقاپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ چاقلىق ھارۋىسىنى سىلىق ماڭغۇزغىنىچە ئەزىمەت ئەپەندىم كەلدى:
_مەرھابا قەدەملىرىڭىزگە سىڭلىم!!بوسۇغا تۈۋىگە كېلىپ تۇرۇپ قايتىپ كەتمەيدىغانسىز ھە؟؟ئۇنداق قىلسىڭىز مەن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.
مەن  نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئاستاغىنە ماشىنىدىن چۈشتۈم.
بىرىنجى قەۋەت ئوڭ تەرەپكە جايلاشقان ئۆيگە كىرىپ سىنچى كۆزلىرىم بىلەن ئەزىزەنىڭ ئەزىمەت ئەپەندىمنى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇندۇقتىن  چۈشۈرۈپ يۆلەپ سافاغا ئولتۇرغۇزۇشلىرىغا قاراپ ئولتۇرۇمەن. ئۆي 120 كۇۋادرات مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ نەپىس بېزەلگەن، كەڭرى مىھمانخانىسىغا ئايلاندۇرۇپ سافا قويۇلۇپ ئوتتۇرىغا پاكارغىنە كەلگەن پارلانما ئۈستەل قويۇلغان .ئۈستەل ئۈستىدە خىرۇستال قاچا،فار-فۇر قاچىلاردا خىلمۇ-خىل يەل-يىمىش،نازۇ-نىمەتلەر تىزىپ قويۇلغان ئىكەن.
_چاي ئىچەمسىز قەھۋەمۇ؟-ئەزىزە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سورىدى مەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ قوللىرىمنى يۇيۇپ چىققاندىن كېيىن.
_چاي ئىچەي!!
_مەنمۇ شۇ چاي ئىچىمەن،_ئەزىمەت ئەپەندىم مېنىڭ كەينىمدىنلا شۇنداق دىدى-دە، مېنى ئۈستەلگە يېقىنراق ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.ئەزىزە يېنىك ھەركەتلەر بىلەن بىزگە خۇشپۇراق ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرغان چاينى قۇيۇپ  نازۇ-نىمەتلەرگە تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكىنى يېپىپ كىرىپ كەتتى.
خېلىغىچە ئۈندىمەي ئولتۇردۇق. خۇددى ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ دوختۇرخانا ئالدىدىكى كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان  ياشلار ئېختىيارسىز مېنى قىزىقتۇرغىنىغا ئوخشاش مېنىڭ ساراڭلاردەك چاچلىرىم چۇۋۇلغان ھالدا يولدا يۈگرەپ كېتىپ بارغان ھالىتىم ۋە ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئۇلارنى كۆرۈپلا دەرت تۆكۈدىغان يەر تاپقاندەك ئۈن سېلىپ يىغلىشىم بۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقاندەك قىلاتتى.
_سىڭلىم، ھايات دىگەن ئەگىر-توقايلىققا تولغان بولۇدىكەن.كۈلگەنلەر ئۆمۈر بويى كۈلۈپلا ئۆتمەيدىكەن،شۇنىڭدەك يىغلىغانلارمۇ ئۆمۈر بويى يىغلاپلا ئۆتمەيدۇ. بېشىڭىزغا قانداق ئىش كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر بەردەم بولۇڭ،ئۈمىدلىك بولۇڭ. ھەر ۋاقىت ئۈمىد سىزگە ھەمرا بولۇدىكەن ئاللا بۇ دۇنيادىكى يېقىن كىشىلىرىگە سالىدىغان سىناقلاردىن ئۆتۈپ كېتەلەيسىز.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يەنە كۆزلىرىم ياشقا تولدى. ئىرادىسىزلىكىمدىن نۇمۇس قىلغان ھالدا چاندۇرماي ياشلىرىمنى سۈرتۈۋىتىپ بېشىمىنى كۆتۈرۈپ قارىدىم. ھەر بىر ھەركىتىم كۆزىنى مەندىن ئۈزمەي ئولتۇرغان بۇ كىشىنىڭ نەزىرىدىن قۇتۇلمىغان ئىدى. ئۇ ماڭا قەغەز قۇتىسىدىن قەغەز ئېلىپ سۇنغاچ ھەسرەتلىك ھالدا ئۇھ تارتىپ قويدى. دىمەك ئۈزۈلمەي تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىم ئۇنىڭمۇ قەلىب يارىسىنى تاتىلاپ ئىچىشتۇرغان ئىدى. مەن گۇناھكارلارچە بېشىمنى ئىگىپ تۇرۇپ:
_كەچۈرۈڭ،كۆڭۈل ئارامىڭىزنى بۇزۇپ قويدۇم،_دىدىم.
_ياق،سىڭلىم..بۇ بۈگۈنلا بىر دەملىكلا بۇزۇلغان كۆڭۈل ئارامى ئەمەس.. بۇ يارا مەڭگۈلۈك يۈرەكتە يىلتىز تارتىپ كەتكەن يارا.. ،_بىردىنلا ئۇنىڭ قويۇق كىرپىكلەر ئوراپ تۇرغان چوڭ كۆزلىرى ئېيتقۇسىز بىر مۇڭ بىلەن مۇڭلاندى. قانسىز لەۋلىرى تىترەپ يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلسىلا ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىۋىتىدىغاندەك ئازابلىق بىر ھالەت چىھرىنى ئىسكەنجىگە ئالدى.ئۆزۈمنىڭ ھەسرىتى بىر ياندا قېلىپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرىقى تىنماي قەلبىمدە غەۋغا سېلىۋاتقان ئۇنىڭ ئۆتمۈشىگە بولغان قىزىقىش يەنە باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
_مۇمكىن بولسا ماڭا ئۆتمۈشىڭىز،سىز گۇناھكارلارچە باش ئىگىپ يوقلايدىغان قەبرە ۋە مۇنۇ  بۇرۇنقى ئايالىڭىزنىڭ قەبرىسىگە بېرىشىڭىزنى توسۇپ قالماستىن بەلكى يەنە سىز بىلەن بىللە بېرىپ تەڭ يوقلىشىدىغان،رەشىك قىلمايدىغان،ھالىڭىزدىن خۇددى مىھرىبان قېرىنداش كەبى خەۋەر ئالىدىغان گۈزەل ئايالىڭىز توغرىلىق سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟؟
_پەزىلەت،_ئۇ كىشى  ئاڭلىشى بىلەنلا  ئۆزى سىلكىنىپ كەتكەن ئىسمىمنى تۇنجى قېتىم ئاتاپ تۇرۇپ  ماڭا قارىدى،_بۇ ئىشلارغا شۇنچە قىزىقىپ قالدىڭىزمۇ؟
_شۇنداق،سىزنى تۇنجى كۆرگەندىلا سىزنىڭ كۆزلىرىڭىزدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلار،سۇلغۇن ھالىتىڭىز شۇنداقلا دوختۇرخانىنىڭ بىناسىغا ئاجايىپ بىر ئىچكى ھاياجان بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرۇشىڭىز مەندە قىزىقىش قوزغىغان ئىدى. بىلسەم دەيمەن،مۇمكىن بولارمۇ؟
-ئەمىسە مەنمۇ شۇنى سوراي..سىزنى بۈگۈن شۇنچە يىغلاشقا مەجبۇر قىلغان،ئۆزىڭىزنى بىلمىگۈدەك،خۇدىڭىزنى يوقاتقۇدەك دەرىجىدە تەلۋىلەشتۈرۈۋەتكەن زادى قانداق ئىش ئۆزى؟؟
-ئۇ بۈگۈن توي قىلىدىكەن،_ئېختىيارسىز لەۋلىرىم ئارىسىدىن چىققان بۇ ئاسىي سۆزلەرگە لەنەت!!
_ئۇ..ئۇ دىگەن كىم؟ئۇ سىزنىڭ لايىقىڭىزمىتتى؟؟
_ئۇ بۇرۇنقى يولدىشىم،بىز ئاجرىشىپ كەتكەن.
_سىز؟؟_ئۇ ئىشەنمىگەندەك ئۈستى-بېشىمغا قاراپ كەتتى.
-ھەئە،ئۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىن تارتىپ يۈرگەن مۇھەببىتىم ئىدى. بىز توي قىلىپ بەخىتلىك ئائىلە قۇرغان. بىراق  ئۈچ يىل بولمايلا ئۇ باشقا بىر قىز بىلەن تېپىشى...،_گېپىمنىڭ ئاخىرىنى ئۈنۈم بوغۇلۇپ دىيەلمەي قالدىم.
_ئاراڭلاردا بالا يوقمىتتى؟؟
_ياق،_كۆز ياشلىرىمنى ئېيتقاچ بېشىمنى لىڭشىتتىم.نىمە ئۈچۈن بۇ كىشىگە بۇ گەپلەرنى قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ئۇقمايتتىم.گېپىمىز ئاشخانا  ئۆيدىن تاماق كۆتۈرۈپ ئەزىزەنىڭ چىقىشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ

ahu 2010-12-15 19:19
بۇ ئەسەرنى ئوقۇۋېتىپ ھىدلىمىغىلى ناھايىتىمۇ ئۇزۇن بولغان بىر تونۇش ھىدنى ھىدلىغاندەك بولدۇم،يەنى كەرىمە نادىر ئەسەرلىرى!توۋا مۇشۇ ھېسيات بىلەن ئوقۇۋاتسام،گۈلدارمۇ شۇنداق دەپتۇ.
ھېس قىلىشلىرىمىز ئوخشاپ قاپتۇ.

bargiya 2010-12-16 11:55
_مىھماننىڭ كۆڭلى نىمىگە تارتىدۇ دەپ سورىمايلا ئۆزۈم بىلىپ تەيارلاۋەردىم،-دەپ ئاچچىقسۇ ،مۇچ قىيامى،كىچىك قونچا تەخسىلەرنى تىزىپ كەينىدىن بىر تاۋاق تۈگرە كۆتىرىپ ئەكەلگەن ئەزىزە دەممۇ-دەم ئەزىمەت ئەپەندىمگە قاراپ قوياتتى.
_ياخشى بوپتۇ ئەزىزىم،بۇ ئەڭ سىڭىشلىق تاماق ئۆزى،بىلمىدىم مىھمان قىزنىڭ كۆڭلى خۇش بولامدۇ يوق؟؟
_بەك ئاۋارە بوپسىز،مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن بۇ تاماقنى،_ئىمكانىمنىڭ بارىچە مەنمۇ ئۇلارنى دوراپ سىپايە سۆزلەردىن تاللاپ ئىشلەتكەن ھالدا شۇنداق دىدىم .
ئارتۇقچە گەپ-سۆز تەكەللۇپلارسىز تاماق يىيىلدى. تاماقتىن كېيىن قول يۇيۇپ ئۈستەلگە قايتا ئولتۇرغاندىلا ئەمدى كېتەي دەپ قوزغالدىم.
_شۇنچە ئالدىراشمۇسىز پەزىلەت،تۇنۇشتۇق،دوست بولۇپمۇ قالدۇق.تارتىنىش بىھاجەتقۇ ئاخىر!
_ھېلىمۇ شۇنچە ئۇزۇن ئولتۇردۇم. بىئارام كۆڭلۈممۇ سىلەرنىڭ خۇش پاراڭلىرىڭلار بىلەن ئەسلىگە كېلىپ قالدى،_دىدىم گەرچە ھازىر كېتىشنى خالىمىساممۇ،يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ كۆڭلۈمدە يېشىلمەيۋاتقان سىرلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى بىلىشكە ئىنتىلىپ تۇرساممۇ ئەزىزەنىڭ پات-پات«كۆپ سۆزلەپ كەتتىڭىز،چارچاپ قالماڭ ئۆزى»دەپ ئەسكەرتىشلىرىگە قاراپ يەنە " دورىڭىزنى ئىچىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قاپتۇ" دىيىشىگە قاراپ بۇ كىشىنىڭ تاتىراڭغۇ رەڭگى،قانسىز لەۋلىرى ئىسپاتلاپ تۇرغىنىدەك قانداقتۇر كېسىلى بارلىقىنى،قاتتىق چارچاپ كېتىشىگە ،ھاياجانلىنىپ كېتىشىگە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.
_ياقەي،بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى سىز بىلەن مۇڭداشقاندەك بىراۋ بىلەن مۇڭدىشىپ كەتمىگەن ئىدىم. گەرچە ئۇرۇق-تۇققانلار بولسىمۇ بىراق كېلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ قويغاندىن باشقا ئاساسەن مىھماندارچىلىقلىرىدىن ئۆزۈمنى تارتىپ كەلدىم. ۋاقىتمۇ مېنىڭ ئېختىيارىمغا بويسۇنمىدى.بىر دەمدىلا كەلگىنىمىزگىمۇ 3 ئايدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇ يەردە بىر نەچچە كۈن بولۇمىز.ئاپامنىڭ تاپشۇرغان تاپشۇرۇقلىرىنىڭ بىرسىنىمۇ ئورۇنلىمىدۇق. كەلگەندە ئۈرۈمچىدە توختىماي ئۇدۇللا غۇلجىغا چۈشكىنىمىزگە ئاپام ھېلىغىچە رەنجىپ تېلېفۇن ئۇرۇۋاتىدۇ.ئۈرۈمچىدە ئاپامنىڭ بىر تۇققان ھەدىسى بار ئەمەسمۇ، شۇنداقمۇ ئەزىزە؟؟
ئەزىزە شۇنداق دىگەندەك بېشىنى لېڭشىتتى.
_يەنە 3 كۈندىن كېيىن بۇ يەردىن ئايرىلىمىز سىڭلىم،
_نىمە؟
مەن خۇددى بۇ ئايرىلىش بىلەن قانداقتۇر نىمەمنى يوقۇتۇپ قويىدىغاندەك بولۇپ چۆچۈپ كەتتىم.
_شۇنداق  ۋاقتىمىزمۇ توشۇپ قالدى.
_سىز،سىز راستىنلا كېتەمسىز؟_كېكەچلىگىنىمچە قايتىلاپ سورىدىم.
_ھەئە،-ئۇنىڭ بايىلا كۈلكە بىلەن نۇرلىنىپ تۇرغان كۆزلىرى ئېيتقۇسىز بىر ئازابتىن مۇڭلاندى-يەنە كېلەلەيمەنمۇ يوق،سالامەتلىكىم يار بېرەمدۇ يوق بۇنىسى ئېنىق ئەمەس،ئاتا-ئاناممۇ ياشىنىپ قالدى. تەغدىر بولسا كېرەك.بىز تۈركىيەگە ماكانلىشىپ قالدۇق.ھەممىسى ئاپامنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولدى.ئاپامنىڭ ئاپىسىمۇ تۈركىيەدە جان ئۈزگەن ، قەبرىسى ھېلىمۇ شۇ يەردە ئاپامنىڭ  مومامنىڭ يېنىدا ياتقۇسى باركەن.
-بىراق سىز؟-نىمىلەرنى سورايدىغىنىم، نىمىلەرگە قىزىقىپ قالغىنىم ئەزىزەگىمۇ ئېنىق بولغان بولسا كېرەك،ئۇ ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ماڭا "گەپ قىلماڭ"دىگەن تەرىزدە كۆز ئىشارىتى قىلدى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەقەت مۇشۇ كىشىنى كۈتۈشكىلا يارالغاندەك سادىق بۇ قىز شۇ تاپ ئارتۇقچە ھاياجان ۋە ئەسلىمىلەر تۈپەيلى يولدۇشىنىڭ ھاياجانلىنىشىنى تەن سالامەتلىكىنىڭ كۆتۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
_ماشىنا ھەيدىيەلەمسىز؟؟،_ئەزىمەت ئەپەندىم تۇيۇقسىزلا سورىدى.
_ھەئە، بىر نەچچە يىللىق ماشىنا ھەيدەش تەجرىبىسىگە ئىگە كونا شوپۇرمەن،_ماختانغان ھالدا  شۇنداق دىدىم.
_ئەمىسە ياخشى،ئەتە ماڭا ئازراق ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتالامسىزكىن سىڭىل؟؟
_قايسى ۋاقىتتا؟
_ئامال بار ئەتىگەنرەك بولسۇن،قانداق دىدىم..ئەتە ئەزىزەنىڭ مۇھىم ئىشلىرى بار پۈتتۈرىدىغان.شۇڭا سىز ماڭا ھەمرا بولۇپ مېنى ئۇنى يوقلاشقا بىللە ئاپىرىڭ بولامدۇ؟؟
_بولۇدۇ،بولۇدۇ،-مەن بۇ گەپتىن بەكلا خۇش بولۇپ ئۇ كىشىنى گېپىدىن يېنىۋالمىسۇن دىگەندەك ئالدىراش ماقۇللىدىم،_ئەتە ئىدارىدىمۇ باشقا ئىشىم يوق ،ئەمىسە مەن قانچىلەردە كېلەي؟؟
-سائەت 8.30 بىلەنلا كەلسىڭىز،سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.ئۆزرىلىكمەن.
_ياق،ياق،ھەرگىز ئۇنداق دىمەڭ!!سىز ئۈچۈن ئۇنچىلىك ئىش قىلىشىممۇ دوستلىقىمىزنىڭ يالدامىسى بولۇپ قالسۇن!!
ئەزىزە ئۈنچىدەك چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بېشىنى سەل ئىگىپ قولىنى كۆكسىگە قويدى-دە:
-ئاللا ئاتا قىلغان دوستلىققا رەھمەت پەزىلەت خانىم!!،_دىدى .
ئۆيگە يىغلاپ كىرگەن بولسام ئەندىلىكتە خۇشال ئۇزاپ چىقتىم. باياقى سۇباتنىڭ تويى سەۋەبلىك يۈرىكىمنى قاماللاپ ئالغان ھېجران ،ھەسرەت ئازابلىرى دەماللىق مۇنۇ تۈركىيەدىن كەلگەن سىرلىق،ياش ئەر-ئايالنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان كەسپىي خۇمارىمدىن چىقىرىش ھوزۇرى بىلەن قەلبىمدىن دەماللىق بولسىمۇ قوغلانغان ئىدى.
ئۆيگە قايتىپ كېلىپ توكى قالمىغان تېلېفۇنۇمنى توككا چېتىپ قويۇپ ئېچىشىم بىلەن ۋاھ بايادىن تېلېفۇنۇمدا توك يوق ئۇرۇلغان تېلېفۇن ۋە يېزىلغان ئۇچۇرلار پاراتتا تۇرغان ئەسكەرلەردەك تىزىلىشقا باشلىدى. ھەممىسى دىگۈدەك ئاينۇردىن كەلگەن تېلېفۇن ۋە ئۇچۇرلاركەن.ئۇ مېنىڭ يىغلىغىنىمچە ساراڭلاردەك يۈگرەپ چىقىپ كەتكىنىمدىن ھودۇققان پېتى كەينىمدىن چىقىپ مېنى تاپالماي قاپتۇ. سەۋەبى ئۇ كەينىمدىن ئىز بېسىپلا چىقاي دىسە مەن تېخى مارۇژنىنىڭ پۇلىنى تۆلىمىگەچ مارۇژنىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ئاندىن چىقىشىغا توغرا كەپتۇ.ئارقىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرمەيلا ئۇنىڭ مېنى تىللاپ يازغان بۇ ئۇچۇرىدىن ئېختىيارسىز كۈلكەم قىستاپ كەتتى. بىرمۇ-بىر ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازاي دەپ تۇراتتىم،ئاھ..يۈرەكنى پارە-پارە قىلىۋەتكۈچى  بىر نومۇردىن ئۇچۇر كەلدى:«پەزىلەت،ماڭىمۇ قىلدىڭ،ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ،ئېسىت!!.سۇبات»


داۋامى يوللىنىۋاتىدۇ

lukqak 2010-12-17 08:36
ئىككى پەزىلەت،ئەزىزە ھەمدە ئەزىمەت شۇنداقلا  سۇبات يەنە ئالدىمىزدا پەيدا بولۇش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇنلىغان پىرسوناژلار بۇ ئەسەرگە تېخىمۇ بېشىمچىلاپ كىرىپ كىتىشىگە سەۋەب بولىشى ئېنىق ئىكەن.تور ھاياتىمدا ئەڭ ھېكايىلىرىنى قوغلاپ،ئىزلەپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان بىرىنجى ھۆرمەتلىك يازارمەن بەرگىيەنىڭ قەلەملىرىگە بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇپ ئەسىرىنىڭ داۋامىنى ساقلايمەن.شۇ تاپتا  پەرەز قىلىۋاتىمەن،ئەزىمەت ئەپەندىم خۇددى ئېغىر ساقايماس كېسەلگە دۇچار بولغاندەكلا ئەزىزە ئۇنى ھاياتىدىن ئارزۇلاپ سۆيگەچكە پۈتۈن ھاياتىنى ئۇنىڭغا ئاتىغاندەكلا...ئىشقىلىپ مەن ئەزىزەگىمۇ شۇنداقلا باشقا ناتىۋانلارغىمۇ ئۇۋال بولىشىنى خالىمايمەن،بىراق ئەسەرنىڭ ئەسلى تۇرمۇش بويىچە يېزىلىۋېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.بەرگىيە غەيرەت قىلىڭ! تەپەككۇرىڭىزنى تېخىمۇ ئەركىن قويىۋېتىڭ،ئوقۇرمەنلەر سىزگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

bargiya 2010-12-17 10:17
. تاڭ قانداق ئاتتىكىن،ئۇخلىدىممۇ ياكى ئۇخلىمىدىممۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس.ئويلىغىنىمدەك  تېتىك قوپالمىدىم.
ئاخشامقى ئۇچۇر سەۋەبلىك بۈگۈنكى ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ قېشىغا باشقىچە روھلۇق ھالەتتە بېرىش ئويلىرىمنىڭ ھەممىسى بەربات بولغان ئىدى. ئاخشام تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى يۇيۇۋەتتىم.ئۇچۇرىنىلا ئەمەس بەلكى ھەممىنى،ئۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق خاتىرىلەرنى يۇيۇۋىتىش ئىرادىسىدە ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم،ئۆتمۈشۈم بىلەن مەغرۇر تۇيغۇلىرىم،شۇ مەغرۇرلۇق ۋە جاھىللىقنىڭ تاپىنى ئاستىدا ئېزىلىپ پەرياد چېكىۋاتقان يۈرىكىمدىكى ھەقىقى ھېسلىرىم ئارا كۈرەش قىلىپ بەكلا چارچاپ كەتتىم. تاڭ ئاتقانلىقىنى دېرىزە پەردىسى ئارقىسىدىن  ئۆي ئىچىنى سۇس ئاقارتقان ،سۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان تاڭ نۇرى بىلدۈردى. پۈتۈن بەدىنىمنىڭ ئۇرۇپ-چېقىۋەتكۈدەك بولۇپ ئاغرىۋاتقانلىقىغا قارىماي زورۇقۇپ تۇرۇپ ئورنۇمدىن قوپتۇم.
_قىزىم مىجەزىڭ يوقمۇ نىمە؟_دىگەن ئاپامغا قاراپ زورىغا كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ياق ئاپا،كەچكىچە مەندىن ئەندىشە قىلىۋىرىپ ساڭا ئادەت بوپ قاپتۇ جۇمۇ،_دەپ قويۇش بىلەن كۇپايىلەندىم.بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىم بولغان بولسا بەلكى ھۆڭرەپ يىغلاپ تۇرۇپ سۇباتنىڭ ئاخشام توي قىلغانلىقىنى دىگەن ۋە يىغلاش بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرىقى «ئۇنداق ۋىجدانسىز ئەبلەختىن بالدۇرراق قول ئۈزگىنىم ئۆمرۈمدىكى بەختىم»دىگەن گەپلىرىمنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزۈمنى پەدەزلەپ تۇرۇپ دىگەن گەپلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى.ھە نىمە بولسا كۈندىن-كۈنگە ئەقىلگە توشۇۋاتقان ئوخشايمەن.
ئىدارىغا بېرىپ باشلىقتىن مىجەزىم يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ رۇخسەت سورىدىم-دە ،تۈنۈگۈنكى كېلىشكىنىمىز بويىچە ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. مەن ئۆيگە يېتىپ بارغىنىمدا ئۇ ئۆيدە يالغۇز ئىكەن.سۇس ھاۋا رەڭلىك كاستىيۇم كىيىۋالغان ئىچىگە سۈزۈك ئەترەڭ كۆينەك كىيىپ گالىستۇك تاقىۋالغان ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ ئۈستى-بېشىنىڭ شۇ قەدەر رەتلىكلىكىدىن خانىمى ئەزىزەنىڭ  ئۆيدىن چىقىش ئالدىدا بۇ كىشىنىڭ ھەممە تەيارلىقلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پۈتكۈزۈپ قويغانلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس ئىدى.بۇ كىشىنىڭ رەڭگى سۈزۈك،ئوچۇق كەلگەن كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراقلىقىمۇ بەلكىم تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل تۇرۇش جەريانىدا شۇ يەرلىكلەرنىڭ كىيىنىش ئادىتى سىڭگەنلىكىدىن بولسا كېرەك ،(بىراق بۇ ئويلىرىمنىڭ كېيىن ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم).
_مەرھابا،كەلدىڭىزمۇ سىڭلىم؟-ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېيتقۇسىز بىر مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
مەن قەھۋە ياكى چاي ھېچقانداق نەرسە ئىچمەيدىغانلىقىمنى ئېيتقاندىن كېيىن يولغا چىقىدىغانغا تەرەددۈتلەندۇق.مەن ئەزىزەنىڭ ھەركىتى بۇيىچە ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ چاقلىق ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ  بىرىنجى قەۋەتتىن سىرىتقا چىقىدىغان يەردىكى ئىككىلىك پەلەمپەيدىن ئاۋايلاپ چۈشۈردۈم-دە،سىرتقا چىقىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇنى يۆلەپ ماشىنىغا ئولتۇرغۇزدۇم.ئۇ پۈتۈنلەي ماڭالماي قالغان پالەچ ئەمەس بەلكى  ماغدۇرسىزلىقتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئەيتاۋۇر پۇتلىرى جانسىز ئىكەن.مەن ئۇنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ماشىنىنى شەھەر سىرتىغا يەنى ئۆزۈمنىڭ خىلۋەت مەھەللىسى جايلاشقان تەرەپتىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان قەبرىستانلىق تەرەپكە قاراپ ھەيدىدىم.يول بويى ئۇنىڭ جىممىدە ئولتۇرۇپ تېلىققان تىنىقلىرى بىلەن ئەلەمزادىلىك ھېسلاردا قىينىلىپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقىغا قاراپ يۈرىكىم ئىچىشتى. پەمىمچە بۇ كىشى بۇرۇنقى ئايالىنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلاتتى. نىمە سەۋەبتىن تۈركىيەگە ئۇنى تاشلىۋىتىپ چىقىپ كەتكەنكىنە؟؟ ياكى ئاتا-ئانىسىغا تارتىشىپ،ئاۋۇ ئۈلۈپ كەتكەن ئايالى بولسا يۇرتى ۋە بۇ يەردە قالىدىغان ئاتا-ئانىسىغا تارتىشىپ ئاخىرى ئىككىسى ئايرىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.شۇنداق تەسەۋۇر قىلدىم. دېرىزىدىن سىرىتقا قاراپ ئولتۇرغان ئۇ بولسا تۇرۇپ-تۇرۇپلا كۆزلىرىنى قولياغلىقىدا ئېيتىپ قوياتتى. مەن بۇنداق ھاياجانلىنىشنىڭ ئۇنىڭ تېنىگە راستىنلا زەرەر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ قالدىم-دە،ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلمەك بولۇپ سۆز باشلىدىم:
_ئەزىمەت ئاكا، سىلەر بىلەمسىلەر ياكى ئۆزەڭلار خالاپ ماڭدىڭلارمۇ قەبرىستانلىققا بارىدىغان چوڭ يولدىن يانداپ ئېلىنغان ماشىنا يولىمۇ بارغۇ؟سىلەرنىڭ ماشىنىنى ئاۋۇ باشقا توختىتىپ قويۇپلا پىيادە شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىشىڭلارنىڭ زۆرۈرۈيىتى يوق ئىدى.
_شۇنداق،بىزمۇ باشتا شۇ يول بىلەن بارغان ئىدۇق.كېيىنچە ئەزىزەنىڭ مېنى ئىتتىرىپ ماڭا يول بويىدىكى ساپ ھاۋادىن نەپەس بەخىش ئەتكۈسى كەلدى ھەمدە ئۆزۈممۇ مۇشۇنداق بارساق خېلى تىنىچلىنىپ قالىدىكەنمەن. قەبرە بېشىغا بارغاندا بەك پەرياد چېكىشتىن ساقلىنىپ مەرھۇمەنىڭ ئۇ دۇنيالىقى ئۈچۈن سەبىر بىلەن دۇئا قىلالايدىكەنمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ يولدا مېڭىشنى ئادەت قىلغانىدۇق سىڭلىم.
_ھە.. شۇنداقمۇ؟؟ ئەزىمەت ئاكا،مەن بەك ھەيران، ئەزىزە..ئۇنىڭ بىلەن قۇرداشتەك تۇرۇمىز شۇڭا ئىسمىنىلا ئاتاشنى لايىق كۆردۈم .ئۇ بەكلا ئېتائەتمەن ھەم بەك يېقىشلىق ئىكەن سىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرسە كېرەك.
_شۇنداق،ئۇ بىر ئېسىل قىز.ئۇ ماڭا ياتلىق بولۇپ ھىچبىر راھەت كۆرمىدى.ئەكسىنچە مەندەك بىر كېسەل،ئۈلۈمتۈكنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.مۇھىمى ئۇ مېنى ،مەن ئۇنى سۆيۈمەن.ئۇنىڭ كىچىككىنە پاك يۈرىكىدىكى مۇھەببەت مەندە ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا قارىتا مۇھەببەت قوزغاپ تۇرۇدۇ.
_ئەمىسە...،_مەن تىلىمنىڭ ئۇچىغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋىتىپ رەنجىگەن ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم. ھالبۇكى بۇ قارىشىم بۇ چېچەن كىشىنىڭ كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلمىغان ئىدى.
_كۆپ ئىشلارنى چۈشىنەلمەي قىينىلىۋاتىسىز ھە...ۋاقتى كەلگىنىدە ھەممىنى چۈشىنىپ قالىسىز سىڭلىم،_ئۇنىڭ كۆزىدىن سىرغىغان ئىككى تامچە ياش تاتىراڭغۇ مەڭزىدىن دۇمىلاپ چۈشۈپ پاكىز قىرىلغان  ئىڭىكىگە سىرغىپ سىڭىپ كەتتى.ئۇ نەمدەشكەن كۆزلىرىنى ئېغىر بىر خىل غېرىبانە مۇڭلۇق تۇيغۇلار بىلەن ماڭا تىكتى:
_يېتىپ كەلدۇق.ئالدى بىلەن بىز ئۇنى يوقلاپ قايتايلى!!
مەن ئۇنى يۆلەپ ئاستاغىنە ماشىنىدىن چۈشۈردۈم-دە ، قەبرىستانلىق دەرۋازىسىدىن كىرىپ ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ  سەل يۇقۇرىلاپ مېڭىپ بەزىبىر قەبرىلەردەك ئالاھىدە قىلىپ ياسالمىغان نام-نېشان ئۈچۈن ئالدىغا بىر سىمۇنىتقا ئىسىم شەرىپىلىرى يېزىلغان قەبرە ئالدىدا توختىدۇق. (بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە ئەسلى ئايال كىشىنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىشى چەكلىنەتتى.) مەن بۇ سەۋەب ئۇ كىشىنىڭ ئىچكى سىرلىرىدىن خەۋەردار  بولالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ بىللە كەلگەن بولساممۇ بىراق بېشىمنى كۆتۈرۈپ سەپ سېلىپ قارىيالماي ئۇ كىشى بىلەن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ مۇڭلۇق قىرائىتى بىرلە روھلارغا ئاتاپ دۇئا قىلغاچ كۆزۈمنى قەبرە تاختىسىدىكى  ئىزاھاتلارغا يۈگۈرىتتىم<پەزىلەت.مۇھەممەت.1970-يىلى 3-ئاينىڭ 14- كۈنى تۇغۇلۇپ 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 25 يېشىدا ۋاپات بولغان >.دەپ يېزىلغان ئىكەن.ئېختىيارسىز تېنىمگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى. نىمانچە ياش.. تېخى مەندىن 2 ياش كىچىك ۋاقتىدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان ئىكەن. ھايات بولغان بولسا 40 ياشقا كىرەر ئىكەن. بۇ كىشى قانچە ياشتا باردۇر؟ئ قارىسىغۇ 40 ياشلىقتەك كۆرۈنمەيدۇ مەن تېخى 30 ياشتىن ھالقىغان ئىشقىلىپ بىزدىن كۆپ بولسا 4-5-ياش پەرىقلىنىدىغان چېغى دەپ ئويلىغان ئىدىم. ياداڭغۇ،ئاپتاپ كۆرمىگەندەك چىرايى،نازۇك بوي-تۇرقى بىلەن بىرلا قاراشقا كىچىكلا كۆرۈنىدىكەن.ئايالى ئەزىزەمۇ شۇنچە كىچىكلا بىر قىز..بەلكىم راھەت ئاسايىشلىق تۇرمۇشتا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق بولسا كېرەك.خىياللىرىمنى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى تۇتالماي ئۆپكىدەپ يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرى بۆلىۋەتتى:
_مېنى كەچۈرۈڭ پەزىلەت،مېنى كەچۈرۈڭ،مەن كېتىدىغان بولدۇم.بارلىق گۈزەل ئارمانلىرىمنى يۈرىكىمنى يەپ كېلىۋاتقان ئارمانلىرىمنى يەنە تاشلاپ قويۇپ،سىزنىڭ يېنىڭىزغا تاشلاپ قويۇپ كېتىدىغان بولدۇم. بۇ دۇنيادا ئىككىمىزنىڭ بىللە ئۆتۈشۈمىز پىشانىمىزگە پۈتۈلمىگەن چېغى..بىلەمسىز سىزنى ھېلىمۇ شۇ سەۋدايى ھېسلىرىم بىلەن ئەسلەيمەن .شۇ سەۋدالىق بىلەن سۆيىمەن...


ئاخىرى يېزىلىۋاتىدۇ..

abida92-4 2010-12-17 11:45
كەرىمە نادىرنىڭ <ئۈكسۇش>رومانىنى قايتا ئوقۇغاندەك بولدۇم،قەلىمىڭىز ھارمىغاي

bargiya 2010-12-17 15:54
-بولدى قىلىڭ،بىز قايتايلى!!_ئورنۇمدىن قوپۇپ غەزەپ بىلەن ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ مۈرىسىدىن سىلكىدىم. تۇيۇقسىز قىلغان قوپاللىقىم سەۋەبىدىن ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ھېقىقدىغان پېتى ماڭا قاراپلا قالدى. قەلبىمگە لىق تولغان نەپرەت ئەمدى چىشلىرىمنىڭ مەھكەم كىرىشىۋىلىشلىرىغا قارىماي ئېغىزىمدىن پىلىمۇتتەك سۆز تۆكۈشكە باشلىدى:
-نىمە ئانداق ياسالمىلىق بۇ؟سىزدە زادى قانچە يۈرەك بار؟ھىلى ئەزىزەنى سۆيۈمەن دەيسىز، ھېلى بولسا  بۇ يەرگە كېلىپ مەن ئۈچۈن ناتۇنۇش بولغان ئەمما پەمىمچە سىز سەۋەبلىك چەكسىز ئازاب چېكىپ بۇ دۇنيادىن كەتكەن مەرھۇمە پەزىلەت خانىمنى سۆيۈمەن دەپ دات ئېيتىسىز،سىز بەك شەخسىيەتچى ئىكەنسىز.سىز  مېنى رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋەتكەن ئاۋۇ سۇبات دىگەن ۋىجدانسىزدىن پەرىقلەنمەيدىكەنسىز.ئېسىت سىزگە بولغان ھېسداشلىقىم،سىزگە بولغان ھۆرمىتىم....
ئارقامغا بۇرۇلۇپ قەبرىستانلىقتىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭدىم،ماڭدىميۇ  ئۇنىڭ بىراۋنىڭ ياردىمىسىز ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشىنىڭ قىيىنلىقى يادىمغا يەتتى-دە،تېخىچە كۆزلىرىدىن سەلدەك ياش تۆكۈپ ماڭا رەددىيە بېرىشكە ماجالى يوق ئولتۇرغان ئەزىمەت ئەپەندىمنى قوپاللىق بىلەن يۆلەپ  تۇرغۇزۇپ ئېلىپ ماڭدىم.ئۇنىڭ كېتىش ئالدىدا بولسىمۇ بىر چاغلاردا سۆيگەن ئاۋۇ رەھمەتلىك ئايالىغا يېنىدا ھازىرقى ئايالى بولمىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئىچى قانغۇچە يىغلاپ،كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى قىلىۋىلىشىغا پۇرسەت بەرمەستىن مەجبۇرى ئېلىپ ماڭدىم. شۇ تاپ بوغۇزۇم ئاچچىق سەۋەبىدىن قاتتىق بولۇپ بىر نىمە تۈرۈۋالغاندەك بولۇپ قالغان،يۈرىكىم يېنىمدىكى ماۋۇ كېسەلمەن ئادەمنىڭ ئەمدىلىكتە گۇناھلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ يالغان كۆز ياش تۆكۈپ مەرھۇمنىڭ قەبرىسى ئالدىدا غەۋغا سېلىۋاتقانلىقىغا قارىتا نەپرەت بىلەن  لىق تولغان ئىدى.ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىۋاتىمەن.بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلغۇم يوق.ئۇ كىشىمۇ مەنمۇ جىمجىت بىر خىيالنى بۆلۈشۈۋالغاندەك كېتىپ بارغىنىمىز بىلەن ئىككىلىمىزنىڭ خىيالىدىن كېچىۋاتقانلار باشقا-باشقا ئىدى. مېنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزگەرگەن مۇئامىلەم بەلكىم ئۇ كىشىگىمۇ چۈشىنىكسىز بىلىنمىگەندۇ،مېنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن نىمىگە بۇ قەدەر نەپرەتلىنىپ ئاچچىقلاپ كەتكىنىمنى ئىھتىمال ئۇمۇ چۈشەندى،بىراق ئۇ كىشى ماڭا چۈشەندۈرۈشنى خالىمىدى. ۋەزىپەمنى تاماملاپ ئۇنى ئۆيىگە يەتكۈزۈپ قويدۇم،گەرچە ئۆيدە ئەزىزە تېخى قايتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ بىراق مەن مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئۇ كىشىنى رەھسىمسىزلەرچە يالغۇز ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ قايتىپ چىقتىم. ئۇ كىشىگە بولغان ھۆرمىتىممۇ،ئۆتمۈشىگە بولغان قىزىقىشىممۇ توساتتىنلا يوقالغان ئىدى.


داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

miskinay 2010-12-18 12:53
ئەزىمەت ئەپەندىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى بىلىشكە تەقەززا بولدۇم.

dahan 2010-12-18 20:58
پەزىلەت خانىم نىمىشقا  شۇنچىلك ياش كىتىدۇ ؟ پەزىلەت خانىم ۋاپات بولغان يىلى ئىزىز ئەپەندى چەتئەلگە چىكىتىدۇ ؟يەنە  نىمە سەۋەب بىلەن پەزىلەت مۇخپىرىمىز بىلان ئۇچرىشىدۇ ؟
بۇ ئەسەرنىڭ نامى ئۆزگىچە ھىس -تۇيغۈلىرىمۇ ئۆزگىچە
ئەسىرىڭىزنى داۋاملىق كۈتىمەن

lukqak 2010-12-19 01:32
پەزىلەتنىڭ قىلغىنى توغرا بوپتۇ،ئەمما ئۇنىڭ ئاچچىقىدا كەتكىنى بىلەن نۇرغۇنلىغان نېمە ئۈچۈنلەرنى بىزگە ئوخشاشلا ئۆزىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى ئېنىق ئىكەن،بەرگىيە پات - پات مۇشۇنداق ۋودرو بومبا خاراكتىرلىك ھېكايىلىرىنى ئەلكۈيىگە تاشلايدۇ،بىز ئوقۇيمىز ئۇ يازىدۇ،ئەلكۈيىنىڭ يازارمەنلىرىگە ئامراقلىقى كەپ قالىدۇ ئادەمنىڭ.قېنى داۋامىغا ئورۇن تەييار.داۋاملىق  

bargiya 2010-12-19 18:48
تۈنۈگۈندىن بېرى ئىدارىدا باش چۆكۈرۈپ ئولتۇرۇپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تەرجىمە قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان يىغىلىپ قالغان بىر مۇنچە ماتىرىياللارنى تەرجىمە قىلدىم.
ئاندا-ساندا كاللامغا كىرىپ قالغان ئەزىمەت ئەپەندىم،ئۇنىڭ گۈزەل خانىمى،مەرھۇم پەزىلەت خانىم ۋە ئالدىنقى كۈنى توي قىلىپ ئەمدى تۇرمۇشۇمدىن مەڭگۈلۈك ،ھەقىقى يۈتتۈرگەن سۇبات..لارنىڭ سىمالىرىنى جان-جەھلىم بىلەن خىزمەتكە ئۆزۈمنى ئۇرۇش ئارقىلىق مەجبۇرىي قوغلاۋاتقانلىقىم راست ئىدى. شۇ قەدەر جاھىل ئىدىمكىن ئىدىيەرىمدىن ئۆتمىگەن ھەر قانداق بىر ئىشقىمۇ بېشىڭدەك ئالتۇن بېرىمىز قايىل بول دىسە ھەرگىزمۇ قايىل بولمايتتىم.شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن تۇرمۇشۇمدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئاۋۇ تۈركىيەدىن كەلگەن ئىككىسىنىڭ قەلبىمگە تەسىر قىلغان ھەر قانداق ئارتۇقچىلىقلىرىنىمۇ قايسى كۈنىدىكى ئۇ كىشىگە بولغان نەپرىتىم بىرلە يۇيۇۋەتكەن شۇنداقلا ئەلەڭلەپ تۇرغان سىمالىرىنى مەجبۇرىي قوغلاۋاتقان ئىدىم.
تازا كىرىشىپ تۇرۇپ  يېزىۋاتقان ماقالەمنىڭ قاب بېلىدىن ئۈزۈپ خىزمەتدىشىم گۈلنىسا  سىرىتتىن كىردى-دە،ۋارقىرىدى:
_پەزىلەت،سىزگە خەۋەرلىشى بۆلۈمىدىكى تېلېفۇنغا تېلفۇن كەپتۇ.
_ماڭا؟_بېشىمنى كۆتۈرۈپ نارازىلىق بىلەن سورىدىم-دە،يانفۇنۇمغا تېلېفۇن قىلمىغان قانداق كىشىدۇ ئەمدى دەپ  يانفۇنۇمنىڭ ئوچۇق ياكى ئېتىكلىكىگە قاراپ باقتىم.يانفۇنۇمنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ «ۋاي-ۋۇي كىمدۇ بۇ ئەمدى؟»دەپ غۇدۇڭشىغىنىمچە خەۋەرلىشىش بۆلۈمىگە چىقتىم.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،_تېلېفۇننى ئېلىشىم بىلەن نازۇك،زىل ئاۋاز ئاڭلاندى.
_ۋە ئەلەيكۇيم ئەسسالام،سىز؟؟
_مەن ئەزىزە بولۇمەن .پەزىلەت خانىم.
_ھە،ھە..-مەن ھودۇقۇپ كەتتىم. ئىككى كۈن ئىزدەش ئەمەس خىيال قىلىشتىنمۇ ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كەلگەن  ئىشلەيدىغان ئورنۇمنى ئېيتىپ بەرگەندىكىن ئىزدەپ-سوراپ تېلېاۇن قىلغاندەك تۇراتتى.
_مەن سىز ئىشلەيدىغان  ئىدارىنىڭ  سىرتىدا . ۋاقتىڭىز بولسا چىقسىڭىز،كۆرۈشسسەك بولامدۇ؟
_ماقۇل،ھازىرلا چىقاي!!
.تېلېفۇننى قويۇۋىتىپ بۆلۈمگە كىرىپ ماتىرىياللىرىمنى يىغىشتۇرۇۋەتتىم-دە،بۆلۈم مۇدىرىمىزغا ئېيتىپ قويۇپ چىقتىم. دەرۋازىنىڭ ئالدىدا سۇس شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك ئۇزۇن ئىپەك كۆينەك ۋە يەنە شۇ رەڭگە مايىل كەلگەن ياغلىق چەگكەن ئەزىزە شۇ قەدەر گۈزەل،سۇمباتلىق  ھالەتتە تۇراتتى.
_ۋاقتىڭىزنى ئالىدىغان بولدۇم، خىجالەتمەن پەزىلەت خانىم،_ئۇ قوللىرىنى جۇپلەپ كۆكسى ئۈستىگە قويۇپ بېشىنى ئىگىپ تۇرۇپ ئۆزرىخالىق ئېيىتتى.
_ياقەي،تەكەللۇپ قىلماڭ!! ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟؟
_ئاللاغا شۈكرى،ئۆزىڭىزنىڭ ئەزىز بويى ئامانمىكىن؟؟
_خۇداغا شۈكرى،
_ئەزىمەت ئەپەندىمدىن سىزگە سالاملار يار بولسۇن خانىم،ئۇمۇ ئاللانىڭ مەرھىمىتى بىلەن ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ.
_ھە، ئامان بولسۇن!!_ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا "مىژژىدە" تۈرۈلگەن قاپاقلىرىم ئەززىەنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلمىدى.
_ئەزىمەت بەي بىلەن ئاراڭلاردا زادى نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيمەن. بىراق،سىلەر قەبرىستانلىقتىن قايتىپ كەلگەن كۈندىن بېرى ئىككى كۈن بولدى ئۇ ئاجىزلاپ كەتتى،_قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان قىزنىڭ كىرپىكلىرىدە شەبنەمگە ئوخشاش تامچىلار پارىلدايىتتى،_نە گېلىدىن غىزا ئۆتمەيدۇ،ئۇ بەكلا پەرىشان.
-سىزچە ئۇنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىغا مەن سەۋەبچىمۇ؟
تاقىتىم تۈگەپ گېپىنى ئوتتۇرىدىن بۆلدۈم.
_ياق،ياق پەزىلەت خانىم،گەپلىرىمنىڭ خاتا مەناسى ئۈچۈن سىزدىن ئەپۇ سورايمەن!بىلىمەن،سىز ئاقكۆڭۈل بىراۋلارغا ياخشىلىق قىلىشنى خالايدىغان قىز.ئۈمىدىم:ماڭا شۇ كۈندىكى دىل ئازارلىقىنى سۆزلەپ بېرەلەمسىزكىن!!
_سىز نىمىشقا شۇ كۈنى بىللە بارمىدىڭىز؟؟_سۇئالىغا سۇئال بىلەن جاۋاب ياندۇردۇم.
_ئۇ كۈنى بەكمۇ مۇھىم ئىشىم بار ئىدى.
-ياق،مەنچە ئۇنداق ئەمەس،سىز يولدىشىڭىزغا داۋاملىق ھەمرا بولۇپ بېرىش جەريانىدا ئۇنىڭ مەرھۇم پەزىلەت خانىمغا قانداقتۇر دىيەلمەي قىينىلىۋاتقان گەپلىرى بارلىقىنى ھېس قىلغان.يولدىشىڭىزغا چەكسىز سادىقلىقىڭىزدىن ئۇ كۈنى ئىشىم بار دەپ قويۇپ ئۇنى ئۆزىڭىز يوق يەردە دەرد-پىغانىنى تۆكۈپ سۆزلىۋالسۇن دەپ شارائىت ياراتقان،شۇنداق ئەمەسمۇ؟؟
قىزنىڭ رەڭگى ئاقىرىپ كەتتى.ئۇ قوللىرىنى جۈپلەپ يېنىك تىترىگىنىچە توختىماي بېشىنى چايقايتتى.مەن شامالدا قالغان ئاجىز سەرۋى گۈلدەك تىترەۋاتقان قىزنىڭ قەغەز رەڭگىدە ئاقىرىپ كەتكەن چىرايىغا سەپ سېلىپ قاراپ مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدىلا كۆرۈنەرلىك جۈدەپ كەتكەنلىكىنى سەزدىم."بىچارە قىز،ئەزىمەت ئەپەندىم بىتاپ بولۇپ تاماق يىمىسە بۇ قىزنىڭمۇ گېلىدىن تاماق ئۆتمىگەن بولسا كېرەك.ئاھ،بۇ نەقەدەر ئالىجاناپ ئۆزىنى بېغىشلاش،نەقەدەر پىداكىرانە سۆيگۈ ھە؟؟"
-ئەزىزە خانىم ئەپەندىم._مەن تىپىك تۈركىيە ئىھتىرامى بىلەن ئۇنىڭغا مۆتىۋەر خانىملارغا قوللىنىدىغان ھۆرمەت مۇئامىلىسىدە سۆزلىدىم،_شۇ تاپ قولۇمدا بىر دۆۋە ئىش بولسىمۇ بىراق سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى تولىمۇ خالايمەن.مۇمكىن بولسا بىز بىرەر يەردە پاراڭلاشقان بولساق!!
قوللىرىنى جۇپلەپ ،بېشىنى سەل ئىگىپ تۇرۇپ ماقۇللۇق ئىپادىسىنى بىلدۇرگەن ئەزىزەنى قولتۇقلىغىنىمچە"ۋىسال  سۇغۇق ئىچىملىك ئارامگاھى"غا كىردۇق.ئورۇنلاشقان ئايرىم خانىمىزغا كۈتكۈچى بۇيرۇتقان ئىچىملىكلىرىمىزنى ئېلىپ كىرىپ ھۆرمەت بىلەن بىزنى تەكلىپ قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سۆز باشلىدىم:
-ئەزىزە مېنىڭ بەكمۇ بۇ ئىشلارنى بىلگۈم بار.
_ئاھ پەزىلەت خانىم،سىز بىلسىڭىز ئىدى ئەزىمەت بەينىڭ قانچىلىك ئېسىل كىشى ئىكەنلىكىنى،بۇ دۇنيادا ئۇنىڭدەك مۇھەببەتكە  سادىق،سۆيۈملۈك كىشىدىن يەنە بىرسى بولمىسا كېرەك.
_شۇنداقمۇ؟_سۇغۇق كۈلدۈم،_ئۇ بەلكىم سىزگە نىسبەتەن شۇنداقتۇ،بىراق مەرھۇم پەزىلەت خانىمغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس،بىراق مەن يەنىلا سىلەرگە،سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پاك مۇھەببىتىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن.
-ئۇنى چۈشەنسىڭىز ئىدى بۇ سۆزلەرنى قىلغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلار ئىدىڭىز پەزىلەت خانىم،_ئۇ پىچىرلاپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى،كىرپىكلىرى نەملىشىپ لەۋلىرى تىترەپ تۇراتتى.
_ياق قىزىقمايمەن،دەسلەپ سىلەرنى كۆرگەندە مېنى قىزىقتۇرغىنى ئىككىڭلارنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىق تۇرقۇڭلار ۋە چىرايىڭلاردا ئىپادىلىنىپ تۇرغان ئۆزگىچە ھاياجانلىق ھېسسىيات ئىدى.بىراق بۇ قىزىقىش مەن ئەزىمەت ئەپەندىمگە ھەمرا بولۇپ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن يوقالدى.بىرلا ئېغىز گەپ مەن ۋىجدانسىز ئىككى يۈزلىمە كىشىلەرگە ئۆچ!
باغرى قاتتىقلىق بىلەن بۇ گەپلەرنى دىيىش ئارقىلىق خۇددى ۋىجدانسىز سۇباتتىن ئۆچۈمنى ئېلىۋاتقاندەك بولدۇم-دە،ئالدىمدىكى ئىچىملىككە سېلىنغان سۈمۈرۈش نەيچىسىنى غەزەپ بىلەن چىشلىدىم.
-بىز مېڭىش ۋاقتىنى ئىككى كۈن كەينىگە كېچىكتۇردۇق.سىزنىڭ ئەزىمەت بەينى ئۇنداق دىيىشىڭىزنى ھار ئالىمەن خانىم،كۆڭلۈم ئازار يىدى.شۇ سەۋەب سىزگە ئېيتىشقا مەجبۇرمەن.ھېلىقى كۈنى مەن سەۋەبسىز ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم،ئەكسىنچە مەرھۇمە پەزىلەت  ھەدەمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خوش ئېيتىشقا بارغانمەن.كەلگىنىمىزدە بىچارە ئانا ئەزىمەتنى كۆرۈپ ئۆزىنى يوقىتىپلا قويدى.بىر نەچچە نۆۋەت يۈز كۆرۈشۈشكە بارساق ئوخشاشلا ئۇنى بىتاپ قىلىپ قويدۇق.شۇ سەۋەب خوشلاشقاچ ئانىغا تەسەللى ۋە كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىش ئۈچۈن ئۆزۈم يالغۇز بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم.قايتىپ كەلسەم ئەزىمەت بەي سارغىيىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىدىن ئايرىلىش ئۆزى چىن دىلىدىن ياد ئېتىپ تۇرىدىغان مەرھۇمەدىن ئايرىلىش ئېغىر كەلگەن چېغى دەپ ئويلىغان ئىدىم.بىراق ئىككى كۈن بولدى باشقىچە تۇرۇدۇ.مېڭىش ۋاقتىنى ئامالسىز كېچىكتۇردۇق.ئۇ كەلگەندىن بېرى ھېچكىم بىلەن سىز بىلەن مۇڭداشقاندەك شەيدا بولمىغان،ئاھ،ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى بىلسىڭىز ئىدى خانىم،يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قوللىرىغا سۆيگەن بولاتتىڭىز.
ئۇ ئېسەدەيتتى،سۆزلىرى بىرلە تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرى ئۇنىڭ ئەزىمەتكە بولغان ئاشىق يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقاچ مەن داڭقېتىپ ئۇنىڭ يىپەكتەك سىلىق،چىرايلىق ئاھاڭدار سۆزلىرىنىڭ ئۈنچىدەك چىشلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈۋاتقانلىقىغا قاراپ ئولتۇراتتىم،مەنىسىزلا قىمىرلايتتىم.بۇ ئايرىم خانىدىكى نەپىس ئۈستەل ئۈستىگە قويۇلغان رەڭدار  گۈلنىڭ بەرگىلىرىنى مۇجۇيىتتىم.
_بۇ بىر ئاجايىپ قىسمەت.سىز بىلىشكە ئىنتىزار قىسمەت مانا مۇشۇ خاتىرىلەردە خانىم،بۇ ئىككى خاتىرە يولدىشىم ئەزىمەتنىڭ بايلىقى، بەلكىم پۈتۈن بايلىقى ۋە بۇ ئىككى خاتىرەنىڭ قايسىسىنى تاللايسەن دىسە ئۇ ئىككىلەنمەيلا بۇ خاتىرەلەرنى تاللايدۇ،بىلەمسىز خانىم،بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى ئەزىمەت بەينى خۇشال قىلالىغان ھەمدە كۆرۈشۈشكە تەقەززا قىلغان كىشى سىز بولۇپ قالدىڭىز.شۇ سەۋەب،مەن ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقنىڭ تۈگەپ سىزنى ئۇنىڭ نىمجان كۆڭلىنى خۇش ئېتىشكە ياردەم قىلسىكەن دىگەن ئۈمىدتە بۇ خاتىرەلەرنى سىزگە ئېلىپ كەلدىم.ئۈمىدىم شۇكى خانىم،سىز بۇ خاتىرەلەرنى ئىككى كۈن ئىچىدە ئوقۇپ بولۇپ ماڭا قايتۇرۇپ بېرىشىڭىز كېرەك.ماۋۇ خاتىرە بولسا مېنىڭ خاتىرەم،ئاللا نامى بىلەن ئېيتىمەنكى خانىم،بۇ خاتىرەمنى ئۆزەمدىن باشقا كۆرگەن تۇنجى كىشى سىز بولۇسىز .ئۇنى ھەتتا يولدۇشۇم ئەزىمەتمۇ كۆرۈپ باقمىغان.ئالدى بىلەن مۇنۇ قىزىل خاتىرەنى،ئاندىن بۇ كۆك تاشلىق خاتىرەنى ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭ خاتىرەمنى كۆرۈڭ،سىزگە ھەممە ئىشلار چۈشىنىشلىك بولۇدۇ.بۇنىڭ بەدىلىگە سىزدىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى،بىز كېتىدىغان كۈنى ئەزىمەتكە خوش دەپ ئۇنىڭ بۇ يەردىكى دوستلىقىنىڭ ئېتىبارسىز،نەزەرسىز ئەمەسلىكىنى بىلدۇرۇپ كۆڭلىنى خۇش ئېتىپ قويغايسىز!!
ئۇ ئۇزاتقان ئۈچ خاتىرەنى ئالدىم.مەن غەلىبە قىلغان ئىدىم،ئاخىرى بۇ مەن قىزىقىپ قالغان ئىككى بىسلىق نىكاھ،بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال توغرىلىق تەپسىلاتلارغا بىلىش ئارمىنىغا يەتكەن ئىدىم.كۈچلۈك ھاياجان بىلەن ئەزىزەنىڭ قوللىرىنى سىقتىم:
_مېنى ئەپۇ قىلىڭ ئەزىز ە،كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋىلىش  ياخشى ئىش ئەمەس،بىراق نىمىشقىدۇر مەن بەك قىزىقىپ قالدىم،بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتىم.
_ياق،ياق پەزىلەت خانىم،ئەسلىدىنمۇ بۇنى باشقىلار بىلىشكە تېگىشلىك دەپ قارايمەن.نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەت توغرىلىق تولىمۇ بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولۇدۇ.بىراق ھەقىقى پاك مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقى،ساپ مۇھەببەتنىڭ يەنىمۇ ساپ مۇھەببەتلەرگە ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئەسلىدىنلا بىلىشكە تېگىشلىك.ئەزىمەت بەي ئۆيدە ئۇخلاپ قالغان،يەنىمۇ پاراڭلىشىشقا ئىلاجىسىزمەن خانىم،مەن قايتاي!!
ئۇ نازۇك بارماقلىرىنى لەۋلىرى ئۈستىگە قويۇپ ماڭا ئۆزرىلىك ئىشارىسى قىلدى-دە ئاستا ئورنىدىن قوپتى.يۈرىكىم بۇ ئۆزى شۇ قەدەر گۈزەل،سۆزلىرى يېقىملىق،سىلىق بولغان تۈركىيەلىك گۈزەلنىڭ يولدىشىغا بولغان چەكسىز ساداقەت مىھرىدىن تەسىرلەنگەن ھالدا غۇلىچىمنى يېيىپ ئۇنى قۇچاقلىدىم ۋە پىچىرلىدىم:
_رەھمەت ئەزىزە،سىزگە كۆپ رەھمەت!!
_بۇ سۆزىڭىز بىلەن بەكمۇ بەخىتلىكمەن خانىم،ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن!!

داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ....

muhterbay 2010-12-20 00:12
كۆپىنچە تورداشلارغا ئوخشاش مەنمۇ بەرگىيەنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلاردىن بىرى . يەنە كېلىپ كالىچىمنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇيمەن . بەزى بىر ئەسەرلىرىدىن ''ئىزدىنىش '' تىكى ئەلا بىلەن گۈزەلئاينىڭ ، ئەلانۇرنىڭ خەتلىرىنى قايتا ئوقىغاندەك ، بەزى ئەسەرلىرىدىن ''سامان يولى '' دىكى نىجات بىلەن زۇلالنى ، ''ئۆكسۈش '' تىكى نالەن بىلەن كەنئاننى ، ''تامغا '' دىكى ئىففەتنى ،  ''چالىقۇشى '' دىكى فەرىدەنى قايتا ئۇچراتقاندەك بولىمەن . ئەسەرلىرىدىكى تىل شۇنداق يېنىك ، يېقىشلىق ، مۇھەببەتلىك ، ھارارەتلىك .  ئويلاپ باقسام ياش ۋاقلىرىمدا ئوقىغان مۇھەببەت ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدە تۈركىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ سالماقنى ئېگىلەيدىكەن .  ھازىرغۇ تارىخىي رومانلارنى ئوقۇيدىغان بوپقالدىم . لېكىن شۇنى ئىقرار قىلماي تۇرالمايمەنكى بەرگىيەنىڭ ئەسەرلىرى دەل ياش ۋاقتىمدا ئوقىغان ئاشۇ ئەسەرلەرنى قايتا ئەسلىتىدۇ ھەتتا بەزىدە شۇ ئەسەرلەرنىڭ داۋامىدەك بىلىنىدۇ . شۇڭىمۇ بۇ سىڭلىمىزنىڭ تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىگىگە ئالاھىدە ھەۋەس قىلىمەن ، پەخىرلىنىمەن ، سۆيۈنىمەن . يېقىنقى يىللاردىن بېرى نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنىڭ ئىچىدە مۇھەببەت ئاساسىي تېما قىلىنغانلىرىدىن قايسىلىرى بار ، قايسىلىرى مۇۋەپىقىيەتلىك چىقتى بۇلاردىن تازا خەۋىرىم يوق . ئەمما ئەركىن سابىر ئەپەندىنىڭ '' ئاخىرقى مەكتۇپ '' رومانى ماڭا ھەقىقەتەن ياقتى . بۇ يەردە بۇلارنى دىيىشىمدىكى سەۋەپ سىڭلىمىز مۇشۇ تېمىنى بويلاپ تېخىمۇ ئىزدەنسە قەلبىنى ۋە قەلىمىنى بېيتسا ئىشىنىمەنكى بىزدىمۇ كەرىمە نادىر ، رىشات نۇرى كونتىگىنلار بار بولىدۇ . ئېلھاملىرىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولسۇن سىڭلىم !

مۇبارەك 2010-12-20 19:08
پەزىلەتنىڭ خاراكتىرى بويىچە ئېيتقاندا، قىزىقىپ قالغان نەرسىسى چوقۇم سەۋەبىنى بىلسە  كىشىگە يېڭى بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرىدىغاندەك ھەم ئېيتىلغان ھېكايىنىڭ مەنىسى كىشىنى جەلب قىلالايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ يەردىكى جەلب قىلىش كۈچى نەدە؟

بىرىنچى، ئەزىمەت ھەم ئايالىنىڭ ئالاھىدە بولغان تاشقى قىياپىتى. يەنى تۈركچە پۇراققا ئىگە كىيىنىشى، ئىلمىي بولغان يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆزلىرى...بىر ئادەمنى چۈشەنمەي تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىكى ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقلارغا قاراپمۇ كىشىدە ئىختىيارسىز قىزىقىش ھېسىياتى تۇغۇلىدۇ.
ئىككىنچى، ئەزىمەتنىڭ كەيپىياتىدىكى زىيادە سۇلغۇنلۇق، مۇڭ. پەزىلەتنىڭ دەسلەپكى تۇيغۇسىغا ئەگىشىپ يىغلاپ تۇرغان بۇ سالاپەتلىك كىشىنىڭ يۈزىدىكى ئالاھىدە چىقىپ تۇرغان دەرت ھەم ھەسرەت ‹ بۇ كىشىگە زادى نېمە بولغاندۇ؟ › دېگەن چاقماق دەقىقىسىدە كەلگەن ئوينى مىڭىسىگە ئورنىتىپ قويدى...

ئاپتۇرنىڭ قىزىقىش خاراكتىرىگە ئەگىشىپ بىزمۇ بىللە ۋەقەلىك ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق. ئەزىزەنىڭ ئۈچ دانە خاتىرە دەپتەرنى پەزىلەتكە تاپشۇرىشى كىشىنىڭ ئەسەرگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى، ‹ ئەمدى نېمە بولار؟› دېگەن ئۇقۇم ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ كاللىسىدا ئەكس ئەتكەن بولسا كېرەك. يېڭى-يېڭى ۋەقە، ئىدىيە قاراشلىرىغا ھەم ئەقلى يەكۈنلەرگە قاراپ قالدۇق.

بىراق، يەنىلا ئالدىرىماي ئاستا-ئاستا يېزىپ ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەقىقىي ئوقۇرمەن ئاپتوردىن سۈرئەت ئەمەس بەلكى سۈپەتنى تەلەپ قىلىدۇ.

yalghuz 2010-12-20 20:20
ماۋۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىقاي دەپ كىرىپ ھېكايە ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن،قېرىغاندا بۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھېكايە ئوقىماق تەسلىشىپ كەتسىمۇ ئەمما خىرۇستال قىزنى تېپىپ باقماي بولمايدۇ جۇمۇ. ھارمىغايسىز بەرگىيە.ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ناھايتى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىمىز.ئالدىراشچىلىق يوق،سىزنى ئالدىراتماي ساقلاشقا رازى. ئەسەر ئاخىرلاشقاندا بۇ تېمىنى تالىشىپ تورۇپ نادىرلاشقا بىر بىلەت،شۇ چاغدا نادىرلاشتىكى ئاساسلىرىمنىمۇ تولۇق يازىمەن.ئەمما چوقۇم ئاخىرى چىقىپ بولغاندا نادىرلايلى!

vmid219 2010-12-20 22:17
  مەن پوۋېستنى ئوقۇپ بوپلا ئۇخلاپ قاپتىكەنمەن، چۈشۈمدە ئەزىزە پەزىلەتكە بەرگەن ئۈچ دانە خاتىرىنى كۆرۈپتىمەن. لېكىن ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمەيلا، بالام ئويغىنىپ كەتتى. قارىغاندا مېنى ئۇنداق،مۇنداق پەرەز قىلمىسۇن دېگەن چېغى. بەرگىيە ھەدە، ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن.
  كىچىكىمدىنلا ھېكايە،رومان ئوقۇشقا ئالاھىدە ئىشتىياقىم بار ئىدى. ھەتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا دەرس ۋاقىتلىرىنىمۇ قولدىن بەرمەي ئوقۇيتتۇم. مانا ھازىر كۈتۈپخانىغا بېرىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن ئاز بولىۋاتقاندا، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بولسىمۇ مەنىۋى ئېھتىياجىم قاندۇرۇلىۋاتىدۇ. رەھمەت سىزگە، بەرگىيە ھەدە. تۇرمۇشۇمغا يېڭى مەنا قوشتىڭىز دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. رەھمەت سىزگە.

bargiya 2010-12-22 19:10
بىرىنجى خاتىرە



ساۋادىم چىققاندىن باشلاپلا كىتاب ئوقۇشقا ئاجايىپ ھەۋىسىم بار ئىدى.بەلكىم بۇ بالىلىق ۋاقتىمدا دادامنىڭ يوغان قىزىل ساندۇقىدىكى كۈنسىرى يېڭىلىنىپ بېرىۋاتقان،بارغانسىىرى كۆپىيىپ پاتماي قېلىۋاتقان ھەر خىل كىتابلىرىنىڭ تېشىنى سىلاپ بېقىپ ئىچىدىكى رەڭسىز رەسىملەرنى قىزىقىش بىلەن كۆرۈپ ،دادامنىڭ ئىشتىياق بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا بىزنىمۇ «جىممىدە»ئولتۇرۇشقا بۇيرۇيدىغان ئاجايىپ ھالەتلىرىنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرىنىڭ بەك كۈچلۈك بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.دادام مەلۇم ئىدارىنىڭ رەھبىرى.شۇنچە ئالدىراش يۈرۈيدۇ لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماي شۇنچە زىچ ۋاقىتلىرىدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ كىتاب كۆرۈشنى تاشلىمايتتى. كېيىنچە كىشىلەرنىڭ تامشىپ تۇرۇپ دىيىشىدىغان دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر نەشىرلىرىنىڭ ئاساسەن بىزنىڭ ئۆيدىن،دادامنىڭ كىتاب ئامبىرىدىن تېپىلىدىغانلىقىدىن بەكمۇ پەخىرلىنەتتىم شۇنداقلا ئۆزۈممۇ ئاساسەن بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم.
دادام بويلىرى ئىگىز كەلگەن،قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرى تولىمۇ مىھىرلىك كېلىشكەن بىر كىشى.(مېنىڭ نەزىرىمدە تېخىمۇ شۇنداق)
ئاپام بولسا ئوتتۇرا بوي،بۇغداي ئۆڭ كەلگەن بولۇپ خۇددى سىزىپ قويغاندەك ئىنچىكە قارا قاشلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرى بەكمۇ چىرايلىق ئايال،ئاپامنى كۆرگەنلەر "ياشلىقىدىكى گۈزەللىكىنى يوقاتمىغان"دەپ تەرىپلىشىدۇ.مەنچىمۇ شۇنداق.ئىھتىمال ئاپامنىڭ بۇ تاشقى گۈزەللىكىگە ئايال كىشىگە خاس بولغان پاكىز-چېچەن چىۋەرلىكى،ھەر قانداق پېچىنە-پىرەنىك ۋە مۇراببالارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدىغانلىقى ئاش-تاماققا بەكمۇ ئۇستا ئىكەنلىگىدەك ئالاھىدىلىكلىرى قوشۇلۇپ ئاپامنىڭ جەزبىدارلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئاپام ئاياللىق سۈپەت جەھەتتە بەكمۇ مۇكەممەل بولغان ئايال دەپ قارايمەن.چوڭ بولۇپ مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە ئاپامنىڭ بىرەر قېتىممۇ شەخسىي ئىشلىرى سەۋەبلىك بىزنى تاماقسىز قويغۇنىنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئاپامنىڭ خىزمىتى ئوقۇتقۇچىلىق بولۇپ خىزمىتىنىڭ شۇ قەدەر ئالدىراش،جاپالىق بولۇشىغا قارىماي قاچانلا قارىسا ئۆي ئىچى شۇ قەدەر رەتلىك،پاكىز،تاماقلىرىمىز ۋاقتىدا شۇنداق ئوخشىغان ھالدا تەييار بولۇدۇ. ئاپامنى بەزىدە ماشىنا ئادەممىكىن دەپ ھەيرانمۇ قالىمەن. كەچلىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش توغرىلىق تەيارلىق قىلىپ بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى تەكشۈرۈپ قايسى ۋاقىتلاردا ياتقىنىنى بىلمىگىنىم بىلەن تاڭ سەھەر يەنە شۇ ئاپامنىڭ يېنىك مېڭىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان تىۋىشىدىن ئۇيقۇم ئېچىلىدۇ.يۈز-كۆزلىرىمىزنى يۇيۇپ تاماق ئۈستىلىگە كەلگەندە بولسا ئاپامنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەيارلىغان ناشتىلىقى ئېختىيارسىز ئىشتىھارىمىزنى غىدىقلايدۇ. دادامنىڭ قايىللىق،سۆيۈنۈش،سۆيۈش ،مۇجەسسەملەنگەن مۇھەببەتلىك بېقىشلىرى ئىچرە ئاپام چىرايىدىن نۇر تۆكۈپ تۇرۇپ ھەممىمىزنى ياخشى ناشتىلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
مەن بالىلارنىڭ ئوتتۇرانچىسى ئالدىمدا ئاكام،كەينىمدە بىر ئۇكام بار.ئاكامنى ئاپامنىڭ ئاپىلىرى موماملار بېقىپ چوڭ قىلغان .ئۇ ھېلىھەم مومامنىڭ قېشىدا تۇرۇدۇ،شۇ ئۆينى ئۆز ئۆيى دەپ بىلىدۇ.بىزنىڭ ئۆيگە كەلسە خۇددى ياتلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالغاندەك ئانچە قولاشمايلا تۇرۇدۇ. ھېلىمۇ ئېسىمدە ئاكام تولۇق ئوتتۇرىغا چىققان يىلى ئاپاملار مومامنى ياشىنىپ قالدى دەپ ئۆز يېنىغا ئېلىپ كېلىۋالدى ،ئاكاممۇ بىللە يېنىپ كەلدى،بىراق ئاكام كۆنەلمەي ھەپتە يىغلىغان ئىدى.بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كەلسەم ئاپاملار يوق ئىكەن،ئاكام مومامغا ئېسىلىپ:
_ئۆيىمىزگە كېتەيلى موما دەپ يىغلاۋاتقان ئىكەن.بولمىسا ئاپام ئاكامنى ئەينى يىللاردا خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بېقىپ بولالماي چوڭلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويۇپ ھەقىقى ئانا مىھرىنى بېرەلمىدىم دەپ بەكلا قىلىدۇ. مەن ئاكامنىڭ ئاشۇ يىغلىغانلىقىنى كۆرۈپ ئاكامنى راستىنلا مومامنىڭ چوڭ بولۇپ تۇققان بالىسى ئوخشايدۇ دەپمۇ قالغان ئىدىم.
كېيىن مومام ئاكامنىڭ زارىغا چىدىماي يىراق سەھرادىكى يولدىشى ئۈلۈپ كېتىپ قاراقسىز قالغان بىر شېرەم تۇققىنىنى بىر بالىسى بىلەن ئەكىلىپ ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئەكىلىپ ئاكامنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. گەرچە دادام ئاپاملار قاتتىق قارشىلىق قىلغان بولسىمۇ بىراق"داداڭنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئولتۇراي بالام.پات-پات كېلىپ خېرىدارلىقىمنى قىلىپ تۇرغاندىكىن بولدى"دەپ پەقەتلا ئۇنىمىدى.(ئاكام ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىنمۇ ئاپاملار ئەكىلىۋالايلى دىسە پەقەتلا ئۇنىمىدى) بۇۋام بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەن ئىكەن. ئاپامنىڭ ئىككى ئىنىسى ئوخشاشلا قىزىل چىقىپ تۈگەپ كېتىپ ئاپام ۋە بىر ھەدىسى ئىككىسى قالغان ئىكەن. چوڭ ئاپىمىز بولسا شەھەرگە يىراق بىر ناھىيەگە توي قىلىپ شۇيەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن.تەتىللەردە ئاپام بىلەن چوڭ ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ناھىيەدىكى شەھەردىن پەرىقلىق بولغان ئازادە،ساپ مۇھىتى،سەمىمى،ساددا،ساپ دىل كىشىلىرى ئارىسىدا كۈنلىرىمنى بەكمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزەتتىم.
ئىككى ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا بىر تال قىز بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن گەرچە بالىلارنىڭ ئوتتۇرانچىسى بولساممۇ بىراق كەنجى بالىغا تۇتۇلغان مۇئامىلىگە نائىل ئىدىم. نىمىشقىدۇر ئاپامنىڭ شۇنچە ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇشىغا قارىماي ئىنىمغا ئوخشاش ساغلام بولماستىن ئەكسىنچە سەل ئاغرىقچان ھەم نازۇك ئىدىم. ئۇكام شۇڭا دائىم «لۆم-لۆم،سازاڭ»دەپ تېرىكتۈرەتتى.
موماملارنىڭ ئۆيى شەرىق مەھەللىدە،بىزنىڭ ئۆيىمىز بولسا غۇلجا شەھرى يېڭى يول كوچىسىدا ئىدى.ئەسلىدە بىزنىڭ ئۆيىمىزمۇ ناغرىچى مەھەللىنىڭ ئۆيلەر زىچچىدە جايلاشقان،مىھرى ئىسسىق مەھەللىدىسىدە ئىدى.بىراق مەن تولۇقسىزغا چىققان يىلى دادام ئوبلاسىتلىق ئىنتىزام تەكشۇرۇشكە خىزمىتى ئۆستى-دە، بىزمۇ ئۇلارنىڭ دەرىجىسىگە قارىتا سېلىنغان ھازىرقى مۇشۇ يېڭى يول كوچىسىدىكى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كەلدۇق.دائىم ناغرىچى مەھەللىسدىكى ئاشۇ پىشايۋانلىق مىھرى ئىسسىق ئۆيىمىزنى سېغىنىمەن.چوڭ كوچىدىن مەھەللىمىزگە قايرىلغان كوچىدىكى ئىككى ياندىكى بۈككىدە دەرەخلەرنىڭ يولغا تاشلاپ تۇرغان سايىلىرىنىڭ راھىتى،يول ياقىسىدىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ دەرۋازا ئالدىغا تېرىۋەتكەن ھەر خىل گۈللىرىنىڭ خۇشپۇراقلىرى بىرلە رەڭگا-رەڭ ئېچىلىشىپ كوچىغا زىننەت ئاتا قىلىشلىرى، دەرۋازىمىز ئالدىدىكى دادام ھەۋەس بىلەن ياساپ قويغان ئۆتكەن-كەچكەنلەر،يولدا چارچاپ قالغانلار ۋە ئەتىگەن-كەچتە ئىشتىن بىكار بولۇشقانلىرىدا يېقىملىق كۈلكىلىرىنى جاراڭلىتىشىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىنى ئايلىنىپ پاراڭ قىلىشىدىغان مەھەللىمىزدىكى مۇڭداشقاق ئاياللارئولتۇرىدىغان شادىلىق ئۇزۇن ئورۇندۇق،دەرۋازىمىزدىن كىرگەندىن كېيىن تاكى پىشايۋانغا قەدەر قاراڭغۇ كۆرسىتىپ تۇرۇدىغان سالقىن باراڭ،ئاپامنىڭ ھويلىمىزدىكى كىچىككىنە كوكتاتلىقىمىزنى چۆرىدەپ تېرىۋىتىدىغان رەڭگا-رەڭ گۈللىرى بىلەن بەس تالىشىپ ئېچىلىپ كېتىدىغان پىشايۋانغا قاتار قويۇلغان تەشتەكتىكى گۈللەر ۋە ئۇلاردىن تارقىلىدىغان خۇشبۇي پۇراقلار..
مانا بۇلار بالىلىق ئەسلىمىلىرىم ئىچىدىكى داۋاملىق تامشىپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغان بالىلىق كارتىنىلىرىمدىكى بىر گۈزەل سۈرەت..
بالىلىقنى تۈگىتىپ ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇشقا باشلىدىم.ئاپامنىڭ چاققان-تېتىكلىكىنىڭ ئەكسىنچە مەن بەكلا نازۇك،مىجىم چوڭ بولدۇم.بۇنى ئادەتتە ئۆزۈمنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىدىن سېزەلمىسەممۇ بىراق مەندىن ئىككى ياش كىچىك بولغان ئۇكامنىڭ"سازاڭدەك ئۆمىلەپ يۈرگەن،ئاۋازىڭنى سەل چىڭ چىقىرە گېپىڭنى ئاڭلىيالمىدىم "دىيىشلىرىدىن ھېس قىلاتتىم.ئاپام ئۆزى ئوقۇتقۇچى بولغاچقىمۇ بىزگە مەيلى ئۈگىنىش،مەيلى كىيىنىش،مەيلى ئادەتلىنىش جەھەتلەردىن بولسۇن بەكلا قاتتىق تەلەپ قوياتتى.دادام بولسا كۆپ ۋاقتى ئۇ يان-بۇ يان خىزمەت تەكشۈرەش ۋە ئۇ يىغىن،بۇ يىغىنلارغا قاتنىشىشلار بىلەن ئۆتۈپ ئۆيدە بىز بىلەن بولۇدىغان ۋاقتى بەكلا ئاز ئىدى. شۇنىڭغىمۇ بىزنى بەكلا ئەركىلىتىپ خۇددى بۇ ئارقىلىق ئۆزى يوق ۋاقىتلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچىدەك قىلاتتى.تولۇقسىزنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىغا چىققنىمغا قارىماي مېنى تىزىغا ئولتۇرغۇزىۋىلىپ"سېرىق ئالتۇنۇم"دەپ ئەركىلەتسە ئاپام چىرايلىق كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ:
_دادىسى،بالىنى ئەركىلىتىشمۇ لايىقىدا بولسۇن،قىز بالا دىگەن بەك ئەركە بولۇپ كەتسە كېيىن تاشقى مۇھىتنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ،_دەپ رەنجىيىتتى.ئاپامنىڭ گېپىدىن دادام قوشۇمىلىرىنى ھەييارلىق بىلەن تۈرۈپ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ:
_ھاي،ھاي زوھرە،بالىلىرىمىز سېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭ ئەمەسقۇ بۇنچە قاتتىق باشقۇرغۇدەك،ئۆزۈمنىڭ ئايدەك قىزىنىمۇ ئۆزۈم ئەركىلەتسەم بولمايدىغان نەرى باركەن؟؟،_-دەپ تۇرۇۋالاتتى. بىراق مەن ئاپامنىڭ قۇلىقىمغا قۇيۇپ تۇرۇدىغان قىز بالا دىگەن ئەدەب-قائىدىلىك بولۇش،ھايالىق بولۇش دىگەندەك تەربىيەلىرى ئىچىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن دادامغا سۆيۈنۈش بىلەن قاراپ كۈلۈپ قويۇپ ئاستا قوپۇپ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە باشلايتتىم.مانا بۇ ۋاقىت ئۇكام ئۈچۈن بايرام بولاتتى-دە،مەندىن بوشىغان قۇچاققا يېپىشىپ ئالاتتى.ئۇنىڭغا ھەر قانداق جىملەشلەر ۋە ئەدەبلەشلەر كار قىلمايتتى.ئۇ دادام يوق ۋاقىتتا يىپتەك بولغىنى بىلەن دادامنى كۆردىمۇ بولدى "خۇپسەن گاس"نىڭ ئۆزىلا بولۇۋالاتتى.ئۆيىمىز مانا مۇشۇنداق ئىللىق،مۇھەببەتكە لىق تولغان ئائىلە ئىدى.دادامنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ گاھىدا ئۆيىمىزنى كىتابلاردا تەسۋىرلەنگەن مەرىپەتپەرۋەر،مۆتىۋەر ئائىلىلەرگە ئوخشىتاتتىم.قىسقىسى بىزنى بەكلا سۆيۈدىغان دادام ۋە بىزگە بولغان مۇھەببىتىنى ئەمىلى ھەركىتى ۋە تەلىم-تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن چىرايلىق ئاپام بىلەن تولىمۇ بەخىتلىك ئىدىم.ئاپامنىڭ قاتتىق قوللىقى نەتىجىسىدە ئۇكام ئىككىمىز قوشنىلارنىڭ نەزىرىدە (ئۇكام ھەر قانچە ئۇششۇق بولسىمۇ)"ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز پەزىلەتلىك"بالىلاردىن ئىدۇق.ئاپام بىزگە نەزىرىيە جەھەتتىلا تەربىيە قىلىپ قالماستىن بەلكى ئەمىلىي ھەركىتىدىمۇ كۆرسىتىپ تۇراتتى.مەن ئاپامنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزى ماڭا تەربىيە قىلغان قىز بالا ئۆزىدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى دائىم كۆرۈپ تۇراتتىم.بارا-بارا چوڭ بولۇشۇمغا ئەگىشىپ ئاپام كەلگۈسىدىكى تۇرمۇش ۋە شۇ تۇرمۇشقا چۆككەن ئايال كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئارتۇقچىلىقلار چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان بىلىم-ئېقتىدارلار دىگەن تەرەپلەردىن كېڭەيتىپ تەربىيە قىلاتتى.
مەيلى ھەر كۈنلۈكى ئەتىگەندە دادامنى"خۇدايىمغا ئامانەت،خىزمىتىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!" دەپ يولغا سېلىپ ئۆزى ئىشقا ماڭغىنىغا قارىماي كەچتە ئىشتىن كەلگەن دادامنىڭ دەرھال ئالماشتۇرىدىغان ساپما كەشىنى تەيارلاپ سېلىۋاتقان چاپىنىنى ئېلىپ كىيىم ئىشكابىغا ئېسىپ دەرھال ئاستىغا كۆرپە سالاتتى. بۇ بىزگىمۇ شۇ قەدەر ئادەت بولۇپ كەتكەنكىن ئەگەر ئاپامنىڭ قولى ئىشتا بولۇپ قالغان بولسا دادام ئىشىكتىن كىرىشى بىلەنلا دەرھال بىرىمىز ساپما كەشىنى تەيارلاپ، بىرىمىز كىيىمىنى ئېلىپ كۆرپە سېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلاتتۇق.دادامنىڭ سۆيۈنۈش تولغان كۆزلىرىدە مەمنۇنلۇق ئىپادىسى يالتىراپ:
_ۋاي،ۋاي،ۋاي..ئۆيگە كېلىشىم بىلەنلا خىزمەت ھارغىنلىقىم چىقىپلا كەتتى،_دىگەندەك گەپلەر بىلەن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەيتتى...
داداممۇ بىكار بولسىلا ئاپامغا قارىشىپ ھەمدەم بولاتتى.ئىككىسىنىڭ بىر ئىشلارنى تالىشىپ قىلىپ كېتىشلىرىنى كۆرگىنىمدە كىچىككىنە يۈرىكىمدە ئالەمچە بەخىت تىپچەكلەيىتتى...
مەن تولۇق ئورتىغا چىققان يىلى ئاپام ئۆزى ئىشلەۋاتقان 13-باشلانغۇچنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولدى.شۇندىن كېيىن ئاپام تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.بىچارە ئاپام ئەتىگەن سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ تېپىرلىسا كەچكە قەدەر شۇ قەدەر ئالدىراش بولۇپ بەزى كەچلىرى قايسى ۋاقىتلاردا ئۇخلاشقا ياتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم .كىچىك ۋاقتىمدىنلا ئاپامنىڭ «قىز بالا تۆشۈك ئىشلىرىغا پىششىق بولمىغاندا قىز دىگەن نامغا يۈز كېلەلمەيدۇ »دەپ تەربىيە بىرلە تاماق ئېتىش،ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۈگىتىشى بىلەن مەنمۇ گەرچە ئاپامدەك چاققان بولمىساممۇ بىراق ئاساسىي جەھەتتىن تاماقلارنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئېتەلەيدىغان شۇنداقلا بۇ ئارتۇقچىلىقىم بىلەن دەم ئالغاندا ۋە دەرىستىن كىچىككىنە بىكار بولغان ۋاقىتلاردا ھەم مەكتەپتىن بالدۇر يېنىپ كەلگەن ۋاقىتلاردا ئاپامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ قازان بېشىغا ياردەملىشىپ تاماقلارنىڭ تەيارلىقلىرىنى قىلىشىپ قويۇدىغان بەزەن ۋاقىتلاردا تاماقلارنى تەييار قىلىپ قويۇپ ئۇلارنى خۇش قىلىۋىتىدىغان بولدۇم.ئۇكاممۇ گەرچە مېنى «مىس،مىس،سازاڭدەك سۆرىلىپ يۈرىسەن» دىگىنى بىلەن مەن ئەتكەن تاماقلارنى ھوزۇرلىنىپ تامشىپ يەپ ئولتۇرۇپ:
_ھەدە قولۇڭ بەك تەملىك جۇمۇ،بەزى تاماقلارنى ھەتتا ئاپامدىنمۇ ئوخشىتىپ ئېتىسەن ،_دەپ ماختايتتى.
ھېيت-ئايەم يېقىنلىشى بىلەن ئائىلىمىزدە ئومۇمىيۇزلۈك ئالدىراش بىر كەيپىيات قاپلايدۇ. دەرىسلىرىمىزنى ۋاقتىدا تەكرارلاش بىلەن بىللە كىچىككىنە بوش ۋاقتىمىز چىقسىلا ئائىلىدە ئۆي تازىلاش،ھېيىتلىق پىشۇرۇقلارنى پىشۇرۇش،ساڭزا سېلىش،مۇراببا قاينىتىش دىگەندەك ئىشلارنى قىلاتتۇق.ئاپامنىڭ ئۆزگەرمەس ئەقىدەسى شۇكى قانچىكى ئالدىراش بولغان ھالدىمۇ ئايال كىشى بولغانىكەن ئاياللىق خىسلىتىنى جەزمەن مانا مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا چوقۇم نامايەن قىلىشى زۆرۈر ئىدى.شۇڭا بىز پەقەت قۇرۇق يەل-يىمىشلارنى بازاردىن سېتىۋالغاندىن سىرت باشقا پىچىنە-پىرەنىك،پىشۇرۇقلارنى ۋە ساڭزىنى ئۆيدە تەيارلايىتتۇق.ھېيتتا كەلگەن دادامنىڭ ئىدارىسىدىكىلەر بولسۇن،مەكتەپتىكىلەر بولسۇن مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم بولسۇن ئاپامغا قايىل بولمايدىغىنى يوق ئىدى.چىرايى گۈزەل بولۇپلا قالماستىن پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس گۈزەللىك تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ سۆيۈملۈك ئايالنى ماختىمايدىغانلار يوق ئىدى.
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا روزى ھېيتتا ساۋاقداشلىرىم ھېيتلاپ كەلدى.ئۇلار ئاپام ئىككىمىز پىشۇرغان ھەر خىل پېچىنە-پىرەنىكلەر، كۆڭۈل قويۇپ قايناتقان مۇراببالارغا ئېغىز تېگىشىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تامشىشىپ ئاپامنى ماختاپ كەتتى.شۇ ۋاقىتتا ئۇكام پۇسۇققىدا:
_بۇلارنى ئاپاملا پىشۇرغان ئەمەس كۆپرەكى پەزىلەت ھەدەمنىڭ قولى تەگكەن.ماۋۇ ساڭزىنىمۇ ھەدەم سالغان ،_دەپ مېنى تولىمۇ ئۇيالدۇرۇۋەتكەن ئىدى.ساۋاقداشلىرىم ماڭا قارىشىپ:
_ئۇييۇ..راستما؟ پەزىلەتنىڭ مۇنداق ھۆنەرلىرىمۇ باركەندە-دەپ چۇرقۇرىشىپ كەتكەندە بولسا خېجىللىقتىن قىزىرىپ يەرگە كىرىپ كەتكىلى تاسلا قالغان ئىدىم. بۇ ئەھۋالدىن ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئۇكام :
-ھەدەمنى بوش چاغلىماڭلار ،ئۆزى مىس-مىس بولغىنى بىلەن 72 خىل ھۆنىرى بار ئۇنىڭ ،_دەپ مەن ئۇنى قوغلاپ ئۆيدىن چىقىرىۋەتكەنگە قەدەر كاسىلدىغان ئىدى.
شۇندىن كېيىن سىنىپتا مەن توغرىلىق پاراڭ بولۇپ مېنى ھەممىنى قىلالايدىغان «سىھىرلىك مەلىكە »گە ئايلاندۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىدى.
ئۆزۈمنىڭ كەمچىلىكىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىگە گۈزەللىك بولۇپ چېلىقىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن.ھەقىقەتەن ئىنىم دىگەندەك «سۆرەلمە،مىجىملىقىم»لاتاپەتلىك،نازاكەتلىك قىزلارنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قېلىشنى نەدىن بىلەي؟
بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كېلىۋاتاتتىم.قورا ئىچىگە كىرىشىم بىلەنلا بىزنىڭ بىنانىڭ 4-قەۋىتىدە ئولتۇرۇدىغان يولدىشى ئوبلاستنىڭ مەدىنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولمىش دۇغىلاق كەلگەن،دۇغىلاق بەستىگە يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ،ئالتۇن جابدۇقلىرىنى ئىككى قۇلىقى،بوينى،بارمىقىغا ئالا قويماي تاقاپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىزىدىكى ئالتۇن چىشلىرىنى كۆرسىتىپ سۆزلەيدىغان ئايشەم ھەدە ئۇچراپ قالدى:
_ۋاي،ۋاي،ۋاي،ئالتۇن قىزىم،چوڭ بولغانسىرى زوھرەنىڭ نەق ئۆزىلا بولۇپ قېلىۋاتامسىز نىمە؟خېلى ۋاقىت بوپتۇ سىزنى كۆرمىگەنگە ..ئوبدانلا بوي تارتىپ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز ،_دەپ كەتتى.ئەدەب بىلەن قىلغان سالىمىمدىن كېيىن يەنە:
-پەزىلەت قىزىم خۇدايىم ئالتۇن بويىڭىزنى ئامان قىلسۇن،دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ ئەڭ چىرايلىق يەرلىرىنى تارتقىنىنى ،يائاللا بىلمىگەن كىشى ماۋۇ سېرىق دولقۇن چاچلارنى (بۇغۇۋالساممۇ بۈدۈرلىكى چىقىپلا تۇرغاچقا)،ماۋۇ ئاپئاق يۈزلەرنى،بۇ چىرايلىق قاش-كۆز،بۇرۇنلارنى كۆرسە ئاسماندىن چۈشكەن پەرىزاتنىڭ ئۆزى دەپلا قالىدىغۇ زادى..ئاللا،،ئاللا..چىرايىغا بېقىپ نازاكەت بىلەن ئاستا مېڭىشلىرىنى كۆرمەمدىغان..خۇيمۇ ئادەمنىڭ ئامراقلىغىنى كەلتۇرگۈدەك چوڭ بوپسىز.ئاللا خالىسا ئۆزۈمنىڭ قىزى قىلىۋالىمەنغۇ ئاخىر،-دىمەسمۇ..
يۈز كۆزلىرىم ئوت بولۇپ ياندى،چىرايلىققىنا خەيىرلىشىپ ئىتتىك ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.«قىزىق بۇ ئايال مېنىڭ ھەركىتىمنىڭ ئەزەلدىن ئاستىلىقىنى بىلمىگەچ مېنى ياساپ دەسسەپ ناز بىلەن مېڭىۋاتىدۇ دەپ قالغان چېغى..»
بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن باشقا يەنە قورسىقىمنى كۆپتۈرىدىغان ئىشلارمۇ بولغان ئىدى.11-ئوتتۇرا مەكتەپ تۈزۈمى مەكتەپ مۇدىرى ئالمىشىشى بىلەن تېخىمۇ چىڭىپ ئوقۇغۇچىلارنى قىسماققا ئېلىپ باشقۇرىدىغان بولۇپ كەتتى.ھەر كۈنى تولۇق 3- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى ئىككەيلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنىشى ۋە قىزلارنىڭ گىرىم قىلغان قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرەيتتى. بىر كۈنى كۈندىلىك ۋاقىتتىن ئازراق ھايال بولۇپ ئۆيدىن چىقىپ قېلىپ ئالدىراپ قالغان ئىدىم.ئالدىراش مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كېتىپ باراتتىم.
_توختاڭ!!،-دەپ ئىگىز بويلۇق كەلگەن بىر قىز توسۇۋالدى.
_نىمە بولدى تېخى كېچىكىپ قالىدىغان ۋاقىت بولمىدىغۇ؟؟
_كېچىكىشنىغۇ كېچىكمىدىڭىز،بىراق يۈز-كۆزلىرىڭىزنى بوياپ كەپسىز،بۇ ئوقۇغۇچىلار قائىسىگە خىلاپ.
_نىمە؟؟-گېپىنى ھار ئالغىنىمدىن يۈز-كۆزىرىمگە «لاپپىدە»ئوت كەتكەندەك بولۇپ قىزىرىپ كەتتىم
_مەكتەپ سىزنىڭ ئويۇن قويىدىغان سەھنىڭىز ئەمەس،قانداق قىلىق بۇ؟
قىزنىڭ يوغانچىلىق بىلەن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سۆزلىشىدىن ئارقامدىن كىرىۋاتقانلارمۇ توختاپ بىر دەمدە ئادەم يىغىلىپ كەتتى.
_مەن گىرىم قىلمىدىم.
_قىلىپ تۇرۇپ قىلمىدىم دەيدا،كۆزىمىز قارغۇمۇ بىزنىڭ،ئاۋۇ ئىنچىكە سىزىلغان قاش،ماۋۇ ئۇن خالتىسىغا چۈشكەندەك ئاپپاق سۈركەلگەن ماي،ماۋۇ ئېغىزغا سۈركەلگەن لەۋ سۇرۇخ..بۇلار گىرىم ئەمەسمىكەن؟؟
_خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ،مەن ئەزەلدىن ئۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيمەن.
-پاھ،مەن گىرىم قىلماي مۇشۇنداق چىرايلىق دىمەكچىمۇسىز؟؟پوچىلىقىنى بۇنىڭ.._قىز يولسىزلىق بىلەن كانىيىنى كەردى.مۇشۇنداق يولسىز كىشىلەرمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا كىرىۋالغاندىكىن توۋا دەيمەن..
غەزەپتىن دىر-دىر تىترەپ كەتتىم.ۋاقىت توشۇپ قېلىۋاتقىنىغا قارىماي بۇ ھەقسىز ئويۇننىڭ ئىشتىراكچىلىرى بارغانسىرى كۆپىيىۋاتاتتى.
_نىمانداق ئىشەنمەيسىز؟مەن قىلمىدىم دىدىمغۇ..-ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدا كۈچەپ سۆزلىگىنىممۇ ئۇ قىزنىڭ دىمىقىدا سۆزلىگەن ئاۋازىدىن كۆپ ئاستا ئىدى.
_تولا گەپ قىلماي ماۋۇ ئۆيدە يۈزىڭىزنى يۇيۇپ چىقىڭ!!
بۇ يولسىزلىقتىن ئۆتۈم تاشقان بولسىمۇ بىراق ھەقىقەتەن گىرىم قىلمىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويۇپ ئۇنى لەت قىلىش ئۈچۈن ماڭدىم. يۈزۈمنى پاك-پاكىز يۇيۇپ سۇلىرىنى ئېقىتقىنىمچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم:
_ئەمدى قاراپ بېقىڭ،راست گىرىم قىپتىمەنمۇ؟
قىز ئىشەنمىگەندەك كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ماڭا قاراپ قالدى.شۇ ئارىدا سىنىپ تەربىيەچىمىز كېلىپ قالدى ۋە نىمە بولغانلىقىنى سورىدى.مەن خورلۇقتىن«پاڭڭىدە»يىغلاپ كەتتىم .ئەھۋالنى چۈشەنگەن سىنىپ تەربىيەچىمىز قىزغا بىر مۇنچە گەپ قىلدى-دە،مېنى بەزلىگەچ سىنىپقا ئېلىپ ماڭدى ۋە چاخچاق ئارىلاش:
_ۋاي خۇدايىم ماۋۇ چىرايلىق قاش-كۆزلەر،بۇ سۈزۈك ئاق تېرىلەر ھېلىتىنلا ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتامدۇ نىمە..-دەپ كۈلدى.
كەچتە مەكتەپتىن ئۆيگە كېلىپ غەزەپ بىلەن بۇ ئىشنى دىسەم دادامنىڭ بەكلا ئاچچىقى كەلدى.ئاپام بولسا مەكتەپنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ:
_ئۇقۇشماسلىققۇ بوپتۇ،پەزىلەتقۇ گىرىم قىلمايدۇ،بىراق كىچىككىنە تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلىقىغا باقماي يۈز-كۆزىنى بوياپ مايمۇندەك بولۇپ كېلىدىغانلار بار ئەمەسمۇ ،مەكتەپنىڭ شۇنداق چىڭ تۇتقىنى ياخشى،خاتا ئەمەس،_دەپ تۇرۇۋالدى.ئۇكام بولسا پىخىلداپ كۈلۈپ:
_ھەي،ھەي بىچارە پەزىلەت،تەبىئىي گۈزەللىكىڭ سېنى يەرگە قاراتتىمۇ نىمە؟-دەپ مېنى تېرىكتۈردى.
كەچتە دەرىس ئوقۇۋاتسام ئۇ ئاستاغىنە قېشىمغا كىرىپتۇ ۋە بىر گېپى باردەك كۈلۈمسىرەپ تۇردى.
_نىمە گېپىڭ بار؟يەنە مېنى تېرىكتۈرۈمەن دەپ كىرگەن بولساڭ دەرھال چىقىپ كەتكىن .مەن دەرسكە قاراۋاتىمەن_دىدىم.ئۇ بولسا قېرىنداشلارچە مىھىر بىلەن كۆزلىرىمگە تىكىلىپ ئەركىلەپ تۇرۇپ:
-ئاپئاق ھەدە،خاپا بولما ھە،سېنى تېرىكتۈرۈپ قويدۇم،بىراق ساڭا بىر راست گەپنى قىلاي ھەرگىز رەنجىمە،-دىدى.ئۇنىڭ مۇلايىملىق بىلەن تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ «قېنى دىگىنە»دىگەن ھالدا ئىشارەت قىلدىم.
_ھەدە،سەن راستىنلا بەك چىرايلىق،مەن شۇ كەمگچە مەيلى سىنىپتا،مەيلى كوچىدا،مەيلى قەيەردىلا بولسۇن ھەتتا كىنۇلاردىمۇ سەندەك چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ باقمىغان بۇ راست ھەدە،_دىدى.
_ئۇنداق گەپنى ئاڭلىسام خاپا بولىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ .._مەن چىرايىمنى پۈرۈشتۈردۇم.
_قانداق قىلىمەن،چىرايلىقلىقىڭ راست تۇرسا..قىزىقتە بۇ..سىنىپىمىزدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاپاڭ بەك چىرايلىقكەن،ھەدەڭ ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىقكەن دىيىشىدۇ.
قىزىقىپ قالدىم«قارا بۇ شۇملارنى كىچىككىنە تۇرۇپ دىمەيدىغان گېپى يوقكىنا»
_ئەجەپ بالىلار باركەن سىنىپىڭلاردا كىچىككىنە تۇرۇپ كىشىنىڭ چىرايىنى باھالايدىغان..
_مەنمۇ كىچىك ئەمەس ھەدە،سەن مەندىن ئىككى ياشلا چوڭ،مەن ئەسلى بەش يېشىمدا ئوقىغان بولسام سەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان بولاتتىم.
_ماڭە نېرى،چوڭ بولغۇڭ كېلىپ كېتىۋاتامدۇ؟
_ياقەي شۇ،سەندىن ئەنسىرەيمەنچۇ،بىر سىنىپتا ئوقۇغان بولساق دائىم سېنى قوغداپ تۇراتتىم.قىز بالىنىڭ چىرايى ئۆزىگە دۈشمەن بولۇدىغان ئىشلار جىق كىتابلاردىمۇ كىنۇلاردىمۇ ساپلا شۇنداق ئىشلار تەسۋىرلىنىدىغۇ شۇنداق ئەمەسمۇ ھەدە؟؟.سەن راستىنلا بەك،بەك چىرايلىق،شۇڭا سەندىن ئەنسىرەيمەن.
_ئىشىڭنى قىلە جۇگۇ..،-ئۇنىڭ قۇرۇق پاراڭ سېلىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ قېلىپ ئۇنى قوغلاپ چىقىرىۋەتتىم.ئۇ يېپىۋالغان ئىشىكىمنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ«خەپ پەزىلەت،ساڭا پايدىلىق گەپ قىلىۋاتىمەن»دەپ[ ئاپام چىقىپ ئۇنىڭ دەككىسىنى بەرگۈچە تۇردى.بىراق ئەمدى مېنىڭ كاللامغا دەرىس چۈشمىدى. ئاستا ئىشكاب ئۈستىگە قويۇلغان ئەينەكنى ئالدىم-دە ئۆزۈمگە ئوغرىلىقچە قاراپ باقتىم .
تېرەم راستىنلا باشقىلار ئېيتقاندەك كۈن كۆرمىگەندەك ئاپپاق ۋە سىلىق،قېشىمنىڭ شەكلى گەرچە ئاپامنىڭكىگە ئوخشىسىمۇ بىراق قارا ئەمەس بىر خىل كافىي رەڭ كۆرۈنەتتى،كۆز قارچۇقۇم بولسا چىرايلىق قاپقارا ئەمەس بەلكى قوي كۆزمۇ ئەيتاۋۇر بىر قارىسا كۆكۈچ بىر قارىسا يېشىلدەكمۇ كۆرۈنەتتى.بۇ خىل ئالاھىدىلىكىمگە يارىشا چاچلىرىم سارغۇچ ۋە بۈدۈر ئىدى، بىر قاراشقىلا مەن قاش -كۆزلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئوخشىمايتتىم ئەكسىنچە چەتئەلدىن ئىمپۇرىت قىلىنغان كىچىك بالىلار ئوينايدىغان«بابى مەلىكە»قونچىقىغا ئوخشاپ قالاتتىم.
«بۇ چىراينىڭ نەرىمۇ چىرايلىق بولسۇن؟»دىدىم چىرايىمنى پۈرۈشتۈرۈپ،مېنىڭ نەزىرىمچە بولغاندا چىرايى ئاپامدەك بۇغداي ئۆڭلۈك كەلگەن(بۇنداق چىرايلار ساغلام چىراي كۆرۈنۈدۇ) قاش-كۆزلىرى قاپ-قارا،چاچلىرى قارا ۋە تۈز كەلگەن قىزلار چىرايلىق ھىساپلىناتتى....
ئۇكام بەلكىم شۇ ۋاقىتتا بىلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.بۇ چىراي ماڭا كېيىنكى كۈنلەردە نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپمۇ كەلگەن ئىدى...


ئاخىرى يېزىلىۋاتىدۇ

nawbar.. 2010-12-23 16:40
ۋايجان ....... ما ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلدىغان ۋاقىتتا بۇنى نىمدەپ ئوقۇپ قالغاندىمەن ئەمدى !؟ ئاۋۇ < يۈتكەن خاتىرە > بىلەن < سەن ، مەن ، ئۇ > نېڭ ئايىغىنى كۈتۈپ بولالمايۋاتقاندا ~ ...........

ھارماڭ !!
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئەمدى بۇنىڭ ئايىغىنى تەتىلدە ئۆيگە بېرىپ ئوقۇي  .

bargiya 2010-12-24 19:23
قاچاندىن كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئادەت قىلدىمكىن ئېنىق ئەمەس.. ئىشقىلىپ كىچىكىمدىن مۇھىم،مۇھىم كۈنلەرنى يېزىپ قويۇپ ئادەتلەنگەنىكەنمەن.كىتابنى كۆپ ئوقۇغاچقىمۇ ئىشقىلىپ  كىتابدىكى ئۆزۈمگە تەسىر قىلغان بۆلەكلەرنى ،ئېسىل سۆز ئىبارە،تەربىيەۋى ھەقىقەتلەرنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالاتتىم. يەنى كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ ئارىسىغا كۆچۈرۈپ قوياتتىم. كېيىن سىنىپىمىزدىكى قىزلارنىڭ دىيىشىچە كۈن،ئاي،يىللارنى قويۇپ تۇرۇپ كۈندىكى ئىشلارنى خاتىرىلەپ يازسا كۈندىلىك خاتىرە بولارمىش،بولمىسا ئۇ كۈندىلىك خاتىرە دەپ ئاتالماسمىش،مەن كۈلۈپلا قويدۇم،ھەر كىمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ.. مەن مۇشۇنداق ئەدىبى ئەسەر خارەكتىرىدە يېزىشقا ئامراق. شۇڭا تۈز،ئۇدۇللا چىقىرىۋىرىمەن،نىمە ئۇ ياساپ..شۇنداقمۇ؟؟
ھەي نىمىلەرنى دەپ كەتتىم.يەنىلا يۇۋاشلىق بىلەن خاتىرەمنى داۋاملاشتۇراي جۇمۇ..
ئاكامنىڭ ئوقۇشى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەكتەپ بويىچىلا ئەمەس بەلكى ئوبلاست بويىچىمۇ 1- بولۇپ دادام ئاپام موماملارنى بەكلا خۇش قىلىۋەتتى.دادام ئاپاملارنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى خۇلۇم-خوشنىلار،دوست-بۇرادەرلىرى شۇنداقلا ئۇرۇق تۇققانلىرى ئارىسىدىمۇ ئالاھىدە ئىناۋەت بىلەن ئالەمچە خۇشاللانغان مىنۇتلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتىمايمەن.ئىچىمدە مەنمۇ چوقۇم ياخشى ئوقۇپ دادام-ئاپامنى مۇشۇنداق خۇش قىلىمەن دەپ ۋەدە قىلدىم.ئەلۋەتە ئاپامنىڭ قاتتىق قول تەربىيەسى ئاستىدا ئۇكام ئىككىلىمىزنىڭلا ئوقۇشىمىزمۇ ياىشى ئىدى. تولۇق ئورتىنىڭ بىرىنجى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا  شەھەرلىك تېلېۋۇزىيەسى"غۇنچىلار گۈلىستانى "پىرۇگراممىسىدا تۇنۇشتۇرىدىغانغا ھەر قايسى مەكتەپلەردىن دەرىستە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن تاللاپتىكەن بىزنىڭ مەكتەپتىن مېنى تەۋسىيە قىپتۇ. شۇ پىرۇگراممىغا قاتنىشىشقا توغرا كەلدى.ھەر قايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا تولۇق 3- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ باركەن.كۆپىنچىسى ئوغۇل بولۇپ قىزلاردىن پەقەت بىر نەچچىمىزلا بار ئىكەنمىز.بىز "ئۇتۇق ۋە نەتىجە"قىسمىنى سۈررەتكە ئېلىشقا قاتنىشىۋاتقىنىمىزدا بىر نەچچىمىزدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈگىنىش ئۇسۇلى ۋە نەتىجىلەرنى تۇنۇشتۇرىدىغانغا  سۆزلەپ بېرىشكە ئېيتتى. رىياسەتچى قىز ماڭا مېكرافۇننى توغرىلاپ
_پەزىلەت،ئاڭلىشىمىزچە سىز سىنىپىڭىزدا دەرىستە ياخشى ئوقۇغۇچى ئىلغار سىنىپ كادىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە سىنىپتا دەرىستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا خالىس ياردەم قىلىپ تۇرىدىكەنسىز شۇنداقلا ئائىلىدىمۇ ئاپىڭىزنىڭ ياخشى بىر ياردەمچىسى ئىكەنسىز بۇ جەھەتتىكى ئۇسۇللىرىڭىز ھەمدە نەتىجىلىرىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەمسىز؟-دىدى.
شۇ ئان ھەر قايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن بولۇپ يىگىرمە نەچچە جۇپ كۆز ماڭا تىكىلدى. كۆزۈم ئېختىيارسىز ھالدا ئۇدۇلۇمدا تۇرغان ئاپئاق تەنتەربىيە مايكا-ئىشتان كىيىۋالغان ،بېشىغا ئاپئاق تەنتەربىيە شەپكىسى كىيىۋىلىپ خۇددى ساياھەتكە ماڭغانلاردەك ياسىنىۋالغان بالىنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچقىشىپ قالدى.قاپقارا قاشلار ئاستىدىكى قويۇق كىرپىلەر ئوراپ تۇرغان كۆزلەردىن نىمىشقىدۇر ھودۇقۇپ كەتتىم. لېكىن بۇ كۆزلەر  ماڭا ئېلھام بېغىشلىغاندەك شۇنداق سۆيۈملۈك كۈلدىكى ئۆزۈم ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بىر خىل ئىللىق ئېقىمنىڭ ۋۇجۇدۇمغا سىررىدە تارقالغانلىقىنى ھېس قىلدىم..
مېنىڭ ئۈگنىش ئەھۋالىمنىڭ ياخشى بولۇشى شۇنداقلا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمىلىيەتتە ئاپامنىڭ ماڭا بەرگەن تەربىيەسىنىڭ نەتىجەسى ئىكەنلىگىدەك بىر قاتار سۆزلەرنى قىلغان بولدۇم.شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمگە خۇددى بەكلا ھودۇقۇپ تېلېۋۇزۇرغا ئېلىنىۋاتقان بۇ سەھىپىنىڭ سۈپىتىنى بۇزۇۋاتقاندەك بىلىنگەن ئىدى.بىراق كېيىن قارىسام ئۇنچىلامۇ ئەمەس پەقەت شۇ چېچىمنىڭ بۈدۈرلىكىدىن خېجىل بولۇپ ئارقىغا چىڭ تارتىپ بوغۇۋالغاچقا يۈزۈمنىڭ قانسىزلىقىغا قوشۇلۇپ ئىنچىكە بوينۇم تازىمۇ ئۇزۇن كۆرىنىپ خۇددى بىر نان يىمىگەندەك ئورۇق كۆرۇنۈپلا كېتىپتىمەن.
شۇ كۈندىن كېيىن نىمىشقىدۇر شۇ بالا پات-پاتلا خىيالىمغا كىرىپ قالدىغان بولۇپ قالدى..
...........................................
كۈنلەر ،ئايلارنى قوغلاپ ئۆتۈپ مانا بىر دەمدىلا مەنمۇ تولۇق 3- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىمۇ ئازلا ۋاقىت قالغان ئىدى،مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا بېسىپ تەكرار قىلغانلىقتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ بىلمىدىم تۇرۇپ-تۇرۇپ بېشىم قېيىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى.دوختۇرخانىغا بارمىدىم،بارساملا تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئەپتىمگە قاراپ'قان ئاز،قۇۋۋەت يوق،ھازىرقى مۇشۇ قىزلار ئورۇقلايمىز دەپ ئۆزىنى تاماقتىن قىسىپ مانا مۇشۇنداق قۇۋۋەت يېتىشمەي كېسەل بولۇدۇ"لا دەيدۇ.مەن ئۇششاق-چۈششەك يىمەكلىكلەرنى ئەزەلدىن يىمەيمەن.ئەزەلدىن تاماق تاللىمايمەن،تامىقىممۇ خېلى-خېلى كىشىلەرگە قارىغاندا ياخشى.ئاپام مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ ھەسرەتلەنگەن ھالدا:
-ئېسىت،ئېسىت،ئاكىسىنىغۇ يېڭى توي قىلغان،يېڭى خىزمەت ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلار دەپ ئاپامغا تاشلاپلا بېرىپ ئانىلىق مىھرىمنىمۇ تۈزۈك بېرەلمەپتىكەنمەن.بۇ قىزنىغۇ ئۆزۈم باقتىم،بىراق ھەي..سۈتۈم پەقەتلا چىقماي ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولالمىدى شۇڭا بىچارە بالام مۇشۇنداق نان يىمىگەندەك بولۇپ قالدى ،_دەپ ئاھ ئۇراتتى.
ھەممىدىن تەلەيلىكى ئۇكام بولسا كېرەك.ئاپامنىڭ دىيىشىچە مېنى تۇققاندا سۈتى چىقمىغان بىلەن ئۇكامغا كەلگەندە باشقۇرالمايلا قاپتەك،(ئۇنىڭ ئۇششۇقلۇقىدىن قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك..ھى ھى)
شۇنداق قىلىپ چوڭ كېلىشمەسلىك دەل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىغشىپ ئەڭ ئاخىرقى پەندىن ئىمتىھان بېرىۋاتقاندا يۈز بەردى.....


ئاخىرى يېزىلىۋاتىدۇ..

islamay 2010-12-27 00:15
راس ئەزىزە خېنىم خاتىرىلەنى ئەكىتىشتىن بۇرۇن كۆرۈۋالساق بولاتتى.............

omak^324 2010-12-28 22:25
、ئېسىل ..ئېسىل .........

bargiya 2010-12-30 17:14
شۇنداق قىلىپ چوڭ كېلىشمەسلىك دەل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئاخىرقى پەندىن  ئىمتىھان بېرىۋاتقاندا يۈز بەردى. ئىمتىھان مەيدانىغا مېڭىپ كىرگەن بولسام كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىشتى.جاۋاپ يېزىۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتىم،تۇيۇقسىزلا كۆڭلۈم ئېلىشىپ ھەممە نىمە قالايمىقانلىشىپ تورۇسلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈۋاتقاندەك بولۇپ كۆز ئالدىم تۇمانلىشىپ ئۆزۈم قاپ-قارا بىر يەرگە غۇلاپ كەتكەنلىكىمنىلا بىلىمەن.
كۆزۈمنى ئاچسام بېشىمدا دادام،ئاپام،ئوقۇتقۇچۇم كۆزلىرى ياش يۇقى تۇرۇپتۇ.
_مەن نىمە بولدۇم؟مېنىڭ ئىمتىھانىم؟؟
ھالسىز سورىغان سۇئالىمغا مۇئەللىم بېشىمنى سىلاپ تەسەللى بىلەن،ئاپام كۆلزىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرى بىلەن،دادام لەۋلىرىنى چىشلەپ كۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن جاۋاب بېرىشتى.
.............
ئارزۇيۇم دوختۇرلۇقتا ئوقۇش ئىدى.بىراق ئاشۇ ئاخىرقى ئىمتىھان كۈنىدىكى ئىش تۈپەيلى نەتىجەم كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىدى.بىراق جاھىللىق بىلەن شىنجاڭ تىببى ئونۋىرسىتىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسپىنى تاللاپ قويدۇم .

                                                                 **********
بۈگۈن موماملارنىڭكىگە بېرىپ كېلىۋاتاتتىم.ۋاڭ قادىر باغنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆزۈمچە باغقا كىرگۈم كېلىپ قالدى.ئاۋغۇسىت ئايلىرىنىڭ باشلىرى غۇلجا باغلىرى قانداق گۈزەل ھە؟
قەلبىمدەباش كۆتۈرگەن  بىر خىل يېقىملىق لېرىك تۇيغۇلار باغ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن باغدىكى جانغا ئارام سالقىنلىق، يېشىللىقلاردىن تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.گۈللۈكلەردە بىر-بىرىدىن رەڭ ۋە پۇراق جەھەتتە بەس تالاشقان،رەڭگا-رەڭ ئېچىلىشىپ كەتكەن گۈللەر،قوياش نۇرلىرىغا ئۆزلىرىنى تۇتۇشۇپ باغ ئىچىگە جانغا ئارام سالقىنلىق ھوزۇر بەخىش ئېتىۋاتقان بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن مىۋىلىك دەرەخلەر،باغنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ سوزۇلغان يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ باغ مەنزىرىسىنى تاماشە قىلغاچ كاللىسىنى سەگىتىش،روھىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن كىرگەنلەرنى قارشى ئالغاندەك سۇس شامالدا شىلدىرلاشلىرى...باغنىڭ قاراڭغۇ بۈككىدە تاللىقلىرى تەرەپكە قويۇلغان ئورۇندۇقلاردا شېرىن مۇھەببەت قىسسىلىرىنى سۆزلىشىپ بىر-بىرىگە ئاشىقلىق بىلەن تەلمۈرۈشۈپ گاھى سۆز گاھى كۆز نۇرلىرى ئارقىلىق سۆيگۈ ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىشىۋاتقان شوخ،تېتىك بىر جۇپلار..
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مۇھەببىتىنىڭ سىھرىدىن ھاسىل بولغان گۈزەل كۆرۈنۈشلەر..
ئېختىيارسىز چەكسىز مۇھەببەت بىلەن سەكرەپ-تاقلاپ ئىچىمدىكى نامەلۇم شادلىق تۇيغۇلىرىنى تۆككۈم كەلدى.ئورنۇمدىن تۇرۇپ گۈللۈكتە رەڭگا-رەڭ ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەرنىڭ قېشىغا بېرىپ پورەك ئېچىلغان ھالرەڭ ئەتىرگۈلنى پۇرۇدۇم.ئەتىرگۈلدىن تارقالغان شېرىن ھىد دىماقلىرىمنى غىدىقلاپ كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇراتتىم.«چارس»قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ ئالدىمدىن بىر نۇر دەستىسى ئۆتۈپ كەتكەندەك بولۇپ كۆزۈمنى ئاچتىم .مەندىن سەل نېرىدا سۇس مايسىرەڭ چاقماق كۆينەك ۋە پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان بىر بالا بوينىغا ئېسىۋالغان ئاپاراتىنى ماڭا توغرىلاپ تۇرۇپتۇ.رۇخسەتسىزلا قىلغان بۇ ئىشىدىن ئاچچىقىم كېلىپ باياقى شەيدالىق ۋە لېرىك كۈيگە تولغان ھېسسىياتىم تامام غايىپ بولدى-دە،نارازىلىق بىلەن قاپىقىمنى تۈرۈپ تىكىلىپ قارىدىم.قارىدىميۇ ئېختىيارسىز يۈرىكىم دۇپۇلدەپ سوقۇپ كەتتى.ئالدىمدا قويۇق كىرپىكلىك  قاپقارا كۆزلەر كۈلۈپ تۇراتتى.بۇ كۆزلەر پەقەت بىر لا قېتىم كۆرگىنىمگە قارىماي تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ قالىدىغان ھېلىقى مىھرى ئىسسىق كۆزلەر ئىدى..

                                                                ***********
قىزىق تەغدىرنىڭ ئاجايىپ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى باركى بىلىپ-بىمەي شۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئىلكىدە ئۇنىڭ پەنجىگە چۈشۈپ قايسى تەرەپكە ماڭ دىسە شۇ تەرەپكە ماڭىدىغان بولۇپ تېخى بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن ئالەمچە سۆيۈنۈپمۇ كېتىمىز.

ئۇ بالا قاپىقىمنى تۈرۈپ قارىغىنىمنى كۆرۈپ تەشۋىش ئارىلاش كۈلۈمسىرەپ  قېشىمغا كەلدى.
_كەچۈرۈڭ،مەن،مەن ئۆزۈمنى پەقەت تۇتالماي ..
ھىچ گەپتىن ھىچ گەپ يوق دىيىلگەن بۇ سۆز تېخىمۇ ئاچچىغىمنى كەلتۈردى.
_بىراۋنىڭ رۇخسىتىسىز رەسىمگە تارتىشنىڭ ئەدەبسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟؟
_راستىنلا كەچۈرۈڭ،مەن شۇ..بۇ گۈزەللىك مېنى سىھىرلەپ قويغان ئوخشايدۇ.راست دەۋاتىمەن،بىر توپ گۈلنىڭ قېشىدا چىرايلىق ئەتىرگۈلدىنمۇ چىرايلىق بولغان بىر قىزنىڭ ئۇنى پۇراپ تۇرغان ھالىتى ،كۆزلىرىنى يۇمۇپ تېخى،،بۇ بىر گۈزەل سەنئەت كۆرىمەن دەپمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان بەك گۈزەل بولغان بىر پارچە رەسىم.شۇڭا مەن تارتىپ ساپتىمەن.ماڭا ئىشىنىڭ يۇيغۇزۇپ پەقەت ئۆزىڭىزگىلا بېرىمەن.يامان نىيىتىم يوق.
بالىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېيتقان سۆزلىرى بىرلە چىرايىدا پارلاپ تۇرغان سەمىمىيەتتىن  ئاچچىقىم تېزلا تاراپ كەتتى.:
_ئەمىسە راست ھە!!
_يۈزدە-يۈز راست.ھە راسىت ئۆزۈم بىرنى ساقلاپ قويسام بولامدۇ؟؟
_؟؟؟؟
شۇ سۆھبەتتىن كېيىن بىز تونۇشۇپ قالدۇق.ئىككىنجى قېتىم يۈز كۆرۈشىشىمىز ئىكەنلىكىنى مەن بىلگەندەك ئۇ بالىمۇ مېنى بىرلا كۆرۈپ تونۇپتۇ.
_ئىسمىڭىز پەزىلەت ھە؟مەن ئۇنتۇپ قالمىدىم،مېنىڭ ئىسمىم ئەزىمەت،_دىدى.
ئىسمى ئۆزىنىڭ تۇرقىغا خوپ ياراشقان  بۇ بالا بىلەن ئاشۇ ۋاقىتتىكى تېلېۋۇزۇر ئېكرانىغا چىققىنىمىزدىكى ئىشلارنى دىيىشىپ بىر دەمدىلا ئۆزلىشىپ چىقىشىپ قالدۇق.پاراڭ بىلەن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ.ئامالسىز خوشلىشىپ ئۆيگە قايتتىم.يول بويى ئۇنىڭ مېنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىدىكى ئوڭۇشسىزلىقىمدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى شۇنداقتىمۇ تىببى ئونۋىرسىتىتنىڭ مەخسۇس كۇرستىن ئارزۇ توشتۇرۇپ قويغانلىقىمدىن باشقىچە خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ ماڭدىم.ئەزىمەت ئىككى يىل بۇرۇن شىنجاڭ تىببى ئونۋىرسىتىنىڭ كېلىنىكىلىق داۋالاش فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا بېرىپ شۇ يەردە ئوقۇۋىتىپتۇ.
تۇنجى قېتىم قىزلىق يۈرەك تارىمغا ئىنتايىنيېنىك بىر زەخمەك ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭدىن بەكمۇ گۈزەل،رەڭدار،يېقىملىق بىر ئاھاڭ بوش چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى...


ئاخىرى يېزىلىۋاتىدۇ...

bargiya 2010-12-30 17:25
نەچچە كۈندىن باش كۆتۈرگىدەك ئىمكانىيەت يوق ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. سىلەرنى ساقلىتىۋەتكىنىمدىن خېجىلمەن. .ئەمدى ئىمكاننىڭ بارىچە تېزراق يوللايمەن.(ھېلىمۇ ئەزىزە خاتىرىسىنى ئالالماي تۈركىيەگە ماڭالمايۋاتىدۇ... )

ahu 2010-12-30 18:08
  
نەقىل
بۇ 89قەۋەتتىكىbargiya يوللىغان 2010-12-30 17:25 غا قارتىلغان  :
نەچچە كۈندىن باش كۆتۈرگىدەك ئىمكانىيەت يوق ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. سىلەرنى ساقلىتىۋەتكىنىمدىن خېجىلمەن. .ئەمدى ئىمكاننىڭ بارىچە تېزراق يوللايمەن.(ھېلىمۇ ئەزىزە خاتىرىسىنى ئالالماي تۈركىيەگە ماڭالمايۋاتىدۇ... )

قانداق قىلغىنىڭىز بۇ ئەمدى بىراۋلارنى ساقلىتىپ.......بىزنىمۇ ساقلىتىپ؟

barqukkizi 2011-01-02 17:08
بىر يىل ساقلىسساممۇ يوق نىمىش بۇ ئەزىزەخان بىلەن سۇقشۇپ قالماڭ يەنە  

bargiya 2011-01-04 12:43
جاپالىق تىرىشچانلىقىمنىڭ كېلىشمەسلىك تۈپەيلى پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتىشىگە ھەر ھالدا خۇدايىمنىڭ رەھمى كەلگەن بولسا كېرەك نۇمۇرۇم ھەر ھالدا يامان ئەمەس چىقىپ تىببى ئىنىستۇتۇتنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسپىنىڭ مەخسۇس كۇرىستىن  قەغىزىم كەلدى.
دادام ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەتتى يېڭى مۇھىت،يېڭى ناتۇنۇش چىرايلار..
بىر-بىرىمىزگە ياتسىراش،يېتىرقاش،ئەيمىنىش بىلەن تىكىلىشكەن ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن ھەپتە ئۆتمەيلا تۇنۇشۇپ،چىقىشىپ كەتتۇق.گەرچە ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە تولۇق كۇرىستا ئوقۇيالمىغان بولساممۇ بىراق مەخسۇس كۇرىستا ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىلىم ئاشۇرۇۋالسام بولۇدۇغۇ دىگەن ئارزۇ بىلەن مەكتەپكە كەلگەن ئىدىم.
مەكتەپكە كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىنكى شەنبە كۈنى ياتاقتىكى قىزلارنىڭ بەزىلىرى بازار چۆگىلەشكە چىقىپ كەتكەن،بەزىلىرى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كەتكەن ئىدى. مەن مەكتەپكە ماڭغان چاغدا ئېلىۋالغان كىتابلىرىمنىڭ بىرسىنى ئېلىپ ئوقۇپ ئولتۇردۇم.ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن كۆزلىرىم ئىچىشىپ گەجگەم تېلىپ كەتتى.كىتابنى قويۇپ قويۇپ ئاز-تولا ھاۋا يەپ كىرىش ئۈچۈن ياتاقتىن چىقتىم. بىنادىن چىقىپ ياتاق بىناسى ئارقىسىدىكى بۈككىدە دەرەخلىك تەرەپكە قايرىلىشىمغا:
_پەزىلەت!،-دەپ بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇرۇلۇپ قاراپ ئېختىيارسىز نامەلۇم تۇيغۇنىڭ دەۋرىشى بىلەن يۈرىكىم رېتىمسىز سوقۇپ كەتتى.
_ياخشى تۇرامسىز؟يائاللا شۇنداقمۇ جىمغۇر قىز بولىدىكىنا،كەلگەن-كەلمىگەنلىكىڭىزنى بىلەلمەي شۇنداق قىينىلىپ كەتتىم.ئۆيىڭىزنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى سورىۋالمىغىنىمغا بەكلا پۇشايمان قىلدىم.
ئەزىمەت خۇددى تېز-تېز دەۋالمىسا گېپىنى بىرسى بۇلاپ كېتىدىغاندەك گەپلەرنى بىر تىنىقتىلا دەپ توختىدى.ئۇنىڭ ئالدىراش ھالىتى مەندە ئېختىيارسىز كۈلكە قوزغاپ كۈلۈۋەتتىم.
_نىمىگە كۈلۈسىز؟
_نىمانچە ئالدىراش-تېنەش سۆزلەيسىز؟
_ئۆزىڭىز ئاستا گەپ قىلغاچقا شۇنداق تۇيۇلغان ئوخشايدۇ.نورمال گەپ قىلدىمغۇ؟
_شۇنداقمۇ؟،-تۇنجى كۆرۈشىشىمىزدىلا ئۇنىڭ مېنىڭ "مىجىم"لىقىمنى تىلغا ئېلىشى سەل نېرۋامغا تەگدى.ئۇ چىرايىمنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال سۆزىنى تۈزەتتى:
-كەينى-كەينىدىن سۆزلىۋېلىپ ئاندىن قالغان گەپلەرنى ئالدىرىماي قىلاي دىگەنتىم ئەسلى..
ئۇنىڭ سەمىمىيەت پارلاپ تۇرغان قاپقارا كۆزلىرىدىكى مىھىر شولىسى دەممۇ-دەم مېنى ھودۇقتۇرۇپلا تۇرغاندەك قىلاتتى...

                                                                   *********

كۈنلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتۈپ مانا مەكتەپكە كەلگىنىمىزگىمۇ بىر ئايدىن ئېشىپ قالدى دادام-ئاپاملارغا قىلىدىغان غەلۋىلىرىممۇ بېسىقىپ ئۆزۈممۇ بۇ مۇستەقىل تۇرمۇشقا يېڭى مۇھىتقا كۆنۈپ قېلىۋاتاتتىم.
بۇ ئارىدا "يېڭى كەلداخۇن"لارنى ئۆز يۇرتلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم كۈتۈۋالدىىغان ئىشلارمۇ بولدى. شۇ قېتىمقى كۈتۈۋېلىشتا ئۆز يۇرتلىق ھەم مەكتەپداش ئوقۇغان ھەم باشقا مەكتەپلەردىكى ئانچە-مۇنچە تونۇيدىغان قىز-ئوغۇللار بىلەن تۇنۇشۇپ كەيپىممۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
شۇ ئولتۇرۇشتا ئەزىمەت ماڭا باشقىچە يېقىنچىلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ھە دىسىلا يېنىمغا كېلىپ ئۇنى-بۇنى دەپ،ئۇنى-بۇنى تۇنۇشتۇرۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇۋاتقان،ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىپ چۆرگىلەپ يۈرگەن قىزلارنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكى دىققىتىمدىن قېچىپ قۇتۇلمىغان ئىدى.
بىرىنجى يىلىمىز گەرچە خەنزۇ تىلى تەيارلىق يىلى بولسىمۇ بىراق ئۆتۈلۈۋاتقىنى تىببى خەنزۇتىلى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەزنىنى بوش چاغلىغىلى بولمايتتى.خەنزۇ تىلى ئاساسىمنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۆزۈمگە تەمەننا قويۇدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئاساسى خەنزۇتىلى باشقا گەپ،تىببى خەنزۇتىلى باشقا گەپ ئىكەن ئەمەسمۇ؟؟..
شۇنداق قىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۈگىنىشكە كىرىشىپ كەتتىم.ياتاق بويىچە ئەڭ مىس-مىس بولغىنىم بىلەن سىنىپتا خەنزۇ تىلىدىكى توغرا تەلەپپۇزۇم ۋە باش كۆتۈرمەي ئۈگىنىشىمنىڭ نەتىجىسى بولمىش ئىلگىرلەشلىرىم مېنى تەبىئىي ھالدا ئوقۇتقۇچۇم ۋە ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا خېلىلا ئىناۋەتكە ئىگە قىلغان ئىدى.ئۈگىنىش ھەيئىتى بولۇپ سايلانغىنىمدا مېنىڭ "ئاستا ئىش-ھەركىتىمگە " قارىتا "جانسىز"دىگەندەك پىكىرلارمۇ چۈشتى.بۇنىڭدىن كۆڭلۈم  سەل يېرىم بولدى بىراق ئامال قانچە مەن ئۆزۈم ئەتتەي شۇنداق بولۇۋالمايدىغان تۇرسام.
ئاپامنىڭ  دائىم تېلېفۇن بېرىپ تاپىلاپ تۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ھېچقانداق ئوغۇللار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ كۆڭۈل بېرىشمەيمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە قىلغان ئىدىم. بىراق بۇ ئىرادەمنىڭ ئەكسىچە تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئەزىمەت خىيالىمغا كېلىپ قالىدۇ. ئەزىمەت ھېلىقى يېڭى كەلگەنلەرنى كۈتىۋىلىش ئولتۇرۇشىدا شۇنداق ئىشەنىچ بىلەن مېنى تانسىغا تارتقاندا بىلمەيمەن دەپ قوپمىغانلىقىمدىن رەنجىپ قالغان چېغى شۇنىڭدىن كېيىن زادىلا كۆرمىدىم.بىراق سىنىپقا ماڭغاندا ،ئاشخانىغا كىرگەندە،كۈتۈپخانىغا ماڭغاندا ،شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى مەكتەپ قورۇسىدىكى دەرەخلەر ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرگەنلىرىمدە ھامان بىر جۇپ كۆز مېنى كۈزۈتۈۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم،ئەندىكىپ ئەتراپىمغا قارايتتىم.بىراق شۇنچە قاراپمۇ ماڭا ھەۋەس بىلەن،ھەسەت بىلەن يەنە قانداقتۇر ئىپادىلەر بىلەن قارىغان كۆزلەر ئارىسىدىن ئۇ بىر جۇپ كۆزنى تاپالماي مەيۈسلىنىپمۇ قالاتتىم.
                                                   ********
بۈگۈن مەكتەپ ئاشخانىسىدىن چىقىۋىتىپ ئەزىمەتنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ئۇ ئۇچىسىغا قارا-كۆك تەنتەربىيە كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ ئازادە كىيىم ئۇنىڭغا  شۇنداق ياراشقان ئىدى. نىمىشقىدۇر ئۇنى كۆرۈشۈم بىلەنلا يۈزلىرىم قىزىرىپ،يۈرىكىم سوقۇپ كەتتى.
_ياخشى تۇرامسىز تىرىشچان قىز؟؟
ئۇ چاخچاق ئارىلاش مۇلايىملىق بىلەن ئەھۋال سورىدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چاچرىغان بىر نۇر دەستىسى ئۇدۇل يۈرىكىمگە تەككەندەك بولۇپ  جانسىز ھالەتتە تىترەپ كەتتىم.
-ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟
_مانا مۇشۇنچىلىك،-ئۇ شوخلۇق بىلەن مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ كۆزىنى قىسىپ قويدى.يەنە نىمىنىدۇر دىمەكچى بولۇپ ئۆمەللەنگەن لەۋلىرى ئارىسىدىكى سۆز <ئەزىمەت ،تاماقنى ئېلىپ بولدۇم نىمانداق كىرمەيسەن؟>دىگەن زىل ئاۋاز بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى.ئۇ ئوڭايسىز ھالەتتە جىلمىيىپ قويۇپ:
_سىز تاماق يەپ بولۇپ قايتتىڭىزمۇ؟جۈرۈڭە بولمىسا بىللە يەيلى!!-دىدى.
مەن ئۆرۈلۈپ كەينىمگە قاراپ ئاشخانا پەلەمپىيىدە تۇرۇپ ئۇنى ئالدىرىتىۋاتقان زىلۋا بويلۇق قىزنىڭ نارازىلىق چاقنىغان كۆزلىرىدىن تارقىغان سۇغۇق نۇردىن ئەندىككىنىمچە :
_ياق،بولدى رەھمەت،_دىدىم-دە،ئىتتىك مەندىن ئۇزاپ كەتكەن ياتاقداشلىرىمغا قاراپ ماڭدىم.
كۆڭلۈم شۇ قەدەر غەش بولدىكىن نىمىسىنى ئېيتاي،شۇ كۈندىكى كەچلىك تەكراردا ئەڭ ئاخىرقى پارتىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ ياش تۆكتۈم،بۇ ياشلىرىمنى دادامنى،ئاپامنى،ئۇكامنى،ئۆينى سېغىنغانلىقىمدىن يىغلىدىم  دەپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم...


ئاخىرى ھېلى يوللىنىدۇ...

bargiya 2011-01-04 13:42
ئۇكام "سەن بەك چىرايلىق،دىققەت قىلغىن،دۈشمەن كۆپ بولۇدۇ"دەپ خۇددى ئاكامدەك ماڭا تولا نەسىھەت قىلاتتى.ئاپام بولسا"بالام،ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇڭ،ھايالىق بولۇڭ،بىراق سەزگۈر بولۇڭ"دەيتتى. دادام بولسا"ئاپىسى،سەن كەچكىچە قىز بالا ئۇنداق بولۇشى كېرەك بۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ رامكا ئىچىدە چوڭ قىلغاچقا بۇ قىز بەكلا ساددا،يۇۋاش بەكلا ئاقكۆڭۈل بولۇپ قالدى،مەن شۇ تەرەپلەردىن بەكلا ئەنسىرەيمەن"دەيتتى.بۇ گەپلەرگە ئېرەن قىلمىغان ئىدىم. ھازىر بولسا مانا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن شۇ قەدەر يۇۋاش ئىكەنلىكىمنى،"قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا"دەك  جاھان رەپتارلىرىنىڭ ھىچقايسىسىدىن خەۋەردار ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. كەچلىك تەكراردىن چۈشۈپ ياتاق بىناسىغا بارغۇچە بىر-بىرى بىلەن ھېچ ئايانمايلا سۆرىشىپ دەرەخ دالدىلىرى ياكى كىچىككىنە دالدا يەرلەر بولسىلا ئېسىلىشىپ،چىرمىشىپ كېتىۋاتقان قىز-يىگىتلەر ماڭدامدا دىگۈدەك ئۇچراپ تۇرۇدۇ. تېخى بەزى شېتىلرەك ئوغۇللار ئىسقىرتىشىپ"ھويت،،ئاستىراق،ئاستا"دىيىشىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىز بىلەن قاتار  مېڭىپ قالغان ئوغۇللار بولسا ئىزا تارتقىنىمدىن بېشىمنى كۆتۈرەلمەيلا قالىمەن. بۇغۇ  بىر گەپ تېخى سىنىپىمىزدىنلا ئاشىق-مەشۇقلار قامۇسىغا ھۆسۈن قوشۇشۇپ بىر-بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئۈلگۈرگەنلەرگە نىمە دەي.. سىنىپقا كىرسە-چىقسا بىللە ،بىر-بىرىنىڭ بەللىرىدىن ئايلاندۇرۇشۇپ قوللىرىنى ئۆتكۈزۈشۈپ (خۇددى قويۇۋەتسە خەق بۇلاپ كېتىدىغاندەك)ئەڭ ئاخىرقى پارتىلارغا بېرىۋىلىپ قانداقتۇر قىلمىغان قىلىقلىرى قالمايدۇ. قىزلار ئەركىلىشىپ ناز بىلەن سۆزلەشسە تاسلا قالىدۇ يىگىتلىرى شۇ سىنىپتىلا  باغرىغا باسقىلى.. نىمىدىگەن نۇمۇس..
ئالىي مەكتەپ تەسەۋۇرۇمدىكىدەك بىلىم ئېگەللەش،تىرىشىپ ئۈگىنىش ئارزۇ-ئىستەكلىرى ئىچىدە ئوت بولۇپ يانغان قىز-ئوغۇللار توپلاشقان ماكان دىگەن تەسەۋۇرۇمغا زادىلا ئوخشىمايدىكەن.ئەجىبا بىز پەقەت ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشنىلا ئاخىرقى نىشان قىلىپ تولۇق ئورتا مەكتەپكىچە تىرىشىپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بولدى قىلىشىمىز ئەمدىكى زىھنىمىزنى چوقۇم مۇھەببەتكە قارىتىشىمىز زۆرۈرمىدۇ؟؟
ئاشۇ ئۇكام ماختىغان چىرايىم تۈپەيلى قويۇلۇۋاتقان  تەكلىپلەرنى بىر-بىرلەپ رەت قىلىپ يۈرۈپ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە "چىرايىغا ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىدىغان  ھالى ئۈستۈن ھاكاۋۇر خېنىم"دىگەن ئاتاققا نائىل بولدۇم. سىنىپ ھەيئىتىمىز  مەردان سەل كىچىكرەك كەلگەن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ  تۇرۇپ:
_پەزىلەت،نىمانچە قىلىسىز؟سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە كىچىك بالا ئەمەسقۇ سىز.تاللاپ-تاللاپ  مەندىن ئاشقۇدەك كىمنى تاپارسىزكىن قېنى!!،_دىگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئالاھىدە ئىلتىپاتلىرىنىڭ غەرەزلىك ئىلتىپات ئىكەنلىكىنى بىلىپ تېنىم شۇركىنىپ كەتتى.شۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتىپ ئۇنىڭ بىلەن تۈز،ساددىلارچە ساۋاقداشلىق مۇناسىۋەت تۇرسا دەپ تاماقلارغا،ئۈگىنىش ۋە تەكرار قىلىشلارغا  ئەركىن بىللە كىرىپ -چىقىشلاردىن چورتلا توختىدىم.مانا بۈگۈنمۇ ئەنۋەرنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سوزۇلغان مۇھەببەت تەكلىپى بولمىش خېتىنى يىرتىۋەتكىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭ يۇرتدىشى گۈلشەندىن دەككەمنى يىدىم. گۈلشەن سېسىق گەپ قىلىپ بوينىنى شاپتۇل قېقىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ياتاقتىكى قىزلار تۇشمۇ-تۇشتىن:
_بۇ ساراڭنىڭ گەپلىقرىنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ پەزىلەت،كۆڭۈل دىگەننى زورلاپ تاڭغىلى بولاتتىمۇ؟؟-دىيىشىپ كۆڭلۈمگە تەسەللى بېرىشتى. ئادەتتىكى گېپىممۇ شۇنداق ئاستا تۇرسا بۇنداق جاۋۇلداق ئادەمگە نەدىمۇ شۇنداق تېز گەپ تېپىپ بەرگۈدەك سەنئەت مەندە بولسۇن؟؟
يالغۇز چىقىپ ئايلانغۇم كەلدى.ئاخشامدىن يېغىۋاتقان قار توختاپ ھاۋا ئېچىلىپ كەتكەن بولغاچقا سۇغۇقنىڭمۇ ئوبدانلا جېنى بار ئىدى.سىرىتقا چىقىشىم بىلەن ئاپئاقلىققا تولغان مۇھىت  مېنى ئېختىيارسىز مەكتەپ بېغىغا باشلىدى. ھەممە ئاپئاق،شۇ قەدەر گۈزەل بولۇپ كەتكەنكىن  دەرەخ شاخلىرى ۋە گۈللۈكلەردە شۈمشىيىپ قالغان گۈللەر بېشىغا قونغان بۇ ئاق چېچەكلەرگە  تېخى بۇلغانغان مۇھىتنىڭ  قارا ئىسلىرى قونۇشقا ئۈلگۈرمىگەچ،تەبىئەت تولىمۇ گۈزەل،ساپلىققا تولغان ئىدى. بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ باغ ئىچكىرىسىگىرەك كىردىم. بىر-بىرى بىلەن قار ئېتىشىپ ئويناۋاتقان،رەسىملەرگە چۈشۈشۈۋاتقان،دەرەخ شاخلىرىدىكى ئاق چېچەكلەرنى بىر-بىرىگە ئىرغىتىشىپ كۈلۈشۈۋاتقان بېغەم بىر جۇپلاردىن يىراقراق خالىي يەردىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئۈستىدىكى قارنى پەلىيىم بىلەنلا ئۇ يان-بۇ يان سۈرتۈۋىتىپ ئولتۇردۇم. ئاق زىمىن ئۆزىنىڭ پاك،غۇبارسىز گۈزەللىكى بىلەن قەلبىمدىكى غەشلىك تۇيغۇلىرىنى قوغلىغان ئىدى.ئېختىيارسىز ئۆزۈمنى ئارقىغا تاشلاپ چەكسىز بىر خىل ھوزۇر بىلەن كۆزلىرىمنى يۇمدۇم.
"چارس"قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كۆز ئالدىمدىن بىر نۇر دەستىسى ئۆتۈپ كەتكەندەك  قىلدى. چۆچۈپ كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ ئورنۇمدىن ئىتتىك تۇرۇپ كەتتىم.
ئىچىگە ئاپئاق ئۆرە ياقىلىق پوپايكا كىيىپ ئۈستىگە قىسقا  قارا بوغماق پەي چاپان ،قارا ئىشتان كىيىۋالغان ،بوينىغا ئاپارات ئېسىۋالغان قويۇق كىرپىكلىك قاپقارا كۆزلەر كۈلۈپ تۇراتتى.
_سىز؟؟
_نىمە؟؟ئىككىنجى قېتىملىق گۈزەللىك تۇيغۇسىدىن ھوزۇرلىنىپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالمىغىنىمغا ئەدىبىمنى بەرمەكچىمۇسىز؟
_سىز بەكلا ھەددىڭىزدىن ئاشتىڭىز.
رەسمىي ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ پەرۋاسىز ھالەتتە خۇددى مەن بىلەن شۇ قەدەر يېقىندەك رۇخسەتسىز قلغان ئىشى مېنى كۆزگە ئىلمىغاندەك تۇيۇلۇپ ئوغامنى قايناتتى.
_خاپا بولدىڭىزما؟
مەن قاپىقىمنى تۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تىكىلدىم:
_نىمىشكە بۇنداق رۇخسەتسىز رەسىمگە تارتىشقا ئامراق سىز؟؟
ئۇ مېنىڭ ئاچچىق بىلەن زەردىلىك سورىغان سۆزۈمدىن، ئۆزگىرىپ كەتكەن چىرايىمدىن راستىنلا رەنجىگەنلىكىنى كۆرۈپ سەل ھودۇققان ھالدا :
_كەچۈرۈڭ!!قاراڭ مەن ئاۋۇ يەردە  دەرەخ شاخلىرىدىكى قارلارنى  ۋە مەنزىرىلەرنى ،سىنىپتىكىلەرنى رەسىمگە تارتىۋاتاتتىم.سىزنىڭ خيالچان ھالدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ قېلىپ ئارقىڭىزدىن ماڭسام زادى قاراپ قويمىدىڭىز.قارىسام كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇرۇپ شۇ..شۇ ھېلىقى ۋاقىتتىكىدەكلا شۇنداق چىرايلىق،ئاپئاق قار،ئاپئاق چاپان،ئاپئاق قىز،ئاپئاق پوسما ئىچىدىن چىقىپ تۇرغان ئاۋۇ چاچلار..يەنە تېخى بۇ گۈزەللىكنىڭ سىھرى كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇشلىرىڭىز،پەقەت ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم،دەپ قويۇپ تارتاي دىسەم بۇ خىل تەبىئىي شەكىللەنگەن گۈزەللىكنىڭ قايتا زاھىر بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا راستىنلا ئەدەبسىزلىك قىلدىم.قاراڭ،راستىنلا رەنجىسىڭىز بولدى بۇ  لېنتىنى تاشلىۋىتەي ھازىرلا..،-ئۇ قىيماسلىق بىلەن قوللىرىنى ئاپاراتقا سۇندى.مەن گگپ قىلماي ئۇنى يانداپ ؟كتۈپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭدىم. بىراق ئوڭغا ماڭسام ئڭ تەرەپنى سولغا ماڭسام سول تەرەپنى توسۇۋالغان ئۇنىڭ گەۋدىسى ئالدىدا ماڭالماي قالدىم. تېخىمۇ ئاچچىقىم كېلىپ ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا مېڭىشىم بىلەن ئۇ كاپپىدە قىلىپ قولۇمنى تۇتتى، شۇ ئان ئۆزۈمنى ئۇنىڭ باغرىدا كۆردۈم.ئىسسىق بىر نەپەس،قۇلاق تۈۋىمدە ناھايىتى بوش  ھالەتتە پىچىرلىدى:
_پەزىلەت،مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن!
...............................
شۇ كۈنى،ئۇنىڭ قېشىدىن قانداق يۈگرەپ كېتىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ياتاققا كىرىپ كارۋىتىمغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.بىر ھازادىن كېيىن ئۆزۈمگە كېلىپ ياستۇق ئاستىدىن كىچىك ئەينىكىمنى ئېلىپ قارىغىنىمدا بولسا يۈزلىرىم ياش بىلەن يۇيۇلۇپ كىرپىكلىرىم جۇپلىشىپ كېتىپتۇ.
نىمىشقا شۇنچە يىغىلىغاندىمەن؟؟


ئاخىرى يوللىنىدۇ....

bargiya 2011-01-05 17:27
يېڭى يىل كەلدى.مەكتەپ ئارا سىنىپلار ئارا يېڭى يىللىق پائالىيەتلەرگە تەيارلىق قىلىشلار بىلەن ھەممە شۇ قەدەر ئالدىراش.يېڭى يىلدىن كېيىن تاپ باسۇرماي كېلىدىغان ئىمتىھانمۇ شۇ تاپ خۇشاللىق ھاياجانلارنىڭ ئالدىدا ئۆز سۈرىنى يوقاتقان بولسا كېرەك. ھىچكىممۇ ئىمتىھان توغرىلىق گەپ قىلىشمايدۇ، كىمنىڭلا ئېغىزىغا قارىسىڭىز شۇلا گەپ يېڭى يىلغا نىمىلەرنى ئالغانلىقى ۋە يېڭى يىلدا قانداق نەلەرگە بېرىپ ئوينايدىغانلىقى كىملەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىلىقلا پاراڭ..
يېڭى يىلنىڭ بۇ نېسىۋىسىدىن مەنمۇ قۇرۇق قالمىدىم.ياتىقىمىزدا كورلىلىق زۈمرەت بىلەن ئەڭ ياخشى ئۆتىمەن. زۈمرەت ماڭا ئوخشاش كۆپ گەپ قىلمايدىغان  ئېغىر بېسىق مىجەزى بىلەن ماڭا يېقىپ قالغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭ مىجەزى ماڭا ئوخشىغىنى بىلەن كىيىم كىيىشلىرى ياسىنىشى ماڭا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. مىجەزىنى ھىساپقا ئالمىغاندا زۈمرەت تىپىك مودا قىزلارنىڭ  ئۆزى.ئۇ بۇغداي ئۆڭ بولۇشىغا قارىماي كەچكىچە"ئېسىت سىزدەك ئاپئاق بولۇپ قالغان بولسامچۇ"دەپ ھەسرەت چېكىدۇ. بىر قېتىم ئىككىمىز سىنىپقا سەل كېچىكىپرەك كىرگىنىمىزدە سىنىپىمىزدىكى سەل شېتىلرەك كەلگەن ئۈمىد "ئاق گۈل بىلەن قارا گۈل كەلدى"دەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇ "قارا گۈل"دىگەن لەقەم سىڭىپ قالدى.ئۇ تېرىكسىمۇ،سەكرىسىمۇ بىراق باشقىلارنىڭ ئېغىزىنى توسۇپ قالغىلى بولاتتىمۇ؟؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ "قارا گۈلۈم"دەپ چاقىرىپ يۈرۈپ ئۇنى ئاخىرى كۆندۈرۈۋالدىم. تېخى"زۈمرەت"دەپ چاقىرغاندىن "قارا گۈل"دەپ چاقىرساق ئىتتىكرەك "ھە"دەيدىغان بولۇپ كەتتى.
بۈگۈن شەنبە،ياتاقتىكى باشقا قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەر-بۇ يەرگە كەتكەن ئىدى.زۈمرەت ئىككىمىزمۇ چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان يېڭى يىللىق پائالىيەتكە كىيىم ئالغىلى بازارغا چىقتۇق.
_ھەي پەزىلەت،بىر يەرلىرىڭىز خۇددى كىچىك بالىلاردەكلا سىزنىڭ،ساپلا كۆرۈنىشى ئاددى كىچىك سۈپەت كىيىملەرنىلا تاللايدىكەنسىز.ئەمدى بىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس بەلكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاندىكىن  ۋالىلداپ تۇرىدىغان كۆزلەر قادالغان مۇنداق كۆركەم كىيىملەرنى كىيسەك نىمىشقا بولمۇغۇدەك؟؟_دەپ تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ نارازى بولاتتى زۈمرەت.ئۇ كۆرسەتكەن تازا مودا ۋال-ۋۇل كىيىملەر تازا دىتىمغا ياقماي داجىپ تۇرۇۋالاتتىم. بەلكىم ئاللىقاچان ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىغا چىققان بولساممۇ بىراق بالىلىق تۇيغۇلار كاللامدىن ئۆچمىگەن چېغى..ياق..ياق.. بۇ يەنىلا شۇ ئاپامنىڭ  بىزنى كىچىكىمىزدىن ئاددىي-ساددا كىيىنىشكە تەربىيەلەپ تا شۇ كەمگىچە شۇ تەربىيە رامكىسى ئىچىدە ئاددىي-ساددا كىيىنىشكە كۆنۈپ كەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى.
ئاخىرى قىيداپ يۈرۈپ زۈمرەتمۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك كىيىم ئالدى مەنمۇ ھەم شۇنداق. مەن ئۆزى قىزىل ئۆرە ياقىلىق،سېرىق يولى بار پوپايكا بىلەن ئاددىغىنە قارا ئىشتان ئالدىم. ئۇ بولسا ئۆزىنىڭ پاشنىلىق ئۆتۈكىگە ماسلاشتۇرۇپ قىسقاراق كەلگەن چاقماق يوپكا ۋەئويما ياقىلىق ئالدىغا غۇچچىدە كۆز تۇتۇلغان گاڭسىر ئالدى. سىناپ كىيىپ بېقىش ئۆيىگە كىرىپ ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ چىققاندا بولسا كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. بۇ جۇلالىق كىيىملەر ئىچىدە مېنىڭ بۇ "قارا گۈلۈم"بۆلەكچىلا ئېچىلىپ   شۇنداق نازاكەتلىك بولۇپ كەتكەنكىن ئوغۇللارنىڭ تەكلىپ سالمىلىرىنى تاشلىغۇدەك  سۇلكەت ھازىرلىغان ئىدى. ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
-قارا گۈلۈم،يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىنى ئوينىتىۋەتكۈدەك بولۇپ كېتىپسىز راست،_دىدىم.
-ۋىييەي  راستىنلىما؟؟ بىراق ھەر قانچە ياسانساممۇ  بەرىبىر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا چانىمەن شۇ.
-بۇ تۇرقۇڭىزدا ئىككىمىزنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن جېنىم؟
_سىز دىگەن يەنىلا سىز، چىرايلىق ئادەم دىگەن جەندە-كۇلا ئىچىدىمۇ  بىلىنىپلا تۇرۇدۇ.بىراق مەن سىزدەك ئاددىي كىيىنىدىغان بولسام يا چىرايىمنىڭ تايىنى بولمىسا،يا سىزدەك ئاپئاق بولمىسام.
_سىزمۇ قارا سەت ئەمەسقۇ ..
-ئۇغۇ شۇ بىراق ھەددىدىن زىيادە چىرايلىق ئاق ئادەم بىلەن دوست بولغاچقا باشقىلارغا قارا ۋە سەت كۆرۈنۈپ قېلىۋاتسام كېرەك.
يۈرىكىم "قارت"لا قىلىپ قالدى.ئۇنىڭ ئەلەم ئارىلاش ئېيتقان سۆزلىرىدىكى مەلۇم مەنىلەردىن  تىترەپ كەتتىم. ئۇ چىرايىمدىكى ئىپادىدىن كۆڭۈل تىۋىشىمنى سەزدى ئەتىمالىم مەيۇس چىرايىنى كۈلكىگە زورلاپ تۇرۇپ:
-بىراق سىز يەنىلا مېنىڭ ياخشى دوستۇم،سىزنىڭ چىرايىڭىزدىنمۇ بەك ئاقكۆڭۈل  ساددا،سەمىمىلىكىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن پەزىلەت،-دىدى.
بۇ كېچە يەنە ئۇيقۇم قاچتى.زۇمرەتنىڭ كيىم ئېلىۋىتىپ دىگەن سۆزلىرى ،دۈگىلەك كۆزلىرىدىكى ماڭا چېلىقىپ قالغان سۇس سۈزۈك ياش تامچىسى،چىرايىغا تېپىپ چىققان مەيۈسلۈك ئىپادىسى.بۇلار ماڭا زۈمرەتنىڭ قانداقتۇر ئىچكى سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ تۇراتتى.
دوستلىقىمىزنىڭ ئۇلىغا دەز كەتكۈزۈش سېگنالىنى چېلىۋاتقان بۇ چىرايىمغا ئۆچ بولدۇم.

                                                               *************

_ياخشى تۇردىڭىزمۇ پەزىلەت؟
ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ چوڭ ئىشىك كارىدۇرىدا چوڭ ئەينەك  دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ سىرتتىكى بىر-بىرىگە قار ئېتىشىپ ،قوغلىشىپ ئويناۋاتقانلارغا قاراپ تۇراتتىم.ئىتتىك ئارقامغا ئۆرۈلدۈم.ئۆرۈلدۈميۇ چۆچۈپ كەينىمگە شوخشىدىم.
_نىمانچە چۆچۈيسىز؟ مەن ئادەم يىمەيمەن.
قويۇق كىرپىكلىك قارا كۆزلەر سەل رەنجىگەندەك قاراپ تۇراتتى.مەن قىزىرىپ-تاتىرىپ  تۇرۇپ  قېچىپ كېتىشكە يوچۇق ئىزدەشكە باشلىدىم.ئۇ ئالدىمدا توغرا تۇرۇۋالغان بولۇپ سۆزلىگەچ مېنى قىستاپ كېلىپ يانداپ ئۆتۈپ كەتكۈدەك ئارىلىقمۇ  قويمىغان ئىدى.
ئۇنى ھېلىقى كۈنى باغدا يالغۇز تاشلاپ قېچىپ كەتكەندىن بېرى نەچچە قېتىم يىراقتىن كۆرۈپلا ئۆزۈمنى چەتكە ئالغان ئىدىم.شۇنىڭدىن كېيىن تۇنجى قېتىم روبىرۇ  ئۇچرىتىشىم مۇشۇ ئىدى.
-نىمىشقا قاچىسىز؟
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چاچرىغان نۇر ئۇدۇل يۈرىكىمگە تېگىپ پارچىلاۋاتقاندەك قىلاتتى.
_مەن قاچمىدىم،-ناھايىتىمۇ بوش،ئۆزۈم ئارانلا ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا شۇنداق دىدىم.
-ياق،مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇردىڭىز،سىزنى كۈندە ئىزدەپلا يۈردۈم بىراق سىزنى زادىلا ئۇچرىتالمىدىم.
_مەن..-مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تارىغان نۇرلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي كۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم.
_پەزىلەت،مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
ئۇنىڭ ماڭا تېخىمۇ يېقىنلاپ تۇرۇپ ئاستا دىگەن سۆزىدىن پۇت-قوللىرىم تىترەپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.ئىتتىك تامغا يۆلىنىۋالغاچ ئۇنىڭدىن ئۆتۈندۈم:
_ئۇنداق دىمەڭ ئەزىمەت،مەن قورقىمەن.
_نىمىدىن؟_ئۇنىڭ چىرايى  بىردىنلا ھەيرانلىق بىلەن تۈرۈلدى.چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئىلاجىسىزلىق بىلەن يالۋۇردۇم:
_نېرى تۇرۇپ تۇرۇڭ بولامدۇ،مەن ئۆتۈۋالاي؟!
_ياق سۆزۈمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىشىم كېرەك!!
_؟؟؟؟
_ئەزىمەت،سېنى بىزنى رەسىمگە تارتىدۇ دەپ ساقلىغىلى نېكەم-،قەھرى بىلەن ۋارقىرىغان بۇ ئاۋاز مېنى قۇتقۇزۇپ قالدى،بولمىسا خۇدا ھەققى ئاشۇ جايدا تىترىگىنىمچە ئالاقزادىلىك،تەشۋىش ۋە يەنە قانداقتۇر مۇرەككەپ تۇيغۇلار بىلەن جانسىزلىنىپ ھوشۇمدىن كېتىپ قېلىشىم راستىنلا  كۆزگە كۆرۈنۈپلا قالغان ئىدى.مەن ئەزىمەتنىڭ ئارقىغا ئۆرۈلگىنىدىن  پايدىلىنىپ يوغان كۆزلىرىدىن  ماڭا ئاچچىق بىلەن  نەپرەت چاچرىتىپ  قاراپ تۇرغان قىزغا مىننەتدارلىق نەزىرىم بىلەن  قاراپ قويۇپ يۈگرەپ چىقىپ كەتتىم.
_ئېسىڭىزدە بولسۇن،ئۇ جاۋابنى ھامان ئالىمەن!
ئۇنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى تام ۋە دېرىزىلەرنى تېشىپ ئۆتۈپ پەلەمپەيدىن يۈگرەپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان مېنىڭ قۇلاقلىرىمغا ئۇرۇلدى.
بۇ كېچە..مەن يەنە يىغلىدىم.نىمىشقا يىغلىغانلىقىمنى  ئەزبىرايى خۇدا زادىلا بىلمەيمەن.ئىشقىلىپ ئىسەدەپ،ئىسەدەپ يىغليۇغۇملا كېلىپ تۇراتتى.ئىچ-ئىچىمنى ئۆرتەۋاتقان قىيناق بىر تۇيغۇلار كۆزلىرىمدىن توختاۋسىز ياش تۆكۈشكە مەجبۇرلايتتى...


ئاخىرى يوللىنىۋاتىدۇ...

bargiya 2011-01-05 18:55
زۇمرەت مەرداننى ياخشى كۆرىدىكەن.
بۇنى يېڭى يىل كۈنى  سىنىپتىكى پائالىيەتتە سېزىپ قالدىم.يېڭى يىللىق پائالىيەت سىنىپتا ئۆتكۈزۈلگىنىگە قارىماي شۇنداق قىززىپ كەتتى.قىزلار يېڭى ئالغان چىرايلىق  يارىشىملىق كىيىملىرى ئىچىدە ۋاللىدە ئېچىلغىنىغا ئوخشاش ئوغۇللارمۇ بىرلا سىلكىنىشىپ يېتىلگەن يىگىتلەردەك ياسىنىشىپ ئاياقلىرىنى بولۇشىغا مايلىشىپ پارقىرىتىپ يەنە تېخى يېنىك خۇشبۇي ئەتىرلەرنى چېچىشىپ قىزلار بىلەن بەس تالىشىپ تۇرۇپ سالاپەتلىك بولۇشۇپ كەتكەن ئىدى.سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە سىنىپىمىزنىڭ دوسكىسىغا ئىشلەنگەن يېڭى يىللىق رەسىم ۋە خەتلەر ،ئېسىلغان پارقىراق قەغەزلەر،بالىلارنىڭ"رومانتىك"بولۇدۇ دەپ چىراقلارنى ئورۇۋەتكەن  رەڭدار قەغەزلىرىدىن تېشىپ چىقىۋاتقان گۇڭگا رەڭلىك نۇرلار ئىچىدە سىنىپ ئىچى راستىنلا  ئالاھىدە تۈسكە كىرگەن ئىدى.بۇ خىل رومانتىك كەيپىيات قىز-ئوغۇللاردىكى گۈزەللىك ۋە خۇشاللىق تۇيغۇلىرىغا بىرلىشىپ بۈگۈنكى بۇ ئولتۇرۇشنىڭ قايناقلىغىنى  ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ئىدى.
قايسى كۈنى  ئالغان كيىملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ بىر چۈشتىن كېيىن ساتىراچخانىغا ۋاقتىنى تېگىشىپ چىرايلىق ياساتقان چاچلىرى  ۋە ياتاقتىكى قىزلار بىلەن چۇرقۇرىشىپ ئەينەك  تالىشىپ تۇرۇپ تۇجۇپىلەپ قىلغان گىرىملىرى  ئىچىدە بۆلەكچە جۇلالىنىپ چىرايلىق بولۇپ  كەتكەن  زۇمرەت  بىلەن ئۆرە ياقىلىق قىزىل پوپايكا ۋە قارا ئىشتان ،پۇتىغا تۈز كەلگەن قارا خۇرۇم ئاياق كىيىۋالغان  پەقەت كۈندىكىدەك ئارقىغا چىڭ تارتىپ بۇغۇۋالدىغان چاچلىرىنى يەلكىسىگە قويۇۋەتكەن  مېنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟؟
زۇمرەتتىن ئۆزگىچە بىر خىل قىزلارغا خاس لاتاپەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. مەن بولسام قىزلارنىڭ زورى بىلەن ئېغىزىمغا سۈركىۋالغان لەۋ سۇرۇقنىڭ تەمىدىن سەسكەنگەندەك بولۇپ ھەم خۇددى ئۇياتلىق  ئىش قىلىپ قويغاندەك باشقىلار تىكىلىپ قارىسىمۇ لېۋىمگە سۈركىۋالغان لەۋ  سۇرۇقنى مەسخىرە قىلىپ قاراۋاتقاندەك قورۇنۇپ كېتىۋاتاتتىم.مەردان سىنىپ ھەيئىتى مەن بولسام ئۈگىنىش ھەيئىتى.مۇشۇ نۇقتىدىنمۇ تەبىئىي ھالدىلا بىزنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتتە ئورۇنلاشتۇرىدىغان،قىلىدىغان ئىشلرىمىز كۆپ ئىدى.مەن مەردان بىلەن ھەر بىر پاراڭلاشقاندا، ۋە بىللە بىر ئىشلارنى قىلغاندا زۈمرەتنىڭ بىزدىن كۆز ئۈزمەي تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى سېزىپ قالدىم. ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىپ ئۇنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ ئولتۇردۇم-دە،ئۇنىڭ پىچىرلىدىم:
_قارا گۈلۈم،بۈگۈن يىگىتلەرنى ئۆچرەت تۇرغۇزۇۋەتكۈدەك ئېچىلىپ كېتىپسىز جۇمۇ..
_راستمۇ؟-ئۇ ئوماققىنا كۈلۈمسىرىدى،كۆزلىرىنى بىرسىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ غەمكىنگىنە،-باشقىلارمۇ ئەمەس پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ ئۆچرەت تۇرمايدىغانلىقىغا چىن پۈتتۈم.
_كىمكەن ئۇ جۇلالىق قارا گۈلنىڭ قەدرىنى قىلمايدىغان،-مەن چاقچاق ئارىلاش شۇنداق دەپ ئۇ قارىغان تەرەپكە قاراپ ئۇنىڭ مەردانغا كۆز ئۈزمەي قاراۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدىم.
"ھە،ئەسلى زۈمرەت..."
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.ھېلىلا تېخى مەردان پائالىيەت ئوتتۇرىسدىكى تېپىشماق ئېيتىشىش دىگەندەك  ئويۇنلارنىڭ چەك تارتىشىشىنى يېزىشىۋىتىپ ئاستاغىنە پىچىرلاپ تۇرۇپ:
_پەزىلەت،بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز،قىزلار ھەر قانچە ياسانسىمۇ سىزنىڭ مۇشۇ تۇرقۇڭىز يەنىلا ھەممىدىن چىرايلىق تۇرۇدۇ ،_دىگەن ئىدى.مەن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى،پائالىيەتچانلىقىنى،تېتىكلىكىنى،پاكىزە-رەتلىكلىكىنى  ياقتۇرساممۇ بىراق كىشىنىڭ يۈزىدىن يۈزىگە ماختايدىغان گەپلىرىگە ئۆچ ئىدىم.شۇ تاپ مەيلى راست ياكى يالغان بولسۇن ماڭا دىگەن سۆزلىرى خۇددى "خوشامەت"تەك بىلىنىپ بىزار بولغان ئىدىم.
زۇمرەتنىڭ ئۇنىڭغا ئاشىقلىق بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىدىكى سەمىمىي مۇھەببەت مەرداننى ئەل قىلغان بولسىغۇ چىن دىلىمدىن ئۇلارغا بەخىت تىلىگەن،دوستۇمنىڭ ۋىسال تاپقان مۇھەببەت خۇشلۇقىغا تەڭ جور بولغان بولاتتىم.
ساز باشلىنىپ ئوقۇتقۇچىمىز ساۋاقداشلارنى ئەركىن-ئازادە ،يېيىلىپ،ئېچىلىپ ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ قويۇپ باشقا سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن بىرلىكتە باشقا سىنىپلارنى ئارىلاشقا چىقىپ كەتتى.شۇندىلا بالىلار باشقىدىن جانلىنىپ تۇشمۇ-تۇشتىن تانسىغا قوپۇشتى.
_پەزىلەت، قوپۇڭ، تانسا ئوينايلى!
_قول تەڭلەپ تۇرغان مەرداننى كۆرۈپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئىتتىك زۇمرەتكە قارىدىم.زۇمرەتنىڭ كۆزلىرىدىن سۇس چاقنىغان رەشىك تۇيغۇلىرى مېنى تېخمۇ تەمتىرىتىۋەتتى :
_مەردان مەن بىلمەيمەن،راستىنلا بىلمەيمەن.
_بىلمىسىڭىز مەن ئۈگۈتىمەن،قوپۇڭە،قاچانغىچە شۇ بالا مىجەزىڭىزنى تاشلىمايدىغانسىز؟؟
_ياق،ياق،راستىنلا مەن ئوينىيالمايمەن،مېنىڭ ئورنۇمغا زۇمرەت ئوينىسۇن،زۇمرەت مېنىڭ تانسا ئوينيالمايدىغانلىقىمنى بىلىسىزغۇ؟؟
-مەردان ئۈگۈتىمەن دىدىغۇ،ياتاقتىمۇ  ئويناپ خېلى ئۈگىنىپ قالدىڭىزغۇ،قولىنى ياندۇرماڭ،بەك سەت بولۇدۇ پەزىلەت!!
ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى ھەم مەيۇسلۇك،ھەم ئاچچىق،ھەم رەشىك ئارىلاشقان تۇيغۇلار يۈرىكىمنى يىڭنە ئۇچىدەك غىدىقلىدى. مېنىڭ ئىلاجىىسىزلىق بىلەن تىركىشىشىم مەرداننىڭ قولۇمدىن تۇتۇپ تارتىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.مەن گۇناھكارلارچە زۇمرەتكە قاراشقا پېتىنالمىغان ھالدا ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.
-مەردان،زۇمرەت بىلەن ئوينىغان بولسىڭىز بولاتتى.
-نىمىشقا؟
_ئۇ تانسىنى بەك ياخشى ئوينايتتى.
-تانسىنى ياخشى ئوينايدۇ دەپلا  كۆڭلۈم خالىمىغان قىزنى تانسىغا تارتىشىم زۆرۈرمۇ؟
_ئۇنى نىمىشقا كۆڭلىڭىز خالىمايدۇ،ئۇ شۇنداق ياخشىغۇ..
_ياخشى قىزلار دىگەن كۆپ،ياخشى دەپلا ياخشى كۆرۈپ قالغىلى بولامدۇ پەزىلەت؟؟
-............
ئالدىراپلا ئۇنىڭغا زۇمرەت توغرلىق ئېغىز ئاچماسلىقىم كېرەك بولغىيىتتى.ياخشى كۆڭلۈمنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى شۇ كۈندىكى زۇمرەتنىڭ ياسىنىشى خۇشاللىقى،جەزبىدارلىقىنى بەربات قىلدىم.مەردان زۇمرەت تەررەپكە قاراپمۇ قويماستىن  قېرىشقاندەك ھە دىسىلا  مېنى تانسىغا تاتىپ مېنى تېخىمۇ ئوسال قىلىۋەتتى.
-پەزىلەت،چوڭ ئىشىكتە سىزنى بىرسى چاقىرىپ قويۇڭلار دىگەنتى،_سىرىتقا چىقىپ كىرگەن گۈزەل قېشىمغا كېلىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.
مېنى يەنە تانسىغا تارتىشقا كەلگەن مەرداننى ئۈمىدسىز ھەم ئامالسىز قالدۇرۇپ ئىتتىك ئورنۇمدىن قوپتۇم-دە ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم.شۇ تاپ مېنى چاقىرغان قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مېنى زۇمرەتنىڭ ئالدىدا تىل قىسىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقى ئۈچۈن رەھمىتىم بار ئىدى.چوڭ ئىشىك كارىدۇرىدا  ئۇچىسىغا تىۋىتلىق ئەترەڭ چاپان ئاقۇشراق كەلگەن پادىچىلار ئىشتىنى  كىيىپ بېشىغا قىممەت باھالىق ماڭلايلىق نوركا باش كىيىمى كىيىۋالغان  ئەزىمەت خۇددى بايۋەتچىلەردەك تۇرقى بىلەن قولىنى كەينىگە قىلىپ تۇرۇپتۇ.
يەنىلا شۇ ھال،ئۇنى كۆرۈشۈم بىلەنلا تىترەيمەن،قورقىمەن...
_يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئارقامغا بۇرۇلۇوپ قېچىپ كېتىشىمنىڭ ئورنى يوق.بوشقىنە:
_سىزنىڭمۇ بىرگە بولسۇن!،-دىدىم-دە،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ  بىنا سىرتىغا چىقتىم.
گەپ قىلىشماي كېتىپ بارىمىز.چىراق يورۇقىدا تىنىقلاردىن چىققان ئىسسىقلىق ئاپئاق ھور بولۇپ كۆتۈرۈلەتتى.
_تېزراق مېڭىڭە،نىمانچە ئاستا ماڭىسىز؟
ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۆزىدىن خېلىلا ئارقىدا قالغىنىمغا قاراپ شۇنداق دىدى.نىمە سەۋەبتىنكىن ئۇنىڭغا شەرتسىز بويسۇنۇپ قېلىۋاتقانلىقىمنى تىركىشىپ تۇرۇپ تەن ئالاتتىم.تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ نارازىلىقىمنى ئىپادىلىدىم:
_نەگە بارىمىز؟
_سىز قېچىپ كەتكەن يەرگە.
_نىمە؟
_سىز قېچىپ كەتكەن يەرگە.
بىراقلا توختاپ قالدىم. ئۇنىڭ ھېلىقى ۋاقىتتىكى تۇنجى قېتىم ماڭا "سىزنى ياخشى كۆرىمەن"دىگەن يەرگە دەۋاتقانلىقىنى  بىلىپ ئېختيارسىز ھالدا تىترەپ كەتتىم.
_توڭدىڭىزمۇ؟
_ياق.
_ئەمىسە تىترەيسىزغۇ؟
بېشىمى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ قەدەر سەمىمىيەت بىلەن ماڭا تىكىلگەن ئىدى.ئوڭايسىزلىنىپ ئۇ ياق-بۇ ياققا قاراپ تۇرۇۋالدىم.
_نىمە؟يەنە قېچىپ كېتىشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتامسىز؟ئادەتتە قارىسا شۇنداق ئاستا ماڭغىنىڭىز بىلەن قاچقاندا بەك ئىتتىك يۈگرەيسىز ھە،ئىشەنمىگۈدەكلا ...
-............
-گەپ قىلىڭە!!
-نىمە دەيمەن؟
-نىمىلا دىسىڭىز مەيلى ئىشقىلىپ كۆپرەك پاراڭ قىلىپ بەرسىڭىزلا بولدى.ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار.،خۇددى سىزنى ۋاڭ قادىر باغدا ئۇچراتقان ۋاقتىمدا ئېچىلىپ پاراڭ قىلغىنىڭىزغا ئوخشاش،ھە راست مېنى ئالداپ قويۇپلا پەرت قىپلا قېچىپ كەتمەڭ ھە!!
ئۇنىڭ ئالدىدىن ئىككى قېتىم قېچىپ كەتكەن ئىدىم.بۇ قېتىممۇ پۇرسەت بولسا قېچىپ كېتىشىمنى پەملەپ قالغان بولسسا كېرەك ئارقا-ئارقىدىن شۇنداق دەپ كەتتى.
ئۇنى كۆرسەملا بىلمەيمەن،تىترەيمەن،قورقىمەن،ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتكۈم،قېشىدىن قېچىپ كەتكۈم كېلىدۇ.ئۇنىڭدىن شۇنچە يىراق كەتسەم ئەركىن نەپەس ئالىدىغاندەك،پۇت-قوللىرىم باغلاقتىن بوشىغاندەك بولۇمەن.
بۇ قېتىم قاچمىدىم.يۇۋاشلىق بىلەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىدىم.يەنە تېخى ئۇنىڭ قولىدىكى نەپىس قىلىپ ئورالغان يېڭى يىللىق سوۋغاتنى قوبۇل قىلدىم.بىردىنلا ئۆي مۈشۈكىدەك يۇۋاشلاپ قالغان ئىدىم.نەچچە قېتىم ئۇنىڭ قېشىدىن ئايرىلماي يۈرۈدىغان،ۋە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ قويماقچىدەك تۈس بېرىدىغان ھېلىقى قىزنى سوراپ بېقىشقا تەمشەلدىميۇ  يەنە قانداق سورىشىمنى بىلەلمەي گېپىمنى ئىچىمگە يۇتۇۋەتتىم.
_توڭلىدىڭىز-ھە؟
_ياقەي،
ئەمىلىيەتتە راستىنلا مۇزلىغان ئىدىم. سىنىپتىن چىققاندا چاپىنىمنى كىيىۋالغىنىم بىلەن قولۇمدا پەلەي  يوق ئىدى  شۇڭا قولۇم بەكرەك مۇزلاپ كەتكەن ئىدى.ئۇ قولىنى سۇنۇپ قولۇمنى ئالقىنىغا ئالدى.بۇ تۇيۇقسىزلىقتىن شۇنچىلىك ھودۇقتۇمكىن مۇزلاپ تۇرغىنىمغا قارىماي يۈزۈم لاپپىدە ئوت ئېلىپ پىشانەمدىن تەر چىقىپ كەتتى.ئۇ قىززىق ئالقىنى ئارىسىدا قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ ئۇۋىلاپ تۇرۇپ ئاستاغىنە:
-پەزىلەت نازۇكلىقىڭىزنى قاراڭ،ماۋۇ چوكىدەك قوللار قېتىپ قالايلا دەپتۇ،-دىدى.
ئۇنىڭ ئالقىنىدىن قولۇم ئارقىلىق پۈتۈن بەدىنىمگە تاراۋاتقان ئوت مېنى بىر شېرىن تاتلىق ئېقىمدا تىترىتىۋاتاتتى.
_بولدى قولۇمنى قويۇۋىتىڭ!
ئاۋازىم يەر تېگىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاڭلاندى.
_ئىسسىتىپ قوياي،باشقا نىيىتىم يوق،-ئۇ پەرۋاسىز ھالدا شۇنداق دىدى.
تىترەپ تۇرۇپ يالۋۇردۇم:
_بولدى قولۇم ئىسسىدى،قويۇۋىتىڭ بولامدۇ؟
ئۇ ئاۋازىمدىكى تىترەكتىن ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆزلىرىمگە قارىدى.كۆزلىرىمدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالغاندەك بولدى-دە،ئىتتىك قولۇمنى قويۇۋەتتى.
مەن كۈتۈلمىگەن چاققانلىق بىلەن  ئارقامغا بۇرۇلۇپ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم.
يۈزلىرىم سەۋەبسىزلا ياش بىلەن يۇيۇلغان ئىدى....

ئاخىرى يېزىلىۋاتىدۇ

pengiyar 2011-01-05 23:31
-بولدى قىلىڭ،بىز قايتايلى!!_ئورنۇمدىن قوپۇپ غەزەپ بىلەن ئەزىمەت ئەپەندىمنىڭ مۈرىسىدىن سىلكىدىم. تۇيۇقسىز قىلغان قوپاللىقىم سەۋەبىدىن ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ھېقىقىدىغان پېتى ماڭا قاراپلا قالدى. قەلبىمگە لىق تولغان نەپرەت ئەمدى چىشلىرىمنىڭ مەھكەم كىرىشىۋىلىشلىرىغا قارىماي ئېغىزىمدىن پىلىمۇتتەك سۆز تۆكۈشكە باشلىدى:
-نىمە ئانداق ياسالمىلىق بۇ؟سىزدە زادى قانچە يۈرەك بار؟ھىلى ئەزىزەنى سۆيۈمەن دەيسىز، ھېلى بولسا  بۇ يەرگە كېلىپ مەن ئۈچۈن ناتۇنۇش بولغان ئەمما پەمىمچە سىز سەۋەبلىك چەكسىز ئازاب چېكىپ بۇ دۇنيادىن كەتكەن مەرھۇمە پەزىلەت خانىمنى سۆيۈمەن دەپ دات ئېيتىسىز،سىز بەك شەخسىيەتچى ئىكەنسىز.سىز  مېنى رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋەتكەن ئاۋۇ سۇبات دىگەن ۋىجدانسىزدىن پەرىقلەنمەيدىكەنسىز.ئېسىت سىزگە بولغان ھېسداشلىقىم،سىزگە بولغان ھۆرمىتىم....

ۋاھ، ئاچچىق دېگەن باركەنغۇ سىزدە! مېنىڭچە سىز بەكلا رەھىمسىزلىك قىلىپسىز......
بەرگىيەگە:
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بەرگىيە، ياخشىمۇ سىز،
مەن ئىزچىل قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىل (گەرچە بۇ تۇنجى قېتىم ئەسىرىڭىزنى ئوقۇشۇم بولسىمۇ.) ئىزچىل ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىن تىگىشلىك ھوزۇرغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تا ھازىرغىچە سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇش ماڭا نىسىپ بولماي كەلدى. مانا بۈگۈن ئاخىرى مەزكۇر ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مەن ئەسەرنى ئوقۇپ يۇقارقى نەقىل ئالغان جايغا كەلدىم، ئاخىرىدا قانداق ۋەقەلىكنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما سىزنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە يازغان ئەسىرىڭىز "مەن پاھىشە ئەمەس..." ناملىق ئەسىرىڭىزنىڭ ئەلكۈيىدىكى ھازىرغا قەدەر چېكىلىشى ئەڭ يۇقىرى ئەسەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بىر ئوقۇپ چىقىش خىيالى پەيدا بولغان ئىدى. ئەمما ئۇ ئەسەرنى تېخى ئوقۇشنى باشلىمىدىم. ئاللاھ نىسىپ قىلسا چوقۇم ئوقۇيمەن ئاندىن ئۆز قارىشىمنى ئايرىم تېما (كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى سۈپىتىدە) يېزىپ قالدۇرۇشۇم مۇمكىن.
ھازىرچە مەزكۇر ئەسەرنىڭ داۋامىنى تۇلۇق كۆرمەي تۇرۇپ كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرماي، ئاۋال ئەسىرىڭىزنى تۇلۇق ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن قايتا پىكىر بايان قىلاي.....

pengiyar 2011-01-06 00:33
بەرگىيەگە:
بەرگىيە، سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇش دامىدا سىزنىڭ "ئى" ھەرىپى بىلەن 'ئۇ" ھەرىپىنى ئالماشتۇرۇپ يېزىپ قويىدىغانلىقىڭىزنى بايقىدىم. كۆپ ھاللاردا ئەسلىدە "ئى" كېلىشى كېرەك بولغان جايغا "ئۇ" يېزىپ قويىدىكەنسىز. ئەسىرىڭىزدىن سىزنىڭ غۇلجىلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىدىم. مەن جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىنى شۇنداق ياقتۇراتتىم، ئەمما ئۇ سىزدەك "ئى" يازىدىغان جايغا "ئۇ" يېزىپ قويمايتتى....

baghwen 2011-01-06 08:25
سالام بەرگىيە خانىم، تۇنجى قېتىم سىزنىڭ يازمىڭىزنى ئوقۇش قارارىغا كېلىشىم،بىرىنچى بۆلەكنى بىرەر قۇر كۆرۈشكە ئاران ئۈلگۈردۈم ، ۋاقىت قىس كېلىپ.
بىرلا قېتىم كۆرۈپ ئاشىق بوپ قېلىشقا(شۇنچىۋالا قىزىقىپ قېلىشقا دىسەك توغرا بولار يا) ئىشەنمەيدىغان ، ياكى تېتىقسىزلىق دەپ قارايدىغان تۇرۇپ ئاخىر ئۆزى شۇنداق بولىشى،يەنە كېلىپ ئۇچرىشىپ قالغان جەريانلاردىكى كەيپىيات رازىيە قادىرنىڭ < قارا كۆزلۈك ئۈزۈك>كە سەل - پەل ئوخشاپراپ كېتىدىكەن ( خەقنىڭ تەسىرىگە كېتىپسىز دىمەكچى ئەمەس،كونا پاسۇندەك قىلىدۇ ، دىمەكچى،ھەممىمىز ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان)
يېڭىچىراق بىرەر يول تۇتقىلى بولماسمۇ؟سىزدىكى مۇشۇنچىۋالا تىل بايلىقىنى يېڭىچىراق بىر ئۇسلۇب يارىتىشقا مەبلەغ قىلغىلى بولماسمۇ؟
يەنەباشلىنىش قىسىمىنىڭ جەلىپكارلىقى ، ئادەمنى ئىچكىرلەپ كىرىشكە تەقەززا قىلىش كۈچى سەل بوش كېلىپ قالغاندەك تۇيۇلدى؛ يەنە ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دىئالوگلار كۆپرەك بولسا ھېكايىلىق پۇرىقى كۈچىيەمدىكىن دەيمەن
ئېغىزدا دىمەكنىڭ ئاسانلىقىنى، قىلماقنىڭ تەسلىكىنى مەن ئوبدان بىلىمەن، چۈنكى خەقنىڭ يازغىنىدىن قانائەتلەنمەي ،  كاللامدا ئويلاپ پۇشۇرۇپ مەي قىلىۋېتىپ تازا يازاي دەپ قەلەمنى قولۇمغا ئالسام زادى يازالمىدىم (ھى  ھى  ھى ، سەت بولدى)  ؛ شۇڭا ھېكايە پوۋىست يازدىغانلارنىڭ جاپاسىنى چۈشىنىمەن( مەن قاپاققا جاپا تۇيۇلغان بىلەن،شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە جاپا تۇيۇلمامدۇ يا بىلمىدىم،خاتا سۆزلىگەن بولسام ئالدىنئالا ئەپۇ...)
شۇنچىلىك ئەجىر قىلغان ئەجىرنى بىرە يېڭى ئۇسۇل يارىتىشقا سەرپ قىلسىڭىز بولۇرمۇ؟ دىمەكچىتىم.
مەمتىمىن ھوشۇردەك سىز ھەم ئۆز خاسلىقىڭىزغا ئىگە بىرەر يول تۇتۇڭچۇ؟يا بايرامدىن چىقارسىز، يا سايرامدىن!
ئەگەر مۇۋاپىق كۆرمىگەن بولسىڭىز ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز چچدا ياكى ئېلخەتتە دىيىشسەكمۇ بولىدۇ؛ئەگەر يەنە  ،ساڭا ئاتىكارچىلىقنى كىم قويۇپتۇ، دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ئۇنىڭغىمۇ مەيلى ،قىلغان ئاتىكاچىلىقىم ئۆچۈن ئەپۇ سورايمەن ؛

ئېھتىرام بىلەن : باغۋەن


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئىھ،خىرۇستال قىز (تۈگىدى) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.064832 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us