ehtiram |
2010-12-08 13:18 |
مۇھەببەت ھېكايىسى
-پاشاگۈل نىياز(توقسۇن)
قەدەم باستىم كىتابخانىغا ، تۈمەن كىتاب تۇراتتى كۈلۈپ . ھەربىر ۋاراق ئۆزگە گۈل –چىچەك ، ئىلىملەرگە كېتەي كۆمۈلۈپ .
ئېلىپ‹‹ ئۆكسۈش ››دېگەن كىتابنى ، ئۇنتۇپ كەتتىم بارچە دۇنيانى ... قىستاپ كەلگەچ نەچچە شوخ ئۆسمۈر ، سوقۇۋەتتىم ياندا بىراۋنى .
سەنتۈرۈلدى تەڭپۇڭ بولالماي ، يەرگە چۈشۈل كەتتى كىتابى . ۋاي ئانام ! قورقۇپ ياپتىم يۈزنى كىتابتا ، قانداق قىلاي تىللىسا مېنى ؟
جىم .... كىتابىمنى چۈشۈردۈم ئاستا ، كۆزلىرىمدىن تاماتتى ئۆزرە . ‹‹ كەچۈرۈڭ›› دەپ شىۋىرلىسام مەن ، ‹‹ كېرەك يوق›› دەپ چېھرىدە كۈلكە . توۋا! ‹‹ ئۆكسۈش ›› ئىكەن ئوقۇۋاتقىنى ، پەس ئاۋازدا كۈلۈشۈپ كەتتۇق . ئوخشاش ھەۋەس – قىزىقىش ،تۇيغۇ ، شوخ ھېسلارغا كۆمۈلۈپ كەتتۇق .
ئىشلەيدىكەن كىتابخانىدا ، ئىلىملەرنىڭ قېزىپ كانىنى . ‹‹ مائاشىمغۇ جىق ئەمەس ئۇنچە ، مەيلىغۇ كۆرەلىسەم كۈندە كىتابنى .
مەن تونۇيمەن سىزنى ئۇزاقتىن ، كۈن ئارىلاپ كېلىسىز ھەرۋاق . ھۆرمىتىم بار سىزگە ئاجايىپ ، بۇ راست گېپىم ،ئەمەستۇر چاخچاق ...››.
ئۇ ئالدىمدا تۇراتتى ئۆرە، زەپ ياراشقان كۆڭلىكى ئاپئاق . زۇلەيخانى ئەسلەتتى ھالىم ، روبىرودا شۇ يۈسۈپ سىياق .
لەۋلىرىدىن تۆكۈلەر ئاپتاپ ، زوق –شوخ بىلەن سۆزلەيتتى جۇشقۇن . پاك قەلبىمگە سېلىپ ھاياجان ، كۆزلىرىدىن چاچرايتتى ئۇچقۇن .
مەردانىلىق تامار بويىدىن ، ئەخلاق ئۈچۈن كۆرسىتىپ ئەنداز . نىگاھلىرى خەنجەردەك تېگەر ، سۈزۈك ئاۋاز ئاھ ، مۇزىكا –ساز . .......... يېنىپ چىقتىم بىر چاغ قېشىدىن ، تارتىشقاندەك بولدى يۈرۈگۈم . يۈگرەپ چىقتى كەينىمدىن ‹‹خوش!›› دەپ ، ‹‹ چوقۇم كېلىڭ!›› شادلاندى كۆڭلۈم .
كوچىلارنى كەزدىم نىشانسىز ، باھار پەيزى كۈلىدۇ دالا . گۈل –چىچەكلەر ،يېشىل يوپۇرماق ، كۆز قىسىدۇ ئەيلەيدۇ جۇلا .
قاراپ تۇرۇپ ئانا ئۆستەڭگە ، خىيال بىلەن جاھان كېزىمەن . ‹‹-ھىچ بىلمىدىم ، ماڭا نىم بولدى ؟›› ئۆز-ئۆزەمدىن سوراپ كېتىمەن .
ئانا ئۆستەڭ مۇڭ ناخشا ئېيتىپ ، لايقىپ ئېقىپ ئەزدى يۈرەكنى . ھىجرانلىرىم باشلاندى بۈگۈن ، سىغدۇرالماس سەندىن بۆلەكنى ...
2- باب ئارمانلىرىم سېغىنىدۇ
ئەسلىدە كۆل سۈيىدەك تىپتىنچ كۆڭلۈم ، سۆيگۈ شاھى ئۇزاتتى كەۋسەر . خىيال باستى كېچە ئۇخلىماي ، مېنى بۇنچە قىينىما دىلبەر .
ئۈمىت ئىزدەپ قارىسام كۆككە ، ئاق بۇلۇتلار ئۈزەتتى تەمكىن . خىياللىرىم قاقتى پەر قانات ، سەن بۇلارنى بىلمەيسەن لېكىن .
يالقۇنجىغان ماگما يۈرىكىم ، قىرغاقلارغا ئۇرار ئۆزىنى . بىر كۆرۈشنى ئىستەيدۇ تىنماي ، ئەشۇ ئويچان يارنىڭ يۈزىنى .
زۇلەيخانى كاۋاپتەك داغلاپ ، يۈسۈپ سىياق ئەشۇ مۆھتەرەم . ئارمانلىرىم سېغىندى بۈگۈن ، كۆرۈش نېسىپ بولغاي خۇش كەرەم .
3-باب ئەتىگە تەلپۈنۈش
تىمتاس كېچە ،مۇڭلۇق دىل خانەم ، ئۆكسۈشلىرىم ئۇچماقتا لەرزان . غالىپ كەلدى قىزلىق غورورۇم ، سۈكۈتلىرىم قىلماقتا جەۋلان .
مۆلدۈرلەيدۇ قوي كۆزۈمدە ياش ، تەنلىرىم سۇس تىترەيدۇ غال –غال . ئىچتىممۇ –يا ، ھەسرەتتىن ئوغا ، شەبنەم كۈلگەن كىرپىكىم تال –تال .
گۈل بەرگىدەك تىترەيدۇ يۈرەك ، بۇ دەردىمگە يوقمىدۇ ئامال ؟ قاچان كېلەر خۇش كەرەم يۈسۈپ ، ناتىۋاندىن سورارمۇ ئەھۋال ؟.
كاۋاپ ھىدى كېلەر تېنىمدىن ، قىينىماقتا مېنى بىر خىيال . ‹‹ ئېيتقىنا ئەي سۆيگۈ ئىلاھى ، ئەتە تاڭلار كۈلەرمۇ ۋىسال ؟...››
4-باب شېرىن ۋىسال
كەلدىم يەنە ئانا ئۆستەڭگە ، يۈرەك مۇجۇپ بولغاچ بىئارام . نەلەرگىدۇر تەلمۈردى كۆزۈم ، -ئاھ قاچانمۇ تاپار دىل ئارام ؟.
خىيال باستى روھىمنى بىردىن : -‹‹داۋاسى يوق كۆيۈك دەردىنىڭ ، ئىگەم پۈتكەن بولسا تەقدىرگە ، نە ئىلاجى تارتماي بەندىنىڭ ...››
چۆچۈپ كەتتىم ، ئالدىمدا بىردىن ، پەيدا بولدى يۈسۈپ گۈل تۇتۇپ . ئاھ ،مەردانە ئۆز سۆزلۈك يىگىت ، كەتكەن ئىدى كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ .
‹‹_ نېمە بولدى سىزگە بىلمىدىم ، كەلمەس بولۇپ كىتابخانىغا . ئاھ يۈرىكىم تىلىپ-تىلىندى ، مۇپتىلا بوپ تەڭسىز ھىجرانغا .
نەچچە يىللار ئۆتتى تىپتىنچ ، سىزنى سۆيدۈم ئۈنسىز –تىۋىشسىز . سىز شۇنچىلىك جۇلالىق ،لىۋەن ، بەك قىينالدىم ئاچالماي ئېغىز .
مۇڭلۇق كۆزلەر خىيال نۇرۇمدا ، نەچچە يىللار ياشىدىم شۇنداق . چۈشلىرىمدە سىزنى باغاشلاپ ، سىز بىخەۋەر بىراق ۋە بىراق .
قامىتىمگە ھەۋەس قىلىشىپ ، كۆڭۈل سۇندى نەچچە ئۇز –ئوماق . سىزگە كۆيگەچ پەقەت ۋە پەقەت ، ئاھىم چاچار ئالەمگە پىراق .
كوچىلاردا يۈرۈيسىز لەرزان ، چۈشلىرىمنى قىلىسىز قامال . ۋۇجۇدۇممۇ قىينالدى چەكسىز ، سىز قول يەتمەس كۆكتىكى ھىلال .
سىزسىز بىر كۈن ماڭا قىيامەت ، سىز ئۆمۈرلۈك دىلكەش مەلىكەم . خوجايىنى روھىم قەسرىنىڭ ، سىز مۇقەددەس ئىلاھىي سەنەم .
سىز يېقىملىق ،ۋۇجۇدىڭىز ساپ ، كۆڭۈل پاكىز ،لەۋلەر جىنەستە . ئىجاد بىلەن ئەلگە گۈل سۇنۇپ ، ھەركىم قايىل سىزگە ھەۋەستە .
كەلمەكتىسىز كىتابنى دوست قىپ ، دىل قەسرىمگە بولۇپ ھۆكۈمران . بويتاقلارغا بوپ قالماي رەئىس ، ماڭا جاۋاب بېرىڭ ئۇز جانان ....››
ئۇ سۆزلەيتتى تېنەپ-تەمتىرەپ ، دىل مەيلىمنى ئۇتماقنى قەستلەپ . بىلدۈرمىدىم ئالدىراپ كۆڭۈل ، ئەتە جاۋاب بەرمەكنى پەملەپ.
‹‹ قېنى ،مەن بىر ئويلىنىپ كۆرەي..›› لايىقىدا بەردىم مەن جاۋاب . يېنىك دەسسەپ كەتتىم قېشىدىن ، كۆيۈپ باغرىم بولسىمۇ كاۋاپ .
كۆزلىرىمدىن تۆكۈلدى ياشلار ، ۋىسال پەيتى كەلگەندە يېتىپ . مۇراد پەسلىم خۇش چىراي ئاچتى ، يۈسۈپ قالدى مۇڭلارغا پېتىپ .
5-باپ تاتلىق كۈنلەر
بۈگۈن كېچە ئۇيقۇ يوق زىنھار ، ۋۇجۇدۇمدا قاينىدى مەشرەپ . بەخت قوينى نەقەدەر تاتلىق ، ‹‹ چىن ئاشىققا مەنسۇپتۇر شەرەپ !››
بىز كۆرۈشتۇق ئۆستەڭ بويىدا ، يېنىككىنە قىلىشتۇق سالام . كۆزلەر ئارا چېقىلدى چاقماق ، شېرىن سۆھبەت قىلىندى داۋام .
كۆڭلىمىزدىن پورەكلەپ گۈللەر ، مېۋە بەردى شىرىن مۇھەببەت . ‹‹- پاك روھىڭىز ،نازۇك خۇلقىڭىز،- دەيتتى يۈسۈپ – ئۆمرۈمگە زىننەت .
تۈمەن يۇلتۇز كۈلسىمۇ كۆكتە ، سىزقەلبىمدە يىگانە قۇياش . سىزگە ئاقار مېھرىم دولقۇنلاپ ، ئۇ مىسالى تارىم –يۇرۇڭقاش .
يىراق كەتسۇن سىزدىن يېتىرقاش ، بىزگە بەخت تىلىسۇن ئاۋام ...›› تاتلىق كۈندە شېرىن سۆھبەتلەر ، شۇ تەقرىزدە قىلاتتى داۋام .....
6-باب بەخت مەستخۇشلۇقى
توي ! كۈلدى دۇنيا ،كۈلدى كائىنات ، بەختىمىزگە قىلىپ تەنتەنە . كۆتۈرۈلگەن بايىلا قۇياش ، ئاھ نېمانچە ! ئالدىرايدۇ پېتىشقا ئەنە .
بەختلەرگە ئۈمىتلەر قوشماق ، كەتمىگىيدى يۈرەك يېرىلىپ . مۇھەببەتنىڭ لەززىتى تاتلىق ، بەختىمىزدىن يۈرسەك كېرىلىپ .
مۇھەببەتنىڭ خۇشخۇي تىنىقى ، چاراسلايدۇ ۋۇجۇدىمىزدا . بىر نىيەتتە تىرىشساق ھەردەم ، بەخت يىپى ئۆز قولىمىزدا .
پىچىرلىشار قېنىشماي لەۋلەر ، قەلبلەردە ئوت چاقتى ۋال –ۋال . سۆيگۈ بىلەن گۈزەلدۇر ھايات ، بەخت ئاخىر كۆرسەتتى جامال ! ...
ئاپتورى:پاشاگۈل نىياز(توقسۇن) .
|
|