رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئىسلام ۋە ئەقىل --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ ئۆزىمىزگە نەزەر ] -> ئىسلام ۋە ئەقىل [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

جىن 2010-12-03 20:39

ئىسلام ۋە ئەقىل

(جىن)



ئەقىل ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ ئاساسلىق يادروسى بولۇپ، تەپەككۇر بولسا ئىنسان ئۆزى ئويلىغان ھەرخىل شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا ئەمەلىيەت ھەرىكەتلەرنىڭ باش قوماندانىدۇر. ئەقىلنىڭ رولى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان رىئال ھاياتتىكى چوڭ- كىچىك مەسىلىلەرگە باغلانغان بولۇپ، ئادەتتىكى گەپ- سۆزدىن تارتىپ ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىش، تارىخنى يەكۈنلەپ نەتىجە چىقىرىش، ئەقىلغا ئۇيغۇن بولمىغان مەسىلىلەرگە سەلبىي قاراشتا بولۇش، تەپەككۇر نەزىرىنى ھاياتلىقنىڭ ھەرخىل قىسمەت- ھېكمەتلىرىگە يۈگۈرتۈپ ئىزدىنىپ بېقىشلارغىچە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئەقىلغا باھا بېرىشتە پەۋقۇلئاددە يۈكسەكلىككە ئىگە.
ئىسلام دىنىنىڭ ئەقلىيە كۆزقارىشى، ئەقىل- تەپەككۇرغا بەرگەن باھاسى، تارىختىكى ھەرقانداق دىن ھەرقانداق كۆزقاراشلارنىڭكىدىن پەرقلىق ھالدا ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە يادروسى: < بىر ئىلاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن ئەلچىسى > دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن، بۇ سۆز تولىمۇ ئاددىي، چۇشىنىشتە شۇنداق ئوچۇق، يىغىنچاقلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ ئاللاھنىڭ ھېچقانداق ياردەمچىسى يوق، ئىنسان بىلەن ئىلاھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت. ۋاستە تەلەپ قىلمايدۇ، ئىنسان ئوز قۇلچىلىقىنى شۇ ئاللاھقىلا قىلىشى كېرەك، دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەپ بەرسە، بۇ يەكۈننىڭ ئىنسان ھاياتىدا ئەڭ توغرا رەۋىشتە ئۆزلىشىشى ئۈچۈن، شۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئىچىدىن تاللاپ ئەۋەتكەن ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ كەلگەن كىتابى قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىش، ئۇنى توغرا تەتبىقلاش بىلەن بولدىغانلىقى، بۇ توغرا ئېتقاد - كۆزقارىشى ئىنساننى خاتا ئەقىدە خۇراپىي كۆزقاراشلاردىن ئازاد قىلىپ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ھەرخىل زۇلۇم، ناچار ئېتىقادلاردىن ئىنساننى خاتىرجەم قىلىدىغانلىقتەك ھايات لىنىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قۇرئان كەرىم ھەرقانداق مەسىلىلەردە ئەقىلگە، يۈكسەك باھايى بىلەن ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا  چاقىرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە <ئەقىل> دېگەن كەلىمە 50 دىن ئارتۇق ماكاندا تىلغا ئېلىنغان بولسا، ئەقىل- تەپەككۇر يۈرگۈزمەسلىك ئەقلىي سۈكۈنات داۋاملىشىشتىكى مۇسۇلمانلار پاسسىپ ھاياتىغا كايىپ < نېمە ئۈچۈن ئويلىنىپ كۆرمەيسىلەر؟ > دېگەن ئىبارە 13يەردە تەكرار- تەكرار  تىلغا ئېلىنغان. بىز قۇرئان كەرىمنى چوڭقۇرلىغان ھالدا ئىزدىنىپ كۆرسەك، قۇرئان كەرىمدىكى  <قاراش>، < پىكىر قىلىش>، دېگەندەك ئىبارىلەر ئارقىلىق ئەقىل- تەپەككۇرغا قانچىلىك مۇھىملىق بىلەن قارايدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. دوكتۇر يۈسۈپ قاراداۋىنىڭ: «بەييىناتۇل ھەللۇل ئسلامىي» دېگەن كىتابىغا قاراڭ.
شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى، قۇرئان كەرىم دۇنيا تۈزۈلمىسىنى، كائىنات قۇرۇلمىسىنى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان  پەۋقۇلئاددە ئالاقىسىنى، ئۆزئارا چېتىشچانلىقىنى لوگىكىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان بىردىنبىر كىتاب، ئۇ ئىنسانلارنى تەبىئەت ئالىمىگە نەزەر سېلىپ ھەرخىل تۈردە تەتقىق ئېلىپ بېرىپ، بۇ كائىنات ئالىمىنىڭ سىرىنى ئېچىشقا بۇيرىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەقىل- تەپەككۇر ئىشلىتىشنى ئاللاھقا قىلىنغان بىر خىل ئىبادىي قۇلچىلىق (ئىبادەت)، ئاللاھ ئەجىر بېرىدىغان ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىن دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

مەشھۇر مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىسلامدىكى ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى:
20- ئەسىردىكى ئەرەب ئەللىرىنىڭ مۇتەپەككۇر پىشىۋاسى دەپ نام ئالغان ئابباس مەھمۇد ئەققاد «ئەتتەپكىير زەرۇرە ئسلاميە» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە: < ئىسلام دىنى ھەر بىر ھەقىقەتنى ئىزدەنگۈچى، ئەقىلغا ھۆرمەت قىلغۇچى، ئەقىل يۆلىنىشىدە تۇرۇپ ئاڭلاپ باققۇچىلار ئۈچۈن ئەقلىيەت لوگىكىسىنى تاڭىدۇ > دەيدۇ.
ئىسلام دىنى دەۋرىمىزدىكى ئىلىم - پەن تەتقىقاتى نەتىجىلىرى ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە باھا بېرىشتە كائىنات ئالىمىگە قاراش، ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، شۇ ئارقىلىق بىر ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يېتىشتىن ئىبارەت ئىلمىي نۇقتا نەزىرى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانغانغا قەدەر بۇ دىننىڭ ئېئىجازىي( مۆجىزە خاراكتىرلىك) دەلىللىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: < بۇ دىننىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانغانغا قەدەر بىز ئۆزىمىزنىڭ پۈتۈن كائىنات ئالىمى ۋە ئنسان نەپسىدە قويۇلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز > [ فۇسسلەت سۈرسى 52 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى].
مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپلىرىدىن بىرى بولغان فىرانسىيىلىك ئالىم روجىي غارۇدى: < ئىسلام دىنىنىڭ تەۋھىد(ئاللاھنى بىر بىلىش) پرىنسىپى ئىسلامنىڭ ئاللاھنى تونۇش پەلسەپىسىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئاساسىدۇر، بۇ پەلسەپە ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىي ئىنكاسلار ئوتتىرىسىدىكى بارلىق پاسىل - توسالغۇلارنى چۆرۈپ تاشلىغان بولۇپ تەبىئەت ئالىمىدىكى بارلىق شەيئىلەر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل، شۇنىڭدەك تەبىئەت دۇنياسى بىلەن تونۇشۇش، ئۇ ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش، ئاللاھقا يېققىنلىشىش، ئۇ زاتقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ بىر نامايەندىسى > دېگەن. روجىي غارۇدىنىڭ: «ئسلام دىينۇلمۇستەقبەل» دېگەن كىتابىغا قاراڭ.

بىز قۇرئان ھەققىدە ئىزدەنگىنىمىزدە، قۇرئاننىڭ تۇنجى چۈشكەن ئايىتى <ئوقۇ> دېگەن ئەمرى بىلەن ئىككىنچى قېتىم  قەلەمنىڭ ھۆرمىتى تەرىپلىنىپ چۈشكەن ئايەتلەر ئارقىلىق ئوقۇش، بىلىم ئېلىش، يېزىشلارنى تەرىپلىسە، قۇرئان كەرىم ئوچۇق قىلىپ ئەقلىي سۈكۈنات ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇرۇپ غاپىل ھالدا ئاللاھنى ئويلاپ قويمىغان، ئەقلى بار تۇرۇپمۇ ئەقىلنى ئشقا سالمىغان مۇغەپپەللەرگە قارىتا ئەئراف سۈرىسى 179- ئايەتتە: <  ئۇلار ئەقىلسىز چارىپايلاردەك، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەررەك، ئۇلار غاپىللاردۇر > دېيىش ئارقىلىق ئەقىل يادروسى بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش،  قەلەم تەۋرىتىش بىلەن ئىنساننىڭ ئەڭ سەلبىي كېسلى بولغان< ئويلىنىپ باقماسلىق> ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە قانداق پۇزىتسىيە تۇتقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمنىڭ ئوقۇشقا ۋە قەلەمگە بەرگەن ئەھمىيىتىگە قاراپ، ئىسلام دىنىدا ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ۋە يېزىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئىسلام دىنىنىڭ ئەقلىيە كۆزقارىشى تارىختىن بۇيان نۇرغۇن مۇتەپەككۇر ئالىملارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
يەرشارى بولسا ئاللاھنىڭ ئوچۇق كىتابى، قۇرئان كەرىم بولسا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئۇلۇغ كىتاب،  بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا مۇتلەق باغلانما بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىدە غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە!

بىز يوقۇرىدىكى ئايەت ۋە ئالىملارنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ئەقىل تەپەككۇرنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولىنى بىلىۋالالايمىز.
زاھىرىيلەر مەزھىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىبنى ھەزم ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىدىكى تارىخىي كىتابى «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل ەلئەھۋائى ۋەننىھەل»نىڭ 1-توم 36- سەھپىسىدە: < ھېس - تۇيغۇ ۋە ئەقىل- تەپەككۇرلاردىن  كېلىپ چىققان ئومۇمىي دەلىل - ھۆججەتلەر ئۆز تۇيغۇڭغا ھەرگىزمۇ خائىنلىق قىلمايدۇ، قانچىكى ئىزدەنسەڭ ھېس - تۇيغۇڭغا قارشى دەلىل خاتالىقنى ئىزدەپ تاپالمايسەن، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەت ئەمەسمۇ؟ > دەپ ئەقىل - تەپەككۇرنىڭ مۇھىملىقنى ئىپادىلەپ سۇئال تاشلايدۇ.
ئۇ يەنە بىر جايدا: < ئەقىل- تەپەككۇرنىڭ ئاساسى بولغان پەلسەپىنىڭ مەقسىتى كىشى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئىسلام پەلسەپىچىلىرىنىڭ ئاساسى مەقسىتىمۇ شۇنىڭدەك بولۇپ، بۇھەقتە شەرىئەت ئالىملىرى ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى مەۋجۇت ئەمەس، لېكىن پەلسەپەنىڭ مەقسىتىدىن چەتنىگەن، ئۇنىڭ ئۆز مەنا ئۇقۇمىغا ھۆرمەت قىلمىغان ۋە شەرىئەتنى ئىنكار قىلىش مەقسىتىدە پەلسەپە ئۈگەنگۈچىلەر بۇنىڭ سىرتىدا > دېگەن ئىدى.
11- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئەقىل - تەپەككۇر، ھېس - تۇيغۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: < ئەڭ ئۇلۇغ ئەقىلدە كامالەتكە يەتكەن بىرى بىز ھېس - تۇيغۇلىرىمىز ئارقىلىق يەكۈنلىگەن شەكسىزلىك ئېتىقادىنىڭ تەتۈرسىگە بىرخىل كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويسا، گەرچە ئۇ پەيغەمبەر بولغاندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمە! ياكى بۇ خىل كۆز قاراش يالغان نەقىل قىلىنغان دەپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنىشكە ئۇرۇنغىن، شۇنى بىلگىنكى، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى تاپالمىغان تەقدىردە، سېنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىڭ، ئەقىل- تەپەككۇرىڭ يەكۈنلىگەن شەكسىزلىك ئىتقادىغا قارشى ھالدا ئۇنىڭ كۆزقارشىغا ئىشەنمە! > [مۇھەممەد ئىبراھىم مەبرۇكنىڭ: نەزەرىيە دەۋافىئى سىدام ۋەھتىمالاتۇل مۇستەقبەل111- بەتكە قاراڭ]

ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن، يوقۇردىكى بۇ بىر ئابزاسنى قايتا ئوقۇپ كۆرۈڭ!
قانداق قىلىپ ئىمام غازالى بۇنداق ئويغا كېلىپ قالغان؟ بۇنداق جۈرئەتلىك بولۇپ قالغان؟ سىز بۇ تەرىپىنى ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟
شەكسىزكى قۇرئان كەرىمنى ياخشى تەھلىل قىلغان ئەقلى يۈكسەكلىك لوگىكا ئۇقۇمى بىلەن ئوقۇغان ھەرقانداق كىشى بۇنداق جۈرئەتكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان سۆز ئۇسلۇبىدا ئىمان ھەقىقەتلىرىگە دەلىل كەلتۈرۈشتە ئىلمىي تەجرىبە، ھېس - تۇيغۇ، ئىلمىي ھەقىقەت ۋە ئەقىل پرىنسىپلىرى بىلەن دەلىل كەلتۈرىدۇ.
ھەقنى بىلىپ يېتىشتە ھىس تۇيغۇ ئەقلىي يەكۈننى ئاساس قىلىدۇ.

12- ئەسىردە ئۆتكەن شەرق پەيلاسوپى دەپ ئاتالغان ئىبنى رۇشدى تەبىئەت ۋە ئەقىل - تەپەككۇر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: < ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلغان كىتابى بىلەن تەبىئەتدۇنياسى كائىنات ئالىمى ئوخشاش بولمىغان ئىككى تىلدىكى بىر كىتاب بولۇپ، بىز تەبىئەتنى تەتقىق قىلىش، كائىنات ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قۇرئاننىبىلىپ يىتمىز، قۇرئاننى بىلىش ئارقىلىق تەبىئەتنى بىلىمىز، مەسلە بۇ كىتابنىقانداق ئۇقۇش ۋە قايسى تىلدا ئۇقۇشتا >.  ئۇ يەنە: < شەرىئەت ھەققىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئەقىل- تەپەككۇر بىلەن يەتكەننەتىجىگە يىتىسەن > دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئەقلىيە كۆز قارىشىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: < شەرىئەت بىلەن ئىلىم- ھېكمەت بىر گەپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئوخشاشماسلىق بولسۇن؟ شەرىئەت بىرلەمچى ئەقىل ئىككىلەمچى ئورۇندا تۇرۇپ بىر - بىرىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ تولۇقلاپ  بېرىدۇ > دېسە، ئۇ يەنە بىر يەردە مۇنداق دەيدۇ: < قۇرئان كەرىم بىز ئىنسانلارنى ھەقىقەتنى بىلىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ كۆرىشىمىزگە قىزىقتۇرغان ئىكەن، ھەرگىزمۇ شەرىئەتكە قارشى كېلىدىغان نەتىجىلەرنىڭ چىقىشىنى مەقسەت قىلماستىن، بەلكى ھەقىقەتنىڭ تەتقىقات كاتىگۇرىيىسىدە بولۇشنى، شەرىئەت بۇيرىغان ئەقلىيە كۆز - قاراش ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ ھەقلىقىنىبىلىشىمىزنى مەقسەت قىلغان، ئۇنداقتا شەرىئەت ئەقىلغا، ئەقىل شەرىئەتكە گۇۋاھچىبولۇپ بۇ ھەقتە نەمۇنىلىك رولنى ئوينىغان بولمامدۇ؟ [ دوكتور زەكى نەجىب مەھمۇدنىڭ: ‹‹قىيەم مىنەتتۇراس›› دېگەن كىتابىغا قاراڭ]. ئەرەب پەيلاسوپى كىندى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ: < ئەقىل بىلەن شەرىئەت ئوتتۇرسىدا قارمۇ -قارشىلىق يوق > دەپ كۆرسەتكەن. ياۋروپالىق پەيلاسوپ بىرتىراند رەسۇل: < ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابى ئەقلىيە پەلسەپىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى ئىسلام پەيلاسوپى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىبنى سىىنا، يەنە بىرى ئىبنى رۇشدىدۇر. < ئىبن رۇشدى ھازىرمۇ ياۋروپا ئەقلىيەتچىلىرىنىڭ نەمۇنىسىبولۇپ كەلمەكتە دەيدۇ. ئىبنى تەيمىيە دەلىل قاراتمىلىقى، دەلىل ئارا سېلىشتۇرما فونكسىيىسىدە شەرئىي دەلىل بىرلەمچى ئەقلىي دەلىلنىڭ ئىككىلەمچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
18-ئەسىردە ئىسلام ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنىڭ مەشھۇرراقىنىڭ بىرى شەرق لىيۇتىرى دەپ ئاتالغان ئالىم جامالۇددىن ئافغانى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەقلى سۈكۈناتتىكى ھالىتىنىئەيىبلەپ، ئىسلام ئەقلىيە پەلسەپىسىنى گۈللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: < مۇسۇلمانلار قۇرئاندىن ئىبارەت بولغان بۇ كىتابنى ئەقىل - تەپەككۇردىن ئىبارەت بولغان ئۆتكۈر پىكىر بىلەن قايتا ئوقۇپ كۆرسە چوقۇمكى ئىسلام دىنىنىڭ بۈگۈنكى تۇرغۇنلۇق، قاششاقلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ شانلىق قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرلىيەلەيمىز >.
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: < ئۇلۇغ ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئىككى كىتاب نازىل قىلغان بولۇپ، بىرى، ۋەھىي قىلىنغان قۇرئان، يەنە بىرى، تەبىئەت دۇنياسىدۇر، بۇ ئىككىسىنىچۈشىنىشتە بىر بىرىدىن ئايرىلمايدۇ >. جامالۇددىن ئافغانىنىڭ ئەقلىيە كۆزقارىشى ئىبنى رۇشدىنىڭكىگە ئوخشاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلانىي بولۇشىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزدەۋرىدىكى سەئىد ئەھمەدخان ۋەكىللىكىدىكى زامانىۋىلىشىش تەرەپدارلىرىنىڭ ناتۇرالىزم قارىغۇلارچە غەربكە چوقۇنۇش ئىدىيىسىنى تەنقىد قىلغان، ئۇ: < ئەقىل _ ئىماننىڭ قۇياش ئېنىرگيەسىدۇر، ئەگەر ئەقىل بولمايدىكەن ئىمان يورۇمايدۇ، ئىمانئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەيدۇ > دەپ قارايدۇ. [دوكتور مۇھەممەد ئۇمارەنىڭ: ‹‹ئەقلىيەتۇلئىنسانۇلمۇسلىم›› دېگەن كىتابىغا قاراڭ] ئىمام مەۋدۇدى مۇنداق دەيدۇ: < ناچار كۆز قاراش، خۇراپىي ئېتىقاد، بولمىغۇر پىكىرلەردىن يىراق ھالدا قۇرئان كەرىمدىن ياخشى پايدىلىنىش تەبىئەت ئالەمگە توغرا تەتبىقلاش ئۈچۈن يەنىلا بۇ دىننى توغرا چۈشىنىشتە ئاساسلىق رول ئوينىغان تۇنجى يادرو __ ئەقىل تەپەككۇرغا بولغان ھۆرمىتمىزگە باغلىق >. [«ئەلئىسلام فى مۇۋاجىھاتىلمۇئاسىرە» دېگەن كىتابىغا قاراڭ]
ئىسلامنىڭ ئەقىلگە بەرگەن ئەھمىيىتىنى غەيرى مۇسۇلمان ئالىملاردىن ئىنساپ بىلەن ئىزدەنگەنلەر ئىلمىي نۇقتىئىنەزەردە تۇرۇپ ئېتىراپ قىلغان. مەسىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ماكسىم گوركىي قۇرئان كەرىمنىڭ ئەقلىيە كۆز قارىشى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: < بىز ئىلگىرى- كېيىن بولسۇن ئەقىلتەپەككۇر ھەققىدە ئىزدەنگىنىمىزدە، قۇرئاندەك كەسكىن پوزىتسىيە تۇتقان ئەقىل _ تەپەككۇرغا يۈكسەك باھا بەرگەن، ئۇنىڭغا قىزىقتۇرغان يەنە بىر كىتابنىئۇچرىتالمايمىز، قۇرئاننىڭ ئەقىلغا بەرگەن باھاسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ پەۋقۇلئاددە يۈكسەكلىككە ئىگە >. [دۇكتۇر يۇسۇپ قەراداۋىنىڭ: ‹‹ئەل ئىسلامۋەررەئسىمالىيە›› دېگەن كىتابىغا قاراڭ]
ھەرقايسى دەۋردىكى ئالىملارنىڭ ئەقىل - تەپەككۇر ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى ئارقىلىقئىسلام دىنىنىڭ ئەقلىيە كۆزقارىشىدىكى پەۋقۇلئاددە يۈكسەك باھانى كۆرىۋالالايمىز.

ئەقىل ۋە بىز  
      

بىز ئەقىل - تەپەككۇر ھەققىدە ئويلىغىنىمىزدا، بۇلارنىڭ يوقىرىسى كائىنات ئالىمىنىڭ سىرىنىئېچىپ ئىنسانىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، مەسىلىلەرگە ئېتىقاد نۇقتىسىدىن باھا بېرىش، چوڭقۇر بىلىم ئۆتكۈر پىكىر بىلەن ئەقلىيە ئېتىقادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ھەرساھەدە پىكىر قىلىشتىن باشلاپ ئادەتتىكى نورمال مۇناسىۋەت ئۆزئارا گەپ - سۆزلەرگىچە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقنى بىلىپ يېتىمىز ،
لوگىكاشۇناسلار ھايۋان بىلەن ئادەمنىڭ پەرقى ئەقىل - تەپەككۇر دەپ قارايدۇ، ئەقىل ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، ھاياتتىكى ھەر بىر غەلىبىنى ئەقىل - تەپەككۇردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئەقىل- تەپەككۇر دىننى
توغراچۈشىنىش، توغرا تەتبىقلاشتىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ھازىرقى جەمىيىتىمىزگە قاراپ باقىدىغان بولساق نۇرغۇن كىشىلەر ئەقىلنىڭ رولىغا سەل قارايدۇ، دىنىي جەھەتتە ئېلىپ ئېيتساق يالغان- ياۋىداق سۆزلەرنىڭ ھەممىگەئىشىنىدۇ. ياكى ئويلىنىپ باقماستىن دىن نامىدىن تەشۋىق قىلىپ ئۆزىنىمۇ باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ، نەتىجىدە باشقىلار تەرپىدىن ئىسلام مۇشۇنداق دىنمۇ؟ دېگەندەك سەلبىيسۇئاللارنىڭ قويۇلىشىغا سەۋەب بولسا، خۇراپاتلىق بىلەن ئېتقادنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلالمايدىغانلار ئۈچۈن بۇ خۇراپىي دىندۇر، دېگەن كۆزقاراش ھەرخىل ھۇجۇملارنىڭ كېلىپچىقىشىغا سەۋەب بولماقتا. خەتەرلىك يېرى شۇكى، دىننى چۈشەنمەي، چىن مەنىسىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ دىن تەشۋىققىلىش ئەقلانىي بولۇشقا ھۆرمەت قىلماسلىقتۇر. ئىسلام دىنى دىننى چۈشىنىش مەقسىتىدە ئىزدەنگۈچىلەر بولسۇن ياكى ئۆزىنىڭ تەقۋادارئېتقادچىسى بولسۇن، ئەقلانىي بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 20-ئەسىر ئىسلام ئوتتۇرا ئېقىم يۆلىنىشىنىڭ نامايەندە ئالىملىرىدىن بىرى مەرھۇم شەيخ غازالى ھەسرەتلىك ھالدا: < ئىسلام دىنى ئادىل توغرا بولغان ھايات لىنىيىسى بولۇپ، بۇ دىننى قوغداش، ئاقلاش ۋە تەشۋىق قىىلش دەۋاسىنى قىلىۋاتقانلار مەغلۇبىيەتچىئادۋۇكاتلاردۇر > دېگەن ئىدى.

ھەممىگە مەلۇمكى ئىسلام دىنىنى خۈنۈكلەشتۈرۈش، ئېتىقادچىلىرى ئوتتۇرىسىغا ئايرىمىچىلىق سېلىش مەقسىتىدە نۇرغۇن يالغان سۆزلەر ھەدىس نامىدىن كىرگىزىۋېتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەقىلغا ئۇيغۇن ئەمەس نۇرغۇن سۆزلەر بار. مانا بۇيالغان سۆزلەرنىڭ بازىرى بىز ئۇيغۇرلاردا بەكراق بازار تاپماقتا، دىنىمىزغا قارىتا ئەقىل-تەپەككۇرگە سەل قارىغانلىقتىن جەمىيىتىمىزدە ياش زىيالىي ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى كەڭ خەلق ئاممسدىكى ھاڭ پەرقلىق ھالدا داۋاملىشۋاتماقتا.

دىن نېمە؟ قۇرئانچۇ؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قانداق كىشى؟ ھەدىس دېگەن نېمە؟ تۆتمەزھەب ئىماملىرى قانداق كىشلەر؟ ئۇلار نېمە ئىشلارنى قىلغان؟ ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟ بۇ مۇھىم بولغان مەسىلىلەرگە سادىقلىق بىلەن ئىزدىنىپ كۆرىلمەيدۇ،
جەمىيىتىمىزدە ئەقىلغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نۇرغۇن كۆز- قاراش سۆزلەر دىن نامىدىن تارقىتىلغاندىن باشقا تارىختا مەشھۇر ئۆتكەن شەخسلەرنى ھاقارەتلەش، تىل تەككۈزۈپ ئۇنداق خاتالىق قىپتىكەنەي، مۇنداق پەتىۋا بېرىپتىكەنەي، دېگەندەك ئۆزىدە ئىلىمنىڭ سۇنىقىمۇ يوق ھالدا تۇرۇپ، بۇلار قانداق كىشلەر؟ قانداق دەۋردە ئۆتكەن؟ نېمىشقا بۇنداق قاراشتا بولىدۇ؟ قايسى دەلىلگە ئاساسلانغان؟ دېگەنلەرنى ئويلانماستىن تىل تەككۈزمەكتە. قۇرئان ئايەتلىرىنى قالايمىقان تەپسىر قىلىپ ئۆزىنىڭ خاھىشىغا بوي سۇندۇردىغان، قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى، سىياقى، دەلىل قاراتمىلىغى ۋە بىر ئايەتنىڭ باشقا بىر ئايەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن قىلچە ھىسابلاشماستىن < قۇرئاندا دەپتۇغۇ > دەپلا پەتىۋا بېرىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ، ئۇيغۇرچىدىن ساۋادى چىققان ھەربىر ئادەم ئۆز ئالدىغا پەتىۋا مەنبەسىگە ئايلىنىپقالماقتا.
ئىككى ئىشنىڭ قايسىنىڭ بەكراق مۇھىملىقىنى ياكى قايسىنىڭ بەكراق زىيانلىقىنىئايرىش، قۇرئان - ھەدىسنى توغرا چۈشىنىش، ئۆزى
ياشاۋاتقان تەبىئەت ھەققىدەئىزدىنىش، پەرقلىق جەمىيەتلەرگە ئەقلانىيلىك بىلەن قانداق تەتبىقلاش يوق دېيەرلىك بولۇپ قالماقتا،
ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ قولىدا پەتىۋا پىچىقى پارقىراپ ۋالىلداپ تۇرماقتا، پەتىۋالارنى ھەدەپ كەسمەكتە، ئۆزلىرىنى رۇسلاشنىڭ ئورنىغا باشقىلارغا سەن <كافىر>، سەن <مۇشرىك> دەپ ھۆكۈم قىلىدىغان قازى كالان بولۇشماقتا، ئەتراپقا سۆيگۈ تارقىتىشنىڭ ئورنىغانەپرەت چاچماقتا. دەلىلگە قايىل بولماسلىق، ئىختىساسقا ھۆرمەت قىلماسلىق، ئەقىلغا ئۇيغۇنمۇ؟ دەپسورىماسلىق بىر تەرەپتىن ئەقلىيىتىمىزدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقمىزنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن سۈكۈنات ئۇيقىسىنىڭ پاجىئەلىك ھالدا داۋاملىشۋاتقانلىقىنى، دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

سىز يولۇقتۇرغان بۇ يىگىت ياكى بۇ قىز جەمئىيەتتىن پەقەت رازى ئەمەس، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەممە ئادەم كاپىر ياكى مۇناپىق بولۇپ ئۇنىڭغا سالام قىلىش، بىر يەردە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە، ئۆزئارا مۇناسىۋەت باغلاشقا، ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشقابولمايدۇ دەيدۇ، ئۇ ھەممە ئادەمگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ياشاش لوگىيكىسىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھەرقانداق ئىشنى ھەرقانداق كىشىنىچەتكە قاقىدۇ، قەلبىگە ئۆچمەنلىك ئوتى تولۇپ كەتكەن.
ئەمدى سىز دىققىتىڭىزنى ماۋۇ يىرىم -يالىڭاچ ھالدا كېتىۋاتقان قىز بىلەنئاللىقانداق پاسۇن بىلەن ئۆزىنى شۇنداق مەدەنىي چاغلايدىغان بۇ يىگىتكە قارىتىڭ! ئۇ جەمئىيەتتىن تېخىمۇ رازى ئەمەس، ئۇنىڭچە ھەممە ئادەم خۇراپاتلىققا پېتىپكېتىۋاتقان، مەدەنىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قالاقلىق قىز ئۇغۇللاردىكى ئەدەب - ئەخلاق، ئېتىقاد، ئىپپەت كۆزقارىشى، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئىشلار بولۇپ ئۇنىڭچە بولسا ئۆزى ياشىغان بۇ جەمئىيەت لاس - ۋىيگاسقا ئايلانسا، شەرمى- ھايا ئورنىدا كەيپ- ساپا، جىنسىي ئەركىنلىك ۋە يەنە ئاللىقانداق ئىشلار راۋاج تاپسا، بۇ ئۇنىڭ خۇراپات دەپ ئاتىۋالغان كۆز قارىشىغا خاتىمە بېرىلگەن بولارمىش.
جەمئىيەتتە شۇنداق بىر ھاڭنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇھەببەتكە تولغان بۇ دۇنيانىڭئەكسىچە ئۆزئارا ھىقدى - ئاداۋەتكە تولۇپ كېتىشى بىزدىكى ئىلىم، ئەقىل-تەپەككۇرىيىتىمىزدىكى، مىللەت روھىدىكى ئاجىزلىق بولماي نېمە؟ بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتقان نەتىجە سۈكۈنات ئۇيقۇسىىدىكى خورەكنىڭ ساداسى بولماي نېمە؟ بىز تېخىمۇ ئويلانساق دىننى چۈشىنىشىمىز، ئۇنى قانداق ئىجرا قىلىشىمىزدىكى ئەقلىيخەلەلنىڭ ( نۇقساننىڭ)قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىگمىزنى بىلەلەيمىز. ئەقلىي تەپەككۇرىيىتىمىزدىكى بۇ ئاجىزلىق 21-ئەسىردىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقىمىزبولسا كېرەك! بۇ ئاجىزلىق نۆۋىتى كەلگەندە باشقىلارنىڭ غەرەزلىك ھالدىكى چالغان دۇمباقلىرىغا ئۇسۇل ئوينىتىدۇ- دە، ئەڭ خەتەرلىك مىنۇتلار شۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ! ئىلگىرىدە قاراتاغلىق، ئاقتاغلىق سوپى- ئىشانلارنىڭ قايمۇقتۇرىشى بىلەن جاھالەتمۇزىكىسىغا ئۇسۇل ئوينىغان بولساق، ئەمدىلىكتە بىلىمسىزلىكىمىز بىلەن ھېسابلىشىپ كۆرمەي بۇ مۇقەددەس دىننى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشمايۋاتىمىز، ئۇيغۇر ئەقلىي بىلەنئويلىمايۋاتمىز؟ ئەكسىچە ئازراق باھانە- سەۋەبلەر تۈپەيلى بىلىم ئەھلى، مەكتەپ، مائارىپ، ئىلىم يۇرتلىرىغا قارشى چىقىپ بىلىمسىزلىكنى تەرغىب قىلىۋاتىمىز، بۇ نېمە دېگەن خەتەرلىك ئىش؟! مۇشۇ خىل تىپتىكى كىشىلەر ئاللىقانداق كىشىلەرنى مۇرىت تۇتۇپ نېمە دېسە توغرا دەپ، 21- ئەسىر نۇر - بىلىم، مەرىپەت، ئەقىل- ئىدراك دەۋرىدىمۇ جاھالەتنى تەشۋىق قىلىپ ئىسلاھات يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرماقتا. قايسى بىر ئالىم: < ئاجىزلارنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى __ باشقىلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىدىنگۇمانلىنىشقا پېتىنالماسلىق، ئۇلارنىڭ ھەربىر قىلغان ئىشىدا ھېكمەت بار دەپ ئويلاش، سەپتىن قېلىش، گۇمان قىلىشنى دوزاخقا كىرىش دەپ ئويلاپ قېلىش > دەپ تەسۋىرلىگەنئىدى. قارىغاندا بىزدە بۇ تۈركۈمدىكى ئاجىزلار كۆپىيىپ كەتكەن بولسا كېرەك.

ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم: ئىسلام دىنى ئەقىلغا قىزىقتۇرغان ئىكەن، مەسىلىلەرگە ئەقلىي يۈكسەكلىك بىلەن باھا بېرەيلى! قارىغۇلارچە چوقۇنۇپ يۈرمەيلى! ئىلىمگەئەھمىيەتسىز قارىمايلى! كۆپ ئويلايلى! ئەقىلنى ئۆرنەك قىلايلى!



ھەي تەڭرىم قۇياشنىڭ نۇرىغا تەشنا،
شۇ تۇغما كورلارنىڭ كۆزىنى ئاچقىن.
بىگۇناھ كۆزلەردىن زەھەرنى ئېلىپ،
ھەقىقەت كورلىرىنىڭ كۆزىگە چاچقىن.

                                  __ زوردىن سابىرنىڭ «ئاتا» رومانىدىن.



2006-يىلى 15-ئىيۇل



_____________________

نادىرلەش توغرىسىدا: خۇددى ئۈستىدە دېگەندەك < ئىسلام دىنى دەۋرىمىزدىكى ئىلىم - پەن تەتقىقاتى نەتىجىلىرى ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە باھا بېرىشتە كائىنات ئالىمىگە قاراش، ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، شۇ ئارقىلىق بىر ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يېتىشتىن ئىبارەت ئىلمىي نۇقتا نەزىرى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ...>. مەزكۇر تېمىدا ئىسلام دىنىنىڭ <ئەقىل> دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا قانچىلىك دەرىجىدە ئىتبار بىلەن قارىغانلىقى، بىزنىڭ بىر ئىسلام ئەھلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن <ئەقىل> دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم چۈشەنچىسىگە قانداق قاراشتا بولىشىمىز، قانداق قوبۇل قىلىشىمز...ھەققىدە ئاز بولمىغان ياخشى قاراشلار ئوتتىرىغا قويۇلغان. «ئىسلام _ ئەقىل _ بىز» مۇشۇ ئۈچ خىل ئۇقۇم ئوتتىرىسىدىكى باغلىنىش ھەم خاتا چۈشەنچىلەر ھەققىدە تېڭىرقاپ قالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان نادىر ماقالە ھېسابلىنىدۇ. كاللىمىزنى سىلكىپ تۇرۇپ بىر رەت، يەنە بىر رەت ئوقۇپ چىقايلى... ئۈشبۇ ماقالىگە شۇ سەۋەبتىن نادىرلىق تامغىسى بېسىلدى.

tewip 2010-12-03 23:29
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! بىز بۇنداق تېمىلارغا بەك تەشنا قېرىندىشىم!...

muslima402 2010-12-03 23:45
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قېرىندىشىم. قەلىمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن...

artuq 2010-12-04 01:12
بۇنداق تېمىلارنى كۆرمىگىلى خېلى بوپتىكەن . ئاللاھ ئىگەم ئەجرىڭىزنى بەرگەي قېرىندىشىم.
بولسا مۇشۇنداق تېمىلاردىن بىزنى كۆپرەك خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىشىڭىزغا تەشنامىز.

ھىلال 2010-12-04 02:21
< مۇلايىملىق بىلەن قايىل قىلارلىق مۇنازىرە قىلىش، يازما ئىسپات ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق روشەن دەللىلەر بىلەن قايىل قىلىش، يازما ئىسپات بولسا قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر. روشەن دەلىل بولسا سەۋەبتۇر. بەلكىم بىر دىنسىز قۇرئان ۋە سۈنئەتنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر سىز ئۇنىڭغا لوگىكىلىق قوبۇل قىلسىڭىز ئۇ قۇبۇل قىلىشى مۇمكىن. مەن سىزنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن دەۋەت قىلدىغان دەۋەتچى بولۇشقا چاقىرىمەن >.   ــ شەيخ ئۇسەيمى

قولىڭىزدىكى مائۇسنى قويۇپ بېرىپ، ھاياجان چاپىنىڭىزنى قېشىڭىزغا سېلىپ ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ ئۇقۇشقا، تەھلىل قىلىشقا ئەرزىيدىغان جەۋھەر تېما.

bilig 2010-12-04 04:40
ھەقىقەتەن ياخشى ماقالە!
خەتكۈچ

zakira 2010-12-04 12:04
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  ياراتقان ئاللا ھەممىمىزگە ئىمان -ئېتىقاد  ئاتا  قىلسۇن !
    بۇ تېمىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ ، نۇرغۇن بىلىمگە  ئىگە بولدۇم ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى زامانىۋىلىشىش  ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرىلگەنچە ، ئېتىقادقا بولغان قاراش تېمىدا دىيىلگەندەك سۇسلىشىپ  نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ قايمۇقۇش ، سەل قاراش ،ۋاز كېچىش  ئىدىيىلىرى بىخ ئۇرۇپ چىقماقتا ! كىشىلەرنىڭ دىنغا بولغان يېتەرسىز بىلىمى تۈپەيلىدىن باشقىلارنى توغرا يولغا باشلاش تۈگۈل ئەكسىچە بېسىم ئەپ كەلمەكتە . دىننىي ئالىملىرىمىز ئازلاپ كېتىۋاتقان  مۇشۇ ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىدىغان بولساق ھەر بىر مەھەللە مەسچىتلەردە  دۇرۇس ئىمام بولغۇدەك كىشىلەر يوق دىيەرلىك ،  كوچا كويلاردا بىكارچىلىقتىن ئىش تاپالماي يۈرگەن  ئون -يىگىرمە  ئەركەكلەرنى ئۇچرىتىمىز . ئۇلار بولسا يا پەندىن يا دىندىن ساۋادى يوق دىيەرلىك ،  زىمىنغىمۇ ئېغىرلىق سالىدىغانلار !  دەۋىرنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىشىگە  ماسلىشىپ < مۇسۇلمان> لىرىمىزنىڭ  دىندىن سەۋىيەسى يوق دىيەرلىك بولۇپ كېتىۋاتماقتا  ! بۇنىڭ كاساپىتى بىلەن ئاتا- ئانىلاردىكى پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش ئۇسوللىرى ئوخشىمىغا دەرىجىدە غەرىپلىشىپ مەكتەپ يېشىغا يەتكۈچە پەرزەنتىنى  دىندىن بىرە سۆرە ئۆگۈتىشنىڭ ئورنىغا ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئۇسۇللىرى ياكى شۇلارنىڭ مودا كىيىم كىچەكلىرىنى كىيىشلەرنى ئۆگۈتىپ تەربىيەلىمەكتە ! كىچىكىدىن ئىسلام دىنىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن سەبىيلەر چوڭايغانسىرى جەمىيەتنىڭ ھەر خىل مۇھىتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ماڭماقتا.
      دىندىن ئازراقلا بىلىمى بار كىشىلەر ئۆزلىرىنى كۆرسىتىپ دىننىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ، نىمىنىلا قىلسا يامان بولىدۇ ، ۋاي ئۇنداق ئەمەس دەپ جار سېلىپ ،كىشىلەرگە  قىيىنلىق تۇغدۇرۇپ ، دىندىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرماقتا . بىز دىنىمىزنى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن تۇلۇق چۈشەنسەك ، ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ، دىيىلگەن سۆزلەرنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز ، شۇ ئاساستا كىچىكىدىن باشلاپ پەرزەنتلەرگە شەرمىي -ھايا ، ئۆرۈپ- ئادەت ، ئېسىل ئەنئەنىلەرنى سىڭدۈرەلەيمىز ، چىن ئىخلاسىمىز بىلەن سىڭىپ كىرسەك، چۈشەنسەك ، مۇرەككەپ ئەمەسلىكىنى بىلەلەيمىز . ئۈستىمىزدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىمىزنى تۇلۇق ئادا قىلايلي .

布拉克 2010-12-04 12:13
ھەقىقەتەن ياخشى ماقالىكەن  !!! ئىسلام دىننى توغرا چۈشىنەيلى

uyghurzade 2010-12-04 13:49
ئەسسسالامۇئەلەيكۇم، قېرىندىشىم جىن!كۆرۈشمگىلى ئۇزۇن بوپتۇ! سىزگە ۋە باشقا ئەزىز مۇنبەرداشلارغا سېغىنىپ سالام!
تېمىڭىزنى ھاياجان بىلەن، قايىللىق بىلەن ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقتىم؛ نۇرغۇن يېڭى ئۇچۇرغا، بىلىمگەئېرىشتىم. بۇ پىكىرنىڭ ھۇزۇرىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ. سەۋەب شۇكى، سىز گويا مېنىڭ قەلبىمدىكىنى ۋە ئازابلىنىدىغان ئىشلىرىمنىڭ بىرىنى بىلۋالغاندەكلا ھەمممىز، جۈملىدىن زىالىيلىرىمىز چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بىرى بولغان ئەقىل بىلەن ئىسلامنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشپىسز.ئابدۇقادىر داموللام، چىنگىزخان داموللام، تۆرەم، ئابدۇلئەزىز داموللام،ئەھمەت زىيائى، مۇھەممەت سالىھ داموللام قاتارلىق ساناقلىق ئىلىم ئۆلىمالىرىمىزنى ھېسابقا ئالمىىغاندا، 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر زىياللىرلىنىڭ كۆپى، جۈملىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممتئىمىن، قېقىىنۇس، ئىسلامجان شېرىپ قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنىڭ چولتىلىقىغا باقماي، ئىسلام دىنى ئەھكاملارنى،  ئىديە سىستېمىلىرىنى يا ياراتماسلىق، يا ھاقارەتلەش، يا بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش يولى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى ئاشكارلىغانىدى. بۇ جەرياندا  زىيالىلار بىلەن ئىلىم ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسدا ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلگەندى. بۇ ئۈزۈكچلىك ھېلىھەم ساقلانماقتا.
      ئەمدى ياش ئىزدەنگۈچىلەر مۇنداى بىھۇدە  يۈزلىنشىكە خاتىمە بېرىشى لازىم. بۇ ئىشتا داۋۇتجان ئوبۇلقاسىمدەك، ئادىل تۇنيازدەك، سىزدەك، ھەبىبۇللا توختىدەك، ئاۋاردەك بالىلار بىلەن پىكىرلشىپ، ھەمكارلىشىپ، دىئالوگلىشىپ قىلدىغان ئىشلار جىق. مەن بۇ تېمىڭىزنى ئەنە شۇنداق باشلىنىشنىڭ بىر مۇقەددىمسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
     خەۋىرىڭىزدا بولغنىدەك(ئەرەب ھېكمەتلىرىدە ئېيىتلغاندەك)، "ئادەم ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسىنىڭ دۈشمىنى".ھەقنى تونۇمىساق قەلبمىىزنىڭ قارڭغۇلشىدىغانلىقى، ئەقىل تاپمىساق، بىلىم ئۆگەنمىسەك كاللىمىزنىڭ ھەر قاچان زىندانغا ئايلنىدىغالىقى ئېنىق. ئەمما، مەيلى ئسلامىي بىلىملەر بولسۇن ۋە ياكى پەننىي بىلىملەر نۇقتىسىدىن بولسۇن، بىز ھەممىمىز بىلىم دېڭىزىنىڭ ساھلىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن، ئاشۇ دېڭىزدنىڭ چوڭقۇرىدىكى سىرلارنى بىلشىكە قادىر بولالمايۋاتقان سەيياھلارمىز. بىرىمىز بىلگەننى يەنە بىرىمىز بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. شۇڭا بىز ھەمكارلىشىايلى، دىئالگلىشايلى، ئۆزەڭگە سوقاشتۇرىدىغان، قارشى تەرەپنىڭ ئەمگىكىنى سوغۇق نەزەردە كۆزىتىدىغان، بىلمىىگەن نەرسىمىزگە قارا-قويۇق تون پىچىدىغان ناچار ئىلىم ئەھلىلىرىنى دورىمايلى(ئەلۋەتتە سىز ۋە مەن ئىسمىنى تىلغا ئالغانلار ئۇنداق ئەمەس).
      گەپنى قىسقارتاي، تېما ئۇچۇرغا، بىلمىگە تويۇنۇپتۇ. نەپ ئالدىم. سىزگە قايلىققىمنى يوشۇرماستىن ئېيتىشىم كېرەك. بۇ جەھەتتە سىزدىن ئۆگىندىغان يەرلىرىم جىق.
      مەن "ئۇيغۇرزادەنى ئەسلەپ قالدىم"دېگەن تېمىدا ئىپادە بىلدۈرگەندەك، ئالدراشلىقىمنى 11-دىكابرغىچە تۈگىتىپ 12-چېسلا ئەتراپىدا كىرمەكچى. ئەمما بۈگۈن تاسادپىي پۇرسەتتە بۇ تېمىڭىزىنى بايقىدىم ۋە ئىرادەم ھەم پىلانىمغا خىلاپ ھالدا بۇ قۇرلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن يېزىپ تۇردۇم.تېمىڭىزغا بولغان قايىلىققمنى ھازىرچە مۇشۇنداق ئاددىي ئىپادىلەپ تۇراي.
مۇنبەرگە رەسمىي كىرگەندە چوڭقۇرلاپ پىكىر قاتناشتۇرىمەن.كۆرۈشكىچە ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن!

nijad 2010-12-04 17:05
تېمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم، لېكىن  قانچە قىلىپمۇ تۆۋەندىكى قۇرلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم .

<11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئەقىل - تەپەككۇر، ھېس - تۇيغۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: < ئەڭ ئۇلۇغ ئەقىلدە كامالەتكە يەتكەن بىرى بىز ھېس - تۇيغۇلىرىمىز ئارقىلىق يەكۈنلىگەن شەكسىزلىك ئېتىقادىنىڭ تەتۈرسىگە بىرخىل كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويسا، گەرچە ئۇ پەيغەمبەر بولغاندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمە! ياكى بۇ خىل كۆز قاراش يالغان نەقىل قىلىنغان دەپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنىشكە ئۇرۇنغىن، شۇنى بىلگىنكى، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى تاپالمىغان تەقدىردە، سېنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىڭ، ئەقىل- تەپەككۇرىڭ يەكۈنلىگەن شەكسىزلىك ئىتقادىغا قارشى ھالدا ئۇنىڭ كۆزقارشىغا ئىشەنمە! >
---------
ئەقىل اللەنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ نىئمىتى، لېكىن ئەقىل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەقىلغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك، چۈنكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئەقىل بىلەن ئىسپاتلاشقا ئاجىزمىز.

nijad 2010-12-04 17:11
تىمىنى  نادىرلاشنى   قەتئى تەلەپ  قىلىمەن  .

zakira 2010-12-04 22:09
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەنمۇ مەشھور كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالىنى تۇنۇشتۇراي !
                                                  ئىمام بۇخارىنىڭ  تەرجىمھالى

         ئىمام بۇخارىنىڭ ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد بولۇپ ، ئۇ ئىسمائىلنىڭ ئوغلى ، ئىسمائىل ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ، ئىبراھىم مۇغىرەنىڭ ئوغلى ، مۇغىرە بەردىزىنىڭ ئوغلى ، ئىمام بۇخارىنىڭ چوڭ بوۋىسى مۇغىرە يەمانى جۇئىفى ئىسىملىك مەشھۇر بىر ئادەمنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئىمام بۇخارى شۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىنىپ جۇنفى دەپ ئاتالغان . بۇخارادا  تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن بۇخارى دىيىلگەن . ئىمام بۇخارى ئەھلى ئىسلامنىڭ يېتەكچىسى ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر . ئۇ مۇقەددەس [ ھەدىس ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالىم -ت ] لەرنىڭ پېشۋاسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ سۆز - ھەركىتى ھەممىدىن نوپوزلۇقتۇر . ئۇ ھەممە ئېتىراپ قىلغان چوڭ پەزىلەتكە ۋە ناھايىتى مول ، ھەقىقىي ، ساغلام بىلىمگە ئىگە ئىدى . ئىمام بۇخارىنىڭ بىلىم ۋاراقلىرىدىن  ھىدايەتنىڭ پارلاق نۇرلىرى چاقنىدى . ئىرشاد [ توغرا يولغا يېتەكلەش -ت] مۇنبىرىدىكى ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى يىمىرىلمەس دەلىللىرى بىلەن ياڭرىدى . پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى گۈللەندۈرىش يولىدا  ئۇنىڭ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن خىزمەتلىرى بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىسلام ئۆلىمالىرى تەرىپىدىنبىردەك ماقۇللانغان .
        ئىمام بۇخارى [ ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ] [ ھىجرىيىنىڭ ] 194-يىلى بۇخارادا تۇغۇلغان ، ئانىسىدىن كىچىك قېلىپ يىتىمچىلىكتە ئۆستى . ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىنلا  < قۇرئان كەرىم> يادقا ئالغان ۋە ئەرەپ تىلى بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن ، ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ھەدىس ئىلمىنى ئۆگۈنىشكە ئىشتىياق باغلىغان . ھەدىس ئىلمىنى 205-يىلى بۇخارا ئۆلىمالىرىدا ئوقۇشقا باشلىغان ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىبكەندلىق ئەبۇ ئەھمەد مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈپ ئەڭ ئاتاقلىق ئالىم ئىدى . ئىمام بۇخارى ئۇستازى ئەبۇ ئەھمەدنىڭ ھوزورىدا بولغان چاغدا ، ئۇنىڭ يادقا ئېلىپ ئوقىغان ھەدىسلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن كەم ئۇچرايدىغان زېرەكلىكىدىن ۋە سۆز ماھارىتىدىن  ،ئەبۇ ئەھمەد تەپ تارتاتتى ، ئىمام بۇخارى ياپ - ياش تۇرۇپلا ئونمىڭلىغان  ھەدىسلەرنى ياد ئېلىپ ئوقىدى ، ئىلىم تەھلىللىرى ھەدىس ئۆگۈنىش ئۈچۈن ئىمام بۇخارىنىڭ ئارقىسىدا چېپىپ يۈرىشەتتى ، يول ئۈستىدە كېتىۋاتقان يېرىدە ئۇنىڭدىن ھەدىس ئىلمى تەھسىل قىلغۇچىلاردىن نۇرغۇن ئادەم كېلىپ ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىۋالاتتى .
        210- يىلى ئىمام بۇخارىئانىسى ۋە ئاكىسى بىلەن ھەج قىلىش نىيىتىدە مەككىگە سەپەر قىلدى ، ھەج پائالىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن    ، ئۇ ھەدىس ئىلمى تەھسىل قىلىش ئۈچۈن مەككىدە قېلىپ قالدى . خۇراسان ، جەبالئىراف ، مىجاز ، مىسىر ، شام قاتارلىق كۆپلىگەن شەرق مەملىكەتلىرىگە باردى . ئۇ يەرلەرنىڭ ئۆلىمالىرى ۋە دىننىي ئەرباپلىرى ئۇنىڭدىن ھەدىس ئۆگەندى . ھەزرىتى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل [ ئىسلام دىندىكى مەشھور تۆت مەزھەپنىڭ بىرى بولغان ھەنبىلى مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى ،-ت] شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى .
     ئىمام بۇخارى بولسا ھەزرىتى ئىمام شافى مەزھىپىنىڭ فىقھى بىلىملىرىنى تۇلۇق ئىگەللىگەن ئىدى .
     ئىمام بۇخارى ئىلمىي جەھەتتە ئۆسۈپ يىتىلگەن ۋە ھەدىسلەرنى ئېنىقلاش جەھەتتە كۆڭلىدە زەررىچە غۇبار قالمىغان چاغدا ، سەھىھ ھەدىس [ سەنەدى پەيغەمبەرگە ئۆزلۈكسىز تۇتاشقان ۋە ئىشەنچىلىك كىشىلەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس ،- ت] لەرنى غەيرى سەھىھ  ھەدىسلەردىن ئايرىپ چىقىشقا كىرىشتى ، ھەدىسلەرنىڭ تۈرلىرىنى ، دەرىجىلىرىنى  ۋە ئۇسول -قائىدىلىرىنى مىسالى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە پۇختا ئىگەللىدى . ھەتتا بۇ جەھەتتە زاماننىڭ ئالدىنقى كىشىسى ، دەۋىرنىڭ مىسلىسىز يەككە - يىگانىسىگە ئايلاندى ۋە يەر يۈزىدىكى ئۆلىمالارنىڭ سەردارى بولۇپ قالدى .
      ئۇ < سەھىھۇلبۇخارى > كىتاۋىنى 600 مىڭ ھەدىس ئىچىدىن تاللاپ ،16يىل ئىچىدە يېزىپ چىقتى ، ھەر بىر ھەدىسنى يازغاندا ، ئالدى بىلەن  غوسلى قىلىپ ئىككى راكەت ناماز  ئوقۇپ ، شۇ ھەدىس ئۈستىدە ئاللا تائالاغا ئىستىخارە قىلىپ ئاندىن يازاتتى . ئۇ ، كىتاپنى ئاللا بىلەن مېنىڭ ئارامدا دەلىل  - ئىسوات قىلدىم ، دەيتتى . < سەھىھۇلبۇخارى > تەكرارلانغانلىرى قوشۇلۇپ 9مىڭ ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ھەدىسلەرنىڭ بىر قىسمى مەنە جەھەتتىنلا تەكرار ھېساپلىندۇ . ھەدىس ساھەسىدە  < سەھىھۇلبۇخارى > كىتاۋىدىنمۇ دۇرۇس كىتاپنىڭ يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەدىس ئالىملىرىنىڭ پىكرى بىردەك . ئالىملار بۇ كىتاپقا شەرھى يېزىش ، ئۇنى قىسقارتىش ، تاللاپ  ئېلىش ۋە باشقىچە تەرتىپتە تۈزۈش جەھەتلىرىدە سانسىز ئىشلارنى ئىشلىدى .ئاللانىڭ مەرھەمىتى ۋە بۈيۈكلىكى ئالدىدا بوي ئىگىپ تۇرغان . ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكى ۋە ئاجىزلىقىغا ئىقرار كەمتەرىدىن پەقىر مۇستافا ئىبنى مۇھەممەد ئەمارە مەزكور ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ ئەدناسى بولۇپ  < سەھىھۇلبۇخارى > دىن ئىبارەت بۇ مەقبۇل كىتاپتىكى رەسۇلىللانىڭ سۆزلىرىدىن  2 مىڭ ھەدىسنى تاللاپ كىرگۈزگەن ئىدىم . مەن خۇددى پاراخوتلىرى گۆھەرلىرى بىلەن تولغان ، دولقۇنلىرى تەپەككۇر كىمىلىرى بىلەن ئويناقشىپ تۇرغان شىرىن سۇلۇق دېڭىزغا ئوخشايدىغان < سەھىھۇلبۇخارى > كىرابىدىن قېنىپ ئىچتىم . ئۇنىڭ مۇئەتتەر بويىنى يىلدىدىم . مىۋىسى بىلەن ئوزۇقلاندىم ، يېشىلمىگەن نۇرغۇن مەسىلىلەر ئىمام بۇخارىنىڭ شۇ كىتاۋىنىڭ بەرىكىتىدىن روشەنلىشىپ ، ئۇلار ئۈستىدە قانائەت ھاسىل قىلدىم . ۋەز- نەسىھەتلەرنى بايان قىلىشتا ئەڭ چوڭ مۆجىزە ئىخچام . مەزمونلۇق ھېكمەتلەرنى بايان قىلىشتا غايىۋى دەرىجىدە ھېساپلانغان بىر كىتاپنى مەيدانغا قويدۇم . بۇ كىتاپ دۇردانىلەرنىڭ كۆپلىگى ، پايدىسىنىڭ موللىقى بىلەن مىسلىسىز بولۇپ چىقتى . رىۋايەتچىلەر شۇنى مۇقىملاشتۇردىكى ، بۇ كىتاپنىڭ مەنبەسى شىرىن بولغانلىقتىن ، ئۇ ئىپاردىن ئىشلەنگەن قارا سىياھ بىلەن كەفور  [ بىر خىل خۇش پۇراقلىق نەرسە -ت] دىن ياسالغان ئاق قەغەز ئۈستىگە يېزىلىشقا ، نۇردىن ئىشلەنگەن يىپ بىلەن ئاي يۈزلۈك پەرىلەرنىڭ بويۇنلىرىغا ئېلىشقا ھەقلىقتۇر . ئىمام بۇخارى  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈمۈر بويى شەھەرلەرنى ئايلىنىپ يۈردى . باغداتتىمۇ ، نابوردىمۇ ۋە باشقا شەھەرلەردىمۇ بولدى ، ئاخىرىدا يۇرتىنى سېغىنىپ قايتىپ كەلدى . بۇ يەردە ئۇ قۇرئاننى مەخلۇق دەيدىغان پىتنىگە دۇچ كەلدى . بۇ مەسىلىدە ئۇ ئوتتۇرا يول تۇتۇپ ؛ قۇرئاننىڭ لەفزى ۋە خېتى مەخلۇقتۇر . ئاللا تائالانىڭ زاتىدا ئەزەلدىنلا مەۋجوت بولۇپ تۇرغان كالامۇللانىڭ ئۆزى ئەزەلى بولۇپ ، ئەلۋەتتە مەخلۇق ئەمەس دەپ قارىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇخارىنىڭ ھاكىمى كىشىلەرنى ئىمام بۇخارىغا قارشى تۇرۇشقا قوزغاپ ، ئۇنى بۇخارىدىن ھەيدەپ چىقاردى . ئىمام بۇخارى  ھىجرىيەنىڭ 256-يىلى سەمەرقەنتتىن ئۈچ فەرزەخ [ بىر فەرزەخ 6.24 كىلومىتىرغا تەڭ -ت ] نېرىدىكى خەرنىڭ دىگەن يېزىدا يول ئۈستىدە قازا تاپتى . ئىمام بۇخارى  ئون ئۈچ كۈن كەم 62 يىل ياشىدى .
        ئاللا ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەتلەر قىلغاي . ئۇنىڭ خادىمى [ مۇئەللىپ ئۆزىنى دىمەكچى -ت ] مۇستافانىمۇ مەشھەرگاھتا ئۇنىڭ يېنىدا قىلغاي ۋە  كەڭ جەننىتىدىن ئورۇن بەرگەي . ئىلاھىم سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۇ كىتاپنى تارقىتىشقا ئىمام بۇخارى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ بەركاتى يۈزىسىدىن مەدەت قىلغايسەن . سېنىڭ ماڭا رەھمەت قىلىشىڭ ، كەچۈرىشىڭ ۋە رازى بولۇشىڭدىن باشقا ، ھېچ ئادەمدىن بۇ ئىشىم ئۈچۈن مۇكاپاتقا ۋە تەشەككۈرگە ئېرىشىشنى خالىمايمەن .   رەببىم ، مېنى ئۆزەڭ ياراتقان نەرسىگە خاس قىلغىن ، مېنى كېپىل بولغان نەرسەڭدىن باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللاندۇرمىغىن . مېنى مەھروم قىلمىغىن ، ھالبۇكى ، سەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرۇپتىمەن ، ماڭا ئازاپ قىلمىغىن ، ھالبۇكى سەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرۇپتىمەن ، رەببىم ، سېنى پاك دەپ ھېساپلايمەن . ساڭا بولغان مەدھىيەلەرنى تۈگىتىپ بولالمايمەن ، ئۆزلىكسىز مەدھىيەلەر ، ئىزچىل تەشەككۇرلار ساڭا مەنسۇپ . پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە ، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە ئاللانىڭ  رەھمىتى ۋە سالاملىرى بولغاي .
    بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئوقۇپ قويىشىنى ، دىلىنىڭ ئازراق بولسىمۇ بۇ شەربەتلەردىن سۇغۇرلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
     مەنبە : < سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى> دىن
     قەلەمدە ؛ زاكىرە

gulsima 2010-12-04 22:36
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ، تىمىڭىزغا تەشەككۈر .

جىن 2010-12-05 01:15
ۋەئەلەيكەئە سسالام، ئۇيغۇرزادە! ياخشى تۇرۋاتقانسىزمۇ؟
سىزنى ئەسلىدۇق ،ئەسلىدۇقلا ئەمەس سىزنى سېغىندۇق ،ئادەمگە نەپ بېرىدىغان  ھەر بىر ئىنكاسىڭىزدىكى  تىترەتكۈ ئىبارىلەرنى ،ئىسپاتقا تولغان ئىلمىيلىك ئۈستىدىكى مۇلاھىزەلىرڭىزنى  سېغىندۇق،يېڭلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تەپەككۇرىڭىزدىكى ئېتىقادنىڭ جەۋھىرى بولغان ساپ ئىدىيىڭىزنى سېغىندۇق.
تېمىغا كەلسەم قولۇمدا  بىرسىنىڭ < پەلسەپە مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزالامدۇ؟> دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى تۇرۇپتۇ ،ئاپتۇر ماقالىسىدە  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن -مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ  2002 -يىلىدىن باشلاپ مەلۇم بىر كۈننى <پەلسەپە> كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىگىنىڭ  پەلسەپەنىڭ خەلقئارادا ئالاھىدە ئېتىراپقا ئېرىشىپ ھەرقايسى ئەل-خەلقلەرنىڭ ئاقارتقۇچ باسقۇچلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى  كاللا  غىدىقلىنىپ، تەپەككۇر بولماي تۇرۇپ ھېچقانداق ئىلمى ئىلگىرلەشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدىغانلقىنى تەكىتلەيدۇ .
دېمىسىمۇ ئىبن رۇشدىنىڭ كىتابلىرى كۆيدۇرلۇپ ، پىكىرلىرى تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان شۇ كۈنلەردىن باشلاپ ئىسلام ئەللىرىدە پىكرى ئەركىنلىكنىڭ  چەكلىمىگە ئۇچىرشى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن پىكرى كىرزسىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپلا قالماي،  نەچچە ئەسىرلىك خوراپاتنى ئەقىلگە بولغان ھۆرمەتسىزلىكنى پىكىرگە بولغان ئەركىنسىزلكنى تەرغىپ قىلغانلىقتىن، بۈگۈنكى رادىكالىزم بايرىقىنى كۆتۇردىغان ئەسلىيەتچىلەر، ياكى غەرب شارابىنى ئىچكەن غەرب پەرەسلەرنى ئىجاد قىلىپ ئىسلام ئوتتۇرا ھال ئېقىمى بازار تاپالمايۋاتقان بىر كىرزىس ھالىتنى  سوۋغا قىلغان بولسا. بىز ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ناۋايىدىن كىيىنلا (دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئوتتۇرغا قويغىنىدەك) بىزدىكى ئەقلى سۈكۈناتىى .ئىجادىيەتكە تۇتقان سۇغۇق پوزىتسىيە  باشقا مۇسۇلمانلاردىن پەرقلەنمىگەن ئاساستا ھۆكۈم سۈردى،نەتىجىدە نەچچە يۈز يىللىق ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقى كىرزىس  پاتقىقىغا پېتىپلا قالدى . دىن خاتا چۈشىنىلدى ،سۆيگۈ تارقىتىدىغان دىن  رادىكاللىقنىڭ سىمۇۋۇلى بۇلۇپ قالدى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى  نەچچىگە بۆلىندى،  دىنى ئالىملار  ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشەلمىدى ، ياكى دېگىدەك سۇغۇق مۇئامىلە قىلىندى نەتىجىدە  شەپكىلىك زىيالىي ،سەللىلىك موللا ئۇقۇمى مەيدانغا كەلدى ، ھاياتتىكى ساناپ بولالمايدىغان بىر -بىرگە زىت خاھىشلار ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى قورشىۋالغان بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام ۋە ئەقىل تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا  ئىزدىنىش ،ئىسلامنىڭ ئەڭ بۈيۈك دىن، ئەڭ بۈيۈك سۆيگۈ تارقاتقۇچى بىر دىن ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىش،  قاتتىق -قوللۇق رادىكالزىمىغا قارشى بولغان  تىنچلىق سۆيەر بىر دىننى تەتقىق قىلىش ھازىرقى ۋەزىيىتىمىز ئۈچۈن كىچىكسە بولمايدىغان بىر خىزمەت بۇلۇپ قالدى،    بۇ ھەقتە ئىزدىنەيلى  ئىسلام قانداقتۇر ئۆزىنى مۇفتى قىلىۋېلىپ ھەممە ئىشنى ھارام دەپ ئۇيغۇرغا چىقىش يولى بەرمەيدىغان كىشلەرنىڭ دەستىكى بۇلۇپ قالمىسۇن، بۇ سۆيگۈ دىنى بۇ تىنچلىق دىنى بۇ راھەت دىنى بۇ ئالەمشۇمۇل ئىدىيىسى ئىلغار بولغان ھەممە ئادەم خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى بىرگە تەتقىق قىلايلى  ،بىرگە ئۆگىنەيلى !

nurabida 2010-12-05 11:43
تېما بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ سوراپ باقسام
قايسى كۈنى بىر ساۋاقدىشىم بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ،مۇنداق بىر سوئال سوراپ قالدى
بىزغۇ كىچىكىمىزدىن مۇسۇلمان  ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇق،ئازدۇر كۆپتۇر ئىسلامىي بىلىملەرنى بىلىمىز ،لېكىن مۇسۇلمان ئەمەسلەر بۇ بىلىملەردىن خەۋەرسىز ،ئاخىرەتتىكى سوراق ھەممىمىزگە بار بولىدىغان بولسا ،ئۇلار شۇنداقلا دوزاخقا كىرىپ كېتەمدۇ ،ئۇنداقتا ئۇلارغا ئۇۋال بولمامدۇ
مەن ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە سوئال سوراقنىڭ ھەممىمىزگە بارلىقىنى ،لېكىن بىرسىنىڭ دوزاخقا ياكى جەننەتكە كىرىشىنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدىغانلىقىنىى ھەم ئاللاھ ئىنسانلارنى توغرا دىنغا يېتەكلەش ئۈچۇن ئۆزلۈكسىز پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتتىم،لېكىن بۇ ھەقتىكى بىلىمىمنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن   قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلمىدىم
بىلىدىغانلارنىڭ ئەتراپلىق جاۋاب بېرىشىنى سورايمەن.
بولسا تېما شەكلىدە يوللاپ قويغان بولساڭلار

zakira 2010-12-05 13:47
نەقىل
بۇ 15قەۋەتتىكىnurabida يوللىغان 2010-12-05 11:43 غا قارتىلغان  :
تېما بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ سوراپ باقسام
قايسى كۈنى بىر ساۋاقدىشىم بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ،مۇنداق بىر سوئال سوراپ قالدى
بىزغۇ كىچىكىمىزدىن مۇسۇلمان  ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇق،ئازدۇر كۆپتۇر ئىسلامىي بىلىملەرنى بىلىمىز ،لېكىن مۇسۇلمان ئەمەسلەر بۇ بىلىملەردىن خەۋەرسىز ،ئاخىرەتتىكى سوراق ھەممىمىزگە بار بولىدىغان بولسا ،ئۇلار شۇنداقلا دوزاخقا كىرىپ كېتەمدۇ ،ئۇنداقتا ئۇلارغا ئۇۋال بولمامدۇ
مەن ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە سوئال سوراقنىڭ ھەممىمىزگە بارلىقىنى ،لېكىن بىرسىنىڭ دوزاخقا ياكى جەننەتكە كىرىشىنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدىغانلىقىنىى ھەم ئاللاھ ئىنسانلارنى توغرا دىنغا يېتەكلەش ئۈچۇن ئۆزلۈكسىز پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتتىم،لېكىن بۇ ھەقتىكى بىلىمىمنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن   قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلمىدىم
بىلىدىغانلارنىڭ ئەتراپلىق جاۋاب بېرىشىنى سورايمەن.
.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىز قېرىندىشىم !
    سىزنىڭ دىگىنىڭىز ؛ مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە قارىتىلغان بولسا ، ئۇلاردىن ھېچقانداق  سۇئال سوراق قىلىنمايمادۇ بارار جايى يەنە جەھەننەم بولىدۇ .  
     ئەگەر مۇسۇلمان ئاتىلىپ ، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ، ئاللا تەرىپىدىن پەرز ھەم قەرز قىلىنغان ۋەزىپىلەرنى تۇلۇق ئادا قىلالماي باقى دۇنياغا سەپەر قىلغان بولسا ، بۇ دۇنيادىكى ھەر بىر ئەمەللىرى ئۈسىدە سۇئال سوراققا تارتىلىدۇ .......ئاللانىڭ ئىرادىسىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ ، بىز بەندىلەر  قاچان ،قەيەردە، نىمە سەۋەپ بىلەن باقى دۇنياغا سەپەر قىلىدىغىنىمىزنى بىلمەيمىز .
      تەقۋادارلىق ، ئىمان ، ھىدايەت ، ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ۋە ئىمان مەسەللىرى توغرىسىدا
     ئىبنى ئۆمەر رەزىيە؛؛اھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ ؛ نەمدە كۆڭلىدىكى شۈبھىلىكنى نەرسىلەرنى تەرك ئەتمىگۈچە ، تەقۋادارلىقنىڭ ماھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ .
     ھەزرىتى ئىبنى ئەبۇ ئىكرەمە ئىبنى خالىددىن رىۋايەت قىلىدۇ . ئىكرەمە ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ؛ ئىسلام دىنى بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلغان ، ئۇ بولسا ؛ - بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ خۇدا يوق . مۇھەممەد ئاللانىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى ، دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىشتىن . پەرز نامازلارنى ئادا قىلىشتىن ، زاكات بېرىشتىن ، ھەج قىلىشتىن ، رامزان روزىسىنى تۇتىشتىن ئىبارەت .   قۇرئاندا ئاللا تائالا مۇنداق دەيدۇ ؛ < سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ . بەلكى ئاللاغا ، ئاخىرەت كۈنىگە ، پەرىشتىلەرگە ، مۇقەددەس كىتاپلارغا ، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرىش ، ئاللانى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش - ئەقرىبالارغا ، يىتىملەرگگ ، مىسكىنلەرگە ، مۇساپىرلارغا ، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىقىغا ئېرىشىشكە ياردەم بېرىش ، ناماز ئوقۇش ، زاكات بېرىش ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ، ، يوقسۇزلۇققا ، كىسەللىككە ۋە ئۇرۇشقا سەۋىر قىلىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ . ئەنە شۇلار [ يۇقىرىدىكى ئەمەللەرنى ئىشلىگۈچىلەر ] راستچىل ئادەملەردۇر . [ مۇسۇلمانچىلىق دەۋاسىدا ]  ئەنە شۇلار تەقۋادار  ئادەملەردۇر  . [ سۆرە بەقەرە 177-ئايەت -ت]  < فەدئەھلە ھەلمۇئىمۇن > [ مەنىسى؛ شۇنداق مۆمىنلەر نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ ]  
        مەنبە ؛ < سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى> دىن
     ھازىرقى دەۋىردە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ، مۇسۇلمانلار ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىنى ئادا قىلمايدىغان ۋە بىلمەيدىغان كىشىلىرىمىز نۇرغۇن ، ئىمانى سۇزلاشقان كىشىلىرىمىز نىمىلەرنى قىلمايدۇ ؟! جەمىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىلەردىكى كىرزىسلەر  نىمە سەۋەپلەردىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ ، ئاتا- ئانىلار ، پەرزەنتلەرچۇ ؟!  ئائىلىنى تۈزىگەن ۋاقتىمىزدا ئاندىن ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلالايمىز . يۇقىردىكى  ئابزاسنى  نەچچە رەت ئوقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

nasiba 2010-12-05 19:04
بەكمۇ، بەكمۇ ئېسىل تېمىكەن، تېمىڭىزغا رەھمەت.  

kilyang 2010-12-05 21:13
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك جىن ئەپەندىم بۇ تېمىنى ناھايتى ھالقىلىق پەيىتتە بەكمۇ ياخشى يوللاپسىز  مەن ئاتا رومانىنى 2006 - يىلى ئوقۇغان تەسراتىمنىمۇ يازغان . بۇ قىتىم بۇروماننىڭ بۇپارچىسنى قايتىدىن ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم ،بۇ بىر بۆلۈك ئابزاستا ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سالىدىغان بىلگۈچىلەر ئۈچۈن يىڭى تەپەككۇر  بار ! بۇ پارچىنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەمگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدۇ ! بىراق ھازىر بىرقىسىم تورداشلىرىمىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى تىمىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەپسىلى چۈشۈنۈپ ئوقۇمايدۇ ھەتتا ئىنكاسنىمۇ تۈزۈك يازمايدۇ   رەھمەت ، قولىڭىزغا باركاللا دىگەندەك گەپلەر بىلەن مۇنبەردىن تىزلام قايتىپ چىقىدۇ !!!!! ئەمما مەن يىگىت ئەمەس قىز ، جىنسىيەت تىمىسىدا يىزىلغان ھەرقانداق ماقالىنى ناھايتىمۇ قىزىقىپ ئالدىرماي ئوقۇيدۇ ! بۇمۇ مانا مۇشۇنداق چاكىنلىقنىڭ ئىپادىسى ......................... دەپ كەلسەم قاينىسام يەنىلام بىز پەقەت يەنىلام بىز ، بىز ھەربىرىمىزدىن ئۆزىمىزدىن ، ئائىلىمىزدىن ، ئىسلام ھەقىقىتىنى توغرا تونۇساق بەلكىم ئۇنداقمۇ بولماس ،،،،،،،،..................... يۇقاردا ئىيتىلغان ئابزاس ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنى ، ئەقىل ئىگىسىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ . بۇنىڭغا قۇرئان كەرىم دىكى ھەر بىر ھەرىپ ،پەش ، چىكىت ، دەللىل ئىسپاتتۇر 14 ئەسىردىن بىرى قەلبىمىز ۋۇجۇدىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ ................. ھىلىھەممۇ شۇنداق بىلگۈچىلەر ئۈچۈن بىر قەدەمنى ئىلىپ زىمىنغا دەسسىگەن ھەرقانداق ئىنسان بۇنى توغرا چۈشىنەلەيدۇ ! تەبىئەتنىڭ ھەر بىر قانۇنىيتى بۇنى توغرا چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ ئەمەسمۇ ؟ قالدىسنى مۇنبەرداشلار بىر بىرلەپ ھەققى قەلبى بىلەن ئىنكاس بىرىپ باقسۇن ؟

koklem 2010-12-05 22:46
ئەقىل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى، ئىگە بولغان ئەڭ بۈيۈك نېئمىتى. تەپەككۇرىمىزنى ئەقىلدىن ئىبارەت ماتور بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، دىنىمىز توغرىسىدا، ئۆزىمىز توغرىسىدا، بىز ياشاۋاتقان دۇنيا توغرىسىدا، ھېچ ئوخشىشى يوق گۈزەل تەبىئەت توغرىسىدا داۋاملىق ئويلىنىپ، ئىزدىنىپ تۇرىشىمىز كېرەك...

  تەپەككۇرۇمدا ئويغۇنۇش، ئىزدىنىش، يېڭىلىنىش ئېلىپ كەلگەن بۇنداق ياخشى ماقالىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرمەي تۇرالمىدىم... كۆپتىن رەھمەت!  

qaxmazulal 2010-12-05 23:02
كۆڭلۈمدىكىنى دىسەم بىز نۇرغۇن جەھەتتىكى يولباشچىلارغا مۇھتاج،ئەمما ھازىر بىزگە ئەڭ مۇھىمى ئەشۇ ئەقىل كۆزى بىلەن دىنىمىزنى چۈشەنگەن،دىننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ بىزگە يەتكۈزەلەيدىغان يول باشچىلارغا مۇھتاج........لىكىن ھازىر ئەكسىچە رادىكال زاتلىرىمىز كۆپىيىپ كىتىپ قاششاڭ قىلىپ قويدى تەپەككۇرىمىزنى...

aman121 2010-12-06 14:19
خەتكۈچ!...

zohran 2010-12-09 13:20
  بەك ئىسل تىما بوپتۇ،مەن ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي

sezgu 2010-12-09 15:17
بەك ياخشى ئىسل تىما  ئىكەن تىما ئىگىسگە رەخمەت.

zakira 2010-12-09 18:24
   3-بەتتىكى ئىنكاسلارغا قايىل بولمايمەن !!!!!!! aman121 .zohran .sezgu .......... قاتارلىق تورداشلار سىلەر خېلى ياخشى ئىنكاسلارنى يازالايسىلەرغۇ ؟  ئەجىبا بۇ تېما سىلارگە تەسىر قىلغان بولسا ئەتىراپلىقراق پىكىر قىلمامسىلەر ........

.

0mar 2010-12-13 15:58
تىمىنى نادىرلاش كىرەك دەپ  بىلەت تاشلايمەن

tanha_bura 2011-01-02 14:17
تىما ئىگىسىگە ، مۇنبەرداشلارغا كۆپ رەھمەت .
ئەقىلدىن ئايرىلغان دىن _ قەپەزدىكى قۇش .

alkut2011 2011-01-05 20:43
ئىسلام ۋە ئەقىل  تىمىسىدىكى بۇ ماقالە بەك ياخشى يىزلىپتۇ  كەڭ دائىردە ئىزدىنىپسىز  رەخمەت ھارمىغايسز  .

0998-xayida 2011-01-21 12:05

维医医生 2011-02-07 19:48
دىنىمىزدىن ئازمايلى ،ئەقلىمىزنى ئىشلىتەيلى .بىز ئەسلى ئۇلۇغ بىر مىللەت ئىدۇق.

salaheden 2011-02-07 21:55
بەك ئىسىل ئىكەن

turditohti 2011-02-16 00:22
نىجات:
<11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئەقىل - تەپەككۇر، ھېس - تۇيغۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: < ئەڭ ئۇلۇغ ئەقىلدە كامالەتكە يەتكەن بىرى بىز ھېس - تۇيغۇلىرىمىز ئارقىلىق يەكۈنلىگەن شەكسىزلىك ئېتىقادىنىڭ تەتۈرسىگە بىرخىل كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويسا، گەرچە ئۇ پەيغەمبەر بولغاندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمە! ياكى بۇ خىل كۆز قاراش يالغان نەقىل قىلىنغان دەپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنىشكە ئۇرۇنغىن، شۇنى بىلگىنكى، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى تاپالمىغان تەقدىردە، سېنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىڭ، ئەقىل- تەپەككۇرىڭ يەكۈنلىگەن شەكسىزلىك ئىتقادىغا قارشى ھالدا ئۇنىڭ كۆزقارشىغا ئىشەنمە! >
بۇ يەردە دىيىلگەن بىز ھىس تۇيغۇلىرىمىز بىلەن يەكۇللىگەن شەكسىزلىك ئېتىقات-قۇرئان كېرىمدە ئوترىغا قۇيۇلغان ئېتىقات،چۈشەنچە،بىلىم،قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى بۇلۇپ،مۇشۇ ھەقىقەتكە قارشى مۇقام توۋىلاپ يەنە بىر خىل نەزىريە،ئىدىلوگىيە ۋە ئېتىقات چۈشەنچىسىنى ئوترىغا قويغان كىشى پەيغەمبەر بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ سۆزى ھەقىقەت ئەمەس،شۇنىڭ ئۇچۈن سەن بۇنداق سەپسىتىگە ئىشەنمەي،ھەقىقەتنى تېپىش يۇلىدا ئېقىل ئىدىرىكىڭنى ئىشقا سال دىگەن مەنىدىكى ھۈكۈم(بۇ مىنىڭ شەخسى قارىشىم)
________
ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن،كىشىلارگە بىلىش بىلەن يارىلىشنىڭ جاللىق بىرلىك ۋەئەقىل ئىشلەتمەسلىكنىڭ گۇنەھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،كىشىلەرنىڭ ئەقىلگە تايىنىپ تەبىيەت دۇنياسىدىن نىممەتكە ئىشرىپ ياشىشىنىڭ ئىماننىڭ جۇملىسى ئىكەنلىگىنى بىلدۇردىغان.
ئەجرىڭىزگە تەشەكۇر

gul-zar 2011-03-19 20:32
تەشەككۈرلەر بۇلسۇن سىزگە ،تۇلۇق ئۇقۇپ چىقشقا ئەرزىيدىغان ماقالىكەن مەن تۇلمۇ  كىېچىكىپ كۈرۈپتىمەن.ئاللاھ تائالا دۇنيانى مۇسۇلمانلار ئۈچۇنلا ئەمەس،بەلكى پۈتكۈل  ئېنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن ياراتقان.

ئسلامنى چۈشەنمەي بەزى نادانلار،
ئارقىدا قالدۇردى بىزنى ئۇ دىدى.
ئېنسانلار دۇنياسى ئاجايىپ دۇنيا،
ھەر سائەت ھەر مىنۇت  ئۈلۈمنى ئويلا.

aydig 2011-03-19 21:29
بىز يەنىلا كۆپ ئىزدىنىشكە موھتاجمىز...تىمڭىزغا رەھمەت .

xerinqux 2011-03-20 21:11
ئىنسانلارغا بېرىلگەن << ئىيمان >> نېمىتىدىن قالسىلا ، ئەڭ زور نېمەت << ئەقىل >> نېمىتى بولسا كېرەك ...  
تېما ئىگىسىگە ئاللا رەھمەت قىلسۇن ....

xarafat 2011-04-20 01:09
ئەقىلنىڭ قىممىتى ئاللاھنى بىلىشتە..............

zamandaxlar 2011-05-04 16:46
ھەقىقەتەن ئىسلام دىنىي بىزگە بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دۇنياغا  ئەقىل -تەپەككۈر بىلەن يۈزلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.   تېمڭىزغا بارىكاللا!!!

fany 2011-05-17 20:35
يەنە بىر  ئوقۇدۇم ،ىەتكۈچ
جىن ئەپەندىمگە   تەشەككۈرلەر .

duhtur 2011-05-22 12:26
مەن بۇتۇربەتكە بۇگۇنلا ئەزا بۇلدۇم  ئەلكۇيىتۇرىنىڭ ئۇچۇرۋە خەۋەرلىرىنى _ۋە  ئېلانلىرىنى   كۇرگەنبۇلساممۇ  بۇتۇربەتكە  ئۇنچەدىققە قىلمىغان چۇنكى  بۇتۇر بەتنىڭمۇ  باشقا  تۇربەتلىگە ئۇخشاش   كۇلدىن  سۇ ئالساڭ كۇلسۇيى ئازلايدۇ  

duhtur 2011-05-22 14:22
مەن بۇتۇربەتكە بۇگۇنلا ئەزا بۇلدۇم  ئەلكۇيىتۇرىنىڭ ئۇچۇرۋە خەۋەرلىرىنى _ۋە  ئېلانلىرىنى   كۇرگەنبۇلساممۇ  بۇتۇربەتكە  ئۇنچەدىققە قىلمىغان چۇنكى  بۇتۇر بەتنىڭمۇ  باشقا  تۇربەتلىگە ئۇخشاش   كۇلدىن  سۇ ئالساڭ كۇلسۇيى ئازلايدۇ  يانچۇقۇڭدا پۇل بۇلمىسا بىرنەرسە  كەلمەيدۇ  دىگەندەك  قۇرۇق  گەپلە دەپئۇيلىغان بۇگۇن تاسددىبى بۇتۇربەتتىكى  ئسلام ۋەئەقىل  دىگەنتىمىغا  كۇزۇم  چۇشتى  چۇنكى ئەقىل ۋە ئېسلام بۇلىدىكەن دۇنيا ۋەئاخىرەتتە  ئۇتۇق قازانغۇچەلادىن بۇلىشىمىزدا گەپيۇق  بۇتىماھەقىقەتەنمۇ  ياخشى  بىر ئېسلامنىڭ  ھەقىقەتەنمۇ تۇغرابىر يۇل ئېكەنلىكىنى  ئېچىپ  بىرىپتۇ   مەن زاكىرە    قىزنىڭ دىگەىنىنى قۇللايمەن زادى بەزىبىر چالامۇللا  ئادەم ئۇلتۇردۇدەپ  بەزى ئادەملە بىلگەن قاتاغا ئۇتۇۋالىدىكىن    ئۇقۇڭلە بىلگەننى بىلىمەن دىيىش بىلمى گەننى بىلمەيمەن  دىيىش  ئەقىللىق ئادەملەنىڭ تۇتقانيۇلى    تۇرداشلا ناھايتى ياخشى مەزمۇنلانى قالدۇرۇپسىلە  بۇلسا  ئۇزىمىز  دىگەن دىكىن  ئالدى بىلەن  ئۇزىمىز  ئۇلگە بۇلۇپ  ھەقىقى بىر  مۇسۇلماندەك ئۇلگە بۇلساق  يۇللىغىچىغىمۇ  رەخمەت   ھەممىمىز گە ئۇلۇغ ئاللاخ ئەجرى .ئېنساپ. ئېمان ئاتىقات.غۇرۇر ئاتا قىلسۇن   ئامىن    

sahrayim 2011-06-20 13:48
تېمىڭز ھەقىقەتەن ھاززىرقى زامان ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئوقۇشىغا تىگىشلىك ياخشى تېما ئىكەن.
   يەنىمۇ تىرىشىڭ   !!!!!


<<ئىسمىڭىز نىمە ئۈچۈن  <   جىن   >   ؟>>

ziba1 2011-06-21 18:15
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم
ئېسىل بىر نادىر تىمىنى ئوقۇغىنىمدىن چەكسىز خۇشالمەن ، ئەڭ ياخشى تۇرمۇش ۋە ھەقىقى ساغلام ھايات سىزگە يار بولسۇن .............................

xahzade 2011-08-05 13:01
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلىرىڭىز بولسا ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرۇڭ!

yaprak605 2011-08-11 16:33
ھەممە ئادەم سىزدەك توغرا  چۇشەنسە ھە ؟؟  نۇر غۇنلىرىمىز  ئىسلامى تەربىيە ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ .  چۇقۇم من كاۋ خەن بولمىسا قار قوساق بولىدۇ ،  جېنىنى باقالمايدۇ دەپ ئۇيلايدۇ ، ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن ، تىمىڭىز بەكلا ئىسىلكەن.........

muhammat110 2011-08-19 17:38
ياخشى يوللاپسىز .ئاللا قولڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن قىرىندىشىم.رەھمەت سىزگە!

uyghuraaa 2011-08-25 13:47
دىندىن ئازراقلا خەۋىرى بار كىشىلەر ئۆزلىرىنى  ئۆلىما كۆرسىتىپ دىننىڭ مۇرەككەپ قىلىپ،  كۆپلىگەن ئىشلارنى يامان بولىدۇلارغا چىقىرىپ جار سېلىپ ،كىشىلەرگە  قېيىنلىق تۇغدۇرۇپ ، دىندىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇردى . بىز دىنىمىزنى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن تۇلۇق چۈشەنسەك ، ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەنلىكىنى، بەرھەق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز ، شۇ ئاساستا كىچىكىدىن باشلاپ پەرزەنتلەرگە شەرمىي -ھايا ، ئۆرپ- ئادەت ، ئېسىل ئەنئەنىلەرنى سىڭدۈرەلەيمىز ، چىن ئىخلاسىمىز بىلەن چۈشەنسەك ،  دىننىڭ مۇرەككەپ ئەمەسلىكىنى بىلەلەيمىز.

sanhun 2011-09-20 17:56
! قۇرئان كەرىم  ئەقىل ئىدراكنىڭ ، بىلىم كۈج قۇۋەتتنىڭ مەنبەسى

siyitnoqi 2011-09-20 19:53
ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟
تېمىڭىزنى ئوقۇپ،يۇرەك سۆزۇمنى قالدۇرۇپ قويۇش مەقسىتىدە بۇتوربېتىگە ئەزابولدۇم...
مەن ئسلام دىنىمىزنڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرىدىغان ئۇلۇغ كىتاپ قۇرئان-كەرىمنى ئوقۇپ باقماي تۇرۇپ،ئىسلام دىنىنى سۆكىدىغانلارغا تېمىڭىزنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك نەسىھەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلسىكەن دەيمەن...

parangqi 2011-10-13 21:08
قالتىس ئېسىل ماقالا ئىكەن. تەبىئەت، تەبىئەت پەنلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئوچۇق بايان قىلىپتۇ. مۈمكىن بولسا باشقا تور بەتلەرگىمۇ يوللۇنۇپ، كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ بەھر ئېلىشىغا شارائىت يارىتىلغان بولسا دەيمەن.

白绿光 2011-10-13 22:08
ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل تىما .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئىسلام ۋە ئەقىل --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.057101 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us