رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يۇلتۇز ئوسمانىۋا بىلەن ئەلكۈيىدە تونۇشۇڭ --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مەشھۇر شەخىسلەر -> يۇلتۇز ئوسمانىۋا بىلەن ئەلكۈيىدە تونۇشۇڭ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

guzalturuk 2010-12-01 20:28



       ئۆزبكىستان داڭلىق ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانىۋا 1963-يىلى 12-ئاينىڭ12-كۇنى تۇغۇلغان،تاشكەنتSilkfactoryمۇزىكا ئىنىستىتوتىنى پۇتتۈرگەن،1993-يىلى ناخشا ساھەسىگە قەدەم قويغان،ئۇنىڭ دەسلەپكى يەتتە ناخشا پىلاستىنكىىسى ئۆزبكىستان ئۆزىدىلا يەتتە مىليون پارچىدىن ئارتۇق سېتىلغان،23 مىليوندىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە بۇ دۆلەتتە،تەخمىنەن ئۈچ كىشى ئارىسىدا بىرەيلەن ئۇنىڭ ناخشا مەستانىسى ھىسابلىنىدۇ. ئۇ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان،تۇرمۇش پۇرۇقى مول بولغان ناخشىلىرى بىلەن كىشىلەرنى  ئۆزىگە جەلىپ قىلغان.
       "Voices Of Asia"ياۋرۇپا ھەم شىمالىي ئامېرىكىدا ئۆتكۈزىلىدىغان مۇزىكا بايرىمى ،ئەسلىدىمۇ ماھارەت كۆرسىتىش پۇرسىتى تەس بولغان بۇ سەھنىدە، يۇلتۇز ئوسمانىۋا بىر قېتىملىق ماھارەت كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەزى ناخشا پىلاستىنكىىسى گىرمانىيىدە قايتىدىن كىرىشتۇرۇلۇپ ،ياۋرۇپا ھەتتا دۇنياغا كەڭ بازارغا سېلىندى.
      يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ  تۈرك تىلىدا چىقارغان <دۇنيا>ناملىق ناخشا پىلاستىنكىىسى ئۇنىڭ تۈركىيىدە نام-شۆھرەتكە ئېرىشىشىگە ئاساس سالدى ھەمدە < ئۆزبكىستاندىكىSezen Aksu>دېگەن نامغا  ئېرىشتى. ئامېرىكىدىكى بىر ژورنال ئۇنىڭغا <ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەيداننا>دېگەن نامنى بەردى.










ئەلكۈيى تورىدىن باشقا ئورۇنلارغا يۆتكەشكە بولمايدۇ.

arxang 2010-12-02 10:42
ئۆزىغۇ ناخشىنى بەك ياخشى ئىيتىدۇ، بولۇپمۇ ئىسلامى ناخشىلارنى شۇنداق مۇڭلۇق ئىيتقان ، ......

kixmixkiz 2010-12-02 11:32
ناخشىنى بەك ھىسسىياتلىق ئوقۇيدۇ بۇئايال ھەم مەزمونى بەك چوڭقۇر ناخشا ئېيتىدۇ.بۇ ئايالنىڭ ناخشىسىنى ھەر ئاڭلىسام ئويلاپ كىتىمەن،بىزنىڭ ئۇيغۇر ناخشىچىلارمۇ ناخشا ئېيتقاندا ھېسسىياتنى مۇشۇنداق ئەركىن ھەم تەبئى ئىپادىلەپ ناخشىنىڭ ئىچىگە ئۆزىمۇ ھەم ئاڭلاۋاتقىچىنىمۇ ئەكىرىپ كېتەلىسە بولمامدۇ دەپ.
<دۇنيا>،<يالغان>،<ۋەتەن ئۈچۈن>،<مېنىڭكى سىز>،<كۆرمىسەم بولماس> دىگەن ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ-ئاڭلاپ قانمايمەن،مۇشۇ ناخشىلىرىدىن بولسا يوللاپ قۇيۇڭە بىر گۈزەل تۈرك قىزى ،بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى

yahxilik 2010-12-02 11:44
ناخشىسىنى ئاڭلاپ قۇيىمەن ئانچە-مۇنچە...لىكىن كۆپ گەپ قىلغۇم يوق!

jahangir786 2010-12-02 12:00

tumur 2010-12-02 12:30
ئۇنىڭ   سەنئەت  تالانتى   ھەم    مېللەت  تۇيغۇسىنىڭ  كۇشلۇكلىكىگە  قايىلمەن  
__________________________________________________

باشقا   تەرەپلىرى  چوڭ  بولغانچە  تولۇقلىنىپ  كىتە  

xahinxah 2010-12-02 12:44
ناخشڭنى ياخشى ئېيتىدىكەن.

er^tugh 2010-12-02 13:06
راست شۆھرەت قازانغان ئارتىس ... بەزى ناخشا تېكىستلىرى ماختاشقا ئەرزىيدۇ . ئەمما بىر ناخشىچىنىڭ ئاۋازى ، ۋە ياخشى مەزمۇنلۇق ناخشىلارنى ئېتقانلىقى ئۇنى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىلىپ چىقالمايدۇ .ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلار بار . دوستلارنى - ناخشىچىلىق  ، نام قازاندۇرۇشتا ئەڭ ياخشى كەسىپ دەپ چۈشىنىپ قالمايدۇ دەپ قارايمەن .

huxnay 2010-12-02 14:05
مەنمۇ بەك ياختۇرۇپ ئاڭلايمەن ناخشىللىرنى ،بولۇپمۇ كوڭلۇم يىرىم بولغان چاغلاردا.

tutem 2010-12-02 14:08
نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلىساملا چوڭقۇر خىياللار قوينىغا ئەسىر بۇلۇپ كېتىمەن.

uyghurbeg 2010-12-02 15:38
نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن دىگەن ناخشىسىنى يوللاپ قۇيۇڭلارچۇ خالايىق؟

jahangir786 2010-12-02 16:06

uygar 2010-12-02 16:15
       بىر چاغلاردا ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئويۇن قويسا ھەممىسى دادىسى ئۇيغۇر دەپ يۈرەتتى .

handanlik 2010-12-02 17:02
ھەي ئۇيغۇرلۇرۇم ئۆزبىكنىڭ سەنىمىگە دەسسىمەڭلار  

بۇنىڭ تىخى مۇنداقمۇ ناخشىسى بار  

دادام ئۇيغۇربولسا بولسۇن

مەن ئۆزبىك بالاسى دەپ

مانا مەن  ئۆزبىك بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان

boghrahan 2010-12-02 17:08
http://player.56.com/v_MTM3NDMzMjA.swf

baburxah 2010-12-02 17:40
يۇلتۇزخاننىڭ ئۇيغۇر ياكى ئۆزبىك بولۇشى موھىم ئەمەس،ئۆزبىك كۆڭلۈمگە ھەرقانداق مىللەتتىن يىقىن،چۈنكى بۇ قىرىنداشلىرىم بىلەن سۆزلەشكەندە تەرجىمان لازىم بولمايدۇ.

جىن 2010-12-02 17:53
مۇنبەرلىرىمىزدە ناخشا -ئۇسۇلچىلارنىڭ كوپ ئىنكاسقا ئىگە  بۇلۇشى  مەڭگۇلۇك تېىملار ياتسىراپ قېلىشى بىزدىكى كىرزىسنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ    

tutem 2010-12-02 18:10
نەقىل
بۇ 16قەۋەتتىكىجىن يوللىغان 2010-12-02 17:53 غا قارتىلغان  :
مۇنبەرلىرىمىزدە ناخشا -ئۇسۇلچىلارنىڭ كوپ ئىنكاسقا ئىگە  بۇلۇشى  مەڭگۇلۇك تېىملار ياتسىراپ قېلىشى بىزدىكى كىرزىسنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ    

تەتقىقاتچى،ئالىم،دوكتۇرلاردىن ناخشا-ئۇسۇلچىلارنىڭ باي بۇلۇشى بۇنى بەلگىلىگەن بۇلىشى ئېھتىمالغا يېقىن.چۈنكى بىز تېخى ماددىيەتكە تۇيۇنۇپ بۇلالمىدۇق ئەمەسمۇ؟

布拉克 2010-12-02 18:17
مەنمۇ ئانچە- مۇنچە ئاڭلاپ قويمەن ~~ لىكىن ناخشىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن !!!

0998bahar 2010-12-02 20:04
مەن،   ھويلىدىكى بىر تۈپ دەرەخ، ئەبەدىي باھار دىگەن ناخشىلىرىنى بەك ياختۇرىمەن.

mostapa 2010-12-02 20:15
[quote]بۇ 16قەۋەتتىكىجىن يوللىغان 2010-12-02 17:53 غا قارتىلغان  :
مۇنبەرلىرىمىزدە ناخشا -ئۇسۇلچىلارنىڭ كوپ ئىنكاسقا ئىگە  بۇلۇشى  مەڭگۇلۇك تېىملار ياتسىراپ قېلىشى بىزدىكى كىرزىسنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ  


بۇ مۇنبەردە سىزنىڭ، يەنە بىرنەچچە تۇرداشنىڭ تېما ئىنكاسلىرىدىن بەكمۇ سۈيۈنۈپ كىتىمەن،
بىراۋنىڭ ئالدىدا ماقتاشنى ياخشى كۈرمەيتتىم، بۈگۈن ماۋۇ ئىنكاسىڭىزنى كۈرۈپ بەك سۈيۈنۈپ كەتتىم، اللە تىنىڭىزنى ساغلام ئىلمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن!

guzalturuk 2010-12-02 20:16
نەقىل
بۇ 12قەۋەتتىكىuygar يوللىغان 2010-12-02 16:15 غا قارتىلغان  :
       بىر چاغلاردا ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئويۇن قويسا ھەممىسى دادىسى ئۇيغۇر دەپ يۈرەتتى .

2003-يىلى 12-ئاينىڭ30-كۈنى ئۇرۇمچىدە ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزگەن.

شۇ چاغلاردا ئۇنى قەشقەرلىقكە دەپ ئاڭلىغانىدىم.

tiltumar 2010-12-02 20:48
ئۇف. ئەلكۈيىدە بۇ تىمىنى كۆرۈپ بولغۇچە يۈرۈگۈم سىلىپ كەتتى. چۈنكى كەڭسايدىكى بىر توپ ئۆزبەكنى تىللايدىغان دەلدۈشلەر مىنى يۈرەك ئالدى قىلۋىتىپتۇ. چۈنكى مەن ئۆزبەك. شىنجاڭلىق، بۇرۇن مەنمۇ ئۆزبىكىستاننىڭ ناخشىچىلىرى ئىچىدە يۇلتۇزخاننىڭ ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئ.اڭلايتىم. ھەم ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى يىغاتتىم. يىڭى تورغا چىقىشنى ئۈگەنگەن چىغىمدا تىخى ئىسمىمنى يۇلتۇزخان دەپ كىرەتتىم. كەڭسايغا قاچانلا كىرسە ئۆزبەكنى تىللاپ، قازاقنى ماختاۋاتقان.

guzalturuk 2010-12-02 20:57
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىkixmixkiz يوللىغان 2010-12-02 11:32 غا قارتىلغان  :
ناخشىنى بەك ھىسسىياتلىق ئوقۇيدۇ بۇئايال ھەم مەزمونى بەك چوڭقۇر ناخشا ئېيتىدۇ.بۇ ئايالنىڭ ناخشىسىنى ھەر ئاڭلىسام ئويلاپ كىتىمەن،بىزنىڭ ئۇيغۇر ناخشىچىلارمۇ ناخشا ئېيتقاندا ھېسسىياتنى مۇشۇنداق ئەركىن ھەم تەبئى ئىپادىلەپ ناخشىنىڭ ئىچىگە ئۆزىمۇ ھەم ئاڭلاۋاتقىچىنىمۇ ئەكىرىپ كېتەلىسە بولمامدۇ دەپ.
<دۇنيا>،<يالغان>،<ۋەتەن ئۈچۈن>،<مېنىڭكى سىز>،<كۆرمىسەم بولماس> دىگەن ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ-ئاڭلاپ قانمايمەن،مۇشۇ ناخشىلىرىدىن بولسا يوللاپ قۇيۇڭە بىر گۈزەل تۈرك قىزى ،بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى


سالام،ياقتۇرۇگىنىڭىزگە  رەھمەت.

بىر مۇنبەرداش مەخسۇس تىما يوللاپ قۇيۇپتۇ،كۆرۇشنى ئۇنۇتماڭ.

guzalturuk 2010-12-02 21:02
نەقىل
بۇ 10قەۋەتتىكىuyghurbeg يوللىغان 2010-12-02 15:38 غا قارتىلغان  :
نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن دىگەن ناخشىسىنى يوللاپ قۇيۇڭلارچۇ خالايىق؟


مەندىغۇ بارئىدى،بىراق تور ئادىرىسى يوق،ئۆزۇم چۇشۇرگەن،قانداق يوللاشنى بىلمىدىم.گەر بىلسىڭىز ماڭا ئىيتىڭ ،مەن يوللاپ قۇياي.

guzalturuk 2010-12-02 21:11
نەقىل
بۇ 22قەۋەتتىكىtiltumar يوللىغان 2010-12-02 20:48 غا قارتىلغان  :
ئۇف. ئەلكۈيىدە بۇ تىمىنى كۆرۈپ بولغۇچە يۈرۈگۈم سىلىپ كەتتى. چۈنكى كەڭسايدىكى بىر توپ ئۆزبەكنى تىللايدىغان دەلدۈشلەر مىنى يۈرەك ئالدى قىلۋىتىپتۇ. چۈنكى مەن ئۆزبەك. شىنجاڭلىق، بۇرۇن مەنمۇ ئۆزبىكىستاننىڭ ناخشىچىلىرى ئىچىدە يۇلتۇزخاننىڭ ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئ.اڭلايتىم. ھەم ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى يىغاتتىم. يىڭى تورغا چىقىشنى ئۈگەنگەن چىغىمدا تىخى ئىسمىمنى يۇلتۇزخان دەپ كىرەتتىم. كەڭسايغا قاچانلا كىرسە ئۆزبەكنى تىللاپ، قازاقنى ماختاۋاتقان.


سالام،
رەنجىمەڭ،مەن بۇنداق بۇلىشىنى ئويلىمىغان،مەيلى ئۆبىك،مەيلى ئۇيغۇر،قازاق ياكى تۈركىيىلىك بولسۇن،ھەممىمىز مۇسۇلمان،تۈرك بىز،قېرىنداش بىز...

بۇ ھەقتە سۆزلىگىم يوق،ئەمما كەچۇرۇڭ.

kokbura 2010-12-02 21:22
ناخشنى اللاھ،دەپ توۋلايدۇ.سەھنىدىن چۈشۈپلا ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ.ئۆزنى اللاھ ئالدىدا گۇناھكار قىلىپ بۇ خۇتۇن
دىلى بىلەن ھەركىتى بىردەك ئەمەس

kokbura 2010-12-02 21:36
ئۇف. ئەلكۈيىدە بۇ تىمىنى كۆرۈپ بولغۇچە يۈرۈگۈم سىلىپ كەتتى. چۈنكى كەڭسايدىكى بىر توپ ئۆزبەكنى تىللايدىغان دەلدۈشلەر مىنى يۈرەك ئالدى قىلۋىتىپتۇ. چۈنكى مەن ئۆزبەك. شىنجاڭلىق، بۇرۇن مەنمۇ ئۆزبىكىستاننىڭ ناخشىچىلىرى ئىچىدە يۇلتۇزخاننىڭ ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئ.اڭلايتىم. ھەم ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى يىغاتتىم. يىڭى تورغا چىقىشنى ئۈگەنگەن چىغىمدا تىخى ئىسمىمنى يۇلتۇزخان دەپ كىرەتتىم. كەڭسايغا قاچانلا كىرسە ئۆزبەكنى تىللاپ، قازاقنى ماختاۋاتقان،
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، تىل تۇمار ،سىز مەن ئۆزبەك قىزى دەپسىز ،مەرھاباقېرىندىشىم،
ئۇيغۇر،قازاق،تاتار،ئۆزبەك،قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئاكا-ئۇكدەك يېقىن قېرىنداشلارمىز ،ئەممايېقىنىقى زاماندىكى ھەرخىل سىياسى نەيرەڭلەرنىڭ ۋە رىئال ئىشلار سەۋەبدىن مۇشۇنداق ئىشەنمەسلىك كەيپىياتى ھاسىل بولۇپ قالدى،لېكىن بۇ ئىشلارمۇ ئاستا-ئاستا تۈگەيدۇ.بىزلەرنىڭ ئۆزىمىزنى ئوڭشىيالمايۋاتقان مۇشۇ چاغدا قېرىنداشلار بىلەن قېيىشقۇدەك نەدە ھالىمىز دەيسىز...؟سىز يۇقارقى ئىنكاسىڭىزدا كەڭساي تورىدا ئۆزبەكنى تىللاپ قازاقنى ماختايدىغان دەلدۈشلەر دەپسىز بولسا مۇشۇنداق قوپال سۆزلەرنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز چۈنكى قول-قولنى يۇيسا،قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ دەيمىز بىز ئۇيغۇرلار

nimjan 2010-12-02 22:04
ئىملايىڭلارنى بىر كۆزىتىۋەتسەڭلار بولمامدۇ ھاياجان ئورنىغا؟

guzalturuk 2010-12-02 22:07



تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن،<ۋەتەن ئۈچۇن> دېگەن بۇ  ناخشىنى يوللىدىم. ھوزۇرلانغايسىز.

tursunxayar 2010-12-02 23:44
نەقىل
بۇ 5قەۋەتتىكىtumur يوللىغان 2010-12-02 12:30 غا قارتىلغان :
ئۇنىڭ   سەنئەت  تالانتى   ھەم    مېللەت  تۇيغۇسىنىڭ  كۇشلۇكلىكىگە  قايىلمەن  
__________________________________________________

باشقا   تەرەپلىرى  چوڭ  بولغانچە  تولۇقلىنىپ  كىتە  
 
مېنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، يۇلتۇز ئوسمانۇۋانىڭ ئەجدادى قەشقەرلىك ئۇيغۇر نەسلىدىن بولۇپ، شىنجاڭغا ئويۇن قويغىلى چىققاندا ئۆزىنى مەن ئۇيغۇر، دېگەنمىش، ئەمما ئۆزبېكىستانغا قايتىپ بېرىپلا:
كىم غۇلجىنىڭ ئۆزىدەن،
كىم قەشقەرنىڭ كۆزىدەن،
بوۋام قايدىن بولسا بولسۇن،
مەن ئۆزبېكنىڭ قىزىمەن.
دەپ ناخشا توۋلاپ يۈرگەنمىش. (بۇلار پەقەت مىش-مىش گەپلەر خالاس)

kaysar 2010-12-03 01:54
ئۆزبىكىستاندا مەھمۇت قەشقىرىنى ئۇيغۇر دەپ سالسىڭىز تۇمشۇقىڭىزغا مۇش يەيدىكەنسىز.....
ھېلىمۇ ئىسىمىنىڭ ئارقىغا قەشقىرى دەپ قۇيۇلۇپ قالغىنى ........ تاشكەنت دەپ قۇيۇلۇپ قالغان بولسا ئىشبار ئوخشايدۇ...........

axikjan 2010-12-03 03:36
بۇ خوتۇننىڭ ناخشىلىرى ياخشى، لېكىن مەن بۇ ئايالنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن، نىمىشقىدۇر ناخشىلىرىنى ئاڭلىغۇم كەلمەيدۇ، ئەسلىنى ئۇنۇتقان خوتۇن بۇ .

sugar 2010-12-03 10:44
مەن بۇرندىن ئانچە ئاڭلىمايتىم ،بىراق ئىسلامچە ئېيقان ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ياقتۇرۇپ قالدىم.

artuga 2010-12-03 12:00
بۇ ئايالنىڭ دادىسى غۇلجىلىق كىشىكەن،  دادىسى ئۇيغۇر بولسىمۇ ئەمما يۇلتۇزخان ئۆزىنى ئۆزبىك دەپ قارايدىكەن،

tiltumar 2010-12-03 15:05
ھەي قىرىنداشلار، يۇلتۇز بىر سەنئەتچى خالاس. مىللىتىنى نىمە دىسە ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.
مىنىڭ بىلىشىمچە، يۇلتۇز خىلىلا كىچىك چىغىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىدىن شۇ تەرەپكە ئۆتۈپ كىتىپتىكەن. ئون نەچچە يىشىدا توي قىلغان. يولدىشى ھەربى مەجبۇريەت ئۆتەشكە كەتكەندە قىيىنئانىسى ئۇنى خارلىغان. نۇرغۇن ئازاپ ئوقۇبەت تارتقان يۇلتۇز  ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. كىيىن توي -توكۆنلەردە ناخشا ئىيتىدىغان ھاپىز بولغان. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا سىنئالغۇ لىنتىسىدا يۇلتۇزنىڭ باشقىلار بىلەن ئىيتقان ئىيتىشىش(ئايتىس)نى كۆرگەنمەن. مەزمۇنى ئىشقىلىپ يۇلتۇزنى قارىنىڭ قىزى دەپ كۆزگە ئىلمىغاندەك. بۇ ئايتىشتا يۇلتۇز ئۆزبەك ئەرلەرنى يىڭىۋالغان. كىييىنچە يۇلتۇزنىڭ قابىلىيىتىنى بايقىغان تاشكەنتتىكى سەنئەتكارلار ئۇنى تەربىيەلىگەن بولۇشى مۈمكىن. بىر ھاپىزلىقتىن بۈگۈنكىدەك داڭلىق ناخشىچىغا ئايلىنىش يولىدا نۇرغۇن كەمسىتىلىشلەرگە ئۇچرىغان يۇلتۇز بەلكىم مىللىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغاندۇ؟ قازاقىستاندىكى تۇققانلىرىمىزنىڭ دەپ بىرىشىچە ، يۇلتۇز داڭلىق ناخىشىچى بولغاندىن كىييىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىرى ۋە قىيىنئانىسى قاتتىق پۇشايمان قىلغانمىش، ئۇنى ئىزلەپ بارسىمۇ ئۇلارنى كەچۇرمىگەنمىش. شۇڭا يۇلتۇزنىڭ ئىيتقان ناخشىلىرى شۇنداق مۇڭلۇق، كۆپلىگەن ناخشا تىكىسلىرى ئۆز ھاياتىدىنى ئىپادىلىگەندەك  مەسىلەن : يۇلتۇز بولۇپ پارلىدىم
ئاسمانەمنى چارلىدىم، تاپالمىدى لىكىن، قەدرىم بىلگەن ئىنسان، يۈرۈگۈم ئاچار ئىدىم ، بار مىھرىم چاچار ئىدىم ، مۇھەببىتىم بولماسمىدى بەربات ،.....دىگەن ناخشىسى .
ئىشقىلىپ ئۆزبەكلەردە ناخشىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئادەت باركەن.ئۆزبىكىستاندىن كەلگەن بىر يىگىتنىڭ ئىيتىشىچە بىر كۈن ناخشا ئاڭلىسا ئىچى پۇشارمىش. باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ ياشاش ئۆلچىمىنى زورلاپ تاڭساق بولمايدۇ.  

gulsaba 2010-12-03 20:24
بىزنىڭمۇ يۇلتۇز دەك ناخشىچىلىرىمىز چۇقۇم چىقىدۇ .

lukqvn 2010-12-03 21:16
ناخشىسىنى ئاڭلاپ قويساقلا بولمىدىمۇ ...

nurogli 2010-12-03 21:50
بۇ ئايالنىك ناخشىلىرىنى ئاپام بەك ياختۇرىدۇ !!ئاپامنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ  ئاڭلاپ قويىمەن، بوپمۇ بىر ناخشسى بار ، كىشى كەينىدىن گەپ -سۆز قىلىدىغانلارنى سۆكۈپ ئىيتقان،تىكىستى بەك ئسىل!!

taklimakan22 2010-12-03 21:56
قىرىغاندا قىرى تاتۇق ،
قىلىقلىرى ئۇندىن ئارتۇق . دەپ بۇ خوتۇن سۇپەتتىن پەقەت چۇشمىدى دىسە....

svpvrga 2010-12-03 22:30
راست گپنى قىلسام ئانچە  ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن بۇ ناخشىچىنى ...

dilbinur 2010-12-03 23:21
مەنمۇ ئاڭلاپ قويۇمەن، خېلى ياخشى ئېيتىپ قويىدۇ.

xiwas 2010-12-04 01:20
ئىسلامچە ناخشا ئېيتىتۇيۇ  ،،لىكىن يەنە بەزى ناخشىلىرى ئەدەمنىڭ كۈلگۈسنى كەلتۇرىتۇ ،بۇخوتۇننىڭ ئەڭ ياخشسى ئىسلامچە ناخشا ئېيتمىغىنى تۈزۈكتى ، دىمەكچە بولغىنىم بىر مۇقامدا تولىسا ياتايلىغىن ئىسلامچە ناخشا ئېيتسا ياتايلىغىن ئونۋىرسال ناخشا ئېيتسا ..ئىسلامچە ناخشىسىنى ئاڭلىغان بەزى لە ئۇنى مۇسۇلمانمىكى دەپ قېلىشى مومكىن شۇنداق ئويلاپ قالغان كىشىلەر ئۇنىڭ يەنە بەزى ناخشىلىرىنى ئاڭلىسا مۇسۇلمان دىگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قېلىشىمۇ مومكىن ، قىسقىسى بۇخوتۇننىڭ ئىسلامچە ناخشا ئېيتىشى ئەمەلى ھەركىتى بىلەن ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن بەلىكىم ئۇلۇغ ئىسلامدىنىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۋىتىشى مومكىن شۇڭا بۇ خوتۇننىڭ ئىسلامچە ناخشا ئېيتمىغىنى تۈزۈك ،،،،،،

qiqek 2010-12-04 12:35
شىۋاس ئاكا سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز غەيۋەت تەرەپكە ماڭدىغۇ دەيمەن .لېكىن مەن يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ ئىمان ئىيتقاندىن كېيىن ئىسلامچە ناخشائيتقانلىقىنى بىلىمەن ............ئاللاھ ھەممىىمىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن ...........

kokasman 2010-12-04 14:29
پۇرسەت بولغان بولسا ئىدى بىزنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ پەرزەنتلىرىدىنمۇ موشۇنداق چولپان كوپ  بولۇپ كېتەتتى!

xiwas 2010-12-04 17:43
نەقىل
بۇ 43قەۋەتتىكىqiqek يوللىغان 2010-12-04 12:35 غا قارتىلغان  :
شىۋاس ئاكا سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز غەيۋەت تەرەپكە ماڭدىغۇ دەيمەن .لېكىن مەن يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ ئىمان ئىيتقاندىن كېيىن ئىسلامچە ناخشائيتقانلىقىنى بىلىمەن ............ئاللاھ ھەممىىمىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن ...........

شۇداقمۇ ..كەچۈرۈڭ مەن بىلمەپتىمەن !

melek 2010-12-04 18:52
مەن بەك ئامراق جۇمۇ بۇ چوكانغا، ئەڭ بۇرۇنقى پىلاستىنكىلىرىمۇ بار مەندە.
  . Sezen Aksu
نىڭ ئاۋازىغا دېمىسمۇ بەك ئوخشايدۇ جۇمۇ ئاۋازى
لىكىن بىر مەزگىل ھىجاپلىنىپ ،ئارقىسىدن تۈركىيەگە چىقىپ تۈرك بىلەن توي قىلىپلا يەنە ھىجاپنى تاشلىشى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ.

kaqkun16 2010-12-04 19:08
نەقىل
بۇ 16قەۋەتتىكىجىن يوللىغان 2010-12-02 17:53 غا قارتىلغان  :
مۇنبەرلىرىمىزدە ناخشا -ئۇسۇلچىلارنىڭ كوپ ئىنكاسقا ئىگە  بۇلۇشى  مەڭگۇلۇك تېىملار ياتسىراپ قېلىشى بىزدىكى كىرزىسنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ    

ئىمىلا خاتالىقىڭىزنىڭ كۆپ بولىشىمۇ شۇ....................

urukjan 2010-12-04 20:41
مەنغۇغەيۋەت قىلىشقابەك ئۆچ.

ئەمما ، بىر قېتىم غەيۋەت قىلۋالاي (ئەستاغفىرللاھ..)

بۇ چوكاننىڭ ئىسلامىي ناخشىلارنى ئېيتقانلىقىغا ۋە توختاۋسىز ئېيتۋاتقانلقىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ئەمما ، بويتاقچىلىقتا شۇنداقمۇ بۇ چوكان يىلدىن -يىلغا ياشىرىپ كېتىۋاتقاندەكلا كۆرۈنىدۇ كۆزۈمگە.

بەلكىم ، خاتا كۆرۈۋلغاندىمەن.

بۇ توغۇرلۇق جىق گەپ قىلماي.
يېنمدا ، بەرىبىر خەتلىرىمنى يۇلتۇزخان كۆرمىگەندىكىن.

aklaqin 2010-12-04 21:01
مەن يۇلتۇزنىڭ << يالغان >> دېگەن ناخشىسىنى ياختۇرۇپ ئاڭلايمەن . << ئۈلۈمدىن باشقىسى يالغان >>  بەزىدە بۇ سۆز رىياللىقققا ئايلىنىپمۇ قالىدۇ .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يۇلتۇز ئوسمانىۋا بىلەن ئەلكۈيىدە تونۇشۇڭ --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.065455 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us