bulbulgoya |
2010-11-25 11:52 |
****شامىنى گۈل تەشتىكىگە سالسىڭىز،تەشتەكتىكى توپا نەملىكىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قالالايدۇ ۋە گۈلگە ئوغۇت بولىدۇ. ****شامىنى قۇرۇتۇپ قويسىڭىز،قىشتا كىچىك ئوچاقلار ئۈچۈن ئوبدان تۇترۇق بولىدۇ. ****شامىنى قۇرۇتقاندىن كىيىن ،ئۇۋاق كۈمۈر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئوتقا تۈكۈپ قويسىڭىز،ئوت ئۇزۇنغىچە ئۆچمەيدۇ. ****سىنئەينەك،ئىشىك-دېرىزە ئەينىكى ۋە ئۆي سەرەمجانلىرى كىرلىشىپ كەتكەن بولسا،شاما سېلىنغان سۇ بىلەن سۈرتۈڭ،ئۇ داغنى ئوبدان ئالىدۇ. ****قۇرۇتقان شامىنى ھاجەتخانە ياكى يۇندا يولىغا تۈكۈپ ئوت يېقىۋەتسىڭىز،سېسىق پۇراق تۈگەيدۇ. ****پۇراپ قالغان قاچا-قۇچىلارنى ئازراق شاما سېلىنغان سۇدا 10 مىنۇت قاينىتىۋەتسىڭىز،سېسىىق پۇراق تۈگەيدۇ. ****شامىنى قۇرۇتۇپ ياستۇققا سېلىپ قويسىڭىز ياستۇق يۇمشايدۇ،خۇشپۇراق چىقىپ تۇرۇدۇ. ****قۇرۇغان شامىدا ئىسرىق سالسىڭىز ھاشارەتلەرنى قاچۇرۇدۇ. ****پاكىز شامىنى تۇزغا قوشۇپ تۇخۇم پۇشۇرسىڭىز،غەيرى پۇراقنى يۇقۇتۇدۇ. ****پىياز،سۇڭپىياز يىگەندىن كىيىن شاما چايناپ بەرسىڭىز،غەيرى پۇراقنى يۇقۇتۇدۇ. ****كىرلىشىپ كەتكەن قازان،قاچا،شىرە،ئورۇندۇق قاتارلىقلارنى شاما بىلەن سۈرتسە،كىرنى تازلاپ پارقىرتىدۇ.
مەنبە :تۇرپان گېزىتى |
|