رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- زېمىن تۇغۇلغاندا --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ شېئىرىيەت گۈلزارى ] -> زېمىن تۇغۇلغاندا [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

جىن 2010-11-23 17:26

زىمىن تۇغۇلغاندا


بۆرىلەر ھۇۋلىغان بۇ زېمىندا
ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ قوينىدا،
كۆككە باقسام يىلتىز تارتىپ تۇپراقتىن
ئۇچۇپ باقسام بۇلۇتلاردا دىل -ئارا.
ئۇ مەن چوقۇم ماڭا قاراپ ئېيتقىنا
كۆزۇڭدىكى سەنمۇ ياكى؟ دىلرەبا،
لەۋلىرىڭدە ئىزلىرىم بار سۆيگۈنۈم
قاشلىرىڭ ھە! شۇنچە ئوماق بەك قارا،
تەۋەررۇكتۇر ھەممە نەرسەڭ مەن ئۈچۈن
لەيلىگە مەجنۇن كەبى بولدۇم بالا،
گەر يىغلىساڭ ئېھ نەملەشسە كۆزلىرىڭ.
يۈرەكلىرىم پارە بۇلۇپ كەتكەي يارا
مەن تۇغۇلدۇم سەن بىلەن تەڭ ئەي زېمىن.
ھەمنەپەس بىز، جان تومۇردا ئەل-ئارا،


باغقا كىردىم ئالما ئۈزدۈم بىر تالاي.
كەلمە دېدىڭ، كەلگىن دېدىڭ ئاي،ھاي،
سەنمۇ ئۇ يۈرەكنى تىلغان ئېيتقىنا؟!
يىغلىغۇم بار جاينامازدا زار-زار،
چاچلىرىڭنى پۇراپ تۇرۇپ ئەي گۈلۈم
كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ تۇرۇپ قارىۋالاي،
كەزدىم جاھان ئۇچرىمىدىڭ سەن پەقەت.
نېمە قىلغان ئېيتقىن جېنىم دەۋالاي؟
لەۋلىرىڭدە نەملەنگەن ئۇ سېرىق سۇ
<ۋەتەن> ئىدى ،قەشقەر،خوتەن،قاراماي،
تەبەسسۇمدا ھايا بىلەن نازلىنىپ
ئازاب سالما ئوتلىرىڭدا قورىماي
ساقىلىڭنى سىلاپ تۇرۇپ سۆيگۈم بار.
ئېھ،خىزىردەك زېمىن ئاتلىق ئەي بوۋاي،


مەن تۇغۇلدۇم بۇ زېمىندا سەن بىلەن
تۇغۇلغاندا ئاسمان-زېمىن مەن بىلەن،
مەن قەدىمىي ئەلمىساقتىن ئاشۇنداق
ئەي ئاللاھىم ياراتتىڭسەن پەم بىلەن ،
كىرورانىم تەڭ كېلىدۇ بابىلغا
تەكلىماكان چوڭ سەھرادۇر<ئەڭ >بىلەن ،
كۆزلىرىڭدە ئاشىق سېنىڭ ھەسرىتىڭ
تۇغۇلدۇق بىز قوشماق بولۇپ غەم بىلەن،
سۇ ئۈستىدە لەيلىگەن ياۋنىڭ ئىزى .
دەۋزىخىڭدەك قايناپ تۇرغان سەل بىلەن،
كېپىنەك ئىزى، ئىز ئەمەس ئۇ ئەسلىدە
موھۇر باسقان لەۋلىرىڭگە قان بىلەن،
يۈرەكلىرىڭ گۈلخان سېنىڭ نەپەس ئارا
كۆيۈپ كۈل بول، كەل جانانىم مەن بىلەن ،


سۇدا كۆيدۈم ئوتتا كۆيدۈم دېمەيمەن
ئىشق ئوتى شۇنداق ئىكەن ھەم دېمەيمەن،
مەن زېمىندا ،زېمىن مەندە بولسىلا
كۆيۈك ئوتى شۇنداقمۇيا؟ دېمەيمەن،
قۇملۇق ئىچرە ئالۇن بىلەن يۈرسەم كېزىپ
ۋاي ساڭا تويۇپ قالدىم دېمەيمەن،
تاھىر بولۇپ زۆھرە ئۈچۈن يېنىڭدا
مەڭگۈگە تىنچلىق سالام تىلەيمەن،
تومۇرۇڭدا قان بولۇپ ئاقسام شۇتاپ
يۈرىكىڭدە بىر تامچە بوپ تۈنەيمەن،
كەل نىگارىم قوينىڭنى ئاچ بېرى كەل!
ئېھ،سېنى باغرىم بېسىپ سۆيەيمەن،
قىسقا ھەم بۈدرە بولسىمۇ  چاچلىرىڭ
تالمۇ-تال قىپ ئۇيغۇرغا خاس ئۆيەيمەن،


لەۋلىرىڭدە گىلاس بارمۇ ؟ بىلمىدىم
چىققىنى قاننىڭ ئىزى راستمۇ  ئۇ؟
كۆكسۈڭدىكى پىرامىدا بەلگىسى .
قۇم پۈتۈكلەر يېزىقىغا خاسمۇ  ئۇ؟
قاش ئېتىپ كەلگىن يىراقتىن كۆزۈمگە
ئېھ، سېنىڭ يۈرەكلىرىڭ تاشمۇ  ئۇ؟
"سۆيىمەن سېنى"دېدىم قانچە رەت.
ئاشۇ قۇلاق ،ئوماق قۇلاق گاسمىدۇ ؟
چاچلىرىڭنى تال-تال قىلىپ بېرى كەل
قىز دېگەن شەيتان دېگەن گەپ راستمىدۇ؟
ھەرنېمەمسەن، ھەممە نېمەم ئەي نىگار،
قەلبىم مېنىڭ سۆيگۈگە شۇنچە شاشمىدۇ؟
مەن زېمىندا،زېمىن مەندە تاناسىپ
كۆزلىرىم ھە! ساڭا شۇنداق ئاچمىدۇ؟

2010-11-23
مەنبە: ئۆز قەلىمىم

gulsima 2010-11-24 00:21
مەزمۇنى خىلى مۇرەككەپ  ئىكەن .چاچما شىئىر شەكلىمۇ بۇ ؟

kokasman 2010-11-24 11:15
ساپ ھەم سەمىمى تىلەك،ئۇمۇت،  بىرلەتۇرۇلگەن ۋەتەنگە بولغان مۇھاببەت كۇيلەنگەن شېئرى داستانغا ئوخاپتۇ بۇ شېئىر،ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولسۇن!

ehtiram 2010-11-24 11:20
ئاپىرىن!!!...................................

bargiya 2010-11-24 18:12
زىمىنغا بولغان مۇھەببىتىم پاك زىمىننى مەينەت ئاياقلار بىلەن بۇلغاۋاتقانلارنى كۆرگەندە نالە بىلەن پەرياد چېكىدۇ. ئاجىز جىسمىمنى يوپۇرماقتەك تىترىتىۋاتقان تەلۋە ھېسلارغا يۈگەن سالالماي ئۇنى  ناخشا قىلىپ ئوقىغىنىمدا بولسا "تۈگىمەس ناخشا"ئېيتىۋاتقان بۇ سەۋدايى دەپ كىشىلەر پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالدىۇ. بىلسە ئىدى .."تۈگىمەس ناخشا"مۇ پەقەتلا بىر تۈردىكى مۇھەببەت ئەمەس ئىدى،بىلسە ئىدى،يېزىلغان ئىشقى-سەۋدا شېئىرلىرىمغىمۇ ۋەتىنىمگە،ئاتا-ئانامغا،مىللىتىمگە،ئۆزىنى تۇنۇيالىغان"ئۆزۈم"گە بولغان مۇھەببەت سىڭگەن ئىدى.
شېئىرلىرىڭىزنىڭ  ۋەزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىغۇسى.....

gvzal3.8 2010-11-24 18:23
   ۋەتەن ئاشىقىنىڭ چىن يۈرىكىدىن ئوخچۇپ چىققان چوڭقۇر سۆيگۈسى مىسرالاردا ئۆزىنى تېپىپتۇ. جىننىڭ ئەسەرلىرىگە بارىكاللا.

maxal20 2010-11-24 18:33
جىننىڭ شېئىرىنى ئۈچ قېتىم قايتا قايتا ئوقۇمىسام چۈشەنمەيمەن دېسە...... لېكىن تىل جەھەتتە، مەزمون جەھەتتە ماڭا زور ئۈلگە دېسەممۇ بولىدۇ، ئادىل تۇنىياز ئاكىمىز تەربىيلىگەنمۇ نېمە؟~  

ئەمدى شېئىرغا ئىنكاسىم: بىزدىكى يالىڭاچ مىسرالار، يالىڭاچ مۇھەببەتنى كۈيلىگەن قۇرلار شېئىرنىڭ پاساھىتىگە، شېئىرغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ قارىدىم شەخسەن... بۇرۇندىن يار، نىگار ۋاستىسى بىلەن ئىلىمنى كۈيلىگەن، دوستلۇقنى كۈيلىگەن، ۋەتەننى كۈيلىگەن، شۇنداقلا كىشىلەرنى ئويغىنىشقا چاقىرغان شېئىرلار كىشىگە ھەم ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالايتتى، ھەم كىشىنى ھوڭقۇر ئويلاندۇرالايتتى، بەدىئىي زوق بېرىش بىلەن بىرگە زور پەلسەپەۋىي پىكىرلەرنى ئەكىس ئەتتۈرەلەيتتى، ھەم ھازىرمۇ بۇنداق شېئىر يازىدىغان شائىرلىرىمىز كۆپ.... لېكىن مۇنبەرلەردىكى مۇھەببەت شېئىرلىرى بولسۇن ياكى ۋەتەننى كۈيلىگەن شېئىرلار بولسۇن ھەممىسى يالىڭاچ تىل بىلەن ئىپادىلىگەن، شېئىرنى ھەقىقىي شېئىر قىلالمىغان دەپ ئويلايمەن....
مەسلەن  ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھىجران دېگەن شېئىرىنى ئالساق، بۇنى بېشىدا ئوقۇغان كىشى مۇھەببەت شېئىرى دېگەن تۇيغۇ بېرىدۇ لېكىن، تىل ئىچىدىكى تىل، مەنا ئىچىدىكى مەنا شېئىرنى قايتا قايتا ئوقۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ، مانا بۇ شېئىرنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ قارايمەن. يەنە بۇنداق شېئىرلار كۆپ.... ساناپ ساناپ بولالمايمەن...
دېمەكچى بولغىنىم شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى، شېئىرنى كۆپ ئوقۇپ بەرسەك....
شېئىر بولسا شېئىر ئەمەس، مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.....

شېئىر يازماق ئوڭاي، ھەق سۆزلىمەك تەس....

تاققا، تۇققا سۆزلەپ قويدۇم، لېكىن مەقسىتىمنى توغرا ئىپادىلىيەلىدىم دەپ قارايمەن.....

جىن، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن~

er^tugh 2010-11-24 18:40
شېئرىڭىزدىكى ئەل - ۋەتەنگە بولغان ئاشىقلىقىڭىزنى ، قىزنى مىسال كەلتۈرۈپ ئىپادىلەپسىز -دە ، راست ھازىر شۇنداق ئىپادىلىمىسىمۇ ، ۋەتەن سۆيگۈسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ۋە ئېنىق ئىپادىلىگىلى بولماسلىقى مۇمكىن ، چۈنكى < ئاشىق >  سۆزى قىز - ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى ئىش دەپلا چۈشىنىلىپ قىلىۋاتىدۇ .
يەنە بىر قېستۇرۇشقا تىگىشلىكى - ئەگەر راستىنلا ۋەتەننى بىر قىز سىمۋوللاشتۇرغان بولسىڭىز ، كىيىنكى قەدەمدە ئانىغا تەقلىد قىلىپ يېزىپ باقسىڭىزمۇ ، پەچەت چىقىدۇ . چۈنكى ۋەتەن سۆيگۈسى رومانتىكىلىقتىن خالىيراق  ، ئەمەلىي خىزمەت تەلەپ قىلىدىغان يۈكسەك ئىش . خىزمىتىدە بولۇشقا ئانىدىنمۇ لايىقراق بىرى يوق بولسا كېرەك .(ئۆز ئويلىغانلىرىمنى بىسىپ يوللىدىم ، بەلكى ئاتىكاچىلىق قىلغاندىمەن ، كەچۈرۈڭ ... جىنجان ئەپەندىم !)
ئەمما شېئرنى پەچەت يېزىپ قويدىكەنسىز     رەھمەت .

ھىلال 2010-11-25 01:49
نەقىل
بۇ 6قەۋەتتىكىmaxal20 يوللىغان 2010-11-24 18:33 غا قارتىلغان  :
جىننىڭ شېئىرىنى ئۈچ قېتىم قايتا قايتا ئوقۇمىسام چۈشەنمەيمەن دېسە...... لېكىن تىل جەھەتتە، مەزمون جەھەتتە ماڭا زور ئۈلگە دېسەممۇ بولىدۇ، ئادىل تۇنىياز ئاكىمىز تەربىيلىگەنمۇ نېمە؟~  

ئەمدى شېئىرغا ئىنكاسىم: بىزدىكى يالىڭاچ مىسرالار، يالىڭاچ مۇھەببەتنى كۈيلىگەن قۇرلار شېئىرنىڭ پاساھىتىگە، شېئىرغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ قارىدىم شەخسەن... بۇرۇندىن يار، نىگار ۋاستىسى بىلەن ئىلىمنى كۈيلىگەن، دوستلۇقنى كۈيلىگەن، ۋەتەننى كۈيلىگەن، شۇنداقلا كىشىلەرنى ئويغىنىشقا چاقىرغان شېئىرلار كىشىگە ھەم ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالايتتى، ھەم كىشىنى ھوڭقۇر ئويلاندۇرالايتتى، بەدىئىي زوق بېرىش بىلەن بىرگە زور پەلسەپەۋىي پىكىرلەرنى ئەكىس ئەتتۈرەلەيتتى، ھەم ھازىرمۇ بۇنداق شېئىر يازىدىغان شائىرلىرىمىز كۆپ.... لېكىن مۇنبەرلەردىكى مۇھەببەت شېئىرلىرى بولسۇن ياكى ۋەتەننى كۈيلىگەن شېئىرلار بولسۇن ھەممىسى يالىڭاچ تىل بىلەن ئىپادىلىگەن، شېئىرنى ھەقىقىي شېئىر قىلالمىغان دەپ ئويلايمەن....
مەسلەن  ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھىجران دېگەن شېئىرىنى ئالساق، بۇنى بېشىدا ئوقۇغان كىشى مۇھەببەت شېئىرى دېگەن تۇيغۇ بېرىدۇ لېكىن، تىل ئىچىدىكى تىل، مەنا ئىچىدىكى مەنا شېئىرنى قايتا قايتا ئوقۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ، مانا بۇ شېئىرنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ قارايمەن. يەنە بۇنداق شېئىرلار كۆپ.... ساناپ ساناپ بولالمايمەن...
دېمەكچى بولغىنىم شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى، شېئىرنى كۆپ ئوقۇپ بەرسەك....
.......

سالام
تېما ئېگىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مۇنبەر ئەھلىنىڭ  ھەم ئۇقۇرمەننىڭ ھوقۇقى، ھوقۇق بولغان ئىكەن مەسئۇلىيەتمۇ شۇنىڭغا ئەگەشكەن بولىدۇ.ھەر كىم ئۆزى ئېيتقان ھەر بىر ئېغىز سۆزگە مەسئۇل بۇلۇشى ھەم ئاساسى بىلەن سۆزلىشى كېرەك.
مېنىڭچە سىز  بۇ شئېرنى  يەنە ئۇچ قېتىم ياكى يەنە يەنە ئۇچ قېتىم ئۇقۇسىڭىز بولغۇدەك،  بەلكىم چۇشەنچىڭىز ھازىرقىدىن چوڭقۇرلاپ قېلىشى مۇمكىن.  
ئاندىن شئېر يازماق ئەزەلتىن ئوڭاي ئىش ئەمەس.

melek 2010-11-25 07:58
قايسىدۇر بىر دوستۇمنىڭ «ھالال سۆيگىنىم تۈرۈكچە» دېگەن شېئىرى ئىسىمگە كەلدى.جىن ئاكامنىڭ شېئىرىنى كۆرۈپ تۇرغىنىدىمدىن خۇرسەنمەن.

sahra 2010-11-25 17:08
جىننىڭ  ئېسىل  مىسرالىرى يۈرەكلەرنى ھەرۋاقىت لەرزىگە سالىدۇ .

maxal20 2010-11-28 01:41
نەقىل
بۇ 8قەۋەتتىكىھىلال يوللىغان 2010-11-25 01:49 غا قارتىلغان  :

سالام
تېما ئېگىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مۇنبەر ئەھلىنىڭ  ھەم ئۇقۇرمەننىڭ ھوقۇقى، ھوقۇق بولغان ئىكەن مەسئۇلىيەتمۇ شۇنىڭغا ئەگەشكەن بولىدۇ.ھەر كىم ئۆزى ئېيتقان ھەر بىر ئېغىز سۆزگە مەسئۇل بۇلۇشى ھەم ئاساسى بىلەن سۆزلىشى كېرەك.
مېنىڭچە سىز  بۇ شئېرنى  يەنە ئۇچ قېتىم ياكى يەنە يەنە ئۇچ قېتىم ئۇقۇسىڭىز بولغۇدەك،  بەلكىم چۇشەنچىڭىز ھازىرقىدىن چوڭقۇرلاپ قېلىشى مۇمكىن.  
ئاندىن شئېر يازماق ئەزەلتىن ئوڭاي ئىش ئەمەس.



سالام ھىلال~ سىزنىڭ مېنىڭ سۆزلىرىمنى قانداق چۈشەنگىنىڭىزنى ھەم بىلمىدىم، سىزنىڭ سۆزىڭىز بىلەن مېنىڭ سۆزۈم ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ھەم تاپالمىدىم~ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم جىنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى، مەن مۇشۇنداق شېئىرلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېمەكچى، ئەگەر سىز مېنى جىننىڭ شېئىرىنى مۇھەببەت شېئىرى، ياكى يالىڭاچ تىل دېدى دەپ چۈشەنگەن بولسىڭىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس! مەن دېگەن يالىڭاچ تىللىق شېئىرلار، مۇھەببەت شېئىرلىرى جىننىڭ شېئىرىنى ئەمەس، باشقا شۇ خىل تىپتىكى شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ! مەقسىتىمنى توغرا ئىپادە قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆزرىلىكمەن، بىراق سىز مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشىنىپ ئاندىن نەقىل ئېلىپ ئىنكاس يازغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن~ قارىماققا خاتا چۈشىنىپ قاپسىز... سالامەت بولۇڭ~ خەير

ھىلال 2010-11-29 16:20
نەقىل
بۇ 11قەۋەتتىكىmaxal20 يوللىغان 2010-11-28 01:41 غا قارتىلغان  :



سالام ھىلال~ سىزنىڭ مېنىڭ سۆزلىرىمنى قانداق چۈشەنگىنىڭىزنى ھەم بىلمىدىم، سىزنىڭ سۆزىڭىز بىلەن مېنىڭ سۆزۈم ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ھەم تاپالمىدىم~ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم جىنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى، مەن مۇشۇنداق شېئىرلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېمەكچى، ئەگەر سىز مېنى جىننىڭ شېئىرىنى مۇھەببەت شېئىرى، ياكى يالىڭاچ تىل دېدى دەپ چۈشەنگەن بولسىڭىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس! مەن دېگەن يالىڭاچ تىللىق شېئىرلار، مۇھەببەت شېئىرلىرى جىننىڭ شېئىرىنى ئەمەس، باشقا شۇ خىل تىپتىكى شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ! مەقسىتىمنى توغرا ئىپادە قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆزرىلىكمەن، بىراق سىز مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشىنىپ ئاندىن نەقىل ئېلىپ ئىنكاس يازغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن~ قارىماققا خاتا چۈشىنىپ قاپسىز... سالامەت بولۇڭ~ خەير


سالام
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز :
ئەمدى شېئىرغا ئىنكاسىم: بىزدىكى يالىڭاچ مىسرالار، يالىڭاچ مۇھەببەتنى كۈيلىگەن قۇرلار شېئىرنىڭ پاساھىتىگە، شېئىرغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ قارىدىم شەخسەن... بۇرۇندىن يار، نىگار ۋاستىسى بىلەن ئىلىمنى كۈيلىگەن، دوستلۇقنى كۈيلىگەن، ۋەتەننى كۈيلىگەن، شۇنداقلا كىشىلەرنى ئويغىنىشقا چاقىرغان شېئىرلار كىشىگە ھەم ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالايتتى، ھەم كىشىنى ھوڭقۇر ئويلاندۇرالايتتى، بەدىئىي زوق بېرىش بىلەن بىرگە زور پەلسەپەۋىي پىكىرلەرنى ئەكىس ئەتتۈرەلەيتتى، ھەم ھازىرمۇ بۇنداق شېئىر يازىدىغان شائىرلىرىمىز كۆپ.... لېكىن مۇنبەرلەردىكى مۇھەببەت شېئىرلىرى بولسۇن ياكى ۋەتەننى كۈيلىگەن شېئىرلار بولسۇن ھەممىسى يالىڭاچ تىل بىلەن ئىپادىلىگەن، شېئىرنى ھەقىقىي شېئىر قىلالمىغان دەپ ئويلايمەن....

قارىغاندا بۇ گەپنى مەن خاتا چۇشىنىپ قالغان ئوخشايمەن، ھەممىسى  دەپسىز ئەمەسمۇ .......ئۆزۇر.    ئەمدى نېمە دېمەكچىلىكىڭىزنى  كالتا ئەقلىم بىلەن تۇلۇق چۇشەندىم .رەھمەت!
سالامەت بۇلۇڭ!

fana 2010-11-30 18:02
مەندە  نە ئىمان  ، ئەقلۇ ھوش ،
نە  سەۋىر  ، نە ئارامى  جان ،
بىردەم  پاراغەت بەرگىلى ،
ئارامى  جانىم  ،  كەل ، كەل ،

ھەردەمدە  باغرىم ئۆرتىنىپ ،
ھەر  چاغ  بۇ  رەڭگىم زەپىران ،
سۆز  يوق  بۇ دەردىم  ئېيتقىلى  ،
روھى  راۋانىم  ، كەل ، كەل !

دەردىڭنى چەكتىم  شۇ قەدەر ،
ئاتەشتە ياندىم  شۇنچىلىك ،
كۆيدۈم ، چېچىلدىم  ھەر  تەرەپ ،
كەل ، مېھرىبانىم  ، كەل ، كەل!

ئەينەك  بۇلۇپ  مەن ھەر نەپەس ،
ۋەسلىڭ قىلار  ئىدىم  ئايان ،
چاڭ باستى  چېھرىم  ئاقىۋەت ،
كەل ، جانىجانىم ، كەل ، كەل!

ساھىل  ئارا  دەريا  بۇلۇپ ،
دولقۇنلىنارمەن  ھەر تامان .
ئەرزىمنى ئېيت ، تاڭ  سەلكىنى ،
يەتسۇن  پىغانىم ، كەل ، كەل!

  بېشىڭدا ئويناپ مىڭ قۇيۇن ،
سانجىلدى  پۇتۇڭغا  مىڭ تىكەن ،
قىلغىڭ  بىراق  شەپقەت  ماڭا
كەل ، ئەي  جاھانىم ، كەل ،كەل،
بەرگىن  ئامانىم  كەل ، كەل !

جىن 2010-12-04 21:14
نەقىل
بۇ 14قەۋەتتىكىkilyang يوللىغان 2010-12-04 16:05 غا قارتىلغان  :
ھەقىقەتەن  ياخشى بولۇپتۇ !  بۇنىمۇ كۆرۇپ قويۇڭ http://www.21-asir.com/vis.asp?adid=1394

------------------
ھەممە تېمىغا شۇنداق تېتقىسىز ئىلان بىردىغان ماۋۇ ئەزانى يۇقتۇڭلا باشلىقلار    ،

uygar 2010-12-05 19:05
  شېئىر مەزمۇن جەھەتتىن ياخشى چىققان ئىكەن ،ئەمما بىر نەچچە يەردە رېتىم بۇزۇلۇپتۇ .

elmi 2011-03-25 12:29
ياخشى يېزىلىپتۇ `

fany 2011-05-17 20:43
تىلى بۇزۇلماپتۇ ،شۇنچلىك ئەركىن چىقىپتۇ ،كىچىگىمدە تۆتلىك  شىئىرلارنى  تۇلا ئوقۇپ كىيىن ئەركىن شىئىرلارنى  ئوقۇسام  بېشىم پىقىراپ  كىتىدىغان  بۇلاپ  قالغان .  سويمىنىڭ  تەمى ئۆزگىچە  بولىدۇ  ئەمەسمۇ

apirida 2011-08-12 03:28
شېئېرنى ياخشى يازىدىكەنسىز ، مەزمۇنىمۇ يېڭىچە ، دورامچىلىقتىن خالى ، ھارمىغايسىز !


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- زېمىن تۇغۇلغاندا --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.038586 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us