رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئوقۇتقۇچىلار توغرىلىق مۇنازىرىلىشىپ باقايلى --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە -> ئوقۇتقۇچىلار توغرىلىق مۇنازىرىلىشىپ باقايلى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 4 total )

yanar 2010-11-23 13:31

ھۆرمەتلىك تورداشلار، ۋەتەننىڭ كېلەچەك ئىزباسارلىرىنى تەربىيلەش يولىدا مىننەتسىز، تەماسىز جاپا چېكىۋاتقان قەدىردان ئۇستازلار، ھەممىڭلارغا  سالام يوللايمەن.
پارتىيە مەركىزى كومېتىتى،گوۋۇيۈەن ئىزچىل تۈردە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ ئاز سانلىق مىللەت زىيالىلىرىنى، پەن-تېخنىكا تايانچ خادىملىرىنى تەربىيلەشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بەردى، نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىرىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتتى.
2010-يىلى 5-ئايدا مەركەز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى چاقىردى.
دىيارىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەزكۇر يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەمەلىي ئىشلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ھەممە خەلق ئۈچۈن دەيدىغان خىزمەت كەيپىياتىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.
خوش، ئۇنداق بولسا شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك.
مېنىڭچە بولغاندا ئاساسىي قاتلاملاردىكى مائارىپ تارماقلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىرى ئەڭ ئاۋۋال ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ تەلىپى بويىچە تەپەككۇردا، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.
مەن تۆۋەندە ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپ ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى توغرىسىدا قىسقىچە پىكىر يۈرگۈزۈپ تورداشلارنىڭ مۇنازىرە قىلىپ بېقىشىنى ئۆمىد قىلىمەن. چۈنكى خىزمەتلەرنى ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپلەر ئىشلەپ ئاندىن يۇقىرىغا چىقىرىدىغان بولغاچقا موشۇ ھەقتە توختىلىشنى توغرا تاپتىم.
مەكتەپ رەھبەرلىرى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
بىرىنچى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى
مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى. مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجراچىسى. ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ياكى تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى باش جاۋاپكار. مەكتەپنىڭ مالىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرغۇچى، تەرتىپكە سالغۇچى. مەكتەپنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە بىۋاستە قۇماندانلىق قىلىپ، مالىيە، ئارقا سەپنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىكى باش قۇماندان. قانۇن بويىچە ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىسى.
ئىككىنچى، مەكتەپ پارتىيە ياچىكا شۇجىسىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى
مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئىددىيۋى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشى، سىياسىي مۇقىملىق، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ.
مەكتەپنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى پارتىيە ياچىكىسى يىغىنىدا قارار قىلىدۇ ۋە ياچىكا يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. لېكىن بۇ دېگەنلىك ياچىكا يىغىنىدا نېمە دېسە شۇجىنىڭلا دېگىنى ھېساپ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس بەلكى ئالاقىدار سىياسەت، ھۆججەتلەرنىڭ روھى ۋە خىزمەت تەقسىماتى  بويىچە خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ ياخشى ئىشلەش دېگەنلىك بولىدۇ.
ئۈچىنچى، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنڭ مەسئۇلىيىتى
مەكتەپ مۇدىرىغا ياردەملىشىپ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە ۋە سىياسىي، ئىددىۋى تەربىيە قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئىش تەقسىماتى بويىچە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ.
تۆتىنچى، مەكتەپنىڭ ئىلمىي بۆلۈم، ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈم قاتارلىق ئىشخانىلار ۋە ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى
يۇقارقى بۆلۈم ئىشخانىلار ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ روھى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى تەستىقلاپ ئەنگە ئالغان. ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىمۇ مائارىپ ئىدارىسى ھۆججەت چىقىرىپ تەيىنلىگەن كادىرلار بولۇپ، ئۇلار مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى كۆۋرۈك. لېكىن ئۇلارمۇ ئوقۇتقۇچى بولغاچقا باشقىلاردىن ئالاھىدە بولىۋالسا بولمايدۇ.
يۇقىرىدا مەكتەپنىڭ تەشكىلىي قاتلاملىرىنىڭ رولى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدۇق. ئەمدى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى1-خىزمەتكە ئىچىپ گاراڭ بولۇپ كەتكەن كاللىسى بىلەن كېلىدۇ. ئېغىزىدىن ھاراق پۇراپ تۇرغان ھالەتتە يىغىن ئاچىدۇ، ئالدىغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋارقىرايدۇ. ئاغزىدىن ھاراق پۇرىقى تېخى كەتمىگەن.
2-بىر مەۋسۇم ئۆتۈپ كەتكىچە سىنپقا كىرىپ دەرس ئاڭلاپ باقمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، دەرسنىڭ ئۆزلىشىشى قانداق دېگەنلەرنى ئىگەللىمەي كەچكىچە ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش.
3-ئاچچىقى بەك يامان، چېچىلاڭغۇ، قېنى قىززىق. ئوقۇتقۇچىلار گىپى بولسا يۈرەكلىك دېيەلمەيدۇ ياكى گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ بولغۇچە تىل-دەشنام ئىشىتىدۇ.
4-قارىغۇلارچە، ئاساسسىزلا باشقىلارغا يان بېسىش ئەھۋاللىرى ئېغىر. ئەگەر مەكتەپ مۇدىرى يىغىندا بىر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرسا ئۇنىڭ بەزىبىر ئامراق كىشىلىرى دەرھاللا بۇ ئىشنى بۇزۇۋېتىدۇ. ياكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ گەپلىرى بۇ ئامراق كىشىلىرىگە ئۆتمەيدۇ. مانا بۇ بەزىلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى تۆگىمەس سورۇنلارغا باشلاپ قۇيرۇقىنى تۇتىۋالغانلىقى بولماي نېمە!!!
5-ئادەتتىكى مەسىلىلەردىمۇ پەقەتلا ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ ياكى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئىككى ئېغىر ھەق گەپ قىلىپ مەكتەپ ئىچىدىكى كىچىككىنە  زىددىئەتلەرنى ھەل قىلماي بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ ياكى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىدۇ. نەتىجىدە بەزى مەسىلىلەر بىخ ھالەتتىلا يوقىماي تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.
6-مەكتەپنىڭ مالىيە خادىملىرىغا ھەددىدىن زىيادە يان باسىدۇ. مالىيە خادىملىرى خالىغانچە مۇئاشىڭىزدىن تۇتىۋېرىدۇ. مۇئاش تارقىتىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان مۇئاش جەدىۋىلىڭىزدىكى پۇلنىڭ سانى بىلەن كارتىڭىزغا چىققان پۇلنىڭ سانى ئوخشىمايدۇ. تېخى نۇمۇس قىلماي سىزدىن توك، سۇ پۇلى تۇتىۋالىدۇ (ئۆيىڭىز مەكتەپتە بولمىسىمۇ)، بۇ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرسىڭىز دەرھاللا ئۆكتىخور، ئەرزخۇر دېگەندەك لەقەملەرنى سىزگە ئاشۇ بالاخور، تەمەخورلار بىردەمدىلا سوۋغا قىلىدۇ-دە، يەنە دەشنام ئاڭلايسىز.
7-رۇخسەت بېرىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، سىز تەتىل، ھېيىت-بايرام، شەنبە-يەكشەنبە ھەتتا كېچىلىرى ئىشلىسىڭىز ھېچنىمە يوق، ھەتتا مۇئاشىڭىزدىن تۇتىدۇ، مەكتەپنىڭ ئىشلىرىدىن قېچىپ يۈرگەنلەر سەككىز سائەتلىك تۈزۈم بىلەن ئىشلەيدۇ ھېچكىم ئۇلارنىڭ مۇئاشىنى تۇتمايدۇ. ئارتۇق ئىشلىگەنگە ھەق بېرەلمىگەندىكىن رۇخسەت سورىسا  مۇئاش تۇتمىسا ياكى ئارتۇق ئىشلىگەن ۋاقىتقا توغرىلاپ رۇخسەت بېرىپ مۇئاشقا چېقىلمىسا بىر كىم ئۇلارنى بىر نېمە دېمەستى. گەپنىڭ توچكىسى ئىشلىگەنلەر بىلەن ئىشلىمىگەنلەر ئېنىق ئايرىلمىدى. ئۈنۋاننىڭ يوغىنىنى ئالغانلار ئەمەلىيەتتە خىزمەتنىڭ يەڭگىلىنى قىلدى.
8-بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى ساپا مائارىپى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى، قوش تىللىق ئوقۇتۇش قاتارلىقلارنى تولۇق چۈشەنمەي كۈچەپ ۋارقىراپ ئوقۇتقۇچىلارغا زور بېسىملارنى ئېلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە ئاران يازالايدىغان مۇدىرلار خەنزۇچە بىلمىسەڭ خىزمەتتىن تازلىنىسەن دەپ ئۆزىچە ئوقۇتقۇچىلارغا ھەيۋە قىلىپ كەلدى.
ئۇنداقتا بۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ خەنزۇچە بىلمەيدىغۇ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىنى خىزمەتتىن بوشىتىپ، خەنزۇچە دەرس ئۆتەلەيدىغانلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ ئۆزى تەرجىمان ئىشلىتىپ پادىشاھنىڭ سازەندىلىرىدەك بولىۋالماقچىمىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ مەكتەپ مۇدىرى دېگەن ھوقۇقى ئالەم بىنا بولغاندىن باشلاپلا ئۇلارغا تەقسىم قىلىنمىغان بولغىيتى.
دۆلەتنىڭ ھېچقانداق قانۇن-نېزام، سىياسەت ۋە ھۆججەتلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە خىزمەتتىن توختات، خالىغانچە مۇئاشىنى تۇت، خالىغانچە ئۇر، ياكى باشقىلارنى كۇشكۇرتۇپ ئۇرغۇزۇۋەت، ئادەم توپلاشقان جايدا ياكى چوڭ يىغىندا ئىسمىنى ئاتاپ تىللا، ھاقارەتلە، ئۆچ ئال  دېگەن مەزمۇنلار يوقتىغۇ؟! دۆلىتىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى قۇغداش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» نى تۈزۈپ يولغا قويغان ئىدى.
بىر قىسىم ياچىكا شۇجىلىرى
مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ياچىكا شۇجىسى ئۆز-ئارا كېلىشەلمەيدىغان، پۇت تېپىشىدىغان، ھەتتا ھوقۇق تالىشىپ زىددىئەتلىشىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر ئېغىر.
1-مەكتەپنىڭ شۇجىسى ئۆز خىزمىتى بىلەن بولماي، ھە دېسىلا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دائىرىسىگە ئارلىشىۋالىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى سىزگە بىر ئىشنى تاپشۇرسا، شۇجىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىر ئىشنى سىزگە تاپشۇرۇپ مۇدىرنىڭ ئىشىنى پۇتلايدۇ.
2-مەكتەپ مۇدىرى چوڭ يىغىندا بىر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرسا، شۇجىمۇ چوڭ يىغىندا باشقا بىر ئىشنى يەنى مۇدىرنىڭ بايا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشىغا زېت كېلىدىغان، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان يەنە بىر ئىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ياكى زېت گەپ قىلىپ قويىدۇ. نەتىجىدە باشقىلار بۇ ئىككى باشلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەسكەن دېگەن تۇيغۇغا كېلىدۇ-دە مەكتەپنىڭ ئىچىدە گوروھۋازلىق، خۇشامەتچىلىك ئەۋج ئالىدۇ، بارا-بارا زىددىئەت پەيدا بولۇپ ئوقۇتۇش تاشلىنىپ قالىدۇ. زىيان ئوقۇغۇچىلارغا، جەمئىيەتكە، دۆلەتكە بولىدۇ.
3-مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېنىغا رۇخسەت سوراپ كىرسىڭىز مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن رۇخسەت بەرمىگەندە مەكتەپنىڭ شۇجىسى دەرھاللا سىزگە نەچچە كۈنلۈك، ھەتتا ھەپتىلىك رۇخسەت بېرىۋىتىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن تەرتىپ بۇزۇلىدۇ، سىنپقا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەيدۇ، دەرس كېيىن قالىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى چۈشۈپ كەتسە يۇقىرىدىكىلەر مەكتەپ مۇدىرىنى تۇتىدۇ-دە، شۇجى تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرۇۋېرىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئوسال بولىدۇ.
4-شۇجى مەن نازارەت قىلىمەن دەپ ھە دېسىلا ئۇششاق ئىشلارغىمۇ ئارلىشىۋالىدۇ. گوروھۋازلىق قىلىپ مەكتەپ مۇدىرىنى پۇتلايمەن دەپلا تۇرىدۇ. ئوقۇتۇشنىڭ، 2-دەرسخانا پائالىيەتلىرىنىڭ ئىشلىرى سەل ئالغا بېسىپ بولغۇچە شۇجىنىڭ خۇيى تۇتۇپ قالىدۇ-دە ئۇمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا تازا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان بىر قانچە تۈزۈمنى تۈزۈپ چىقىپ ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈشكە ۋاقىت چىقىرالماسلىقتەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. يەنە ئىككى ئارىلىقتا تەڭلىكتە قېلىۋاتقىنى يەنە شۇ بىچارە ئوقۇتقۇچىلار.
5-شۇجى بار ئامالى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتمەكچى، ھەتتا مالىيە ھېساباتلىرىنى خالىغانچە تەكشۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، مەخسۇس كۆز-قۇلاقلارنى قويىدۇ. ئازراقلا يىپ ئۇچىغا ئېرىشسە ھەممە ئادەمگە دەپ كېچىككىنە ئىشلارنى كۆپتۈرۈپ يۈرۈيدۇ.
6-ئەسلىدە مەكتەپ مۇدىرى ئىمزالاشقا تېگىشلىك ھۆججەت ياكى ئىلتىماسلارغا شۇجى ئۆزىچە قول قويىۋېرىدۇ. شۇ قۇيرۇقى تۇتۇلۇپ قالغان ياكى ئاغزى ئېتىلىپ قالغان مۇدىر گەپ قىلالماي دەردىنى ئېچىگە يۈتۈپ ئولتۇرماقتىن باشقا ئامال يوق.
7-مەكتەپتىكى تۈرلۈك سىياسىي ئۆگىنىشلەر بىلەن كارى يوق. كەچكىچە تۈزۈم تۈزۈپلا تۇرغان. ئۇ تۈزۈمگە ئۆزى باش بولۇپ رىئايە قىلمىغان.
8-مەكتەپتىكى ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنى خالىغانچە ئۆستۈرىمەن، قالدۇرىمەن، ۋەزىپىگە تەيىنلەيمەن دەپ ئاخىرىدا كىم قايانغا يىتىلىسە شۇ يانغا مېڭىپ خەقنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالغان.
مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى
بىر قىسىم مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى
بۇلار ئۇنداق-مۇنداق يوللار بىلەن ئوتتۇرا قاتلامغا كىرىۋالغان. خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىمەيدىغانلىرى ئاز.
ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسى ئاساسلىقى:
غەيۋەت قىلىش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ باشلىقلىرىغا چېقىشتۇرۇش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىما قىلىش؛ خالىغانچە ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزىنىڭ دەرسىنى باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا يۈكلەپ قۇيۇش؛ ئۈنۋاننىڭ يوغىنىنى ئېلىش؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك پىلان-خاتىرلىرىنى تەھرىر، مۇھەررىرلەردەك تەكشۈرۈپ ئۆزىچە كۆرەڭلەپ باھا بېرىش؛ دەرس سائىتى ئاز بولۇش؛ سورۇنلاردا ئولتۇرۇشۇپ بېرىش ۋاقتى كۆپ بولۇش؛ زىدىيئەتلەرنى بېسىقتۇرماي ئەكسىچە ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە ھاقارەت قىلىش؛ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش؛ ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىش؛ ئۆزىدىن باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق؛ ئىشخانىدا بىكار ئولتۇرۇش ياكى خىزمەت ئورنىدا تۇرماسلىق؛ كېچىكسە، رۇخسەت سورىسا مۇئاشى تۇتۇلماسلىق؛ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىش؛ كاتىپ ياللاش قاتارلىقلار بەزى مەكتەپلەردىكى ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلانماقتا.
ھۆرمەتلىك تورداشلار، پەن-تېخنىكا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، مائارىپ ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر مەيدانغا كېلىۋاتقان، رىقابەت كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە، ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپلەر، مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار كاللىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە سەگەك تۇتۇپ، پارتىيىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئەستائىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېتەكچىلكدە ئىدىيدە، تەپەككۇردا، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچىلارغا خالىغانچە خالىغانچە جېرىمانە قويۇش، خالىغانچە مۇئاش تۇتۇش، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىيىش قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى بولاڭچىلىق. ئىشخانىدا ئايرىم سۆزلىشىپ تەربىيە بېرىدىغان ئىشلاردىمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ، چوڭ يىغىندا ئىسمىنى ئاتاپ زەھەردەك گەپلەرنى قىلىش، ئادەم توپلاشقان يەردە تىللاش، ھاقارەتلەش، قول تەككۈزۈش؛ پايدىلىق تەكلىپلەرنى بەرگەنلەردىن ئۆچ ئېلىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرىغا، شەخسىيىتىگە، كىشىلىك-قەدىر قىممىتىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان ئىشلارنىڭ ئۆزى قانۇنسىزلىق ھەم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا زېت.
رەئىس خۇجىنتاۋ، زۇڭلى ۋىن جىياباۋلارمۇ باشتىن-ئاخىر خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەپ كەلدى. شۇڭا خەلقىمىز ئۇ داھىيلارغا «ياخشى شۇجى»، «مېھرىبان زۇڭلى»دېگەندەك ئاددىي ئەمما شەرەپلىك، يېقىشلىق ناملارنى بەردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن ۋە رەئىس نۇر بەكرىلەرمۇ كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي خەلقنىڭ غېمىنى يەپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن، دېھقانلار بىلەن دوستلارچە سۆھبەتلىشىپ، خەلقنىڭ دەردىگە يېتىۋاتىدۇ، ياخشى، ئەەەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلاۋاتىدۇ.
ئۇلار كوممۇنېست بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاددىي-ساددىلىق، مېھرىبانلىق بىلەن ئەل ئارىسىغا چۆكۈپ خەلقنىڭ ھالىغا يېتىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئىلمىي تەرەققىيات. مانا بۇ ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلىك. خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەنلىك.
خوش، ئەمدى ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسم مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلاملاردىكى «ئالىي دەرىجىلىك ھوقۇقدارلار»:
سىلەر بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئۆزەڭلارنىڭ كونا سەنىمىڭلارغا دەسسسەۋىرەمسىلەر ياكى كاللاڭلارنى سىلكىۋىتىپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن كوممۇنېستىك غايە-ئېتقادقا ئىگە بىر تۈركۈم ئىختىساس ئېگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ «قوش تىللىق»ئوقۇتۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە-دۆلەت ئۈچۈن ئۆزەڭلارنىڭ خالىسانە تۆھپەڭلارنى قوشامسىلەر؟ بۇنى ئۆزەڭلار ئەمدى قاتتىق ئويلانمىساڭلار بولمايدۇ. چۈنكى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. پۈتۈن مەملىكەت شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىپ نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتقان يەردە، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ پۇقراسى، دۆلەت كادىرى، شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق تىرىشىپ ئىشلەپ، ئەۋلاد تەربىيسىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيىگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرمىسەك، ياخشى جاۋاپ قايتۇرمىساق بولماس، ئەلۋەتتە!  

ئەسكەرتىش:بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىرى نوقۇل ھالدا بىرەر جاي، بىرەر مەكتەپ ياكى مەلۇم شەخىسلەرگە قارىتىلمىغان. بۇ ھازىر بىرقىسم جايلاردىكى مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بولغاچقا، تورداشلارنىڭ مۇنازىرە قىلغاندا سالماق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى مەكتەپلەردە ياخشى تەرەپ ۋە نەتىجىلەر ھامان ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.]

niranxa 2010-11-23 19:46
بۇنداق ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت ،ئادەم تەربىيلەيدىغان ئادەم چۇقۇم ئۆزىنىڭ قىممەت قارشىنى توغۇرلاش كىرەك ..ئىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئويلايلى.ئۈمۈدۋارلىق ،دورۇس يول ،ۋىجدان-مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ قالمايلى ،بىز ئاشۇ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نىمە قىلىپ بىرەلەيمىز دىگەننى ئويلايلى

entizar 2010-11-23 19:52
بەرھەق  !!
مائارىپمىزدا  ھەقىقەتەن  ئاتالمىش <<مائارىپچى  >> نان قىپىلار  كۆپ .  لىكىن بۇلارمۇ  يىلدىن يىلغا  ئازىيۋاتىدۇ  .   بۇبىر  ياخشى  ئىش .   شۇڭا   مائارىپىممىزنى  بولۇپمۇ مىللى  مائارىپىمىزنى  تەرەققى  قىلدۇرۇشقا   ئۇزۇن  ۋاقىت  كىتىدۇ .  
مەسلىنىڭ  سەۋەبلىرىنى  يەنە ئوقۇغۇچىلاردىن  ،ئائىلە  باشلىقلىرىدىنمۇ   ئىزدەشكە  توغرا  كىلىدۇ  .  ئەلۋەتتە جەمىيەتنىڭ ، سىياسىنىڭ    رولىمۇ   بۇنىڭ   سىرتىدا  ئەمەس .
ئۇنىڭ   ئۈستىگە  ھازىرقى   ئالى مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا  كەڭ   دائىردە  نەزەر  تاشلاپ   باقايلى !
ئەڭ  ئاددىيسى ئۆزىمىزگە  نەزەر  تاشلايدىغان  بولساق  ،  ئالدىنقى    كۇندىكى << سۇ-ئوت>>   ئەپەندىنىڭ   ماقالىسىگە  نەزىرىمىزنى  ئاغدۇرغانلار   قانچىلىك ؟
مىنىڭچە   مۇنازىرە  مۇنبىرىنىڭ    ئىسمىدىنلا   چىقىپ   تۇرۇپتۇ ،   دىمەك  مۇنازىرە  قىلىمىز ،  شۇنداققۇ؟!   ئارىمىزدا  نۇرغۇن  ئۆتكۈر  پىكىرلىك  كىشىلەر   بولۇشى  مۇمكىن ،..
ئەنە   ئەشۇنداق مۇنازىرىلەر   جەمىيىتىمىزنى   ئىلگىرى  سۈرىدۇ ،   ئىجتىمايىتىمىزنى   تەرەققى   قىلدۇردۇ . ..  
يەنە   بەزى  گەپلەرنى  ئايرىم  بىر  تېما  يىزىپ   توختالمىسام  بولمىغۇدەك !
لىكىن   شۇنى  دەپ  قويۇشنى  لايىق   تاپتىم  :
بىزمۇ  ئۇنداق   <<  قىچا تېرىماي  ماي  يەيدىغان ،  پادا  باقماي   ياغ يەيدىغان >>لاردىن  بولمايلى !

kilyang 2010-11-23 20:11
بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز  ! بىراق .......................... ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار   قانداق تەربىيلىنىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىسىز ! ھەممىسى مۇھەببەتلىشىدۇ  !  ئوقۇتقۇچىلار  ئوقۇتقۇچىلاردەك  كىيىنمەيدۇ  ! چاكىنا
    ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلمايدۇ !  ھەتتا ئۇلار ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ  ئۇنتۇپ قالاي دەۋاتىدۇ !  ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى دىگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئنسان ............... قانچىلىك مەدىيلىسەك ئەرزىيدۇ  بىراق  ھازىر ئوقۇتقۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى شارائىتلارنى يارتىپ بەرسە ئىش ھەققىنىمۇ قاتلاممۇ قاتلام ئۆستۈرۈپ بەرسە خىجىل بولماي  ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنى ھەقىقى تەربىيلىيەلمەيۋاتىدۇ ! ئىسىت سىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغىنىڭلار !   ئوبدان ئويلىنىپ بىقىڭلار ؟؟؟؟؟ .......................... نېمە تەربىيلەۋاتىسەر ؟ بىر تۈركۈم دەشقال كىرەكسىز كۆپۈك .  .......... شۇنى بىلەمسىلەر !   قىنى سىلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق مەسئۇلىيەت ؟ قىنى سىلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازى ................... ؟ ئەخمەتجان قاسىمنىڭ بىر كۇبلىت شېئىرنىمۇ بىلمەيسىلەر !
    قىسقىسى  ئوبدان ئويلىنىپ بىقىڭلار   جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى مائارىپتا ! مائارىپنىڭ تەرەققىياتى  سىلەرگە ئوخشاش ئوقۇت قۇچىلاردا ئەمەسمۇ ؟  قىنى ئۇ تەرەققىيات  ............... قىنى قايسى ئوقۇتقۇچى مەن مۇنداق تەربىيلىدىم دىسۇن !    بۇنداق دىسەم بىرقىسىم ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمنىڭ زىتىغا تگىپ قويماي ئۇلار بولسا  ئابدۇقادىر جالالىدىن ، راھىلە داۋۇت ، ئەسئەت سۇلايمان ، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى ، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرقىسىم ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇتقۇچىللىرىمىزمۇ بار   مۇھەممەت كامال خۇشخۇيدەك ئوقۇتقۇچىللىرىمىزمۇ ھەم بار بۇلارنى خەلىق تونۇيدۇ .
  بۇنداق دىسەم سىز يازغۇچىلارنى دەپ ئويلىماڭ  ئۇلاردا بىر خىل مەسئۇلىيەت بار  ئۇ مەسئۇلىيەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز ؟  ھەي نادان ئوقۇتقۇچى   بىز سىزدىن نىمى كۇتىمىز
   خوتەن گۇما ناھىيە كىلياڭ يىزا
چ چ 1395898567

maxal20 2010-11-23 20:30
ئوقۇتقۇچى......
شەخسەن مەن ئۆزۈم ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ھۆرمەتلەيمەن! ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىنسان دەپ ھەم قارايمەن! تولۇق ئوتتۇرىدىكى سىنىپ مەسئولۇم بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن سوقۇشۇپ قالغان بالىغا مۇنداق دېگەن: ھېلىغۇ سېنىڭ توغرىكەن، ئەگەر ئوقۇتقۇچى يۈزۈڭگە تۈكۈرۈپ قويسىمۇ، قولۇڭ بىلەن ئېرتىۋېتىپ، بېشىڭنى سېلىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك! چۈنكى ئۇ ساڭا ئىلىم ئۆگەتكۈچى دېگەن!

مەن ئوقۇتقۇچىلىرىم بىلەن ئەڭ يېقىن ئۆتىدىغان، ھەم ئەڭ چىقىشالمايدىغان! ئادەم  مۇكەممەل بولمايدۇ، ئەلۋەتتە، مەن ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ بولمىغان جايلىرىنى كۆرسىتىمەن دەپ داۋاملىق گەپ تەگىشىپ قالاتتىم، لېكىن ھەرگىز ھۆرمەتتىن چەتنىمەيتتىم، مەسلەن، ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سىنىپقا كىرگەندە سېغىز چاينىسا، سەت گەپلەر بىلەن بىزنى تىللىسا، ھاقارەتلىسە، ئورۇنسىز دەرس ئۆتمەي، تەكرار قىلىڭلار دەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا دېگەندەك.... بۇ ھەرگىزمۇ بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ! مەن مۇئەللىم كىتاپ ئوقۇسا بولمامدىغاندۇ؟ بىزگە دەرس ۋاقتىدا دەرستىن سىرتقى بىلىملەرنى ئىزدىنىپ ئۆگەتسە بولمامدىغاندۇ دەپ قارايتتىم، لېكىن كېيىن ئۇلارنىڭ دەرستىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تەسىرات يېزىش، پىلان خۇلاسە، سىياسىي ئۆگىنىش..... دېگەندەك ساماندەك ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ دەرس تەييارلىقى، ۋە تاپشۇرۇق تەكشۈرەشكە ۋاقىت چىقىرالىغانلىقىغا ھەيران قالغان!
شۇڭا يوقۇرىقى ئوقۇتقۇچىلار نېمە ئۈچۈن ماتىرىيال كۆرمەيدۇ دېگەننى ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قويساق مەن قەتئىي قارشى! سىز ئوقۇتقۇچى بولۇپ بىر ئاي ئىشلەپ بېقىپ ئاندىن سۆزلەڭ! مەنغۇ ئوقۇتقۇچى ئەمەس، لېكىن ئوقۇتقۇچىلىرىمغا ياردەملىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ دەردىنى ياخشى بىلگەن، ھەم بىلىمەن! بۇنى مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن كۆرۈش كېرەكمۇ؟ مائارىپ ئىدارىسىدىن كۆرۈش كېرەكمۇ ياكى..........
بىر مۇئەللىمىم، مېنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن دېيىشىپ قالغانلىقىمنى، ئۇنىڭ دەرس سائەتىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىمنى ئاڭلاپ (كېيىن كەچۈرۈم سورىدىم، ۋە پۇشايمان قىلدىم) مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئۇستازىڭ بىلەن ئاتاڭ بىر كۈندە ۋاپات بولۇپ قالسا، سەن ئۇستازىڭنىڭ مىيىتىنى ئۇزىتىۋېتىپ ئاندىن ئاتاڭنىكىگە بېرىشىڭ كېرەك! چۈنكى سېنى ئادەم قىلغان ئاتاڭ بولسا، ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىڭنى تونۇتقىنى مۇئەللىم، ئۇستاز  دېگەن!

شۇنداق، ئوقۇتقۇچىلار توپىدا بىر قىسىم ئەھۋاللار مەۋجۇت! لېكىن بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، ئەۋلادلار ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس!

korax001 2010-11-23 21:04
مۇنبەردىشىمىز.كىلياڭ ئەپەندىمنىڭ سۇزى ناھايتى ئۇرۇنلۇق قۇللايمەن.تۇغرا يەسلىدىمۇ شۇنداقتى.ھازىر ئۇغلۇم مەكتەپتە مەكتەپكە ئالغىلى بارسام خانىم- قىزلانى كۇرۇپ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى قەتتى كۇرمىدىم.بىربىرسىنى قۇغلىشۋاتقاندەك سەندىن مەن قالارمەنمۇ دەپ.بۇرۇنقى ئۇقۇتقۇچىلارغا قىيا بىقىپ يەنىلا ئۇلارنى ھۇرمەت قىلمەن.رەخمەت تىما ئىگىسگە.تەشەككۇر

zakira 2010-11-23 21:28
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھەممىمىز ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىزنى تۈگىتىپ مانا نورمال خىزمەتلىرىمىزگە چۈشۈپ كەتتۇق ، شۇ قاتاردا yanarئەپەندىنىڭ بۇ مۇنازىرە تېمىسىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز . خوش؛  yanar  ئەپەندى ياخشىمۇ سىز ! سىزنى مۇنبەر يۈزىدە كۆرمىگىلى خېلى ئۇزۇن بوپتۇ ،ئۆتكەندە سىز بۇ تېمىنىڭ  كىچىكرەك دائىرسىنى يوللىغانتىڭىز  مەن ئوقۇپ ، ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىگەچ خېلى ئاچچىق ئىنكاس يازغانتىم بەلكىم ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتكەندۇ ،چۈنكى ئۇ تېمىڭىز كېيىنكى كۈنىلا مۇنبەردىن ئۆچۈرۈلۈپتۇ .  زادى كىم ئۆچۈرگەندۇ ؟ دەپ بەكلا ئەپسوسلانغان ئىدىم شۇ تېمىڭىزدىمۇ يۇقىرقىدەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجوتلىقىنى بايان قىلىپتىكەنسىز ،  مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىمنى ھەم كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمنى قويغانتىم . ئەمدى بۇ تېمىڭىز نادىر تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ بەكلا خوش بولدۇم . مۇنبەردە ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىشىنى  ئۇلۇق باشقۇرغۇچىلاردىن تىلەيمەن !
       رىۋايەت؛ بىر دېھقان بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن مۇنازىرلىشىپ قاپتۇ ، دېھقان دەپتۇ ؛ مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا شۇ بالىلارغا بىر كۈن دەرس ئۆتەي ،سەن بېرىپ مېنىڭ يېرىمنى سۇغارغىن دەپتۇ . ئوقۇتقۇچى ؛ياق بولمايدۇ ،يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلايلى ! سەن بېرىپ يېرىڭنى سۇغارغىن ، مەن بېرىپ دەرسىمنى ئۆتەي دەپتۇ ، دېھقان زادىلا ئۇنىماي تۇرىۋالغاچ  ئوقۇتقۇچى بېرىپ دېھقاننىڭ يېرىنى سوغۇرۇپتۇ . دېھقان زور ئىشەنچ بىلەن سىنىپقا كىرىپتۇ دە ئوقۇغۇچىلارغا ؛ مەن بۈگۈن سىلەرگە دەرس ئۆتىمەن دەپلا يەر تېرىشتىن باشلاپ ھوسول ئالغۇچە ، يەر سۇغارغىچە بولغان ھەممە ئىشنى سۆزلەپتۇ . 40مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ھەممىنى سۆزلەپ تۈگۈتۈپتۇ . ئاخىرىدا نىمە سۆزلەشنى بىلەلمەي،ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىلمۇ -خىل سۇئاللىرىغا  جاۋاپ بېرەلمەي قالغان دېھقان ۋاي بولدى ، بېرىپ يېرىمنى سۇغىراي ئوقۇتقۇچى يەنىلا دەرسنى ئۆتسۇن دەپتۇ .
     بەلكىم سىز بۇ قىسقىغىنە جەرياندىن مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولدىڭىز .
    مەن بۇ ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندىن بۇيان مائارىپ توغرىسىدا  مۇنبەردە بىرنەچچە تېمىلارنى ئوقۇدۇم ھەم ئىنكاسلارنى يازدىم ، ئۆزەممۇ بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ھەم سىنىپ مۇدىرى بولغاچ ئەشۇ تېمىلاردىكى ۋەقەلەرگە چىداپ تۇرالماي ، < 21-ئەسىردىكى سىنىپ مۇدىرلىرى > دىگەن ماقالەمنى يازدىم . تەپەككۇرى كۈچلۈك بولغان مۇنبەرداشلىرىم ئوقۇپ ياخشى پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىپتۇ ، بەك خوش بولدۇم .
     دۇنيادا 100% ئالتۇن بولمىغىنىدەك مۇكەممەل ، ھەممىدە كامالەتكە يەتكەن ئادەممۇ بولمايدىكەن . پەقەت بىزنى ياراتقۇچىمىزلا ھەممىگە قادىر ! مەن بۇنداق دىيىش  ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتقان خاتالىقلارغا ئىزچىل يول قويۇش كېرەك دىمەكچى ئەمەسمەن ، 21- ئەسىرنى بىز رىقابەتكە تولغان دەۋىر ،ئىلىم -پەن دىۋىرى دەپ  بار كۈچىمىز بىلەن  توۋلاپ كېلىۋاتىمىز ، ئۇنداقتا بۇ نوقتىنى زادى قەيەردىن باشلاش كېرەك ؟ مانا بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ،    < ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغان مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشقا بولىدۇ ، مائارىپتا مەغلوپ بولغان مىللەتنى ھەرگىزمۇ قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ > بۇ ھەقىقەتقۇ ، ئەجىبا ئەشۇنداق لاياقەتسىز مەكتەپ مۇدىرلىرى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەسما ؟ ئىشخانىسىغا كىرىپ بېقىڭ  بۇ  خەتلەر چوڭ جازىغا ئېلىنغاندۇ بەلكىم ، ئۆتكەندىكى تېمىڭىزدا دەپ ئۆتكەندەكلا يىل ئاخىرىدىكى مۇدىرلارنى باھالاش يېقىنلاشقانسېرى ئۇلار يۇمشاپ لەمپۇڭدەك بوپ كېتىدۇ دىگەن قۇرلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئاچچىق كۈلۈپ كەتكەنتىم ، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىمۇ مۇدىر شۇجىلىرىمىز بار ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئارىلىق يوق دىيەرلىك ، خىزمەت ۋاقتى بىلەن خىزمەتتىن چۈشكەن ۋاقىتنىڭ پەرقى بولىشى كېرەكقۇ ، بىزنىڭ مەكتەپنى ئېلىپ ئېيتساممۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىرىنى قەرەللىك ئاڭلاپ تۇرىدۇ ،شۇنداق كىچىك پېئىل ،قىزىقچى يۇمۇرىستىك ، بىزمۇ مۇدىرلارنى كۆرگەندە ھۆرمەت يۈزىسىدىن سالاملىشىپ ئۆتىمىز ھەرگىزمۇ يۇقۇرى تۆۋەنلىك پەرق ھېس قىلمايمىز ، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دەسرى ھەم سىنىپلىرىمۇ بار تېخى بىزگە ئوخشاشلا ئىشلەيدۇ ،خالىغانچە مۇئاشىدىن تۇتىدىغان ئىشلار ھەرگىزمۇ يوق ،خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىدىغان ئوقۇتقۇچىغۇ ئەسلا يوق مەن بۇ تارىخىمدا ئۇنداق ئوقۇتقۇچىنىمۇ مەكتەپتە كۆرۈپ باقماپتىمەن ، مەكتەپ ئالدىدا چوڭ ۋېۋىسكا ئېسىقلىق ئىستۇتەكسىز مەكتەپ دەپ ، مەكتەپ ئىچىدە مەيلى ئوقۇتقۇچى ياكى سىرتتىن كىرگەن ئادەم بولسۇن ھېچكىم تاماكا چەكمەيدۇ . ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پورمىسىنى كىيىمىز ،گەرچە خەنزۇلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ مىللى ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىزنى كۆرگەن ھامان < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم > دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ . مانا بۇ ھەقىقىي ئەھۋال .لېكىن بىرمۇ ساقتا ئوقۇتقۇچىغا يول قويمايدۇ تۈزۈملەر ئېنىق ، مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بارلىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ھەممىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ بېكىتىدۇ .
     ھازىرقى دەۋىر شاللاش ھەم شاللىنىش دەۋرى رىقابەت بىلىن ئىش ئورنىغا چىقىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە لاياقەتسىز مۇدىرلارنى ھەم شۇجىلارنى چوقۇم يوقىتىش كېرەك ! بۇلارنىڭ كەينىدىكى ھېلىقىدەك چاپان كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان راخمانلارغا ھەرگىزمۇ ئورۇن بەرمەسلىك ،بىلىم ساپاسى يۇقىرى ،يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئورنىغا سەپلەش كېرەك . بۇ ئىشلارنى كىم قىلىدۇ ؟يەنىلا شۇ كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئاممىسى قىلىشى، دادىللىق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرىشى ، مەن دىسەم قوللايدىغان ئادەم يوق بوپ قالامۇ ؟ ئىش ئورنۇمدىن ئېلىپ تاشلىۋېتەرمۇ دەپ ئىككىلەنمەسلىكى كېرەك ! نوچى بولسا سىزدەك ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن قالدۇرسۇنچۇ قېنى ! ئەجىبا سىزنى قوللايدىغان ھەقىقەتنى ياقلايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقماسمۇ ؟ ئىشەنمەيەن ، ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ ، ئۇ ھامان دەرۋىرنىڭ تاللىشىغا ئېتىراپ قىلىشىغا   ئېرىشىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن جەريان كېتىدۇ ئەلۋەتتە ، مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ . بۇ بەدەلنى يەنىلا بىزدەك سىزدەك ۋىجدانى غورورى بىلەن ياشايدىغان ، كاللىسى ئۇيغاق ، ئۆزىنى بېغىشلاچ كۈچىگە ئىگە كىشىلىرىمىز قىلالايدۇ .
    ئەمدى ئۈستىدىكى  kilyang ئەپەندىگە دەيدىغىنىم  ؛ قېرىندىشىم سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز بارمۇ يوق بىلمەيمەن ، لېكىن سىزمۇ چوقۇم شۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا تەربىيەلەندىڭىزغۇ دەيمەن ! سىزمۇ ئاتا -ئانا بولۇپ بېقىڭ بالىڭىزنى تەربىيەلەپ بېقىڭ ! بىلىپ قويۇڭ بالىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى دەل ئاتا- ئانا ..... مەكتەپتە ئوقۇدى دىگەندىمۇ  سەككىز سائەتتىن ئون سائەتكىچە ئوقۇيدۇ قالغان ۋاقىتتا بالىڭىز يەنىلا سىز بىلەن بىللە تۇرىدۇ ، سىز بالىغا نىسبەتەن بىر ئەينەك ، بالا ئۆزىنى شۇ ئەينەكتىن كۈندە قانچە رەت كۆرۈپ تۇرىدۇ ، ئاتا- ئانىلار شەنبە - يەكشەنبە كۈندىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ باش ئاغرىقلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۇلغا چىداپ ھەر خىل كورسلارغا بېرىپ ئۆزلىرى ئۇف........ دەپ ئۆيىدە ئولتۇرىدۇ . ئەجىبا سىز شۇ خەجلىگەن پۇلغا ياخشى كىتاپ ئېلىپ بالىڭىزغا ئوقۇپ بەرسىڭىز ياكى تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەملەشسىڭىز بولمامدۇ ؟؟؟؟ بۇ بالا ئەشۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا تەربىيەلەشىگە مۇھتاجمۇ ؟ ئەشۇنداق لاياقەتسىز ئاتا -ئانىلارنىڭ تەربىيەلىشىدە چوڭ بولغان ئوغۇل قىزلىرىمىز ھازىر نىمە ئىشلارنى قىلمايۋاتىدۇ ؟ ھە دىسە ئاتا - ئانىسى ئاجراشقان ، 15 ياشقا كىرمەي توغۇپ قويىۋاتقان ، سۈرۈشتۈرسە ساپلا ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى بوپ چىقىۋاتقان !!! مانا بۇلارغا كىم ئەيىپلىك ؟ يەنە ئوقۇتقۇچىمۇ ؟  بىلىپ قويۇڭ مانا بۇ ئىشلارغا سىزنىڭمۇ مېنىڭمۇ مەسئوليىتىم بار ئەلۋەتتە !!!
        ھازىرچە مۇشۇ يەردە توختىتاي .......داۋامىغا مەن تەييار !!!!!!!!!!!

oyqan.uyghur 2010-11-23 21:45
ئوقۇتقۇچى-ئېنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى.ھازىر نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ <<ئىنژىنىرى>>لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ،لىكىن ئاز ساندىكى  ئوقۇتقۇچىلار ئېنسان روھىنىڭ <<بۇزغۇنچىسى>>بولۇپ قىلۋاتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن مىللي مائارىپىمىزنىڭ باشلانغۇچ مائارىپ ئوقۇتۇشى مېنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقىي مەنىدىكى باشلانغۇچ مائارىپ ،يەنى ئەۋلادلارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا باشلايدىغان مائارىپ ئەمەس.ئەسلىدە باشلانغۇچ مائارىپ دېگەن ئەۋلادلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئاچىدىغان، ئەۋلادلارنى توپىلىق يولداياكى تاش يولدا مېڭىشىغا يول كۆرسىتىدىغان مەشئەل بولۇشى كېرەك ئىدى،لىكىن بۇ ئورۇنلار ھوقوق -ئەمەل تالىشىش،مۇناسىۋەت باغلاش،ئۆزئارا بەسلىشىش.................لارنىڭ سورۇنىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقان ئىشلار ھېلىمۇ نۇرغۇن.بولدى ،كۆپ سۆزلىمەي.
باشقىلارنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىمىز ھەققىدە قانداق كۆز-قاراشلىرى بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا!

maxal20 2010-11-23 21:52
ئەگەر مائارىپ توغرىسىدا گەپ ئېچىلسىلا ھەممىمىز ئوقۇتقۇچى ئۇنداق مۇنداق دەپ كېتىمىز. لېكىن مائارىپ سېستىمىمىز قانداق دېگەننى ئويلاپ باقمايمىز! ھەممىنى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قويۇش توغرىمۇ؟

yanar 2010-11-24 11:33
ياخشىمۇ سىز زاكىرە، سىزنىڭ يوللىغان تېمىلىرىڭىزنى ۋە ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقۇپ تۇرۇۋاتىمەن. تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرغايسىز. بۇ ھەقتىكى بەزى پىكىرلەرنى چ چ ئارقىلىق دېيىشەيلى. 1029565028

kokasman 2010-11-24 12:04
ئوئوقۇتۇش تۇزۇلمىسى ئوزگەرتىلگەندىن بۇيان ھازىرقى بالىلار ئىلگىركى بالىلارغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىغى كوپ....بۇرۇن نوقۇل ھالدىكى نومۇرنى قوغلۇشىش مودا ئىدى ،ھازىر ئەمىلى قوللىنىشچانلىغى يوقۇرى بىلىملەرنى ئەمىليەتكە بىرلەشتۇرگەن ئاساستا  ئوقوغىچىلارغا قول سېلىپ دەرسخانىدا مەشىقلەندۇرۋاتىدۇ........بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم  ئاتا-ئانىلاردا ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتماي.....دىگەندەك ئايرىم پىكىرلەرمۇ چۇشىۋاتىدۇ.ئەمىليەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇكى ئېغىرلىدىكى يىنىكلىگىنى يوق.جەمىيەت ئوقۇتقۇچىلاردىن  قوش تىللىق بولۇشنى،ئۇنۋېرسال بىلىم ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ! كوپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىزدىنىپ ھازىرقى دەۋېرنىڭ تەلىپىگە لايىقلىىشىش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كورسىتىۋاتىدۇ.بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار  ئوقۇغىچىلارنى تاماكا چەكمەڭلار،ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىمەڭلار.....قىلماڭلار دەپ قويۇپ ئوزلىرى ئىشىانىسىدا قىلسا...ئوقوغۇچىلار دورىماي قالامدۇ؟جەمىيەتتە ھازىر كىم مودا دىسە ئۇقۇتقۇچىلار دەپ جاۋاپ بېرشىدىكەن خەقلەر...ئوقۇتقۇچى بولماقمۇ تەسلىىپ كەتتى..ئاتا-ئانىلارچۇ؟ بالىلىرىغا قانچەلىك كويۇنۋاتىدۇ؟تاپۇرۇقلىرىنىڭ ئشلىنىش ئەھۋالىنى كۇزۇتۇپ تۇرۇپ بالىنىڭ شۇ كۇنكى دەرسنى ئوزلەشتۇرۇش ئەھۋالى بىلەن ھىساپلاشماي ئايىغى چىقماس ئادىمەتچىلىك بىلەن مەشغۇل بولۇپ بالىغا ئازراق  پۇل بېرىپ موشۇنىڭغا  تاماق يىگەچ تۇر دىمىدۇقمۇ؟ ئويدە يالغۇز تاشلاپ  تېلۋېزور بىلەن كومپىياتورنى تاشلاپ بەرمىدۇقمۇ؟

namsiz0998 2010-11-24 13:56
بەزىلەر تىللايدىكەن  مەن شۇلارنىڭ دوپپىسنى ئالدىغا  ئېلىپ  قۇيۇپ  تۇرۇپ ئۇقۇتقۇچلارنىڭ  ھەمىمىسى  شۇنداقمۇ ؟دىگەننى  ئوبدانراق  ئويلىنىپ  بېقىش تەكلىپنى بىرىمەن .
توغرا ئنداق  ناچارلارمۇ  يوق ئەمەس دەپ  ئېيتالمايمەن .بىراق  بۇنداق  دىسىڭىز  كۆپلىگەن  يۇقرى  ساپالىق جاپالق خىزمەت ئورنىدا  جان تىكىپ  ئىشلەۋاتقان  كۆپ  ساندىكى  ئۇقۇتقۇچلارغا   ئۇۋال قىلغان بۇلامسىلەر قانداق  ؟
ئەگەر سىز شۇلارنىڭ ئورنىدا جاپالىق رايۇندا ئىشلەۋاتقان بولسىڭىز   بىر كۇن ئىشلىيەلەيمەنمۇ  يوق   دىگەننى ئويلاپ  بېقىڭ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

kaqkun16 2010-11-24 17:39
、ئۆزەڭلارنى بەك ئۇپۇرىتىپ كەتمەڭلار، قاقشاپ قاقشاپ قالىسىلەر شۇ،ئۇنداق قاقشىغانغا ئۆزگىرەيدىغان ئىش بولسا ................

albax 2010-11-24 18:09
بىزدە ئۇيغۇر مائارىپى بارمۇ؟

atax8714 2010-11-24 23:44
ئۇقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ سىموۋولىدۇر ،،،
داھىي ، ئېنجىنىر ،ئارتىس ۋە ئالىم ،
ھەربىي، يازغۇچى ،ئۇچقۇچى خادىىم.
ۋەياكى ئىسپورتچى،سېستىرا خانىم ،
ھەممىنىڭ كۆزىنى ئاچقان مۇئەللىم.
ئۈستىنكى قەۋەتتە زاكىرە خانىم ھەقىقەتەن تۇغرا چۈشەندۈرۈپتۇ،،
مىنىڭ دەيدىغىنىممۇ شۇ

zilnur 2010-11-24 23:52
بىر ۋاقىتتا مەن قارمايدىن شەھرىمىزگە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم  ئۇ ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ قارامايدىمۇ شەكىلۋازلىق بەك ئىغىر .يىقىنڭياقى قۇش تىل يولغا قۇيۇلغاندىن كيىن بالىلار غا خەنزۇچە ئوقۇتۇشنى كۈچەپ ئىلىپ بىرىۋاتىمىز .ئويغۇررچە تۈۋەن يىللقتا ئۆتۈلمەيتى،لىكىن كىين يەنىلا ئۆتىدىغان يولغاكىرۋالغانلىغىنى ئىيتتى. مەن ئۇ ئوقۇتقۇچىغا بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە(تەڭرىتاغ رايۇنىدا)مىللى سىنىپلاردا 60دىن 70 كىچە ئوقۇغۇچى بولۇپ بالىلىرىمىز ھەر ھالدا ئانا تىل دەرسى ئاڭلىيالايدۇ دىدىم .لىكىن باللىرىمز يا ئانا تىلغا يا خەنزۇچىغا راۋان ئەمەس .ئەبجەش .ئەگەر  يۇقىرىدىن سۈپەت تەكشۈرۈشكە كەلسە بالىلارغا ئىمتىھان جاۋابىنى دەپ بىرىپ نەتىجىنى يۇقىرى چىقىرىمىز .قۇش تىل كۆرەك دەرسى بولسا خەنزۇچە سەۋيىسى ياخشى بالىلارنى يىغىپ خەنزۇچە سەۋيىسى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈپ ياخشى كۆرۈندۇق .ئەمليەتتەھەقىقى  خەنزۇچە ،ماتىماتكىدىن ئىمتىھان ئالسا  بىر سىنىپتا بىر ياكى ئىككىسى ئۆتىدۇ.تەتىل تاپشۇرۇقىنى    %  90پىرسەنتتىن يۇقىرى ئوقۇغۇچى ئىشلىيەلمەي كىلىدۇ. بۇنى يۇقىردىكى بىزنىڭ رەھبەرلەر ئوبدان بىلىدۇ . مەن بۇيىل مەكتىتكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇش تىل سىنىپدا تەبي پەن ئىمتھاندا ئىككىدىن ئۈچكىچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆتكەنلىگىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. بۇنداق ئەملىي مىساللار بەك كۆپ.

maxal20 2010-11-25 00:20
بىزنىڭ قومۇلدا قوش تىلنى بەك بۇرۇن ئوموملاشتۇرغانمۇ نېمە؟ قوش تىللىقتىكى ساۋاقداشلىرىم ئالامەت نومۇرلارنىڭ گېپىنى قىلىدىغۇ؟ راستىنى ئېيتسام مەن ئاخىرقى قارار قوش تىل بولمىغان يىللىق ئوقۇغۇچىسى.... ھاھا، باشلانغۇچتا،    

بىزدىن كېيىنكىلەر قوش تىل ئىدى...... مەكتەپ مۇدىرىمىز قوش تىل ئوقۇتىشى توغرىلىق سۆز قىلغاندا: بىز بۇ ئاسمىنى كەڭ دىپاڭدا..... دەپلا ھەممىنى ئاشكارلىۋەتكەن~

ئىشقىلىپ قوش تىل توغرىسىدا مەن سۆزلەپ ھاردىمغۇ ئاخىر.....

azgan 2010-11-25 01:53
ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدىكى مۇنازىرە چۇقۇم، ئىجابى تەرەپتىن بولىشى كېرەك. قانداقتۇر بىر سەلبىلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. ئېيتىڭە، سىزگە كىم خەت تۇنۇتتى؟ كىم خەت يىزىشنى ئۆگەتتى؟ كىم سىزنى مۇشۇنداق چاڭلىداپ سۆزلەيدىغان قىلدى؟ كىم سىزنىڭ يۇمران قەلبىڭىزگە، ئىلىم نۇرلىرىنى چاچتى؟ كىم ھەققەتىنى تۇنۇتۇپ، ئادەمگەرچلىك يولىنى ئۆگەتتى؟ كىم قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتتى؟ كىم يوللىرىڭىزغا مەشئەل بولدى؟ كىم شام چىراقتەك ياندى؟ ...
توردىشىمىز يانارنىڭ يوللىغان ئەسىرى ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. سىزنىڭ ئەجىر - مىھنەتلىك ئەمگىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ، ئەسەرگە ئويلىنىپ ئىنكاس يىزشىنى سورايمەن.  

tilakdax 2010-11-25 11:49
"يانار"ئەپەندى ،مىنىڭچە سىزدە پىسخىك مەسىلىسى بار ئىكەن ،سىز بەلكىم ئۆزىڭىز ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ ئومومىي كارتىنىسىنى يۇزە كوزىتىپسىز ،يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ كوزۇتۇپ بېقىڭ .كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە جان تىكىپ مىللەت مائارىپى ئوچۇن ئىشلەۋاتىدۇ.باشقۇرغۇچىلار غا كەلسەك ،جاھان مۇنداق كىتىۋەرمەيدۇ دىگەن ھىكىمەتكە ئاساسەن ئۆزىڭىزگە ئۈمىت ئاتا قىلىپ بورۇنقىدەك ئىشلەۋىرىڭ،ھەرگىز باتنىماڭ ،مائارىپتىكى باتناش ياش -ئوسمۇرلىرىمىزگە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.

yanar 2010-11-25 15:46
نەقىل
بۇ 18قەۋەتتىكىtilakdax يوللىغان 2010-11-25 11:49 غا قارتىلغان  :
"يانار"ئەپەندى ،مىنىڭچە سىزدە پىسخىك مەسىلىسى بار ئىكەن ،سىز بەلكىم ئۆزىڭىز ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ ئومومىي كارتىنىسىنى يۇزە كوزىتىپسىز ،يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ كوزۇتۇپ بېقىڭ .كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە جان تىكىپ مىللەت مائارىپى ئوچۇن ئىشلەۋاتىدۇ.باشقۇرغۇچىلار غا كەلسەك ،جاھان مۇنداق كىتىۋەرمەيدۇ دىگەن ھىكىمەتكە ئاساسەن ئۆزىڭىزگە ئۈمىت ئاتا قىلىپ بورۇنقىدەك ئىشلەۋىرىڭ،ھەرگىز باتنىماڭ ،مائارىپتىكى باتناش ياش -ئوسمۇرلىرىمىزگە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.

كەچۈرۈڭ ئەپەندىم. سىز بەلكىم مائارىپ ساھەسىدە ئىشلەيدىغانسىز ياكى ئىشلىمەيدىغانسىز، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. لېكىن مېنىڭ مۇنبەدە ئوتتۇرىغا قويغانلىرىم ھەقىقەتەن ئەتراپىمىزدا بار ھەم جىددىي تۈزەتمىسەك بولمايدىغان مەسىلىلەر. مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ كارتىنىسىلا ئەمەس، ھازىر ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسىمى. ئەسكەرتىشىتە دەپ ئۆتكەن ئىدىم، مەكتەپلەردە ياخشى نەتىجە بىلەن ياخشى تەرەپ يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بەش قول تەڭ بولمىغانغا ئوخشاش بىر جاينىڭ مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بىلەن يەنە بىر جاينىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ئوخشىمايدۇ. دەرس مۇنبىرىدە ۋە مەكتەپنىڭ باشقا بۆلۈم-ئىشخانىلىرىدا جان كۆيدۈرۈپ، ئەستائىدىل خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرى ۋە مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ كاللىسى ئىسلاھ قىلىنمىسا ئەھۋال يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ-دە، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدىغانلار چەتكە قېقىلىپ، ياخشىلارغا كۈن يوق بولۇپ قالىدۇ، خىزمەت خوشياقمايدىغان ياكى خىزمەتتىن سەسكىنىدىغان پاسسىپ روھى ھالەت شەكىللىنىپ قالسا مائارىپتا زور چېكىنىش بولىدۇ. بىز مائارىپ قانۇنىنىڭ ھەم ۋىجدان ئالدىدا جاۋاپكار بولۇپ قالساق بولمايدۇ. دۆلەت مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا غايەت زور مەبلەغلەرنى سېلىپ «مەكتەپ» ئېتى بارنىڭ ھەممىسىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن كۆز يۇمغۇسىز ھەقىقەت ۋە زور قوللاش، مەدەتلەر بولۇۋاتقان تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتتە، بۇ ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزۈتىمىزمۇ ياكى مۇشۇنداق كېتىۋىرەمدۇ دېگەن مەقسەتتە مۇنازىرە قىلىپ بېقىشقا سۇنغان ئىدىم.
ھۆرمەتلىك «تىلەكداش» ئاتلىق ئەپەندىم:
      ناۋادا سىزمۇ كېچە-كۈندۈز، ھېيىت-بايرام، تەتىل-دەم ئېلىشلار يوق ھالدا دەرسىڭىزنى قويۇپ، ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ئارخىپ، قەغەز دۆۋىسىدە يۈرگەن بولسىڭىز......... ۋە ياكى كۆز ئالدىڭىزدىكى بىلىمگە ئىنتىلىپ تۇرغان، سىزنىڭ دەرسكە ۋاقتىدا كىرىپ دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ خاتىرجەم سۆزلىشىڭىزنى، دەرسلىك كىتاپلارنى تۈگىتىپ، خۇشال-خۇرام تەكرار قىلىشقا تەشنا بولغان، قەلبىگە زور ئازرۇ-ئارمانلارنى پۈككەن ئۆسمۈرلەرنى ئويلىغان بولسىڭىز   ئاندىن ئاشۇنداق مۇھىتتا تۇرغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى ئازىراق چۈشەنگەن ۋە بۇ تېمىنى يازغان ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە بار ئىكەن دېگەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئالىملارچە» پەرىزىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويمايتتىڭىز. بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار چارچىدى، ھاردى، ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئىنسان. گەرچە بىر قىسىم تەييارتاپ، نانقېپى، مۇئاش ئېلىشنىڭ كۇيىغا كىرىۋالغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مەۋجۈت بولسىمۇ ئەمما ئۇنداقلار يەنىلا ئاز ساندا.
شۇڭا شۇنداق خىتاپ قىلىش كېرەككى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۈيۈنىشكە، ئاسىراشقا، قەدىرلىنىشكە ۋە قوغدىلىشقا مۇھتاج.  ياشىسۇن ئوقۇتقۇچىلار!

kilyang 2010-11-25 17:42
نەقىل
بۇ 6قەۋەتتىكىzakira يوللىغان 2010-11-23 21:28 غا قارتىلغان  :
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھەممىمىز ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىزنى تۈگىتىپ مانا نورمال خىزمەتلىرىمىزگە چۈشۈپ كەتتۇق ، شۇ قاتاردا yanarئەپەندىنىڭ بۇ مۇنازىرە تېمىسىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز . خوش؛  yanar  ئەپەندى ياخشىمۇ سىز ! سىزنى مۇنبەر يۈزىدە كۆرمىگىلى خېلى ئۇزۇن بوپتۇ ،ئۆتكەندە سىز بۇ تېمىنىڭ  كىچىكرەك دائىرسىنى يوللىغانتىڭىز  مەن ئوقۇپ ، ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىگەچ خېلى ئاچچىق ئىنكاس يازغانتىم بەلكىم ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتكەندۇ ،چۈنكى ئۇ تېمىڭىز كېيىنكى كۈنىلا مۇنبەردىن ئۆچۈرۈلۈپتۇ .  زادى كىم ئۆچۈرگەندۇ ؟ دەپ بەكلا ئەپسوسلانغان ئىدىم شۇ تېمىڭىزدىمۇ يۇقىرقىدەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجوتلىقىنى بايان قىلىپتىكەنسىز ،  مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىمنى ھەم كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمنى قويغانتىم . ئەمدى بۇ تېمىڭىز نادىر تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ بەكلا خوش بولدۇم . مۇنبەردە ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىشىنى  ئۇلۇق باشقۇرغۇچىلاردىن تىلەيمەن !
       رىۋايەت؛ بىر دېھقان بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن مۇنازىرلىشىپ قاپتۇ ، دېھقان دەپتۇ ؛ مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا شۇ بالىلارغا بىر كۈن دەرس ئۆتەي ،سەن بېرىپ مېنىڭ يېرىمنى سۇغارغىن دەپتۇ . ئوقۇتقۇچى ؛ياق بولمايدۇ ،يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلايلى ! سەن بېرىپ يېرىڭنى سۇغارغىن ، مەن بېرىپ دەرسىمنى ئۆتەي دەپتۇ ، دېھقان زادىلا ئۇنىماي تۇرىۋالغاچ  ئوقۇتقۇچى بېرىپ دېھقاننىڭ يېرىنى سوغۇرۇپتۇ . دېھقان زور ئىشەنچ بىلەن سىنىپقا كىرىپتۇ دە ئوقۇغۇچىلارغا ؛ مەن بۈگۈن سىلەرگە دەرس ئۆتىمەن دەپلا يەر تېرىشتىن باشلاپ ھوسول ئالغۇچە ، يەر سۇغارغىچە بولغان ھەممە ئىشنى سۆزلەپتۇ . 40مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ھەممىنى سۆزلەپ تۈگۈتۈپتۇ . ئاخىرىدا نىمە سۆزلەشنى بىلەلمەي،ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىلمۇ -خىل سۇئاللىرىغا  جاۋاپ بېرەلمەي قالغان دېھقان ۋاي بولدى ، بېرىپ يېرىمنى سۇغىراي ئوقۇتقۇچى يەنىلا دەرسنى ئۆتسۇن دەپتۇ .
     بەلكىم سىز بۇ قىسقىغىنە جەرياندىن مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولدىڭىز .
    مەن بۇ ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندىن بۇيان مائارىپ توغرىسىدا  مۇنبەردە بىرنەچچە تېمىلارنى ئوقۇدۇم ھەم ئىنكاسلارنى يازدىم ، ئۆزەممۇ بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ھەم سىنىپ مۇدىرى بولغاچ ئەشۇ تېمىلاردىكى ۋەقەلەرگە چىداپ تۇرالماي ، < 21-ئەسىردىكى سىنىپ مۇدىرلىرى > دىگەن ماقالەمنى يازدىم . تەپەككۇرى كۈچلۈك بولغان مۇنبەرداشلىرىم ئوقۇپ ياخشى پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىپتۇ ، بەك خوش بولدۇم .
     دۇنيادا 100% ئالتۇن بولمىغىنىدەك مۇكەممەل ، ھەممىدە كامالەتكە يەتكەن ئادەممۇ بولمايدىكەن . پەقەت بىزنى ياراتقۇچىمىزلا ھەممىگە قادىر ! مەن بۇنداق دىيىش  ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتقان خاتالىقلارغا ئىزچىل يول قويۇش كېرەك دىمەكچى ئەمەسمەن ، 21- ئەسىرنى بىز رىقابەتكە تولغان دەۋىر ،ئىلىم -پەن دىۋىرى دەپ  بار كۈچىمىز بىلەن  توۋلاپ كېلىۋاتىمىز ، ئۇنداقتا بۇ نوقتىنى زادى قەيەردىن باشلاش كېرەك ؟ مانا بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ،    < ئۇرۇشتا مەغلوپ بولغان مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشقا بولىدۇ ، مائارىپتا مەغلوپ بولغان مىللەتنى ھەرگىزمۇ قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ > بۇ ھەقىقەتقۇ ، ئەجىبا ئەشۇنداق لاياقەتسىز مەكتەپ مۇدىرلىرى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەسما ؟ ئىشخانىسىغا كىرىپ بېقىڭ  بۇ  خەتلەر چوڭ جازىغا ئېلىنغاندۇ بەلكىم ، ئۆتكەندىكى تېمىڭىزدا دەپ ئۆتكەندەكلا يىل ئاخىرىدىكى مۇدىرلارنى باھالاش يېقىنلاشقانسېرى ئۇلار يۇمشاپ لەمپۇڭدەك بوپ كېتىدۇ دىگەن قۇرلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئاچچىق كۈلۈپ كەتكەنتىم ، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىمۇ مۇدىر شۇجىلىرىمىز بار ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئارىلىق يوق دىيەرلىك ، خىزمەت ۋاقتى بىلەن خىزمەتتىن چۈشكەن ۋاقىتنىڭ پەرقى بولىشى كېرەكقۇ ، بىزنىڭ مەكتەپنى ئېلىپ ئېيتساممۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىرىنى قەرەللىك ئاڭلاپ تۇرىدۇ ،شۇنداق كىچىك پېئىل ،قىزىقچى يۇمۇرىستىك ، بىزمۇ مۇدىرلارنى كۆرگەندە ھۆرمەت يۈزىسىدىن سالاملىشىپ ئۆتىمىز ھەرگىزمۇ يۇقۇرى تۆۋەنلىك پەرق ھېس قىلمايمىز ، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دەسرى ھەم سىنىپلىرىمۇ بار تېخى بىزگە ئوخشاشلا ئىشلەيدۇ ،خالىغانچە مۇئاشىدىن تۇتىدىغان ئىشلار ھەرگىزمۇ يوق ،خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىدىغان ئوقۇتقۇچىغۇ ئەسلا يوق مەن بۇ تارىخىمدا ئۇنداق ئوقۇتقۇچىنىمۇ مەكتەپتە كۆرۈپ باقماپتىمەن ، مەكتەپ ئالدىدا چوڭ ۋېۋىسكا ئېسىقلىق ئىستۇتەكسىز مەكتەپ دەپ ، مەكتەپ ئىچىدە مەيلى ئوقۇتقۇچى ياكى سىرتتىن كىرگەن ئادەم بولسۇن ھېچكىم تاماكا چەكمەيدۇ . ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پورمىسىنى كىيىمىز ،گەرچە خەنزۇلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ مىللى ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىزنى كۆرگەن ھامان < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىز مۇئەللىم > دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ . مانا بۇ ھەقىقىي ئىھۋال .لېكىن بىرمۇ ساقتا ئوقۇتقۇچىغا يول قويمايدۇ تۈزۈملەر ئېنىق ، مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بارلىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ھەممىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ بېكىتىدۇ .
.......

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى بۈگۈنكى ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ؟  سىزمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ ؟؟؟؟؟  ئۇنداقتا  ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز گىپىمنى پىكىرىمنى ياخشى ئوقۇڭ !!!!   ئاندىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئاتا - ئانىلىق رولى بارمۇ يوق ؟ كىچىك بالا مەكتەپتە نېمە ئىشلارنى دورايدۇ ؟؟؟؟ نېمە ئىشلارنى ئۈگۈنىدۇ ؟ ئويلاپ ئاندىن قايىل بولمىسىڭىز ..................................... چ چ 1395898567 قانداق ھە......ي     .....................

zakira 2010-11-26 01:39
نەقىل
بۇ 20قەۋەتتىكىkilyang يوللىغان 2010-11-25 17:42 غا قارتىلغان  :

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى بۈگۈنكى ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ؟  سىزمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ ؟؟؟؟؟  ئۇنداقتا  ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز گىپىمنى پىكىرىمنى ياخشى ئوقۇڭ !!!!   ئاندىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئاتا - ئانىلىق رولى بارمۇ يوق ؟ كىچىك بالا مەكتەپتە نېمە ئىشلارنى دورايدۇ ؟؟؟؟ نېمە ئىشلارنى ئۈگۈنىدۇ ؟ ئويلاپ ئاندىن قايىل بولمىسىڭىز ..................................... چ چ 1395898567 قانداق ھە......ي     ..................... [url=/job.php?action=topost&tid=6901&pid=57363][/url
                        [ color]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!   قېرىندىشىم مەن ئۆزىنى ۋە بارلىقىنى مىللەتنىڭ ئاۋلادلىرىغا بېغىشلىغان خېلى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى . سىزنىڭ بۇ تەنە ئارلاش ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈندەش ھەم سۇئال چېكىتلىرىڭىزنى چۈشەندىم . سىز چ چ نۇمىرىڭىزنى ماڭا قايتا ئەسكەرتمىسىڭىزمۇ مەن ئاللىقاچان سىزگە قىسقا ئۇچۇرمۇ قىلىپ بولغانتىم ،  قېرىندىشىم سىز كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستازلىرىمىزنى ئالدىن ئەسكەرتىپ ئۆتمىگەن بولسىڭىزمۇ ، مەن  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىللىتى، ۋەتىنى ئۈچۈن ئىلىم -بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان يول باشچىلىرىمىزنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بىلىمەن . نەشتىرىڭىزنى ئاز-ساندىكى  بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا قاراتقان بولسىڭىزمۇ  پسخىكا نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، سىز يەنىلا ئۇسولغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك . ئەجىبا سىز  خاتالىق ئۆتكۈزگەن بىر ئادەمگە نىسبەتەن  ئۇنى ئالدىدا جان ئاچچىقىڭىزنى چېقىرىش ئۈچۈن  يۈزىگە بىر شاپىلاق ئۇرىۋېتىپ ئاندىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ياخشى ئىشلىرىنى ئەسكەرتەمسىز ؟ ياكى بولمىسا  ئۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدىنلا ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ بولۇپ ئاندىن خاتالىقلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى لېكىن تۈزەتسىلا ئۇنىڭ يەنىلا ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى دەمسىز ؟ مانا بۇ سىزنىڭ بۇ تېمىغا قارىتا يازغان ئىنكاسىڭىزدىكى كەتكۈزۈپ قويغان تەرىپىڭىز . ھازىرقى مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم- كىچەكلىرى بىر خىل بولۇپ كەتتى ، ئەجىبا سىز دىگەن ئەشۇ مەكتەپتىكى كىيىنىشى يا ئوقۇتقۇچىغا ئوخشىمايدىغانلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى نىمە ئىش قىلىدىكەن ؟  ئۆزى مەكتەپ فورمىسىنى كەيمىگەن ئوقۇتقۇچى  ،    ئوقۇغۇچىلارغا  مەكتەپ  فورمىسىنى كەيدۈرەلەمدىكەن ؟ yanarئەپەندىمۇ دەل شۇنداق لاياقەتسىز مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ كاساپىتىدىن سىز دىگەندەك ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىۋاتىدۇ .  ئوقۇتقۇچىمۇ ئاتا -ئانا ،ئۇلار قانداقتۇر باشقا بىرى ئەمەس ،مەنمۇ  ئائىلىدە بىر  ئانا  ، مەكتەپتە بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى . سىز بۇ سۇئالنى سوراش ئارقىلىق نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟  سەبىي كىچىك پەرىشتىلەر ، ئائىلىدە ئەدەپ-ئەخلاق شەرمىي ھايانى ،ئېسىل ئەنئەنىلەرنى ،ئۆرۈپ ئادەتلەرنى ئۆگەنسە ،مەكتەپتە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ، نىمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى ،كىملىك ۋە ئۆزلۈك قارىشى دىگەنگە ئوخشاش تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ ماڭغان چەكسىز بىلىم ئۆگۈنىدۇ . سىزگە بىر مىسالنى ئېلىپ بېرەي ، < ھەقىقىي بولغان ئىش ؛  ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن قىز ، بىر كۈنى تازلىق ئۆيىگە كىرىپ ،تازلىق قەغىزىنى چىرايلىق قاتلاپ كوسارنىڭ ئىچىگە قويۇپ ئاندىن ئاشخانا ئۆيىدە تاماق ئېتىۋاتقان ئاپىسىنىڭ يېنىغا چىقىپ ؛ئاپا ! ئاپا ! ماڭا قالاڭا مەن سىزنى دولاپ قويىۋالدىم دەپتۇ ، تاماق يېيىشكە تەييارلانغان چوڭلارمۇ بار ئىكەندۇق ،بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئانا نىمە قىلىشىنى بىلمەيلا قاپتۇ . > قاراڭ قېرىندىشىم  كېچىك بالا كىمدىن نىمىنى ئۆگۈنىدىكەن ؟ ئەجىبا بۇ ئىشلارنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۆگۈنەمدۇ؟ سىزگە دىسەم ھازىر بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار بالىسىنى كىچىك كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ھەر خىل ئىشلارنى قىلىدىكەن ، بەزىلىرى بىللە مۇنچىغا چۈشىدىكەن ، شۇنداق بولسا بىزنىڭ مىللىتىمىزدىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز پەتە-شەپىلىرىمىز ،ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز نەلەرگە كەتتى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  مانا بۇلار ھەممىمىز ئەستايدىللىق بىلەن ئويلىنىدىغان مۇھىم ئىشلار! [/

yarix 2010-11-26 01:49
مەن[زاكىرە] خانىمنىڭ پىكرىنى ھازىرچە قوللايمەن ،بىراق [يانار ]ئەپەندىمنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكرىگە مەن بىر نەچچە كۇندىن كىيىن جاۋاپ بېرىمەن، چۇنكى مۇئارىپ مەسىلسى دىيارىمىزدا مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالدى،بۇرۇن بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىش تەس ئەمەستى قوش تىل تەكىتلىنىۋاتقان ھازىرقى مۇشۇ جەميەتتە بۇ مەسىلىگە يىنىكلىك بىلەن جاۋاپ بېرىشقا بولمايدۇ،منىڭ بىلىشىمچە ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرلىرى،سېكرىتار باشلىقلىرىغا يۇقۇردىن بولغان بېسىم قاتتىق ھەتتا بىر قىسىم تالانتلىق ئوتتۇرا ياش پىشقەدەم ئوقۇتچىلارغىمۇ بېسىم قاتتىق،ھەرقانداق ئەقىللىق مۇئارىپ خادىملىرى بەكرەك بىلىشى مۇمكىن،مىنىڭچە[يانار]ئەپەندىم سىز ئالدى بىلەن خەنزۇچە ئوقۇپ كېيىن ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ئوخشايسىز،شۇڭا ئوزىڭىزدىن بىر خىل بىزارلىق بار ئوخشايدۇ،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟قالغىنىنى ئوزىڭىىز ئاستا-ئاستا بىلىۋىلىڭ ،لىكىن سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكرىڭىزگە مەن چوقۇم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىمەن.

gulxan 2010-11-26 02:08
بۇ تىما راسلا ياخشى يىزىلىپتۇ بىراق بىزمۇ ئوقۇغان نىمىشقا ئەسئۇلىيەتنى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قويىمىز نىمىشقا ئوزىمىزدىن باللىرىمىزدىن كورمەيمىز  ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك بولماس

ئايتۇغ 2010-11-26 02:10
بۇ تېمىدىكى مۇنازىرەلەرنىڭ جانلىق،پاكىتلىق،ئەتراپلىق...مۇلاھىزە بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم.ھەم بۇ مۇنبەر يېقىنقى تارىخىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىنكاسلار چۈشىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.
مۇنازىرە بولغانكەن چوقۇم مۇنازىرە تۈسى بولىشى،شۇنداقلا ئىلمىي-پاكىتلىق داۋاملىشىشى كېرەك.
زاكىرەنىڭ ئىنكاسلىرىغا قايىلمەن.داۋامىغا دىققەت قىلىمەن....
يەنە بىر گەپ:مۇنازىرە مۇشۇ يەردە باشلانغانكەن مۇشۇ يەردە داۋاملىشىشى كېرەك.ئىككى ئادەم كىيۇكىيۇ قوشۇشۇپ مۇنازىرە قىلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.شۇنداقلا مۇنازىرە ئىشتىراكچىلىرىغىمۇ نەپ بېرەلمەيدۇ.

urukjan 2010-11-26 03:27
ئۇزاق مۇددەتلىك ، ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ ئاساسى-مائارىپ.
مائارىپنى گۈللەندۈرگۈچى ئەنە ئاشۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار...!
ئۇنداقتا، نوقۇل مائارىپ سېستىمىسىدىكى بەزى كەمچىللىكلەرنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىدىن كۆرۈش كېرەكمۇ ياكى مائارىپنىڭ  مەنىۋىيتىمىزنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىدىنمۇ؟

بۇ تېما ھەقىقەتەن مائارىپقا كۆڭۈل بۆلدىغان ھەر بىر يۈرەكنى سۆيۈندۈردى دەپ ئويلايمەن.

بولسا، چ چ بىلەن مۇنازىرلەشمەي، ئاشۇ يۈرەك سۆزلىرىڭلارنى مۇشۇ  يەردىلا  ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتسەڭلار..
بىلمىگەننى بىلۋالساق، تېخىمۇ مول مەزمۇنلار بىلەن ئورتاقلاشساق.

yanar 2010-11-26 11:14
زاكىرە ياخشىمۇ سىز. سىزگە توردا ئۇچۇر يوللىسام ئۇچۇر ماڭمايۋاتىدۇ. شۇڭا چ چ نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قوياي. چ چ: 1029505628
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەپ: YANAR

er^tugh 2010-11-26 14:07
گەرچە مەن ئوقۇتقۇچى ياكى ئالىي مەلۇماتلىق بىرى بولمىساممۇ ، تېما ۋە تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى زېرىكمەي بىرمۇ - بىر ئوقۇپ چېقتىم . چۈنكى ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلە نوقۇل ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقوغۇچىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس ، بەلكى بىر پۈتۈن قەۋمنىڭ ئورتاق مەسىلىسىدۇر .
ئاساسەن ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە يارىشا كۆز -قاراش ، تەكلىپ - پىكىرلىرى بار ئىكەن . مائارىپ مەلۇم بىر بىلىمنىڭ سېستىمىلىق شەكىلدە ئۆزلىشىشىپ ، تەتبىقلىنىشىغا ياردەم بەرگۈچى ۋاستە خالاس . شۇڭا مائارىپ نېمىنى نىشان قىلسا ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھەممە شۇ بويىچە دەۋىر قىلىدۇ . ھەر بىر مىللەتنىڭ تارىختىن تارتىپ ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ كەلگەن مائارىپ نىشانى ۋە ئۇنىڭ لايىقىدا سېستىمىسى بولىدۇ . بۇلار شۇ مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە قارىتا ، ماس ھالدا بارلىققا كىلىدۇ . شۇڭا مائارىپ ۋە ئۇنىڭ يادرولۇق ئەزارلىرى (ئوقۇتقۇچىلار) ئەسلىيلىكىنى تاپقاندا ياكى دەۋىر تەلىپىگە ماس مىللىيچە مائارىپ سېستىمىسىدىن بەك چەتنىمىگەن ئاساستا ، تېز ئىلگىرلىگەندىلا ، مائارىپىمىزدىكى بەزى بىر كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئاز -تولا مەلھەم بولارمىكىن  دەپ ئويلايمەن .
تېما ئىگىسى يارقىن ئەپەندىم . مۇنازىرە قىلىپ باقايلى دەپ كۆپلۈككە چاقىرىق قىلىپ ، شەخسىكە چ چ نۇمرىڭىزنى ئىما قىلغىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم ...مۇنازىرىنى مۇشۇ يەردە دېيشىپ باقساڭلار ، پايدىلىنىپ قالساق دىگەن ئۈمىدتە . رەھمەت .

zakira 2010-11-26 14:54
نەقىل
بۇ 26قەۋەتتىكىyanar يوللىغان 2010-11-26 11:14 غا قارتىلغان بۇ 6 قەۋەتتىكى   (zakira) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان :
زاكىرە ياخشىمۇ سىز. سىزگە توردا ئۇچۇر يوللىسام ئۇچۇر ماڭمايۋاتىدۇ. شۇڭا چ چ نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قوياي. چ چ: 1029505628
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەپ: YANAR

ياخشىمۇ سىز ! مەنمۇ مۇنبەرداشلار دىگەندەكلا چوڭ مەيدان بولغان ،مۇشۇ مۇنبەر يۈزىدە ھەيقايسى مۇنبەرداشلار بىلەن بىللە مۇنازىر قىلىشنى خالايمەن قېرىندىشىم !!! قېنى پىكىرداشلار كىملەر بار !

koxbomak 2010-11-26 16:40
ئوقۇتقۇچى-ئېنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى.ئالىم،مۇتتەپپەككۈر،دىپلۇمات،ھھەربى،دوختۇرلارنىڭ ھەممىسىنى يىتىشتۈرگەنمۇ يەنە شۇ ئوقۇتقۇچىدۇر.توخسۇن ناھىسىدە ئەنە شۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنى بويىچە رىقابەتكە چاقىرماقتا.شۇنداق بۇ دەۋىرنىڭ چاقىرىقى لېكىن بۇ چاقىرىققا ھەممە ئوقۇتقۇچى ئاۋاز قوشارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

zakira 2010-11-26 16:58
نەقىل
بۇ 29قەۋەتتىكىkoxbomak يوللىغان 2010-11-26 16:40 غا قارتىلغان  :
ئوقۇتقۇچى-ئېنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى.ئالىم،مۇتتەپپەككۈر،دىپلۇمات،ھھەربى،دوختۇرلارنىڭ ھەممىسىنى يىتىشتۈرگەنمۇ يەنە شۇ ئوقۇتقۇچىدۇر.توخسۇن ناھىسىدە ئەنە شۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنى بويىچە رىقابەتكە چاقىرماقتا.شۇنداق بۇ دەۋىرنىڭ چاقىرىقى لېكىن بۇ چاقىرىققا ھەممە ئوقۇتقۇچى ئاۋاز قوشارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

      قېرىندىشىم  سىز خېلى تەپسىلى بىلەمسىز قانداق ؟ بىزمۇ  تەپسىلاتىدىن خەۋەر تاپساق ئاندىن پىكىرىمىزنى بەرمەمدۇق !

kilyang 2010-11-26 22:23
ھەممىسى ياخشى بولۇپتۇ !  قىنى ھەممەيلەن مۇنازىرە قىلايلى

zakira 2010-11-27 11:23
kilyang
  ياخشىمۇ سىز ! ئالدىراش بوپ قالمىغانسىز ھە ؟ قەلەم تولپارىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن  قېرىندىشىم .

0991sumruh 2010-11-27 16:46
بۇ تېمىنى ئىنكاسلىرىغىچە ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم،گەرچە بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر مائارىپىمىزدىكى ئومومىيۈزلۈك ھادىسىلەر بولمىسىمۇ ئەمما يوق ئەمەس. مەن بىر يېرىم يىل بولدى ئاساسىي قاتلام مائارىپىدا ئىشلەۋاتقىلى،بۇ يەردىكى ئىشلار ھەقىقەتەن تېمىدا دىيىلگەن ئىشلارنىڭ دەل ئۆزى!مەن ھەتتا ئاپتورنى مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىكى بىرەر ئوقۇتقۇچىمىدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. مەسىلە ھەقىقەتەن ئېغىر.بۇ يەردە خۇددى  تۇزۇم يوقتەكلا،مەكتەپ خۇددى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ شەخسى مەكتىۋىدەك دېگىنى دېگەن ،قىلغىنى قىلغان ئىكەن.ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار تۈزۈم بىلەن ئەمەس،بىرنەچچە رەھبەرلەرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن باشقۇرۇلىدىكەن. مېنى ھەممىدىن بەك ئەپسۇسلاندۇردىغىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىن باشقا بارلىق ئىشلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم سىياسى ئىشلار قاتارىغاقۇيۇلۇپ چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ ،ئوقۇتۇشنىڭ بولسا بولا-بولماس ئىشلىنىپ شەكىلگىلا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى!
ئەمما مېنىڭ ئۇرۇمچىدىكى مەكتىۋىمدە ئۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت ئەمەس.ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەڭ مۇھىم خىزمەت ! ئەھۋال ئاساسەن زاكىرە خانىم بايان قىلغاندەك. مەن بۇ يەردە بايان قىلىپ ئولتۇرماي.
ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ئىلمى ،پاكىتلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

kilyang 2010-11-29 00:44
نەقىل
بۇ 33قەۋەتتىكى0991sumruh يوللىغان 2010-11-27 16:46 غا قارتىلغان  :
بۇ تېمىنى ئىنكاسلىرىغىچە ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم،گەرچە بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر مائارىپىمىزدىكى ئومومىيۈزلۈك ھادىسىلەر بولمىسىمۇ ئەمما يوق ئەمەس. مەن بىر يېرىم يىل بولدى ئاساسىي قاتلام مائارىپىدا ئىشلەۋاتقىلى،بۇ يەردىكى ئىشلار ھەقىقەتەن تېمىدا دىيىلگەن ئىشلارنىڭ دەل ئۆزى!مەن ھەتتا ئاپتورنى مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىكى بىرەر ئوقۇتقۇچىمىدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. مەسىلە ھەقىقەتەن ئېغىر.بۇ يەردە خۇددى  تۇزۇم يوقتەكلا،مەكتەپ خۇددى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ شەخسى مەكتىۋىدەك دېگىنى دېگەن ،قىلغىنى قىلغان ئىكەن.ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار تۈزۈم بىلەن ئەمەس،بىرنەچچە رەھبەرلەرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن باشقۇرۇلىدىكەن. مېنى ھەممىدىن بەك ئەپسۇسلاندۇردىغىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىن باشقا بارلىق ئىشلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم سىياسى ئىشلار قاتارىغاقۇيۇلۇپ چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ ،ئوقۇتۇشنىڭ بولسا بولا-بولماس ئىشلىنىپ شەكىلگىلا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى!
ئەمما مېنىڭ ئۇرۇمچىدىكى مەكتىۋىمدە ئۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت ئەمەس.ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەڭ مۇھىم خىزمەت ! ئەھۋال ئاساسەن زاكىرە خانىم بايان قىلغاندەك. مەن بۇ يەردە بايان قىلىپ ئولتۇرماي.
ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ئىلمى ،پاكىتلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئەمما مېنىڭ ئۇرۇمچىدىكى مەكتىۋىمدە ئۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت ئەمەس.ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەڭ مۇھىم خىزمەت ! ئەھۋال ئاساسەن زاكىرە خانىم بايان قىلغاندەك. مەن بۇ يەردە بايان قىلىپ ئولتۇرماي.
ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ئىلمى ،پاكىتلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ئۇرۇمچدە ............... بۇنداق ئەمەس .................ھەممىنىڭ باشلامچىسى   ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇنىڭن سىرتىدا ،،،،،،،،،،،،،،، چۈشەندىڭىزمۇ ؟

koxbomak 2010-11-29 10:46
ئوقۇتقۇچىدا نىمە گۇناھ بولسۇن،ئۇلارنىڭ  تارتقان جاپاسىغا يارىشا نە كۆڭۈل ئارامى نە ئىقتىسادىي مۇكاپات بولسۇن دەيسىز؟ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ئەنە ئەشۇ سەبىي بالىلار خالاس.  

eken 2010-11-29 20:22
بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ئۇنداق ئەمەس .500مىڭدىن كۆپرەك نۇپۇسى بار بۇ ناھىيمىزدە ئەڭ جاپا تارتىدىغىنى ئوقۇتقۇچىلار .بۇلۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى.ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپقا 2دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى توغرا كىلىدۇ،يېراق يېزا قىشلاقلاردىمۇ شۇنداق.بىراق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاساسەن 1سىنىپقا 1دىن ئوقۇتقۇچى توغرا كىلىدۇ.ئوقۇتقۇچى كەم بولغاچقا بەزى سىنىپلاردا 60تەك ئوقۇغۇچى بىر سىنىپتا ئوقۇشقا مەجبۇر.مەن ئىشلەيدىغان مەكتەپتە 269نەپەرئوقۇغۇچى 9نەپەر ئوقۇتقۇچى بار . مىنى ئىلىپ ئېيىتسام قوش تىل بولغان بىر سىنىپقا ئۈزۈم يالغۇز دەرس بىرىمەن .دەرس تەييارلاش ،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ۋە خىلمۇخىل قۇشۇمچە خىزمەتلەر مىنى بەك  زىرىكتۈردى...  ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۈرۈمچىدەك،قارمايدەك تەرەققى قىلغان رايۇنلار بىلەن ئوخشاش ،چەت ناھىيە ،يېزا-قىشلاقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلەشتۈرشىمۇ تەس .ئوقۇغۇچىلار ئۈيىگەقايتىسا بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى تۇلۇق ئىشلەپ بۇلالمايدۇ. قېرىنداشلار ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ جاپاسىنى توغرا چۈشەنسەك!

kilyang 2010-12-04 16:03
قىنى  يەنىمۇ تەپەككۇر قىلىپ باقايلى ! شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچىلار  دىگەن كۆپقۇ !
  بۇنىمۇ كۆرۇپ قويۇڭلار  ئەمىسە  http://www.21-asir.com/vis.asp?adid=1394

yanar 2010-12-04 16:23
نەقىل
بۇ 37قەۋەتتىكىkilyang يوللىغان 2010-12-04 16:03 غا قارتىلغان  :
قىنى  يەنىمۇ تەپەككۇر قىلىپ باقايلى ! شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچىلار  دىگەن كۆپقۇ !
  بۇنىمۇ كۆرۇپ قويۇڭلار  ئەمىسە  http://www.21-asir.com/vis.asp?adid=1394

كىلىياڭ ئەپەندىم، سىز نېمە دېمەكچى؟ بۇ دېگەن مۇنازىرە مۇنبىرى تۇرسا. ئەمدى سىز مۇنازىرىدىن چەتنەپ ئۆزىڭىز  بەرگەن بىر ئېلاننى ئۇلىنىش قىلىپ قالدۇرۇپ قويغىنىڭىز نېمىسى؟

er^tugh 2010-12-04 16:49
نەقىل
بۇ 35قەۋەتتىكىkoxbomak يوللىغان 2010-11-29 10:46 غا قارتىلغان :
ئوقۇتقۇچىدا نىمە گۇناھ بولسۇن،ئۇلارنىڭ  تارتقان جاپاسىغا يارىشا نە كۆڭۈل ئارامى نە ئىقتىسادىي مۇكاپات بولسۇن دەيسىز؟ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ئەنە ئەشۇ سەبىي بالىلار خالاس.  
  
«مەرىپەت سۆيگۈچى ھەرگىز مال -دۇنياغا ھېرسىلىق قىلمايدۇ » -بوۋام... مەھمۇد قەشقىرى . 
ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنىڭ داۋاملىق پىكىر قوشۇپ تۇرىشىنى ساقلاۋاتىمىز

zakira 2010-12-04 17:40
نەقىل
بۇ 37قەۋەتتىكىkilyang يوللىغان 2010-12-04 16:03 غا قارتىلغان  :
قىنى  يەنىمۇ تەپەككۇر قىلىپ باقايلى ! شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچىلار  دىگەن كۆپقۇ !
  بۇنىمۇ كۆرۇپ قويۇڭلار  ئەمىسە  http://www.21-asir.com/vis.asp?adid=1394

  سىز قىلىدىغان ئىش تاپالماي بۇ ئېلانىڭىزنى سۆرەپ يۈرەمسىز ....... مۇنازىرە تەلەپلىرىنى ئورۇنلاپ بولالمىغاندىكىن سۈكۈت قىلىڭ ......  مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ ھەممىسىگە چاپلاپ يۈرىپسىزغۇ ...

yanar 2010-12-04 17:48
كىلىياڭ ئەپەندىمنىڭ بۇ قىلغىنى بىر تېتىقسىزلىق بولدى-دە!

koxbomak 2010-12-06 10:10
توخسۇن ناھىيسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار  قانۇنلۇق توختام بويىچە ئىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

yanar 2010-12-06 12:09
نەقىل
بۇ 42قەۋەتتىكىkoxbomak يوللىغان 2010-12-06 10:10 غا قارتىلغان  :
توخسۇن ناھىيسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار  قانۇنلۇق توختام بويىچە ئىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

سىز مۇشۇ ئىنكاسنى ئىككى قېتىم يازدىڭىز، ئالدىنقى ئايدىمۇ بىر قېتىم يازغان ئىدىڭىز، سىز زادى نېمە دېمەكچى؟ بۇ گەپنى يېزىپ قويۇپلا ئارقىسىغا نۇرغۇن چېكىت قويۇۋاتىسىز، گەپلىرىڭىزنى چۈشەنمىدۇق. ئىلمىي مۇنازىرىگە قاتنىشالمىسىڭىز پۈچەك ئىنكاس يازماڭ، ياكى سىزمۇ ئابدۇكىرەم ئابلىزدەك دېمەكچى بولغانلىرىڭىزنى ئىچىڭىزدە دەۋىتىپ بارامسىز قانداق؟!

gvlsiri 2010-12-06 18:44
مەن باشلانغۇچتىن تارتىپ،ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەرقانداق ئوقۇتقۇچىمنى شۇنداق ھۆرمەت قىلىمەن،ھەتتا باشقا مىللەتتىن بولغان ئۇستازلار بولسىمۇ ھەم شۇنداق....ئۇلار دىگەن شۇنداق ئىسىل ئىنسانلار ئىدى،ھە.
  مىنىڭ ساۋاغداشلىرىمنىڭ 95% ئوقۇتقۇچى بولدى،ئەتىراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇتقىچى........خۇددىي ئاتام ئىتقاندەك:بالام ھىچ خىزمەت تاپالمىسا ،مۇئەللىم بولسىمۇ بوپ قالسۇنچۇ........شۇڭلاشقىمۇ ئوقۇتچىلار سىپى بەكلا قالايمىقانلىشىپ كەتكەندەكلا تۇيىلىدۇ.زور كوپچىلىكى ئاياللار ھەم.ھىلىقى بىر ئېلان بولىدىغانغۇ خەنزۇچە قاناللارلاردا:مودا بىرسى-بىرسىگە يۇقىدۇ،تارقىلىدۇ،دەيدىغان،خۇددى شۇنداقلا،ئايال ئوقۇتقىلار ئارىسىدا ئاجىرشىش شۇنداق ئېغىر،توۋا،شەھەرنىڭ تۈۋىدىكىلا بىر  يىزا باشلانغۇچ مەكتىۋىدە،ئۇلارنىڭ ياتىقى بولىدىغان،بۇ ياتاقلار ئاساسىي جەھەتتىن،ئاجراشقان خانىم-چوكانلار بىلەن تۇلۇپ كىتىپتىكەن بىر چاغلاردا......
  مەن ئوقۇپ يۇرگەن چاغلاردا شىنجاڭ پىداگوكا ئۈنۋىرسىتىنىڭ قىزلىرى يامان بەكمۇ شوخ،ئويۇنچى بولۇپ،داڭقى بار ئىدى،ئۇلار بەكمۇ ياسانچۇق،مودا ئىدى...ھېلىمۇ مەكتەپلەردە غەيرىي كىيىم،ئىگىز -پەس يۇرگىلى قويمايدۇ،مۇبادا يول قويىدىغان بولسا،ھايۋاناتلار باغچىسى بولۇپ قالامتىلكىن دەيمەن،توۋا........ئوقۇتقىلار ئارىسىدا"تىشى پال-پال،ئىچى غال-غال"لار بەكمۇ كوپىيىپ كىتىۋاتىدۇ،ھازىر نۇرغۇنلىرى يىزىلارغا قىچىۋاتىدۇ،سەۋەبى يىزىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى سەل تۆۋەن،شۇڭا ئۇلارغا بولغان تەلەپمۇ تۆۋەن،بىسىممۇ سەل ئاز بولارمىش...........
   مەن شەھەرنىڭ مەركىزىدىلا ئىشلىگەچكە،ئىشتىن چۈشكىچە،چىققۇچە،نۇرغۇن بازارچىلارنى كۆرىمەن.تولىسى مىنىڭ تۇنۇش مۇئەلللىملەر،بەزىدە بىز شۇيەردە تۇرۇپمۇ بىلمەيمىز پائالىيەت قىلغاننى......... مىنىڭچە،ئاشۇ ياسانغان،ئاشۇ بازار چۆگلىگەن،ئاشۇ غەيۋەت قىلغان ۋاقتلىرىدا،ئازراق بولسىمۇ،بىر نەرسە ئۆگىنىپ قويسا ھە،يامان بولارمۇ.......شۇڭىمۇ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلىرى قۇلاق كەستى چىقارمىكىن ئاتا-ئانىللىرىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىغا.........
   يەنە بىرقىسىملىرىنىڭ ئارىسىدا ھىلىقىدەك جىنىسداش مۇھاببىتى بەكمۇ ئېغىر،بۇنى دىگىلى بەكمۇ نۇمۇس قىلىمەن،بىر كۈنى بىر مەكتەپنىڭ ئىككى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئىمتىھانغا ئالدىراپ مىڭىپ،ئەمدىلا مەسچىتتىن تارىغان جاماتتتىن ئۈچنى يىنىك سوقۇپ قويۇپتۇ،شۇ ئارلىقتا تاس قاپتۇ جودا چىققىلى،ئىماما ئاران تۇسۇپ قۇيۇپتۇ،بىرسى مىنىڭ دادامكەن يارلانغىنى،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تىلفۇننى ئىلىپلا دوختۇرىانىغا باردىم،تەكشۇرتى ش بىر قاتار رەسمىيەتلەر تۈگىگەندىن كىيىن،ئۇلارمۇ مەندىن شۇنداق خو بولدى،قايتىدىغاندا،بالاڭنى مەكتەپكە كىرگۈزىدىغان،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى ئىش بولسا،مىنى ئىزلە،دىدى،مۇشۇ ئاغزىمزە،نىمىشقىمۇ دىگەندىمەن،سىلەرنىڭ مەكتەپتە مىنىڭ3-4 ساۋاغدىشىم بار دىۋىدىم،ئۇلار سورىدى،ھەي دىەىنىمگىمۇ پۇشايمان،چىقىپ كىتەي دىسەم ئاسمان يىراق،كىرىپ كىتەي دىسەم يەر قاتتىق بولدى،باشقا مىللەتنىڭ ئالدىدا نىمە دىگەن سەتچىلىك -ھە؟.....شۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى شۇنداقكەن ئەمەسمۇ ھەم ئۇنىڭدىن سىرت بىر قەنچىسىنى دىدى،تولىسىنى مەن تۇنۇيدىكەنمەن.......ئۇ مەكتەپكە بالامنى ھەرگىزمۇ بەرمەسمەن،بەرسەممۇ ھەرگىزمۇ مىللىي سىنىپقا بەرمەسمەن دىۋىتىپتىمەنغۇ........
   ھەي ئۇستازلار،ھەر مۇئەللىم ساۋاغداشلار،مۇئەللىم دوستلار،سىلەر دىگەن بىزنىڭ ئۈمۈدلىرىمىزنىڭ ئاغزىغا بىلىم سالىدىغان،قۇرلۇشنىڭ ئۇلىنى سالىدىغان ئىنژىنىرلار،جاپاكەش بۇغۇنلار،مەن سىلەردىن ئۈتىنەي،پۈتۈن ئۇيغۇلار ئۈتىنەيلى:يۇرۇش تۇرۇشىڭلار،ئاغزىڭلارغا،تۇرقىڭلارغا،تۇرمۇش ئىستىلىڭلارغا دىققەت قىلساڭلار....سىلەردىن ئۆتىنەي ھەم ئىلتىماس قىلاي............

       

gulvm 2010-12-06 21:21
        مىنىڭچە ئۇقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىشى،ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولىشى  كىرەك .ھازىر پەقەت سىز ئىمتاھاندىن ئۆتسىڭىزلا  ، ئوقۇتقۇچى بولالايسىز، بۇ خىل ئەھۋالدا  بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىدىن ئىغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس!!!!!!!!!
        ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بالىلارنىڭ ئەتىۋالىقىدا ،ئوقۇتقۇچى بولماقنىڭ  ئۆزى بىرگەپ بولۇپ قالدى.  ئوقۇتقۇچى بولۇش شەرەپلىك ،ئەمما بەك جاپالىق خىزمەت. شۇڭا مەنمۇ ئوقۇتقۇچىللىرىمنى ھۆرمەتلەيمەن.

turditohti 2010-12-09 01:26
بۇ مۇنازىرە تىمىسى ئوبدان ئوترىغا قۇيۇلۇپتۇ،مائارىپىمىزدىكى مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىپ كۈرۈپ بېقىشنىڭ ئۈزى بىر ئاقىلانىلىك.قېرىداشلار ئوخشىمىغان نوقتىدىن چىقىپ،ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوترىغا قۇيۇپتۇ،مۇنازىرىنىڭ مۇشۇنداق ئىلمىي بولغىنى ياخشى.
مائارىپىمىزدا مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ساقلىنىۋاتىدۇ،بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇقۇتقۇچى ياكى مەكتەپ رەھبەرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر ئەمەس.مەسىلىنىڭ كىلىپ چىقىشىدا نۇرغۇن سەۋەپلەر بولىدۇ.مائارىپىمىزدىكى،مەكتەپلىرىمىزدىكى مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىمۇ نۇرغۇن سەۋەپلەر بار.بۇ سەۋەپلەرنى يىغىنچاقلىساق مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى سەۋەپلەر،مەكتەپ رەھبەرلىرىدىكى سەۋەپلەر،ئۇقۇتقۇچىلاردىكى سەۋەپلەر ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سەۋەپلىرى بار.
مائارىپى تۈزۈلمىسىدىكى سەۋەپ دىگەندە مائارىپتىكى ئادىللىق ئىشقا ئاشمىغان،ئۇقۇتۇش تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشمىگەن،دەرسلەرنىڭ يەككىلىكى كۆپىيىپ،بىرىكىشچانلىغى ئاز بولغان.
مەكتەپ رەھبەرلىرىدىكى مەسىلىلەر بولسا مەكتەپنى سۇبىكتىپ ھىسىيات بۇيۇچە باشقۇرۇپ،بىيرۇگىراتلىق ۋە گۇرۇھۋالىقنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان(ئاز بىر قىسىم مەكتەپلەردە)
ئۇقۇتقۇچىلاردىكى مەسىلە دىگەندە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم يېڭلاش تۇنىشى تۇۋەن،شۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنى ئېڭىمۇ تۈۋەن بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ،يەنە قىسمەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىنى سۈيۈش قىزغىنلىغى تۈۋەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قانۇن بۇيۇچە ئۈزىنى قوغداش ھۇقۇقىدىن نەھرۇم قالغان.مەسىلەن يۇقىردىكى مۇنازىرىدە دىيىلگەن ئەھۋاللاردا نىمە ئۈچۈن مەكتەپتىكى ئون نەچچە ئۇقۇتقۇچى بىر مۇدىرنىڭ خاتا ھەركىتىنى توسالمىغان،بۇنى يەنە كىمدىن كۈرۈش كېرەك.
ئۇقۇغۇچىلاردىكى مەسىلىلەر بولسا تىرىشىپ ئۈگەنمەسلىك،بەزى ئەخلاقى نوقتىلارنى ۋاختى ئۆتتى دەپ تۈنىۋېلىش.
مائارىپ سىياسەتلىرى جەھەتتىكى ئاجىزلىق بولسا شەكىلۋازلىق ۋە تەڭ تەقسىماتچىلىقتىن ئىبارەت بولىۋاتىدۇ.
يۇقارقىدەك مەسىلىلەر مائارىپىمىزدىكى بىر ئاجىز نوقتىنى شەكىللەندۈرۈپ قۇيۇپ،جەمىيەت ئالدىدا ئۇقۇتقۇچىلار مەجبۇريىتىنى ئادا قىلالمىغان دىگەن خاتا چۈشەنچىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئۇقۇتقۇچى مەجبۇريىتىنى ئادا قىلالمايۋاتقان چاغدا سىز پەرزەنتىڭىز ئالدىدىكى ئاتا-ئانىلىق مەجبۇريىتىڭىزنى قانچىلىك ئادا قىلدىڭىز بۇ مەسىلىنىمۇ ئويلۇشۇپ باقتىڭىزمۇ؟
مەن جەمىيەتنىڭ مائارىپقا تۇتقان ساختا قوللاشلىرىنى بۇ يەردە دىمەيلا ئۆتەي،بۇنى ئۇقۇتقۇچى بولغان جاپاكەشلىرىمىز مەندىن ئوبدان بىلىدۇ.
مۇنازىرىنىڭ ئىلمىي داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمەن،تىمىنى كىچىكىپ كورگىنىمدىن ئەپسۇزلىنىمەن.

zakira 2010-12-09 12:20
نەقىل
بۇ 44قەۋەتتىكىgvlsiri يوللىغان 2010-12-06 18:44 غا قارتىلغان  :
مەن باشلانغۇچتىن تارتىپ،ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەرقانداق ئوقۇتقۇچىمنى شۇنداق ھۆرمەت قىلىمەن،ھەتتا باشقا مىللەتتىن بولغان ئۇستازلار بولسىمۇ ھەم شۇنداق....ئۇلار دىگەن شۇنداق ئىسىل ئىنسانلار ئىدى،ھە.
  مىنىڭ ساۋاغداشلىرىمنىڭ 95% ئوقۇتقۇچى بولدى،ئەتىراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇتقىچى........خۇددىي ئاتام ئىتقاندەك:بالام ھىچ خىزمەت تاپالمىسا ،مۇئەللىم بولسىمۇ بوپ قالسۇنچۇ........شۇڭلاشقىمۇ ئوقۇتچىلار سىپى بەكلا قالايمىقانلىشىپ كەتكەندەكلا تۇيىلىدۇ.زور كوپچىلىكى ئاياللار ھەم.ھىلىقى بىر ئېلان بولىدىغانغۇ خەنزۇچە قاناللارلاردا:مودا بىرسى-بىرسىگە يۇقىدۇ،تارقىلىدۇ،دەيدىغان،خۇددى شۇنداقلا،ئايال ئوقۇتقىلار ئارىسىدا ئاجىرشىش شۇنداق ئېغىر،توۋا،شەھەرنىڭ تۈۋىدىكىلا بىر  يىزا باشلانغۇچ مەكتىۋىدە،ئۇلارنىڭ ياتىقى بولىدىغان،بۇ ياتاقلار ئاساسىي جەھەتتىن،ئاجراشقان خانىم-چوكانلار بىلەن تۇلۇپ كىتىپتىكەن بىر چاغلاردا......
  مەن ئوقۇپ يۇرگەن چاغلاردا شىنجاڭ پىداگوكا ئۈنۋىرسىتىنىڭ قىزلىرى يامان بەكمۇ شوخ،ئويۇنچى بولۇپ،داڭقى بار ئىدى،ئۇلار بەكمۇ ياسانچۇق،مودا ئىدى...ھېلىمۇ مەكتەپلەردە غەيرىي كىيىم،ئىگىز -پەس يۇرگىلى قويمايدۇ،مۇبادا يول قويىدىغان بولسا،ھايۋاناتلار باغچىسى بولۇپ قالامتىلكىن دەيمەن،توۋا........ئوقۇتقىلار ئارىسىدا"تىشى پال-پال،ئىچى غال-غال"لار بەكمۇ كوپىيىپ كىتىۋاتىدۇ،ھازىر نۇرغۇنلىرى يىزىلارغا قىچىۋاتىدۇ،سەۋەبى يىزىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى سەل تۆۋەن،شۇڭا ئۇلارغا بولغان تەلەپمۇ تۆۋەن،بىسىممۇ سەل ئاز بولارمىش...........
   مەن شەھەرنىڭ مەركىزىدىلا ئىشلىگەچكە،ئىشتىن چۈشكىچە،چىققۇچە،نۇرغۇن بازارچىلارنى كۆرىمەن.تولىسى مىنىڭ تۇنۇش مۇئەلللىملەر،بەزىدە بىز شۇيەردە تۇرۇپمۇ بىلمەيمىز پائالىيەت قىلغاننى......... مىنىڭچە،ئاشۇ ياسانغان،ئاشۇ بازار چۆگلىگەن،ئاشۇ غەيۋەت قىلغان ۋاقتلىرىدا،ئازراق بولسىمۇ،بىر نەرسە ئۆگىنىپ قويسا ھە،يامان بولارمۇ.......شۇڭىمۇ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلىرى قۇلاق كەستى چىقارمىكىن ئاتا-ئانىللىرىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىغا.........
   يەنە بىرقىسىملىرىنىڭ ئارىسىدا ھىلىقىدەك جىنىسداش مۇھاببىتى بەكمۇ ئېغىر،بۇنى دىگىلى بەكمۇ نۇمۇس قىلىمەن،بىر كۈنى بىر مەكتەپنىڭ ئىككى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئىمتىھانغا ئالدىراپ مىڭىپ،ئەمدىلا مەسچىتتىن تارىغان جاماتتتىن ئۈچنى يىنىك سوقۇپ قويۇپتۇ،شۇ ئارلىقتا تاس قاپتۇ جودا چىققىلى،ئىماما ئاران تۇسۇپ قۇيۇپتۇ،بىرسى مىنىڭ دادامكەن يارلانغىنى،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تىلفۇننى ئىلىپلا دوختۇرىانىغا باردىم،تەكشۇرتى ش بىر قاتار رەسمىيەتلەر تۈگىگەندىن كىيىن،ئۇلارمۇ مەندىن شۇنداق خو بولدى،قايتىدىغاندا،بالاڭنى مەكتەپكە كىرگۈزىدىغان،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى ئىش بولسا،مىنى ئىزلە،دىدى،مۇشۇ ئاغزىمزە،نىمىشقىمۇ دىگەندىمەن،سىلەرنىڭ مەكتەپتە مىنىڭ3-4 ساۋاغدىشىم بار دىۋىدىم،ئۇلار سورىدى،ھەي دىەىنىمگىمۇ پۇشايمان،چىقىپ كىتەي دىسەم ئاسمان يىراق،كىرىپ كىتەي دىسەم يەر قاتتىق بولدى،باشقا مىللەتنىڭ ئالدىدا نىمە دىگەن سەتچىلىك -ھە؟.....شۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى شۇنداقكەن ئەمەسمۇ ھەم ئۇنىڭدىن سىرت بىر قەنچىسىنى دىدى،تولىسىنى مەن تۇنۇيدىكەنمەن.......ئۇ مەكتەپكە بالامنى ھەرگىزمۇ بەرمەسمەن،بەرسەممۇ ھەرگىزمۇ مىللىي سىنىپقا بەرمەسمەن دىۋىتىپتىمەنغۇ........
.......

         ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ياخشىمۇ سىز! سىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلار  تىلەيمەن !   ئىنكاسلىرىڭىزدىن  سىزگە بولغان  كۆز قارىشىم : 1- سىز قارىغاندا باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ ياخشى پۈتتۈرمىگەن ئوخشايسىز . شۇڭا ساۋادىڭىز تۇلۇق  چىقماپتۇ . بۇنى يازغان ئىنكاسىڭىزدىكى خەتلىرىڭىز ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . 2- ساپايىڭىزنىڭ تۈۋەنلىكىدىن مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىرى چىقىدىغان ئىشلارنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرىپ بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا تەدبىقلاپسىز .  < ئاساسىي جەھەتتىن ئاجراشقان خانىم چوكانلار .... جىنىسداش مۇھەببەت ....> دىگەن قۇرلارنى يازغاندا  قولىڭىز تىترىمىدىمۇ ؟!  3- سىز قارىغاندا بارلىق داشقاللار يىغىلغان مۇھىتتا تۇرىۋېتىپسىز . 4- سىز  لاياقەتلىك بىر ئانا بولالمىغۇدەكسىز . پۈتۈن جەمىيەت < ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى> ياكى نوقۇل خەنزۇ تىلى مائارىپىدىن يەتكۈچە سەسكىنىۋاتقان ھازىرقىدەك مىنۇتلاردا ، خەنزۇچە سىنىپقا  بالىڭىزنى بەرمەكچى بولغىنىڭىزلا بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .  

kasami 2010-12-09 14:02
سالام ئىنتىرنېت !
      مۇشۇتىما مىنى ئەل كۈيىگە باشلاپ كىردى.
جاپالىق ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ تورغا چىقىشقا بۇلۇپمۇ مۇنبەرگە كىرىشكە  ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.شۇنداق ئىكەن ۋىجدانىمىز چىدىسا ،قولىمىز تىترىمىسە ،قىلغىلى غەيۋەت تاپالمىغان بولساق  قانچىلىك تىللىۋالساق ،باشقىلاردىن چىقىرالمىغان ئاچچىقىمىزنى  ئوقۇتقۇچىلاردىن چىقىرۋالساق بولىۋىرىدۇ!شۇنداقمۇ؟؟!!
<<    تۈلكە ئۆز ئىنىگە ھۇرسە قۇتۇر بۇلۇر >>دەيدىغان گەپ بار.
دۇنيانىڭ قانداق يىرىدە مۇكەممەل كەسىپ ،مۇكەممەل ئىنسان مەۋجۇت.
بىرقانچە پۇچەك ياڭاقنى دەپ ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولمايلى.ئوقۇتقۇچى سىزنىڭ ،بىزنىڭ ،شۇنداقلا پۇتۇن جەمىيەتنىڭ كۈيىنىشىگە ،مىھرى -مۇھاببەت بىلەن  مۇئامىلە قىلشىمىزغا مۇھتاج.  
     ئەگەر ئۇلارنى تىللىماقچى بولساق ھېچقانداق ئوقۇتقۇچى ئۆگەتمىگەن تىل بىلەن تىللىساق!

sarang3 2010-12-09 16:57
ئەگەر بىر سېۋەتتە بىر نەچچە تال سېسىق مېۋە بولسا ئۇنى ئېلىۋېتىمىز بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز ،بىراق سېسىق مېۋىلەرنى ئېلىۋېتىپ ئورنىغا يېڭى ساق مېۋىلەرنى قويساقمۇ يەنىلا ئۇزۇنغا قالماي يەنە نۇرغۇنلىرى بۇزۇلىدۇ...بۇزۇلغان مېۋىلەردىن قاقشاۋەرمەي سېۋەتنى ئالماشتۇرۇپ باقسا قانداق بولاركىن...


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئوقۇتقۇچىلار توغرىلىق مۇنازىرىلىشىپ باقايلى --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.059350 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us