رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۇنبەردىكىلەردىن قانۇندىن ياردەم سورايمەن --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> قانۇن بىلىملىرى ۋە دېلو مىساللىرى -> مۇنبەردىكىلەردىن قانۇندىن ياردەم سورايمەن [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

shadiman 2010-10-25 11:12

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مۇنبەرداشلار!
بۈگۈن مەن سىلەردىن تۆۋەندىكى مەسىلە ئۈستىدە جىددى قانۇنغا ئائىت ياردەم سورايمەن.(باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قويشىنى ئۈمىد قىلىمەن)
يىقىندا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەردى.بىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر قانچەيلەن بىرلشىپ چىلان سىتىۋىلىپ،يىغىپ بولغاندىن كىيىن قۇرۇتۇش ئۈچۈن سايغا يېيپ قويغان ئىدۇق.بىر ئوقۇتقۇچى ۋە بىر سۇ پونكىت كادىرى بىنام يىرىگە لاي قويۇش ئۈچۈن سۇ باشلاپ قويۇپ،كىچىسى سۇ قىشىدا ئولتۇرماي ئۆيىگە ئۇخلاش ئۈچۈن كىرىپ كەتكەن.نەتىجىدە ئىتىزغا پاتمىغان سۇ قېرنى بۇزۇپ تاشلاپ بىزنىڭ چىلانلىرىمىزنى پۈتۈنلەي ئېقىتىپ كەتكەن.ۋەقەدىن كىيىن گەرچە بىز ئۆزئارا كىلىشكەن بولساقمۇ ،لىكىن يىرىم كۈندىن كىيىن ئۇلار يىنىۋىلىپ بىزنىڭ ئەرز قىلىشىمزنى تەلەپ قىلغان.مۇنبەرداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە قانۇن بىلىملىرىنى ئايىماسلىقىنى، ياردەم قىلىشنى ئۈمىد  قىلىمىز.بىز بىرنچى قەدەمنى  قانداق ئېلىشىمز كىرەك؟ئۇلارنىڭ بىنام يەر ئېچىىش ھوقۇقى بارمۇ؟ 
 

pengiyar 2010-10-25 12:58
قانۇندىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز :
ئالاقىلىش نۇمۇرى ؛ چ چ :263271773
تىلفۇن:13999102040

باشقىلارنىڭ رۇخسىتىسىز بۇنى بۇ يەرگە چاپلاپ قويدۇم، چۈنكى دوستىمىز قانۇندىن ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.
بۇ ئىزدىنىشتىكى قانۇن جەھەتتە ئىزچىل مەسلىھەت بېرىپ كەلگەن بىر ئوت يۈرەك قانۇن مەسلىھەتچىسى

ehtiram 2010-10-25 13:33
ئۇلار بىنام يەر ئاچماقچى بولسا ، دۆلەت زىمىن- بايلىق ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغانمۇ -يوق؟ دۆلەت يېرىنى ئېچىشقا رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسى بېجىرگەنمۇ -يوق؟ ....قولىدا ھېچقانداق ئىسپات -كىنىشكە  ئاساس بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىنام يەر ئېچىش ھوقوقى بولمايدۇ .سىز مۇشۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئاندىن سۆزلىشەيلى .چ چ :1342539807

miskinjan 2010-10-25 14:01
بۇ جەھەتتە مېنىڭ بىلىمىم سەل كەمچىلكەن .......... كەچۇرۇڭ...............
ئەمما سىزنىڭ بۇ دىلودا ئوتۇپ چىقالىشىڭىزنى كۆڭلۈك تۇيۇپلا تورىدۇ،
كىيىنچە نەتىجىسىنى يولاپ قوياسىز ھە~~~~~~~~~~!

paxa111 2010-10-25 18:26
نەقىل
بۇ 2قەۋەتتىكىehtiram يوللىغان 2010-10-25 13:33 غا قارتىلغان :
ئۇلار بىنام يەر ئاچماقچى بولسا ، دۆلەت زىمىن- بايلىق ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغانمۇ -يوق؟ دۆلەت يېرىنى ئېچىشقا رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسى بېجىرگەنمۇ -يوق؟ ....قولىدا ھېچقانداق ئىسپات -كىنىشكە  ئاساس بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىنام يەر ئېچىش ھوقوقى بولمايدۇ .سىز مۇشۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئاندىن سۆزلىشەيلى .چ چ :1342539807

يائاللا ..خوشنىڭىزنىڭ ئىتىزىدىن بىر تىشاڭ توپا قىزىۋىلىڭە بىشىڭىزغا كەتمەن يەيسىز . بىنەم دىگەن يامغۇرنىڭ سۇيىگە تايىنىپ تىرىقچىلىق قىلىدىغان يەر ئۇ ، سىز بوز يەرنىڭ گىپىگە كەتكىتىزغۇ ؟ بۇ ئوقۇغۇچىلار ھە قانچە بولسىمۇ ئاران ئالغان چىلىنىنى ئادىمزاتسىز يەرگە ئاپىرىپ قۇرۇتۇپ يۇمەس ھە .......سۇ تۇتىدىغان ئادەم بولغاندىكىن مەلە ئىچىدىكى تىرۇلغۇ يەردۇ ئۇ ....بۇنۇڭغا ئايدۇڭلاشتۇرۇش كەتمەسمىكىن .....

paxa111 2010-10-25 18:31
سوتقا ئەرىز بەر دىسە قورۇقماڭلار ، سوتمۇ سىلەرنى ئاچىقىپ ئىتىۋەتمەيدۇ. ئالدى بىلەن سىلەرنى مۇرەسسەگە ئەكىلىدۇ ، ئۇلار ئامال با مۇرەسسەگە كىلىشتۇرىدۇ . شۇ ئورۇندىكى ئەدىليە ئىشخانىسىگە كىرىڭلار بوممىسا ئۇلارمۇ كىلىشتۇرۇپ قويىدۇ .....
ئىتىزنىڭ ئايىغىدىكى سۇدىن بىر چىنە ئىچىۋالغان بولسام ھە چىلان شەربىتىدىن ........

zakira 2010-10-25 20:02
ھەي .......... سەھرا ،  دىدار 0996،  بۇلبۇلگويا قېنى سىلەر تېز  .. سىلەرگە ئىش چىقتى مانا .

human 2010-10-25 23:03
ئىككىلەنمەي  قانۇنغا مۇراجەت قىلىڭ،ئەگەردە سىزگە پايدىسىز ئەھۋال بولسىمۇ قانۇن ھەرگىز سىزنى يەۋەتمەيدۇ،ئۆزىمىزنى نەزىرىيە بىلەن ئەمەس قانۇنىي يول بىلەن قوغداشنىمۇ ئۈگىنىۋالايلى،مۇنبەردىكىلەرنىڭ ياردەم بېرىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي جايلاردىكى سوت مەھكىمىسىگە ياكى ئادۋوكاتلار ئورنىغا بېرىپ 50 يۈەن بىرىپ ئىشلارنى تەپسىلىي دەپ ئۇلارنىڭ بۇ دېلوغا بولغان چۈشەنچىسىنى تەھلىنى ئاڭلاڭ،ئۇتۇپ چىققۈدەك يول بولسا ئۇلار بار كۈچى بىلەن سىزگە ياردەم بېرىدۇ.كۆپسەم پىشارمۇ ياپساممۇ دېسىڭىز ئىش تاڭ ئاتمايدۇ.

turan0995 2010-10-26 12:02
ئەلۋەتتە،سوتقا ئەرز قىلىش كېرەك،سوتنى دەلىل -ئىسپات بىلەن تەمىنلەش كېرەك يەنى قانچىلىك مىقداردىكى چىلان؟قەيەردىن ئالغان؟سايلىققا تۇككەنىنى كورگەن ئادەم ئىسپاتلېرى بارمۇ؟دىگەندەك بىر قاتار ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىسىڭىز سوت سزنى قوللايدۇ.

shadiman 2010-10-26 13:17
بىز ئەلۋەتتە تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ھۆكۈمەت،ئوموملاشتۇرۇپ تۈزەش،ئەدلىيە،سوت كوللوگىيسى،ساقچىخانا دىگەن يەرلەرگە بىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدۇق.لىكىن ئۇلار بىر-بىرىگە ئتتىرىشىپ،بىرسى بىزنىڭ دائىرىمىزدە ئەمەسكەن دىگەندەك گەپلەر بىلەن بىزنى كىچىك كۆردى.ئاندىن ئەرز تەييارلاپ سوت مەھكىمىسىگە باردۇق.سوت بىزنى مال-باھا ئىدارسىگە بېرىشنى ئېيتتى.مال -باھا ئىدارىسىدىكىلەر ئاللىقاچان "مۇناسىۋەت كۈنلۈك"ى ئاستىدا پاناھلىنىۋاتقان بولغاچقا يەنىلا ئىش ئاقمىدى.
چىلان ئومومى ئېغىرلىقى 23توننا.
قىممىتى:بىزنىڭ باھالىغىنىمىز ھەم قارشى تەرەپنىڭ دەسلەپتە ئىتىراپ قىلغىنى 387مىڭ يۈەن.(قارشى تەرەپ چىلاننى سۈزۈپ بولغاندىن كىيىن تىنىۋالدى).
گۇۋاھچى:30ئادەم(قارشى تەرەپ5ئادەم)
سېن فېلىمىنى ۋە سۈرەتنى يوللاي دىسەم چىقىمىدى. بولمىسا مۇنبەرداشلار بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ خەۋەردار بولغان بولاتتى.

maxal20 2010-10-26 13:20
نەقىل
بۇ 9قەۋەتتىكىshadiman يوللىغان 2010-10-26 13:17 غا قارتىلغان  :
بىز ئەلۋەتتە تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ھۆكۈمەت،ئوموملاشتۇرۇپ تۈزەش،ئەدلىيە،سوت كوللوگىيسى،ساقچىخانا دىگەن يەرلەرگە بىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدۇق.لىكىن ئۇلار بىر-بىرىگە ئتتىرىشىپ،بىرسى بىزنىڭ دائىرىمىزدە ئەمەسكەن دىگەندەك گەپلەر بىلەن بىزنى كىچىك كۆردى.ئاندىن ئەرز تەييارلاپ سوت مەھكىمىسىگە باردۇق.سوت بىزنى مال-باھا ئىدارسىگە بېرىشنى ئېيتتى.مال -باھا ئىدارىسىدىكىلەر ئاللىقاچان "مۇناسىۋەت كۈنلۈك"ى ئاستىدا پاناھلىنىۋاتقان بولغاچقا يەنىلا ئىش ئاقمىدى.
چىلان ئومومى ئېغىرلىقى 23توننا.
قىممىتى:بىزنىڭ باھالىغىنىمىز ھەم قارشى تەرەپنىڭ دەسلەپتە ئىتىراپ قىلغىنى 387مىڭ يۈەن.(قارشى تەرەپ چىلاننى سۈزۈپ بولغاندىن كىيىن تىنىۋالدى).
گۇۋاھچى:30ئادەم(قارشى تەرەپ5ئادەم)
سېن فېلىمىنى ۋە سۈرەتنى يوللاي دىسەم چىقىمىدى. بولمىسا مۇنبەرداشلار بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ خەۋەردار بولغان بولاتتى.

ھەقىقەتەن بىر ئىش بوپتۇ.... مېنىڭ قانۇندىن خەۋىرىم يوق! بىزنىڭ مۇنبەردە بىر ئادۇكات بولىدىغانغۇ! دىدارغۇ دەيمەن، شۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭ بولمىسا...

ئە 2011-07-31 11:34
مىنىڭچە قارشى تەرەپ چوقۇم سىزنىڭ زىينىڭىزنى تۆلەپ بىرىش كىرەك  

yurtoghli 2011-09-21 08:51
ھەيييييييي ھەق گەپ قىلسام مۇنازىرە تەلەپ قىلىمايدىغان ئىشلاركەنغۇ بۇ قىرىنداشلىرىم.....
ئاللاىدىن بارلىق قىرىنداشلىرىمغا ئامانلىق،ئاسانلىق تىلەيمەن....ئامىن.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۇنبەردىكىلەردىن قانۇندىن ياردەم سورايمەن --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.036579 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us