رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- خوتەنگە بىر كېلىپ كەت --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> قوشاقلار -> خوتەنگە بىر كېلىپ كەت [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

jahangir786 2010-10-20 20:42

سەمەرقەنت سەيقەلى ئالەم،  بۇخارا قۇۋۋىتى ئىسلام
بىزنىڭ تۈركى ئادەمگە بۇ شەھرى خوتەن ياخشى،
                                          
 فۇزۇلىي

بۇ خۇسۇستا يازاي دېدىم نەچچە رەت،
ئىككىلەندىم (تۇرامدىكىن دېدىم سەت)
لېكىن يازماي تۇرالمىدىم بۇ نۆۋەت،
قېرىندىشىم سالىمىمنى ئىلىك ئەت،
ئەزىز ماكان خوتەنگە بىر كېلىپ كەت
 
بىر شەھەر بار تەكلىماكان قىشىدا
 
خىسلىتى كۆپ دەرياسىدا تېشىدا،
مېھمان ھازىر دائىم پىشقان ئىشىدا
گەر بارسىڭىز خەلقى كۆتۈرەر بېشىدا
دوست ساھىبخان خوتەنگە بىر كېلىپ كەت
 
خەلقى خۇشخۇي ساخاۋەتچى ھەم ئادىل،
بىرنى بىر دەر ھەقىقەتتە ئۇ دادىل
ئېتىقادلىق سالىھ ئاقىل چىن پازىل
ئىشچان زېرەك ھۈنەر ئىشقا بەك قابىل
تىنچ ئامان خوتەنگە بىر كېلىپ كەت
 
ئەلىشىر، مەھمۇد يازمىسىدا پۈتۈلگەن،
نەۋبىتىنىڭ كىندىك قىنى تۆكۈلگەن،
زۇلقەرنەيىن قايىل بولغان يۈكۈنگەن،
نى مەشھۇرلار بارالمىغان ئۆكۈنگەن،
نۇرغا تولغان خوتەنگە بىر كېلىپ كەت،

ئوتياق ئەپەندىنى دوراپ قويدۇم
مەنبە جاھانگىر

gulsima 2010-10-20 20:47
مىنىڭ خوتەننى شۇنداق كۆرۈپ باققۇم بار لىكىنزە.... ئاللاھ نىسىپ قىلا ...

gaday 2010-10-20 21:13
بەك ماختاپ كەتمىگۇلۇك....ياخشى جايلارنى ، كۆز تىگىدۇ .

maxal20 2010-10-20 21:13
بىز بارغاندا نەدە يۈرگەن؟ مەن بۇلتۇر بارغانتا ئايلاندۇرىدىغان ئادەم يوق، يېڭى ئېرىق سۇ ئامبىرىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە كوچىسىنى ئايلىنىپ، بىر ئىككى يېزىسىدا قونۇپلا ئۆتۈپ كەتكەن قەشقەر تەۋەسىگە.... يەنە بىر بارغاندا خەپ....

urukjan 2010-10-20 21:18
يېڭى قېزىۋېلىنغان <قاشتېشىنىڭ > ئۇچۇرى بولسا ...ئۇچۇپلا بارىمەن.

fatima 2010-10-20 21:35
خۇتەن دىيارى ھەقىقەتەن ماختىغۇدەك ئىتقات -ئىمانلىق ،گۈزەل يۇرۇت جۇمۇ؟ ئاپتورنىڭ يۇرتىمىزنى ماختاپ يازغان شىئىرغا رەھمەت.

xiwas 2010-10-20 22:07
يەنەدىسەم يەنەشۇگەپ   ،ئشقىلىپ ماخوتەنگە كەلمىگەنلە بۇدۇنيادا ياشىدىم دەپ يۈرمەڭلا  ،مەقما..

urukjan 2010-10-20 22:14
نەقىل
بۇ 6قەۋەتتىكىxiwas يوللىغان 2010-10-20 22:07 غا قارتىلغان  :
يەنەدىسەم يەنەشۇگەپ   ،ئشقىلىپ ماخوتەنگە كەلمىگەنلە بۇدۇنيادا ياشىدىم دەپ يۈرمەڭلا  ،مەقما..

ھەرەمگە بارغۇچە، خوتەنگىلا بارساق بولدىغان ئوخشىمامدۇ تەخسىر..؟

hiyallirim 2010-10-20 22:25
پۇرسەت  بولسا چۇقۇم بارايچۇ  . ئەجرىڭىزگە رەھمەت

jahangir786 2010-10-20 22:29
نەقىل
بۇ 3قەۋەتتىكىmaxal20 يوللىغان 2010-10-20 21:13 غا قارتىلغان :
بىز بارغاندا نەدە يۈرگەن؟ مەن بۇلتۇر بارغانتا ئايلاندۇرىدىغان ئادەم يوق، يېڭى ئېرىق سۇ ئامبىرىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە كوچىسىنى ئايلىنىپ، بىر ئىككى يېزىسىدا قونۇپلا ئۆتۈپ كەتكەن قەشقەر تەۋەسىگە.... يەنە بىر بارغاندا خەپ....

ئاپلا سەت بۇپتۇ ئەمەسمۇ ئالدىلىرىغا چىقالماپتۇق
بۇدا كەلگەندە ھايت دەۋەتسىلە جۇمۇ قۇلىمىز كۆكسىمىزدە

mejnuntal 2010-10-20 22:44
ھەممىلا كىشىگە ئۆزىنىڭ يۇرتى بەك ئەۋزەلمىكىن ھەقىچان.
بۇلتۇر خوتەنگە بارغان چېغىمدا يۈز-كۆزلىرىمدىن توپا نېرى بولمايلا كەتكەن، ھاۋارايىنىڭ ئوسال ۋاقتىدا بېرىپ قالغانمىتىمكىن تاڭ؟
ماڭا خوتەننىڭ ھەممىدىن بەك قورۇما چۆپى بىلەن گۆشگىردىسى بەك ياراپ كەتكەن.

maxal20 2010-10-20 23:33
نەقىل
بۇ 10قەۋەتتىكىmejnuntal يوللىغان 2010-10-20 22:44 غا قارتىلغان  :

خوتەنگە كېلىپ سامبۇسا يېمەي كەتكەن ئادەم خوتەنگە كەلمىگەن ھېساپ! دەيدىكەنغۇ....مانا خوتەنگە كەلدىم دەپ جىق يەۋېلىپ دەردىنى تازا تارتقان......

ئاپلا سەت بۇپتۇ ئەمەسمۇ ئالدىلىرىغا چىقالماپتۇق بۇدا كەلگەندە ھايت دەۋەتسىلە جۇمۇ قۇلىمىز كۆكسىمىزدە

يەنە بىر بارغاندا مۇنبەرگە : خوتەنگە كېلەر بولدۇم، ئالدىمغا چىقار كىم بار؟

دەپ تېما يوللىۋېتەي ئەمىسە!

مېنى كۆرگەندە قارا ما شۇمتەك بىزنى ئەخمەق قىلىپتىيا! ھەجەپ بىي، نەدىن كەلگەن بولساڭ كېتىۋال، ماقما؟

دېمىسەڭلارلا بولدىغۇ~

didar0996 2010-10-20 23:35
       بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .

     مېنىڭمۇ بۇ يۇرتقا شۇنداق بارغۇم بار ئىدى ، لېكىن ئىرادە -تەغدىرمۇ زادىلا بېرىش نىسىپ بولمىدى .
     ئالى مەكتەپتە بىر سىنىپتا،  بىر پارتىدا 5 يىل بىللە ئولتۇرۇپ بىر نان تاپساق تالىشىپ يىگەن ئەڭ يېقىن ساۋاغدىشىم خوتەندە ئىدى ...(قىز ساۋاغداشلىرىم جۇمۇ ئۇلار )
    يەنە سىلەرگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن ھىلىقى كۈجىنى "ئامىن توفو جىمىياڭ پۇر -پۇر چۇلەيدى دوڭشى يۇمېيوۋ " دىگەن ساۋاغدىشىممۇ خوتەندە ئىدى ...

كۈچلۈك خوتەن تەلەپپۇزىدا :

قىڭغىر -سىڭغىر ،
شىڭگىر -تاڭگىر .
شاپتۇل شېخى مىدىرلايدۇ ،
يارنىڭ قېشىدا كىم بار ؟

دەپ ناخشا ئېيتىپ كۈلدىرىدىغان شىتىلە قىز ساۋاغدىشىمىز ، تەنتەربىيە دەرسىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئوڭغا بۇرۇل ، سولغا بۇرۇل دىسە چۈشەنمەي خاتا ھەركەت قىلىپ مۇئەللىم ئالدىغا چىقىرىپ تەنقىتلىسە ،
-بىزنىڭ خوتەندىچا بۇنى غادىيىڭ گاداي ، سالپىيىڭ گاداي دىيتتۇ ....دەپ مۇئەللىمنىمۇ كۈلدۈرۋەتكەن 5 يىلغىچە خوتەن شىۋىسىنى ئازراقمۇ ئۆزگەرتمىگەن يەنە بىر قىز ساۋاغدىشىممۇ خوتەندە ئىدى...
   يەنە تېخى سىلەرگە قىزىق ھېكايىسىنى دىيىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئوغۇل ساۋاغداشلىرىممۇ  بار تېخى ...
ئۇلار تولا تەكلىپ قىلىپ ھاردى ...
5 بالاڭنى ئېلىپ كەلسەڭ ھەممىسىگە قاشتېشىدىن زۇننار ئېسىپ قويىمىز ....سېرىق جۇۋاڭنى تاشلىتىپ ئۇچاڭغا خوتەن ئەتلىسىدە كۆينەكلەرنى كىيدۈرۈپ ، سېنى ياساپ جابدۇپ بېشىڭغا چىرايلىق كېرىيە " تەلپەك"ى كىيدۇرۇپ  "تۇماق " خۇمارىڭنى بېسىقتۇرۇپ قويىمىز ....ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ دىمىگىنى قالمىدى ...ئاللاھ ئىرادە قىلمىسا بوسۇغا داۋاندىن ئاتلاپ چىققىلى بولمايدىكەن .

ustaz 2010-10-20 23:36
خاتىرجەم كەل مەشئەل ئىنىم. ئاكاڭ ئالدىڭغا چىقىدۇ...

iqip-mas 2010-10-21 00:21
مىنىڭمۇ    مۇشۇ  ئۆمرۇمدە  بىي قىتىم   بايغۇم  با....................

uqmas 2010-10-21 00:43
خوتەننىڭ قىشلىق مەنزىرىسى قانداقتۇر  ؟
  مەن ئاللاھ بۇيرىسا قىشتا بېرىپ كىلەي دىگەن.  

jahangir786 2010-10-21 00:49
نەقىل
بۇ 10قەۋەتتىكىmejnuntal يوللىغان 2010-10-20 22:44 غا قارتىلغان :
ھەممىلا كىشىگە ئۆزىنىڭ يۇرتى بەك ئەۋزەلمىكىن ھەقىچان.
بۇلتۇر خوتەنگە بارغان چېغىمدا يۈز-كۆزلىرىمدىن توپا نېرى بولمايلا كەتكەن، ھاۋارايىنىڭ ئوسال ۋاقتىدا بېرىپ قالغانمىتىمكىن تاڭ؟
ماڭا خوتەننىڭ ھەممىدىن بەك قورۇما چۆپى بىلەن گۆشگىردىسى بەك ياراپ كەتكەن.

توپا بولساڭ دەرياسى بار سۈيى بار،
توڭۇپ قالساڭ ئىسسىققىنا ئۆيى بار،
زېرىكىپ قالساڭ ناخشا ئۇسۇل كۈيى بار
كاۋاپ قىلىپ سويىدىغان قويى بار،
ئېشىپ داۋان خوتەنگە بىر كېلىپ كەت

جىن 2010-10-21 01:24
دۇنيادا بىرلا خوتەن بار
شۇنداقلا بىرلا مەككە بار
  ئىككىسى  تاناسىپراق  كەلگەن
ئۇلۇغ ماكانلار،    

yalghuz 2010-10-21 10:39
ساداقەت رەڭلىرى ئېنىق دىيار بۇ،
قىش بىلەن يازنىڭ چېگرىسى روشەن.
قاراقاش ، يۇرۇڭقاش ئۈزۈلمەس ئېقىن،
ئاھ مىنىڭ گۈزەل يۇرتۇمدۇر خوتەن.

  دېگەندەك  ھەممەيلەنگە ئورتاق بولغان يۇرتلىرىمىز مېىنىڭ يۇرتۇم ، سېنىڭ يۇرتۇڭ دەيدىغان گەپ يوق.مەنمۇ خوتەندىن ئەمەس ئەمما خوتەنمۇ مېنىڭ يۇرتۇم،بىرى كەل دېمىسىمۇ مەن بېرىۋېرىمەن،چۈنكى يۇرتۇمنى ئۈزەمدىنمۇ بەكرەك سۆيىمەن.

layli 2010-10-21 11:33
مىنىڭمۇ بەك بارغۇم بار ئىدى. پۇرسەت بولسا چوقۇم بارمەن
دىدار  ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ھېكايىسىنى بەك ئاڭلىغۇم كىلۋاتىدۇ جىمۇ ،

koklem 2010-10-21 12:27
كۈيلىسە كۈيلىسە زىرىكمەيدىغان  مېھرى ئىسسىق ئەزىز دىيارلار..........
خوتەنگە مېنىڭمۇ بەك بېرىپ باققۇم بار ....

saba 2010-10-21 19:25
بەك ياخشى يېزىپ سىز رەخمەت

pariay 2010-10-21 21:17
خوتەنگە كەلمىگەنلەر شىنجاڭنىڭ قەدىمى سىرىنى بىلەلمەيدۇ !!

bayawan 2010-10-22 13:34
خوتەنگە كەلسەڭلار مازارتاغقا باشلاپ ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇشقا كېپىللىك قىلىش قولۇمدىن كېلىدۇ ، يېزىمىز تەۋەسىدە بۇ خاسىيەتلىك جاي .

rayhan 2010-10-22 15:06
مىنىڭمۇ   بەك  بارغۇم  بار، بولمىسىغۇ  مەن خوتەندىن  كەلگەن  قېرىنداشلار  بىلەن  كۆپ مۇڭداشقان ئۇلارمۇ بەك ماختايدۇ ، ئەممازە ،  بىزنىڭ  ئۆيدىكىلەر بارغاندا ، ماڭا  سان  تەگمىگەنىدى ،    شۇنداقتىمۇ   مۇستەققىلققا  چىققاندا   چوقۇم بىر   بېرىپ  كېلىمەن  ، خۇدايىم بۇيرىسا  ؛
گۈزەل  دىياردىكى  قېرىنداشلىرىمىز مۇنبەردىمۇ   كۆپكەن  ھە ؟  
بۇ  يەردە  قوشاق  توقۇپ قويۇپ ، بىز  بارغاندا   سايەڭلارنى   بولسىمۇ تاپقىلى  بولسا بولاتتىغۇ.   

yalniz 2010-10-22 15:42
نەقىل
بۇ 12قەۋەتتىكىdidar0996 يوللىغان 2010-10-20 23:35 غا قارتىلغان  :
       بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .

     مېنىڭمۇ بۇ يۇرتقا شۇنداق بارغۇم بار ئىدى ، لېكىن ئىرادە -تەغدىرمۇ زادىلا بېرىش نىسىپ بولمىدى .
     ئالى مەكتەپتە بىر سىنىپتا،  بىر پارتىدا 5 يىل بىللە ئولتۇرۇپ بىر نان تاپساق تالىشىپ يىگەن ئەڭ يېقىن ساۋاغدىشىم خوتەندە ئىدى ...(قىز ساۋاغداشلىرىم جۇمۇ ئۇلار )
    يەنە سىلەرگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن ھىلىقى كۈجىنى "ئامىن توفو جىمىياڭ پۇر -پۇر چۇلەيدى دوڭشى يۇمېيوۋ " دىگەن ساۋاغدىشىممۇ خوتەندە ئىدى ...
.......

ۋاي ۋاي سىز  كېلىدىغان ئىش بولسا مەنلا  چىقاي  ئالدىڭىزغا ،،  
شۇغىنىسى قىزىقچىلىق  قىلغىڭىز كەپقالسا  خوتەنچىنى دورايمە  دەپ ئەبجەش سۆزلەپ  كۈلكىگە قالامسىزكىن دەيمەن  ھا ھا

yalniz 2010-10-22 15:45
نەقىل
بۇ 24قەۋەتتىكىrayhan يوللىغان 2010-10-22 15:06 غا قارتىلغان  :
مىنىڭمۇ   بەك  بارغۇم  بار، بولمىسىغۇ  مەن خوتەندىن  كەلگەن  قېرىنداشلار  بىلەن  كۆپ مۇڭداشقان ئۇلارمۇ بەك ماختايدۇ ، ئەممازە ،  بىزنىڭ  ئۆيدىكىلەر بارغاندا ، ماڭا  سان  تەگمىگەنىدى ،    شۇنداقتىمۇ   مۇستەققىلققا  چىققاندا   چوقۇم بىر   بېرىپ  كېلىمەن  ، خۇدايىم بۇيرىسا  ؛
گۈزەل  دىياردىكى  قېرىنداشلىرىمىز مۇنبەردىمۇ   كۆپكەن  ھە ؟  
بۇ  يەردە  قوشاق  توقۇپ قويۇپ ، بىز  بارغاندا   سايەڭلارنى   بولسىمۇ تاپقىلى  بولسا بولاتتىغۇ.   

مەن بىر  چىقارمايما سىزنى  مۇستەقىللىقكە ؟   مەنمۇ  مۇستەقىل  قىلىدىغان بىرەر ئوبكيت ئىزدەپ  يۈرەتتىم ...

otyak 2010-10-22 16:33
مەن خوتەنگە بىر باراي

( مۇخەممەس )

<<قاشتىشى >> دەپ نامىڭ بار، گۈزەل يۇرتقا مەن باراي ،
مەدەنلىرىڭ شۇنچە كۆپ قارىقاش، يۇرۇڭقاشقا مەن باراي ،
ئادەملىرى مېھماندوس، گۆش گىردىسى ۋاي، ۋاي ، ۋاي،
خىسلىتىڭنى داستان قىپ، شېئىر-قوشاق مەن يازاي ،
مېھرى ئىسسىق بۇ يۇرتقا ، مەن خوتەنگە بىر باراي .

خان ئەتلىسى شاھىسى، دىلدا داستان خوتەننىڭ ،
كىيسە زەپمۇ يارىشار،  توي زىننىتى خوتۇننىڭ ،
سەھنە ئۇنسىز بىزەلمەس، خوي كۆركىسى  ئويۇننىڭ،
مەھسۇلاتى مېۋىسى ، چىۋەر- ئىشچان قولىنىڭ ،
  ھۇنەر- سەنئەت ماكانغا، مەن خوتەنگە بىر باراي.

زىلچە گىلەم يارىشار، ئۆيىڭىزگە سالسىڭىز ،
ئەڭ نوچىسى -سېزىنى ، شۇ خوتەندىن ئالسىڭىز ،
زىيان تارتماس خىرىدار،چوپقەت بولۇپ قالسىڭىز،
بېيىشىڭنىڭ مەنبەسى، سودا  ئادىل  بىلسىڭىز ،
گۆھەر زىمىن ماكانغا، مەن خوتەنگە بىر باراي .

مېۋە-چىۋە ماكانى، يۇرىشىدۇ سودىسى  ،
ياڭاق، بادام تەل تۇرسا، يەي دىسىڭىز يىمىشى ،
مەن -مەن دىگەن ئەركەكنىڭ،  توشقان زەدەك دورىسى،  
تۆكمىچىلىك خوتەندە ، باي باياشاد تۇرمۇشى ،
ئەل نەزىرى ماكانغا ، مەن خوتەنگە بىر باراي.

تىمىڭىزدىن ئىلھام ئېلىپ ، مەنمۇ يېزىپ قويدۇم. قانداغەي  

rayhan 2010-10-22 16:34
نەقىل
بۇ 26قەۋەتتىكىyalniz يوللىغان 2010-10-22 15:45 غا قارتىلغان  :

مەن بىر  چىقارمايما سىزنى  مۇستەقىللىقكە ؟   مەنمۇ  مۇستەقىل  قىلىدىغان بىرەر ئوبكيت ئىزدەپ  يۈرەتتىم ...

ئوھوي  تولا   لاپ ئۇرماڭ ، مېنى  مۇستەقىل  قىلىش   سىزنىڭ  قولىڭىزدىن   كەلمەسمىكىن .

rayhan 2010-10-22 16:41
ماۋۇ  ئوتياقكامنى،  ئېغزىڭىزنى   ئاچسىڭىزلا    مۇخەممەس   تۆكۈلۈپ  تۇرىدۇ  ھە .
ئۆيىڭىزدىكىلەر   بىلەنمۇ   مۇخەممەس  ئېيتىپ  پىكىرلىشەمسىز ؟

jahangir786 2010-10-22 17:39
نەقىل
بۇ 24قەۋەتتىكىrayhan يوللىغان 2010-10-22 15:06 غا قارتىلغان :
مىنىڭمۇ   بەك  بارغۇم  بار، بولمىسىغۇ  مەن خوتەندىن  كەلگەن  قېرىنداشلار  بىلەن  كۆپ مۇڭداشقان ئۇلارمۇ بەك ماختايدۇ ، ئەممازە ،  بىزنىڭ  ئۆيدىكىلەر بارغاندا ، ماڭا  سان  تەگمىگەنىدى ،    شۇنداقتىمۇ   مۇستەققىلققا  چىققاندا   چوقۇم بىر   بېرىپ  كېلىمەن  ، خۇدايىم بۇيرىسا  ؛
گۈزەل  دىياردىكى  قېرىنداشلىرىمىز مۇنبەردىمۇ   كۆپكەن  ھە ؟  
بۇ  يەردە  قوشاق  توقۇپ قويۇپ ، بىز  بارغاندا   سايەڭلارنى   بولسىمۇ تاپقىلى  بولسا بولاتتىغۇ.   

كېلەي دېسەڭ يول راۋان قۇرۇقلۇقتا ھاۋادا،
كۆرپە راسلاپ تۇرىمىز ئەتلەس شايى تاۋاردا،
ساقلاپ قويدۇق ئورۇنمۇ ئۇسۇل نەغمە-ناۋادا
ھويلا-ئارام خىلى كەڭ (قالمىغايسىز تالادا)
يولى داغدام ، تۈز راۋان خوتەنگە بىر كېلىپ كەت

svmayya 2010-10-22 18:07
ئەمىسە قېرىنداشلار ئالدىمىزدىكى ھېيتتا ھەممىمىز بىر بېرىپ كېلەيلى -ھە !
بۇ يەردە لاپ ئۇرغانلار ئەمىليەتتە قانچىلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ !

xiwas 2010-10-22 19:20
شۇنداق بىرادەر ،ھەرەمگە بېرىشتىن مەخسەت ساۋاپ تېپىش ،بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا ساۋاپلار ئۆزماكانىمىزدا ،بەلكىم ئەتراپىمىزدا بىزنى ساقلاۋاتقاندۇ .جۇملىدىن خوتەندىمۇ .....ئۆرۈكجاننىڭ ئىنكاسىغا

jahangir786 2010-10-22 20:56
ھەممىڭلارنى ساقلايمىز قۇربان ھېيتتا ئايەمدە
(ئالدىڭلارغا قۇيىمەن نېمە بولسا خانەمدە)
ئىزدىشەيلى دوستلىرىم توي-تۆكۈندە ماتەمدە،
دوستتىن ئارتۇق نېمە بار ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە،
ئىنتىزارمىز ھەر قاچان خوتەنگە بىر كېلىپ كەت

rayhan 2010-10-22 21:15
ھەجەپمۇ  تەكلىپ  قىلىپ  كەتتىڭلاريا،،،  بارساق باردۇق!

yalniz 2010-10-23 15:42
نەقىل
بۇ 28قەۋەتتىكىrayhan يوللىغان 2010-10-22 16:34 غا قارتىلغان  :

ئوھوي  تولا   لاپ ئۇرماڭ ، مېنى  مۇستەقىل  قىلىش   سىزنىڭ  قولىڭىزدىن   كەلمەسمىكىن .

ھى ھى  ،،،  مەن مەن دىگەن  قىزبالا  بىلەن  داغدۇغىلىق  توي  قىلىۋەتكەن جۇمۇ مەن ،،، (  مۇنبەردە )

nasiba 2010-10-23 16:52
بۇيىل  شىنجاڭنىڭ  بىرقىسىم  جايلىرىغا بىرىپ  ساياھەت قىلىپ كەلدىم .  لىكىن  شۇ قىسقا   مەز گىلدىمۇ يۇرتۇم خوتەندىكى   ئىتىقاد لىق    ئىمانلىق   شەرمى ھايالىق  خەلقىمنى بەكلا       سىغىندىم  .    بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكىنى  كۆز تەگمەسلىكىنى  ئاللادىن تىلىدىم .

laylil 2010-10-23 21:33
خوتەننى بىر كۆرۇپ كىلىشكە ئەرزىيدۇ .

rayhan 2010-10-23 21:58
نەقىل
بۇ 35قەۋەتتىكىyalniz يوللىغان 2010-10-23 15:42 غا قارتىلغان  :

ھى ھى  ،،،  مەن مەن دىگەن  قىزبالا  بىلەن  داغدۇغىلىق  توي  قىلىۋەتكەن جۇمۇ مەن ،،، (  مۇنبەردە )

ھاي  ھاي  ماۋۇ  چوڭ جامائەت سورۇنى ، قالايمىقان  گەپ سۆزلەر بولۇنمىسۇن،  قېنى  باشقۇرغۇچىلار   ئۆزۈم  تاللىغان   باش سۈرەت  ھەر قانچە قىلساممۇ  چىقمىدى نىمە ئىشكىن  بىلمىدىم،ئىشقىلىپ 100%توغرا مەشخۇلات قىلغان بولمىسا.
ئامال يوق  سېستىما  باش سۈرىتىنى  چاپلىۋالسام  ، باشقىلارغا   خاتا  تەسىر ى بولۇپ  قالغاندەك  تۇرىدۇ، يا بولمىسا  سېستىما  باش  سۈرىتىگىمۇ  ئانچە  مۇنچە چوڭ  ئاياللارنىڭمۇ  سۈرىتىنى   قاچىلاپ  قويۇڭلار چۇ  ئۇنداق قىلماي ،  ماۋۇ ئۇششاق  بالىلار  مۇنبەرنى  ئاستىن  ئۈستۈن  قىلىپ  كېتىۋاتىدۇ....

kokasman 2010-10-24 10:34
خوتەننىڭ <قادا> دىگەن سوغاق ئىچىملىگىنى ئالامەت ياقتۇردۇم مەن، كورۇپ باقماپتىكەنمەن
پۇرسەت بولسا يانا بىر قېتىم ئچىپ باقسام دەيمەن! خوتەن خەلقى ھەقىيقەتەن مېھماندوست، خوتەندىكى ساۋاغدىشىم  قاش تېشىنى زۇننار قىلىپ ئېسىپ قويغان قىزىمنىڭ بوينىغا!

arifa 2010-10-24 11:55
خوتەنگە مىنىڭمۇ بەكلا بارغۇم بار ئىدى لىكىن پەقەتلا پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ باراي دىسەم شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ يتەتتى بولمىسائاللا خالىسا چوقۇم بارىمەن!

yalniz 2010-10-24 14:26
نەقىل
بۇ 38قەۋەتتىكىrayhan يوللىغان 2010-10-23 21:58 غا قارتىلغان  :
يا بولمىسا  سېستىما  باش  سۈرىتىگىمۇ  ئانچە  مۇنچە چوڭ  ئاياللارنىڭمۇ  سۈرىتىنى   قاچىلاپ  قويۇڭلار چۇ  ئۇنداق قىلماي ،  ماۋۇ ئۇششاق  بالىلار  مۇنبەرنى  ئاستىن  ئۈستۈن  قىلىپ  كېتىۋاتىدۇ....

ئۇف  ،، ئۆزىڭىزنى قېرى قىز كۆرسىتىپ  مېنى قورقۇتماقچىما ؟    ھا ھا ،، كېلىڭە بىر ئەپ قوياييا ساۋاپمۇ بۇلاپ قالا !

uznazar 2011-09-07 14:16
بۇ شىئېرنى ئوقۇپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.مەن خوتەنگە مۇشۇ 4-ئايدا بىرىپ 8-10كۈن تۇرۇپ كەلدىم.ئۇ ۋاقىتتىكى ھىس-تۇيغۇلىرىمنى،تەسىراتلىرىمنى ھىلىھەم ئەسلەيمەن.ئانچە-مۇنچە توپا ياغقان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا كۆڭۈلگە ياقىدىغان ھاۋا،ئۆزگىچە گەپ-سۆزلەر،ساپلىقى قەدىمىيلىكى ساقلىنىىپ قالغان مەھەللىلەر،ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە شۇنداق ئۆزگىچە شۇنداق ساپ،شۇنداق تەبىئېي.باشقا يەرلەردىكى ساختا كۈلۈش،ساختا مۇئامىلە،ساختا قىياپەتلەدىن خالى بولغان تۇرمۇش.خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ئىتىقاد ۋە ئىتىقاد كۆز قارىشى،ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي ئەنئەنە.باشقا يەرلەردە تۈگەۋاتقان ۋە ياكى بارغانسىرى پۈتۈنلەي يوق بوپ كىتىۋاتقان ھايا ۋە ئەخلاق كۆز قارىشىنىڭ يەنىلا شۇ كىشىلەر ئىڭىدىكى ئىنىق ھالدا گەۋدىلىنىپ تۇرىشى ۋە ساقلىنىش......................................ئىشقىلىپ سۆزلەپ سۆزلەپ بولالمايمەن.قايتىپ كىلىپ شۇنچىلىك تەسۋىرلەپ كىتىپتىمەنكى ئاپام ئاخىرى: شۇ يەردە تۇرۇپلا قالساڭچۇ، يىنىپ كەلگۈچە،يا بولمىسا خوتەنلىكتىن بىرەرىگە بىرەي بولدى سىنى!!!!!.دەپ قاخشاپ كەتكەن ماڭا!!!ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا يەنە  چوقۇم بارىمەن خوتەنگە.ئەمدى بارسام مۇنبەرگە جاكارلىۋىتىپ بارمىسام خەپ،بولمىسا يەنە ئالدىنقى قىتىمدىكىدەك يالغۇز قالماي دەيمىنا!!!!!!!!!!!!!!!!!!   

رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- خوتەنگە بىر كېلىپ كەت --] [-- top --]

Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.048467 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us