51 تورى بىلەن QQ نىڭ جىدىلى تۈگىدى ئۆتكەندە بىر مەھەل 51 تورى بىلەن تېڭشۈن تورى ئوتتۇرىسىدا ھەسەن- ھۈسەن QQ توغرىلىق جىدەل بولۇپ ئۆتكەن ئىدى، بۇ جىدەل ئىكى تەرەپ يۈز كۆرۈشمەي، ھەر ئىككىلىسى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۆز كۆز قارىشىنى ۋە قارشى تەرەپنىڭ «غەيۋىتى» نى قىلىپ بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ جىدەلنىڭ ئاقىۋېتىدە ھەتتا تېڭشۈن تورى 51 تورى ئۈستىدىن QQ نىڭ نەشىر ھوقوقىغا دەخلى- تەرۈز قىلدى دەپ ئەرز قىلىدىغان يەرگىمۇ بېرىپ يەتكەن. لېكىن، 51 تورىنىڭ مەسئۇلى پاڭ شىڭ دوڭ ئەمدى بۇندىن كېيىن ھەسەن- ھۈسەن QQ نى قايتىدىن ياسىمايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشتىن قول ئۈزگەنلىگىنى ئاخبارات ۋاسلىتىرىغا ئېلان قىلغاندىن كىيىن، بۇ جىدەلمۇ ئاخىرقى ھېساپتا ئاخىرلاشقان بولدى. .
بۇ جىدەل دەسلەپ باشلانغان چاغدا 51 تورىنىڭ مەسئۇللىرى «پەقەت ئىشلەتكۈچىلەر داۋاملىق ئىشلەتسىلا بىز ھەسەن- ھۈسەن QQ نى داۋاملىق ياسايمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئېدى، لېكىن ھازىر قارىغاندا بۇلار يەنىلا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ھازىر تور دۇنياسىدا نۇرغۇن كىشىلەر ھەسەن- ھۈسەن QQ نى (彩虹QQ) بىلىدۇ ھەم ئۇنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن. لېكىن قانچە كۆپ ئادەم بۇنى ياخشى كۆرگىنى بىلەن بىكار، يەنىلا ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىشقا ئامالسىز. 51 تورىنىڭ باش لېدىرى شى يۈ جۇ ئەپەندى ھەسەن- ھۈسەن QQ دىن رەسمىي ۋاز كەچكەنلىك توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ ئاق بايراق كۆتۈرۈپ بولدى، چۈنكى ئۇ ھەرگىزمۇ ئاخماقلىق بىلەن تېڭشۈن شىركىتى بىلەن QQ توغرىسىدا سوتلاشمايدۇ، سوتلاشقان تەقدىردىمۇ بەرىبىر ئۇتالمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. چۈنكى QQ دىگەن بۇ ماركىنىڭ جۇڭگودا ئۇلى مۇستەھكەم، بۇنى ئۆز ماركىسىغا قوشۇپ يۇمشاق دېتال تۈزەيدىغانلار چوقۇم تېڭشۈننىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىشى كېرەك. بولمىسا بۇرۇنقى مارجان QQ غا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قېلىشى مۇمكىن. .
خەيىر- خوش ھەسەن- ھۈسەن، سەنمۇ ئەمدى شوخلىزارلىق XP گە ئوخشاش تارىخقا ئايلاندىڭ، ئاز كۈنگە قالماي سېنىڭ ئىسمىڭنىمۇ ھەممە ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.
|