رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سەرخىل ئەسەرلەردىن تاللانمىلار(سىزمۇ قوشۇڭ) --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [تەرمىلەر] -> سەرخىل ئەسەرلەردىن تاللانمىلار(سىزمۇ قوشۇڭ) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2   3  >>  Pages: ( 3 total )

muellip 2010-10-18 23:53

سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر

‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا››دىن ھېكمەتلەر

1.ھەرقانداق بىر مەنىۋىي ئىنقىلاب ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزىگە بىلدۈرۈشتىن باشلىنىدۇ.
2.مەدەنىيەت مەجبۇرلاشتىن ئەمەس ،ئادەمنىڭ ئىچكى قايىللىقى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
3.مۇھەببەت مېنىڭ مەنىۋىيىتىمنىڭ جەۋھىرى ،ھۆرمەت ئۇنىڭ پوستى.
4.سېنىڭ دىيانىتىڭ ئالدىڭدا تۇرغان يېتىمنىڭ  كۆز يېشىنى سۈتۈشۈڭدىن باشلىنىدۇ.
5.ئۆز قەۋمىدىن ياكى ۋەتىنىدىن كېچىپ تاپقان ئۇلۇغلۇقلارنىڭ ھەممىسى پۈچەكتۇر.
6.قولدىكى ئالامەت قول ئىگىسىنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
7.باشقا بىرى مەجبۇرلىمىسىمۇ ،تەبىئىي ئىجرا بولغان ئەخلاقنىڭ ئۆزى ھەقىقىي مەدەنىيەتتۇر.
8.بىر جەمئىيەتنى نوقۇل ھالدا ئەقىل ئەقىلگە تايىنىپلا ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ ،تارىخمۇ ھەم شۇنداق.
9.ھەسرىتى يوق ئايال يۈزەكى ئايالدۇر.
10.ئۆزىنى ئىپادىلەش بىر خىل ھۆرلۈك.

11.مۇساپىرلىقنىڭ خېمىرتۇرۇچىنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئېلىپ چىققان ئادەم باشقا ئەللەردىمۇ مۇساپىر.
12.ئانا تىلىڭ غورۇر ،مۇھەببەت ،ۋىجدان ،ئەقىدىنىڭ تىلى.ئۇ يىلىك ،مەرىپەت ،ھەقىقەت ،قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ.باشقا تىللار گۇۋاھنامە ،شاھادەتنامە ،كاپالەتنامە،ھوقۇقنامە تىللىرىدۇر.
13.شائىر ھايات ھېكمەتلىرىنى تەبىئەتتىن بايقايدىغان ئادەم.
14.شائىر دېگەن ئوت ،ئۇ يېنىپ تۇرمىسا ئۆچۈپ قالىدۇ ،يېنىپ تۇرغانىكەن ،ئۇنى ساقلىغىلى بولمايدۇ .كىشىلەر بۇ ئوتقا مۇھتاج تۇرۇپمۇ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.
.15سېغىنىش ___ ئەسلىمىدىكى ھاياتنىڭ بەرق ئۇرۇشى.
16.ساقلىقنىڭ قەدرى دوختۇرخانىدا،ۋەتەن قەدرى ۋەتەندىن ئايرىلغاندا بىلىنىدۇ.
17.ھەر بىر تاللاش كىشى تەقدىرىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.
18.بىز ئۆزگۈرىۋاتقان ماكان ئۇقۇمىدىكى يېڭى ئۆزلۈكىمىزنى بايقىشىمىز كېرەك.
19.كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بىلمەسلىك ئادەملىرىمىزدىكى گۇمراھلىقنىڭ تىپىك جۈملىسىدىندۇر.
20.تارىخى يېزىش ئارخېئولوگنىڭ  چىنە سۇنۇقلىرىنى پاياتلاش ھەركىتىگە ئوخشاپراق قالىدۇ.
21.بىر بولسا ئارتۇقچە ھاكاۋۇرلۇق ،بىر بولسا ئارتۇقچە كەمتەرلىك 22.ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان كىشىلەر ئىپادىلەيدىغان بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل پوزىتسىيە.
23.دىل دىلنى ،تىل تىلنى تونۇمىغان جايدا پاناھگاھنىڭ تېپىلىشى تەس.
24.بىر يازغۇچىنىڭ ھەسرىتىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئىگە ئەمەس ،لېكىن ئۇنىڭ مېھنىتى ۋە شۆھرىتىگە خەلق ئىگە ،نادان ئەلنىڭ يازغۇچىسى تېخىمۇ شۇنداق ھالغا قالىدۇ.
25.ئىچىڭ سۆزلىگۈدەك نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەندە كىتاب ئوقۇغۇدەك رايىڭ قالمايدۇ.
26.قۇش ھەرقانچە ئېگىز ئۇچسمۇ ئۇنىڭ يەيدىغان دېنى زېمىندا بولىدۇ.
27.ئۆيۈم كىتاب بىلەن توشتى ،كاللام تەپەككۇر بىلەن .لېكىن ،كىتاب قويغۇدەك ئۆي ،گېپىمنى ئاڭلىغۇدەك ئۈلپەت يوق.
28.دىيارىمىزدىكى ۋاقىت كونا كېگىزگە ،شىۋاق باسقان قەبرىلەرگە ،تەكلىماكاندىكى قاقشال توغراقلارغا ئوخشايدۇ.
29.ھالال ئەقىدە ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئائىلە غەم-ئەندىشە ،تۈرلۈك ۋەھىمە بىلەن تولغان بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملىك  شىپاخانا ،ساغلام ئەقىل ۋە زەخمەتسىز بىلىم ئائىلىنى شەرت قىلغان ھالدا يېتىلىدۇ.
30.ۋەتەن ھەرگىزمۇ جۇغراپىيىلىك مەنىدىكى زېمىن ئەمەس، بەلكى  ئۇزاق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە مىللىي روھ.
31.قەيەرگە بېرىشىڭدىن قەتئىينەزەر ئۆز مەدەنىيىتىڭدىن ئۇچۇر بېرىدىغان روھ ۋە قىياپەتكە ئىگە بولۇشۇڭ كېرەك.

32.ئەقىدە بىرلىكى بولمىغان قانداشلىقتىن شۇمبۇيا ئۈنىدۇ.
33.زەي تام سۇۋاق تۇتمىغاندەك ،ساپاسىز ئادەم ئاز-تولا پۇلدارلىقنىمۇ ئۆزىگە ياراشتۇرالمايدۇ.
34.روھىي توقچىلىق مۇئەييەن ئىجتىمائىي تەربىيىنىڭ مەھسۇلى.
35.كىچىك بىر ئىشقا قىلىنغان مۇئامىلىدىن بىر ئادەمنىڭ ھەتتا بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىنى بىلگىلى بولىدۇ.
36.ھەرقانداق ھوقۇقشۇناس ئالدى بىلەن بىر ئىنسانشۇناس بولۇشى كېرەك ،شۇندىلا ئۇ ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ئاياشنى بىلىدۇ.
37.خىجىلچانلىق تىل ئۆگىنىشنىڭ دۈشمىنى ،سىزنىڭ يۈزىڭىزنىڭ تىرىسى قەلەيدەك بولۇشى كېرەك.
38.تەپەككۇر ئىنكاس ۋە ئىنكاسقا ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرى بىلەن بېيىپ بارىدۇ.
39.ۋاقىت ئۆزىنىڭ دەل ۋاقتىدا قوبۇللانمىغان سوۋغىلىرىنى يىغىشتۇرىۋېتىشكە بەك ئۇستا.
40.تونۇتۇش ۋە تونۇش مىللىي كىملىكنىڭ تېشى ۋە ئەستىرى.
41.مەنبەسىدىن ئايرىلمىغان سۇ دۆڭدىنمۇ يول تاپىدۇ.
42.ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ ،باشقا تىللار كۆز ئەينەك ،دۇربۇن ،تېلىسكوپ ،مىكروسكوپ ...دېگەنلەرگە ئوخشايدۇ .ئۇلار ھەرقانچا ئېسىل بولسىمۇ ،كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولۇشى كېرەك.
43.ئىشلىتىشتىن ئۆتمىگەن بىلىم ھەقىقىي بىلىم ئەمەس.
44. شەھەر بىر مىللەتنىڭ روھىي ھەيكىلى.

45.بىزگە ئىنسانلارنىڭ رەھمىتى ۋە سۆيۈنچىسى كېرەك ئەمەس ،بەلكى ئىنساب كېرەك.
46.ھەرقانداق تەلىم-  تەربىيە  ئىنسان توغرىسىدىكى قەدرىيەتتىن باشلىنىدۇ.
47.ئەجداد ۋە ئەۋلاد بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا ،ئۇلار يېتىمدۇر.ۋاھالەنكى ،ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە تىل ۋە مەدەنىيەتتۇر.

‹‹ئاي يامغۇرى›› رومانىدىن ھېكمەتلەر


48.بېشى يوغان بەگ بولىدۇ ،قولى يوغان قۇل بولىدۇ.
49.بۇ دۇنيادا دوستلارنى مەڭگۈ بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە ــــ كۆڭۈل پاكلىقى بىلەن سەمىمىيەت.
50.يالغان گەپنىڭ پۇتى بولمىغان بىلەن قانىتى بار .
51.بىر ئادەمنى سىناش ئۈچۈن بىر تاغار تۇزنى بىللە يە!
52.ئېشەك ئۆزىنى تاغ ،سايىسىنى باغ ،سۈيدۈكىنى ياغ چاغلايدۇ.
53.ئۆكۈزنىڭ بوينىغا چۈشكەن بويۇنتۇرۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە موزاينىڭ بوينىغا چۈشمەي قالمايدۇ.
54.كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ گۈزەل بۇرچ ۋە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور بەخت تېگى ـــ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۆگىنىش.
55.ئىشىك پاكار بولغاندىن كېيىن ئېڭىشىپ كىرمەي نىمە ئامال!
56.قارىغۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشسەڭ گوداڭغا چۈشىسەن.
57.دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ ــ داستىخاندا ھەممە ئادەم دوست.
58.ئىچىڭنى تاماقتىن خالىي تۇت تاكى ئاڭا كىرەلىسۇن نۇرى-مەرىپەت.
بۇرنۇڭغىچە لىققىدە تۇرسا تائام قانداق سىغار ئۇنىڭغا ئىلىم مەرىپەت.
59.نادانلىق ،مەنىۋىي گادايلىق بەئەينى  ئىنسان  ئىنسان جىسمىدىكى مەڭگۈ يۇيۇپ بولمايدىغان كىرغا ئوخشايدۇ.
60.جاپا –ئازاپ چېكىپ ،ئىنسان ھۆر بولىدۇ.
سەدەپتە قامىلىپ ،قەترە دەۋر بولىدۇ.
61.كەپتەرنىمۇ چالا پوكان باقمىساڭ ،قاپاق شالدىرلاتقاندا ئۆگزىگە چۈشمەيدىغان بولىۋالىدۇ.
62.ئىتنىڭ ئېغىزى تەگكەنگە دەريا سۈيى بۇلغىنامتى .
63.شەخسىيەتچىلىك كىمدە يوق؟كىشى دېسە لەۋمۇ يۇمۇلمايدۇ .ئۆزۈم دەپ باقساڭ لەۋلىرىڭ بىر-بىرىگە يىملىشىپ كېتىدۇ.
64.چاشقان تۇتۇشنى بىلىدىغان مۈشۈك مىياڭلىمايدۇ.

‹‹تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە›› دىن ھېكمەتلەر

65.ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە زامان چۈشەنچىسىگە بولغان كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ھازىرقى زاماندىكى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ مۇھىم بەلگىسى .
66.شەھەر – مەدەنىيەتنىڭ بالىياتقۇسى .

67.پىسخىكا نورمالسىزلىقى كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ ئۆز روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
68.تارىخى ھېچقاچان كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ ، ئۇنى پەقەتلا غالىبلار يېتەكلەپ ماڭىدۇ .
69.رېئاللىقنى ئىتراپ قىلىش ـــــ مانا بۇ بىزنىڭ مەيدانىمىزدۇر .
70.ئۆلۈم ـــ ھاياتلىقتىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مۇقەررەرلىك ،ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇش ئىنساننىڭ ھەددى ئەمەس.
71.ئۆلۈم ــ- ھاياتلىق جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چېكىت .
72.ئۆلۈم ـــ ھالاكەت  ئېڭىنىڭ مەنبەسى .
73.ئۆلۈم بىر خىل تىراگىدىيە يۈكسەكلىكى .
74.ئۆلۈم تۇنجى بولۇپ  ئىنسانىيەتتىكى ئۈزۈل -كېسىل  تەپەككۇرغا مەجبۇر قىلغان ۋەھىمىلىك سىر .

‹‹يەھۇدىلارنىڭ سىرى›› دىن ھېكمەتلەر

75.بارلىق بىساتىڭنى سېتىپ بولسىمۇ ،قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل ،ئۆلىمانىڭ قىزىنى ئېلىش ئۈچۈن  ،بارلىقىڭدىن ئايرىلساڭمۇ ئەرزىيدۇ .
76.خەلقنىڭ ساداسى ـــ خۇدانىڭ ساداسىدۇر .
77.كىشىلەر باشقىلارنىڭ بەدىنىدىكى يېنىك تىرە كېسەلىكلىرىگە سەپسالسا سەپسالىدۇكى ،ئۆزىدىكى ئېغىر كېسەلنى كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ.
78.يالغان ئېيتقۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئېغىر جازا ،ئۇ راست گەپ قىلغاندىمۇ ئىشىنىدىغان ئادەم چىقماسلىق .

79.قابىلىيەتلىك  ئادەم بىلەن ئەقىللىق ئادەمنىڭ پەرقى شۇكى ،قابىلىيەتلىك ئادەم  ئەقىللىق ئادەم مۇتلەق چۈشۈپ قالمايدىغان قىيىن ئەھۋالدىن  ئەپچىللىك بىلەن قۇتۇلىدۇ.
80.ئۇچراشقانلىكى ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەنگەن ئادەم دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەمدۇر.
81.باي ئادەملەر دېگىنىمىز ،دائىم خۇشال يۈرىۋاتقانلىقىغا قانائەت قىلىشنى بىلىدىغان ئادەملەردۇر .
82.دانالىقنىڭ يەتتە شەرتى
1.ئۆزىدىن قابىلىيەتلىكلەر بار سورۇندا سۈكۈت قىلىش.
2.باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەسلىك .
3.جاۋاب بەرگەندە تەمكىن بولۇش.
4.گەپ سورىغاندا ئېنىق سوراش ،جاۋاب بەرگەندە تەرتىپلىك جاۋاب بېرىش .
5.ئىش قىلغاندا مۇھىمى بىلەن مۇھىم ئەمەسلىرىنى جىددىي بىلەن جىددىي ئەمەسلىرىنى بىلىش.
6.بىلمەيدىغاننى بىلمەيمەن دېيىش ،ھەرگىزمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماسلىق .
7.ئەمەلىيەتنى ۋە ھەقىقەتنى ئېتراپ قىلىش.
83. دوستۇڭ ھەسەلدىن تاتلىق بولسىمۇ سەن ئۇنى پۈتۈنلەي يەپ تۈگىتىپ قويماسلىقىڭ كېرەك.

84.شەيتان ئىنسانلارنى يوقلاپ بېرىشقا ۋاقتى يەتمىگەندە ،شارابنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ.
85.بالاڭنى كىچىكىدە قاتتىق باشقۇر ،چوڭ بولغاندا ئەيىپلەۋەرمە.
86.پۇلنى شاراب ئىچىشكە ئەمەس بەلكى تىجارەت قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك.
87.مەكتەپ يوق شەھەر ئادەمنىڭ ماكانلىشىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
88.دۇنيادا كۆپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان نەرسە ئۈچ :خېمىر تۇرۇچ ،تۇز ۋە بىر قارارغا كېلەلمەسلىك .
89.ھەقسىز رېتسىپ يېزىپ بېرىدىغان دوختۇرنىڭ گېپىگە ئىشەنمە.
90.قېرىشنى تىزلىتىدىغان تۆت ئامىل بولىدۇ: قورقۇش ،غەزەبلىنىش ،بالا ۋە ئازازۇل خوتۇن.
91.سودىگەرلەرنىڭ ئۈچ پەرھىزى :
1.ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان مۇبالىغە .
2.بېسىمدارلىق بىلەن زور پايدا ئېلىش .
3.تارازىدا كەم بېرىپ خېرىدارلارنى ئالداش.

‹‹سەرسان روھ›› رومانىدىن ھېكمەتلەر

92.ۋەتەنسىزلىك ــــ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ زور يېتىملىق ،پاناھسىزلىق .
93.ۋەتىنىدىن ـــ خەلقىدىن ئايرىلغان ئادەم باشنىڭ  كېپىكىگە ئوخشايدۇ.

94.تەبىئەت تۇيغۇ بىلەن ياشىمايدۇ ،بىراق ئۇ ،ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە  ئاجايىپ تۇيغۇلارنى يارىتىدۇ !
95.كۆرۈنمەيدىغان قىر يوق ،ئېچىلمايدىغان سىر (يوق).
96.تۈگىمەندە تۇغۇلغان چاشقان گۈلدۈرمامىدىن قورقمايدۇ .
97.ئىنسان ئۆزى قىلغان ھەر بىر ئىشقا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .ئادەملەر ئارىسىدىكى ئارازلىق ياخشى ئىش ئەمەس.
98.ئادەم بۇ دۇنيادا پەشتاققا چىققان چاغدا يەنە يەرگە چۈشىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ ياشىمىسا بولمايدۇ.
99.ئادەم دېگەننىڭ بۇ دۇنيادىكى ئۆمرى يازدىكى باراڭ ،كۈزدىكى غازاڭدەكلا بىر ئىش.
چۈنكى ،ئۆلۈم ــ يوقلۇق ،زۇلمەت ئىچىدىكى بوش نەرسە!
100.ئادەم بالىسى كۆپرەك دۇنيا كۆرۈپ ،ئىمانىنى قۇۋۋەت تاپقۇزغان ياخشى .
101.ئەركىنلىكنىڭ ئۆزى ھاياتلىق ،ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان كىشى گويا ئۆلۈك ئادەم ، ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەت خۇددى مازار!
102.كىشىنىڭ يۇرتىدا پاختىدا ياتقاندىن ، ئۆز يۇرتۇڭدا تاختىدا ياتقان ئەۋزەل.
103.دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولمىسۇن ،مۇھەببەتسىز تۇرمۇش بولمايدۇ ،تۇرمۇش ئەزەلدىن مۇھەببەتنىڭ ئوچۇق ۋە يېپىق سەھنىسى بولۇپ كەلگەن.
104.ئادەم يۈرەكتىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىپ ،شۇنىڭغا چۇشلۇق  كۆڭۈلدىكىدەك جاۋابقا ئېرىشكەندە ،خۇشال بولىدۇ ،خاتىرجەم بولىدۇ !
105.دۇنيادا ۋەتەنسىز ئىنسان بولمايدۇ ،ۋەتەن سۆيمىگەن ئىنساندا ۋىجدان بولمايدۇ . ۋىجدانسىز ئىنساندا ئىمان بولمايدۇ.

‹‹تاشقا ئايلانغا كۆز يېشى›› ناملىق  كىتابتىن ھېكمەتلەر

106.پاك مۇھەببەت ۋىسالنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.
107.ئەي ،ئىنسانلار ،سىلەر ئالدى كەينىڭلارغا ئەمەس ،ئىككى يېنىڭلارغىمۇ قاراپ قويۇڭلار.
108.ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان نەرسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى سېزەلىگەن ئىنسان ھاياتنىڭ يېپيېڭى مەنزىلىگە يېتەلەيدۇ.
109.شېرىن چۈش ئېغىر ،كۆڭۈلسىز جۆيلۈشلەر سەۋەبلىك بۇزۇلىدۇ.
110.ھەر ئادەمنىڭ مۇقەددەس ماكانى  بولۇشى كېرەك ،مەيلى ئۇ ئېغىل بولسىمۇ.
111.تۇرمۇش ئادەمنىڭ بېشىدا ھەر ۋاقىت رەڭدار قامچىسىنى ئوينىتىپ تۇرسىمۇ ئەمما ،ئىنسان ھەرقانداق ئازاب -ئوقۇبەت  ۋە كۈلپەتلەرگە كۆنۈپ ئادەتلەنگەن ، بولۇپمۇ  ئۈمىدۋار ،ھاياتقا روبىرو تىكىلىپ تۇرالايدىغان ئادەملەر.


‹‹ئىزدىنىش››رومانىدىن ھېكمەتلەر
112.گۈلنىڭ سايىسى بىلەن بۇيىنىڭ سايىسى ئوخشاشلا قارا كۆرۈنگەندەك ،بەزىلەرگە ھەممىلا نەرسە قارا كۆرۈنىدۇ .
113.دۇنيادا ھەممىلا نەرسە ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە قاراپ يارالغان بولسىدى ،دۇنيادا خاپىلقى بولمىغان بولاتتى .
114.ئىنسان يىراقتا تۇرۇپ ئۈن-تىنسىز سىرداشسا ،بىر-بىرىگە قەدىرلىك بولىدۇ .
115.گۈلنىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ ،ۋايىغا يەتكۈزمەي تۇرۇپ ئۇنى مەجبۇرىي ئېچىلدۇرىمەن دېسەڭ ئۆلتۈرىسەن .
116.قىيىن شارائىت ئىنسان ئىرادىسىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم .
117.دۇنيادا مۇھەببەتتىنمۇ كۈچلۈكرەك نەرسىلەر بارغۇ.مەسىلەن ،مەغرۇرلۇق.
118.پەزىلەتلىك ئادەمنىڭمۇ ئەيىبى بولىدۇ .يېقىن دوستنىڭ بىرلا ئەمەس بىر قانچە ئەيىبىنىمۇ كەچۈرۈشكە بولىدۇ.
119.ئارتۇقچە مەغرۇرلۇق كىشىنىڭ باشقا  پەزىلەتلىرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويىدۇ.
120.بىلىم خۇددى كىيىمگە قونغان چاڭدەك كۆرۈنمەي قونىدۇ.
121.ئەي ياشلىق ئەجەب گۈزەلسەن –ھە! خۇشاللىقىڭمۇ ،خاپىلىقىڭمۇ ئەجەب يارىشىملىق.
122.ياشاشتىكى مەقسىتىمىز ــ ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزۈش ۋە شان –شەرەپ ئۈچۈن  ئۆمۈر بويى ئىنتىلىش.
123.مۇز كۆڭۈللەرنى چوڭ قىلغانمۇ پۇل ،قوزىدەك مۆمىن يىگىتلەرنى خاراب قىلغانمۇ پۇل.
124.بەزىدە ھەسەلمۇ ئەمەن تېتىغانغا ئوخشاش ،ئەيىبلىك بولمىغان بىر گۈزەلمۇ جېنىغا تەگكىنى ئۈچۈن ئۆز گۈزەللىكىنى يوقاتقان سەت بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
125.دۇنيادا مۇھەببەتتىنمۇ لەززەتلىك بىر نەرسە بار ،ئۇ بولسىمۇ غايە يولىدا ئىزدىنىش .
126.ناچار تۇرمۇش ئىچىدىمۇ راھەتلىنىشنى بىلىش ــــ ئىنسانىي خىسلەت.
127.مۇھەببەت ،ئائىلە ــــ ئىنسان ھاياتىدا سەل قارىغىلى بولمايدىغان   مۇھىم نەرسە .لېكىن ،كۆڭلۈڭگە بىر ئۇلۇغ غايىنى  يۈكلىگەندە ئۇ ۋاز كەچسىمۇ بولىدىغان نەرسە .
128.ساپ مۇھەببەتلىك پاكىز يۈرەكنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ .
129.ھەر-ھەر ئېغىرچىلىققا بەرداشلىق  بېرەلەيدىغان ئادەملەر  ـــ ھامان خۇشاللىقنى كەلگۈسىگە بېغىشلىغانلار .
130.ئۈمۈدۋارلىق ـــ  ئەڭ چوڭ بايلىق ،كەڭ ئالىي پەزىلەت .
131.ئادەمنىڭ قەلبى ئەينەككە ئوخشايدۇ ،ئۇ بىرلا سۇنسا قاداق تۇتمايدۇ.
132.سوقۇشتا قورققان خوراز ھەتتا بىر- ئىككى ھەپتە چىللاشتىنمۇ قېپ قالىدۇ.
133.مېۋىلىك  دەرەخنىڭ شاخلىرى كۆپ سۇنىدۇ .سەۋەب ،كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆپرەك تاش ئاتىدۇ .
134.مۈشۈكنى قويلار ئارىسىدا باقسا مىياۋلاشنى ئۇنتۇپ ،مەرەيدىغان بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن .

135.جانغا تېگىدىغان قوراي – چاتقاللىق ئىچىدىمۇ بەزىدە سېنى خۇش قىلىدىغان گۈللەر ئېچىلىدىكەن .
136.كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلىدۇ ،لەززىتىنى دىل.


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەسەرلىرىدىن ھېكمەتلەر

ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق،
ئۆلسەممۇ ماڭا ئۇ بولغۇسى يۇمشاق،
شۇ ۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نېمە بار؟
سىغمايدۇ كۆڭۈلگە باشقا ئىشتىياق.

غېرىب دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا،
ۋىسال قەدرىنى ئاشىق گادادىن سورا،
ۋەتەنسىز ھاياتتا ،نە،مەنا ،نە،تەم،
بۇنى ئۆز ئېلىدىن جۇدادىن سورا!

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم.
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا ،
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

ئانا سۈتى ئاقارتقاي دىلىڭنى سېنىڭ ،
مەرىپەت يورۇتقاي يولۇڭنى سېنىڭ .
ۋەتەنگە مۇھەببەت ،كۈچ –ئۈمىد بېرىپ،
پەلەككە يەتكۈزگەي قولۇڭنى سېنىڭ.
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى ،
مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.


بىراۋلار ئەلگە قىلدى جانىنى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز -تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مېكيان.

شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.

بۇلبۇل ئېيتۇر:گۈلزارىمدىن ئايرىما،
لاچىن ئېيتۇر :قاناتىمدىن قايرىما،
مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن،
مېنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما.

شېئىر ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا كىشىلەرنى تەربىيەلىگۈچى بەدىئىي  ۋاستە.

پىكىر يالىڭاچ ئېيتىلماي ،بەدىئىي ماھارەت بىلەن ،پوئېتىك ئۇسۇل بىلەن ئېيتىلسا ،كىتابخانغا قاتتىق تەسىر قىلالايدۇ.

ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار ،
ھەر باسقان قەدەمدە بىر ئىزىڭ قالار .
خاھ ماختان،خاھ ئۆكۈن ،ئۆزۈڭنىڭ ئىشى،
ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.

بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا سەن قىلما كايىش.
ئېشەكنىڭ بىر مەھەل ھاڭراپ تاشلىشى،
ئاتوم دەۋرىدىمۇ ،تۇرمۇشتا بار ئىش.

ئالتۇن ھەل يالاتساڭ، كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ ،تېزەكلەر ئېشەك.
كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرتىغا باق،
يەپ ئاددىي يوپۇرماق ،بېرىدۇ يىپەك.

ئەجەب بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغۇدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.

گۈللا بولسا گۈل ئەمەس ،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس ،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بولۇپ،
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس ،ئادەم سىياقى بولمىسا.
ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،
ھۆسنى بىر سۈرەت ئېرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا.
بېر مىسال:پانۇسنى كۆر،شام چىراغسىز يورۇماس،
نۇر چاچامدۇ شام چىراغ،پىلىك ۋە ياغى بولمىسا؟!

جاھان باقىي ئەمەس ،لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رۇمى ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كېلىپ-كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھېساب كارۋان.
ئۆتەر دۇنيا،كېچەر دۇنيا،پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى .

ھەر كىشى بولالىسا ئەينەك كەبى،
دېگۈلۈك شۇنداق كىشىنى چىن ئادەم.

تۇتمىسا ھەركىم بىلىپ ئەينەكنى دوست،
بولسىمۇ مىڭ دوستى ،دوستۇم كەم دېگەي.

شېئىر مارجان ئەمەس، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرېۋېرىدىغان ياكى ئەزان ئەمەس ،قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيتسا بولىۋېرىدىغان.

ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش  .
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك ،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر خار ئىش.

دۇئا قىلسا ھەر ۋاخ مۆمىن مۇسۇلمان ،
تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان.
ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش،
‹‹مەن ئۆزەم قورقارمەن ناداندىن يامان››

بىلىم يۇرتى ھېچكىشىنى يەكلىمەس.

بىلىكتىن مەھرۇم كىشى گاس ھەم كوردۇر.

بۇ جان شۇ چاغلىق تەندە مىڭ بېقسىپ ئامانەت تۇرغۇچە ،كۈرەشچان كەڭرى مەيداندا جاراڭلاپ ۋايىغا يەتسۇن.
دۈشمىنىم كۆپەيدى دەپ ھەرگىز كۆڭۈلنى غۇبار قىلما ،
مېنىڭ ھېچ دۈشمىنىم يوق دەپمۇ ھەرگىز ئىپتىخار قىلما.

ئەقىلسىز تەلۋە دوستلاردىن زېرەك دۈشمەن ياخشى .
ياشلىقىم گۈل ئەمەسكەن  توزىسا يەنە ئاچىلغىلى ياكى كۈزدە تۇرنىدەك كەتسە، باھاردا  يانغىلى.
ئەگەر  ماڭا ئابىھاياتتىن بىر قەدەھ نېسىب بولسا ،ئۇنى ياشلىق سۇمبۇلى سۇلغاندا ئىچمەك نە كېرەك.
ساڭا دىلدار كېرەك بولسا ،كۆيۈكنى دىلغا جاھ ئەيلە .
ۋاپادار يار كېرەك بولسا ،ۋاپا لەۋزىنى ۋىجدان بىل.

كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر ،
بىلىپ بولماققا لېكىن ئۇ ئەمەس قادىر ،
ئارستوتىلدەك ھېكىممۇ ئېيتقان ئىدىكى،
بىلگەنسىرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر.

تىكەننىڭ زەھىرىدىن قورققان چىمەن ئىچرە كىرەلمەس.

ئاشىق ئەقىدە ساقلىسا ،جاپا ھەرگىز مەڭگۈلۈك ئەمەس.

تۇتى دوراش بىلەن ھېچقاچان بۇلبۇل بولالماس.

ساڭا ئەشئار كېرەك بولسا ،ئېلىڭنىڭ ئىشقىنى كۈيلە.
كىمىكى ئىشقىنى ۋەتەنگە مەڭگۈلۈك بىشەرت باغلىسا نى مۈشكۈل ئىمتىھانلارمۇ شۇنچە ئاسان بولۇر.

تەڭ ئىدۇق ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا،
ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن ،
تەڭ بولۇرمىز بىر كۈنى قەبرە ئالدىدا.


تىرىكتاپ قاغا-قوزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى ،
سەھەر گۈلشەنىدە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.
كىرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غافىللار .
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.
تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
كى دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.
قەسەم بىللا ،تەمەيىم يوق با ھەيۋەت قەسرى زىننەتتىن ،
پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بى مىننەت بورىيا ياخشى.
مېنىڭ تاجسىز ساياق باشىم ئۆزۈمگە  تاجى دۆلەتتۇر،
ئەركسىز پادىشاھلىقتىن جاھان كەشتى گاداي ياخشى.
نە ھاجەت جەننەتۇل مەئۋا ،ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت ،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر ،لاچىنغا كەڭ ساما ياخشى.
مالالەت يەتسىمۇ بەزەن ،دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا ،
بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ ۋاپا ياخشى.


كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك خاتىرىلىرىدىن تېخىمۇ سەرخىل ئەسەرلەردىن تاللانمىلار بارلىققا كېلىشىگە ئىشىنىمەن.

maxal20 2010-10-19 10:26
لېيىغان بىلاق رومانىدىن

بۇ دۇنيادا زالىم قالالماس ئەبەد،
ئۇنىڭغا قالىدۇ مەڭگۈلۈك لەنەت.
                                         _شەيىخ سەئىدى

نېمىشقا كەلتۈردۈڭ كۆلنىڭ قېشىغا،
ئۆزۈڭ ھەم كۆل قېشىغا كەلمىگەندىكىن.
نېمىشقا يېگۈزدۈڭ تۇزلىغان بېلىق،
ئارقىدىن ئۇسسۇزلۇق بەرمىگەندىكىن.

ۋەلېكىن ۋىسالنىڭ مەنزىلى يىراق،
ئۇنىڭغا يەتمەكلىك ئەمەستۇر ئاسان،
ھىجران چۆللىرى كەزمىگەن ئاشىق،
ۋىسال مەنزىلىدىن تاپالماس نىشان.

بىر قەترە دەريا يوق بولۇپ كەتتى،
يەرگە بىر چاڭ قوندى كۆمۈلۈپ كەتتى.
دۇنياغا كېلىشىڭ كېتىشىڭ نېمە؟
بىر چىۋىن تۇغۇلدى يا ئۆلۈپ كەتتى.

بىر غېرىپ كۆڭۈلنى قىلالىساڭ شاد،
ياخشىدۇر يەر يۈزىن قىلغاندىن ئاباد.
لۇتپىڭ-لە بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ،
ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد.

يوشۇرۇن كۆيۈش ئازاپ شۇنچە تاتلىق لەززىتى،
بارمىكىن تاڭ بۇنى بىلەرگە مەندىن ئۆزگە بىر كىشى.

قالغىنىنى تورداشلامۇ قېنى... ھە~ خاتىرەمنىڭ بەتلىرى قۇرۇق قالمىسۇن دەيمەن!

0998bahar 2010-10-19 10:30
شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس،
شائىرغا ھېرىس-تەمە بولمىغاي ھەۋەس.
يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزۈڭ،
سىتىپ خەجلىگىلى  ئۇ تاۋار ئەمەس.

ئابدېرىھىم ئۆتكۈر

مۇبارەك 2010-10-19 14:48
تۈن ئۇزۇن، تاڭ ئېتىشقا تېخى خېلى بار، بىز ھاجى رەھىمنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىشىمىز كېرەك.
                                                                                    
                                                                                       _ «چىڭگىزخان» رومانىدىن.

ھەرقانداق ئادەمدە مۇئەييەن تەشەببۇس بولۇپ، ئۇ تەشەببۇس ھىمايىگە ئىگە بولسا، ئۇ ئادەم جەزمەن ئالغا باسىدىكەن؛ قارشىلىققا ئۇچىرسا، بۇ ھال ئۇنى كۆرەشكە ئاتلاندۇرىدىكەن؛ ئەگەر ئۇ ھايات كىشىلەر ئارىسىدا يالغۇز چۇقان سالسا، ھايات كىشىلەردىن ئۇنىڭغا ئەكس سادا چىقمىسا، باشقىلار ئۇنى ھىمايىمۇ قىلمىسا، ئۇنىڭغا قارشىلىقمۇ كۆرسەتمىسە، ئۇ تەشەببۇسچى خۇددى پايانسىز چۆلگە كىرىپ ئېزىپ قالغاندەك ئامالسىز قالىدىكەن. كىشىگە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ھەسرەت بولامدۇ؟ مەن ئەنە شۇنداق ھېسىياتلار بىلەن ئازابلاندىم.
                                                                                      _ لۇشۈن،  «چۇقان» .

ئادەم ھەممە نەرسىگە كۆنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ناھايىتى ياخشى...

                                                                                      _ «لەۋدىن قەلبكە»

melek 2010-10-19 15:05

ئاي يامغۇرى - ئەخەت تۇردى

▲مانا ئەمدى شۇ يىگىت ئۇنىڭ غورورى،ئىپتىخار بولۇپ تۇيۇلغان ھەقىقى ئەركەك خۇددى بىر ناتىۋان ئاجىز قۇشلاردەك قەپەزگە سولۇنۇپ ئەركىدىن،مۇھەببىتىدىن،جىمى- جىمى نېمىسىدىن ئايرىلىپ ئازاب ۋە نادامەت ئىچىدە ياتماقتا ...
▲ باياشات،غەمسىز پاراغەتلىك تۇرمۇش ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،بوشاشتۇرۋىتىدۇ،تۇرمۇش ياخشىلانغانسىرى ئادەم تىنىنىڭ تەبىئەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى شۇنچە ناچارلىشىدۇ.
▲ ھەممە نەرسە چېكىدىن ئاشسا ئەكسىگە يانىدىغان ئوخشايدۇ.
▲ئەقىدەم قارارىمدىن ئۈستۈن كەلدى .
▲ دوستلارنى ئۆمۈرۋايەت بىر- بىرىگە باغلاپ تۇردىغان نەرسە-كۆڭۈل پاكلىقى بىلەن سەمىمىيەت.
▲ جىم ئاققان سۇمۇ غەرق قىلىدۇ.
كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ گۈزەل بۇرچ ۋە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور بەخت- تىگى تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۆگىنىش ---بالزاك
ھەقىقەتكە يەتكۈچە يالغان دۇنيانى يالمايدۇ .
رومانتىك ھېسياتقا ئىگە قىزلار مۇھەببەتتىن جۇدا بولۇشنى خۇددى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك چوڭ ئىش بىلىدۇ.بەزىلىرى ھاياتىمىز شۇنىڭ بىلەن تۈگەشتى دەپ قارايدۇ،ھەتتا « بولغۇلۇق بولدى ئاخىرغىچە بولسۇن » دەپ قاراپ ئىنتايىن بولمىغۇر ئېچىنىشلىق ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.

توۋا،ئادەم نېمىدىگەن ئاجىز ھە!؟ ئالەمچە ماختاش،خۇشاللىق ۋە ئويۇن- كۈلكىلەر سىغقان يۈرەككە مانا بۈگۈن كىچىككىنە دەرد-ئەلەم سىغماي يېرىلىپ كىتىشكە تاس قالدى .
باشقا كەلگەن ھەر قانداق ئېغىر كۈلپەتلەرنى سەۋىر- تاقەت ۋە ئىرادە بىلەن يەڭگىلى بولىدۇ.
*** ئەي يارەنلەر قورقما شەيتا ندىن،شەيتان چىقتى بۇ كۈن ئىنساندىن.
*** ئىشەك ھالۋا دىدى،يىدى ساماننى،پەلەك پەرق ئەتمەي ياخشى- ياماننى .
*** گۈلنى دېرىزىنىڭ سىرتىدىن پۇراپ يۈرىۋەرسەك بولماسمىدى؟!
*** بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكىس ئىتىدۇ .
*** گۈل تاجى ياسىماق ئاسان لىكىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق باشنى تاپماق قىيىن.—گىيۇتى
*** بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇشنى ئومۇمى خاھىش دېسىمۇ بولىدۇ،بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ.



« فائۇست»-گىيۇتى (گىرمانىيە)

ئۆمرۈمنى بەنت قىلغان ساختا سايىلەر،
يەنە بولدىڭىزمۇ ئالدىمدا پەيدا؟

مۇزلىغان جىسمىمنى ئېرىتەر بىر كۈن،
يامغۇردەك قۇيۇلغان قايناق كۆز يېشىم.

ھەر كىم ئۆز قەلبىنى ئۆزى ئاڭلىماس.

بەختلىك بولسا كىم بۇ زۇلمەت ئارا،
ھىدايەت يولىنى ئىزلەر دەممۇ- دەم.
ئايان نەرسىلەردىن پايدا يوق ئەسلا،
سىرلار دۇنياسىغا ئىنتىلەر ئادەم .

ھايفاغا قايتا بېرىش –غەسسان كەنافانى (پەلەستىن)
بۇ دەرت –ئەلەم سايىدەك ئۇنىڭغا ئەگەشتى.مانا ئەمدى ھەممە نەرسىلەر بۇرۇنقى خاتىرلەرنىڭ ئازاب ئىچىدىن قايتا تىرىلدى.ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت بىلەن تولغان رىئاللىقتا قايتا نامايەن بولۇشقا باشلىدى.

ئاھ «بىراق« نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق،ئادەمنى بۇرۇختۇم قىلىدىغان،قان پۇراپ تۇردىغان سۆز بۇ.

تەقدىرگە پۈتۈلۈپ كەتكىنى مۇشۇنداق لەنىتى مۇھىت ئاستىدا مۇشۇنداق پاراڭلارنى قىلىشىپ ئولتۇرۇش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىدى.

يىگىرمە يىل ئىلگىرى بىز ئۇنى تاشلاپ كەتكەندىلا جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدۇق،ئەمدى ئۇنىڭ قىساسىنى تارتماي ئىلاجىمىز يوق

ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆز-يۇلىئوس فۇچىڭ(چىخوسلاۋىيە)

سادىق كىشى تەۋرەنمەس بولىدۇ،خائىن خائىنلىقىنى قىلىدۇ.
چاكىنا ئادەم ئۈمىدسىزلىككە چۈشىدۇ،باتۇر ئاخىرغىچە كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ.
بۈگۈنكى كۈن بەرىبىر ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ،كىشلەر ئۇلۇغ زامانلار،تارىخنى ياراتقان قەھرىمانلار توغرىسىدا سۆز قىلىشىدىغان كۈنمۇ كېلىدۇ.
ئېسىڭلاردا بولسۇن! نامسىز قەھرىمان بولغان ئەمەس،ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز نامى،ئۆز قىياپىتى،ئۆز ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى بولغان شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغانلارنىڭمۇ تارتقان ئازابى، مەڭگۈ ئۆچمەس نام ئالغان ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ تارتقان ئازابىدىن كەم بولغان ئەمەس.مانا بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭلارنىڭ يېقىن دوستى،قېرىندىشى تۇغقىنى بولۇپ قالسۇن!
تۇمان ئىچىدىكى كېمە-جىبران خىلىل جىبران(لىۋان)
مەن سىلەرنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىڭلارغا مۇھتاج ئەمەسمەن چۈنكى ئاجىز كىشلەر باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىغا مۇھتاج مەن گەرچە دەردمەن ئادەم بولساممۇ ئەمما بىچارە ئەمەسمەن .

بۇ مېنىڭ تەنھالىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنە بىر تەنھا كۆلەڭگىنى ھەمراھ قىلىۋالغىنىمدۇر.

مېنىڭ كۆڭۈل يوپۇرماقلىرىم شاماللارغا جۆر بولۇپ شىۋىرلىمايدىغان،شاخلارغا قۇشلارمۇ ئۇۋا سالمايدىغان بىر تۈپ قاقشال دەرەخنىڭ تۈۋىگە دەپىن قىلىندى.

بەختنىڭ كەينىدە ئازاب بارلىقىنى زىنھار خىيالىمغا كەلتۈرمىدىم،مەن بىزنىڭ بەخت گۈلىمىزنىڭ بىر كۈنى سولىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايتىم.

قەسىر كوچىسى –نەجىپ مەھفۇز(مىسىر
قورقۇنۇش ۋە قايغۇ- ئەلەمنىڭ كۆلەڭگۈسى پەيدا بولغان چاغلاردىمۇ ئۇ ھەسرەت بىلەن كۈلۈمسىرەپلا قوياتتى.

بۇنداق پەيتلەر ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ،ئۇلار ھامان نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك ئەسلىمىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.

ھەر نېمە دېگەن بىلەن بىر يامان ئىش،نۇرغۇنلىغان يامان ئىشلارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى،خاتىرجەم،ئاسايىشلىق تۇرمۇشنى يەڭگىللىك بىلەن گۇماننىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.



yalghuz 2010-10-19 18:27
قورۇق رەھمەت دېيىشكە ئەسلا تېلىم بارمىدى، نىم پايدىسى رەھمەت دەپلا چىقىپ كەتكەندىن ..ئۇنىڭدىن كۆرە مەنمۇ كىرىپ ئىككى - تۆت تال تاللانمىلارنى يوللاپ ماڭاي ، بىرسى پايدىلانمىسا بىرسى پايدىلىنار ھېچ بولمىغاندا بىر قانچىمىزنىڭ روھىيتى پاكلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى

قەمبەرنىسا ئەبەيدۇللا


قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى __ ۋەتەنپەرۋەر ، مىللىي خاسلىقى گەۋدىلەنگەن ؛ ئەرلىك بۇرچىنى ، ئائىلىدىكى مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالايدىغان ، ئاتا - ئانىسىغا كۆيۈنىدىغان مەسئۇلىيەتچان يىگىت .

مېنىڭ قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى __ بۆرىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە ساداقەتنى ، تۆگىدىكى سەۋرىچانلىق ۋە چىدام - غەيرەتنى ، شىردىكى رىقابەت ۋە كەسكىنلىكنى ، بوۋاقتىكى سەمىمىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن باھادىر يىگىت . ئۇ يۈرۈش - تۇرۇشتىكى قەددى - قامىتىگە ، ئاتا - ئانىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلمايدۇ . قىزلارنى پۇل خەجلەشتىكى مەردلىكى بىلەن ئەمەس ، بەلكى يىگىتلىك غۇرۇرى ، بىلىمى ، ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن مەپتۇن قىلىدۇ .
قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى __ باشقىلار دەسسىگەن سەنەمگە دەسسەپ ، مۇھىتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ ، بەلكى ئەخلاق - پەزىلىتى ۋە ياخشى ئىش - ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇھىتنى ئۆزگەرتىدۇ . دانكودەك باشقىلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ ، ئەتراپىدىكىلەرنى پارلاق كەلگۈسىگە يېتەكلەيدىغان سەردار بولالايدۇ .
قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى __ شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئۆزگىرىدىغان خامالىيونغا ئوخشىمايدۇ ، بەلكى مەيدانى ئېنىق ، ئادالەت ، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ .
قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى __ كىچىككىنە قىيىنچىلىق ئالدىدا بەل قويۇۋېتىپ چۈشكۈنلەشمەيدۇ ، ئەكسىچە رىقابەت ئېقىمىدا غۇلاچ تاشلاپ ئۈزىدۇ ۋە ئەجرىدىن يارالغان نەتىجىلەردىن تەسەللىي تاپىدۇ .
قەلبىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتى __ شەخسىي ھېسسىياتنى دەپ ئۇلۇغ ئىشلاردىن ۋاز كەچمەيدۇ ، ئەل مۇھەببىتىنى كۆزلەيدۇ ، گۈزەللىكنى چىرايدىن ئەمەس ، بەلكى يۈرەكتىن ئىزدەيدۇ .
--------------------------------------------



قايسىدۇر بىر دانا : " ھەر قانداق ئادەمنىڭ روھىدا ئاتا ئانىغا، ئېتىقادقا ،غايىگە ، يېقىن دوستىغا ۋە مۇھەببەتكە بولغان ھېسسىيات تۈۋرۈكلىرى بولىدۇ ..........دىگەنىكەن .
ئەلۋەتتە ئاتا - ئانىغا بولغان مۇھەببەت قانداشلىققا تا لىق مۇھەببەتتۇر . ئېتىقادقا بولغىنى ئاللاغا سېغىنىش بۇھببىتىدۇر . غايىگە بولغىنى ئىقبال ئارزۇلىرىغا يېتىش يولىدىكى مۇھەببەتلىكى مۇقەررەر .
يېقىن دوستىغا بولغان مۇھەببىتى بولسا مېھىر - شەپقەت ، سەمىمى -سادىقلىققا تا لىق مۇھەببەتلىكى ئېنىق . ئەمدى مۇھەببەتكە تالىق ھېسسىيات بولسا يۈرەككە تا لىق مۇھەببەتتۇر .
شۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن ئىقراردۇرمىزكى يۈرەك:گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلار ، شېرىن ھېس -تۇيغۇلار ، يۈكسەك سۆيگۈ شەربەتلىرى ئۇلۇغ ئېتىقاد مىزانلىرى ، روھى مۇھەببەت ئازاپلىرى بايلىقى ساقلانغان تەن قەسىرسىدىكى خەزىنىدۇر. بىرەر كىمگە ئىشقى - سەۋدايى چۈشكەنىكەن بۇمۇ ئاللانىڭ ئىلتىپاتىدۇر . ئۇنداق .ئىكەن كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلى كىشىلەر يەنە نىمە ئۈچۈن كۆڭلىگە نۇر ئاتا قىلغان سۆيگۈسىدىن كىچىدىكەن ؟! ياق ، بۇ ھەقتە قانچىلىك تىل ئاھانەت ، دىشۋارچىلىقلارغا يولۇقمىسۇن ھەممىگە بەرداشلىق بېرىش كېرەك .
.......... تۇنجى قېتىم ئۆز يۈرىكىدە ئۆستۈرۈلگەن مۇھەببەت بىخىنى باشقىلار يۇلىۋېتىش ئالدىدا تۇرغاندا ، نىمە ئۈچۈن تەندىن بىر نەچچە تامچە مۇھەببەت شىرنىسى چىقمىسۇن ؟!


- ناتىۋانلار رومانىدىن ( جالالىدىن بەھرام)






قۇياش ھەر كۈنى چىقىۋېرىدۇ



بىر بوۋاي رەسىم سىزىشنى ئۆگەنمەكچى بوپتۇ –يۇ ،بىراق ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەي دوستىدىن سوراپتۇ:
–يەنە بەش يىلدىن كېيىن مەن يەتمىش ياشقا كىرىمەن ، رەسىم سىزىشنى ئۆگەنسەم بولارمۇ ؟
– نېمىشقا بولمايدىكەن ؟ سەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنمىسەڭمۇ ، يەنە بەش يىلدىن كېيىن ئوخشاشلا يەتمىش ياشقا كىرىسەن ،–دەپتۇ دوستى . ئۇ ئاغىنىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەتىسىلا ياشانغانلار ئۇنۋېرسىتىتىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپتۇ .
مەن تونۇيدىغان يەنە بىر بوۋاينىڭ خوتۇنى بىلەن بىردىنبىر ئوغلى كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەچكە ، پەرىشان يۈرەتتى . بىراق ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئازابغا دۇچار بولغان ئاغىنىلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك خوشال ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇلاردىن قانداق قىلىپ مۇنداق خوشال – خۇرام ياشىيالىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتىكەن ، ئاغىنلىرى مۇنداق دەپتۇ :
– ھەي بۇرادەر ، ئۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئۇزاق بولدى ، سەن يىغلاپ – قاخشىساڭمۇ ، ئىچىڭ ئېچىشسىمۇ كۈنلەر بىر كۈن بىر كۈندىن ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ ؛ خوشال ياشاپ ، خوشال ئۆتسەڭمۇ ،كۈنلەر يەنىلا بىر كۈن – بىر كۈندىن ئۆتۈۋېرىدۇ .....
دېمىسىمۇ ئادەم كەلگۈسىگە بىر خىل ئارزۇ ھەم خوشال كەيپىياتتا يۈزلەنگەندە ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىر پارچە نۇر پەيدا بولىدۇ . ناۋادا ئادەم ئازاپ – ئوقۇبەتنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالسا ، كەلگۈسى تولىمۇ غۇۋا بولىدۇ ؛ شۇنداقلا شۇ ئادەمنىڭ دوستلىرى بىلەن ئورۇق تۇغقانلىرىنىڭ خۇشاللىقىمۇ يوقىلىدۇ ...ھەر قانداق بىر ئادەمگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ، ئەتراپىمىزدىكى بارلىق خۇشاللىقتىن ھۈزۈرلىنىش ئەڭ مۇھىم . چۈنكى ئۇ ھايات ھالقىسىدىكى سەمىمىيلىكتىن تۈزۈلگەن بىر ھالقا . قايسى بىر شېئىردا :‹‹مەيلى سەن خالا ياكى خالىما ،قۇياش ھامان ھەركۈنى چىقىۋېرىدۇ›› دېيىلگەنىدى .
بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتا خۇشال – خورام يۈرەلىشى بەزى ۋاقىتتا ماددىي بايلىقنىڭ كەمچىل – ياكى مول بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن بەلكى شەيئىلەرگە بولغان مۇئامىلىسىدىن بولىدۇ .

maxal20 2010-10-19 18:38
قايسىدۇر بىر دانا : " ھەر قانداق ئادەمنىڭ روھىدا ئاتا ئانىغا، ئېتىقادقا ،غايىگە ، يېقىن دوستىغا ۋە مۇھەببەتكە بولغان ھېسسىيات تۈۋرۈكلىرى بولىدۇ ..........دىگەنىكەن .
ئەلۋەتتە ئاتا - ئانىغا بولغان مۇھەببەت قانداشلىققا تا لىق مۇھەببەتتۇر . ئېتىقادقا بولغىنى ئاللاغا سېغىنىش بۇھببىتىدۇر . غايىگە بولغىنى ئىقبال ئارزۇلىرىغا يېتىش يولىدىكى مۇھەببەتلىكى مۇقەررەر .
يېقىن دوستىغا بولغان مۇھەببىتى بولسا مېھىر - شەپقەت ، سەمىمى -سادىقلىققا تا لىق مۇھەببەتلىكى ئېنىق . ئەمدى مۇھەببەتكە تالىق ھېسسىيات بولسا يۈرەككە تا لىق مۇھەببەتتۇر .
شۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن ئىقراردۇرمىزكى يۈرەك:گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلار ، شېرىن ھېس -تۇيغۇلار ، يۈكسەك سۆيگۈ شەربەتلىرى ئۇلۇغ ئېتىقاد مىزانلىرى ، روھى مۇھەببەت ئازاپلىرى بايلىقى ساقلانغان تەن قەسىرسىدىكى خەزىنىدۇر. بىرەر كىمگە ئىشقى - سەۋدايى چۈشكەنىكەن بۇمۇ ئاللانىڭ ئىلتىپاتىدۇر . ئۇنداق .ئىكەن كىچىككىنە سەۋەنلىك تۈپەيلى كىشىلەر يەنە نىمە ئۈچۈن كۆڭلىگە نۇر ئاتا قىلغان سۆيگۈسىدىن كىچىدىكەن ؟! ياق ، بۇ ھەقتە قانچىلىك تىل ئاھانەت ، دىشۋارچىلىقلارغا يولۇقمىسۇن ھەممىگە بەرداشلىق بېرىش كېرەك .


ۋاي بىچارە گۈلبانۇم..... ئەنزەر....
تولىمۇ تەسىر قىلغان بۇ رومان..... ھەجەپ مەن كۆچۈرىۋالماپتىمەنغۇ، ئەمدى كۆچىرىۋالدىم....

tikan 2010-10-19 21:09
  ھەقىقەتەن ئېسىل تاللانمىلار ئىكەن، مۇئەللىپ تولىمۇ جاپا چېكىپسىز. باشقا ئىنكاسچى تورداشلارمۇ ياخشى ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ، تولىمۇ سۆيۈندۈم. مەنمۇ ۋاقىت چىقارغاندا ئىنكاسىمنى تەھرىرلەپ، ياخشى تاللانمىلاردىن قالدۇرۇپ قوياي.

zakira 2010-10-19 21:25
   ئاجايىپ قىممىتى  بار ،كۆرۈپ پايدىلانغۇدەك دۇردانىلەركەن  . ئەجرىڭىزگە مىڭ تەشەككۈر !

muellip 2010-10-19 22:55
نەقىل
بۇ 4قەۋەتتىكىahu يوللىغان 2010-10-19 11:33 غا قارتىلغان  :
رەھمەت مۇئەللىپ،بەكمۇ قىممەتلىك ھىكمەتلەرنى يوللاپسىز!يوقاپ كەتتىڭىز كېلىپ تۇرۇڭ!


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاھۇ ھەدە!
    مەن بار،شۇ مۇنبەرگە بۇرۇنقىدەك  كۆپ كىرمەس بوپ قالدىم.ئۈگۈنۈش ۋە  باشقا تىرىكچىلىك غەملىرى بىلەن سەل ئالدىراش.مۇمكىن بولسىلا سىلەر بىلەن مۇلاقات بولۇشقا تىرىشىمەن.كونا مۇنبەرداشلارنى تېپىۋېلىپ خويمۇ خۇرسەن بولدۇم.پۇرسەت تاپسام ئۆز قەلىمىم،ئۆز ئەمگىكىم بىلەن پۈتكەن ئەسەرلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىمەن ،ئىنشائاللاھ!

muellip 2010-10-19 23:00
ھېچنىمە...

muellip 2010-10-19 23:12
بۇ تېمىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ،ھىكمەت خەزىنىلىرىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان مۇنبەرداشلىرىمغا جۈملىدىن ئەھمىيەتلىك ئىنكاسلارغا ئىلھام بېرىپ كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان جاپاكەش باشقۇرغۇچى دوستلارغا رەھمەت!

pariay 2010-10-19 23:18
بەكمۇ ياخشى تاللانغان ئەسەرلەركەن ،،
مەنمۇ قوشۇپ قوياي :

جالالىدىن بەھرام نىڭ<< كۆمۈرچى بالا >>رومانىدىن :

            ،،،،كۆمۈردەك قاپقارا كۆمۈرچى بالا ،
            ئۆزۈڭدەك كۆمۈرچى دوسلىرىڭ تولا .
           خېرىدار ئىزدەيسەن كۆمۈرلىرىڭگە ،
           سەن ئۈچۈن يىغلايمەن يۈرىكىم يارا .
          
            ،،،،كۆمۈردەك قاپقارا كۆمۈرچى بالا ،
            قەلبىڭدە يۇلتۇزدەك دەدرلىرىڭ تولا .
            چىرايىڭ كۆرۈنەر شۇنچە پەرىشان ،
          سەن ئۈچۈن يىغلايمەن يۈرىكىم يارا .

          ،،،،كۆمۈردەك قاپقارا كۆمۈرچى بالا ،
          ساددىسەن سەھرادەك،ساۋاتىڭ چالا .
          تىلەيمەن بەختىڭنى دۇئالىرىمدا ،
         سەن ئۈچۈن يىغلايمەن يۈرىكىم يارا .

ئەخەت تۇردىنىڭ << قاباھەت >>رومانىدىن :
"ئادەملەر تەقدىرنى ، تەقدىر ئادەملەرنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ،،،ھاياتنىڭ ئەزەلدىن بۇيانقى ئايلىنىشى شۇ !"
"تەقدىرىمىزنى ئەخلاقىمىز بەلگىلەپ بېرىدۇ "

                    ئاھ مانا ، قولۇمدا  ھاسا  تايىقىم ،
                    بىر ئېغىر سۈكۈتتە كىتىپ بارىمەن .
                    ئېيتقىنچۇ ئەي دوسلار ، قېنى ئۇ ئارمان ،
                    مەن ئەمدى قاياققا ، نەگە بارىمەن !؟.

bargiya 2010-10-20 10:23
مەن بار

maxal20 2010-10-20 15:00
ھايات ھەقىقەتلىرى    

ھەرقانداق ئىدىيە ئۆزىنى ھەقىقەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىگىسى دەپ بىلىدۇ.

تەڭرى ئېيتىدۇلەركى: ئاخىرقى زامان مېنىڭ تۈپەيلىمدىنمۇ ئەمەس، تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىنمۇ ئەمەس، ئادەم بالىلىرىنىڭ ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

چىڭغىز ئايتماتوف قىيامەت رومانىدىن

ھازىر ھەقىقەت دېيىلىۋاتقان نەرسىلەر ۋاقتى يەتكەندە خاتالىق بولۇپ چىقىدۇ.

جازالاش دەھشەتلىك تۈس ئېلىشقا باشلىغان جەمىيەتتە ئادەملەر قانۇنغا شۇنچە بويسۇنماس بولىدۇ.

ئادەت يوسۇن بارلىق ھوقۇقلار ئىچىدە خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان بىردىنبىر ھوقوق.

ئاتا_ ئالەمنى بىنا قىلغۇچىنىڭ ئوبرازى.

مونتىسكيۇ   پارىس مەكتۇپلىرى دىن

بالىڭىزنى كۆككە كۆتۈرۈپ <پادىشاھ> قىلىۋالسىڭىز تەبىئىي ھالدا بالىلىرىڭىزنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسىز، <پادىشاھ> تىن ۋاپا قىلىشنى تىلىيەلەمسىز؟

بالىسىنى چۈشەنمەيدىغان ئاتا ئانا خۇددى ياستۇققا ئوخشايدۇ، گويا بالىنىڭ كاللىسىغا ئەڭ يېقىن تۇرۇپمۇ كۆرگەن چۈشىنى بىلەلمىگەندەك...

بالىغا بولغان مۇۋاپىق بېسىم ئالغا بېسىشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئەمما ھەددىدىن ئارتۇق بېسىم بالىنى ۋەيران قىلىشتىكى دەھشەتلىك كۈچتۇر.

چەتئەل مائارىپ ئۆرنەكلىرى دىن

maxal20 2010-10-20 15:02
تورداشلارغا:
ئۆزىنى بېسىۋېلىش قولىدىن كېلىدىغان ئادەم غالىپلاردىندۇر...

ئاچچىق كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋېلىش ئاقىللارنىڭ تاللىشىدۇر...

بىھۇدە سۆز كىشىنىڭ ئىناۋىتىگە، باشقىلارغا بەرگەن تەسىرىگە ئەڭ تەسىر قىلىدۇ...

akattrgvl 2010-10-20 15:40
ئاھ مېنىڭ مىللىتىم (روزى سايىت )
بۇ مىللەتنىڭ قېنىنى بۇزدى يۇرتۋازلىق، خوتۇنبازلىق ،
ئاڭا يانداشتى مەيخورلۇق بۇ « بازلىق » لار قىلىپ ئازلىق .
« قايەرلىككەن؟ » بىلەن ئۆلچەپ « يامان » نى ياخشى  نى، توۋا  
ئىمانى، جاننى بەردى جانانلار ئاتسا قاش نازلىق .
ئىچىپ مەي زورلىنىپ- زورلاپ، ئەقلىنى مەي بىلەن خورلاپ ،
كۆزىنى مەستلىكى تورلاپ، قېلىشتى غەمزە- غەممازلىق .
بۇلارمۇ يەتمىگەندەك، كۆر، چىقاردى باشقىچە ئادەت ،
گۇرۇھ ئايرىپ، جېدەل ئىستەپ، گۇماندا يۈتتى ھەمرازلىق .
ئۇ چىشلەپ، بۇ تېپىپ، ئۇ كوچىلاپ، بۇ چۇخچىلاپ... ھەيھات ،
ئاداۋەت، غوم- مۇرامدا دىل يېرىنى ئەيلىدى سازلىق . ,
ئۆگەنمەك يوق، تىرىشماق يوق، ئىلىم تەھسىلگە قىلماق زوق ،  
يەنە قېپقالدى بىر مۇنچە ئېسىل خۇي، خۇيدا رەڭۋازلىق .
ئارام تاپسا سوقۇشتۇردى، تالاشتۇردى خوراز، ئىتنى ،
جاھاندا بارمۇ بىر مىللەت سۈپەتتە ئۇشبۇ ئەندازلىق؟  

مېنى بۇ مىللىتىمنىڭ غەپلىتى ئۈندەيدۇ چوقانغا:
-ئەجەپ مىللەت ئىدىڭ بوش كەلمىگەن كۆپ نوھى توپانغا .
جاھالەت دەۋرى پۈتكەندە، زاماننىڭ زورى يۈتكەندە ،  
سېنىڭ روھىي راۋانىڭ دەسسىدى ئىللەتتە قاپقانغا .  
« ئېتىز، بۇغداي، قوناق... » تىن ئۆزگىسى يادىڭغا كەچمەيدۇ ، .
ئەقىل، كۈچنى خوراتتىڭ ئەسكى كەتمەن- « گۇپپۇ- گۇپپاڭ » غاl.
« ئوقۇيمەن! » دەپ تىرەجەپ يىغلىسا سەن زورلىغاچ تويغا ،
يېشى ئون ئۈچ شۇ دىلپارەڭ- قىزىڭ ئايلاندى چوكانغا .
ئوماق ئوغلۇڭ زامانى پەن كۆكىگە ئۆرلىمەكچىدى ،
چىقاردىڭ مەكتىپىدىن، باقتى قوي- ئايلاندى چوپانغا .
ئايال- مەزلۇملىرىڭدىن قىزغىنىپ نۇر، ئاسقۇزۇپ چۈمبەل ،
« بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا... » دەپ پۈچەك دان توشتى دوپپاڭغا .
قېنى، ئېيت مىللىتىم، دائىم ئۆتەمدۇ كۈنلۈرۈڭ شۇنداق ،
ھەۋەس ئەيلەشتە كۆز چىمچىقلىتىپ ياتقانغا، قوپقانغا؟...

خىيالىم شۇ: مېنىڭ بۇ مىللىتىممۇ نۇر قۇچاقلارمۇ ؟
نادانلىق ئىللىتىنى ئىلمۇ- ئىرپاندا پىچاقلارمۇ ؟
جاھان نۇر تېزلىكىدە، بەلكى نۇردىن تېز سەپەر ئەتمىش ، `
« قورساق » تىن نېرىغا ئۆتمەس نىچۈن گەپ- « ۋاچ- چاپاقلار » مۇ ؟
رىقابەت، مەرىپەتنىڭ ئالىمى بۇ- باشقىچە ئالەم ،
ئېلېكتىرلەشتى بۇ كەمدە قازان ھەتتا ئوچاقلارمۇ .  
پەقەت بىزلا تېرىپ تەمەچ، پاسار ياقساق تۇنۇر ، مەشكە ،
پېتىدىن چۈشىمىسە، توۋا، قەدىم تاش يارغۇچاقلارمۇ :
ھاراقتىن بىر تۇرۇشتا قانچىلىك ئىچمەكتە بەسلەشسەك ،
دەرىخا! ئەقلۇ- ئىدراكنىى بۇ قاششاقلىق پاچاقلارمۇ ؟
جاھان مىللەتلىرىنىڭ سەپ- قاتارى بىزگىمۇ مەنسۇپ ،  
بۇ مەنسۇپلۇق « بىلىش » تە! بىز بىلەلمەس دۆت- قاپاقلارمۇ؟
ئۇنتۇما مىللىتىم، ئاۋۋالقىسى پۇشتۇڭغا تەۋە شان ،
سېنىڭ شانىڭ نېمە، سىنغان ساپال، دات تىغ، رۇچاقلارمۇ؟


  

bayawan 2010-10-22 13:04
ائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو




ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەرسە يوق. _درېزەر  

ئائىلە ئەدەپ-قائىدە ۋە يۈرۈش-تۇرۇشنى ئۆگىندىغان جاي. ئەگەر بالىڭىز چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى قائىدىلىك بولسا، بۇ ھالدا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخمۇ بەختلىك بولىدۇ. _سوفىيە روللان


ئانىنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈ قۇرۇمايدىغان بۇلاق. _گونچارروف

شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى، نىكاھىنىڭ بەختىلىك بولۇشى كاتتا سالاپەت ۋە مال-بىسات ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلشى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ خىل بەختنىڭ ماھىيىتى كەمتەرلىك. _بالزاك


بالا تەربىيلەشكە ۋاقىت چىقمغانلىق ئادەم بولۇشقا ۋاقىت چىقمىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. _سوخۇملىنسكىي

ياخشى كىتاب بىباھا گۆھەر، كىتاب ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ شوتىسىدۇر.  

كىتاب ئىنسانلارنىڭ ئىلگىرلىشىدىكى شوتا ، مەن شوتىنىڭ ھەر بىر ۋاخنىسىغا چىققاندا ياۋايىلىقتىن ئادىمىيلىككە قاراپ ئۆرلىيەلەيمەن ، گۈزەل تۇرمۇشقا يېقىنلىشىمەن ، شۇنىڭ بىلەن كىتابنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشكە ، قەدىرلەشكە باشلايمەن  

گوركىي  

كىتاب پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقى ، تۇرمۇشتا كىتاب بولمىسا خۇددى ئاسماندا قۇياش بولمىغىنىغا ئوخشاپ قالىدۇ . ئەقلىي جەھەتتە كىتاب بولمىسا خۇددى قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ  

كىتاب –– ئىنسانىيەتنىڭ ئوزۇقى.  

شېكىسپېر  

كىتاب – زامانىمىزدىكى ھەقىقىي مەكتەپتۇر.  

توماس كارلىلې  

كىتاب بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان مەنىۋى ۋەسىيىتىدۇر، جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغان مويسىپىتنىڭ ھايات يولىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان ياشقا قىلغان سەمىمىي نەسىھەتىدۇر، ئارام ئېلىش ئالدىدىكى قاراۋۇلنىڭ ئورنىغا كەلگەن قاراۋۇلغا بەرگەن بۇيرۇقىدۇر. كىتاب ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقىي تەلىم ئالالمايدۇ، شۇنداقلا ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمايدۇ.  

گېرتسېن  

ياخشى كىتاب ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئاچقۇچى.  

لېۋ تولىستوي  

ۋاقىت بىزگە تەجرىبە بېرىدۇ، كىتاب بىلىم بېرىدۇ.  

ئوستروۋىسكى  

ياخشى كىتابتىن بىرنى ئوقۇش بىر ياخشى دوست تۇتقانغا تەڭ. ياخشى كىتابتىن بىرنى ئوقۇسىڭىز، ئالىيجاناب كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندەك بولىسىز.  

گيوتى  

ئادەم ئۆگەنگەنسېرى بىلىمسىزلىكىنى شۇنچە ھېس قىلىدۇ.  

دېكارت  

ئۆگىنىشنى ھەرگىز ۋەزىپە دەپ قارىماي، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ بەخت – سائادىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆگىنىڭ.  

ئېينىشتېين  

يېڭى كىتاب گويا پاراخوتقا ئوخشايدۇ، ئۇ بىزنى تار ئۆستەڭدىن چەكسىز دېڭىزغا ئېلىپ چىقىدۇ.  

كېللېر  

كىشىنىڭ ھاياتى يالقۇنلاپ تۇرۇشىمۇ مۇمكىن، چىرىپ تۈگىشىمۇ مۇمكىن. مەن يالقۇنلاپ تۇرۇشنى خالايمەنكى، ھەرگىز چىرىمايمەن.  

ئوستروۋىسكى  

ياخشى كىتابلار داڭدار كىشىلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئەڭ قىممەتلىك سۈت ، ئۇنىڭدا ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقلىرى ساقلانغان ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى قورال  

مىرتون  

بىز بىر ياخشى كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇغاندا خۇددى يېقىن دوستىمىزنى تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ ، ھاياجانلىنىپ كېتىمىز  

فورتى  

كىتاب بىزنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇستاز ، كىتاب بولسىلا كىشىلەرنى ئۈنۈملۈك تەربىيىلەش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ  

دىبور  

كىتاب دەۋرنىڭ دولقۇنلىرىدا ئىلگىرلەۋاتقان ئىدىيىۋى كېمە . ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ماللارنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ  

بېكىن  

كىتاب ۋاقىتنىڭ دېڭىز - ئوكيانلىرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەڭگۈ ئۆچمەس ماياك  

خوپىر  

كىتاب ئىنسانلارنىڭ كالىندارى ، ئۇ بارلىق ئىنسانلار توپلىغان چەكسىز تەجرىبىلەرنى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدۇ  

قايىل  

ياخشى كىتاب كۆپىنچە ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ نازۇك بۇيۇمغا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭغا ئىنسانىيەت ئىدىيىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن  

سىمرىسكى  

ihlasmen 2010-10-23 07:09
ئەسسالام!

قەدىرلىك خانقىز!

سالامەتمۇسىز؟

قىممەتلىك يوللانمىڭىز ئۈچۈن ئالەمچە سۆيۈنۈش سالام بىلەن كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!

بۇلارنى توپلىغان قوللىرىڭىزدىن گۈل ئۈنۈپ كەتسۇن ، ئىلاھىم!

سىز باشلاپ بەرگەن بۇ يول بىلەن يەنە قانچىلىغان ئېزىزلىرىمنىڭ قىممەتلىك يوللانمىلىرىنى كۆردۈم . شۇنىڭ بىلەن ئېزىز ئانا ۋەتىنىمدىن ۋاختلىق ئايرىلغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرەلمىگەن ناھايىتى ئىسىل كىتاپلاردىن ئېلىنغان جەۋھەرىي يوللانمىلار بىلەن قەلپ گۈلزارلىغىمدا ئاجايىپ گۈزەل گۈل – چىچەكلەر ئېچىلغاندەك خۇشال بولدۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە ۋە سىز ئارقىلىق باشقا بارلىق قېرىنداشلىرىمغا تەكرار رەھمەت ئېيتىمەن. جۈملىدىن ئاددىي بولسىمۇ بىر قانچە تال مۇنبەر گۈلى يوللۇدۇم، سىزنىڭ ۋە باشقا بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ مانا شۇ گۈلدەك ياشاپ ئۆتىشىنى بىر ئاللاھتىن تىلەيمەن!

خەير، ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭلار ئېزىزلىرىم!



maxal20 2010-10-23 11:47
مەن يەنە يوللاۋېرەي ئەمىسە....

ئەبۇ مەنسۇر ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ئەزىز ئوغلۇم، يالغان سۆزلەپ "مېنىڭ سۆزۈم توغرا" دەپ قەسەم ئىچمە، راست سۆزلىسەڭ راسلىقىغىمۇ قەسەم ئىچمە، سورۇنلاردا دەرىجەڭ ۋە مەرتىۋەڭنى دەستەك قىلىپ، يوقۇرى ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلما. بايلىق دەرىجە مەرتىۋەڭگە مەغرۇر بولما.
   ئوغلۇم قانائەتچان بول، ھەرقانداق كىشىدىن بىرەر نەرسە تاما قىلما. كۆزۈڭنى ئاچ، ئالەمگە ھەقىقەت نەزىرى بىلەن قارا، ئۆتكەنلەردىن ئىبرەت ئال، كىشىلەر بىلەن تالىشپ، تالاش-تارتىش قىلىپ يۈرمە. ئۆچ ئاداۋەت ۋە خۇشامەتتىن تىلىڭنى تارت. بىلىملىك ھۈنەرلىك بولۇشقا دىققەت قىل. ئورۇق-تۇققانلىرىڭنى ئۇنۇتما. دوستلىق بۇرچۇڭنى ئادا قىل، ياخشى سۆزۈڭ، ياخشى خىسلىتىڭ بىلەن خەلىقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن تىرىش. بۇ نەسىھەتلىرىمنى ئۇنۇتما.

ھېكايەتلەر دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

ھۆكۈمدارلار دەستۇرىدىن ھېكمەتلەر

ئۆز كۈچگە ئاساسلانمىغان ھوقوق ۋە شان شەرەپ ئەڭ بىچارىدۇر.

ھۆكۈمدار خەلق بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئۇ پىشكەنلىككە ئۇچرىغاندا يالغۇز قالىدۇ.

بۇرۇنقى روھى جارائەتنى ياخشىلىق ئارقىلىق ساقايتىمەن دېيىش خۇددى قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئېتىۋالغاندەكلا ئىش.

ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت شەپقەتلەرنىڭ ئالدىمىلىرىغا دۇچ كەلسىمۇ بەرىبىر ھۆر خەلىقنىڭ قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ.

ئۇلۇغۋار ئىش ۋە ئۆزىنى ئۈلگە كۆرسىتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش ھۆكۈمدارنى تېخىمۇ ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ.

maxal20 2010-10-23 11:50
مەن بۇ تېمىنى نادىر ئىنكاسلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ، چۈنكى كىتابنى جىق ئوقۇيدۇ.... دەپ ئويلاپتىمەن، لېكىن چۈشكەن نادىر، ياخشى ئىنكاسلار يەنىلا ئاز..... تورداشلار، مۇنبەرداشلار... نەزىرىڭلارنى بۇ يەرگىمۇ ئاغدۇرۇپ قويۇڭلار.

بىر جۈملە ھېكمەت نۇرغۇن نۇرغۇن تارىخنى، مەنانى مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ.

aman121 2010-10-23 19:09
- بىز ئۆلۈشكە ئالدىراۋاتىمىز!...
-----------
ئۆزۈمنىڭ ھېكمىتى!

rayhan 2010-10-23 21:22
رەھمەت  مۇئەللىپ  ئەھمىيەتلىك  مەزمۇنلارنى يوللىغىنىڭىزغا؛

ئاتا -ئانا ( خېلىل ساتتارى)
"بۇ دۇنيادا ئۈچ نەرسە بار ئىزدىسە تېپىلماس،
بىرى ئاتا، بىرى ئانا، بىرى قېرىنداش."
ئاتا ئۇلۇغ،ئانا ئەزىز، قېرىنداش غەمخور،
ئۆمۈر گۈلۈڭ شۇلار بولماي كۈندە ئېچىلماس.
ئاتا-ئانا دۇئاسىنى ئۇلۇغ بىلگەيمىز،
شۇ دۇئاسىز بېشىمىزغا ھېچ دۆلەت قونماس.
ئاتا-ئانا كۆز يېشىغا سەۋەب بولغانلار،
توزۇپ تۈگەر ، دەرگاھىدا ئاۋاتلىق بولماس.
ئاتا ئىشلەر ئېتىزلاردا بېلى مۈكچىيىپ ،
ئىچ ئاغرىتقىن بىچارىگە بىر كۈنمۇ تىنماس.
ئانا بارار ئەڭ ئالدىدا بارچە مۈشكۈلنىڭ،
شۇلار قويغان تۈۋرۈكلەرمىز زادى يىقىلماس.

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئىنسان بالىسىنىڭ قىممىتى  بىلىم ۋە ئەقىلدىن ئىكەنلىكى بايانىدا
(يۈسۈپ خاس ھاجىپ)
ياراتتى ۋە يۈكسەلتتى تاللاپ ئادەمنى،
بېرىپ ھۇش -ئەقىل،پەزىل،ئىلىمنى ھەم.
تىلنى چىقارىپ ئاڭا بەردى دىل،
ئۇيات بەردى يەنەگۈزەل خۇش پېئىل.
بىلىم بەردى،ئىنسان زورايدى بۇ كۈن،
ئەقىل بەردى ،شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن.
خۇدا بەرسە كىمگە ئەقىل ھۇش، بىلىگ،
تولا ياخشىلىققا ئۇزاتۇر ئىلىگ.
بىلىمنى بۈيۈك بىل ،ئوقۇشنى ئۇلۇغ،
بۇ ئىككى يۈكسەلتۇر قۇلنىمۇ تۇلۇق.
بۇ سۆزگە گۇۋاھدۇر تۆۋەندىكى سۆز،
بۇ سۆزنى ئىشىتكىن ،سۆزۈڭ بۇندا ئۇز:
ئەقىل قايدا بولسا، ئۇلۇغلۇق تاپۇر،
بىلىم كىمدە بولسا، بۈيۈكلۈك تاپۇر.
ئەقىللىق ئۇقار ئول بىلىملىك بىلۇر.
بىلىملىك ،ئەقىللىق تىلەككە يىتۇر.
بىل، بىلىم مەنىسىن،بىلىم نىمە دەر،
بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسەل بولسا ئەر،
بىلىمسىز كىشى بارچە ئاغرىق بولۇر،
داۋالانمىسا ئۇ تىرىكلا ئۆلۇر.
كېسەلنى داۋالات، بار ئەي بىلمىگەن،
ئەي ئالىم نادانغا داۋا ئەيلەسەن.
ئەقىلدۇر بۇرۇندۇق ،ئاڭا يەتسە ئەر،
تۈمەنمىڭ تىلەگى ھەم بولسا يىتەر.
كىشىگە ئەقىل  پايدىسى كۆپ ئېرور،
بىلىم بىلسە ئىنسان ئېزىز ئەر بولۇر.
جىمىكى ئىشىڭنى ئەقىل بىرلە قىل،
بىلىم بىرلە ۋاقتىڭنى ساقلاشنى بىل.

muellip 2010-10-23 21:53
ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەن،مەشئەل20،ئامان121،رەيھان قاتارلىق مۇنبەرداشلار سىلەرگىمۇ كۆپتىن- كۆپ رەھمەت! مەشئەل ئېيتقاندەك مەنمۇ بۇ تېمىنى ئەھمىيەتلىك ئىنكاس بىلەن توشۇپ كېتىدۇ دەپ  ئويلىغان.چۈنكى،قارىسام خېلى كۆپ زىيالىيلار باردەك قىلاتتى بۇ مۇنبەردە.ئەمما،مەنمۇ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلمىدىم.بەلكىم مۇنبەرداشلار ئالدىراشتۇ.بۇ تېما خېلى ۋاقىتقىچە تۇرغاندىن كېيىن ۋاقتى چىققاندا يازار.بۇ تېمىنى "رەھمەتلىك" دىيارىم مۇنبىرى ئوچۇق ۋاقتىدا يوللىغان ھەم مۇنبەرداشلارنىڭ نادىر ئىنكاسلىرىنىمۇ  ساقلىۋالغان ئىدىم.بۇ قېتىممۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك قاراۋاتىمەن.يېڭى،مەن ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ئىنكاسلارنى ساقلىۋالدىم.ئەلدىن ئەلگە نەپ،بىرىمىز ئوقۇغاننى بىرىمىز ئوقىمىغان.شۇڭا،ئىسىل دۇردانىلەرنى ئايىمىغايسىزلەر!

janggal 2010-10-24 01:13
بۇ بەتتىكى تەرمىلەر تورداشلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە بىر خىل مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپ، كىشىگە ھوزۇر ۋە قانائەت تۇيغۇسى بەخش ئېتىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن بەكمۇ ساغلام ۋە پاكىزە تەبىئەتلىك تورداشلارنىڭ يىغىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە تور ئەخلاقى ياكى كىشىلىك مۇناسىۋەت، مۇنازىرە جەريانىدا بولسۇن دەل مۇشۇنداق سەمىمى بولساق نىمە دىگگن ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلايمەن. بۇ بەتتىكى تورداشلارغا رەھمەت!

ihlasmen 2010-10-24 02:07
ئاددىي بولسىمۇ مەنمۇ بىر كۈبلىت شېئىر قوشۇپ قوياي:

قىزىق قۇياش چاخناپ تۇرسىمۇ،
كۆڭۈل سەزمەي قالمايدۇ شۇنى.
ــــــــ ھايات سوغ بولۇر ئەگەر بەرمىسە،
ــ ئاشىققا مەشۇق يۈرەك ئوتىنى!

rayhan 2010-10-28 21:59
ئىنسان  ئۈچۈن ھايات ئەڭ  قىممەتلىك ، ئۇ كىشىگە  بىرلا  قېتىم  كېلىدۇ .
كىشى ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى  كېرەككى ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرى ئۈچۈن  يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان  بولسۇن. ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ:"پۈتۈن ھاياتىمنى ۋە بارلىق زېھنىمنى  دۇنيادىكى ئەڭ  ئۇلۇغۋار  ئىشقا--- ئىنسانىيەتنىڭ  ئازادلىقى  يولىدىكى  كۆرەشكە بېغىشلىدىم." دىيەلەيدىغان بولسۇن.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~
{پولات  قانداق تاۋلاندى } فىلىمىنىڭ  مۇقەددىمىسىدىكى    كىشىنى  ھاياجانغا  سالىدىغان  بۇ  ئىبارىلەرنى   بەك  ياقتۇرىمەن؛

paryat 2010-10-31 15:35
مەنمۇ  بىر كەلىمە كەلتۈرەي:

.....ئۈمىت  گويا قاپقاراڭغۇ  بورانلىق  كېچىدىكى  يىڭنىگە  ئوخشايدۇ،،  ئەمما مەن ئۇنى ئىزلەپ كۆرىمەن.......شاھزادە  جالالىدىن


<چىڭگىزخان>      ۋ.گ.يان

paryat 2010-10-31 15:41
رەيھان   سىڭلىم    سىز   پارتىيە  ئەزاسى  ئىكەنسىز  ھە؟؟؟

سىتالىن ۋە روسلارنىڭ  زەھەرلىرىگە بەكمۇ  ئىشىنىپ  كەتمەڭ...........

  ئاتالمىش بۇ پولات  تۈركى مىللەتلەرنىڭ  ئىسسىق  قانلىرى، ھىساپسىز تۈرك ئانىلارنىڭ ئەلەملىك  قاغىشلىرى  بىلەن  (تاۋلانغان)    

rayhan 2010-10-31 17:18
ئىنسان  ئۈچۈن ھايات ئەڭ  قىممەتلىك ، ئۇ كىشىگە  بىرلا  قېتىم  كېلىدۇ .
كىشى ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى  كېرەككى ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرى ئۈچۈن  يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان  بولسۇن. ئۆلۈش ئالدىدا ئۇ:"پۈتۈن ھاياتىمنى ۋە بارلىق زېھنىمنى  دۇنيادىكى ئەڭ  ئۇلۇغۋار  ئىشقا--- ئىنسانىيەتنىڭ  ئازادلىقى  يولىدىكى  كۆرەشكە بېغىشلىدىم." دىيەلەيدىغان بولسۇن.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~``
مەن  پەقەت  مۇشۇ  جۈمىلىنىڭ  ئۆز ئالدىغا  ئىپادىلىگەن  مەنىسىنى  كۆزدە  تۇتتۇم.
(پولات قانداق  تاۋلاندى )  دىگەن  تېمىنى  دىمىسەممۇ  بولاتتى ، لېكىن ،  ئەگەر  مەن ،   ئاشۇ  جۈملىنىلا  يوللاپ  قويغان بولسام ، كەينىمدىنلا  بىرى قوپۇپ، بۇ   " پولات قانداق  تاۋلاندى"  دىگەن  كىنودا  چىقىدۇ   دىگىلى تۇراتتى   ھېلى...شۇڭا  مەن ئۇ تېمىنى  قىستۇرما  قىلىپ  قويغان، خالاس.

rayhan 2010-10-31 17:27
ئىنسان  ئۈچۈن بىرلا قېتىم  كېلىدىغان  ھاياتنى  قەدىرلەپ   مەنىلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك ... دىگەن   پىرىنسىپ   بۇ   دۇنيادا  ياشىغۇچى  ھەر  قانداق  ئادەمگە ئوخشاش  ماس  كېلىۋېرىدۇ  غۇ  دەيمەن.

ئايتۇغ 2010-11-01 22:58
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

شائېر-دەۋر يار بەرسە سىياسىئۇن بولىدۇ.يار بەرمىسە شائېر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.

asma 2010-11-05 11:35
"ئۆزىڭدىن ھالقى" دىگەن كىتاپتىن تەرمىلەر:
ئۆزۈڭنى ئاغدۇرىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى!ھىچكىم ئۆزىنىڭ ئېتىبارسىز ئادەم بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. نۇرغۇن كشىىلەر ئۆزىنى مۇنەۋۋەرلىككە، بۇيۈكلۈككە ئېلىپ بارىدىغان يولنى ئىزدەپ تېپىشقا تەشنا، ئۇلار ئىچىدە زور كۆپچىلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىسى پەقەت بىرەر قېتىملىق  ئۇرۇنۇش بىلەنلا ئاخىرلىشىپ قېلىۋاتىدۇ.
ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىچ ئاغرىتقىسى كېلىدۇ، شۇنداقمۇ؟
شۇنداق. بىراق يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا ئادەمنىڭ ئۇلارغا ‹‹خوپ بوپتۇ›› دىگۈسى كېلىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى  ناھايىتى ئاددى، ئايىغى چىقماس قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە كىرىپ قالغان ئادەم ئۈمۈد نۇرىدىن ئەبەدىي مەھرۇم قالىدۇ.
ئېسىڭدە بولسۇن: ھاماقەتلىكىڭ بىرەر ئىشنى بۇزۇپ قويغانلىقىڭدا ئەمەس بەلكى ھازىرمۇ ئاشۇنداق بىھۇدە ئىشنى قىلىۋاتقىنىڭدا!
يازغۇچى ئىزابىل ئالىند ناھايىتى جايىدا ئېيتقان:«كىشىلىك ھاياتىڭنىڭ تەدبىرىنى پەقەت ئۆزۈڭ بېرىسەن، چۈنكى كىشىلىك ھاياتىڭدىن داستان يېزىش يازالماسلىق ئۆزۈڭگىلا باغلىق›› . مەن يازغۇچىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن «ھەربىر ئادەم ئۆز ئالدىغا كارامەت ئىگىسىدۇر» دىگەن مەنىنى چۈشەندىم. لېكىن ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، ھەربىر ئادەم كاللىسىدا بۇيۈكلۈككە قانداق يېىتىشم كېرەك دىگەن مەسىلىنى چوقۇم ئويلىغان ۋە ئايدىڭلاشتۇرغان بولىشى شەرت مېنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپىم بەكمۇ ئاددى:« ئۈستۈنلىكىڭنى ئىشقا سال، بولمىسا ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولىسەن!»
سەن مەيلى ئاق ياقىلىق بول ياكى كۆك ياقىلىق بول مەيلى ئەركىن كەسىپتە بولغىن ياكى شىركەت خوجايىنى بولغىن، روزىغارىڭنى دېڭىز تاشقىنىدەك كەسكىن رىقابەت ئىچىدىمۇ ساقلاپ قالاي، كامال تاپقۇزاي دەيدىكەنسەن ئۇنداقتا ئۆزەڭنىڭ پەۋقۇللادە ئىستىداتىڭىنى ئىشقا سال، ئۆزۈڭ تۇرغان پەللە، چوقۇم ئۆز قىممىتىڭنى ئەڭ تولۇق  كۆرسىتىشىڭگە ئىمكان يارىتىپ بېرەلەيدىغان بولسۇن! ئۇزۇن گەپنىڭ قسقىسى شۇكى ئۆزۈڭدىكى ھەقىقىي ئۈستۈنلىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقانداق ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىڭنى نامايەن قىلىشقا مۇھتاجسەن!
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى كۈچ-قۇدرەتنى تولۇق ئىشقا سالالايدىغان ماكانى بولىدۇ. ئۆز ئورنىنى توغرا تاپالمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىكى ئۈستۈنلىكنى جارى قىلدۇرالىشى مۈمكىن ئەمەس، ئۇلار خىزمەتنى ھەرقانچە جان پىدالىق بىلەن ئىشلىسىمۇ لېكىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە، ئەجرىگە چۈشلۈق ھاسىلاتقا ئېرىشەلمەيلا ئۆتىدۇ.
دۇنيادا ئۆز ئۈستۈنلىكدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە نادىر بولالىغانلار يوق. ناۋادا سەندە ئاشۇنداق ئەخمىقانە خىيال ھۆكۈم سۈرگەن بولسا   ئۇنداق خىيالدىن دەرھال قول ئۈز! ئۇنىڭغا  تارتىشما، ئۇنى رەھىمسىزلىك بىلەن مەيدىسىدىن ئىتتىرىۋەت.!ھەتتا ئۇ تۇرمۇش ھاجەتلىرىڭنى قاندۇرىۋاتقان بولسىمۇ، كېىن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچ، قۇتۇل!
بۈيۈكلەر«توپ نەدە بولسا شۇ يەرگە قارتىپ ئۇر» دىگەن ئەقىدىگە ئىشىنىدۇ.شۇڭا ئۇلار مەڭگۈ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. گەرچە گاھىدا نىمىنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويسىمۇ لېكىن نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئەبەدىل ئەبەد ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
مۇۋەپپىقىيەت يولىنىڭ چوققىسىغا تىرىشىپ ئۆرلىيەلىسەڭ، ئۇ سەندىكى ئۈستۈنلىكلەرنى تېخىمۇ تاۋلىيالايدۇ. قېنى قاراراڭنى ئۆزۈڭدىكى ئۈستۈنلىكلەردىن تاپ؛ ئۇقۇشماي خاتا ئولتۇرۇپ قالغان كېمەڭنى دەرھال كۆيدۈرۈپ تاشلا!

يېڭى شۇئار:خاسلىقىڭ بىلەن پەۋقۇللادە بول!لۇغەتلەردە(دىققەت: بۇ يەردە ئىنگىلىزچە لۇغەت كۆزدە تۇتۇلغان-تەرجىماندىن) «خاسلىق »دىگەن ئىبارىنىڭ پەرق، ئارىلىق،ئالاھىدىلىك، پەۋقۇللادىلىك ۋە ئۆزگىچىلىك دىگەندەك نۇرغۇن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
يۇقۇرقىلاردىن شۇنداق ھاسىلىي يەكۈن چىقىرىش مۈمكىنكى، خاسلىقى يوق كارخانىلار كەسىكىن رىقابەتتە چەتكە قېقىلىپ قۇرۇق قالغىنىغا ھەتتا ھالسىراپ مەغلۇپ بولۇپ ئاخىرى ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكىنىگە ئوخشاش «ئەل قاتارى» باش كۆتۈرمەي ماڭغانلارمۇ نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قېلىپ ئاخرقى ھىساپتا ھەتتا ئۆزىنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويىدۇ.
ئەمدى ئالدى بىلەن ئويلىنىشىڭغا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى تۇترۇقسىز خىياللىرىڭنى چۆرۈپ تاشلا!
چۈنكى ئىدىيەڭ ساڭا بەخت-سائاەت، ھەم بالايى ئاپەت كەلتۈرەلەيدۇ.جۈملىدىن ئۇ سېنى مول مەئىشەتلەرگە تويۇنغان سائادەت يولىغا باشلاش بىلەن بىرگە يەنە نامراتلىق چەكلىمە ۋە ئوقۇبەتكە تولغان مۇشكۈلات مەنزىلگىمۇ ئېلىپ بارالايدۇ.
ناۋادا بايلىق ياكى قۇدرەت ۋە ئىمتىيازنىڭ ساھىپلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالساڭ ئۇلارنىڭ بايلىق ياكى قۇدرەت ۋە ئىمتىيازغا ئىنتىلىش ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئاشۇنداق كامال تاپقانلىقنى بايقايسەن. دىمەك بۈيۈكلۈككە يېتىشنى كۆڭلۈڭگە پۈككەن بولساڭ يىقىلىپ چۈشۈشتىن قورقماي سېنى مات قىلغان ئاشۇ رىقابەتكە يەنە ئۆزۈڭنى ئېتىپ باق. يەنە كېلىپ ئىشنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىن باشلا.
دۇرۇس ئۆزىڭدىكى تۇغما قابىلىيەتنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىۋەتسەڭمۇ بۇنى ھىچكىم چىۋىقىغا ئېلىپ قويمايدۇ، لېكىن ئاخىرقى ھىساپتا سەتچىلىك ۋە پۇشايمانغا قالىدىغىنى يەنىلا ئۆزۈڭ. بۇنىڭ بىلەن بىھۇدە قاترايدىغان يارىماسلارنىڭ«ئەسلىغۇ قولۇمدىن كېلەتتى، بىراق شۇ...»«شۇ  چاغدا ... بولغان بولسام» دىگەنگە ئوخشاش ئىڭراشلىرى ساڭا نىسبەتەن تەقدىر سىمفونىيەڭنىڭ خاتىمىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن. ھالبۇكى ھەممىمىز قىممەتلىك پۇرسەتلەر بىلەن خەتەرلىك پەيتلەر ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپتىمىز، بولدى! قانداق قىلارىڭنى ئۆزۈڭ بىرنىمە دە!
بىراق «ياكى خاسلىقىڭ بىلەن پەۋقۇلاددە بول  ياكى يوقۇلۇپلا تۈگەشكىن» دىگەن كىتاپنىڭ  نامىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت!
بۇنىڭدىنمۇ قالتىس ئاگاھلاندۇرۇش بولماس!
قېنى ئەمدى ھەركىتىڭنى باشلا!

ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىڭ ھەمىشە نىشانىڭ بىلەن ئوينىشىپ قويىدۇ!قايناق تۇيغۇلار ئىچىدا ياشاي دىسەڭ ، رىقابەتچى ياكى رەقىبتىن بىرنى تاپ! چۈنكى رەقىبىڭ ھەمىشە ھۈرپىيىپ تۇرمىسا سەندە ئىنتىلىش كۈچى، ھالقىش كۈچى ۋە قايناق تۇيغۇ دىگەنلەرنىڭ تۇغۇلىشى مۈمكىن ئەمەس.
ناۋادا ساڭا قاپاق تۈرىدىغان رەقىبىڭ بولمىسا گېپىمگە كىرىپ پەيدا قىلغان!
نېتزى مۇنداق دىگەن:» ھەممە ئادەم دەرەخكە قارىغاندا مىۋىسىنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ، لېكىن ئەملىيەتتە ئەڭ مۇھىمى دەرەخنىڭ مىۋىسى ئەمەس بەلكى ئۇرۇقىدۇر.»
نېتزىنىڭ بۇ سۆزىگە ھەقىقەن قايىلمەن،
شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەنكى، كىچىك پېئىللىق بىلەن بوينىڭنى ئىگىشنى ئېغىر كۆرمىسەڭلا، نېتزىنىڭ يۇقۇرقى گەپلىرىگە ھۆرمىتىڭ تاشىدۇ. چۈنكى ھەممىزىمنىڭ تەقدىرى ئۆزىمىزنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ لېكىن نېتزى بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقى تەبىرىنى ئاشۇ كەلىمىلەرگە مۇجەسسەملىگەن. چۈنكى دىلىڭغا قانداق ئۇرۇقنى تەرسەڭ، شۇنداق ھوسۇل ئالىسەن. شۇڭا ئەڭ ياخشى ھوسۇلغا ئىنتىلگەن ئىكەنسەن، ئۇرۇڭنىڭمۇ ئەڭ ياخشىسىنى تېرىشىڭ كېرەك ئەلۋەتتە.
ناھاۋا ئۆزۈڭدىن ھالقىماقچى بولساڭ، پەۋقۇلاددە بىر تال ئۇرۇققا مۇھتاج بولۇسەن، ئۇ ئۇرۇق دەل سېنىڭ ھەقىقىي نىشانىڭدۇر.باشقىچە قىلىپ ئېيتساق "نىمىگە ئېرىشىشىم كېرەك" دىگەن سۇئالنىڭ جاۋابىغا ئىنتىلىسەن.
مەغلۇبىيەتچىلەر ئىچىدىن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات مۇساپىسى ھەققىدە راۋرۇس نىشان تۇرغۇزمىغانلارنى ماڭدامدا بىر ئۇچراتقىنىڭ بىلەن بۈيۈكلەر ئارىسىدىن كىشىلىك ھايات نىشانى ھەققىدە كاللىسى قۇپ-قۇرۇق ھاماقەتلەرنى ئەبەدىي تاپالمايسەن.
نىشان ئۇ گويا ئالماسقا ئوخشايدۇ. ئۇ بىر تۈرلۈك تەشنالىق شۇنداقلا ئاشۇ تەشنالىقنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋاستىدۇر، شۇڭا دىلىڭغا نىشاندىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇقنى تەرگەن ھامان ۋۇجۇدۇڭدا ئىنتىلىش ھازىر بولىدۇ. بۇ خىل ئىنتىلىش كۈچلۈك زارىقىشنى ئاپىرىدە قىلىدۇ-دە، ئاخىر ئۆزلىكىڭدىنلا ھەرىكەتكە ئۆتۈسەن. بۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ھەركەت داۋامىدا ۋۇجۇدۇڭدىكى كۈچ قۇدرەت روياپقا چىقىپ ھەقىقىي ئۆزلۈكۈڭنى نامايەن قىلىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى ، نىمە ئۈچۈن ئاشۇ نىشانغا ئىنتىلگەنلىكىڭنى بىلگەندىن كېيىن ئىلگىرلەش يولۇڭدا تاغدەك مۈشكۈلاتقا دۇچ كەلسەڭمۇ ئاشۇ نىمە ئۈچۈن دىگەن سۇئالنىڭ جاۋابى ساڭا كۈچلۈك مەدەتكار بولىدۇ، نىشانىڭ قانچە روشەنلەشكەنسېرى ھاياتىڭنىڭ بۈگۈنىگە شۇنچە ئىشقىڭ چۈشىدۇ.ھەركۈنلۈك تىرىكچىلىكىڭگە چىن دىلىڭدىن كۆيۈپ پىشىسەن. شۇنىڭ بىلەن دىلىڭدا چىراي ئاچقان نىشانىڭغا كۈندىن كۈنگە يېقىنلىشىپ ئاخرى غايىلىرىڭ تەدرىجى ئىشقا ئاشىدۇ.
ئىشلار دىگەن ئەنە شۇنچىلىكلا!
بىرەر نىشان ياكى غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئالتۇن كانىنى قازغانغىلا ئوخشايدۇ.

parixta799 2010-11-05 18:19
مەنمۇ  ئاتاغلىقلىرىمىزنىڭ     شېئېرىدىن  بىرنى  قوشۇپ  قوياي:

                                  ئالمىدەك  يۈرەكتە  ئالەمچە  سۆيگۈ
                                          (ئوسمانجان  ساۋۇت)
                            
                                  قەدەھكە  قەدەھتەك  شاراپ  سىغىدۇ،
                                  ئېرىقتا  ئاقالماس  دەريا  كەبى  سۇ.
                                  قىل  سىغماس  ھەقىقەت  بولۇپ  ئەزەلدىن،
                                  كىشىلەر  قەلبىگە  ئورنىغان  سۆز  بۇ.

                                ۋەلېكىن  ۋەتىنىم  سەن   باشقا  دۇنيا،
                                مېھرىڭدىن  تاشقىمۇ  بەردىڭ  سەن  سەزگۈ.
                               مەن  سېنىڭ  پەرۋانەڭ،ئورناتتىڭ  ئۆزەڭ،
                               ئالمىدەك  يۈرەكتە  ئالەمچە  سۆيگۈ.

مۇبارەك 2010-11-05 22:30
نادان مىللەتتە مەنىۋى ئىللەت كۆپ بولىدۇ. پۇلغا، مەنسەپكە، خوتۇنغا ھېرىسلىق، خۇراپاتلىققا ئىشىنىش، يۇرتۋازلىق، قەبىلىۋازلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆز غورۇرىنى ساقلىماسلىق، ھەركىم ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، مىللەتنى ئويلىماسلىق. خۇلاسە كالام نادانلىق، نادانلىق ۋە يەنە نادانلىق. مانا بۇلار ئۇزاق يىللىق ئاسارەتنىڭ مىللەت روھىغا باسقان مەرەز تامغىسى.
                                                                              _ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر.

داد-پەريادلارنى، ئاھۇ-زارنى، يېلىنىشلارنى ئاڭلىغاندا چۆچۈپ كېتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، تولىمۇ جىمجىتلىقنى كۆرگەندە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؛ جەسەتلەر دۆۋىسى ئىچىدە شىۋىرلاپ يۈرگەن زەھەرلىك يىلانغا، قاراڭغۇدا چېپىپ يۈرگەن ئېزىتقۇغا ئوخشايدىغانلارنى كۆرگەندە تېخىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئەھۋال <ھەقىقىي غەزەپ> نىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى.
                                                                               _ لۇشۈن.

تەرەققىي تاپمىغان جايلاردىكى كىشىلەر زامانىۋىلىقنى غەربچە بولۇش، دەپ چۈشىنىدۇ ۋە غايىسىدىكى ئوبراز بىلەن مۇمكىنسىز رىئاللىقى ئوتتىرىسىدا تىپىرلايدۇ.
                                                                               _ مارك لىچىن.
                                

paryat 2010-11-07 16:43
خورازلار سوقۇشتا بولسىمۇ چاققان،
مىس تىرناق لاچىنغا قاچان جەڭ ئاچقان؟
مۈشۈك شىر بولىدۇ چاشقان تۇتۇشتا ،
ۋەلېكىن يولۋاسنىڭ ئالدىدا چاشقان. شەيىخ سەئىدى

ياشلىق چاقماقسەن يېنىپ ئۆچىسەن،
ئەۋرىشىم چېغىڭ بۇ ئۈگەنگىن ئۈگەن.
قاراڭغۇ دىل چۆلىگە بىر كۈن چۆكىسەن،
بەڭۋاشلىق  دۇلدۇلىغا سالمىساڭ يۈگەن!!  لۇتپۇللا  مۇتەللىپ

arikqi 2010-11-09 11:35
بۇ تېما چوغلان مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان!
تورداشلار چوقۇم كۆرۈڭلار!
http://www.choghlan.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=1711

gulruh 2010-11-20 12:58
ھىكمەت دۇردانىللىرى
كوڭۈلنى بۈلۈش ئاسىيلىق لىكىن ئۇنىڭ ئارمىنىنى بىت چىت قىلىش جىنايەتتۇر.

ئادەمنەڭ ھىسسىياتى ئالدىدا ماڭسا ئەقلى كەينىدە قالىدۇ.

ئاداملەر ھەرقاچان ئۈزىگە<ئەقلىمىز خۇقايىن بۇلىۋاتامدۇ ياكى نەپسىمىزمۇ>دىگەن سۇئالنى قۇيۇپ تۇرىشى كىرەكتۇر.

ئەدەپ بازاردا سېتىلماس،ئەدەپسىزگە كىشى قېتىلماس.

ھەرقانچە ئەقىللىق كىشى ئەخلاقسىز بولسا ئۇنىڭدىن كىشىگەپايدا يەتمەيدۇ.

كوڭول ئۇ بىر شاش ئاتقا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ تىزگىنى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۈزىنىڭ قۇلىدا.

muslima402 2010-11-20 18:36
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئاياللىرىدىن ھەزىرتى ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا ئلىم ساھەسىدە شۇ دەۋىرنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىدىن سانىلاتتى .ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن .
     بۈيۈك مۇجتەھىد ئالىم ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل ھەزىرەتلىرى ئۆيلىنىۋاتقاندا ،ئۇكىشىگە؛
-پالانچىنىڭ ئككى قىزى بار ،قايسى بىرنى خالىساڭ ،شۇنى ئېلىپ بېرىمىز ،لىكىن بىرىنىڭ كۈزى ئالغاي ،دىيىشىپتۇ.شۇندا ئىمام :
  - قايسى بىرى ئەڭ ئەقىللىق ؟-دەپ سوراپتۇ .
  -ئالغىيى ئىنتايىن ئەقىللىق ،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .
بۈيۈك ئىمام ،ئەقىللىق قىزغا ئۆيلىنىشكە قارار بەرگەن.

muellip 2010-11-22 23:34
نەقىل
بۇ 39قەۋەتتىكى724323822 يوللىغان 2010-11-20 19:40 غا قارتىلغان  :
8520


تورداش،سىز ماتىماتىكمۇ؟ياكى بۇ سان_ سىفىرنىڭ بىرەر ئەدەبىي مەنىسى بارمۇ؟

bb机 2010-12-03 18:01
                                      تۈز يولداغېمىم يوق كېتىپ باراتتىم،  
                                      تۇيۇقسىز بىر تاشقا پۇتلىشىپ كەتتىم.
                                      پۇتلىرىم يېرىلىپ قان تامچىغاندا،
                                      پىچىرلاپ ۆزەمگە شۇ سۆزنى دەيتتىم:  
                                      "اھ ېسىت سەۋەنلىك ۆزەمدىن ۆتتى،                                      
                                      تۈز يولدا بولمايدۇ خەتەر دېگەنتىم".

alxirxahzada 2010-12-31 01:34
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلار توپلىمى
x/^zNO\1  
\5_^P{p7<  
شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923 - يىلى 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە تىلەش ئىسىملىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قالغاچقا، دادىسىنىڭ دوستى ئوقۇمۇشلۇق سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. ئۇ دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. 1936 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىك 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1939 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1945 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. 1950 - يىلىدىن كېيىن خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 - يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. _QCI< |A  
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 - يىللىرى شېئىر ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ «تاڭ شاماللىرى»، «ياخشى»،«مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلىرى، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. i)DXb  
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1980 - يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي جەھەتتىكى تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ «ئىز»، «ئۇيغانغان زېمىن» رومانلىرىنى يازغان. بۇ رومانلار ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان رومانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . qa?y lR"kA  
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق نادىر كلاسسىك ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاش ئىشىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان تەتقىقاتچى. oa7Hxھازىرغا قەدەر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ   تيانشان نەشرىياتى تەرىپىدىن«يۈرەك مۇڭلىرى» (1946 - يىلى، لەنجۇ)، «تارىم بويلىرى» (1948 - يىلى،) ناملىق شېئىرلار توپلىمى،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرەپىدىن« قەشقەر كېچىسى» (1980 - يىلى،) ناملىق داستانى، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى«ئۆمۈر مەنزىللىرى» (1985- يىلى، ) ناملىق شېئىرلار توپلىمى،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن«ئىز» (1985 - يىلى،)،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن«ئۇيغانغان زېمىن» (ئىككى قىسىم، 1988 -، 1994 - يىللىرى،) ناملىق رومانلىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  تەرىپىدىن«خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» (1996 - يىلى، ) ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 1MSu ]) W

alxirxahzada 2010-12-31 01:34
< ئىز > c,ek] dTj  
ياش ئىدىق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز، ,oil}N(  
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز. _Y=yR2O  
ئاز ئىدىق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز، EUqG"h5#A{  
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز. 0rUf'S ?K  
aoS1Yt'@  
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە، .EwK>ro4  
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشت-چۆللەردە قەۋرىسىز. ?CD q^)T[  
قەۋرىسىز قالدى دېمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا، ks$G6WC  
گۈل چېچەككە پۇركىنەر تاڭلا باھاردا قەۋرىمىز. lcO9Aw!  
قالدى ئەل، قالدى مەنزىل، قالدى يىراقتا ھەممىسى، WTx;,TNG  
چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەچ كۆمۈلمەس ئىزىمىز. 5JXLfYTUI  
توختىماس كارۋان يولىدىن، گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق، *Q?HaG|S  
تاپقۇسى ھىچ بولمىسا بۇ ئىزىنى بىركۇن نەۋرىمىز يا چەۋرىمىز. 1wt]J!hgV  
u.6%n. g  

alxirxahzada 2010-12-31 01:35
< ياخشى > [qB=OxH?  
=_Rd0,  
تىرىكتاپ قاغا – قۇزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى، RU=%yk-gM  
سەھەر گۇلشەنىدە دۇبۇلغا ياقايىرتىپ ناۋا ياخشى. bkTj Q  
كېرەك ئەمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار، 5Mr:(|JyV  
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى. 75y#^pD?c  
1Jt%I'C?  
تەگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقىسى زەر تاۋار تونغا، =[kv@ p  
كى دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى. G`jhzG  
قەسەم بىللا تامايىم يوق، بەھەيۋەت قەسرى زىننەتتىن، 5|Qr"c$p  
پېشانەم تەردىن پۈتكەن بى مىننەت بورىيا ياخشى. XJ"9D#"a>  
-SQYr  
مېنىڭ تاجسىز سىياق بېشىم ئۆزۈمگە تاجۇ – دولەتتۇر، a$ }^z  
ئەرىكسىز پادىشاھلىقتىن جاھانكەشتە گاداي ياخشى. s6 I]H  
نە ھاجەت جەننەتۇلمەئىۋا، ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت، $1e@3mzM  
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر، لاچىنغا كەڭ ساما ياخشى. j^gF~ Wz^  
8'y|cF%U  
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئوز دىيارىمدا، &N EzKf  
بوسۇقتىن داجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ ۋاپا ياخشى

alxirxahzada 2010-12-31 01:36
< قەلەمگە > deNU[  
_R]h]بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ، *;Vq0a!  
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن . hRP0Djc  
نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ، Xe5J  
ساپلىقىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك . k@w&$M{tPF  
|:\h3M  
مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ، .}tL:^'~o  
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ،ياتما مەزلۇملىق قېنىدا . "-a>Uj")%  
قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ ، كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ، ?mV[ TM{p  
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا . 6c2fqAF>i  
/F\7_  
كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ، j1B YSfX'  
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن ! ?f%@8%px  
قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ، 62W3W1: W  
خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ . A3Su&0uaB  
Iv{}U\ u  
مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ ، چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ، ]Y3ALQr!  
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم . "$WZd  
جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە < لەۋھە > بولۇپ ياتماقچىسەن ، }>grGr%oR  
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن . !XK p_v  
KVK@Snn  
قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ، $hA[vi\5  
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى !

alxirxahzada 2010-12-31 01:37
< تاماكا بايان > >:Rc%ILym  
-1fT2e  
توسما مېنى يار ، چېكەي بىر نەپەس، V;>p@uE,P  
ئۆرگۈلدى پەلەك ، تاماكا بايان: <}|+2f233+  
ئەمەستى ماڭا چېكىش بىر ھەۋەس، OYe @P  
كۆيىدۇ يۈرەك ، تاماكا بايان. uYV# '%  
vh((HS-)  
يانار تاغ ئىچى بولغاچقا يالقۇن، *r[PZ{D+  
دائىم ئۈستىدىن كەتمەيدۇ تۈتۈن. L> cTI2NB.  
ھەيران قالمىغىن چىقسا ئاغزىمدىن ZU/6#pb  
كۆكۈچ چەمبىرەك ، تاماكا بايان. >i=mw5`D]  
y6;A4p>  
بىلىمەن دىلدار ، يۇتىمەن زەھەر، 3. Kh  
تېگەر ھەر سائەت يۈرەككە نەشتەر. K o,O!T.  
ۋە لېكىن شۇنى ئىستەيدۇ كۆڭۈل، u PjJ> v  
ئەمەسمەن گۆدەك ، تاماكا بايان. 7?e*b(vd  
wQDKv'zU1  
سارغايدى دېمە رەڭگىمنى جانان، {73Z$w1%  
نىكۇتىن ئەمەس مېنى سارغايتقان.  #\Lt 0  
بېغىمنى كەچ كۈز بورىنى باسسا، =fEn h'KE  
سولمامدۇ چېچەك ، تاماكا بايان. ~`(#sjr6KR  
o|$l+TC  
قاچانكى باقسام غەمكىن يۈزۈڭگە، *JUP~/Nr  
ئاچچىق ياشلىرىم تولۇر كۆزۈمگە. 3 `$-  
قايغۇ-ئەلەمنى باسىمىش دەيدۇ، pvD\E  
شۇ كۆكۈچ تۈتەك ، تاماكا بايان. "I}3*s9Q-  
>d&B:  
توسما مېنى يار ، چېكەي بىر نەپەس، C65( m  
چەكمەي دېسەممۇ ، بۇ مەيلىم ئەمەس. Wyd,7]'z)Z  
مەيلى ئەمەسمۇ شۇ زەھەر بىلەن، h%9#~gJ})  
سەگىسە يۈرەك ، تاماكا بايان. GMyzQ] @}  
[}}?a  
1948 - يىل 12 - دېكابىر ،

alxirxahzada 2010-12-31 01:37
خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، TFjb1 a,)  
مېغىزى شېرىن ياڭاق تېشى قوتۇر بولغان بىلەن. xy5&}_Y  
كۆكتىكى پارچە بۇلۇتتىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ، Mj|\LF +  
ئىسسىتار ئەلنى كۆمۈر يەر ئاستىدا ياتقان بىلەن. W_8N?coM  
qwM71 B!r  
مېۋە بەرمەس ھېچقاچان ھاي-ھاي چاپان ھەشقىپىچەك، Nk*d=vj  
يۆمىشىپ ھەرنەرسىگە مىڭ يۇقىرى چىققان بىلەن. i=jwk_y  
يەربېغىرلاپ ياتسىمۇ قوغۇن-تاۋۇزنىڭ پىلىكى، -fKo~\Pr  
تولدۇرار يېزا-بازارنى نىمەتۇ-ئەلۋان بىلەن. +"Flu.+['  
R OsR;C0!  
ئالدىراپ ھەركۈنلۈكى بىر ئېچىلۇر ھەشقىپىچەك، %38HGjS  
كۈن چىقار-چىقمايلا تېز سولىشۇر جا نەرسىدەك. 0h=NbLr|S-  
مىرزە،سەبدە،گۈلى رەيھان يا قىزىل مودەنگە باق، jMr[ UZ  
تاكى كەچكۈز كىرمىگۈچە كەتمەس يېنىدىن كېپىنەك. UEHJ? }  
[@ >}  
سايە بەرمەيدۇ سۇۋادان غادىيىپ ئۆسكەنسىرى، )B'&XLK  
بەلكى ئاسان سۇنغۇسى بۇران-شامال تەگكەنسىرى. L8R{W0Zr>!  
سۇبويىدا جىلۋە قىلغان لەيلى-مەجنۇنتالنى كۆر، o?5m^S14[1  
ئاشىدۇ كۆركى ئۇنىڭ ئۆز قەددىنى پۈككەنسىرى. &GYnGrw?@  
ETZE.a  
گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا، Sq22]  
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا. Kcl~cIh77  
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بولۇپ، 7]sRHX0o%  
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس،ئادەم سىياقى بولمىسا. [ h&)h+xt  
^Mvgm3hg  
ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس، y[`>,?ns5  
ھۆسنى بىر سۆرەت ئىرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا. uvG' Kx  
بىرمىسال،پانۇسنى كۆر،شام-چىراغسىز يۇرۇماس، Z-%zR'-?*  
نۇر چاچامدۇ شام-چىراغ؟پىلىك ۋە ياغى بولمىسا

alxirxahzada 2010-12-31 01:38
< ئايلىناي > B<$(Nb5<  
]C'^&:&<  
ئەي ئەزىز يۇرتۇم سېنىڭ باغچا _ سارايلىرىڭدىن ئايلىناي ، (jmF7XfU  
زەپىران تۈسلۈك سېنىڭ غەمكىن چىرايىڭدىن ئايلىناي . qt{lZ_$  
قوينۇڭدىكى ئالتۇن _ كۈمۈشلۈك تاغلىرىڭدىن ئايلىناي ، "%(SLQOyy  
كۆكسۈڭدىكى لەختە _ لەختە قان داغلىرىڭدىن ئايلىناي . ~n=oPm$pR  
[_HY6gr  
دەريايىڭدا مۇڭلىنىپ ئاققان سۈيۈڭدىن ئايلىناي ، I3qTSX-  
قايغۇ _ ماتەم ، غەمگە چۆككەن ناخشا _ كۈيۈڭدىن ئايلىناي . s3-TBhAv  
سۇمبۇل چاچلىق ، قەلەمقاشلىق قىزلىرىڭىدىن ئايلىناي ، 6nA/LW\x  
ئانىلىق دەردىدە قالغان قان ئىزلىرىڭدىن ئايلىناي . *qZBq&7tb  
V_3K( (P6  
تىلى باغلىق ، دىلى داغلىق شائىرلىرىڭدىن ئايلىناي ، xs6k r  
زۆھراسى يوق ناتىۋان تاھىرلىرىڭدىن ئايلىناي . _]v@Dq VP  
ئايلىاي يۇرتۇم ئايلىناي ، ئالىملىرىڭدىن ئايلىناي ، %(1Jt "9|  
تىلى يۇمشاق دىلى قاتتىق زالىملىرىڭدىن ئايلىناي ! kGmz1S}2  
Ot+Z}Z-  

alxirxahzada 2010-12-31 01:39
< خەجلە ، خائىنلار خەجلە > $[g#P^  
[sNvCE$\]  
خەجلە ، خائىنلارەي، خەجلە ، بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە ، ^[&,MQU{7  
يېتىشمەي قالسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە . .ah[!O  
خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە ، بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە ، "$/1.SX;]  
تالان _ تاراجىدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە . #-i#mbZ e  
6 w'))Z  
دېھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى ، دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى ، mp)+wZAN&  
سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلام ، ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە . v@4vitbG9  
كۆلىدە بېلىقى كۆپ دەپ ، يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ ، d}y ")q|F  
قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھېيلە ، ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە . Z~w2m6;s  
OIK46D6?.  
پالانى ئاقچىدۇر _ كۆكچى ، بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچى ، D |=L)\  
دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى ، سېتىپ ۋىجدانىنى خەجلە

alxirxahzada 2010-12-31 01:39
< توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا > .4ZOm'ko{  
/M JI^\CA  
توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا ، ھەر بىر قاراپ ئەتراپقا مەن ، ftKL#9,s(  
تولغىنىپ كەتتىم يىلان چاققان كەبى ئازابتا مەن . yh/JHo;  
نېمە بۇ ، بىر چۈشمۇ يا دەھشەت < قىيامەت > بولدىمۇ ، sH>`eqY  
ياكى ئەلنىڭ ئەجىلى _ پەيمانىسى لىق تولدىمۇ ؟ F2\&rC4v  
6{{<+ o  
ئاندا قىيقاس ،  +h Ks  
مۇندا ئۇر _ پاپ ، I:HrBhI)wP  
قول سۇنۇق ، 9 *uK]/c  
باش _ كۆز يارا ، %% /8B  
نى يىگىت _ قىزلار جان تالىشىپ مەيدان ئارا . yZ[=Y  
|N^"?bSt  
تۈنۈگۈن < يولداش > دېيىشكەن جان بۇرادەرلەر بۈگۈن ، ^_i)XdPU  
بىر _ بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بەسلىشەرلەر كۈن ۋە تۈن . 97U OH  
بولدى مەكتەپ زاللىرى قىرغىنچىلىق قورغانلىرى ، +q;{ <  
تەجرىبە ئەسۋابلىرى _ بومبا ياساش سايمانلىرى . [& Z- *a  
Z#B}#*كارخانا نەيزە ياسار ، ئورغاق سوقۇشنى توختىتىپ ، L ph0C^8  
كىيدى قالپاق بەزىلەر گېتلىر ساراڭغا ئوخشىتىپ . Q"B8l[  
ئاقتى قانلار كوچىلاردا ، ئاقتى زاۋۇت سېخىدا ، 7y&6q`y E  
ئىلىنىپ قالدى جەسەتلەر گاھ دەرەخلەر شېخىدا . $,J0) ~  
*oeXmY  
ئاقتى قان ، ئاقتى قېرىنداش ھەم بۇرادەرلەر قېنى ، LT Pr8^  
نېمىدەپ يەكۈن ياساركەن بۇڭا تارىخ بىر كۈنى ! FwlD P  
< توۋا> دەپ تۇتتۇم ياقا ، ھەر كۈنلۈكى قانغا قاراپ ، 2$kB^g!:o  
شۇنچە قانغا كىم خەلقنىڭ ئالدىدا ئېيتار جاۋاب


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سەرخىل ئەسەرلەردىن تاللانمىلار(سىزمۇ قوشۇڭ) --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.055486 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us