رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> [ بەس-بەس مۇنازىرە ] (18) -> مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

جىن 2010-10-15 05:34

مۇنازىرە قانداق بۇلۇش كىرەك ؟!

ئاپتۇر ئەسكەرىتمسىى : بۇ ئەسەر ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلاندى،  


يېقىندىن بۇيان مۇنبەردىكى ئۆزگىرىشلەر دىن ھەممە مۇنبەرداشنىڭ خەۋرى بار, مىنىڭ كۆزىتىشىمچە مۇنبەر قۇرۇلغان 4 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قىززىغان،ئەڭ كۆپ تالاش-  تارتىش قىلىنغان ۋاقىت يەنىلا مۇشۇ يېقىنقى ھەپتىلەردىن تارتىپ باشلاندى دېسەك خاتالاشمايمىز, بۇ بىر جەرياندا نۇرغۇن مۇنبەرداشلار مۇنبەرگە قايتىدىن ئاشىق بولدى،نۇرغۇنلىرى كاللىسىنى باشقىدىن سىلكىدى ، بۇلۇپمۇ جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ ھەر بىر ئىنكاس ھەر بىر سۆزنى ئالاھىدە دىققەت بىلەن كۆزىتىشتى .ئەڭ ھۇشيار ھالەتتە تۇردى ، بەزى تېمىلارغا چەك قويدى بەزىسىنى تەستىقلىمىدى،بەزى تورداشلارنى چەكلىدى بەزىسىنى رىغبەتلەندۈردى ،چۈشكەن تېما- ئىنكاسلاردىكى ئالاھىدە قىممىتى بار بايانلارنى كۆرسە تېما- ئىنكاس ئىگىلىرىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باھالاپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇردى ، ھەممە ئىش ھەممە ئادەم كۈتكەندەك بولىۋەرمەيدۇ بەزىلەر رەنجىسەكمۇ خاپا بولساقمۇ يەنىلا  ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئۇقۇش كېرەك !

دۆلىتىمىز قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، پۇقرالارنىڭ ھەق-ھۇقۇقى. تور قانۇنى دىگەندەك تۈزۈملەرگە دىققەت قىلغاندىن باشقا، سەزگۈر مەسىلىلەرگە قارتا تېخىمۇ سەزگۈر بۇلۇش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى، توردا مېنى بىرسى كۆرمىدى پايدىلىنىپ دىيۋېلىشىم كېرەك دەپ. ئويلىغاننىڭ ھەممىنى دىيىشكە ، نىمە دىگۈڭىز كەلسە شۇنى دىيىشكە بولمايدىغان  قانۇنغا خىلاپ گەپ - سۆز قىلىشقا بولمايدىغان،ئىناقلىقنى ، تېنچلىقنى تەكىتلەيدىغان بىر ماكان ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقىڭىز كېرەك !،ھەممىمىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى مۇنبەر ئىللىقلىقى بولسا ھەر بىر مۇنبەرداشنىڭ قانچىلىك ئىللىق سۆھبەت قىلالىشىدا ،قانچىلىك ئۆز-ئارا ھۆرمەتنى ساقىليالىشىدا ،دەلىل قاراتمىلىقى، بىلىم يۈكسەكلىكىگە تۇتقان پۇزىتسىيەرىدە. ھەر بىر تورداش ئۆز بىلىمىگە -ساپاسىغا يارىشا مۇنبەردە تەسىرچانلىققا ئىگە بولىدۇ. قەستەنگە ئادەم تىرىكتۇرۇش ، يوق يەردىن گەپ ئىزدەش ئۆزىمىز بىلمىگەن مەسىلىلەردە ئالدىراقسانلىق قىلىپ تاشلاش قاتارلىق ئىشلارغا دىققەت قىلىنسا بۇ يەردە چوقۇم ئەڭ ياخشى مۇنازىرە مۇنبىرىنى قۇرغىلى. ئەڭ ئىناق-ئىتتىپاق مۇھىتنى بەرپا قىلغىلى،ئېللىقلىقىنى ھېس قىلغىلى ،ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ ،
مۇنازىرە قانداق بۇلۇش كىرەك ؟ مۇنازىرە دېگەن نىمە؟ دەپ سۇئال قۇيۇشتىن ئىلگىرى مۇنازىرھەققىدە ئېككى ئېغىز گەپ قىلىنسا ئارتۇق بولماس،
مۇنازىرىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا كىملەر تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى مەن ئۇچراتمىدىم، ئەمما تارىخى كىتاپلاردا قەدىمى يۇنان خەلقىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ، ۋەھدەت ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى، كىيىنكى ئىنسانلار توپىغا پىكرى ئاساس سېلىپ ھازىرغىچە يۇنان ئەپسانە ياكى رىۋايەتلىرىنىڭ يەنىلا ئۆرنەكلىك ھالىتى ئەپلاتۇننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك تۇزۇم كۆز قارىشىدىكى ئۇقۇملار مۇنازىرە دېگەن ئۇقۇمنىڭ دەل شۇيەردىن باشلانغانلىقىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ ، ساماۋى كىتابلار بولسا پېرئەۋنىلار سۇلالىسىنىڭ 33- خانى (رەمسىس ئىككى) بىلەن مۇسا پەيغەمبەرنىڭ نىل ۋادىسىدا ئېلىپ بارغان مەشھۇر مۇنازىرىسىنى بىزگە ھېكايە قىلىپ بەرمەكتە،
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرىلىسەك ، تارىخى كىتابلار بىزگە ئەرەب خەلقىنىڭ ئىسلامىيەت كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆز-ئارا مۇنازىرە قىلىش، شېئىر ئۇقۇشۇش ، قوشاق ئېيتىشىش، گەپدانلىق قىلىش، تەرەپلەردە ئەڭ يۇكسەكلىكنى ياراتقانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پەيغەمبەرنىڭ بىر ساۋاتسىز كىشى تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان ھېكمەتنى بىزگە ئىسلام ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى بىلەن سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ ،ئەرەبلەردە تارقالغان مىڭ بىر كىچە ھېكايىلىردىكى پىرژۇنازلارنىڭ گەپدانلىق قىلىشلىرى، ئۇلاردا تارقالغان تام ئاسما شېئىرى قىممەتلىرنىڭ بايانى (سەبئە مۇئەللىقات) نىڭ ئالتۇن ھەل بېرىلىپ نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ ھازىرغىچە ساقلىنىشى، تىللاردا داستان بۇلۇپ شۇ ۋاقىتتىكى كۈچلۈك مۇنازىرىنىڭ چاقنىغان پىرونتىنى بىزگە يەتكۈزۈشى، مۇنازىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە قۇشقان پارلاق بايلىقىنى دەلىل سۈپتىدە بىزگە سۇنۇپتۇ ،
ئابباسىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن جاھىزنىڭ خىيالى مۇنازىرلىرى .مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ھايۋان تىلى بىلەن ئېلىپ بارغان خىيالى،دە-تالاشلىرى ، پەيلاسۇپ ، شائىرلارنىڭ ئوز-ئارا يېزىشقان رېئال ياكى خىيالى مۇنازىرلىرى،(بەد مەزھەپ دەپ ئاتالغان ) ئىبن ھەزمىنىڭ ئوز خاندانلىقىدا ئېلىپ بارغان مۇنازىرە كەيپىياتى ھالىتى، سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھۇزۇرىدا ھەر خىل مەدەنىيەت كە خاس ئەللەر مېھمانلارنىڭ كەڭ-كۇشادە ئېلىپ بارغان مۇنازىرلىرى، مۇقام ھەققىدىكى شىئېر بايانلار تالاش تارتىشلىرى تارىخى تەتقىقاتلىرىمىزدا مۇنازىرە ھەققىدە تەلىم بېرىدۇ ،
مۇنازىرە تەرەققىياتنى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كوپ پايدىلىق بىلىملەرنىڭ. بىلىم ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارا بولۇشقا شارائىت ھازىرلاندى، ئەدىب ،ئالىم شائىرلار ،تەبئىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى ئوز-ئارا ئەسەر ئېلان قىلىش ،مەلۇم چۈشەنچىنى ئاساس قىلىپ مەلۇم مەتبۇئاتتا بىرسى -بىرسىگە قارىتىپ ئەسەر ئىلان قىلىش ياكى ئۆز چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ. تارىختا قانداقتۇر بىرسىنىڭ خاتا يەكۈنى نى پاش قىلىشلار بىزنى نۇرغۇن بىلىم بىلەن تەمىن ئەتتى،بىز بۇنىڭدا ئۆتكەن ئەسىردە يۇز بەرگەن يالقۇن روزى ئوبزۇرچىلىغى، ئە ئوسمان باشچىلىق يىڭى شېئىرىيەت ئاۋانگارىتلىرنىڭ سۆيۈملۈك ئەل سۆيگەن شائىرىمىز رۇزى سايىت تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىپ بىر نەچچە يىل ئىزدىنىشتىن كىيىن ئۇلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرلۇشىدىكى نۇرغۇن مىساللارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ ، <تارىم> ،<تەڭرىتاغ>،<شىنجاڭ مەدەنىيىتى >ژورناللىرى مەخسۇس< ئوبزور> ،<باھا> سەھپىلىرنى تەسىس قىلىشى ئۇيغۇردا مۇنازىرە كەيپىياتىنىڭ دولقۇنىنى داغدام ھالدا بىزگە كۆرسىتىپ بەردى ،
يەرشارىلىشىش دولقۇنى،غەرب مەدەنىيىتى،ئېتىقادىنىڭ سۇسلىشىشى،ئەنئەنىنىڭ يىمىرىلىشى،شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشى،نوپۇسىنىڭ ياشلىشىشى،ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ،خەۋەرلىشىش ۋە ئاممىۋى مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشى
تور ئەدەبىياتى تور مۇنبەرلىرى قاتارلىقلار بىزنى تەكلىماكان قۇملۇقىغا كاللىمىزنى تىقۋالساقمۇ دۇنيا سادالىردىن خەۋەرلەندۈرۈپ مۇنازىرە ھەققىدە تېخىمۇ كوپ بىلىملەرنى ، تەخىرسىز خىرىسلارنى كۆزىمىزگە كۆرسىتىپ قويۇۋاتىدۇ ،پىشانىمىزگە نوقۇپ قويۇۋاتىدۇ گەپنى قىسقا قىلسام ، مەن بۇيەردە مۇنبەردىكى بەك چوڭ ئۆلچەم تەلەپ قىلىنمايدىغان ھەر خىل ژانىرلىق ئەسەرلەر. ئەسەرنى ئۇقۇپ باھا بېرىۋاتقان ئەزىز مۇنبەرداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئەسەرنى يېزىۋاتىمەن، كىم بىلىدۇ كەلگۈسىدە مۇشۇ مۇنبەردە بارلار ئەڭ ئېسىل ئەسەر يازغۇچىلار ئەڭ ياخشى مۇنازىرە قىلغۇچىلار بۇلۇپ قالامدۇ تېخى ؟!
مۇنازىرە،پىكىرنى تېزلەشتۈرۈپ ئىجادىيەت ئېڭىنى كېڭەيتىدىغان مۇھىم سەنئەت ، باشقىلارغا سۆزلەش ، قايىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان گەپ سەنئىتى ،بىز شۇنى كەسكىن دەيمىزكى دۇنيادا مۇنازىرە بولمىغان بولسا ئىنسانىيەت تەرەققىياتى بۇگۈنكى پارلاق مەدەنىيەتنى يارىتالمىغان دۇنيا بىر ئائىلە ، ھەقىقەتنىڭ يۈزى ھەرخىل ،دەپ جاكارلىيالمىغان بۇلاتتى ،
مۇنبەرداشلار ئارا . دوكتۇر فىراپپسور .ئاسپىرانتلار ،ئوقۇتقۇچىلار-ئۇقۇغۇچىلار ،ھەر ساھە يازغۇچىلار ،ھەۋەسكارلار ، مەمۇرىي خادىملار، ئۇستاز شائىرلار، جەمئيەت قاتلىمىدىكى ھەر خىل كىشلەر بولغان بولىدۇ ،بۇ بىر قايناق بازار مۇنبەردە كىمنىڭ -كىم؟ كىم دوكتۇر؟ كىم ئىشلەمچى؟ بىلگىلى بولمايدۇ كىمكى مۇنازىرە تېما ئىنكاسلاردا ياخشى بولمايدىكەن ئۇ كىشنى ھېچكىم  ئىتراپ قىلىنمايدۇ ، چۈنكى بۇ مەۋھۇم دۇنيا ،كۆپىنچىلەر مۇنازىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ. نېمىنى مۇنازىرە قىلىش ،مۇنازىرە قانداق بۇلۇش مۇنازىرىنىڭ شەرتلىرى ،ئەدەب -ئەخلاقى پرىنسىپلىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش بۈرىچىمىكەن دەپ قارىغاچ بۇ تېمنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،ئەسكەرتىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ئىش شۇكى : مەن بۇ تېمىدا باشتىن ئاخىرى مۇنبەردىكى مەلۇم شەخسنى ئىسمى بىلەن ياكى تېمىسىنى، ياكى ئىنكاسىنى، مىسالغا ئېلىشتىن ساقلاندىم. بۇنداق بۇلۇشى بۇ تېمىنىڭ ئاممىباپراق بولۇشنى كۆزدە تۇتقانلىقتىن بولسا يەنە بىر تەرىپى بىز داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئورۇنسىز جېدەل ماجىرادىن يىراق تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. شۇڭا تورداشلار توغرا تونۇشتا بۇلۇپ . تېمىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان كۆز قاراشلاردا ھەممە كىشى ئۆزىنى تېپىۋېلىشنى مەن بۇ يەرگە چۇشدىكەنمەن، بۇ يەردە سۆزلەنگىنى مەن كەنمەن دېگەن ھىسيات بىلەن ئۆزىنى كۆرىۋېلىشنى ئومۇت قىلىمەن ،
بۇ يەردە دىيىلمەكچى بولغان دىيىلمىلەر ئۆزەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ خالىغانلار قۇبۇل قىلسا خالىغانلار رەت قىلسا بۇلاۋېرىدۇ  چوقۇم مۇشۇنداق بۇلۇش كېرەك دېگەن شەرتىنى قۇيۇش مىنىڭ ھەققىم ئەمەس،!

مۇنازىرە دېگەن نىمە ؟!


مۇنازىرە دېگەن ئىككى تەرەپنىڭ مەلۇم بىر مەسىلىدە ئوخشاشمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆز-ئارا قىلىشقان سۆھبەت ياكى ئوز-ئارا يېزىشمىلار مۇنازىرە بۇلۇپ بىز، مۇنبەردە مەلۇم تېمىنى ئاساس قىلىپ يېزىشقان ئىنكاسلار بۇنىڭ ئۇچۇق مىسالى ،مۇنازىرىدە ھەر تەرەپ ئەڭ توغرا بولغان كۆز -قاراشقا يېتىش ئۇچۇن ( مۇنازىرە قېلىنغان مەسىلىنىڭ ھەممە ئورتاق بولغان ئەڭ توغرا ھالىتىنى تېپىپ چېقىش ئۇچۇن) ئېلېمى يۇسۇندا قارشى تەرەپنىڭ دەلىللىرنى خاتالاپ ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلىش ئۇچۇن قېلىنغان قەلەم ھەرىكىتىنى سۆز ھەرىكىتىنى مۇنازىرە دىيىشكە بۆلىدۇ ،

مۈنازىردىكى مۇھىم بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ،

1- مۇنازىرغا قاتناشقۇچى مۇنازىرە قىلىنغان تېمىنى ياخشى ئۇقۇشى ،ياخشى چۈشنىشى ،يېزىلغان ئىنكاسلارنى ياخشى ھەزىم قىلىشى لازىم، تېما ئىنكاسلارنى ياخشى ئوقۇماي قارىغۇلارچە سۆزلەپ قېلىشتىن ساقلىنىش كىرەك ،
يۈزمۇ-يۈز مۇنازىرە قىلغاندا بولسا قارشى تەرەپنىڭ سۆزنى تۇلۇق ئاڭلىشى سۆزنى بۆلمەسلىكى قارشى تەرەپنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كىيىن گەپ قىلىش ،
2- مۇنازىرىنىڭ تەلەپكە لايىق بۇلىشى ئۇچۇنAـ تەرەپ ئۆز سۆزىنى كۈچلەندۈرگۈچى Bتەرەپ Aتەرەپنىڭ سۆزلىرىنى ئېلمىيلىك -دەلىل ئىسپاتلار بىلەن رەت قىلىشى ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلغۇچى تەرەپدار بۇلۇش كىرەك، ئەدەب ئەخلاق سۆز ئۆلچىمىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك ،

مۇنازىرىنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟!

1- مۇنازىرە قىلغۇچى مۇنازىرىنىڭ قائىدىلىرىنى تېما -ئىنكاسلارنىڭ قاراتمىلىقىنى شۇنىڭدەك نېمىدە مۇنازىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك،( شىئېر ھەققىدە مۇنازىرە قىلىۋېتىپ قانۇن جىنايەت تېمىلىرغا پوپلستىك ئەسەر ھېكايىلەرگە ئۇتۇپ كېتىشتەك خاتالىقلاردىن ساقىلىنىش كىرەك )
2- ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئوچۇق -ئېنىق تېمىلاردا مۇنازىرە قىلماسلىق تالاش -تارتىشنى قەستەنگە قايتىلاپ سۆزلەپ ئولتۇرماسلىق سۆز قىلغاندا رەتلىك قايىل قىلارلىق سۆزلەش،
3- سۆزلۈكلەر رەتلىك بۇلۇش قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بۇلۇش ،
4- دىيلمىلەردە دەلىللىك بۇلۇش، مىساللار ئېنىق بۇلۇش ، ئۇيغۇر تىلنىڭ نامايەندىسى ئوبرازلىق ئېچىپ بىرلىشى كىرەك ،

مۇنازىرە قىلغۇچىلارنىڭ ئەدەب -ئەخلاقى،

دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ فورمۇلاسى قائىدىسى بولىدۇ ،مۇنازىرىنىڭ ئەڭ ياخشى رەۋىشتە داۋاملىشىشى رەنجىيدىغان تىل سالىدىغان ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان ئىشلارنىڭ يۇز بەرمەسلىكى مۇنازىرە كەيپىياتىنىڭ ئىللىق پايدىلىق بۇلىشى ئۇچۇن مۇنازىرە قىلغۇچىلار ئەدەپ-ئەخلاقىنى بىر نەچچە تۈرگە بۈلۈپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ ،

1- مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى كىشى قارشى تەرەپكە سەلبىي تەسىر بەرمەسلىكى ئۆزىنى بەك چوڭ كۆرسىتىپ قارشى تەرەپنى ئۇجۇقتۇرۇپ گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويماسلىقى،مۇنازىردىكى مەقسەت يەنىلا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سەمىمىيىتىنى ساقلاپ ئەڭ توغرا بولغان بىر كۆز -قاراشقا يىتىش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىشى كىرەك ،
2- مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى قارشى تەرەپ كىم بولۇشتىن قەتئىي ئۇنى تۆۋەن چاغلىماسلىقى ، ھەقىر سانىماسلىقى، كەمسىتمەسلىكى ، بىر نەرسە بىلمەيدۇ دىمەسلىك كىرەك ،مۇنازىرە ئىشتراكچىسى ھەرقانداق ئەھۋالدا قارشى تەرەپ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ بۇ مۇنازىردىكى رولىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى. قارشى تەرەپ بولغىنى ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دانا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ قارشى تەرەپكە ياكى مۇنبەر ئشتىراكچىسغا ئۇزۇنى بىلدۈرۈش پۇرسىتى بولغانلىقىدىن سۈيۈنۇپ مەمنۇن بۇلىشى .قارشى تەرەپكە رەھمەت دېيىشى كىرەك ،
3- مۇنازىرە ئىشتراكچىسى قارشى تەرەپنى بەك بىلىملىك ھەممىنى بىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىقى، نۆۋىتى كەلگەندە مۇنازىرىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەلىل ئىسپات بىلەن ئوتتۇرغا قويشى كىرەك ، ھەرگىزمۇ تىترەپ تۇرماسلىقى باشقىلار نىمە دەر؟ يېڭىلىپ كەتسەم نىمە بۇلار ؟ دېمەسلىكى مۇنازىردەكى ئەڭ مۇھىم ھالقا مۇنازىرە قىلىۋاتقان تېمىدا ئەڭ توغرا كۆزقاراشقا ئىگە بۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كىرەك ،
4-مۇنازىرە ئىشتراكچىسى قوسىقى ئاچ ياكى ئالدىراش ھالدا تېمىغا ئىنكاس يازماسلىقى، ياكى پات ئارىدا مۇنبەردە بولالمىسا ئىنكاس قايتۇرماسلىقى، ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىشى ،ئەڭ ياخشىسى مۇنازىرىگە قاتناشماسلىقى كىرەك ،ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا روھى ھالىتى ياخشى بولمىغانلىقى ئۇچۇن ئالدىراشلىقتا بەزى خاتا سۆزلەپ قۇيۇشى ،ياكى گەپنى چوڭ قىلىپ قۇيۇپ مۇنبەردىن يوقاپ كېتىپ قارشى تەرەپكە مۇنازىرە ئىشتىراكچىلىرىغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويشى مۇمكىن ، روھى كەيپىياتى چاغ ھالدا مۇنازىرىگە قاتناشسا ئىنكاسلىرمۇ چاغ چىقىپ باشقىلارنى قايىل قىلارلىق دەلىل بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ ،ئالدىراڭغۇلۇقتا خاتا سۆزلەپ سېلىشتىن تېت-تېت بولغاندا كىشىنىڭ ئاڭ قاتلىمى جايىدا بولماي خاتالىق ئۆتكۇزەپ سېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ،گەپنى چۇڭ باشلاپ يۇقاپ  كەتسە باشقىلارنىڭ ئالدىدا دېگەن سۆزى ئىناۋەتتىن قالىدۇ ،بۇ بىر ھىساپتا باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بۇلۇپ بۇ ھالەت ئۆزىگىمۇ باشقىلارغىمۇ ياخشى ئەمەس،

5-مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىلمى ساپاسىغا يارىشا قارشى تەرەپ پىكىرلىرىنى چۈشەنگەن ئاساستا پىكىر قاتناشتۇرۇشى، ئۆزىدە ھېچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق ھالدا قەستەنگە باشقا گەپلەرنى قىلىپ مۇنازىرە كەيپىياتىنى سۇغۇقلاشتۇرماسلىقى كىرەك ، (ياندا تۇرۇپ دەرس ئاڭلىسىمۇ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ)

6-مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى بىر ئېغىز گەپ بىلەن قارشى تەرەپنى بولدى قىل دەپ قستىماسلىقى كىرەك ، مۇنازىرىنى رەتلىك چۈشەنچىلىك دەلىل قائىدىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىش ،قانچىكى ئۇزۇنغا سوزۇلسا شۇنچە ھەقىقەتلەرنىڭ ئاشكارا بۇلىشى ئېلىم -مەرىپەتنىڭ ئېشىكىنىڭ ئېچىلىشى دەپ قاراش كېرەكلىكىنى بىلىش كىرەك ،

7-ھەر بىر مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغۇچى مېنىڭلا راس دەپ تۇرۋالماسلىقى، ھەقىقەت كىمدە بولسا شۇنى ئئتراپ قىلىشى، مۇنازىرە قىلىشتىكى مەقسەت مەلۇم مەسىلىنى دەلىللەش ،مۇئەييەنلەش ئىكەنلىكىنى ھەر زامان ئۇنتۇماسلىقى ،ئەگەر خاتا چۈشنۈلۇپ قارشى تەرەپنىڭ توغرا بولسا قارشى تەرەپكە رەھمەت ئېيتىشى پىكىر ئەسەبىيتى قاتماللىقتىن خالى بۇلىشى كىرەك ،

8-ھەر بىر مۇنازىرە ئىشتراكچىسى قانداق ئەھۋالدا ( سىنىڭ مۇتلەق خاتا)، (سەن دۆت كالۋا)، (سەن ھېچنىمىنى بىلمەيسەن)، دىگەندەك سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىكى كىرەك ئەگەر شۇنداق ئاتىغان ھامان شۇ سۆزلەرنى تىلغا ئالغان كىشى ئەللامە بولسىمۇ ئەخلاق ئادىمىيلىك ئالدىدىكى پۇزىيتسيەسى بىلەن كۆپچىلىك ئالدىدا ئەيىپلىك ئىكەنلىكىنى بوينىغا ئېلىشى كەچۈرۈم سورىشى كىرەك ،ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا قەلبى ئازار يېگەن مۇنازىرەداشلار بىلەن بۇ كەيپىياتتا مۇنازىرە داۋام قىلالمايدۇ ،

9-مۇنازىرە پايدىسىز سۆزلەر بىلەن ئۇزۇنغا سۇزۇلماسلىقى ،شۇنىڭدەك بىر ئېغىزلا گەپ بىلەن بولدى قىلىنماسلىق كىرەك ،

10-مۇنازىرىدە چۈشۈنۈشلۇك ئاممىباپ سۆزلەرنى ئىشلىتىش ياكى چۈشەنچە بىرىش كىرەك ،

11-مۇنازىرە شاخلاپ كەتمەسلىكى قايسى تېمىدا گەپ بولۇنسا دېيىلمىلەرمۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇش كىرەك،

12-ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىزنىڭ مۇنازىرىدە يېڭىلگېنىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئاخىرقى نەپسىڭىز ئەمەس، ئۇنچە ئۇڭايسىزلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەڭ توغرىنى بىلىش ھاياتتىكى قەرزىڭىزدۇر،قارشى تەرەپ مۇنازىرىدە سىزگە مېھرى بېرىپ سىزنى مەلۇم جەھەتتىن بىلىمگە ئىگە قىلالىسا بۇ خىل ئەھۋال تەبىئىيكى قارشى تەرەپنىڭ سىزگە قىلغان ياردىمى، بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرماي ياش نوتىلارغا ياردەم قىلىشى بىلىمنىڭ زاكىتى، ھەم ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر، سىز ،مەن ،ئۇ بۇ سورۇندا ھەرگىزمۇ ئوز-ئارا دۇشمەن ئەمەس ،تىلىڭزىنى ،دىنىڭىزنى ،دىلىڭىزنى بىلىشىدىغان بىر قوۋمنىڭ ئوغۇل-قىزىسىز ،! ئاغزىڭىزغا كەلگەننى دەپ جۆيلىمەي مۇنازىردىكى قارشى تەرەپنى ئۆزەمنىڭ قېرىندىشى . مىنىڭ بارلىقىم (چۈنكى سىز ئۇيغۇر ناملىق  قوۋمنىڭ بىر ھۈجەيرىسى بۇ قەۋم. سىز، مەن، ئۇ، لاردىن تەركىپ تاپقان سىزنىڭ ئۇيغۇر دېگەن توپقا ئەزا بۇلىشىڭىز ئۇ ،سەن ،مەن ،بىز،لەر بولغانلىقىدا ) سىز بولغىنىڭىز ئۈچۈنلا خوشاللىق ھېس قىلىمەن ، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز مىنىڭ خوشاللىقىم دەپ قاراڭ ، بىلىم ئېلىش سىزگە پەرز،مۇنازىرە ئىنكاسلارغا شۇنداق مۇئامىلە قېلىڭكى بىرەسى سىزنىڭ ئىجادىيتڭىزنى تەنقىت قىلسا سىزگە پايدىلىق، سىز ئويلىمىغان تەرەپ -پىكىرلەرنىڭ بۇلىشى مۇمكىن دېگەن ئوي -خىيال بىلەن مۇنبەرگە ئىنكاس -تېما يوللايسىز ، مۇتلەق خاتالىق، مۇتلەق توغرا ئىش بولمايدۇ، ھەقىقەتلەر بىرى -بىرسىگە يېقىنلاشسا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە،تەنقىتتىن پىكىردىن قورقۇش ياخشى ئەمەس ، شۇنىڭغا ئېشنىڭكى باشقىلارنىڭ ئېلېمى سۆزلىرىگە قۇلاق سالسىڭىز ئېلمىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ،كونىلار "ھايۋان تۇۋىقىدىن سەمرە ئادەم قۇلىقىدىن" دەپ بىكارغا ئېيتمىغان ئەگەر سىز تېما ئىنكاسلاردا ماختاشنىلا مەقسەت قىلسىڭىز ئۆزىڭىزدە . پىسخىك جەھەتتە .تىراگدىيە ئېڭى بىلمى جەھەتتە. مەسىلە باركەن دەۋېرىڭ ،مىنىڭ نەزىرىمدە سىز بەختلىك، سىز ئەڭ ياخشى ئىنسان ئاخىرەتتىكى ماقامىڭىز تېخىمۇ بۇيۈك بولغاي ،سىزگە ۋىسال تىلەيمەن ،

باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھوشيارلىقى،تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن مۇنبەر كەيپىياتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىكلەرنى ھېس قىلىپ قانۇن يول قويغان دائىرە ئېىچدە ئۆزىمىزنى ئاياپ پائالىيەت ئېلىپ بارساق بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمىز مەنىلىك بولغان بۇلاتتى ،شۇنى ئېتراپ قىلماي بولمايدۇكى، يېقىندىن بۇيان ئەڭ نادىر ئىجادى تېمىلار يوللىنىپ تېما-ئىنكاسلار ئارا ئىنقىلاپ بۇلۇپ كاللىمىزنى غىدىقلاپ كېلىۋاتىدۇ بۇ بىز ئۈچۈن مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلار ئۇچۇن بىر پايدىلىق بىلىم سورۇنى بىر ياخشى شارائىت،بىز ئىزدىنىۋاتىمىز ،ئۆگىنىۋاتىمىز،بىر تېما ياكى -ئىنكاس كاللىمىزنى غىدىقلىيالىسا شۇنىڭ ئۆزى بىزگە زور بىلىم ،بەزى تورداشلارنىڭ ھىسياتىنى چۈشەنمەك قېيىن ئەمەس ،ئۇلار تېما ئىنكاسىدىكى يۈكسەك ئېلىمى -ساپا ئۆتكۈر پىكىر ئۇلاردىكى  خەلق ئۈچۈن سوققان پاك قەلبكە ئىشارە قىلىپ تۇرۇپتۇ ، نۇرغۇن ھاياتىنى ئاكادېمىكلىك بىلەن ئۆتكۈزۇپ مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئىلان قىلىپ نەشىرياتتا كىتاپ باستۇرۇپ ئۆزىنىڭ خەلقىگە بولغان بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۇچۇن قانداقتۇر بىر ئىسىملار بىلەن تورغا كىرگەن ئاشۇ جاپاكەش دانا بىلىم ئېگلىرنىڭ كۈنسىرى پاخاللىشىپ ئۆزىنىڭ قەدىر -قىممىتنى ئۆزىنىڭ غايىسىنى يۇقۇتۇپ قويۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان كۈينىشى بىزنى قەرزدارلىق سۈپتىدە ھۆرمەت ئېھتىرام بىلەن تۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، بۇ بىزدىن كۈتۈلگەن ئەڭ ئاددى ئەمما ئەخلاقى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ۋىجدان سوتى بىزگە تەكرار دەۋاتىدۇ ،

نەسىھەت ئاچچىق مىۋىسى تاتلىق دېگەن گەپ بار،تېمىلاردىكى( ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ،قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن،) دېگەن ئىنكاسلا ئورنىغا ئېلمى پاكىتلىرى بىلەن ئىجادىيتىڭىزدە ماۋۇ يەر خاتا دەپ بەرسە نىمە بوپتۇ؟! ئۈلۈپ قالامدۇق ؟ ئورنىمىزدىن قوپالماي ياتامدۇق؟ ئەگەر ياخشى باھا بەرگەنگە خوش بۇلۇپ ئاسمانغا تەلپەك ئېتىپ ،سەلبىي باھا بەرسە ئۆلگۈدەك ئاچچىقلىنىپ يېتىپ قىلساق ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ ،ئەمدى بىز مىشچانلىقىمىزنى تاشلايلى! ئويۇنغا ئەمەس بىلىمگە يۈزلىنەيلى ! سىز ھەرقانداق بىر تېما -ئىنكاسنى يېزۋاتقىنىڭزدا سىزنىڭ تما-ئىنكاسىڭىزنى  پۇتىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەر گىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ ،ھېچكىم بىلمەيدىغۇ دەپ (قانداقتۇر بىر ئىسىم بىلەن) كىرىپ بىرسىگە ھاقارەت قىلغىنىڭىزدا ۋىجدانىڭىز سىزنى سوتلىيالمىسا ئىمانىڭىز سىزنى توسۇپ قالالمىسا ئۆزىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ ! ئىشقىلىپ ئۆزىمىزگە، باشقىلارغا يۇز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايلى! قانداقتۇر بىرسىنىڭ بىرە ئېغىز خاتالىقى ئۇچۇن كەينىگە كىرۋالمايلى ،ئادەم دىگەندە خاتالىق ئۆتۈلىدۇ قارشى تەرەپكە ئىلمى مۇئامىلە قىلساق قارشى تەرەپمۇ بىزنى چۈشنىدۇ  ئىللىق كەيپىيات بارلىققا كىلىدۇ ،بۇ ئۆتنە ئالەم باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلغاندا چوقۇم سىزنىڭمۇ بىر كۈنى شۇنداق ئورۇنسىز باشقىلار تەرىپىدىن كۆڭلىڭىز غەش قىلنىدغانلىقڭىزنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ، ئۇ سىزنىڭ ئاكىڭىز ،ئۇ سىزنىڭ ئىنىڭىز ،ئۇ سىزنىڭ سىڭلىڭىز ،ھەدىڭىز ئىشقىلىپ سىزدە بار گېننىڭ بىر پارچىسى ، سىز ھۆرمەتلەشكە سىز سۆيۈشكە قۇچاقلاشقا ئەرزىيدىغان بىرى، ھەرگىزمۇ نەشتېرڭىزنى سانجىماڭ لۈكچەكلىك بىلەن بىلىم ئىگىلىرىنىڭ پەرقى بولسۇن!

سىز نېمىنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ،نېمىگە قىزىقسىڭىز ،نېمىنى سۆيسىڭىز شۇنى تاپىسىز ،باشقىلارنى سۆيگىنىڭىز، ئۆزىڭىزنى سۆيگىنىڭىز، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىز،ھاياتنىڭ مەناسى پەقەتلا سۆيگۈدە!
بىلىپ قېلىڭكى بەدەلسىز سۆيگۈ بىرىش ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ئاتاشتىنمۇ ئۆتە بەخت يوق، تارىخمىزدا تالاي كىشلەر ھۆرمەتلىنىپ تىللاردا داستان بولدى، نۇرغۇن كىشلەر نەپرەتلەندى، بۇلارنىڭ پەرقى پەقەت ئۆزىنى ئويلىماي باشقىلارنى ئويلىغانلىقىدا ،باشقىلارنى غايىۋانە سۆيگەنلىكىدە،!
ئەگەر مەن تېما بېشىدا ، (مۇنبەردىكلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىدىم ،تېما ئىنكاسلىرىنى مىسالغا ئالمىدىم) دېمىگەن بولسام ئۆزىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى مۇنبەر ئۈچۈن بەرگەن ئەل سۆيگەن مۇنبەر باشلىقىنى راسا ماختىۋالغان(باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىۋېلىشنى ئويلىمىغان بولسام ) ئىچىمدىكى ھۆرمەت سۆزلىرىنى دەۋالغان بولاتتىم ئەل ئۈچۈن كۆيۈش، سۆيگۈ بېرىشكە شۇئار توۋلاش كەتمەيدۇ ،مېنڭچە مۇنبەر باشلىقى پۇلنى دېگەن بولسا خوتەنگە بېرىپ تاش كولىسا بەلكىم بىر كىچىدە مېليوننىر بۇلۇپ تۈگمىسىنىمۇ جايىدا ئەتمەي ئۇخلاپ ئويناپ يۈرەر ئىدى ئۇ پول دېمىدى ئۇنىڭغا شۇنداق بىر ئىشقى ئۇرۇنلاشقانكى قەلبى ھەر مىنۇت(ئەلنىڭ يولىدا تاشلىدۇق قەدەم ،ئەلكۈيى بىز ئۈچۈن بىر ئىللىق ۋەتەن ،) دەپ سوقتى ھەرپلەرگە ئالەمچە مەنىنى يۇشۇرۇپ قويغان بۇ مىسرالار دا كۆزى ئۆتكۈر ،ئۆزى پىشقان سەنئەتچىدەك يېتىشكەن رولغا باي ئۆزى تولىمۇ ئاددى -ساددا ھاياتنى سۆيگەن، خېجىلچان بىر ئۇيغۇرنى كۆرمەك تەس ئەمەس ، بۇلارغا ئوتلۇق سالام ،(بىر كۈنلىرى خوتەن خانئېرىقتىن ئېسل كاۋاپلارنى ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ چىقىپ ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ ئىشكىنى چېكىپ سالام قىلىمەن)
ئۇيغۇر تىلنىڭ ئۆلچەملىك يېزىلىشى ،ئىملاسىنىڭ چوقوم توغرا بۇلىشى ئۈچۈن توختىماي ئىزدەنگەن، تورداشلارنى شۇ نۇقتىدا ئەسكەرتىپ تۇرغان، ئاشۇ بەختلىك باشقۇرغۇچى قىزغا رەھمەت دېمەي تۇرالمايمەن ،سەن سۆزلىگىنىڭ ئۇيغۇر تېلى ،ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىليون ئۇيغۇرغا تەۋە تىل ،خاتا سۆزلىسەڭ ياكى ئىملاسىنى توغرىلاپ يازمىساڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇرغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيسەن؟!،
(گەپ بۇيەرگە كەلگەندە بەكراق گەپ قىلغۇم بار لېكىن رەھمىتىم شۇنچىلىك بولسۇن سالامىم يەتتى دەپ ئويلىدىم)
تىكەندەك سانجىلىپ تۇرۇپ ھەق گەپ قىلغان ئاشۇ قەلبى پاك ئەل سۆيەر تورداشلار رەھمەت ،
ئاخىردا ھەممىڭلارنى سۆيىمەن ،دېگەنلىرىم ئۆزەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،ئەمدىكى مۇنازىرمىز مۇنبەرلەردە شېئىرىيەت ھەققىدە نىمىشقا كۆپرەك مۇنازىرە بولىدۇ ؟ باشقا مىللەتلەرمۇ شۇنداقمۇ ؟ دېگەن تېمىدا ئىنكاس داۋام قىلىدۇ ،بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىم كەچۈرگەيسىلەر.
2010-10-14
مەنبە:ئۆزقەلىمىم

arginakun 2010-10-15 13:53
مۇنازىرە -ئەركىن پىكىر قىلىش دىگەنلىك!
شۇنداق بولغان ئىكەن -مىنىڭچە مۇنازىردە يۇقىرقىدەك
قانۇن ماددا ،يەرلىك نىزام تۈزۈپ ئولتۇرۇش مۇنازىرنى
باغلاپ قۇيغانلىقتىن ئىبارەت

urukjan 2010-10-15 14:26
مۇنازىرە ھەققىدە تەپىسىلىي توختىلىپ ئۆتۈپسىز. بۇ تېمىنى كۆرگەنلىكىمدىن خۇشالمەن.
بەلكىم، بۇ تېما بارچە تورداشلارنىڭ ئورتاق يۈرەك سۆزى دەپ ئويلايمەن.
ھەر قايسى قاتلاملاردىكى قەلەمكەش ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى پەقەت- مەرىپەت ئەينىكى ئالدىغا قانچە يېقىنلاپ كەلگندىلا ئۆز سىماسىنى شۇنچە روشەن كۆرەلەيدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق.
بىز مۇنازىر ەقىلىپ قايسى مەقسەتكە ئېرىشىىمىز؟
نىمە ئۈچۈن مۇنازىر ەبولىدۇ؟ بىز مۇنبەرگە كىرىپ نىمە قىلىمىز؟
بۇلارنى ئويلاش كېرەك. ئويلىغاندىمۇ كاللىنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ ئويلاش كېرەك.
سىز گۆدەك ئەمەس. ئېمىزگىڭىز، ئىشتان پايپىقىڭىز ،چاتراقتىكى تال چىقۋىقلىرىڭىز ئاللىقاچان يىراقلاردا قالدى.
بىز ئويغىنىشىمىز كېرەك! ئويغىنىش ئۈچۈن قاتتىق ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
بىز كىم؟ زادى قەيەرگە بارىمىز؟ بىز قايسى قەۋىمدىن؟
سوئاللار كۆپ. ئەمما جاۋاپىسىز...
بىراۋلار مۇنازىرە سورۇنىنى  <بىر نىجاسەت> دەپ بىلىدۇ.  گاھى چىۋىن ۋە كۇمۇتلارغا ئيلىنىپ غۇيۇلداپ ئۇچۇپ كېلىدۇ دە...چاپلىشىپلا ئالىدۇ.  ئاشۇ نىجاسەت تۈگۈمىگىچىلىك..
بەزىلەر مۇنازىرەنى <ھەقسىز تائام> دەپ بىلىدۇ.
ئۇ  كەسىپكە پىشقان ئاشپەزلەرنىڭ تاتلىق قوللىرىدا تەييا ربولغان تەملىك تائاملاردىن بولشىچە يەيدۇ. يىگەنسىرى يىگۈسى كېلىدۇ.
دىمەك...
بىز مۇنازىرە  ھەققىدە  ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولىشىمىز زۆرۈر.
ئاخرىدا- بارچە تورداشلارغا ۋاكالىتەن جىن ئەپەندىنىڭ  بىزلەر ئۈچۈن تەييارلىغان ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن!
رەھمەت سىزگە!

ustaz 2010-10-15 15:21
جىن ئەپەندىنىڭ ئەتراپلىق مۇلاھىزىلىرى، دەلىللىرى بىزنى قايىل قىلماي قالمايدۇ... توغرا مۇنازىرە زادى نىمە ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ؟ بۇ مۇنازىرە ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەت نىمە؟  بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ مۇنازىرە جەرىيانىدا قايسى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك؟ ....  بۇ ھەقتە جىن ئەپەندىم ھەقىقەتەن كۈچ چىقىرىپتۇ... ئاللاھ ئەجرىنى بىرەر.... سالامەت بۇلۇڭ...

otyak 2010-10-15 15:43
جىننىڭ مۇنازىرە ھەققىدە يوللىغان تىمىسى كىشىلەرنى قايىل قىلماي قالمايدۇ. ھەر بىر نوقتىدا ئىيتقان دەلىللىك كۆز قاراشلىرى كىشىلەرنىڭ مۇنازىرىنى چۇشۇنىشىگە ياردەم بىرىدۇ. مۇنازىرى مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا ، مۇنازىرىنىڭ مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ مانا مۇشۇنداق مەلۇم بىر تىما ئۇستىدە ئەتراپلىق پىكىر يۇرگۇزۇپ، قايىل قىلارلىق ھالدا مەلۇم بىر نوقتىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزئارا ئورتاقلىشىشنى ئۇمۇد قىلىمەن.
جىن ئەپەندىنىڭ مۇنازىرە ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئەجرىگە  تەشەككۇر !

bidar 2010-10-15 16:30
بىزنى مۇنازىرە توغرىسىدا ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!
دىمىسىمۇ ھەرقانداق ئىشنىڭ قائىدىسى بولىدۇ، قائدىسى بۇيىچە چېغىدا قىلىنسا ھەممە ئادەمگە ياقىدۇ،
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

dilhux2 2010-10-15 16:41
مۇنازىرە جەھەتتىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم .
رەھمەت سىز گە.

bargiya 2010-10-15 18:13
جىن ئەپەندىمنىڭ "مۇنازىرە"توغرىلىق يوللىغان بۇ تېمىسى كۆپ ئويلىنىش،ئەتراپلىق پىكىر قىلىش شۇنداقلا ئەلكۈيى مۇنبىرىمىزدە بۇنىڭدىن بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن،بولۇۋاتقان قىزغىن بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ قانداق ئۇسۇللاردا،نىمىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ بولۇنىۋاتقانلىقىغا زەن قويۇش ئارقىلىق روياپقا چىققاندەك تۇرۇدۇ. ئەلۋەتتە  مۇنازىرە دىگەن نۇقتا ئۈستىدە ھەممەيلەننىڭ كۆز قاراش-پىكىرلىرىنىڭ ئورتاق بىردەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن. "مۇنازىرە"دىگەن بۇ تېما مۆرىتىدە  ئۆزى ھەققىدىمۇ قىزغىن ھالدا كۆز-قاراش،پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ بىر مەيدان كەسكىن تالاش-تالارتىشلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىمۇ مۇمكىن.
ھەقىقى مۇنازىرەنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا رەت قىلغۇسىز ئەمىلىي پىكىرلەر بىلەن بۇ نۇقتىنى شەرھىيەلەپ بەرگەن جىن ئەپەندىمگە كۆپ تەشەككۈر.!! خېلى كۆپ سۆزلەر بار ئىدى. بىراق ۋاقىت بەك قىس بوپ قالدى. ئالدىراشچىلىقتا مۇنبەرگە كىرگۈدەك ۋە بىرەر نىمە يازغۇدەك ۋاقىتمۇ چىقمايۋاتىدۇ دىسە...

dihqan 2010-10-15 18:22
"بۇ يەردە نىمىنى مۇنازىرە قىلىمىز؟نىمە مەخسەتكە يەتمەكچى؟ " ئوغۇل بالىدەك سۇراپسىز خو .
بىز مۇنبەرگە ئىشىمىز يوق كىرمەيمىز ئەلۋەتتە، كۈپۈنچىمىز بۇنبەر ئارقىلىق جاھاندا ۋە ئەتراپىمىزدا بۇلىۋاتقان ئىشلارنى بىلىش ئۈچۈن .يەنە ئازتولا بىلىم ئىلىش ئۈچۈن . شۇنداقتۇ.
بۇ مۇنبەر دىگەن دۆلەت كارخانىلار بەك ژىققەت قىلىدىغان يەر . بىز ئەتراپىمىزدىكى ۋە جەمىيىتىمىز دىكى خەلىققە ئورتاق ياقمىغان نوقتا ئۈستىدە مۇنازىرە ئىلىپ بارساق، شىركەت كارخانا دەرھال ئۈزىنى تۈزەيدۇ.مەسىلەن:بۇرۇن ئارماندا ھاراق تاماكا سىتىلاتتى،ئارمان بىلەن ئىخلاس بىر بىرىنىڭ مەسۇلاتىنى ئۆزلىرىنىڭ تاللا بازالىرىغا سالمايتى.6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن كىيىن بۇ ئىشلار ئاخىلاشتى.چۈنكى بۇ مەسىلە توردا مۇنازىرە قوزغىغان.ھېلىقى خۈيزۇنىڭ ئېدىرىس ھەسىلىچۇ،خۈيزۇ تۇرۇپ "ئۇيغۇر "نى ماركا قىلىپ ھەسەل ھاتقىنىچۇ.ھازىر يوق. ئالدىنقى كۈنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلاردىن بىرنىمە  تەلەپ قىلغىنى مۇنازىرە بولدىغۇ. شۇنىڭدەك بۇلىغى كىرەك .ئۆچىرەپ نىمە قىلىدۇ دەيمەن .قانۇناىن ھالقىماي قانداق دىرنىمە ئويلىساق شۇنى دەيلى مۇنبەر دىگەن شۇ. خۇددى ئىزدىنىش مۇنبىرىدەك. كۈندە شىئېر قۇشاق يىزىپلا ئۈتەمدۇق ئەمىلى نەرسىلەنىمۇ يازىلى.  پىشمىغان بۇغداينى ئورۇتۇپ قۇناق تىرىتقاننى يازىلى.تىلىمىزنى كەسمەيدۇ.ھەقسۆزلىسەكلە ئاڭلايدۇ.چۇقۇم قانۇندىن چەتنىمەي!

fana 2010-10-15 18:25
ئۆزىنى  <<  دېموكراتىك ، ئېچىۋىتىلگەن >> دەۋالغان  جەمئىيەتتە ، <<  سۆزلەشكە  جۈرئەت قىلىش  >> نېمە ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە  گۈزەل  ئەخلاق  بۇلۇپ قالىدۇ ؟  بۇ ئەسلىدە ھەممە ئادەمدە  بولىدىغان  ھوقۇق ئەمەسمىدى ؟  
                            -لوڭ  يىڭتەي (تەيۋەن )

تورداش  جىننىڭ  ھەقىقەتنى ياقلاپ تۇرۇپ يازغان  تېمىسىدىن سۈيۈندۈم .

bulbulgoya 2010-10-15 21:17
مۇنازىرە دىگەن مۇنداق بولمامدۇ مانا ........... كالتەك تۇتۇپ ،مۇنبەرنىڭ ئىشىك كەينىگە ئۈتۈۋېلىپ،ئازراقلا خاتالاشقانلارنى <كوم>لا قىلىپ ئۇجۇقتۇرۇپ،ئېلىپ بارغان مۇنازىرە كىمنى قايىل قىلالايتتى.

uyghurbeg 2010-10-15 22:41
بۇرۇندىن مۇنازىرە دىسە ئوتتەك چېپىپ كەلگىنىمچە قاتنىشاتتىم،چۈنكى،ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئارىسىدا يۈرۈپ ھىچ بولمىسا بىر مەسىلىنىڭ كۆپ خىل تەپەككۇرىنى بىلىۋالاتتىم.بەزى مۇنازىرىلەرگە،يەنى ئىلمىيلىك ھەمدە ھۆرمەت قوشۇلغان مۇنازىرىلەرگە قاتناشقان چېغىممۇ بولغان،بەزى مۇنازىرىلەرگە يەنى ئۆزۈم قىزىقىدىغان ئەمما بىلىمىم چەكلىك بولغان مۇنازىرىلەرگە يېراقتىن تۇرۇپ كۈزۈتۈپ،چۈشكەن ئىنكاسلاردىن بىلىم ئالاتتىم.ئەمما يەنە بەزى مۇنازىرىلەر باركى،يائاللا،بەزىلەر ھەتتا تىمىدا نىمىلەرنىڭ دىيىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي،يا تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى ياكى بىرەر قۇر يېرىنى ئوقۇپ بولۇپلا ئاتاكىغا ئۆتۈدىغان،بەزىلەر كىم-كىمنىڭ نىمە دىيىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا قۇشۇق سېلىپ تاماشا كۆرۈدىغان،بەزىلەر قايناپ-قايناپ ئاخىرى تېشىپ كېتىدىغان،يەنە بەزىلەر بولسا <<مېنىڭ راست>>ئىدىيىسى بىلەن قارشى ئىدىيىدىكىلەرنى يەكلەپ،سەتلەپ...ئاخىرى ئۇ مۇنازىرە داشقازانغا ئايلانغان...

نازى 2010-10-15 23:53
جىن ئەپەندىمنىڭ ئەتراپلىق توختالغان بۇ يازمىسىنى ئوقۇپ ھاردۇقۇم بىراقلا چىقىپ قالدى.
  باشقىسىنى قويۇپ مۇشۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇنازىرە ئەھۋالىنى مىسالغا ئالساق، نۇرغۇن تورداشلار مۇنازىرە ئارقىلىق بىلىپ بىلمەي قورساق كۆپۈكى تارتىۋالدى، نېمىشكە؟ چۈنكى ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي مۇنازىرە قىلدىم دەپ باشقىلار بىلەن ناتوغرا دە-تالاش قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈستىدە نېمە دەۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، كاللىسىغا تۇنجى كەلگەن ئىنكاسىنى  پەدەزلىمەيلا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ  ئىنكاسىمنىڭ تېمىغا قانچىلىك ئەمەلىي قىممىتى بولىدۇ؟ دېگەنلەر بىلەن ئەسلا ھېسابلاشماي قىلىپ سالغان گېپى ئۈچۈن شۇنداق بولدى.
مۇنبەردىكى مۇنازىرە  مەتبۇئات، ياكى ئىجادىيەت سورۇنلىرىدىكى مۇنازىرىدىن ئەلۋەتتە پەرقلىق بولىدۇ، چۈنكى بۇ مەۋھۇم دۇنيا بۇ يەردە بەزىلەر كىم نېمە دېسە بولىۋېرىدۇ، مەقسەت قورساق بوشىىسىلا بولدى دەپ قارايدۇ، بىراق ، شۇنداق قارىغۇچىلار ئۆزىنىڭ ۋىژدانىنى كۆزىتىپ باقسا بۇنىڭغا ئەلۋەتتە جاۋاب تاپالايدۇ.
ھەرقانداق بىر تېمىنى ئوقۇغان ھامان ئادەمنىڭ كاللىسىدا بىر ئىنكاس شەكىللىنىدۇ، ئەلۋەتتە شۇ تېما ئۈستىدىن پىكىر قىلغۇدەك قابىلىيەت بولغاندىلا ئىلمىي پىكىر قىلغىلى بولىدۇ،  مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلارنىڭ مەقسىتى نېمە؟ بەزىلەرنىڭ  قارغۇلارچە «ياخشى يېزىپسىز، سۆيۈندۈم، ھوزۇرلاندىم، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈنمۇ؟ ئەسەرگە سەلبىي ئىنكاسلار بېرىلسە نېمىشكە ئۇ ئاپتۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغاننىڭ ئۈستىگە پىكىر قىلغۇچى دۈشمەن دەپ قارىلىدۇ؟ چۈنكى بۇ يەردىكى مەسىلە تەنقىدىنى توغرا قوبۇل قىلالماسلىق مەسىلىسى، ئادەم ئىلگىرىلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن تەنقىدنى، ئەلۋەتتە توغرا بېرىلگەن تەنقىدنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشى كېرەك، بەزىدە بېرىلگەن ئازراقلا قارشى ئىنكاس ئۈچۈن مۇنازىرە باشلىنىپ شۇ كىشىنىڭ ئەزەلدىن ئېسىل ئەسەر يازىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ خاتا مۇنازىرە باشلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ كىشى شۇ كىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇ مەڭگۈ ئېسىل ئەسەر يازامدۇ؟ ئۇ شۇ كىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇ نېمىنى يازسا ياخشى دېيىش كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئۇ ئەسەرگە باھا بەرگۈدەك قۇربەت بولغان  ئىكەن ئۆز قارىشىنى ئېيتىپ بېقىشى، ئەسەرنى ئاپتوردىن ئايرىۋېتىپ تۇرۇپ، مۇلاھىزە قىلىشى كېرەك. مەن مەلۇم بىر تېمىنى كۆردۈم ئۇنىڭغا 50  ئىنكاس چۈشۈپتۇ، ئۇ  50 ئىنكاس ئىچىدە ئەسەرنى چۈشىنىپ، ئۆز كۆز قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىنكاستىن ئۈچى باركەن، قالغانلىرى پۈتۈنلەي «ياخشى يېزىپسىز ، دەرت كەلمىسۇن» دېگەندەك پاخال ئىنكاسلار، بىراق ئاشۇ 3 ئىنكاس 7 ئادەم تەرەپىدىن قارشىلىققا ئۇچراپ كېتىپتۇ، لېكىن ئاپتور تەرىپىدىن  ئۇ ئىنكاسنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ياكى رەت قىلىنغانلىق ئىپادىسى يوق، ئاپتور گەپ قىلمىغانچە باشقىلار ئەسەرنىڭ ئەمەس ئاپتورنىڭ تەرىپىنى قىلىپ، بىر بىرىنى ئىنكار قىلىشىپ كېتىپتۇ، بۇ ئەھۋالدىن مەلۇم بولدىكى، ھازىرقى ئۇيغۇر تورچىلىقىدا مۇنازىرە چۈشەنچىسى تېخى يېتىلمىگەن.
جىن ئەپەندىمنىڭ بۇ يازمىسى ناھايىتى ئەتراپلىق ئىزدىنىلگەن بولۇپ، بەزى تورداشلارنىڭ مۇنازىرە بىر بىرىنىڭ قورسىقىنى بوشىتىش ئەمەس، ئەسەرلەرنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنىڭ بار يوقلىقى، ئەسەرلەردە يورۇتۇلغان ئىدىيىنىڭ قىممىتى... قاتارلىقلاردا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىغانلىقىدەك ئەمەلىي پاكىت يورۇتۇلۇپتۇ.
رەھمەت سىزگە جىن ئەپەندى. ئەجرىڭىز يەردە قالمايدۇ.

lukqak 2010-10-16 02:00
ماۋۇ تېما  تېمىدەك تېما بوپتۇ،مۇنداق  يېزىشمامدۇق ئىنكاس دېگەننى ...قاچانغىچە مۇنازىرە دەپ  ئىسىم قويىۋېلىپ رەھمەت،ياخشى يېزىپسىز ...دەپ ئۆتۈپ كېتىمىز، ھېلىمۇ بۇ مۇنازىرە دېگەن ئىسىمنى تورداشلىرىمىز مۇشۇنداق قېلىپقا چۈشكەن قىممىتى يوق ئىنكاس بىلەن رەھمەت سورىنىغا ئايلاندۇرۇپ بولدۇق،ئەمما ئىسمى يەنىلا شۇ مۇنازىرە ، يا ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ مۇنازىرە دېگەن گەپنى يوق قىلايلى يا مۇنازىرەنى مۇنازىرەدەك قىلايلى..
ھازىرغىچە مۇنبەردە يالغۇز نامىدىكى باشقۇرغۇچى ئىنكاسى ئاستىغا يېزىۋالغاندەك مەنمۇ ئاشۇ ياخشى يېزىپسىزلارغا بەك ئۆچ ، بەزى تورداشلارنى گەپ قىلمىسا بىز ھەرگىزمۇ گاچا ئېكەن دېمەيتتۇق،سۆزلىگەندىكىن بولسا بىز ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىۋالساق ھېچ بولمىسا مۇنازىرە دېگەن يەرگە كىرگەنگە چۈشلۈق ئىنكاسىغا تېما ئېگىسنىڭ ئىسمىغا قارىماي تېمىغا قاراپ ئىنكاس يېزىپ بىلىم بەرگۈدەك ئى بىزنىڭ ئىنكاس يېزىشىمىزغا ئويلانغۇدەك گەپتىن ئىككى ئېغىز قىلىشساق ...ماۋۇ ئىنكاسىم بۈگۈن ئاخىرىغىچە يېزىلىپ بولالمىدى،ئالدىراشچىلىقتا  مەن سەل گەپنى قىسقا دەپ قالدىم،ئەمما ئەتە ۋاقىت چىقىرىپ ئىنكاسىمنى تەھرىرلەپ بارلىق گەپلىرىمنى بىر دەۋالاي،قېنى رەھمەتچىلەر يامانمۇ(ئەلۋەتتە مەنمۇ رەھمەت دەيمەن ھەم ئۇنداق ئىنكاس يازىمەن ئەمما رەھمەتنىڭمۇ ئورنى بولسا بۇلىدۇدە،مەسىلەن مۇشۇنداقراق پىكىر بايان قىلىپ ئاندىن كۆڭلىمىزدىكى رەھمەتنى دېسەك تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ) مەسىلەن: رەھمەت جىن ئەپەندىم مۇنازىرە دېگەننى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز ،ھەممىمىز ئويلانغۇدەك ئىش بولىۋاتىدۇ دېگەندەك) گەپلىرىمىز ئارىسىغا قىسىپ قويساق ياكى ئاخىرىغا دەپ قويۇپ ئۆز قاراشلىرىمىزنى بايان قىلساق ئوبدان ئەمەسمۇ؟!

bardax 2010-10-16 13:28
  مەن جىن ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىنى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. مەزكۇر ماقالىدا مۇنازىرە ئەخلاقى ۋە مۇنازىرىچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر ئىلمىي يوسۇندا،قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.بۇ بۇندىن كېيىنكى مۇنازىرىلەرنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينىغۇسى.
  مەن جىن ئەپەندىمنىڭ شېئىرلىرىنى ئىزچىل كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن.مەن بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىمەن،ھەمدە ئانچە-مۇنچە شېئىر_ قوشاقلارنى توقۇپمۇ قويىمەن. جىن ئەپەندىمنىڭ شېئىر يېزىش ئۇسلۇبى،شېئىردىكى چوڭقۇر مەنا،ئۇنىڭدىكى قابىلىيەت ۋە تالانت مېنى سۆيۈندۈرگەن بولسا،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆرۈلۈپ تۇرىشى كۆڭلۈمنى تولىمۇ غەش قىلاتتى.(مېنىڭ نەزىرىمدە جىن ئەپەندى بۇنداق خاتالىققا ئازراقمۇ يول قويماسلىقى كېرەك ئىدى) سەۋىيەمنىڭ تولىمۇ چەكلىكلىگى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە باشقا جەھەتتىن باھا بېرەلمىسەممۇ ،ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بىرنەچچە قېتىم ئىنكاس يازغان ئىدىم.كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ مۇنبەرگە يوللانغان ئەسەرلىرىدە ئىملا جەھەتتىلا ئەمەس،بەلكى مەزمۇن جەھەتتىمۇ خېلى زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى.بۇ ئۇنىڭ يوللۇق تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان ئېسىل ئەخلاقىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ.
  مەزكۇر ماقالىنىڭ ھەجمى بىر قەدەر چوڭ، ئىنچىكە ھەم زىل مەسىلىلەر ئۇتتۇرىغا قويۇلغاچقا ،ئىملا خاتالىقىنىڭ ئاز نىسبەتتە مەۋجۇت بولىشى تەبىئي ئەھۋال (بۇنى كونۇپكا تاختىسى ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ۋاقىت خەت بېسىپ باققان كىشىلەر ئەلۋەتتە چۈشىنىدۇ ) .  تېمىنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىنىڭمۇ بۇ ئەسەرنى تەھرىرلەش جەريانىدا كۆپ ھەرەج تارتقانلىقى بىزگە ھەم ئايان.ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ "مۇنازىرە قىلغۇچىلارنىڭ ئەدەب_ئەخلاقى " دېگەن بۆلەكنىڭ 12-مەزمۇنىدا "چۈنكى سىز ئۇيغۇر دېگەن بىر ئىتنىڭ قوۋمنىڭ بىر ھۈجەيرىسى ...." دېگەن يېرىگە كەلگەندە بىر ئاچچىق سېزىم چوققامدىن كىرىپ تاپىنىمدىن چىقىپ كەتتى ! خاتا ئوقۇپ سالدىممۇ نېمە؟ دەپ كۆزلىرىمنى ئۇۋىلىۋېتىپ قايتا ئوقۇدۇم يەنىلا شۇ. جۈملىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزمۇنلارغا قاراپ ئەسلى "ئىتنىڭ" ئەمەس بەلكى "ئېتنىك" دېگەن سۆز ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.ئۈچ تال پەقەتلا ئۈچ تال چېكىتنىڭ ئارتۇق قويۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن مەزمۇننىڭ قايسى دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى ئويلاپ بېقىڭ. مەن  تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمىدىم پەقەت بىر پەش ياكى بىر چېكىتنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى،شۇڭلاشقا بارلىق تورداشلارنىڭ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەۋسىيە قىلماقچى خالاس !  . جىن ئەپەندىمنىڭ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇنۇ بايانلىرى مېنى بەكلا خوش قىلدى:
  "ئۇيغۇر تىلنىڭ ئولچەملىك يېزلىشى ،ئىملاسىنىڭ چوقوم توغرا بۇلىشى ئۇچۇن توختىماي ئىزدەنگەن، تورداشلارنى شۇ نۇقتىدا ئەسكەرتىپ تۇرغان، ئاشۇ بەختلىك باشقۇرغۇچى قىزغا رەھمەت دىمەي تۇرالمايمەن ،سەن سۆزلىگىنىڭ ئۇيغۇر تېلى ،ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىليون ئۇيغۇرغا تەۋە تىل ،خاتا سۆزلىسەڭ ياكى ئىملاسىنى توغرىلاپ يازمىساڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇرغا قانداقمۇ يۇز كېلەلەيسەن؟!، "
  ئاخىرىدا جىن ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتىگە مۇۋەپپىقىيەت،قەلىمىگە بەرىكەت،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن !
  

dihqan 2010-10-16 19:28
شىىئېر قۇشاقسىزكەن دەپ ماتىمىغا كۆپ ئادەم كىرمىدىمۇنىمە؟

umitjan 2010-10-16 23:05
تور دۇنياسىنى تونۇپ مەۋھۇم دۇنيادامۇنبەرلارنى ساياھەت قىلىۋاتقان مۇنۇ 6 يىل جەريانىدا ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم دەپ قارايمەن، ئىلىپ ئىيتسام مۇنۇ مۇنازىرە تىمىسغا بۇرۇندىلا بەكلا قىزىقاتتىم، ھەتتا نۇرغۇنلىغان دوسلىرىمىز بىلەن مۇنازىرە قىلغانمۇ ئىدىم،بۇ جەرياندا مەن مۇنازىرىنى بىلمىگەننى ئۈگىنىدىغان بىر سورۇن دەپ قارايتىىم، چۈنكى كۆپ قىتىملىق مۇنازىرىدىن مەن بىلمىگەن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى بىلىۋاپتىمەن، لىكىن بىر قىسىم قىرىنداشلىرىمىزمۇ بار ،ھەدىسە باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋىلىپ مەن-مەنچىلىك قىلىدىغان، تورغان جايىدىلا ئۇجۇقتۇرسام دەيدىغان،بۇمۇ بەلكىم شۇ قىرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدۇ.
مۇنازىرە --مۇنازىرىنىڭ مەنىسىنى شەخسەن ئۆزۈم كۆپ ئادەم قاتنىشىپ بىرلىكتەبەس-بەستە تىمىنى ياخشى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇپ يوقىرى پەللىگە ئاچىقىدىغان بىر سورۇن دەپ قارايمەن!

pariay 2010-10-16 23:25
تور دۇنياسى ھەممە تەڭ ئورتاقلىشىدىغان ، تەڭ بەھىرلىنىدىغان ئاممىۋى سورۇن ،،لېكىن بەزىلەر بۇ سورۇننى خۇددى باشقا سورۇنلاردەك كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ ،،،بەزى شۇنداق ياخشى تىمىلار ئىنكاسسىز قېلىۋاتقان ،،،بەزى تىمىلار خۇددى بارىدىغان يىرىنى تاپالمىغاندەك چۆلدەرەپ قالغان ،،، ياخشى سەمىمى ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە خۇددى ھەقسىز ئەڭ قىممەتلىك دەرىسكىلا ئوخشايدۇ ،،،،
پىكىرلىرىڭىزغا قايىل بولدۇم ،،،،

tutem 2010-10-17 01:06
راستىنى ئېيتسام تور دۇنياسىدا مەن ھەقىقى نەپ ئالغان مۇنازىرە ئۆز ۋاقتىدىكى بەرقى مۇنبىرىدە بولغان مۇنازىرە ئىدى.ئۇنىڭدا نۇرغۇن شېئىريەت ئاشنالېرى كىرىپ ئۆزلېرىنىڭ كۆز قاراشلېرىنى داىل ئوتتۇرغا قويغان.بۇ جەھەتتىن پەرھاد ئىلياس ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلېرى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ ھازىرقى بۇرۇقتۇرما ھالتىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۈتۈرگەن ئىدى.نۇرغۇن شېرغا ئاشىق ئۇيغۇرلېرىمىز مەلوم نۇقتىنەزەرنى ئاغزىدا بولمىسىمۇ كۈڭلىدە دەڭسەپ بولدى،دەپ ئويلايمەن.(ئەدەبىيات ھەۋەسكارلېرى بىلىشى ئىنىق،مەنزىلنى قالدۇرۇپ قۇياي دىسەم ئامالسىزمەن)ئۇنىڭدىن كېيىن بىلىگ مۇنبىرىدە چەتئەلدە ئوقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلېرىنى زىيارەت قىلغان بىر تېما بار ئىدى.ھېسىيات،تۇيغۇ،تەنتەكلىك...لەردىن ھالقىپ ئۈتۈپ چەتئەلدە بىۋاستە ئىلىم تەھسىل قىلۋاتقان ياشلېرىمىزنى قىزىش مەقسەت قىلىنغان .شۇ تاشلانغان سۇئاللاردا جېك،بۈركۈت ...قاتارلىق چەتئەللەردە بىلىم ئىگەللەۋاتقان قېرىنداشلېرىمزنىڭ ئۆزلېرى كۆرگەن-بىلگەن،ئۆز بىشىدىن بىۋاستە ئۆتكۈزگەن ئەمىليەتلېرىدىن ھېسىياتنى ئەمەس،بەلكى ئۆزلېرى ئۆز تۇيغۇسى،ئۆز ئەمىليىتى،ئۆز كەچۈرمىشلېرىدىن ئىنكاس ئارقىلىق كەڭرى ئۇيغۇرلارغا"دوكلات"بەرگەن ئىدى.گەرچە مۇنازىرە سۇئال-جاۋاپ شەكلىدە بولسىمۇ،لېكىن ئا.جالالىدىننىڭ"ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا"دىگەن ساياھەت خاتىرسىدىن قىلىشمىغان ئىدى.(بۇنىڭ مەنزىلىنىمۇ ھازىر بىلمەيمەن،تۇغرا چۈشىنەرسىلەر)قىسقىسى،بىز بىلىشكە مۇھتاج،ئۆزىمىزنى يېڭىلاشقا تېىخىمۇ مۇھتاج.بىزنىڭ تەكلىماكان قوينىدا ئەللەيلىنىپ ئۆتىۋاتقان،بىر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قېرىنداشلېرىمىز دۇنيانى بىلىشكە،چۈشىنىشكە،ئېقتىساد،سىياسى ئاڭغا ۋە زامانىۋى كاللىغا ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن ئىلمى ھالدىكى بەھىس-مۇنازىرىگە مۇھتاج.بۇنىڭدىكى ئاساسى"ئوكىستىر"شۇكى ئۇچۇرغا ئىگە بۇلىشنى ئاساسى لىنيە قىلىش.ئۇنىڭدىن باشقا ھېسىي كۆز قاراشلېرىمىزنى ئۆز ئارا ئۇچراشتۇرۇپ ئەقەللىي بولغان بىر خىل كوللىكتىپتىكى غۇرۇرنى يۈكسەلدۇرۇش،خالاس!مۇنازىرىدىن شەخىس ھالتىدىكى ئەقىلنى بەسلىشىشتە پايدىلنىش بىر ئىجدىمائى توپنىڭ ھالاكىتىدىن دىرەك بېرىدۇ.بۇ خىل ئىدىيە مىنىڭچە چۈشكۈن،زەئىپ،ھاياتى كۈچى شىددەت بىلەن خوراۋاتقان سەكراتتىكى كىشىنىڭ ھالىتى،خالاس!بۇ خىل مۇنازىرە شەكلىدە چوقۇم بەزى بىر تارىخى دەلىل،ئىجدىمائىي ھالەت،رىئال بىلەن بۇگۈن ھەم ئەتە  چوقۇم كېسىشىشى كېرەك،خالاس!زىيادە تەنتەكلىك،مەنمەنلىك،كۈرەڭلىك ئىلمىلىككە مەڭگۈ ياد ھادىسە.
تەرەققى قىلغان مىللەت ۋە ئەللەر مۇنازىرە ئۈستىدە ئەمەس،بەلكى پەلسەپە ھەقىقىدە كەڭرى سۆھبەتلېرىنى تەرەققى قىلدۇرۋاتىدۇ.بۇنىڭدا ئىجدىمائىي پەن،تەبىي پەنلەردىن ھالقىپ نۇرغۇن ھادىسە ۋە شەيئىلەرنى قىسقىسى،بۇگۈن،تۈنۈگۈن ۋە ئەتىدىكى ھەممە نەرسىلېرى مۇجەسسەملەنگەن.ئويلاپ قالدىم،بىزنىڭ ھازىرقى ھالتىمىز مۇنازىرە ئەمەس،بەلكى قۇپال-ھالدىكى تالاش-تارتىش بۇلۇپ قىلۋاتىدۇ.نەچچە كۈن بۇرۇن مۇنبەردە بىر مەيدان"ئىسسىتىش"ھالتى شەكىللەندۈرگەن ئۇيغۇرزادىنىڭ قانداق شەخىس ياكى قانداق مەقسەت-مۇددىئا بىلەن ئەلكۈيىدىكى باللار بىلەن دىئالوگلىشىدىن ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى لوگىكا ۋە مەنتىقىدىن ئىبارەت.ھەقىقەت شۇ.ناۋائىنىڭ ھۈسەيىن بايقاراغا باشنى ئىشارەت قىلغىنى مۇنازىرە تۇغرىسىدىكى ئەڭ ياخشى مىسال،لېكىن لوگىكا ۋە مەنتىقىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قارا-قۇيۇق تالاش-تارتىش قىلىش مۇنازىرنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ...
بىز بىشلشكە مۇھتاج،بۇ خىل بىلىشنى نەدىن ئىستەيمىز؟...بۇ يەنىلا سىزنىڭ ئەقىل دىتىڭىزنى سىنايدىغان مەڭگۈلۈك پائالىيەت مىزانى بولسا كېرەك.
مۇنازىرلىشەيلى،تالاش-تارتىش قىلىشايلى،سىردىشايلى،لېكىن ئىلمىلىككە ياد بولغا ھادىسە ۋە نىشاننى مەقسەت قىلمايلى!

zakira 2010-10-17 16:27
بىرە مەسىلىنى مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق  قارشى تەرەپنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى بىلگىلى بولىدۇ . جىن  تېمىڭىزغا بارىكاللا !

lukqak 2010-10-17 20:23
شەخسەن مۇشۇ تېمىدىكى بارىكاللا ، بەك ياخشى بولۇپتۇ ، جىن ئەپەندىم ۋەھشىي نوچى گەپتىن بىرنى قىپسىز دېگەندەك ئىنكاس بار قورۇق ئىنكاسلارنى مېنىڭ ماۋۇ ئىنكاسىم بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلايلى. پىكىرنى ئەركىنرەك ، باشقىلارغا بىلىم بەرگۈدەك قىلالمىساق گەپ قىلمايلى،ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن تېما كۆرۈپ گەپ قىلماي چىقىپ كەتكەنلەرنى گاچا دېمەيدۇ،ياخشى تېما بولسا ئىنكاس ئارقىلىق تېخىمۇ تولۇقلاپ چىقىپ كەتكەننى بولسا ئاندىن خەلق ياقتۇرۇپ بارىكاللا دەيدۇ ھەم ئۆز ئويلىرىنى يازىدۇ.

fana 2010-10-18 15:51
نەقىل
بۇ 23قەۋەتتىكىlukqak يوللىغان 2010-10-17 20:23 غا قارتىلغان  :
شەخسەن مۇشۇ تېمىدىكى بارىكاللا ، بەك ياخشى بولۇپتۇ ، جىن ئەپەندىم ۋەھشىي نوچى گەپتىن بىرنى قىپسىز دېگەندەك ئىنكاس بار قورۇق ئىنكاسلارنى مېنىڭ ماۋۇ ئىنكاسىم بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلايلى. پىكىرنى ئەركىنرەك ، باشقىلارغا بىلىم بەرگۈدەك قىلالمىساق گەپ قىلمايلى،ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن تېما كۆرۈپ گەپ قىلماي چىقىپ كەتكەنلەرنى گاچا دېمەيدۇ،ياخشى تېما بولسا ئىنكاس ئارقىلىق تېخىمۇ تولۇقلاپ چىقىپ كەتكەننى بولسا ئاندىن خەلق ياقتۇرۇپ بارىكاللا دەيدۇ ھەم ئۆز ئويلىرىنى يازىدۇ.



ئەقىللىق  گاچىلار  مەززىسىز  گەپ  قىلىدىغان ئەرزىمەس  ناتىقلاردىن  نېمىدېگەن ئۇلۇغ - ھە !  

janggal 2010-10-26 00:13
مېنىڭچە جىننىڭ ھاققانىلىق، ئىلمىلىق ۋە تويۇنۇش بىلەن خاراكتىرلەنگەن مۇنازىرە ھەققىدىكى بايانلىرى ھەر بىر تورداششنىلا ئەمەس، تورداشلار ئارقىلىق جەمىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا يېتىپ بىزنى ئويلىنىيشقا، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۈندىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. بىزدە مۇنازىرە يوقمۇ ئەمەس، ئەمما ھەرقاچان بىزنىڭ مۇنازىرىمىز مەنپەئەتكولۇققا، گۇرۇھۋازلىققا ئېغىپ كېتىپ ئىلمىلىكتىن ناھايىتى تېزلا چەتنەپ، ئۇرۇش-تالاشقا ئايلىنىپ قېكىشتىن ساقلىنالمايمىز. مۇنازىرىدە ئۈستۈن كەلگەنلەر تېرىسىگە پاتماي خەقنى كۆزگە ئىلمايۋاتقان، ئۇتتۇرىۋەتكەنلەر چىدىماسلىق قىلىپ قاشى تەرەپنى تىللاشقا، ھاقارەتلەشكە تۇتۇنغان. ... ۋاھاكازالا. بەزىدە ھەتتا مۇنازىرە كىشىنىڭ جېنىغا بېرىپ تاقاشقىچە يەتتۇق. ئەجىبا، بىز بىر-بىرىمىزنى بىراقلا يىقىتىۋەتمىگۈچە بولدى قىلمىغۇدەك شۇنداق ئالەمشۇمۇل مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرە قىلىمىزمۇ؟ مېنىڭچە جىننىڭ ئورۇنلۇق تەۋسىيىلىرىنى ھەر بىرىمىز ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈپ، مۇنازىرىنى بىر-بىرىمىزنى چۆكۈرۈش قەستىدە ئەمەس، بەلكى مەلۇم مەسىلە ھەققىدە ئومۇمغا مەنپەئەت بەرگۈدەك پىكىر دۇردانىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بارساق نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە!

gamkin 2010-10-27 11:10
سىزنىڭ  شېئىرلىرىڭىزنى شۇنداق  سېغىندىم  بىرنەچچىنى يېزىپ يوللاپ  قويغان بولسىڭىز

yingiyoloqi 2010-10-27 16:32
ئەقىللىق  گاچىلار  مەززىسىز  گەپ  قىلىدىغان ئەرزىمەس  ناتىقلاردىن  نېمىدېگەن ئۇلۇغ - ھە !  
_________________________________________________________

مەن " بەرداش " نىڭ پىكىرىگە ئورتاقلىشىمەن . شۇنداقلا تىما ئىگىسى ئۆزى ئوتتۇرغا قويغىنىدەك ، ئىملا قائىدىسىگە تىخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

جىن 2010-10-29 03:33
  
پىسخولوگيىەدىن خەۋىرى بار مۇنبەرداشلار بىلىشى مۇمكىن  ،ئىنسانىيەت روھىنى ئانالىز قىلىپ روھ تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلنىپ  ئىنسان روھنى نەچچىگە بۆلگەن بۇ پەندە  دىيلىچشە ، ئىنسانلارغا توختىماي ئىش ئۈگتۈشنى ئەقىل كۆرسىتىشنى ،قانداقتۇر بىرنىڭ قىلمىشنى ياراتماي توختىماي  قۇسۇر ئىزدىشنى، باشقىلارنى باشقۇرۇپ ،ئىشقا بۇرۇپ  (سادىزم )   ئۆزىنى مەغرۇر چاغلاش ھەممىدىن ئەقىللىق ھەممە بىلەرمەن چاغلاشنى، پىسخىك جەھەتتىكى ئېغىر كېسەللەرنىڭ بىرى دەپ سانايدىكەن ،
بىز مۇنبەر دەپ ئاتىغان بۇ كەڭ دالادا  ھەر خىل كىشىلەرنىڭ  ھەر خىل مائارىپ جەمئىيەت تەسىرىدىكى مۇنبەرداشلارنىڭ  بۇلۇشى بىزنى سۇيۇندۇرۇپ بىلىم قۇرۇلمىمىزدا  ئېغىش ھاسىل قىلىپ بىزنى قەدەممۇ -قەدەم ئىلگىرتەلىسە بۇيۈك تەڭرىمنىڭ بىزگە قىلغان چۇڭ نېئمىتى بۇلۇپ قالاتتى ،   لېكىن مىڭ ئەپسۇس يۇقىرىقىدەك كىسەل بىزگە چىڭ چاپلىشىۋالغاچ بىلىم سورىنى ،مۇنازىرە ئەخلاقى ،گەپ سوزدىكى ئىلمىيلىك ،ئادەمگە قىلىنغان ھۆرمەت  تۇيغۇسىدكى نورمالسىزلىق نۇرغۇن ياخشى تېما ياكى بىلىملىك كىشلەردىن بىزنى مەھرۇم قويماقتا ،مۇنبەردە تۇرۇپلا  پەيدا بۇلۇپ قالدىغان  نامەلۇم  مۇنبەرداشلار قانداقتۇ  بىرىنىڭ ئەسىرنى سەلبىي ياكى ئىجابى باھالاپ قۇيىدىغان (كۆپىنچە ھالدا سەلبىي "ئۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدىغان" باھالار كەمسىتىشلەر ياكى ئەقىل ئۇگتۇشلەر)، ئۆزى بولسا ھېچنىمە يوللىمايدىغان ، ئەمما سەگەك ھالدا باشقىلارنىڭكىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن "گەپنى قانداق قىلسا بولغاندىكىن ،"گەپنىڭ سۇڭكى يوق دەپ"ئويلىغان  ئەقىللىق يىشولار  ئۆزى ھەققىدە ،قىلغانلىرى ھەققىدە ئويلىنىپمۇ باقارمۇ؟ قارىغۇلارچە چوقۇنۇشنىڭ زىيىنىنى تارتىپ كەلگەن  بىر ئەۋلاد ئەمدى ھەممىدە ئەقىللىق ،ھەممىدە بىلەرمەن ھەممىدە مەن،  كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇ كورنىش قاچانغىچە داۋاملىشار ؟ ، مەن كېسىپ شۇنداق دەلەيمەنكى  ئەگەر مەن يوللىغان "ئايدىكى ئىت " دېگەن شېئىرنى ئادىل تۇنىياز يازماي باشقا بىرى  يازغان بولسا، ياكى مەن يازغان بولسام(مەن ئۆزەمنى ئادىل تۇنىيازغا تەڭ قىلغىنىم ئەمەس ) چوقۇم ئايدىمۇ ئىت بولامدۇ ؟ بۇ قانداق مەنتىقە ؟ دەيدىغانغا ئادەم چىقاتتى <قۇناق چېپىش > دېگەن شېئىرغا تون پىچىلغاندەك  بۇنداق مىساللار بەكلا كوپ ،تەكىتلەيدىغىنىم ئېلىمگە خىيانەت ،ئەلگە قىيامەت بولمىسيكەن دەيمەن  ئوقۇماق ،بىر نەرسە يازماق ئاسان ئەمەس ، يازمىلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىنسا، ھەممە يازما مۇقەددەسمۇ ئەمەس،  قايسى كۈنى بىر تاكسى  شوپۇرى بىلەن خېلى ئۇزاق پاراڭ قىلىپ قالدىم ئۇ ئاددى -ساددا كىشى ئىكەن نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى  شۇ نۇرغۇن گپىدىكى ئەڭ نوختىلىق گەپ يەنىلا "ھەممە خاتالىق بىلىمسىزلىكتىن كېلىدىكەن "دېيىشى بولدى  تاكسىيچىنىڭ جەمئىيەتنى كۆزىتىشتىكى ئىلغارلىقى ھەم باھاسىغا خېلىلا قىزىقىپ قالدىم ئۇكىشى نىملا بولمىسۇن   ھەر قانداق خاتالىقنىڭ ،جاپانىڭ بىلىمسىزلىكتىن كىلدىغانلىقنى بىلىپ يېتىپتۇ، بۇندىن كىيىن نەۋرلىرنى ،بالىلىرنى چۇقۇم بىلىملىك قىلىشقا تىرشىدۇ ،كىتاپ ئۇقۇيدۇ ، بىزنىڭ نەزىرمىزدىكى بىلىم نىمە؟  ئۇ قانداق قىلغاندا قولغا كىلىدۇ ، ئادىل تۇنىياز كۈنىگە 14 سائەت ئوقۇيمەن دېگەن ئىدى  ،  ئاڭلىسام ئە ئوسمان  3 ئاي ئىچىدە 100 پارچە كىتاپ ئۇقۇپتىكەن  ،  3 ئاي دېگەن 90 كۇن،  كىتاپ دېگەن  600 بەتلىكمۇ ،150 بەتلىكمۇ بولىدۇ  ،ھەر بىر كىتاپ ئوتتورا ھىساپ بىلەن 250  بەت دەپ ھېسابلىساق 100 پارچە كىتاپ 25000 بەت بولغان بولىدۇ ،250 بەتلىك كىتابنى كۈنىگە 12 سائەت ئوقۇسا ھەر سائىتىگە  21 بەتكە يېقىن توغرا كىلىدۇ   دىمەك شۇنداق ئۇقيالىغانلىقى ئۇچۇن ئادىل تۇنىياز ،ئە ئوسمانلار  ئۇيغۇردا ناۋايىدىن كىيىن ئۇيغۇر تىلنى ئەڭ ۋايىغا يەتكۈزۇپ ئۇقۇغان ئادەمىنىڭ كاللىسىنى غىدقلىيالىغۇدەك ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتىۋاتىدۇ ، ئەسەرلىرى باشقا تىلدا ئېلان قىلىنىپ باشقا ئەللەر يۇقىرى باھا بېرىۋاتىدۇ ، ئۈزىمىز گە -ئۆزىمىز بەك چوڭ كۇرنۇپ كىتىپ  ئۆزىمىز قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق باشقىلار نىڭ تېرناقلىردىن كىر ئىزدەپ يورۇش  يۇقۇردىكى كېسىەلگە كىرمەىسىمۇ؟ قانداقتۇر سانلىق مەلۇماتلار،  ياكى  بىر كىملەر بۇلۇپ توت قۇرلا ئىنكاس بىلەن باشقىلارنى ئەيىپلاپ يوقاپ كېتىۋاتقانلار قېنى سىلەردىكى ۋىجدان ؟ يەنە دەيمىزكى ئىنساپ قىلىڭلار ئادەملەر!
ئىشقىلىپ بۇ  سۈيۈملۈك  مۇنبەردە  بەزىلەرنىڭ قىلمىشى بىلەن،  بۇ يەر مىنى خالىمامدۇ؟ مەن نىمە قىلىپ سالغاندىمەن؟ نىمىشقا بۇنداق پوزىتسىيە گە دۇچ كېلىمەن ؟ دىگۇزىۋېتىدۇ ئادەمنى،   ئېىسل تېمىلار ئېىسل ئىنكاسلارغا يانداش بۇلۇپ بارلىققا كىلىدۇ  ، چايدا ئاغزى كۆيۈپ قالغان بىرى   سۇغۇق سۇ ئىچسىمۇ پووو  دەپ ئىچەرمىش ئەھۋال شۇنداق بۇلۇپ قالسا بۇ تەرىپىنى ئويلاشماي بولمايدۇ  ،يۈرىكىدە ئوت بار مۇنبەرداشلار  سىلەر يېزىرۋېرڭلا ،ئەسكى دېسىمۇ يېزىرۋېرڭلار،   ھامان بىر كۈنى ئەڭ ياخشى يازالايسىلەر  ، ھاياتمىزدا  ئۆزەمنى ئوڭشىۋالسام بۇلاتتى دېگەنلەرگە ،نىمىشقا ئوڭشىمايسەن دېگۈچىلەر ھامان چېقىپ تۇرىدۇ (  بىر دوستۇمىنىڭ دىيشىچە قايسى بىر دۋلەتتە ناماز ئۇقۇغىلى كىتۋاتسا  ساقچىلار نىمشقا نامازغا تىز ماڭمايسەن دەپ ئاچچىقلاپ قالغانمىش ) ،لېكىن چوقوم كۈندىلىك كىتاپ ئۇقۇش ئىزدىنىش توختاپ قالمىسۇن  يەنىلا مۇنازىرە قانداق بولىدۇ  دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ پاراڭ قىلايلى ،!

zakira 2010-10-30 11:54
نەقىل
بۇ 26قەۋەتتىكىجىن يوللىغان 2010-10-29 03:33 غا قارتىلغان  :
  
پىسخولوگيىەدىن خەۋىرى بار مۇنبەرداشلار بىلىشى مۇمكىن  ،ئىنسانىيەت روھىنى ئانالىز قىلىپ روھ تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلنىپ  ئىنسان روھنى نەچچىگە بۆلگەن بۇ پەندە  دىيلىچشە ، ئىنسانلارغا توختىماي ئىش ئۈگتۈشنى ئەقىل كۆرسىتىشنى ،قانداقتۇر بىرنىڭ قىلمىشنى ياراتماي توختىماي  قۇسۇر ئىزدىشنى، باشقىلارنى باشقۇرۇپ ،ئىشقا بۇرۇپ  (سادىزم )   ئۆزىنى مەغرۇر چاغلاش ھەممىدىن ئەقىللىق ھەممە بىلەرمەن چاغلاشنى، پىسخىك جەھەتتىكى ئېغىر كېسەللەرنىڭ بىرى دەپ سانايدىكەن ،
بىز مۇنبەر دەپ ئاتىغان بۇ كەڭ دالادا  ھەر خىل كىشىلەرنىڭ  ھەر خىل مائارىپ جەمئىيەت تەسىرىدىكى مۇنبەرداشلارنىڭ  بۇلۇشى بىزنى سۇيۇندۇرۇپ بىلىم قۇرۇلمىمىزدا  ئېغىش ھاسىل قىلىپ بىزنى قەدەممۇ -قەدەم ئىلگىرتەلىسە بۇيۈك تەڭرىمنىڭ بىزگە قىلغان چۇڭ نېئمىتى بۇلۇپ قالاتتى ،   لېكىن مىڭ ئەپسۇس يۇقىرىقىدەك كىسەل بىزگە چىڭ چاپلىشىۋالغاچ بىلىم سورىنى ،مۇنازىرە ئەخلاقى ،گەپ سوزدىكى ئىلمىيلىك ،ئادەمگە قىلىنغان ھۆرمەت  تۇيغۇسىدكى نورمالسىزلىق نۇرغۇن ياخشى تېما ياكى بىلىملىك كىشلەردىن بىزنى مەھرۇم قويماقتا ،مۇنبەردە تۇرۇپلا  پەيدا بۇلۇپ قالدىغان  نامەلۇم  مۇنبەرداشلار قانداقتۇ  بىرىنىڭ ئەسىرنى سەلبىي ياكى ئىجابى باھالاپ قۇيىدىغان (كۆپىنچە ھالدا سەلبىي "ئۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدىغان" باھالار كەمسىتىشلەر ياكى ئەقىل ئۇگتۇشلەر)، ئۆزى بولسا ھېچنىمە يوللىمايدىغان ، ئەمما سەگەك ھالدا باشقىلارنىڭكىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن "گەپنى قانداق قىلسا بولغاندىكىن ،"گەپنىڭ سۇڭكى يوق دەپ"ئويلىغان  ئەقىللىق يىشولار  ئۆزى ھەققىدە ،قىلغانلىرى ھەققىدە ئويلىنىپمۇ باقارمۇ؟ قارىغۇلارچە چوقۇنۇشنىڭ زىيىنىنى تارتىپ كەلگەن  بىر ئەۋلاد ئەمدى ھەممىدە ئەقىللىق ،ھەممىدە بىلەرمەن ھەممىدە مەن،  كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇ كورنىش قاچانغىچە داۋاملىشار ؟ ، مەن كېسىپ شۇنداق دەلەيمەنكى  ئەگەر مەن يوللىغان "ئايدىكى ئىت " دېگەن شېئىرنى ئادىل تۇنىياز يازماي باشقا بىرى  يازغان بولسا، ياكى مەن يازغان بولسام(مەن ئۆزەمنى ئادىل تۇنىيازغا تەڭ قىلغىنىم ئەمەس ) چوقۇم ئايدىمۇ ئىت بولامدۇ ؟ بۇ قانداق مەنتىقە ؟ دەيدىغانغا ئادەم چىقاتتى <قۇناق چېپىش > دېگەن شېئىرغا تون پىچىلغاندەك  بۇنداق مىساللار بەكلا كوپ ،تەكىتلەيدىغىنىم ئېلىمگە خىيانەت ،ئەلگە قىيامەت بولمىسيكەن دەيمەن  ئوقۇماق ،بىر نەرسە يازماق ئاسان ئەمەس ، يازمىلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىنسا، ھەممە يازما مۇقەددەسمۇ ئەمەس،  قايسى كۈنى بىر تاكسى  شوپۇرى بىلەن خېلى ئۇزاق پاراڭ قىلىپ قالدىم ئۇ ئاددى -ساددا كىشى ئىكەن نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى  شۇ نۇرغۇن گپىدىكى ئەڭ نوختىلىق گەپ يەنىلا "ھەممە خاتالىق بىلىمسىزلىكتىن كېلىدىكەن "دېيىشى بولدى  تاكسىيچىنىڭ جەمئىيەتنى كۆزىتىشتىكى ئىلغارلىقى ھەم باھاسىغا خېلىلا قىزىقىپ قالدىم ئۇكىشى نىملا بولمىسۇن   ھەر قانداق خاتالىقنىڭ ،جاپانىڭ بىلىمسىزلىكتىن كىلدىغانلىقنى بىلىپ يېتىپتۇ، بۇندىن كىيىن نەۋرلىرنى ،بالىلىرنى چۇقۇم بىلىملىك قىلىشقا تىرشىدۇ ،كىتاپ ئۇقۇيدۇ ، بىزنىڭ نەزىرمىزدىكى بىلىم نىمە؟  ئۇ قانداق قىلغاندا قولغا كىلىدۇ ، ئادىل تۇنىياز كۈنىگە 14 سائەت ئوقۇيمەن دېگەن ئىدى  ،  ئاڭلىسام ئە ئوسمان  3 ئاي ئىچىدە 100 پارچە كىتاپ ئۇقۇپتىكەن  ،  3 ئاي دېگەن 90 كۇن،  كىتاپ دېگەن  600 بەتلىكمۇ ،150 بەتلىكمۇ بولىدۇ  ،ھەر بىر كىتاپ ئوتتورا ھىساپ بىلەن 250  بەت دەپ ھېسابلىساق 100 پارچە كىتاپ 25000 بەت بولغان بولىدۇ ،250 بەتلىك كىتابنى كۈنىگە 12 سائەت ئوقۇسا ھەر سائىتىگە  21 بەتكە يېقىن توغرا كىلىدۇ   دىمەك شۇنداق ئۇقيالىغانلىقى ئۇچۇن ئادىل تۇنىياز ،ئە ئوسمانلار  ئۇيغۇردا ناۋايىدىن كىيىن ئۇيغۇر تىلنى ئەڭ ۋايىغا يەتكۈزۇپ ئۇقۇغان ئادەمىنىڭ كاللىسىنى غىدقلىيالىغۇدەك ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتىۋاتىدۇ ، ئەسەرلىرى باشقا تىلدا ئېلان قىلىنىپ باشقا ئەللەر يۇقىرى باھا بېرىۋاتىدۇ ، ئۈزىمىز گە -ئۆزىمىز بەك چوڭ كۇرنۇپ كىتىپ  ئۆزىمىز قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق باشقىلار نىڭ تېرناقلىردىن كىر ئىزدەپ يورۇش  يۇقۇردىكى كېسىەلگە كىرمەىسىمۇ؟ قانداقتۇر سانلىق مەلۇماتلار،  ياكى  بىر كىملەر بۇلۇپ توت قۇرلا ئىنكاس بىلەن باشقىلارنى ئەيىپلاپ يوقاپ كېتىۋاتقانلار قېنى سىلەردىكى ۋىجدان ؟ يەنە دەيمىزكى ئىنساپ قىلىڭلار ئادەملەر!
ئىشقىلىپ بۇ  سۈيۈملۈك  مۇنبەردە  بەزىلەرنىڭ قىلمىشى بىلەن،  بۇ يەر مىنى خالىمامدۇ؟ مەن نىمە قىلىپ سالغاندىمەن؟ نىمىشقا بۇنداق پوزىتسىيە گە دۇچ كېلىمەن ؟ دىگۇزىۋېتىدۇ ئادەمنى،   ئېىسل تېمىلار ئېىسل ئىنكاسلارغا يانداش بۇلۇپ بارلىققا كىلىدۇ  ، چايدا ئاغزى كۆيۈپ قالغان بىرى   سۇغۇق سۇ ئىچسىمۇ پووو  دەپ ئىچەرمىش ئەھۋال شۇنداق بۇلۇپ قالسا بۇ تەرىپىنى ئويلاشماي بولمايدۇ  ،يۈرىكىدە ئوت بار مۇنبەرداشلار  سىلەر يېزىرۋېرڭلا ،ئەسكى دېسىمۇ يېزىرۋېرڭلار،   ھامان بىر كۈنى ئەڭ ياخشى يازالايسىلەر  ، ھاياتمىزدا  ئۆزەمنى ئوڭشىۋالسام بۇلاتتى دېگەنلەرگە ،نىمىشقا ئوڭشىمايسەن دېگۈچىلەر ھامان چېقىپ تۇرىدۇ (  بىر دوستۇمىنىڭ دىيشىچە قايسى بىر دۋلەتتە ناماز ئۇقۇغىلى كىتۋاتسا  ساقچىلار نىمشقا نامازغا تىز ماڭمايسەن دەپ ئاچچىقلاپ قالغانمىش ) ،لېكىن چوقوم كۈندىلىك كىتاپ ئۇقۇش ئىزدىنىش توختاپ قالمىسۇن  يەنىلا مۇنازىرە قانداق بولىدۇ  دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ پاراڭ قىلايلى ،!

        بۇ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ  سىزگە بولغان ھۆرمىتىم  تېخىمۇ ئاشتى .  سىز دىگەن ئەھۋاللار مۇنبەردە خېلىلا كۆپكەن . ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيىسى قانچە ئاشقانسىرى شۇنچە كەمتەر بولىدۇ . بۇ يەردە ئۆزلىرىنى بىلىملىك كۆرسىتىپ ھەممە تېمىلاردىن پۇچەك ئىزدەيدىغانلار  بولسا  ، ئۆلىرى قىلالمىغاندىكىن ئامال يوق . پسخىكىدىن كۆپ بىلىمىم بولمىسىمۇ دىگۈم كېلىۋاتىدۇ . دەل شۇنداقلار ئۆزلىرىنى پسخىك مۇتەخەسسىسلەرگە بىر كۆرسەتسە بولىدۇ .بىلمەسلىك گۇنا ئەمەس ، ئۆگنمەسلىك گۇنا .بىز بىر قىسىم ئۇششاق پارازىتلارنى دەپ كارۋانلىرىمىزنى توختاتساق بولمايدۇ ، ئۇلار پەقەت يولنىڭ چېتىدىكى قاۋشىپلا قالىدىغان كۈچۈكلەردىن ئىبارەت خالاس.
    سىز مەن مۇنبەردە يازمىلىرىغا قايىل بولىدىغان بىردىن بىر  قەلىمى كۈچلۈك  ئادەم .

parasatjan 2010-10-30 17:07
مۇنازىرىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىغىنى ئەسكەرتىشنىڭ زۈرۈيىتى يوقتى دەپ قارايمەن.چۇنكى مۇنازىرە    كىچىك جەھەتتىن ئالغاندا،ئەزەلدىن ئىلمىيلىكنى ئاساس قىلغان ھالدا ،ئەقلىي ھۆكۈملەر بىلەن ،قايىل قىلارلىق ئېلىپ بېرىلاتتى.بۇنى ھەممىمىز بىلىشىمىز كېرەكتى.لىكىن  ھازىرقى ئەدەبىياتى مۇنازىرىلىرىدە  بۇتىمىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ،مۇنازىرىلەردە ئىلمىيلىكنىڭ بولماسلىقى ،ھىسىياتقا تايىنىپ چىقىرىلغان ھۆكۈملەرنىڭ، ھەتتا بىرقىسىم مۇنازىرچىلارنىڭ مۇنازىرە تىمىسىدىن چەتنەپ، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ ،مۇنازىرە سورىنىنى ئاچىقىنى چىقىرىشنىڭ ،بىربىرسىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سورىنى قىلىۋالىدىغان ئىشلار نى تۈزىتىش ئاساسىدائوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ دەپ ئويلۇدۇم.

kapkap 2010-10-31 22:18
سالام
ئۇيغۇرلارنىڭ تور مەدىنىيتىنى ئىلىمى يۇكسەكلىكتىكى كۈزىتىش سۇپىسىغا  ئىلىپ چىقىش ئارقىلىق جەمىيتەتچالىقىنى دەستەك قىلغان ساپاغا  توغرا قەدەم ئالغۇزۇش نۆۋەتتكى جىددى مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى . جىن ئەپەندى ماقالىسدە بۇ تور مەدەنىيتىنىڭ مۇنازىرە قىسمىنى مۇۋاپىقىيەتلىك قولغا ئاپتۇ . بۇ تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان  بىر قەدەم .ھەمىمىز بىلگەندەك ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى رەسمى مەتبۇئاتلار  تۇرۋاتقان شارائىت  ئۇيغۇر تور مەدىنىيتى كۈچلۈك بازار ۋە جەلىپكارلىق  بىلەن تەمىن ئەتمەكتە. بۇ ماس ھالدا ئۇنىڭ جەمىيەتچانلىقىنى كۈچلەندۇرۇپ كىتىۋاتىدۇ .ھالبۇكى بۇ جەمىيەتچانلىق توردىكى  مۇنازىرە ئارقىلىق ئالاھىدە  گەۋدىلەنمەكتە. بۇ نۆۋەتتىكى شارائىتنىڭ بىزگە بىرىۋاتقان قىممەتلىك نىمەتلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .شۇڭا مەن تور دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن مەۋھۇم دۇنيا ئەمەس ئەڭ چىن دۇنيا سۈپىتىدە جىددى ۋە ئەستايىدىنل مۇئامىيلە قىلىنىشى  كىرەكلىگىنى  تەكىتلەيمەن ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى  ھەر ساھەلەرنىڭ  بۇ دۇنيانى ئىچىگە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ سىڭدۈرىشىنى زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. مەسىلەن ئەلكۈيىدىكى ئىلمى مۇنازىرە ۋە تور ئەسەرلىرىنىڭ   رەسمى نەشرىياتقا سۇنىلىشى  .زىيالىلارنىڭ رەسمى ماقالىلىرىدە توردىكى ئىشلارنىڭ تىلغا ئىلىنىپ ئۆتىشى بۇ  جەرياندا بىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى  .

umit 2010-11-03 00:20
مەن ئۈستىدىكى پاراسەتجان دىگەن بۇرادىرىمىز نىڭ پىكىرىنى قوللايمەن،،.،\\
،،،\\ئەلۋەتتە بۇ دىگەن مۇنازىرە مۇنبىرى ھەرگىز بىر بىرىڭلارنى ئەيىپلەيدىغان سورۇن ئەمەس.\\
،،،خاتا بولسا تۈزىتىش بىرىڭلار، كەم بولسا تولۇقلاڭلار،،شۇنداقتا ئاندىن ھەقىقى ياخشى بولىدۇ،
بىر قىرىندىشىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىشمۇ بىر ئىبادەت.

kokterek 2010-11-09 02:24
نەقىل
بۇ 14قەۋەتتىكىlukqak يوللىغان 2010-10-16 02:00 غا قارتىلغان  :
ماۋۇ تېما  تېمىدەك تېما بوپتۇ،مۇنداق  يېزىشمامدۇق ئىنكاس دېگەننى ...قاچانغىچە مۇنازىرە دەپ  ئىسىم قويىۋېلىپ رەھمەت،ياخشى يېزىپسىز ...دەپ ئۆتۈپ كېتىمىز، ھېلىمۇ بۇ مۇنازىرە دېگەن ئىسىمنى تورداشلىرىمىز مۇشۇنداق قېلىپقا چۈشكەن قىممىتى يوق ئىنكاس بىلەن رەھمەت سورىنىغا ئايلاندۇرۇپ بولدۇق،ئەمما ئىسمى يەنىلا شۇ مۇنازىرە ، يا ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ مۇنازىرە دېگەن گەپنى يوق قىلايلى يا مۇنازىرەنى مۇنازىرەدەك قىلايلى..
ھازىرغىچە مۇنبەردە يالغۇز نامىدىكى باشقۇرغۇچى ئىنكاسى ئاستىغا يېزىۋالغاندەك مەنمۇ ئاشۇ ياخشى يېزىپسىزلارغا بەك ئۆچ ، بەزى تورداشلارنى گەپ قىلمىسا بىز ھەرگىزمۇ گاچا ئېكەن دېمەيتتۇق،سۆزلىگەندىكىن بولسا بىز ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىۋالساق ھېچ بولمىسا مۇنازىرە دېگەن يەرگە كىرگەنگە چۈشلۈق ئىنكاسىغا تېما ئېگىسنىڭ ئىسمىغا قارىماي تېمىغا قاراپ ئىنكاس يېزىپ بىلىم بەرگۈدەك ئى بىزنىڭ ئىنكاس يېزىشىمىزغا ئويلانغۇدەك گەپتىن ئىككى ئېغىز قىلىشساق ...ماۋۇ ئىنكاسىم بۈگۈن ئاخىرىغىچە يېزىلىپ بولالمىدى،ئالدىراشچىلىقتا  مەن سەل گەپنى قىسقا دەپ قالدىم،ئەمما ئەتە ۋاقىت چىقىرىپ ئىنكاسىمنى تەھرىرلەپ بارلىق گەپلىرىمنى بىر دەۋالاي،قېنى رەھمەتچىلەر يامانمۇ(ئەلۋەتتە مەنمۇ رەھمەت دەيمەن ھەم ئۇنداق ئىنكاس يازىمەن ئەمما رەھمەتنىڭمۇ ئورنى بولسا بۇلىدۇدە،مەسىلەن مۇشۇنداقراق پىكىر بايان قىلىپ ئاندىن كۆڭلىمىزدىكى رەھمەتنى دېسەك تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ) مەسىلەن: رەھمەت جىن ئەپەندىم مۇنازىرە دېگەننى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز ،ھەممىمىز ئويلانغۇدەك ئىش بولىۋاتىدۇ دېگەندەك) گەپلىرىمىز ئارىسىغا قىسىپ قويساق ياكى ئاخىرىغا دەپ قويۇپ ئۆز قاراشلىرىمىزنى بايان قىلساق ئوبدان ئەمەسمۇ؟

سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزمۇ ئىنكاستەك  ئىنكاس بولۇپتۇ.مەنمۇ سىزدەك كۆز قاراشتا...

wulkan 2010-11-10 18:57
بۇ تىمىدا دىيىشكە تىگىشلىك سۆزلەر قىلىنىپتۇ، مەنمۇ ئىزلا تورىدىكى بىلىم مۇھىممۇ ياكى پۇلمۇ دىگەنگە جاۋاب سۈپىتىدە  " ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىلىم پۇلدىن مۇھىم" دىگەن تىمىدا مۇنازىرە تىمىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم، لىكىن بەزى ئىنكاسلار ئادەمىنڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، ھەم بۇ ئىنكاسلار گۆدەكلەرگە تىزلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قۇيىشى مۇمكىن، ھەركىم مۇنازىرىنى ئۆز قائىدىسى بويىچە پاكىتلىق، ئىلمىي ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بولىمىغاندا بۇ مۇنازىرە ئاخرى جەڭگە جېدەلگە سەۋەب بولىشى مۇمكىن، مۇنازىرە ئارقىلىق بىرمەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ بەلكى يۇرتۇپ بەرگىلى بولىدۇ، قانداق ھەزىم قىلىش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. شۇڭا بۇ مۇنازىرە قەتئى بىر بىرنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ، شەخسىيىتىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.
مۇنازىرىنىڭ ئۆزى يۇقىرى سەۋيە تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك، نىمىلا دىسە بولىدىغان سورۇن ئەمەس، ئوتتۇرغا قويغان پىكىر چۇقۇم قاراتمىلىققا، مەنتىقىلىققا، ئىلمىيلىككە، ئاساسقا ئىگە بولىشى زۈرۈر.  

مۇنازىرىنىڭ پايدىسىنى ئېلىپ ئېيىتساق، ھەربىر كىشى ئۇچىرىغان نەرسىللرى، قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ئۈستىدە ئۆز- ئۆزى ئۆز ئېڭىدا توختىماي مۇنازىرە قىلىپ تۇرىدۇ،  ھەرقانداق ئىنسان بۇ ھەم ئاددىي ئىشلار بۇلىشى مۇمكىن ياكى .ئۇلۇغ ئىشلار بۇلىشى مۇمكىن، شۇ ئارقىلىق شۇ نەرسىگە قارتا ئۆزىدە مۇئەييەن چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ئۆز ھەركىتىنىڭ نىشانىنى تورغۇزىدۇ. ئاممىۋى مۇنازىرنى ئېلىپ ئېيىتساق، ئوخشاش مەسىلگە  قارتا ئوخشىمغان نۇقتىئى نەزەردىن مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق شۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى يۇرتۇپ بەرگىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق، ھىس قىلمىغان تەرەپلەرنى تۇنۇۋېلىش، مەسىللەرنى كۆزىتىش سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈش، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ، بىر مەسىلىنى بىر ئادەم ئويلانغاندىن كۆپ ئادەم ئويلانسا قانداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، بۇنداق دىگىنىم ئائىلىدىكى ئۇششاق مەسىللەرنى مۇنبەرگە يوللاپ مۇنبەرنى پاخال قىلىۋېتىڭ دىگىنىم ئەمەس، بەلكى بىرقەدەر ئورتاق بولغان ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسسىلەرنى دىمەكچى.
كىمدە  مۇنازىرە كۆپ بولىدىكەن ئۇنىڭ سەزگۈرلىگى ئېشىپ، مەسىللەرنى تەھلىل قىلىشى ، پاراسىتى ئېشىپ ئالغا بېسىشى ۋە تەرەققىياتى تىز بولىدۇ. شۇڭا ھەممىزگە ئورتاق بولغان، كەلگۈسى بولماقچى بولغان، دۇچ كىلىۋاتقان مەسىللەرنى مۇنازىرە قىلىپ تۇرۇش تولىمۇ زۈرۈز  دەپ قارايمەن.

wulkan 2010-11-10 18:59
يەنە بىرى ئۆز ئىدىمىزدىن ئۆتىمىگەن مەسىللەرنى پاكىت قىلىپ ئوتتۇرغا قويمىغان تۈزۈك. بۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى جېق.

yarix 2010-11-26 03:40
[جىن]ئەپەندىم توغرا دەيدۇ،مۇنازىرە دىگەن بىر-بىرىنىڭ پىكرىنى ئوزئارا تەنقىدى قوبۇل قىلالىغاندا ئاندىن بۇ ساپلاشقان مۇنازىرە بۇلىدۇ .ۇنداق بولمايدىكەن ئۇ ئەخلەت بولىدۇ،[جىن]ئەپەندىم رەخمەت سىزگە.

pengiyar 2010-12-11 22:24
ماۋۇ تېمىنى كىيىن باقاپتىمەندە، ئەسلى تازا بىر مۇنازىرە بولىدىغان تېما ئىكەنتۇق. ئەمدى بۇنى مۇنازىرە قىلىدىغان ئادەم بولمىسا بىكاردە....

جىن 2010-12-12 12:06
نەقىل
بۇ 35قەۋەتتىكىpengiyar يوللىغان 2010-12-11 22:24 غا قارتىلغان  :
ماۋۇ تېمىنى كىيىن باقاپتىمەندە، ئەسلى تازا بىر مۇنازىرە بولىدىغان تېما ئىكەنتۇق. ئەمدى بۇنى مۇنازىرە قىلىدىغان ئادەم بولمىسا بىكاردە....

----------------
پەنگىيار سۆزلىرىڭىزنى تاشلاپ باقمامسىز ؟

pengiyar 2010-12-18 11:47
مەن تېخى مەزكۇر تېمىنى ئوقۇمىدىم (پەقەت پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ) ھازىر ئۇيغۇرزادىنىڭ ئۇيغۇرنى قانداق سۆيۈش كېرەك دېگەن تېمىسىغا دىققىتىم مەركەزلىشىپ قالغان بولغاچقا، مەزكۇر تېما ئۈستىدە مۇنازىرە پىكىرى قىلىشقا پۇرسەت چىقمىدى. مەن پۇرسەت چىقىرىپ مەزكۇر تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا تاشلىسام قانداق دەيسىز؟

pengiyar 2010-12-24 14:01
مەزكۇر تېمىغا ئىنكاسىم پۇتتى، مەنبە: /read.php?tid=7554

paryat 2011-02-26 08:19
مېنىڭ مۇزىرە قارىشىم جىننىڭ قاراشلىرىغا ئوخشاپ كەتمەيدىكەن،ئەلۋەتتە باشقۇرغۇچىلار مۇنازىرە يۆنىلىشىنى قانۇن دائىرسىدە كونتىرۇل قىلمىسا بولمايدۇ، ئەمما ئەلكۈيىدە بۇلۇپمۇ باشقۇرغۇچىلاردا تەرەببازلىق بەكلا ئېغىركەن،،،مېنىڭچە ئىنكاسلار قانۇن يول قويغان دائىردە بولغان بولسا ھەر ئىكىكى تەرەپنىڭ ئوخشاش مۇنازىرە ھوقوقى بۇلۇشى كېرەك،تەپەككۇر ھوقوقى خالىغانچە چەكلىمىگە ئۇچىرسا بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتسەك  باشقىلارغا خاتا تەسىر بېرىپ قويىمىز.....

جىن 2011-04-30 23:48
نەقىل
بۇ 38قەۋەتتىكىparyat يوللىغان 2011-02-26 08:19 غا قارتىلغان  :
مېنىڭ مۇزىرە قارىشىم جىننىڭ قاراشلىرىغا ئوخشاپ كەتمەيدىكەن،ئەلۋەتتە باشقۇرغۇچىلار مۇنازىرە يۆنىلىشىنى قانۇن دائىرسىدە كونتىرۇل قىلمىسا بولمايدۇ، ئەمما ئەلكۈيىدە بۇلۇپمۇ باشقۇرغۇچىلاردا تەرەببازلىق بەكلا ئېغىركەن،،،مېنىڭچە ئىنكاسلار قانۇن يول قويغان دائىردە بولغان بولسا ھەر ئىكىكى تەرەپنىڭ ئوخشاش مۇنازىرە ھوقوقى بۇلۇشى كېرەك،تەپەككۇر ھوقوقى خالىغانچە چەكلىمىگە ئۇچىرسا بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتسەك  باشقىلارغا خاتا تەسىر بېرىپ قويىمىز.....

---------------------
سىز  تېمىنى ياخشى ئۇقۇدىڭىزمۇ؟ جاۋابىڭىزنىڭ ئىجابى بۇلۇشىغا ئىشەنمەيمەن!

boraogli 2011-05-04 16:36
ياخشى ئوقۇش، ياخشى چۈشىنىش ،ياخشى ھەزىم قىلىش بولمىغانلىقتىن ،مېنىڭ بىر تېمام ئۆچۈرىلدى.

uqkun28 2011-05-18 21:35
مۇنازىرە مۇنازىرە ئەخلاقى ھەققىدە ئەتىراپلىق توختالغان تىما ئىكەن، مىنىڭمۇ نەچچە يىلدىن بىرى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمىدىن خۇلاسە قىلغانلىرىممۇ بار ئىدى، ئەلكۈيى مۇنبىرىگە يېڭىياچى كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ھازىرچە بۇ پىكىرلىرىمىنى تاشلىماي تۇراي،
بىراق مۇنبەردىكى بەزى تىمىلارنى  ۋە چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۈرۈپ، تور ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان ئېچىلغان مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ئىچىدە مۇشۇ مۇنبەر بىر ئاز ئەركىن مۇنازىرە شارائىتىنى ھازىرلىغانمكىن دەپ ئويلىدۇم!

kambagal 2011-07-10 12:53
مۇنبەر دېگەننىڭ ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان ياخشى جاي ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم [بەزى ئەھمىيەتسىز تېمىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ] دېمەك بۇ يەردە ھەر بىر ئېغىز گەپنى قىلغاندا مەسئۇلىيەت تۇيۈۇسى بىلەن قىلىشىمىز لازىم .
  تىلىمىز يېزىقىمىز ھەققىدە : كۆپ قېرىنداشلار بۇ ھەقتىكى بىلىمى چولتا بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭا .مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرى مۇشۇ ھەقتىكى بىلىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ .زىيادە كۆپ ئىملا خاتالىقى بار ئىنكاسلارنى مەزمۇنىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تەھرىرلەپ قويسا .ياكى بولمىسا شۇنداق جايلاردا ئىنكاسچىنىڭ ئۆزىگە سەممىي ئەسكەرتىشلەرنى بېرىپ ماڭسا بىزدىكى بۇ ھال ياخشىلىنار ئىدى.

nursima 2011-07-25 22:17
مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى 16 كۈن ئەتراپىدا بولدى،گەرچە بۇ تېمىنى كېچىكىپ كۆرگەن بولساممۇ ئۆزۈم دىققەت قىلالمىغان بەزى نۇقتىلارنى،مۇنا زىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم.بۇرۇن مۇنازىرىگە قاتنىشىپ باقمىغانلار، تىزىملاتقان تۇنجى كۈنى كۆرۈپ بېقىشى كىرەككەن دەپ ئويلۇدۇم.

adiyat 2011-07-26 00:05
بىرىنجى قەۋەتتىكى ئىنكاستىن باشقىسى قۇرۇق گەپ.

akburkut 2011-07-26 00:47
كۆپ رەھمەت!
ياخشى مۇنازىرەـــــــ مۇنازىرە باشلىغۇچىغىمۇ، ئۇنى ئاڭلىغۇچىغىمۇ پايدىلىق!
مۇنازىرە باشلىغۇچى شۇ مۇنازىرە ئارقىلىق ئۆزنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باشقىلارنىڭ ياخشى پىكىرلىرىدىن، ياخشى بىر مۇۋەپپىقىيەتكە ئىرىشسە، مۇنازىرە ئاڭلىغۇچى بۇ مۇنازىردىكى ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان، توغرا بىلىمگە ئىگە بۇلىدۇ. شۇڭا مۇنازىرلەشكەندە قۇرۇق گەپ قىلماي باشقىلار ھەم ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان مۇنازىرە سورۇنى قۇرۇپ چىقسا بۇ نىمدىگەن ياخشى، مۇنازىرە مۇنبەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى.

مۇنبەرداشلار ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى! مۇنبەر تىخىمۇ تەرەققى قىلسۇن!

تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت! بەك ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن!

abm165 2011-07-26 10:22
    نوۋەتتە  توردا بۇلىۋاتقان   مۇنازىرلەر  نىڭ  قىممىتى ئەسلى چاپلىمىنىڭ  قىممىتىدىن نەچچەھەسسە  ھالقىپ كىتىۋاتىدۇ .  شۇڭا مەن  چاپلىمىنى ئەمەس  تورداشلارنىڭ  ئەركىن مۇنازىر سىنى  كورۇش   ئۇچۇن تورعا چىقىمەن .

oguzpuxti 2011-08-02 17:49
جىن ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، سالامەت بولۇڭ .

uyghuraaa 2011-08-08 16:13
مۇنازىرلىشەيلى، تالاش-تارتىش قىلىشايلى، سىردىشايلى، لېكىن ئىلمىيلىككە ياد بولغان ھادىسە ۋە نىشاننى مەقسەت قىلمايلى!


يولدىن چىقما، خاندىن قورقما.

tatleh 2011-08-08 17:53
مەن ئەلكۈيىنىڭ تىمىلىرىدا بىرەر نەرسە ياكى ئىش -ھەركەتلەرنى مۇنازىرە قىلغاندە مۇنازىرىگە قاتناشقانلارنىڭ شۇنچىلىك ئىلمى سۆزلەشلىرىگە ، ئەدەپ قائىدىلىك ، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمىگەن ئاساستا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشلىرىغا يەنە تىمىلارنىڭ سەرخىلىقىغا  كۆڭلۈمدىن قايىل بۇلىمەن ، جىن ئەپەندىنىڭ بۇ تىمىسى  بىزگە  كۆڭۈلدىكىدەك بىر دەرسلىك بولغۇدەك .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.045460 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us