aychiwer |
2010-10-12 09:17 |
1. ئاياللاردىكى پىسخىك ئاجىزلىق ﻫازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ﻫەر جەﻫەتتىن تېز تەرەققىي قىلىپ ، ئاياللارنىڭ ﻫوقۇق - مەنپەئەتىگە ئالاﻫىدە ئېتىۋار بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئاياللار ﻫەر ۋاقىت ئۆزىدىكى پىسخىك ئاجىزلىقلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالمايۋاتىدۇ . ﻫەممىمىزگە مەلۇمكى ، ﻫازىر پىسخىك ساغلاملىق مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ . جەمىئىيەتتە ﻫەر ساﻫە ، ﻫەرقايسى قاتلاملاردا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا پىسخىكىلىق مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ﻫېس قىلالايدۇ . ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىدا بۇرۇنقى ﻫەرقانداق تارىخىي باسقۇچقا نىسبەتەن نورمالسىزلىق كۆپىيىۋاتىدۇ . مانا بۇ ئاياللار پىسخىكىسىدىكى ئۆز - ئۆزىنى يېڭەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئاجىزلىق . ئاياللار ئۆزىدىكى ئاجىزلىقنى ئىپادىلەشكە ماﻫىر بولماسلىقتىن ، ئۆز - ئۆزىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت پىسخىكىلىق تەڭشەشكە ئېتىۋارسىز قارىغانلىقتىن ~ ئۆز -ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ، گۇمانلىنىش ، تەشۋىشلىنىش ، قورقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇ خىل ئامىللار كىشىدە ئاسانلا روﻫىي بېسىم پەيدا قىلىپ ، كەيپىياتىنى نورمالسىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاياللاردا ئاسان ئاچچىقلىنىش ، چېچىلىش ، ئاسان ﻫاياجانلىنىشتەك ئەﻫۋاللار كۆرۈلىدۇ . نىكاﻫلانغان ، نىكاﻫتىن ئاجراشقان ئاياللاردا بولىدىغان بىر قىسىم پىسخىك ئاجىزلىقلار ﻫەممىمىزگە مەلۇم ، قىز - يىگىتلەر مۇﻫەببەتلىشىپ نىكاﻫلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، نىكاﻫلىنىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىنلا ، قانۇن ئېتىراپ قىلغان ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەت شەكلى يەنى نىكاﻫلىق تۇرمۇشنى باشلايدۇ . نىكاﻫنىڭ مۇقەددەس كۈچى ، بۇ ئىككى كىشىنى تۇرمۇشنىڭ ﻫەر خىل دوقاللىرىدا چەمبەرچەس باغلىۋېتىدۇ . نىكاﻫنىڭ پىسخىكىدىكى رولىمۇ قىز - يىگىتلەرنىڭ بىرىكىش باسقۇچى ، بىر - بىرىگە ﻫەمراﻫ بولۇش باسقۇچى ، بىر - بىرىگە كۆيۈنۈش ، پىكىر ئالماشتۇرۇش باسقۇچى ، مۇﻫەببەت ئىزﻫار قىلىش ۋە شۇنىڭدەك بىرگە ياشاپ پەرزەنتلىك بولۇش، بالىلارنى قاتارغا قوشۇشتەك نۇرغۇن جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ . مانا مۇشۇ باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئاياللاردا پىسخىك ئاجىزلىقلار كۆپ ئۇچرايدۇ . مېنىڭ كاللامدىن مۇنداق بىر ئىش ئۆتمەي قالىدۇ . كىچىكىمىزدە بەزى چوڭ ئاياللارنىڭ مۇنداق گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالىدىغان : " ئېرىڭغا ئىشەنگۈچە ئىشىكىڭنىڭ ئىلغۇچىغا ئىشەن ، ئېرىم ياخشى دېگەنلەر ، چىچىپ پوقىنى يىگەنلەر ،،،،، ئەر بىلەن ئايالنى بىر قازاندا قىرىق يىل قايناتسىمۇ قېنى قوشۇلمايدۇ " دېگەندەك پاراڭلار . بۇنداق پاراڭ يەنە نىكاﻫلانغان ئاياللار ئىچىدە ئۆزئارا پاراڭ بولۇۋاتقاندىمۇ بىرەر ئايال ئېرى ئۈستىدىن نارازى بولۇپ سۆزلەۋاتقاندا يەنە بىر ئايال مۇنداق رەددىيە بېرىدۇ : " ۋاييەي،،،، ئەر خەق دېگەن يۈزسىز كېلىدۇ، شۇڭىچۇ~ ئايال كىشى ئۆز ئىشىمىزغا پۇختا بولۇپ ، ئۆز كۆڭلىمىزنى ئۆزىمىز خۇشال تۇتۇپ، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرگەنگە يەتمەيدۇ" . بىر ئويلىسىڭىز توغرا ئېيتىلغاندەكمۇ قىلىدۇ . ﻫازىرمۇ يەنە ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ، كىنو - تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىدا بولسۇن ياكى رومان ، ﻫېكايىلەردە بولسۇن ، بەزى ئاياللار تۇرمۇشى سۆزلەنگەن بۆلەكلەردە يۇقۇرقىدەك ئىبارىلەرنى ئۇچرىتىپ قالىمىز . مېنىڭ يوللىغان تېمىغا مۇشۇ ئىبارىلەرنى ماۋزۇ قىلىپ ئىشلىتىشىممۇ دەل مۇشۇ مەسىلىدىن كېلىپ چىققان ئويلىنىش . بۇ ئاياللارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرىقى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ تا ﻫازىرغىچە داۋاملىشىشدا ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىغا دائىر مەسىلە مەۋجۇتمۇ قانداق دېگەن سۇئال كېلىپ چىقىدۇ . مېنىڭچە مەۋجۇت . سەۋەبى : نىكاﻫلانغان ئاياللاردا قارشى تەرەپتىن نارازى بولغاندا پەيدا بولغان پىسخىك توسالغۇدىن كېلىپ چىققان ئاجىزلىق . ئاياللاردا مانا مۇشۇ چاغدا ئۆز - ئۆزىدىكى ئاجىزلىقنى يېڭەلمەسلىكتىن ئاسانلا مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ قويىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدا يەنە بىر ئەﻫۋالمۇ بار . ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلاردىكى پىسخىك ﻫالەتلىرى ئىچىدىكى پىسخىك ئۇدۇمدىن ئىبارەت . ئۇنداقتا پىسخىك ئۇدۇم دېگەن نېمە ؟ ئۇدۇم ئادەم (مىللەت) نىڭ خۇي - مىجەزى ئالدىنقىلارنىڭ خۇي - مىجەزىگە تارتىدىغانلىقىنى ، ئالدىنقىلارنىڭ مەلۇم خۇلۇق - مىجەزى كېيىنكىلەردە ئەينەن ياكى قىسمەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . بۇنىڭدىن ئادەم (مىللەت) تىكى مەلۇم تىپىك خاراكتېر ، خۇي - مىجەزنىڭ ئاتا - ئانا ، بوۋا - موما ، جۈملىدىن قانداش تۇققانلارنىڭ خۇي - مىجەزىنىڭ قان ۋە قانداشلىق ئېرسىيىتى ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە سىتىخىيىلىك ﻫالدا ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . مانا بۇ پىسخىك ئۇدۇم دېيىلىدۇ . ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى ئەرلەرگە بېقىنىپ ياشاپ كەلدى . كونا جەمىئىيەتتە بولسا ئاياللارنىڭ ئورنىمۇ ﻫازىرقىدەك يۇقۇرى ئەمەس بولۇپ ئۇلارنى بىر خىل تۆۋەن كۆرىدىغان خاﻫىش شەكىللىنەتتىكەن . شۇڭا ، ئاياللار ئەرلەرگە بويسۇنۇپ ياشاپ ، ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن . قىسمەن ئاياللار ئائىلىدىكى ﻫەر خىل زوراۋانلىقلارغا چىداپ، نىكاﻫ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . نىكاﻫلانغان ئاياللار ئەرلىرىدىن زەربىگە ئۇچرىغاندا ، ئېرىدىن ۋاپاسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئىچىدىكى گەپلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئېيتالماسلىقتىن ياكى بولمىسا شۇ دەۋرلەردە نىكاﻫتىن ئاجرىشىشنى بىر خىل نومۇس دەپ قارىغاچقىمۇ ~ يۇقۇرقىدەك ئىبارىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان دېسەكمۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ. مانا بۇ بىزدىكى پىسخىك ئۇدۇم يەنى -- بۇرۇنقى ئاياللىرىمىزنىڭ ئۆز تۇرمۇش ئەمىلىيەتلىرىدە قوللانغان ئىبارىلىرىنىڭ ﻫازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىشىنىڭ سىرى . ( بۇنىڭ مىساللىرى يالغۇز يۇقۇرقى بىرنەچچە سۆزلەرلا ئەمەس ~ ئەلۋەتتە ) قارشى تەرەپتىن نارازى بولغان كەيپىياتتا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ، ﻫېچكىم قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلمايدۇ. بۇمۇ كىشىلەردىكى پىسخىك توسالغۇ بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ. پىسخىك توسالغۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلماسلىقتىن پىسخىك ئاجىزلىق شەكىللىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ئۇدۇم ﻫالىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان . مىللەت ئەزالىرىغا نىسبەتەن توغرا بولغان پىسخىك ئۇدۇممۇ بولۇشى ، خاتا قاراشتىكى پىسخىك ئۇدۇممۇ بولۇشى تەبىئىي . بۇ خۇددى ، يۇقۇرقىرىدىكى " ئېرىڭگە ئىشەنگىچە ئىشىكىڭنىڭ ئىلغۇچىغا ئىشەن" دېگەن سۆزگە ئوخشاش ....ئايال نەزەرىدە ئەر شۇنچە ئىشەنچسىزمۇ؟ بەردەم بىر ئەركەكنى قانداقسىغىچە ئىشىكنىڭ ئىلغۇچىغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن ؟ مەسىلىنىڭ تۈپ نېگىزى مانا مۇشۇ يەردە. دېمەك، بۇ بىز ئەر - ئاياللاردىكى چۈشىنىش پىسخىكىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن قارىغۇلارچە چىقىرىلغان يەكۈن بولسا كېرەك . بۇ ئىبارىلەر ، بىزدىكى ناتوغرا پىسخىك .ئۇدۇمنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ. بىز ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا تەپسىلىي كۈزەتسەك نۇرغۇن پىسخىك ئۇدۇملار شەكىللەنگەن بولىدۇ. ﻫەر بىر كىشىنىڭ پىسخىك ﻫالىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ، ئۇلارنىڭ پىسخىك خاراكتېرىگىمۇ ﻫەر خىل ﻫۆكۈم قىلىمىز. شۇڭا ، ﻫازىرقى دەۋر ئاياللىرىدا ساغلام بولغان پىسخىكا كەمچىل . ئاياللار ئۆزىدىكى ئاجىزلىقنى يەڭگەنسېرى شۇنچە ئىرادىلىك، جۈرئەتلىك ﻫەم ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ. قانچە چۈشكۈنلەشسە، شۇنچە قايغۇ - ئازاب ئىچىدە قېلىپ ، ئۆزىنىڭ نىكاﻫ ئىشلىرىنىڭ نورمال داۋاملىشىشغىمۇ كاپالەتلىك قىلامايدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن نىكاﻫتىن ئاجرىشىش كېلىپ چىقىدۇ. نىكاﻫتىن ئاجراشقان ئايال -- "تۇل ئايال" دېيىلىدۇ .
2 . << تۇل ئايال >> نامى ئۇنچە قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس جەمىئىيەتنىڭ كۈندىن - كۈنگە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، نىكاﻫتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرىبولۇشى ئائىلە ، بالا ﻫەم جەمىئىيەتكە ئېغىر بېسىملارنى كەلتۈرمەكتە . بۇ خىلرېئاللىق كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقاچقا ، بەزى نىكاﻫ تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى، ئاجرىشىش سەۋەبلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىسەكمۇ ئاجراشقان ئاياللارنى كۆنۈپكەتكەن تىلىمىزدىكى "تۇل خوتۇن" نامى بىلەن ئاتاپ كېلىۋاتىمىز . نىكاﻫتىن ئاجراشقان ئەر ۋە ئايالنىڭ كۆپلىكىدىن بۇ خىل ئەﻫۋال جەمىئىيەتتىكى بەزى كىشىلەرنەزەرىدە "تۇل ئايال" دىن نەپرەتلىنىدىغان ئەﻫۋاللارمۇ يۈز بېرىشمەكتە . مەكتەپتەئوقۇۋاتقان سەبىي بالىلارمۇ " بۇنىڭ ئاپىسى تۇل ، ئاتا - ئانىسىئاجراشقان" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئېغىزىدىمۇ سىنىپ يىغىنلىرىدا تەكىتلىنىپ تەكرارلىنىۋاتىدۇ ﻫەتتا توي قىلىشماقچى بولغان قىز - يىگىتنىڭ بىرەرسىنىڭ دادىسىئۆلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ، تۇل ئاپىسىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن قۇدىلارمۇ " تۇلخوتۇننىڭ بالىسىكەن" دەپ ، توي ئىشلىرىغا قوشۇلماسلىقتەك ئەﻫۋاللارمۇ بار . دۇنيادا سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ . ﻫەر بىر كىشى نىكاﻫتىن ئىبارەت بۇ قورغانغا قەسەم ، ۋەدىلىرى بىلەن كىرىدۇ . ﻫېچكىممۇ تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشنىخالىمايدۇ . نىكاﻫ مەسىلىسى نۇرغۇن زىددىيەتلەرگە تولغان بولىدۇ . تۇرمۇشنىڭمۇرەككەپ قايناملىرىدا نىكاﻫ مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ﻫەم ئۇنىڭ مەڭگۈلۈكبولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس . نىكاﻫ مۇناسىۋېتىدە مەۋجۇتبولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى بەزىلەر توغرا ﻫەل قىلىپ كېتەلەيدۇ ، ئائىلىسىنىڭ ، پەرزەنتىنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ، ئائىلە ئۈچۈن ئىزدىنىپ ، تىرىشىپ ، نىكاﻫ مۇناسىۋېتىنى ساقلاپ قالىدۇ . يەنە بىر قىسىم ئەر - ئاياللار نىكاﻫ مۇناسىۋېتىدىكى مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي ، ئاجرىشىش ئارقىلىقئاخىرلاشتۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئەر - ئاياللىق تۇرمۇش تامام بولىدۇ . ﻫەر ئىككىلا تەرەپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە روﻫىي زەربىگە ئۇچرايدۇ . بۇ خىلدىكى نىكاﻫتىن ئاجرىشىشﻫادىسىسى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارغا ئېغىر روﻫىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ . كىمنىڭمۇ نىكاﻫ تۇرمۇشىنى بەختلىك ئۆتكۈزگىسى كەلمەيدۇ دەيسىز ؟ كىمنىڭمۇ بالىسىنى يىتىمقىلغۇسى كېلىدۇ ؟ تۇرمۇش بىر ئويۇن سەﻫنىسى . بۇ تۇرمۇش سەﻫنىسىدە ئەر - ئاياللارﻫەر خىل روللارنى ئېلىپ ئويۇن قويىدۇ . بەزىلەر بۇ سەﻫنىدە گۈزەل مۇزىكىلاردىنﻫوزۇرلانسا يەنە بەزىلىرى ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك تىراگېدىيەلىك قىسمەتلەرنىباشتىن كۈچۈرىدۇ . تۇرمۇشتا ﻫېچكىم مەڭگۈ بىر ئۆمۈر كۈلۈپ ئۆتىمەن ياكى بىر ئۆمۈريىغلاپ ئۆتىمەنمۇ ~ دېمەيدۇ . نىكاﻫ مۇناسىۋەتلىرىدە ، نىكاﻫتىن ئاجرىشىشنىڭمۇ ﻫەرخىل سەۋەبلىرى بولىدۇ . دېمەك ، ئاجرىشىش سەۋەبلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىسەۋەبىدىن ، ئاجراشقاندىن كېيىنكى "تۇل" لارنىڭمۇ جەمىئىيەتتىكى تەسىرى ئوخشاشبولمايدۇ . ﻫەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشتا دوستۇم بىلەن بازار ئايلىنىۋېتىپ ، كىيىمدۇكىنىدا كىيىم كۆرۈۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ سۆﻫبىتىنى ئاڭلاپ قالدىم : " ئالە ئاداش ، ئانچە قىممەتمۇ ئەمەسكەنغۇ ؟ گۈلپىيە دېگەن تۇلخوتۇن چېغىدا ساپلا.... ماركىلىق كىيىم كىيىدۇ ، ئېرىڭ تۇرۇپ كىيمەمتىڭ ؟ " دېيىشىگە : " بەلكىم ئاشنىلىرى ئەپ بەرگەندۇ ياكى بولمىسا ئەر تاپاي دېگەندۇ ،،،،، ئۇبارغانسېرى ياشىرىپ چىرايلىقلىشىپ كېتىپتۇ - ﻫە ؟ توۋا دەپ قالدىم ،،،،،، " دەپ جاۋاب بەردى . ئۇ ئايالمۇ بوش كەلمەي : " ئاداش دىققەت قىلايلى جۇما ، ﻫازىرقى تۇل خوتۇنلارمىچۇ بەك يامان بوپ كېتىپتۇ . چوڭىنى چوڭ، كىچىكىنى كىچىك دېمەي كەينىدىن كېتىۋېرىدىكەن... " دېيىشىپ غەيۋەتكە چۈشۈپ كەتتى . بۇلارنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى ﻫەمبىر ئاي ئاۋۋال نىكاﻫتىن ئاجراشقان دوستۇم سانىيەنىڭ مىسكىن چىرايى كۆز ئالدىمغا كەلدى . سانىيە يولدىشىنىڭ ﻫەر خىل ئائىلە زوراۋانلىقى ، قىمار ئويناپ ئائىلە ئىقتىسادىنى كۆككە سورۇپ ، جەمىئىيەتتە ناچار ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى قىلىپ ، باشقا ئاياللار بىلەن نورمالسىز مۇناسىۋەتتە بولۇپ ، ئائىلىگە كۆيۈنۈشتە يوق دائىم ﻫاراقئېچىپ ئائىلىدە جېدەل قىلىۋەرگەنلىكتىن بىچارە دوستۇم ئامالسىز ئون نەچچە يىللىقئائىلىسىنى تاشلاپ ، نىكاﻫتىن ئاجرىشىشقا مەجبۇر بولدى . دوستۇم سانىيەنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت مىجەز ﻫەم خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىغا بىز تولىمۇ قايىل ئىدۇق . ئۇﻫازىر بىز بىلەن ئانچە سىرداشماس ، دوستلار يىغىلىشىغا بارماس بولۇپ قالدى . سەۋەبىنىسورىساق ، ئۇ مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ : " مەن بۇرۇنقى سانىيە ئەمەس ، مەن ﻫازىرتۇل ئايال ، باشقىلارنىڭ تاپا - تەنىلىرىدىن قورقىمەن . " دەپلا جاۋاب بېرىدۇ . يەنە بىر خىزمەتدىشىم ئېرىنىڭ ئائىلىدىكى ﻫەددىدىن زىيادە زوراۋانلىقىدىنتولا تاياقيەپ ، ئېغىر يارىلىنىپ نەچچە قېتىم دوختۇرخانىدىمۇ يېتىپ قالدى . بىز ئۇنى يوقلاپبېرىپ ، ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايىغا قاراپ ئىچىمىز ئاغرىپ : " ئاجرىشىپلا كەتسىڭىز بولمامدۇ ؟ نېمە كۈن ، نېمە زۇلۇم بۇ سىزگە ؟ " دەپ سورىغىنىمىزدا ، ئۇ : " مانا تۈزىلەر ، ئەتە تۈزىلەر دېدىم ، بۇ يا تۈزىلىپ بولمىدى . ئەشۇ ئىككىبالامنى دېمىسەم ئاللىقاچان ئاجرىشىپمۇ كېتەتتىم . ئاجرىشىشتىنمۇ قورقۇپ كەتمىدىم ، ﻫەممىدىن قورقىدىغىنىم باشقىلار تەرىپىدىن <تۇل ئايال> دەپ ئاتىلىشىمدىنقوقتۇم . ئاجرىشىپ تۇل ئايال نامى بىلەن ~ قۇرۇق سۆز ، قۇرۇق تۆﻫمەتكە قالغۇچە دەپ ، مانا مۇشۇ ئازاب ، خورلۇق ئىچىدە نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمەن .... .... " دەپ كۆز يېشى قىلدى . بۇرۇنلاردا ئېرىدىن ئاجراشقان ئاياللار "تۇل ، ئاجىز" دەپ ئاتىلىپ كەلدى . لېكىن ئۇ چاغلاردىكى تۇل ئاياللار بىلەن ﻫازىرقى تۇلئاياللارنىڭ ئارىسىدا پەرق چوڭ . ﻫازىرقى ئايالللارنىڭ كۆپ قىسىملىرىنىڭ خىزمىتى بارئاياللار . بەزى ئاياللار نىكاﻫتىن ئاجراشقاندىن كېيىن ، "يامان يول" غا كىرىپ قالىدۇ . چۈنكى ئۇ خىلدىكى ئاياللار "ئەركىنلىككە چىققان قۇش" -- مانا بۇ شۇئارنى ئۆزىگە ﻫەمراﻫ قىلىۋالىدۇ . نەتىجىدە بۇ ئەركىنلىككە چىققان تۇلئاياللارنىڭ شۇئارىدىن بىر قىسىم يامان نىيەتلىك ئەرلەر " تۇل ئايالنىڭ بېشىنىسىلاپ" قويۇپ "ساۋاب" ئالغۇسى كېلىپ ، جەمىئىيەتتىكى نىكاﻫتىنئاجراشقان ئاياللار ئوبرازىغا سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ . تۇل ئاياللارنىڭجەمىئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ باشقىلار نەزىرىدىكى ئوبرازىدىن بىز مەلۇمتونۇشقىمۇ ئىگە بولىمىز . بىزدىكى "تۇل ئايال" ئاتالغۇسى -- ئاجراشقانئايالنى ئاجىز كۆرگەنلىكتىن دېرەك بېرەمدۇ ؟ ياكى ئاجراشقان ئايالنى يامانكۆرۈشتىن دېرەك بېرەمدۇ ؟ ياكى جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم نىكاﻫتىن ئاجراشقان "تۇل ئايال" نىڭ يامان يوللاردا يۈرۈپ ، ئەخلاقىنى دەپسەندە قىلىشىدىنكېلىپ چىققان پاجىئەلەر باشقا "تۇل ئايال" لارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر قىلغانلىقىدىن ~ "تۇل ئايال" نامى بىزگە قورقۇنچلۇق تۇيۇلامدۇ ؟؟ ئاجراشقانئايال گۇناﻫكارمۇ ؟ ..... بۇ توغرىلىق سۇئال بەكمۇ كۆپ . شۇڭلاشقا ، بىزدە ئادەملەرنىچۈشىنىشتىن بەكرەك ئەڭ مۇﻫىم مەسىلە -- ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى چۈشىنىش ئىدىيىسىنىڭﻫەقىقەتەنمۇ كەمچىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم . " ئايال بىر قولىدا بۆشۈكنىتەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ" دەيمىز . مانا مۇشۇ ﻫەقىقەت ئالدىدانۇرغۇن تۇل ئانىلىرىمىز بالىلىرىغا يىمەي يىگۈزۈپ ، كىيمەي كىيگۈزۈپ ئۇلارنى قاتارغا قوشقانغۇ ؟ ئۆزلىرىنىڭ پەزىلىتى بىلەن جەمىئىيەتتە ﻫېچقانداق يامان ئاتاققا قالماي ، باشقىلار تەرىپىدىن ﻫۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنغۇ ؟ ﻫازىرمۇ شۇنداق . نىكاﻫتىنئاجراشقان ئاياللارنى بىز بۇ يەردە يامانمۇ دېمىدۇق ، نىكاﻫتىن ئاجرىشىشنى يامانئىشمۇ ~ دېمىدۇق . نىكاﻫتىن قورقماي ئاجرىشىڭ ، "تۇل ئايال" قورقۇنچلۇقئەمەس ، دەپ شۇئارمۇ توۋلىمىدۇق . بۇ يەردە دەۋاتقىنىمىز -- بىزدىكى "تۇل" ئاتالغۇسى ﻫەم " تۇل ئايال" دىن ئىبارەت نام- ئاتاقمەسىلىسى . مەن بۇ مەزمۇندىكى تېمىنى يوللاش ئارقىلىق تەكىتلىمەكچى بولغان مەسىلەيەنىلا --- سەۋەبىنى بىلمەي تۇرۇپ قالايمىقان ئەيىبلىمەڭ ! ئادەملەرنىڭ ماﻫىيىتىنىچۈشەنمەي تۇرۇپ ، ئۇلارغا بەدناممۇ چاپلىماڭ ! ئايال قەدىرلىك ، قىزلىرىمىز تېخىمۇشۇنداق . "تۇل ئايال" سىز ۋە بىز نەزەرىمىزدە ئۇنچىلىكمۇ قورقۇنچلۇقئاتالغۇ ئەمەس ! ئۇلارمۇ ئىنسان ، ئۇلاردىمۇ قۇياشنىڭ تەپتىگە تېگىشكۈسىز ئانىلىقمېﻬرى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ! ئۇلارنىڭمۇ ئۆزى خالاپ "تۇل ئايال" بولغۇسى يوقئىدى ،،،،، لېكىن ، ...... نىكاﻫ تۇرمۇشىدىكى زىددىيەت ، توقۇنۇش مەسىلىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىنشۇنداق بولدى ...... ئۇنداق بولسا ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىغا ، نىكاﻫتىن ئاجرىشىشىغا نېمەسەۋەب بولدى ؟
3 . ئايال ۋە نىكاﻫ نىكاﻫتىن ئاجرىشىش مەسىلىسى ئىجتىمائىي ﻫادىسىگە ئايلاندى دەپ ، يىتىم بالىلارنىڭ تەقدىرى ﻫەققىدە باش قاتۇرۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمىزدە ، نىكاﻫتىن تاشقىرى مۇﻫەببتلىشىدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ ئاتالمىش << ئاشنا >> مەسىلىسى ئىجتىمائىي ﻫادىسگىلا ئەمەس بەلكى تۇرمۇشتىكى تەبىئىي ﻫادىسىگە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ، مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان ئاياللىرىمىزنىڭ " قورغان " سىرتىدا ياۋاگۈل سوۋغا قىلغان شاﻫزادىلەر بىلەن ئىش - پەش تارتىشىپ قالغانلىقىنى بىلىۋاتىمىز ياكى بىلمەيمۇ قېلىۋاتىمىز . نىكاﻫتىن تاشقىرى مۇناسىۋەتنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئاچچىقى ﻫەققىدە ئويلايدىغانلاردىن " تاتلىق " ئىغا قىزىقىدىغانلار كۆپرەك بولسا كېرەك . " خوتۇن تاتلىقمۇ ئاشنا تاتلىقمۇ ؟ " ، " خوتۇن بىلەن ئاشنىنىڭ پەرقى " ... دېگەندەك ماقالىلارنىمۇ ئوقۇدۇق . ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان سىرلىرىدىن " ئەرلەر نېمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ" نى ئوقۇدۇق-يۇ ، " ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالىدۇ" .... ﻫەققىدە ئەرلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىپ باقمىدۇق . نىكاﻫلانغان بىر ئەرنىڭ تالاغا قارىشىنىلا بىلىپ ، ئاياللار ﻫەققىدە ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى . بىر قىسىم ، ئاز ساندىكى قىز - ئاياللارنىڭ بۇزۇقچىلىقلىرى بىلەنلا ﻫەممە ئاياللارنى بىر تاياقتا ﻫەيدەپ كېتىشتىن ئاۋۋال ، ﻫەر بىر ئەر بولغۇچى ئەركەك چوقۇم ئۆز ئايالى ياكى كەلگۈسىدىكى ئايالى ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك . ئەرنىڭ ئائىلىدىكى رولى زادى نېمە ؟ ئائىلە بىر مۇقەددەس ماكان . ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ماكاننى ﻫەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن گۈللەندۈرۈش ﻫەممىمىزنىڭ بۇرچى . ئەمما ، نىكاﻫ ۋە مۇﻫەببەت ئەركىنلىكى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتكە ئىگە بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، مىڭ بىر مۇشەققەتتە قۇرغان ئىللىق ئائىلىنى نىكاﻫتىن تاشقىرى مۇناسىۋەت تەسىرىدىن ۋەيران قىلىۋاتقان ، ئائىلىگە زىددىيەت ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقان ، ئائىلىدىن ﻫەقىقىي مۇﻫەببەتكە ئېرىشەلمەيۋاتقانلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ . نىكاﻫ سىرتىدا مۇﻫەببەتلىشىش ئىسلام دىنىدىمۇ گۇناﻫ ﻫېسابلىنىدۇ . ئائىلە قۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان ، بۇ خىلدىكى نىكاﻫ سىرتىدىكى مۇﻫەببەتلىشىش پەقەت شەﻫۋانىي ئىنتىلىش ، خالاس ! بىر ئەر كىشىنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى تۈۋرۈككە ئوخشاتقىنىمىزدىنمۇ بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى ، ئەر -- ئائىلىدىكى مۇﻫىم شەخس . بىر ئەرنىڭ ئائىلىدىكى بارلىق ئىشلارنىڭ ﻫۆددىسىدىن چىقىپ يەنە جۈپتىنىڭ ﻫالىغا يېتىشى ، جۈپتىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشى ، جۈپتىگە ۋاپاسىزلىق قىلماسلىقى -- ئايال ئۈچۈن بەخت دېسەكمۇ بولىدۇ . تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئاياللار نىكاﻫقا باﻫا بەرگەندە ﻫېسسىيات جەﻫەتتىن قانائەت ﻫاسىل قىلىشنى ئۆلچەم قىلىدىكەن ، ئەرلەر بولسا ~ جىنسىي تۇرمۇش جەﻫەتتىن قانائەتلىنىشنى ئۆلچەم قىلىدىكەن . ئاياللار تولىسى توي قىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئائىلە ، خىزمەت ۋە بالا بېقىشتەك ۋەزىپىلىرى تۈپەيلىدىن ، ئېرىغا ماسلىشىپ كېتەلمەسلىكىدىنمۇ ، ئەرنىڭ تالادىكى چىرايلىق قۇشقاچلارغا قاش ئېتىشى تەبىئىي يۈز بېرىدىكەن . شۇڭلاشقىمىكىن ، توي قىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىنكى ئاياللار نىكاﻫتىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدۇ . بۇ چاغدا ، يەنىلا ئەرلەر تەشەببۇسكار بولۇپ ، ئايالنى ﻫېسسىيات جەﻫەتتىن تەسەللىيگە ئىگە قىلىشى بەكمۇ مۇﻫىم . ئۇنداق بولسا ، تالاغا قارىغان ، بۇزۇلغان ئاياللارغا ئەرلىرىمىز نېمە دەيدۇ ؟ ئاياللار نېمە ئۈچۈن نىكاﻫ سىرتىدا مۇﻫەببەتلىشىدۇ ؟ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ ئاياللار ئېرىنىڭ تالادىكى بىرەر قىز ياكى ئايال بىلەن ئارلىشىۋاتقانلىقىنى سەزسىلا بىئارام بولۇپ ، قويغان - تۇتقىنىنى بىلمەي قالىدۇ . ئېرىنىڭ سىرتتا باشقا قىز - ئاياللار بىلەن ئارلىشىۋاتقىنىغا گۇمان پەيدا بولدىمۇ ~ بولدى !...... يىگىنى سىڭمەيدۇ، كىيگىنى چىرايىغا چىقمايدۇ . ئاﻫ ئۇرىدۇ ، سۆيۈملۈك ئېرىنىڭ باشقا بىرىگە ، تالادىكى باشقا بىرىگە يېقىنچىلىق قىلغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپلا ، نىكاﻫ تۇرمۇشىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ، ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ئايال دەپ ﻫېسابلايدۇ . كۈندەشلىك ئايالللارنىڭ تۇغما مىجەزى بولسىمۇ لېكىن ئېرىنى باشقىلاردىن قىزغىنىش ، شۇ ئايالنىڭ ئېرىگە بولغان مۇﻫەببىتىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ، ئائىلىدە ئېرىنىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ﻫېس قىلدۇرىدۇ . بۇنى ﻫەممە ئەرلەرنىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن . ئېرىنىڭ نىكاﻫ سىرتىدا مۇﻫەببەتلىشىپ يۈرگەنلىكىنى سەزگەن ئايال ئەگەر ئەقىللىق ئايال بولسا ، ئۇ ئېرىنى ئائىلىگە يەنىلا قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيدۇ . ناۋادا << ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ >> تەدبىرىنى قوللانسىلا ~ ئايالمۇ بىلىپ - بىلمەي تالاغا قاراپ قالىدۇ . نىكاﻫ سىرتىدا مۇﻫەببەتلىشىش باسقۇچىغا كىرىدۇ . شۇڭا ، ئەرلەر ئائىلىدە ئايالىغا ﻫەر جەﻫەتتىن ﻫېسداشلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئايالىغا داۋاملىق ياخشى ، سىلىق ، شېرىن سۆزلەرنى قىلىپ ، ئايالىنى ئىلﻬاملاندۇرۇپ تۇرۇشنى بىلىشى كېرەك . مەن بىلىدىغان ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ ، زىيالىي بىر ئايالنىڭ مۇنداق دېگىنى ئېسىمدىن چىقمايدۇ : << ئۆيدە ئولتۇرۇپ تازا يىغلاپتىمەن ، چىرايلىق بېزەكلىك ئۆيۈم باركەن ، كىيىم ئىشكاپلىرىم داڭلىق ماركىلىق كىيىملەر بىلەن تولۇپتۇ ، پۇل دېسەم تۇرۇپتۇ ، ماشىنا دېسەممۇ بار ، قولۇمنى نەگىلا سۇنسام يېتىدۇ . لېكىن ماڭا يەنە بىر نېمىنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى سېزىمەن . كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ .... كۈنلىرىم ئۆيدە ئېرىمنى كۈتۈش بىلەن ئۆتىدۇ. تاماقنىمۇ بالام بىلەن يەيمىز . ئېرىم سىرتتىلا يۈرىدۇ . مەن ئېرىمنىڭ باشقا ئەرلەردەك بىز بىلەن بىرگە تاماق يىيىشىنى ، بىرگە سىرتلاردا ئايلىنىشىنى خالايتتىم . ئەپسۇس ، ئېرىمنىڭ سىرتتىكى قىلىپ يۈرگەنلىرىنى ئويلىساملا يىغلايمەن .... پۇل ، مال - دۇنيا بولسىلا تۇرمۇش خاتىرجەم بولامدۇ دوستۇم ؟ ماڭا كېرىكى بۇرۇنقى پۇلىمىز ئاز بولغاندىكى غورىگۈل تۇرمۇشىمىز ئىدى ، ئۇ چاغلاردا بىز بەكمۇ بەختلىك ئىدۇق . ئېرىم ماڭا تولىمۇ مېﻬرىبان ئىدى . ﻫازىر ئائىلىمىزدە كەم بولىۋاتقان نەرسە -- دەل مۇﻫەببەت ئىكەن . ئېرىم تالادا باشقا بىرىگە باغلىنىپ قالدى .... شۇڭا مەن يىغلايمەن دوستۇم . ئائىلىدە ئەرنىڭ مېﻬرىبانلىقىنى بىلەلىگەن ﻫەم سەزگەن ئاياللارلا دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايالكەن ... >> << قورغان >> سىرتىغا ئىنتىلىش ئەر ۋە ئايالنىڭ نىكاﻫ تۇرمۇشتىكى ۋەزىپىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، ئەرنىڭ ئائىلىدىكى ۋەزىپىسىدىن بەكرەك ئايالنىڭ ئەڭ مۇﻫىم بىر ۋەزىپىسى زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ << ئائىلىنى قوغداپ قېلىش >> . ﻫەر قانداق بىر ئايال تۇرمۇشىنىڭ مۇﻫەببەتلىك ، لەززەتلىك بولۇشىنى خالايدىكى ﻫەرگىزمۇ نىكاﻫتىن ئۈمىدسىزلىنىپ ياشاشنى خالىمايدۇ . ئاياللار ئېرى بىلەن مۇڭدىشىشنى ، قىزغىن ، مۇلايىم سۆﻫبەت قىلىشنى ياقتۇرىدۇ . ئېرىنىڭ رومانتېك بولۇشىنى ، ئېرىنىڭ ئۆزىنى پات - پات ماختاپ ، ئىلﻬامدۇرۇپ تۇرىشىنى ، ﻫېسسىيات جەﻫەتتە ئېﻬتىياجىنى قاندۇرىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ . دېمەك ، ئاياللارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەرىپىمۇ ~ يەنىلا نىكاﻫنىڭ ﻫېسسىيات تەرىپى . نىكاﻫ تۇرمۇشتىن ئۈمىدسىزلەنگەن ، ئېرىدىن مۇﻫەببەتكە ئېرىشەلمىگەن ئاياللاردا ئاسانلا << قورغان >> سىرتىدىكى ئەرلەرگە بويۇن سوزۇپ قاراپ قالىدىغان ياكى نىكاﻫتىن تاشقىرى مۇﻫەببەتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان ئىستەك پەيدا بولۇپ قالىدۇ . نىكاﻫ تۇرمۇشىدا ئېرىدىن تەسەللىي ، مېﻬىر - مۇﻫببەتكە ، كۆيۈنۈشكە ئېرىشەلمىگەن ئاياللاردا ئاسانلا بۇ ﻫالەت كېلىپ چىقىدۇ . مېنىڭچە ئايالى تالاغا قارىغان ئەر ، دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە ئەر بولۇشىمۇ مۈمكىن . ( گەرچە ئەردىكى مۇﻫەببەت ئوتى ئۆچمىگەن ، ئەركەكلىگى ئۇرغۇپ تۇرغان بولسىمۇ ... ) گۇمانخورلۇق -- ئايالنى يولدىن چىقىرىدۇ ئاياللارنىڭ گۇمانخور بولۇشى تەبىئىيلا ئىش . گۇمانخورلۇقنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن روﻫىي بېسىمىمۇ بەكلا ئېغىر بولۇپ، كىشىنى پىسخىك ، روﻫىي جەﻫەتتىن تۈگەشتۈرۋېتىدۇ . كۆپىنچە ئاياللار توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشقا كەلگەن باسقۇچىدا ئۆز - ئۆزىدىن گۇمانلىنىش پىسخىكىسى يېتىلىپ قالىدۇ . ئەرمۇ ئايالىغا بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولالمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن قىسمەن ئاياللاردا ئۆزىنىڭمۇ سېﻬرىي كۈچتىن قالمىغانلىقىنى كۆز - كۆز قىلىپ بېقىش ئارزۇسى پەيدا بولىدۇ . باشقا بىر ئەرنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ ، مەنىلىك قاراۋاتقىنىنى سەزسىلا ... ئەرلەر ئارقىلىق ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئويلاپ قالىدۇ . ئەرلەرنىڭ مەيلىنى تارتىش ئۈچۈن ياسىنىدىغان ، ئەرلەرگە ئۆزىنىڭ گۈزەللەردىن ، ناز - كەرەشمىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاياللار --- نىكاﻫتىن تاشقىرى مۇناسىۋەتكە ئاسانلا باغلىنىپ قالىدۇ . شۇڭا ، ئەرلەر ئايالىنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئۆزگىرىش ئەﻫۋاللىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى ، ئايالىنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا خاس ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، مۇﻫەببىتىنى ئىزﻫار قىلىپ تۇرۇشنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك .
پايدا - مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىش ﻫازىر ﻫەممە كىشى ئۆزىنى ئويلايدىغان ، خىزمەتتە بولسۇن ۋە ياكى باشقا جەﻫەتتە بولسۇن ئاۋۋال بىرىنچى ئويلايدىغىنى يەنىلا << مەن >> . شەخسىيەتچىلىكى كۈچلۈك ، پايدا - مەنپەئەتكە ئامراق ، باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلىنىشنى ياقتۇرىدىغان ، باشقىلارنىڭ سايىسى ئارقىلىق يۇقۇرى ئورۇنغا چىقىشنى مەقسەت قىلغان .. ئايالمۇ ئاسانلا بۇزىلىدۇ . بۇ خىلدىكى ئاياللار تولىسى سۇيۇق ، نازۇ - كەرەشمىلىك كېلىدۇ . بۇ خىل مىساللار ئەتراپىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان ئەرلەر قىز - ئاياللارنىڭ بۇ جەﻫەتتىكى ئاجىزلىقىنى چىقىش قىلىپ ، ئۇلارنى ئاسانلا ئىندەككە كەلتۈرۋېلىشنى ئويلايدۇ . ئاياللاردا ﻫەدىدىن زىيادە ﻫوقۇق ، مەنسەپكە ئېرىشىش ئارزۇسى بولسا، ئېرى يېقىندىن قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى كېرەككى ، ﻫەرگىزمۇ قولىدىكى گۈلنى باشقىلارغا تەقدىم قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك . جىنسىي مۇناسىۋەتتە ماسلىشالماسلىقتىن تالاغا قاراپ قالىدۇ .بۇ نىكاﻫ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ، ئەڭ مۇﻫىم مەسىلە . (مۇنبەردىكىلەرنىڭ ياش چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە يوللانمىدى) ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قېلىش ئەﻫۋاللىرى ﻫەرگىزمۇ يۇقۇرقى نەچچە تەرەپتىلا بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . بەزى ئاياللارنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىدىكى سەۋەب ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشى ، ئﻬتىياج قارىشى ۋە ﻫەۋىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، ئىلگىرى مۇۋاپىق كەلگەن نىكاﻫى ۋە ئېرىدىن قانائەت ﻫاسىل قىلمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىدا . ئاياللاررنىڭ نىكاﻫتىن تاشقىرى مۇﻫەببەتلىشىكە قانداق قارىشى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە، غۇرۇرىغا باغلىق مەسىلە . لېكىن ، ئەرلەر ﻫەر ۋاقىت ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدىغان " سەگەك قىمارۋاز " بولۇشنى ئەستىن چىقارماسلىمۇ كېرەك . ************** بۇندىن ئۈچ يىل ئاۋال مەلۇم مۇنبەرگە يولللۇنۇپ بولغان ئېدى، ئەلكۈيىگە قايتىدىن يوللاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم . يۇقۇرىدىكىلەر پەقەت شەخسىي قارىشىم ئاساسىدا يېزىلغان . كەم يەرلىرىنى بىرلىكتە دېيىشەرمىز . مەنبە : ئايچىۋەر
|
|