ئانا، كۆرۈپ قالدىم چۈشۈمدە سېنى !
(داستان)
1
ئانا،
ئۇيقۇ كەلمەي زۇلمەت كېچىدە،
سالقىن شامال ئىللىق كېچىدە،
ئەتە چوقۇم باھار بايرىمى.
سىنى شۇنچە سېغىندىم ئانا،
ئالۇنىڭدا ئوت بولۇپ كۆيدۈم
پېشانەمگە سۆيۇپ قوي ئاستا،
قوللىرىڭدا سىلاپ قوي مىنى
ئۇيقا يوقتۇر بۇ تۈن كېچىدە،
چۈشلىرىمدە سۆيۇپ قوي مېنى،
كۆرۈپ قالدىم چۈشۈمدە سېنى،
2
ئانا،
قۇشقاچلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى
بۇلبۇللارنىڭ ھەم سايراشلىرى،
ياسىمەنگە قونغان كېپىنەك.
سۈزۈك ئاسماندا،
بىر سېنىلا ئەسلەتتى ماڭا،
ئوماق بالام جان -بالام دىگەن،
ئۇيقۇ يوقتۇر بۇ تۈن كېچىدە.
چۈشلىرىمدە سۆيۈپ قوي مېنى.
كۆرۈپ قالدىم چۈشۈمدە سېنى،
3
ئانا،
بەك سۈزۈك ئاسمان،
بۈگۈن كېچىدە،
بۇلۇت گويا دېڭىز سۈيىدەك.
باھار بايرىمى ئەتە سەھەردە،
دەرەخ-شاخلىرىدا.
ئۈنلىگەن كەپتەر.
قوياش سۈرىتىدە ،
بىر سېنىلا چۈشۈدۇم بۈگۈن،
ئاينىڭ يۈزىدە،
سىلاپ قويغىن چاچلىرىمنى ھە!،
قېنىۋالاي باغرىڭغا قېنى
بۈگۈن بۇ يەردە،
يامغۇر ياغماقتا،
گۇڭگا سۆزلەر تىلىمدا تېخى ،
شېئرسىراپ كەتتى بۇ يۈرەك
يۈرەكلەردە قىيناش دېغى،
دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدە.
سۈرىتىڭنى كۆرىمەن ھەرۋاق
سەن كۈلۈپ تۇرغان،
ۋىلىق -ۋىلىقلاپ،
بەزى ئېتىزدا،
باغلاردا يىغلاپ،
ئاھ يۈزۇڭدە نۇرانە چىراي،
ئىمان نۇرى خۇددى ئۇ بىر ئاي،
سەن ئېزىزسەن سەن ئۇلۇغدۇرسەن،
ئۇلۇغ ئاللاھ قىلمىسۇن بىر خار،
چۈشلۈرۈمدە سۆيۈپ قوي مېنى
كۆرۈپ قالدىم چۈشۈمدە سېنى ،
4
ئانا،
يۈرەك تارىم تىترگەن سەندە.
مەن تاش ئەمەس مەنمۇ بىر بەندە،
سېنىڭ بارلىقىڭ مېنىڭ بايلىقىم،
سېزىپ قالدىڭمۇ ؟
چۈش كۆرۈپ قالدىم
ناماز ئوقۇپسەن.
ئۇلۇغ ھەرەمدە!
سۆيگۈ ئىزھار قىلغۇم بار پەقەت.
بۇلبۇللار قىرائەت قىلغاندەك.
تۈن كېچىدە سېنىڭ بىر سۆيگۈڭ.
ئاھ كۈندۈزنى يورۇتار پەلەك،
سەن بىر مەلەك !
سۆيۈپ قويغىن ئەي ئۇلۇغ ئانا.
ئىككى مەڭزىمگە يا پېشانەمگە،
يامغۇر توختىسۇن كۆزلىرىمدىكى.
ساڭا تازىم قىلايمەن بۈگۈن.
سەندەك مېنىڭكى ھەممە نەرسەمگە،
سالامىمنى يەتكۈزگەي ئاللاھ
رەھىم قىلغىن ئاجىز بەندەڭگە،
ئەي ئۇلۇغ ئانا،
چۈشلىرىمدە سۆيۈپ قوي مېنى
كۆرۈپ قالدىم چۈشۈمدە سېنى ،
5
ئانا،
ھاياتىمنى بەرگۈم بەر ساڭا،
ئاياغىڭغا يىقىلىپ تۇرۇپ،
تەزىم قىلىپ بارغۇم بار شۇ تاپ،
ئاھ ئاغزىڭدىن چىققان ھەر نەپەس،
ئەتىر بۇلۇپ تارقار ئالەمگە.
دۇئا قىلغىن كۆكلەپلا كېتەي،
روھلىرىڭدا ئوزۇقلاپ ئۆتەي،
كائىناتقا نۇرانە بولۇپ.
ئىزلىرىڭغا مەنانى پۈتەي،
تاتلىق -تاتلىق كۈلۈپ بەر ماڭا.
ئاھ جېنىم ئانا،
چۈشلىرىمدە سۆيۈپ قوي مېنى
كۆرۇپ قالدىم چۈشۈمدە سېنى ،
6
ئانا،
سەندۇرسەنكى ھايات ماياكى،
يا بارلىقنىڭ -يوقلىقىنىڭ سىرى،
ئاسماندىكى زۇھەل يۇلتۇزدەك.
ئۇلۇغلۇقۇڭ ئۇلۇغنىڭ پىرى،
ئالتۇن رەڭلىك باشاقچىلاردەك.
مۇڭ ياڭرىغان گىتار تارىدەك .
جەننەتتىكى پىردەۋىستەك.
سۆزلۈكلەرنىڭ مەناسىدەك.
مۇڭلۇق ناخشىدەك.
بارلىقىنىڭ بىسمىللاسىدەك
كائىناتنىڭ باشلانمىسىدەك.
سەندۇرسەنكى ھايات ماياكى،
پۈتۈن جىسمىم بىلەن،
پۈتۈن روھىم بىلەن،
توۋلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېگۈم بار.
ئەي ئۇلۇغ ئانا،
باغرىڭغا باس مىنى،
مەنمۇ قۇچاقلاي ھازىرلا سىنى،
ئەي ئۇلۇغ ئانا،
چۈشلىرىمدە سۆيۈپ قوي مېنى،
كۆرۈپ قالدىم چۈشۈمدە سېنى ،
7
ئانا،
قامۇستىكى ئەڭ گۈزەل سۆزلۈك،
"سىنى سۆيىمەن" دېيىلىشى ئانا،
سەنكى ئىنساننىڭ ئەڭ ئۇلۇغۋارى،
كۆزلىرىمدىن ئۇچتۇڭغۇ ئانا،
بۇ كېچىدە سېنى ئەسلەپ،
ئۇيقا يوق ماڭا.
ئالقىنىمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ
ئۇلۇغ ئاسمانغا،
دۇئا قىلىپ تىلىدىم راسا،
دىدىم ئاۋازلىق،
"ئەي ئۇلۇغ كەرەم!
ئانام تەنلىرىنى.
ساق قىلغىن ھېلى-ھەم !"
ئانىلار ئۇلۇغ جانلىق ئىچىدە
ئىنسانلارنىڭ زىننىتى ئۇلار
"ئەي كەرەملىك زات!
گۇناھلىرىنى يىراق ئىتتىرىۋەت.
پەرىشتىدەك بۇئۇلۇغ ئانا،
كورمىگەيكى يامانلىق تىللا،
ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي،
تېنى ساق بولغاي،
كۆرۈشكىچە ئامان قىل خۇدا!
ئەي كەرەملىك زات.
رەھمىتىڭدە ئىجابەت دۇئا "
ئەي ئۇلۇغ ئانا،
چۈشلۈرۈمدە سۆيۈپ قوي مېنى،
كۆرۈپ قالدىم چۈشۈمدە سېنى،
8
ئانا،
"سۆيگۈ "سۆزىدە تارالغان تىنىق،
ئىس -ھور بۇلۇپ چىققىنى ئېنىق،
چېچەكلىگەن فونتان كۆزىدە
يۈرەك سۇ بولۇپ ئاققىنى ئېرىق،
ئەي ئانا،
خەرىتىدەك يۈزلىرىڭنى ھە،
قوللىرىمدا بىر سىلىۋالسام،
ياشلىرىڭنى دېمىدە قىلىپ
پىيالىلەردە بىر ئوتلىۋالسام،
پاكىزلىققا تولغان شۇ جىسمىڭ
قىزىل گۈلگە پۇركەتسە سىنى،
رومال ئارتىپ تەلپىكىڭ بىلەن
ئائىلە -يۇرت مەھەللە بىلەن،
ئىشىك تۈۋىدە كۈتۈۋالساڭ ھە
يېرىلىپ كەتمەسمۇ مېنىڭ يۈرۈكۇم؟!
ئەي ئانا،
تازىم قىلىپ بارسام ئالدىڭغا،
ھاياجاندا قىلىپ يىغلىمىغىن ھە!،
ئەي ئوماق ئانا،
گىرە سېلىپ بوينۇڭغا ېىنىڭ.
ساڭا ئېسلىپ
كۆز يېشى قىلسام،
يىغلىما دەپ ياش ئېيتما ئانا !،
كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ پەقەت.
توغراقتەك قەددى قامىتىڭ
ياشانغىنىڭ ھەم زىلۋالىقىڭ،
يىغلىۋالاي بوينۇڭغا ئېسلىپ
پەقەت -پەقەت ياش تۆكمە ئانا،
ئەي ئۇلۇغ ئانا،
چۈشلۈرۈمدە سۆيۈپ قوي مېنى،
كۆرۈپ قالدىم چۈشۈمدە سېنى،
9
ئانا،
سەن زىمىنكى مەن ئاسمان بولاي،
كېرەك بولسا ساڭائىس -تۈتەك،
كۆيدۈرۋالغىن "ئادراسمان "بولاي،
مەن باغرىڭدا ئۇخلىغان شۇ دەم.
روھلىرىمىز بىرلەشكەن ئۇ چاغ
<ئانا>دىگەن ھەر بىر ھەرپنىڭ،
مەناسى بار ئالەمچە تۈگەل،
<ئ>ھەرپىدە ئىللىقلىق تامان
<ا>ھەرپىدە ئاينىڭ رەڭگى بار،
<ن>ھەرپى ئۇ نۇرانە چىراي،
<ا>ھەرپى ئۇ ئالامەت بىر باي،
ھەرپلەرنى جۇغلىساق ئانا،
ئانا ئىللىق ،ئانا تولۇن ئاي،
ئانا يەنە نۇرانە چىراي،
ئاناڭ بولسا ئەگەر سېنىڭكى.
سەن دۇنيادا.
ئالامەت بىر باي ،
ئامان بولغىن ئەي ئۇلۇغ ئانا،
غەمكىن بالاڭ سالام يوللايدۇ.
بەك يىراقتىن -بەكمۇ يىراقتىن.
سەنمۇ سالام يوللىغىن ماڭا.
يۇۋاش دادام ياكى ئاكامدىن،
ئەي ئانا،
كۆزلىرىڭنى ياشلىما پەقەت،
يۇز كۈرىشىمىز بىر كۈنى ئەبەد
ئەي ئۇلۇغ ئانا،
چۈشلۈرۈمدە سۆيۇپ قوي مېنى
كۆرۈپ قالدىم چۈشۈمدە سېنى
2010 -4-7 كۇنى سەھەر [/align]
ئاينىڭ يىغىسى
بۈگۈن كىچە ئايمۇ يىغلىدى،
خىجىل بولدى زۇھەل يۇلتۇزلار.
يىغلىماقتا ھەممە ھەرپلەر،
يىغلامسىلەر سىلەرمۇ قىزلار؟!
ئاي بالىسى يوقاپ كەتكەنمىش،
نەدىسەن دەپ يىغلاپ كەتكەنمىش.
يورۇۋاتقان ئاينىڭ مەڭزىمىش،
ياش قۇرۇسا شۇنداق كۆيەرمىش.
لاۋۇلدىغان كۈۋەجەكلەردە،
پارتلىغان ھۈجەيرىلەردە.
بوشلۇقلارغا پاتمىدى ياشلار،
كائىناتتا يىغلىغان چاغدا.
قۇياش يۇلتۇز مېرىخلەر تامان،
مۇسىبەتتە ئىھ بۈگۈن كىچە.
يىغلىماقتا ئاسماندىكى ئاي،
ئۇ نۇر بەرگەن پۈتۈن زېمىنغا،
قانداق چىدار يەرشارى تاغام.
پەرياد چەكسە قېرىندىشى زار
بۈگۈن كېچە ئۇيقۇسىز كېچە،
پەرىشتىلەر زىكرى-تەسبىھتە،
يىغلاپ سالار بەزى ئورۇندا،
كۆزيېشى قىلدى بىر پۈتۈن دۇنيا،
بىلىپ قالدى ئەتە يەكشەنبە.
بالا ئۇچۇن ھازا قىلىشتى ،
ئاي ئىسىملىك بىچارە بەندە.
كۈلكە يالغان،ياش يالغان ئەمەس ،
سەنئەتلەردە بولار ھەر نىمە.
يالغان كۈلۈپ تۇرغان ئاشۇ قىز ،
يىغلاپ سالدى ئۇنى بىر دېمە!.
يىغلىۋالدى بۈگۈن كېچە ئاي،
مەن يىغلىدىم كېچە ئۇخلىماي.
لېكىن يېشىم مېنىڭكى ئەمەس،
قالدى بۈگۈن پەقەت ئوخشىماي.
ئاي يىغلىدى بالىسى ئۈچۈن،
يىغلار دۇنيا ئاشۇ ئاي ئۇچۇن.
ياشمۇ ئوت بۇلۇپ كۆيىدىكەنغۇ؟
سورىغۇم كەلدى بۇ نىمە ئۈچۈن؟
2010-10-8
مەنبە:ئۆز قەلمىم