رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- CCTVچىمپىيونى ئۈمىد ھاجى بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت --]

ئەلكۈيى مۇنبىرى -> مۇنبەر ئاڭلىتىشى -> CCTVچىمپىيونى ئۈمىد ھاجى بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

umidwar 2010-10-07 18:26

مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى 2010-يىللىق ئېنگلىزتىلىدا نوتۇق سۆزلەش ۋە تالانت مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى ئۈمىد ھاجى بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىنىڭ مۆھتەرەم ئەزالىرى ھەمدە بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار!ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
ئەلكۈيى تورىدىكى بىلىم سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ كۈندىلىك مەنىۋى تۇرمۇشىغا يەنىمۇ چۆكۈش شۇنداقلا ئەلكۈيى تورى بىلەن كەڭ كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئارلىقىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز ئەلكۈيى ئىكرانى سەھىپىمىزنى يولغا قويدۇق؛

بۈگۈن تۇنجى سانىمىزدا  بارلىق قېرىنداشلارغا ئۈلگە،ئۈمىد ھەم ئۈگىنىش روھى بولۇشقا لايىق ئۈمىدلىك ياش ئوغلانىمىز 2010- يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېنگىلىز تىلى تىلىدا نوتۇق سۆزلەش ۋە تالانت مۇسابىقىسىدە ئالىي مەكتەپلەر تۈرىدىن  مەملىكەت بويىچە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگۈچى، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرېستېتى كومپيۇتېر ئىنىستىتوتى 2005 -يىللىق كومپيۇتېر 4- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئۈمىد ھاجىنى  ( بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن)  ئەلكۈيى ئىكرانى سەھىپىسى ئارقىلىق قىسقىچە زىيارەت فىلىمى ئىشلەپ ھوزۇرۇڭلارغا سوندۇق.ياقتورۇپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد
قىلىمىز ھەمدە ئۈمىد ھاجىغا ئوخشاش ئوغلانلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز!
سىنا بوشلۇقىدىن كۆرۈش








56 بوشلۇقىدىن كۆرۈش


ئۈمىد ھاجى بىلەن ئەلكۈيى تورىدا ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى  كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ:http://www.alkuyi.com/atv/alkuyiumid.flv

سۆھبەت جەريانىدىكى بىر قىسىم رەسىملەر



ئۈمىد ھاجى ئەلكۈيى تورى قورغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىلەن بىرگە



شىركىتىمىزنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى ئۈمىد ھاجى بىلەن بىرگە


ئەلكۈيى تور - تېخنىكا  چەكلىك شىركىتى " ئەلكۈيى ئىكرانى " سەھىپىسى بۈلۈمى ئىشلىدى.

2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7- كۈنى

ustaz 2010-10-07 18:47
ئەلكۈيى تورىدىكى يېڭى يۈزلىنىش... ئەلكۈيى تورىنىڭ يېڭىچە قىياپەتتە ، يېڭىچە روھ بىلەن تەرەققى قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت...

ئايتۇغ 2010-10-07 19:01
ئۈمىدجاننىڭ ئېىنگىزچە سۆزلەش قابىلىيىتىگە ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمايمىز.مەيلى قايسى ئىشنى قىلساق مۇشۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ھەممە كىشىنى قايىل قىلىدۇ ۋە سۈيۈندۈرىدۇ ئەلۋەتتە!.....
ئۇنىڭ ئېنگىلىزچە نۇتقىدىكى ساۋاقدىشىنىڭ ئاق قان كېسىلى بولۇپ قالغانلىقى توغرىلىق سۆزلىگەن بايانىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم.
اللاھ ئىگەم ئۇنىڭدەك سەگەك ئوغلانلىرىمىزنى يامان كۆزلەردىن ساقلىسۇن!ۋە كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشكە نىسىپ قىلسۇن!
ئەلكۈيى تورى ھەقىقەتەن ئەلنىڭ كۈيى بولۇشقا لايىق.بۇ تېما مۇناسىۋىتى بىلەن تور بەت كوللىگىيىسى ۋە مۇنبەر ئىشخانىسىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچى،خىزمەتكارلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.جاپا چەكتىڭلار!.
بولسا ئەلنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرى ھەققىدىكى سۆھبەت-زىيارىتىڭلار.كەسكىن-قىزغىن مۇنازىرەڭلەر ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

zakira 2010-10-07 19:06
مۇنبىرىمىز   بۇ يېڭى سەھىپىنى يولغا قويۇپ بەك ياخشى قىلدى . شۇ بانىدا نەتىجە قازىنىۋاتقان  نۇرغۇن ئەرباپلىرىمىزنى تونىۋالىدىغان بولدۇق . ئۈمىدۋار ئەپەندى رەھمەت سىزگە .

umitjan 2010-10-07 20:16
بۇ سەھىپىنى ئىچىش ناھايىتى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ،بۇنىڭدىن كىيىن ئەلكۈيى شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىزنى تىخىمۇ كۆپلىگەن ئەدىپلىرىمىز بىلەن يۈز كۈرۈشتۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

sukra 2010-10-07 20:28
بىز ھازىر چولپانلارغا ئەمەس ، مانا مۇشۇنداق تىرىشچان تالانىت ئىگىلىرىگە بەكرەك مۇھتاج !!!
مىللىتىمىز ئىچىدىن ئۈمىد ھاجىغا ئوخشا تىرىشچان تالانىت ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىققۇسى . . . !!!
ئۈمىد ھاجى بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىز تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي. . .!!

maxal20 2010-10-07 20:59
بىز دەل مۇشۇنداق تىرىشچانلارغا مۇھتاج. مۇۋەپپىقىيەت پەقەت تالانت ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ، تىرىشسىڭىزلا قىلالايسىز.......

bilig 2010-10-07 21:13
ئۈمۇدجان ياشلارغا بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردى، بىزلەرگە ئىلھام بېغىشلىدى.
ئۈمۈدجاننىڭ بۇندىن كىيىنكى كەسىپ ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىدا تىخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەرىنى قازىنىشىغا تىلەكداشمەن!

مۇبارەك 2010-10-07 21:14
مۇشۇ ئاكاشتەك سۆزلەيدىغان بولمىسام ئېنگىلىزتىلىنى...

"ئەلكۈيى ئىكران سەھىپىسى" نىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن، بۇمۇ بۇ تور بېكەتكە يېڭىچە بىر مەنا قوشۇپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈمىدلىك بىر قەدەم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

غەلبە _ ئۈمىد بىلەن ياشاپ، ئىرادە، تىرىشچانلىق بىلەن ئىلگىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ.

sazgv 2010-10-07 21:17
ئۈمىدجاننىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمىز! بارلىق سىتودىنىتلارنىڭ تىرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

pariay 2010-10-07 22:49
  بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ،، يىڭى سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ،،بۇ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تۆھپىكارلارنى تۇنۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغۇدەكمىز !!بۇ چىمپىيونىمىزغا ئالىي ئېھتىرام ،،،،

toghraq 2010-10-07 23:12
ئەلكۈيىنىڭ ما ئىشى  ياخشى بۇپتۇ  ،يىڭى يۈزلىنىش دە بۇ ئەمدى ،    ئۈمىدۋارمۇ   مەن كۆرمىگەن بىر يىلدىن بېرى   خېلى  سەمىرىپ قاپتۇ  ، ھەراس   ئەلكۈيى تور -تېخنىكا چەكلىك شىركىتى    دىگەننى كۆردۈم بىلەتتىم    مۇشۇنداق بۇلىشىنى  .موبارەك ئەلكۈيى !!!!!!

asra 2010-10-07 23:24
ئەلكۈيى مۇنبىرنىڭ بۇ سەھىپىنى ئاچقانلىقىغا رەخمەت

melek 2010-10-07 23:36
ئۈمىدجاننىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي ئامىيىن

ھى ھى ھى ئۈمىدۋار  ئاكام ئاۋۇ باش سۈرتىدىكى مايماق قوچاققا ھەجەپ ئوخشايدىكىنە،فۇيىن قىلىپ قويغاندەك ھا ھا ھا

bidar 2010-10-08 00:01
ئەلكۈيى تورىدىكى بىلىم سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ كۈندىلىك مەنىۋى تۇرمۇشىغا يەنىمۇ چۆكۈش شۇنداقلا ئەلكۈيى تورى بىلەن كەڭ كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئارلىقىنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان ئەلكۈيى ئىكرانى سەھىپىسىنىڭ تۇنجى سانىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مۇبارەك بولسۇن!
شۇنداقلا بۇ تۇنجى سانغا گۈل كەلتۈرگەن ئۈمىدجاننىمۇ قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
ياخشى باشلىنىش مۇۋەپپەققىيەتنىڭ يېرىمى دېگەن ھىكمەت بار، ئەلكۈينىڭ بۇنىڭدىن كېين تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەيمەن!
شۇنداقلا ئۈمىدجاننىڭمۇ بۇنىڭىدىن كېينكى ھاياتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن!
شۇنداق، بەرىبىر قىلغاندىكىن چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك!
ئەلكۈيى تور دۇنياسىغا،ئۈمىدجان بىزگە ھەقىقى بىر ياخشى ئۆلگە تىكلەپ بەردى!
بارىكاللا!

alip28 2010-10-08 01:30
ئەلكۈيى تازىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى باشلاپتۇ . ياخشى باشلىنىش .

ئۈمىد ھاجىنىڭ ئېنگلىزچە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى قايتىدىن ئاڭلاپ ھەم پەخىرلىنىۋاتىمەن ھەم ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئېنگلىزچىنى شۇنداق ياخشى ئۆگىنىپ ھازىر تاشلاپلا قويغىنىمنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

ئالدىنقى قېتىم بۇ مۇسابىقىنى كۆرگەن ۋاقىتتىلا ئۈمىد ھاجىنىڭ ئېنگىلزچە نۇتۇق تېكىستلىرىنى ئاڭلاپ يېزىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلغان ئىدى، باياتىن قايتىدىن نىيەتكە كېلىپ ، نەچچە قېتىم ئاڭلاپ ، ئۇنتۇپ قالغانلىرىمنى  ئانچە مۇنچە لوغەت ئاختۇرۇپ دېگەندەك قىلىپ  مۇسابىقىنىڭ بەشتىن ئۈچكە كىرىش باسقۇچىدىكى سۆزلىگەنلىرىنى ( ئۈمىد ھاجىنىڭ قولىغا راۋاپ ئېلىپ ،ساۋاقدىشى ئۈچۈن راۋاپنى ساتماقچى بولغان ۋاقىتتىكىسى  ) يېزىپ چىقتىم، ئېنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقانلارغا چوقۇم پايدىسى تىگىدۇ !

Hello ladies and gentlemens, In this part, my task is to persuade one of you to buy this musical instrument in my hands.
Before I ceme to beijing , I heard the very miserable news that one of my schoolmates who's name is Adiljan had a disease called leukaemia.
He is an undergradute student, actually this is a time for him to show himself to society , but unfortunately, he is still suffering on the bed of hospital and confused.
we all know that leukaemia is a kind of many consuming disease , because of this, his family has already got a debt more that 600,000 RMB, maybe this number is nothing for some of you sitting here. but it is really something for the people living in xj.
Now I stay in cctv ,I'd like to try my best to persuade most of the people help the boy need this help. And I decide to auction my musical instrument for my ompatriot, and bottom price of this is 500 rmb,
If u wanna buy it, please raise up ur hand.
thank you !

    
         ئۆزۈم ئاڭلاپ يېزىپ قويدۇم ، خاتاسى بولسا كۆرسۈتۈپ بېرەرسىلەر، يەنە بىر ۋاقىت چىقسا ئۈمىدنىڭ باشقا مۇسابىقە باسقۇچلىرىدىكى سۆزلىگەنلىرىنىڭ تېكىستىنى يېزىپ باقارمەن !

      ئۈمىدنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي !
  

kixmixkiz 2010-10-08 02:57
پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئۈمىدجاننىڭ ،بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇش مۇساپىسىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي.

ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ سەركىسى بولۇش ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىۋاتقان ۋە يېڭىلىق يارىتىۋاتقان ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ بۇندىن كىيىنكى خىزمەت مۇساپىسىمۇ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ۋە غەلبىلىك بولغاي.

sahra 2010-10-08 08:57
نەتىجە ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ.  ئۈمۈت ھاجىنىڭ بىر گىپى ماڭا بەك يارىدى .  <<بىزنىڭ ناخشا - ئۇسۇل مىللىتى دېگەن چىرايلىق نامىمىز بار، نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلىرىمىز بۇ جەھەتتە توختىماي  سەننەت تالانتى ئارقىلىق  بىزنىڭ سەننەت جەھەتتىكى تالانتىمىزنى دۇنياغا تۇنتۇپ مېڭىۋاتىدۇ.،ئەمدى بىزمۇ  ئۈزىمىز ئۈگەنگەن كەسپىمىزدە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ ،ئىقتىدارىمىز ئارقىلىق نەتىجە يارتىشىمىز كېرەك >>   دېگەندەك پىكىرلىرىنى دادىل بايان قىپتۇ.

muslim0997 2010-10-08 13:15
ئۈمىدجاننىڭ cctvدا  چىمپيۇن بولغانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم،ئالغا!دىيارىمىز ياشلىرى!
غەلبە _ ئۈمىد بىلەن ياشاپ، ئىرادە، تىرىشچانلىق بىلەن ئىلگىرلىگەنلەرگە مەنسۇپ.

tawpk 2010-10-08 13:54
ئۇيغۇرلىرىمىز  ھەقىقەتەن   تىرىشچان، ئەقىللىق بىر ئىنسان.

ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلسا ۋايغا يەتكۈزۈپ قىلالايدۇ.

layli 2010-10-08 14:24
پەخىرلىك ئوغلانلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلمىز ،
بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىگە تىلەكداشمىز

gumilik 2010-10-08 14:30
ئۆمىدجان بىلەن مېنىڭ كەسپىم ئوخشاشكەن.مىنىڭ شۇ كەسىپدىشىمنىڭ تىخىمۇ ياخشى شانلىق  نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىگە تىلەكداشمەن. ئۇلۇغ اللە ھەر-بىر كىشىنى كۆزلىگەن مەخسىتىگە يەتكۈزسۇن.

pengiyar 2010-10-08 16:17
ئەلكۈيىدىكى يەنە بىر يېڭىلىق، داۋاملىق مۇشۇنداق يېڭىلىقلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە تىلەكداشمەن.

-sabiha- 2010-10-08 21:08
ئىنتېرنېت تورى ئاممىۋىيلىقى ئەڭ كۈچلۈك ، ھەرخىل يېڭىلىق ۋە ئۇچۇرلارنى تارقىتىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بىرى،شۇنداقلا كەڭ ئۈگىنىش مەيدانىدۇر،
ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ بۇ سەھىپىنى يولغا قويغىنى تەبرىكلەيمەن.ھەم مۇنبەرنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىنڭ يۇكسېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

uyghurbeg 2010-10-09 18:50
مۇسابىقىنىڭ جەريانىنى تولۇق كۈرۈپ چىققان ھەمدە شۇ دەملەردە ناھايىتى ھاياجانغا چۆمۈلگەن ئىدىم،ئاخىرى بۇ چولپان سۈپەت كىشىنى بۇ يەردە ئۇچراتتىم،ئۈمىد بىزنىڭ ئۈلگىمىز! رەھمەت!

batista 2010-10-10 17:02
ئۇمۈدجاننىڭ غەلبىسىنى  تەبرىكلەيمەن.ئاپىرىن !  بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا ئەقىللىق خەلىق .

mostapa 2010-10-10 20:48
ھەقىقەتەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئۇغلانىكەن، مانا مۇشۇنداق ئۇغلانلىرىمىزدىن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ

نازى 2010-10-11 13:28
بۇ ئېسىل تېمىنى ئەمدى كۆرگىنىمدىن كۆزلىرىمدىن سەل گۇمان قىلىپ قالدىم.
ھازىر ئىشخانىدا خىزمەت بىلەن ئالدىراش، ئاخشاملىققا تەپسىلىي تولۇقلاپ يازىمەن، ھارمىغايسىز ئۈمۈتۋار ئەپەندى، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىپسىز، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرسىڭىز.

ahu 2010-10-11 18:38
چەتئەللىك باھالىغۇچى ئۈمۈت ھاجىنى ،سەندە داھىلىق سالاپەت باركەن،دەپ باھا بەردى-ھە؟!
ئۈمۈت ھەقىقەتەنمۇ ئاتا-ئانىسى شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇر مىللىتىمىزگە ئۈمۈت بىغىشلىدى،ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى.ئۈمۈتنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېتىشىگە تىلەكداشمەن!

zilnur 2010-10-11 19:54
!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!、ئاپرىن ئۇيغۇر ئوغلانى

blood 2010-10-14 02:36
< مۇھىتتىن قاقشاش ئاقىلانىلىك ئەمەس >  بۇ ھېكمەت ئۈمىد نىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق بىزنى تېخىمۇ قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ .،،، چۈنكى مۇسابىقىدە   2 - بولغان قىزچاق مەخسۇس ئىنگلىس تىلىدا ئوقۇيدىكەن ئەمەسمۇ .،.،،  قول قويۇشقا ئەرزىمىسەممۇ  ھەقىقەتەن قول قويدۇم
                مۆمىن بىر بەندە بولىشىڭىزغا تىلەكداشمەن  ..          

qoglukay2 2010-10-25 21:53
ئىنساننىڭ ئەڭ زور  ياردەمچسى ئوزىنىڭ  ئەقلىدۇر.

human 2010-10-25 23:39
ئۈمىد ھاجىنىڭ  سەمىمىيلىكى مېنىمۇ قايىل قىلدى،رىياسەتچىنىڭ سىز جىددىيلەشكەنمۇ دېگەن سۇئالىغا ياق مەن جىددىيلەشمىدىم دېسىمۇ بۇلاتتى ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتتە مەن جىددىيلەشكەن لېكىن ئۆزەمنىمۇ توتۇۋېلىشقا تىرىشتىم دېگەن سۆزلىرى ھەمدە تۇرمۇش ھەم ئۈگىنىش شۇنداقلا ئائىلە جەھەتتىكى ھەرخىل ئىشلارنى ناھايتى كىچىك پىئېللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. بەك خىجىل بولدۇم شۇنداقلا خوش بولدۇم.ھاياجانلاندىم،ئۈمىد ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئۈمىد ئىشەنچنى بىزگە باشلاپ ئېلىپ كەلدى دېسەك مېنىڭچە ئارتۇق كەتمىگۈدەك.ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن قاقشاۋاتقانلار، بىزدە ئۈمىد قالمىدى دەپ كايىۋاتقانلار مۇشۇنداق تېمىلارنى مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆپلەپ كۆرىشى كېرەككەن.بىزدە تېخى ئۈمىد زور.ئۇيغۇرۇمغا ئۈمىد باغاش ئەتكەن ئۈمىدنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىسىنىڭ تېخىمۇ ئۈمىدلىك بولىشىغا ھەم ئۆرلەپ ئوقۇش قەدىمىنىڭ يوكسىلىشىغا تىلەكداشمەن.

dilxah 2010-10-28 22:56
ئۇيغۇر ئوغلانى ئاپرىن

umidwar001 2010-10-31 21:03
ئۈمىدھاجى مىللىتىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈردى، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تىرىشساقلا مىللىتىمىزگە تېخىمىۇ زور شان-شەرەپلەر مەنسۇپ بولغۇسى، مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئالغا!...

bizkim 2010-10-31 22:08
بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ ئىدىيىسى ئەمما ئالامەت ئوچۇق جۇمۇ!~ دەرىستىكى گەپلىرىمۇ ئەمما ئادەمنى بەك ئىرادىلىك قىلىۋېتىدۇ! ئەمما............ مەن ئاشۇ دەرىستىلا ئىرادىلىك بولاپ قالىمەن دە.......

yingiyoloqi 2010-11-02 18:56
بۇ سەھىپىنى يولغا قويغانلارغا ، ئۈمۈد ھاجىغا تەشەككۇرلەر بولسۇن.
بۇ تىما سىتودىنتلارغا ، بالىلارغا ، تىل ئۈگەنگۈچىلەرگە ئومومەن ئىخلاس بىلەن نىشان بويلاپ قەدەم تاشلىغۇچىلارغا ئۈمۈد بىغىشلايدىكەن .

xahniyaz 2010-11-03 12:53
كىشىللىك ھايات خۇددى بىر مەيدان جەڭگە ئوخشايدۇ،شۇڭا بارلىق سىتۇدىنتلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،ئۈمۈدجاندىن ئۆگىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

tanhabayawan 2010-12-05 21:23
بىز مانا مۇشۇنداق تىرىشچان تالانىت ئىگىلىرىگە بەكرەك مۇھتاج !!!
        

-xirin- 2010-12-29 16:23
ماڭا ئوخشاشلا دادىسىنى قايىل قىلىمەن دەپ تىرىشپتىكەن ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىگۈدەك ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەن،بەختىنى بەرسۇن !!   مۇنبەردىكىلەرمۇ جاپا تارتىپسىلەن، رەخمەت جاپاكەش تۆھپىكارلار. ئادەم تىرىشقان ئىشتىن  ھامان نەتىجە چىقماي قالمايدۇ. ھەمىمىز تىرشايلى!! گۈزەل كەلگۈسىمىز ئالدىمىزدا.....

pakyegit 2011-03-01 00:25
ئۇمدجاننڭ تېرشچانلېقېغا باركاللا.       

jiuxing 2011-03-13 23:35
مىللىتىمىز ئوغلانلىرىدىن پەخىزلىنىمىز ، قابىلىيەتلىكلەر كۆپەيسۇن

070508 2011-03-22 13:03
ئاللا تىرىشچان پەرزەنىتلەرنىڭ يۇلىنى كەڭ، ئەقلىنى ئۇچۇق قىلغاي.
( بۇلاي دىسەڭ ياراملىق، كىتاپ كۆرگىن داۋاملىق .)

kalgin 2011-06-09 17:55
تېخىمۇ ئالغا بېسشڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن

نگار 2011-07-08 18:08
مەن بۇ بالنى ژۇرنالدا كۆرگەن.ئادەمنى بەك قايىل قىلدۇ .......

muslimogli 2011-07-08 18:50
ياخشى باشلىنىش

yultuz520 2011-07-12 19:06
چەت ئەللىكلەر بىر يەدە قالسۇن ھە!  تەلەپپۇزى نىمىدىگەن ياخشى.
تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

samat 2011-07-16 20:58
ياشاپ كىتىڭ  ئۇمىد ھاجى

alejan 2011-07-18 02:54
ئۇيغۇر  يىگىتىلىرى  مانا مۇشۇنداق  بولسا  ئۇمىد  ھاجى  شەرەپ  قۇچۇپ  كەپىسز   ياخشى  

xahzade 2011-08-05 14:29
ئىنگىلىز تىلىغا مەنمۇ بەق قىززىقىمەن ئاللاھ نىسىپ قىلسا ھامان ئۈگىنىمەن!


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- CCTVچىمپىيونى ئۈمىد ھاجى بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت --] [-- top --]



Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.038906 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us